ۋەتەنپەرۋەرلىك – مىللىي بۇرچ
يۈسۈپجان ياسىن
دۆلەت بىلەن ۋەتەن بىر ئۇقۇم ئەمەس. دۆلەت ھوقۇق پىكرىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ سىياسىي قۇدرەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى بەلگىسى ۋە تېررىتورىيىلەشكەن شەكلى. ۋەتەن بولسا ئىنسان تۇيغۇ ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدىغان ۋە مىللىي مەدەنىيەت بىلەن بىرىككەن بەلگىلىك بىر زىمىندىن ئىبارەت. بۇ زىمىن تارىخنىڭ مىللەتكە پۈتكەن تەقدىرى بويىچە ئاتا قىلىنغان بولغاچقا، ئىنسان توپلىرىنىڭ مىللەت خاراكتېرىنى ئېلىشى ئاشۇ زىمىن تەمىنلىگەن ماددى ۋە مەنىۋىي ئىمكانىيەتكە تايانغان. مىللەتنىڭ ھاياتلىق قارىشى، ئېتىقاد شەكلى، سەنئەت چۈشەنچىسى، مىللىي زوقى ۋە قىممەت ئېڭى ۋەتەن ئاتا قىلغان ئىمكانىيەتلەر ئاساسىدا رۇياپقا چىققان. نەتىجىدە ۋەتەن بىلەن مىللەت پەرقسىز بىر ئۇقۇمدەك ھالەتكە كەلگەن. شۇڭا، ئىنسان ۋەتەندە ئۆزىنىڭ مىللىي توپى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ ياشىغاندىلا ئاندىن ھاياتى ھەقىقىي قانائەت تاپىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ مىللەتنى ھاياتلىق ماكانى بىلەن تەمىن ئەتكەن ئاشۇ زىمىن مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن تارىخى ئۈچۈن سەھنە بولۇش رولىنى ئوينىغىنىدەك، مىللەتنىڭ ئاشۇ تارىختا ياراتقان تۈرلۈك مەدەنىيەت بەلگىلىرى، قەبرە ۋە خاتىرە مىراسلىرىمۇ ئاشۇ زىمىنگە مۇقەددەسلىك چۈشەنچىسى بېغىشلاپ، ئۇنى ۋەتەنگە ئايلاندۇرغان. دېمەك، ۋەتەن ئەجداتلارنىڭ قېنى ۋە روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان، مىللەتنىڭ تارىختا ياراتقان بۈيۈك مەدەنىيەت خەزىنىلىرىنى ئۆز قوينىدا ساقلىغان، شۇ ئارقىلىق ئەۋلاتلار ئۈچۈن ھاياتلىق سورۇنى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىك ھازىرلىغان تۇپراقتۇر. شۇڭا، ئۇ مۇقەددەستۇر. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئىنسانلاردىكى دۆلەت چۈشەنچىسى پىكىردىن شەكىللىنىدۇ، ئۇ مەدەنىيەتكە مەنسۇپ.① ۋەتەن چۈشەنچىسى بولسا تۇيغۇدىن ھاسىل بولىدۇ، ئۇ مىللىي مەدەنىيەت (كۈلتۈر)كە مەنسۇپ.② شۇڭا، ئىنسانلار ئۆزى مەنسۇپ دۆلەتتىن يۈز ئۆرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۆز ۋەتىنىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن ئەمەس
ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا مەنا بېغىشلايدىغان روھىي دۇنيا پەقەت ۋەتەننى مەنبە قىلغاچقا ھەم ۋەتەنگە تايىنىپلا ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالىغاچقا، ۋەتەنىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىنسانلار ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىنىمۇ يۇقىتىپ قويىدۇ. چۈنكى، ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىنسانلار ھامان باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋە روھىغا بېقىپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا قالغان ئىنسانلار ماددىي جەھەتتىن قانچە كۆپ بايلىققا ئىرىشسىمۇ، مەنىۋىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىدىن مەھرۇم بولغان ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. روھ يوقىتىلسا تەننىڭ قۇللۇقى باشلىنىدۇ. مىللەتتىكى ياتلىشىش ۋە ئاينىپ كىتىش دەل مۇشۇنداق شارائىتتا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دېمەك، جاندىن ئايرىلىش شەخسنىڭ ئۆلۈمى ھېساپلانسا، ۋەتەندىن ئايرىلىش مىللەتنىڭ ئۆلۈمىدۇر. ئۇيغۇرلار بۇنى«ۋەتەنسىز ئادەم- ھاياتىي ماتەم» دەپ يەكۈنلىگەن
مەلۇمكى، ۋەتەننىڭ تەقدىرىنى خۇسۇسىي ھاياتنىڭ ئۈستىگە قويۇش ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنساننىڭ ئۆز ھاياتىنى ۋە ئاشۇ ھاياتىدا ئىرىشكەن پۈتكۈل ماددىي ئىمكانىيىتىنى ۋە مەنىۋىي قۇدرىتىنى ۋەتەننىڭ مەۋجۇتلىقىغا، ھۆرلىكىگە، شان شەرىپىگە ۋە ئىستىقبالىغا بېغىشلاشتىن ئىبارەت ساداقەت روھىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسان ۋەتىنىگە پەقەت مۇشۇ خىل روھ بىلەن باغلانغاندىلا ئاندىن ئۇ مىللەتنىڭ سىمۋوللۇق ئادىمىگە ئايلىنىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك مىللىي ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ۋەتەن ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىققان مىللەتتە تارىخ ئۈزۈلمەيدۇ، تەقدىر ۋە ئىستىقبال ئۈستىدىن قارار چىقىرىش ھوقۇقى مىللەت ئەزالىرىنىڭ قولىدا بولىدۇ.
ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنسانلارغا ئورتاق بىر خىل تۇيغۇ. لېكىن، بۇ خىل تۇيغۇنىڭ ئىپادىلىنىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مىللەت ئەزالىرى ئۈچۈن ئىرادىگە ۋە پىكىر ئېقىمىغا ئايلىنىپ، ھەرىكەت مىزانى دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىشىمۇ ياكى ئۇنتۇلۇشقا يۈزلىنىپ كۆمۈلۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ پەقەت مەۋجۇت شارائىتتىكى ئىدارە قىلغۇچى ھاكىمىيەتنىڭ ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەققىدىكى تۇنۇشى ۋە يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىگە باغلىقتۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ دېموكراتىك ۋە خەلقچىل ھاكىمىيەتنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقى، مۇستەبىت ۋە گۇرۇھۋاز ھاكىمىيەتنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئۇنتۇلۇشىغا سەۋەپ بولىدىغانلىقى تارىخ ئىسپاتلىغان بىر ھەقىقەت. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈركى، ھەر قانداق ئەلدە ۋەتەنپەرۋەرلىك « شۇئار»غا ئايلىنىپ قالغان چاغدا، مەۋجۇت ھاكىمىيەتنىڭ گۆرى كولىنىۋاتقان بولىدۇ. تارىختا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەن شۆھرەت قازانغان. 1970- يىلى ئىسسىق كۆلنىڭ يېنىدىكى ئېسىك قورغىنىدىن قېزىۋېلىنغان مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسسىرگە مەنسۇپ « ئالتۇن كىيىملىك شاھزادە » نىڭ يېنىدىن تېپىلغان بىر كۈمۈش تاۋاقتىكى «ۋەتەننىڭ بايرىقىنى شەرەپ بىلەن ئىگىز تۇت»③ دېگەن خىتاپ ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ تۇنجى يازما ئىپادىسى ھېساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر مىللىي پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم تەركىپلىرىدىن بولغان ماقال– تەمسىللەردىكى پىكىرلەردىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ تولىمۇ مۇكەممەللىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇلاردىكى ۋەتەن چۈشەنچىسى ناھايىتى مۇقەددەس بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ ئائىلە، مەھەللە، يۇرتقا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت ۋە ساداقەتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكىى بەلگىسى سۈپىتىدە گەۋدىلەنگەن. ۋەتەنگە باغلىنىش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ساداقەت ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىش«مىللىي تەربىيە»گە ئايلانغان. شۇ ۋەجىدىن، قەدىمكى تۈركىي تىلدا « مۇقەددەس يەر- سۇ» ياكى« ئۇلۇش»سۆزى بىلەن ئىپادە قىلىنغان ۋەتەن ھۆكۈمدار ئائىلىسىنىڭ خۇسۇسىي مۈلكى بولماستىن، بەلكى پۈتۈن مىللەتنىڭ ئورتاق مۈلكى ھېساپلىناتتى.
ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەردە ۋەتەنگە سادىق بولۇش بىلەن بىرگە سەييارە، كۆچمەن ۋە ھەرىكەتچان تۇرمۇش كەچۈرۈش بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇق چۈشەنچىسىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى قىلىنغان. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ۋەتەن چۈشەنچىسى قانۇن ۋە ھۆرلۈك بىلەن بىرىككەن بولۇپ، بۇ ئىككى شەرتتىن مەھرۇم بولغان چاغدا، ئۇلار يېڭى بىر يۇرت قۇرۇش ئىستىكىدە، ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلاتتى. بۇ توغرىسىدا تاڭ دەۋرىدىكى خەنزۇچە مەنبەلەردە «ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە دۆلىتىمىزگە تەسلىم بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆز ۋەتىنىنى ئاسانلىقچە ئۇنۇتمايدۇ»④دەپ مەلۇم چۈشەنچە بېرىلگىنىدەك، ئەرەپ مۇتەپەككۇرى جاھىزى بۇ نوقتىنى« ۋەتەن مۇھەببىتى بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان بىر خىل ھېسسىياتتۇر. لىكىن، بۇ خىل ھېسسىيات تۈركلەر(ئۇيغۇرلار)دە تېخىمۇ ئۈستۈن ۋە يۈكسەكتۇر»⑤ دەپ خاراكتېرلەندۈرگەن. ئەرەپلەرنىڭ مەشھۇر قوماندانى قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم«تۈركلەر (ئۇيغۇرلار) ۋەتىنىگە ناھايىتى سادىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن جان بېرىدۇ. ھېچقاچان ۋەتىنىنى ئۇنۇتمايدۇ. قەيەرگە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ۋەتىنىگە سادىق بولىدۇ. تۈركلەرنى باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن قىلغان ئامىل دەل مۇشۇ خۇسۇسىيەتتۇر. تۈركلەر بۇنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ»⑥ دەپ تەرىپلىگەن. مەھمۇت قەشقەرى«تەڭرى تۈركلەرنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئىگىز ۋە ئەڭ ھاۋالىق جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان»⑦ دەپ تەرىپلەش ئارقىلىق ۋەتەندىن ئىپتىخارلىنىش روھىنى ئىپادىلىگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىدىغانلىقى يەنە ئىران داستانلىرىدىمۇ سۆزلىنىدۇ. ئىران داستانلىرىدا تۇمارىس ۋە شىراق قەھرىمانلىقلىرى بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە بېرىلگەن. خەنزۇچە مەنبەلەردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار تىلغا ئېلىنىدۇ. ھۇن ئېمپېراتورى باتۇر تەڭرىقۇت(ئوغۇزخان) دۇنيا تارىخىدا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ھوقۇق پىكرى سۈپىتىدە تەدبىقلىغانلارنىڭ تۇنجى ۋەكىلى قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە. ھۇنلارنىڭ شەرقتىكى قوشنىسى تۇڭگۇسلار ھۇن زىمىنىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى قاقاس بىر پارچە يەرنى كىسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، باتۇر تەڭرىقۇت «يەر – زىمىن دۆلەتنىڭ ئاساسى، نىمە ئۈچۈن زىمىنىمىزنى بېرىدىكەنمىز»⑧ دېگەن ۋە بۇ زىمىننى بېرىۋىتىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋەزىرلەرنى ئۆلۈمگە بۇيرىغان. ئەسلىدە تۇڭگۇسلار بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان باتۇر ئۇلارنىڭ مۇشۇ تەلەپى تۈپەيلىدىن ئۇرۇش قوزغاپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭدەك، خەن سۇلالىسىمۇ ھۇنلاردىن بىر پارچە تاغلىق يەرنى سورىغاندا، ھۇن تەڭرىقۇتى«بۇ يەر مەرھۇم ئاتامدىن مىراس قالغان زىمىن بولۇپ، قولدىن بېرىپ قويۇش ھەددىم ئەمەس»⑨ دەپ قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن. «تونيۇقۇق مەڭگۈ تېىشى»دا«مەن تۈرك خەلقى زىمىنىدە تولۇق قۇراللانغان دۈشمەنلەرنى ماڭدۇرمىدىم»⑩ دېيىلىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، تۈركىي مىللەتلەردە ۋەتەن – ئۇلۇش ھۆكۈمدارنىڭ ئۆزى خالىغانچە شەخسىي مۈلۈك سۇپىتىدە ئىشلىتىدىغان زىمىن بولماستىن، بەلكى ھۆكۈمدار تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئاتا مىراس يادىكارلىق ھېساپلىناتتى.
