显示标签为“Yüsüpjan yasin”的博文。显示所有博文
显示标签为“Yüsüpjan yasin”的博文。显示所有博文

2009年2月27日星期五

Uyghur medeniyet tarixida totémizm mesilisi

Toluq Teksti



ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا توتېمىزم مەسىلىسى


(بۆرە توتېممۇ ياكى سىمۋولمۇ؟)


يۈسۈپجان ياسىن


تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دىنىي جەمىئىيەت ئەمەس، بەلكى سىياسىي خاراكتېردىكى بىر جەمئىيەت تەشكىل قىلغانلىقى ۋە ئۇلاردا دىن ئادەملىرىنىڭ ئولتۇراقلاشقان مەدەنىيەت(بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان مەدەنىيەت غەرپلىكلەر نەزىرىدىكى كۈلتۈر ئۇقۇمىن كۆرسىتىدۇ-- ئا) تىپىدىكى ئىنسانلاردا، چۆل ۋە ئورمان قەۋملىرىدە كۆرۈلگەننىڭ ئەكسىچە مۇھىم رول ئوينىمىغانلىقى مەلۇم. لېكىن، بۇ ئۇيغۇر قاتارلىق قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەردە بىر ئېتىقاد سىستېمىسىنىڭ بولمىغانلىقىدىن ئىبارەت غەيرى بىر مەنانى چۈشەندۈرمەيدۇ. شۇنى ئېنىق ئېيتىش كىرەككى، ئىنسانىيەتنىڭ دىن تارىخىدا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئېتىقاد ھاياتى ئالاھىدە بىر سەھىپە تەشكىل قىلىدۇ. بۇ مىللەت تۈركىمى ئېتىقاد جەھەتتە غەيرى ۋە باتىل چۈشەنچىلەردىن يىراق تۇرۇپ، ئىنسان روھىنى، قەلبىنى ۋە زوقىنى لەززىگە سالمىغان نەرسىلەرگە قارىتا سېغىنىش ۋە ئۇلۇغلاش تۇيغۇسىدا بولمىغان. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ روھ – مەنىۋىي كۈچ جەھەتتىكى تەپەككۇرى تەڭرى(ياكى روھ)، تەبىئەت ۋە ئىنساندىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلغا مەركەزلىشىپ، تەبىئەتنى مۇقەددەس، تەڭرىنى تابۇ (شەك كەلتۈرۈشكە، تىل تەككۈزۈشكە بولمايدىغان، قەتئىي ئىشىنىشكە تېگىشلىك ئۇلۇغ مەنىۋىي كۈچ دەپ قاراش) ۋە ئىنساننى مەركەز دەپ بىلىدىغان ئېتىقاد سىستېمىسىنى ۋە بۇنىڭغا تايانغان ھوقۇق پەلسەپىسىنى ياراتقان. شۇ سەۋەپلىك، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئېتىقاد سىسىتېمىسى ناھايىتى بۇرۇنلا بىر خۇدالىق دىنگە قاراپ تەرەققىي قىلغان.
قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەسەبىي دىنىي مۇراسىملاردىن، زەرەرلىك ئىبادەتلەردىن، مۇتەئەسسىپلىك ۋە دىنىي مونۇپۇلچىلىقتىن يىراق تۇرۇشى ئۇلارنى مەيلى ئۆز كىشىلىرى ھەققىدە بولسۇن، ياكى باشقا مىللەتلەر ھەققىدە بولسۇن، ناھايىتى ئەركىن مۇئامىلە قىلىدىغان مىللەتكە ئايلاندۇرغان. ئەمما، ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان نۇرغۇن تەتقىقات ئەسەرلىرىدە 19- ۋە 20 – ئەسىرلەردە مەيدانغا كەلگەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد تارىخىنى ئوخشاش بىر مېتود ياكى قېلىپ بويىچە تەتقىق قىلىدىغان خائىش ئومۇملىشىپ قالغانلىقتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد تارىخى ئەسلى ماھىيىتى بىلەن نامايەن بولالمىدى. ھەتتا نۇرغۇن يات نەرسىلەر بۇ مىللەت تۈركۈمىنىڭ ئېتىقاد تارىخىغا زورلاپ تېڭىپ قويۇلدى. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد تارىخىدىن سۆز ئېچىلغاندا، ئەلبەتتە بۇ مەسىلىلەرنى ئېنىق ئايرىپ چىقىش كىرەك. مەلۇمكى، بىر مىللەتنىڭ ئېتىقاد تارىخىنىڭ پاكلاندۇرۇلىشى باشقىلار تەرىپىدىن زەھەرلەنگەن مىڭە ۋە بۇلغانغان قەلبنىڭ پاكىز تازلانغىنىغا ئوخشاش، ئىنسان ۋۇجۇدىغا يېڭى روھ ۋە يېڭى ئەقىل بېغىشلايدۇ. مەدەنىيەت تارىخىمىزغا مال قىلىنىۋاتقان توتېمىزم مەسىلىسىمۇ دەل بىزنىڭ جىددى مۇئامىلە قىلىدىغان ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىز بىلەن بولغان چەك-- چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ چىقىشقا تېگىشلىك مۇھىم تېمىلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. مەزكۈر ماقالىنىڭ مەقسىتىمۇ مۇشۇ نوقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتۇر.
توتېم -- ئەڭ ئىپتىدائىي ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىدىن بىرى. توتېمىزمدا ياكى توتېم ئېتىقاتىدا بىر ئائىلىنىڭ ياكى بىر ئۇرۇقنىڭ دىنىي ۋە سېھرىي جەھەتتىن تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەلۇم بىر ھايۋان، ئۆسۈملۈك ياكى تەبىئەت ھادىسلىرى، ھەتتا ئۇششاق-- چۈششەك نەرسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەجدات دەپ قارىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەقدىر بىرلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىتىراپ قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق توتېم دەپ قارالغان ئاشۇ ئەپسانىۋىي ئەجداتلارنى قوغدىغۇچى ئىلاھ دەپ قاراپ چوقىنىدۇ . دېمەك، تېتېم بىر ئائىلە -- كلان(ئۇرۇغ)دىنىدىن ئىبارەت. (1)
ھازىر دىن تەتقىقاتىدا قوللىنىلىۋاتقان «توتېم» سۆزى شىمالىي ئامېرىكىدىكى ھىندىئانلارنىڭ ئالگونكى قەبىلىسىنىڭ تىلىدا«ئوتوتېمان»(ئوتو -- ئۇرۇق، قەبىلە دېگەنلىكتۇر) شەكلىدە بولۇپ، «مىنىڭ ئۇرۇغىم، قەبىلەم» دېگەن مەنىنى بىرىدۇ. تۇنجى بولۇپ 1791- يىلى جون لۇڭنىڭ ئەسىرىدە توتېمنىڭ ھىندىئانلار ئارىسىدا بارلىقىدىن سۆز ئېچىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋسترالىيە ۋە ئوكيانىيىدىكى ئىپتىدائىي توپلار ئارىسىدىمۇ بارلىقىنى گرېي 1841- يىلى ئىلان قىلىنغان ئەسىرىدە بىلدۈرگەنىدى. ئىنسانلار توتېمغا ھەم كىشى ھەم ئۇرۇغ توپى سۈپىتىدە بەلگىلىك بىر سېھرىي ۋە مىستىك بىر چۈشەنچە ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇرۇغ ئۆزىنى ئاشۇ توتېمنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. ئەگەر توتېم بىر جانلىق نەرسە(ھايۋان) بولسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈش ياكى گۆشىنى يىگىلى بولىدىغان جىنىستىن بولسا ئۇنى يىيىش قەتئىي چەكلىنىدۇ. لېكىن، بەزى مەخسۇس مۇراسىملاردا توتېم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ھايۋان بوغۇزلىنىپ گۆشى يىيىلىدۇ. توتېمغا ئىشىنىدىغان ھەر شەخسنىڭ بەزىدە ئۆزىگە خاس بىر توتېمى بولىدۇ. بۇنىڭغىمۇ ئوخشاشلا قوغدىغۇچى روھ ۋە قوغدىغۇچى ھايۋان شەكىدە ئىشىنىدۇ. بولۇپمۇ بۇلار ئۆزلىرى بىلەن ئاشۇ توتېم ئوتتۇرىسىدا بىر ئالاقە ئورنىتىش مەقسىتىدە توتېمنىڭ ئوبرازىنى بەدىنىگە سىزىۋېلىشنى ئادەت قىلىۋالغان. توتېم شەكلى يەنە نەرسە --كىرەكلەر، چېدىر ۋە ئۆي ئىچىگىمۇ ئىشلەنگەن. ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان توتېملار ئىچىدە ھىندىئانلارنىڭ ئوژىبۋا قەبىلىسىكى ئېيىق، ئاق تىرەك، بىلىق، تاشپاقا، بۆرە ۋە سۇ كالىسىنى، ئالگونكى قەبىلىسىدىكى ئېيىق، بىلىق، بۇغا، كۈركە توخۇ، بۈركۈت، تۈلكە، ئاۋسترالىيىدە كەرتەنكەلە(پاقا، يىلان، تىمساھ قاتارلىق ھايۋانلار تۈرى)، ئافرىقىدا يولۋاس، ئىت، كالا، قىزىل توپراق، زەيتۇن دەرىخى، ھىندىستاندا تۈرلۈك مەدەنلەر ۋە دەرەخلەر، تۇز، يولۋاس، بۆرە، قۇندۇز، پولىنېزىيىدە ھەرخىل ھايۋانلار، تاش ۋە بەزى ئادەملەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.(2)
خېلىدىن بېرى توتېم ھەققىدە ئەستائىدىل ۋە ئىشەنچىلىك تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلماي تۇرۇپ تۈركىي مىللەتلەردە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا توتېم ئېتىقادىنىڭ بولغانلىقى(مەنمۇ ئىلگىرى شۇنداق تۇنۇشتا بولغان) تەكىتلىنىپ كەلدى ۋە بۆرە ، ئات، بۇغا، بۈركۈت، كەپتەر ۋە قوي قاتارلىقلار بۇلارنىڭ توتېمى قىلىپ كۆرسىتىلدى. بولۇپمۇ «بۆرە توتېمى» ھەققىدىكى قاراشلار ناھايىتى كەڭ يېيىلدى.

قىسقىچە بىر خۇلاسىلايدىغان بولساق، بۇ قاراش تۈۋەندىكىدەك دەلىللەرگە تايانغان:
1- تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بۆرىنى ئەجدات دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسىتىشى؛
2- راشىدىننىڭ «جامىئۈتتەۋارىخ» دېگەن ئەسىرىدە ئوغۇزلارنىڭ 24 قەبىلىسدىن سۆز ئېچىلغاندا، ھەر تۆت قەبىلە ئۈچۈن بىر قۇشنىڭ ئونگۇن (بۇ موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، تۈركچىدىكى تەلەي— بەخت مەنىسىدىكى ئوڭ سۆزىدىن ياسىلىپ ، توتېم مەنىسىدە كەلگەن) سۈپىتىدە بىلدۈرلىشى؛
3- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا 19- ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يېرىمىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا توتېمىزمدىكى شۇرىنگانى ئەسلىتىدىغان بۇت— فېتىشلارنىڭ (ئالتايلىقلاردىكى تۆز، ياقۇتلاردىكى تانگارا قاتارلىقلار) بايقىلىشى؛

