2011年2月12日星期六

ئامىرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار-1


ئامىرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار-1 - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]
2011年01月01日
http://ketmenbay.blogbus.com/logs/95410397.html
**************************


ئامىرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار- 1


ئاپتورى: ئابدۇۋەلى ئايۇپ


(1) خاتىرەمدىكى ئامېرىكا

---«ئەزگۈچى جاھانگىر»دىن «ئەشەددىي دۈشمەن»گىچە

ساۋادىم يېڭى چىققان چاغلاردا گېزىتلەردىن «ئامېرىكا بىر قەغەز يولۋاس» دېگەن قۇرلارنى ئۇقۇغۇنۇم ھېلىمۇ ئېسىمدە. بەلكىم «قەغەز يولۋاس» دېگەن ئوخشىتىش ماڭا كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ كەتكەچ ئۇنۇتالمىغاندىمەن. ئەمما ئۇ چاغدا گېزىتلەرنى ساۋادىم بولسىمۇ ئوقۇپ چۈشنىلەلمەي ئىچىم پۇشاتتى. چۈنكى يېزىق پىنيىگە تەقلىد قىلىنغان «ئۇيغۇرچە» بولسىمۇ، گەپلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خەنسۇچە بولغاچقا مەنىنى پەقەت ئۇققىلى بولمايتتى. (1998-يىلى قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر كەنتىدە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەۋاتقان چېغىمدا، دېھقانلارغا مۇقۇملۇق تەربىيەسى ئۈچۈن بىر ھەپتە گېزىت ئۇقۇپ بەرگەنتىم، ئاغزىمدىن كۆپۈك قاينىتىپ شۇنچە ئوقۇساممۇ بىچارە دىھقانلار ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى»دىكى گەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشەنمەپتۇ. يېزىقمۇ، تىلمۇ ئۇيغۇرچە تۇرسا نېمىشقا چۈشەنمەيدىغاندۇ؟ بەلكىم مېنىڭ ئەينى چاغدا چۈشەنمىگەنلىكىم بىلەن دېھقانلارنىڭ چۈشەنمەسلىكى ئارىسىدا بىر باغلىنىش بولۇشى مۇمكىن). شۇنداقتىمۇ شۇ گېزىتلەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسقىسىدەكلا تۇيىلىدىغان رادىيولاردىن جاراڭلاپ تۇرىدىغان «ئامېرىكا جاھانگىرلىگى»، «رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم»، «قۇل قىلىنغان پورلىتارىيات سىنىپى» دېگەندەك گەپلەر ماڭا ئىنتايىن قەبىھ بىرسىنىڭ تىللنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىدۇراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «جاھانگىر» دېگەننى چۈشەنمەيتتىم، بۇ گەپ قۇلۇقۇمغا «لاخشىگىر» دېگەندەك ئاڭلىناتتى-دە، كۆز ئالدىمغا قىپقىزىل چوغ قىستۇرۇلغان كۆرۈمسىز بىر نەرسە كېلەتتى. رادىيو ۋە گېزىت ژورناللاردىن ئامېرىكا ھەققىدە سەبىي قەلبىمگ سىدۈرۈلگىنى ھەجىۋىي «قەغەز يولۋاس» ۋە ئىسكەتسىز «لاخشىگىر». مەنچە بۇلار مېنىڭ قەلبىمدە شەكىللەنگەن ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى ئوبرازى بولۇشى مۇمكىن.
باشلانغۇچىنىڭ بەشىنچى يىللىقىغا چىققان چېغىمىزدا دانىيە يازغۇچىسى ئاندىرسىننىڭ «سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق» دېگەن چۆچىكىنى ئوقۇدۇق. مەن شۇ چۆچەكتىكى قىزچاقنىڭ ھەر بىر تال سەرەڭگىنى ياققاندا سۈرگەن تەسىرلىك خىيالىنى ھازىرغىچە ئەسلىيەلەيمەن. ماڭا بۇ چۆچەكنىڭ تەسىرى «نۇزۇگۇم» داستانىنىڭ تەسىرىدىنمۇ بەكرەك رۇشەن بولغان دەپ جەزىم قىلىمەن. شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىمىز قىزچاقنىڭ پاجىيەلىك تەقدىرىنى «رەھىمسىز، رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم» كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ چۈشەندۈرگەندەك قىلغان. دەرستىن كېيىن مۇئەللىم تەسىرات يېزىپ كېلىشكە تاپشۇرغان بولسا كېرەك. بىر قار ياغقان سوغۇق كۈنى چىرايلىققىنە بىر قىز ساۋاقدېشىم «كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە نۇرغۇنلىغان سەبى بالىلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ» دەپ تەسىراتىنى ئوقىغاندى. ماڭا شۇ چاغدا سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق خۇددى ھېلىقى قىز ساۋاقدېشىمدەك، رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم شۇ قىزنىمۇ ئازاپلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ بۇ تۈزۈمگە راستىنلا نەپرەتلەنگەنىدىم. ساۋاقدېشىمنىڭ «سەبىي» دېگەن سۆزنى تەلەپپۇز قىلىۋاتقاندىكى ناتىۋان تۇرىقى ھازىرغىچە سۈرەتتەك كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئۇ چاغدا مەن «سەبىي» دېگەن سۆزنى چۈشەنمەيتتىم، لېكىن شۇندىن كېيىن ھەر قېتىم شۇ سۆزنى ئاڭلىسام ھېلىقى ساۋاقدېشىم سىياقىدىكى «سەرەڭگە ساتقۇچى قىز» كۆز ئالدىمغا كېلەتتى ۋە مېنى «رەھىمسىز كاپىتالىستىك تۈزۈم»گە تېخىمۇ ئۆچ قىلاتتى. مەنچە بۇ ئامېرىكنىڭ قەلبىمدىكى سەلبىي ئوبرازىنى كونكىرىت مەزمۇن بىلەن "بېيىتقان" يەنە بىر ئامىل ھىسابلانسا كېرەك.
تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ سەلبىي ئوبرازى جۇغراپىيە، تارىخ، سىياسەت، ئەدەبىيات دەرسلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ بېيىپ باردى. مۇئەللىملەر بۇ دەرسلەردە پاجىيەلەرنىڭ مەنبەسىنى «رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم»گە دۆڭگەپ ھارمىدى، ھېلىقى چىرايلىق ساۋاقدېشىم ۋە ماڭا ئوخشاش قۇلىقى يۇمشاق، كىتابخۇمار ئوقۇغۇچىلار تەسىرات ماقالىسىنى يۈز نومۇرغا لايىق يېزىش ئۈچۈن كاپىتالسىتىك تۈزۈمنىڭ بىگۇناھ قۇربانلىرىغا ھېسىداشلىق قىلىپ، كاپىتالىستلارنى تىللاۋەردۇق. ھەتتا بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ روس سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات بايراقدارى گوركىنىڭ كاپىتالىستىك تۈزۈمدە تارتقان ئازاپلىرى ھەققىدە بىر رەسىملىك ئوچۇق دەرس ئۆتكەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە. رەسىمدە كاپىتالىستلار تولىمۇ قورقۇنچلۇق سىزىلغان بولغاچقا خېلى بىر كۈنلەرگىچە چۈشەپ چىققانىدىم.