ئىنسانىيەت تارىخىدا مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ھەربىي كۈچكە تايىنىپ قوغداش دەۋرى ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملاشقان. ھېلىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق بىلەن ھەربىي كۈچنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايرىۋەتكىنى يوق. ھەربىي كۈچكە مۇراجىئەت قىلىنغان بۇ دەۋردە قەھرىمانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بەلگىسىگە ئايلانغان. بۇ ھالەت ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا ناھايىتى گەۋدىلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان. ۋەتەننى مىللەتنىڭ ئورتاق مۈلكى دەپ قارايدىغان ھوقۇق چۈشەنچىسى ئۇلاردا قەھرىمانلىقنىڭ يۈكسىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل ئىدى. قەھرىمانلىق ھاياتنى بەدەلسىز پىدا قىلىشتىن ئىبارەت بىر خىل بۈيۈك روھ بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى مۇھىم بىر تىپ ھېساپلىنىدۇ. ھەقىقەتەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا «جەڭگىۋار مىللەت»(ھەربىي مىللەت) سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ھەربىي ئىشلار تېخنىكىسىنىڭ يۈكسىلىشى ئۇلاردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. خەنزۇچە مەنبەلەردە ھۇنلار، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىسەلدە ئۆلۈشنى نومۇس، ئۇرۇشتا ئۆلۈشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. «كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى» دىمۇ «ئىنسان بالىسى ئۆلۈش ئۈچۈن تۆرەلگەن»(11) دېيىلىدۇ. ساسان چىچەن « تۈركلەر (ئۇيغۇرلار) ئۆيدە تۇغۇلۇپ، ئۇرۇش مەيدانىدا جان بېرىدۇ» (12) دەيدۇ. تۈركىي مىللەت تۈركۈمىدە ھەر بىر ئىنسان كىچىكىدىن تارتىپلا ئوقيا ئېتىش ۋە ئات مىنىش تەربىيىسى بىلەن چوڭ بولۇپ، ماھارەتلىك بىر ئەسكەر بولۇپ يېتىلەتتى. كىيگەن كىيىملىرىمۇ تۇرمۇش ۋە ئۇرۇشقا ماس كېلىدىغان ئىككى خىل خۇسۇسىيەتتە لايىھىلەنگەن. بۇ خىل تۇرمۇش بىلەن ئۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن ھايات شەكلى قانداقتۇر بىر تاجاۋۇزچىلىق ياكى ئىستىلا چۈشەنچىسىنىڭ تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن بولماستىن، بەلكى ئۆزى مەنسۇپ ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بىخەتەرلىگىنى، تىنچلىقىنى ۋە ھۆرلۈكىنى سىرىتنىڭ تەھلىكىسىدىن قوغداش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشتەك ساداقەت ۋە پىداكارلىق روھىدىن تۇغۇلغان. دېمەك، ھەربىي كۈچنىڭ تەرەققىي قىلىشى مىللىي قوغدىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.(13) ئۇيغۇرلاردا بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان « ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈل، يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆل »، «يېتىپ قالغىچە، ئېتىپ قال»،«يىگىت ئۆزى ئۈچۈن تۇغۇلۇپ، ئېلى ئۈچۈن ئۆلىدۇ» دېگەن ماقال – تەمسىللەر بۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇشلىرى تۇركىيە ئالىمى ئىبراھىم كافەسئوغلۇ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، تىنچلىق ۋە سۈلھىنى مەقسەت قىلغان بىر ۋاسىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە چوڭ بىرلىكتىن ئىبارەت پەلسەپىۋى چۈشەنچە يىتەكچى قىلىنغان.(14) شۇ سەۋەپلىك، تىنچلىق ۋە سۈلھىنى <<ئەل>> دەپ ئاتىغان تۈركىي مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ بۇ خىل ھالەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان كۈچ ئىكەنلىگىگە ئشەنگەچكە، مىللەت ۋە دۆلەت دېگەن ئۇقۇمنىمۇ يەنە ئاشۇ «ئەل» سۆزى بىلەن ئىپادە قىلغان. بۇ سۆز يەنە «ۋەتەن» مەنىسىدىمۇ چۈشىنىلگەن. دىمەك، ۋەتەن ئۈچۈن ساداقەت ۋە پىداكارلىق بىلەن ياشىغاندىلا ئاندىن تىنچ ھاياتقا، مەۋجۇتلۇق شارائىتىگە ۋە يۈكسىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشكىنى بولىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشۈنۈپ يەتكەن تۈركىي مىللەتلەر ۋەتەن دەپ ئۇرۇش مەيدانىدا جان بېرىشنى ئىدىئال ھايات تىپى قىلىپ تاللىغان ۋە بۇنىڭدىن غۇرۇر، شەرەپ، بەخت تۇيغۇسى ھېس قىلغان. ھەتتا قىز – ئاياللارمۇ مۇشۇنداق قەھرىمانلىق روھتا ياشىغان. شۇ سەۋەپلىك، ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، نوپۇزى ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان. مىللەت ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تەسۋىرىي سەنئەت ئەسەرلىرى (ھەيكەل، بالبال تىكلەش، قەبرە بېشىغا ئۆي-- خاتىرە سارىيى سېلىپ، ئۇنىڭ تاملىرىغا قەھرىماننىڭ ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۆرۈنىشلىرىنى سىزىش) بىلەن ئوبرازلاشتۇرغان، مەڭگۈ تاش تىكلەپ قۇتلۇقلىغان، ناخشا – قوشاق ۋە داستانلارغا قېتىپ ئەبەدىيلەشتۈرگەن. بۇ ئارقىلىق قەھرىمانلارنىڭ ھاياتىنى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشنىڭ مۇھىم دەرسلىكى قىلغان. قەھرىمانلىقنى ئىدىئال ھايات قىلىپ تاللاش جەھەتتە پەقەت گېرمانلارنى تۈركىي مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. قىسقىسى، تارىخشۇناسلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى« قەھرىمانلىق جاسارىتى كۈچلۈك» دېگەن سۆزلىرىدە دەل ئۇلارنىڭ « ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئۈستۈن» دېگەن ئۇقۇم ئىپادىلەنگەن .
