显示标签为“pelsepe qamusi”的博文。显示所有博文
显示标签为“pelsepe qamusi”的博文。显示所有博文

2009年1月4日星期日

heqiqet digen nime?

ھەقىقەت دېگەن نېمە؟




ھەقىقەت دېگەن نېمە؟


كۆپ ھاللاردا ھەقىقەت كۆپ ساندىكىلەرنىڭ ئىلكىدە بولماي قالىدۇ. ھەتتا كۆپچىلىك مۇقەررەر دەپ بىلگەن نەرسە ھەقىقەت ئەمەس بولۇپ چىقىدۇ.

يالغاننىڭ مەنىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىش ھەقىقەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. يالغانچىلىق سېنىڭ بىلگەن-ئويلىغانلىرىڭنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇ سەمىمىي سەۋەنلىك بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىق بولىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى پەيلاسوپى رويس غەرەزلىك يالغان بايان قىلغۇچىلارنى يالغانچى دەپ ئاتىغان ئىدى. بۇ شۇنداق دىگەنلىككى، يالغانچىنىڭ «ھەئە» دىيىشى «ياق» دىيىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەكسىچە ئەھۋالدىمۇ شۇنداق. رويسنىڭ يالغانچىلار ھەققىدىكى تەبىرى بىزنى ھەقىقەت ھەققىدىكى مەشھۇر پەلسەپەۋى تەبىرگە ئۇدۇل باشلاپ بارىدۇ. بۇ تەبىر دەل بۇنىڭدىن يىگىرمە بەش ئەسىر بۇرۇن ئۆتكەن ئەپلاتون بىلەن ئارىستوتىل تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ئەپلاتون ۋە ئارىستوتىللارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بىزدىكى پىكىر چىن بولسا، يەنى ئۇ «ھەئە» بولسا ياكى «ياق» ئەمەس بولسا، مۇنداقچە ئېيتقاندا پىكىر بىلەن رېئاللىق بىردەك بولسا، مانا بۇ ھەقىقەت بولىدۇ.

«گەپنىڭ راست – يالغانلىقىنى قانداق ئايرىش كېرەك؟»

بۇ مەسىلىگە مۇنداق ئۈچ خىل جاۋاب بېرىش مۇمكىن:
بىرىنچى، بەزى گەپلەر ئۆز-ئۆزىدىنلا ھەقىقەت بولىدۇ، خۇددى «پۈتۈنلۈك قىسمەنلىكتىن چوڭ» بولغاندەك.
ئىككىنچى، ھۆكۈمنىڭ توغرا – خاتالىقىنى تەجرىبە ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلاش. پەننىي خۇلاسىلەر پەقەت تەكرار كۆزىتىلىپ، ئۆزگىچە ئەھۋال بايقالمىغاندىلا ھەقىقەت دەپ قوبۇل قىلىدۇ.
ئۈچىنچى، ھەقىقەت ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولمىغاندا ھەم ئۇنى بىۋاسىتە كۆزىتىپ ئىسپاتلىغىلى بولمىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئاۋامنىڭ پىكرى ھەقىقەتنىڭ توغرا جاۋابى بولۇپ كېتىشى ناتايىن. شۇنداقلا ھۆكۈمنىڭ توغرا – خاتالىقىنى بىلىشكە دائىر تولۇق جاۋاب بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن.

ھەقىقەتنىڭ چىگراسىنى ئايرىش ئوڭاي. مەلۇم بىر ھۆكۈمنىڭ توغرا – خاتالىقىنى ئايرىش بولسا ئوڭاي ئەمەس. ھەقىقەتنى ئىزدەش بولسا بەسى مۈشكۈل ئىش.

(بۇ ماقالە ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان ئامېرىكىلىق مورتىمېر ئادلېرنىڭ «غەربنىڭ تەپەككۇرى» دېگەن كىتابىدىن تەييارلاندى. بۇ ماتىرىيالنى باشقا تور بىكەتكە يوللىماقچى بولسىڭىز مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىڭ)م
******************************


ھەقىقەت


دېڭىز قانچە يىراقلاشسا، قۇرۇقلۇق شۇنچە يېقىنلىشىدۇ.
تۈنۈگۈن قانچە يىراقلاشسا، ئەتە شۇنچە يېقىنلىشىدۇ.
باھار قانچە يىراقلاشقانسېرى، كۈز شۇنچە يېقىنلىشىدۇ.
بالىلىق دەۋر قانچە يىراقلاشقانسېرى، دەرد - ئەلەم شۇنچە يېقىنلاپ كېلىدۇ.
ھەقىقەت قانچە يىراقلاشقانسېرى، سەپسەتە شۇنچە يېقىنلاپ كېلىدۇ.
مەن بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەن ۋاقتىمدا راستتىنلا چۆچۈپ كەتتىم.
بىز قېچىشنى باشلايلى !

(«فېليەتونلاردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ (2003-6) سانىدىن نۇرگۈل ھېيت تەرجىمىسى)م
******************************
تولۇق ئوقۇش

pen dewridiki pelsepe

پەن دەۋرىدىكى پەلسەپە




پەن دەۋرىدىكى پەلسەپە


پەن تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ماھىيەتنى تاپىدۇ.
پەن شەيئىلەر قانداق ھەركەت قىلىدۇ دىگەننى تەسۋىرلەيدۇ.
پەننىي بىلىملەرنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بار؟
بېكون بۇنىڭغا جاۋابەن ئېيتقانكى، پەن بىزگە كۈچ ئاتا قىلىدۇ.
بىز ياشاۋاتقان دۇنيا – تەبىئەت ۋە جەمئىيەت – نى چۈشەندۈرىدۇ ۋە بويسۇندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
لېكىن شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى، ئەنە شۇ پەننىي بىلىملەر شەيئىلەرنى بۇزۇپ، ئىنسانىيەتكە زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلەيدۇ.

