显示标签为“Uyghur Edebiyati”的博文。显示所有博文
显示标签为“Uyghur Edebiyati”的博文。显示所有博文

2009年5月11日星期一

Shor deryaning u teripi(dastan)




شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى


(داستان)



چىمەنگۈل ئاۋۇت



بىرىنچى باب: يامغۇرلۇق كېچە


ئېتىزلىقتىن تەپچىرەيدۇ ھارغىن تىنىق،
بۇ كەنتتە لىغىرلايدۇ ھىجران ئۈنى.
جىمجىتلىق بار ئورۇلمىغان بۇغدايلاردا،
كەچكۈم كەلدى سېنى شۇ دەم ئېرىق سۈيى.

قىر تۈۋىدىن يۇلۇنغان ئاھ ياۋا گۈلۈم،
سۇس سەزگۈمدە ئوخشاپ قالدى ئىسسىق قولغا.
ناخشامدەكلا سىڭىپ كەتتى زالىم ئۈنۈم،
گۈل رەڭگىگە كىرىپ قالغان يوچۇن يولغا.

تال-تال بولۇپ ئەركىلەيدۇ مەيىن شامال،
شاخلاردىكى يوپۇرماقمۇ ھالسىز شۇنچە.
يارغىلا ئوخشايدۇ بۇ پاكار ئۆيلەر،
چەيلەنمەكتە ئاياغلاردا يۇمران غۇنچە.


كېتىۋاتىمەن، بۇ ئىشىكتىن يەنە بىر ئايالنىڭ قېچىپ چىققانلىقىنى كۆردۈم. ئارقىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان قارا گەۋدىگە قاراپ شۈركۈنۈپ كەتتىم، ئۇمۇ مېنى تونۇدى بولغاي، چەكچەيگىنىچە ئورنىدا داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. كېتىۋاتىمەن، يېنىك شىرىقشىۋاتقان ئەسلىمىلىرىمدىن يۇلقۇنۇشقا ئامالىم بولمىدى...

جان قۇشۇم تېپىرلار، تىرناقلىرى قان،
ۋەھىمە يالايدۇ قاناتلىرىمنى.
ئىسسىق قۇم ئۈستىدە ئېچىلغان بىر گۈل،
تارىتار مېھرىمگە سېنىڭ قەدرىڭنى.

مۇجۇلغان يۈرەكتەك يانىدۇ قۇياش،
پىژغىرىم تېنىمدە چېچەكلەيدۇ تەر.
چېقىلغان شېشىلەرگە دەسسەپ ماڭىمەن،
يالاڭئاياغ پۇتۇمدىن ئاۋازىم ئۈنەر.

شېغىللىق يول بىلەن ئۇزىغان بىر مۇڭ
تونۇيدۇ شامالنى، ئايالنىمۇ ھەم.
ئۈن-تىنسىز شەلۋەرەپ تۇرار تېرەكلەر،
سۆيۈشمۇ بىر ئازاب، سۆيۈلۈشتۇر غەم.


دەرۋەقە، مەن ئۇنى سۆيگەن، ئۇنىڭ تۆككەن ياشلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن سۈرتكەنىدىم.

كەچۈرگىن تەبىئەت تەرسالىقىمنى،
مەن يەنە خورلۇققا كۆنمىدىم تىنچ.
گەر ھازىر بۇ يۇرتتا بولسا چىن تۆمۈر،
مەن ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۇراتتى قىېلىچ.

يامغۇرلۇق شۇ كېچە يۇغان ھەممىنى،
ئىشىكتىن جىممىدە چىقسام ئاۋايلاپ.
قۇشلارغا ئۆي بولسا بەزىدە قەپەس،
ئايالغا ئۆز ئۆيى قەپەستۇر شۇ تاپ.

ئاسماندا بىر تالمۇ يۇلتۇز كۆرۈنمەي،
چاقماقنىڭ شىددىتى باسقان قەلبىمنى.
يىرتىلغان كۆڭلىكىمگە سىڭگەنتى كۈلپەت،
يۇلۇنغان چاچلىرىمغا يايسام ئۈنۈمنى.

يۈزۈمدە ھىلالنىڭ دېغىدەك يېغىر،
كىرىشكەن چىشلىرىمدا چاينالغان قىسمەت.
دېگەنتىم شۇندىمۇ: «ھاياتلىقىمدا —
مەن ئۈچۈن ھەممىدىن ئۇلۇغ مۇھەببەت».


ئۇزاق يىللار ئىلگىرى مەنمۇ ئاشۇ ئىشىكتىن ئىلكىمدىكى بارلىق ئازاب ۋە ئارمانلىرىمنى ئېلىپ مۇشۇنداقلا قېچىپ چىققان. ئۇ ھەتتا مېنى ئارقامدىن قوغلاپ بېقىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەنىدى. كېتىۋاتىمەن... ھېلىقى ئايال قاياقلارغا غايىب بولغاندۇ؟

گۇگۇمدەك مۇلايىم ئەمەستۇر ئەرلەر،
قەھرىمۇ يارالماس كېچە باغرىنى.
بىر ئورام تاماكا، بۆرە ئوشۇقى،
بەلكىم بۇ ئۆمرىدە ياشاپ تاپقىنى.

ھەسرەتسىز، ئۈمىدسىز ئۆتەر خىرامان،
ئۇيقۇدىن ئويغانسا ئاندىن ئاتار تاڭ.
پەسىلسىز ياشاشقا كۆنۈپ كەتكەن ھەي،
بەزىدە ۋاقىتمۇ تۇيۇلار غازاڭ!


«بۇ كەنتتىكى مەزلۇملار يىغلىۋالغىلى يەنىلا كۆل بويىغا بارامدىغاندۇ؟» ئۆز ئۆزۈمگە ئاستا شىۋىرلىغاچ كېتىۋاتىمەن.
- شۇنداق، ھازىرمۇ ساڭا تونۇش ئاشۇ كۆل بويىغا بارىدۇ گۈلبانۇ.
جىگدە شېخىغا قونۇپ تۇرغان قېرى بۇلبۇلنى كۆرۈپ ۋارقىرىۋەتتىم:
- مېنى تېخى ئۇنتۇماپسەن بۇلبۇلۇم.
- تارتقان كۈلپەتلىرىڭنىمۇ ئۇنتۇمىدىم، - ئۇنىڭ ئاۋازى چىگىلدى، - ئۇلار كۆل بويىدا قانغۇدەك يىغلاپ، ئاندىن كۆز يېشىنى كوزىلىرىغا ئېلىشىپ، يەنە ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتىشىدۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ سوغۇق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتىم.
- بارغىن، ئۇمۇ يىغلاۋاتىدىغاندۇ بەلكىم.
ياشاڭغىراپ تۇرغان كۆزلىرىم بىلەن بۇلبۇلغا بىر قارىۋېلىپ، كۆل بويىغا يېقىنلاشتىم.

غۇنچىتىم، ئاچالمىدىم ئۆز بېغىمدا،
كېيىكتىم، يايلىمىدىم ئۆز تېغىمدا.
سېنى دەپ، ئاھ سېنى دەپ سۇندۇم تەكرار،
سانجىدىڭ تىغلىرىڭنى ئۆز قولۇڭدا.

لەختە قان يۈرىكىمنى مۇجۇپ تۇرۇپ،
چەيلىسەڭ چاچلىرىمنى يۇلۇپ تۇرۇپ،
چىدىدىم ئايال دېگەن بىقۇۋۇل دەپ،
بولدىلا كۆڭۈل دېگەن كەتسۇن قۇرۇپ.


ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ قوللىرىنى ئالىقانلىرىم ئارىسىغا ئالدىم. ئۇ خۇددى ئۇزاق يىل كۆرۈشمىگەن قەدىردانىغا يولۇققاندەك ماڭا ئۆزىنى ئاتتى. ئاۋازىمىز ئاۋازىمىزغا، كۆز يېشىمىز كۆز يېشىمىزغا قوشۇلۇپ كەتتى...
- مېنى تونۇمسىز؟
- تارتىۋاتقان ئازابلىرىڭىزنىمۇ بىلىمەن سىڭلىم.
- نېمە؟!
- بىر چاغلاردا مەنمۇ ئاشۇ ئۆيدىن قېچىپ چىققان.
- ئۇنى سۆيەمتىڭىز؟
- ...
- سىزچۇ؟
- ...
- ئۇ مېنى ئېلىپ قاچقان.
- مېنى قوناقلىقتا ئوت ئېلىۋاتقان يېرىمدە خوتۇن قىلىۋالغان.
ھەر ئىككىمىز ئىختىيارسىز كۈلۈپ كېتىشتۇق. كۈلكىمىزگە ئۇلىشىپ سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى.

ئىككىنچى باب: سەپەردىكى ئايال


ئۆز خىياللىرىمغا چۇلغىنىپ ئولتۇرۇپ پۇچىلىنىۋاتىمەن.

زەردابتەكلا ئىسسىق ھاياجان،
غاجىماقتا يالغۇزلۇقۇمنى.
ئاپتوبۇسنىڭ ئورۇندۇقىدا
يېنىك شامال تۇتتى قولۇمنى.

ئۈزۈك-ئۈزۈك تەرتىپسىز تۇيغۇ
يانجىلماقتا يوللاردا جىمجىت.
قىمىرلايدۇ ئەينەك سىرتىدا
تەر ھىدىدەك تونۇش بىر ۋاقىت.

ياۋا توشقان يۈگۈرگىنىچە
كىرىۋالدى چاقنىڭ ئاستىغا.
مۇزىكىنى ئۆچۈردى شوپۇر،
قولىقىمغا ئاڭلاندى يىغا.


چەكسىز كەتكەن قۇملۇق، پايانى يوق قۇرغاقچىلىق قاپلاق كەتكەن شورلۇق تۇپراققا قاراپ ئېرىۋاتىمەن. ھېلىقى ئايالنىڭ يەنە ئۆيىگە قايتالىغىنىغا ھەيران قالمىدىم. چۈنكى، ئىرادىدىن ئىرادىگە ئۆتۈپ ياشاش ئاياللارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ.

گۈل بىلەن تەڭ نەپەس ئالغىن، قۇش بىلەن تەڭ سايرىغىن،
كۈن بىلەن تەڭ ئارام ئالغىن، ئاي بىلەن تەڭ يايرىغىن.
چاكۇچاك بولغان يۈرەكنى پەيمانى ئەيلەي سەن ئۈچۈن،
بۇ ھايات تەلقىنلىرىدە ئاقىل-ناداننى ئايرىغىن.

كۆز يېشىڭ ھەقداسىغا يۇلتۇزلىرىمنى چۆكتۈرەي،
خۇن بولۇپ كەتكەن ئېتەككە قۇندۇزلىرىمنى تۆكتۈرەي.
بۇ جاھان سەيناسىدا بىر كۈن غېرىب بولساڭ ئەگەر،
ئىككىلەنمەي كەل يېنىمغا مىڭ يىل ئۆزۈملا مۆكتۈرەي.


نەپەس ئېلىشىم تېزلىشىپ، يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالغىلى تاس قالدى. ئۇزاق يىللار ئىلگىرى مەھەللىمىزدىكى دىۋانە ئايالدىنلا ئاڭلىغىلى بولىدىغان بۇ ناخشىنى ئەمدى بۇ يەردە كىم ئېيتىۋاتىدىغاندۇ؟
... ئىختىيارسىز ناخشا چىقىۋاتقان تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.

ھاۋانىڭ تىنجىقى سىقار دېمىمنى،
ۋۇجۇدۇم بەرگىدە يېنىك بىر تىترەك.
ئاخشامقى بوراندىنمۇ سۆيۈنۈپ قالدىم،
بىلىمەن، يەنىلا كۈلۈشۈم كېرەك.

چىپىلداپ تەرلىگەن ئەرنىڭ تېنىدەك
زېمىننىڭ ئارامى چېقىلدى قات-قات.
ئېھ، شۇ دەم دۇئاغا كۆتۈرگەن قولدەك
كىملەرنىڭ لەۋلىرى تىترەيدۇ پات-پات.


دىۋانىنىڭ ئىسمى رەيھانگۈل ئىدى، بىرەرى رەيھان دىۋانە كەلدى دېسە، بالىلارنىڭ ھەممىسى پىتىراپ تەرەپ-تەرەپكە قېچىشاتتى. چۈنكى، ئۇ بالىلارنىڭ قولىدىكى توقاچ، سامسا، كۆكباش، زاغرا، ئالما، ئامۇت، نەشپۈت، جىگدە دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆرۈپ قالسىلا قولىدىن تارتىۋالاتتى-دە، ئىشتىنىنىڭ ئېغىغا سۈركۈۋېتىپ خاتىرجەم كۈلۈپ كېتەتتى. چۈنكى، ئۇ بۇ نەرسىلەرنى ئەمدى ھېچكىمنىڭ ئۆزىدىن تالاشمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. نېمىشقىكىن، ئۇ دىۋانە ئايال ئۈزۈم يەۋاتقان بالىلارغىلا چېقىلمايتتى. بۇنىڭغا ھېچكىم ھەيران قالمايتتى ھەم سىرىنى بىلىشكە ئۇرۇنمايتتى...
...
پاناھلىق ئۈچۈن ھەر خىل-ھەر ياڭزا تاشلاردىن قوپۇرۇلغان بۇ كىچىككىنە كەپىگە ئېڭىشىپ ھەم قىستىلىپ تۇرۇپ مىڭ جاپادا كىردىم. ئالدىمدا چار ساقال، ئورا كۆز، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن تۇمىقىدىن چاچلىرى پاخپىيىپ چىقىپ تۇرغان دەرۋىش سۈپەت بىر بوۋاي ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدىكى ساپايى، ئالا خۇرجۇنىغا يۆلەپ قويۇلغان ھاسا ھەم بىر چۆگۈن ئۇنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتى بولسا كېرەك.

قورايدەك قوللاردا مۇجۇلار تەسۋى،
سۇ بولدى يۈرىكىم، ئوت بولدى مېھرىم.
غېرىبلىق دەشتىدە ياشاپ يەكمۇ يەك،
ئۇزاق يىل مۇشۇنداق ئۆتكەندۇ بەلكىم.

كىملەردىن نېمىنى كۈتكەندۇ، ھەيھات،
چىدام ھەم غەيرەتنى كىم بەرگەن ئاڭا.
ئاھ، مۇنداق مۆھتەرەم، ئەزىز بىر جاننى
تەۋەللۇت ئەيلىگەن قايسى بىر ئانا.


توۋا، ھېلىقى ناخشىنى ئۇ ئېيتقان بولغىيمىتى؟ كۆڭلۈمدىكى ئىزتىراپ كۆزلىرىمگە تەپچىپ چىقتى.
- كەل قىزىم، قورقما.
- بايىقى ناخشىنى...
- ناخشا... سەنمۇ ئاڭلاپسەندە!
- مەن كىچىكىمدىمۇ ئاڭلىغان بوۋا.
- نەدە، كىمدىن؟ ئۇنىڭ ئاۋازى ھاياجاندىن بوغۇلۇپ قېلىۋاتاتتى.
- مەھەللىمىزدىكى رەيھان دىۋانىدىن.
- رەيھان!!! ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ھەم تەلۋىلەرچە ۋارقىرىشىدىن ئەندىكىپ كەتتىم.
- ئاخىر سېنى تۇنۇيدىغان، سېنى ئۇنتۇمىغان بىرسىنى ئۇچراتتىم رەيھان. يۈرىكىمدىكى گەپلىرىم ئۇ ئالەمگە ئۆزۈم بىلەن بىرگە كەتمەيدىغان بولدى.
- بوۋا...
ئۇ بوش يۇمۇۋالغان كۆزلىرىنى ئاستا ئېچىپ ساپايىنى قولىغا ئالدى.

ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن،
ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى.
كۆز يېشىم دەريا بولۇپ،
بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.

قۇرغۇيۇم ياتقان قەپەسنىڭ
ئاچقۇچى قارنىمدىدۇر.
ئىتلىرىڭ قوغلايدۇ ھارماي،
قاۋانلىرىڭ ئالدىمدىدۇر.

ئەر ئەمەسمەن، ئوتلىرىمنى
يۈرىكىڭگە سالمىسام.
تىكەن كىرسە تاپىنىڭغا
كىرپىكىمدە ئالمىسام.

چاچلىرىڭنىڭ ئۆرۈمىگە
ئۆرۈلەي تال-تال بولۇپ.
توزۇسۇن ئاياغلىرىڭغا
پەسلى كۆكلەم كۈل بولۇپ.

ئەل سېنى دېسە نېمە،
مەن ئۈچۈن سۇلتان ئۆزۈڭ.
رەيھىنىم باغىمدا كۆكلە،
سەن ئۈچۈن يۇم-يۇم كۆزۈم.


مەن ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتكەندە مۇشۇ ناخشىنى ئوقۇيتتۇم. رەيھان ھېلىقى ناخشىنى...
بوۋاينىڭ گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرى، يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىگە قاراپ ئۇھسىنىۋاتىمەن.
- باينىڭ ئوغلى بولغانلىقىم ئۈچۈن، مۇھەببەتتىن، ئۆز ئەركىنلىكىمدىن مەھرۇم بولغانمەن. ئاتا-ئانام رەيھانگۈلنى پەس دىۋانىنىڭ قىزى دەپ ياراتمايلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بېسىم ئىشلىتىپ يۇرتتىن قوغلىدى...
ئاشۇ كۈنلەردىكى يۈرەكسىزلىكىم، غاپىللىقىم ئۈچۈن ئۆمرۈم بويى ۋايىم يېدىم. لېكىن... شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم قىزىم.
- قاچاندىن بېرى مۇشۇنداق تەركىيدۇنيا بولۇپ ياشاۋاتىسىز بوۋا؟
ئۇ ئۇلۇغ كىچىك تىندى:

زامىن بولۇپ بىر گۈلگە، ۋىدا قالدى قەلبىمدە،
ھەسرىتىمنى قان بىلەن قوشۇپ يۇتتۇم ئىچىمگە.
كەچۈرگىن، ياق، جازالا ئۇلۇغ ئاللا مېنى سەن،
بۇنچە دەردنى سالمىغىن مەندىن باشقا ھەركىمگە.

كۆيۈشنىلا بىلگەن ئەر ئەر ئەمەسكەن ئەسلىدە،
بولمىسا گەر يېنىدا بىرەر مىسران قىلىچى.
بىلمەيدىكەن ئۇ ھەتتا قانداق ياشاپ ئۆتۈشنى،
تارتىلىدۇ قاي قولدا ھاياتلىقنىڭ كىرىچى.


ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار تويۇمنى قىلىشتى. ئايالىم مېھرىبان ھەم تەقۋادار، گۈزەل ئايال بولسىمۇ، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن باغرىمغا باسالمىدىم. رەيھاننىڭ سايىسى، رەيھاننىڭ ناخشىسى، رەيھاننىڭ يىغىسى مېنى ئەگىپلا يۈرەتتى... توي قىلىپ 40 كۈندىن كېيىن ئايالىم دورا ئىچىپ ئۆلۈۋالدى. مەن شۇندىلا بۇ ئۆمرۈمدە يەنە بىر ئىشنى خاتا قىلغىنىمنى ئاندىن بىلدىم-دە، ئاخىر مۇشۇ يولنى تاللىدىم.
ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشىمنى ياكى ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشىمنى بىلەلمەي، مەنمۇ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم. توققۇز ياش چاغلىرىمدا ئانام بىلەن مومامنىڭ: »رەيھان دىۋانە بۇ يۇرتقا مۇساپىرلىقىدىن ھەم ئۆزىنىڭ يېتىملىكىدىن دىلى سۇنۇق ئىدى. ئۇنى بوزەك قىلغان قارا يۈزنىڭ ئۆزى تۇنجۇقۇپ ئۆلسىچۇ ئىلاھىم« دەپ ئۇھسىنىشقىنى يادىمغا كەلدى. لېكىن بوۋاينىڭ يارىسىغا تۇز سەپمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىدىم.

ئازابنىڭ قەرىدە سۇنغاندا رىزىق،
يۇلتۇزسىز ئاسماننىڭ تېنى سويۇلدى.
تىغ بولۇپ سانجىلسا ياشاش بېسىمى،
رەھىمسىز تەقدىرنىڭ كۆزى ئويۇلدى.


- ھە راست، بوۋا، ئۇنىڭ نېمىشقا ئۈزۈم يېمەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- بىلىمەن، ھەممىنى بىلىمەن، مەن ئۇنىڭغا تەكرار-تەكرار ئېيتىپ بېرىدىغان بىر ھېكايە بار ئىدى قىزىم. ئەمدى ساڭا ئېيتىپ بېرەي.


ئۈچىنچى باب: بوۋاينىڭ ھېكايىسى


ئول قەدىمكى زاماندا بولغان ئىكەن بىر سۇلتان،
زاتى تۈرك ئالىپقا تۇتاش ئىكەن، تومۇرداش.
خەزىنىسى بايلىققا، خان ئوردىسى ھېكمەتكە -
تولۇپ ئۆتكەچ ئۇ ئەلدە بار ئىكەنمىش جۈپ قۇياش.

ئاھ، شۇندىمۇ جاھاندا ئازابى يوق بەندە يوق،
قىسمەتلەرنىڭ چاقىمۇ ئايلىناركەن كۈنۇ تۈن.
بەخت بىلەن ئارزۇنىڭ بىرسى بولسا، بىرى كەم،
ھايات شۇڭا گۈزەلدۇر، يېشىلمىگەچ بۇ تۈگۈن.

شۇنچە كەڭرى باياشات بولسىمۇ گەر زېمىنى،
تۇيۇلاركەن سۇلتانغا لەززىتى يوق شۇنچە تار.
بولمىغاچقا ۋارىسى كۆك تەڭرىگە تېۋىنىپ،
يىغلايدىكەن ئىچىدە پەرزەنت ئۈچۈن زارۇزار.

قىرانلىقى قىرىق ياش پارلىغاندا ئاپتاپتەك،
بوپتۇ ئاخىر ئىجابەت ئۇنىڭ ئۆمۈر تىلىكى.
شۇنچە ئوماق، چىرايلىق، سۇدەك سۈزۈك قىزىنى،
سۆيگىنىدە جىسمىغا سىغماي قاپتۇ يۈرىكى.


بۇ قىز كۈن ساناپ چوڭ بولغانسېرى شۇنچە لاتاپەتلىك ھەم مېھىرلىك، ئەقىللىق ھەم دىيانەتلىك بولۇپ يېتىلىپتۇ. سۇلتان ئارزۇلۇق قىزى 61 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنى يامان كۆزلەردىن نېرى تۇتۇش ئۈچۈن، ئوردا شەھىرى خانئۆينىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى تاغ قاپتىلىغا بىر قاتار ھۇجرىلارنى قازدۇرۇپ، ماھىر رەسسام، ئۇستا نەققاشلارنى چاقىرتىپ، ناھايىتى سېھىرلىك قىلىپ بېزەپتۇ-دە، قىزىنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن كۆڭلى ئارامغا چۈشۈپتۇ.