لېكىن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەرەپلەرنى ئۇيغۇر قاتارلىق قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەردە توتېمىزمنىڭ بولغانلىقىغا دائىر ھەقىقىي دەلىللەر سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش تەس. ھەقىقەتەن، تۈرك داستانلىرىدا بۆرە )كۆك بۆرە( تۈرك نەسلىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرغان بىر ئاتا (ياكى ئانا) سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. كۆكتۈرك داستانىدا دۈشمەن تەرىپىدىن پۇت ۋە قولى كىسىپ تاشلانغان بىر بوۋاقنىڭ بۆرە تەرىپىدىن قۇتقۇزىلىشى ۋە ئاشۇ بۆرىنىڭ تۈرك نەسلىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. شۇڭا، كۆكتۈركلەر بۆرىنى ئەجدات سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ بىر مەلىكىسى بىلەن بىر بۆرىنىڭ قوشۇلىشىدىن تۆرەلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ. ئەجىبا بۆرىگە كۆرسىتىلگەن ھۆرمەت ئۇنىڭ توتېم ئىكەنلىكى ۋە تۈركىي مىللەتلەردە توتېم ئېتىقادىنىڭ بولغانلىقىدىن دېرەك بىرەمدۇ؟ ل. گومىليېف « ئۇيغۇرلار ۋە ئاچىنا(ئاسىنا) سارىيىدىكىلەرنىڭ (كۆكتۈركلەرنى دېمەكچى— ئا) تولۇق بىر توتېمىست ئىكەنلىكىنى ئېيتىش خېلىلا ئېھتىيات قىلىدىغان مەسىلە. چۈنكى تارىخىي مەنبەلەردە ئۇلارنىڭ بۆرىگە قارىتا خاراكتېرىستىك بىر پوزىتسىيىدە بولغانلىقىدىن سۆز ئېچىلمايدۇ.» (3) دەپ كۆرسىتىدۇ.
مەلۇمكى، توتېمىزم يالغۇز بىر ھايۋاننى ئەجدات دەپ تۇنۇشتىنلا ئىبارەت ئەمەس. ئۇنىڭ بىر ئېتىقاد سىستېمىسى سۈپىتىدە ئىجتىمائىي ۋە ھوقۇقىي بەلگىلىرىمۇ بولىدۇ. توتېمىزم سىستېمىسىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن بۇ شەرتلەر تولۇق ھازىرلانغان بولىشى كىرەك. ئىپتىدائىي ئىنسان توپلىرىغا خاس بىر ئېتىقاد سىستېمىسى بولغان توتېمىزمدا ھەر بىر ئۇرۇغ(ئائىلە،كلان)نىڭ بىر ياكى بىر قانچە توتېمى بولىدۇ. ئۇرۇغ ئەزالىرى بۇ توتېم ئۈچۈن دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ ۋە بەلگىلىمىلەر— پەھرىزلەرنى تۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا توتېمىزمنىڭ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىن ئېنىق پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك خاراكتېرىستىك تەرەپلىرى بولىدۇ:
1- ھوقۇق جەھەتتىن توتېمىزمدا «ئانا ھوقۇقى» ئىجرا قىلىنىدۇ. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئائىلىسى «دادا ھوقۇقى» ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان پەدەرىي خاراكتېرگە ئىگە ئىدى. بىر ئۇرۇغ دىنى بولغان توتېمىزمدا مۈلۈك ئورتاقلىقى بولىدۇ، تۈركىي مىللەتلەردە خۇسۇسىي مۈلۈك چوڭ رول ئوينىغان.
2- توتېمىزمدا ئوخشاش بىر توتېمغا مەنسۇپ بولغانلار ئۆزئارا تۇغقان ھېساپلىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ، تۈركىي مىللەتلەردە قانداشلىققا تايانغان.
3- توتېمىزمدىكى ئۇرۇغلار ئىقتىساد جەھەتتىن ئوۋچىلىق ۋە يىغمىچىلىقنى ئاساس قىلغان تەييار ئىقتىسادقا تايانغان. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادى چارۋىچىلىق ۋە دىھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان.
4- توتېمىزمدىكى ئىنسان توپلىرىدا ھەر بىر ئۇرۇغنىڭ ئەجدات دەپ تۇنىيدىغان ئايرىم بىر توتېمى بولىدۇ. تۈركىي مىللەتلەردە بولسا پۈتۈن بىر مىللەت مۇقەددەس ھېساپلايدىغان بىرلا ھايۋان مەۋجۈت ئىدى. توتېمىزمدا يالغۇز ھايۋانلا ئەمەس، بەلكى يەنە بىر تال تاش ۋە يامغۇر سۈيى، ھەتتا ھايۋاننىڭ قۇيرىقى، تىلى، تاپىنى، تۈكىمۇ توتېم ھېساپلىنىدۇ.
بۆرە رىۋايىتىنىڭ بىرلەشتۈرگۈچى بىر خاراكتېرگە ئىگە بولۇشى كلان— ئائىلىلەرنى بىر بىرىدىن ئايرىدىغان ۋە ئۇلارنى بىر بىرىگە قارىمۇ – قارشى قىلىپ قويىدىغان توتېم چۈشەنچىسىگە زىت كىلىدۇ.
5- توتېمىزمدىكى ئۇرۇغلاردا ھەر بىر كىشى توتېمنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. ھالبۇكى تۈركىي مىللەتلەردە ھەر بىر كىشىنىڭ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئايرىم ناملىرى بارئىدى. ئۇلاردا «بۆرە ئاتا» ياشىغان يەر دەپ قوبۇل قىلىنغان غارلاردا بەلگىلىك مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسى بۆرىنىڭ ۋۇجۇدى(تېنى) بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈشى قاراڭغۇ تارىخقا ئايلانغان قەدىمىي بىر خاتېرىنىڭ جانلاندۇرۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
6- توتېمىزمدا ھەر بىر ئۇرۇغ توتېمغا چوقىدۇ . لېكىن، تۈركىي مىللەتلەر بۆرىگە چوقۇنغان ئەمەس.
7- كىشىنىڭ ئالدىغا ئۇچرىغان ھەر قانداق نەرسىنى مۇقەددەسلەشتۈرىدىغان «مانا»(سىرلىق بىر كۈچ-- ئا) چۈشەنچىسى توتېمىزمنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. تۈركىي مىللەتلەردە بۇ چۈشەنچە بولمىغىنىدەك، توتېمىزمدىكى روھنىڭ ئۆلمەسلىكىگە ئىشەنمەيدىغان ئېتىقادقا قارشى ھالدا كائىناتنىمۇ روھلار دۇنياسى سۈپىتىدە بىلگەن قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەردە دىنىي ئېتىقادنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى روھنىڭ مەڭگۈلۈككە ئىگە بولىشى ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئەجداتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىرە بىرىلەتتى ۋە قۇربانلىق قىلىناتتى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۆزلەرمۇ ئەجداتلارنىڭ سىمۋولى ئىدى. ئومۇمەن، تىلشۇناسلىققا ئائىت تەتقىقاتلارمۇ تۈركىي مىلللەتلەردە توتېمىزمنىڭ مەۋجۇت بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى(4). ئەمەلىيەتتىمۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئېتىقاد شەكىللىرى توغرىسىدا ئەڭ ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارنى بىرىدىغان«ئورخۇن ئابىدىلىرى» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا توتېم ھەققىدە ھېچقانداق بىر گەپ – سۆزنىڭ ئۇچرىماسلىقى بۇ مىللەت تۈركىمىدە توتېم چۈشەنچىسىنىڭ يوقلىقىدىن تولۇق بىشارەت بىرىدۇ. « ئوغۇزنامە» داستانىدىكى ئوغۇز قاغانغا يول باشلىغان كۆك بۆرىنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكى، يەنى بۇ بۆرىنىڭ كۆكتىن چۈشكەن نۇرنىڭ ئىچىدىن پەيدا بولغانلىقى ھەققىدىكى بايانلاردىنمۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بۆرە چۈشەنچىسىدە توتېم ئىزناسىنىڭ يوقلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
شۇنى ئىزاھلاپ ئۆتۈش زۆرۈركى، خەنزۇ مەنبەلىرىدە بۈيۈك ھۇن تەڭرىقۇتى باتۇر ئائىلىسىنىڭ «ئەجدەرھا (لۈۋەنت) نەسلى»دەپ ئاتىلىشى ئۇ دەۋرلەردە خەنزۇلار تەرىپىدىن ھۆكۈمدار ئائىلىرىگە كۆپۈنچە ھايۋاننى ئاساس قىلىپ بىر مۇنچە ئەجداتلارنى(شەندۇڭ ئۆلكىسىدە شۈن دەپ ئاتىلىدىغان پىل شەكىللىك تەڭرى، ئەنخۇي ئۆلكىسىدە يۈ دەپ ئاتىلىدىغان توڭگوز شەكىللىك تەڭرى، خۇبېيدە كالا شەكىللىك تەڭرى، باشقا جايلاردا ئېيىق شەكىللىك تەڭرى چۈشەنچىلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ توتېم ئېتىقاتىدىكى ئەجداتلىرى ئىدى.) ئويدۇرۇش ئادىتىنىڭ نەتىجىسى بولسا كىرەك. ئەجدەرھا ئۇلاردا تەبىئەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان تەڭرىلەردىن بىرى بولغانلىقتىن، خۇددى ئىرانلىقلارنىڭ تۇران قەھرىمانى ئالپ ئەرتۇڭانى «ئاپراسىياب»(ئەسلى شەكلى فراڭراسيان بولۇپ، ھىندى— ئىران ئۇرۇش تەڭرىسىنىڭ نامى)دېگىنىگە ئوخشاش، ئەجدەرھانىڭمۇ باتۇرنىڭ ئائىلىسىگە ناھايىتى ئاسانلا تېڭىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە.
يۇقىرىدىكى بايانلارنىڭ كۆرسىتىپ بەرگىنىدەك، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى توتېمىزم ئاساسىدا راۋاجلانغان ئەمەس. توتېمىزم كۆرۈلمىگەن بىر جەمئىيەتتە توتېمنىڭمۇ بولماسلىقى ناھايىتى ئېنىق. توتېمىزم ئۆز ئالدىغا بىر سىستېمىدۇر، توتېممۇ پەقەت ئۇنىڭ بىر پارچىسىدىن ئىبارەت. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا بۆرىنىڭ توتېم سۈپىتىدە ئىتىراپ قىلىنىشى تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن مۇمكىنلىك دائىرىسىدە ئەمەس. ئومۇمەن، توتېمىزم ئىپتىدائىي ئىنسان توپلىرىغا خاس بىر ئېتىقاد سىستېمىسى ھېساپلىنىدۇ. لېكىن، تۈركىي مىللەتلەر بولسا ئىپتىدائىي توپ(توپلۇق— جەمئىيەت) بولۇش خاراكتېرىنى تارىخنىڭ قاراڭغۇ دەۋرلىرىدىلا بېسىپ بولغانىدى. ھۇن ۋە كۆكتۈرك دەۋرىدە ئىلغار بىر جەمئىيەت سەۋىيىسىگە يۈكسىلىپ بولغان. شۇ سەۋەپلىك، بۆرىگە كۆرسىتىلگەن ھۆرمەتنىڭ توتېمىزم بىلەن، بۆرىنىڭمۇ توتېم بىلەن ھىچ بىر مۇناسىۋىتى يوق.
«جامىئۈتتەۋارىخ»(«تارىخلار توپلىمى» دېگەن مەنىدە) دېگەن ئەسەردە ئوغۇزلارنىڭ 24 قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئونگۇن قۇشلىرىنىڭ كۆرسىتىلىشى تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا ئونگۇن يەنى توتېمنىڭ بارلىقىغا دەلىل ھېساپلانمايدۇ.
«جامىئۈتتەۋارىخ» ئىلخانىيلار ۋەزىرى راشىدىننىڭ يىتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن بىر دۇنيا تارىخى. بۇ ئەسەردە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋە موڭغۇللارنىڭ تارىخى راشىدىننىڭ تەھرىرلىشىدىن ئۆتكەن. مىلادى 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان بۇ ئەسەردە موڭغۇل مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ ئىزلىرى كۆرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئىلخانىيلار ئەمدىلا قوبۇل قىلغان ئىسلامىيەتنىڭ تەسىرىمۇ ئەسەردە ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن، بۇ ئەسەر ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن «ئوغۇزنامە»داستانى « جامىئۈتتەۋارىخ» تا كۆكبۆرە موتىفىدىن خالى قالدۇرۇلغان شەكىلدە، يەنى بىر قارىماققا بۇرمىلانغان ھالدا كىرگۈزۈلگەن. شۇ ۋەجىدىن راشىدىننىڭ ئوغۇزلارغا ئونگۇن(توتېم)يۈكلىشىگە قارىتا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كىرەك. ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئوغۇزلارنىڭ ھەر بىر قەبىلىسىگە ئائىت بەلگە ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىلىرى ئېنىق بىرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوغۇز قەبىلىلىرىگە سىمۋول ھېساپلىنىدىغان قۇشلارنىڭ ئونگۇن--توتېم سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەسلىكى دىققەتنى تارتىدۇ. ئوغۇزلارنىڭ تارىخىدا توتېم دەۋرىنىڭ بولغانلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئوغۇزلارنىڭ ئونگۇن قۇشلىرىنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە باشقا ئەسەرلەردە ھېچقانداق بىر مەلۇمات يوق. شۇ سەۋەپلىك ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئونگۇنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقىدىن گۇمانلىنىش ئورۇنلۇقتۇر (5). بۇ ئەھۋال ئوغۇز قەبىلىلىرىگە ئونگۇن — توتېملارنىڭ يۈكلىنىشىنىڭ كېيىنكى دەۋرنىڭ سۈنئىي ئەسىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. «ئونگۇن» دېگەن ناممۇ بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلىدۇر. بۇ نامنىڭ يىلتىزى بولغان «ئوڭ» سۆزى تۈركچىدە «تەلەي، دورۇست، ئوڭ تەرەپ» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ(6). ئەمما بۇ يىلتىزدىن شاخلانغانلىقى مەلۇم بولغان «ئونگۇن» نامى بولسا موڭغۇل دەۋرىدىن بۇرۇنقى تۈرك مەدەنىيەت ئەسەرلىرىدە ئۇچرىمايدۇ. بۇنىڭدىن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئونگۇن— توتېم ئوقۇمىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ نامنىڭ كېيىن ۋاقىتلاردىكى موڭغۇل تەسىرى بىلەن ئوغۇز قەبىلىلىرىگە مال قىلىپ قويۇلغانلىقىنى ياكى تېڭىپ قويۇلغانلىقىنى ئېيىتىشقا بولىدۇ.
تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەكسىچە موڭغۇللار بىر ئورمان قەۋمى بولۇپ، ئاسالاك -- تەييار ئىقتىسادقا تايىنىدىغان، ئانا ھوقۇقى ۋە توتېم چۈشەنچىسى كۈچكە ئىگە بولغان، يەنى توتېمىزمنىڭ بۈتۈن ئامىللىرى كۈرۈلگەن بىر توپلۇق ئىدى. ئىلخانىيلار موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزىدىن يىراقتا قۇرۇلغان بولىشىغا قارىماي، موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى كۈچلۈك دەرىجىدە مۇھاپىزەت قىلاتتى. شۇنىڭدەك تۈرك ۋە ئىسلام مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ تەسىرىگىمۇ كۈنسېرى ئىچكىرلەپ كىرىشكە باشلىغانىدى. بۇ ئۈچ خىل مەدەنىيەت بىر بىرى بىلەن ئارىلىشپ كەتكەن بىر دەۋردە موڭغۇل توتېم چۈشەنچىسىنىڭ ئوغۇزلارغىمۇ تېڭىلغانلىقىدىن يىدىرقاشنىڭ ھاجىتى يوق. ئونگۇن قۇشلىرىنىڭ «تارىخى ئالى سەلچۇق»(15- ئەسىردە يازىجىئوغلۇ تەرىپىدىن يېزىلغان) ۋە «شەجەرى تەراكىمە»(17- ئەسىردە ئوبۇل غازى باھادىرخان تەرىپىدىن يېزىلغان) قاتارلىق ئەسەرلىرىدىنمۇ ئورۇن ئېلىشى ئارتۇقچە بىر مەنا ئىپادە قىلمايدۇ. چۈنكى ھەر ئىككى ئەسەر «جامىئۈتتەۋارىخ»دېگەن ئەسەردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان.
19- ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان بەزى تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا كىگىزدىن ۋە ھايۋان تىرىسىدىن ياسالغان بەزى نەرسىلەر تېپىلغان. بۇ نەرسىلەرگە دىنىي بىر مەنا بىرىلىپ بۇت— فېتىش شەكلىدە خاراكتىرلەندۈرۈلگەن. شۇنىڭدەك بۇ توتېمىزمدىكى شۇرىنگا بىلەن ئوخشاش تۈردىن دەپ قارىلىپ، تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى توتېمىزمنىڭ ئىزلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش باشلانغان.
ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىش كىرەككى، مەلۇم بىر تار دائىردىكى تېپىلمىلارنىڭ پۈتۈن بىر مىللەتكە ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇن تارىخىغا مال قىلىۋىتىلىشى، قەدىمكى مەدەنىيەتكە بۇ جەھەتتىكى مەنانىڭ يۈكلىنىشى خاتا بىر مېتودتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا، بۇ ئەستائىدىل توختىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە. بولۇپمۇ قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەردىكى «تۆز» چۈشەنچىسى ۋە ئەجداتلارغا چوقۇنىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىش بۇ جەھەتتىكى قاراشلارنىڭ ئايدىڭلىشىشىغا تولىمۇ پايدىلىقتۇر.
فېتىش-- ئىنسانغا ئامەت – تەلەي ئاتا قىلىدىغان ۋە كىشىلەر تەبىئەت ئۈستى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە دەپ قاراپ جوقۇنىدىغان نەرسە ياكى ھايۋاننى كۆرسىتىدۇ. بۇ نامدىن ياسالغان فېتىشىزم بولسا تۇنجى قېتىم غەربىي ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ دىنىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان. بۇ ئېتىقاد تۈرىنىڭ ئانىمىزم بىلەن بەلگىلىك باغلىنىشى بار. ئاساسى نىگىزىدىن قارىغاندا فېتىشىزم دۇنيانىڭ سېھرىي نوقتىدىن چۈشۈنىلىشىگە باغلىنىدۇ. لېكىن فېتىشىزمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنسان توپلىرى ئارىسىدا كۈچكە ئىگە بولغانلىقىغا دائىر ئىسپات يوق. شۇنداقتىمۇ تۈركىي مىللەتلەردە تۆز ئۇقۇمى راۋاجلانغان. تۆز پەلسەپەدە « ئۆزگەرگەن نەرسىلەرنىڭ ھېچبىر ئۆزگىرىشكە ئۇچرىمايدىغان قىسمى، يەنى جەۋھەر ياكى سۇبىستانسىيە»(7) سۈپىتىدە چۈشەندۈرىلىدۇ. ئانادولۇدىكى تۈرك خەلقى ئارىسىدا «ئۇل»، «ئاساس» مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. تۆز سۆزى مەنا جەھەتتىن «ئەسلى»، «يىلتىز»، «مەنبە »، «ماھىيەت» دېگەنلىك بولىدۇ. ئىدىقۇت خانلىقى ۋە قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە ۋە كېيىنچە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا مۇشۇ مەنىنى ساقلىغان. ياقۇتلاردا بولسا تۆز «تانگارا» دەپ ئاتالغان. ئالتايلىقلار قوغدىغۇچى روھلارنى «تۆس»دەپ ئاتايتتى(8). تۈركىي مىللەتلەر ئەجداتلىرىنىڭ تەسۋىرىنى ياساپ ساقلايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەجداتلىرىنىڭ روھى كونكىرت بىر خاتىرىگە ئايلىناتتى. روبرۇك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇنداق خاتېرىنى كۆرگەن. بۇ ھەقتە رۇبرۇك مۇنداق دەپ يازغان : « ئۇيغۇرلار بىر تەڭرىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. تەڭرىنىڭ ئىنسان ياكى باشقا جىسىم شەكلىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. <ئۇنداق بولسا نىمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ بۇت ياسىدىڭلار> دەپ سورىسام، ئۇيغۇر راھىبى <بىز بۇتلارنى تەڭرىنىڭ تەسۋىرى دەپ قارىمايمىز. بىزدە بىرسىنىڭ ئوغلى، ئايالى ياكى باشقا بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ بۇ يەرگە تىزىپ قويىدۇ. بىزمۇ بۇلارنى ئۆلگۈچىنىڭ خاتېرىسى سۈپىتىدە قەدىرلەپ ساقلايمىز> دەپ جاۋاپ بەردى. » (9)
تۈركىي مىللەتلەردىكى ئەجداتلارغا چوقىنىشنى باشقىلار يىتەرلىك دەرىجىدە تۇنۇپ يىتەلمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خەنزۇ مەنبەلىرىدىمۇ تۆز «تەڭرىنىڭ تەسۋىرى» سۈپىتىدە بىلدۈرۈلگەن. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ خاتېرىلەرگە تايىنىپ تۆزنى فېتىشنىڭ دەل ئۆزى دەپ قارىغان. ھالبۇكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بۇت-- فېتىشكە چوقۇنغانلىقىغا دائىر ھېچبىر ھۆججەت ئۇچرىمىدى(10).
تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق چۈشەنچىسىدە ئاتا ھوقۇقى كۈچكە ئىگە ئىدى. بۇنىڭ دىن ساھەسىدىكى بەلگىسى بولسا ئۆلۈپ كەتكەن چوڭ(ئۇلۇغ) كىشىلەرگە ۋە ئەجداتلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىلىشى ئىدى. ئەجدات روھلىرىغا قۇربانلىق قىلىش، ئەجداتلارغا مۇناسىۋەتلىك خاتېرىنى ئىپادىلەيدىغان مۇقەددەس غارلاردا مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈش دەل ئەجداتلارغا چوقۇنۇش ئېتىقادىنىڭ ئىپادىلىرى ئىدى. تۈركىي مىللەتلەر تۆزگە ئىلاھىي بىر مەنا يۈكلىمىگەن. ئەكسىچە بۇنى ئۆلۈپ كەتكەن چوڭلارنىڭ(ئەر ياكى ئايال) خاتېرىسىنى جانلىق ھالدا ساقلايدىغان بىر سىمۋول سۈپىتىدە كۆرگەن. بۇنىڭدىن موڭغۇللاردىكى «ئونگۇن» ئاتالغۇسى بىلەن تۈركىي مىللەتلەردىكى «تۆز» ئاتالغۇسى ئوتتۇرىسىدىمۇ پەرقنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ھەر ئىككى ئاتالغۇدىكى ماھىيەت بىر بىرىگە پۈتۈنلەي زىت كەلگەنىدى. مىلادى 13- ئەسىردە بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ(تۇرپاندا) ئىبادەتخانىلىرىدا بۇ تۆزلەر بار ئىدى. ھالبۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ توتېمىزم بىلەن ھېچبىر مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ئۇيغۇرلار تۆزلەرنى شۆبھىسىزكى تەڭرى تەسۋىرى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن ئادەملىرىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ياساپ ئىبادەتخانىلاردا ساقلىغان. (11)
ئوبۇل غازى باھادىرخانمۇ ئۆز ئەسىرىدە تۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ«بىر كىشىنىڭ يېقىن بىر ئادىمى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ سۈرىتىنى ياساپ ئۆيدە ساقلايتتى» دېگەن شەكىلدىكى بىر ئىپادىنى قوللانغان.
دېمەك، بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن فېتىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۆزنىڭ ئەسلىدە ئەجداتلارنىڭ تەسۋىرى ئىكەنلىكى ۋە ئەجداتلارغا چوقۇنىشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. يەنى تۆزنىڭ فېتىش، توتېم ۋە ئونگۇن بىلەن ئوخشاشلىقى يوق. شۇ ۋەجىدىن تۆزلەر ئىچىدە ئۇچرايدىغان بۆرە تەسۋىرلىرىنىمۇ توتېم سۈپىتىدە خاراكتېرلەندۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ تەسۋىرلەر ئەجدات سۈپىتىدە بۆرىگە بولغان ھۆرمەتنىڭ سىمۋوللاشتۇرىلىشىدۇر.
توتېم تېمىسىدا يەكۇن سۈپىتىدە شۇنىمۇ بىلدۈرۈپ ئۆتىشىمىز كىرەككى، «ئوغۇزنامە» داستانىدا كۆك بۆرە ئوغۇز قاغاننى يۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ قوشۇنىغا يول باشلاپ ماڭىدۇ. يەنى قوشۇنغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ يىتەكچىلىك ۋەزىپىسى ئوغۇز قاغاننىڭ دۇنياۋىي دۆلەت قۇرۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كۆك بۆرە قايتا تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئەگەر كۆك بۆرە توتېم بولغان بولسا بىر ۋەزىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا غايىپ بولمايتتى، بەلكى دائىم ھەمرا بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقاتتى.
ئەمدى بۇ يەردە بىز بۆرە(كۆك بۆرە) تۈركىي مىللەتلەردە توتېم قىلىنمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ مىللەت تۈركىمىنىڭ روھىيىتىدە زادى قانداق بىر مەنانى ئىپادە قىلاتتى؟ دېگەن بىر سۇئالغا دۇچ كىلىمىز.
قەدىمكى داستانلىرىمىزدىكى بۆرە موتىفىدىن شۇنداق بىر خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، بۆرە تۈركىي مىللەتلەر تەرىپىدىن قوتقازغۇچى، نەسىلنى داۋاملاشتۇرغۇچى (يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ تۇنجى ئاتىسى ياكى ئانىسى) ۋە يول كۆرسەتكۈچى(رەھبەر) سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. شۇنى ئۇنۇتماسلىق كىرەككى، بىر مىللەتنىڭ تالاي ئەسىر تارىخ سەھنىسىدە پۇت دەسسەپ تۇرالىشى پەقەت مۇشۇ خىل سالاھىيەت بىلەن مۇمكىنلىككە ئىرىشىدۇ. يەنى بىر مىللەت مەۋجۇتلىقىنى ساغلام ۋە كۈچلۈك ھالدا مۇھاپىزەت قىلالىشى، مىللىي بىر رەھبەرگە ئىگە بولىشى ۋە بېشىغا كەلگەن ھەر قانداق ھالاكەتتىن قۇتۇلۇشنى بىلىشى كىرەك. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ داستانلىرىدىكى بۆرە، نۇر ۋە قۇتلۇق تاغ موتىفلىرى شۆبھىسىزكى بىر خىل سىمۋول. بۆرە ياشاش ئىقتىدارىنىڭ، مىللىي رەھبەرنىڭ ۋە قۇتۇلۇشنىڭ، ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشاشنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. بۆرە ھەققىدىكى بۇ داستانلاردا مىللەتنىڭ زورىيىش، كۈچىيىش ۋە كېڭىيىش يولىدا ئىجرا قىلىش زۆرۈر بولغان پرىنسىپلارنىڭ بەلگىلىرى ماددىي ئامىللار بىلەن ئىپادە قىلىنغان. بۆرە ئارقىلىق سىمۋولىزمغا ئايلانغان بۇ چۈشەنچە مىللىي بىرلىكنى ساقلايدىغان ۋە ئۇنىڭ كۈچىيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر پىكىر ئىدى. مىللەت بۇ پىكىرگە ئىشىنىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغاندا، ھاكىمىيىتى ۋە ئۈستۈنلىكىنى قوغدىيالىغان، بۇ پىكرىدىن ئايرىلغان چاغدا ھالاكەتكە دۇچ كەلگەن. ئۇلارنى بۇ ھالاكەتتىن يەنە بۆرە قۇتقۇزغان. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، تارىختىن بۇرۇنقى ۋە تارىختىن كېيىنكى نۇرغۇن مىللىي قەھرىمانلارنىڭ ۋە مىللىي رەھبەرلەرنىڭ ئوبرازى بۆرە – كۆك بۆرىگە سىمۋول قىلىش ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان.
مەلۇمكى، بۆرە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھاياتىغا ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدە چېتىلغان ھايۋان ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ خاراكتېرى ھەر قانداق بىر ھايۋاندىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق، چاققان، جەسۇر، تاقەتلىك ۋە تەۋەككۈلچىلىك روھى ئۈستۈن ئالاھىدە بىر ھايۋان. بۆرە دەخلىسىز(ئەركىن)ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، ئۇنى بويسۇندۇرغىلى ۋە قولغا ئۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۆرە توپلىشىپ(ئۆم) تەشكىللىك ياشايدۇ، ئۆز توپىغا سادىق ۋە ۋاپادار بولىدۇ، سەركىسىگە قەتئىي ئەگىشىدۇ. سىرىتقا قارىتا ھەر ۋاقىت ئىنتايىن سەزگۈر تۇرىدۇ ھەم نەزىرىنى يىراققا تىكىدۇ. ياشاش ئىقتىدارى ۋە ماسلىشىش روھى ئىنتايىن ئۈستۈن. ئىنسانلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ. مەغلۇبىيەتتىن قەتئىي ئۈمىتسىزلەنمەيدۇ ۋە نىشاندىن ئاسان ۋاز كەچمەيدۇ. بۆرە باشقىلاردىن ھىممەت كۈتمەيدۇ ۋە ھەر قانداق شارائىتتا ھېلىمىكىرلىك ئىشلەتمەيدۇ. شۇڭا، ئاچ قالغان تەقدىردىمۇ تۈلكىنىڭ گۆشىنى يىمەيدۇ. دېمەك، بۆرە ھايۋان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىنسانلارنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر روھ جۇغلانغان. بۆرىنى تەتقىق قىلغانلارمۇ ئۇنىڭ ئىگىلمەس روھقا ۋە ئەركىن ھاياتقا سىمۋول بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئوتتۇرا ۋە شىمالىي ئاسىيادا بۆرە بىلەن ئەڭ ئاۋۋال ۋە كۆپ ئۇچراشقان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بۆرىنىڭ ئاشۇ خۇسۇسىيەتلىرىنى تۇنۇپ يىتىشى ۋە ئۇنى ئۆزلىرىگە سىمۋول قىلىپ تاللىشى تەبىئىي ئىدى. دېمەك، بۆرە توتېم بولماستىن بەلكى، بىر پىكىر ۋە ئىدىئولوگىيىنىڭ يەنى ئىجتىمائىي ھايات نىزامىنىڭ ئەكىس ئېتىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇ سەۋەپلىك بۆرىگە كۈچلۈك ھۆرمەت كۆرسىتىلگەن. بۇ خىل ھۆرمەت تۈرلۈك سىمۋوللار ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان. مەسىلەن، بەزىدە بىر تۆز سۈپىتىدە، بەزىدە ئوغۇز قاغاننىڭ خىتاپ قىلغىنىدەك (بۆرە بولسۇن بىزگە ئۇران— شۇئار) ئۇرۇش شۇئارى سۈپىتىدە، يەنە بەزىدە بايراق(ئالتۇن رەڭلىك بۆرە بېشى چۈشۈرۈش) سۈپىتىدە ئىپادىلەنگەن.
بولۇپمۇ بۆرە باشلىق(ئالتۇن رەڭلىك)بايراق ۋە تۇغلار ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. بۆرە باشلىق بايراق ھاكىمىيەتنىڭ ۋە مۇستەقىللىقنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانىدى. بايقال كۆلى ئەتراپىدا مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000-يىللارغا مەنسۇپ بىر قەبرىدىن تۇنچتىن ياسالغان بۆرە بېشى شەكلىدىكى بىر بايراق تېپىلدى(12). ئوبۇل قاسىم فىردەۋسى«شاھنامە» داستانىدا ئىرانلىقلار بىلەن ئۇرۇشقان تۇران پادىشاھى ئاپراسىيابنىڭ بۆرە باشلىق بايرىقىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان(13).مىلادى 10- ئەسىردە ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىسمى نامەلۇم بىر ئۇيغۇر شائىرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن «ئوغۇزنامە» داستانىدا، ئوغۇزخاننىڭ قوشۇنىڭ كۆك رەڭلىك بايرىقى ئۈستىگە بۆرىنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ(14). ھۇنلارغا ئائىت نوئىنئۇلا قورغىنىدىن تېپىلغان نەرسىلەر ئىچىدە بۆرە باشلىق بىر بايراق بار(15). كۆكتۈركلەرنىڭ ئوردىنى قوغدىغۇچى قىسىملىرى «بۆرە» دەپ ئاتالغىنىدەك، ئوردا دەرۋازىسىغىمۇ بۆرە باشلىق بايراق ئېسىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك قاغانى مويۇنچۇر تاڭ سۇلالىسىنىڭ بىر گېنېرالىنى بۆرە باشلىق بايراققا مەجبۇرى تازىم قىلدۇرغان(16). كېلىپ چېقىش جەھەتتە مىلادى461 -465- يىللاردا ياۋروپاغا كۆچكەن ئۇيغۇر(ئوغۇر)قەبىلىلىرىگە باغلىنىدىغان باشقىرتلار(ئەسلى شەكلى باشقۇرت)دا تاكى 18- ئەسىرگىچە بۆرە باشلىق بايراق ساقلىنىپ كەلگەن. 1704-1740 - يىللاردا ئورالنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان باشقىرتلار رۇسلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغاندا بۆرە باشلىق بايراق ئىشلەتكەن(17). مىلادى 6- 8- ئەسىرلەرگە ئائىت كۇچا تام رەسىملىرى ئىچىدە بۆرە باشلىق گۈرزە ۋە بايراق كۆتۈرۋالغان ھۆكۈمدار ۋە ئالپلار رەسىمى سىزىلغان. تۇرپاندىكى تام رەسىملىرى ئىچىدىمۇ بۆرە باشلىق بايراقنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ شەكىلدىكى تەسۋىرلەر ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى مىنياتۈرلەردىمۇ ئۇچرايدۇ(18). بۇنىڭدىن باشقا كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر داۋامىدا كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىدا بۆرە باشلىق ئىككى موتىق بايقالدى. ئالىملار بۇنىڭ بۆرە باشلىق ئەجدەرھا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۆرە باشلىق بۇ ئىككى تەسۋىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ تامغىسى ئىشلەنگەن. بۇ تامغا بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىدا بار. قىزىلدىكى ناگا – راگاھ دېگەن يەردىكى كۆكتۈرك ياكى ئۇيغۇرلار دەۋرىگە مەنسۇپ تام رەسىمىدىكى قاغاننىڭ بۆرە باشلىق بايرىقى كۆتۈرگەن ئالپنىڭ بۆركىدە كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىدىكى بۆرە باشلىق موتىفقا ئوخشايدىغان بىر تەسۋىر بار. تام رەسىملىرىدىكى بۆرە باشلىق بايراقلار باشقا يەرلەردىمۇ ئۇچرايدۇ. كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىدا كۆرۈلگەن ۋە دۆلەت بەلگىسى قىلىنغان بۆرە باشلىق تەسۋىرلەر ئۇيغۇرلاردىكى بىلگە قاغاننىڭ نامىغا تىكلەنگەن ۋە ئالپ باغا ئىنانچۇ تارقاننىڭ ئەسىرى ھېساپلانغان بىتىگ تاشنىڭ ئۈستىدىمۇ بار. تابغاچ تۈركلىرىنىڭ قەبرە تاشلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن بۆرە باشلىق بۇ موتىفلەر 6-8- ئەسىرلەر ئارىسىدا ياسالغان قىرغىز قورغانلىرىدىكى بىر قورغاندا تاش لەۋھە ئۈستىگىمۇ ئىشلەنگەن. قىرغىز قورغىنىدىكى موتىف كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىدىكى بۆرە باشلىق موتىفكە بەكلا ئوخشايدۇ. مانا بۇلار بۆرە(كۆك بۆرە)نىڭ ھوقۇقىي خاراكتېرگە ئىگە سىمۋوللاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئومۇمەن تارىخى خاتېرىلەرنىڭ ئەڭ دەستلەپكى بەلگىلىرىدىن تارتىپلا، يەنى ساك ۋە ھۇن دەۋرىدىن ئىتىبارەن بۆرىنىڭ دىنىي ماھىيەتنى ئىپادىلىمىگەنلىكى ۋە دىنىي بىر سىمۋول(توتېم ياكى ئونگۇن) ئەمەسلىكى ناھايىتى ئېنىق كۆۈلگەنىدى. شۇ ۋەجىدىن، بۆرە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قوبۇل قىلغان تۈرلۈك دىنلىرى بىلەن زىت بىر ھالەت شەكىللەندۈرمىگەن. چۈنكى، مىللىي بىر سىمۋول سۈپىتىدىكى بۆرە دىن بىلەن بىر كاتېگورىيىدە ئورۇن ئالمىغان.
قىسقىسى، مەدەنىيەت تارىخىمىزدا كۆرۈلگەن بۆرە توتېمىزمغا مەنسۇپ بەلگە يەنى توتېم قىلىنغان بىر ھايۋان بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللەت، ھاكىمىيەت، مەۋجۇتلۇق ۋە ئىستىقبال ئۈستىدىكى بولۇپمۇ مىللىي داھىلىرى ھەققىدىكى پىكرىنىڭ ئوبرازلاشقان ۋە داستان شەكلىدە داۋاملاشقان بىر بەلگىسى سۈپىتىدە مىللىي سىمۋولغا ئايلانغان ئىدى. «قۇتادغۇ بىلىگ»تە ھۆكۈمدار ئىلىگنى ئاتاشتا «بۆرە»نامى بىلەن خىتاپ قىلىنىشىمۇ بۇ چۈشەنچىنى قۇۋۋەتلەيدۇ(19).
تۈركىي مىللەتلەردە بۇغىمۇ بۆرىگە ياندىشىپ مىللىي سىمۋول سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى. كۆكبۆرە ۋە قۇتلۇق تاغ داستانلىرى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قايغۇ ۋە شاتلىقلىرىنى جانلىق شەكىلدە ئەكىس ئەتتۈرگەن. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ غەربىي تارمىقىدا بۇغا ئۈستۈن كۈچ-- قۇدرەتكە ئىگە يول باشچى سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، ساك دېگەن نام «بۇغا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن(20).بۇغا توغرىسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى يازما مەلۇمات سىماچەننىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر»دە تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئەسەردە جۇ سۇلالىسى ھۆكۈمدارى جۇمۇۋاڭنىڭ چۈەنروڭلار(ھۇنلار- ئا) ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ ئاخىرىدا تۆت ئاق بۆرە بىلەن تۆت ئاق بۇغا غەنىيمەت ئېلىپ قايتقانلىقى سۆزلىنىدۇ. بۇ يەردە «تۆت ئاق بۆرە بىلەن تۆت ئاق بۇغا» دەپ ئىزاھلىنىشىنىڭ مىتولوژىك بىر چۈشەنچىگە تايانغانلىقى زور ئىھتىماللىققا ئىگە(21). شەرقتە ئوردوستىن غەرپتە كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان جايلاردا بايقالغان ئارخىئولوگىيلىك ئەسەرلەردە بۇغا تەسۋىرىگە دائىر نۇرغۇن ئىسپاتلار بار. ئوردوستىن تېپىلغان ھۇنلارغا ئائىت سەنئەت ئەسەرلىرى ئىچىدە ئاتلارنىڭ ۋە بۇغىلارنىڭ يولۋاسلارغا، ئېيىقلارغا ۋە خىيالى ھايۋانلارغا قارشى سوقۇشلىرىنى تەسۋىرلەيدىغان مىتال ياپراقچىلار، چىشى ياكى ئەركەك بۇغا شەكلىدە ياسالغان بايراق ياغاچلىرى بار.(22) ئالتاي تاغلىرىدىن بايقالغان ھۇن مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن قولغا ئۈگىتىلگەن ياكى تاغلاردا ياشايدىغان ھەر تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرىنى ۋە ھەيكەللىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى بىرۇنزىدىن ياسالغان. يەنە ياغاچ ئويما ئەسەرلەرمۇ بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇغا ۋە جەرەنلەرنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدىغان، سەنئەت ئەسىرى ھېساپلاشقا تىگىشلىك بىرمۇنچە ھەيكەلچەكلەرمۇ بار. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرىدە بۇغا مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن ۋە قورقۇنچلىق ھايۋان شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن. مەسىلەن، ئۇزۇن ۋە ئۇچلۇق مۆڭگۈزلۈك تېكە بۇغىلارنىڭ ئاغزى يولۋاسنىڭ ئاغزى شەكلىدە ياسالغان، تىرناقلىرىمۇ يولۋاسنىڭ تىرنىقىدىنمۇ ئۆتكۈررەك قىلىپ كۆرسىتىلگەن. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ چۈشەنچىسىدە يېرىمى ئىنسان، يېرىمى بۇغا قىياپىتىدە كۆرسىتىلىدىغان رۇھلارمۇ بار ئىدى. بۇغا ئانادولۇدىكىگە ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ زىھنىنى ۋە تۇيغۇسىنى ھەممىدىن بەكرەك قوزغىغان ھايۋانلاردىن بىرى ئىدى. شۇڭا، بۇغا ئوتتۇرا ئاسىيا سەنئىتىنىڭ ھەر ساھەسىنى قاپلىغانىدى(23). بۇغىنى مۇقەددەس دەپ قاراش چۈشەنچىسى يەنە ھۇنلارغا ئائىت پازىرىق قورغانلىرىنىڭ بىرىدىن تېپىلغان ئاتلارنىڭ بېشىغا بۇغا شەكىللىك نىقاپلارنىڭ كىيدۈرۈلگەنلىكىدىنمۇ مەلۇم بولماقتا. كېيىنكى دەۋرلەردە بۇغىنىڭ روھىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشى مۇشۇ قەدىمكى خۇسۇسىيەتتىن مەنبەلەنگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇغا ھۇنلارغا ئائىت داستانلاردا كۆكبۆرىگە ئوخشاش يول باشلىغۇچى -- يىتەكچى ياكى ياردەم قىلغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ھۇنلار ياۋروپاغا كۆچكەندە بۇلارنىڭ ئالدىدا بىر بۇغىنىڭ يول باشلاپ ماڭغانلىقى سۆزلىنىدۇ(24). ھۇنلارنىڭ مائوتىس دەرياسىنى بىر بۇغىنىڭ ياردىمىدە كىسىپ ئۆتكەنلىكى ھەمدە مۇشۇ پەۋقۇلئاددە ئىشتىن كېيىن ھۇنلارنىڭ ياۋروپادا ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ(25). 19- ئەسىردە ياشىغان ھۇنگىر شائىرى ژ. ئارانىينىڭ 1864- يىلى يازغان «بۇدانىڭ ئۆلۈمى»ناملىق 12قىسىملىق ئىپوسىدا، ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ بارلىققا كىلىشى ھەققىدىكى «مۆجىزىلىك بۇغا »رىۋايىتى داستانلاشتۇرۇلغان. بۇ داستاندا مۇنداق دېيىلىدۇ:
مىنروت بىلەن ساھىپجامال ئىنىفنىڭ ئوغۇللىرى ھۇنۇر بىلەن ماجار بىر كۈنى 50 كە يېقىن يىگىت بىلەن ئوۋغا چىقىدۇ. ئوۋدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر بۇغا ئۇچرايدۇ. ئوۋچىلار بۇغىنىڭ كەينىدىن ھەر قانچە قوغلاپ باققان بولسىمۇ، بۇغىنى زادىلا تۇتالمايدۇ. ئاخىرى بۇغا ئوۋچى يىگىتلەرنى دون دەرياسى بىلەن ئازاق دېڭىزى تەرەپكە ئەگەشتۈرۈپ كىلىپ توساتتىن غايىپ بولىدۇ. ھۇنۇر بىلەن ماجار ئوت – چۆپلىرى بولاق ئۆسكەن، سۈيى ئەلۋەك ھەم ئوۋ ھايۋانلىرىغا باي بۇ زىمىندا تۇرۇپ قالماقچى بولىدۇ. بىر كۈنى كىچىدە ئۇلار مۇڭلۇق بىر مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە ئاۋاز چىققان تەرەپكە بارىدۇ. ئۇلار بۇ يەردە پادىشاھ دولنىڭ دوستلىرى بىلەن سەيلى قىلىپ يۈرگەن ئىككى قىزى ۋە پادىشاھ بىلارنىڭ ئون ئىككى قىزىنى ئۇچرىتىدۇ. ھۇنۇر بىلەن ماجار پادىشاھ دولنىڭ ئىككى قىزىغا ئۆيلىنىدۇ. باشقا يىگىتلەر بولسا بىلارنىڭ ئون ئىككى قىزىغا ئۆيلىنىدۇ. ھۇنۇر بىلەن ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھۇن مىللىتى، ماجار بىلەن ئۇنىڭ دوستلىرى ئەۋلادلىرىدىن ماجار مىللىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ ئىككى مىللەت كۆپۈيىپ پۈتۈن ئىسكىتىيىنى ئىگىلەيدۇ. (26) يۇقىرىدا سۆزلەنگەن مەنبەلەر، سەنئەت ئەسەرلىرى، رىۋايەت ۋە داستانلاردا بۇغا ھۇنلار ئۈچۈن سىمۋوللۇق مۇقەددەس بىر ھايۋان، يەنى ھۇنلارنىڭ رەھبىرى، يول باشلىغۇچىسى، ياردەمچىسى ۋە نىجاتچىسى سۈپىتىدە كۆرۈلگەن.
ئاق بۇغىنىڭ يەنە كۆك(ئاسمان) ئېلېمېنتىغا باغلىق ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. قىزىل ياكى كافى رەڭ بۇغىلار بولسا كۆپۈنچە يەر ۋە يەر ئاستى ئېلېمېنتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. تۈرك مىتولوژىسىدە ئارقىسىدىن قوغلىغان ئوۋچىنى يەر ئاستىغا(ئۆلۈم)گە ئېلىپ بارغان بۇغىلارنى تەسۋىرلەيدىغان رىۋايەتلەرمۇ بار.
بۇغا دېڭىز تەڭرىچىسى دەپ قارالغان كۆكتۈرك رىۋايىتىمۇ بار. جۇڭگو مەنبەلىرىدە خاتىرىلەنگەن بىر رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، كۆكتۈركلەرنىڭ ئەجدادلىرىدىن بىرى بىر غاردا ياش بىر قىز سىياقىدىكى دېڭىز تەڭرىچىسىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. لېكىن ھۆكۈمدار بۇ قىزنىڭ ئەسلىدە بىر ئاق بۇغا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بىر سۈرۈك ئوۋى جەرىيانىدا قورشاۋغا ئېلىنغان ھايۋانلار ئارىسىدا يۈرگەن بىر ئاق بۇغىنى ئەسكەرلەردىن بىرى ئاتقاندا ھەقىقىي ئەھۋال ئاشكارلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن غارغا بارغان ھۆكۈمدار ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قالغان قىزنى ئۇ يەردىن تاپالمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسلىدە بىر قىز سىياقىغا كىرگەن ئىلاھە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يىتىدۇ(27).
كۆكتۈركلەر دەۋرىدە ئوۋلىنىپ قۇربانلىق قىلىنغان بۇغا ھۆكۈمدارلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئەمەل ئەسىن كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىنىڭ شەرقى يۈزىدىكى قاغان تامغىسىدا كۆرۈلگەن تاغ ئۆچكىسىنىڭ ئېھتىمال بۇغا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۇغا ئەينى زاماندا بەگ قۇتىنىڭمۇ سىمۋولى ئىدى(28).ئەڭ بۈيۈك ۋە ئەڭ قەدىمكى تۈرك داستانى سۈپىتىدە قەدىمكى تۈرك دۆلەت ئەنئەنىلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان «ئوغۇزنامە» داستانىدا كۆكبۆرە، ساماۋىي نۇر ۋە بۇغا بىرلىكتە كۆرۈلىدۇ. ئوغۇز ئۆزى ئېلىشقان ھايۋانغا قارشى بۇغىنى يەم سۈپىتىدە قوللانغان، كۆكتىن چۈشكەن نۇرنىڭ ئىچىدە پەيدا بولغان قىزغا ئۆيلەنگەن ۋە كۈن نۇرىدا پەيدا بولغان كۆكبۆرە يىتەكچىلىگىدە دۇنيانى فەتىھ قىلىشقا چىققان(29).
دېمەك، يىتەكچى ۋە كۈچ-- قۇۋۋەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن بۇغا ساك ۋە ھۇنلار تەرىپىدىن مۇقەددەس قارىلىشتەك ئورنى بىلەن كېيىنكى ۋاقىتتىكى باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ چۈشەنچىسى ۋە فولكلورىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلدى. شۇڭا، ئاتاغلىق تۈرك ئالىمى، مۇتەپەككۇر ۋە سوتسىيالوگ زىيا گۆكئالپ يازغان «ئاق بۇغا» دېگەن شېئىرىي داستاندىمۇ بۇغا كۆكبۆرە بىلەن بىرلىكتە تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ سىمۋولى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن(30).


٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئىزاھلار:
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(1) ۋ. ئېبىرخارد: «چىن تارىخى» ، تۈركچە، 64-بەت، 1995-يىلى، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
(2) «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«توتېم» ماددىسى)، تۈركچە، 30-،31- توم، 2- قىسىم، 350-بەت، 1981-يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(3) ل.ن. گومىليېف: «قەدىمكى تۈركلەر»، تۈركچە، 109-بەت، 2003-يىلى، ئىستانبۇل، سېلىنگا نەشرىياتى.
(4)،(29) «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«تۈركلەر»ماددىسى)، تۈركچە،12- توم،2- قىسىم، 240-،254- بەتلەر، 1988- يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى. ئىبراھىم كافەسئوغلۇ: «تۈرك مىللىي كۈلتۈرى»، تۈركچە، 298-،333-بەتلەر، 2004- يىلى، ئىستانبۇل ، ئۆتۈكەن نەشرىياتى. «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«توتېم» ماددىسى)، تۈركچە، 30 -،31-توم، 2- قىسىم، 350-بەت، 1981-يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(5)مەھمۇد قەشقەرى:«تۈركىي تىللار دىۋانى»، ئۇيغۇرچە،77- ،78،-79- بەتلەر. فارۇق سۇمېر: «ئوغۇزلار»، تۈركچە، 166-بەت، 1992-يىلى، ئىستانبۇل، تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى فوندى.
(6) ئا. جافەرئوغلۇ: «قەدىمكى ئۇيغۇر تۈركچىسى سۆزلۈكى»، تۈركچە، 250- بەت، 1968-يىلى، ئىستانبۇل ئنۋنۋىرسېتىتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتېىتى نەشرىياتى.
(7)ئورخان خانچەرلىئوغلۇ: «پەلسەپە سۆزلۈكى»، تۈركچە، 419- بەت، 1996-يىلى، ئىستانبۇل، رەمزى نەشرىياتى.
(8)ب.ئۆگەل: «تۈرك مىتولوژىسى»، تۈركچە،1- توم،125-، 441- بەتلەر، 1971- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
(9)،(11) ئابدۇلقادىر ئىنان: «تارىختا ۋە بۈگۈن شامانىزم»، تۈركچە، 43- بەت، 2000- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
(10) ئا.دوغان: «ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك ئىتىقادىغا دائىر»، «تۈركلەر»، تۈركچە، 3- توم، 305-بەت، 2002 -يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(12) «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«ئۇيغۇر سەنئىتى» ماددىسى)، تۈركچە، 33-توم، 32-بەت، 1984-يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(13)«ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«بايراق» ماددىسى)، تۈركچە، 2- توم،403-بەت، 1979-يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(14)«مىللەت لۇغىتى»، خەنزۇچە، 169- بەت، 1987- يىلى، شاڭخەي، لۇغەتلەر نەشرىياتى.
(15)،(28) ياشار چورۇھلۇ:«تۈرك مىتولوژىسىنىڭ ئانا يوللىرى»، تۈركچە، 135-،143- بەتلەر، 2002- يىلى، ئىستانبۇل، كابالجى نەشرىياتى.
(16)«تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«كۆك بۆرە»ماددىسى)، تۈركچە، 8-توم، 8- بەت، 1976 - يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(17)ب.ئۆگەل:«تۈرك كۈلتۈر تارىخىغا كىرىش»، تۈركچە،6- توم،309- بەت،2000- ئەنقەرە، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى نەشرىياتى.
(18)سەنجەر دىۋىتچىئوغلۇ: «كۆكتۈركلەر»، تۈركچە،71- بەت، 1987- يىلى، ئىستانبۇل، ئادا نەشرىياتى. ياشار چورۇھلۇ: «تۈرك مىتولوژىسىنىڭ ئانا يوللىرى»، تۈركچە، 135- بەت. 2002- يىلى، ئىستانبۇل، كابالجى نەشرىياتى.
(19)ئا.جاپەرئوغلۇ: «تۈرك تىلى تارىخى»، تۈركچە،2-توم، 55-بەت، 1984- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندۇرۇن نەشرىياتى.
(20) ۋ.پ. ئابايىف: «ئوشت تىلى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى»،رۇسچە، 1-توم، 179-بەت،1949-يىلى، موسكۋا -- لېنىنگراد ، پەن نەشرىياتى.
(21) ئايشە ئونات، سەما ئورسوي، كونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن: «خەن خانىدانلىقى تارىخى-- شىئوڭنۇ(ھۇن) مونوگراپىيسى»، تۈركچە، 103-بەت، 2004-يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
(22) ر.گرۇسسېت: «بوزقىر ئىمپېرىيىسى»، تۈركچە،41-بەت، 1996- يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
(23)ب.ئۆگەل: «تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى»، تۈركچە، 1-قىسىم،9-،10- بەتلەر، 1971-يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(24) ئايدىن تانەرى:«تۈرك دۆلەت ئەنئەنىسى»، تۈركچە، 122-بەت، 1981- يىلى، ئەنقەرە.
(25)«تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى» («ھۇنلار» ماددىسى)، تۈركچە، 19-توم، 194- بەت، 1971- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(26) «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«بالامبەر»ماددىسى)،تۈركچە، 5-توم، 105- بەت، 1967- يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(27) ب.ئۆگەل:«تۈرك مىتولوژىسى»،تۈركچە،2-قىسىم،103-بەت. ۋ.ئېبىرخارد: «چىننىڭ شىمالىي قوشنىلىرى»، تۈركچە،86-بەت، 1996-يىلى، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
(30)«تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«بۇغا»ماددىسى)،تۈركچە،17-توم، 320-بەت، 1969- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


