شائىر قانداق ئادەم؟
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد بىلەن چاغداش ياش شائىرلارنىڭ سۆھبىتى
سۆھبەتكە ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئابدۇراخمان مۇھەممەت تۈركىي
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
تەھرىر ئىلاۋىسى:
«بىر دەۋردە شېئىر ئوقۇيدىغانلار ئازلاپ كەتسە ياكى يوقالسا، ماددىيەتكە بولغان چوقۇنۇش باش كۆتۈرىدۇ. ئىنساننىڭ تەبىئىتى بۇزۇلىدۇ ياكى ئەسلىدىن يىراقلىشىدۇ» (قاھار نىياز) بىز ژورنىلىمىزنىڭ 2010-يىللىق 3-سانىغا بېرىلگەن قاھار نىيازنىڭ «مېنىڭ نەزىرىمدىكى شېئىر» دېگەن ماقالىسى بىلەن ئابلىكىم تۇرسۇننىڭ «4-يول شېئىرغا ئىزاھ» دېگەن ماقالىسىغا كەلگەن ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ناھايتى ياخشى ئىنكاسلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھەقىقىي شېئىرلارنى چۈشىنىدىغان ۋە ئوقۇيدىغانلارنىڭ يەنىلا كۆپلىكىنى ھېس قىلدۇق. شۇ سەۋەپتىن تىرەن پىكىرلىرى، ئۆزگىچە شېئىرىي تۇيغۇلىرى بىلەن ئەلنىڭ قەلبىگە سىڭىپ بېرىۋاتقان غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتنىڭ ئابدۇراخمان مۇھەممەت تۈركىينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر قىسىم ياش شائىرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەدىئىي زوقىغا سۇندۇق.
ئابدۇراخمان مۇھەممەت تۈركىي: ئاۋۋال ئۆزىڭىز ھەققىدە ئازراق توختىلىپ باقامسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: چوغلان مۇنبىرىدە تەرجىمىھالىم تونۇشتۇرۇلدى، سۈرىتىممۇ چاپلاندى. سىلەر ئاشۇ ئورۇق ۋە ئىگىز، چىرايىدىن غەم-قايغۇ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كىشىنىڭ غوجىمۇھەممەد ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولدۇڭلار. مەتبۇئاتلاردا، تور مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرىدىن ئۇنىڭ شېئىرىي تالانتىنىڭ ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئەمەسلىكىنىمۇ ھېس قىلىپ يەتتىڭلار. بىراق، ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرى يۇلتۇزلاردەك كۆپ بولسىمۇ، قۇياش بولۇشتىن خېلىلا يىراق. ئاسماندىكى ھەممە يۇلتۇزلار بىرلىشىپمۇ قۇياشقا تەڭ بولالمايدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان. ئۇ شېئىرىيەت سورۇنلىرىدا، مەتبۇئاتلاردا، مۇنبەرلەردە يەتكۈدەك ماختاپ ئۇچۇرۇلدى. ھەر قېتىم ماختالغاندا ئۇ تارتىنىپ، قىزىرىپ تۇرۇپ ئىچىدە يوشۇرۇن تەنتەنە قىلدى. گاھىدا ئۇ ئۆزىنى ھەقىقەتەن كاتتا شائىرمەن دەپ ئويلاپ ئۆز-ئۆزىدىن مەست بولۇپمۇ يۈردى... لېكىن ئۇنىڭ يالغۇز قالغاندا ئۆزىنى ۋىجدان تارازىسىدا جىڭلاپ كۆرۈپ، ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەتتا ئۆزى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بىر لەۋزە سۆزىچىلىكمۇ ۋەزنى يوقلىقىنى بىلىپ قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى، نالە قىلغانلىقىنى سىلەر بىلمەيسىلەر... ئۇ بۇ مەخپىيىتىنى ھېچكىمگە دېمىگەن ئىدى. ئەيتاۋۇر، بۇ راست! ئۇ 39 يىللىق ئۆمرىنى بىر تىنىق-بىر تىنىقتىن ياشاپ توشقۇزدى. 20 يىلدىن بېرى بىر ھەرپ-بىر ھەرپتىن يېزىپ 2000 پارچىغا يېقىن شېئىرلارنى روياپقا چىقاردى. بۇلارنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئۇ مۇشۇنداق ياشىسا ھېچكىمگە زىيان تەگمەيدۇ. ناۋادا بىركىم ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق پايدا تاپماقچى بولسا، ئېنىقكى، بۇ ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن بىھۇدە ئىش. ئۇ ئەڭ زور، جاھىلانە تىرىشچانلىقى بىلەن داۋاملىق شېئىر يازماقچى.
ئابدۇراخمان مۇھەممەت تۈركىي: شېئىرنى بەزىلەر مەنا سەپىرى دەپ ئاتىسا، يەنە بەزىلەر تۇيغۇ سەنئىتى، يەنە بەزىلەر قوراشتۇرما سەنئەت دەپ قارايدىكەن، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شېئىر ھەققىدە تالاي شائىرلار نۇرغۇن تەبىرلەرنى بەرگەن. بۇ تەبىرلەر بىر-بىرىدىن پاساھەتلىك ۋە سەمىمى. مەن يەنە شېئىر توغرىلىق ھېچنىمە دېمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. ئۇنى «كەتمەيدىغان، كەلمەيدىغان قىز» دېسەم ئاراڭلاردىن باش لىڭشىتىدىغانلار چىقماي قالمايدۇ. ئۇ ئۆزىنى تىرىك دەپ ھېسابلىسا ئەتراپىدا ھاياتلىق بولىدۇ. شېئىر نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭ تۈگىمەيدىغان ئازاب ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شېئىر بىزگە تۈگىمەيدىغان ئازابنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن خۇشالمىز. ئازابقا ئېرىشكىنىمىزدىن خۇشال بولالمىساق شېئىرغا يۈز كېلەلمەيمىز. شېئىرنىڭ ئازابى خۇددى تەڭرىگە ئاشىق بەندىنىڭ تۈگىمەس ئۆلۈملىرى... كىمنىڭمۇ ئۆزىنى ياراتقان مۇبارەك زاتنى كۆرۈپ باققۇسى كەلمىسۇن؟ بىراق بۇ ئۆلمەي تۇرۇپ ئەمەلگە ئاشمىغاچقا شېئىر ئارقىلىق ئۆلۈمنى باشتىن كەچۇرۈۋاتقاندەك قىلىمىز. شېئىر سىياسى ئەمەس، شۇڭا ئۇ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ. شېئىر ۋەتەنپەرۋەر ئەمەس، شۇڭا ئۇ ئۇرۇش قوزغىمايدۇ،
ساجىدە سۇلايمان (نازى): سىزنى شېئىرىيەت مەنزىلىگە باشلاپ كىرگەن قايسى ئىلھام ۋە قانداق كۈچتۇ؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شەرەپ بىلەن مېنى شېئىرىيەت مەنزىلىگە باشلاپ كىرگەن كۈچ ۋە ئىلھام ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان 32 ھەرپ دەيمەن. بۇ گەپ ماڭا خېلى قويۇق مىللەتپەرۋەرلىك تۈسىنى بېرىپ قويسىمۇ، ماڭا تىكىلىپ تۇرغان سانسىز كۆزلەرنىڭ ئالدىدا يالغان ئېيتالمايمەن. پۈتكۈل ھاياتىمدا ئىچىمدىكىنى ۋە تېشىمدىكىنى مۇشۇ تىل ۋە يېزىق بىلەن ئىزھار قىلغىنىمغا ئوخشاش، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ قىلمىش-ئەتمىشلىرىمنى مۇشۇ تىل ئارقىلىق بايان قىلىدىغىنىم ماڭا ئايان. سىز مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا ھېچقانداق تىلنى بىلمەيدىغانلىقىمنى تېخى بىلمەيسىز.
ساجىدە سۇلايمان (نازى): سىز ئادەتتە قانداق ۋاقىتلاردا ئىجادىيەت قىلىسىز؟ شېئىر يېزىش، كىشىگە لەززەت ئاتا قىلغۇدەك مىسرالارنى پۈتۈش ئۈچۈن قايسى ۋاقىتتا ئىجادىيەت قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىجاد قىلىمەن. مەن ھېچقاچان ئىلھامنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ باققان ئەمەس. بىراق ئاخشىمى شېئىر يازسام تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىيالمايدىغانلىقىم ئۈچۈن ئەتىسى مۇھىم ئىشىم بار كەچلەردە قولۇمغا قەلەم ئالمايمەن. ماڭا بېرىلگەن ۋاقىت ئاساسەن ئىجاد قىلىش ۋاقتىدۇر، ئىجاد قىلمىسام ۋاقىتنىڭ ئىگىسىگە يۈز كېلەلمەيمەن... كىشىگە لەززەت ئاتا قىلالىغۇدەك شېئىرلارنى پۈتۈش ئۈچۈن ھەسرەت چېكىڭ، چۈنكى قايغۇ-ھەسرەت سىزنىڭ باشقىلارغا قىلىدىغان ئەڭ شىرىن سوۋغىتىڭىز. ئادەملەر تورغاينى يىغلىتىش ئۈچۈن قەپەزگە سولاپ قويىدۇ ۋە ئۇنىڭ پايانسىز ساينى، كەڭرى ئاسماننى سېغىنىپ چەككەن نالە-پىغانلىرىدىن لەززەت ئالىدۇ
ساجىدە سۇلايمان (نازى): سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئاجايىپ ھاياجان بىلەن سۆيۈپ ئوقۇغاندىن سىرت، «ئەرنىڭ ئىپپىتى» دېگەن نەسىرىڭىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. سىز بىرەر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كاللىڭىزدا تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، قۇرۇلمىسىنى كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن ئاندىن قولىڭىزغا قەلەم ئالامسىز، ياكى قەلىمىڭىزگە بويسۇنۇپ يېزىپ چىقامسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شېئىر يېزىشتىن ئىلگىرى كاللام قۇپقۇرۇق، ھېچقانداق روھىي تەييارلىقسىز ھالەتتە ئۈستەلگە ئولتۇرىمەن. بۇ خۇددى مەقسەت-نىشانسىز سەپەرگە ماڭغان يولۇچىنىڭ ھالىتىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق يولۇچىنى قەدەمدە بىر يېڭىلىق كۈتۈۋالىدۇ. مۆجىزە قانداق يۈز بېرىدۇ؟ كۈتۈلمىگەندە ۋە تاسادىپىيلىق ئىچىدە. تەرتىپلىك ھاياتتا مۆجىزە يۈز بېرىشى تەس، بۇنداق ھاياتنىڭ قانداقمۇ زىل-زىلىسى بولسۇن؟ مەن ھەر بىر شېئىرىمنى ئەنە شۇنداق نىشانسىز قىلغان سەپەردىكى تاسادىپىيلىق دەپ قارايمەن. شېئىر يېزىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ھېچقانداق شەكلى بولمايدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ بار ياكى يوقلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان تۇرسا، ئۇنىڭغا قۇرۇلما بېكىتىش مۇمكىنمۇ؟ بۇ بەلكىم مېنىڭ شېئىر يېزىش ئادىتىمدىن شەكىللەنگەن، ماڭىلا ماس كېلىدىغان قاراشتۇر.
ساجىدە سۇلايمان (نازى): مېنىڭ ئەدەبىياتقا مۇھەببىتىم چوڭقۇر. بۇ چىرايلىق يولغا قەدەم باسقان كۈنۈمدىن باشلاپ، پروزا ئىجادىيىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتىمەن، يېقىندىن بېرى قەلبىمدە شۇنداق بىر ئىستەك پەيدا بولۇپ قالدى. قەلبتە يىغىلىپ قالغان گۈزەل ھېس-تۇيغۇلارنى پروزىغا قارىغاندا، مىسرالاردا ئەينەن، ھاردۇقى چىققۇدەك ئىپادە قىلغىلى بولىدىكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇنى سىزنىڭ ھەم باشقا ئۇستازلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ئالغان ئېستېتىك زوقتىن تونۇدۇم. بۇنىڭ ئۈچۈن قايسى قەدەملەرنى پۇختا بېسىشىم كېرەك؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مېنىڭچە ئەسەر يازماقچى بولغاندا ژانىر تاللاپ ئاۋارە بولماڭ. ئەڭ مۇھىم مەسىلە ژانىر مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنىڭ قەلبىنى تونۇش، راستچىل ۋە جاسارەتلىك بولۇشتۇر. شەكىلنى سىز يازماقچى بولغان ئەسەرنىڭ ئۆزى بەلگىلەيدۇ. ئەسەر يېزىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ژانىر مەسىلىسىنى مەغلۇپ قىلىش كېرەك، شۇندىلا تۇيغۇلىرىڭىز ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ. قەلەمنى ئۇنتۇڭ، ماھارەتنى بىتچىت قىلىڭ، شۇندىلا قەلبىڭىز شېئىرىي قۇللۇقتىن ئازاد بولىدۇ.
رىسالەت مەردان: شېئىرىيەتتە كىملەرنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىدىم دەپ قارايسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئۇلارنى ساناپ بېرەي، ئەڭ ئاۋال ئىمىن ئەخمىدىنىڭ شېئىرلىرىنى دورىدىم، كېيىن ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروراننىڭ شېئىرلىرى بىلەن مۆكۈشمەك ئوينىدىم، ئۇندىن كېيىن بوغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىنى دەستەك قىلدىم، كېيىن ھەممىسىگە مىڭلارچە رەھمەتلەر بىلەن خوش دەپ، ئۆزۈمگە تۇتۇلدۇم. ھازىر ئۆزۈمنى تەقلىد قىلماقتىمەن، بۇ رەزىل كىشى مېنى ھېچبىر قويۇپ بېرەر ئەمەس، ئۇنىڭ سايىسى مەندىنمۇ يورۇق بولۇپ، مېنى كۆلەڭگىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ئۇرۇنماقتا. مەن بىلىمەن، ئۆزۈمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆتمۈشنى تەلتۆكۈس ئادالىۋېتىشقا توغرا كەلگەچكە ئىلگىرى ئېرىشكەن ئازغىنە شان-شۆھرەتلەرگە قىيالمايۋاتىمەن. ئۆتمۈشتىن مۇستەسنا بولمىغان ھاياتتا ئىجادىيلىق بولمايدۇ.
رېسالەت مەردان: ھازىرقى شېئىر ئىجادىيىتىڭىزنى قايناق بىر مەزگىلدىن كېيىنكى سۈكۈت پەسلىگە كىردى دەپ قارامسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ سۇئالىڭىزدىن سىزنىڭ شۇنداق قارايدىغانلىقىڭىز ماڭا ئايان بولدى. مەن نەچچە يىللار ئىلگىرى باشقىلاردىن قايناق شېئىرىي ئىجادىيەت مەزگىلىمنىڭ بولغانلىقىنى ئاڭلىغان. مەن دائىم جىمجىت ياشايمەن ۋە جىمجىت ئىجاد قىلىمەن، قانداقلىقىمغا ئانچە پەرۋا قىلمايمەن. مەن ھەقتىكى گەپلەرنى بولسا باشقىلاردىن ئاڭلايمەن. ئاشۇ باشقىلار ۋە سىزنىڭ گەپلىرىڭىز راست بولسا كېرەك. نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرىم مېنىڭ يېقىندىن بۇيان شېئىرىيەتتە چېكىنىپ كەتكەنلىكىمنى، ھازىرقى شېئىرلىرىمدىن بۇرۇنقىدەك زوق ئالالمىغانلىقىنى يۈزتۇرانە ۋە ھاۋالە بىلەن ئېيتىشتى. تېخى ئوننەچچە كۈننىڭ ئالدىدا توقسۇلۇق يۈسۈپجان نىياز ئەلقۇت دېگەن بۇرادىرىم توقسۇدىكى بۇرادەرلەرنىڭ سالىمىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى(ئۇ سۆزلەۋاتقاندا يېنىمىزدا قەدىناس شائىر بۇرادىرىم ئابدۇرېشىت ئېلىمۇ بار ئىدى): «شېئىرلىرىڭىز قۇرغاقلىشىپ كەتتى، بۇرۇنقىدەك قىزغىن كەيپىيات يوق. سىز ھازىر تېخنىكىغا تايىنىپ يېزىۋاتىسىز. توقسۇدىكى قەلەمكەش بۇرادەرلەر «غوجىمۇھەممەد ئەمدى ئۆزۈمنى يارىتىپ بولدۇم، قانداق يازسام بولىۋېرىدۇ دەپ ئويلىسا كېرەك، دېيىشىۋاتىدۇ» دېگەندە مەن بەزىبىر باھانە سەۋەبلەر بىلەن ئۆزۈمنى ئاقلىدىم، بىراق ئىچىمدە قانچىلىك بىئارام بولغانلىقىمنى ئابدۇرېشىت تۇيدى. يەنە بىر باھانە-سەۋەب بىلەن ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولسام، كونا گەپنى تەكرارلاپ مۇنداق سۆزمەنلىك قىلىمەن: «نام-ئاتاق گوياكى قاراڭغۇ تۈرمە، ساڭا ئۈمىد ۋە ئارمان بىلەن تىكىلگەن سانسىز كۆزلەر بۇ تۈرمىنىڭ گۇندىپايلىرىدۇر. سېنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىڭ، ھەر بىر ئېغىز گېپىڭ ئاشۇ گۇندىپايلارنىڭ نەزەربەنتى ئاستىدا. ئۇلار سەندىن تەلەپ قىلىدۇ، تەلەپ قىلغان نەرسىنىڭ سەندە بار-يوقلۇقى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. سېنىڭ خالىغانچە يېزىش ۋە يازالىغانچە يېزىش ھوقۇقۇڭ ئاللىقاچان تارتىۋىلىنغان. ئاھ بىچارە قۇل...» بىراق مېنىڭ بۇ نالەمگە ئىچ ئاغرىتماڭ. پات ئارىدا مەن يەنە باشقىلاردىن يېڭى-يېڭى گەپلەرنى ئاڭلىشىم مۈمكىن.
رىسالەت مەردان: سىز شېئىرىيەتنىڭ جېنىنى مەنادا دەپ قارامسىز ياكى شەكىل دىمۇ؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شېئىر يېزىشتا مەقسەت-مۇددىئا بولمايدۇ، شېئىر يېزىش پەقەتلا مۇھەببەت سەۋەبىدىندۇر. ھەرقانداق ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلار كونىرايدۇ، تىلنىڭ قۇدرىتى چەكسىز ھەم مەڭگۈلۈكتۇر. شېئىر ئەڭ بۈيۈك ئاشىقانىلىقتۇر، شائىردا ئۆزىنى بېغىشلاش ئىستىكى باركى، ئۇندىن ئارتۇق مەقسەت يوق... مەن قايسىدۇر بىر شامالنىڭ شائىرغا مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغان: ئۆلۈپ تۇرۇپ ياز، تىرىكلەرنى سەگىتىدۇ؛ تىرىلىپ تۇرۇپ ياز، ئۆلۈكلەرنى ئويغىتىدۇ؛ شەكىلگە بەند قىلما، يىقىلمايدىغان ئىمارەت يوق؛ مەنىگە بېقىنما، كونىرىمايدىغان ئىدىيە يوق؛ جان ئاتا قىلما، جان بار يەردە قازا بار؛ روھ بەر، مەڭگۈ ياشايدۇ، چۆلدەك ئەمەس، بورانلاردەك ئەركىن-ئازادە، خۇشال بەختىيار...
رىسالەت مەردان: شېئىرىي ئىلھامنى نەدىن ئالىسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شېئىرىي ئىلھامنى ئىچىمدىكى ۋەسۋەسىدىن، بەندىلىك ئىزتىراپلىرىدىن، بېسىقماس ھەم ئەبەدىي ئۆچمەس مۇھەببەت يالقۇنلىرىدىن ئالسام كېرەك. بۇ مۇھەببەت مەن تۈركىينىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە قەيىت قىلغان «كەتمەيدىغان، كەلمەيدىغان قىز»غا بىغىشلانغان.