دىمەك، پەن بىزنى قۇرۇشچان ياكى بۇزۇشچان كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
پەن ئەخلاق جەھەتتىن بىتەرەپ نەرسە بولۇپ، قانداق مەقسەتتە ئىشلىتىلىشكە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇ ئەخلاقىي نىشان ئاتا قىلالمايدۇ.

دەۋرىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر پەلسەپە پەنگە قارىغاندا پايدىسىز نەرسە، چۈنكى ئۇ مەھسۇلات ۋە ۋاستىلەرنى ئىشلەپ چىقالمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە، پەلسەپەنىڭ پايدىسى تېخنىكا ياكى ئىشلەپچىقىشتا بولماستىن، بەلكى ئەخلاق ۋە يېتەكچى ئىدىيەدە.
پەن بىزنى مىتود بىلەن تەمىنلەيدۇ.
پەلسەپە بولسا نىشان بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بەختنىڭ ئامىلى نىمە؟
مەسئۇلىيىتىمىز نەدە؟
قايسى خىل ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسى ئەڭ ئادىل؟
ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نىمىدىن كىلىدۇ؟
ھۆر ئادەم نىمىلەرگە ئىگە بولۇشى كىرەك؟
بۇ ھەقتىكى توغرا-خاتا ۋە ياخشى-يامانلارغا پەن مەڭگۈ جاۋاب بېرەلمەيدۇ.

ھەق-ناھەقنى ئايرىشقا، تەبىئىتىمىزنى تەربىيەلەشكە يېتەكچى بولىدىغىنى پەن بولماستىن، بەلكى پەلسەپەدۇر.
ھەر بىر بىلىم باشقا بىلىملەر جاۋاب بېرەلمەيدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئوخشىمايدۇ.

شۇڭا دەيمەنكى، ھەزارەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ چوققىسىدا تۇرىدىغىنى پەن ئەمەس، پەلسەپەدۇر.
روشەنكى، پەن كۈچەيگەنسىرى پەلسەپەگە شۇنچە مۇھتاج بولىمىز.
چۈنكى، ھوقۇققا ئېرىشكەنسىرى يېتەكلىنىشكە ئىھتىياجلىق بولىمىز.

(بۇ تىما ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان ئامىرىكىلىق مورتىمېر ئادلېرنىڭ «غەرپنىڭ تەپەككۇرى» دىگەن كىتابىدىن تەييارلاندى. تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي. بۇ ماتىرىيالنى باشقا تور بىكەتكە يوللىماقچى بولسىڭىز مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىڭ)م
******************************

تولۇق ئوقۇش

2009年1月3日星期六

peylasoplarning parasiti

پەيلاسوپلارنىڭ پاراسىتى




پەيلاسوپلارنىڭ پاراسىتى


پەرق


ئارىستوتىل قەدىمقى گىرىتسىيەنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى.
بىر كۈنى بىر كىشى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
سىزنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەردىن قانداق پەرقىڭىز بار؟
ئۇلارنىڭ ياشىشى تاماق يېيىش ئۈچۈن، دەپتۇ پەيلاسوپ، مېنىڭ تاماق يېيىشىم بولسا ياشاش ئۈچۈن.


پاك كېتىش


سوقراتمۇ قەدىمقى گىرىتسىيەنىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى.
سوقرات نۇرغۇن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ چىشىغا تەككەچكە، ئۇلاردىن بىرسى ئەرز قىلىپ سوقراتنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدۇرۇپتىكەن، ئۇنىڭغا چوقۇنىدىغان بىر ئايال يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا:
سىز بىگۇناھ ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدىڭىز! دەپتۇ.
مۇشۇنداق بولغىنى ياخشى، دەپتۇ سوقرات كۈلۈپ تۇرۇپ، ئەجەبا بىرەر جىنايەت بىلەن ئۆلۈپ كەتسەم ئوبدان بولاتتىمۇ-يا؟


ئەڭ ئادىل تەقسىم قىلىنغىنى


فرانسىيە پەيلاسوپى مونتەينى بىر كىشى بىلەن سۆھبەتلىشىپ:
قارىغاندا دۇنيادا ئەڭ ئادىل تەقسىم قىلىنغىنى ۋىجدان ئوخشايدۇ. دەپتۇ.
نىمىشقا بۇنداق دەيسىز؟ دەپ سوراپتۇ ئۇ كىشى.
چۈنكى، جاۋاپ بېرىپتۇ مونتەينى، كىشىلەر دائىم ئۇ نىمەم كەم، بۇ نىمەم كەم دەپلا يۈرىشىدۇ، لېكىن ھىچكىم ئۆزىنىڭ ۋىجدانىنى كەم دىمەيدۇ.


قانداق كىشىلەر پاتقاققا چۈشۈپ كەتمەيدۇ؟


تېلېس قەدىمقى گىرىتسىيەنىڭ تۇنجى پەيلاسوپى. ئۇ ئاستىرونومىيە بىلەن ماتىماتىكىنىمۇ تەتقىق قىلغان.
بىر قىتىم تېلېس ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى كۆزىتىۋىتىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن پاتقاققا چۈشۈپ كېتىپتۇ. بەزىلەر ئۇنى مازاق قىلىپ:
سەن ئاسماندىكى نەرسىلەرنى تونۇغان بىلەن يەرنىڭ ئويمان- دۆڭىنى ئىلغا قىلالمايدىكەنسەن. دىگەن ئىكەن. تېلېس تەمكىنلىك بىلەن:
مەڭگۈ پاتقاق ئىچىدە ياشايدىغان، ئاسمانغا بىرەر قىتىممۇ قاراپ قويمايدىغان كىشىلەرلا پاتقاققا چۈشۈپ كەتمەيدۇ. دەپتۇ.

(مەنبە: «مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ھەزىللىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999-يىل 10-ئاي نەشرى. تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي)م

*********************************
تولۇق ئوقۇش

siyasionlarning zirekliki

سىياسىئونلارنىڭ زىرەكلىكى




سىياسىئونلارنىڭ زىرەكلىكى


كۆزىمىزنى ئاچساق...


جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ باش ئىپىسكوپى تۇتۇ 1984-يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. ئۇ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى قەھرىمان، يەنە ناھايىتى پاراسەتلىك كىشى ئىدى.
1984-يىلى ئۇ نيۇيوركتىكى بىر قىتىملىق خىرىستىئان دىنى مۇراسىمىدا مۇنداق دىگەن:
دىن تارقاتقۇچىلار ئافرىقىغا يېڭى كەلگەندە ئۇلارنىڭ قولىدا «ئىنجىل»، بىزنىڭ قولىمىزدا زىمىن بار ئىدى. دىن تارقاتقۇچى: «ئىبادەت قىلايلى» دىدى.بىز كۆزىمىزنى يۇمۇپ ئىبادەت قىلدۇق. كۆزىمىزنى ئېچىپ قارىساق، ھەممە ئەكسىچە بولۇپ قاپتۇ. بىزنىڭ قولىمىزدا «ئىنجىل»، ئۇلارنىڭ قولىدا بولسا زىمىن تۇرۇپتۇ.


كىم پېتىنالايتى؟


ھۆكۈمەتنىڭ بىر يىغىنىدا خرۇششىف ستالىننىڭ خاتالىقلىرىنى قاتتىق ئەيىپلەپتۇ. تۇيۇقسىز بىر كىشى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ:
سىز ستالىننىڭ خىزمەتدىشى تۇرۇقلۇق، نىمىشقا ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى توسمىدىڭىز؟ دەپتۇ.
كىم ئۇ بۇنداق سورىغان؟ دەپ ۋاقىراپتۇ خرۇششىف. يىغىن ئەھلى جىممىدە بولۇپ كېتىپتۇ. ھىچكىم ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ.
ئەمدىغۇ نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلگەنسىلەر؟ دەپتۇ خرۇششىف ئاخىردا پەس ئاۋازدا.


ھەقىقىي ئايال كىم؟


بىسمارك - گىرمانىيەنىڭ 19- ئەسىردىكى مەشھۇر سىياسىئونى.
بىر كۈنى ئۇ سانكىت پىتىربورگدا بىر خانىم بىلەن تانسا ئويناۋىتىپ، ئۇ خانىمنى «پەرىشتىدەك چىرايلىق ئىكەنسىز» دەپ ماختاپتۇ.
دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە زادىلا ئىشەنگىلى بولمايدۇ، دەپتۇ ئۇخانىم.
نىمىشقا؟
بۇنىڭ سورىغۇدەك نىمىسى بار؟ دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ «بولىدۇ» دىگىنى - «مۈمكىن» دىگىنى. «مۈمكىن» دىگىنى - «بولمايدۇ» دىگىنى. ناۋادا ئاغزىدىن «بولمايدۇ» دىگەن سۆز چىقسا، ئۇنداق كىشى دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بولالمايدۇ.
خانىم، دىگىنىڭىز تامامەن توغرا. بۇ بەلكىم بىزنىڭ كەسپىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كىرەك. بىزگە شۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق. لىكىن، سىلەر ئاياللار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە.
بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟
بۇنىڭ سورىغۇدەك نىمىسى بار؟ ئاياللارنىڭ «بولمايدۇ» دىگىنى - «مۈمكىن» دىگىنى. «مۈمكىن» دىگىنى - «بولىدۇ» دىگىنى. ناۋادا ئاغزىدىن «بولىدۇ» دىگەن سۆز چىقسا، ئۇنداق ئايالنى ھەقىقىي ئايال دىگىلى بولمايدۇ.


ئەر-خوتۇننىڭ ئىش تەقسىماتى


پومپىدو فرانسىيەنىڭ پرىزدىنتى بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە بىر كىشى ئۇنىڭغا: «يېقىندىن بىرى خوتۇنۇم مەن بىلەن بەك ئۇرۇشىدىغان بولۇپ كەتتى» دەپ دەرت تۆكۈپتۇ.
مەن ئەزەلدىن خوتۇنۇم ئۇرۇشۇپ باققان ئەمەس، دەپتۇ پومپىدو ئۇ كىشىگە بىر مۇنچە نەسىھەت قىلغاندىن كىيىن، چۈنكى، ھەر قانداق مۇھىم ئىشنى ئۇ ئۆزى بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن، ساياھەتكە بېرىش، بىرەر نەرسە سېتىۋىلىش، تاماق بۇيرۇتۇش، ئۆي جاھازىلىرىنى تاللاش، ئويۇن ۋە كىنو كۆرۈش قاتارلىقلار. مەن پەقەت بەزىبىر ئۇششاق ئىشلارغىلا مەسئۇل.
قانداق ئىشلار ئۇ؟ دەپ سوراپتۇ ئۇ كىشى.
گۆش ۋە كۆكتاتلارنىڭ باھاسى، ئىشچىلارنىڭ مائاشى، قورال ئىمپورت قىلىش، پۇل پاخاللىشىش دىگەندەك ئىشلار. دەپتۇ پرىزدىنت.


ئالدىرىماي تۇرۇڭ


ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ۋىلسون بىر كۈنى نۇتۇق سۆزلەۋاتسا بىر بۇزغۇنچى ئۇنسۇر:
ئىتنىڭ پوقى! ئەخلەت! دەپ ۋاقىراپ ئۇنىڭ سۆزىنى ئۈزۈپ قويۇپتۇ.
بىراق، ۋىلسون تەمتىرىمەي مۇلايىم ئاۋازدا ئۇ كىشىگە قاراپ دەپتۇ:
ئەپەندىم، ئالدىرىماي تۇرۇڭ، سىز ئېيتقان پاسكىنىچىلىقلار ھەققىدىكى مەسىلىلەر توغرۇلۇق سەل تۇرۇپ سۆزلەپ بېرىمەن.