تولۇقسىز ئۈچنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا كىتابلارغا چۆكۈپلا كەتكەنىدىم. شۇ چاغدا ئۇيغۇرچە چىققان كىتابلارنى تولۇق ئوقۇپ ئۈلگۈرەتتىم. ئەلۋەتتە، چەتئەل ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى رۇس ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەسەرلەر ئېدى. كىتابلارغا قارىغاندا ماڭا «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ ياشلىرى» دېگەن ژورناللار بەكرەك يارايتتى. «دۇنيا ئەدەبىياتى»غا سوۋېت-روس ۋە سوتسىيالىستىك شەرقى ياۋۇرپا يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ بېسىلاتتى. شۇ سەۋەپتىن مېنىڭ بەكمۇ روسچە ئۆگەنگۈم كەلگەن ئەمما ماتېرىيال تاپالمىغانىدىم. ژورناللاردا ئاندا ساندا ياپۇنىيە ۋە غەرپ ئەدىپلىرنىڭ ئەسەرلىرى بېرىلسىمۇ بەزىلىرىگە «رەزىل كاپىتالىستىك جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى قامچىلانغان» دېگەندەك تەھرىر ئىلاۋىلىرى قوشۇلۇپ تۇراتتى. شۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىتابنى كۆپ ئوقۇيدىغان بىر قىز ساۋاقدېشىم پاراڭ ئارىلىقىدا «سىنىپىمىز ئامېرىكىغا ئوخشاپ قاپتۇ» دېگەنىدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئامېرىكىغا ئوخشاپ قالغان «زۇلمەتلىك» سىنىپىمىزنىڭ «رەزىللىك»لەر بىلەن تولغان «قاراڭغۇ» رىياللىقىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن «بىخ» نامىدا بىر گېزىت چىقارغانىدۇق. ھازىر پەرەز قىلىپ باقسام، تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم كاپىتالىزىمنىڭ «رەزىللىك» مەنبەسىنى تونۇپ يېتىش باسقۇچىدىن ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش باسقۇچىغا ھالقىغان دەۋرىم بولغانىكەن.
1989-يىلى بېيجىڭدا ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسى بولدى، تەشۋىقاتتا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپنىڭ تىنچ ئۆزگەرتىۋېتىش سۈيىقەستى راسا تەنقىدلەندى. بۇلار مېنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق رەزىللىك كۈچلىرىگە بولغان غەزىپىمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئىنساندا بىر قۇتۇپقا قارشى قوزغالغان نەپرەت ئۇنىڭدا قارشى قۇتۇپقا قارىتا مۇھەببەتنى ئويغىتىدىكەن. 1991-يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلدى. شۇ چاغدا خاتىرەمگە «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىدا سوتسىيالىزىم ئۈچۈن ئۆلگەن ئالتە مىليۇن ئىنساننىڭ قانلىرى بىكارغا كەتتىمۇ» دەپ يازغانىدىم. مەن گوركى ۋە نىكولاي ئوستۇرىۋېسكى قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرىدىن «ھەقىقىي ئىنسانلىق كومىنىستلىقتۇر» دېگەن چۈشەنچىگە كەلگەنىدىم. يەنە «ئوغلۇمغا يېزىلغان خەتلەر» دەپ بىر كىتاب بولىدىغان، شۇ كىتابمۇ مېنىڭ كومىنىستلىق ھىسسىياتىمنى قۇۋۋەتلىگەن ئېدى. دېمەك مەندىكى كاپىتالىزىمغا قارشى ئويغانغان نەپرەت مېنى سوتسىيالىزىمنى سۆيىدىغان قىلىپ قويغانىدى. تولۇق ئوتتۇردىكى ھاياتىم ساۋاقداشلىرىم بىلەن «خۇدا يوق» دەپ تالاش-تارتىش قىلىش بىلەن ئۆتتى. تولۇق ئوتتۇرا خېمىيىسى بىلەن بىئولوگىيىسىنىڭ «خۇدا يوق»نى ئىسپاتلاشقا يارايدىغان قىسمىنىڭ تىرىشىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكى مېنى كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىنلەپ تۇراتتى. «خۇدا بار» دەيدىغان ساۋاقداشلىرىم ماڭا مۇشت كۆتۈرۈپ ۋارقىرايتتى –يۇ ئىسپات كۆرسىتەلمەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەردىن بىخەۋەر ئىدى. (تۆۋە دەيمەن، شۇ چاغدا «خۇدا يوق» دېگىنىم ئۈچۈن ئۇرۇشقا تەمشەلگەن ساۋاقداشلىرىم مىڭ نەچچە يۈز يىللىق ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى قەشقەردە ھاراققا چۆپقەت، مەن نەچچە مىڭ يىللىق ھاراق ئەئەنىسىگە ئىگە ئىچكىرىدە شۇنداق ھاراملاردىن يىراق ياشىدىم.)
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سىياسەت ۋە تارىخ دەرسلىكىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا. بىر رەسىمدە ئاغزىغا پاتمىغۇدەك بىر ئوچۇم تاماكىنى چېكىۋاتقان بىر ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىقنىڭ ئوبرازى بېرىلىپ «كاپىتالسىتىك تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۈمىدسىزلىك» دەپ چۈشەنچە بېرىلگەنىدى. باشقا بىر رەسىمدە «كاپىتالىستىك ئىقىتىسادى كىرزىس تۈپەيلى ئامېرىكىدا سۈتلەر دېڭىزغا تۆكىۋېتىلمەكتە» دەپ يېزىلغان، يەنە بىرسىىگە «ئاق تەنلىك مۇستەملىكچىلەر تەرپىدىن يەرلىرى تاتىۋېلىنغان ئىندىيانلارنىڭ قان ياشلىق سەپىرى» دەپ تېما قويۇلغانىدى. قىزىق يېرى تولۇقسىز ئوتتۇرىدا تارىخ، سىياسەت، ئەدەبىيات قاتارلىق ئىدولوگىيە پەنلىرى مېنى ئامېرىكىغا ئۆچ قىلغان بولسا تولۇق ئوتتۇرىدا بۇلارغا تەبئىي پەنلەرمۇ دەستەك بولۇپ مېنى ئاتېئىزىمچىلىق ۋە كۆممۇنسىتلىق مۇھەببىتىگە موپتىلا قىلغانىدى. شۇ چاغدىكى ئويۇمدا سوتسىيالىزىم ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى رەزىللىك ۋاباسىنى داۋالايدىغان دورا ئىدى.