ئايلار ئۆتۈپ، كۈن ئۆتۈپ، يىل يىلاندەك تولغىنىپ،
تۆكمە بولۇپ مەئىشەت، زېمىن ئانا يايراپتۇ.
گۈل ئېچىلسا دالىدا قىز كۆڭلىدەك خىرامان،
ئاشىق بۇلبۇل شېخىدا خەندان ئۇرۇپ سايراپتۇ.

بۇغا، جەرەن، ماراللار تاغدا ئوتلاپ قىيغىتىپ،
تەبىئەتكە نۇر بولۇپ قوشۇلۇپتۇ ئاشۇ دەم.
ئوۋ سەلكىنى يىراقتىن ئۇرۇلغاندا دىماغقا،
دەريا سۈيى شاۋقۇنلاپ ئۇھسىناركەن دەممۇدەم.


خىسلەتلىك قوللار بىلەن بىنا بولغان چاھارباغدا پاسىبانىغا ياندىشىپ سەيلە قىلىۋاتقان خانىش قىزىنىڭ گۈزەل ئەتىسى ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرى ھەققىدە تاتلىق ھېسلارغا چۆمۈپتۇ:

مېنىڭ ئالغۇر بۈركۈنۈم، بەخت قۇشۇم سۇلتانىم،
كۆيۈپ ئۆتتۈم بىر ئۆمۈر سېنىڭ ئىللىق باغرىڭدا.
خالاس بولدۇق قايغۇدىن، بۇ ئاللانىڭ ھىممىتى،
ئاياللىقىم نۇرلاندى، ئانا بولدۇم ئالدىڭدا.

خۇشلۇقۇڭنى كۆرگەندە، قەلبىم كەلدى لەرزىگە،
ھاياقاندىن خىيالىم چاك-چاك بولۇپ يېرىلدى.
كۈلكەم بىلەن ئۈن قاتسام قۇشلىرىڭنىڭ كۈيىگە،
ئېتىكىمگە كۆز يېشىم مارجان بولۇپ تېرىلدى.

قىزىمىزمۇ چوڭ بولدى، ھۆسنى ئۇنىڭ گۈل بولدى،
ئۇنىڭ مېھرى تاشقىنلاپ، كۆزلىرىمدەك كۆل بولدى.
خۇدا بەرسە ئۆمرىنى، پاراسىتى چەكسىزدۇر،
دېيەلمەيمەن شۇندىمۇ ئۈمىدىمىز ھەل بولدى.

جەڭگاھلاردا ياندىشىپ ئات چاپتۇرۇپ ماڭغۇدەك،
ياۋلار كۆرسە بەستىنى ئارقىسىغا يانغۇدەك،
تۇغۇپ بېرىپ بىر ئوغۇل ئۆلۈپ كەتسەم مەيلىدى،
پاسىبانىم، سۇلتانىم چىرىغىڭنى ياققۇدەك.


سۇلتان قاۋۇل قوللىرى بىلەن خانىشنى ئۆزىگە تارتىپ باغرىغا بېسىپتۇ. ئۇنىڭ غۇنچىدەك لەۋلىرىگە، ياشلىق كۆزلىرىگە سۆيۈپ، سۇمبۇل چاچلىرىنى پۇراپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:

خۇدا بەرگەن بەختىمگە بۇ دۇنيالىق قاياشىم،
سەن نېمىشقا بىھۇدە ياشلىرىڭنى تۆكىسەن.
ئاقلىقىڭدىن ئاق قۇلار پەرۋازىنى تىلەيدۇ،
يۈرىكىمنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆچمەيدىغان ئوتىسەن.

ساقلىقىڭدىن ئەزىزرەك ھېچ نەرسە يوق، بىل ماڭا،
سۇباتىڭدىن رەڭ ئالغان مېنىڭ مۇشۇ باغلىرىم.
كىرپىكىڭنى تىغ قىلساڭ، كۆزلىرىڭنى سىيادان،
ئايىغىڭغا يىقىلار ھەتتا ئېگىز تاغلىرىم.

قىزىمىزنىڭ سۈلكىتى ئەيمىندۈرەر ئاينىمۇ،
ئاۋازىنى ئاڭلىسا توختاپ قالار تاغ سۈيى.
گۈلمۇ كۆرسە چېھرىنى خىقىللىقتىن سولۇشار،
بۇ ئالامەت سېھرىنى كۆرمىگەنمۇ سەن قېنى.

ۋاراقلاندى بىرمۇ بىر توپا باسقان كىتابلار،
ھېكمەتلەرنى سۇغىرىپ قىيام قىلدى مېھرىدە.
جاسارىتى ئۇرغۇيدۇ تىللىرىدىن بۇلدۇقلاپ،
تۈن بەرگىمۇ چاراقلاپ ئۆتتى ئۇنىڭ ئىلكىگە.

قەدىمىگە يۇلتۇزلار تۆكۈلىدۇ ياپراقتەك،
خىياللىرى بىمالال ئەسىر قىلدى ھەممىنى.
شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇ تەختىمدىلا چوغلانسا،
جېنى بىلەن قوغدايدۇ پۈتۈن ئەلنىڭ ئەركىنى.

ئون ئوغۇلغا بەرگۈسىز قىزىم تۇرسا ئاشۇنداق،
غەم قىلاي مەن نېمىشقا دەپ باققىنە خانىشىم.
خۇدا بەرسۇن ئۆمرىنى، ھەسرىتىم يوق ئالەمدە،
ئۇمۇ مېنىڭ مەڭگۈلۈك يىمىرىلمەس ئۇل تېشىم.


خانىش ئۇنىڭغا ئاھۇدەك تەلمۈرۈپ، رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپتۇ-دە، ئىپار پۇرىقى بالقىپ تۇرىدىغان نۇرانە خانىدە سۇلتاننىڭ قابىل كۆكرىكىگە باش قويۇپ تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.

«ئىست قىزىم، جان قىزىم، بىزگە نېمە تارتقۇلۇق»
دەپ ۋارقىراپ تۇيۇقسىز خانىش جۆيلۈپ كېتىپتۇ.
سۇلتان چۆچۈپ پەپىلەپ، تارتىپ ئۇنى ئۇيقۇدىن،
مېھرى بىلەن خانىشقا يەنە تەھسىن ئېيتىپتۇ.

ئېيت دىلبىرىم، يىغلىما، قارا بېسىپ قالدىمۇ،
ياكى چەكسىز خىياللار ئۆز ئىلكىگە ئالدىمۇ.
قىزىمىزغا نېمبولدى يۈرىكىڭنى ئەزگۈدەك،
جاھاندىكى ئانىنىڭ بارى سەندەك ئانىمۇ؟


خانىش ياشلىرىنى ئۈنچىدەك تۆكۈپ، زەپىراندەك سارغىيىپ ئېسەدەپ تۇرۇپ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى بايان قىپتۇ:

قىزىمىزنى يېتىلەپ بېرىپتىمىز يات ئەلگە،
قارار ئىمىش ھەر جۈپ كۆز بىزگە شۇنچە پەرىشان.
تەئەججۈپ ھەم ئىزتىراپ لەيلەر ئىمىش ئۇ يەردە،
مىغ-مىغ ئادەم توپىدا بىز ئىمىشمىز غېرىبان.

تام تۈۋىدە بىر پالچى چاقىرىپتۇ بىزلەرنى،
قىزىمىزغا سىنچىلاپ قارار ئىمىش ئۇھسىنىپ.
بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك ھالسىز ئېغىپ يۈرىكىم،
ئەنسىزلىكتە بىرھازا كېتىپتىمەن تولغىنىپ.


بىز پالچىنىڭ ئاغزىغا بىقۇۋۇللۇق بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرغىنىمىزدا، ئۇ: »ھەي... چىرايلىق بالا بوپتىكەن، ئەپسۇس 04 كۈن ئىچىدە بۇ قىزغا بىر بالا-قازا كەلگۈدەك« دەۋاتقۇدەكمىش.
سۇلتاننى سوغۇق تەر بېسىپ، مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كېتىپتۇ.

چۈش دېگەنگە ئىشىنىش ئەخمەقلىققۇ دېسىمۇ،
بۇزۇلۇپتۇ يەنىلا ئۇنىڭ كۆڭۈل ئارامى.
يۇرت-يۇرتلاردا جان باقار پالچىلارنى چاقىرتىپ،
بىلمەك بوپتۇ ئۇلارنىڭ قىزغا سالغان پالىنى.

سۈرلۈك ئوردا مۇشۇ دەم جىمجىتلىققا چۆكۈپتۇ،
ھەممە پالچى تەشۋىشتە بىردەك ھەسرەت چېكىپتۇ.
«قېنىمىزدىن كەچسىلە، دېيىشىپتۇ ھودۇقۇپ،
مەلىكىنىڭ يولىغا خېيىمخەتەر يېتىپتۇ».


سۇلتان ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ خانىشنىڭ چۈشىدىكىگە ئوخشاش بولۇپ چىقىشىنى ھەرگىز ئويلىمىغان ئىكەن. شۇڭا، ئالتۇن تەختىدە ئولتۇرۇپ چەكسىز غەمگە پېتىپتۇ.

جان جىگىرى قىزىغا ئۇقتۇرماستىن شۇملۇقنى،
توققۇز ھۇجرا يېنىغا نەۋكەرلەرنى سەپلەپتۇ.
كۆڭلى سۇنۇق بولسىمۇ سەزدۈرمەپتۇ ئۇنىڭغا،
لېكىن قارا بىر سايە ئۆز يېنىدىن كەتمەپتۇ.

شۇ چاغلاردا مەلىكە ئوقۇپ دەستۇر كالامنى،
ئەقىل كۆزى ئېچىلىپ زېھنى ئوتتەك يېنىپتۇ.
ئىشتىياقى باغلانغاچ ئىلىم-ھېكمەت تارىغا،
ئەقىدە ھەم كامىللىق شەربىتىگە قېنىپتۇ.


ئارامسىز كۈنلەر، ۋەھىمىلىك تۈنلەر بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ ئۆتۈۋېرىپتۇ. سۇلتان ئوردا بېغىدىن ھەر كۈنى بىر خىل مېۋىدىن بىر سېۋەت ئۈزدۈرۈپ قىزىنى يوقلاپ تۇرۇپتۇ.

ئالما، ئامۇت، ئەنجۈرلەر، چىلان، شاپتۇل، توغاچلار،
تارتۇق بولۇپ مەلىكە تۇرغان جايغا توشۇپتۇ.
غەم ئەزسىمۇ ئۆزىنى، مەدەت تىلەپ خۇدادىن،
سۇلتان يەنە خانىشنىڭ يىغىسىنى بېسىپتۇ.


ۋاقىت شۇ تەزدە ئۆتۈپ 39-كۈنىگە قەدەم قويغۇچە ھېچ ئىش يۈز بەرمەپتۇ. كېچە ئەندىشە ئىچىدە ئۇزاپ، تاڭ ئېتىپتۇ. «مۇشۇ بىر كۈن تىنچ-ئامان ئۆتۈپ كەتسە، بالا-قازامۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ ئويلىغان سۇلتان ئۈمىد بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كۆك تەڭرىگە تېۋىنىپتۇ ۋە باغدىن بىر سېۋەت ئۈزۈم ئۈزدۈرۈپ قىزىنى يوقلاپ بېرىپتۇ. 40 كۈندىن بېرى ئىلىم تەھسىل قىلىپ كۆڭلى ھەم چېھرى نۇرغا تولغان مەلىكە ئاتىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ. سۇلتان قىزىنىڭ پېشانىسىگە مېھرى بىلەن سۆيۈپتۇ.
مەلىكە سېۋەتتىكى ئۈزۈمدىن بىر ساپاق ئېلىپ مەززە قىلىپ يېيىشكە باشلاپتۇ. ئۇ ئەمدىلا ئىككى تال ئۈزۈمنى يەپ بولۇپ، ئۈچىنچىسىنى يېمەك بولۇپ ئېغىز ئېچىشىغا ئۈزۈم ئارىسىدىن بىر تال ھەرە چىقىپ ئۇنىڭ گىلاستەك لېۋىنى «ۋىژژىدە» چېقىۋېلىپلا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. قىز ئاچچىق بىر چىرقىراپ ئاتىسىنىڭ قۇچىقىغا يىقىلىپ جان ئۈزۈپتۇ.

چاقماق چېقىپ دەھشەتلىك كۆك گۈمبىزى يېرىلىپ،
ئەلەم بىلەن تۇپراققا ھەسرىتىنى تۆكۈپتۇ.
خۇن رەڭگىدە قىزارغان ئالتۇن قۇياش ئۇھسىنىپ،
چاك-چاك بولۇپ تاغلارنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈپتۇ.

ئازاب بىلەن كۆچەتلەر سۇنغىنىدا قاراسلاپ،
قىيان بوپتۇ ئېرىقتا توزۇۋاتقان چېچەكلەر.
مەلىكىنىڭ ھۆسنىنى خىيال قىلىپ ياشىغاچ،
لەۋلىرىنى چىشلەپتۇ تالاي-تالاي ئەركەكلەر.

گۈل يىلتىزى قۇرۇپتۇ، قورام تاشلار ئېغىپتۇ،
ئۇچار قۇشنىڭ سايرىشى ئۆچۈپتىغۇ بۇ يەردىن.
تۇمان بېسىپ كېتىپتۇ ئورمانلارنى مۇشۇ دەم،
كۈلكە ناۋا قايناقلىق يوقىلىپتۇ بۇ ئەلدىن.

تەلۋىلەرچە ھۆركىرەپ ئوقيا تەگكەن شىركەبى،
ياقا يىرتىپ سۇلتانمۇ كاچاتلاپتۇ ئۆزىنى.
ئاۋازىنى يۇتۇپتۇ پاتقاق بولغان كوچىلار،
پۈكۈلگەنچە تۇپراققا كۆتۈرمەپتۇ بېشىنى.


سۇلتاننىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرى، كىرىشكەن چىشلىرىغا قاراپ نەۋكەرلەرنى سۈر بېسىپتۇ.

چاچلىرىنى يۇلغانچە خانىش كېلەر يىراقتىن،
گاھ مۈدۈرۈپ يىقىلىپ، گاھى تاتىلاپ يۈزىنى.
دەپ بېرەلمەس يامغۇرمۇ دەپ بېرەلمەس تاغلارمۇ،
قايدىن ئىزدەر ئەمدى ئۇ جان تومۇرى قىزىنى؟

بوغۇلماقتا ئاۋازى، بوغۇلماقتا تىنىقى،
نەۋكەر بىلەن كېنىزەك چېپىپ يۈرەر ھەرياندا.
مۇسىبەتلىك چىرايلار شۇنچە خامۇش پەرىشان،
تۇيۇقسىزلا قالغاندەك ئۇشبۇ زېمىن توپاندا.

«جېنىم قىزىم، جان قىزىم، سەن كۆزۈڭنى ئاچقىنە،
ئۇخلاپ قالغان مەن ئانا دېگىنىڭچە قوپقىنە.
ئاچقان بولسا قورسىقىڭ يۈرىكىمنى يەم قىلاي،
ئۇسسىغانسەن، يېشىمنى ئوچۇم-ئوچۇم يۇتقىنە.

ھەركۈنكىدەك چۈشۈڭنى شىۋىرلىغىن سۆزلەپ بەر،
ئاڭلىۋالاي ئۈنۈڭنى قانماي-قانماي تەلمۈرۈپ.
خۇدا سېنىڭ بەختىڭنى بېرىدىكەن دېسەم ئاھ،
قېچىپ كەتكىن يېنىمدىن تاتلىققىنە بىركۈلۈپ.»


خانىشنىڭ كۆز يېشى يامغۇرغا قوشۇلۇپ سەل بولۇپ ئېقىپتۇ. ئەتراپتىكىلەرنىڭ پىغانىمۇ يۈرىكىدىن تېشىپتۇ. ئۇ ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى يۆتكىيەلمەي، سۇلتاننىڭ جەسىتىنىڭ يېنىغا ئۆمىلەپ بارغىنىچە ئۆزىنى ئېتىپتۇ:

«جان كۆيەرىم سۇلتانىم، قانداق قىلاي ئەمدى مەن،
مېنى يالغۇز قالدۇرۇپ، سەن نېمانچە باغرى تاش،
ئۇنچە ئېغىر ئەلەمنى يۇتامدىمەن ئىچىمگە،
مىسكىن، دەردلىك كۆڭلۈمگە بولار ئىكىن كىم قاياش.

مەنغۇ مەيلى، ئەل سەندىن كۈتكەن ئارزۇ-ئۈمىدلەر،
مۇشۇنداقلا كۆپۈككە ئايلىنامدۇ، دەپ باققىن.
مەنلا كېتەي ئورنىغا، يۇلۇپ ئېلىپ باغرىڭدىن،
ئاشۇ ئەجەل ئوقىنى ئۆز قولۇڭدا بىر ئاتقىن».


خانىشنىڭ توققۇز كېچە-كۈندۈز تۆككەن يېشىدىن توققۇز ھۇجرا ئەتراپىدا چوقۇر ھەم سېھىرلىك توققۇز كۆل پەيدا بوپتۇ.
بوۋاي ھېكايىسىنى تۈگىتىپ، بېشىنى چىڭ قاماللىدى.
- ئاتا-ئاناڭ سېنى سۇلتان قىزىنى ياخشى كۆرگەندىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىدۇ رەيھان، سەن ئاشۇ مەلىكىدىنمۇ نەچچەھەسسە چىرايلىق، بۇ سېنىڭ ئامىتىڭ دەيتىم ئۇنىڭىغا تەكرار-تەكرار.
بوۋايغا ئىپادىسىزلا قاراپ ئولتۇرۇپ ئويلاپ قالدىم: «سۇلتان مەلىكىنى بار ئاماللارنى قىلىپ ئادەملەردىن قوغدىۋىدى، بىر تال ھەرە ئۇنى خاراب قىلدى. رەيھاننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن قوغداشقىمۇ ئۆمرى يار بەرمىۋىدى، ئادەملەر ئۇنى خاراب قىلدى».
- بوۋا، بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ بىر كۆل بار.
- بۇلبۇلكۆلمۇ؟
- سىزمۇ بىلەمسىز.
- رەيھاننى ئىزدەپ يۇرت كەزگەن ۋاقىتلىرىمدا بېرىپ كۆرگەن رەيھاننىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى...
- ئاڭلاپتىكەنسىزدە!؟
- شۇ چاغلاردىكى ھېلىقى بۇلبۇل تېخىچە كۆل بويىنى ماكان ئېتىپ تۇرۇۋاتامدۇ؟
- ھەئە.
- ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا قېرىپ كەتكەندۇ بەلكىم... ئورنۇڭدىن تۇر، بېرىپ ئۇنىڭغا سالىمىمنى يەتكۈز... ئۇ سىلەرنىڭ كەچمىشىڭلارغا، قايغۇ-ھەسرىتىڭلارغا بىر ئۆمۈر ھەمدەمدە بولدى، لېكىن ھازىرغىچە ھەتتا سەنمۇ ئۇنىڭ دەردىنى بىرەر قېتىم سوراپ باقمىدىڭ قىزىم.
خىجىللىقتىن يۈزۈم ئوت بولۇپ ياندى. بوۋاينىڭ يېنىدىن ھۆرمەت، ئېچىنىش ھەم قىيالماسلىق ئارىلىشىپ كەتكەن چىگىش تۇيغۇدا، ئۇنىڭ ئۇزاقتىن-ئۇزاق قىلغان دۇئاسىنى ئېلىپ يولغا چىقتىم.


تۆتىنچى باب:


ئېغىرلاشقان ئاياغلىرىمنى تەسلىكتە يۆتكەپ، ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراشقىمۇ رايىم بارمىغان ھالدا كېتىۋاتىمەن. يول شۇ قەدەر جىمجىت، شۇ قەدەر سۈرلۈك...
بىرھازا ماڭغاندىن كېيىن، يىراقتىن ئېشەكنىڭ سوزۇپ ھاڭرىغان ئاۋازى ۋە كولدۇرمىنىڭ يېنىك جىرىڭلىشى قۇلىقىمغا كىردى.

سەندە بارى مەندە يوق،
مەندە بارى سەندە يوق.
تەندە بارى روھتا يوق،
روھتا بارى تەندە يوق.


ھارۋىكەشنىڭ يېقىملىق ناخشىسى يېقىنلاشقانچە، ۋۇجۇدۇمنى ئىللىق بىر سېزىمغا ئارىلىشىپ كەتكەن قورقۇنچ چۇلغىۋالدى. كېتىۋاتىمەن ... ئارقامدىن يېتىپ كەلگەن ھارۋا ئۈستىدە خامۇش ئولتۇرغان يىگىتكە قورۇنۇپ تۇرۇپ سالام بەردىم. ئۇمۇ سالىمىمنى ھارغىن بىر نەزەر بىلەن ئىلىك ئالغاندىن كېيىن:
- بۇلبۇلكۆلگە... سىزچۇ؟ - دېدى.
- نېمە؟ بۇلبۇلكۆل... بۇ خىل تاسادىپىيلىقتىن ئەندىكىپ ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇۋالدىم-دە، - مەنمۇ، - دېدىم پەس ئاۋازدا.
- چىقىڭ.
- رەھمەت.
بىرنەچچە سائەت يول يۈرۈپمۇ بىرەر ئېغىز پاراڭلاشمىدۇق، ئۇ پەقەت ھېلىقى ناخشىنى توختىماي تەكرار-تەكرار ئوقۇيتتى:

سەندە بارى مەندە يوق،
مەندە بارى سەندە يوق.
تەندە بارى روھتا يوق،
روھتا بارى تەندە يوق.


يارىيار ھارۋىنىڭ تىنىمسىز غىچىرلىشى، پىژغىرىم ئىسسىق ھەم يوللاردىكى غېرىبلىق، مېنى يەنىلا ئۇزاق يىللار ئىلگىرىكى قۇتۇلغۇسىز ئەسلىمىلىرىمگە سۆرەپ كېتىۋاتاتتى.
... ئۇ چاغلار باش كۈزنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرى، مېنىڭ 16 ياشلىق ۋاقىتلىرىم ئىدى
... ئانامنىڭ توختىماي كايىشلىرىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يەنە سۇغا چىقتىم. ئۇلار مېنى بەرمەكچى بولۇۋاتقان 40 ياشلار چامىسىدىكى چېقىر كۆز، چار ساقال، مۇشتۇمدەك پوقىقى بىلەن تېخىمۇ سەت كۆرۈنىدىغان ۋىجىككىنە ئۇ ئادەمنى خىيال قىلغانسېرى شۈركۈنۈپ، شۈركۈنگەنچە ئۇنىڭ نۇقسانلىرىنى تېخىمۇ كۆپرەك تېپىش ئۈچۈن يەنە خىيال قىلىپ كۆل بويىغا كەلدىم. سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالغان ئىككى-ئۈچ تال سارغۇچ يوپۇرماققا قاراپ ئولتۇرۇپ بوغۇزۇمدىكى ئاچچىق يىغىنى يۇتۇۋېتىشكە قۇربىم يەتمىدى. بۇ ھالەتتە قانچىلىك ئولتۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا بۇرنۇمغا قويۇق نەشە پۇرىقى ئۇرۇلۇپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم.
- يىغلاپسەنغۇ، خۇددى ئەرگە تېگىدىغاندەك؟
- تەگسەم تەگدىم! بۇغداي ئۆڭ، تەتۈر ئۇستىخان تەمبەل بۇ يىگىتكە زەردە بىلەن جاۋاب قايتۇردۇميۇ، يۈرىكىم باشقىچە سېلىپ كەتتى.
- مەندىن باشقا ئادەمگە تەگكىنىڭنى كۆرەي، كېلەر ھەپتە تويۇڭ بولارمىش ھە تېخى.
- ...
- ئۇ ئىپلاسقا تەگكۈڭ بولمىسا، پەيشەنبە كۈنى قاش قارايغاندا مۇشۇ كۆل بويىغا چىق. ئۇ شۇنداق دەپلا گۈس-گۈس دەسسىگىنىچە ئۇزاپ كەتتى.

