مىللىي ئىستىقبالدا تەربىيەنىڭ قۇدرىتى
يۈسۈپچان ياسىن
تەربىيە مائارىپقا مەنسۇپ قىلىنىدۇ. لېكىن، بۇ ئىككىسى ئايرىم -ئايرىم ئۇقۇم. تەربىيە بىلەن مائارىپ ئوتتۇرىسىدا ھەم ئورتاقلىق ھەمپەرقلىق تەرەپ بار. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىق ھەر ئىككىسى ئادەم تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. پەرقلىق تەرىپى بولسا تەربىيە مىللىيلىككەئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ تارىخى مىللەتنىڭ ھاياتلىق تارىخى بىلەن تەڭباشلانغان. مائارىپ ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭمەدەنىيەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە تارىخنىڭ مەلۇم بىر دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن. ماھىيەت جەھەتتىن قارىغاندا، تەربىيە ئىنساننىڭ خاراكتېرىنى يارىتىشنى ۋە ياشاش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشنى، يەنى ئىنسانغا ئادىمىيلىك خۇسۇسىيەت ئاتا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. دېمەك، ئۇ ئىنساننىڭ روھىغا چېتىلىدۇ. مائارىپ ئىنسانغا تارىختاياراتىلغان پەننىڭ ئۇقۇملىرىنى ۋە بىلىملىرىنى بىلدۈرۈشنى ئاساسىيمەقسەت قىلىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ مىڭىسىگە چېتىلىدۇ. يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، تەربىيە مائارىپ ئوقۇمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن مائارىپنىڭ پەنگە دائىر بىلىم بىرىش خاراكتېرى يەنىلا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا مائارىپ دېيىلگەندە كۆپىنچە ئىنسانغا پەن بىلىملىرىنى يەتكۈزۈش كۆزدە تۇتىلىدۇ.
مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر مىللەت تارىخنىڭ پۈتكەن تەقدىرى بويىچە يەر يۈزىدىكىبەلگىلىك بىر زىمىن پارچىسىدە ھاياتلىق ماكانىغا ئىرىشكەن. مىللەتنىڭئىرقىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئاشۇ ھاياتلىق ماكانىدىكى ماددى ۋە مەنىۋىيئىمكانىيەتلەر، مىللەتنىڭ تەقدىر - قىسمەتلىرى، ئىرىشكەن ھاياتتەجرىبىسى ۋە مەۋجۇتلۇق ئېھتىياجى مىللەتتە باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغانھاياتلىق چۈشەنچىسى، ئېتىقاد، قىممەت قاراش ۋە مىللىي زوقنىشەكىللەندۈرگەن. شۇ سەۋەپلىك، مىللەتلەرنىڭ ياشاشتىكى غايىسىمۇ بىرىبىرىگە ئوخشىمايدۇ. دېمەك، ھەر قانداق بىر مىللەت بىر خىل مىللىيمەدەنىيەت (كۈلتۈر)نى ياراتقان. مىللىي مەدەنىيەت دىن، ئەخلاق، ھوقۇق،ئەقىل، ئېستېتىكا، ئىقتىساد، تىل ۋە پەندىن ئىبارەت سەككىز تۈرلۈكھاياتنىڭ بىر بىرگە ماسلاشقان ۋە چىڭ ئۇيۇشقان بىر پۈتۈنلىكىدىنئىبارەت. سىرتتىن قوبۇل قىلىنغان ھەر قانداق بىر مەدەنىيەت بەلگىسى مىللىي مەدەنىيەتكە ئاشۇنداق ماسلاشقان ۋە ئۇيۇشقاندىلا، ئاندىن ئۇمىللەت ئۈچۈن پايدىلىق ئامىلغا ئايلىنىدۇ ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى ئىلگىرىسۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