رېسالەت مەردان: شېئىرلىرىڭىزدىن ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىڭىز قايسى؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شېئىر دېگەن قانداق بولسا شۇنداق بولىدۇ، دەپ قارىغاچقا ئادەتتە ئۇنى ياخشى-يامان دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايدىكەنمەن. بىراق مەن بەزىدە مېنى شۆھرەتكە ئىرىشتۈرگەن «ئەرنىڭ ئىپپىتى»، «دۇتارچى ئايال»قاتارلىق شېئىرلىرىمنى دوسىتلىرىمغا ئوقۇپ بېرىشكە ئامراق.
رېسالەت مەردان: سىزنىڭچە، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە يەنە نېمىلەر كەمچىل؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بارلىقىنى شېئىرغا بىغىشلىيالايدىغان، شېئىر ئۈچۈن رىيازەت چېكەلەيدىغان، ئۆزى توغرا دەپ قارىغان «مۇنداق» ئۈچۈن ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كەلگەن «شۇنداق»قا ئوت ئاچالايدىغان پىداكار شائىرلار كىرەك. قاراڭە، جاھاندا تەڭدىشى يوق پاساھەتلىك تىل، مۇكەممەل يېزىق، گاڭگىراش، ئازاب، «شەكىل ئۆزگىرىش»لەر... يەتكۈچە تۇرۇپتىغۇ. شۇنداق رىسالەت، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە شائىردىن باشقا ھېچنەرسە كەمچىل ئەمەس.
رېسالەت مەردان: زامانداش شائىر-شائىرەلەرگە دەيدىغىنىڭىز بارمۇ؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مېنىڭ زامانداش شائىر-شائىرەلەرنىڭ ھەممىسسىگە دەيدىغان نۇرغۇن-نۇرغۇن گېپىم بار. گېپىمنىڭ يىغىندىسى مەن ھەممىڭلارنىڭ دوستۇڭلار. مەن ھەممىڭلار بىلەن دوست بولغاچقا نۇرغۇن گەپلىرىمنى دېيىش ئۈچۈن ئىسمىڭلارنى بىر-بىرلەپ ئاتىشىم كېرەك. بىراق بۇنىڭغا ھازىرچە ۋاقىت ۋە شارائىت يار بەرمەيدۇ. بىرنەچچىڭلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، يەنە بىر نەچچىڭلارنىڭ كۆڭلۈڭلارغا ئازار بەرگۈم يوق. ھاياتلا بولساق گەپلىرىمىزنى بىر-بىرلەپ دېيىشىۋالىمىز، ئاشۇ گۈزەل دەملەرگە يېتىش ئۈچۈن سىلەرگە ساغلاملىق، ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن!
رىسالەت مەردان: سىز شېئىرىيەتتە ئۇسلۇب ياراتتىم دەپ قارامسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئۇسلۇب خاسلىقتىن شەكىللەنسە، خاسلىق بىر خىللىقنى بىشارەتلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا مەن ئۇسلۇبقا قارشى. ۋەھالەنكى، كۆپ زامانلار ئىلگىرى مەن تولۇپ تاشقان قايناق ھاياجان بىلەن يۈرىكىمنى بېسىپ ياتقان ئەل-يۇرت تەشۋىشلىرىنى، ئىنسانلىق ئىزتىراپلىرىنى، ۋەسلىگە يەتكىلى بولمايدىغان مۇھەببەت ئىنتىلىشلىرىنى كۈيلىگەنىدىم. ئاۋازىم ئىنتايىن مىسكىن ۋە ئېغىر ئىدى، ۋارقىراپ يىغلايتتىم. ئايال!... دەيتتىم قۇرۇپ كەتكەن باياۋاندەك. بۇ بوزلاشلىرىم بىر-ئىككى يىللا داۋاملاشقان بولسىمۇ، مەن ناھايىتى كۆپ يىغلىغاچقا باشقىلار تەرىپىدىن «يىغلاڭغۇ» دەپ ئاتالدىم. ئاڭلىشىمچە، بەزى كىشىلەر سانسىز پەريادلار ئىچىدىن مېنىڭ يىغامنى ئاسانلا تونۇۋالىدىكەن. سىز دېگەن «ئۇسلۇب» مۇشۇ بولسا، مەن ۋاڭ مىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىغا قوشۇلىدىغانلىقىمنى ئېيتىمەن: «مەن ئۇسلۇبلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيمەن، چۈنكى ئۇسلۇب قانچە ئۆزگىچە بولغانسېرى باشقىلار شۇنچە ئاسان تەقلىد قىلىدۇ-دە، مەنمۇ ئۇسلۇبۇمدىن شۇنچە ئاسان مەھرۇم قالىمەن... ئۇسلۇب-ئۆز ئىزىغا سەكرەش، ئۆزگىچىلىكنى تەكرارلاشلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما ئۆزگىچىلىكنىڭ جەلپكارلىقى، يوچۇنلۇقى ۋە تەسىرچانلىقى تەكرارلانماسلىقى كېرەك. سىز توختىماي ئۆز ئىزىڭىزغا سەكرىسىڭىز، بولۇپمۇ باشقىلار قارشى چىقمىغان شارائىتتا ئۆز ئىزىڭىزغا سەكرىسىڭىز، زوقلانغۇچىنى چارچىتىپ قويىسىز. سىز قانچە زورۇققانسېرى شۇنچە مەزىسى قالمايدۇ»
رىسالەت مەردان: بۇرۇنقى شېئىرلىرىڭىز بىلەن ھازىرقى شېئىرلىرىڭىزدا قانداق پەرقلەر بار دەپ قارايسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: يۈرەكتىن ئىبارەت كۆكسۈمدىكى ئىلغۇغا ئېسىلغان تەڭرىنىڭ بۇ سەپەر سومكىسىنى تاشلىۋىتەلمىدىم. پانى دۇنيانىڭ ھەممە ئازاب-ئوقۇبەتلىرى قاچىلانغان بۇ سومكا ماڭا ھامان ئېغىرلىق قىلىدۇ. شۇڭا مەن ئۇنىڭدىن ئاز-ئازدىن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئېلىپ سىلەرگە ھەدىيە قىلىش ئارقىلىق يېنىكلىمەكچى بولىمەن. بىراق ئالغانلىرىمنىڭ ئورنى يەنە نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىلەن تولۇپ تۇرىدۇ. سومكا كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ قەددىمنى پۈكىدۇ. دەسلەپ مەن بۇ سومكىدىكى ئەڭ جۇلالىق ۋە چىرايلىق بولغان خوتۇن-قىزلار ھەسرىتىنى ئېلىپ سىلەرگە بەرگەن ئىدىم، بىراق مەن خوتۇن-قىزلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇ ھەسرەتلەر توزۇپ كەتتى. ئاندىن مەن بۇ سومكىدىن يۇرت، قوۋم ئىزتىراپلىرىنى ئالدىم. بۇ ئىزتىراپلار بەكلا سۆلكەتلىك ھەم جەزبىدار بولغاچقا، مېنى تولىمۇ ئالىيجاناب قىلىۋەتتى. كىشىلەر تەرەپ-تەرەپتىن ماڭا مەدھىيە، ئالقىشلارنى ياڭراتتى. بىراق سومكا تىخىمۇ ئىغىرلىشىپ قەددىمنى رۇسلىيالماس قىلىۋەتتى. بۇ سومكىدا خۇشاللىق دېگەن نەرسە يوق ئىكەن، ئازادىلىك، ساراڭلىقنىڭ بارلىقىدىن ئىغىز ئاچقىلىمۇ بولمايدىكەن. بۇ سومكىدا بۇرچ، مەسئۇلىيەتلەر ساماندەك تولۇپ يېتىپتۇ. يىلتىزى قۇرۇپ كەتكەن، چىرىپ سېسىپ كەتكەن، چېقىلىپ ياكى ئۈزۈلۈپ كەتكەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن. توۋا دەيمەن!... بۇ سومكىدا ھەممە نەرسە بار ئىكەن، بىراق مەن يوق ئىكەنمەن، مەنلا يوق ئىكەنمەن... بارا-بارا بۇ سومكىغا قول ئۇزاتماس بولدۇم-دە، كۆڭلۈمگە ئەگەشتىم. كۆڭۈل دېگەنگە ئىت-ئىشەكلەر ئەگىشىدۇ، دېدى كىمدۇ بىرى. شۇ چاغدا سىلەر مېنى شائىرلىق ھاياتى ئاخىرلاشتى دەپ ئويلىدىڭلار. مەن بىلەتتىم، بۇ ھايات ئاخىرلىشاتتى، شۇندىلا قەددىمنى پۈككەن ئېغىر سومكىدىن خالاس بولاتتىم. ھازىر مەن كوچا غەزەلخانلىرىغا مەپتۇن. ئۇلارنىڭ غەزەللىرى شۇ قەدەر ئەركىن-ئازادە بولۇپ، ھېچقانداق نەرسىنى ئۆزىگە يۈك قىلمايدۇ. يەتتە قات ئاسماننىڭ يەتتىنچى قەۋىتىدىن، يەتتە قات يەرنىڭ يەتتىنچى تەكتىگىچە يېتىپ بارالايدۇ. بۇ غەزەللەردىن ئۆزۈمنىڭ تامدىن تامغا ئارتىلىپ، ئوتلارنى ئۆچۈرۈپ ياكى ئۇلغايتىپ، سۇلارنىڭ ئۈستىدە شامالدەك يورغىلاپ كېتىۋاتقان توسقۇنسىزلىقىمنى كۆردۈم. مەن ھازىر يىغلاۋاتقان ئادەمنى كۈلۈشكە قىستىمايمەن. ئۆلۈۋاتقان ئادەمگە ھايات ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ ئۇنىڭ ئۆلۈشتىن ئىبارەت مۇقەددەس يۈزلىنىشىگە كاشىلا قىلمايمەن. قارىسام ھەممە ئۆز يولىدا، ھەتتا يولسىزلىقمۇ يولنىڭ تېشىدا خاتىرجەم كېتىۋىتىپتۇ.
مەتتۇرسۇن ئېلى: سىز ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىمىزگە قانداق قارايسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ئۆزۈمنى ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىمىزگە باھا بېرەلىگۈدەك لاياقەتكە ئىگە ئەمەس، دەپ قارايمەن. بىراق نۆۋەتتىكى شېئىرىيىتىمىز ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىمدىن بىر-ئىككى ئېغىز سۆزلەپ بېرەي: شېئىرىيىتىمىز ھازىر جىمجىت ۋە تىنجىق. 90-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى شاۋقۇن-سۈرەنلىك ھالەتتىن ئەسەر يوق. شۇ مەزگىلدىكى شائىرلارنى خىلى ئۇزاقلارغىچە ئەسلەيدىغاندەك تۇرىمىز. يېڭى بىر شائىرنى كۈتۈپ كۆزلىرىمىز تۆت بولدى. دىققەت قىلسام، مەن قولۇمغا يېڭىدىن قەلەم ئالغان چاغ(1990-يىل)لارغا قارىغاندا ھازىر شائىرلار نەچچە ھەسسە كۆپىيىپتۇ، شېئىرىيەت يىغىلىشلىرى كۆپىيىپتۇ، بىراق شېئىر ھەققىدە بۇرۇنقىدەك زوق-شوق بىلەن سۆزلەيدىغانلار ئاز قاپتۇ. بۇرۇن بىرەر شېئىر توپلىمى ئەمەس، گېزىت-ژۇرناللاردا بىرەر پارچە ئېسىل شېئىر ئېلان قىلىنسىمۇ، ھەپتە-ئايلارغىچە زىلزىلىسى بېسىلمايتتى، تېلېفون، خەتلەر ئارقىلىق بىر-بىرىمىزگە ھاياجان بىلەن تەۋسىيە قىلاتتۇق. بىراق ھازىر ھەممىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇرۇن شېئىر يېزىش ئۈچۈن قەلەم، قەغەز بولمىسا بولمايتتى، بىراق ھازىر قەلەم، قەغەز بولمىسىمۇ بولىدىكەن، كومپىيۇتىر ئۇلارغا كەڭرى سەينا ۋە شارائىت ھازىرلاپتۇ. شېئىر يازماق بەك ئاسانلىشىپ كېتىپتۇ، ئاسانلاشقانسېرى شېئىر ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى سىرلىق ۋە مۇقەددەسلىكىدىن يىراقلىشىپ مېڭىپتۇ. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە شېئىر ھەتتا بىكارچىلىقتا يېزىپ ئوينايدىغان كۆڭۈل خۇشى ئىكەن. قارىسام ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە چۈشىنىكسىز جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقاندەك... لېكىن شېئىرىيىتىمىزدىكى جىمجىتلىقنىڭ قىستاپ كېلىۋاتقان گۈزەل بۇزۇلۇشى روھىمىزنى يەنە بىر قېتىم تىترىتىپ ئۆتمەي قالمايدۇ.
مەتتۇرسۇن ئېلى: تور ئەدەبىياتى بىلەن يېزىق ئەدەبىياتىنڭ پەرقى ۋە مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بايقىشىمچە، تور ئەدەبىياتى بىر قەدەر ئەركىن بولىدىكەن. مەتبۇئات ئەدەبىياتىدەك تەكرار ۋە مۈشكۈل تەھرىرلىك باسقۇچلىرىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلمىگەچگە، قارىماققا سەل خامدەك، مۇكەممەل ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ئەسلى ئاۋازىنى ئەينەن ئاڭلىغىلى بولىدىكەن، تارقىلىش دائىرىسىمۇ كەڭرەك بولىدىكەن. ئەڭ مۇھىم تەرىپى، بىر ياخشى ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ھەرھالدا زىلزىلىسى بولىدىكەن، مۇئەييەن باھالار بېرىلىدىكەن. كۆزنى يۇمۇشقا بولمايدىغان پاكىت شۇكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەتبۇئات ئەدەبىياتى يەنىلا ئۈستۈنلۈك ۋە باشلامچىلىق ھالىتىدە تۇرۇۋېتىپتۇ. بىر ئەدىبنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى توردا قانچىلىق ئېسىل ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغىنىدىن قەتئىي نەزەر، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرنىڭ سانى ۋە سۈپىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىۋېتىپتۇ. ھازىر تور ئەدەبىياتىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭى قان بولۇپ قېتىلىپ، كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تۈرگە ئايلىنىۋاتىدۇ. تور ئەدەبىياتىدىكى ئۇكا ئەدىپ ۋە ئەدىبەلەرنىڭمۇ مەتبۇئاتلارغا ئەسەر بېرىپ ئۆزىنى دەڭسەپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. گېپىمگە ئىشىنڭلار، مەتبۇئاتتا ئەسەر ئېلان قىلىشنىڭ بېرىدىغان ھوزۇرى ۋە ئىلھامى تېخىمۇ قالتىس.
مەتتۇرسۇن ئېلى: بىزنىڭ يېزىق ئەدەبىياتىمىزدا ساقلانغان مەسىلە نېمە دەپ قارايسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مېنىڭچە، يېزىق ئەدەبىياتىمىزدا ساقلانغان ئەڭ چوڭ مەسىلە بۈيۈكلۈكتىن كۆرە قالتىسلىق، راۋانلىقتىن كۆرە سىرلىقلىق، ساپلىقتىن كۆرە ئەبجەشلىك... ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ تور ۋە تېلېۋىزۇر تارقىتىۋاتقان يالىڭاچلىق ۋە رەڭۋازلىقتا گالۋاڭلاشقان يۈرەكلەر... بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەمدى كىملەر شېئىر يادلار؟ قايسى شېئىرنى يادلاپ ئېسىدە ساقلار؟ داستانچىلار بىر-بىرلەپ كەتتى، شاھمۇھەممەتتىن كېيىن خوتەندە داستانچى قالمىدى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئەمدى بىزدىن يەنە داستانچى چىقارمۇ؟!... يېزىق ئەدەبىياتىمىز ئەمدى ئېغىز ئەدەبىياتىغا يىقىنلىشالمايدىغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى مۇھەممەتجان راشىدىن قاتارلىق ئىنتايىن ئاز ساندىكى شائىرلىرىمىزدىن باشقا ھايات ئەدىبلىرىمىزنىڭ تىلى بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. ئېغىز ئەدەبىياتى بولمىسا، يازما ئەدەبىياتنىڭ ئىشىكى تاقىلىپ قالىدۇ، بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس.
مەتتۇرسۇن ئېلى: سىز شېئىردىن باشقا ژانىرلاردىمۇ ئەسەر يېزىپ باققانمۇ؟ يېزىپ باققان بولسىڭىز ئۇنىڭ تەسىرى قانداق بولدى؟ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزدە باشقا ژانىلاردىمۇ ئەسەر يېزىپ بېقىش ئويىڭىز بارمۇ؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شېئىردىن باشقا ھېكايە، نەسىر، ئەدەبىي خاتىرە قاتارلىق ژانىرلاردىمۇ ئەسەر يېزىپ باققان. بۇلارنىڭ ئىچىدە نەسىر ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بىر قەدەر تەسىر قوزغىدى دەپ قارىغان ئەسىرىم «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئەرنىڭ ئىپپىتى» ناملىق چاتما نەسىر. مەن ئىجادىيەتنى مەلۇم پىلان ئىچىدە تەرتىپلىك ئېلىپ بارمىغاچقا كېيىن قانداق ژانىردا، قانداق ئەسەر يازىدىغانلىقىم توغرىسىدا ھازىر سىزگە ھېچنىمە دەپ بېرەلمەيمەن. بىراق شۇنىسى ماڭا ئايانكى، سالامەتلىك، خاتىرجەملىك... جەھەتلەردىكى شەرت-شارائىتىم دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمىسىلا، مەن ئاخىرغىچە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىمەن. كېيىنكى ئىجادىيىتىمدە شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن، بىراق مەن ئىجادىيەتتە ژانىر مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارىمىغاچقا، قەلبىمدىكى ھېس-تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشتىكى ئىھتىياجغا قاراپ، بەلكىم يەنە نەسىر، ئەدەبىي خاتىرە، ماقالە، ھەتتا پوۋېست، رومانلارنىمۇ يېزىپ قېلىشىم مۇمكىن. بۇنىڭغا دەسلەپ «ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتى»نىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ شۆھرەت قازىنىپ، كېيىن ماقالە، رومانلىرى بىلەن ئەلنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كېلىۋاتقان ئابدۇقادىر جالالىدىن، پەرھات ئىلياس ۋە ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىت بەرقىيلەرنى مىسال كەلتۈرىمەن.
مەتتۇرسۇن ئېلى: مەن شېئىر يېزىش ئۈچۈن تۇغما ئىقتىدار بولۇشى كېرەك دەپ ئاڭلىغان. سىز تۇغما ئىقتىدار مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟ سىزدە تۇغما ئىقتىدار بارمۇ؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ گەپنى مەنمۇ ئاڭلىغان. مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا شېئىر يېزىشتىلا ئەمەس، ھەرقانداق كەسىپتە تۇغما ئىقتىدار بولىدۇ دېيىلگەن. مېنىڭچە بۇ بىزگە بېرىگەن ئەڭ چوڭ ئىلتىپاتتۇر. ھەر ئادەم قىلالايدىغان ئىشنى قىلىشى كېرەك، قىلالمايدىغان ئىشقا قىلالايدىغان ئادەم ھامان ئەۋەتىلىدۇ. شائىرلىق-ئاشىقلىق بولسا، شېئىر-كۆيۈك ئوتىدۇر. بۇ ئوت ماڭا سېلىنغان بولسا، يۈزمىڭ قەسەمكى، تا ئەبەدكىچە كۆيۈشكە قەسەم ئېچتىم.