ئىزغىرىن شامالغا تۇتتۇم يۈزۈمنى،
سۇدىكى سايەمگە چۈشتى يوپۇرماق.
چېلەككە ئۇسۇغىنىم تېگى يوق خىيال،
كۆزۈمدىن يېشىمنى سۈرتتۈم ئاۋايلاپ.

ئايلىنار يېنىمدا بىر جۈپ چۈمۈلە،
بىلمەكچى بولغاندەك كۆڭلۈمدىكىنى.
ئىزتىراپ ئارىلاشقان قىرتاق ھاياجان،
سىرلىق بىر چۈش كەبى قىينايدۇ مېنى.

ئۇ ئەجەب تۇيۇقسىز بوپ قالدى پەيدا،
سەزدىكىن قانداقمۇ ئازابلىرىمنى.
يا تېخى بىلەمدۇ ئۇزاقتىن بۇيان،
بىر ئۇنى ئۈن-تىنسىز سۆيگەنلىكىمنى.

چېچىمنىڭ ئۆرۈمىنى چۇۋۇدۇم تەكرار،
يۇلتۇزدەك چايقايدۇ خىياللار تۈننى.
ناۋادا شۇ كۈنى بارسام ئۇ يەرگە،
راستتىنلا ئۇنتۇماي كۈتەرمۇ مېنى.


ئىنتىلىش ھەم قورقۇش، بۇرۇقتۇرمىلىق ھەم ئېسەنگىرەش ئارىلىشىپ كەتكەن خەتەرلىك كەيپىياتتا بۇ ئۈچ كۈننى ناھايىتى تەستە ئۆتكۈزدۈم. مەن ئۆزۈمنى قاچۇرغان ھەم كۈتكەن پەيشەنبە ئاخىر يېتىپ كەلدى. قاش قارايغان چاغ... «ئۇ كەلمەي قالسىچۇ؟ كەلسە يەنە نېمە دەر؟» دېگەن خىياللار ئىسكەنجىسىدە كۆل بويىغا يېقىنلاشتىم. قولۇمدىكى چېلەكمۇ نېمىشقىكىن ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
- ھوي گۈلبانۇ.
تونۇش ھەم سۈرلۈك بۇ ئاۋازدىن يەنە بىر قېتىم چۆچۈپ كەتتىم.
- چىقىپسەندە؟
- نېمە گېپىڭ بار، تېزرەك ئېيتقىن، بولمىسا ئانام...
- يەنە ئۆيگە ئالدىراۋاتامسەن كالۋا؟ ھېلىقى پوقاققا تەگكۈڭ باركەندە؟
- كىم شۇنداق دەيدۇ...
- ئۇنداقتا ئەمدى ئۆيگە قايتىمەن دېمە، مەن سېنى ھازىر يىراقلارغا ئېلىپ كېتىمەن.
- نېمىشقا؟
- سېنى غەمدىن خالاس قىلاي دەپ.
- قورقىمەن.
- قورقما، ئەخمەق.
- قاچان قايتىپ كېلىمىز ئەمىسە؟
- سەن مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان كۈنى.
ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ مەنمۇ كۈلۈپ سالدىم. ئەمەلىيەتتە ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى خېلى بۇرۇنلا ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى بىلمەپتىكەندە، خۇداغا شۈكۈر...
ئارقامدا نېمىلەرنى قالدۇرۇپ، نېمىلەرگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىمنى ئېنىق بىلمىسەممۇ، مەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ئەگەشكەن.... مېنىڭ قىسمىتىم دەل ئاشۇ كۈندىن باشلانغانىدى.

چاراسلاپ چېقىلماقتا ئاۋازىممۇ ئاھ،
يوللارنىڭ جىملىقى بولماقتا ۋەيران.
قورقساممۇ، سەزگۈمدىن رازىمەن لېكىن،
ئەسەبىي رېئاللىق بەرمەيدۇ ئىمكان.

تولۇن ئاي تۆشەكتىن چۈشكۈسى يوقتەك،
بۇلۇتلار ئارىسىدا ئۇخلار خىرامان.
نۇركەبى پارلىغان ئىككى ۋۇجۇدتىن،
تەبىئەت ۋەسلىگە ئوقۇيتتى دەرمان.

يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئاراچلىرىدا،
كۆيمەكتە ھاياتلىق، كۆيمەكتە يۈرەك.
شاخلاردەك قاراسلاپ كۈچىنەر تاتلىق،
ئىسسىق بىر تۇيغۇدا كۆپجۈگەن بىلەك.

كېچىنىڭ شىددىتى قىستايدۇ جاننى،
بايىقى تەشۋىشنىڭ يوقتۇر دېرىكى.
خۇمارلىق سىلكىنەر يالاڭئاياغ پۇت،
غۇنچىلار ئەتراپتا نەشە پۇرىقى.


ئارىدىن بەش ئاينى ئۆتكۈزۈپ مەھەللىگە قايتىپ كېلىۋىدۇق، كىچىك بالىلار تاش ئاتتى، ئاياللار لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈشسە، پەقەت ئاندا-ساندا ئەرلەرنىڭ: «ئوغۇل بالا دېگەن شۇ، سارنىڭ قولىدىكى رىزقىنى تارتىپ ئالالايدۇ» دېيىشكىنى قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالاتتى. شۇ كۈنلەردە ئاتا-ئانامنىڭ ئىشىكىدە بىركېچە يىغلاپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاران بوسۇغىدىن ئاتلىيالىغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.
كۈنلەر كۈنلەرگە، تۈنلەر تۈنلەرگە ئۇلىشىپ ئۆتۈۋەردى. ئۇنىڭ قىمار، ھاراق ھەم نەشىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن بىر ئادەملىكىنى بارا-بارا ھېس قىلدىم. مەن ئۇنى ھۆرمەت قىلغانچە ئۇ مېنى ئازابلايتتى، مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەنچە ئۇ مېنى بىھۇدە ئۇرۇپ دۇمبالايتتى، مەن ئۇنىڭغا يالۋۇرغانچە ئۇ مېنى تېخىمۇ ھاقارەتلەيتتى، ھەتتا تاياق زەربىدىن ئىككى قېتىم بالىمىزنىڭ بويۇمدىن ئاجراپ كېتىشىمۇ ئۇنىڭغا قىلچە تەسىر قىلمىدى. يىغلىدىم، قاقشىدىم، غېرىبسىندىم، لېكىن يەنىلا پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا نېمە ئىشنى خاتا قىلغىنىمنى، نېمىشقا بۇنچە خورلىنىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ: «ھۇ بۇزۇق، قېرى ئوغرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويغىنىمغا تويدۇردۇڭغۇ مېنى» دەپ سالدى. شۇئان كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. قىزىق! ئۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگىنىمنى مېنىڭ ئاجىزلىقىم، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەگەشكىنىمنى مەڭگۈلۈك ئاھانىتىم دەپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىكەن. ئاياللىق ئىززىتىم ھەم ۋۇجۇدۇمدا ئاپىرىدە بولغان يەنە بىر يېڭى جاننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن لېۋىمنى زەرب بىلەن چىشلىدىم. ئەپسۇس، مىڭلارچە ئەپسۇس... ماڭا ئانىلىق غورۇر، ئاياللىق ئىپتىخار ئاتا قىلىپ ئەمدىلا قورسىقىمدا تەۋرەشكە باشلىغان بالام تاياق زەربىدىن يەنە بويۇمدىن ئاجرىدى.

يېرىلىڭ تاشىم، يېرىلىڭ،
مەن بالامنى كۆرۈۋالاي.
جان ئانامنىڭ باغرىدەك،
باغرىڭىزغا كىرىۋالاي.


مەن چاچلىرىمنى يۇلۇپ بار ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ يىغلىغىنىمچە ماڭا مۇھەببەت ھەم ئاھانەت ئاتا قىلغان بۇ ئۆيدىن ئاخىر قېچىپ چىقتىم. مۇشۇ ھالدا ئاتا-ئانامنىڭ يۈزىگە قاراۋېرىشتىن خىجىل بولۇپ، شۇ يۈگۈرگەنچە مەھەللىدىنمۇ ئۇزاپ كەتكەنىدىم.

مەندە بارى سەندە يوق،
سەندە بارى مەندە يوق.
تەندە بارى روھتا يوق،
روھتا بارى تەندە يوق.


ھارۋىكەشنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى خىيالىمنى بۇزۇپ، يۈرىكىمنى تېخىمۇ ئەزدى. كۈن يەنىلا شەرقتىن چىقىپ، غەربكە پېتىۋاتاتتى.

پۇشقۇرۇپ-پۇشقۇرۇپ ماڭار جانىۋار،
ئايدىڭنىڭ بەرگىدە سۇنماقتا ناخشا.
چېكەتكە ئاۋازى چۆكمەكتە يەنە،
كۆزلەردىن جىمجىتلا سىرغىغان ياشقا.


- بۇلبۇلكۆلگە كىمنىڭكىگە ماڭدىڭىز؟
- ياخشى كۆرگەن قىزىم قېچىپ كېتىپتۇ، دېرىكىنى قىلاي دەپ... ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى تەمكىنلىك ھەم كۆزلىرىدىكى پەرىشانلىقتىن جۇغۇلداپ كەتتىم. مەھەللىدىكى قۇرۇغان دەريا بويىدىن زەينەپنىڭ مۇڭلۇق سايرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

بەشىنچى باب: بۇلبۇلكۆل


كېتىۋاتىمەن، جىگدا شېخىدە مۈگدەپ ئولتۇرغان قېرى بۇلبۇلغا كۆزۈم چۈشكەندە ئاياغلىرىم ئېغىرلاشتى.
- بۇلبۇلۇم.
ئۇ ئاۋازىمدىن يېنىك سىلكىنىپ كۆزلىرىنى ئاچتى.
- ساڭا نېمە بولدى؟
- كەتكىنىڭگە توققۇز كۈن بولدى. توققۇز كۈندە بۇ مەھەللىدە نېمە ئىشلار يۈز بەرمىدى دەيسەن.
ئارىدىن شۇنچە كۈننىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە ئىشىنەلمىگىلى تاس قالدىم-دە، ئۇنىڭغا تەئەججۈپ بىلەن قاراپ قويدۇم.
- گۈلبانۇ، ھېلىقى كۈنى كەۋسەرنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتكىنى يادىڭدىمۇ؟
- كەۋسەر؟ ھە... ھېلىقى ئايال.
- شۇنچە زور غەيرەت ھەم مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بوسۇغىدىن ئاتلىغان ئۇ ناتىۋاننى ئېرى يەنە تۈگىمەس ھاقارەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدى. ئۇ لەۋلىرىنى قانىغۇدەك چىشلىدى، ئۆيدىن چىقىپ كەتمىدى. لېكىن، كۆزلىرىدىن سەۋر قاچىسىنىڭ تولغانلىقى بىلىنىپ، غەلىتە بىر نۇر ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
ئۇ سۇپىنى سىيرىپ-سۈپۈرۈپ، ئورۇن راسلاپ تۇرۇشىغا ئېرى ئۇنى بېسىۋېلىپ تەلۋىلەرچە سۆيۈشكە باشلىدى.
كەۋسەر قارشىلىقمۇ قىلمىدى، ئوت بولۇپمۇ يانمىدى، پەقەت ئەينى ۋاقىتتىكى قوناقلىقتىكى شېرىن تۇيغۇلىرىنى خىيال قىلغاچ كۆزلىرىنى بوش يۇمدى. ئۇ كۆزلىرىنى ئاچقاندا ئېرى يېنىدا خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى.
كەۋسەر توي قىلغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم خورلۇق ھېس قىلدى. ئۆزىنى دۇمبالىغان ئاشۇ قوللار بايا پۈتۈن بەدىنىنى تويماسلىق بىلەن سىيلاپ چىقتى. ئۇنى ھاقارەتلىگەن ئاشۇ لەۋلەر ئۇنىڭ سوۋۇپ كەتكەن لېۋىگە كۈچەپ بېسىلدى. ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى نېمىشقا ئۆزىنىڭ خورلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي ياشىيالىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدى.
پۇت-قوللىرىم بوشىشىپ ماغدۇرسىزلانغان ھالدا بۇلبۇلنىڭ ياشلىق كۆزلىرىگە تىكىلدىم.

يامرايدۇ يىغىدەك يىراق-يىراققا،
بەندىلىك مۇقامىدا ھىجران كەلكۈنى.
بۇلۇتلار ئارىسىدىن سىرغىيدۇ ئىسسىق،
يۈرەككە سىغمىغان ئازاب سەلكىنى.

دىل دەشتى لەۋلەردەك قۇرۇغان شۇتاپ،
كۆرۈنمەس ئۇ يەردە بىر تالمۇ گىيا،
ئاياللار لېۋىنى چىشلىسە قاتتىق،
تەبىئەت باغرىدا بىر قىيا-چىيا.


بۇلبۇلنىڭ ھەسرەتلىك بوغۇق ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى:
- ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، سۇپا يېنىدىكى ئوچاق بېشىدا تاشلىنىپ تۇرغان كەكىنى قولىغا ئالدى. تۈڭلۈكتىن ماراپ تۇرغان ئايمۇ قارىيىشقا باشلىدى. كەۋسەر قولىدىكى كەكە بىلەن بەخىرامان ئۇخلاۋاتقان بۇ ئادىمىي ھايۋاننىڭ كاللىسىنى ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم چانىۋەتتى.
ئىچىمدىكى تىترەكنى ناھايىتى تەستە بېسىپ، ۋارقىرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئالىقانلىرىم بىلەن ئاغزىمنى چىڭ تۇتۇۋالدىم.
- شۇ كۈندىن بۇيان مەھەللىدىكىلەر ئۇنى ھەرقانچە ئىزدەپمۇ ھېچ يەردىن تاپالمىدى گۈلبانۇ.
«بەلكىم ئۇ يەنە بىر ئايالنىڭ ئۆزىدەك خورلۇق تارتىپ قېلىشىنى خالىمىغاندۇ ياكى ئۇنى راستتىنلا چىن قەلبىدىن سۆيىدىغاندۇ» دەپ شىۋىرلىدىم ئۆز-ئۆزۈمگە.
- بايا تېخى بىر يىگىت بۇ يەرگە كېلىپ كەتتى. ئۇ كەۋسەرنى ئېلىش ئۈچۈن پۇل تاپقىلى ئۈچ يىل بۇرۇن يۇرتتىن چىقىپ كەتكەن. لېكىن، شۇ يىللاردا كاج تەقدىر كەۋسەرنى ئىختىيارسىز ھازىرقى قىسمەتلەرگە باغلىغان... بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى بارغانچە زەئىپلىشىشكە باشلىدى. بۇ دەل تۈن نىسپىدىن ئاشقان چاغ بولۇپ، سەپەردىكى ھارغىنلىق، قەلبىمدىكى زىددىيەت، نېرۋىلىرىمدىكى چىدىغۇسىز چىڭقىلىش مېنى خېلىلا ھالسىراتتى بولغاي، مۈگدەك باسقان كۆزلىرىمنى ئېچىشقا ئامالىم بولمىدى. بۇ چاغدا يەنە ھېلىقى ھارۋىكەش يىگىتنىڭ تونۇش ناخشىسى قۇلىقىمغا كىرگەندەك بولدى:

سەندە بارى مەندە يوق،
مەندە بارى سەندە يوق.
تەندە بارى روھتا يوق،
روھتا بارى تەندە يوق.


ئالتىنچى باب: گۈلبانۇنىڭ چۈشى


سۇ بولغان يۈرەكتە بىر ئوچۇم خوۋلۇق،
ھارۋىنىڭ غىچىرلىشىنى يالمايدۇ ئەتراپ.
قۇرۇغان شاخلارنىڭ سوۋۇغان تېنى،
پاكىز بىر تىنىقتەك سوزۇلار شۇ تاپ.

شورلاشقان خىياللار يانىدۇ تاتلىق،
يېرىلغان ئالىقانغىلا ئوخشايدۇ ئاسمان.
تەر ھىدى ھورلىنار شۇ قەدەر قېنىق،
زېمىنغا چىپىلداپ ئاقىدۇ ئارمان.

ساراسىم گۈللىرى توزۇغان جايدىن،
چاڭقىغان قۇشلارمۇ ئىزدەيدۇ پىراق.
قانىغان لەۋدەكلا تۇرار ئۈمچىيىپ،
يوچۇن بىر قول بىلەن كېسىلگەن توغراق.

سىڭمەكتە تەبىئەتكە، سىڭمەكتە تاشقا،
گۇگۇمنىڭ باغرىدا يۇمران بىر تىۋىش.
ئاۋايلاپ چېچىلار شۇ چىغىر يولغا،
يىگىتنىڭ بەلۋېغىغا تۈگۈلگەن پۈتمىش.

يىراقتىن ئاڭلانغان سۈزۈك بىر شەپە،
تاراتتى ئەتراپقا تونۇش بىر گۇمان.
خۇرجۇننىڭ ئىزمىسىنى يېشىۋاتقان قول،
بىردەملىك ئويۇشۇپ قالدى ئاھ شۇئان.

چاپچىدى قۇلاندەك ياندى ئوت بولۇپ،
قەدەملەر سۈلكىتىدە پارلىدى يۇلتۇز.
سېزىلدى يىگىتكە دەسسەپ ماڭغىنى
توپىلا ئەمەس، ئۇ بەلكى ھالال تۇز.

كۆرۈندى بىر جۈپ كۆز چوغدەكلا چاقناپ،
ۋەھىمە تىغلىرى قايرىلدى تىمتاس.
يانتاقلىق ئارىسىدىن تەپچىگەن بىر ئۈن،
ئاينىمۇ زېمىنغا ئېگىلدۇردى باش.

چېچەكتەك يېيىلغان ئاپئاق كۆڭلەكتىن،
ھورلاندى ئۇنتۇلغان كەچمىشنىڭ ئىسى.
قاراڭغۇ كېچىنى يورۇتتى ئىللىق،
موماينىڭ ئاق نۇردەك ئاقارغان چېچى.

يىگىتكە زەن سېلىپ كۈلدى مۇلايىم،
كۈلكىنىڭ ئورنىغا تامدى ئىسسىق قان.
تاپىنى ئاستىدا تۇرسىمۇ تىكەن،
يىگىتنى چۇلغىدى چەكسىز ھاياجان.

- تونۇدۇم مەن سېنى، ئېھ قار مەلىكە،
قاچاندىن بۇ يەرنى ئەيلىدىڭ ماكان.
ئادەملەر يۈرىكىدىن يىراق بىر جايدا،
ھەي بۇنداق ياشاشمۇ ئەمەسقۇ ئاسان.

- سەن قانداق بىلىسەن مېنى جان يىگىت،
تونۇمسەن ۋە ياكى ئۆگەي ئانامنى.
ئۇچرىتىپ قالدىڭمۇ ياكى بۇ يولدا،
مەن ئۈچۈن ياش تۆككەن ئەزىز دادامنى؟

- تونۇدۇم مەن سېنى ئوتلۇق كۆزۈڭدىن،
يېرىلغان پۇتۇڭدىن، سېۋېتىڭدىن ھەم.
چۇۋۇلغان چېچىڭنىڭ ئۆرۈملىرىدىن،
تۇيۇلدى تامچىلاپ تۇرغاندەك ئەلەم.

- قار ياغقان شۇ كۈنى بۆلجۈرگەن ئىزدەپ،
ماڭغانچە ئاھ ئۇزاپ كەتتىم ئۆيۈمدىن.
قانچە قىش، قانچە ياز ئۆتتى ھەم باھار،
قورقمىدىم ھەتتاكى ھەق بىر ئۆلۈمدىن.

سارغايغان ياپراقلار كۆمدى يولۇمنى،
بۇ خىلۋەت ماكانغا كەپ قالدىم ئېزىپ.
قايتىشنى ئىستەپمۇ باقمىدىم ئۆزۈم،
تەبىئەت باغرىدا كەتتىم مەن ئېرىپ.

ھە مانا ئۆزۈڭمۇ تۇرۇپسەن كۆرۈپ،
شۇنچە يىل يا ئاچلىق يەڭمىدى مېنى.
كۆز يېشىم يېتىشتى ئۇسسۇزلۇقۇمغا،
ساپ ھاۋا، پاك تۇپراق يۆلىدى مېنى.

يىگىتنىڭ ۋۇجۇدى كەلدى لەرزىگە،
ئاھ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى بىمالال.
ئەپ كەلدى كېسىلگەن توغراق يېنىغا،
جانىۋارمۇ ئۇيقۇدىن ئويغاندى دەرھال.

مەي بولۇپ قىزارغان بۆلجۈرگەنلەرنى،
خۇرجۇنى ئىچىدىن ئالدى ئوچۇملاپ.
ئۈمىد ھەم ھەيرانلىق ئىسكەنجىسىدە،
موماينىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى شۇ تاپ.

- جان يىگىت، ھەر زامان، ھەربىر دەقىقە،
مەن شۇنداق بىر يۈرەك كۈتكەن ئەزەلدىن.
ىورلۇقۇم ئۇنتۇلغان خىيالىم بىلەن،
ئەسلىمنى، ۋەسلىمنى تاپتىم بۇ يەردىن.

تۇت بۇنى، ئالىقىنىمدا بىر تاللا ئۇرۇق،
چېچىپ باق خىسلەتلىك زېمىنغا ئۆزۈڭ.
قۇت بولسۇن بىر ئۆمۈر سەندىكى جىگەر،
تاڭ ئاتسا ئاپتاپتەك نۇرلانسۇن يۈزۈڭ.

يىگىتنىڭ شىجائىتى كۆكلىدى رەت-رەت،
تاشلارنىڭ تەپتىدە چوغ بولۇپ تاغلار.
سۇمبۇل چاچ كۆركىدە سىلكىنسە تۇيغۇ،
تەر بىلەن يۇيۇلدى يەردىكى داغلار.