1992-يىلدىكى دىڭ شىياۋپىڭنىڭ جەنۇپ زىيارىتى نۇتىقى، كومپارتىيە يولغا قويغان بازار ئىگىلىكى تۈزىمى ۋە مەن بېيجىڭدا كۆرگەن خەنسۇلاردىكى ئامېرىكا مەستانىلىقى مېنى بىر مەزگىل گاڭگىرىتىپ قويدى. بىز قەشقەردە ئوقۇدۇق دەپ ئىدولوگىيە كۆرىشىنىڭ نامسىز قۇربانلرىغا ئايلىنىپتۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىلىقى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە تۈرلۈك ماركىسىزىملىق قاراشلارنى بىزلا ئۆگىنىپتىمىز. جوڭگۇنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى بىزگە يادا بولۇپ كەتكەن بەن چاۋ، جاڭچىيەن، لىيۇجىنتاڭ دېگەندەك جوڭگۇنىڭ بىرلىكىگە توھپە قوشقان ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىكەن. شۇ چاغدا مەن بىزنىڭ تارىخ، سىياسەت، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىدىيە سىڭدۈرىدىغان دەرسلىكلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىكەنلىكىگە شەكلەنگەنىدىم. ئىسلام دۇنياسىدا ئىككىنچى بۇخارا (ئىمام بۇ خارى سەۋەبلىك بۇخارا مۇسۇلمانلار ئالىمىگە مەشھۇر، مەھمۇد كاشغەرى سەۋەبلىك قەشقەر تۈرك دۇنياسىدا شۆھرەتلىك) دەپ نام ئالغان قەشقەردە، ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپتا مەن تولۇق كوممۇنىزىمچى بولۇپ يېتىشىپ چىققانىدىم، ۋاھالەنكى، قىزىل پايتەخت بېجىڭدا ئالغان خەنسۇچە مائارىپ مېنى بۇ ئىددىيىدىن گۇمانلاندۇردى. تېخى ئۈچ يىل بۇرۇن شۇنچە قالايمىقانچىلىققا شاھىد بولغان بېيجىڭلىق تاكسىچىلار خۇددى ھىچ قانداق سىياسىي ئۆگىنىش قىلىپ ئىددىيىسىنى توغرىلىمىغاندەك سىزگە دېموكراتىيەدىن دەرس ئۆتەتتى. بىز قەشقەردە بىسرەمجان بولۇپ كەتكەن «غەرپنىڭ سىڭىپ كىرىشى»گە بېيجىڭلىقلار شۇنچە بىپەرۋا ئىدى. بېيجىڭدىكى بىرىنچى يىلىم قەشقەردە ئاڭلاشتىنمۇ قورقىدىغان «ئەكسىيەتچى» ئىددىيەرنى، كوچىدا ئاشكارە سېتىلىۋاتقان كىتابلاردىن ئوقۇش، دەرسخانىلاردا ئاڭلاش بىلەن ئۆتتى. ئۇيغۇر دىيارىدا ئىددىيەگە دائىر ماركىسىزىمدىن باشقا كىتابنىڭ بولماسلىقى، چەتئەل ئەدەبياتىغا ئائىت سوۋېت سوتىسيالىستىك رىيالىزىمىغا مەنسۇپ ئەسەردىن باشقىلارنىڭ ئازلىقى، بىزنى ئىددىيىدە بەكلا چۈشەپ قويغان ئېدى. بىز توغرىسىنى ئېيتقاندا، شىڭشىسەي سوۋېت بىلەن دوست بولغان 1930- يىللاردىن بۇيان ئەدەبىيات، مۇزىكا، ئۇسسۇل، كىيىم كېچەك، مائارىپ قاتارلىق تەرەپلەردە رۇس كومىنىستلىرىغا ئەگىشىپ ياشاپ كەپتىمىز. 1930-يىللاردىن بۇيان ئەنگىلىيە كونسۇلى بىلەن شىۋىت كونسۇلى ئىدولوگىيە رىقابىتىدە رۇسلارغا ئىزچىل ئۇتتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ قەشقەردىن قوغلانغان. ئەنگىلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ ئايالى ماكارتىنى خانىم قەشقەرنى زامانىۋىي دۇنيادىكى مەھبۇسقا ئوخشاتقانىكەن. ئۇنىڭ يېزىشىچە قەشقەر روسچە كومۇنىستىك ئىدولوگىيەنىڭ تۇرمىسىگە قامالغان. بېيجىڭ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بۇ شەھەر ھەتتا 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر خىل ئىددىيەلەرگە قۇچاق ئاچقان. ئىسلاھاتتىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە بېيجىڭنىڭ ئىددىيىدە شۇنچە ئاسان ئازات بولالىشى باشقا سەۋەپلەردىن باشقا، بەلكىم قەشقەردەك مۇددەتسىز ھەپسىگە مەھكۇم بولمىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. شۇ ۋاقىتلاردا بېيجىڭدىكى مەكتەپلەردە قاينىغان «زامانىۋىيىلىشىش غەرپلىشىشمۇ»، «دېموكراتىيە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلامدۇ، پاراۋانلىقنىمۇ؟»، «ڧېدىراتسىيە تۈزۈمى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشىمۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش مۇنازىرىلەرنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغانىدى. شۇ چاغدا دىنشۇناسلىق ڧاكۇلتىتىدىكى بىر پروڧېسسور لېكسىيەسىدە «جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنيىتى دېموكراتىك تۈزۈمدىكى تەيۋەندە ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلىنماقتا» دېگەن ئېدى. مەن شۇ چاغدا «مۇئەللىم، سىز جوڭگۇلۇقلار دېگەندە خەنسۇلارنىلا كۆزدە تۇتىۋاتامسىز؟» دېسەم، قىلچە ئويلانماستىن «ئەلۋەتتە» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى. شۇندىن كېيىن مەن دۇنياغا باشقىچە قارايدىغان بولدۇم، نەزىرىمدىكى دۇنيادا كاپىتالىزىممۇ، سوتسىيالىزىممۇ يوق، پەقەت ئىنسانلارلا بار ئىدى. مەزكۇر دۇنيادا تۈزۈمنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەققانىيەتنى، ئادىل رىقابەتنى قوغداش، ئىنساننىڭ ئىجادچانلىقىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرۈش، ئىنساننىڭ ئويلاش، سۆزلەش، تەشكىللىنىش ئەركىنلىكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرش ئىدى. بۇ يەردە ئىنسان سۆزى، ئىددىيىسى سەۋەبلىك جازالانمايتتى. ئۇشبۇ يېڭى دۇنيانىڭ ئاساسى قانۇنى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق رازىلىقى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ياراتقۇچى ئاتا قىلغان مۇقەددەس ھوقۇقىنى شەرتسىز قوغدىشى كېرەك ئىدى. ئۇ يەردە بىلىم مەلۇم ئىدولوگىيەنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن ئۆگىتىلمەي ئىنسان ھاياتىدا لازىم بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆگىتىلەتتى. ئۇ يەردە بىلىم مەلۇم تۈزۈمنى پەدەزلەش قۇرالى ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ دۇنيانى، كىشىلەرنى ۋە ئۆزىنى چۈشىنىشىنىڭ قورالى ئىدى. كىشىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىنتىلەتتى. شۇ چاغدا ئىككى ئىش ماڭا تەسىر قىلدى، بىرى ئۈرۈمچىدە بىلىم ئاشۇرىۋاتقان ئاكام ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشىمنى تەۋسىيە قىلىپ يارىدەمگە خېلى جىق پۇل ئەۋەتتى، يەنە بىرى مەكتىپىمىزنىڭ قېشىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا كۈل تارتىدىغان بىر خەنسۇ بالا تولۇق مۇكاپات بىلەن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەتتى. يىللاپ كۈل تارتىپ تاپقان پۇلىنى ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىپ تەلپۈنگىدەك ئامېرىكا قانداق يەر؟ نېمىشقا ئامېرىكا مەكتەپلىرى باشقىلارنى ئوقۇش پۇلى ئالمىغاننىڭ ئۈستىگە تۇرمۇش پۇللىرىدىن تارتىپ بېرىپ قوبۇل قىلىدۇ؟ مۇشۇ نېمىشقىلارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن ئاكام ئەۋەتكەن پۇلنىڭ يارىدېمىدە ئېنگىلىزچە ئۆگىنىشكە باشلىدىم.