مىللىي مەدەنىيەت ئۆز نۆۋىتىدە مىللەتبولۇپ تۇرۇشنىڭ ئاساسىي ئېلمېنتىغا ۋە مىللەت ھالىتىدە تەرەققىيقىلىشنىڭ ئاساسىي شەرتىگە ئايلانغان. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى،مىللەتنىڭ ۋىژدانىدا مەۋجۇت قىممەت ھۆكۈملىرىنىڭ تامامى شۇ مىللەتنىڭمىللىي مەدەنىيىتىنى ھاسىل قىلىدۇ. تەربىيىنىڭ ۋەزىپىسى دەل مىللەتنىڭمىللىي مەدەنىيىتىنى شۇ مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىدا ئىپادىلىنىدىغانروھىي ئادەت (تالانت) ھالىتىگە كەلتۈرۈشتۇر. باشقىچە قىلغاندا، تەربىيەمىللەتنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ ئۆز ئەزالىرىنى ئۆزىگە ئوخشاشلاشتۇرۇشىنى ياكى ئۆزىنىڭ ۋەكىلىگە ئايلاندۇرىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەريان تارىختائائىلىۋىي تۇرمۇش ۋە جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ھەرىكەت، مۇراسىم ۋە پائالىيەتلەردە ئالدىنقى ئەۋلاتلارنى تەقلىد قىلىش ياكى ئۇلاردىن قوبۇل شەكلى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. بۇ ئارقىلىق تەربىيە ھېچقانداق بىرتەشكىلىي ئورگاننىڭ كۈچىگە مۇھتاج بولمايلا، مىللەت ئەزالىرىنى ئورتاقتۇيغۇ، ئورتاق ۋىژدان، ئورتاق خاراكتېر، ئورتاق ئەخلاق ۋە ئورتاق ئىدىئال (غايە) غا ئىرىشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى تەرتىپ بوزۇلۇش ۋە مەنىۋىيبۇلغىنىشتىن خالى قىلغان. ئىنساننىڭ قىممىتىنىمۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ياخشى(سەمىمىي-ئىنسانچىل) ياكى يامان (قەبىھ - مۇستەبىت) خۇسۇسىيىتىنى ئۇنىڭغا سىڭگەن تەربىيە ئارقىلىق ئۆلچەشنىڭ سەۋەبىمۇ مانا شۇ. ھېلىمۇ بۇزۇلغان جەمئىيەتلەردە تەربىيىنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلىنماقتا.
كىشىلەرنىڭ ئەڭ سۆيىدىغىنى دەل ئانا تىل بولىدۇ. ئىنساننىڭ روھىنى تەشكىل قىلغان تۇيغۇ، ئېتىقاد، ئەخلاق، زوق، ۋىژدان ۋە گۈزەللىك قاراشلىرى دەلئاشۇ تىل ئارقىلىق شۇ ئىنسان ياشاۋاتقان ۋە تەربىيىسنى ئالغان جەمئىيەتتىن كېلىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن سوتسىيالوگلار «مىللەت» ئوقۇمىنى «تىل، دىن، ئەخلاق ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسى جەھەتتىن ئورتاق بولغان، يەنى ئوخشاش تەربىيىنى ئالغان ئىنسانلاردىن شەكىللەنگەن توپ» دەپ قارايدۇ. بۇ دەل مىللەت ئىرق، ئېتنىك مەنبە ۋە قانداشلىقتىن بەكرەك تۇيغۇنى ئاساس قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۆز ھاياتىدا تىل، تۇيغۇ، ئېتىقاد ۋە زوق جەھەتتىن ئورتاق بولغان ئىنسانلار بىلەن بىرلىكتە ياشاشنى خالايدۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ خاراكتېرى تەندە ئەمەس، روھتا بولىدۇ. شۇڭا، ئىنساننىڭ جىسمانىي ئالاھىدىلىكى ئىرققا تايانسا، مەنىۋىي قىياپىتى (مەنىۋىي ماھارىتى) ئۆزى تەربىيىسىنى ئالغان گۇرۇھ ياكى مىللەتتىن كېلىدۇ.
ئالىكساندىر ماكىدونوۋىسكىي (ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن)نىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: «مىنىڭ ھەقىقىي دادام فىلىپ ئەمەس، بەلكى ئارىستوتىل. چۈنكى بىرىنجىسى مىنىڭ جىسمىمنىڭ، ئىككىنجىسى مىنىڭ روھىمنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەپ بولغان».
ئۇيغۇرلاردىكى «كاۋا ئىچىدە ئۆسسەڭ يومىلاق بولىسەن، تەرخەمەك ئىچىدە ئۆسسەڭ ئۇزۇنچاق»، «ئىشەككە ئەگەشكەن ئاتمۇ ھاڭرايدۇ» دېگەن ماقال - تەمسىللەردە بىر كىشىنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ ۋە ئەتراپقا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ قانداق بولىشىنىڭ دەل شۇ كىشى ياشىغان جەمئىيەت ۋە ئاشۇ جەمئىيەتتىن ئالغان تەربىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ناھايىتى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈلگەن.