كەڭ سەينا رەڭدار بىر باغدەك كۆرۈنەر،
كۆزلەرگە ئوخشىتىپ كولاندى بۇلاق.
قۇشلارمۇ بىر-بىرلەپ سېلىشتى ئۇۋا،
يوللارنىڭ پايانى ئۇزاقتىن-ئۇزاق.

يارىلانغان بىر كېيىك كۆلنىڭ بويىدا،
مۇڭلىنىپ تۇرىدۇ يۈرىكى لەختە.
ئىزدىمەس ھەتتاكى بىلمەيدۇ ھېچكىم،
ئۇمۇ بىر ئۇنتۇلغان غېرىب مەلىكە...
...
سەھەرنىڭ ھاۋاسىغا ئارىلاشقان جىگدە پۇرىقى ھەم كاككۇك بىلەن زەينەپنىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك كۈلكىسى مېنى سەگەكلەشتۈرۈپ، تاتلىق بىر تۇيغۇدا كۆزۈمنى ئاچتىم.


يەتتىنچى باب: شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى


- بۇلبۇلۇم.
ئۇ جىگدە شېخىدا مۈگدەپ قالغاندەك ئولتۇراتتى.
- بۇلبۇلۇم! ئۇنى يەنە بىر قېتىم چاقىرغاچ شاخلارنى يېنىك سىلكىتتىم. لېكىن، ئۇ كۆزىنى ئاچمىدى. يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپسىلىپ قالغاندەك، تىنىقلىرىم جىددىيلىشىپ، سوغۇق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتىم.
ئۇنى قۇرۇغان يوپۇرماقلار ئارىسىدىن ئاۋايلاپ ئېلىپ، سوۋۇپ كەتكەن تېنىنى سىلىدىم، باغرىمغا باستىم، ياشلىق كۆزلىرىمگە سۈرتتۈم...
بۇلبۇلۇمنى نەمخۇش توپىغا بارلىق ئارزۇ-ئۈمىدلىرىم بىلەن قوشۇپ كۆمگەندىن كېيىن، توققۇز كېچە-كۈندۈز يىغلاپمۇ پىغانىم بېسىلمىدى. يېرىلىپ قاناپ كەتكەن تىرناقلىرىمغا قاراپ تېگى يوق خىياللارغا غەرق بولدۇم...
بىر چاغدا زەينەپنىڭ ۋەھىمىلىك ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئەسلىمگە كەلسەم، بۇلبۇلكۆلنىڭ كۆز ياشتەك سۈزۈك ھەم قىرتاق سۈيى سەل بولۇپ تېشىپ مەھەللىمىزدىكى قۇرۇغان دەرياغا قاراپ يامراشقا باشلاپتۇ.
- كاككۇك... كاككۇك!!!
زەينەپنىڭ بارغانسېرى بوغۇلۇپ كېتىۋاتقان مۇڭلۇق ئاۋازى، كاككۇكنىڭ شاۋقۇن يۇتۇپ كېتىۋاتقان ھىجرانلىق قىسمىتى يۈرىكىمنى ئامبۇردەك قىسىپ، كۆز ئالدىم خىرەلىشىپ، يەر-جاھان پىرقىراشقا باشلىدى...


٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(مەنبە: شائىرەنىڭ «بارسا كەلمەس يول» ناملىق شېئىرلار توپلىمى)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

تولۇق ئوقۇش

2009年4月29日星期三

Yüsüp hüseyin(qeqinus) shé'irliri



يۈسۈپ ھۈسەيىن (قەقىنۇس) شېئىرلىرى



خىيالىمدىكى مۇقاملىرىمنىڭ ئۇپۇقسىمان تەرەننۇملىرى


(1)

تولىمۇ لەرزان، قەدىمكى مەنزىرىلەرنى ئەسلەتكۈچى تەرەننۇم، بەلكى دېڭىزدىن يەلكەن دولقۇنلىنىپ كېلەر جانىم ئارا،
مەشتەك قىزىق تېنىمدىن چېچىلغان ھاياجان، كىرپىكىمدە چوغلار تاراملاپ تونۇر دۇدلىنىپ كېلەر جانىم ئارا.
ئاتمىش يىل بۇرۇنقى سەھرادا، فېۋرالنىڭ قارلىق كۈنىدە تولغاق يېگەن ئانام ئاسمانى مۇسەببا ھازىر،
ئاتمىش ياشلىق بوۋاق بۆشۈكىدە ئەللەيسىمان مۇڭلار رەببى قېرى ئاقساقال ئاينى يۇلۇپ كېلەر جانىم ئارا.
بىر ۋاپا ئەھدىدە، بىۋاپالىق ۋەسلىدە شەپقەت قىلماق بۇرچى تاغدىن ئېغىر، قۇملۇقتەك دېمىق تەقدىر تۇتۇق،
دىۋىلەر توزاڭى يىلىمدەك چاپلاشقان، كۇمۇت، چىۋىندەك چېقىشقان ئەدەپ بۇژغۇنلىنىپ كېلەر جانىم ئارا.
ھېلىمۇ شۈكرى، شەپقەت ۋە ھىممەتكە مەجبۇر تەقدىرىمدە مەن تەلپۈنگەن تىرىلدۈرگۈچى بىر موقام قاپتۇ،
ئېھتىمال، تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتسەم غېرىپ جىنازام كېزىپ قەبرەمدىمۇ غۇر-غۇرلىنىپ كېلەر جانىم ئارا.


(2)

ئېگىزدىن لاچىن ھېرىپ دېڭىزغا چۈشسە، ئاچ بېلىقلار توپلۇشۇپ ھەرتەرەپتىن تالىشىپ ئۇنى غاجارمىش،
يەپ زەھەرلىنىپ قۇش بولماق ھەۋەسلىرىدە پىلتىڭلاپ، ئېگىزگە ئۇچماق قەھرىدە چاپچىشىپ سۇنى يارارمىش.
مەس لەيلىشىپ دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىدە ئازادە بېسىمسىز يورۇق ئاسمانى چەكسىزلىككە كۆز قىسىشىپ،
سوغۇق زۇلمەت دېڭىز ئاستى باغرىدىن قىرغاققا يېقىنلاپ ئاپتاپ شولىسىدا قامىشىپ نۇرنى يالارمىش.
ئى نىمجان قۇش، ئەجەل دەملىرىدە ئاسمانغا بېقىپ ئەلۋىدالىق موقاملىرىدىن ئىڭراپ ئىزتىراپ چەكمە،
چىرىنداڭ تۇتىيا بولغاچ ئەشۇ بېلىقلار ۋەتىنى كۆلەڭگەڭنىمۇ ئەتىۋارلاپ ياساپ نەقلى دۇرنى ياتارمىش.
سۇ ئىچىپ مەس غەمكىن باش سېلىپ يۈرسەم ئەھلى بەڭۋاشلار مېنى مەجنۇن ساراڭمىكىن دەپ ھەجۋى قىلما،
گاچا بېلىقلار تىل تاپماق ئۈچۈن، قەستەن سېنى سايراتماق ئۈچۈن قۇيرۇقلىرىدىن چاچرىتىپ دۇغنى ئاتارمىش.
سەن تەلپۈنگەن ۋە سېنى دەم تارتقۇچى ئاسمانى ناۋالارنى ئاڭلىماق راھەت، لېكىن ئازابىڭدۇر،
مەيلى دېڭىز پارلىنىپ، بۇلۇتلار ئايلنىپ يامغۇرلار ياغسۇن، سېنى چايكىلار قۇمدىكى بىر قۇمدىن تاپارمىش.
سەندە نە سىر بار، يا بېشىڭ تەڭرى تەختىمۇ، ياكى جەننەت پەرىلىرى ئۇخلايدىغان غەزنىمۇ قەلبىڭ،
ئېگىزدە لاچىن ۋە شاماللار، دېڭىزدا بېلىق ۋە دولقۇنلار تارتىشىپ سېنىڭدىن چاڭقىتىپ مۇڭنى ئالارمىش.


(3)

چۈشلىرىمدە يىگىرمە خىل كۆك مەخلۇقلىرى توپلىشىپ دىلىستانىمدا مۇقامى نەغمى ناۋا تۈزىدۇ،
تاكى چىۋىن، كۇمۇتتىن چوڭى بۈركۈت قەدەر ھەتتا قاغا-قۇزغۇن دېرىژۇر ھۆپۆپكە ئەھدى ۋاپا تۈزىدۇ.
باش-پۇت قەدەر تارتىلغان قىرىق تارنى «تارىم ئەخزەر» دېگەن كۆك گۈمبەز كۇڭكۇرلىرىغا باغلاپ،
ھەر تارغا بىردىن قونۇپ جۈپتىن ئىشىق پەيمانىغا تولۇپ، مەجنۇنلىقىدا جانىمغا جەۋرى-جاپا تۈزىدۇ. ،
ئىھتىمال، دۇنيادا ھېچبىر ئەل، ھېچبىر تەن تەرەننۇم قۇشلىرىنىڭ بۇنداق ئىستىلاسىغا قۇل بولمىغاندۇ،
مەن شۇنچە خاكسارۇ بىچارە يوقسۇلمەنكى يەنە بۇ رەھىمسىز قۇشلارغا كان بولماقنى پەخرى راۋا تۈزىدۇ.
قۇشلار تەبىئەتنىڭ جاڭگال، يايلاق، باياۋانلىرىدا جەننەتلىرىنى قۇرۇپ تۆمۈر شەھەرلەردىن قاچقاندەك،
ئىھتىمال، تېنىمنى ئاپتاپلىق، شاماللىق، ھاۋالىق، بولغانمىغان ھاياتقا قايتۇرۇپ رەۋزى داۋا تۈزىدۇ.
چۆچۈپ ئويغىنىپ سىلكىنسەم ھۈركىگەن بۇ جانىۋارلار گۈمبەز كۇڭكۇرلىرىغا قونۇپ ھەيرانلىقتا قاراپ،
مەستخۇش ئۇيقىغا قانداق رام قىلماقنى قەستلەپ شەرەتلىشىپ ئەتراپىمدا ئەرشى ساما تۈزىدۇ.
مەيلى دەيمەن، ھەربىر جانلىق خىلىنىڭ خاس ئادىتى تەقدىرى بولۇپ جەنننەت قەۋەتلىرى مۆكۈنگەن،
جان كەلگەن مەنبەسىگە كەتسە ھالالدۇر، شۇڭا قەقنۇسمۇ چېچىپ پەيلىرىنى مەۋجى لاۋا تۈزىدۇ.


(4)

قايغۇ، ئارزۇ چاتقاللىرىدەك كۆيگەن ئاجىز تېنىم كېسەل، مېيىپ، غېرىپ-غورۋا ئەھلى دوزاققا سەن شاھمۇ،
جاھان دەرتلىرى تاغدەك دۆۋىلىنىپ، ئاھ ئۇرۇپ قەقىنۇستەك كۆيۈپسەن شۇئلا قەلبى جەننەتكە سەن ماھمۇ.
دېڭىز ئالۋۇنلىرىدەك پارلىنىپ ئۆچكەن، بۇلاق قەھرىدە فونتاندەك بۇژغۇنلىغان پىنھان ئاھىڭ،
قېنى ئۇ بىيە رەڭ جەندە كەيگەن، كېيىكتەك چاققان مۇھەممەت يۈسۈپ ئەينى مەشرەپكە پەيداھمۇ.
ھەر ئۈرۈك چېچەك پەسلى ئەلگە باھار سەن تەنگە ئاياز ھەممە شادى ئىرپان،سەن ئاھى زىندان،
ھەر غەمداش بىر ئىمتىھان سوئالىدەك مۈشكۈل كويىقابى ئوممانغا لەھەڭدەك غەرقى غەۋۋاسمۇ.
ئۇ تېشى تۇتى ھىندى، ئىچى ئىزنى يىلان سېھرى دىۋانىلەرگە سەدىقە بېرىۋەردىڭ تويماي ئېلىۋەردى،
ئەجەب ئەمەس ئۇ تەلەپكارلارنىڭ ھەلەپ چېچىلمىسىدى ئاقىۋەت ھاسىلى غەيرەتتە گۇمراھمۇ.


(5)

جان تەننى دەس تۇرغۇزغۇچى ئىدى ئىلاجسىزلىقتىن دېدى: ئى پالەچ تەن سەن زادى كىمگە مەنسۇپ؟
تەن دېدى: مەن ۋەتەنكى بىر چىمدىم تۇپراق، جان سورىدى: ئى ۋەتەن سەن زادى كىمگە مەنسۇپ؟
ۋەتەن دېدىكى: مەن خانغا مەنسۇپ، جان خاندىن سورىدى: ئى خان سەندىكى جان قانداق سۈپەت؟
خان دېدىكى: ئى خار جان مېنى سوراقلاشقا نىمە ھەددىڭ، ئەمەسمەن ھېچقاچان بىر كىمگە مەنسۇپ.
جان كۆردىكى خاندىكى جان خۇددى جاڭگالدا لەپىلدەپ مېڭىپ گېدەيگەن يولۋاستەك تۇرۇپتۇ،
جان ئۇنىڭدىن سورىدى: قېنى سەندىكى ئىنسانى جان، ئەمدى قاراپ باق بولۇپسەن سەن كىمگە مەنسۇپ؟
يەر شارىدا تېخى گىياھ بولمىغان بىردەۋردە چىرىندىدىن بىر چېكىتتەك يېشىل ئورگانىك مۇخ ھاسىل،
ئىزىلگەن تەن قۇرتتەك مىدىرلاپ قويدى لىكىن ئۆزى بىلمەيتتى بۇ مىدىرلاتقان زادى كىمگە مەنسۇپ.


(6)

بۇ قەدەھكى بۇلۇتسىز ماۋى ھاۋارەڭ ئاسمان ئىچرە شوئلە چۈشتىكى قۇياشتەك جەزبىدار،
خىرەلەشكەن كۆز كۆردىكى، سۈبھىدىن بۇ دەمگىچە مەنزىلى ھەقىقەتنىڭ يولى يولداشتەك زەۋقى بار.
لەۋ تېگىپلا باش ئىچرە چىنارغا ھومايۇن قونۇپ، ئازادە ئاپتاپنى سەزدى قاراڭغۇ، سوغۇق ۋۇجۇت،
قۇياش چۈشتىن سەھەرگە يانغاندەك ئۇيقۇلۇق تۇلپار چاپچىپ سوقتى يۈرەك ئوتقاشتەك زەربىدار.
بۇ لەھزىلەردە ئەقىل شەپقەت بىلەن باقىدۇ تۇلپار مۆدۈرۈپ كەتمىسۇن دەپ ئەندىشە چۇلۋۇرىنى تارتىپ،
چۈنكى كۆڭۈلگە تەتۈر كەلگەن ۋۇجۇدىنىڭ بىلىنمەس بېغىشلىرىدا قېيىشقۇچى سىرلىق سوقماقنىڭ دەردى بار.
سەۋر قىل، باھار كەلسە يەر ئېرىپ. شامالدىن بۇلۇتلار جەملىنىپ ئاسماننى پەردىلەيدۇ يامغۇرى ئىجتىھات،
يامغۇر يېغىپ شىجائەت ئېرىقلىرىدا ھاياجان لۆمۈلدەپ زېھىن ئېتىزلىرىدا نەمخۇش ھورلاشنىڭ كەيپى بار.
مۇرەككەپ قىسمەتلەرنى بىلەلمەسلىك غەپلەت، بىپەرۋالىق شادلىق بولۇپ تۇيۇلۇپ بىخۇد قىلماقچى،
شەپقەتلىك قۇتقۇزغۇچى يادى بىلەن ئۇنىڭ ۋەھدەت بەھرى تۈپەيلى بۇ خۇشۋاقنىڭ قەدرى بار.


(7)

جۇدۇندىن كېيىن كۆكىرىۋاتقان دەرەخ نازۇك، لېكىن مەھكەم ياپراق ېمنى ئۆزۈڭگە ماس دوست قىلىۋال،
ئى ئەتراپىمدا لىكىلداپ يۈرگەن سۇندۇك چىكىلداپ تۇرغان قۇشقاچ مېنى غەمگۇزار خاس پوست قىلىۋال.
سەن مېنى دەپ يىراقلاردىن كېلىسەن خاتىرجەم كاشان تاپقاندەك بىردەم ئوينىۋال، خۇشال بولىۋال،
بۇ غەمكىن كۆڭۈلمۇ بىردەم سەن بىلەن خۇ بولدى، دۈشمەنسىزلىك دەقىقلىرىدە بىردەم شاش خۇش تىنىۋال.
سېنىڭ ھەمراھى گۇۋاھلىقىڭ تۈپەيلى غەليانىلىق، زەخمەتلىك دۇنيادىن ۋاز كېچىپ بۇ خىلۋەتكە سېغىنىپ كەلگەنمەن،
چىگىش گىرىھبانلىرىمنى چۇۋۇپ، سەن ياشنىغان مەزكۇر بوشلۇقتەك باغرىمنى ئۆزۈڭگە راست بوش قىلىۋال.
تىرىكچىلىك جاپاسىنى سىلەردەك تىنماس شەۋقى ئارامبەخىش راۋان جەريان قىلماق مۇمكىنمىدۇ؟
مامات، ئازاب تەشۋىشلىرى باسماق بولغىنىدا دەرھال پەرىشتىلەردەك مەردۇ- شاش روھ قىلىۋال.


(8)

«ئەقىل مۇھەببەت سېزىمىلرىنىڭ زامان، ماكان كىۋادراتى»نى تەققاسلىماقتىن يېڭى ئىمكان پەيدا،
شاخمات تاختىسىنى دۈم كۆمتۈرۈپ، ئوتتۇز ئىككى ئۇرۇقنى بىر تەندە سەپ راسلىماقتىن زېھنى ۋىجدان پەيدا.
پاراللىل، مىردىياندەك مىنۇت، سائەت، ۋەسىل، پەسىلدەك كاتاكچىلەردە مىدىرلاپ يۈرگەن چۈمۈلە،
سەھەردە گۇگۇمنىڭ قاپ شاھى مات، گۇگۇمدا سەھەرنىڭ ئاق شاھى مات، بەت پاتلىماقتىن قېتى نېرۋان پەيدا.
قەدىمكى قەلئەدەك شەھەرلەر قېنى، چۈمپەردىلىك پەرىزاتلار قېنى، قېنى ئۇ ئەدەبلىك ھايا، سەدەپلىك ۋاپا،
روھ ئەگەر قۇش مۇسەللىك، گۆش تەنلەرمۇ رېزىنكىدەك سەكرەيدىغان رەققاسلىماقتىن يېڭى ئىرپان پەيدا.


(9)

ئى چىمىرلاپ تۇرغان شوئلە، قىمىرلاپ تۇرغان ياپراق سايىۋى دەقىقەت ھىلى يا سەن يا مەن يوق،
ھىلى پەيدا بولۇپ بوشلۇقنى ئېگىلىسە ئازابلىق ئاچچىق تىكەن سىم شەرىئەت ھىلى يا سەن يا مەن يوق.
قايتا تىرىلىپ مەڭگۈ ياشايسەن دۇنيا كەڭ دېگەن ئۈمىدلەردە دەل شۇ نەقىقەت قەدرىنى بىلەلمىدۇق،
ئۇ جەننەتنى دەپ بۇنى دەۋزەخ كۆرۈپ نەق بەخت شەرتىنى بىلەلمىدى غەنىمەت ھىلى يا سەن يا مەن يوق.
ئى جېنىمنى ئاغرىتىپ تۇرغان تىكەن قىمىلدىتىپ چېقىپ تۇرغان كۇمۇت، سەبرى ماتانەتتە بىردەم چىدا،
كەل، سۈكۈتتە بىر-بىرىمىزگە بەھىس قىلايلى سېزىم ۋە رېتىملىق ۋەزىيەت ھىلى يا سەن يا مەن يوق.
ئەلۋەتتە، ئالەم چەكسىز، تەبىئەتنىڭ يارالمىشلىرى ھېسابسىز، بىلمەككە ئالدىرايدۇ ھەممىنى ھەۋەسخور كۆڭۈل،
دەرھال ئۇنتۇلۇپ بىلەلمىدى ئۆتۈپ كەتكۈچى دۇنيانى بىلىپ قالايلى بۇ چەمبەر بەت ھىلى يا سەن يا مەن يوق.
قانۇن تەبىئەتنى ماي تېنىمىزنى پىلىك قىلدى، كەل بىللە كۆيەيلى، ئىنسانلىق گىردابى يورۇپ كەتسۇن،
بەلكى ئىنسانلىقنى ئېگىلىگەن ھايۋانلىق، بەلكى ماماتلىق جاللادى بەدنىيەت ھىلى يا سەن يا مەن يوق.


(10)

كىمدۇ بىرى «نەفسىڭنى چەكلە، يوقات» دەپ كونا شەيتان ئورنىغا يېڭى شەيتانلىقنى جايلاشتۇردى دىماقىڭغا،
چەكلەنگەن مېۋىنى يىمە دېدىم ئۇنى مۇھەببەت دەپ مايمۇنلىقنى جان قىلىپ جايلاشتۇردى مىزاجىڭغا.
مەن ئۇنىڭ ئەسلىدىن قاپلان-يىلپىز كۆلەڭگۈسىنى كۆرۈپ ئەسلى ئىنسانلىقتىن يىراقلىغان شۇ ئىكەن دېدىم،
قاپلان- يىلپىز كاۋابىنى ساتماق بولدۇم، تەڭرىم ئىستىمال تەرتىبىنى شۇندىن لايىق ماسلاشتۇردى سىپاتىڭغا.
نەفسىڭنى چەكلە دېمەيمەن پەقەت تەڭشە دەيمەن، ھەقىقەتنى دەل نەفەسلىرىڭدىن دەقىقىي كۆرەرسەن،
ئاندىن دۇنيادىن تەڭلىمە قەۋەتلىرىگە ئەقىدەت باشلىنار جەننەتمۇ بولۇر راستلاشتۇردى ئىمانىڭغا.
گەرچە كاۋابىمنى يىمىگىڭ ھازىرقى دەۋردە ئەمەس مۇمكىن، بىراق خىيالىڭدا مۇمكىن روھى ئوزۇق،
دۆڭلۈكلەرنى نىشان قىلغاندىن كۆرە يىراق ئۇپقۇن گۈلۈستانلىقى شۇنچە قانداش نۇر ئىدى خىيالىڭدا.
بۇ كۈچ بىلەن دۆڭلۈك مازارنى ھۆرمەتتە تاۋاپ قىلىسەن، ئەمما ئۇلاردىن توختىماي ئۆتۈپ كېتىسەن،
سېنىڭ مازارىڭ بولسا شەھەردىكى شەپەق گىرۋەكلىك ئاسمانى گۈمبەز چاقناپ تۇردى نىگاھىڭدا.

(تۈگىدى)

2006- يىلى، مارت، قەشقەر يېڭىشەھەر
(ئاپتۇر قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پىنسىيونېرى)
مەنبە: http://www.shulegaozhong.cn/bbs/read.php?tid=85
***************************


تولۇق ئوقۇش

2009年4月13日星期一

Padishahning kiyimi barmu?