شۇندىن كېيىن مېنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان ئىلىم ئىزدەش مۇساپەم باشلاندى، مەن ئۇچراتقان ساختا ئىلىمنىڭ زۇلىمى، زالىم ئىلىمپۇرۇچلارنىڭ دەرس دەپ ئاتالغان مۇستەملىكىچىلىكى، مېنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇشقا بولغان ئىرادەمنى ھەسسىلەپ كۈچەيتتىكى توختاتمىدى. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، بىر ئادەمنىڭ كاللىسىنى ۋاقتى كەلگەندە بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان قۇرۇق گەپلەر بىلەن تولدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ نىمىشقا مەن ئالغان ئون بىر يىللىق مائارىپ مېنى كوممۇنىست قىلىشقىلا يارىدى-يۇ جان بېقىشقا يارىمىدى؟ مېنى ئامېرىكىغا، ئۇنىڭ كاپىتالىزىم تۈزىمىگە ئۆچ قىلغان مائارىپ نېمىگە ئېرىشتى؟ مەن نېمە ئۈچۈن كۆرۈپمۇ باقمىغان دۆلەتكە، ياشاپمۇ باقمىغان تۈزۈمگە نەپرەتلەندىم؟
يېقىندا ئاڭلىشىمچە، مېنىڭ تولۇقتىكى بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ئانامغا «ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى» دەپتۇ. مەن ئامېرىكىدا بولغاچقا بۇ گەپ ئىخلاسمەن ئانامنىڭ كۆڭلىگە كەلگەن بولغاي ماڭا، «بالام سەن مەكتەپتە مەسجىد بار، مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ۋە مۇئەللىملەر ئىماملىق قىلىدۇ دەيسەن، ئىسلام تەرغىباتچىلىرى بار دەيسەن، ئىسلام دىنى دەرس قىلىپ ئۆتىلىدۇ دەيسەن، ئوقۇغۇچىلار چۈمبەل ئارتسىمۇ، ساقال قويسىمۇ چەكلىمەيدۇ دەيسەن، خانىمىڭنىڭ نېمە دېگىنىدۇ بۇ؟». بۇنىڭغا نېمە دەي؟ ئۇلارغا ئىراققا، ئابغانىستانغا ئۇرۇش ئاچقان بوش ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلىتى ياكى خەلقى ئەمەس، بۇ يەردە ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەت ئىككى ئۇقۇم دەپ چۈشەندۈرەلەمدىم؟ ياق.
ئۇچۇر مەنبەسى سۈنئىي قامال قىلىنغان جەمئىيەتتە كىشىلەر بىر بولسا دۇنيا يېڭىلىقلىرىغا قىزىقماي ياكى قىزىقىشتىن قورقۇپ بىخەۋەر قالىدۇ، يەنە بىر بولسا ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ئەسەبىي تۈس ئېلىپ كاللىسى تەرەپباز ئۇچۇرلارغا لىقلىنىدۇ، ئۈچىنچى بىر ئىھتىمالدا دۇنيانى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتكە، موھىتقا ئوخشۇتۇپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. مەيلى قانداق تەسەۋۋۇر قىلسۇن ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى بۇرمىلانغان بولىدۇ. ئۆتكەندە بىر مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچى «بەرقى مۇنبىرى»دە دېموكراتىيەنى «ئافرىقىچە دېموكراتىيە»، «ئاسىياچە دېموكراتىيە» دەپ ئايرىپ يۈرمىدىمۇ! جوڭگۇچە سوتسىيالىزىمدا ياشاۋاتقان ئادەمگە دېموكراتىيەمۇ شۇنداق تۇيۇلماي قالامدۇ؟ ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەت ھىچ قاچان ئايرىلىپ، ئالمىشىپ باقمىغان بىر ئەلدە كىشىلەر دۆلەت بىلەن ھۆكۈمەتنى ئايرىپ بولالامدۇ؟ ئانامغا باشقا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ گەپنى يۆتكىۋەتتىم. ئەمما بۇ گەپ ماڭا ئۇزاققىچە تەسىر قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچۇم پاكىستان ياكى ئورتا ئاسىيا ئارقىلىق كەلگەن بۇرمىلانغان چۈشەنچىنى تارقىتىۋاتاتتى. مۇئەللىملەرنىڭ ھالى شۇ تۇرسا، جىيەنلىرىمنىڭ بىر-بىرىنى «خۇدايىم بۇيرىسا دەپ دىنىي گەپ قىلما، خانىمغا دەپ قويسام جاجاڭنى يەيسەن» دەپ تەھدىت سېلىشلىرىنى توغرا چۈشەنمەي قانداق قىلاي! ماڭا بۇرمىلانغان چۈشەنچە ۋە تەرەپباز ئىدولوگىيەلەرگە مەھكۇم بولغان، مېنى كوممۇنىست قىلىپ تەربىيەلىگەن قەشقەر بۇرۇنقىدىن ئۆزگەرمىگەندەك تۇيۇلدى. قەشقەردىكى بىردىنبىر ئالى مەكتەپ پەقەت ئىككىلا كەسپتىن ماگىستىر ئاسپىرانت(تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى) قوبۇل قىلىدىكەن. بىرى ئەدەبىيات يەنە بىرى ماركىسىزىم. ئەمەلىيەتتە ئىككىلىسى ئىدولوگىيە نوقتىسىدىن بىر مەركەزگە بېقىنىدۇ. مائارىپ يەنىلا «ئاساسىي خەۋپ»، «ئەشەددىي دۈشمەن» دېگەندەك ئىدولوگىيىلىك ئوقلارغا باغلانغان. ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بۈگۈن «ئامېرىكىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشىمىنى» دېگىنى بىلەن باشقا ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ماڭا يىگىرمە نەچچە يىل بۇرۇن «ئامېرىكا ئىزىلگۈچى خەلقلەرنىڭ دۈشمىنى» دەپ ئۆگەتكەنلىرى ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرق يوق ئىدى. دېمەك بۈگۈنمۇ بىر خىيالىي دۈشمەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈلمەكتە، بىر مەۋھۇم قورقۇنچ رىياللىقنى پەدەزلىمەكتە ئېدى. ئامېرىكىنى سەۋەبسىز دۈشمەن دەۋاتقانلار قۇربانلىق بولماقتا، مەقسەتلىك دۈشمەن دېگۈزىۋاتقانلار بالىلىرىنى، پۇللىرىنى يوشۇرۇنچە ئامېرىكىغا يولغا سالماقتا ئىدى. كىشىلەرنىڭ بوش مىڭىلىرىگە كۆرۈنمەس قەلەملەردە سىخمىلارنى سىزماقتا ئېدى. چۈنكى بېكىك جەمئىيەت، بۇرۇختۇم موھىت ھەرقاچان تەرەپباز ئۇچۇر، بۇرمىلانغان ئىددىيە ۋە ئاساسسىز چۈشەنچىلەرنى تارقاتقۇچىلارنىڭ خېرىدارلىق بازىرى ئېدى.