ئابدۇرېھىم ياسىن قاينامى: شېئىر شائىرنى قەيەرگە ئېلىپ بارىدۇ؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن يېتىپ بارغاندا، يىراقتا كۆرۈنگەن بوستان چۆل ئىكەن، مەن يېتىپ بارغاندا مېنى تەشنا قىلغان دەريادا بىر تامچىمۇ سۇ يوق، مەن يېتىپ بارغاندا، مېنى سېغىندۇرغان پەرىزات قەبرىگە ئايلىنىپ قاپتۇ. شۇندىن بىرى ماڭدىميۇ، يېتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلمىدىم. توختىماي ئەجىر قىلدىميۇ، نەتىجىسىنى كۈتمىدىم. چۈنكى مەن ئاخىرقى نەتىجىنىڭ ئۈمىدسىزلىك، بەربادلىق ۋە ئېغىر ئازاب ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن.
ياسىن ئابدۇقادىر (كۆكيال): شائىرلىق بىلەن ئادىمىيلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئىككى ئىغىز گەپ قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: سىز ئادىمىيلىك دەپ نېمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتىسىز؟ ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئەدەپ-ئەركاننىمۇ؟ سىزنىڭچە بۇ ئادىمىيلىكنىڭ شەرتىمۇ؟ بەلكىم ئۇنداق دېمەكچى ئەمەستۇرسىز. بىراق مەن مۇنداق دەيمەن: ئادىمىيلىك-ئادەم بولماقتۇر. ئادەم بولماق-شائىر بولماقنىڭ نەق يولى... ئادەم قانداق بولغان؟ رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەلمىساقتا خۇدا «ئادەم»نى ياراتقانىكەن. ئۇ ئادەم يالغۇز ئىكەن، بىراق ئۆزىنىڭ يالغۇزلۇقىنى بىلمەيدىكەن. يالىڭاچ ئىكەن، بىراق يالىڭاچلىقىنى كۆرمەيدىكەن. ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئالەمنى بىلمەيدىكەن، بىراق بىلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئۇ ئۆلۈشنى بىلمەيدىكەن، شۇ سەۋەبتىن قەلبى چەكسىز ۋە بىپايان ئىكەن. ئەگەر بىر تال قوۋۇرغىسىدىن ئايال يارىتىلىش سەۋەبىدىن ئۇ يالغۇزلۇقىدىن مەھرۇم بولمىغان بولسا، ئۇ يالغۇزلۇقىدىن مەھرۇم بولغانلىق تۈپەيلىدىن بۇ ئالەمگە سانسىز بولۇپ چېچىلمىغان بولسا، بۇ ئالەمگە سانسىز بولۇپ چېچىلغانلىقى ئۈچۈن قەدىرسىز بولۇپ ھەممە يەردە نالە-زار قىلمىغان بولسا، بىز بۇ ھەسرەتلىك شېئىرلارنى يېزىپ ئولتۇرارمىدۇق؟ مەن بۇ ھېكايىنى تولا ئېيتىپ زېرىكتىم. باشقا ھېكايە ئېيتىپ بېرەي، ئاشۇ تۇنجى ھەم بىپايان ئادەم بۇ ئالەمدىكى بىرىنچى شائىر ئىدى. شائىر بولماقچى بولغان بەزىلەرنىڭ «ئۆزۈمنى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلاندىم» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. سىز ئۆزىڭىزنى ئىزدەش سەپىرىڭىزدە تۇيۇقسىز نەچچە ئون يىللاردىن بىرى سىزنىڭ ئىسمىڭىز ۋە جىسمىڭىزدا ياشاۋاتقان كۆكيال ئىسىملىك كىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىز بولماستىن بەلكى ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان مەلۇم بىر ئىدىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، مەلۇم بىر خىل ئادەتنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگىنىڭىزدە، سىز بۇ ئازابلىق رېئاللىقنى قوبۇل قىلالامسىز؟... ئادەم ئادەم بولغانىكەن ئۇنىڭدا ئادەمچە قىلىقلار بولمىسۇنمۇ؟ ئادەم ئۆمرىدە بىرەر قېتىم مەست بولمىسا، ئۆزىنىڭ «ئادەم»لىكىنى بىر يانغا تاشلاپ قويالمىسا، بۇ ئۇزاق دۇنيانى قانداق ياشاپ بولغىلى بولىدۇ؟ سىز ئەسلى ئادەملىكىڭىزگە يېتەلمەي مەڭگۈ پەرياد چېكىسىز، ئادەملىك ئۈچۈن قىلغان ھەر بىر ئۇرۇنۇشىڭىز سىزنى ئادەملەردىن يىراقلاشتۇرىدۇ. بارغانسىرى يىراقلايسىز، يىراقلايسىز... بىر زامانلاردا ئەتراپىڭىزدىكى سانسىزلىغان ئادەملەر سىز ئۈچۈن گويا بىر توپ نامەلۇم دەرەخلەردۇر... سىز شائىرنىڭ ئادەم ئەڭ كۆپ جايدا ئەڭ قاتتىق يالغۇزسىرايدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمۇ؟
تۇراپجان مۇھەممەت (ئازغۇن): سىز ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۆزگىچە ئۇسلۇب ياراتتىڭىز. بۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىل زادى نېمە؟ بۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟
غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت: مەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە راستىنلا ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ياراتقان بولسام، بۇ قاراشقا يەنە كۆپلىگەن باشقا كىشىلەرمۇ قوشۇلسا، راستىنلا شۇنداق بولسا... قەدىرلىك دوستۇم، مەن قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتىمەن. مەن ھاياجىنىم بېسىلماستا شۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشكە ئالدىرايمەنكى، بۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىل-مەن ۋە مېنىڭ شېئىرلىرىمدۇر. ھېس قىلدىڭىزمىكىن؟ مەن باشقا سۇئاللارغا قارىغاندا مەن ھەققىدە سورالغان سۇئاللارغا باشقىچە قىزغىن مۇئامىلىدە بولىمەن. چۈنكى مەن ئۆزۈمگە قىزىقىمەن. ئۆزۈمنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. مېنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان شېئېىرلىرىممۇ دەل ئۆزۈمگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببەتنىڭ ھاسىلاتى، خالاس. دۇنيادا ئۆزىگە بولغان مۇھەببەتتىن باشقا ھېچقانداق مۇھەببەت مەڭگۈلۈك ۋە مۇستەھكەم ئەمەس. ھەرقانداق مۇھەببەت ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ھەر بىر جۇدالىقنىڭ ئارقىسىدا بىر يېڭى مۇھەببەت ساقلاپ تۇرىدۇ. مېنىڭ شېئىرلىرىم ئۆزۈم ئۈچۈن يېزىلغان. ئۇ شېئىرلاردا مەن بار.
ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم (ياپچان): ھاياتنى چىڭ قۇچاقلاپ ياشاش ياكى خۇشاللىق بىلەن ئۆلۈش ئارقىلىق شېئىردىكى پايانسىز دۇنيادىن قۇتۇلغىلى بولامدۇ؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شېئىر يېزىۋاتقان شائىرنىڭ شېئىردىن باشقا رېئاللىقى يوق. شائىر شېئىردىكى رېئاللىقتىن ئۆزگە يەنە بىر رېئاللىقنى ھەرگىزمۇ چىڭ قۇچاقلىيالمايدۇ. ھاياتنى چىڭ قۇچاقلاپ ياشاشنى ئۇنىڭغا ئۆلۈم ئۆگەتتى. شېئىر-ئۆلۈمنىڭ ھاياتىدۇر. ئەجەبا، ئۆلۈم ئاتا قىلغان بۇ سۆيگۈ بىزنى شېئىردىكى پايانسىز دۇنياغا چاقىرىۋاتقاندا، نېمىشقا بىز تەكرار-تەكرار خۇشال ئۆلمەيمىز؟ ئەگەر سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز شېئىرنىڭ سىرتىدىكى كىشىنىڭ چىڭ قۇچاقلاپ ياشايدىغان ھاياتى ۋە ئۆلۈمى بولسا، ياكى بۇ كىشى ماددىي ھايات ۋە ماددى ئۆلۈم ئارقىلىق شېئىردىن قۇتۇلماقچى بولغان بولسا، بۇ كىشىگە بىز كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە دۇنيانىلا بەردۇق.
ئايسىمە ئېدرىس: سىز ئەسەرلىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشقا دىققەت قىلامسىز؟ چۈنكى مەن ئەسەرلىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ئوتتۇرىسىدا ئېچىۋىتىلگەن ئىشىك باردەك ھېس قىلىمەن.
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن شىنجاڭنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى گۇما ناھىيىسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىقىم سايلاردا قوي بېقىش بىلەن ئۆتكەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىككى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمەي، بۇرۇن توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشلىگەن، ھازىر يولۇچىلار توشۇش بېكىتىدە ئىشلەۋاتىمەن. تەرجىمىھالىمنى سۆزلەشتىن مەقسەت شۇكى مەن بىر قارا قورساق ئادەم. مېنىڭ ئۇيغۇرچىدىن باشقا ھېچقانداق تىل ياكى يېزىقتىن ساۋادىم يوق. تېلېۋىزۇر ۋە كىتابلارنى ھەمدە ئەتراپىمدىكى بىرنەچچە قىرىنداش مىللەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھېچقانداق ئۆزگە مەدەنىيەت بىلەن بىۋاستە ئۇچراشمىدىم. سەۋەب شۇنداق بولغاچقا ئاخىر مەن سىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغاندەك ئادەممەن. ئەگەر شېئىرلىرىم بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بولسا بۇ مېنىڭ بىۋاستە ئۇيغۇر بولغانلىقىمدىن بولۇشى مۇمكىن. بىراق مەن شېئىر يازغاندا ئۇلارغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىكەنمەن. ئەسەرلىرىم بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى ئوتتۇرىسىكى ئېچىۋىلگەن ئىشىكتىن مېنىڭ كىرىپ-چىقىپ يۈرگىنىمنى كۆرگەن بولسىڭىز، ئىنىقكى-سىز بۇنى تۇنجى بايقىغۇچى ياكى بۇ ھەقتە تۇنجى قېتىم ئېغىز ئاچقۇچى. بەلكىم بۇ ئىشىك ئەزەلدىن ئوچۇق بولغىيتى. ئەسەرلىرىمگە كىرگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتى ياقىلىرىنى تۇتۇپ «توۋا!...» دېيىشمىگەندۇ-ھە؟! ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنىڭ قوينىغا كىرگەن شېئىرلىرىم «ئانا!...» دەپ ئەركىلىگىنىچە ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى سىيلاپ كەتكەندۇ ھەقىچان؟!... سىز بۇلارنى كۆرۈپ قاپسىز-دە!
ئۆمەرجان سالام (ياشلىق): سىلىنىڭ شېئىرلىرىدا نېمە ئۈچۈن «ئايال» سۆزى ئالاھىدە كۆپ ئۇچرايدۇ؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئەزەلدىن ئوتنىڭ قارشىسىدا سۇ بولغان، ئاقنىڭ قارشىسىدا قارا بولغان، ھاياتنىڭ قارشىسىدا ئۆلۈم بولغان، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە تەلپۈنۈشلرىنى بىز مەڭگۈ ھېس قىلىپ بولالمايمىز. ئوت سۇنىڭ ئۆزىنى ئۆچۈرۈشىگە تەشنا، ئاق قارىنىڭ ئۆزىنى يوق قىلىۋىتىشىگە تەشنا. ھايات ئۆلۈمنىڭ ئۆزىنى يۇتۇۋىتىشىگە تەشنا. چۈنكى ئوت-ئەسلى سۇدا ئىدى، ئاق-ئەسلى قارىدا ئىدى، ھايات-ئەسلى ئۆلۈمدە ئىدى. ئۇلار قاچان بىر-بىرىدىن جۇدا بولدى؟... شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئوت يالقۇنلاپ كۆيىدىغان بولدى. قارا زۇلمەتكە پېتىپ كائىناتنىڭ پىنھان تىۋىشلىرىنى تىڭشايدىغان بولدى. ھەر بىر ھايات ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ ۋەسلىگە يېتىپ مەڭگۈلۈككە ئېرىشىدىغان سەلتەنەتلىك كۈننى ۋەھىمە ۋە ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىدىغان بولدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئالەمنى مۇھەببەت قاپلىدى، سېغىنىش، ئىنتىزارلىق ھەممە يەردە جەۋلان قىلدى. ئايال ئەرنىڭ قارشىسىدا. ئايال-ئەسلى ئەردە ئىدى، ئۇلار بىر-بىرىدىن جۇدا بولدى. (ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن جۇدا بولغانلىق ھېكايىسىنى كۆكيالنىڭ شائىرلىق ۋە ئادىمىيلىك توغرىسىدىكى سۇئالىدا سۆزلەپ بولدۇق) شۇنىڭدىن بېرى يېنىمدىكى ئايالنى يىراقلاردىن ئىزدەيمەن. قۇچاقلاپ تۇرۇپ، سەن قەيەردە؟ دەپ توۋلايمەن. ئايالنىڭ باغرىدا تۇرۇپ جۇدالىق ھەسرىتىدە زارلايمەن. شۇنىڭدىن بىرى ئايال دېگەن سۆز قۇرىماس بۇلاقتەك تىلىمنىڭ ئۇچىدا شىلدىرلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدىن بىرى ئايال دېگەن سۆز گويا ئۆتكۈر پىچاق بولۇپ يۈرىكىمگە سانچىلغان. شىرىن ئاغرىق ئىچىدە پەرياد قىلسام پىچاقنى تارتىۋەتمىگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۇر، پىچاقنى تارتىۋەتسە ئۆلەتتىم... ئايال ئەسلى ئەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇقەددەس ۋەتەن ئىدى. ئەر ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئايال دېگەن ۋەتەندە پادىشاھ ئىدى. ئەر ئۇنىڭدىن جۇدا بولدى... شۇنىڭدىن بىرى سۆيگۈ-مۇھەببىتىم ماكانسىزدۇر. شۇنىڭدىن بىرى توۋلايمەن:
بىر ئايال ۋەسلىگە يەتمىگەن كىشى
ۋەتەننىڭ ۋەسلىگە يېتىدۇ قانداق؟!...
ئۆمەرجان سالام (ياشلىق): ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى قەلەمكەشلىرىدە ھازىر كەم بولۇۋاتقىنى نېمە؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: يىراقلارنى قويۇپ گەپنى يېقىندىن، تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا چوغلاندىن قىلايلى: سىزنىڭ تېما يوللىغاندىن كېيىن دەرھال كۆڭۈل بۆلىدىغىنىڭىز نېمە؟ باشقىلارنىڭ يازمىڭىز توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرىنى كۆرۈش. ئەتىسى تورغا چىقىپ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىڭىز نېمە؟ يەنە ئۆز يازمىڭىزنى ئېچىپ باشىقىلارنىڭ ئىنكاس يازغان-يازمىغانلىقىغا قاراپ بېقىش. بىرسى يازمىڭىزغا ئىنكاس يازغان بولسا، يەنە كېلىپ بۇ ئىنكاس سىزگە خۇشياقىدىغان ماختاش جۈملىلىرى بىلەن تولغان بولسا، شۈبھىسىزكى بۇ ئىنكاسنى يازغان كىشىنىڭ ئىسمى خاتىرىڭىزدە مەھكەم ساقلىنىپ قالىدۇ ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بىرەر يازما يوللىسا سىزمۇ كېلىشتۈرۈپ ئىنكاس يېزىپ ئۇ كىشىگە جاۋاب قايتۇرىسىز. بۇ مۇنبەردىكى ئومۇمىيلىق ئەمەس، لېكىن ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان قىسمەنلىك. ئەدەبىيات ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ، گەرچە ئۇ ماتىماتىكىدەك كەسكىن ۋە تەخىرسىز ھالدا ئىتىراز بىلدۈرمىسىمۇ سىزنى ھامان راست ياكى يالغانغا ئايرىيدۇ. سىز( سىز دېگەن سۆز بىر قاراتما، بەلكىم سىز بولماسلىقىڭىز مۇمكىن) گەرچە قاناتلىرى تېخى يېتىلمىگەن كىچىك قۇش بولسىڭىزمۇ، توردىن ئىبارەت كەڭرى سامادا پەرۋاز قىلىش ئۈچۈن سىزگىمۇ يېتەرلىك بوشلۇق بار. بۇ بوشلۇق سىزنى تېخىمۇ ئىگىز ئاسمانلارغا ئېلىپ چىقىشى ياكى شۇ يەردىنلا موللاق ئاتقۇزۇشى مۈمكىن. سىز تورنى ھەرگىزمۇ بىرنەچچە ئادەمنىڭ دوست-تارتىشىپ بىر-بىرىنى ماختايدىغان ياكى رەقىبلەرنىڭ خۇپىيانە ئىسىملار بىلەن بىر-بىرىنى تىللشىدىغان سورۇنى دەپ قارىماڭ. ئەدەبىياتنى ھەرگىزمۇ سۆزمەنلىك قىلىپ شۆھرەت تاپىدىغان ئەڭ ئاسان يول دەپ قارىماڭ. بىلىمەن، ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيىسىز. ئۇنداقتا ئەدەبىياتنىڭ سىزنى ئاقنى ئاق دېيىش ئۈچۈن كۆك، سىرىق، قىزىل، سۆسۈنە، بىنەپشە... قاتارلىق تالاي رەڭلەرنىڭ قاراڭغۇ كوچىلىرىدا ناھايىتى ئۇزاق ماڭدۇرسىمۇ ئاخىرى ئاقنىڭ ئۆزىنىڭ ئاقلىقىدىن ئىبارەت بۈيۈك مەنزىلىگە يەتكۈزىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ. ئىلگىرى بىز ئەسەرلەرنى قەلەمدە يازاتتۇق. ئەسەر يازىدىغانلار باشقىلارنىڭ تىلىدا «قەلەمكەش» دەپ ئاتىلاتتۇق. «قەلەم» دېگەن سۆز بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇقەددەس ئىدى. ياخشى يازىدىغانلار توغرىسىدا پاراڭ سېلىشساق « مەن ئۇنىڭ قەلىمىگە قايىل» دەيتتۇق. دەرۋەقە، قەلەم بىر مېتال، ئۇ ئەسەر يازغاندا پەقەت كۆڭۈلدە ئويلىغانلىرىمىزنى قەغەز يۈزىگە چىقىرىپ بېرىش رولىغىلا ئىگە. بىراق ئىلگىرىكىلەر قەلەمنى بىر قەلەمكەشنىڭ مەسئۇلىيەت، بۇرچ، ھەتتا ۋىجدانىغا سىمۋول قىلغان. سىز بۇ بايانلىرىمدىن نېمە دېمەكچى بولغانلىرىمنى ئاللىقاچان ھېس قىلىپ بولدىڭىز، شۇنداقتىمۇ مەن يەنە دېمەكچى، ھازىر تور ئەدەبىياتى قەلەمكەشلىرىدە كەم بولۇۋاتقىنى «قەلەم».
ئەنۋەر ھىدايەت: ئاممىباب شېئىرلارغا قانداق قارايسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: سۇئالىڭىزنىڭ ئۆزىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ. ئاممىباب شېئىرلار دېگەنلىك-ئاممىغا باب كېلىدىغان شېئىرلار دېگەنلىكتۇر. بۇ گەپتىن يەنە چىقىپ تۇرىدۇكى-ئاممىباب شېئىرلار بىر ئوقۇپلا چۈشەنگىلى بولىدىغان، ئاددى، يېقىشلىق، مەنتىقىلىك، راۋان تىلدا يېزىلغان شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئاممىباب شېئىرلار جەمئىيىتىمىزدىكى ئەڭ ئالقىشلانغان، ئەڭ كىتابخانلىق شېئىرلاردۇر. سەنئەت نۇقتىسىدىن چۈشەنگەندە، ھەرقانداق ئەسەر ھەم ئىجتىمائى قىممەتكە ھەم بەدىئى قىممەتكە ئىگە. ئاممىباب شېئىرلار مەلۇم بىر دەۋردىكى مەلۇم بىر خىل كىشىلەر توپىنىڭ ئىجتىمائى، ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىپادىلەپ بېرىشنى مەقسەت قىلغاچقا، ئۇ تارىخقا يېقىن تۇرىدۇ. ئۇنى ساپ سەنئەت نۇرلىرىغا قارىغاندا تارىخ ۋە ھەقىقەتنىڭ تامغىسى تېخىمۇ بۈيۈكلۈككە كۆتۈرگەن. ئەپسۇسلۇق يېرى شۇكى، كۆپىنچە ئاممىباب شېئىرلار مەلۇم بىر دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قىلىپ، تېخىمۇ ئۇزاق زامانلارغا يېتىپ بارالمايدۇ.