تولۇق ئوقۇش

2009年2月17日星期二

«edebiyat nezeriyesi»din qisqiche bayan

Toluq Teksti



«edebiyat nezeriyesi» dégen kitabtin qisqiche bayan


Nursel uykun


Türkchidin uyghurchigha örigüchi: yüsüpjan yasin



********************************
«edebiyat nezeriyisi» dégen bu kitapni esli réné wéllik bilen ostén wérin yazghan. Bu eser künimizde edebiyat nezeriyisige da'ir eng nupozluq kitaplarning biri bolghachqa, uning türkche terjimisi türkiyide 1983-yili «edebiyat bilimining asasliri» dégen namda neshir qilin'ghan. Bu kitapning ömer faruq huyugüzel teripidin ishlen'gen yéngi terjimisi 1993- we 2002- yili «edebiyat nezeriyisi» dégen nam bilen neshir qilin'ghan.
Bu kitapning mezmunini tunushturush meqsitide « ‹edebiyat nezeriyisi» dégen kitaptin qisqiche bayan» dégen témida ilan qilin'ghan bu maqale türkiyining izmir shehridiki ege üniwérstitining edebiyat fakultéti türk tili we edebiyati bölümining oqughuchisi nursel uykun teripidin teyyarlan'ghan. Edebiyat tetqiqati mining xas kespiy sahem bolmisimu, lékin «edebiyat nezeriyisi» namliq kitapni körüp chiqqandin kéyin uni uyghurchigha jiddi terjime qilishning uyghur edebiyati üchün ishlinidighan nahayiti ehmiyetlik ishlardin biri ikenlikini his qildim. Shu seweplik, bu kitap heqqide biraz uchur birish meqsitide bu maqalini uyghurchigha örüp ilan qilishni layiq taptim.
- Terjimandin
********************************


Edebiyat we edebiy tehlil



Edebiyat bir xil ijadiyet we sen'ettur. Edebiyat tetqiqati bolsa bir xil bilim we öginishtur.
Bezi nezeriyichiler edebiy tehlilni ikkinchi bir xil ijadiyet, bashqiche ipade qilghanda, bir sen'et esirini qimmiti tüwen bir eserge aylandurush, dep qaraydu. Bezi nezeriyichiler bolsa edebiy eserlerni kitapxanlar peqet oqup zoq élip, özining qarashlirini bildürüsh bilen kupayilinidu dep qaraydu. Yene bezi nezeriyichiler tebi'et bilimliridiki «analiz qilish, xasliqtin omumiyliqqa ötüsh, omumiyliqtin qismen bir höküm chiqirish»qa oxshash usullarni qollinip edebiy eserlerni tetqiq qilish kérek, deydu.
Shundaq déyish mumkinki, bir eserni, bir yazghuchini we bir dewrni chüshinish üchün tehlil we tetqiqat élip barghan edebiy tenqid bilen edebiyat tariximu edebiyat nezeriyisi tayinidighan omumiy tereqqiyat nezeriyiliridin paydilinidu. Mundaq bir oxshitish bu chüshenchige uyghun kilidu. Edebiyat tarixi bir taghning étigi bolsa, edebiy tenqid shu taghning körünishi, edebiyat nezeriyisi bolsa uning choqisidur. Shu seweplik, edebiyat nezeriyisi yaki edebiy tehlil taghning choqisigha oxshash edebiy tenqidke we edebiyat tarixigha yuqiridin nezer salidu.


Edebiyatning xaraktiri


Edebiyat nime, dégen su'algha birmunche jawaplar birildi. Buning ichide mundaq ikki xil jawapni tilgha élishqa bolidu. Biri, ilan qilin'ghan her qandaq nerse edebiyat dep chüshendürilidu. Yene biri edebiy shekil we ipade jehettin diqqetni tartidighan chong eserler edebiyat dep chüshendürilidu.
Shuning bilen birlikte edebiy til, janliq til we bilim tili otturisidiki perqlernimu aydinglashturush zörür. Bilim tili matématika, mentiqige öxshash köpünche bir xil isharet sistémisi bolushqa mayil. Edebiy tilning özige xas ipadilesh alahidilikliri we tesir qilish da'irisi bar. Edebiy til tilning tarixiy qurulmisigha téximu chongqur baghlinidu. Edebiy til bilen janliq tilning perqini ayrimaq téximu qéyin. Janliq til bir xil shekildila bolmaydu. U bir munche netijilerge irishish, heriket we pozitsiyige tesir qilish meqsitide qollinilidu. Shé'ir tili janliq tilning menbelirini bir tertipke sélip, uninggha küchlük mena béghishlaydu.
Éstétik roli bolghan eserlerni edebiyat dep chüshinish kérek. Edebiyat sen'itide lérik shé'ir, dastan we tiyatir qatarliq türler merkizi orunda turidu. Bularda xiyaliy bir dunya bolidu. Eslide edebiyat bilen edebiyatqa a'it bolmighan eserler otturisidiki perq bolsa xiyal(tesewwur) küchi, xususiy ipadilesh shekli, tepekkur, éstétikidiki kenglik, da'irini éniq bikitish, menpettin xaliy bir zoq, orunlashturush qatarliq éstétikiliq uqumlarni sémantikiliq tehlil da'iriside ayrish qanuniyitidur. Bularning her biri edebiy eserning bir teripini chüshendürüp biridu.
Sen'et(edebiyat) esiri addila bir nerse emes. U köp tereplik menasi bolghan we munasiwetler arqiliq qatlamlashqan bir xususiyetning nahayiti murekkep bir oyushmisidur.


Edebiyatning wezipisi


Sen'etning wezipisi hem zoq birish hem paydiliq bolushtur. Edebiyatning heqiqiti edebiyattiki heqiqet dep atilidu. Bu sistémiliq we uqumluq bir shekilde mewjut bolghan, emma edebiyatqa uyghunlashturghili we edebiyat wasitisi bilen chüshendürgili bolidighan yaki edebiyat ichide mewjutluqqa irisheligen pelsepedur.
Edebiyatning wezipisi nime, dégen su'alning gherpte pilatondin bügün'ge qeder dawamliship kelgen uzun bir tarixi bar. Edebiyatning birinchi we asasiy wezipisi öz xaraktérige sadiq bolushtur.


Edebiyat nezeriyisi we edebiy tenqid


Sistémiliq bolghan we pütünlükke ige edebiy tehlillerni ipade qilish üchün eng köp qollinilidighan atalghular «edebiyatshunasliq we flologiye» dur. Edebiyat tetqiqatchisining öz esirini ipade qilish üchün flologiyining ornigha qollinidighan bashqa bir atalghusi «tetqiqat» sözidur.
Edebiyatning prinsipliri, katégoriyiliri we ölchemliri qatarliq mesililer heqqidiki tehlillerni edebiyat nezeriyisi dep atash, konkrétni sen'et eserliri tehlillirinimu ya edebiy tenqid ya edebiyat tarixi dep atash eng toghra yoldur.
Edebiy tenqid dégen uqum pütün edebiyat nezeriyisini öz ichige alidighan shekilde qollinilidu. Edebiyat tarixining bolsa özige xas shekil we ölchemlirining bolidighanliqi sözlinidu.
Sen'et esiri hem ölümsiz hem tarixiyliqqa ige bolidu. Bir sen'et esiri hem öz dewrining hem ashu dewrge uliship mangghan barliq dewrlerning qimmet ölchemlirige tayinishi kérek. Buni «yiraqtin közitish ilmi» dep atashqimu bolidu.
Edebiyat tarixchisining tenqid we nezeriyilerdin xali haldiki barliq qarashliri asassiz hem xata. Chünki, her bir sen'et esiri künimizdimu bar, uni biwasite tetqiq qilghili bolidu. U meyli bügün yézilghan bolsun, yaki ming yil burun yézilghan bolsun, uningda mu'eyyen sen'et mesililirining hel qilinish usuli körsitilgen bolidu. Edebiyat tarixchisi bir tarixchi bolush bilen birge hemmidin bekrek tetqidchi bolushi zörür.


Sélishturma edebiyat, omumiy edebiyat we milliy edebiyat


Sélishturma edebiyat atalghusi aldi bilen éghiz edebiyati tetqiqati, bolupmu xelq chöchekliridiki témilarning eserdin eserge köchüsh ehwalini we yene bularning yüksek we sen'etkarane edebiyatqa qandaq we qachan ötkenlikini tetqiq qilish meniside qollinilidu. Ikkinchi qedemde bu atalghu ikki yaki uningdin köprek edebiyat otturisidiki munasiwetni tetqiq qilish süpitidimu qollinildi. Netijide her xil edebiyatlar, bolupmu gherbiy yawropa edebiyati otturisidiki yéqin munasiwetni körsitip biridighan bir munche matériyallar toplinip, edebiyatlar ara alaqe témisidiki bilimlirimiz zor derijide ashti. Üchünchi qedemde sélishturma edebiyat atalghusi öz pütünliki ichidiki edebiyat tehlili, dunya edebiyati, omumiy we alemshumul edebiyat bilen oxshash menide qollinildi.
Kéyinki waqitlardimu omumiy edebiyat atalghusi sélishturma edebiyattin perqliq bir menide qollinilishqa bashlidi. Sélishturma edebiyat ikki yaki uningdin köprek edebiyat otturisidiki öz ara munasiwetni tetqiq qilsa, omumiy edebiyat milliy pasildin halqighan edebiy éqim we moda témilarni tetqiq qilidu.
Sélishturma edebiyatning destlepki tedbiqlighuchiliri bolsa edebiyatning menbesini, uning éghiz edebiyati jehette ipadiligen türlirini we qandaq tereqqiy qilghanliqini iptida'iy dastan, tiyatir we shé'irlarning yardimi bilen tetqiq qilghan folklorchilar we étnografiyechiler idi.
Milliy we alemshumul edebiyatlar bir birige ariliship ketken halette bolidu. Eslide sélishturma edebiyatning hel qilishi zörür bolghan nerse türlük milletlerning omumiy edebiyat tarixigha qoshqan ayrim - ayrim hessilirini éniq körsitip birishtur.