سىياسىئون بولۇشنىڭ شەرتى


بىر كىشى چىرچىلدىن سوراپتۇ:
سىياسىئون بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كىرەك؟
سىياسىئونلار ئەتە، كىلەر ئايدا، كىلەر يىلى، ھەتتا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى پەرەز قىلالايدىغان بولۇشى كىرەك.
ئەگەر شۇ چاغدا پەرەز قىلىنغان ئىشلار ئەمەلگە ئاشمىسىچۇ؟
ئۇنداقتا، شۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بىرەلىشى كىرەك. دەپ جاۋاب بىرىپتۇ چىرچىل.


ئايال پادىشاھنىڭ ئۆزىنى بىلىشى


بىر كۈنى ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيە ئېرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. ئېرى ھوجرىغا كىرىپ ئىشىكنى تاقىۋاپتۇ. ئايال پادىشاھ ھوجرىسىغا كىرىش ئۈچۈن ئىشىكنى چېكىپتۇ.
كىم؟ سوراپتۇ ئېرى.
ئايال پادىشاھ. تەكەببۇرلۇق بىلەن جاۋاب بىرىپتۇ ۋىكتورىيە. بىراق ئىشىك ئېچىلماپتۇ. ئۇ يەنە ئىشىكنى چېكىپتۇ.
كىم؟ سوراپتۇ ئېرى يەنە.
ۋىكتورىيە، دەپتۇ ئايال پادىشاھ. بىراق يەنىلا ئىشىك ئېچىلماپتۇ. ئايال پادىشاھ يەنە ئىشىكنى چېكىپتۇ.
كىم؟ سوراپتۇ ئېرى يەنە.
سىزنىڭ خوتۇنىڭىز، دەپ جاۋاب بىرىپتۇ ئايال پادىشاھ مۇلايىم ئاۋاز بىلەن. بۇ قىتىم ئىشىك ئېچىلىپتۇ.


ئىتتىن ھەزەر ئەيلەڭلار


رىگان ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئۆز ئورنىغا چىقىدىغان بوشنىڭ ئاقسارايغا «بوش» ئىسىملىك كىچىك بىر ئىتنى ئىلىپ كىرمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ قاپتۇ. بوش «بۇ ئىت تىيىن قوغلاشقا ئامراق» دەپتۇ. تىيىن بولسا رىگاننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھايۋىنى ئىكەن.
بوش ئاقسارايغا كىرگەن تۇنجى كۈنى ئاقسارايدىكى بەزى بۇلۇڭلارغا تىيىننىڭ رەسىمى ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. رەسىملەرنىڭ ھەممىسىگە رىگاننىڭ ئىمزاسى بىلەن «تىيىنلار، ئىتتىن ھەزەر ئەيلەڭلار» دەپ يېزىلغان ئىكەن.


كايىش


لىندون.ب.جونسون – ئامىرىكىنىڭ 36- نۆۋەتلىك پرىزدىنتى.
بىر كۈنى ئۇ بىر خىزمەتدىشىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ شىرەسىنىڭ ئۈستى قالايمىقان بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، قەستەن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ:
ئىدىيىڭىز بۇ شىرەنىڭ ئۈستىدەك قالايمىقان بولمىسۇن، دەپتۇ.
جونسون ئىككىنچى قىتىم كىلىپ تەكشۈرگىچە، بۇ خىزمەتچى شىرەنىڭ ئۇستىنى چىرايلىق رەتلەپ قويۇپتۇ. بىراق ، جونسون بۇ قىتىم شىرەنىڭ ئۇستىدە ھىچنىمە يوقلۇقىنى كۆرۈپ يەنە كايىپ:
كاللىڭىز بۇ شىرەنىڭ ئۈستىدەك قۇپقۇرۇق بولۇپ قالمىسۇن. دەپتۇ.


نۇتۇق ۋە ۋاقىت


ۋودروۋ ۋىلسون – ئامىرىكىنىڭ 28-نۆۋەتلىك پرىزدىنتى.
بىر كۈنى بىر كىشى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
ئون مىنۇتلۇق نۇتۇق ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت تەييارلىق قىلىسىز؟
ئىككى ھەپتە، دەپتۇ ۋىلسون.
بىر سائەتلىك نۇتۇققىچۇ؟
بىر ھەپتە.
ئەمىسە ئىككى سائەتلىككىچۇ؟
بۇنىڭغا تەييارلىق قىلىش كەتمەيدۇ. چىقىپلا سۆزلەۋەرسەم بولىۋىرىدۇ.


سىز كىمنىڭ ئايىغىنى مايلايسىز؟


ئابراھام لىنكولىن – ئامىرىكىنىڭ 16-نۆۋەتلىك پرىزدىنتى.
لىنكولىن بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ئايىغىنى مايلاۋاتسا، چەتئەللىك بىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئۇنىڭ قېشىغا كىلىپ سوراپتۇ:
پرىزدىنت ئەپەندى، ئايىغىڭىزنى ئۆزىڭىز مايلايدىكەنسىز-ھە؟
شۇنداق، دەپتۇ لىنكولىن، سىز كىمنىڭ ئايىغىنى مايلايسىز؟


باشقىلارغىمۇ پۇرسەت بېرىڭلار


بىر خانىم لىنكولىننى ئىزدەپ كىلىپ، خاپا بولغان ھالدا مۇنداق دەپتۇ:
پرىزدىنت ئەپەندى، سىز مېنىڭ ئوغلۇمنى چوقۇم ئۆستۈرۈشىڭىز كىرەك. بۇ سىزدىن شەپقەت تىلىگىنىم ئەمەس. بەلكى بىز شۇنداق تەلەپ قىلىشقا ھەقلىق. چۈنكى، بوۋام لىستون ئۇرۇشىغا قاتناشقان. تاغام برادونس قەلئەسىدىن قېچىپ كەتمىگەن بىردىنبىر ئادەم. دادام نائورىنس ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئېرىم مانتېللې ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان. شۇڭا...
خانىم، دەپتۇ لىنكولىن ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا، سىلەر ئۈچ ئەۋلاد ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپسىلەر. تۆھپەڭلار ھەقىقەتەن زور ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە ئالىي ئىھتىرام بىلدۈرىمەن. لىكىن، بۇنىڭدىن كىيىن باشقىلارنىڭمۇ ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىغا پۇرسەت بەرسەڭلار بوپتىكەن.