« ئورخۇن ئابىدىلىرى»دە ۋەتەنپەرۋەرلىك بىر خىل ئېتىقاد شەكلىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئابىدىلەردە ھۇنلار دەۋرىدىن بېرى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دۆلەتلىرىگە پايتەخت بولۇپ كەلگەن ۋە ئاشۇ ئورنى بىلەن بۇ مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە مەنىۋىي ئىپتىخارلىق بازىسىغا ئايلانغان ئۆتۈكەنگە ساداقەت كۆرسىتىش ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مۇھىم ئۆلچەملىرىدىن بېرى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئۆتۈكەندىن يىراقلىشىش، ۋەتەننى تاشلاپ كېتىش، دۆلەت ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت ھېساپلىنىپ، تەڭرىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغان ئېغىر گۇنا سۈپىتىدە قارالغان. ئابىدىلەردە ئۆتۈكەنگە كۈچلۈك تۈردە باغلانغاندىلا مىللەتنىڭ غەم – قايغۇسىز ياشايدىغانلىقى، دۆلىتىنىڭمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنىش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ چۈشەنچە « قۇتلۇق تاغ داستانى»دا تېخىمۇ قۇۋۋەتلەنگەن. بۇ داستاندا دېيىلىشىچە، دۆلەتنىڭ سائادىتى، مىللەتنىڭ بىرلىكى بىر تاغقا، تېخىمۇ توغرىسى بىر قىياغا باغلىق دەپ قارىلىدۇ. كېيىنچە تاڭ سۇلالىسىدىن ئالغان بىر مەلىكىنىڭ تويلۇق مېلى سۈپىتىدە بۇ قىيا تاڭ سۇلالىسىغا بېرىۋىتىلىدۇ. تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇ قىيانى پارچىلاپ ئۆز ئېلىگە ئېلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلاردا ئۆلۈم ۋە قىسچىلىق يۈز بېرىدۇ. ئاخىرىدا مىللەتنىڭ بىرلىكى بوزۇلۇپ، ئۆز يۇرتىدىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. (15) شۇنىڭدەك، يەنە مەنبەلەردىكى پاكىتلاردىن قارىغاندا، تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىپ قېلىش ئەڭ ئېغىر زەربە ۋە دەرت – ئەلەم ھېساپلانغان. بۇنىڭ ئازابى ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا قاتتىق تەسىر قوزغىغان. ھۇنلاردا ئالچى تېغىنى خەن سۇلالىسىغا تارتقۇزۇپ قويغاندا پەيدا بولغان ئېغىر دەرت – ئەلەم ھەسرەتلىك قوشاققا ئايلانغان. 1881- يىلى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈرۈلگەن چاغدىكى ۋەتەن ھەسرىتى پىغانلىق ناخشا -- قوشاققا ئايلىنىپ ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كەلمەكتە. بۇ بايانلاردىمۇ پەقەت مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق سورۇنى بولغان ۋەتەن تۇپرىقىنى ساقلاپ – قوغداپ تۇرالىغاندىلا ئاندىن مىللەتنىڭ ھاياتى، خاتېرىجەملىكى ۋە گۈللىنىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولىدىغانلىغىدىن ئىبارەت بىر خىل ھوقۇق چۈشەنچىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئومۇمەن قىلغاندا، تۈركىي مىللەتلەردە جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا ۋەتەن چۈشەنچىسى ۋە مۇھەببىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇشتەك خاراكتېرى بىلەن ھەرقانداق بىر مىللەت تۈركۈمىدىن پەرقلىق ھالدا ھۇقۇققا مەنسۇپ ھۆرلۈك پىكرى بىلەن بىرگە داۋاملىشىپ ماڭغان. ئۇلار تەشكىللىك ۋە قانۇنىي ئاساستا ئىختىيارى، ئەركىن، ھۆر ۋە دەخلىسىز-- مۇستەقىل ياشالىغان زىمىننى ۋەتەن دەپ ھېساپلىغان. بۇ شەرتلەر كۆرۈلمىگەن ياكى ئۇنى ساقلاپ قېلىشقا ھېچقانداق مۈمكىنچىلىك قالمىغاندا، ۋەتەننى تەرك ئېتىپ كۆچۈشكە مەجبۇر بولاتتى. بۇ چاغدا ئات ئۇلار ئۈچۈن قاناتقا ئايلىناتتى. ئەمما، ۋەتىنىنى ھېچ ۋاقىت ئىسىدىن چىقارمايتتى.
بۈگۈنكى كۈندە ھەر قانداق بىر مەسىلىدە ئەقىل ۋە يۇقىرى مەدەنىيەتكە تايىنىۋاتقان مىللەتلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇ سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئومۇمىي بىر پىكىر ئېقىمى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ مىللىي ئىرادىگە ئايلانماقتا. دۇنيا ھازىر مىللىي ئىرادىسى كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ ماھارەت كۆرسىتىدىغان ۋە بەسلىشىدىغان سورۇنىغا ئايلىنىپ قالدى. دېمەك، بۇ مىللەتلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەقىل، روھ ۋە ئىرادە مەسىلىسى ھېساپلىنىدۇ. لېكىن، تۈرلۈك تارىخىي قىسمەتلەرگە، مەدەنىيەت ئارقىلىق مەدەنىيەتسىزلەشتۈرىدىغان سىياسىي تۈزۈملەرگە ۋە مىللىيلىكتىن، ئەقەللىيسى ئىنسانىيلىقتىن يىراقلاشتۇرىدىغان ئىدىئولوگىيىلىك چايقاشلارغا دۇچ كەلگەن مىللەتلەردە بولسا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇنتۇلغان خاتېرىگە ئايلىنىپ قالغان. مەلۇمكى، تارىخنىڭ ماددى كۆرۈنىشى ئۆتمۈشكە ئايلانغىنى بىلەن، ئاشۇ تارىخنى ياراتقان روھ ئۇدۇم ۋە سىر سۈپىتىدە ئەۋلاد قېنىدا مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. بۇ روھ تارىخنى قايتا يارىتىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم ئامىل دەل بۇ روھنى قانداق تۇنۇش ۋە ئۇنى قېزىش مەسىلىسىدۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەت ئۈچۈن غۇرۇرنىڭ سىمۋولى» دېگەن نام بىلەن خاتېرىلەنگەن مۇستاپا كامال 20- ئەسىردە ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ تۇنجى بۈيۈك ئابىدىسىنى تىكلىگەن شەخس ئىدى. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئىنتايىن ھالسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان ۋە غەرپلىكلەر تەرىپىدىن «ئۆلدى» دەپ قارالغان تۈركلەر ئاشۇ غەرپلىكلەرنىڭ ئىستانبۇلنى ۋە ئانادولۇنى تارتىۋېلىش يولىدىكى يوقۇتۇش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، مۇستاپا كامالنىڭ تارىخىي ۋەتەنپەرۋەرلىكنى مەنبە قىلغان «يا ئۆلۈم يا ھۆرلۈك» دېگەن خىتابى ئۆلگەن تۈركلەرنى قايتا تىرىلدۈرگەن. مۇستاپا كامال مۇشۇ ساداغا تايىنىپ تۈركلەرنىڭ نومۇسىنى يۇيغان ۋە غەرپ مەڭگۈ چېقىلىشقا پېتىنالمايدىغان يېڭى تۈركىيىنى ياراتقان. شۇڭا، فرانسىيىنىڭ زۇڭلىسى برىئاند پارلامېنتتا نۇتۇق سۆزلەپ: «سىلەر تاغدىكى باندىتلار دەپ ئاتىغان مۇستاپا كامال ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسكەرلىرى بۇ يەردە بولغان بولسىدى، ھەر بىرىگە بىردىن ھەيكەل تىكلەيتتۇق. مەن مۇشۇنداق قەھرىمان بىر ئامىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈشتىن ئىپتىخارلىنىمەن» دېگەن. شۇ چاغدىكى ئەنگلىيە پادىشاھى ئېدۋاردⅤ «تۈركىيىدە بىر مىليون كىشىلىك مۇنتىزىم ئارمىيە بار. مۇستاپا كامالنى قوشسا ئىككى مىليۇن بولىدۇ» دېگەنىدى. فرانسىيىدە چىقىدىغان «رەسىملىك ژورنال»دا «تارىخ نۇرغۇن بۈيۈك ئىنسانلارنى كۆردى، ئىسكەندەر، ناپولىئون ۋە ۋاشىنگتۇن قاتارلىقلارنى كۆردى. لېكىن 20- ئەسىردىكى بۈيۈكلۈك رىكورتىنى ئاتا تۈرك، يەنى بىر تۈرك ئوغلى بۇزۇپ تاشلىدى» دەپ باھا بىرىلگەن. مانا بۇ پاكىتتىن بىلىمىزكى، ئىنسان ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن كۈچ - قۇدرەت، يېڭى ھايات ۋە شان- شەرەپ پەقەت مىللىي روھتىن ۋە ئۇنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن كېلىدۇ. ئەمما، شۇنى بىلىش كىرەككى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇدىن بۇرچقا ئايلىنىشى شەرت. بۇ شەرت ئەلبەتتە ئىنساننىڭ مىللىي تارىخ ۋە مىللىي مەدەنىيەت ھەققىدىكى بىلىشىنى ئۇل قىلىدۇ.
ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىرىشىشنى ئەمەس، بەلكى بېغىشلاشنى مەقسەت قىلىدىغان بىر خىل بۈيۈك روھ. ئىنسان مەيلى قانداق ساھەدە بولسۇن، ياكى قانداق ماھىيىتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ قايسى مەمۇرىي دەرىجىسىدە بولسۇن، ئۇ ھامان بىر مىللىي توپقا مەنسۇپ. ئۇنىڭ قىممىتىمۇ پەقەت ئۆزى مەنسۇپ مىللەتنىڭ شۇ دەۋردىكى مىللىي ئېھتىياجى ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇ تارىخنىڭ تارازىسى. تارىخ ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ياكى سېسىتىدۇ، پەقەت ھاياتىنى مىللىي توپقا چىڭ باغلىغان ئىنسانلارنىڭ نامىنى قوغدايدۇ ۋە ئوبرازىنى پارلىتىدۇ. بۇ تارىخنىڭ ھۆكۈمى.
ئىزاھاتلار:
①
مەدەنىيەت ئىنگلىزچىدە
» civilization«
، خەنزۇچىدا “文明”
دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ شەكىل، مىتود ۋە بىلىمگە تايانغان ھالدا شەكىللەنگەن ۋە مىللەتلەر ئارا ئورتاق قىممەت ئۆلچىمىگە ئايلانغان بەلگىلەرنىكۆرسىتىدۇ. بۇ ئاتالغۇ ھازىر ئۇيغۇر تىلىدا «مەدەنىيلىك» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ ، لېكىن بۇ ئىنتايىن خاتا ئاتاش
②
فرانسۇزچە ۋە ئىنگلىزچە قاتارلىق نوپۇزلۇق تىللاردا« culture»
(كۈلتۈ-ركۇلچۇر)،
خەنزۇچىدا
“文化”
دەپ ئېلىنىۋاتقان ئاتالغۇ مىللەتنىڭ تۇيغۇسىدىن ھاسىل بولغان ۋە مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بەلگىلەرنى، يەنى ئۇيغۇر تىلىدا «مىللىي مەدەنىيەت» دەپ ئاتىلىۋاتقان تەرەپنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، خەنزۇچىدىكى “文化” نى ئۇيغۇرچە «كۈلتۈر»(بۇ سۆز ئەسلىدە غەرپ تىللىرىغا تۈركچىدىن كىرگەن) ،“文明” نى«مەدەنىيەت» دەپ ئىشلەتكەندە بۇ ھەقتىكى ئۇقۇم ئايدىڭلىشىدۇ
③
ئايدىن تانەرى:«تۈرك دۆلەت ئەنئەنىسى»، تۈركچە،11- بەت،1981-يىلى، ئەنقەرە
④
جاڭ رېنتاڭ: «تاڭ دەۋرىدىكى شەرقىي كۆكتۈركلەر ھەققىدە يېڭى ھۆججەتلەر»، تۈركچە، 67 - بەت،1967- يىلى، تەيبېي
⑤
ئا.زەكىي ۋەلىدى توغان:«ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش»، تۈركچە، 106-بەت، 1981- يىلى، ئىستانبۇل
⑥(13)
يىلماز ئۆزتۇنا:«بۈيۈك تۈركىيە تارىخى»،تۈركچە،1-توم،50-، 141- بەتلەر، 1977-يىلى، ئىستانبۇل
⑦
مەھمۇد قەشقەرى:«تۈركىي تىللار دىۋانى»،ئۇيغۇرچە،1-توم،457 - بەت. 1981- يىلى، ئۈرۈمچى
⑧
سىماچەن:«تارىخىي خاتېرىلەر»، ئۇيغۇرچە، 400- بەت،1987 - يىلى، ئۈرۈمچى
⑨
بەنگۇ:«خەننامە»، ئۇيغۇرچە، 798- بەت، 1994- يىلى، ئۈرۈمچى.
(10) (11) ھۈسەيىن نامىق ئورقۇن:«قەدىمكى تۈرك ئابىدىلىرى»، تۈركچە، 52 -، 118- بەتلەر، 1994-يىلى،
(12)
ئا.زەكىي ۋەلىدى توغان:«تۈرك ۋە تاتار تارىخى»،تاتارچە، 18- بەت،1912- يىلى، قازان.
(14)
رىشات گەنچ: «قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى»، ئۇيغۇرچە، 97-بەت، 1990 - يىلى، ئۈرۈمچى
(15) ب.ئۆگەل:«تۈرك مىتولوژىسى»،تۈركچە،1-توم،82-بەت،1998-يىلى، ئەنقەرە
★★★★★★★★★★★
menbe: http://asrim.cn/Default.asp
★★★★★★★★★★★
Wetenperwerlik – milliy burch
Yüsüpjan yasin
Dölet bilen weten bir uqum emes. Dölet hoquq pikrining mehsuli. U siyasiy qudretning eng yuqiri belgisi we térritoriyileshken shekli. Weten bolsa insan tuyghu arqiliq baghlinip turidighan we milliy medeniyet bilen birikken belgilik bir zimindin ibaret. Bu zimin tarixning milletke pütken teqdiri boyiche ata qilin'ghan bolghachqa, insan toplirining millet xaraktérini élishi ashu zimin teminligen maddi we meniwiy imkaniyetke tayan'ghan. Milletning hayatliq qarishi, étiqad shekli, sen'et chüshenchisi, milliy zoqi we qimmet éngi weten ata qilghan imkaniyetler asasida ruyapqa chiqqan. Netijide weten bilen millet perqsiz bir uqumdek haletke kelgen. Shunga, insan wetende özining milliy topi bilen bir gewde bolup yashighandila andin hayati heqiqiy qana'et tapidu. emeliyettimu milletni hayatliq makani bilen temin etken ashu zimin milletning bir pütün tarixi üchün sehne bolush rolini oynighinidek, milletning ashu tarixta yaratqan türlük medeniyet belgiliri, qebre we xatire miraslirimu ashu zimin'ge muqeddeslik chüshenchisi béghishlap, uni weten'ge aylandurghan. Démek, weten ejdatlarning qéni we rohi bilen yughurulghan, milletning tarixta yaratqan büyük medeniyet xezinilirini öz qoynida saqlighan, shu arqiliq ewlatlar üchün hayatliq soruni we milliy alahidilik hazirlighan tupraqtur. Shunga, u muqeddestur. Buningdin melumki, insanlardiki dölet chüshenchisi pikirdin shekillinidu, u medeniyetke mensup.① weten chüshenchisi bolsa tuyghudin hasil bolidu, u milliy medeniyet (kültür)ke mensup.② shunga, insanlar özi mensup dölettin yüz örishi mumkin, lékin öz wetinidin waz kéchishi mumkin emes
insanlarning hayatigha mena béghishlaydighan rohiy dunya peqet wetenni menbe qilghachqa hem weten'ge tayinipla özining éhtiyajini qanduralighachqa, wetenidin ayrilip qalghan insanlar özining rohiy dunyasinimu yuqitip qoyidu. Chünki, wetinidin ayrilip qalghan insanlar haman bashqilarning iradisige we rohigha béqip yashashqa mejbur bolidu. Bundaq muhitta qalghan insanlar maddiy jehettin qanche köp bayliqqa irishsimu, meniwiy jehettin özining rohiy dunyasidin mehrum bolghan ademlerge aylinip qalidu. Roh yoqitilsa tenning qulluqi bashlinidu. Millettiki yatlishish we aynip kitish del mushundaq shara'itta otturigha chiqidu. Démek, jandin ayrilish shexsning ölümi hésaplansa, wetendin ayrilish milletning ölümidur. Uyghurlar buni«wetensiz adem- hayatiy matem» dep yekünligen
Melumki, wetenning teqdirini xususiy hayatning üstige qoyush wetenperwerliktur. Téximu éniq qilip éytqanda, wetenperwerlik insanning öz hayatini we ashu hayatida irishken pütkül maddiy imkaniyitini we meniwiy qudritini wetenning mewjutliqigha, hörlikige, shan sheripige we istiqbaligha béghishlashtin ibaret sadaqet rohini körsitidu. Insan wetinige peqet mushu xil roh bilen baghlan'ghandila andin u milletning simwolluq adimige aylinidu. wetenperwerlik milliy hemkarliqning asasini teshkil qilidu. Shu wejidin weten uqumi otturigha chiqqan millette tarix üzülmeydu, teqdir we istiqbal üstidin qarar chiqirish hoquqi millet ezalirining qolida bolidu.