تارىخنىڭ مەلۇم بىر باسقۇچىغا كەلگەندە، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجى ئاشۇ مىللەتكە ئإزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تارىختا ئىرىشكەن ھايات، جەمئىيەت ۋە تەبىئەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى ۋە ئىجادىيەتلىرىنى مىللەتنىڭ ۋارىسلىرىغا تۇيغۇ سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە پىكىر ۋە پەن سۈپىتىدە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى يېڭى بىر كۈچ ۋە يېڭى بىر مەنبەگە ئايلاندۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ھەر ساھەدە ياراتقان بىلىم ۋە چۈشەنچە -ئۇقۇملىرى سىسىتېمىلاشتۇرۇلۇپ، تەشكىللىك شەكىلدە بەلگىلىك بىر مىتود، شەكىل ۋە ئۇسۇل بويىچە يەتكۈزىلىشكە باشلىغان. مانا بۇ پەن بىلىملىرىنى سىڭدۈرۈش (ئوقۇتۇش) نى مەقسەت قىلغان مەكتەپ مائارىپى.
دېمەك، تەربىيە ئىنسانغا مىللىيلىكنى سىڭدۈرۈش مەقسىتىدە مەيدانغا كەلگەن. ئۇ تۇيغۇغا تايانغان ۋە تەشكىلىي ئورگانسىز ھالدا يۈرگۈزىلگەن.
مائارىپ ئىنسانغا پەن بىلىملىرىنى ۋە ئوقۇملىرىنى سىڭدۈرۈش مەقسىتىدە مەيدانغا كەلگەن. ئۇ پىكىر - مىتودقا تايانغان ۋە تەشكىلىي ئورگاننىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق يۈرگۈزىلگەن.
مەكتەپ بارلىققا كەلگەندىن كېيىن تەربىيە مائارىپنىڭ تەركىۋىگە قوبۇل قىلىنغان ۋە تېخىمۇ قاراتمىلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا سىڭدۇرۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشكەن. نەتىجىدە مائارىپ ئىنساننى روھىي ۋە بىلىم جەھەتتىن كامالەتكە يەتكۈزىدىغان ئاساسىي ۋاسىتە دەپ قارالغان.
دېمەك، مائارىپ مىللىي مەدەنىيەت (
文化) بىلەن مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەت (文明) تىن ئىبارەت ئىككى ئامىلنىڭ بىرلەشمىسىدۇر.
يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، تەربىيە مىللىيلىككە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە ئىنساندا مىللىي سۈپەت يارىتىشنى مەخسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مائارىپتا مىللىي تەربىيىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش مەسىلىسى مىللەتنىڭ كېلىچىكىنى ۋە شەخسنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدىغان ئامىلغا ئايلانغان. ئەلبەتتە مائارىپتا تەربىيە تارىخ، ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە سەنئەت قاتارلىق جەمئىيەت پەنلىرى (ئىجتىمائىي پەنلەر) ئارقىلىق سىڭدۈرىلىدۇ. مىللىي مەدەنىيەت بۇنداق پەن شەكلىدە يەتكۈزۈلگەندە، ئۇنىڭ مەنبەسى، خاراكتېرى، تەرەققىيات جەرىيانى ۋە ھاياتى كۈچى تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلىنىپ، مىللەتنىچۈشۈنىش چوڭقۇرلىشىدۇ، مىللەتكە بولغان ھۆرمەت ۋە باغلىنىش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئەجدات بىلەن ئەۋلاد ئارىسىدا، تارىخ بىلەن كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدا ھېسيات ۋە پىكىر كۆۋرۈكى ياسىغىلى بولىدۇ.
مىللەتنىڭزىھنىي قۇۋىتىگە، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھقا ۋە كۈچ - قۇۋۋەتكە قارىتا ئىشەنچنىڭ شەكىللىنىشىمۇ پەقەت تەربىيە ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەتنىڭ سىڭىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كىلىدۇ. «مىللىي مائارىپ» دېيىلگەندە كۆزدە تۇتىلىدىغىنىمۇ نوقۇل تىللا ئەمەس، يەنە تەربىيىنىڭ ۋە جەمئىيەت پەنلىرىنىڭ مىللىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىشىدۇر. بۇ يەردە مۇھىمى بۇ پەنلەردە مىللىيلىكنىڭ بولۇش ياكى بولماسلىقىدۇر.