ئابلەت مۇھەممەت (كۈيزار): شائىر قانداق ئادەم؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد. شائىر-شېئىر يازىدىغان ئادەم دېسەم، جاۋابىمغا قايىل بولمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. بىراق مېنىڭ مەقسىتىممۇ سىزنى قايىل قىلىش ئەمەس. نۇرغۇن كىشىلەر «شېئىر يازىدىغان» دېگەن گەپنىڭ كەينىدىكى «ئادەم»دېگەن سۆزنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئۇلار شائىرنى گويا «ئادەم ئەمەس»تەكلا ھېس قىلسا كېرەك. ئۇلار «ئادەم» دېگەن گەپ شائىرنىڭ سەلتەنەتىگە نۇقسان يەتكۈزىدۇ دەپ قارىسا، ئۇنى ئادەم ئەمەس، باشقا .... نەرسە دەپ باقسۇن، بۇنىمۇ ئاڭلاپ باقىمىز. بىراق مەن ئۇنى ئادەم دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىمەن. باشقىلار ئۇنىڭغا قانچىلىك مۇقەددەس بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتلەرنى تېڭىشى ۋە ئۇلۇغلاپ كۆككە كۆتۈرۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئايال تەرىپىدىن ئەرلىكىدىن ئايرىلىپ ئىنسانلىقنىڭ مەھرۇملىقىدا بىر ئۆمۈر يىغلاپ ئۆتكەن ئەلىشىر نەۋائىنى، ئاپاق خوجا تەرىپىدىن ئاختا قىلىنىپ دەشتمۇ-دەشت ئەرز ئېيتىپ ئۆتكەن شاھ مەشرەپنى، مەن يەنە ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئۈرۈمچى ئارىلىقدا ياشاش ۋە ياشاش ئۈچۈن سەپەر قىلىۋاتقان ئادىل تۇنىيازنى، مۇھتاجلىق ۋە نامراتلىقتا ياشاپ ئاخىرى جەسىتى ئۈرۈمچى كوچىسىدا بىرنەچچە سائەت يالغۇز قالغان باتۇر روزىنى، مەن بىلەن بىليارت ئويناپ، تاماكا چېكىشكەچ قىزلار توغرىسىدا ھەزىل چاخچاقلارنى قىلىشىدىغان مۇتەللىپ ماڭسۇر بىلەن ئابدۇرېشىت ئېلىنى شائىر دەيمەن. مەن يەنە خوتەنگە كېلىپ خىزمەت، تۇرمۇش ئالدىراشلىقىدا مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە قەشقەرگە قايتار ۋاقتىدا ئاران يىرىم سائەتلا ۋاقىت چىقارغان چىمەنگۈل ئاۋۇتنى، قايسىدۇر بىر مۇرەككەپ مەسىلىنى مۇتائىلە قىلىۋاتقان پەرھات تۇرسۇننى ۋە ئۇنىڭ ئاغزىغا زوقمەنلىك بىلەن قاراپ ئولتۇرغان ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم بىلەن قەيسەر تۇرسۇننى شائىر دەيمەن. مەن ئۇلارنى شائىر دەۋاتقاندا ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە كىتابخانا، خوتەندە كىيىم-كېچەك دۇكىنى ئېچىپ ئىككى شەھەر ئارىلىقىدا يۈگرەپ يۈرگەن ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان، ئىجادىيەتچىلەر يېغىلىشىغا بېرىش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرىدىن رۇخسەت ئالالماي تىرىكىپ تۇرغان ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك ۋە قورغاس ناھىيە مەركىزى سانائەت سودا بازىرى 24-دۇكاندا خېرىدار كۈتۈپ ئولتۇرغان ئابدۇرەھىم ياسىن قاينامىنىڭ شائىرلىقىنى ھېچقاچان تاشلاپ كېتەلمەيمەن. مەن ئۇلارغا ئەۋلىيالىقنىڭ كۆرۈنمەس تونىنى كىيدۈرۈپ قويۇپ كارامەت كۆرسەت دەپ قىستىغۇچىلارغا نەپرەتلىنىمەن. مەن بۈگۈن ئۇلارغا ياشاش، ئۆزىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن كوچىلاردا ئىككى پۇتى بىلەن مېڭىپ، ئىككى قۇلىقى بىلەن ئاڭلاپ، ئىككى قولى بىلەن ئەمگەك قىلىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ شائىر ئىكەنلىكىنى دەپ قويماقچى. خالايىق، ئۇلارغا ئىنسانلىقنىڭ ئارامى جانى بولغان مەستلىكنى، ھەۋەس شەيتىنىنى ئازراق بولسىمۇ بېرىڭلار، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئادەم!...
ئابلەت مۇھەممەت (كۈيزار): شائىرلىقتىن ئۆكۈنگەن چاغلىرىڭىزمۇ بولغانمۇ؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ھاياتىمدا كۆپ ئىشلاردىن ئۆكۈنگەن، بىراق شائىر بولۇپ قالغانلىقىمدىن ئۆكۈنگەن ئەمەسمەن. فابرىكىدىن ئايرىلىپ ئىشسىز قالغاندا، ئايالىمدىن ئاجرىشىپ ئىللىق ئائىلىدىن مەھرۇم بولغاندا، تىجارەت قىلىمەن دەپ زىيان تارتقاندا، باشقىلار بىلەن مۇشتلىشىپ تاياق يېگەندە... ئۆزۈمنىڭ بۇ دۇنيادا ئەڭ قاملاشتۇرۇپ قىلالايدىغان ۋە قىلالىغان ئىشىمنىڭ شائىرلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدىم. ئەگەر شېئىر يازىدىغان ئادەم بولمىغان بولسام، بەلكىم چۈشكۈنلۈك، ئامالسىزلىق ئىچىدە ئاللىقاچان تۈگىشىپ كېتىشىم مۈمكىن ئىدى. ئۆمرۈمنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ، ئەڭ ئەڭ مۇدھىش كۈنلىرىدە شېئىر روھىمنى بەربادلىقتىن ساقلاپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن.
توختى مامۇت ئىزچى: بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا توپلىمىڭىز چىقىدىكەن دەپ ئاڭلاپ ھېيتلىق ئالىدىغان بالىدەك خۇش بولۇشقان ئىدۇق. نەشرىيات ۋە ژۇرناللارنىڭ شېئىرلىرىڭىزغا تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن رازىمۇسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: دەرۋەقە، بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا «مەشرەپ چۆلى» نامىدا بىر شېئىرلار توپلىمىم چىقماقچى بولغان، ئىككى يىل بۇرۇن ئۇ توپلىمىم بارلىق رەسمىيەتلەرنى تۈگىتىپ 5100 تىراژدا بېسىلىدىغان بولۇپ، ماڭا دەسلەپكى بىر نۇسخىسى كۆرۈپ بېقىشقا ئەۋەتىلگەن. سەۋەب نامەلۇم، كېيىن ئۇ توپلىمىم تارقىتىلمايدىغان بوپتۇ. بۇلتۇر خەلق نەشرىياتىدىكىلەر بىر توپلام بېرىشنى ئېيتتى(بۇ نەشرىياتتىكىلەرنىڭ ماڭا تۇنجى قېتىم توپلام دېيىشى، ئىلگىركى توپلامنى باشقىلار مەبلەغ سېلىپ چىقارماقچى بولغان) شۇنىڭ بىلەن چاقماق تېزلىكىدە بىر توپلام تەييارلىدىم-دە، ئۇنىڭغا «مەست مۇقام» دەپ ئات قويۇپ نەشرىياتقا يوللىدىم. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ يىل يىل ئاخىرىدا نەشر قىلىنىدىغاندەك. نەشرىياتنىڭ شېئىرلىرىمغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئەنە شۇنداق. ھەر ھالدا يامان ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. مېنى ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر «غوجىمۇھەممەد» دەپ بىلگەندىن بېرى ژۇرناللارنىڭ شېئىرلىرىمغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلدى. دەسلەپتە «كروران»، «ئىلى دەرياسى» ژۇرناللىرى مېنى كۆتۈردى، كېيىن باشقىلار ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان شېئىرلىرىمنى «تەڭرىتاغ» ۋە «تۇرپان» ژۇرنىلى باستى، ھازىر «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ۋە «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرناللىرى مېنى قوللاۋاتىدۇ. شېئىرلىرىمنى ئەڭ كۆپ باسقان ژۇرنال «يېڭى قاشتېشى»... سىزگە بىر مەخپىيەتلىكنى دەپ بېرەي، ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەن ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشر قىلىنىدىغان ھەممە ژۇرناللاردا شېئىر ئېلان قىلىپ باقماقچى بولغان، چۈنكى مېنىڭ نەزەرىمىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرقانداق بىر مەتبۇئات ئىنتايىن مۇھىم ئىدى... شۇ چاغلاردا نەشر قىلىنىدىغان « قىزىل بايراق» ۋە «يىرىم ئايلىق سۆھبەت» ژۇرنىلىدىن باشقا ھەممە ژۇرناللاردا شېئىر ئېلان قىلغان ئىدىم. مەن شېئىر ئېلان قىلمىغان ھەتتا « شىنجاڭ تەنتەربىيىسى»، «شىنجاڭ پوچتا-تېلېگىرافى»، «يېزا پەن-تېخنىكىسى» قاتارلىق ژۇرناللارمۇ چالا قالمىغان. گەرچە ئۇ شېئىرلارنى ھازىر ياراتمىساممۇ، ئۆزۈم يازغاچقا شېئىرلىرىم ئېلان قىلىنغان شۇ ژۇرناللارنى ساقلاپ قويدۇم.
تۇراپجان تۆمۈر(ئاتقۇچى): تۇغۇلغان يۇرتىڭىز بولغان گۇمىغا ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار. كېيىنكى ئىجادىيەت يۈكسىلىشىڭىزدە گۇمىدىكى بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك قەلەمكەشلەرنىڭ ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە تەسىرى بارمۇ؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: تۇغۇلغان يۇرتۇم گۇما توغرىلىق سۆزلىسەم تىلىم يايرايدۇ، چۈنكى جاھاندىكى ھەممە ئادەمگە ئوخشاش مېنىڭمۇ تۇغۇلغان يۇرتۇمغا ئالاھىدە مېھرىم بار. چۈنكى يۇرتۇمدا ئۆزىگە مېھرىمنى كۈنسېرى چوڭقۇرلىتىپ تۇرىدىغان پەرىشتىدەك ئانام، تاغدەك ئاكام، ئايدەك ئاچام، يۇلتۇزدەك سىڭلىم ۋە بىر-بىرىدىن شەپقەتلىك ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك، ئابلەت ئەخمەت چۆلتىكىن، ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتىكىن، مۇھەممەت كامال خۇشخۇي، ئابلىكىم تالىپ، ئابدۇقادىر سادىر، ئابدۇلئەھەت داۋۇت تۈركزاد، توخسۇن ھۈسىيىن ئەلقۇت، ئابدۇرېشىت ئەمەت سەھرا، ئابلەت ئابلىكىم توغراق، ئابلىكىم مۇساق مىركالان، ئىدىرىس رۇسۇل تەمكىن، غوجىمۇھەممەد قابىز... قاتارلىق قەلەمكەش دوست-بۇرادەرلىرىم بار. گۇما ھەرقانداق قەلەمكەشنىڭ مىسالى ئۆز يۇرتىدۇر. شىنجاڭنىڭ ھەرقانداق يېرىدىن داڭلىق ياكى داڭسىز بولۇشىدىن قەتئى نەزەر قەلەمكەش كەلسە گۇمىغا چۈشۈپلا ئەخمەتجان تۇرۇپنى ئىزدىسۇن، ئۇ دەرھال گۇمىدىكى يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بۇرادەرلەرگە تېلېفۇن ئۇرىدۇ. ئۇ بۇرادەرلەر مەيلى ھۆكۈمەتنىڭ مەيلى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىشى بولۇشىدىن قەتئى نەزەر بېرەر رېستۇران ياكى ئارامگاھقا يىغىلىدۇ-دە، مېھماننىڭ ھۆرمىتىگە سورۇن راسلايدۇ. مېھمان گۇمىدا بېجىرىدىغان ئىشلىرىدىن ئەسلا غەم يېمىسۇن. ئۇ تەشۋىشىنى ئىيتسىلا بولدى، ئۇ سورۇندىن قوپۇپ بولغىچە ھاجىتى راۋا... ئەقلىمگە كېلىپ، شېئىر يېزىپ يۈرگەندە خوتەندە ئىدىم. كىيىن يەنە ئون ئىككى يىل خوتەندە ياشىدىم. بۇ جەرياندا ھەرقىتىم گۇمىغا چىقسام مەنمۇ ھېلى تىلغا ئېلىنغان داڭلىق ياكى داڭسىز مېھماندەك مېھمانلىقنىڭ پەيزىنى سۈردۈم. ھالا ئون ئىككى يىلدىن كېيىن تەقدىر مەندىن خوتەننى تارتىۋالدى. خوتەن قولدىن كەتتى... ئەمدى قايان بارىمەن؟!... ئاخىر ساياق بېشىمنى ئېلىپ سەرگەردانلىق كوچىسىغا كىردىم. قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، ئۈرۈمچىلەرنىڭ كوچىلىرىدا ئاياغ ئىزلىرىم قالدى، ئۆزۈم قالالمىدىم. ئېھ سەرگەردان، مالامەتتە قالغان غىرىب بېشىڭنى قەيەردە قويارسەن ئەمدى؟!... ئەجىبا، گۇمىغا بېرىش نېمىشقا ئېسىمگە كەلمىگەندۇ؟ ئويلىماپتىمەن، ئانام جان جەھلى بىلەن مېنى سېغىنىپتۇ ۋە ئاشۇ سېغىنىشلىرى بىلەن مەن ئۈچۈن قوشتاغنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. شائىر بۇرادەرلىرىم چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلەن ماڭا گۇمىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. قوشتاغقا كەلدىم، ئانام: «ئال ئوغلۇم، قوشتاغنى قولۇڭغا ئال» دېدى. گۇمىغا كەلدىم، شائىر بۇرادەرلىرىم: « ئال دوستۇم، گۇما سېنىڭ»دېدى. ھىچ ئويلىمىغان ئىكەنمەن، گۇما مەندىن ھېچكىم تارتىۋالالمايدىغان يەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟!... گۇما مېنىڭ يۇرتۇم. مەيلى قەيەردە بولاي، گۇما قولدىن كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئېھتىرام بىلەن مەن ئۇچۈن گۇمىنى ساقلايدىغان شائىر بۇرادەرلىرىم بار... كېيىن گۇمىدا توپتوغرا بەش يىل تۇرۇپ قالدىم. بۇ جەرياندا ئاشۇ بۇرادەرلەر، بولۇپمۇ ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك، ئابلەت ئەخمەت چۆلتېكىن، ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتېكىن قاتارلىق جانجىگەرلەر بىر تاۋاقنى يالاپ، بىر تامبالنى يىرتىپ ئۆتتۈق. تۆتەيلەن سانسىز كېچىلەردىن چىققاندا قۇياش بىزدىن رۇخسەت ئالاتتى. ئىچ-باغرىمىزنى يېرىپ داستىخانغا تاشلايتتۇق-دە، ئاچكۆزلەرچە يېيىشكە باشلايتتۇق. بىز بىر-بىرىمىزنى بىر-بىرىمىزگە قوشۇۋەتتۇق. بىز بىر-بىرىمىزگە ئەنە شۇنداق قانمايتتۇق... ئۇلار مەندىن شېئىر يېزىشنى، يەنە يېزىشنى تەلەپ قىلىشتى. ماڭا توختىماي ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشتى. قوشتاغدا ياخشى يازالمىدىم دەپ ئاتايىن گۇمىغا كېلىپ ساق بىر قىش مۇھەممەت كامال خۇشخۇي ۋە ئابلەت ئابلىكىم توغراقلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ شېئىر يازدىم. كۈنلەر ئۆتتى، ئايلار ئۆتتى... 2008-يىلى خوتەننى قايتا قولۇمغا ئالدىم. گۇمىدىكى دوستلىرىمغا يەنە مېھمانمەن. شۇنىڭغا قەتئى ئىشىنىمەنكى، ئۇلار چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلەن گۇمىنى ماڭا ساقلاپ تۇرىدۇ...
تۇراپجان تۆمۈر: تۇيغۇنى ھەشەمەتلىك ۋە چۈشىنىكسىز سۆز دۆۋىسى ئارقىلىق ئىپادە قىلىدىغانلارغا قارىغاندا، ئانا تىلىمىزدىكى ساپ سۆزلەر بىلەن سەنئەتلىك ئىپادە قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىسىز... مۇشۇ نۇقتىدىمۇ ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ قانداق؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: كىمدۇ بىرىگە ئىيتقىنىمدەك شېئىر يېزىۋاتقىنىمدا ھېچقانداق نەرسىنى ئويلىمايتتىم. راستىمنى ئېيتسام، ئۆزۈم يازغان شېئىرنى ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ شەرھىلەشنىمۇ ياقتۇرۇپ كەتمەيتتىم. بىراق ئۆمرۈمدىكى ئەڭ كۆپ سۆزلەپ يۈرگەن بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى دېمىگەن گېپىم ئاز قالغاندەك قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ سۆزلىسەم سۆزلەي.
مەن شېئىر يېزىۋاتقاندا سۆز تاللاپ ئولتۇرمايمەن. شېئىر دېگەنگە كېلىدىغان سۆزلەر ئۆزى كېلىدۇ. كەلمەيدىغان سۆز بولسا يەتتە پاتمان چاقىرسىڭىزمۇ كەلمەيدۇ. سۆزلەرنىڭ قەلەندىرى بولۇپ ئىشىك چېكىپ يۈرگۈچە يازماسمىنا ئاشۇ شېئىرنى... ئەمدى ئويلاپ باقسام، ئانا تىلىمىزدىكى ساپ سۆزلەر بىلەن سەنئەتلىك ئىپادىلەپ بېرەلىگىنىمگە قارىغاندا شېئىر يېزىۋاتقىنىمدا سۆزلەرنىڭ رېتىمىغا ئۇسۇل ئوينىمايدىكەنمەن، ئەكسىچە سۆزلەرنى تۇيغۇمنىڭ رېتىمىغا كەلتۈرۈپ ئوينىتىدىكەنمەن. لۇغەتكە قاراپ ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئۆلچەملىك شاھانە كۈيلىرىنى ئاڭلاشتىن كۆرە، سۆزلەرنى ئۆزۈم خالىغان كۈيگە ئۆزۈم چالىدىكەنمەن. سۆزلەرنىڭ مېنى تۆت تەرەپتىن قىستاپ كېلىشىگە، بۇرنۇمنى نوقۇشىغا، كىيىملىرىنى يىرتىشىغا، ئاياغ-ئاستى قىلىشىغا ھەرگىزمۇ تەخىر قىلىپ تۇرالمايدىكەنمەن. سۆزلەر ماڭا ئاشىقكەن، ئىشىكىم ئالدىدا ۋىسالىمغا زار بولۇپ تەلمۈرۈپ تۇرۇشۇپتۇ.