(«مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەزىللىرى» دىگەن كىتاپتىن تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي)
(بۇ ماتىرىيالنى باشقا تور بىكەتلەرگە يوللىسىڭىز، مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ)م

*******************************

تولۇق ئوقۇش

2008年12月18日星期四

Mahiyet qeyerde?

ماھىيەت قەيەردە؟

بۇ ماقالىدە پەقەت بىر مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
دۇنيادا بىر ئادەمنىڭ ئالاھىدە كۆز قارىشى بىلەن بۇ دۇنيانىڭ ئوبىكتىپلىقى قانداق قىلغاندا بىرلىككە كېلىدۇ؟
بۇ ئادەم بىلەن ئۇنىڭ قاراشلىرى دۇنيانى ئۆزىگە قانداق سىغدۇرىدۇ؟



ماھىيەت قەيەردە؟


توماس نېگىل (ئامىرىكا)


(بۇ ماقالە خەنزۇچە ‹دۇنيا پەلسەپەسى› ژورنىلىنىڭ 2003 - يىللىق 3 - سانىدا ئىلان قىلىنغان خەنزۇچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلىندى.
ماقالىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسىدىكى ماۋزۇسى:
《什么是客观性》بولۇپ،
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى تەرىپىدىن مەزمۇن ئىتىبارى بىلەن ‹ماھىيەت قەيەردە› دەپ ئۆزگەرتىلدى.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئادىل ئابدۇۋاقى)



بۇ ماقالىدە پەقەت بىر مەسىلە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
دۇنيادا بىر ئادەمنىڭ ئالاھىدە كۆز قارىشى بىلەن بۇ دۇنيانىڭ ئوبىكتىپلىقى قانداق قىلغاندا بىرلىككە كېلىدۇ؟
بۇ ئادەم بىلەن ئۇنىڭ قاراشلىرى دۇنيانى ئۆزىگە قانداق سىغدۇرىدۇ؟
بەلگىلىك ئىقتىدارغا ئىگە ۋە كۈچلۈك سىقىلىش ئىچىدە ئاشۇ ئالاھىدە نۇقتىئىنەزەردىن ھالقىپ ئۆتىدىغان ھەم دۇنيانى بىر پۈتۈن سېستىما سۈپىتىدە تەپەككۇر قىلىدىغان ھەر بىر ئادەم بۇ مەسىلىگە ئورتاق يۈزلىنىدۇ.
گەرچە بۇ بىر مەسىلە بولسىمۇ، لىكىن نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان.
بۇنداق ئىككى خىل قاراشنى مۇرەسسە قىلىش قېيىن.
بىرى: قىيىنچىلىقنىڭ مەنبەسى - تۇرمۇش.
يەنە بىرى: قىيىنچىلىقنىڭ مەنبەسى - ئادەمنىڭ ئىدىيىسىدە.
بۇ قاراشلار ئەخلاق، بىلىم ، ھۆرلۈك، ئۆزلۈك ھەتتا قەلب بىلەن ماددىي دۇنيانىڭ مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق ساھەلەردە ئەڭ ئاساسىي مەسىلە.
بىزنىڭ بۇ مەسىلىگە بەرگەن جاۋابىمىز ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ دۇنيا قارىشىمىزنى، ئۆزىمىزگە بولغان تونۇشىمىزنى، ھاياتىمىزغا، ئىش - ھەرىكەتلىرىمىزگە، ھەتتا باشقىلارغا بولغان مۇئامىلىمىزنى بەلگىلەيدۇ. مانا مۇشۇ يىپ ئۇچىنى ئاساس قىلىپ، كۆپلىگەن پەلسەپە مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنى چۈشىنىشنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىپ چېقىشنى ئۈمىد قىلدىم. باشقىلارمۇ بۇ خىل ئۇسۇلنى تەبىئىي ھىس قىلىشى مۈمكىن.
ئەگەر كىشىلەر ئىچكى نۇقتىئىنەزەر بىلەن تاشقى نۇقتىئىنەزەر ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىسا، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر نۇقتىئىنەزەر تەرەققىي قىلىش ۋە تۈزىتىلىش ئارقىلىق يەنە بىر خىل نۇقتىئىنەزەرگە ئۇيغۇنلىشىشى كىرەك. ھەم ئۇلار بىرلىشىش جەريانىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىدىيىسى بىلەن ھەركىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. مېنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى بايانلىرىم يۇقۇرى دەرىجىدە بىرلىككە كەلمىگەن.
مېنىڭ تەشەببۇسۇم مۇنداق: كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى بىلەن دۇنيا قاراشنى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قوغلۇشۇش - دائىم دىگۈدەك پەلسەپەۋىي خاتالىقنى، ھەتتا ساختا ئەسلىگە قايتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياكى بەزى ھەقىقىي نەرسىلەرنى ئىتىراپ قىلىشنى چەتكە قېقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇنداق بولسىمۇ ئامال قىلىپ، دۇنيانى چۈشىنىش بىلەن ياشاشنىڭ ئۇسۇلىنى تەسۋىرلەشكە تىرىشىمىز. بۇ خىل ئۇسۇل مۇرەككەپ جانلىقلارغا ماس كېلىدۇ. ھەم تەبىئىي بىرلىككە كەلگەن نۇقتىئىنەزەرلەردىن خالى. ئۇ تولىمۇ ئىھتىياتچانلىق بىلەن تىرىشىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. مەن ئىچكى نۇقتىئىنەزەر بىلەن تاشقى نۇقتىئىنەزەرنى ياكى سوبىكتىپ نۇقتىئىنەزەر بىلەن ئوبىكتىپ نۇقتىئىنەزەرنى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشتىم. شۇڭلاشقا ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە بولىدىغان ۋاقىتتا بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىرلىككە كەلتۈرۈش مۈمكىن بولمىغاندا، تېخىمۇ ئېنىق ھالدا ئىقرار قىلىش كىرەك. بىزنىڭ ئېرىشكەن نەرسىمىز - ئىككى خىل مۇناسىۋەتلىك نۇقتىئىنەزەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر، بىر خىل تەڭشەش بىلەن ئۇلارنىڭ كەمتۈكلىكى ئوتتۇرىسىدىكى سىناق بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن دۇنيا قاراش ئەمەس.
كۈچلۈك ھاياجان - بىر خىل ئىجادىي كۈچ. شۇنداقلا بىر خىل بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرىدىكى كۈچ.
مېنىڭچە، تۇرمۇشقا ۋە دۇنياغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىش تەبىئىي بىر ئىش بولۇپ، نۇقتىئەنەز بىلەن قىيىن مەسىلە ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قىيىن مەسىلىنى بولسا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە قارشى توسقۇنلۇق كەلتۈرۈپ چىقارغان. مېنىڭ قارىشىمچە، بەزى گاڭگىراشلار، مەسىلەن : ئەركىنلىك، بىلىم ۋە ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى گاڭگىراشلار، بۇ مەسىلىلەر توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر قانداق ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت. بۇ خىل گاڭگىراش تىل ياكى ئىدىيەدىكى خاتالىق ئەمەس.
كانت بىلەن ۋىتنىگىستىننىڭ ‹ساپ›لىق چۈشەنچىسىگىمۇ يەتمەك تەس. ئۇلارغا نىسبەتەن ئەقىل ۋە تىلنى ئىشلىتىشتە خاتالىقتىن ساقلانغاندىلا، بۇ خىل مەنىۋىي ساپلىققا يەتكىلى بولىدۇ.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(داۋامى بار)
*********************