پادىشاھنىڭ كىيىمى بارمۇ؟


ئىمىن ئوسمان ‹ئۆزبەكىستان›


يازغۇچى ئالىم ئاتەخانغا ئوچۇق خەت


ئالىمباي! تۈنۈگۈن سىز مەندىن ئېتىقاد ھەققىدە سوراپ قالدىڭىز. ئىمان- ئېتىقادلىق ئادەمنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىمىز خىرەلىشىپ قالغانمۇ، قانداق، دەرھال بىر نەرسە دېيىشكە پېتىنالمىدىم. سىزمۇ شۇنداق ئەھۋالدا بولغىنىڭىز ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنى قىيناۋاتقان بۇ مەسىلىدە مەن بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان بولسىڭىز كېرەك. دۇنيانىڭ ئىشلىرى ھازىر شۇنچىلىك چىگىشلىشىپ كەتكەنكى، ئۇنى پەقەت ئورتاق پىكىرلىشىش يولى بىلەنلا ھەل قىلىش مۇمكىن. يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، دەپ بىكار ئېيتىشمىغانغۇ؟ ھازىر كوپچىللىك پەقەت ئۆزىنىڭ تەشۋىشلىرى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئويلىمايدىغان، باشقىلارنىڭ قايغۇسىنى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا بىز نە خۇدادىن، نە بەندىدىن قورقمايدىغان كىشىلەرنىڭ كوپچىلىككە باشچى بولۇۋالغانلىقىغا، تەلىم- تەربىيە بېرىدىغان، مەرىپەتكە ئۈندەيدىغانلارنىڭ ۋىجدانىنىڭ پاك بولمايۋاتقانلىقىغا كونۈكتۈك. پەرۋاسىزلىق قارىشى قېنىمىزغا سىڭىپ كەتتى. قەيەردە پەرۋاسىزلىق قارىشى ھوكۈمران ئىكەن، ئۇ يەردە ئادالەت تەنتەنە قىلىشى، ئادەملەرنىڭ بىر- بىرىگە مېھرى- شەپقەت كورسىتىشى، ئۇلارنىڭ يۈكسەك غايىلەر ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

شەرق مۇتەپەككۈرلىرىدىن بىرىنىڭ "ھۇببۇل ۋەتەنى مىنەل ئىمان"، يەنى ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ نىشانىسىدۇر، دېگەن سۆزى بار. ھەقىقەتەنمۇ ۋەتەننى سۆيۈش ئۈچۈن ئىمانلىق، ۋىجدانلىق ئادەم بولۇش كېرەك. ۋەتەن دېگىنىمىز بىر پارچە زېمىن. ئۇنداق بولسا شۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئادەملەرنى سۆيۈش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن كىشىلەر قانداق سۈپەتلەرگە ئېگە بولۇشى كېرەك؟

ئېتىقادلىق ئادەم بولۇش ئۈچۈن يالغۇز ۋەتىنىنى ياكى خەلقىنى سۆيۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ. بارچە ئىنسانىي پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىقادنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. كىمىكى ئۆزىنى تونۇسا، خۇدانى تونۇيدۇ، دېگەن ھېكمەت بار. ئۆزىنى تونۇمىغان ئادەم ۋەتىنىنىمۇ، خەلقىنىمۇ سۆيمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئىلىم- مەرىپەتلىك بولۇشى كېرەك. مەرىپەتلىك ئادەم، ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق ھەممە نەرسىدىن بەھىرلىنەلەيدۇ. دىنغىمۇ، تارىخقىمۇ، ئورپ- ئادەتلەرگىمۇ ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ، ئەپسۇسكى، بىزدە ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ كەلدى. ھازىرغىچە تارىخىمىزنى، ئۇلۇغ ئالىملار ھاياتىنى، ئەدەبىياتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ تار قېلىپىمىزغا سېلىپ ئۆگىنىۋاتىمىز. بۇ ھازىرغىچە ئۆزىمىزنى تونۇمىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ۋاھالەنكى، "ئوگىنيوك" ژۇرنىلى سەھىپىلىرىدە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەرقانداق نەرسىنى، شۇ جۈملىدىن دىننىمۇ چەتنەپ كەتمەسلىك كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىرلەر ئېيتىلىۋاتىدۇ." «ئىنجىل» شۇنداق تارىخىي ئابىدىكى، بۇ كىتابسىز ئختمۈشتىكى تارىخنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرىنىمۇ بىلىش مۇمكىن ئەمەس"- دەپ يازدى دىنپىروپىتروۋىسكى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي كوممۇنىزم كافېدراسىنىڭ دوتسېنتى S.I.Jok. بىز بولساق قۇرئاننىڭ ئەھمىيىتىنى ئۆگىنىش تۈگۈل بۇ كىتابتا نېمىلەر يېزىلغانلىقىغا قىزىقىشتىنمۇ قورقىمىز؛ بۇ قورقۇش قاچان پەيدا بولدى؟ نېمىشقا ئادەم ئادەمدىن قورقۇشى كېرەك؟ دىن ئەشۇنداق تەلىم بېرەمدۇ؟ ئاخىر، ھەممىمىز بىلىدىغان "ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى خۇددى تاغاقنىڭ چىشىدەك تەڭ- تەكشى يارىتىلغان"، دېگەن دانا پىكىر بارغۇ؟ ھەممە كىشى تەڭ ئىكەن، ئۇنداقتا نېمىشقا بىر خەلقنىڭ ۋەكىلى ئېيىتقان پىكىرنى ئىككىنچى خەلقنىڭ ۋەكىلى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ؟ بۇنىڭغا نېمە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ؟ قورقۇش! قورقۇش- ئىمانى زەئىپ، ئېتىقادسىز ئادەملەرگە خاس خۇسۇسىيەت.

تارىختىن مەلۇمكى، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، برونىي، ئىبنى سىنا، ئەل-خارازمى، نەۋايى قاتارلىق ئۇلۇغلار ئىمانلىق، ئېتىقادلىق بولغىنى ئۈچۈن ئولمەس ئەسەر يارىتالىغان. ئەپسۇسكى، بىز بۇلارغا مۇناسىپ ۋارىس بولالمايۋاتىمىز. بۇنىڭغا بىرمۇنچە باشقا سەۋەبلەر قاتارىدا ئىمانىمىزنىڭ سۇسلىقى توسقۇنلۇق قىلماقتا. نەتىجىدە بىزنىڭ شەخسىيىتىمىزمۇ، ئەدەبىياتىمىزمۇ ئوتتۇرا سەۋىيىدىن نېرىغا ئوتەلمەيۋاتىدۇ. توغرا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1923- يىلىدىن تاكى 50- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە مىسلى كورۈلمىگەن قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بەردى. ۋەتەن ئۈچۈن، يېڭى غايە ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان بىرمۇنچە كىشىلەر تەقىپ قىلىندى، قامالدى، سۈرگۈن قىلىندى، ئېتىلدى. ئۇرۇشتا تاسادىپىي ياكى مەجبۇرىي ئەسىرگە چۈشكەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەجەل لاگىرىغا ئەۋەتىلدى. بۇ يەردە شەرق مۇتەپەككۈرلىرىدىن جامى كەلتۈرگەن مۇنۇ ھېكمەتنى ئەسلەپ ئوتۈش ئورۇنلۇق: "ئادەملەر كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرۇپ بىر زالىمغا كۆڭۈل بەرسە، ئۇنىڭ يولىنى ئېتىشنىڭ چارىسىنى كورمىسە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق ئازاب چېكىدۇ".

توغرا، تارىخ ھەققىدە چەتتە تۇرۇپ ھۆكۈم قىلىش ئاسان. ئەگەر 30- يىللاردا ياشىغان بولساق ئېھتىمال بىزمۇ بۇ ۋەقەلەردىن چەتتە قالمىغان بولاتتۇق. لېكىن بىز، ۋاقىتلىق مەتبۇئات سەھىپىلىرىنى ۋاراقلاپ كورسەك ھەيرانلىقتىن ياقىمىزنى تۇتماي تۇرالمايمىز. بىز خۇدانى رەت قىلىپ، دىنىي ئېتىقادلارنى ئەيىبلەپ ئۆزىمىز ساختا خۇدا ياساپ چىقتۇق، ئۇنىڭغا چوقۇندۇق. مىخائىل ئىساكوۋىسكى، ماكسىم رىلىسكى، ئالىكسى سوركوۋ، ھەمىت ئالىمجان، غاپۇر غولام قاتارلىق چوڭ شائىرلار سىتالىننى مەدھىيلەپ شۇنداق ئەسەرلەرنى ياراتتىكى، ھەتتا ھازىرغىچە خۇدامۇ بۇنچىلىك ماختىلىپ تەرىپلەنمىگەن بولسا كېرەك. مەن بۇ يەردە مەشھۇر كومپوزىتور ئىيسائاك دونايۋىيسكىنىڭ 1949- يىلى نەشىر قىلىنغان كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن بىر پارچە خېتىدىن قىسقا نەقىل كەلتۈرىمەن: "سىتالىن يالغۇز بىزنىڭ دەۋرىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئادىمى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت تارىخىدىمۇ، ئۇلۇغۋارلىق، بۈيۈكلۈك ۋە مەشھۇرلۇقنىڭ، ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامنىڭ مىسلى كورۈلمىگەن زور تىمسالىدۇر. بىز ئۇنىڭ بىلەن زامانداش، ئەقەللىسى ئۇنىڭ ئىش پائالىيىتىدە كىچىككىنە خىزمەتداش بولغىنىمىز ئۈچۈن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. ئەپسۇسكى بىز(بولۇپمۇ ياشلار) سىتالىندەك بىر ئادەم بىلەن بىر ھاۋادىن نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىمىزنى، بىر ئاسمان ئاستىدىكى زېمىندا بىللە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز." بۇ ئادەمنى خۇداغا ئايلاندۇرۇش بولماي نېمە؟ ۋەھالەنكى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي سىتالىن مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەنگەن بۇ بۈيۈك كومپوزىتور ئۆز جېنىغا قەست قىلدى. كاۋكاز تارىخنى يازغان ئالىم "بەشەر قۇياشى" ئىنام قىلغان مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆز بېغىدىكى دەرەخكە ئېسىلىپ ئولىۋالدى. فادەيېۋدەك تالانتلىق يازغۇچى ئۆزىنى ئاتتى. چولپان، پىترەت، ئىلبېكنىڭ نامىغا قارا چاپلىغانلار، ئابدۇللا قادىرى، ئوسمان ناسىرلارنى ئولۈمگە ھوكۈم قىلغانلار، مەقسۇد شەيىخزادىنى تا ئولگۈچە ئازابلىغانلار، ھەمىت سۇلايماننىڭ ئون بەش يىللىق ئومرىنى سۈرگۈندە ئوتۈشكە مەجبۇرلىغانلار تېخى ئارىمىزدا يۈرۈپتۇ. ئۇلار ۋىجدان ئازابىغا چىدىماي ئۆزىنى ئولتۈرىۋالغىنى، ھېچ بولمىغاندا ئەيىبىنى دەۋرگە ئارتىپ خەلقتىن ئەپۇ سورىغىنى يوق. ئۇلار ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلىنىپ، پەخرىي ئۈنۋانلارغا ئېرىشىپ، سورۇنلارنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ مۇنبەرلەردە چىرايلىق نوتۇقلارنى سۆزلەپ يۈرۈپتۇ. ئۇلار كېچىلىرى خاتىرجەم يېتىپ ئۇخلايدۇ. سىزدەك ئېتىقادىمىزنىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قايغۇرۇپ ئازابلانمايدۇ.

ئالىمباي! لېنىن ئاساس سالغان جەمئىيەتنىڭ داھىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كىملەرنىڭ قولىغا قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سوتسىيالىزم ھەققىدە قانداق تېتىقسىز پىكىرلەرنى ئويلاپ تاپقانلىقىنى بىز ئەمدى روشەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. لېنىن دىندارلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن قارىغىنى ھالدا، كوممۇنىستلارنىمۇ ئۆز ئېتىقادىغا سادىق، ھەر تەرەپلىمە پاكىز ئادەم بولۇشى كېرەك، دەپ تەلىم بەرگەنىدى. ئەپسۇسكى، لېنىندىن كېيىن دۆلەت ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئىش- ھەرىكىتىگە نەزەر سالساق تېنىمىز شۈركىنىدۇ. سىتالىن ئەشەددىي قانخور، كاللا كېسەر بولۇپ چىقتى. جىدانوۋ، مولوتوۋ، بىرىيا، يىجوۋ، ۋورىشلوۋ، مىكويانلارنىڭ شەپقەتسىزلىكتە سىتالىندىن قېلىشمايدىغانلىقى، قىرغىندىن تاسادىپىي ئامان قالغان دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ، يازغۇچىلارنىڭ خاتىرىلىرىدىن مەلۇم بولدى. سىتالىندىن كېيىن تەخىتكە چىققان خروشېۋ مەملىكەتنى پۈتۈنلەي پاراكەندە قىلىۋەتتى. يېزا ئېگىلىكىنى، بولۇپمۇ چارۋىچىلىقنى ئىزدىن چىقاردى. ئادەملەرنى بىر پارچە قارا نانغا زار قىلىپ قويدى.

برېجنېۋنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى سۆزلەشكە كىشىنىڭ تىلى بارمايدۇ. ئۆزىنىڭ تەمەخور ۋە شۆھرەتپەرەس بولغىنى يەتمىگەندەك، كۈيوغلىنىڭ پارىخورلىقىنى، قىزىنىڭ مەملىكەت بويلاپ ئالتۇن، تىللا سودىسى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى دېمەمسىز، تېخى؟ تورغۇنلۇق دەپ نام ئالغان ئاشۇ يىللاردا بىز "داھى" نى قارىتىپ قويۇپ، سىزنىڭ غايىلىرىڭىزدىن روھلىنىپ بىز ئالەمگە ئۇچۇۋاتىمىز، يېڭى يەرلەرنى ئېچىۋاتىمىز، كىتابلار يېزىۋاتىمىز، دەپ تەخسىكەشلىك قىلدۇق. بۇ ئادەملەرنى تېخى يەر يۇتقىنى يوق، ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ ھوشۇقى ئالچا. ئۇلار ئەمدى ئاشكارىلىق نىقابى ئاستىدا قايتا قۇرۇشقا كىرىشىپ، مېھنەتكەشلەرنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتىش بىلەن شۇغۇللانماقتا. بۇنداق كىشىلەرنى كۆرۈپ ماركىسنىڭ "خۇدا ئادەمنى ئەمەس، ئادەم خۇدانى ياراتقان" دېگەن گېپىگە ئىشەنمەي تۇرالمايسىز. راستىنى ئېيىتقاندا بىز كۆپ خۇدالارنى، رېسپوبلىكىلاردا بولسا بىرمۇنچە كىچىك خۇدالارنى ياراتتۇق، ئۇلارغا چوقۇندۇق. ئۇلار مەنسەپتىن چۈشۈشى ياكى ئۆلۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ چىركىنلىكلىرىنى پاش قىلىپ، ئۈستىگە كىر- يۇندا چاچتۇق.

سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيادا خۇدانى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغان دۆلەت، لېكىن بىز خۇدانى ئىنكار قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك باغلىنىپ قالدۇقكى، ئىلاھسىز بىر كۈنىمىزمۇ ئۆتمىدى. (ئېھتىمال، ئادەمنىڭ تەبىئىتى كىمگىدۇر چوقۇنۇشقا، كىمدىندۇر مەدەت ئېلىشقا ماسلاشتۇرۇپ يارىتىلغان بولسا كېرەك.) نەتىجىدە ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئادەملەرنى خۇددى يۇنانلارنىڭ ماكىدونىيىلىك ئىسكەندەرنى خۇدالار قاتارىغا قوشقىنىدەك مەبۇدىغا ئايلاندۇرۇپ ئالدۇق. ئاشۇ ماكىدونىيىلىك ئىسكەندەرمۇ ئۆزىنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىدىن ئەجەبلىنىپ: "مەن خۇدا بولسام، نېمىشقا مۇنداق ئۆلىمەن" دېگەنىكەن. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سىتالىن ئۆلگەندە ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭغا تايىنىپ ئۆگىنىپ قالغان ئادەملەر: "ياق، بۇنداق زات ئۆلۈشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ بىزنى ئۇرۇش ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇردى. ئۇنىڭسىز بىز فاشىزمنى يېڭەلمىگەن بولاتتۇق" دەپ خىتاب قىلغان. ئەسلىدە ئەنە شۇ ئامما، پاك دىل، ساددا ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرى مەملىكەتنىمۇ، ئۆزلىرىنىمۇ بالا- قازادىن ساقلاپ قالغان، تۆككەن قانلىرى، بەرگەن قۇربانلىرى ھېسابىغا ئۇرۇش ئاپىتىنى دەپنە قىلغانىدى.

ئۆزبېكىستاندا تا ئەللىكىنچى يىللارغىچە نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىر ئەسلەپ كۆرۈڭ: ھەممە ئىمانلىق، ئېتىقادلىق ئادەملەر سوراقسىز ئېتىلدى، ئەرەب يېزىقىنى بىلگەن ۋە شۇ يېزىقتىكى كىتابلارنى ئوقۇغان ئادەملەر يوقىتىلدى، مىللىي ئورپ- ئادەتلەر ئاياق- ئاستى قىلىندى، مىللىي غورۇر كەمسىتىلدى. ھەتتا ئاتمىشىنچى يىللاردا توي-تۈكۈنلەردە كاناي-سۇناي چېلىش كونىلىق قالدۇقى سۈپىتىدە تەنقىتلەندى. يەتمىشىنچى يىللاردا پارتىيىلىك كىشىلەر بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرغىنى ئۈچۈن تەشكىلىي جازاغا ئۇچرىدى. سەكسىنىنچى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆلگەن ئاتىسىنىڭ جىنازا نامىزىنى ئۇقۇتقان ياكى قەبرىستانلىققا بېرىپ كۆز ياش تۆككەن ئادەملەر شەرمەندىلەرچە ئىشتىن بوشىتىلدى. بۇ ئەخمەقلىقلەرنى خەلق ئەمەس، بەلكى رېسپوبلىكىمىزنىڭ رەھبەرلىرى ئويلاپ تاپتى. ئاشۇ چاغلاردا ئەسقەر مۇختەردەك ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىز، مۇشۇنداق بولمىغۇر ھەرىكەتلەرگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئۆز سەبداشلىرىنى قوغدىسا بولماسمىدى؟ ئۇ چاغلاردا يەنە ئابدۇللا ئارىپوۋدەك تونۇلغان تالانتلىق شائىرمۇ جاسارەتلىك قەلەمكەشلىرىنى ياقىلاپ ئەمەس، نوپۇزلۇق رەھبەرلەرنىڭ كوڭلىگە ياقىدىغان شېئىرلارنى يازدى. ئەمدى ئۇ كىچىك داھىلار يوق، ئېنىقراق قىلىپ ئېيىتساق ئۇلار قاماقتا. ئەمدى بىز بىر- بىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىز؟ مەن دۆلەت جىنايەتچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان شەراپ رەشىدوۋ ھەققىدە ئەسەر يازغان مىرمۇھسىن، ئۇنى ئەسەرلىرىگە پروتوتىپ قىلىپ ئېلىپ ئۇنىڭ ساخاۋەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغان ھەمىت غۇلام، "كەشمىر قوشىقى"(شەراپ رەشىدوۋنىڭ ئەسىرى)غا سۆز بېشى يېزىش بەختىگە مۇيەسسەر بولغىنى ئۈچۈن بېشى كۆككە يەتكەن تۇراپ تۈلە ۋە باشقا ئونلاپ قەلەم ساھىپلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە توۋا قىلمايۋاتقانلىقىغا، خەلققە ئەمەس رەھبەرلەرگە يېقىشى ئۈچۈن ئىنتىلىپ ياشاشنىڭ پاجىئەلىرىنى ئېچىپ، ياشلارنى ھۇشيارلىققا ئۈندىمەيۋاتقانلىقىغا ئەجەبلەنمەيمەن. ھەركىمدىن ئۆزىگە يارىشا نەرسە تەلەپ قىلىش كېرەك، ئەلۋەتتە. رۇس يازغۇچىلىرى ئوتتۇزىنچى يىللاردا قارىلانغان قەلەمكەشلەرنى ئاقلاش، چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چىقىرىپ خەلققە تونۇتۇشنىڭ غېمىنى يەۋاتقان بىر پەيىتتە ئۆزبېك ئەدىبلىرىنىڭ نېمىلەرنى قىلىپ يۈرۈۋاتقانلىقىغا قارىمامسىز. ئارىمىزدا ھازىرغىچە چولپان، پىترەتلەرنى ئاقلاشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلار، ھەتتا بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ياشاپ ئىجاد قىلغان بابۇردەك بۈيۈك ئەللامىغا ئۆزىچە باھا بېرىپ قارىلايدىغانلار بار. سىز بولسىڭىز مەندىن ئېتىقاد ھەققىدە سورايسىز، ئېتىقادنى قويۇڭ، ئارىمىزدا ۋىجدانى پاك ئادەم تېپىلامدۇ، دەپ سوراڭ. ئېھتىمال بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىش ئاسانراقتۇر. ئالىمباي! نېمىشقىدۇر بىزدە ۋىجدانسىز ۋە خىيانەتچى دېگەندەك ئىبارىلەر پەقەت سودا خادىملىرىغىلا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خىيانەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقى ئىسپات تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئەمەس. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەرد، كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سوزىدىغان، جامائەت ئىشلىرى ئۈچۈن جان- دىلى بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىرىمۇ بار. ئەپسۇسكى، مەن زىيالىلارنىڭ، ھەتتا يازغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا باشقىلارغا چىندىن، ئىچى كۆيۈپ ياردەم قىلىدىغان بىرەر مەردنى ئۇچراتقىنىم يوق. ئۇستاز ئايبەكنىڭ ياشلارغا سەمىمىي ياردەم بېرىپ كەلگەنلىكىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدۇق. م. پىرىيشۋىن قېرىغان چېغىدا نەشىرىياتنىڭ باشلىقىغا تېلېفون بېرىپ ئۆزىنىڭ ئىككى توملۇق تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ ئورنىغا توت ياش يازغۇچىنىڭ كىتابىنى چىقىرىشنى ئۆتۈنگەنلىكىنى، تىۋاردوۋىيسكىنىڭ ۋ. تىندىرياكوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى، ف. ئابراموۋنىڭ، چىڭغىز ئايىتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى ناھايىتى جاپادا بېسىپ چىقارغانلىقىنى، باشقا بىرمۇنچە قەلەمكەشلەرگىمۇ ماددىي ۋە مەنىۋىي تەرەپتىن ناھايىتى كۆپ ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن ھازىرقى تىرىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قايسى بىرى بۇ زاتى مۇبارەكلەرگە ئوخشايدۇ؟ ۋەھالەنكى ئۇلار ئالىيجانابلىق ۋە ئىنسانپەرىۋەرلىك دېگەنلەرنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا؟ ۋەھالەنكى، شەرق مۇتەپەككۇرلىرى:"ئۆزۈڭگە راۋا كۆرگەن نەرسىنى باشقىلارغىمۇ راۋا كۆرگىن" دەپ تەلىم بېرىدۇ. نېمىشقا بىز بۇ مىزانغا ئەمەل قىلالمايمىز؟ نېمىشقا ھەممە ئادەم ئۆز مەنپەئەتى، ئۆز ھوزۇر- ھالاۋىتىنىلا ئويلايدۇ؟ ئاخىر، ئىنساننىڭ ھەرىكىتىگە يارىشا بەرىكەت بېرىلىشىنى، بېخىلنىڭ بېغى كۆكەرمەسلىكىنى ھەممە كىشى ئوبدان بىلىدىغۇ، نېمىشقا بىلىپ تۇرۇپ... قويۇڭ، بىھۇدە سوئاللار بىلەن بېشىڭىزنى قاتتۇرماي، بۇنىڭ سەۋەبى ئايان: ئىمان ۋە ئېتىقاد يوقالغان.