Wetenperwerlik insanlargha ortaq bir xil tuyghu. Lékin, bu xil tuyghuning ipadilinish derijisi oxshimaydu. Wetenperwerlikning millet ezaliri üchün iradige we pikir éqimigha aylinip, heriket mizani derijisige kötürilishimu yaki untulushqa yüzlinip kömülüp qélishimu mumkin. Bu peqet mewjut shara'ittiki idare qilghuchi hakimiyetning insan we medeniyet heqqidiki tunushi we yürgüziwatqan siyasitining mahiyitige baghliqtur. Emeliyettimu démokratik we xelqchil hakimiyetning wetenperwerlikning yüksilishige türtke bolidighanliqi, mustebit we guruhwaz hakimiyetning wetenperwerlikning untulushigha sewep bolidighanliqi tarix ispatlighan bir heqiqet. Shunimu eskertip qoyush zörürki, her qandaq elde wetenperwerlik « shu'ar»gha aylinip qalghan chaghda, mewjut hakimiyetning göri koliniwatqan bolidu. tarixta uyghur qatarliq türkiy milletler wetenperwerlik rohining üstünliki bilen shöhret qazan'ghan. 1970- yili issiq kölning yénidiki ésik qorghinidin qéziwélin'ghan miladidin burunqi 5- essirge mensup « altun kiyimlik shahzade » ning yénidin tépilghan bir kümüsh tawaqtiki «wetenning bayriqini sherep bilen igiz tut»③ dégen xitap uyghur wetenperwerlik rohining tunji yazma ipadisi hésaplinidu. Uyghur milliy pelsepisining muhim terkipliridin bolghan maqal– temsillerdiki pikirlerdinmu uyghurlarning weten heqqidiki chüshenchisining tolimu mukemmellikini bilishke bolidu. Emeliyettimu ulardiki weten chüshenchisi nahayiti muqeddes bir uqum bolup, u a'ile, mehelle, yurtqa bolghan küchlük muhebbet we sadaqetning yüksek derijidikii belgisi süpitide gewdilen'gen. weten'ge baghlinish we uning üchün sadaqet we pidakarliq körsitish«milliy terbiye»ge aylan'ghan. Shu wejidin, qedimki türkiy tilda « muqeddes yer- su» yaki« ulush»sözi bilen ipade qilin'ghan weten hökümdar a'ilisining xususiy mülki bolmastin, belki pütün milletning ortaq mülki hésaplinatti.
Uyghur qatarliq türkiy milletlerde weten'ge sadiq bolush bilen birge seyyare, köchmen we heriketchan turmush kechürüsh bir gewdiliship ketken we ularning hoquq chüshenchisining asasliridin biri qilin'ghan. Chünki, ularning weten chüshenchisi qanun we hörlük bilen birikken bolup, bu ikki sherttin mehrum bolghan chaghda, ular yéngi bir yurt qurush istikide, weten üchün wetendin ayrilatti. Bu toghrisida tang dewridiki xenzuche menbelerde «ular bügünki künde dölitimizge teslim bolghan teqdirdimu, öz wetinini asanliqche unutmaydu»④dep melum chüshenche bérilginidek, erep mutepekkuri jahizi bu noqtini« weten muhebbiti barliq insanlargha ortaq bolghan bir xil héssiyattur. Likin, bu xil héssiyat türkler(uyghurlar)de téximu üstün we yüksektur»⑤ dep xaraktérlendürgen. Ereplerning meshhur qomandani quteybe ibni muslim«türkler (uyghurlar) wetinige nahayiti sadiq bolup, uning üchün jan béridu. Héchqachan wetinini unutmaydu. Qeyerge bérishidin qet'iynezer, wetinige sadiq bolidu. türklerni bashqa milletlerdin üstün qilghan amil del mushu xususiyettur. Türkler buni nahayiti yaxshi bilidu»⑥ dep teripligen. Mehmut qeshqeri«tengri türklerni yer yüzining eng igiz we eng hawaliq jaylirigha orunlashturghan»⑦ dep teriplesh arqiliq wetendin iptixarlinish rohini ipadiligen.
Uyghurlarning wetinini qoghdash yolida pidakarliq körsitidighanliqi yene iran dastanliridimu sözlinidu. Iran dastanlirida tumaris we shiraq qehrimanliqliri buning misali süpitide bérilgen. Xenzuche menbelerdimu buninggha oxshash misallar tilgha élinidu. Hun émpératori batur tengriqut(oghuzxan) dunya tarixida wetenperwerlikni hoquq pikri süpitide tedbiqlighanlarning tunji wekili qilip körsitilmekte. Hunlarning sherqtiki qoshnisi tungguslar hun ziminining sherq teripidiki qaqas bir parche yerni kisip bérishni telep qilghanda, batur tengriqut «yer – zimin döletning asasi, nime üchün ziminimizni béridikenmiz»⑧ dégen we bu ziminni bériwitishni teshebbus qilghan wezirlerni ölümge buyrighan. Eslide tungguslar bilen inaq qoshnidarchiliqni teshebbus qilghan batur ularning mushu telepi tüpeylidin urush qozghap, ularni qattiq meghlup qilghan. Shuningdek, xen sulalisimu hunlardin bir parche taghliq yerni sorighanda, hun tengriquti«bu yer merhum atamdin miras qalghan zimin bolup, qoldin bérip qoyush heddim emes»⑨ dep qattiq étiraz bildürgen. «tonyuquq menggü téishi»da«men türk xelqi ziminide toluq qurallan'ghan düshmenlerni mangdurmidim»⑩ déyilidu. Buningdin melumki, türkiy milletlerde weten – ulush hökümdarning özi xalighanche shexsiy mülük supitide ishlitidighan zimin bolmastin, belki hökümdar teripidin qoghdilidighan ata miras yadikarliq hésaplinatti.