ئۆمەرجان تۇرسۇن: شېئىرنىڭ گۈزەللىكى نېمىدە ئىپادىلىنىدۇ؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: سەت ئايال يوق. ئايال دېمەك-گۈزەللىك دېمەكتۇر. ئايال-يالىڭاچ بولغاندا ئاندىن ئايال. ئايالنىڭ ماھىيىتى-يالىڭاچلىق. كۆرۈمسىز ئايال ئۇپا-ئەڭلىك ئارقىلىق گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدۇ، ئىپپەتلىك ئايال ئەخلاق-ھاياسى بىلەن گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدۇ. ئۇ گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدىغان ئاشۇ نەرسىلەرنى سېلىۋەتكەندە، ئاھ خۇدا، ئۇ تىخىمۇ يالىڭاچ، تىخىمۇ گۈزەل... مەن ئەسلى شېئىرنىڭ گۈزەللىكى نىمىدە ئىپادىلىنىدۇ؟ دېگەن تېمىدا سۆزلىمەكچى ئىدىم. شۇنداق، شۇ تېمىدا سۆزلىمەكچى ئىدىم. قارىغاندا بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنىڭ ئاياللار بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئوخشايدۇ. ئۇنداق بولمىسا ھىچبىر سەۋەبسىزلا ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ يالىڭاچىلىقى ھەققىدە ۋاتىلداپ كېتەتتىممۇ؟ شېئىر يېزىپ يۈرگەن دەسلەپكى مەزگىللىرىمدە ئارۇز ۋە بارماق ۋەزىننىڭ ھەممە تۈرلىرىگە چېپىلىپ باققان ئىدىم. بارماق ۋەزىننىڭ بوغۇم، قاپىيە، رېتىملىرى ۋە قىلىپتا قۇيغاندەك تۆت چاسا كۇبلېتلىرى ماڭا ئىنتايىن مۇكەممەل ۋە نەپىس بىلىنەتتى. ئىشلەتكەن ئۆلچەملىك تىللار مەزمۇندىكى تېيىزلىقلارنى يېپىپ تۇراتتى. ئارۇزنىڭ سەلتەنىتىگە باش ئۇرغان چاغلىرىمدا بەھىر، رەمەل، قاپىيە، رادىف... لارنىڭ مەپتۇنلۇقىدا ئىدىم، ماڭا نە ناخشا، نە ساز تېتىماس ئىدى. ئارۇزدىكى ھەددىدىن تاشقىرى مۇستەھكەم شەكىل ۋە يىمىرىلمەس ئۆلچەم مېنى ئۆزىنىڭ سېھىرلىك قەسرىگە بەند قىلىۋالغان ئىدى. بىراق تاسادىپىي بۇ ئىككى ۋەزىننىڭ بەس-بەس بىلەن كۆتۈرگەن غەليانلىرى، نالە-پىغانلىرى، ئەسەبىي قۇتراشلىرىنى كۆرۈپ قالدىم. ئەسەبىي روھلار، ئەشەددىي نۇرلار، غايەت قاراڭغۇلۇق، مىسلىسىز چۇقانلار قەسىرنىڭ تاملىرىغا سوقۇلاتتى... ئاھ!... شېئىر ئۆزىگە پاتمايتتى... ھەرپلەر سۆزلەرگە، سۆزلەر مىسرالارغا، مىسرالار كۇبلېتلارغا زەرپ بىلەن ئۆزىنى ئۇراتتى. گۈمبۈرلەپ ئۆرۈلۈشلەر، تاراڭلاپ چېقىلىشلار، ۋەرت-ۋەرت يىرتىلىشلارنى سېزەتتىم. ئاچچىق ئىنجىقلاشلار، قايغۇلۇق ۋارقىراشلارنى ئاڭلايتتىم. سىقىلىش، ئازابلارغا چىدىيالماي ئۇ قەسىردىن بۇ قەسىرگە يۈگرەيتتىم.... كۈنلەرنىڭ بىرىدە شاھ مەشرەپنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. ۋاي ئاللاھ!... كۆردۈمكى، يېرىلىپ تۇراتتى، يېرىقلاردىن ئاسمانلار ساڭگىلاپ تۇراتتى. سۆكۈلۈپ تۇراتتى، يوچۇقلاردىن دەشتى-باياۋانلار يۈگرەپ چىقاتتى.... شۇندىن بىرى شېئىرلىرىم ماڭا باقمىدى، قەسىرلەردىن ئۆزىنى قاچۇردى. كىچىككىنە بىخەستە بولسام كىيىملىرىنى يىرتىۋېتىشكە، ھەتتا يالىڭاچ بولۇپ كوچىلارغا يۈگرەشكە باشلىدى. مەن ئۇلارنى قەسىرگە ھەيدەش، كىيىم كىيدۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىدىم. قورقاتتىم، شېئىرلىرىم قەسىردە جىم ئولتۇرۇپ مېنىڭ پەرمانىم بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك ئىدى، ئۇلار قەسىر ئىچىدە ئىنتايىن بىخەتەر بولاتتى. شېئىرلىرىم قاپىيە، ۋەزىن، تىل... قاتارلىق كىيىملەر بىلەن ئەدەبلىك، نازاكەتلىك كۆرۈنەتتى. بىراق... كېچىككەن ئىدىم. ئەمدى ئۇلار مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايتتى. مېنىڭچە، شېئىر يالىڭاچ بولغاندا ئاندىن شېئىردەك بولاتتى. بىراق، يالىڭاچلىق قورقۇنچلۇق گۈزەللىك، بۇ يالىڭاچلىقنىڭ چېكى يوق ئىدى. شېئىردىكى بۇ يالىڭاچلىق بارلىق يالىڭاچلىقنىڭ چېكىنى بۇزۇپ تاشلايتتى. شېئىردىكى بۇ گۈزەللىك بارلىق گۈزەللىكنىڭ، ھەتتا ئۆلۈمنىڭ بىپايان ۋە سىرلىق گۈزەللىكىنىڭ چېكىنىمۇ بۇزۇپ تاشلايتتى. بۇ چەكسىزلىكتە ئىنسانلار نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن قۇرۇپ چىققان بارلىق مۇقەددەسلىكلەر، بۈيۈكلۈكلەر، سەلتەنەتلەر؛ ئېرىشكەن نەتىجىلەر، شان-شەرەپلەر؛ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەت، يىمىرىلىش، گۇمران بولۇشلار؛ بارلىق ھەقىقەتلەر ۋە خاتالىقلار بىر دۆۋە سوغۇق كۈلگە ئايلانغان... بۇ بەجايىكى قىيامەتنىڭ ئۆزى ئىدى. شۇ دەقىقىدە دانىشمەن ئەجدادلارغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمدىم. ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ داۋاملىق مەۋجۇد بولۇشى ئۈچۈن ئاياللارنى كىيىمدىن چىقارمىغان ۋە شېئىرىي تۇيغۇلىرىنى قەسىرلەرگە باشلاپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى پاساھەتلىك تىل، ئاھاڭدار رېتىم، قاپىيەلەر... بىلەن ئىپادە قىلغانىكەن.
ئۆمەرجان تۇرسۇن: ئىجادىيەت مۇساپىڭىزدە ئەڭ ئۆكۈنگەن ئىش قايسى؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ ھەقتە سورىغانلارغا 2003-يىلى ئۈرۈمچىگە 12-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» يىغىنىغا قاتناشقىلى چىقىپ، تۆت دانە خاتىرەمنى يوقىتىپ قويغىنىمنى ھازىرغىچە بولغان ئىجادىيەت مۇساپەمدىكى ئەڭ ئۆكۈنۈشلۈك ئىش دەپ قارايمەن. بۇ خاتىرىلەرگە 2000-يىلى 1-ئايدىن 2003-يىلى 8-ئايغىچە يازغان بارلىق شېئىرلىرىم قاچىلانغان ئىدى. بۇ مېنىڭ ئىجادىيەتكە تازا قىزغىنلىق بىلەن كىرىشكەن، رېئاللىقتا نە بىر خىزمەت، نە بىر ئائىلە، نە بىر ياشاش نىشانىم يوق، شېئىردىن باشقا ھېچنەرسەم قالمىغان چاغلىرىم ئىدى. شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىم ھازىرمۇ ئېسىمدە، مەن ئەمدى شېئىر يازمايمەن، دەپ ئويلىغان...
قاسىمجان ئوسمان (غازى): ھۆرمەتلىك دوستۇم، سىز بىلەن ھەم سىز ئىسمىنى ئاتاپ ئۆتكەن ۋۇجۇد ئىگىلىرى بىلەن دەۋرداش بولۇپ يۈرۈۋاتقانلىقىمدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن. مەن بۇ يىل خوتەنگە بارغاندا ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ ئۆيىدىن گىيۇتى يازغان «فائۇسىت» ناملىق شېئىرى ئوپىرانىڭ 1-قىسمىنى ئېلىپ چىقىپ ئوقۇپ شېئىرنى ئىلگىرىكىلەر يېزىپ بوپتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. نۆۋىتىدە بىر سۇئال سوراي، سىز مەتبۇئاتلاردا، تور مۇنبەرلىرىدە كۆرگەن تەرجىمە شېئىرلارنى ئوقۇپ شېئىرنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن دەپ باققانمۇ؟ دېمەكچى، تۇيغۇ ئالىمىڭىزدە سۆزلەرنى ئويناۋاتقىنىڭىزدا نىمىگە شۇنچە ھەيرانلىق پوزىتسىيىسىدە بولىسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ھەرقانداق سۇئالغا قىلچە يالغاننى قاتماي، مۇبالىغە قىلماي راستچىللىق بىلەن جاۋاب بېرىشنىڭ بىرلا ئامالى بار. ئۇ بولسىمۇ جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئويلانماسلىق، سۇئال سورالغان شۇ دەقىقىدە كاللىغا كەلگەن ئىنكاسنى ئۇدۇل ئېيتىش، بۇ كۆڭۈلدىكى سۆزدۇر. مەنمۇ مۇشۇ ئەسنادا كۆڭلۈمدىن كەچكەن سۆزلەرنى ئۇدۇللا ئېيتاي. مەن ئېيتماقچى بولغان بۇ سۆزلەر بەلكىم سىزنى قايىل قىلالماس، چۈنكى ئۇ سۆزلەر سىزنىڭ كۆڭلىڭىز كۈتكەن سۆزلەر ئەمەستۇر. بىراق ئىشىنىمەنكى، سىزمۇ مەندىن كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى ئېيتىپ مېنى قايىل قىلىڭ دەپ ئەمەس، بەلكى كۆڭلىكىڭىزدىكى سۆزلەرنى ئېيتىڭ دەپ مەندىن بۇ سۇئالنى سورىدىڭىز. مەن مەتبۇئاتلاردا، تور مۇنبەرلىرىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان شېئىرلارنى ئاساسەن دېگۈدەك تولۇق ئوقۇپ ماڭدىم. ئىنكار قىلمايمەنكى، ئىجادىيىتىمنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىدا ئوقۇغان چەتئەلنىڭ نادىر تەرجىمە شېئىرلىرى شۇ مەزگىلدىكى شېئىر ئىجادىيىتىمنىڭ مەيلى قۇرۇلما، مەيلى ئىپادىلەش جەھەتلىرىدە بولمىسۇن ئاز-تولا ئىپادىسىنى تاپتى. بىراق مەن ھېچقاچان «ئۇيغۇر قىزى لىرىكىسى» دېگەن شېئىرلار توپلىمىنى تۇنجى كۆرگەن چېغىمدىكى «شېئىرنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن»دېگەن سۆزنى ئىككىنچى تەكرارلاپ باقمىدىم. كېيىنكى كۈنلەردە ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلىنىپ «سۇمرغ»، «ئەنقا» تورلىرىدا ئېلان قىلغان ئەرەپ شائىرلىرىدىن ئەدۇنىس، ئۇنسى ئەلھاج قاتارلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى كۆرۈپ قاتتىق ھەۋەس بىلەن «مۇنداق يېزىپ باقايمۇ-يا؟»دېگەن خىياللاردا بولدۇم. سىز ئېيتقان گىيۇتىنىڭ «فائۇسىت» دېگەن ئوپىراسىنى تېخى ئوقۇپ باقمىدىم، ئۇنى ئوقۇپ سىزنىڭ «شېئىرنى ئىلگىرىكىلەر يېزىپ بوپتىكەن» دېگەن قاراشقا كەلگىنىڭىزنى ئاڭلاپ، مەندە دەرھال ئۇ كىتابنى ئوقۇش ئىستىكى قوزغالدى. بەلكىم شۇ چاغدا مەندە يەنە بىر قېتىم «شېئىرنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەن»دېگەن ئوي تۇغۇلار، بەلكىم ئۇنداق بولماس... لېكىن مەن شېئىر دېگەن قانداق بولسا شۇنداق بولىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئۇنداق يازسىمۇ بولىدۇ، مۇنداق يازسىمۇ بولىدۇ، دەيدىغانلارنىڭ تەرەپدارى. تۇيغۇ ئالىمىڭىزدە سۆزلەرنى ئويناۋاتقىنىڭىزدا نېمىگە شۇنچە ھەيرانلىق پوزىتسىيىسىدە بولىسىز؟ دېگەن سۇئالىڭىز ئېسىمگە كەلدى. ئويناش-شادىمانلىق ئىچىدە بولىدۇ. بالىلارچە تەنتەكلىك، بىغۇبارلىق ۋە تەسۋىرلىگۈسىز قىزغىنلىق ئىچىدە ئويناش داۋاملىشىۋاتقاندا سىزدە مەستلىك ھەم ھاياجاندىن باشقا نېمە بار؟ مەست بولۇش-ئىدراكتىن خالاس بولۇش دېگەنلىكقۇ؟!... سۆزلەردىكى مەنىنى، پاساھەتنى، قۇدرەتنى يوق قىلىۋېتەلمىسىڭىز، ئۇلار سىزنى ئىدراكقا، تەپەككۇرغا، مەپتۇنلۇققا سۆرەيدۇ. ئۇ چاغدا سۆزلەر سىزنى ئوينايدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئويناۋاتقان چېغىمدا شادىمانمەن، مەستمەن، بىھۇشمەن، سۆزلەر ماڭا ھەيران...
مۇھەممەد توختى(جالالىدىن): شېئىرىي شەكىل بىلەن مەزمۇننىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: شەكىل بىلەن مەزمۇن بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، خۇددى تەن بىلەن جاندەك. ھەرقانداق شەكىل مەزمۇنغا ئىگە، ھەرقانداق مەزمۇننىڭ شەكلى بار. جان تەندىن ھامان چىقىپ كېتىدۇ، بۇ بەئەينى شەكىلنىڭ مەزمۇندىن ئايرىلغىنىدۇر، بۇ-ئۆلۈشتۇر. بىراق گەپ شېئىر ئۈستىدە بولۇۋاتىدۇ، بىز بۇ يەردە تۇتىمنىڭ «شېئىرنىڭ گۈزەللىكى نېمىدە ئىپادىلىنىدۇ؟» دېگەن سۇئالىغا بەرگەن جاۋابنى تەكرارلاپ ئولتۇرمايمىز. بىز يەنە مەزمۇننىڭ شەكىلدىن چىقىپ شەكىلسىزلەشكەندىن ۋە شەكىلنىڭ مەزمۇندىن چىقىپ مەزمۇنسىزلاشقاندىن كېيىنكى «ئۆلۈم»ىنى شېئىرنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى دېگەن گەپتە چىڭ تۇرىمىز. «ئۆلۈم»دىن ئىبارەت بۇ پايانسىز يوقلۇقتا شېئىر ئەركىن قانات قاقىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ روھىمىز ئاشۇ يوقلۇققا تەۋە. بىز شېئىرلىرىمىز ئارقىلىق بارلىقنىڭ مەنزىلى يوقلۇق ئىكەنلىكىنى، بارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىشارەتلەيمىز. يەنىمۇ ئىنىقراق چۈشەنچە كېرەك بولغاندا تۇتىمنىڭ سۇئالىغا بېرىلگەن جاۋابلار بۇ يەرگە كۆچۈرۈلسۇن.
مۇھەممەد توختى( جالالىدىن): سىز مۇكەممەل بولماسلىق شېئىرنىڭ خاسلىقى دەپ قارامسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: ئىنسانلار تەبىئەتنىڭ مۇكەممەللىكىگە ئەبەدىي مەپتۇن. سۆز ئويۇنىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىنساننىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، مۇكەممەللىك ئىزدەپ مەنىۋىيەت چۆللىرىدە بىر ئۆمۈر سەرگەردان بولۇپ يۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىمىز. ئەگەر ئادەم تاسادىپىي تۇغۇلۇپ، تۇيۇقسىز ئۆلسە بۇ شېئىرنىڭ تۇيۇقسىز باشلىنىپ، تاسادىپىي ئاخىرلىشىدىغانلىقى، بۇ ھەم ئىنساننىڭ ئىككى ئۇچىنىڭ يوقلۇققا چىلىشىپ تۇرىدىغانلىقى... سىز دەۋاتقان مۇكەممەل بولماسلىقنىڭ شېئىرنىڭ شەكلىدىكى چۇۋالچاقلىق، مەزمۇنىدىكى مەنتىقىسىزلىك، رېتىمىدىكى تۇراقسىزلىق ئىكەنلىكى ماڭا ئايان. سىز دەۋاتقان ئۇ مۇكەممەل ئەمەس شېئىرلاردا پىرامىدالاردەك مەزمۇتلۇق ۋە ھەيۋەتلىك تۈس يوق، دەريالاردەك قىرغاق ۋە مۇقىم مەنزىل يوق. ئۇ شېئىرلار گويا باشلانمىغاندەك، ئاخىرلاشمىغاندەك...