سىزنىڭ ئۆتكەندە ئارگېنتىنالىق يازغۇچى خولىئو كورتاسارنىڭ "ئىزمۇ ئىز" ھېكايىسى ھەققىدە ھاياجانلىنىپ سۆزلىگەنلىكىڭىز ھېچ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ھېكايە قەھرىمانى ئۆتمۇشتە ياشىغان بىر كلاسسىك شائىر ھەققىدە ئاجايىپ ئەسەر يازىدۇ. ئۇنىڭ ئەسىرى بىرمۇنچە چۇقان- سۈرەنگە سەۋەب بولىدۇ. ئۇنى يۇقىرى لاۋازىم بىلەن ئالىي مۇكاپاتقا تەۋسىيە ئېتىشمەكچى بولغان پەيىتتە ئەسەر قەھرىمانى ئۆزى كوككە كۆتۈرگەن ھېلىقى كلاسسىك شائىرنىڭ ئەسلىدە ئۆتۈپ كەتكەن رەزىل ۋە مۇناپىق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ مەشۇقىغا ئۆز قولى بىلەن يازغان خېتىنى كۆرىدۇ- دە، ھەممە ئىمتىيازلاردىن ۋاز كېچىپ، كلاسسىك شائىرنىڭ ساتقىن ۋە مۇناپىقلىقىنى پاش قىلىشقا كىرىشىدۇ.

بۇ ھېكايىنى ئەسلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىكى، بىزنىڭ ھاياتىمىزدا مۇشۇنداق ھادىسىلەر ئېشىپ - تېشىپ يېتىپتۇ. تۈنۈگۈنلا تەڭدىشى يوق ئالىيجاناب، ئاجايىپ تەشكىلاتچى دەپ كۆكلەرگە كۆتۈرۈلگەن كىشىلىرىمىز بۈگۈن دۆلەت جىنايەتچىسى بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. لېكىن ھازىرغىچە بىزنىڭ بىرەر يازغۇچىمىز كورتاسارنىڭ قەھرىمانىدەك ئۆز روھىيىتىنىمۇ، ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ پىكىر تەسەۋۋۇرىنىمۇ ئوڭتەي- توڭتەي قىلىپ، ئۆزىگە قارشى، ھازىرغىچە يۈرگۈزۈلىۋاتقان ناتوغرا سىياسەتلەرگە قارشى بىرەر ئىش قىلغىنى يوق. ياق، مەن ئۇنداق قەلەمكەشلەرنى خاتا قىلغىنى ئۈچۈن تىز پۈكۈپ كۆز ياش تۆكسۈن دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەكسىچە ئاشۇ يازغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرى يول قويغان خاتالىقلىرى، تەمەخورلۇقى تۈپەيلىدىن يۈز- ئابرويىنىڭ تۆكۈلگەنلىكلىرى مىسالىدا ياشلارنى ھۇشيارلىققا ئۈندەشلىرى لازىم، دەپ ھېسابلايمەن. بۇنىڭدىن يالغۇز ئەدەبىياتىمىزلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى ئەۋلادىمىزمۇ مەنپەئەت كۆرىدۇ، ئادالەت تىكلىنىدۇ. ۋىجدانىمىز پاكلانمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا كىرى كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۆزى ھالاللىق ۋە پاكلىققا تاشلانغان بىر قەدەم بولىدۇ. بۈگۈنكى ئاشكارىلىق بەلگىلەپ بەرگەن يول شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاشكارىلىق ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىد ئاخىرقى ھېسابتا خەلق مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ سىياسىي تەركىبىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، ئۇنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى، ھاياتلىقىنى، مەنىۋىي ساغلاملىقىنى نامايىش قىلىدۇ.

تۈنۈگۈن سىز تونۇلغان بىر ئالىمنىڭ تېلېۋىزوردىكى مۇناپىقانە چىقىشى ھەققىدە گەپ قىلغان ئىدىڭىز. مەن ئۇ چاغدا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىم. كويۈنىشىڭىزنى قىزىققانلىق ۋە ياشلىقتىن بولۇۋاتىدۇ، دەپ قارىدىم. ئالىمباي، كىملەرگىدۇر ياخشى كۆرۈنۈپ تۈزۈكرەك ئەمەلگە ئېرىشىشتىن باشقا قايغۇسى بولمىغان بۇ ئادەمدىن باشقا نېمە كۈتۈش مۇمكىن؟ ئەسلىدە پەن دوكتۇرى، ئاكادېمىك بولغان ئادەم خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن زور ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. ئاكادېمىك ساخاروۋنىڭ، ۋىگاسوۋنىڭ يادرو فىزىكىسى ساھەسىدىكى كەشپىياتلىرىنى ھەممە بىلىدۇ. پروفېسسور نازىمە دېھقان خوجايىۋانىڭ ئىلمىي ئىزلىنىشلىرى خەلق سالامەتلىكىنى ساقلاش يولىدىكى ئىشلىرى ماختاشقا سازاۋەر، ئاكادېمىك ئاتابېك ئىشانوۋنىڭ تارىخىمىزنىڭ قارا چاپلانغان سەھىپىلىرىنى ئېچىش يولىدىكى ئورۇنۇشلىرى كىشىنى خوشال قىلىدۇ، لېكىن سىز ئېيىتقان ھېلىقى ئالىم پەنگە، خەلققە نېمە بەردى؟ ئۇنىڭ قايسى بىر ئەسىرى قولدىن - قولغان ئۆتۈپ ئوقۇلدى؟ تارىخ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ ئالىم ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ روسىيىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوشۇلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى ھۈججەتلەر ئاساسىدا يىرىك ئەسەر يېزىشى مۇمكىن ئىدىغۇ؟ بۇ ئىشقا ئۇ ئادەمنىڭ ئىلمىمۇ، قابىلىيىتىمۇ يېتىدۇ. لېكىن يازمايدۇ، يازالمايدۇ! قايسىدۇر بىر نائەھلى تارىخىمىزنى يۈز قېتىم ساختىلاشتۇرسۇن، نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ئىنسانىيەتكە نى- نى ئەللامىلارنى بەرگەن ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مەدەنىيەتلىك، ئەڭ ساۋاتلىق تۈركىي خەلقىنى يالغۇز رۇس ئالپاۋىتىنى بىلمىگىنى ئۈچۈن ساۋاتسىزغا چىقارسۇن، ئىنقىلاب ھارپىسىدىكى مەدەنىي ھاياتىمىزدا ئىلغار ئىشلارنى قىلغان، يېڭىلىق تەرەپدارلىرى بولغان جەدىتلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىنى ئۆگىنىش تەقىپلەنسۇن، ئەدەبىيات تارىخىمىزدا ھەمزە بىلەن بىللە ئونلاپ تالانتلىق شائىرلارنىڭ بولغانلىقىنى سىر تۇتسۇن، بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ خەلق كېۋەزگە سېپىلگەن ئونلاپ زەھەرلىك دورىلاردىن قىرىلىپ كەتسۇن، ئۇ ئادەمگە بەرىبىر. مۆھتەرەم ئاكادېمىك ھەممە نېمىگە كۆزىنى يۇمۇپ تىلىنى چىشلەپ يۈرىۋېرىدۇ. ئىشقىلىپ ئورنىدىن، ھۆرمەت ئېتىبارىدىن ئايرىلىپ قالمىسىلا بولىۋېرىدۇ. قاچانىكى ئادەمنىڭ ۋىجدانى ئۆلسە، ئىمان- ئېتىقادتىن ئايرىلسا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى پەرۋاسىزلىق مەستخۇشلىقى ئېگىلەيدۇ. ھازىرقى ئەدەبىي ھاياتىمىزدا ئاشۇنداق مەستخۇشلۇق ھۆكۈم سۈرىۋاتمامدۇ؟ بىز ماختاپ، كلاسسىكقا چىقىرىپ قويغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ھېچقانداق مەنىۋىي پەزىلەتلەرگە ئېگە ئەمەسلىكىنى ھېچكىم يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا قويالمايۋاتمامدۇ؟ نى- نى پەن دوكتۇرلىرى، پەن كاندىداتلىرى ئالىممەن، دەپ مەيدىسىنى كېرىپ يۈرۈشۈپتۇ. ئۇلار ئەسلىدە ئەدەبىي تەنقىدچى ئەمەس، بەلكى ئەدەبىي مەدداھلاردۇر. ئۆتكەن يىلقى يىللىق پروزا مۇھاكىمە يىغىلىشىدا سىزنىڭ ئېيىتقان پىكىرلىرىڭىزدىن بەكمۇ خوشاللاندىم. ۋەھالەنكى، يىغىن رەئىسى سىزگە بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ تۈگىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئالدى بىلەن نوبىل مۇكاپاتى ئېلىڭدە، ئاندىن باشقىلارغا ئەقىل ئۆگىتىڭ، دەپ لوقما سېلىپ گېپىڭىزنى داۋاملاشلاشتۇرۇشقا ئىمكان بەرمىدى. شۇ چاغدا سىز تەنقىدچى ئومورزاق ئولجابايىۋقا:"سىز مېنىڭ ئەسىرىمنى ھېكايە ئەمەس دېگەندىن كۆرە، بۇ نەرسە ئوغرىلانغان دېسىڭىز خۇشال بولاتتىم. سەۋەبى بۇ ھېكايەمنى كورتاسارنىڭ "ۋەسۋەسە" ناملىق ھېكايىسىگە تەقلىد قىلىپ يازغانمەن" دېدىڭىز. "ۋەسۋەسە" جاھان خەلقلىرىنىڭ ئونلاپ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ سۆيۈلۈپ ئوقۇلسۇنۇ، ئۆزبېك ئەدەبىياتى مۇتەخەسىسىسى بولغان ئادەم ئاشۇ روھتا يېزىلغان ئەسەرنى ھېكايە ئەمەس دەپ ھېسابلىسۇن. بۇ نېمە؟ پىكرى مەجرۇھلۇقىمۇ ياكى ساۋاتسىزلىقىمۇ؟ بىز تا ھازىرغىچە بىر چاغلاردا يېزىلغان ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى سەۋىيىسىدە پىكىر قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ بىزنىڭ ئۆز ئىشىمىزغا ۋىجدانەن يانداشمىغانلىقىمىزنىڭ، زىممىمىزگە ئادەملەرنى مەرىپەتلىك قىلىش مەسۇلىيىتىنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى ھېس قىلماسلىقىمىزنىڭ نەتىجىسىدۇر. نېمىشقا بىزدە ئەدەبىي تەنقىد سەۋىيىسى بۇنچىلىك تۆۋەن؟ ئېھتىمال ئەدەبىياتىمىز تەنقىدتىن تۆۋەن تۇرىدىغاندۇ؟ ئېھتىمال نېمىشقا بىز ھەر قانداق ئېھتىماللىقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بار مەھسۇلاتىمىزنىڭ ئۆزىنى ئادىل باھالىمايمىز؟ ياكى ۋ. ئاستاپىيىۋنىڭ "مېنىڭ قارىشىمچە تەنقىدچى قاراۋۇل ۋە سۈ پۈرگىچى بولۇشى، ئەدەبىي مەيدانىمىزدىكى ھەرخىل ئەخلەت- چاۋالارنى تازىلىشى كېرەك. لېكىن مەن ئونلاپ دوكتۇر ۋە ئاكادېمىكلار ئىچىدىن مۇنداق ئىشقا لايىق بىرمۇ تەنقىدچى تاپالمىدىم" دېگىنىدەك، بىزدە ھەقىقىي تەنقىدچى يوقمۇ؟

ئالىمباي! ئاندەرسىننىڭ يالىڭاچ پادىشاھ ھەققىدىكى چۆچىكى ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇنىڭدا قىپيالىڭاچ پادىشاھ "كىيىمىڭىز نېمانچە چىرايلىق، ئۆزىڭىزگە نېمىدېگەن ياراشقان" دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ماختىلىدۇ. ھېچكىم ئۇنىڭ يالىڭاچلىقىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلمايدۇ. ئاخىرىدا ئاشۇنداق بىر مەرت تېپىلىدۇ-دە، پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىدۇ. ۋاقتى كېلىپ بىزمۇ شۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسمىزمۇ؟ كېيىنكى چاغلاردا مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئۆزبېكىستان يازغۇچىلىرى مىرموھسىن، ئىبراھىم رەھىم، پروفېسسور ھاپىز ئابدىسەمەتوۋلارنىڭ يازغانلىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئۇلار ئاشكارىلىقنى، شەخسىي تەلەپ - دەۋالىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نۇمۇسسىزلىق قىلىشنىڭ بىر پۇرسىتى بىلسە كېرەك. يېشى يەتمىشكە بېرىپ، بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياسى يېقىنلىشىپ قالغان بۇ كىشىلەرنىڭ خەلققە ئېيتىدىغان زۆرۈر گەپلىرى، كۆڭۈل ئارزۇلىرى، يۈرىكىنى ئازابلايدىغان ئۆكۈنۈشلىرى، ئەدەبىياتىمىزنىڭ چوڭ ئومۇمىي دەردلىرى، خەلققە يەتكۈزىدىغان ئارمانلىرى يوقمىدۇ؟ بۇلارنى ئويلىسىڭىز مېڭىڭىزگە سانجىق تۇرۇپ، يۈرىكىڭىز ئېزىلىپ كېتىدۇ. ئەپسۇسكى، ئويلىماي ئىلاجىڭىز يوق. چۈنكى بۇگۈنكى ئاشكارىلىق شۇنىڭغا ئۈندەيدۇ. بىزنىڭ ئارزۇيىمىز بىزدىن كېيىنكىلەر ھېلىقى يالىڭاچ پادىشاھنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالمىسۇن، شەخسىي دەۋا ۋە ئاغرىنىشلار بىلەن ئەمەس، بەلكى مەنىۋىيەتنى يۈكسەلدۈرىدىغان مەسىلىلەر بىلەن شۇغۇللانسۇن. ئادەملەرگە تېخىمۇ كۆپ پايدا يەتكۈزسۇن. ئادەم ۋىجدانىنى قىينايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى تەمەخورلۇقتىن تارتىشى، بولۇپمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئادەمدىن بىرەر نەرسە كۈتمەسلىكى كېرەك. تەمەخور خۇددى سۆڭەك تۇتقان ئېگىسى ئالدىدا قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ تۇرغان ئىتقا ئوخشايدۇ. ئېتىقادلىق ئادەم ھېچقاچان، ھېچكىمدىن بىرەر نەرسە كۈتمەيدۇ. ئۇ پەقەت ئۆزىگە ئىشىنىپ ۋىجدانى بىلەن ياشايدۇ. يەر يۈزىدە بىر ئىمانلىق ئادەم بار ئىكەن قىيامەت قايىم بولمايدۇ، دېگەن گەپ بار. مەن بۇ گەپكە ئىشىنىمەن. تېخى قىيامەت بولمىغانىكەن، ئەتراپىمىزغا خالىس كۆز تاشلىشىمىز، ئېتىقادلىق كىشىلەرنى كۆرسەك بېشىمىزغا كوتۈرۈشىمىز كېرەك. ئېتىقاد- ئىنساننى پەسلىكتىن، ھەرقانداق تەمەدىن، رەزىللىكتىن ساقلايدىغان ھىدايەت نۇرى! لېكىن بۇ نەرسە ھەممە كىشىگە نېسىب بولىۋەرمەيدۇ. ئېتىقادلىق ئادەم ئۆزىگە راۋا كۆرگەن نەرسىدىن باشقىلارنىمۇ تېزرەك بەھرىمەن قىلىشقا ئالدىرايدۇ.

ئالىمباي! يەتمىش يىلدىن بېرى يالغان- ياۋىداقلار بىلەن ئۆزىمىزنى ئالداپ ياشىدۇق. ياسالغان خۇدالارغا چوقۇنۇپ، رەزىل، گۇناھلىق قىلمىشلارغا پاتتۇق. كېلىڭ، ئەمدى ئاشكارىلىق، تەڭلىك شامىلى كۆتۈرۈلگەن بۈگۈنكى كۈندە "ھەقىقەتنى، غاپىل، ناھەق نەرسىلەرگە ئوراپ يوشۇرماڭلار، ئۇنى خەلقتىن پىنھان تۇتماڭلار" دېگەن دانا ھېكمەتكە ئەمەل قىلىپ، كىشىلەر قەلبىگە ئېتىقاد نۇرىنى يەتكۈزۈشكە تىرىشايلى. يەر يۈزىدە ئار- نۇمۇسنى بىلىدىغان، ئىمانلىق ئادەملەرنىڭ تېخىمۇ كوپىيىشىنى تىلەيلى.

(مەنبە: «شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى» ژۇرنىلى 1999 – يىل ‹4-5› سان)

تولۇق ئوقۇش

2009年4月7日星期二

Xoraz heqqide riwayetler


Xoraz heqqide riwayetler


- hebibulla toxtining «shinjang medeniyiti»zhurnili 2000-yilliq (2-3) qoshma san'gha bésilghan «teklimakan, xoraz, ürümchi» namliq balladisigha teqriz


Nurmuhemmed toxti


Dejjal eleyhil le'in kün boyi aldirash ishlidi, kök ishekning peghezdek échilghan salpang qulaqlirigha renggareng puruchlardin lénta asti. Kipishtek kérilip turidighan burnini, qélin tumshuq-kalpukini lewsurux bilen boyidi. Qash-kirpiklirini, yüz-péshanisidiki, boynidiki, dümbe-qorsaqliridiki, putliridiki, qélin we qisqa tüklirinimu taki süpürgidek quyruqighiche, haramliqining belgisi bolmish tom tuyaqlirighiche renggareng boyaq-xénilar bilen boyap chiqti we her bir tük- yayligha mingbir xil neghme-saz yangrap turidighan qongghuraqlarni asti. Kök éshekning chong we ghemkin közige yéshil közeynek taqidi. Emdi kök éshek be'eyni kechlik bezmixanigha mangghan reswa jalapqa oxshighanidi. Buni xalighanche ménishke, xalighanche ishlitishke bolatti.

Dejjal ishliridin memnun bolup kök éshekning dümbisini siylidi. Éshekning qirdek börtüp chiqqan omurtqa söngiki choyundek qattiq idi, bundaq qattiq qirgha minip seper qilsa, köt polattin bolsimu chidimas. Ishek ikki qétimla sokuldisa, zéde bolup qanap kéter. «yaq, azab chékishning hajiti yoq, hemmini ilkimge alsamyu, kötüp échiship azab cheksem, buning néme mezzisi bolsun? Eng yaxshisi bir dane toqum tikey, toqumni éshekke toqup andin miney, shu chaghda...» dejjal ene shundaq oylidi. Derhal ishqa tutush qildi . Yekcheshme diwilerning tük-yungliridin étilgen eski kégiz parchilirini- paytmilarni tépip keldi. Bezisini bezisige ulidi, bezisini késip parchilidi we ularni qachandidur bir chaghda ölgen diwining térisi üstige tézishqa kirishti. Qol ishta, es-yadi shérin xiyallarda idi. « atam sheytan, anam azazul qilalmighan ishlarni qiliwétimen, toqum pütüp teyyar bolsila taghni téshishke bashlaymen, éshekke tetür minip, quyruqini qayriymende, kötige nöshüdür qisturumen, kök ishek shu chaghda molla nesirdinning qongur éshikidek chépip kétidu. Kohiqaptin chiqqan shamalmu yétishelmeydu, 18 ming alemni kézishke bashlaymen. Éshikimning her bir tükige ésilghan qongghuraqlardin mingibr xil neghme–sada yangraydu. Mana shu chaghda eqli lal bolmighan insanni körey. Neghmilirimge mehliya-meptun bolmighan mexluqni körey. U hemmini untuydu. Nepsi eqlini bésip chüshidu. Nepsi ghalib kelgenning qanchilik eqli bolsun? Men hemmini ilkimge alimen. Arzu–isteklirini... Hemme némisini ilkimge alimen. Hemme méning ilkimdiki bir parche göshke , bir parche buyumgha aylinidu. Némini de désem shuni deydighan, némini ye désem shuni yeydighan bolidu. Men ularning xudasigha aylinimen, yaq, ulargha xudani untuldurup, büyük sheytan'gha aylinimen. Sheytan dadam qilalmighan ishlarghu bu. Bularning hemmisini men qiliwétimen. Sheytan dadam némiti? Men uningdin éship chüshimen. Méning axirqi nishanem shu . Eger eshu nishan'gha yételmisem, sheytan bilen azazulning oghli bolmay kétey...»

Dejjal kona kégiz parchilirini toqum qilip tizishni dawamlashturdi. Ghar ichi ghuwa idi. Dejjalning mekkar közliridin qizil uchqunlar chéchiliwatqandek körünetti.

Bu chaghda «dehime mülki iskender» (bularning orni «jabaghan»(yaponiye)ning nérisida émish)de aj ibni unuq (qisesul enbiyagha qarang) ning kéyinki ewladliridin bolmish yejuji-mejujiylar janlinip kétishkenidi. Ular «seddi iskender»ning 30 gez kengliktiki derwazilirigha yopurulup keldi. Derwazining yette gez égizliktiki bosuqlirigha yamiship chiqip, tömür derwazilarning yochuqliridin alemge tikilishti. Ular eshu adem atam zamanisida yashighan, qorsiqi achsa bir taghni yep, ussisa bir déngizning süyini ichidighan ulugh bowisidekla achköz we wehshiy idi. Hemme némini yeytti, hemme némini ichetti. Qedimki kitablarda « dejjal qopsa arqidinla yejujiy-mejujiylar chiqidu. Awwal ozun boyluqliri chiqip ademlerni yep tügitidu. Ulardin kéyin ‹ yejujiy mehef› pirqisi chiqip ashliq-tülük, haywanat-uchar qanat, ot-chöp, del-derexlerni yep tügitidu. Uningdinmu kéyin ‹yejujiy meqimu'iy› pirqisi chiqip alemdiki barliq nersilerni yep tügitidu. Hettaki déngizlarning suliri, toqayliqlar, köller, taghlar, döngler... Hemmini yep-yalap qurutiwétidu. Kömülgen ölüklerning ustixanlirinimu qoymaydu. Jahanda héchnéme qalmaydu» dep yézilghanidi. Shunga eyni chaghda heziriti iskender zulqerneyn mis, qoghushun, qeleylerni taghdek döwilep astidin ot yéqip éritip «seddi iskender»ni saldurghan we yejujiy-mejujiylarni sépildin chiqmasliqqa du'ayibet qiliwetkenidi. Yejujiy–mejujiylarmu buni biletti. Lékin ümid üzmeytti. «dejjal qopsa insanlar étiqad-imanni, rohini, eqlini yoqatsa, shu chaghda...» dep ümid kütishetti ular. Kéche ulargha ghayibtin shepe keldi. Dejjalning kök ishekning tüklirini boyap, mingbir xil neghme yangraydighan qongghuraqlarni ésip bolghanliqidin dérek boldi. Yejujiy-mejujiylar shunga janlinip qélishqanidi. Emma ular dejjalning téxi kök éshekke toquydighan toqumni pütküzelmigenlikidin bixewer idi...