مەن كۆرگەن مائارىپ خاتىرەمگە «ئامېرىكا ئىزىلگۈچىلەرنىڭ دۈشمىنى» دەپ يېزىپ قويغان ئېدى. بۈگۈنكى سەبىلەرنىڭ خاتىرىسىگە بۇنىڭ «ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى» دېگەن يېڭى بىر نۇسقىسى قوشۇپ يېزىلماقتا. مەنچە ئالدىنقىسى مەلۇم كىشىلەرنى مەلۇم مەزگىل دۈشمەنلىك كەيپىياتىغا گىرىپتار قىلسا، كېيىنكىسى بىر مىللەتنى ئۇزاققىچە دۈشمەنلىك تۇيغۇسىغا مەھكۇم قىلىدۇ. مەن بىلىم، سۆيگۈ ۋە قەيسەرلىككە تەشنا قەلبلەرگە دۈشمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى تېرىۋاتقانلارغا نەپرەتلىنىمەن.

(2) ئىزدىنىش سەپىرى

ئامېرىكىدا ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ باشلىغان ئېنگىلىزچەم بىر مەزگىللىك قىزغىنلىقتىن كېيىن توختاپ قالدى. ماڭا تىل ئۆگىنىش تولىمۇ تەس كېلىۋاتاتتى. ئېنگىلىزچە بىر سۆز ئۆگەنسەم كاللامدا شۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلار بايرام قىلاتتى. تىل ئۆگىنىش ئادەتتە قۇرۇق يادىلاش ۋە دوراش جەريانى بولغاچقا مېنىڭ ئويچان تەبئىتىم بىلەن ھىچ سىغىشالمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭدەك يات شەھەردە ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان « سەن كىم؟»، «ئۇيغۇر قانداق خەلق ئىدى، بۈگۈنى قانداق، ئەتىسىچۇ؟، ئۇيغۇرنىڭ توپراقلىرى قايەردە ئېدى، قايەردە بولار؟» دېگەندەك يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە سۇئاللار، مەقسەتلىك ۋە مەقسەتسىز قىزىقىشلار مېنى كىتابلار ۋە تەگسىز خياللارغا غەرق قىلاتتى. بەزىدە پۈرۈشكەن ئاغىزلار، ئالايغان كۆزلەر، نەپرەتلىك سۆزلەردىن تېمىۋاتقان «يانچۇقچى، ئوغرى، مەينەت كاۋاپچى، مەرىپەتسىز ياۋايى، نومۇسسىز كەلگۈندى» دېگەندەك مەنىدىكى زەھەرلەر مېنى چەكسىز، ئازاپلىق سۇئاللارغا چۈمدۈرگەن ئېدى. بەزىدە بەكلا گەۋدىلىك ئۇيغۇرغا خاس چىرايىمدىن بىزار بولغانلىقىمنىمۇ يوشۇرمايمەن. ھەتتا ئاپتوبۇسقا چىققاندا «مۇشۇ خەق ئوغرى دەپ قالمىسۇن» دېگەن ئەندىشىدە يوغان خەنسۇچە كىتاب كۆتۈرىۋالاتتىم ھەم ئىككى قولۇمنى تۇتقۇچتىن ئالمايتتىم.(كېيىن بۇ ئادەتنىڭ مەندىلا ئەمەس ئىچكىرىدە ئوقۇغان 90-يىللاردىكى خېلى كۆپ دوستلاردا مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى بايقىدىم). مۇشۇنداق سۇئاللار ۋە مۇئامىلىلەر ماڭا ھاياتىم ۋە ئىستىقبالىمنىڭ ئۆزۈم مەنسۇپ بولغان خەلق بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇرۇپ تۇراتتى.