Insaniyet tarixida milliy mewjutluqni herbiy küchke tayinip qoghdash dewri nahayiti uzun dawamlashqan. Hélimu insaniyetning milliy mewjutluq bilen herbiy küchning munasiwitini ayriwetkini yoq. Herbiy küchke muraji'et qilin'ghan bu dewrde qehrimanliq wetenperwerlikning eng küchlük belgisige aylan'ghan. Bu halet uyghur qatarliq türkiy milletlerning tarixida nahayiti gewdilik halda otturigha chiqqan. Wetenni milletning ortaq mülki dep qaraydighan hoquq chüshenchisi ularda qehrimanliqning yüksilishidiki muhim amil idi. Qehrimanliq hayatni bedelsiz pida qilishtin ibaret bir xil büyük roh bolup, uyghur medeniyet tarixidiki muhim bir tip hésaplinidu. Heqiqeten, uyghurlarning tarixta «jenggiwar millet»(herbiy millet) süpitide otturigha chiqishi we herbiy ishlar téxnikisining yüksilishi ulardiki wetenperwerlik rohi bilen zich munasiwetlik idi. xenzuche menbelerde hunlar, köktürkler we uyghurlarning kiselde ölüshni nomus, urushta ölüshni sherep dep bilidighanliqi tekitlen'gen. «köl tékin menggü téshi» dimu «insan balisi ölüsh üchün törelgen»(11) déyilidu. Sasan chichen « türkler (uyghurlar) öyde tughulup, urush meydanida jan béridu» (12) deydu. türkiy millet türkümide her bir insan kichikidin tartipla oqya étish we at minish terbiyisi bilen chong bolup, maharetlik bir esker bolup yétiletti. Kiygen kiyimlirimu turmush we urushqa mas kélidighan ikki xil xususiyette layihilen'gen. Bu xil turmush bilen urush bir gewdileshken hayat shekli qandaqtur bir tajawuzchiliq yaki istila chüshenchisining türtkiside shekillen'gen bolmastin, belki özi mensup wetenning, milletning we döletning mewjutluqini, bixeterligini, tinchliqini we hörlükini siritning tehlikisidin qoghdash üchün her waqit teyyar turushtek sadaqet we pidakarliq rohidin tughulghan. Démek, herbiy küchning tereqqiy qilishi milliy qoghdinish bilen munasiwetlik idi.(13) uyghurlarda bügünki kün'giche dawamliship kéliwatqan « özüng üchün kül, yurtung üchün öl », «yétip qalghiche, étip qal»,«yigit özi üchün tughulup, éli üchün ölidu» dégen maqal – temsiller buni ochuq körsitip béridu. Emeliyettimu uyghur qatarliq türkiy milletlerning urushliri turkiye alimi ibrahim kafes'oghlu körsitip ötkinidek, tinchliq we sülhini meqset qilghan bir wasitidin ibaret bolup, uningda yene chong birliktin ibaret pelsepiwi chüshenche yitekchi qilin'ghan.(14) shu seweplik, tinchliq we sülhini <<ئەل>> dep atighan türkiy milletler özlirining we öz döletlirining bu xil haletni emelde körsitidighan küch ikenligige shen'gechke, millet we dölet dégen uqumnimu yene ashu «el» sözi bilen ipade qilghan. Bu söz yene «weten» menisidimu chüshinilgen. Dimek, weten üchün sadaqet we pidakarliq bilen yashighandila andin tinch hayatqa, mewjutluq shara'itige we yüksilish pursitige irishkini bolidighanliqini toluq chüshünüp yetken türkiy milletler weten dep urush meydanida jan bérishni idi'al hayat tipi qilip tallighan we buningdin ghurur, sherep, bext tuyghusi hés qilghan. Hetta qiz – ayallarmu mushundaq qehrimanliq rohta yashighan. Shu seweplik, urushta qehrimanliq körsetkenlerning jem'iyettiki orni, nopuzi hemmidin üstün bolghan. Millet ularning hayatini teswiriy sen'et eserliri (heykel, balbal tiklesh, qebre béshigha öy-- xatire sariyi sélip, uning tamlirigha qehrimanning urush qiliwatqan körünishlirini sizish) bilen obrazlashturghan, menggü tash tiklep qutluqlighan, naxsha – qoshaq we dastanlargha qétip ebediyleshtürgen. Bu arqiliq qehrimanlarning hayatini ewladlarni terbiyileshning muhim dersliki qilghan. Qehrimanliqni idi'al hayat qilip tallash jehette peqet gérmanlarni türkiy milletler bilen sélishturushqa bolidu. Qisqisi, tarixshunaslarning türkiy milletler, jümlidin uyghurlar toghrisidiki« qehrimanliq jasariti küchlük» dégen sözliride del ularning « wetenperwerlik rohi üstün» dégen uqum ipadilen'gen .
« orxun abidiliri»de wetenperwerlik bir xil étiqad sheklide tilgha élin'ghan. Bu abidilerde hunlar dewridin béri türkiy milletlerning döletlirige paytext bolup kelgen we ashu orni bilen bu milletlerning siyasiy we meniwiy iptixarliq bazisigha aylan'ghan ötüken'ge sadaqet körsitish wetenperwerlikning muhim ölchemliridin béri qilip körsitilgen. Ötükendin yiraqlishish, wetenni tashlap kétish, dölet aldida ötküzülgen jinayet hésaplinip, tengrining jazasigha uchraydighan éghir guna süpitide qaralghan. Abidilerde ötüken'ge küchlük türde baghlan'ghandila milletning ghem – qayghusiz yashaydighanliqi, dölitiningmu menggü dawamlishidighanliqi étirap qilinish arqiliq wetenperwerlikning mahiyetlik belgiliri otturigha qoyulghan. Bu chüshenche « qutluq tagh dastani»da téximu quwwetlen'gen. Bu dastanda déyilishiche, döletning sa'aditi, milletning birliki bir taghqa, téximu toghrisi bir qiyagha baghliq dep qarilidu. Kéyinche tang sulalisidin alghan bir melikining toyluq méli süpitide bu qiya tang sulalisigha bériwitilidu. Tang sulalisining bu qiyani parchilap öz élige élip kétishi netijiside uyghurlarda ölüm we qischiliq yüz béridu. Axirida milletning birliki bozulup, öz yurtidin köchüp kétishke mejbur bolidu. (15) shuningdek, yene menbelerdiki pakitlardin qarighanda, türkiy milletler üchün wetendin ayrilip qélish eng éghir zerbe we dert – elem hésaplan'ghan. Buning azabi ularning rohiy dunyasida qattiq tesir qozghighan. Hunlarda alchi téghini xen sulalisigha tartquzup qoyghanda peyda bolghan éghir dert – elem hesretlik qoshaqqa aylan'ghan. 1881- yili ili uyghurlirining yette sugha köchürülgen chaghdiki weten hesriti pighanliq naxsha -- qoshaqqa aylinip hazirghiche éytilip kelmekte. Bu bayanlardimu peqet milletning mewjutluq soruni bolghan weten tupriqini saqlap – qoghdap turalighandila andin milletning hayati, xatérijemliki we güllinishidin söz achqili bolidighanlighidin ibaret bir xil hoquq chüshenchisi otturigha qoyulghan.