Dejjal yérim kéchige yéqin kégiz, paytima, lata-putilarni toqum sheklide tizip boldi. Diwe térisidin yene bir parchini uning üstige yapti. Emdi diwining chishliridin yasalghan juwalduruzgha diwining arqandek tom chéchini ötküzüp, sérip-tiksila ish pütetti. Lékin u yenila öz qiliqini qildi. Toqum tikishni yérim yolda chala-pula tashlap qoyup, gharni téshishke tutush qildi, u gharni tilliri bilen yalap téshishi kérek idi. Tilidin bashqa nerse ghargha ötmeytti we téshelmeytti. U, gharning témini yalighach hérip uxlap qaldi.

Sherq asminida sübhi kötürülgende, «dub derixining achimaqliri arisi»din bir qush uchup chüshti. U, dübdügilek közlirini tikip kördiki, dejjal eski kégiz – paytmilarni toqum sheklide tizip boptu. Sirip tiksila ish pütüdiken. Néme dégen xeterlik-he!? Qush ikkilenmestin ishqa kirishti. Tömürdek we xenjerdek ötkür tirnaqliri bilen tatilap, dejjalning pütmigen toqumini chuwup tashlidi. U toxtimay tatilidi. Kégiz-paytima parchiliri atquchi atqan mazdek, shamalda uchqan tozghaqtek terep-terepke uchup ketti...
Shundaq qilip eshu qushning ejir-töhpisi bilen insaniyet tunji qétim bala-qazadin qutulup qalghanidi.

******

Uning mubarek nam-sheripi «xoraz» dep ataldi. Yaratquchi ejir-töhpisi üchün uninggha yaquttek qipqizil taj we qipqizil zire-munchaqlarni, güzel we yumshaq peylerni, yangraq we süzük awazni ata qildi. Köngli qanchilik xalisa, shunchilik xotun élish, közi qaysi nazinin mékyan'gha chüshse , shuni indekke keltürüsh ixtiyarini berdi. Shunga u qanat sörisila, herqandaq mékyan mokkide yétip béretti. Eng ulugh, eng shereplik wezipe- her tangda insaniyetni oyghitishqa dewet qilish, ularni dejjalning shum niyitidin agahlandurush we dejjalning toqumni pütküzishige menggü yol qoymasliq wezipisimu uninggha tapshurulghanidi.

Xoraz öz wezipisini sadaqet bilen orundashqa tutush qildi. U, her tangda qanatlirini ulughwarliq bilen qéqip, süzük we yangraq awazda «qiy! qiy! qiy!» dep chillap tangdin xewer béretti we insaniyetni oyghinishqa, hushyar bolushqa ündeytti. Arqidinla ghezeb bilen tatilap dejjalning toqumini chuwup tashlaytti. Ulugh we shereplik wezipini orundighuchi choqum meghrur we chong süpet kélidu. Xoraz tang peytide wezipini orundap bolghandin kéyin, tajliq béshi we güzel boynini arghimaqning boynidek tik tutup, köksini aqqudek meghrurluq bilen kérip, güzel quyruqini elemdek tiklep, on-yigirme mékyanni- xotunlirini egeshtürüp baghlarda seyle qilatti. Mékyanlar uning chöriside perwane bolatti. Uningsiz köngli échilmaytti. Uningsiz tuxumlimaytti we chöje chiqiirp ewlad qalduralmaytti. Kishilermu uningsiz- uning yangraq awazisiz oyghanmaytti. Xoraz dejjalning toqumini chuwup tashlap insaniyetni tunji qétim oyghinishqa chaqirghandin kéyin talay esir-éralar ötüp, talay tarix epsanige aylinip ketti. Xoraz noh eleyhissalamning kémiside nohni 150 qétim oyghatti. Misirdin qéchip pelestin'ge ötidighan chaghda, musagha belge berdi. Axirqi elchi muhemmed eleyhissalam wehiy yetküzgende, yene shu xoraz heziriti bilalni ezan towlash üchün oyghitip turdi. Mungghullarning gherbke yürüshliride, chinggizxan'gha meslihetchi yollugh chusay bilen qizil xoraz da'im hemrah boldi. U, kégiz chédirning aldida zil we yangraq awaz bilen qichqirip, eshu tengdashsiz serkerdini oyghinishqa chillaytti... Xorazning her bir chillishida insaniyetni oyghinishqa, hushyar bolushqa ündeshtek chongqur mene balqip turatti. U chaghdiki insanlar buni chüshinetti. Eng kemdimu hés qilatti. Pikir déngizliridin söz ünchilerni süzgüchi sha'ir-sözmenler xorazni medhiylishetti. Xorazdin zor ümidlerni ketishetti. Biri:

«atti tang chillap xoraz, yütyenmu bar bu neghmide»
(maw zédongning) Dep küylise,

Yene biri:
«chillang xorizim chillang, uxlaq jahanim oyghansun,
Méni tashlap uxlighan güli-reyhanim oyghansun»
(ötkürning)Dep ümid iz'har qilatti.

Heqiqetenmu xorazning hemme ishliri medhiyleshke, shé'ir dastanlar toqushqa erziytti. Uning yürüsh-turush, qilmish-etmishliridin körgüchini heweslendüridighan bir xil ulughwarliq, ésilliq balqip turatti.

*****

Yene talay esirler ötüp , talay sheherler qum astigha kömülüp qaldi. Yaratquchi peqetla taqet qilalmighanda, özining hélimliqini bir nepes terk étip, kupri bendilerni udulluq jazalap turuwatatti. Wehalenki, buzulghan insanlar eshu jazalarning agahlandurush ikenlikini chüshenmidi. Ular yenimu chongqurraq gunahi kebirlerge pétip kétiwatatti. Eshu gunah kebirlerning eng chongi heset we chidimasliqtur. Ulugh we ésil peziletliklerning qedrige yetmesliktur. Ular xorazning güzellikige heset qilip, uning ulughwarliqigha chidimaywatatti. Peyghembersiz zamanning eshu untughaq bendiliri emdi xoraz üstide, eshu oyghatquchi, agahlandurghuchi büyük sima üstide ighwa toqushqa, uni oyunchuq qilishqa kirishti. Ighwalar samandek tola idi. Éytilishiche, xoraz köp xotun élip, shehwaniyliqqa bérilip ketkenmish, shehwaniyliqtin bedini ajizlap, qigh döwisidin égizrek yerge uchup chiqalmasmish. Taziliqqa ri'aye qilmay gende tatilarmish. Xorazning meynetchilikidin toxular qewmi ichide waba tarqalghanmish. U da'im poq yégechke eqlidin ézip hakawurliship ketkenmish... Bunchilik ighwalargha xorazning inawiti tökülermidi? Insanlar yenimu heddidin éship xorazning shexsiyitige hujum qildi. Xoraz bir tal qonaq üchün muhim ezasini ördekke sétiwetkenmish. Mawu qamlashmighan ighwani körüng: eger rastinla shundaq bolghan bolsa, buninggha xoraz jawabkarmu yaki özlirini oyghitip, agahlandurup, dejjalning toqumini chuwup, dejjalning qabahitidin saqlawatqan xorazgha dan bermigen ighwachilar jawabkarmu? Özliri üchün jan köydürgen pidakargha yéterlik dan qonaq bérelmigen qewmni néme dégülük? Ular muhim ezasini tégishkenlerge tewemu yaki bashqa bir yérin yatlargha tutup bergenlerge tewemu?...

Xoraz üstidiki ighwalar samandek tola idi. Emma xoraz bu pitne-pasatlardin aghrinip, batnap ish tashlaydighan iradisizlerdin emes idi. U yenila her sübhide yangraq awazda qichqirip, insaniyetni gheplet ichidin oyghinishqa chillaytti. Arqidinla ghezeb bilen tatilap, dejjalning toqumini chuwup tashlaytti. Xorazning himmitidin tesirlen'gen kök éshekmu hangraytti we özini yerge tashlap, yumshaq topigha éghinap, dejjalning perdazlirini buzatti. Tüklirige ésilghan mingbir xil neghme yangraydighan qongghuraqlarni yerge chüshüriwétetti. Emma buzulghan insanda éshekning eqlichilikmu eqil qalmighanidi. U barghanséri déwengliship dejjalning neghme-sadalirigha mehliya boluwatatti. Uning es-yadi xorazning inawitini töküp, dejjalning aldam xaltisighgha chüshüshtila qalghandek körünetti.

Bir küni yérim kéchide, ju zalim chiraghmu yaqmay, timsiqlap yürüp ornidin turdi. Paypaslap méngip toxu katikining yénigha bardi we xorazni dorap: «qiy! qiy! qiy!» dep chillidi. Ju zalimning awazi be'eyni xorazning awazidek chiqti. Xoraz chillighaniken, orundin turush kérek. Gaw yüybaw we uning medikar hemrahliri qanmighan uyqusidin oyghinip ishqa mangdi. Pomishchikning étizida uzun ishlidi. Nechche terlep, nechche harghan bolsimu tang atmidi. Medikarlar ghudiriship, «yérim kéchide chillighan xoraz»ni tillap qarghashti.

Kommona waqtida hezilkesh dilber dorgha ishlepchiqirish etritige bashliq idi. Uning awazimu ju zalimning awazidek zil chiqatti. Umu her kéche ögzisige chiqip xorazni dorap chillaytti we arqidinla « tak, tak»ni urup, ezalarni «seherlik dolqun»- ishqa ishqa heydeytti. Ach-harghin we uyqusigha qanmighan kommona ezaliri tün yérim bolmastin chillighan xorazni qarghap tillishatti. «halwini hékim yédi, tayaqni yétim» dégen shu. Qarghish xorazgha. Dilber dorgha bolsa külümséreytti we her kéche xorazni dorap chillashni dawam qilduratti.

«xoraz chillaydu,
Ötidu yillar
Awatlashqanche hasharning yoli»
(hebibullahning)

Kommona tarqilip yerler qayta teqsim qilin'ghan yillarda dilber dorgha etret bashliqliqidin qaldi. Qéri ittek bosughining sirtida qaldi. Emma uning xorazning inawitini töküshke urunushliri toxtimidi. Emdu u qishta «ishtachi» da it talashturup, yazda «toxula» da toxu soqushturudighan ishni chiqardi. Xorazlarni toxtimay bir–birige gizh-gizhlaytti. Bichare xorazlar qedimki rimdiki gladiyatorlardek bir-birige ghezeb bilen penche urushatti. Ularning buningdin bashqa amali yoq idi. Soqushmisa, ach qoyulatti. Hetta boghuzlap kawab qiliwétetti.

Muqeddes, ulugh-ésil peziletlik xorazning inawiti asta-asta chüshti. Kishiler uni eng rezil qilmishlargha simwul qilidighan boldi. Hékayichi hékayisida, sha'ir dastanida, pend-nesihetchi meselide némilerni yazmidi deysiz?! sulayman eleyhissalamning zamanida sulaymandin qush-qanat we charipay–haywanatlarning tilini ögen'gen héliqi déhqan wat-wat xotunining so'al-soraqliri destide tenglikte qalghanda, eshu xoraz déhqan'gha xotunini kaltek bilen dumbalashni ögetkenmish. Erler mustebitlikining meydan'gha kélishige heydekchilik qilghanmish...

Xoraz seher peytide oyghitish üchünla emes, xalighan chaghda chillawéridighan bir néme imish, qorsiqi achsimu, zériksimu-tériksimu chillarmish...

«char xoraz» mékyan'gha aylinip qalghanmish. Tuxum tughqanmish. Yene téxi yüz-közini maymunning kötidek boyap, uchrighan'gha qash étip, köz tashlap yüridighan hezilekke aylinip qalghanmish...

Xoraz bir küni wehshiy tülkining damigha chüshüp qalghanmish. Tülke shölgeylirini éqitip uni yémekchi bolghanda , xorazning meghrur we ulughwar salapitidin esermu qalmighanmish. Yerge tizlinip:« bir qoshuq qénimdin kechsile, xizmetlirige hazir bolsam, her küni bir mékyanni mubarek hozurlirighgha tuydurmay bashlap kélip, nashtiliqlirigha teqdim qilsam» dep bash egkenmish. Shundin kéyin her küni bir mékyan yaki bir chöjini wehshiy tülkige teqdim qilip turghanmish. Axiri mékyan , chöjiler tügigende tülke bu «poq yégen xoraz»nimu boghup yewetkenmish...

Yene qaysi sehipilerni waraqlaymiz? Eger waqtimiz yetse bundaq misallardin yene yüzlep tapalishimiz mumkin. Tehqiqki, xorazning inawitini uning özi emes belki gunahqa mayil insan tökti. Insan xorazning alemshumul töhpilirige köz yumdi. Öz hesetxorliqi tüpeyli xorazning keynidin ghajilaydighan suxenchige aylandi. Bu xuddi hazirqi zamanda qehrimanni qehrimanning özi emes, belki axbarat wasitiliri yaritiwatqinigha oxshash bir ish idi.

*******

Eshu qétim wehshiy tülkining «poq yégen xoraz»ni boghup yewitishi-insaniyetni oyghatquchi, agahlandurghuchi, dejjalning qopushini tosup turghuchi xorazlarning axirqi teqdiri emes idi téxi. Insaniyet misli körülmigen derijide sheherlishiwatatti. Yuqumluq késellikler tarqilishning aldini élish we muhitning bulghinishidin saqlinish üchün sheherlerde haywanat, qush-qanat béqishqa yol qoyulmaydighan boldi. Shu jümlide xoraz béqishqimu yol qoyulmidi. Bu elwette muhit üchünla emes. Baywetche we xénimlarning, shundaqla hemme kishining shérin uyqusini buzmasliqmu shu meqset ichide idi. Kishilerni ebediylik gheplette tutush kimlerningdur menpe'etlirige uyghun kéletti.

Shundaq qilip, sheherlerdin xorazlarning awazi asta-asta öchti:

«nurluq éraning bosughisida,
Bir-birige qarap shümshiyip,
Qétip qélishqan
Shehersiz xoraz, xorazsiz sheher.»

«dümchek bolup yötelgen sheher,
Iplas raktin bergendek xewer.
Ürümchidin ketti yiraqlap,
Xoraz lerzan chillighan seher.»

«güzel ürümchi, xorazsiz sheher,
Muzdek baghringgha
Héssiyatsiz choqanlar bilen
Ghaljirlarche kirer basturup
Tütek basqan xorazsiz seher.»

Sheherlerde dejjalning toqumi pütüwatatti. Xoraz peqet yiraq yéza- sehralardila qalghanidi. U her kéche öyning arqisidiki örük derixning eng égiz putiqigha chiqip tünni ötküzetti we tang peytide shu yerdin« qiy! qiy! qiy!« dep chillaytti. Hasharning toliliqidin belliri mükcheygen, chirayi qarayghan, saqal-burutliri changgilashqan déhqanlarni oyghinishqa, dejjalning qabahitidin hushyar bolushqa ündeytti. Arqidinla qanat qéqip, yerge uchup chüshüp, ghezeb bilen tatilap dejjalning toqumini chuwup tashlaytti. Kök éshek xorazning himmitidin tesirlinip özini yerge tashlap, yumshaq topida éghinap dejjalning qongghuraqlirini topigha arilashturuwétetti. Qarighanda, dejjalning qabahiti pat arida bu yerlerge yétip kélelmeydighandek körünetti.

Yene uzaq yillar ötüp ketti. Emdi alimlar, tetqiqatchilar, bi'ologlar muqeddes xorazning küshendisige aylan'ghanidi. Rasttini éytqanda, ishni bir neper déhqan xotun bashlap berdi. U issiq qoynigha-yumshaq emcheklirining astigha sekkiz-on dane tuxumni tizip, yaghliq bilen ching téngip, bélini sirtidin baghlap yürdi. 15-20 kün bolghanda, eshu tuxumlarning shakili yérilip, ayalning qoynidin chirayliq qara köz chüjiler tokuldap chiqip keldi. Chöjiler tétik we chirayliq idi. Ademning amraqliqini keltüretti. Emma atisining kimlikinimu, anisining kimlikinimu bilmeytti. Towa, mawu ishni körüng: kuruk mékyan tuxum basmisimu chüje chiqarghili bolidiken'ghu. Eqli sazraq bendiler derhal ikubaturni keship qilishti. Alte-yette kündila minglap-onminglap chüje-xorazlar biraqla tuxumdin chiqidighan boldi. Lékin ularmu oxshashla anisini tonumaytti, atisini bilmeytti. Ata-ana terbiyisini körmigen haramzade ne tatilashni, ne ezan qichqirip chillashni bilsun?! buning üstige kiishler emdi xorazlarni örükning eng égiz shéxigha chiqip qon'ghili, hoylilarda, bagh-derexzarliqlarda köp xotunini egeshtürüp meghrurane seyle qilghilimu qoymaydighan, qepes-kateklerge solap, tutqun-mehbustek baqidighan bolushqanidi. Qepestiki bulbul qanchilik sayriyalisun?

«heshemetlik qan reng qepeste,
Merwayit dan chéchilghan peste.
Tok chüjisi–atisiz xorazlar
Chilliyalmay turar shümshiyip
Tong qaghidek qiliship ghaq-ghaq.
Chillap ketti bashqilar qandaq?
Hem atisiz hem anisiz janwar-
Chilliyalmay, dan yep ghaqildap-
Na jinisqa aylinar shundaq...»

Eng axirqi heqiqi xorazlar anche-munche qalghanidi. Minglighan-onminglighan tok chüjiliri quma, qeghez qap we tömür qepeslerge qachilinip, sep sep bolup yéza bazarlirigha bésip kirgen yillarda déhqanlar téxi ach-yalingachliqta, ash-nan we kéyim-kéchek ghémide idi. Ularning bir künlük emgiki mékyanning bir qétim injiqlap tughqan bir tuxumining qimmitige teng kelmeytti. Bundaq chaghlarda nepis rohtin ghalip kélidu. Shunga kishiler xorazning saz-oyghatquchi qichqirishliridin köre, mékyanning tuxumlap bolup kötüridighan qiqas-chuqanini-qaqaqlishini anglashqa bekrek xushtar idi. Bi'ologlar bu xil éhtiyajni derhal hés qilishti . Gén özgerttuq demdu yaki klonliduq demdu, ishqilip bir amallarni qilip, xoraz bilen jüpleshmisimu tuxumlawéridighan mékyanlarni yétishtürüp chiqti. Ular bir tuxumlashqa bashlighanche 400 kün toxtimay tuxumlaytti. Chiraq yandurup berse , kéchisimu tuxumlaytti. Dan'gha ishtihasi anche emes idi. Bide chanap bersila tuxumlawéretti. Özining yaritilishtila ata qilin'ghan halal jüpti-xorazni tonumaytti. Eshu éship qalghan axirqi heqiqi xorazlar baz-bazlap qanat sörep yéqinlashsa, xuddi kona tamdin ajrap chüshken bir kallek chalmidek héssiyatsiz qarap turatti. Muhebbet, ishqiy–piraq dégenlerni chüshenmeytti. Xorazgha éhtiyaj qalmighanidi. Éhtiyajning tügishi-mamattin dérek. Emma heqiqiy xorazlarning teqdirini baylar we yéza emeldarlirining ishtihasi bir terep qildi. Ularning oghlaq kawipi we qoza kawipidin ishtihasi yénip, toxu kawipi we xoraz kawipigha zoqi kücheygen, téxi «heqiqiy yerlik-toxu xorazdin bolsun» dégen derijige yetkenidi. Shundaq qilip, yézilardimu eng axirqi xoraz abliz toxuchining tok duxupkisidin ötüp, ashularning qarnigha kirip ketti. Tang seherde chillap oyghitidighan, gheplette qalmasliqqa agah béridighan, dejjalning toqumini chuwup tashlaydighan muqeddes qush yoq boldi. Dejjal toqumini pütküzüshke kirishti. U, toqumni chala tashlap, gharning témini téshish üchün uzun tilliri bilen yalashqa bashlighanda bichare kök éshek xorazning yétip kélishini, dejjalning toqumini tatilap-chuwup tashlishini teqezzaliq bilen kütti. Lékin xoraz kelmidi. Kök ishekning közliride menggülük ghem ornap qaldi.

«xorazsiz el adashqan pada»
(hebibullahning misrasi)

Kishiler menggülük uyqugha patti. Ular gheplet ichide pul-me'ishet we mertiwe-emel arqisidin xuddi molla nesirdinning kötige nöshüdür qisturulghan éshikidek aldirash chapatti. Gheplet ichide gheplet sharabi ichip, gheplet ichide gheplet xiro'ini chéketti. Gheplet ichide gheplet résturanigha qatrap, gheplet ichide dejjalning senimige ussul oynaytti. Ussul emdi «ayagh oyuni»din bel we kökrek oyunigha özgergenidi. Hayasiz xotunlar bellirini tolghap, chin-alwastidek sekrep, yalingach köksini, yalingach sönggichini lighirlitip shermendilikni wayigha yetküzetti.
Téxi mawu reswachiliqni körüng: qizi yalingach sehnige chiqsa, atisi chawak chalghanni kim körgen? Pul üchün qizini jalapxanigha satqan, emel üchün xotunini desmaye qilghanni kim körgen? Ghepletke patqanlar shundaq qilidu. Oyghatquchisi, agahlandurghuchisi yoq el shundaq qilidu. Reswayi ezim dégen mana shu.

Pat arida dejjalning toqumi pütidu. U tünügün bir kün tinim tapmay kök éshekning salpang qulaqlirigha qizil léntilarni chegdi. Éshekning yüzini, qéshini, köz-kirpiklirini, köktiki yultuzlarning sanigha teng tüklirini mingbir rengde boyap chiqti. Her bir tükige mingbir xil neghme sada chiqidighan qongghuraqlarni asti. Arqidinla éshekke toqum tékishke tutush qildi. Eski kégiz parchilirini tizipmu boldi. Sirip tiksila ish pütidu. Jahanni bulghash sepirige atlinidu. Kishilerning rohini, étiqad-imanini, eqlini, arzu-isteklirini bulghaydu, yoq qilidu. Arqidin yejujiy- mejujiylar «seddi iskender»ni buzup chiqip, jahandiki hemme nersini yep yalap qurutidu. Qiyamet qayim dégen ene shu.