Matériyallarni retlesh we tehqiqlesh


Edebiyatshunasliqning aldinqi wezipiliridin biri matériyallarni toplash, dewrning ötishi bilen peyda bolghan weyranchiliqlarni tügitip, tékistning toghriliqini, aptorining kimlikini we qachan yézilghanliqini éniqlash qatarliq mesililerni tetqiq qilishtur.
Éghiz edebiyati sahesidiki matériyallarni retleshte bezi gheyri mesililer bar. Mesilen, sözlen'gen nersilerni ün'alghugha köchürüsh yaki transkripsiyun yéziqi bilen kopiyilesh usuligha oxshash. Yazma matériyallarni tépishqa tirishqanlarning bolsa aptorning mirasxorliri bilen shexsen tunushishi, izden'güchining shu muhittiki étibari, iqtisadi imkaniyiti we köpinche mexsus tekshürgüchilerge xas bir xil salahiyetke ige bolushigha oxshash tamamen emeliy mahiyettiki mesililermu uchrap turidu.
Toplan'ghan matériyallarni katologlashning téxnikiliq terepliri we bibli'ografik izahatlar kutupxanichilar we bibli'ografiyichiliktiki mutexesislerge qaldurilidu. Emma, bezide peqet bibli'ografik mahiyettiki melumatlarningmu edebiy tetqiqatlarda ehmiyiti we qimmiti bolidu. Destlepki qedemdiki retlesh we katologlash ishi tamamlan'ghandin kéyin neshir qilish basquchi bashlinidu. Neshir qilish hem izalap chüshendürüshni hem tarixi tetqiqatlarni öz ichige alghan intayin murekkep bir pa'aliyetler jeriyani hisaplinidu.
Tékistni tüzitishte eslige uyghun bolush, yeni belgilik sözler yaki parchilarni eng qedimki we eng yaxshi yazma nusxisidiki shekli boyiche élish usuli qollinilidu. Buning bilen birlikte til ölchimi, tarixiy shekil we muhim ehmiyetke ige bolghan psixologiyilik ölchem qatarliq tékistning toghra sheklining tépilishi üchün yardemchi rol oynaydighan bashqa qarashlar we ularning ölchem da'irisinimu nezerge élish kérek.
Tékist éniqlan'ghandin kéyin destlepki tetqiqatning xronologiyisi, tékistning toghriliqi, aptorning kimliki we közdin kechürüsh qatarliq mesililer heqqide bir xulase chiqirish zörür bolidu. Yézilghan waqti éniq xatérilenmigen yazmilarda bolsa xronologiyini éniqlash qiyin. Hetta buni hel qilishmu mumkin emes.
Tékistning toghriliqini we aptorning kimlikini éniqlash mesilisimu muhimdur. Edebiyat tarixida eserlerning heqiqy yaki saxta, diniy endishiler sewebidin qilin'ghan weyranchiliqlarning rast yaki yalghanliqini éniqlash mesilisi muhim rol oynaydu. Bu tetqiqatlarni chongqurlashturush üchün muhim bir amil hisaplinidu.
Shuni unutmasliq kérekki, bir eserning esli yézilghan waqtining éniqlan'ghanliqi bizni tenqid mesililiridin héchqachan xali qilmaydu.


Edebiy tehlilde tashqi közitish


Edebiy tehlilning eng omumlashqan we tereqqiy qilghan usuli köpinche edebiy eser meydan'gha chiqqan rayon, muhit we tashqi sewepler heqqide toxtilidu. Nahayiti éniqki, edebiyatni yalghuz birla sewepning netijisi qilip körsitish mumkin bolmighachqa, perqliq seweplerni asas qilidighan usullar arisida eserni omumiy muhitqa tayinip chüshendüridighan bir usul qobul qilinidu.


Edebiyat we bi'ografiye


Edebiy eserni uning ijadiyetchisi bolghan aptorning hayati we kishiliki bilen chüshendürüsh edebiy tehlilning eng qedimki we eng keng omumlashqan usulliridin birige aylan'ghan.
Bi'ografiyining meqsiti sha'ir yaki yazghuchi psixologiyisini tehlil qilish üchün matériyal hazirlash, dep tesewwur qilinidu. Bi'ografiye tarix yéziqchiliqining bir bir qismi süpitide körülidu. U höjjet, mektup, yazghuchi, meshhur kishilerning sözliri, xatériler we bi'ografiye bilen munasiwetlik eserni izahlap, uning toghriliq, ishenchilik derijisi heqqide we bashqa bezi mesililerde qarar chiqiridu.
Bi'ografik küzitish usuli emeliyette edebiy en'enining toghra shekilde chüshinilishini qéyinlashturidu. Bezide nahayiti addi psixologiyilik hadisilernimu nezerdin saqit qiliwitidu.
Qisqisi, bir sen'et esirini bi'ografiyige qarap chüshendürüsh we eserni bi'ografiye üchün qollinish nahayiti inchike bir tetqiqat we tekshürüshni telep qilidu. Bi'ografiye edebiyat tarixini, yeni edibni öz ichige alghan en'enini we uni shekillendürgen tesirlerni, menbe süpitide qollan'ghan matériyallarni aydinglashturidighan melumatlardur. Shundaqtimu tenqidte bi'ografiyige mexsus bir orun ajritish we ehmiyet birishmu xeterlik bir ehwalni peyda qilidu.


Edebiyat we p
isxologiye


Edebiyat psixologiyisi déyilgende tip we shexs süpitide aptor psixologiyisi, ijadiyet jeriyani, edebiy eserlerde körülgen psixologiyilik tiplar we qanuniyetler heqqidiki tehliller we oqurmenlerde peyda qilghan tesirler nezerde tutilidu.
Fré'udning aptor heqqidiki qarashliri anche muqim emes. Fré'ud bir tereptin aptorning yaratqan esiri arqiliq özini telwiliship kitishtin qutuldurghanliqini bildüridu, yene bir tereptin aptorni héchqandaq waqitta heqiqiy bir yaxshi charige yüzlenmeydighan jahil we nérwa kisilige duchar bir kishi süpitide tunitidu.
Fransuz psixologi ribot edebiyat sen'etchilirini tesewwur jehette ikki tipke ayridu. Buning biri, tesewwur küchining köpinche tashqi dunyani közitish, idrak qilish arqiliq his qilin'ghan we ochuq xitap qiliwatqan aptorning gewdilik alahidiliki bolghan «bedi'iy tesewwur küchi», yene biri bolsa özining hayajan we tuyghuliridin hasil bolghan we bularni özi yashawatqan muhittiki rohiy atmosfuraning zorlishi bilen birikken ahangdarliq we imaglar arqiliq ekis ettüridighan simwolizm sha'irliri we romantik eserler yazghuchisining tesewwur küchi hésaplan'ghan «yéyilghan tesewwur küchi»dur.
Rominiyilik alim l.Rusumu sen'etchilerni yéqimliq sen'etkar, anarxizm sheyténi we xetersiz sheytandin ibaret üch asasiy tipqa ayrighan.
Ijadiyet jeriyani heqqidiki modérnizmliq bir eserde qolgha élinidighan asasliq téma zéhinning ang we angdin xali merkezlirining ijadiyette öz ara oynighan rolidur. Angdin xaliyliqni yükseldürgen romantizmliq we ékspéryonstizmliq dewrlerni eqil bilen közitip tüzitish we chüshinishlik bolushqa ehmiyet bergen klassizm we ré'alizmliq dewrlerdin ayrish kérek.
Tiyatir we romanlardiki pérsunazhlargha psixologiyilik jehettin özimizge qanchilik mas kelgenlikige qarap baha birimiz. Psixologiyilik bilimlermu biz üchün bir xil matériyal hisaplinidu.
Qisqisi, psixologiye öz aldigha ijadiyet pa'alyitige teyyarliq köridighan bir halettur. Lékin, sen'et esiridiki psixologiyilik heqiqet bolsa sen'et esirining pütünlikini kücheytip uni murekkep bir haletke keltüridur. Bumu sen'et esirini téximu isil bir eserge aylanduridu.


Edebiyat we jem'iyet


Edebiyat ipadilesh wasitisi süpitide jem'iyetning yaratqan tilini qollinidighan bir ijtima'iy qurulush. Aptorning özimu jem'iyetning bir ezasi bolghachqa, jem'iyette belgilik urun tutidu. Aptor eserliride elbette öz turmushini we özining pütkül hayatliq chüshenchisinimu teswirleydu. Lékin, uning öz hayatining hemme teripini yaki belgilik bir dewrning pütkül hayatliq chüshenchisini bayan qilghanliqini, shuningdek, öz hayatining melum bir dewrini tamamen we kemtüksiz halda ipade qilghanliqini éytishmu anche toghra emes.
Aptorning kélip chiqishi, jem'iyettiki orni, ijtima'iy idé'ologiyisi biz tunji bolup uchritidighan mesile hésaplinidu. Uningdin kéyin ijtima'iy mezmun, edebiy eserlerning özidiki isharet we ijtima'iy meqset mesilisi otturigha chiqidu. Axirida edebiyat xitap qiliwatqan xelq we uning jem'iyette peyda qilighan tesiri mesilisi bilen uchrishimiz.
Her bir aptor jem'iyetning bir ezasi bolghachqa, uning bi'ografiyisi biz üchün asasiy menbe hésaplinidu. Shu seweplik, aptorning kélip chiqishi we iqtisadi ehwali qatarliq témilar heqqide bir munche melumatlar toplinidu.
Yalghuz jem'iyetning aptorgha tesir körsitidighanliqinila oylimasliq kérek, aptormu jem'iyetke tesir körsitidu. Edebiyat köpinche bir ijtima'iy höjjetke oxshash tetqiq qilinidu. Lékin, edebiyatni turmushning eynikidek we ijtima'iy höjjettek körüsh toghra emes.
Ijtima'iy(sotsyalist) edebiyat edebiyatning bir türi. Bö, edebiyat jem'iyet hayatining teqlidi yaki kopiyisi dep qaralghanda qobul qilinidu.


Edebiyat we pikir


Edebiyat bilen pikir otturisidiki munasiwet nahayiti köp xil shekillerde qolgha élinidu. Edebiyat bezide pelsepe sheklini élip pikir süpitide körülidu. Edebiyat tariximu tepekkur tarixi bilen parallil halda mangidu we uni ekis ettüridu. Pelsepe bilen edebiyat otturisida zich munasiwetning barliqidin söz échish qéyin. Chünki, pelsepe hem ijtima'iy munasiwetler, hemde ijtima'iy kélip chiqishi jehette perqliq bolghan bir qatlam teripidin tereqqiy qildurulidu. Pelsepe bilen edebiyat otturisidiki zich alaqidin söz achidighanlar bu xil qarashlirini edebiy eserlerdiki pikirlerning tehlilige, aptorning öz meqsiti bilen munasiwetlik sözlirige we dewrning éstétik prinsiplirige tayanduridu.
Biz üchün muhim bolghini edebiyatta pikirning qandaq ekis etkenliki we edebiy eserlerge pikirning qandaq ötkenlikidur. Bu su'allargha jawap birishke toghra kelse shundaq deymizki, pikir edebiy eserde xam matériyalgha oxshash dölinip turmaydu, u sen'et qurulmisi bilen birliship kitidu.


Edebiyat we bashqa sen'etler



Edebiyat bilen güzel sen'et otturisidiki munasiwet nahayiti köp xil we murekkep. Edebiyat tarixta bezide söz bilen yaritilghan bir resimge we muzikigha aylandurulush üchün tejiribe qilin'ghan.
Sen'et tarixi katégoriyilirini edebiyatqa köchürüsh heqqide tilgha élishqa erziydighan qarashlar wölflinning esiride otturigha qoyuldi. U rönésans bilen barok sen'iti otturisida strüktürél(1) asaslargha tayan'ghan bir perqning barliqini körsetken. Irishken netijilirini konkrétni sen'et eserlirining tehlilige tayinip otturigha qoyghan. U rönésanstin barokka ötüsh jeriyanda sen'ette rushen bir tereqqiyatning körülidighanliqini bildürmekchi bolghanidi.


Sen'et esirining mewjutluq shekli


Sen'et esiri eserge a'it pütkül ötmüsh we turmush tejiribisining toplimidur. Bir sen'et esirini téximu yaxshi tehlil qilish üchün sen'et esirining her birini uning tarmaq guruppilirini ipade qilidighan türlük qatlamlardin shekillen'gen bir sistéma süpitide tesewwur qilish kérek.
Sen'et esiri subyéktip köz qarashlardin peyda bolghan idé'al pikirlerdin shekillen'gen bir normlar sistémisidur. Sen'et esirining her xil qatlamlirini teswirleshte we tehllil qilishta shu xil usullar qollinilidu:
Awaz qatlimi: ahangdarliq, rétim, wezin.
Uslup tehlili.
Imag we oxshitishlar tehlili.
Xususiy sen'et eserlirige tedbiqlan'ghan tehlil usulliri.
Edebiy türlerning xaraktéri.
Edebiyattiki mukemmllik pikri.
Edebiyat tarixining xaraktéri we edebiyatning ichki tarixining mumkin bolush yaki bolmasliqi heqqidiki tetqiqatlar.


Ahangdarliq, ritim we wezin


Her qandaq bir edebiy eser bir xil menige ige bolghan tawushlar tizmisidur. Tawushning özige xas xususiyetliri bilen munasiwetlik bolghan alahidilikler köpinche birdeklik yaki ahangdarliqni shekillendüridu.
Tawush tekrarliqining tesiri her xil tillarda perqliq bolidu. Her bir tilda belgilik bir fonémalar sistémisi we buninggha uyghun kilidighan oxshash yaki zit tawushlar, bir birige yéqin üzük tawushlar bar. Bu xil tawush tesirini shé'ir yaki misraning omumiy awaz tonidin perqlendürgili bolidu.
Ritim peqet edebiyatqila xas emes. Yene tebi'etning, ishning, muzikining, hetta teswiriy sen'etningmu ritimi bolidu.
Wezin heqqide toxtalghanda wezin nezeriyisidin söz échish kérek. Birinchi, siziqliq wezin nezeriyisi. Bu rönésans dewrining el kitapliridin(2) élin'ghan bolup, sha'irning ri'aye qilghan qanuniyitini, oylighan wezin ölchemlirini we pilanini otturigha chiqirish üchün xizmet qilidu. Lékin, bu nezeriye tawush yaki ahanggha zadila diqqet qilmaydu. Ikkinchi, muzikiliq wezin nezeriyisi. Bu nezeriyige köre wezin muzikidiki ritimge oxshaydu. Bu nezeriyide nezmiy eserlerdiki sénkoronining(3)kishige qarap özgiridighanliqi we shé'irning xususiy bir shekilde chüshinilidighanliqi alahide tekitlinidu. Naxshilardek oqulidighan shé'irlarda bu nezeriye özining küchini qoghdiyalaydu, lékin janliq tilda we xitabet uslubida yézilghan shé'irlarda bolsa bu nezeriye ajiz haletke chüshüp qalidu. Üchinchi, akustik wezin nezeriyisi. Bu hazir köp qollinilmaqta. Bu nezeriye shé'ir oqighanda her türlük muhim heriketlerni qilishqa, hetta bezide apparat we tewrinishni ölcheydighan saymanlardin paydilinidighan obyéktip tetqiqatlargha tayinidu.
Bu wezin nezeriyiliri bilen birlikte menanimu mutleq nezerge élish kérek. Ahang we wezin menadin ayrim halda emes, eksiche sen'et esirining pütünlikige a'it terkipler süpitide tetqiq qilinidu.


Uslub we uslubshunasliq


Til edebiyat sen'etchisining matériyalidur. Shu seweplik, tehlil yürgüzüsh üchün til muhim. Bu xil muhimliq tebi'iyki sözlerning yaki jümlilerning menasi bilenla cheklinip qalmaydu. Chünki, edebiyat tilning her terepliri bilen munasiwetlik.
Uslubshunasliq eserliri omumiy tilshunasliqqa toghra asaslinishi kérek. Uslubshunasliq xas bir tesir yaritish meqsitide otturigha qoyulghan barliq ipadilesh wasitilirini tetqiq qilidu. Shunglashqa, u edebiyat, rétorika we söz sen'itidinmu keng saheni öz ichige alidu. Uslub tehlilliri bizni asanla mezmun meslilirige bashlaydu.


Imag, oxshitish, simwol we mif



Imag hem psixologiye hem edebiyat tetqiqati sahesige mensup bir uqum. Psixologiyide imag tuyghu we idraktin meydan'gha kelgen bir turmushning insan zihnide janlandurulushi we eslinishi dégenliktur. Imagning tesir küchi uning tuyghuning bir iznasi we simwoli bolushtek alahidilikidin shekillinidu. Imag shé'irde bir xil teswir yaki oxshitish süpitide körülidu.
Simwolmu imagqa oxshash melum bir edebiy éqimning nami. Matématika we logikidimu körülginidek, simwolning omumiy bir qollinish shekli bar. Edebiyatta bolsa bizni bashqa bir noqtigha bashlaydighan, lékin janlandurush we namayen qilish süpitide öz aldighimu diqqetni tartidighan bir xil ipadidur. Simwolda tekrarlinish we izchilliq alahidiliki bolidu. Imag hem janlandurush hem xas belge süpitide izchilliqqa irishelise andin bir simwolgha aylinidu.
Mif bolsa din, folklor, antropologiye, sotsiyalogiye, rohiy analiz we güzel sen'etni öz ichige alghan muhim bir mena sahesini ipade qilidu. Edebiyat nezeriyisi jehettin muhim bolghan terepliri bolsa mundaq körsitilidu, yeni uning mistik, ijtima'iy, imagliq, tebi'ettin halqighan, alemshümül we u dunyadiki hayat bilen munasiwetlik bolushtek alahidiliki bar. Keng menidin éytqanda, mif mewjutluqlarning iptidasini we teqdirini chüshenduridighan we anonim halda yaritilghan xelq hikayiliridur.
Oxshitish bizning chüshenchimizdiki töt asasi amil bolghan sélishturush, qosh tereplik közitish, perq étilmigen nersilerni ashkarilap qoyidighan sezgüdiki imag we janliq ekis ettürüshni körsitidu. Bu töt amil hichqachan oxshash ölchemde bolmaydu. Bu halet her qaysi milletlerde oxshimaydu we türlük dewrlerdimu özgirip turidu.
Meyli imag bolsun, yaki oxshitish bolsun, bularning hemmisi edebiy eserning pütünliki we إz ara baghlinishi ichidiki terkip süpitide tetqiq qilinishi kérek.