ئابدۇرېشىت مۇھەممەتئېمىن: «شائىر تىلنىڭ ئادەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلغۇچى»دېگەنىدى بىر ئۇستاز. مەن بۇ سۆزنى قوللايمەن. شائىر ھەقىقەتەنمۇ بىز ئادەتلەنگەن تىل فورمىسىنى توختىماي بۇزۇپ تۇرغۇچىدۇر. بولمىسا ئۇزاق تارىختىن ئاۋاللا كېيىنكىلەرگە گەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىغان بولاتتى. دېمەك، شائىر قېلىپتىن چىقىپ قەلبكە يىقىنلاشقۇچى ئىكەن. ئىلگىرى «چاھار ماقالە» دېگەن كىتابنى كۆرگەن چېغىمدا مۇنداق مەزمۇندىكى بايانلارنى ئۇچراتقان ئىدىم: «شائىر بولماقچى بولغان كىشى ئۆزى بىلەن دەۋرداش ياكى ئىلگىرىكى دااڭلىق شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن 20 مىڭ مىسرانى يادا بىلىشى كېرەك»... بۇ گەپ مېنى بەك چۆچۈتكەنىدى. چۈنكى شائىرلىققا ھەۋەس قىلساممۇ شېئىر يادلىمايتتىم. ئۆزۈم ياقتۇرغان شېئىرلارنى قايتا-قايتا ئوقۇيتتىم، ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا ئوخشىمىغان لەززەتنى ھېس قىلاتتىم. گەپكە قايتىپ كەلسەم، شائىر بولماقچى بولغان كىشى باشقىلارنىڭ 20 مىڭ مىسرا شېئىرىنى يادلىسا، ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتى تەقلىدچىلىككە پېتىپ قالامدۇ قانداق؟ سىزمۇ باشقىلارنىڭ شېئىرىنى يادلاپ باققانمۇ؟ ماڭا ۋە مەندەك ھەۋەسكارلارغا بۇ ھەقتە نېمىنى تەۋسىيە قىلىسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: بۇ سۇئالىڭىز ۋە سۇئالغا مۇقەددىمە بولغان شېئىر ۋە شائىرلىق ھەققىدىكى شەرھلىرىڭىز سىزنىڭ بۇ ھەقتە خېلى چوڭقۇر ئويلانغانلىقىڭىزنى بىشارەتلەپتۇ، شۇنداقلا بۇ بىشارەتلەردىن ئۆزىڭىزگە ئايان بولغان ۋە توغرا دەپ قارىغان قاراشلىرىڭىزنى مەن ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرماقچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشەندىم. دەرۋەقە، شائىر تىلنىڭ ئادەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلغۇچىدۇر. شائىر تىلنىڭ مەنە مۈمكىنچىلىكلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىدۇر. شائىرنىڭ پائالىيەت مەيدانى تىل ياكى مەنە بولماستىن بەلكى تىل ۋە مەنە ئارىسىدىكى بوشلۇقتۇر. شائىر بۇ بوشلۇقتا تىلنى ئەزەلدىن بىر ياكى بىر نەچچىلا مەنىنى ئىپادىلەش بەخشەندىلىكىدىن ئازاد قىلىپ، چەكسىز مەنە مۈمكىنچىلىكىگە ئىرىشتۇرىدۇ. مەنىنى تىلنىڭ مۇستەھكەم ۋە يىمرىلمەس قورشاۋىدىن ئازاد قىلىپ، مەنىنىڭ ئاداققى مەنزىلى مەنىسىزلىك پايانىغا باشلايدۇ. مەن سىز ئىيتقان «چاھار ماقالە» دېگەن كىتابنى كۆرۈپ باقمىغان، بىراق «چاھار» دېگەن سۆز ئارقىلىق بۇ كىتابنىڭ كىلاسسىكلىرىمىزغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ھەر بىر ياخشى كىتاب ھەر بىر ھاياتلىق ۋە ئىجادىيەت باسقۇچلىرىمىزدا بىزگە مۇئەييەن تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بىز ھاياتىمىزدا نۇرغۇن كىتابلار بىلەن ئۇچرىشىمىز، بىز ئۇچراشقان ئۇ كىتابلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ھەتتا بەزىلىرى بىر-بىرىنى رەت قىلىدۇ، بىراق بىز قەلبىمىزنىڭ بەرباد بولۇشىدىن قورقۇپ كىتاب ئوقۇشنى قەتئىي توختىتىپ قويالمايمىز، بىزنىڭ بەرباد بولۇش خەۋپى ئىچىدە تۇرغان ئاشۇ قەلبىمىز، تەۋەككۈلچىلىككە تولغان خارەكتىرىمىز ۋە مەڭگۈ ئاچ مەنىۋىيىتىمىز بىزنىڭ تىنىمسىز كىتاب ئوقۇش ئادىتىمىزنى بەلگىلىگەن. كىتابلارغا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىرى قاچىلانغان. كىتابلار ئۈزلۈكسىز نەشر قىلىنىپ تۇرىدۇ، كىتابلارغا قاچىلانغان بىلىملەرمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. ھاياتىمىز ۋە ئىجادىيىتىمىزنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ئوقۇغان كىتابلار پەقەت ھاياتىمىز ۋە ئىجادىيىتىمىزنىڭ شۇ باسقۇچىغىلا تەۋە. «20 مىڭ مىسرا شېئىر» يادلاش بەلكىم ئەينى زاماندىكى شائىرلارنىڭ شېئرىي تاكامۇللۇققا يېتىشتىكى بېسىپ ئۆتكەن يولى بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم ھەددىدىن تاشقىرى شەكىل مۇكەممەللىكىنى تەلەپ قىلىدىغان ئارۇز ۋەزىن ئۈچۈن بۇنىڭ ئاز بولمىغان پايدىلىق تەرەپلىرى باردۇر. بىز كلاسسىكلارنىڭ تەشەببۇسلىرىنى رەت قىلمايمىز، بىراق ئەينى زامانغا تەۋە بولغان كىتابتىكى بىزنىڭ ھازىرقى ھاياتىمىز ۋە ئىجادىيىتىمىزگە ماس كەلمەيدىغان تەشەببۇسىنى ئۆزىمىزگە تاڭمايمىز. مەنمۇ شېئىر يادلاپ باققان، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ «مۇقام ھەققىدە مۇخەممەس»، ل. مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاب» ناملىق شېئىرلىرى ۋە چۇيۈەننىڭ «جۇدالىق زارى» دېگەن داستانىنىڭ دەرسلىك كىتابقا كىرگۈزۈلگەن قىسمىنى يادلىغان. كېيىن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى يادلىدىم. ئەينى چاغدا بۇ شېئىرلار ماڭا ئىنتايىن چىرايلىق تۇيۇلاتتى، ھەر بىر يادلىسام كۆڭلۈم تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل ۋە يارقىن تۇيغۇلارغا چۆمۈلەتتى. بۇ شېئىرلارنى ھازىرمۇ يادلاپ بېرەلەيمەن، چۈنكى ئۇ پاك ۋە سەبىي ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمنىڭ ئۇنتۇلماس ئەسلىمىسى. گەرچە ئۆتمۈشنى ھازىرىمغا قويۇپ ئاڭا تىۋىنىش ئويىدا بولمىساممۇ ئەسلىمىنى تاشلىۋېتەلمەيمەن ۋە تاشلىۋېتىشنى يامان كۆرىمەن. شېئىر يادلاش ئۇنچىۋالا يامان ئىشمۇ ئەمەس، پەقەت مەلۇم مۇددىئا ئۈچۈن ئەمەس بەلكى قەلبىڭىزنى ئادالاش، گۈزەل تۇيغۇلارغا چۆمدۈرۈش ئۈچۈن شېئىر يادلىسىڭىز بۇنىڭ سىزگە ھېچقانداق زىيانلىق تەرىپى يوق. ھاياتىڭىز ۋە ئىجادىيىتىزنىڭ مەلۇم باسقۇچىغا تەۋە بولۇپ، كېيىن ئەسلىمىگە ئايلىنىپ كېتىدىغان بۇ شېئىرلارنى ئۆمۈرلۈك دەستەك قىلىۋالمىسىڭىزلا بولدى، 20 مىڭ مىسرا شېئىر يادلاشنىڭ ھاجىتى يوق، مەيلىڭىزگە بېقىڭ...
ئابدۇرېشىت مۇھەممەتئېمىن: ئۆزىڭىز ياكى ئەسەرلىرىڭىز توغرىلىق يېزىلغان ئوبزۇر-ماقالىلارغا قانداق قارايسىز؟
غوجىمۇھەمەد مۇھەممەد: شۈكرىكى، مەن ۋە شېئىرلىرىم توغرىلۇق يېزىلغان ئوبزۇر، ماقالىلار كۆپ ئەمەس. بۇ مېنىڭ ھازىرغىچە تىنچ-ئامان ۋە جىمجىت ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشىمغا ئاز بولمىغان پايدىلارنى ئېلىپ كەلدى. مەن بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، مەن تىپىك كەمسۆز ۋە غەمكىن تەبىئەتتىكى ئىچ مىجەز كىشى. مەن ھېچقاچان بۇنچىلىك كۆپ سۆزلەپ باقمىغان. سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلماقچى بولغاندا بۇنچىلىك سۆزلىيەلەيدىغىنىمنىمۇ بىلمەيتتىم... مەن توغرىلىق يېزىلغان ماقالىلار مەمتىلى ھېلىمنىڭ «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ئەگەر ناخشىچى بولۇپ قالغان بولسا...» ۋە نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئادىل تۇنىياز ۋە مەن ھەققىدە يېزىلغان «ئەركەكلىكنىڭ چىللىشى» بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇ ماقالىلارنىڭ بىرىنچىسىدە مېنىڭ شېئىرنى دەپ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقىم، ئەگەر ناخشىچى بولغان بولسام ئەقىلدىن كۆرە ھېسسىياتقا بەكرەك مايىل خەلقىمىزنىڭ مېنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدىغانلىقى، رېستۇران-قاۋاق، توي-بەزمىلەردە ئالغان ئۆرۈمىلەر بىلەنلا بايۋەتچىلەردەك كۈن كەچۈرىدىغانلىقىم... تەسىرلىك بايان قىلىنغان. ۋەھالەنكى بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغانغا قەدەر مەن بۇ ماقالىنىڭ مۇئەللىپى مەمتىلى ھېلىم بىلەن دىدار مۇلاقەتتە بولمىغان، تېلېفوندا كۆرۈشمىگەن، ھەتتا خەت-ئالاقە قىلىشىپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئۇ شۇنىڭدىن بىر يىللار ئىلگىرى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «غوجىمۇھەممەدنىڭ بايانى» ناملىق سۆھبەت خاتىرىسى (مۇتەللىپ ئىقبال بىلەن ئېلىپ بېرىلغان) ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە تارقىلىپ يۈرگەن مەن ھەققىدىكى ئەپقاچتى گەپلەرنى ماتىرىيال قىلىپ بۇ ماقالىنى يېزىپتۇ. بۇ ماقالىدا تەسۋىرلەنگەن ئېچىنىشلىق تەقدىرىم مېنى خېلىلا بىئارام قىلدى. مەمتىلى ھېلىم گەرچە مەزكۇر ماقالىسى ئارقىلىق مېنىڭ شېئىر ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىم ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ مۇكاپاتقا ئىرىشەلمىگەنلىكىمدىن ئىبارەت رېئاللىقنى يازماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق تەقدىرىمنى بايان قىلغاندىكى ھەددىدىن زىيادە ئېچىنىشلىق تەسۋىرلەر ۋە مېنى بايرۇن، مىستىرال قاتارلىق دۇنياۋى شائىرلار بىلەن سېلىشتۇرۇشلار كۆڭلۈمگە تەگدى. مەن ماقالە ژۇرنالغا بېسىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ ماقالىدىن خەۋەر تاپتىم ۋە خىجىللىق ئىچىدە «ئەلھۆكمىلىللاھ» دېدىم. كېيىنكى ماقالە ئاپتۇرى نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن بىلەن خېلىدىن بېرى قويۇق باردى-كەلدى مۇناسىۋىتىدە ئىدىم. تالاي قېتىملىق ئۇچرىشىشلىرىمىز، كېچە-كېچىلەپ قىلىشقان پاراڭلىرىمىز ئارقىلىق ئۇ مەن ھەقتە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ۋە مەزكۇر ماقالىنى ئېلان قىلىشتىن خېلى يىللار ئىلگىرى مەن ۋە شېئىرلىرىم توغرىلىق «روھ دارىدا تىرىلگەن ئىسيان» ناملىق ئوتتۇراھال ھەجىمدە ئەسەرمۇ يېزىپ پۈتتۈرگەن(بۇ ئەسەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئېلان قىلىنمىدى). ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىدىكى مېنى شامال چىقسا ئۆرۈلۈپ كەتكۈدەك ئورۇق ۋە ئىگىز، چىرايىدىن چۈشكۈنلۈك ۋە چەكسىز ئازاب-ئوقۇبەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، جۇلدۇر-كېپەن سوپى تەلئەت قىلىپ تەسۋىرلەشلەردىن ھاڭ-تاڭ قالدىم. مەن ئويلىدىمكى، ئۇ مېنىڭ ئىچكى دۇنيايىمنى بايان قىلىش زۆرۈرىيىتى بىلەن تېشىمغا شۇنداق رەڭ بەرگەن. ھەر ئىككى ماقالە نەسىر تىلىدا تەسىرلىك يېزىلغان بولۇپ، كىملا ئوقۇسا شۈبھىسىزكى مەن بىلەن بىر قېتىم دىدارلىشىپ باققۇسى كېلىدۇ. شېئىرلىرىم توغرىلىق يېزىلغان ئوبزورلارمۇ پەقەت بىر نەچچىلا پارچە، ئۇلار ئەكبەر نۇرۇللارنىڭ «تۇرپان» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «تامغا سۆزلەش بۇلانغان ھەسرىتىمدە قالدىم يىگانە»، تۇردى سۇلتان ئىزچىنىڭ «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «غوجىمۇھەممەدنىڭ شېئىرىيەت قەلئەسىگە نەزەر» ۋە ھەزرىتىلى ئەلىنىڭ «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان «شېئىر شائىرنىڭ قەلب تارىخى» قاتارلىقلاردۇر. بۇ ئوبزۇرلاردا شېئىرلىرىمغا يۇقىرى باھا بېرىلگەن ۋە يازغانلىرىمنىڭ «شېئىر» ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. شېئىر يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا تاشلىنىدۇ. ھەرقانداق ئوقۇرمەن ئۆز-ئۆزىگە مۇستەقىل ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك. بۇ دېمەك ھەرقانداق ئوقۇرمەننىڭ ھەرقانداق ئەسەرگە نىسبەتەن ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقى بار.
ئابدۇرېشىت مۇھەممەتئىمىن: مەن شېئىرلىرىڭىزدىن سىزنىڭ روھىيىتىڭىزدىكى ئىنتايى سۈزۈك بولغان بولغان بىرخىل شېئىرىي تۇيغۇنى ھېس قىلدىم. بەزىدە يەنە سىزنى مەشرەپ بىلەن بەيگىگە چۈشكەندەك ھېس قىلىپ قالىمەن. سىز ئۆزىڭىزنى زامانىمىزنىڭ تەسەۋۋۇپ شائىرى دەپ قارامسىز؟
غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مەن ئۆزۈمنى ئۇنداق دەپ ھېس قىلمايمەن ھەم ئۇنداق دەپ قارىمايمەن. مەن پەقەت ئۈنسىز ۋە جىمجىت ئىجاد قىلىمەن. كىمدۇ بىرسىگە ئېيتقىنىمدەك مەن ۋە شېئىرلىرىم ھەققىدىكى قاراشلارنى باشقىلاردىن ئاڭلايمەن. بەزىلەرنىڭ ئىيتىشىچە، ھازىرقى شېئىرلىرىم «مۇقام»غا چۈشمەسمىش. ئەجەبا، ھەر كىشىنىڭ ئۆز مۇقامى بولغاننىڭ نېمە يامىنى بار؟ قانداق يارالغان بولسام شۇنداقمەن. ئەزەلدىن ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىش خىيالىدا بولمىدىمكى، ياشاشنىڭ جەبرۇ-جاپالىرى، ئىجتىمائىيەتنىڭ چاڭ-توزانلىرى بىلەن بۇلغانغان قەلبىمنى تازىلاش بىلەن مەشغۇلمەن. تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ، تېخىمۇ يالقۇنلاپ، ئۆز پايانىمغا يەتسەم دەيمەن. بۇ بۈيۈك مەقسىتىم ئۈچۈن پەرۋەردىگارىم ماڭا شېئىرنى بېرىپتۇ. قەلبىمنىڭ ئىچكىرىسىدىكى خىلۋەت كەپىدە ئولتۇرغىنى ئېتىكاپتىكى سوپى، شۈكرى-قانائەتچان كۆكتۆش ياكى سوۋۇپ كەتكەن جەسەد بولماستىن بەلكى ئىنسانىي كامالەت ئۈچۈن يۇلقۇنىۋاتقان بىر تىرىك ئەقىدە بولغاچقا، مەندىن تەۋەككۈلچى، ئەسەبىي مىسرالار روياپقا چىققاندۇ. مەن مۇشۇنداق بولسام شۇنداق پېتى قوبۇل قىلىڭ، قوبۇل قىلالمىسىڭىز سۈكۈت قىلىپ، ئۆز ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ. بىراۋنى ئۆز رايىڭىزدىكىدەك ئادەم بولۇشقا قىستىماڭ. ئىنساننى ئەسلى تەبىئىيتىدىن ئۆزگەرتىش مىسلىسىز جىنايەتكى، سىز ئۇنى ئازغۇنلۇققا، گۇمراھلىققا باشلايسىز. قەدىرلىك دوستۇم، مەشرەپنىڭ شېئىرلىرىنى ۋە تەسەۋۋۇپقا ئائىت كىتابلارنى زوق-شوق بىلەن ئوقۇغىنىمدىن تانمايمەن. بەلكىم ئۇ شېئىرلار ۋە كىتابلار روھىي دۇنيايىمغا يىقىن تۇرغاندۇ. بىراق ئۇ مېنىڭ ھاياتىم ۋە ئىجادىيىتىمنىڭ مەلۇم باسقۇچلىرىدىكى ھادىسە. ئۇ مېنىڭ كېيىنكى باسقۇچلاردىكى ھاياتىم ۋە ئىجادىيىتىمگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. مەن بىر چاغلاردىمۇ ئېيتقان: ئەدەبىياتنىڭ چېكى يوق، ئەدەبىيات ئىنسان روھى بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ دىئالوگى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرقاچان يېڭىلىنىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنسان ئاخىرلاشمايدىكەن، ئۇنىڭ پائالىيىتى داۋاملىشىۋېرىدۇ. ئىنساننىڭ ھەركىتى ھامان ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىش بىلەن راۋاجلىنىدۇ. بىر نۇقتىدا توختاپ قىلىش ئەدىب ئۈچۈن ھالاكەتتۇر، خالاس!
(تۈگىدى)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك يولۇچىلار توشۇش بېكىتىدە)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
«كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.xjzjxh.com/bbs/Topic.aspx?BoardID=22&TopicID=2886
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
تولۇق ئوقۇش
2011年5月4日星期三
2009年4月1日星期三
Ghojimuhemmed muhemmed ghezelliri
Ghezeller
Ghojimuhemmed muhemmed
(1)
Méning yalghuzluqum yalghuz tikenni xaru-zar etti.
Léwim meyxanige kirdi, sharab yoq, nale-zar etti.
Qénim meshrebte ulghaydi, nawa qildi qelenderlik,
Dilimda yeru-asman hem köyüshni ixtiyar etti.
Kulahim kök irur, jendem payansiz chöl-bayawandur,
Derdu-ghem, nale-ebghanlar méni pinhan mazar etti.
Itmu hem turmaydighan hergiz méning bu weyrane könglümni
Judaliq hesriti qaynaq qiyametlik bazar etti.
Yüzümdur qiblige, könglüm nigargha bu ibadette,
Wujudum yükünüp miskin, ishqni perwerdigar etti.
Muqamlar towlidi zar-zar méning her bir tüküm hetta,
Quchaqlap göshlirimni ah, songikim yariyar etti.
Sésidi jan-jénim tende, alghili naz ile ah-ah
Ejebmu kelmidi yarim, ejelge intizar etti.
(2)
Közüm yar yolida qaldi, méni seylane etmenglar,
Yüzüm yar ayaghida tupraq, güli-güldane etmenglar.
Yatar desht, chöl-bayawanlar ishq aptabida changqap,
Yéshim ah, warqirap aqsun, méni piyale etmenglar.
Wisal arghamchisin birdem üzey qelbim qanatlansun,
Chüshümde bir körey yarni, méni aware etmenglar.
Jahan'gha bir kélipturmen, özümge liq tolupturmen,
Azari-ghelwe majragha méni nishane etmenglar.
Ölükler ötti aldimdin yaqasi chaku-chak mejnun,
Jinaza keynidin mangghan méni piyade etmenglar.
Ichimde bir kishi bardur, qetil qilmaqqa teyyardur,
Uningki bir qulidurmen, méni merdane etmenglar.
Ilahim ey ghoji deptu, sanga köymek ishi keptu.
Méni jennettiki dozax ara sersane etmenglar.
(3)
Tirikmen, shu seweb kürming béshimgha derd - elem keldi,
Elemler xulqini küylesh üchün oynaq qelem keldi.
Qelem ayaghidin ündi boranliq desht-bayawanlar,
Bayawan ichre changqap mey sorap dilber-senem keldi.
Senemning qolida dutar, nawa qildi tümen sewda,
Ki sewda, ishqidin ghewgha, riyazet dembedem keldi.
Ishqning meqsidi janni bérish dep wesli didargha
Bolup mejnuni diwane yaqa yirtip ejem keldi.
«muqamlarning atasini hüseyniyu ejem derler»
Uninggha egiship barche nawaler möhterem keldi.
Yüzümge chüshti nur, beytulmuqeddestur bu'an könglüm,
Tawabqa derdu-külpet hem musheqqet barche jem keldi.
Ghoji jan aywanidin ketkin, köyüshni ixtiyar etkin,
Ishqqa bas ayagh emdi, mubarek bir qedem keldi.