ئەگەر مائارىپتا جەمئىيەت پەنلىرى مىللىيلىكتىن خالى ھالدا ئوتتۇرىغا چىقسا ياكى مائارىپ بىر ئىدىئولوگىيە تەرىپىدىن كونترول قىلىنسا، روھ بىلەن بىلىمنىڭ ماسلىشىشى، يەنى كىتاپ بىلەن ھاياتنىڭ مۇۋازىنىتى بوزۇلۇپ، ئادەمنىڭ ئويلىغانلىرى تۇيغۇسىغا زادىلا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھادىسە يۈز بىرىدۇ. يەنى پىكىر بىلەن تۇيغۇ داۋاملىق تىپىشىدۇ. تەربىيە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ شەخسلەرنىڭ روھىدا ئەكىس ئېتىشى بولغانلىقتىن، بىر ئىنساننىڭ روھى باشقا مىللەتنىڭ باشقا دەۋردىكى مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تەركىپلىرى (ياكى داشقاللىرى) بىلەن تولدۇرۇلسا، شۇ كىشى گەرچە ھەر كۈنى ۋە ھەر سائەت ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ئىچىدە ياشاپ تۇرسىمۇ، لېكىنئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە يات ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھىدا قارارسىزلىق، غەيرەتسىزلىك ۋە خاراكتېرسىزلىك ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭا، تۇيغۇغا ماس كەلگەن پىكىر - «تىرىك پىكىر» دېيىلسە، تۇيغۇغا ماس كەلمىگەن پىكىر - «كۆلەڭگە پىكىر» دېيىلىدۇ. مائارىپتا مىللىي تەربىيىدىن مۇستەسنا بولغانلار كاللىسى پۈتۈنلەي كۈلەڭگە پىكىرلەر بىلەن تولۇپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ غەيرەت -- شىجائىتى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقالمايدۇ ھەم تەرك ئىتىلگەن ۋە ھەرىكەتسىز بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. كىشىلەر بىلىم جەھەتتىن قانچىكى يۇقىرى سەۋىيىدە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، خاراكتېر جەھەتتىن ئۈمىتسىز، گۇمانخور، چۈشكۈن ۋە روھىي كىسەل ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ ۋە مىللىيلىكتىن شۇنچە يىراقلىشىپ كىتىدۇ. نەتىجىدە مىللەتنىڭ بۈيۈك قىممەت ئۆلچەملىرى مەسخىرە تېمىسىگە ئايلىنىپ ئىنكار قىلىنىدۇ. جەمئىيەتنىمۇ ئەخلاق كرېزىسى قاپلاشقا باشلايدۇ.
دېمەك، بۇنداق مىللەتتە بىلىمدە ئەڭ كامالەتكە يەتكەن كىشى روھ ۋە ئەخلاقتا ئەڭ ناچار ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.
تارىختا گېرمانلار بىلەن ئېنگلىزلار تەربىيە بىلەن بىلىم بىرىش - مائارىپنى، يەنى تۇيغۇ بىلەن پىكىرنى بىر بىرىگە ماسلاشتۇرۇشتا تۇنجى بولۇپ ئۇتۇق قازانغان مىللەتلەردۇر.
بۇ مىللەتلەردىكىگە ئوخشاش غەرپ ۋە شەرقتىكى نۇغۇن دۆلەتلەردە ۋە مىللەتلەردە تەدبىقلىنىۋاتقان باشلانغۇچتا تەربىيىنى ئاساس، بىلىم بىرىشنى قوشۇمچە قىلىش، ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا تەربىيە بىلەن بىلىم بىرىشنى تەڭ ئورۇنغا قويۇش، ئالىي مائارىپتا بىلىمنى سىستېمىلىق يەتكۈزۈشتەك مائارىپ سىياسىتى ئۇلاردا بىلىم تەربىيىگە ئەگىشىدىغان ۋە پىكىر تۇيغۇنىڭ ئىزىدىن ماڭىدىغان تەپەككۇر قورۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللەت ئەزالىرىنى خاراكتېرى ئېنىق، روھى ئازادە، غۇرۇر ۋە شەرەپ تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئەجداتقا سادىق، مىللىي قەدىر - قىممەتنى ئەتىۋارلايدىغان، ئىلمىي سالاھىيىتى ئۈستۈن ۋە ھەر ئىشتا تەشەببۇسكار كىشىلەرگە ئايلاندۇرغان ۋە مىللىيلىككە شۇنچە يېقىنلاشتۇرغان.
دېمەك، بۇنداق مىللەتلەردە بىلىمدە ئەڭ كامالەتكە يەتكەن كىشى روھى ئەڭ پاكىز ۋە ئەخلاقتا ئەڭ مۇكەممەل ئادەمگە ئايلانغان.