Hikaye qilishning xaraktéri we hikaye shekilliri



Roman heqqidiki edebiyat nezeriyisi we tenqidliri shé'irge sélishturghanda xélila arqida turidu. Buning sewebi shé'irning téximu qedimiylikke ige bolghanliqidur.
Hikaye bayan qiliniwatqanda insan peqet uning netijisigila emes, yene weqeliki we jeriyanlirighimu diqqet qilishi kérek. Bügün'ge qeder élip bérilghan roman tehlilliride omumen üch amil üstide söz échildi. Bular weqening qurulmisi, pirsunazh we xaraktér yaritish, orundin ibaret. Orun bezi yéngi nezeriyilerde muhit yaki ton depmu uchraydu.
Weqelerning qurulmisi téximu kichik weqeler qurulmisidin shekillinidu. Filyetun we mektup qatarliq edebiy türler téximu addi shekillerdin meydan'gha kilidu. Bir tiyatir yaki romanning weqeler qurulmisi türlük qurulmilardin hasil bolghan bir qurulushtur. Kompozitsiye yaki motif qurulmisi hikaye terkiplirini muhim qatargha qoyushni, bayan tereqqiyatini we ipadilesh wasitilirini, di'alog, teswir yaki biwasite hikaye qilish qatarliq köp xil orunlashturushni öz ichige alidu.
Edebiy eserlerde, bolupmu romanlarda pirsunazh yaritishtiki eng addi usul isim qoyush hisaplinidu. Pirsunazh yaritishning bir munche shekli bar. Heritketsiz(statik)pirsunazhlarmu yaritilghanidek, nahayiti janliq we özgirishchan pirsunazhlarmu bar.
Makan bolsa hemmidin bekrek bir dewr mesilisi süpitide tesewwur qilinidu. Makan muhittin ibarettur. Bolupmu öy ichidiki ishlar kinaye yaki oxshitish arqiliq bir xaraktérni nahayiti éniq échip biridighan nersiler süpitide körilidu. Tebi'et makan süpitide tallansa arzumu tebi'ette ekis étidu.
Hikaye bir mektup yaki kündilik xatére sheklide bayan qilindu, yaki romanning ichige kichik hikayilar orunlashturilidu. U birinji shexsning aghzidinmu sözlinidu. En'eniwiy shekil bolsa üchinji shexsning aghzidin bayan qilishtur. Hikayining oqurmenlerge qandaq sunilidighanliqi nahayiti diqqetni tartidighan bir mesilidur. Tiyatir esiride yaki romanda tékistning nezerge élinishi muhim urunda turidu.


Edebiy türler


17- 18- esirlerde edebiy türlerge ehmiyet birildi. Bu dewrdiki tenqidchiler türlerni mewjut bir hadise süpitide kördi. Türlerning her birining perqliq ikenlikini tekitleydighini né'oklassik qarash idi. Né'oklassik qarash türlerning sapliqi, muhimliq derijisi, izchilliqi we türlerning qoshumchisi qatarliq xususlar bilen meshghul boldi.
19- esirde bolsa téximu köp edebiy tür otturigha chiqti. Mesilen, tarixiy roman we siyasiy roman dégendek. Oqurmenler türkümimu köpeydi.
Modérnizm éqimi nezeriyisi bolsa teswirleshni asas qildi. Bu éqim en'eniwiy türlerning bir biri bilen qoshulup kitidighanliqini we tirakomidiyige oxshash yéngi bir türni meydan'gha keltüreleydighanliqini qobul qilidu.
Edebiy tür nezeriyisi bilen munasiwetlik bezi muhim mesililer tüwendikilerdur: buning biri iptida'iy türler(folklor, éghiz edebiyatigha a'it eserler)bilen yüksek edebiyatning her qaysi türlirining munasiwitige alaqidar bolsa , yene biri türlerning qandaq dawam qilidighanliqi heqqidiki mesilidin ibarettur. Bu su'allar bizni tür tarixining mezmuni mesilisige uchrashturidu. Edebiyat tarixini yazghanda, edebiy tenqid bilen meshghul bolghanda türler otturisidiki munasiwetler heqqide nahayiti muhim mesililerge duch kilimiz. Shu seweplik, edebiy türler heqqidiki tehlil we tetqiqatlarda nahayiti esta'idil we diqqetlik bolush kérek.


Baha birish


Tarixta edebiyatqa omumiy insanlar qiziqqan we ehmiyet bergen. Lékin edebiyatni, edebiy eserlerni bahalashta tenqidchiler özi muhim dep bilidighan hayatliq chüshenchisini asas qilip pikir berdi.
Edebiyatning xaraktéri, roli we uninggha birilgen baha öz'ara munasiwetlik bolidu. Shunga, edebiyatning xaraktérige uyghun baha birish zörür.
Edebiy eser éstétik hayatni oyghitish küchige ige éstétik bir nersidur. Biri sezgürlükke tayan'ghan, yene biri eqil we muhakimige tayan'ghan bir xil höküm qilish shekli bar. Edebiyatqa baha bergende buning her ikkisi oxshashla zörür.


Edebiyat tarixi


Edebiyat tarixining köp qismi ya millet tarixi, ya edebiyattiki tesirige asasen yézilghan tepekkur tarixi, yaki bolmisa melum edebiy eserler heqqidiki tesirat yaki bahalardin teshkil tapqan xronologiyilik eserlerdur.
Bir sen'et esiri özining tarixida özgermey qalmaydu. Qurulmisi özgermeydu, lékin oqurmenlerning, tenqidchilerning we kéyinki waqittiki sen'etchilerning eser heqqidiki chüshenchiside özgirish bolidu. Bu medeniyet en'eniside özükchilik bolmighan shara'itta dawam qiliwiridu. Bu jeriyanni teswirlesh edebiyat tarixchisining wezipiliridin biri hésaplinidu.
Ikki yaki uningdin köprek eserler otturisidiki munasiwetlerni tetqiq qilish edebiyat tarixining mukemmellishishide bizni bezi mesililerge yoluqturidu. Aptorning bir esirini yaki birmunche eserlirini eng mukemmel eser dep qarap, bashqa eserlirining mushu örnekke qaysi derijide yéqinlashqanliqini tehlil qilish mumkin...
Edebiy türlerning we tiplarning tariximu bizning aldimizgha birmunche mesililerni tashlaydu. Lékin, bularnimu hel qilish usuli bar. Mesilen, edebiy türning bir sxémisini tépip chiqish üchün shu türning tarixini tetqiq qilghan'gha oxshash. Bu xil mesililer bir dewrning yaki bir éqimning tarixini yazghandimu körülidu. Hetta edebiyat tarixi siyasiy özgirishlerge asasen dewrlergimu bölinidu.
Edebiyat tarixi peqet zörür ehwalda özgiridighan bir xil qimmet sistémisigha tayinip yézilidu. Bu qimmet sistémisi tarixning özidin chiqirilishi kérek. Milliy edebiyat tarixini toluq halda yézip chiqish mesilisi téximu qiyin. Chünki, bu nahayiti keng da'irilik bir tetqiqatni telep qilidu.

Izahat:
(1) qurulmigha munasiwetlik dégen menide- t.
(2) her kimning asanla paydilinishi üchün her qandaq bir témida, emeliy meqsette teyyarlan'ghan kitap- t.
(3) melum bir basquchta körülgen tilshunasliq hadislirining alahidiliki- t.


★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★
torgha teyyarlighuchi: ilkan
★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★

تولۇق ئوقۇش

Rus edebiyatida teswirlen'gen sherq

Toluq Teksti



Sherq témilirining
rus edebiyatida teswirlinish mesilisi



Fikret türkmen*


Türkchidin yüsüpjan yasin terjime qilghan


Yazghuchilar we sha'irlar öz memlikitining kültüridinla emes, yene bashqa memliketlerning kültüridinmu uzuq alidu. Rus edebiyatchiliridin aléksandir sérgéyéwéch pushkin öz eserliride sherq témilirige orun bérish bilen diqqetni tartidu. Pushkin rus edebiyatida sherqni tunji qétim ré'alisttik(ré'alizmliq) usul bilen teswirligen, bolupmu uning shé'irliri sherq témilirining tesiri astida yézilghan.


Achquchluq sözler:
Rus edebiyati, aléksandir sérgéyéwéch pushkin, sherq témiliri , türk kültüri.
*****************************************


Sherq barliq medeniyetler uzuq alghan bir zimin. Gherp sherqni hem özidin perqliq hem yiraq dep qarisimu, lékin uningdin uzuq élish we uninggha heyran qélishtin xali bolmighan. Rusiye üchün bolsa sherq téximu perqliq bir menige ige. Bu heqte rusiye tetqiqatchilirining pikri birdek. Sherq ular üchün yawropadin yéqinraq.
«gherbiy yawropa ahalilirining köpchilikining neziride ‹sherq› sözi hemmidin awwal déngizning nérisidiki mustemlikilerni yaki qorqunchluq osmaniylar impériyisini körsitetti, yeni sherq ularning yurtidin nechche yüz we nechche ming kilométir yraqliktiki yerler hésaplinatti. Rusiyidiki ehwal perqliq idi. Rus döliti 16- esirdin étibaren asiyadiki rayonlarnimu öz tewelikige qoshuwélishqa bashlidi. Shu seweplik, sherq ruslar üchün héchqachan yiraq we yat bir zémin emes idi»(1)
Büyük rus yazghuchilirining köp qismi öz eserliride sherq bilen munasiwetlik témilargha orun bergen. Elwette bu yazghuchilarning eserlirige sherq bilen munasiwetlik témilarning kirgüzilishidiki sewepler arisida ularning shexsiy mayilliqi bilen birlikte yene shu dewrning iqtisadi we siyasiy ehwallirining tesirimu bar idi.
Char rusiye kéngeymichilik arqiliq zimin da'irisige oxshimighan kültürdiki her xil xelqlerni qoshuwaldi. Yéngidin qolgha kirgüzgen zimindiki xelqni we uzining keng ishghaliyet pasiligha yéqin jaylarda yashaydighan xelqlerni chüshünish bu döletning asasliq wezipiliridin birige aylan'ghan. Bu xil siyasiy muhitning tesiride rus yazghuchi we sha'irlirimu bu milletlerni chüshünish we ulardin paydilinishning zörüriyitini his qilghan idi.
Nurghun yazghuchi we sha'irlar peqet öz memlikitining menbeliridinla emes, yene bashqa kültürlerdinmu uzuq élish arzusida bolghan. Bashqa kültürlerni öz eserliride teswirlesh mahariti ötken esirlerde insanlarni edebiyat wasitisi arqiliq her xil kültür bilen uchrishish imkaniyitige irishtürdi. Rus edebiyati xelqni her xil kültür bilen uchrashturush jehette alahide bir katégoriyidin orun alidu. Ruslarning nurghun yazghuchiliri memliketning sirtigha chiqqan we öz millitini her xil kültür we chüshenchiler bilen uchrashturush wezipisini muwappiqiyetlik orundighan.
Bu xil yazghuchi we sha'irlar ichide aldi bilen xiyalimizgha kilidighini:
Aléksandir sérgéyéwéch pushkin(2),
Léw. Nékolayéwéch tolstoy(3) we
Mixa'il yuréwich lérmantof(4)qatarliqlardur.
Bu yazghuchi we sha'irlarni öz memlikitidiki bashqa ziyalilardin perqlendürgen we ularni untulmas kishler qatarigha qoshqan sewepler ichide ularning yéziqchiliq sen'iti aldinqi orunda turidu. Lékin, yene bir xil sewep bolsa ularning bashqa yazghuchilardin perqliq halda edebiyatqa «tunji»liq xususiyetni bergenlikidur.
Bu yerde ismi tilgha éliwatqan bu yazghuchi we sha'irlardin burun rus edebiyati romantizm we klassizm éqimlirining tesiri astida qalghan. Bu dewrdiki rus yazghuchi we sha'irliri yawropa edebiyatini teqlid qilghan we omumen jem'iyettiki ré'al halet bilen munasiwetsiz eserlerni yazghan. Bu teqlidi eserlerde muhim orun'gha qoyulghini til ishlitish usuli idi. Eserning mezmuni rus kishilirining hayatini ekis ettürmeytti.
Rusiyining heqiqiy qiyapiti tunji qétim pushkinning shé'irlirda otturigha chiqti. Pushkin rus kishilirini we rus yézilirini shu waqitqa qeder téxi omumlashmighan ré'alistik bir shekilde teswirlidi. Sha'ir addiy kishilerni teswirlesh bilen birlikte isilzadiler dep atalghan kishilerni öz ichige alghan muhitnimu emeliy közitishliri asasida teswirlidi.
Bu esirimizde büyük rus sha'iri pushkinning eserliridiki sherq uqumi we buningda ipadilen'gen mena heqqide toxtilimiz. Buning birinchi sewebi uning rus edebiyatida tunji qétim sherqni ré'alistik usul bilen teswirligenliki, yene bir sewebi uning kélip chiqish jehette sherqliq bolushi idi.(5)
1799- yili 5- ayning 26- küni moskwada tughulghan a. S. Pushkin 1837- yili 1- ayning 29- küni alemdin إtken. Qisqighila hayatida nahayiti nurghun eserlerni yaratqan sha'ir rus edebiyatining qurghuchisi süpitide otturigha chiqqan. Dada tereptin neseplik bir a'ilige mensup bolghan bu sha'ir sekkiz yéshida fransuzchini, uningdin kéyin bashqa gherp tillirini ögen'gen. Uning gherp medeniyiti bilen kichik chéghidila tunushishi kéyin ijadiyet sen'itini gherp medeniyitige emes, belki sherqqe burushigha sewep bolghan.
1837- yili bir qétimliq du'élda hayatidin ayrilghan sha'ir 38 yilliq ömride yazghan nechche on eserliri arqiliq rus edebiyatida munasip urun'gha irishken.
Pushkinning proza sahesidiki tunji esiri 1827- yili yézishqa bashlighan «büyük pétérning harwisi» dégen eserdur. Bu eserde sha'irning öz bi'ogirafiyisining asas qilin'ghanliqi tesewwur qilinmaqta. 1830-yili ilan qilin'ghan «bélkin hikayiliri» bolsa yenggil ipadilesh shekli we ré'alisttik usuli bilen rus edebiyati üchün bir burulush noqtisini teshkil qilghan.
Aptorning «macha qizi», «bélkin hékayiliri», «étishish», «shiwirghan», «öteng xojayini», «tawut yasighuchi» qatarliq hékayiliri türkchige köp qétim terjime qilindi.(6)
«macha qizi»da sha'ir pétérborg jemi'iyitining heqiqiy qiyapitini otturigha qoyghan. Hékayining bash qehrimani hérmann aynighan bir türküm kishilerning eng tipik örniki süpitide tunutulghan. Bolopmu eserde bir isilzade ayalning yataq öyining ré'alisttik bir métod bilen teswirlinishi rus edebiyatida muhim bir yéngiliq hésaplinatti.
Sherq témisi pushkin shé'irlirining asasini teshkil qilghan déyishke bolidu. Pushkinning eserliridiki türk tesiri shé'irliridimu éniq körülgen. Türk yaki omumiy bir chüshenche bilen éytqanda, sherq tesiri pushkinning shé'ir sen'itige perqliq bir tuyghuni béghishlighan.
Bu yerde bizning aldi bilen tehlil qilidighinimiz sha'irning 1826- yili yazghan «ey güzel qiz men séning esiring» dégen shé'iridur. Sekkiz misradin teshkil tapqan bu shé'irda pütünley sherq shé'irining tesiri körülgen. Pushkinning sen'itidiki sherq tesirining sha'irning 1820-yili bisarbiyide tughan chaghlirida shekillen'genliki tesewwur qilinmaqta. Sha'irning türkiyidin bu yerge köchüp kelgen kalipso polixroni isimlik bir rum qizidin nahayiti nurghun türkche naxsha we shé'irlarni ögen'genliki melum.
«ey güzel qiz men séning esiring» dégen shé'irida sherq tesiri éniq his qilinidu:

Ey güzel qiz men séning esiring,
Biraq, sanga esir bolushtin nomus qilmaymen.
Ormandiki ashiqlarning qanatliq shahi
Chatqaldiki bulbulgha oxshash,
Qedirlik we güzel gülning yénida
Shérin bir asaret astida yashap,
Qarangghu kichide
Uninggha naxsha éytimen.

Sha'irning 1822- yili yazghan «gréchanké»(«rum qizigha») dégen shé'irining yuqirida ismi tilgha élin'ghan rum qizigha atap yézilghanliqi we sha'irning bu qizgha bekla hewes qilghanliqi rus edebiyat tetqiqatchiliri teripidin bildürülmekte.(7) heqiqeten, «gréchanké» dégen shé'ir rum yaki yunan motifliri bilen emes, belki sherq motifliri bilen tolghan idi. Bolupmu bu shé'irdiki yunanliq qizning istanbulda osmaniylar kültüri ichide yitishken bir qiz ikenliki sha'irning türk kültüride yitishken bir insan'gha bolghan qiziqishi süpitide qolgha élin'ghan.

Sen, semimiy salamliring,
Sherqqe xas söhbetliring,
Eynektek nur chaqnighan közliring bilen,
Sha'irlarning ilham otlirini
Ulghaytish üchün yaritilghansen.

Sözle, leylining sha'iri,
Ulugh xiyalgha bérilip,
Sining özgermes ghayengni qachan medhiyilidi?
Semimiy we derdmen sha'ir,
Sendin bashqa kimni teswirlidi?

Sha'irning 1827-yili yazghan «gül we bulbul» dégen shé'irimu yene sherq tesiri éniq körülgen eserlirining biri idi. Pushkindin burunqi rus shé'iriyitide gül we bulbul témisini muhim orun'gha qoyup teswirligen bashqa örnekler yoq diyerlik idi. Bu shé'irde sha'ir omumen diwan shé'irining uslubini tedbiqlighan:

Baghdiki jimjitliqta, bahar kichisining tomanlirida,
Gülge qarap sözleydu sherq bulbuli,
Biraq, xushboy gül buni sezmidi,
Ashiqi sözlise midirlap qoyup mügidep qaldi.