Mahiyet qeyerde?


Tomas négil (amirika)



(Bu maqale xenzuche ‹dunya pelsepesi› jhornilining 2003 - yilliq 3 - sanida ilan qilin'ghan xenzuche terjimisige asasen terjime qilindi. Maqalining xenzuche terjime nusxisidiki mawzusi: 《什么是客观性》bolup, uyghurchigha terjime qilghuchi teripidin mezmun itibari bilen ‹mahiyet qeyerde› dep özgertildi.
Terjime qilghuchi: adil abduwaqi)



Bu maqalide peqet bir mesile muzakire qilinidu.
Dunyada bir ademning alahide köz qarishi bilen bu dunyaning obiktipliqi qandaq qilghanda birlikke kélidu?
Bu adem bilen uning qarashliri dunyani özige qandaq sighduridu?
Belgilik iqtidargha ige we küchlük siqilish ichide ashu alahide nuqtiinezerdin halqip ötidighan hem dunyani bir pütün séstima süpitide tepekkur qilidighan her bir adem bu mesilige ortaq yüzlinidu.
Gerche bu bir mesile bolsimu, likin nurghun tereplerni öz'ichige alghan.
Bundaq ikki xil qarashni muresse qilish qéyin.
Biri: qiyinchiliqning menbesi - turmush.
Yene biri: qiyinchiliqning menbesi - ademning idiyiside.
Bu qarashlar exlaq, bilim , hörlük, özlük hetta qelb bilen maddiy dunyaning munasiwetliri qatarliq sahelerde eng asasiy mesile.
Bizning bu mesilige bergen jawabimiz emeliyette bizning dunya qarishimizni, özimizge bolghan tonushimizni, hayatimizgha, ish - heriketlirimizge, hetta bashqilargha bolghan muamilimizni belgileydu. Mana mushu yip uchini asas qilip, köpligen pelsepe mesililirini muzakire qilish arqiliq, uni chüshinishning usulini tépip chéqishni ümid qildim. Bashqilarmu bu xil usulni tebiiy his qilishi mümkin.
Eger kishiler ichki nuqtiinezer bilen tashqi nuqtiinezer öz'ara munasiwetlik dep qarisa, uningdiki her bir nuqtiinezer tereqqiy qilish we tüzitilish arqiliq yene bir xil nuqtiinezerge uyghunlishishi kirek. Hem ular birlishish jeryanida her bir ademning idiyisi bilen herkitige hökümranliq qilidu. Méning bu mesile toghrisidiki bayanlirim yuquri derijide birlikke kelmigen.
Méning teshebbusum mundaq: kishilik turmush qarishi bilen dunya qarashni toluq birlikke keltürüshni qoghlushush - daim digüdek pelsepewiy xataliqni, hetta saxta eslige qaytishni keltürüp chiqiridu. Yaki bezi heqiqiy nersilerni itirap qilishni chetke qéqishni keltürüp chiqiridu.
Shundaq bolsimu amal qilip, dunyani chüshinish bilen yashashning usulini teswirleshke tirishimiz. Bu xil usul murekkep janliqlargha mas kélidu. Hem tebiiy birlikke kelgen nuqtiinezerlerdin xali. U tolimu ihtiyatchanliq bilen tirishish asasida barliqqa kelgen. Men ichki nuqtiinezer bilen tashqi nuqtiinezerni yaki sobiktip nuqtiinezer bilen obiktip nuqtiinezerni birleshtürüshke tirishtim. Shunglashqa ularni birlikke keltürüshke bolidighan waqitta birlikke keltürüsh, birlikke keltürüsh mümkin bolmighanda, téximu éniq halda iqrar qilish kirek. Bizning érishken nersimiz - ikki xil munasiwetlik nuqtiinezer arisidiki öz'ara tesir, bir xil tengshesh bilen ularning kemtükliki otturisidiki sinaq bolup, birlikke kelgen dunya qarash emes.
Küchlük hayajan - bir xil ijadiy küch. Shundaqla bir xil buzghunchiliq xaraktiridiki küch.
Méningche, turmushqa we dunyagha mushundaq muamile qilish tebiiy bir ish bolup, nuqtienez bilen qiyin mesile arisidiki ixtilapni öz ichige alghan. Qiyin mesilini bolsa birlikke keltürüshke qarshi tosqunluq keltürüp chiqarghan. Méning qarishimche, bezi ganggirashlar, mesilen : erkinlik, bilim we hayatning ehmiyiti qatarliq mesililerdiki ganggirashlar, bu mesililer toghrisida otturigha qoyulghan her qandaq hel qilish usulliridimu oxshashla mewjut. Bu xil ganggirash til yaki idiyediki xataliq emes.
Kant bilen witnigistinning ‹sap›liq chüshenchisigimu yetmek tes. Ulargha nisbeten eqil we tilni ishlitishte xataliqtin saqlan'ghandila, bu xil meniwiy sapliqqa yetkili bolidu.
*********************
(Dawami bar)
*********************
تولۇق ئوقۇش

2008年12月16日星期二

Pelsepe digen nime?