بۇنىڭدىن مەلۇمكى، تەربىيە ئىنسانغا مىللىي مەدەنىيەتنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ روھىنى ۋە ھىسسىياتىنى تەربىيىلەپ، مىللەت ئۈچۈن دورۇست ۋە خەتەرسىز ئادەمنى يارىتىدۇ.
بىلىم بىرىش - مائارىپ (ئوقۇتۇش) ئىنساننىڭ مېڭىسىنى ۋە ئەقلىنى تەربىيىلەپ، مىللەت ئۈچۈن كەسپ ئەھلىنى يارىتىدۇ.
ئىنسان پەقەت مانا شۇنداق پاكىز روھ ۋە زۆرۈر بىلىمگە ئىرىشكەندىلا، ئاندىن مىللەت ئۈچۈن بىر خىل بايلىققا، بىر خىل كۈچكە ۋە مىللىي ئىستىقبال ئۈچۈن كىرەكلىك مەنبەگە ئايلىنىدۇ.
ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنساندىكى ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ ساپ تۇيغۇ تۇنجى تەربىيە ۋاقتىدا يىتىلىشكە باشلايدۇ. بالا بۆشۈكتىكى چاغدا ئانىنىڭ ئەللىيى ئارقىلىق ئانا تىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇ سەۋەپلىكمۇستاپا كامال: «جىسمىمنىڭ ئاتىسى رىزا ئالى ئەپەندى، پىكرىمنىڭ ئاتىسى زىيا گۆكئالپ» دېگەن. ھەقىقەتەن، ئىنسان ئۈچۈن مەنىۋىي مەۋجۇتلۇق ماددىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك تەربىيىنىڭ ۋە ئىدىئال -غايىنىڭ مىللىي بولىشى شەرت قىلىنىدۇ. نورمال بىر ئىنسان تۇيغۇسى يىتىلىۋاتقان مەزگىلدە قايسى مىللەتنىڭ تەربىيىسىنى ئالسا، ئۇنىڭغا شۇمىللەتنىڭ تۇيغۇسى سىڭىدۇ ۋە شۇ مىللەتنىڭ ئىدىئالى-- غايىسى ئۈچۈن كۈچچىقىرىدۇ. ئىدىئال - غايە ئىنساننىڭ ھاياجان مەنبەسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھالبۇكى، ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن تەربىيىسىنى ئالمىغان مىللەتنىڭ ئىدىئالى - غايىسى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ھاياجىنىنى قوزغىيالمايدۇ ھەم شۇ ئىنسان ئۇنداق مىللەتنىڭ كىچىككىنە بىر ھاجىتى ئۈچۈنمۇ كۈچ چىقىرىشنى خالىمايدۇ. ئەكسىچە تەربىيىسىنى ئالغان مىللەتنىڭ ئىدىئالى - غايىسى ئىنساننىڭ روھىنى ھاياجانغا سالىدۇ. شۇ كىشىمۇ ئاشۇ مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن كۈچ چىقرىدۇ، ھەتتا ھاياتىنى قۇربان قىلىدۇ. بەخت قارىشىمۇ بۇ ئارقىلىق قانائەت تاپىدۇ.
★★★★★★★★★★★★★★★★★
menbe: http://asrim.cn/Default.asp
★★★★★★★★★★★★★★★★★
Milliy istiqbalda terbiyening qudriti
Yüsüpchan yasin
Terbiye ma'aripqa mensup qilinidu. Lékin, bu ikkisi ayrim -ayrim uqum. Terbiye bilen ma'arip otturisida hem ortaqliq hemperqliq terep bar. Ular otturisidiki ortaqliq her ikkisi adem terbiyileshni meqset qilidu. Perqliq teripi bolsa terbiye milliylikke'ige bolidu. Uning tarixi milletning hayatliq tarixi bilen tengbashlan'ghan. ma'arip insaniyetke ortaq bolidu. U insanlarningmedeniyettiki tereqqiyatining netijisi süpitide tarixning melum birdewride meydan'gha kelgen. Mahiyet jehettin qarighanda, terbiyeinsanning xaraktérini yaritishni we yashash iqtidarini yitildürüshni,yeni insan'gha adimiylik xususiyet ata qilishni meqset qilidu.démek, u insanning rohigha chétilidu. Ma'arip insan'gha tarixtayaratilghan penning uqumlirini we bilimlirini bildürüshni asasiymeqset qilidu. U insanning mingisige chétilidu. Yuqiridadéyilginidek, terbiye ma'arip oqumi da'irisige kirgüzülgenbolsimu, lékin ma'aripning pen'ge da'ir bilim birish xaraktériyenila asasiy orunda turidu. shunga ma'arip déyilgende kإpüncheinsan'gha pen bilimlirini yetküzüsh közde tutilidu.