مەن ئالى مەكتەپكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ئۇنۋېرىستىتتا ئوقۇش مەقسەد ئەمەس، بىر ۋاستە دەپ ئويلايتتىم. ئالىم مەكتەپكە قاراپ سەپەرگە چىققاندا بىر ساۋاقدىشىم «ئۈچ يىللىق مەكتەپتە ئوقۇپلا خىزمەتكە چىقىدىغان ئىشنى قىلغۇم بارتى، بەش يىللىق مەكتەپكەن» دەپ ئاغىرىنىپ بەرگەندە تاڭ قالغانتىم. بېيجىڭغا كەلگەندە ئەلا ئوقۇپ يۇرتۇمدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن ئاقارتىشقا قاتنىشىمەن، دەپ ئويلايتتىم. ئەمما مېنىڭ ئون بىر يىل بىلىم دەپ ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ پەقەتلا بىر ئىدولوگىيە ئۈچۈن بولغانلىقىنى بايقىغىنىمدا قارارىمدىن شۈبھىلەندىم. ئالى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەچچە يىل ئىلگىرى تەييارلىۋالغان كۆنسىپىكلىرىنى يادلىتىشلىرى، شۇنچە يۇقۇرى نومۇر بىلەن كەلگەن ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ نېمە ئوقۇۋاتقىنىدىن ئەمەس پەقەت بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقىنىدىنلا پەخىرلىنىشى مېنى ئويغا سالاتتى. بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ بېيجىڭدا ئۇيغۇر ھەققىدە بەزىدە ئاڭلىق بەزىدە ئاڭسىز نۇرغۇن خاتا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ يۈرىشى ماڭا مۇشۇنداق بوغۇنلارنى ئۆز يۇرتىدىلا تەربىيەلەشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى. بىر ئىش پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بىر كۈنى مەركىزىي مالىيە ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئۈرۈمچىلىك خەنسۇ بالا مەكتىپىدە تاياق يەپ بىزنىڭ خوشنا ياتاققا يارىدەم سوراپ كەپتۇ. بىزنىڭ «قەھرىمان» بالىلار توپلۇشۇپ بېرىپ شۇ نانقېپىغا بولۇشۇپ باشقىلارنى ئۇرۇپ سوقۇپ كەلدى، ۋە پايدىسىغا ھاراق ئىچىشتى. شەرقى شىمال ئۇنۋېرىستىتىنى تۈگەتكەن بىر يۇرتدېشىمنىڭ دەپ بېرىشىچە مەكتىپىدە كىم «ئۇيغۇردىن دوستۇم بار» دېسە باشقىلار چېقىلالماسمىش. بىرىنجى يىلى يازلىق تەتىلدە يۇرتقا قايتقىنىمدا بىر سورۇندا مەن ئوقۇغان مەكتەپنى بېيجىڭلىقلارنىڭ « ئىككىنجى ھايۋاناتلار باغچىسى» دەيدىغانلىقى ھەققىدە پاراڭ بولدى. مەن بۇ گەپنى قىلغان بېيجىڭلىقلاردىنلا ئەمەس شۇ گەپنى ھېجىيىپ تۇرپ ھىچ خورلۇق ھىس قىلماستىن ماڭا شۇلارنى دوراپ دەۋاتقان قېرىنداشلىرىمدىن نەپرەتلەندىم. نەزەر خوجا ئۇيغۇر بالىسى 1913-يىلدىكى بىر خاتىرىسىدە «خەلقىمىزنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنى چەنتۇ دەپ ئاتاشتىن ئۇيالمايدۇ» دېگەنىكەن. خىيالىمدا توقسان نەچچە يىل بۇرۇنقى ئۆزىنى خەق قويغان ھاقارەتلىك نام بىلەن ئاتاشتىن ئۇيالمىغان ئۇيغۇر بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپنى «ھايۋاناتلار باغچىسى»غا ئوخشۇتۇپ كالچاراۋاتقان بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئوپمۇ ئوخشاش تۇراتتى. ئەڭ ھەيران قالارلىقى ئۇيغۇر بالىسى تەسۋىرلىگەن ئۇيغۇر تەربىيەسىز قالغانلىقتىن شۇنداق دېگەن بولسا بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان تۇرۇپ شۇ گەپنى دەۋاتاتتى. بەزىدە بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىم «ئۇيغۇرلار مەرىپەتسىز، قالاق» دېسە ھاراق ئىچىپ مۇش كۆتۈرەتتىيۇ، قالاق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگىدەك تارىخىي بىلىمدىن ساۋاتسىز ئېدى. بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پىداكار مۇئەللىملەرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە رىغبىتى بىلەن « ئۇيغۇرشۇناسلىق ئەنجۈمەنى» ئىسىملىك بىر ئىلمىي مۇنبەرنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق. ئىككى ھەپتىدە بىر چاقىرىلىدىغان ئەنجۈمەن شۇنداق قىزغىن داۋاملاشقان بولۇپ ھەر قېتىمقى لېكسىيەدە سىنىپقا بالىلار پاتماي قالاتتى. بۇندىن باشقا ھەر يىللىق نورۇزنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمى ۋە 1995-يىلغىچە داۋام قىلغان «تەڭرىتاغ لوڭقىسى» تەنھەركەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق بېيجىدىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار ئارىسىدا مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ، ئىستىقبالنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە تەپەككۇر ئويغانغانىدى. ئۆز ساھەلىرىدە ئۇتۇق قازانغان دوكتۇر، مۇتەخەسىسلەردىن ئىلھام توختى، زەپەر ئابلىز، كۆرەش ئىبراھىم، راھىلە داۋۇت، ئەسئەت سۇلايمان، ئابدۇرەئوپ پولات، لېتىپ توختى، مەترېھىم سايىت قاتارلىقلارنىڭ ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى نەتىجىسىدە ساۋاقداشلىرىمىزدا قانداق ئۆگىنىشىنى، قانداق ياشاشنى ۋە قانداق چېنىقىشنى بىلىش ھەققدىكى چۈشەنچە ۋە تەجرىبىلەر تارقىتىلغان ئىدى. مەن شۇ چاغدا ئاتوم پىزىكىسى ئالىمى كۆرەش ئىبراھىمغا ئەگىشىپ ئاپتوبۇس بېكىتىگىچە ئۇزۇتۇپ چىققان نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ كەيپىياتىدىن ئۈلگىنىڭ چوقۇم كۆز ئالدىمىزدىكى كىشىلەردىن، ئۆزىمزىدىن چىقىشىنىڭ نەقەدەر موھىملىقىنى ھىس قىلغانىدىم.
مىجەزىم شۇ بولسا كېرەك، بىر نەرسىنى ئۆزەم بىلەر بىلمەي باشقىلارغا دەپ بېرىشكە، ئۆگىتىپ قويۇشقا ئالدىرايتتىم. نەتىجىدە چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە ۋاقىت يېتىشتۈرەلمەيتتىم. بەلكىم بۇ ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان پىسخىك ئىھتىياج-ھۆرمەتلىنىش ئىھتىياجى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. ۋەياكى مېنىڭ بىر ئاكام دېگەندەك ياخشىلىق قىلىش پىشانەمگە يېزىلغاندۇ. بەزەن شۇ چاغدا قۇرۇق ئاۋارە بولغاندەك ئويلاپ قالىمەن. ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلارنىڭ مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن. مەسىلە قانداقتۇر شۇ چاغدا مەن ئېقىمغا ئەگىشىپ قاقشىغاندەك مىللتىمىزنىڭ «ئەيىپلىرى» بىلەن مۇناسىۋەتسىزكەن. سىياسەتنىڭ زورى بىلەن قوبۇل قىلىنغان، ئىقتىسادىي نەپ تۈپەيلى مەكتەپتىن ئاسانلىقچى قوغلانمايدىغان، «ئىتىبار» تۈپەيلى تۈزۈكرەك دەرسمۇ ئورۇنلاشتۇرلمايدىغان ستۇدېنت قايسى مىللەت بولمىسۇن «بۇزۇلىدىكەن». ئالى مەكتەپتە ئۆزەم مەنىسىنى ۋە زۆرۈرىيىتىنى ھىس قىلىپ قىلغان ئىنگىلىزچە ئۆگىتىش، ئۇيۇشما قۇرۇش، لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ كىملەرگە، قانچىلىك بەركەت ۋە ئۈنۈم ئاتا قىلغانلىقىدىن بىخەۋەر قالدىم، لېكىن بېيجىڭدىكى داۋانلاردا-ئەنجۈمەنلەردە، مۇسابىقەلەردە ۋە يىغىلىشلاردا مېنى يالغۇز قويمىغان ۋە يار يۆلەكتە بولغان دوستلارنى دائىم سېغىنىمەن. ئۇلارسىز بۇ مۈشكۈل سەپەردە ھاراتتىم. شۇ چاغدا ھەمسەپەر بولغان دوستلارنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى مۇشەققەتلىك مۇساپىدە يەنە يېنىمدا بولۇشىنى ئارمان قىلىپ قالىمەن.