Hushungni tap, ey sha'ir, istiking nime?
U anglimighach sözungni, sezmidi séni.
Qandaq bir janliqsen, sözüng qaldi jawapsiz.

Aa.W. Azbukina pushkin bilen a. W. Koltsofning eserliridiki «gül we bulbul» témisini tetqiq qilip, «rus shé'ir sen'itide gül we bulbul bilen munasiwetlik bu sherq motifi öz ipadisini tapqan. Gül ikkinchi orun'gha qoyulghan. Bulbul ajayip güzel sayrighachqa, bash qehriman süpitide birinchi orun'gha qoyulghan»(8) deydu. Bu tetqiqatchi rus sha'irlirining bu xil sherq motiflirige yüzlinishining sewebi süpitide klassizm dewrining axirlashqanliqini we rus sha'irlirining muhebbet témisini yaritish üchün sherq edebiyatigha yüzlen'genlikini körsitidu. Lékin, bu xil yüzlinish netijiside perqliq ehwallar meydan'gha kelgen. Pushkin bir sha'ir süpitide özini bulbulgha oxshatqan we güzellik üchün sayraydighan bulbulni sha'ir süpitide körgen.
Pushkinning ijadiyitidiki sherq tesirini peqet sha'irning muhebbet hayatini we söygü shé'irini asas qilghan déyish toghra emes. Sha'irning sherqqe bolghan heyranliqi yalghuz sherqliqlerning söygü dunyasi bilenla cheklinip qalghan emes, sha'ir yene din heqqidimu nahayiti qizghin pikir yürgüzgen. Uning islamiyetni teswirligen shé'irlirini oqusa sha'irning islamiyetni bekla yaqturghanliqi asanla melum bolidu.
Sha'irning 1821- yili yazghan «gurzaftiki bir namrat musulman» dégen shé'iri sha'irning islam dinigha ishinidighan insanlarning turmushtiki addiy - saddiliqigha bolghan heyranliqini nahayiti yaxshi otturigha qoyghan. Shé'ir gurzaftiki namrat, emma numuschan insanlarning turmushini eynen körsitip bergen:

Gurzafta bir namrat musulman,
Yéqinqiche xotun we baliliri bilen bille yashaytti;
Barliq rohi bilen muqeddes qur'an'gha ishinetti
We teqdiridin razi idi.
Muhemmed(ismi) her küni diqqet bilen
Hesel herisi we qoy padisigha,
Üzümlük béghigha qaraytti;
Bashqa ishni oylimay
Ayalini söyetti, buni bilgen fatime
Her yili oninggha bir bala tughup biretti.

Shé'irning dawami bargha qana'et qilidighan insanlarning pext tuyghusi fatimege alaqidar motiflar arqiliq birilgen.
Sha'ir peqet islamiyetni qobul qilghan we pütkül ömrüni uninggha atap nomus we edep bilen yashighan insanlarning hayatini öz shé'iride teswirlesh bilenla cheklinip qalmighan, belki yene muhemmed peyghembernimu esligen. Sha'irning 1825- yili yazghan «qoghlap tutush küni, sirliq gharda» dégen shé'irida muhemmed peyghemberning ismi biwasite tilgha élinmisimu, uning düshmenliri izdep yürgen chaghlarda bir gharda yushurunup qutulup qalghan muhemmed peyghemberge béghishlan'ghanliqi melum.
Undaqta, rus sha'irining muhemmed peyghember bilen munasiwetlik bir shé'ir yézishigha türtke bolghan amil qaysi? Shé'irning yézilghan waqti nezerge élinsa, sha'irning bu waqitta sürgünde ikenliki melum bolidu. Sha'irning bu éghir künlerde «qur'an kerim»ni oqup rohini teskin tapquzghanliqi tesewwur qilinidu. «qur'an kerim» 19- esirning bashlirida bir qanche qétim ruschigha terjime qilin'ghan.
Aléksandir sérgéyéwich pushkinning shé'irliridiki sherq motifliri elbette bu yerde körsitilgen örnekler bilenla cheklinip qalghan emes. Sha'irning sherqni chüshinishide we uni shé'irige bir matériyal qilip qollinishida türk osmaniylar kültürining zor hessisi bar. Pushkinning meyli öz memlikitidiki sayahiti bolsun, yaki kéyinche erzurumgha qilghan sepiri bolsun, bular uning etraptiki xelqlerning kültürel ölchemlirini estayidil tekshürüshige sewep bolghan. Ömür boyi chet'elge chiqishni arzu qilghan sha'ir char rusiye hakimiyitige qaritilghan tenqidi qarashliri sewebidin bundaq hoquqtin mehrum qilin'ghan idi. Lékin, 1829-yili partlighan rus -- osmaniylar urushi sewebidin uni aldinqi sewepke ewetishke ruxset qilin'ghan.(9)
1839- yili neshir qilin'ghan «erzurumgha sayahet» dégen eser sha'irning tunji qétimliq chet'el tesiratlirini ekis ettürüsh jehette alahide bir ehmiyetke ige. S. W.Soplénkof rusiyidiki sherq uqumi mulahize qilghan bir esirining kirish sözide: «erzurum yoli... Rusiyining asiya yoli hisaplinidu. Biz bu yolni pushkinning közi bilen körüshke adetlenduq. Uning esiride bu sheher we bu sheherge qilin'ghan seper simwolluq bir menige irishken. Sha'ir üchün éytqanda, erzurum pütün sherqqe simwol qilinidu. Bu yerde pushkin heqiqiy sherq tesrige irishken, hemde özini ümitsizlendürgen ehwalnimu uchratqan. Erzurum yoli ruslarning asiyagha kirgenlikining we ularning sherq dunyasi bilen oratqan munasiwitining simwolidur.»(10) deydu.
Sha'irning 1829- yili rus armiyisining erzurumgha qilghan yürüshige qatnishishi uning shu waqitqa qeder bashqilardin anglash we her xil menbelerni uqush arqiliq chüshen'gen sherq dunyasini öz közi bilen körüsh pursitige irishtürgen. Lékin, sha'irning öz közi bilen körüsh istiki eyni waqitta uningda bir xil ümitsizlikning peyda bolushighimu sewep bolghanliqi melum. Bu xil ümitsizlikning heqiqiy sewebi urush ichidiki bir memliketning shehrini körüsh idi. Her qandaq nersini weyran qilghan urushta birer yerning aman qélishini tesewwur qilish mumkin emes idi.
Sha'irning sepiri sherq tesirati bilen tolghan. Sha'ir emdilikte kawkaz taghliridin ötüp sherqni körüshke bashlighan. Sha'irning tunji bolup körgini sherqqe a'it minare dégen bir qel'e idi.
Sha'ir esirining birinji bölümide buni mundaq chüshendüridu: «tunji bolup diqqetni tartqan yer minare qel'esi idi. Uninggha yéqinlashqanda etritimiz chinar we ixlamur derixi bilen qaplan'ghan qurghanlar arisidiki tüzlengliktin ötti.... Ong terepte qarliq kawkaz taghliri közni chaqnitip turatti, aldimizda orman bilen qaplan'ghan bir tagh kökke taqiship turatti, uning arqa teripide qel'e bar idi. Qel'ening etrapida tatarbut dégen weyran bolghan bir yézining izliri kإrülüp turatti.... Peqet birla munar ilgiri bu yerde bir yézining bolghanliqidin bisharet birip turatti. Munar qurup ketken bir deryaning boyidiki tash döwiliri arisida qed kötürüp turatti. Munarning ich peshtaqliri bozulmighan idi. Men emdi mollining awazini anglighili bolmaydighan peshtaq süpisigha keldim. U yerde xet yézip quyushni yaxshi köridighan seyyahlarning kisek üstige uyghan natunush isimlarni uchrattim.» aptor bu bayanlirida janliq ipadilesh usuli arqiliq oqurmenlerning diqqitini tartqan.
Uningdin kéyin sha'ir wladikawkaz sheherchisige yitip kelgen. Bu rayunda yashaydighan osétler sha'irning bayanlirida tipik sherq en'enisi boyiche turmush kechüridighan bir xelq süpitide tunutulghan. Bolupmu sha'ir wladikawkazning ilgiriki namining «qapqay» ikenlikini tilgha alidu. Bezi tetqiqatchilar buyerning heqiqeten «qowuqköy» dégen bir qedimiy yurt ikenlikini otturigha qoyghan.(11)
Bu yer heqqide pushkin mundaq yazghan: «u yer (wladikawkaz sheherchisi) ni osét yéziliri urap turatti. Men bu yézilarning birini ziyaret qildim we bir miyit namizini uchrattim. Xelq toplashqan idi. Hoylida ikki öküz qétilghan bir harwa turatti. Ölgüchining tughqanliri we yéqinliri terep - tereptin yüz küzlirini chawaklap yighlap chiqip keldi... Ölümge kelgen kishilerdin biri merhumning quralini élip uninggha oq qachilap méyitning yénigha qoydi... Epsus, hichkim bu murasimni manga chüshendürüp qoymidi.»(12)
A.S. Pushkin öz esiride yolda uchratqan türk hammamlirini, téximu toghrisi sherq xelqlirining yuyunish usullirini iptixarliq bilen tilgha alghan.
U bu heqte mundaq deydu: «bir pars mini hammamgha élip bardi. Éssiq su qiyagha oyulghan bir hammamgha éqip baratti. Mini bir tatar hammamchigha tapshurup berdi. Uning kibirlik ikenlikini inkar qilmisaqmu, lékin bu haliti uning mushu ishning ustisigha aylinishigha tosqun bolmighan. Hesen mini issiq tash taxtay üstige yatquzdi. Uningdin kéyin mining bedinimni mujup owilap, mushti bilen chikishke bashlidi. Men hich bir aghriqni sezmidim, eksiche özümni intayin yinik his qildim.»(13)sha'ir tifliste körgen bu hammam heqqide heyranliq bilen söz achidu.
Sha'irning seper tesiratliridiki sherq weqeliri tebi'iy halda sherqqe a'it sözler bilen tolghan. Eserning tötinji bölümi pütünley erzurumgha béghishlan'ghan. Bu bölümde sha'ir yer we kishi isimlirini türkche shekli bilen yazghan. Bu shu dewr edebiyati üchün bir yéngiliq süpitide qobul qilishqa tigishlik ehwal idi.
Sha'ir mundaq yazidu: «köwrük chaban kepri dep atilidu. Köwrüktin nechche qedem yiraqliqtiki karwan sarayning xarabilirini aylandim.»,
«hesen qel'esi erzurumning achquchi hisaplinidu. Sheher qel'edin taj taqighan bir qiyaning astigha qurulghan... Lagirimiz qel'ening aldidiki keng bir tüzlenglikte quruldi. Bu yerde men ichide arshang bar bir yomilaq tash öyni ziyaret qildim.»
Sha'ir beshinji bölümdimu erzurum bilen munasiwetlik emeliy tekshürüsh ehwalidin söz échip mundaq deydu: «erzurum asiya türkiyisining paytexti hisaplinidu. Uning 100ming ahalisi bar. Lékin ahalining sani buningdinmu köprek bolsa kérek. Öyler tash, chatqal we ot - chöpler bilen qaplan'ghan. Igizdin qarisa bular sheherge qorqunchluq bir tüs biridu.»
Sha'ir esirining axirida shu waqitqa qeder ruslarning kallisida shekillen'gen sherqning bayliqliri heqqidiki chüshenchining mubalighe ikenlikini tilgha élip mundaq dégen:«asiyani heshemetlik deydighan bu söz her halda namrat ritsarlarning yalingach tamliq öylerni we qel'elerdiki dup yaghichidin yasalghan orunduqlirini tashlap ehli selp yürüshige chiqip, tunji qétim isil sapalarni, rengdar gilemlerni we tutquchi her xil renglerde bizelgen xenjerlerni körgen chaghlirida shekillen'gen.»
A. S. Pushkinning «erzurumgha sayaset» dégen esirige etrapliq baha bergen hénri troyat aptorning erzurumdiki waba kisilige bolghan heqiqiy mewqesi heqqide toxtalghan. Hénri troyat pushkinning türklerning waba kisilige griptar bolghan kishilerge qarita insaniy mu'amilide bolidighanliqini körüp «yawropaliqche endishide bolghanliqimdin qattiq nomus qildim» dégen sözige «7-ayning 21-küni... Pushkin waba kisili bar hichqandaq kishi bilen körüshmey erzurumdin ayrildi» dégen izahni qoshup qoyghan.(14)
Shubhisizki, pushkin shu waqitqa qeder anglighanliri we oqughanlirigha tayinip éngida bir sherqni yaratqan. Epsus sha'ir heqiqiy sherqni xéli yillardin kéyin körüshke muweppeq bolghan. Emma, sha'ir éngidiki bilen emeliyettiki sherqni birbirige jipsileshtureligen sanaqliq sen'etkarlarning biri idi. Bashqiliri bolsa shöbhisizki tolstoy we lérmantof qatarliq sen'etkarlar idi. Sherqni chüshinip eserliride teswirligen edebiyatchilar tebi'iy bir menbege irishish imkaniyitini öz qabiliyiti bilen birleshtürüp utuq qazan'ghanidi. Bulardin tolstoyning ré'alizmliq, lérmantof bilen pushkinning romantizmliq yazghuchilardin bolushi bashqiche bir tesir peyda qilmighan.

★ proféssor, doktur fikret - türkmen türkiyidiki ege üniwérsititi türk dunyasi tetqiqatliri inistitotining mudiri.

Izahatlar:
(1) s. W. Soplénkof: «erzurum yoli», 5-bet, 2000-yili, moskwa.
(2) «aléksandir sérgéyéwich pushkin», «ana biritaniche», 26-tom, 75-,77- betler,1987- yili, enqere.
(3) «léw nikolayéwich tolstoy», «ana biritaniche», 30-tom, 108-,109- betler, 1987- yili, enqere.
(4) fikret türkmen: «mixa'il yuréwich lérmantof we ashiq ghérip hikayisi», «10- qétimliq xelqara kibatek türk edebiyati yighini bilimliri»,137-,141-bet, 2005-yili, 5- ayning 11- künidin 16- künigiche, kiyéf.
(5) «aléksandir sérgéyéwich pushkin», «ana biritaniche», 26-tom, 75-bet,1987 - yili, enqere.
(6) aléksandir sérgéyéwich pushkin: «tallan'ghan hikayilar»,1997-yili, istanbul, épsilon neshriyati.
(7) x. S. Kirof: «pushkinning yunan qizi», «tarixiy uchurlar», 1884- yili, 2- san, 337-bet.
(8) a. W. Azbukina: «a.S. Poshkin we a.W.Koltsowaning shé'irliridiki xelqaraliq bir téma gül we bulbul» «a.S pushkin tughulghanliqining 200-yilliqini tebrilesh munasiwiti bilen ötküzülgen xelqaraliq ilmiy muhakime yighinining maqaliliri», 1998- yili, qazan dölet ünwérsiti.
(9) s. W. Soplénkof: «erzurum yoli», 5-bet, 2000-yili, moskwa.
(10) s. W. Soplénkof: «erzurum yoli», 5-bet, 2000-yili, moskwa.
(11) isma'il kaynak: «aléksandir sérgéyéwich pushkinning eserliride türk - islam medeniyitining izliri»,90 -bet, 1976-yili, enqere.
(12) a.S. Pushkin: «erzurumgha sayahet», 1839-yili, moskwa.
(13) a.S. Pushkin: «erzurumgha sayahet», 1839-yili, moskwa.
(14) hénri troyat: «klassiklar üchün yardemchi eserler- pushkin»(2-tom), 92-bet,1964 -yili, enqere.