Kishilerning eng söyidighini del ana til bolidu. Insanning rohini teshkil qilghan tuyghu, étiqad, exlaq, zoq, wizhdan we güzellik qarashliri del'ashu til arqiliq shu insan yashawatqan we terbiyisni alghan jem'iyettin kélidu. Shunga, nurghun sotsiyaloglar «millet» oqumini «til, din, exlaq we güzellik tuyghusi jehettin ortaq bolghan, yeni oxshash terbiyini alghan insanlardin shekillen'gen top» dep qaraydu. Bu del millet irq, étnik menbe we qandashliqtin bekrek tuyghuni asas qilidu, dégenliktur. Emeliyettimu her qandaq bir insan öz hayatida til, tuyghu, étiqad we zoq jehettin ortaq bolghan insanlar bilen birlikte yashashni xalaydu. Chünki, insanning xaraktéri tende emes, rohta bolidu. Shunga, insanning jismaniy alahidiliki irqqa tayansa, meniwiy qiyapiti (meniwiy mahariti) özi terbiyisini alghan guruh yaki millettin kélidu.
Aliksandir makidonowiskiy (iskender zulqerneyin)ning mundaq bir sözi bar: «mining heqiqiy dadam filip emes, belki aristotil. Chünki birinjisi mining jismimning, ikkinjisi mining rohimning barliqqa kélishige sewep bolghan».
Uyghurlardiki «kawa ichide össeng yomilaq bolisen, terxemek ichide össeng uzunchaq», «ishekke egeshken atmu hangraydu» dégen maqal - temsillerde bir kishining rohiy dunyasining we etrapqa tutqan pozitsiyisining qandaq bolishining del shu kishi yashighan jem'iyet we ashu jem'iyettin alghan terbiye bilen munasiwetlik ikenliki nahayiti obrazliq chüshendürülgen.
Démek, terbiye insan'gha milliylikni singdürüsh meqsitide meydan'gha kelgen. U tuyghugha tayan'ghan we teshkiliy organsiz halda yürgüzilgen.
Ma'arip insan'gha pen bilimlirini we oqumlirini singdürüsh meqsitide meydan'gha kelgen. U pikir - mitodqa tayan'ghan we teshkiliy organning wasitisi arqiliq yürgüzilgen.
Mektep barliqqa kelgendin kéyin terbiye ma'aripning terkiwige qobul qilin'ghan we téximu qaratmiliq we sistémiliq halda singdurulush imkaniyitige irishken. Netijide ma'arip insanni rohiy we bilim jehettin kamaletke yetküzidighan asasiy wasite dep qaralghan.
Démek, ma'arip milliy medeniyet (文化) bilen milletler ara medeniyet (文明) tin ibaret ikki amilning birleshmisidur.
Yuqirida déyilginidek, terbiye milliylikke ige bolghanliqi üchün we insanda milliy süpet yaritishni mexset qilghanliqi üchün, ma'aripta milliy terbiyige qandaq pozitsiye tutush mesilisi milletning kélichikini we shexsning teqdirini belgilep qoyidighan amilgha aylan'ghan. Elbette ma'aripta terbiye tarix, edebiyat, pelsepe we sen'et qatarliq jem'iyet penliri (ijtima'iy penler) arqiliq singdürilidu. Milliy medeniyet bundaq pen sheklide yetküzülgende, uning menbesi, xaraktéri, tereqqiyat jeriyani we hayati küchi téximu éniq gewdilinip, milletnichüshünish chongqurlishidu, milletke bolghan hörmet we baghlinish téximu küchiyidu. Ejdat bilen ewlad arisida, tarix bilen kelgüsi otturisida hésyat we pikir köwrüki yasighili bolidu.
Milletningzihniy quwitige, uning wujudidiki rohqa we küch - quwwetke qarita ishenchning shekillinishimu peqet terbiye arqiliq milliy medeniyetning singishi netijiside meydan'gha kilidu. «milliy ma'arip» déyilgende közde tutilidighinimu noqul tilla emes, yene terbiyining we jem'iyet penlirining milliy xususiyetke ige bolishidur. Bu yerde muhimi bu penlerde milliylikning bolush yaki bolmasliqidur.