Pelsepe penmu? Yaki bir xil pikir sen'itimu?
Dunya peylasopni chaqiridu. Sende xuda ata qilghan qelb, tengdashsiz heqiqetke bolghan teshnaliqla bolidiken, peylasop bolalaysen.



Pelsepe digen nime?

«Pelsepe»ning menisini chüshenmeymiz. Bejayiki, u ilmiy izdinishlerge oxshap ketmeydu. Pen éniq timigha ige. Pelsepe barliq shey'i we bilimlerni öz ichige alidighan sahemu qandaq? Biz uningda alahide tima yoq, peqet idiyela bar, dep éytamduq?

Pelsepe penmu? Yaki bir xil pikir sen'itimu?

Pelsepege tebir bérish shuning üchün qiyinki, biz uning muddiasi hem wezipisi heqqide türlük qarashlargha igimiz. Bir jehettin biz pelsepeni barliq shey'ilerge yéshim béridighan asasliq bilim dep qaraymiz. Yene bir jehettin biz pelsepeni turmushimizning yitekchisi dep qaraymiz. Ottura esirde kishiler pelsepeni ilahiyetning dédiki deytti. Emdiki kishiler uni tebiiy pen we ijtimaiy penlerning yardemchisi dep qaraydu .

«Pelsepe» ning söz menisi «eqilni söyüsh» digenliktur. Bu menidin éytqanda, pelsepe bilim tashlirini yetküzüp béridighan yaki yötkep béridighan tashchi ustamla emes, belki bir xil righbet we teleptur. Soqrat éytiduki: «peylasopqa kirek bolidighini eqil - parasetke érishish emes, belki söyüsh».

Melumki, sual sorash we izdinish keypiyati del pelsepening asasliq amilidur.

Aristotil pelsepeni bir qanche türge bölgen bolup, uning ichide tengdashsiz bolghini «birinchi pelsepe» yaki «mitafizika». U eng aliy qaide we pirinsiplar heqqidiki bilimlerdin ibaret.

Kant bilimni ikkige bölgen:
Uning biri, tebiiy pen'ge mas tejribiwiy bilimler.
Yene biri, pelsepe arqiliq yetkili bolidighan eqliy bilimler.

Adettiki ehwalda kishilerning qoghlishidighini pelsepe emes, pen.

Hazirqi zaman pelsepelirining daghdughisi emeliyet neziriyesi. Uningda peqet tejribiwiy bilimla heqiqiy bilim bolup, pelsepe peqet uning sherhichisi we tenqidchisidin ibaret, xalas.

Men shundaq qaraymen: pelsepe parasetke tolghan roshen bilimlerni béridu. U insaniyet, dunya, xuda, güzel turmush, jem'iyetke ait eqil - parasetlerni teqdim qilip, shey'ilerning mahiyiti we hayat nishani toghrisidiki mesililerni bir terep qilidu.

Herqandaq kishi pelsepege köngül bölüshi lazim. Pelsepe murekkep mitodologiye, aliy matimatika yaki nazuk diffirinsial we intigrallarni puxta bilishni telep qilip ketmeydu.

Heqiqiy peylasop kem tépilidighan göher. Chünki mushundaq tertipsiz dunyada jan - dili bilen eqil-paraset izdesh tolimu qimmetlik roh.

Dunya peylasopni chaqiridu. Sende xuda ata qilghan qelb, tengdashsiz heqiqetke bolghan teshnaliqla bolidiken, peylasop bolalaysen.

Pelsepe bolsa fizika, ximiye, biologiye qatarliq tejribiwiy penlerge oxshimaydu. U matimatikigha oxshash sistimiliq pikir we analizlar arqiliq royapqa chiqidighan eqliy bilim. Matimatikichi bilen peylasop ortaq tejribidin tashqiri halda emeliyetke qarita küzitishke tayansimu bolidu. Ular shire aldida olturupla öz bayqashlirini ishqa ashuridu. Ular rahetlik orunduqtiki mutepekkurlar.

Pelsepe sen'et emes, lékin uning sen'etke qarita yéteklesh roli bolidu. Bolupmu dialiktika tiximu shundaq.

Pelsepe ilahiyet emes, chünki ilahiyet diniy itiqadtin kelgen. Pelsepe sawatlarni chiqish qilip, kishilerning sawatlirigha yoshorun'ghan her xil chüshenchilerni güzelleshtüridu we özgertidu.

Tejribe penliri piship yétilip, bezi sahelerde axirqi pellisige bérip qaldi.Pelsepe bolsa téxi bir bala, u yene nechche ming yildin kiyin chong bolidu.