(4)
Yétetti weslige janim, ölümni öltürüp ölsem,
Ölümning baghrida bir ret jénimni küldürüp ölsem.
Manga bu nezmixanliqtin ne shöhret, ne ada bolghay?
Sirimni sözge jem eylep lehetke müktürüp ölsem.
Köyüp men kéche hem kündüz, ishqtin qaytmidim hergiz,
Yétetti otqa ot andin bu otni köydürüp ölsem.
Közümdin qurumas yashim, pighanliq ichi hem tashim,
Bolatti dur-göher tashim, bu yashqa chöktürüp ölsem.
Qetle'i naz ile ah-ah baqar nezmem quridin yar,
Tapatti weslini könglüm uni men bir körüp ölsem.
Chéchini qamcha qip kelse muhebbet harwisi birle
Étimni men anga qatsam, seperde men yürüp ölsem
Nigar quchaghidin özge tipilghaymu manga qebre,
Bu ishq ichre yaranlar yene ming özgürüp ölsem
*********************************************
تولۇق ئوقۇش
sehipe:
Ghojimuhemmed muhemmed
Ghojimuhemmed muhemmed shé'irliri(3)
Ghojimuhemmed muhemmed shé'irliri(3)
Munderije:
************************
Tarim
Qéchip yürüp tutulghan jeren
Aygha qarap boldum yalingach
... Öldi
Sebiy dilim shé'irlargha bölen'gen
Aqliqingdin pakliqing ewzel
Yaz
Séghinish
Sayrar ten qepiside jennet qushliri
************************
Tarim
(1)
Dehshetlik dolqun'gha tikilgen qirghaq,
Goyaki wisalgha zariqqan qizchaq.
Kélidu seherde atliq qaraqchi,
Qolida shemshiri, yénida pichaq.
Yérilar qapqara tashlar warqirap,
Aqidu kök asman yerge tamchilap.
Qaraqchi qizchaqni kétidu bulap,
Chöl, ah chöl, weten rohigha qarap.
Chölde qum, toghraq we quruq ustixan,
Ashiq, otunchi, tuzchi we xaqan...
Bayraq bop lepilder tökülgen qanlar,
Qiriq kün toy bolar, qiriq kün ésyan!
(2)
Bir yawash kalidek sapan'gha qatqan,
Erksiz qewimdek zenjirlep chatqan.
Qeyerge mangdingsen xiyaldin ézip,
Makaning qeyerde? Nishaning qayan?!
Keldi tarimdin kütmigen sada;
Oqlar dutar chalar janning ichide,
Xarliq usul oynar qanning ichide,
Achliq naxsha towlar nanning ichide.
Quyashqa ne kérek asmandin bölek,
Ashiqqa ne kérek wijdandin bölek,
Xuda qayghurmas insan'gha esla,
Ta ebedke ne kérek isyandin bölek.
Boldi köp zamanlar, dolqunum shéhit,
Mangdim tirilgili teklimakan'gha.
Herkim jan bersun yaki jan alsun,
Yetkili özdiki jan'gha, janan'gha...
(3)
Kim u tarimni quruptu dégen,
Tarim qurmaydighan teklimakandur.
Kim u étiqadni ölüptu dégen,
Étiqad - ülümdin yükselgen jandur.
Qum déngizigha saldim kémemni,
Kim u gherq qilalmas boranlar dégen?
Tulparning kishnishige salmastin qulaq,
Kim u uyquda barxanlar dégen?!
************************
Qéchip yürüp tutulghan jeren
Köz nurungdur yultuzlar séning
Tiniqingdur séning shamallar.
Quchiqingda elleylinimen
Lewliringdin sharab ichimen.
Kirpikliring ormanliqida
Ach böridek howlap ölimen ...
Aram bermes ghaljir xiyallar.
Téning derya chungqur we süzük,
Yalingachtur derding, hesriting.
Serenggidek öchken yénipla
Ümidliring, bexting, shadliqing.
Barliqingmen, taju-textingmen
Chümülidek harmas ishchimen.
Qéchip yürüp tutulghan jeren
Chüshliringde ölgenmen bezen.
Ay yighlisa ich aghritar kim,
Gül tozisa chéker kim peryad.
Söyüsh iken eslide hayat ...
Sansiz ölüm keynide wisal,
Adem dégen zulmetlik jamda
Chayqilidu judaliq heyhat.
Aldinishlar tekrar we tekrar,
Tillap-tillap öngüp ketken söz
Yighlap-yighlap öchüp ketken köz ...
Tash qelbide tash bardur yene
Köz yéshida yoqtur héchnime.
Uh dégüche aram ber nepes,
Yotqan yiritqan putlirim qéni?
Söygü késel, késel hésiyat,
Etirgüldur késel karwiti.
Munchidiki qipyalingach ten
Simwuldin yiraq kélechek.
Bir chiwinning ölümi bezen
Hemme nerse güzel tosattin
Yirginishlik tosattin hemme.
Éh, shu tapta ölüwatqan kim
U men belkim shunche bimene.
Éh, shu tapta yighlawatqan kim,
U men yaki adem, perishte.
************************
Aygha qarap boldum yalingach
(1)
Közlirimdin armanimni kör,
Kirpikimdin karwanimni kör.
Anglap hayat qoshaqlirini,
Muzlap qalghan gülxanimni kör.
Namaz oqur jénim ténimde,
Iman éytqan sheytanimni kör.
Qaytar hemme heqke, rehimge,
Qaytiwatqan jeryanimni kör.
(2)
Binalarning qorsiqi achti,
Ussap ketti kocha-restiler.
Qollirini sozar «gunah»qa
Yürektiki güller, keshtiler.
Hurra towlap öter kölengge,
Egeshtürüp jinlarni pat-pat.
Ademlerning bilimi ashti,
Sawatsiz bop qaldi étiqad.
(3)
Aygha qarap boldum yalingach,
Kün'ge qarap qaldim na'ilaj.
Gülge qarap yarimni kördüm,
Taqiwaptu xazanlardin taj.
Dapta boran, temburda isyan,
Dutar chélip qaldim balada.
Kiyip jul-jul jende-kulani,
Naxsha éytar könglüm talada.
(4)
Turar jayim bolmisa méning,
Barar jayim bardur elwette.
Yashar jayim bolmisa méning,
Öler jayim bardur xilwette.
Yamashqandek aygha mejnuntal,
Yamisharmen yargha ya dargha.
Tangla baharim bolmisa méning,
Qandaq dessey gunahsiz qargha?!
(menbe: «yéngi qashtéshi» zhornili)
************************
... Öldi
Sham aldida perwane öldi,
Nan aldida diwane öldi,
Heyyam bir ömür mey-sharab ichmey,
Jam aldida merdane öldi.
Ashiq tünlerge sözlep yürmisun,
Ay ordisida tinep yürmisun,
Meshuqi dilida, izlep yürmisun ...
Bulbul gül nazigha heyrane öldi.
Yingne quliqidin ötti karwanlar,
Ustixan söngeklerdin qurdi aywanlar,
Ten qaldi, rohini kömdi barxanlar ...
Wetensiz öz yéride sersane öldi.
Tiriklik- pursettur, bilmidi, köchti,
Yuruqluq- hékmettur, bilmidi, öchti,
Erk- jennettur, bilmidi, yétti ...
Zerdarning qolida durdane öldi.
Ze'ip nalilerdin qebre échilmas,
Mekkige barsimu iman tépilmas,
Égilgen bashqa qilich chépilmas ...
Dédi-de öldi, hamane öldi.
(1999-yil yanwar. Xoten)
Sebiy dilim shé'irlargha bölen'gen
Baliliqni ötküzgenmen sehrada,
Hemrah bolup xiyalim we sayemge.
Perwazidin bürküt bilen lachinning,
Endiz élip kelgüsi we ghayemge.
Seyle qilip yultuz külgen asmanni,
Kéchiliri bédar édim uyqudin.
Shiwirlisa mejnuntallar yéqimliq,
Mest bolattim sha'irane tuyghudin.
Heyran bolmang shu chaghdimu sha'irtim,
Rohim yüksek armanlargha yölen'gen.
Shé'ir édi güzel sehra kéchisi,
Sebiy dilim shu shé'irgha bölen'gen.
(«yéngi qashtéshi» zhornili 1991-yil 5-san)
************************
Aqliqingdin pakliqing ewzel
Qara saching qunduzgha sima,
Gülgün léwing upuqqa rengdash.
Zilwa boyung mejnuntal goya,
Nazakiting perige tengdash.
Külkiliring bulbul xendisi,
Miskinliking tawusqa misal.
Béqishingda ming quyash tepti,
Yüzliringdin tulun'aymu lal.
Saddiliqing misali qoza,
Kirsiz hösnüng goya süzük tang.
Bar güzellik sende mujessem,
Yighangmu hem leziz bir ahang.
Biraq sende bolmisa wijdan,
Güzelliking goya may boyaq.
Jezibe hem herketliringmu,
Ikrandiki perizat siyaq.
Ghururungni bayraq qip tikle,
Qelbing bolsun chihringdin güzel.
Ey güzilim bilseng men üchün,
Aqliqingdin pakliqing ewzel.
(«yéngi qashtéshi» zhornili 1991-yil 5-san)
************************
Yaz
Yene bir tang atti kocha, restide
Ademler negidur mangar aldirash.
Aptobus toxtaydu béket – békette,
Qizil gül échilar ölümge oxshash.
Balikun'gha ésilghan qepes qupquruq,
Kimlerdur tügeydu jimjit, ün- tinsiz.
Déreze yighlaydu ademdek öksüp
Eynekte tinimsiz chéqilidu qiz.
Moxurka chékisen menisizliktin
Yalingach yaz sanga qilidu chaqchaq.
Qolungni sozisen mashinilargha,
Asfalit yollarda iz qalmas biraq.
Bolghandek ademler yayridin juda
Yoshurun hesrette qaraydu sanga.
Bolisen teselliy bermekchi, lékin
Tügeydu sözliring éghiz achmayla.
Yighlimaq bolisen, yütken awazing,
Köz yéshing sözleydu bolup bir gacha...
Héchnimeng yoq séning cheksiz ademsen
Hesriting yultuzdek chaqnar nurane.
Bilmeysen, sen üchün ussap, yérilip
Bir ayal her kéche mushu dunyada
Salidu kiyimini yekke – yigane!
«tengritagh» zhornilining 2004–yilliq 5-sani(45-bet)
************************
Séghinish
Bu kéche bashqiche séghindim séni,
Bu kéche qelbimdek qarangghu kéche.
Chünki sen tosattin kélip ésimge
Ghuwa bir chiraghni yaqting qelbimge.
Chiragh yoruqida kördüm men séni
Turupsen u yerde qarghap sen méni:
Ilahim u ashq, jul – jul qelender
Bop ketsun payansiz adashqan sha'ir.
Körsun u bextning tetür yüzini
Öz derdi özining bolsun axiri.
Qolini sozsila ketsun gül tozup,
Deryalar qursun barsa u changqap.
Yürsün u ademler liq tolghan chölde
Yégane,«ademler qéni» dep towlap.
Talisun uni öz wujudidiki
Rehimsiz we telwe haywan échirqap
Qiynalsun, toxtimay cheksun u azap.
Shallaq ay jilmiyip aldisun tekrar,
Yultuzlar köz qisip salsun köp japa.
Neyrengwaz quyash hem hijiyip saxta
Körsetsun judunluq yüzini anga.
Miskinlik ichide cheksun ah, peryad,
Qayghursun matemdar kishidek bozlap
Eng zulmet kéchide késel bop yalghuz
Yatsun u, héch kishi kelmisun yoqlap...
Belkim u shu chaghda esleydu méni,
Ah, shunche dehshetlik söyimen uni!...
«tengritagh» zhornilining 2004–yilliq 5-sani(45-bet)
************************
Sayrar ten qepiside jennet qushliri
Sayrar ten qepiside jennet qushliri
Nale qip menggülük hijran ichide.
Muhebbet naxshida yürer qan qusup,
Yashaydu qiz bala yérim kéchide.
Güller échilghan, qushlar sayrighan
Yarning ténide ölümning yoli...
Naxsham tosattin qan'gha boyaldi
Tégip köksümge yarimning qoli
«tengritagh» zhornilining 2004–yilliq 5-sani(45-bet)
************************
تولۇق ئوقۇش
sehipe:
Ghojimuhemmed muhemmed
2009年3月31日星期二
Ghojimuhemmed muhemmed shé'irliri(2)
Ghojimuhemmed muhemmed shé'irliri(2)
Munderije:
************************
Qoshtaghdiki shenbe bazar
Men bu shé'irimni sen üchün yazdim
Térek uxlar yapraqlar ara
Baharning qanatliq perishtiliri
Hangga térek
Bir teqwa musulman bolup qalghum bar
Tarix
Yitim bala naxshisi
Tonur béshidiki ana
Yamghurdiki yangaq derixi
Qaytip kelgin qushlar bilen köklemde
Uyghur qizi
************************
Qoshtaghdiki shenbe bazar
San-sanaqsiz harwilar kirdi
Chang-tozanlar kötürüldi
Qiqas-chuqan pelekke yetti
Shundaq dehshet jeng boldi.
Kim bilen kim soqushti?
Hichkim bilmidi.
Jeng qilmighan adem qalmidi,
Hichkim ölmidi.
Ikki yigit üstibéshi qan
Qan ichide erkekler chendan.
Mushtliship ketti telpek kiygenler
Telpekliri domilap yerde
Eske saldi üzülgen bashni,
Küldi qizil saqalliq xaqan.
Oquwitip meddah jengname
Kerbalagha kelgende
Chömdi bazar chongqur matemge.
Birdin
Qaqaqlap külüp ghaljir etirgül
Séliwetti kiyimlirini
Kirdi yene ölüm ayemge.
Bazarda hijran
Shadliq kiyim, derd anga pinhan
Otughat taqap xanish ayjamal#
Izdep yürer padishasini.
Qimar oynar bilyartxanda
Ah, xelqim dep uyghur sha'iri.
Bir baturning erwahi
Kézip yürer körünmey közge.
Bir ölümning izahi
Qéchip yürer kirmey hich sözge...
Qoshtaghdiki senbe bazarda.
-----------------
#ayjamal- qoshtagh saranglirining biri
2004-yil iyun. Qoshtagh.
************************
Men bu shé'irimni sen üchün yazdim
Men bu shé'irimni sen üchün yazdim,
Shé'irdiki otluq muhebbet
Jimjit qelbingni illitsun dédim!
Sen bu shé'irimni oquwatqanda
Yüriking ketse oynap,
Bilgin, turghanmen séni quchaqlap
Shérin tuyghular chirmisa séni.
Bilgin chachliringni turghanmen silap.
Men bu shé'irimni sen üchün yazdim
Oqupla untup ket.
Belkim mushu shé'ir bilen teng
Axirlishidu muhebbet.
Belkim
Men bu shé'irimni sen üchün yazdim!
Menbe: «tarim» zhornilining 2008-yilliq11-sani.
************************
Térek uxlar yapraqlar ara
Tonush asman, xush puraq zémin,
Dilber közi oychan bulaqlar.
Qismet hidi, bihosh hemme jan,
Qarangghuni yirtqan chiraghlar.
Gülxan yanar égizliklerde
Ot be'eyni yégane sha'ir.
Yiraq yerde birqiz kütidu,
Ih, shu yerge mangdim men hazir...
Menbe: «tarim» zhornilining 2008-yilliq11-sani.
************************
Baharning qanatliq perishtiliri
Qarlighach aq pokan bolimen dédi,
Tallar chokan bolimen dédi.
Yingnaghuch qaniti nurgha chiliship,
Qushqachlar közümning éqini yédi.
Kakkukning ünide ulghayghan derya,
Quyuldi könglümning kerbalasigha.
Köksümde sewdasi késilgen keklik
Sayridi qarap öz tagh-dalasigha...
Bilimen, menmu bir perishte esli,
Qanitim bolmighach shé'ir yazimen.
Rengmu-reng güllerni tizip bahardin
Yarimning yénigha kétip barimen.
Menbe: «tarim» zhornilining 2008-yilliq11-sani.
************************
Hangga térek
Jénim oghlum körelmeysen emdi sen,
Sheherdiki tilsimattin bashqini.
Körelmeysen jigdilerge yamiship,
Mejnuntalni mejnun qilghan naxshini.
Yézidiki meghrur hangga térekler
Qaraslaytti aygha qoshaq qatqanda.
Oyghinatti chalma étip ögzige
Sewda köklem juwisini qaqqanda.
Asman yighlap choruqumni kül qilghan
Qizgha bersem tézeklerni gül qilghan.
Höpüp mollam bergen sawaqni
Qizilgülning chiwiqida höl qilghan.
Yar harwisi ghichirlisa yariyar
Kona tamlar telpek étip qoghlighan.
Baliliqqa xosh dégende burutum
Bédilikler qol tutushup yighlighan...
Jénim oghlum mashinilar tonumas
Yézilarni séghin'ghan shu yürekni.
Baliliqni séghin'ghan sen egerde
Eske alghin boyumdiki térekni.
Menbe: «tarim» zhornilining 2008-yilliq11-sani.
************************
Bir teqwa musulman bolup qalghum bar
Bir teqwa musulman bolup qalghum bar,
Qelbimde gunahning nurliri chaqnar
Radi'o élanlirigha anglighanda ger-
Goya bu yerdiki pütkül ademler
Jinsiy késelge bolghan giriptar.
Kepsiz dériziler olturup tamda,
Tükürer sheherning kuchilirigha.
Bir-biri bilen besliship taza,
Kichik botkilarda yighlar muzika.
Wez éytar ach qursaq wijdanliq adem,
Waraqlap sarghiyip ketken qelbini.
Seyle qip yürer biryash sarang shair
Ching yumuwélip ikki közini..
«qizilsu géziti»din
************************
Tarix
Waraqlidim ten gülxanlirini
Quyash muzlap yatqan asmanni kördüm
Waraqlidim chöl barxanlirini
Yiltizi sarghiyip ketken imanni kördüm
Waraqlidim roh isyanlirini
Meshrep dargha ésilghan jeryanni kördüm.
Sheher sehralardin ketti yiraqlap,
Tashlar sayda yatar yéling, yanchilap,
Deryalar aqar ünsiz, qirghaq qaghjirap...
Bir siqim topini alsam qolumgha
Wetinim yuyuniwitiptu kindik qénimda.
Bir chimdim qumni alsam qolumgha
Atlar kishnep ketti shu'an jénimda.
Échip köksümni
Ötme–töshük bop ketken qalqanni kördüm.
Élip qalqanni
Xuda uxlap yatqan aywanni kördüm.
Sheherde yashaymen
Derya–köllerni öyümge bashlap
Derexlerni shéshige qachilap yeymen.
On qewet binaning pelempiyide
Qarap sediqe tilewatqan ikki ademge
Uyghur chölide
Tögisige minelmeywatqan karwanni kördüm.
************************
Yitim bala naxshisi
Ata désem taghlar mungluq yighlaydu,
Ana désem baghlar xazan tashlaydu.
Ténim patqan bu dunyagha ne üchün,
Méning kichik, ghérib jénim patmaydu.
Atammidu méning tilsiz chümüle?
Anammidu baghlardiki qizil gül?
Köz yéshimning marjanliri chéchilsa.
Yoqmidi ah , tizip qoyar bir köngül?
Dunya manga ata berse ném bular?
Dunya manga ana berse ném bular?
«balam!» dése silap bir kim béshimni,
Quchiqida ölüp ketsem ném bolar?!
************************
Tonur béshidiki ana
Tonurning béshida olturar ana,
Qipqizil yalqun'gha mengzini yéqip.
Yilandek tolghinip köyer chachliri,
Köyer kirpiki, qéshi ... Ülghiyip.
Ay yümilaq, yaqqili bolmas,
Yégili bolmas, quyash yümilaq ...
Al balam, ye! dédi, sowup qalmisun,
Özi ach, közümge telmürüp qarap.