Eger ma'aripta jem'iyet penliri milliyliktin xali halda otturigha chiqsa yaki ma'arip bir idi'ologiye teripidin kontrol qilinsa, roh bilen bilimning maslishishi, yeni kitap bilen hayatning muwaziniti bozulup, ademning oylighanliri tuyghusigha zadila uyghun kelmeydighan hadise yüz biridu. Yeni pikir bilen tuyghu dawamliq tipishidu. Terbiye milliy medeniyetning shexslerning rohida ekis étishi bolghanliqtin, bir insanning rohi bashqa milletning bashqa dewrdiki milliy medeniyitining terkipliri (yaki dashqalliri) bilen toldurulsa, shu kishi gerche her küni we her sa'et özining milliy medeniyiti ichide yashap tursimu, lékinözining milliy medeniyitige yat ademge aylinip qalidu. Shuning bilen uning rohida qararsizliq, gheyretsizlik we xaraktérsizlik hadisisi otturigha chiqidu. Shunga, tuyghugha mas kelgen pikir - «tirik pikir» déyilse, tuyghugha mas kelmigen pikir - «kölengge pikir» déyilidu. Ma'aripta milliy terbiyidin mustesna bolghanlar kallisi pütünley külengge pikirler bilen tolup ketkechke, ularning gheyret -- shija'iti éniq bir shekilde otturigha chiqalmaydu hem terk itilgen we heriketsiz bir ehwalgha chüshüp qalidu. Kishiler bilim jehettin qanchiki yuqiri sewiyide bolishidin qet'iynezer, xaraktér jehettin ümitsiz, gumanxor, chüshkün we rohiy kisel ademge aylinip qalidu we milliyliktin shunche yiraqliship kitidu. Netijide milletning büyük qimmet ölchemliri mesxire témisige aylinip inkar qilinidu. jem'iyetnimu exlaq krézisi qaplashqa bashlaydu.
Démek, bundaq millette bilimde eng kamaletke yetken kishi roh we exlaqta eng nachar adem bolup chiqidu.
Bu milletlerdikige oxshash gherp we sherqtiki nughun döletlerde we milletlerde tedbiqliniwatqan bashlan'ghuchta terbiyini asas, bilim birishni qoshumche qilish, ottura mektep basquchida terbiye bilen bilim birishni teng orun'gha qoyush, aliy ma'aripta bilimni sistémiliq yetküzüshtek ma'arip siyasiti ularda bilim terbiyige egishidighan we pikir tuyghuning izidin mangidighan tepekkur qorulmisini shekillendürüp, millet ezalirini xaraktéri éniq, rohi azade, ghurur we sherep tuyghusi küchlük, ejdatqa sadiq, milliy qedir - qimmetni etiwarlaydighan, ilmiy salahiyiti üstün we her ishta teshebbuskar kishilerge aylandurghan we milliylikke shunche yéqinlashturghan.
Démek, bundaq milletlerde bilimde eng kamaletke yetken kishi rohi eng pakiz we exlaqta eng mukemmel ademge aylan'ghan.
Buningdin melumki, terbiye insan'gha milliy medeniyetni singdürüsh arqiliq uning rohini we hissiyatini terbiyilep, millet üchün dorust we xetersiz ademni yaritidu.
Bilim birish - ma'arip (oqutush) insanning méngisini we eqlini terbiyilep, millet üchün kesp ehlini yaritidu.