بېيجىڭدا ئېنگىلىزچىنى شۇنچە پۇل خەجلەپ مۇشەققەتتە ئۆگەندىم لېكىن ئۆزەم رازى بولغۇدەك سەۋىيەگە يېتەلمىدىم. ئۆزەم ئالاقىگە خوشسىز بولغاچ بۇ تىلدا راۋان سۆزلەشنى ئۆگىنەلمىدىم، تىلنىڭ يۇقۇرقى بىرىنجى ئۆتكىلدىن ئۆتەلمىگەچ ئۆزەم ئامراق كىتاب ئوقۇش باسقۇچىغا يېتەلمىدىم. بۇ جەياندا شۇنى ھىس قىلدىمكى، مەندەك ئالاقىگە پەمسىز ۋە خوشسىز ئادەمنىڭ تىل ئۆگەنمىكى مۈشكۈلكەن. بەزىدە چەتئەلگە توغرىسى ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش ھەققىدىكى ئىرادەم دائىم تەۋرىنىپ تۇراتتى. بەلكىم مېنىڭ تەقدىرىم شۇ بولسا كېرەك، مەن دائىم ھاياتنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئويلۇنۇپ قالاتتىم ۋە قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ ئەھمىيىتىدىن توختىماي شۈبھىلىنەتتىم. شۇ چاغلاردا بېيجىڭدا «سوڧىنىڭ دۇنياسى»(بۇ كىتاپنى داۋۇت ئوبۇلقاسىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى) دېگەن كىتاب بازارلىق بولدى. كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پەلەسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ كىتابىدا غەرپ پەلەسەپىسىنى ھىكايەلەشتۈرۈپ بىر يىپقا تىزىپ چىقانىدى. شۇ چاغدا بىزگە مەھمۇد كاشغەرىدىن تارتىپ تەجەللىگىچە بولغان تەۋەرۈكلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن تەپسىلى ئۆگىتىلەتتى، ئەمما مەزمۇنى ھەققىدە كۆپ سۆزلەنمەيتتى. ئوقۇغان مەزمۇندىن بەھىر ئالالمىغاچقىمۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ بەزىلىرى توغرىسى بۇ دەرسلەرگە ئۆچ ئېدى. بىر قېتىم قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەرسىدە مۇئەللىم، تۇرپاندا 1912-يىللاردا بىر دېھقاننىڭ نەچچە ھارۋا قەدىمكى قول يازمىنى «كاپىر قالماقلارنىڭ بىر نەرسىسى ئىكەن» دەپ سۇغا ئېقىتىۋەتكەنلىكىنى ئېچىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى. دەرس تۈگەپ ياتاققا قايتقاندا بىر ساۋاقدېشىم «ئەجەپمۇ ياخشى قىلغانىكەن شۇ دېھقان، بولمىسا ئۆگىنىپ ئاۋارە بولاتتۇق» دېۋىدى، باشقا ساۋاقداشلىرىممۇ تەستىقلاشتى. دەسلەپتە نېمە دېيىشىمنى ئۇقالمىدىم، ئاندىن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ قالدىم، مەنچە قەدىمكى ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە يېشەلىگەن بولساق مۇنداق بىزارلىق بولمايتتى. ماڭا «سوڧىنىڭ دۇنياسى» تېپىلماس ئىلھام بولۇپ شۇنداق بىر كىتاب يېزىش پىكىرى تۇغۇلدى. تارىختىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى قىزىقارلىق شەكىلدە بىر يىپقا تىزىپ چىقىشنى خىيال قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئۇنۋېرىستىتقا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا تىزىملاتتىم. بۇ ئىش ماڭا چەتئەلدە ئوقۇشتىنمۇ موھىم بىلىندى. گەرچە شۇ قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بولساممۇ شۇ چاغدا چىڭىغان ئىرادە قەشقەرنىڭ بىر كەنتىدە خەنسۇ سېكرتارغا تەرجىمانلىق قىلىۋېتىپمۇ، ساۋاتسىز كەنت مۇدىرىغا كاتىپىلىق قىلىۋېتىپمۇ سۇنمىدى. بېيجىڭ داۋانلىرىدا چېنىققان روھ بىزنى يېزا شۇجىسىنىڭ گەنسۇ تەلەپپۇزىدا ۋارقىراشلىرىغا باش ئەگدۈرمىدى، تىللاشلىرىدىن ئازات قىلدى. دوست بۇرادەرلەر خىزمەتنى تاشلىغىنىمدىن ھەيران قېلىشتى، «ھىچ ئىش تاپالمىسام بېيجىڭغا قايتىپ كاۋاپچىلىق قىلىمەن!» دېگەن سۆزۈمنى ئۇلار پايانسىز سۈكۈتلىرىگە سىڭدۈرىۋېتىشتى، چۈنكى ئۇلار سىتۇدېنت بىلەن كاۋاپچىنىڭ پەرقلىق تەبىقىگە مەنسۇپلىقى تەكىتلىنىدىغان موھىتتا تەربىيەلەنگەن ئېدى. ئۇلارنىڭ كاللىسىدا كادىر، ئىشچى، دېھقان، تىجارەتچىدىن ئىبارەت پولات قاتلام شەكىللەنگەن بولۇپ تىز پۈكۈپ كادىر بولۇشنى تىك تۇرۇپ كاۋاپچىلىق قىلىشتىن ئەلا بىلەتتى. بىر دوستۇمنىڭ يارىدىمىدە يۇرتۇمدا تۇنجى ئىگىلىز تىلى كۇرسىنى ئاچقىمىندا سىنىپىمغا ئادەم پاتمىدى،كەلگەنلەرنى تىزىملاپ ئۈلگۈرەلمىدىم. ئوقۇرمەنلىرىمگە مەلۇم بولغايكى، بۇ قوش تىلللىق مائارىپ بويۇنتۇرۇققا ئايلانغان 2000-يىللار ئەمەس، 1990-يىللار ئېدى. مەن سىنىپقا سىغماي ئولتۇرۇشقان قارا كۆز، قارا قاشلاردىن كەلگۈسىنى، ئۈمىدنى كۆردۈم، مىللەت ئومۇمىيۈزلۈك ئىنكار قىلىنىۋاتقان ئۇ چاغلاردا شۇ كىچىككىنە ئۈمىد ئۇچقۇنى قىممىتىمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسى بولدى.