Omumen qilghanda, türkiy milletlerde jümlidin uyghurlarda weten chüshenchisi we muhebbiti nahayiti üstün bolushtek xaraktéri bilen herqandaq bir millet türkümidin perqliq halda huquqqa mensup hörlük pikri bilen birge dawamliship mangghan. Ular teshkillik we qanuniy asasta ixtiyari, erkin, hör we dexlisiz-- musteqil yashalighan ziminni weten dep hésaplighan. Bu shertler körülmigen yaki uni saqlap qélishqa héchqandaq mümkinchilik qalmighanda, wetenni terk étip köchüshke mejbur bolatti. Bu chaghda at ular üchün qanatqa aylinatti. Emma, wetinini héch waqit isidin chiqarmaytti.
Bügünki künde her qandaq bir mesilide eqil we yuqiri medeniyetke tayiniwatqan milletlerde wetenperwerlik tuyghu süpitidila emes, belki yene omumiy bir pikir éqimi süpitide otturigha chiqip milliy iradige aylanmaqta. Dunya hazir milliy iradisi küchlük milletlerning maharet körsitidighan we beslishidighan sorunigha aylinip qaldi. Démek, bu milletlerde wetenperwerlik eqil, roh we irade mesilisi hésaplinidu. Lékin, türlük tarixiy qismetlerge, medeniyet arqiliq medeniyetsizleshtüridighan siyasiy tüzümlerge we milliyliktin, eqelliysi insaniyliqtin yiraqlashturidighan idi'ologiyilik chayqashlargha duch kelgen milletlerde bolsa wetenperwerlik untulghan xatérige aylinip qalghan. Melumki, tarixning maddi körünishi ötmüshke aylan'ghini bilen, ashu tarixni yaratqan roh udum we sir süpitide ewlad qénida menggü saqlinidu. Bu roh tarixni qayta yaritidu. bu yerdiki muhim amil del bu rohni qandaq tunush we uni qézish mesilisidur. birleshken döletler teshkilati teripidin «insaniyet üchün ghururning simwoli» dégen nam bilen xatérilen'gen mustapa kamal 20- esirde wetenperwerlikning tunji büyük abidisini tikligen shexs idi. 19- esirning axiri we 20- esirning bashlirigha kelgende intayin halsiz halgha chüshüp qalghan we gherplikler teripidin «öldi» dep qaralghan türkler ashu gherpliklerning istanbulni we anadoluni tartiwélish yolidiki yoqutush hujumigha uchrighanda, mustapa kamalning tarixiy wetenperwerlikni menbe qilghan «ya ölüm ya hörlük» dégen xitabi ölgen türklerni qayta tirildürgen. Mustapa kamal mushu sadagha tayinip türklerning nomusini yuyghan we gherp menggü chéqilishqa pétinalmaydighan yéngi türkiyini yaratqan. shunga, fransiyining zunglisi bri'and parlaméntta nutuq sözlep: «siler taghdiki banditlar dep atighan mustapa kamal we uning barliq eskerliri bu yerde bolghan bolsidi, her birige birdin heykel tikleyttuq. Men mushundaq qehriman bir amiye bilen kélishim tüzüshtin iptixarlinimen» dégen. Shu chaghdiki en'gliye padishahi édwardⅤ «türkiyide bir milyon kishilik muntizim armiye bar. Mustapa kamalni qoshsa ikki milyun bolidu» dégenidi. Fransiyide chiqidighan «resimlik zhornal»da «tarix nurghun büyük insanlarni kördi, iskender, napoli'on we washin'gtun qatarliqlarni kördi. Lékin 20- esirdiki büyüklük rikortini ata türk, yeni bir türk oghli buzup tashlidi» dep baha birilgen. Mana bu pakittin bilimizki, insan üchün, millet üchün küch - qudret, yéngi hayat we shan- sherep peqet milliy rohtin we uning gewdilik ipadisi bolghan wetenperwerliktin kélidu. Emma, shuni bilish kirekki, wetenperwerlik tuyghudin burchqa aylinishi shert. Bu shert elbette insanning milliy tarix we milliy medeniyet heqqidiki bilishini ul qilidu.
Wetenperwerlik irishishni emes, belki béghishlashni meqset qilidighan bir xil büyük roh. Insan meyli qandaq sahede bolsun, yaki qandaq mahiyittiki hökümetning qaysi memuriy derijiside bolsun, u haman bir milliy topqa mensup. uning qimmitimu peqet özi mensup milletning shu dewrdiki milliy éhtiyaji üchün nimilerni qilghanliqi bilen ölchinidu. Bu tarixning tarazisi. Tarix hemmini untulduridu yaki sésitidu, peqet hayatini milliy topqa ching baghlighan insanlarning namini qoghdaydu we obrazini parlitidu. Bu tarixning hökümi.
Izahatlar:
① medeniyet in'glizchide «civilization», xenzuchida «文明» Dep atilidu. U shekil, mitod we bilimge tayan'ghan halda shekillen'gen we milletler ara ortaq qimmet ölchimige aylan'ghan belgilernikörsitidu. Bu atalghu hazir uyghur tilida «medeniylik» dep éliniwatidu , lékin bu intayin xata atash
② fransuzche we in'glizche qatarliq nopuzluq tillarda«culture»(kültü-rkulchur),
Xenzuchida «文化» dep éliniwatqan atalghu milletning tuyghusidin hasil bolghan we milletning özige xas bolghan belgilerni, yeni uyghur tilida «milliy medeniyet» dep atiliwatqan terepni körsitidu. Shunga, xenzuchidiki «文化»ni uyghurche «kültür»(bu söz eslide gherp tillirigha türkchidin kirgen), «文明»ni «medeniyet» dep ishletkende bu heqtiki uqum aydinglishidu
③ aydin taneri:«türk dölet en'enisi», türkche,11- bet,1981-yili, enqere
④ jang réntang: «tang dewridiki sherqiy köktürkler heqqide yéngi höjjetler», türkche, 67 - bet,1967- yili, teybéy
⑤ a.Zekiy welidi toghan:«omumiy türk tarixigha kirish», türkche, 106-bet,
1981- yili, istanbul
⑥(13) yilmaz öztuna:«büyük türkiye tarixi»,türkche,1-tom,50-, 141- betler, 1977-yili, istanbul
⑦ mehmud qeshqeri: «türkiy tillar diwani», uyghurche,1-tom,457 - bet.
1981- yili, ürümchi
⑧ simachen:«tarixiy xatériler», uyghurche, 400- bet,1987 - yili, ürümchi
⑨ Ben'gu:«xenname», uyghurche, 798- bet, 1994- yili, ürümchi.
(10) (11) hüseyin namiq orqun:«qedimki türk abidiliri», türkche, 52 -, 118- betler, 1994-yili,
(12) a.Zekiy welidi toghan:«türk we tatar tarixi»,tatarche, 18- bet,1912- yili, qazan.
(14) Rishat gench: «qaraxaniylarning dölet teshkilati», uyghurche, 97-bet, 1990 - yili, ürümchi
(15) b.Ögel:«türk mitolozhisi»,türkche,1-tom,82-bet,1998-yili, enqere
★★★★★★★★★★★
menbe: http://asrim.cn/Default.asp
★★★★★★★★★★★
没有评论:
发表评论