(Abduqadir jalalidin terjime qilghan amirikiliq mortimér adlérning «gherpning tepekkuri» digen kitabidin ketmenbay teyyarlidi.)
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&



پەلسەپە دېگەن نېمە؟

« پەلسەپە »نىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيمىز. بەجايىكى، ئۇ ئىلمىي ئىزدىنىشلەرگە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. پەن ئېنىق تىمىغا ئىگە. پەلسەپە بارلىق شەيئى ۋە بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ساھەمۇ قانداق؟ بىز ئۇنىڭدا ئالاھىدە تېما يوق، پەقەت ئىدىيەلا بار، دەپ ئېيتامدۇق؟

پەلسەپە پەنمۇ؟ ياكى بىر خىل پىكىر سەنئىتىمۇ؟

پەلسەپەگە تەبىر بېرىش شۇنىڭ ئۈچۈن قىيىنكى، بىز ئۇنىڭ مۇددىئاسى ھەم ۋەزىپىسى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلارغا ئىگىمىز. بىر جەھەتتىن بىز پەلسەپەنى بارلىق شەيئىلەرگە يېشىم بېرىدىغان ئاساسلىق بىلىم دەپ قارايمىز. يەنە بىر جەھەتتىن بىز پەلسەپەنى تۇرمۇشىمىزنىڭ يىتەكچىسى دەپ قارايمىز. ئوتتۇرا ئەسىردە كىشىلەر پەلسەپەنى ئىلاھىيەتنىڭ دېدىكى دەيتتى. ئەمدىكى كىشىلەر ئۇنى تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ياردەمچىسى دەپ قارايدۇ .

« پەلسەپە » نىڭ سۆز مەنىسى « ئەقىلنى سۆيۈش » دىگەنلىكتۇر. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، پەلسەپە بىلىم تاشلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ياكى يۆتكەپ بېرىدىغان تاشچى ئۇستاملا ئەمەس، بەلكى بىر خىل رىغبەت ۋە تەلەپتۇر. سوقرات ئېيتىدۇكى: « پەيلاسوپقا كېرەك بولىدىغىنى ئەقىل - پاراسەتكە ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى سۆيۈش ».

مەلۇمكى، سوئال سوراش ۋە ئىزدىنىش كەيپىياتى دەل پەلسەپەنىڭ ئاساسلىق ئامىلىدۇر.

ئارىستوتىل پەلسەپەنى بىر قانچە تۈرگە بۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە تەڭداشسىز بولغىنى « بىرىنچى پەلسەپە » ياكى « مىتافىزىكا ». ئۇ ئەڭ ئالىي قائىدە ۋە پرىنسىپلار ھەققىدىكى بىلىملەردىن ئىبارەت.

كانت بىلىمنى ئىككىگە بۆلگەن:
ئۇنىڭ بىرى، تەبىئىي پەنگە ماس تەجرىبىۋىي بىلىملەر.
يەنە بىرى، پەلسەپە ئارقىلىق يەتكىلى بولىدىغان ئەقلىي بىلىملەر.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ قوغلىشىدىغىنى پەلسەپە ئەمەس، پەن.

ھازىرقى زامان پەلسەپەلىرىنىڭ داغدۇغىسى ئەمەلىيەت نەزىرىيەسى. ئۇنىڭدا پەقەت تەجرىبىۋىي بىلىملا ھەقىقىي بىلىم بولۇپ، پەلسەپە پەقەت ئۇنىڭ شەرھىچىسى ۋە تەنقىدچىسىدىن ئىبارەت، خالاس.

مەن شۇنداق قارايمەن: پەلسەپە پاراسەتكە تولغان روشەن بىلىملەرنى بېرىدۇ. ئۇ ئىنسانىيەت، دۇنيا، خۇدا، گۈزەل تۇرمۇش، جەمئىيەتكە ئائىت ئەقىل - پاراسەتلەرنى تەقدىم قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ھايات نىشانى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ھەرقانداق كىشى پەلسەپەگە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. پەلسەپە مۇرەككەپ مىتودولوگىيە، ئالىي ماتېماتىكا ياكى نازۇك دىففىرىنسىئال ۋە ئىنتىگراللارنى پۇختا بىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەتمەيدۇ.

ھەقىقىي پەيلاسوپ كەم تېپىلىدىغان گۆھەر. چۈنكى مۇشۇنداق تەرتىپسىز دۇنيادا جان - دىلى بىلەن ئەقىل-پاراسەت ئىزدەش تولىمۇ قىممەتلىك روھ.

دۇنيا پەيلاسوپنى چاقىرىدۇ. سەندە خۇدا ئاتا قىلغان قەلب، تەڭداشسىز ھەقىقەتكە بولغان تەشنالىقلا بولىدىكەن، پەيلاسوپ بولالايسەن.

پەلسەپە بولسا فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە قاتارلىق تەجرىبىۋىي پەنلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ ماتىماتىكىغا ئوخشاش سىستېمىلىق پىكىر ۋە ئانالىزلار ئارقىلىق روياپقا چىقىدىغان ئەقلىي بىلىم. ماتىماتىكىچى بىلەن پەيلاسوپ ئورتاق تەجرىبىدىن تاشقىرى ھالدا ئەمەلىيەتكە قارىتا كۈزىتىشكە تايانسىمۇ بولىدۇ. ئۇلار شىرە ئالدىدا ئولتۇرۇپلا ئۆز بايقاشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۇلار راھەتلىك ئورۇندۇقتىكى مۇتەپەككۇرلار.

پەلسەپە سەنئەت ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ سەنئەتكە قارىتا يېتەكلەش رولى بولىدۇ. بولۇپمۇ دىئالىكتىكا تېخىمۇ شۇنداق.

پەلسەپە ئىلاھىيەت ئەمەس، چۈنكى ئىلاھىيەت دىنىي ئىتىقادتىن كەلگەن. پەلسەپە ساۋاتلارنى چىقىش قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ساۋاتلىرىغا يوشورۇنغان ھەر خىل چۈشەنچىلەرنى گۈزەللەشتۈرىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ.

تەجرىبە پەنلىرى پىشىپ يېتىلىپ، بەزى ساھەلەردە ئاخىرقى پەللىسىگە بېرىپ قالدى.پەلسەپە بولسا تېخى بىر بالا، ئۇ يەنە نەچچە مىڭ يىلدىن كىيىن چوڭ بولىدۇ.

( ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان ئامېرىكىلىق مورتىمېر ئادلېرنىڭ «غەربنىڭ تەپەككۇرى» دېگەن كىتابىدىن كەتمەنباي تەييارلىدى.)
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

تولۇق ئوقۇش