*******************************
torgha teyyarlighuchi: ilkan
*******************************

تولۇق ئوقۇش

2009年1月24日星期六

Dastan - milliy bayliq

داستان - مىللىي بايلىق



*********************************
Dastan - milliy bayliq
*********************************


Yüsüpjan yasin
*********************


Dastan - xelq éghiz edebiyati ichide eng diqqetni tartidighan bir tür. U özi mensup bolghan milletning pütkül mewjutliqining, tepekkur, dunya qarash, étiqad, pezilet we milliy qehrimanliq köreshlirining uzun shé'iriy hékayiliridin ibaret.
Lékin, hemmila milletning dastan'gha ige bolushi natayin.
Bir millette dastanning meydan'gha kilishi üchün ashu millet insanning idraklirini eng yaxshi qozghitidighan eng qedimki we eng iptida'iy dewrlerni bashtin ötküzgen bolushi, bolupmu shu milletning tarixida xelqning hayati we xatiriside nechche ewlad untulmay kelgen chong urushlar, istila heriketliri, milliy toqunushlar, köchüshler we tebi'iy apetlerge oxshash alahide weqeler meydan'gha kelgen bolushi kirek. Mana shundaq weqelerning tesiri bilen shexslerde asta -- asta ortaq pozitisye hasil bolidu we waqitning ötishi bilen milletlik xaraktérini yaritip, dewrdashliri arisida alahide orun'gha irishidu.
Mushu noqtidin qarighanda, milliy dastan'gha ige bolmighan milletlerning medeniy qimmetliri we tarixiy bayliqliri qis bolidu. Bundaq milletlerning medeniyet tarixidin orun élishi qiyin'gha toxtaydu. Heqiqeten, bu boshluqni his qilghan bezi milletler «sün'iy dastanlar» yaritish arqiliq dastan edebiyatigha qedem qoyghan. Bir munche milletler qedimki yunan, latin we sherq milletlirining dastanliridin we mifliridin ilham élishning lazimlighini his qilip yetken.
Uyghur tarixi qehrimanliq bilen bashlinip, yene qehrimanliq bilen dawamlashqinidek, uyghur edebiyatimu dastan bilen bashlinip, yene dastan bilen tereqqiy qilghan. Emeliyettimu uyghurlarning heqiqiy rohi we uyghur tarixining siri del dastanlirimizgha yoshurun'ghan.
Dastan milletning hayatini yéngidin yaritish, milliy medeniyetni yükseldürüsh we milliy shan - sherep qazinishning menbesidur. Emeliyettimu dastanlarni tetqiq qilip körsekla, uning heqiqeten bir xil küch - quwwet we milliy bayliq ikenlikini chüshinimiz.
Dastan bir milletning ortaq ijadiyiti bolup, dastanning aptori del milletning özidur. Dastan milletning ortaq tepekkurining mehsuli bolghachqa, u milletning ortaq ijtima'iy zoqining süzgüchidin إtidu. Shunga, dastanda milletning hayatliq qarishi we milliy pelsepisi heqiqiy ekis étidu.
«oghuzname» diki: «men uyghurlarning xaqanimen, men pütün jahan'gha xaqan bolushim kirek» (1) dégen misralardin uyghur tepekkurining hoquq pelsepiside öz ipadisini tapqanliqini bilishke bolidu. Dastan asasen uzun shé'iriy eser. Uning nezim we nesir türi arilashqanliri bekla az uchraydu. Nesriy shekildiki bezi dastanlarda pat - pat közge chéliqidighan nezmiy alahidiliklermu bu dastanning eslide nezmiy halette éytilghanliqini chüshendüridu. Shekil we tür jehette dastanda milliy zoq hökümran orunda turidu. Wezin we qapiye qatarliq xususiyetler ashu dastanni yaratqan milletning en'enisige baghlinidu. Mesilen, yunan dastanlirida wezin alahide bolsimu, lékin qapiyige anche étibar birilmigen.
«shahname» - aruz weznide we mesniwiy sheklide yézilghan.
Fin dastani - «kaléwala» - tötlük sheklide yézilghan we «ronu» dep atilidighan xelq naxshiliridin meydan'gha kelgen.
Uyghur dastanlirida qapiyige yüksek derijide ehmiyet birilgen. Shekli tötlük we qoshaq tipini asas qilghan.
Démek, dastan milletning sap tuyghusining mehsulidin ibaret. Shu wejidin, dastanning milletning diqqitini jelp qilish küchi intayin küchlük, milletning rohini ghidiqlash we uni qozghashtiki rolimu intayin zor bolidu.
Shübhisizki, dastan milletning hayatini mezmun qilidu. Shunga, dastan milletning milliy medeniyet qimmetlirining bir ghezinisi dep qarilidu. Hetta dastanning nigizlik mezmunigha qoshulghan ilawiler we medeniyet terkipliri üstidiki tetqiqatlar bizge ashu milletning tarixiy xaraktérini, irqiy alahidilikini, yüksek insaniy tuyghulirini, qisqisi milletning bir pütün xaraktéristikisini körsitip biridu.
Mesilen, yunanning dastan qehrimanliri otturisidiki majiralar, hiyle we yalghanchiliqlar, esebiy jinsiy istekler, qiz bulap qéchish, adem öltürüsh we oghurluqqa oxshash jinayet we exlaqsizliqlar bizge qedimki yunanliqlarning xaraktér we tebi'itini chüshendürüp biridu.
Halbuki uyghur dastanlirida buninggha tüptin oxshimaydighan bir dunyaning, saghlam we teshkillik bir ijtima'iy hayatning we yüksek derijide tereqqiy qilghan exlaq sistémisining ipadilirini köreleymiz.
Dastanning tili xelqning aghzida talay esir tekrar-- tekrar sإzlinip tawlan'ghan we süzülüp ipadilesh imkaniyiti jehettin mukemmellikke irishken bir tildur. Bu étibari bilen dastan tili özi mensup tilning eng güzel örnikini teshkil qilidu. Bu til köpinche qehrimanliq sergüzeshtilirini(weqelirini) chüshendürgenliki üchünmu pewqul'adde bir jushqunluqni ipadileydu. Qehrimanlar, tebi'et jisimliri we haywanlar teswirlen'gende qollinilghan süpetler we keltürgen oxshitishlar yüksek derijide diqqetni tartidu.
Mesilen, «oghuzname» de mundaq teswirler bar: «bu oghulning yüz - chirayi kök idi. Aghzi choghdek qizil, közliri hal, chachliri, qashliri qara idi. U hör peridinmu chirayliq idi. Uning puti buqa putidek, béli böre bélidek, mürisi qara bulghun mürisidek, köksi éyiq köksidek idi ... Bu yoruqning ichide bir qiz tenha olturghan, u sahipjamal bir qiz idi. Uning pishaniside choghdek paqiraq méngi bolup, xuddi tömür qozuqqa oxshaytti ... Tang süzülgende oghuzxanning chidirigha kündek bir yoruq chüshti. U yoruq ichidin kök tüklük, kök yayiliq chong bir erkek böre chiqti. Böre oghuz xaqan'gha mundaq dédi: hey oghuz sen urumgha esker chiqarsang, men aldinglarda yol bashlap mangimen.» (2)
Démek, dastan tilning pishqan eng tatliq sözliridin we milliy tesewwurning eng güzel örnikidin qurulghachqa, xelq peqet dastan arqiliqla özining edebiy zoqini toluq qamdaydu.
Herqandaq bir dastanning baghlinidighan bir jughrapiyilik muhiti bolidu. Dastan teswirliniwatqan weqelikning ornini jughrapiwiy jehettin keskinlik bilen körsitip birelmisimu, uni belgilik derijide ekis ettürüp bireleydu.
Finlandiye qar -- muzliri bilen, yunan we balqan aral we déngizliri bilen, uyghur yurti ottura asiya bolsa bozqir, orman, tagh, derya we yaylaqliri bilen dastanning jughrapiyilik muhitini teshkil qilidu. Bu jughrapiyilik muhit turghun halette bolmastin, belki heriketchan tebi'et süpitide otturigha chiqidu we insanlarning hayatigha ariliship, ularning teqdirige küchlük tesir kإrsitidu.
Mesilen, «köch -- köch dastani» da bir qiyaning tabghachlargha biriwitilishining uyghurlarning hayatida éghir weyranchiliqning yüz birishige sewep bolghanliqi sözlinidu. Dastanda yene heqiqiy bir makan'gha tayanmighan, xiyalning mehsuli bolghan jughrapiyilik muhitnimu uchritimiz.
Jughrapiye dastanda peqet bir xil makan wezipisinila ötimeydu. U yene ashu muhitta yashawatqan insanlarning tuyghu, tepekkur we xiyallirighimu tesir körsitidu. Ottura déngiz jughrapiyisi yunanliqlargha déngiz, déngiz buzhghunliri we yunulghan qiyalarni tesewwur qildurghan bolsa, ottura asiyaning qurghaq iqlimi, yaylaq, chöllük, dala, taghliq gireliship ketken tebi'iy shara'iti we hayat ghémi uyghurlargha hإr tuyghuni béghishlighan.
Démek, dastanda her qandaq bir milletning millet xaraktérini élishigha we milliylikining shekillinishige türtke bolidighan bir jughrapiyilik da'ire we ashu milletning hayatigha küchlük tesir kإrsetken we bu arqiliq milliy simwolgha aylan'ghan bir munche haywanlar (uyghurlarda kök böre, at we bürküt) tilgha élinish bilen folklor hayati yorutilidu. Eng muhimi bu arqiliq insanning peqet tebi'et we tebi'ettiki bashqa janliqlar dunyasi bilen bir gewde ikenlikidin ibaret qanuniyet échip birilidu.
Dastanning nigizlik mezmuni tarixqa baghlinidu. U zaman we makan noqtisidin tarixning pasilidin halqip ketmeydu.
Dastan tarix bilen zich munasiwetlik bolsimu, lékin u heqiqiy bir tarixning özi emes. Dastanning her sehipisi idrak (xiyal) tin ayrilmaydu. Heqiqiy bir weqe idrak kuchi bilen bayan qilinishqa bashlighanda, uninggha epsane -- riwayetlermu ariliship kitidu. Uning bilen heqiqiy weqeni ayrimaq qiyinlishidu. Shundaqtimu ashu weqening dewrini texminiy qilip bikitkili bolidu. Buningdin bilishke boliduki, dastan tarixning xelqning tesewwuri arqiliq yüksek sen'et qimmitige ige bir edebiy eser süpitide bayan qilinishidin ibarettur. Netijide dastandin milletning tarixtiki tepekkur we tesewwur küchining da'irisini we eng axirqi chékini bilgili bolidu.
Dastan - bir qehrimanliq hékayisidin ibaret. Qehrimanliq dastan üchün waz kechkili bolmaydighan tem. Dastanda weqeler da'im bir qehrimanni chöridep ret --réti bilen otturigha chiqip tiz dawamlishidu.
Qehrimanliq shexsning millet we wetenning mewjutliqi we sheripi üchün hayatini bedelsiz teqdim qilishtin ibaret bir xil büyük roh.
Qehrimanliq tarixta nurghun millette insanlar üchün idi'al tip hésaplan'ghan.
Qehrimanlarning hayati milliy iptixarliq menbesige aylan'ghan. Ularning namigha atap dastanlar toqulghan. Bu dastanlar toy, yighilish, bayram we depne murasimlirida xelq sen'etkerliri teripidin éytilip, bir tereptin qehrimanlar qutluqlan'ghan bolsa, yene bir tereptin yashlargha tip körsitish üchün teshwiq qilin'ghan.
Démek, dastan ewladlarni terbiyilesh we yitüshtürüshte milliy derslik bolush rolini oynighan.
Alp ertungadin tartip tömür xelipe we séyit nochigha qeder tariximizda meydan'gha kelgen pütkül dastanlar uyghurlarning tarix yaritish iqtidarini we uyghur medeniyet mentiqisining heqiqiy halitini chüshinishte bizni yiterlik matiriyal bilen teminleydu. Milliy tarix we étnografiyimiz heqqidiki tetqiqatlar chongqurlashqanséri uyghur milliy dastanining kengliki we bayliqi heqqidiki qarashlirimiz tamamen küchiyidu. Yawropa milletlirining özining milliy dastanlirini tetqiq qilish üchün 19- esirdin biri qaysi derijide gheyret körsetkenlikini tesewwur qilip körsekla bu yolda qilidighan ishlarning neqeder paydiliq we zörür ikenliki melum bolidu.
Bu yerde shunimu eskertip qoyush kirekki, türk - uyghur dastanlirining dunya edebiyatigha körsetken tesiri nahayiti küchlük bolghan idi.
Potanin dégen bir rus alimi 1899-yili ilan qilghan «ottura esir yawropa dastanlirida sherq témiliri» dégen chong hejimlik muhim bir esiride türk (uyghur) we mongghul dastanlirini yawropadiki türlük milletlerning dastanliri bilen sélishtürup, bularning gherbi asiya we yawropa milletlirige, hetta yehudi we xristi'an muqeddes kitaplirigha tesir qilghanliqini ispatlashqa tirishqan. Uning qarishiche, slawyanlar, finlar, gérmanlar we fransuzlarning qedimki xelq edebiyatidiki dastaniy motiflarning deslepki belgiliri türkler we mongghullargha a'it idi.
Ottura yawropa milletliri yaratqan dastan edebiyatining destlepki asaslirini qurush ruli mushu shekilde attila hunlirigha baghlinidu. Heqiqetenmu attilaning we hunlarning yawropaning ottura esirdiki dastan edebiyatigha körsetken tesiri shu qeder zor idiki, gérman edebiyatining bezi tarixchiliri uning gérman dastanidiki ehmiyitini yunan dastanidiki agaménnon'gha oxshitidu. Ruslarning 12- esirge a'it «igor yürüshi» (igor dastani) da türk terkiplirining ehmiyiti zor bolghinidek, sherqiy jenubiy yawropa milletlirining yeni, siriblarning we yunanliqlarning bu xil eserliridimu yene türklerning nahayiti küchlük tesiri bolghan idi.(3)
Bilish kirekki, her qandaq bir eserning ilhami milliy menbedin kelgendila, u büyük we güzel bir eserge aylinidu. Mana shu milliy menbelerning ichide milletning hayatliq menbesi we tepekkuridiki cheksizlikning belgisi hésaplan'ghan dastan hemmining aldida turidu.
Shuni eskertish kirekki, eger pikir we sen'et jehette ademlirimizning diqqiti uyghur dastanlirigha qaritilsa, edebiyat we sen'itimizning uli mushu milliy medeniyet tashliri bilen qurulsa, shubhisizki, bügünki dunyada milliy obrazimiz we insaniy étibarimizmu yüksiletti. Milletning ser xil kishiliri mushu büyük we nurluq heqiqetni körüp yitelmise, ular bayliq ichide yoqsizliqning derdini tartiwatqan bir bicharidek gheplette yashaydu.
Dastan qarimaqqa edebiyatning bir türi süpitide körülsimu, uninggha nahayiti büyük menalar yoshurun'ghan. Yuqirida déyilginidek, milletning hayatliq pelsepisi hésaplan'ghan mana shu dastanlarda milletning rohiy dunyasi we heqiqiy xaraktéri saqlan'ghan. Bu rohni tonup yitish we uni ewladlargha bildürüsh netijiside tarix bilen kelgüsi otturisida héssiyat we pikir jehettin milliy ang köwrükini qurup chiqqili bolidu.
Dastanlar qehrimanlar, jenggiwar kishilerni tip qilish we idi'al chüshenche bilen yughurulushtek alahidiliki bilen milletning milliy birlikining küchiyishide, milliy güllinishning meydan'gha kélishide, hörlük we erkinlikni qoghdishida, qaytidin büyük bir millet salahiyitini yaritish yolidiki tirishchanliqlirida, shuningdek yitekchi we dahiy shexslerning otturigha chiqishida türtkülük küch bolushtek zor wezipini orundaydu.
Biz ronaq tapqan we milliy ang shu'arigha ige milletlerning medeniyet siyasitige nezer tashlaydighan bolsaq, bu xil heqiqetni asanla köreleymiz.
Misal qilidighan bolsaq, gérmanlarning «nibulung dastani» ni, shuningdek öz tarixidiki dastan qehrimanlirini qaytidin tunushi tarixta bir qanche qétim gumran bolghan gérmanlarni qaytidin tirilishke, yéngiwashtin zor küch bilen janlinip, büyük bir milletni we büyük bir medeniyetni yaritishida hemmidin küchlük rol oynighan.
Buning yene bir misali - iran. Parislar uzun mezgil ereplerning we türklerdin gheznewiyler we seljuqlarning hakimiyiti astida qalghan bolsimu, milliy medeniyitini muhapizet qilip keldi. 15- esirdin kéyinmu osman impériyisining armiyisi aldida musteqilliqini qoghdiyalidi. Parislarning bu muweppeqiyitining küchi del «shahname» din kelgen.

Bu heqte firdewsi mundaq dep yazghan:

«ottuz yil köp zehmet chektim,
Parschida ejemni tirildürdüm» (4)

Firdewsi sasaniylarni aghdurup iranni ishghal qilghan erep islam armiyisige öchmenlik we ghezep bilen nezer tashlap, özlirini mushu aqibetke duchar qilghan teqdir qelimige lenet oqighan. U weqelerge islam we butpereslik noqtisidin emes, belki erep we paris noqtisidin qarighan. Yeni uning endishisi diniy emes, belki irqiy mesile idi. Shunga, u bu dastani arqiliq yiltizi tarixning qarangghu chaghlirigha we zerdüsht dinining chüshenchilirige taqilidighan paris milliy éngini kücheytip uni ebediyleshtürgen. Parislar bu milliy anggha shi'e markiliq kiyim kiydürüp uni özining tarixiy we milliy düshmenlirige qarshi eng küchlük qural qilip kelmekte. Iranda mewjut bolghan siyasiy, diniy we idi'ologiyilik chüshenche qandaqtu shi'e mez'hipi mesilisi emes, belki firdewsining qolida mukemmelleshken we shi'e mez'hipi namida atalghan paris milletchilikidur. Uning reqibi qandaqtur xristi'anlar we xristi'an döletliri emes, eksiche barliq sünni musulmanlardur. Bu sünni musulmanlar del parislarning tarixi we milliy düshmenliri bolghan türkler bilen ereplerdur.
Qisqisi, firdewsining eng zor töhpisi parislarni erep islam dolquni aldida irip yoqilip kitishtin saqlap qalghanliqidur. Eger «shahname» dastani bolmighan bolsa shimal afriqa milletlirining béshigha kelgen teqdir parislarningmu béshigha kéletti. Ular musulman bolush bilen bille yene milletlikini yoqitip ereplishetti.
Misir buning eng yaxshi misalidur. Misirmu iran'gha oxshash, hetta uningdinmu uzunraq tarixqa we küchlük medeniyet asasigha ige bolsimu, firdewsidek bir kishini yitishtürüp chiqalmighanliqi üchün islam hakimiyitige kirishi bilenla ereplishishtin qutulalmidi.
Démek, mukemmelleshtürülüp yéngi ewladqa yetküzülmigen qedimiy we küchlük milliy medeniyetning zadila qimmiti we qudriti bolmaydu. Milliy angning teshkil tépishi peqet milliy medeniyetning janliq qoghdilishi bilen ruyapqa chiqidu.
Öz aldigha bir qehrimanliq we pezilet abidisi süpitide otturigha chiqqan uyghur dastanliri biz éhtiyaj boliwatqan meniwiy küchni hessilep bergidek derijide mukemmellikke ige. Diqqet bilen qaraydighan bolsaq, shuni éniq körimizki, dastanlirimiz milliy we tebi'iy amillar - terkipler jehettin bashqa milletlerning dastanliridin nahayitimu üstün turidu. Yamanliq we rezilliktin xaliy halda, qehrimanliq, exlaq - pezilet, weten we milletke sadaqet bilen küch birish pikrige tayan'ghan dastanlirimiz uyghur tarixining heqiqitini yughurup chiqqan büyük qimmetler bilen tolghan.
Bu qimmetlerni heqiqiy menisi bilen tunush we yoruqluqqa chiqirish biz üchün muqeddes bir burch. Uyghurlarning pikriy we sen'et hayati peqet mushu usul arqiliqla biz intiliwatqan sewiyige ulishalaydu.
Démek, dastan milletning tepekkur hayatining janlinishi we milliy iradisining shekillinishi üchün heqiqiy bir menbe hésaplinidu.
Tarixta nurghun sha'irlar, yazghuchilar, heykeltarashlar, muzikantlar we mimarlar tepekkur we ijadiyitining tunji we asasiy matériyalini miqler we dastanlardin alghan.
Gherpning medeniyet tarixi buninggha tipik bir misal bolidu.
Gherpning pikir we sen'et tarixidiki simwolluq eserlerge aylan'ghan meshhur shé'ir, roman, drama, tragidiye, opéra, balét, resim, heykel we qurulushlarning ijadiyet ilhami del dastanlardin kelgen.
Edebiyatning küchi arqiliq qozghilidighan milliy oyghinishmu eslide dastanning qudritini tunush we uni qézishtin bashlinidu.
Yekun shuki, dastan - bir milletning wijdan we ghururidin bisharet biridu. Milletning tuyghu we tepekkur qurulmisini körsitip biridu, milletning mewjutliqi üchün roh we küch biridu.
Démek, dastan - bir milliy bayliq.

★★★★★★★★★★★★★★

Izahat:
*********

(1) «qedimki uyghurlarning tarixi dastani ‹oghuzname›», uyghurche, 46-bet. 1980-yili, béyjing.
(2) «qedimki uyghurlarning tarixi dastani ‹oghuzname›», uyghurche,41 -, 44-, 48- betler, 1980-yili, béyjing.
(3) m. Fu'ad kuprülü: «türk edebiyati tarixi», türkche,88-,89- betler, 2004-yili, enqere.
(4) «islamiyettin burunqi türk edebiyati», türkche, 65-bet, 1986-yili, istanbul.

★★★★★★★★★★★★★★★★★
Menbe: «diyarim». Yollighuchi: ilkan
★★★★★★★★★★★★★★★★★

تولۇق ئوقۇش