Qedimiki kitablardiki riwayetlerge köre, dejjal qopqanda imami mehdi almas qilichini yalingachlap qarshi jengge at salarmish. Éysa mesih asmandin altun neyze kötürüp chüshermish. Ikkisi birliship dejjal eleyhil le'inni yoq qilarmish. Imamiy mehdiy qéni? Éysa mesih yette qat asmanning 1-qewetlirige yétip keldimu? Ular nede?

« anga egeshme köngülsiz parang,
Sorisang men bir söyümlük sarang.
Izdep yürimen héliqi sheherni,
Xoraz chillighan nurluq seherni»
(hebibullahning)

Imamiy mehdiy bilen éysa mesih dejjalni, yejujiy-mejujiylarni yoq qilalarmu?
Dejjalni, yejujiy-mejujiylarni yoq qilalighan bilen nesli qurighan muqeddes xorazni qayta peyda qilalarmu?
Xoraz chillighan süzük tang qayta muyesser bolarmu?
Yaratquchi rohimizni qutquzghay!


Shinjang medeniyiti, 2002-yil, 4-san. Afiyfiy torgha yollighan.
***********************************************************

تولۇق ئوقۇش

2009年4月1日星期三

Salgha téshi (dastan)


*****************
Salgha téshi
*****************


(dastan)


Bughda abdulla
******************


(1)
Yulghunning naxshisi az emes,
Könük sadalar ichre leylimes,
Erkiliter özini tuqay, sahilda,
Bizarliqtin yiraq, ghérich chetnimes.
Rengler yoqatsa barghanche belgisini,
Chang-tozanda buruqtum bolsa bu alem,
Heyhat, néme küchkin uni saqlighan,
Deqiqiler öler, u tirik her dem.
Dinozawurlar qaldi qayaqta,
Ghar ara tuxumliri poltiyip qatqan.
Binepshe rengler esrar elwette,
Dérek aldida emes aghmixan.
Nil we donayning kök shawqunigha,
Tengshilip turidu tunji merghuli.
Yawayi wadida tughulghan risqi,
Borandek échilip baridu yoli.
Miladi dem turushtin burun,
Otni téngip kelgen baghrigha.
U giyahlarning promitisi,
Choller kirip kelgen ixtiyarigha.
Boshluq ichide qaytmas waqit,
Desht hayati bash we axirsiz.
Tiriklik urghuydu qinida,
Yarmaydu tash uruqmu rohsiz.
Teqdirning salgha tishigha,
Oxshap qalidu chöl bilen insan.
Uningda bar yarilish, udum,
Keldi yashap möjizisiman.
Intilish küchi-tutimidimu?
Söyunush küchi-yiltizidimu?
Hayatiy küchi-shor tupraqtimu?
Bayliq küchi oghlan-qizdimu?
Bedel, qiymasliq, untulush,
Halsirash, sighinish, küchesh.
Eslesh, sozulush, örlesh .
Köyush, tingirqash, tirejesh.

(2)
Muqeddes derexke chigilgen lata,
Arzu-umidning yapraqchisidek.
Qochqar münggüzi shamalda önggen,
Epsunsiz dunyaning jakarchisidek.
Qaytar ademler tugh-shadigha,
Roh yuyulup turidu qumluqta.
Sebiyliktin bashlinar nepes,
Gulxan aylan'ghandek altun'gha otta.
Kiche, qumluqning qarangghusida,
Kélidu yawayi jenglerdin sada.
Bu eqildin gheyri körünüsh,
Körsetme xuda!
Sayning tishidek turghan bash söngek,
Ming gez kömülsimu göher bolalmas.
Boranda échilip kökleydu toptek,
(belki shu belki emes adawet qisas!)
Bir-birige soqular dehshet,
Huwlashning ichide chachrar ustixan.
Bu yultuz emes aqqan,
Bu emes yekmu-yek meydan.
Bu tarixning kölenggisimu?
Bu inkarning xulasisimu?
Bu törilishning jazasimu?
Bu ghalibiyetning tentenisimu?
Bu meghlubiyetning méwisimu?
Hemme kömülidiken tebi'etke,
Hemme singidiken tebi'etke.
Yatliship, dawamliship,
Ulishidiken ebediyetke.
Boran toxtar,jimiydu hemme,
Aqar qomluq laylanmay pakiz.
Yulghunlarning chüshlirimu ong,
Bulghinishni bilmeydu hergiz.
Tebi'iylik masliqqa chopqet,
Belgisiz yantaqqa yaqqandek shiker.
Kem-kötisi yoq ya artuqi,
Julalan'ghan yaquttek bu yer.
Münggüzlerni mesh'el qilghan yurt,
Riwayetliri bir altun achquch.
Saqlan'ghan chishlarning arashlirida,
Yingilan'ghandek ximirturuch.
Tingsha ziminni qulaq yiqip,
Bayqilidu dap ara ritim.
Halsiz emes, tulpar yorghisi,
Kemtük emes, bijirim.
Yawayi tash öngkürler öchken,
Köriner ming öylerning boyiqi ara.
Köcher andin kéyiklerning közige,
Nohqa tutushidu bara-bara.
Ötidu u
Ming patman ketmenning közidin,
Sapanlarning quliqidin,
Yalang ayaghlarning tiniqidin.
Uliship turidu bir uchi,
Burujdiki seyyarining aylinishigha.
Qoghlishidu awazni-awaz,
Biliq aqqandek suning bishigha.
Parqiraq kumuta, perwane hetta.
Shu siziqtin emes tashqiri,
Tomuzghining nepisi tiriler,
Shu hikmetni bilgendin béri.
Chongqur bir süküt,
Uning ichide bir süzük tamche,
Ösüp-öskendek sedepte.
Bibaha bolidu barghanche.

(3)
Éqin boylirida awudi kün-tün,
Yépinip yürgini qoy tirisi,
Yawayi tongguzni miner kalidek,
Hayqiyip towlighini muqam-naxshisi.
Muqeddeslik tughulidu nimidin?
Ya qan-terdin,
Ya xisletning xatimisidin ,
Ya hatemlerning köksidin.
Su-yorup turghan qashtishi,
Desht-ussap turghan bir qapaq.
Boran örüp-chörigüchi,
Waqit -paxtisi uchar bir qamqaq.
Qedim izda aqidu tupraq,
Qedim xushbuyluq ketmeydu érip.
Yükseklik bar xiyabandimu,
Kök qiyaq yashaydu meghrurlinip.
Aqqan, qoshulghan, yughurulghan,
Tiklen'gen, yashighan, gümürülgen.
Tughulghan, sorigen, sörelgen,
Tirmashqan, qir ashqan, nan yégen.
Qara qurumdin-idiqutqiche,
Xan sarayliri, ibadetxane,
Altun mebud we altun chiragh,
Bilgen rast der, bilmigen epsane.
Orxun aqqan yiraq-yiraqta,
Tarim derya aqqan bu yaqta,
Tengritagh büyük umurtqa,
Böshük bilen hepileshken ana,
Ana tilning sherbetliridin,
Tamship-tamship alghanda lezzet,
Déngiz bolutidek turghan minge
Échélip wiliqlap kületti perzent.
Aq arghimaq üstide mehmud,
Arilap yürgini yurt-qewim.
Pey qelemde qonatti sözlük,
Chüshenchiler emes héch mewhum.
« qut » ni qoshar «bilik» ke yüsüp,
Kélechek yillargha kirip aldidin.
Ayighida otqash payandaz,
Chachqular aylinar üsti-bishidin.
Biri munejjim-yultuz sanar ,
Biri kimiyager,
Biri muhendis,
Biri momyager.
Qedim digen sirliq bir uqum,
Telep qilmas héch bir izahat.
Belki qalghan yilikler ara,
Küchi bilen irghiydu hayat.
Yawayiliq qedimiylikmu?
Zaman bisip kilidu insan.
U özini biler hem bilmes,
Xuddi mujimel bir tebirsiman.
Qalidiken epsus yep axir,
Bu tughulush-ölüsh arisi.
Qizirip öchkendek tömür atesh,
Halidin kéter közining qarisi.
Ya jawahirdimu qimmet?
Ya kibirdimu qimmet?
Ya yalghandimu qimmet?
Ya sirdimu qimmet?
Yumranliq turidu kökürüp,
Xatirjemlik kötüridu bash.
Ochuqluq-yillargha beriket,
Izgü niyet-yol, qayash.
Tilsim üstide uchar leylekler,
Nimigidu yéqinlashqandek,
Keklik idirgha singer bolghandek,
Nimidindur uzaqlashqandek.
Xizir yürermish chet-yaqida,
Kömermish échilip qalsa zimin.
Tülke töshiki bop ketmisun dep,
Seher-tanglarda qilarmish amin.
Bu yerde menzildin-menzilge,
Köchken yilanlar ilgirilep.
Güldürligen awazlar,
Ghelite nersining sadasi.
Lerzide zimin-zamane,
Makan-makane,
Qorqqan ademler derexte,
Tang qétip turushqan seherlep.
Uzap ketken shu yosun bilen,
Sirliq ghelite hemme-hemmisi.
Bu bir quyunsiz quyun,
Waqit-sa'itini bolmaydu bilip.
Tebi'et bir mewhum tardek,
Turidu eytawur
Tengsheksizlik ichide tengshilip.

(4)
Tun boyi toxtimay yighip turdi qum,
(toshqan yili der buni riwayet)
Kétik shehiri, sipil, qel'eler,
Restiler, xezine, bagh-waran peqet,
Qaldi weyranliq, qarangghuluqta,
Meschitler, munarlar, gümbezler,
Öylerde ölükler qatqan gharayip,
(shamalda échilar bezen-beziler)
Qushning bishigha kelgendek ejel,
Chökken bir hayat qaldi arqida.
Aman qalghanlar köchti jan ilip,
Taghlar kel-kel dep turdi shamalda.
Nirisida gürüldeydu qum,
Xiyal yetmes bir tilsimat.
Qachan chüshler qaldi qeyerde,
Izdep qoyishar pat-pat.
Igizlikte min'giship turghan,
Zedewal tagh, tash qowuq téghi.
Namsiz otlar kechküzge hösin,
Tulparlarning qizar tuyiqi.
Su ilahi qudret-küchini,
Körsitidu firozesiman.
Lachin köngli öser qiyada,
Qanitini böleydu asman.

(5)
Teklimakan-emes yawayi uqum,
Özige singgen nam su tamchisidek.
Özige yarashqan altun tajidek,
We ya zer basqan doppidek.
Qum-chépip yürgen yawayi töge,
Töge-yene bir salgha téshi,
Bu yer üchün chüshüshi,
Bu yer üchün köyüp-pishishi.
Utturush emes zuwansizliqi,
Chölde yürgini emes ghapilliqi.
Izini kömümen deydu shamallar,
Baturliqi-jahilliqi,
U tirilidu deshttin,
At tirilgendek shamaldin,
Kala tirilgendek sudin,
Qoy tirilgendek shordin.
Köz nuri toshqan yungidek,
Atesh qum bilen bolghan bir gewde,
U baghrining hikayisidek,
Taralghusi bügün we ete,
Biz insan biz kibir ichide,
Rohi bilen kelduq étiship.
Kim eyiblik sözlisun zaman,
U erishte bolmas tengliship,
U bugun'ge aylan'ghan qedim,
Yiraq dingizghiche barghan, rast.
Yirim uxlaq yawrupagha
Yipek yépindurghan, rast.
Gomirning küyliri emes natonush,
Eplatunni ilip kelgen u.
Sorunlargha yaqa tutturup,
Sunmas köwrük sélip kelgen u.
Anga artqan ümid yükini,
Yene ejdad qilip iltija.
Dingiz atlap dingizgha chökken,
Biliqlargha yetken idi ah,
Qaldi söngek, ghérib qebriler,
Bu alemning niriqi chitide.
Barsa kelmes yollar, gunahi
Anini qattiq emgenlikide.
Ayighida chörgiler alem,
Renjish - renjitish ichide dunya.
Zamanlar tekken chishigha belki,
«al shehiringni !...» digendek,
Qismetliri shiriksiz taki,
Dunya patqan ighir gunahqa,
Shu wejidin towe-istighpar
Bolup yene yuyulup turar,
U saqittur tekrar we tekrar.
Ey baba töge,
Sanga tonush hemme-hemmisi.
Deydighu séni chöl kémisi,
Sepiringning barmu pellisi?
Sen kömülgen kichik heykelchaq,
Qum tégide peryadliring bar,
Jüp örkishing numus küchüngmu?
Tapiningda aq niyetliring bar.
Tikilisen yiraq we ünsiz,
Ghayip awazlar hemrahingmidur?
Qedimki qayas shehiri,
Kim bilidu bargahingmidur.
Quliqingda derya shawquni,
Arqa derya patqan uyqugha.
Yene turup siljighing kelmes,
Yardangliqqa, toqaygha,
Hayatbexsh shamalni chillap
Hem mest bolup uningdin künde,
Yashawergin aqqan yolungda
Séningmu bir xudaying bar-de!

(6)
Chöl yatidu hesetsiz,
Ming tawlinip tawustek.
Mestxushliqi su'alsiz, jawabsiz,
Körüner esir leheng quyruqidek.
Bu tarim
Insan tirisini tüsletken,
Bu yer quruq qelemchini ta
Sanjip qoysa kökletken!
Abihayat tamghan toghraqlargha
Ming yil yashaydu tik turup,
Ming yil yashaydu yanche yitip,
Ming ying yashaydu qighi, törilip ...
Toghraq, toghraq yishil rohmikin,
Leyleshliri körkem hem nazuk,
U tölidi qanchilik bedel,
Yishelmeydu xiyal héch tüzük.
Qanche biri yer bighirlighan,
Tesewwur qilghandek tughulishini;
Ana derexning tolghiqi achchiq,
Körüp alqinida janning oynishini,
Her hasirashning tikenliride,
Buzh-buzh terler bolidu éren.
Chekcheygen közining chanaqlirida
Toxtap-toxtap qalidu süren ...
Teqdir kimiside giyah hem insan,
Tallinish ichide turidu haman.
Qismet wehimisi: zaman adimi,
Eqil balaghiti bir telwesiman.
Yopurmaqlargha ne kirek kanar,
Tursun igizlik, kenglikte.
Sadda bir hayat tekemmul,
Jéni tirilmeydu tünglükte.
Sixiyning qolidin chiqqini,
May yighip qoyidu börekke,
Uninggha ash tartsang ligen al,
Biraq hich zorlima komzekke.
Bu yerde türülüp qalmisun,
Guzellik ilahining qapaq - qashliri.
Qoynidin tökulup turar durdane,
Emes xunüklükning dashqalliri,
Afina qizini yaratqan grik,
Gülyanide janan yaratti uyghur.
Qum ara yelken chiqarsa kime,
Bayrun tang qétip qalatti bir qur,
Qiz-tarimdiki aqqusiman,
Jennet-tengri özige qaldurghan.
Perishtiler - yulghundin kökler,
Qanatlinip kétishken her yan ...
Babalar biliptiken bir nime ,
Qumluqning ichkirisige panalinip.
Emdiki köz bilen qarisaq,
Yürmeptiken xata qilip.
Rohiy rehmet qilmaydu tama,
Ketti tamam tupraqqa aylinip.
Chang - zerrisi bash üstüngde taj,
Kebitullah bil, sejdigah qilip.
Izdisher, izdigen özining izi,
Qochqarghimu sherep münggüzi.
Munarning tüwi yoq asmanda,
Uchi - uch, tüwide yiltizi.
Boyun asqumu körün'ginila,
Menzilmu yetsem dep telpün'ginila.
Chöl mijezi jimjit deryadek,
Bilisen shir bolup törelgendila.
Miwisi altun, yapriqi kümüsh,
Jigde derixi güpüldise,
« yette qizlirim » turidu hayat,
Yandurghan mesh'ilini tewretmise.
Qurmish ata, tölemish ata,
Palwan ata-bir aq kime malxay.
Uruldi bir qaysi qiyagha,
Mümkinmu jiyekte istek bolunmay?!
Chöchüydu teswir ibarisidin,
Undaq qilsa gunah bolidu.
Oghlanlargha böre hoshuqi tumar,
Dawan dawisa hemrah bolidu.

(7)
Aydingda barxan-barxan qum,
Körünidu bek ghuwa, soghuq.
Gharlarda peqet muz bilen shamal,
Ahanglar tiniq, ilahi, toluq:
Altun qongghuraqni eslitip,
Chirislighan archini eslitip,
Merwayit nurini eslitip,
Hawareng-boyaqni eslitip,
Tarsizliqi möjizidek,
Qararsizliqi möjizidek,
Turidu u sugha aylinip,
Turidu u yiltizgha aylinip,
U niyet
U tozimas riwayet.

*****************************************************
1994-yil 1-ayning 19-küni shayar-ürümchide yézildi.
1995-yil 1-ayning 17-küni ürümchide tüzitildi.
*****************************************************
(menbe: «salgha téshi». Milletler neshriyati 1998-yil 3-ay neshri)
*****************************************************


Boghda abdullaning qisqiche terjimihali

Boghda abdulla 1942-yili lenjoda tughulghan (esli yurti yéngisar nahiyisi). Bashlan'ghuch we toluqsiz we toluq ottura mekteplerni ürümchide oqughan. 1960-yilidin 1965-yilighiche shinjang uniwérsitéti til-edebiyat kespining toluq kursida oqughan. 1965-yilidin hazirghiche shinjang uniwérsitéti til-edebiyat fakultéti we hazirqi flologiye instituti edebiyat fakultétida oqutush, ijadiyet we tetqiqat xizmiti bilen shughullan'ghan. U 1987-yili dotséntliq unwanigha, 1998-yili proféssorluq unwanigha érishken, 2004-yili dem élishqa chiqqandin kéyinmu dawamliq ijadiyet, ilmiy tetqiqat xizmetliri bilen shughullinip kelmekte.
Boghda abdulla 37 yilliq oqutquchiliq hayatida, 1980-yili yünnen uniwérsitétida «junggo az sanliq milletler edebiyat, nezeriye tetqiqati» kespide bilim ashurup kelgendin sirt, izchil türde aliy mektep oqutush ishliri bilen shughullandi. U bu jeryanda, ilgiri-kéyin bolup, mexsus kurs, toluq kurs oqughchiliri we aspirantlargha «hazirqi zaman uyghur tili», «yéziqchiliq», «yéziqchiliq ilmi», «uyghur shé'iriyiti tetqiqati» qatarliq derslerni ötti. U oqutush jeryanida özi ötüwatqan derslerning alahidilikini puxta igilep, ilgiri-kéyin bolup «aliy mektep til-edebiyat oqutush programmisi» (özlükidin ögen'güchiler üchün), «yéziqchiliq oqutush programmisi» qatarliqlarni tüzüshke qatnashqandin sirt, «yéziqchiliq toghrisida» (1983-yili) namliq dersliknimu tüzüp chiqti. Ma'arip islahatining telipige uyghunlishish, oqutush süpitini östürüsh meqsitide, u yene 1996-yili aptonom rayonluq ma'arip komitéti derslik bashqarmisining hawalisige asasen, aliy mektepler üchün «yéziqchiliq ilmi» namliq derslik kitabni tüzüp chiqti. Bu kitab boghda abdulla uzaq muddetlik ma'arip, oqutush we tetqiqat emeliyitining mehsuli bolup, 2000-yili ma'arip ministirliki teripidin «1999-yilliq memliketlik aliy mektep, ottura téxnikomlar az sanliq milletler yéziqidiki munewwer derslik»lerni bahalash boyiche 2-derijilik mukapatqa we u'ar ikkinchi nöwetlik kitab mukapati boyiche 1-derijige érishti.
Yéziqchiliq oqutushi nezeriye we emeliyetchanliqi küchlük pen bolup, bu asaslar puxta bolmisa oqughuchilarning emeliy yéziqchiliq iqtidari we sapasini östürüshtin söz achqili bolmaydu. Bu nuqtini tonup yetken boghda abdulla oqutush emeliyitige birleshtürüp ilmiy tetqiqat bilenmu shughullinip keldi. Uning «milliy tupraq – lirika», «bedi'iy obrazning mukemmelliki», «qurulma sen'iti», shé'iriyetke qaytish» , «shé'iriy obyékt we ghuwaliq ichidiki shé'ir», «21-esrdiki uyghur shé'iriyiti» qatarliq ilmiy maqaliliri we yéqinda shinjang xelq neshriyati neshr qilghan «shé'iriyettiki boshluq» namliq ikki tomluq ilmiy maqaliler toplimi buning tipik misali. Proféssorning yene bir ilmiy tetqiqat kitabi neshr qilinish aldida turmaqta.
Boghda abdulla yéngi dewr uyghur edebiyatining közge körün'gen wekilliridin biri. Lirik sha'ir 13 yéshidin bashlap shé'iriyet dunyasigha kirip kelgen bolup, hazirgha qeder uning «bahar ghunchiliri» (1978-yil), «yelken» (1983-yili), «chüsh köridu bir tüp anar gül» (1988-yili), «qiz qel'esi» (1993-yili), «salgha téshi» (1998-yili) qatarliq shé'iriy toplamlirini neshr qilindi. Aptorning shé'irlar toplamlirigha kirgüzülgen «melike amannisa», «meryem», «jungghar yultuzi», «yétim qiz heqqide chöchek», «shaldiraq gül», «salgha téshi» qatarliq dastanliri jem'iyette belgilik tesir qozghighan. Riwayet tüsini alghan «salgha téshi» namliq bu dastani heqqide, 1997-yili ürümchide mexsus ilmiy muhakime yighini uyushturulghan. Bulardin sirt, boghda abdullaning shé'irliri xenzu tilidin bashqa rus, qazaq, uzbék tillirighimu terjime qilinip, bu tillarda chiqidighan jhurnallardimu arqimu-arqa tonushturulghan. Bolupmu uning eserliri aptonom rayonimiz da'iriside bashlan'ghuch mekteptin tartip aliy mektepkiche bolghan derslik kitablargha kirgüzülüp yaxshi bahagha érishken. U, bu netijiliri bilen 1988-yili 5-ayda junggo yazghuchilar wekilliri ömiki terkibide chet elde ziyarette bolghan we «junggo edebiyat qamusi»ning 2-tomida tonushturulghan.
Boghda abdulla 40 yilgha yéqin oqu-oqutush, edebiy ijadiyet jeryanida, bir tirishchan oqutquchigha we özige telepni qattiq qoyghan bir sha'irgha xas pezilet bilen keng jama'etchilikke tonuldi. U, hazir junggo yazghuchilar jem'iyitining ezasi, u'ar yazghuchilar jem'iyitining ezasi we ürümchi sheherlik yazghuchilar jem'iyitining da'imiy hey'et ezasi.
****************************

تولۇق ئوقۇش