Nan yümilaq, jan yümilaq,
Tonur yümilaq, jahan yümilaq.
Dozaq shunchilik bolsa, tügidi,
Tügidi gonahi ot bilen yashap.
Menbe: «shinjang ayalliri» zhurnili.
************************
Yamghurdiki yangaq derixi
Erwahlar at chapturup öter lip-lip
Jinlar usul oynar dap chéliship.
Erge qélich weten, weten ayal,
Ayal.
Yalingach bolghanda andin ayal.
Er yalingach bolsa,
Kiyim kiyer andin ayal.
Qurisa erning közidiki yash,
Emin tapar qandin ayal...
Gugumda yamghur bilen shir-shir shamal,
Kirdi qonaqliqqa pichirliship.
Qonaqliqta bir yigane yangaq derixi,
Turar meyuskine qulaq yéqip.
Erdiki jinayette yer yüksektur,
Yerdiki seltenette er yüksektür...
Shildirlap ketti qonaq yapraqliri
Qaplidi töt etrapni ayal hidi
Taraqlap ketti erning sawutliri
Échildi türmilerning ishikliri
Goyaki hayajan'gha chömülüp öldi
Hörlükte milyun erwah, milyun ayal.
Bir esir kaltek bilen qaqqan yangaq
Bir esir tashlar bilen chaqqan yangaq
Bir esir miltiq bilen atqan yangaq
Bir esir öz-özini satqan yangaq
Pichirliship kelse yamghur bilen shamal
Qilalmay shirin arman, chüshke amal
Bir esir jeset ara yatqan yangaq.
Yiqilmay, qurup qalmay qar, judunda
Besh yüz yil yerge iman iytqan yangaq
Chiqip ketti qonaqliqtin yamghur, shamal
Xenjerdek ghilap ichre mökündi er
Qebridek haza échip yükündi yer
Qaldi ghérib yangaq titrep ghal-ghal...
************************
Qaytip kelgin qushlar bilen köklemde
Sensiz méning künlirimde mena yoq,
Sensiz méning tünlirimde liq hijran.
Sensiz méning chüshlirimde jula yoq,
Sensiz méning küylirimde zimistan.
Sensiz éytqan naxshilirim hesretlik,
Sensiz sürgen xiyallirim bayawan.
Mangay disem sensiz yol yoq ziminda,
Uchay disem manga sensiz yoq asman.
Qaytip kelgin qushlar bilen köklemde,
Qaytip kelgin qizil güldek baharda.
Kelgin meyli yamghur bolup kechküzde,
Simayingni körey meyli aq qarda.
Qaytip kelgin naxshilardin, shé'irdin,
Körey séni ri'alliqta bir qétim.
Bilmeptimen, sen ikensen eslide
Söygü üchün soqup turghan yürikim.
************************
Uyghur qizi
Chachliring darigha ésilay digen,
Kirpiking oqida öley digen hem.
Nazlansang jénimni qolumgha élip
Hurra dep jenglerge yügürey digen.
Bulaqning boyida qaptu ay yalghuz,
Léwingdin tökülüp kétiptu sharab.
Téningni dutar qilip chalay dégen ah,
Kétiptu quchqachlar nawasi uzap.
Bir qizil mashina ip qachti séni,
Qoghlidim keyningdin yételmidim hich.
Qaytip kel ey méning güzel ölümim,
Köksümde
Qalmisun yash töküp makansiz qilich!
2005-yil iyun. Guma
************************
تولۇق ئوقۇش
sehipe:
Ghojimuhemmed muhemmed
Ghojimuhemmed muhemmed shé'irliri(1)
Ghojimuhemmed muhemmed shé'irliri(1)
munderije:
*************************
Chong bolmaydu yultuzlar hergiz
Qolini kötürdi kocha taxtisi
Xoten
Batur rozi
May
Qanighan qan
Waz kéchish
Erning ippiti
Bu esebiy bir nale
Tün yérim
Rezil aptap
Manga zulum salghan ikki söz bar
Birdem uxla
*************************
Chong bolmaydu yultuzlar hergiz
Chong bolmaydu yultuzlar hergiz,
Sha'irmu hem chong bolmas esla.
Ulughluqni tangar anga kim,
Ulugh adem bolidu tenha.
Kiler uning derexler bilen
Güller bilen qurt-qongghuz bilen
Oynighusi shad chuqan ara.
Likin anga bermes erkini
Baliliqtin tan'ghan bu dunya.
Jeng qilar u hayajan bilen
Qanlar kéchip shé'irlirida.
Wetinini tapar qan ichre
Likin zinhar bolmas padishah.
Ah, erk! dep warqirar yene
Chuqan sélip orda aldida.
Chong bolmaydu, balidur chünki,
Sha'ir zinhar bolmas padishah.
Söyidu u pütkül ayalni,
Pütkül ayal peqet bir ayal.
Chong bolushni xalaydu peqet
Ashu güzel ayallarni dep,
Likin buni chüshenmes qilche
Ah, rehimsiz, telwe ayallar...
Sadda we pak sha'ir qelbidin
Baliliqtin tan'ghan bu dunya
Barghansiri yiraqlap barar.
*************************
Qolini kötürdi kocha taxtisi
Qolini kötürdi kocha taxtisi
Toxtidi ghingshishtin itning naxshisi.
Toxtidi shé'irlar xushal ölüshtin
Ziriktim toxtimay yalghan külüshtin
Men kétey qayghuluq orman'gha qarap
Xushalliq yüzümge tartilghan niqab
Yirtilsun, bir qitim bolay yalingach...
Sheherni qul qildi pul bilen ayal
Shé'irni gül qildi chöl bilen shamal.
Atlarning yaylini tarighan qollar
Qizlarning chéchida titridi ghal-ghal.
Chéqilip baqmighan eynek qalmidi
Mashina güllerni ötti basturup.
Kitablar bir döwe chirigen songek,
Balilar mükcheydi qirimay turup.
Yandi kikechlep qizil chiraghlar
Toxtidi qanashtin bir issiq yürek.
Ayallar yultuzluq kéchidur esli,
Erlerrning ezeldin padishasi yoq.
Sen üchün derd chékip jénim qara köz
Bopkettim alemde eng meshhur benggi.
Yatsangmu nazlinip janu-ténimde
Béshingni silashqa qolum yetmidi.
Közüngni achqina men ölüp kétey
Ölgiche men séni bir körüp kétey.
Qelender öyümdin qayitti quruq qul
Xaqanlar bosugham aldida jul-jul.
Échildi qan ichre qipqizil güller
Yighlaydu qan ichre bir gacha bulbul.
Közüngni achqina bir körüp kétey
Xudaning aldigha men külüp kétey!...
*************************
Xoten
Tandi sudin yalingach erwah
Tandi ottin kirleshken gunah.
Qumluqlarda oruq kimiya
Bir tal giyah chölge panah.
Dap gümbürler yerning tektide
Chapar kishnep asmanda tulpar.
Mashinilar kiler piyade
Yéngi güzel menzilge qarap
Qatar-qatar.
Tökülidu boran kirpiki
Yézilidu sanaqsiz shé'ir.
Tughulghandin tartip bir déhqan ,
Bir közidin aqar riwayet
Bir közide chekcheygen hazir!
Batur rozi
(mersiyename)
Zulmetlik yoqluqqa töküp nur-ziya
Hayatning shamini yandurghan ölüm.
U dunya, bu dunya esli bir dunya,
Dunyani dunyagha qandurghan ölüm.
Wetensiz qush idi, ketti asmandin,
Qutuldi qan éqip turghan wijdandin.
Chiqti u kiyimdin, kirdi kipen'ge.
Qutuldi külpetlik tendin we jandin.
Qolumni du'adin chüshürey emdi,
Turay hem her minut ölümge teyyar.
Sha'irni öz xelqi öltürer, andin
Yash töker menggülük bilip iptixar.
*************************
May
Bu qaqas künlerde men hichkim emes,
Yénimda bir derya aqar susirap.
Qolumda dutar qiz, qarni yérilghan
Tilimda bir naxsha öler chirqirap.
Yollarning boyida oq tegken tirek,
Ay yighlap olturar tupraq béshida.
Kélidu riwayet aq atqa ménip
Boyalghan üstibéshi qipqizil qan'gha.
Mashina neqeder yiqimsiz adem,
Adem neqeder ajiz mashina.
Erlerning pahishe bopketken qelbi...
Ayallar telpüner bala-qazagha.
Qizlarni eynekler yeyitti sundurup,
Erlerni parchilap yeyitti xizmet, pul...
Tuyuqsiz chiqip men tirem ichidin
Qachtim eng xilwet bir öngkürge udul.
*************************
Qanighan qan
Jénim hayatqa éytti erzan
Namazgha olturdi depterdiki qan .
Kündüzler qul bulup ketti quyashqa
Dunya éziqip yürer kitabta
Betlidim üzümni rezil hayatqa
Sewdayi ashiqmen ülüp qanmighan !
Kelmemsen ?
Ey chéchi chuwulghan shermende xiyal
Tinide üchbulung tünglük bar ayal
Yultuzning nurida ölük yughuchi
Könglide héchkim yoq diwane shamal ....
Men hazir ot ketken suning ichide .
Toghraqta héchnime qalmidi deydu
Kök böre yol bashlap kelmeydu deydu .
Barxanlar astidin chöchüp qopimen
Izlirim tektide atlar kishineydu
Mashina jaranglap tughulup turar
Qizil gül ölidu qizil seherde .
Erler exlaqsiz yashiyalmaydu
Ishtan kéymigen ayal sheherde .
Kelmemsen?
Men hazir qilichtek boldum yalingach
Men hazir yaghachtek qurudum sanga .
Ey ishtan béghini yüttürüwetken qiz
Ey közi téshilgen qarangghu meshuq .
Ey léwi déngizdek dolqunluq qumluq
Ey mendek ach qalghan muqeddes taghlar
Ey mendek yarigha qanmighan baghlar
Kelmemsen
Warqirap tashlaymen birdemdin kiyin
Shé'ir qeghezge kiriwalidu
Hayajan
Qeghezge patmaydu, öliwalidu
Qalidu payansiz judaliq, héjran....
*************************
Waz kéchish
Men bügün chirayliq bézep boyumni,
Söyimen tunji ret körgen ayalni.
Andin men bolimen wehshiy bir qatil,
Öltürüp tashlaymen qelbimde uni.
Arilap eng peskesh kochilar ara
Towlaymen «mana bu bizning sheher» dep.
Mesxire qilimen medeniyetni,
Qusuqlar ichidin chiqip ömilep.
Sen kim? Dep sorisa, deymen bash chayqap:
Men budem héch kishi, yoq men héch yerde
Ghuji... U ismidur yash bir azabning,
U öldi, xatirjem yatqay göride!
*************************
Erning ippiti
Külse lewliride güller échilar
Yighlisa közliridin ünche chéchilar
Mangsa ayighidin tilla töküler
Nedisen méning güzel melikem?
Xoten deshtide men piyade
Hasam upridi quyash közide.
Olturup eng égiz binaning pelempiyide
Taksidin chüshüwatqan, ishtan kiymigen
Qizlar ichide
Séni barmikin dep qarap qalimen.
Qattiq haqarettin yüzlirim chim - chim
Ana göshi satmaqta bir kim
Sen téxi qandin qorqidighanliqingni bilmeytting.
Derex shéxidiki hijrankar kakkuk
Méning sanga changqashlirimni chüshiner belkim.
Sen bilmeysen, bu yerde
Ur toqmaq esebiyliship öz igisini öltürüp qoydi.
Échil dastixan échiliwérip qurutiwetti étizdiki axirqi danni.
Sangqang ishikim oghrilandi, tenggilerning sharaqlashliridin
Kéler uning tayaq azabida hangrighan üni.
Chüshüp asmandin yaghach atqa min'gen shahzade
Sétiwetti achliqtin étini otun bazirida.
Padichi tazning melikining so'allirigha jawab izdep
Turghinini kördüm kitabxanida
Perhad on yil teshti biton emes shérin téghini,
Ghérib palandi chölge emes senemning müshkül muhebbitige.
Tahir aqti deryada emes zöhrening köz yashlirida
Chüshenmeydu buni menggü ashiqtin özge.
Sen nede qedimdinmu yiraq bir yerde
Derex kawikida méni saqlap turamsen?
Asman, déngiz, tagh
Tughulamdu üch oghlum qayta?...
Ularni sen tughup béremsen?!...
Men oruq, ach
Men sanga xumar
Erler ippitini yoqatqili boldi yüz yillar.
Radi'o jinsiy késel toghruluq bermekte élan
Erlerni chöchütkini élan emes
Qerz süylewatqan telwe ayallar.
Weten
Erning ippiti.
Weten
Erning yatlashqan étiqadida
Suslashqan imanida
Datlashqan pichiqida
Changqap yatqan bir siqim tupraq
Qan'gha, wijdan'gha.
Qorqup kettim
Ümidsizlikning yürikimni lexte - lexte qilip uhsinishidin
Ayal köz yéshining mushtumlirini tügüshidin
Ishtan béghigha qol uzatqanda
Pütmes qerzlerning eseblirimni boshitishidin.
Ah, méning güzel melikem
Külmey, yighlimay, mangmay méni saqlap turamsen
Uyghur xelq chöchekliride.
*************************
Bu esebiy bir nale
Jimjit axsham zulmitide kiyindim
Rezillikke chongqur chöküp izdep abi hayatni.
Ata menggü mungluq yighlar, ata izder irade,
Kördüm bowaq chüshliridin sansiz yumran qanatni.
Erler yasar jinaza
Böshük bilen teng tewrinip uxlimaqta ayallar.
Ahu qandaq jan tapshurghan seyyadqa
Qéni böre oshuqi?
Qimarwazning tawkasida sekrep yürer biqarar.
Sim - sim gugum térek uchidin sekrep chüsher aq öchke
Ottin qéchip ademlerge kirer jinlar patparaq.
Yalghan sözning rastliqini ispatlashqa chare köp,
Eyler köz yash ré'alliqni yirginishlik we patqaq.
Maymun kishi ussul oynar xushal - xuram qamchigha,
Töge kéler merdane hem qotur éshekning keynide.
Könglek salar ay ichide epsane qiz nazlinip
Milyon ashiq qurup öler nési lezzet ewjide.
Muhebbetning reswaliqi shunche ayan bolsimu
Qesemlerdek qattiq qandin qachar xiyal yolwastek.
Kona ayal yamar jul - jul yirtilghan shu könglini
Qara qaghining medhiyiside qaqaqlap échiliwatqan taz güldek.
Kündin - kün'ge égizlimekte bina kebi jinayet,
Tüzlenmekte jan döngliri zenjir tapan astida.
Bir kishidin bashqa héchkim yoq
Bir kishige tolup ketken cheksiz dunyada.
Kéler kimning atqa min'güsi
Kéler kimning nezme anglap suyuqlan'ghusi.
Ölük adem kötürmeydu tiriklerning jinazisini,
Kéler kimning jeynamazda warqirimighusi.
Bu esebiy bir nale
Bu köngüldin su ichelmey chiqilghan tash piyale.
Tang atidu gherb qizarsa,
Köz tikermen sherqke
*************************
Tün yérim
Ichimdiki awaz
Oxshaydu kichik balining yighlighan awazigha
...
Bala
Anisi bilen bazargha bérip
Anisini qoydi yoqitip.
Sansiz natonush ademler ichide
Ésilidu kimning péshige?
Dane- dane marjan yéshini
Tökidu kimning itikige?!...
Nitey,
Dunya köz yéshini tonumaydu
Tanglar ajizlar üchün yorumaydu.
Bala
Ishik chékip qildi xata,
Hayatta birla ishik bar
Ikkinchi ishik yoq, échilmaydu.
Bala
Quyashqa qol sozup qildi xata .
Köyüp köseyge aylan'ghan
Quyashqa sozulghan sanaqsz qollar.
Bala
« yéril téshim» dep qildi xata.
Sayda birmu bikar tash qalmighan,
Herbir tashning ichide
Bardur birdin yitim bala...
Tün yirim,
Ichimdiki awaz toxtimaydu
Bala tang atquche uxlimaydu.
2008- yil 18- yanwar. Xoten
*************************
Rezil aptap
Qolumni sozimen mashinilargha ,
Binalar beheywet, égiz , aldan'ghan.
Putlirim almiship kétidu gahi,
Tapalmay qalimen , qeyerde asman ?
Héchkishi chüshenmes, ölüm-mewjutluq,
Héchkishi ishenmes, yoqilar hayat.
Ach qalghan adem u yalghuz men emes,
Héchkishi jennetke bérelmes ispat...
Tuyuqsiz eynekke qaldim duch kélip
Saqalliq perishte yaki bir bala.
Turatti uningki ghemkin közide
U dunya, bu dunya bolup bir dunya.
*************************
Manga zulum salghan ikki söz bar
Manga zulum salghan ikki söz bar,
Biri muhebbet, biri ölüm.
Eng büyük qazi kebi yekke-yekke
Ularning qolididur barche höküm.
Méni öltürmekchi bir tal gül bar,
Sanjilghan tikenliri yürikimge.
Uning purqidin mestmen biraq,
U méning shé'irlirim, shé'irlirim...
Bir yol bar yürgen méni iziqturup,
U méning xiyalimdur ayighi yoq.
Ewliya bolghinimgha püttüm axir,
Unda men yalghuz yürüp, yalghuz yürüp...
Mangdim chin insanliqqa qarap axir,
Ey tengrim yolni manga yiraq etme.
Ikki mo yérim bolsa, déhqan bolsam
Bir iriq suni undin yiraq etme.
Ger oghri bolsam tünni qarangghu qil,
Qaraqchi bolsam taghni yiraq etme.
Ger tirik yürsem ölüm hemrah bolsun,
Ölgende tiriklerdin yiraq etme!...
Men séni qandaq körey, qandaq söyey
Ey tengrim, insanliqqa yetmey turup?!
*************************
Birdem uxla
Birdem yürikingning yénida olturdum
Birdem lewliringge telmürdüm deryaning yene bir teripidiki qirghaqtek
Chachliring yastuqqa yéyilghan taram - taram
Birdem
Barmaqliring arisida aldim aram...
Uxla, uxla
Közüngni achma
Séni qoghdar kirpikingdiki qarawullar
We mengzingdiki chaqnap turghan bir tamche yash...
Meydeng oyghanmasta neqeder yenggil
Téningge chongqurlap kirgen bir qatil
Közüngni achma, asman yéqilar
Qéchip kéter chüshüngdiki
Chöchüp ketken bughilar...
Uxla, yiningda azab - oqibet
Jarahet basqan ghérib yürek
Séni söyüshtin qorqidighan késel it
Ölüp qalar, közüngni achma!
Yéngi bir ölümni eslidim
Quchiqingda gül purawitip...
Eyneklerning chongqurluqi sende toxtidi
Sheherdiki barliq mashinilar qichip ketti
Güller bir minut yighlidi
Biz söyiship turup sepirimizni dawamlashturduq
Aldimizgha ikki qelender uchridi
Biri zaman, biri alem
Quyash köyüp öldi, dédi...
Tagh arqisidiki quyashning ot ketken kepiside
Mükchiyip olturghan yene bir tagh
Taghning her bir téshi
Ashiq- meshuqning köz yéshi idi...
Biz ottin bir qaqlam alduq
Xada quyun ichide qalduq
Jinlar bilen sama salduq...
Perizatning ismi yoq idi,
Tütün idi közidiki
Séwining jismi yoq idi...
Qéchip chiqqan jennettin
Ap'aq saqalliq bir qéri erwah
Dozax azabini qilatti bayan.
U méni chaqirdi
Ey ashiq,
Muhebbetning dozixidin
Jennitige yetküche
Otni öchürüp qoyma,
Qelbingdiki dozax otini...
Ölüp qalimen késel ittek
Ya
*************************
تولۇق ئوقۇش
sehipe:
Ghojimuhemmed muhemmed
订阅:
博文 (Atom)