Insan peqet mana shundaq pakiz roh we zörür bilimge irishkendila, andin millet üchün bir xil bayliqqa, bir xil küchke we milliy istiqbal üchün kireklik menbege aylinidu. melumki, her qandaq bir millet tarixning pütken teqdiri boyiche yer yüzidikibelgilik bir zimin parchiside hayatliq makanigha irishken. Milletning'irqiy alahidiliki we ashu hayatliq makanidiki maddi we meniwiy'imkaniyetler, milletning teqdir - qismetliri, irishken hayattejribisi we mewjutluq éhtiyaji millette bashqilardin perqlinidighanhayatliq chüshenchisi, étiqad, qimmet qarash we milliy zoqnishekillendürgen. Shu seweplik, milletlerning yashashtiki ghayisimu biribirige oxshimaydu. Démek, her qandaq bir millet bir xil milliymedeniyet (kültür)ni yaratqan. Milliy medeniyet din, exlaq, hoquq,eqil, éstétika, iqtisad, til we pendin ibaret sekkiz türlükhayatning bir birge maslashqan we ching uyushqan bir pütünlikidin'ibaret. Sirttin qobul qilin'ghan her qandaq bir medeniyet belgisimilliy medeniyetke ashundaq maslashqan we uyushqandila, andin umillet üchün paydiliq amilgha aylinidu we milliy medeniyetni ilgirisürüsh rolini oynaydu. milliy medeniyet öz nöwitide milletbolup turushning asasiy élméntigha we millet halitide tereqqiyqilishning asasiy shertige aylan'ghan. Buningdin bilishke boliduki,milletning wizhdanida mewjut qimmet hökümlirining tamami shu milletningmilliy medeniyitini hasil qilidu. Terbiyining wezipisi del milletningmilliy medeniyitini shu milletning her bir ezasida ipadilinidighanrohiy adet (talant) halitige keltürüshtur. Bashqiche qilghanda, terbiyemilletning yaki jem'iyetning öz ezalirini özige oxshashlashturushini yaki özining wekilige aylandurishini körsitidu. Bu jeryan tarixtaa'iliwiy turmush we jem'iyettiki türlük heriket, murasim we pa'aliyetlerde aldinqi ewlatlarni teqlid qilish yaki ulardin qobulshekli bilen emelge ashqan. Bu arqiliq terbiye héchqandaq birteshkiliy organning küchige muhtaj bolmayla, millet ezalirini ortaqtuyghu, ortaq wizhdan, ortaq xaraktér, ortaq exlaq we ortaq idi'al (ghaye) gha irishtürüp, jem'iyetni tertip bozulush we meniwiybulghinishtin xali qilghan. Insanning qimmitinimu, bolupmu uning yaxshi(semimiy-insanchil) yaki yaman (qebih - mustebit) xususiyitini uninggha singgen terbiye arqiliq ölcheshning sewebimu mana shu. Hélimu buzulghan jem'iyetlerde terbiyining bu jehettiki roli téximu éniq hés qilinmaqta. emeliyettimu insandiki eng semimiy we eng sap tuyghu tunji terbiye waqtida yitilishke bashlaydu. Bala böshüktiki chaghda anining elliyi arqiliq ana tilning tesirige uchraydu. Shu seweplikmustapa kamal: «jismimning atisi riza ali ependi, pikrimning atisi ziya gök'alp» dégen. Heqiqeten, insan üchün meniwiy mewjutluq maddiy mewjutluqning aldida turidu. shuningdek terbiyining we idi'al -ghayining milliy bolishi shert qilinidu. Normal bir insan tuyghusi yitiliwatqan mezgilde qaysi milletning terbiyisini alsa, uninggha shumilletning tuyghusi singidu we shu milletning idi'ali-- ghayisi üchün küchchiqiridu. Idi'al - ghaye insanning hayajan menbesini teshkil qilidu. Halbuki, her qandaq bir insan üchün terbiyisini almighan milletning idi'ali - ghayisi hergizmu uning hayajinini qozghiyalmaydu hem shu insan undaq milletning kichikkine bir hajiti üchünmu küch chiqirishni xalimaydu. Eksiche terbiyisini alghan milletning idi'ali - ghayisi insanning rohini hayajan'gha salidu. Shu kishimu ashu milletning teqdiri üchün küch chiqridu, hetta hayatini qurban qilidu. Bext qarishimu bu arqiliq qana'et tapidu. tarixning melum bir basquchigha kelgende, milletning mewjutluq we tereqqiyat éhtiyaji ashu milletke إzining we bashqilarning tarixta irishken hayat, jem'iyet we tebi'et heqqidiki chüshenchilirini we ijadiyetlirini milletning warislirigha tuyghu süpitidila emes, belki yene pikir we pen süpitide yetküzüsh arqiliq ularni yéngi bir küch we yéngi bir menbege aylandurushning zörürlikini hés qildurghan. shuning bilen insaniyetning her sahede yaratqan bilim we chüshenche -uqumliri sisitémilashturulup, teshkillik shekilde belgilik bir mitod, shekil we usul boyiche yetküzilishke bashlighan. Mana bu pen bilimlirini singdürüsh (oqutush) ni meqset qilghan mektep ma'aripi. tarixta gérmanlar bilen én'glizlar terbiye bilen bilim birish - ma'aripni, yeni tuyghu bilen pikirni bir birige maslashturushta tunji bolup utuq qazan'ghan milletlerdur.
★★★★★★★★★★★★★★★★★
(menbe: http://asrim.cn/Default.asp)
★★★★★★★★★★★★★★★★★
没有评论:
发表评论