(3) رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا

ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدىكى ئوقۇشۇم ھاياتنىڭ قىممتىدىن گۇمانلىنىش، ياشاش ئىقتىدارىمدىن خودۈكسىرەش، بېيجىدا شەكىللەندۈرگەن قاراشلىرىمنى ئىنكار قىلىش ئىچىدە ئۆتتى. بېيجىڭدىكى مەكتەپلەردىن ئاسمان زېمىن پەرقلىق مەكتەپ موھىتى، دۆڭكۆۋرۈكتىكى يۈرەكنى لەختە قىلىدىغان بىچارە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، شۇ بىچارىلەرنىڭ بوۋلىرى قالدۇرغان كونا كىتاب ۋە ئەسكىرەپ كەتكەن تېپىندىلارنى زامانغا بېقىپ چۈشەندۈرۈش بەدىلىگە گالىستۇك تاقاپ يۈرۈشكەن ئىلىمدارلار ئۈمىتلىرىمنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرەتتى. شۇ چاغلاردا بېيجىڭدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ كەلگەن ياش ئوقۇتقۇچىمىز ئارقىلىق ئامېرىكلىق ئەرەب ئالىم ئېدۋارد سەئىد(1935-2003)نىڭ ئىددىيىسى بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇنىڭ قارىشىچە غەرپ ئالىملىرى بەرپا قىلغان شەرقشۇناسلىق غەرپنىڭ مۇستەملىكىچىلىك قىلمىشلىرىنى نەزەرىيە بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ شەرق مىللەتلىرىنىڭ ئۆزى ۋە دۇنيا ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئەمەلىيەتتە غەرپ لايىھىلىگەن ئېدى. ئۇ بەرپا قىلغان كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك تەلىماتى بويىچە غەرپنىڭ مۇستەملىكىچىلىكى ئەسىرلەر بويى ھىچ بىر ئۆزگەرمىگەن بولۇپ پەقەت ئىلگىركى تەننى قۇل قىلىشتىن ھازىرقى روھنى ئەسىر قىلىشقا تەرەققىي قىلغان بولۇپ كېيىنكىسى ئالدىنقىسىدىنمۇ خەتەرلىك ئېدى. بۇلارنى ئويلىغانسىرى ئامېرىكا ياكى ياۋرۇپاغا بېرىپ ئوقۇش ھەققدىكى خىيالىم بەكمۇ گۆدەكلىك بولۇپ تۇيۇلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەپ دۆلەتلىرىدە ئوقۇش قارارىغا كەلدىم. ئەمما شۇنچە ئاقتۇرۇپمۇ ئەرەب دۆلەتلىردىكى ئۇنۋېرىستىتلارنىڭ مۇكەممەل ئېنگىلىزچە توربېتى بارلىرىنى ئاساسەن تاپالمىدىم. شۇ چاغلاردا مەن چوڭ بىلىدىغان ئەزھەر ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ئاسپىرانتلىق دەرس جەدۋېلىنى توردىن تاپالماي ئېچىنغانىدىم. (بەلكىم ھازىر بۇ ئىشلار جىق ئۆزگەرگەندۇر). ئىراننىڭ ئالى مەكتەپلىرى ھەققىدە ئىگىلىزچە ئۇچۇرلارنى تاپقان بولساممۇ شۇنچە ساقلاپ تىگىشلىك جاۋاپ ئالالمىدىم. شۇ چاغلاردا خەنسۇ زىيالىلىرى ئارىسىدا باش كۆتۈرگەن مىللەتچىلىك ۋە بۇنىڭغا ماس ئەۋج ئالغان كوڭزىچىلىق غەرپنى كۈچەپ ئىنكار قىلىۋاتاتتى. بىزدىمۇ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ۋەكىللىكىدىكى بىر قىسىم ژورناللاردا «غەرپنىڭ مەدەنىيەت جاھانگىرلىكى، مەدەنىيەت مۇستەملىكىچىلىكى» دېگەندەك ئۇقۇملار كۆپىيىشكە باشلىغان ئېدى. بىر قىسىم زىيالىلار خەنسۇ زىيالىلىرىنىڭ مىللەتچىلىك تەشەببۇسلىرىدىن ئىلھاملىنىپ غەرپ ئىددىيىلىرىگە قارشى مەيدانغا ئۆتكەن ئېدى. بۇ كەيپىيات ئوقۇرمەنلەردىمۇ ئەكىس ئېتىپ چەتئەل ئەسەرلىرىدىن سوۋۇش كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەردە دىنغا ۋە تارىخقا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رىيال مەسىلىلىرىگە ئائىت ئەسەرلەرنىڭ بازىرى بەكلا ياخشى ئېدى. رىياللىققا ئائىت ئەسەرلەردىن «ئىللەت»لەر سۆكۈلگەن ۋە ياتلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە دائىر ئەسەرلەر ئالاھىدە خېرىدارلىق بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن غەرپتە ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى يوققا چىقاردىم ۋە غەرىپتىن ئۆگىنىشتىن تولۇق ۋاز كەچتىم. ئىنگىلىزچىنى داۋاملاشتۇرۇش ئورنىغا تۈركىيە تۈركچىسى ۋە پارىسچە ئۆگىنىشكە باشلىدىم.
مەكتەپ ئاسپىرانتلاردىن ئۇ چاغلاردا ئوقۇش پۇلى ئالمايتتى. بېرىدىغان تۇرمۇش پۇلى بەك ئاز بولۇپ ئەڭ تىجىگەندىمۇ ئون بەش كۈنگە ئاران يېتەتتى. ياتاق پۇلى، كۈندىلىك خىراجەتكە پۇل تاپمىساق بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاكامغا يارىدەملىشىپ نەشىرىياتچىلىققا كىرىشتىم. كۈنلىرىم خەلق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر ئەسەرلەرنى ئوقۇش، تەشۋىق قىلىپ سېتىش ۋە تۇغقان تۈركى تىللاردىن كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلەن ئۆتتى. بۇ يول ماڭا زىيالىنىڭ بىلىمىنى پۇلغا ئايلاندۇرالايدىغان بىر يول بولۇپ تۇيۇلدى. مەن مۇشۇ كىتاب سودىسى قىلىش جەريانىدا سېتىلىۋاتقان كىتابلارغا قاراپ كىشىلىرىمىزنىڭ نەقەدەر مەرىپەتسۆيەر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ۋە ئەدەبىياتچىلارچە ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلدۇم. بەلكىم بەزى ئوقۇرمەن دوستلار تارىخ، ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلەر سېتىلغان بىلەن پەننىي كىتابلارنى خەق ئوقۇمايدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن. لېكىن مەن «پەن ۋە تۇرمۇش»، «بىلىم كۈچ»، «ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى»، دېگەندەك ئۇيغۇرچە پەننىي ژورنال ۋە باشقا ئەدەبىي ژورناللارنى ئىككى يىل پايدسىغا سېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇمنى پۈتكۈزىۋالدىم. (يۇقاردا ئىسىمىنى تىلغا ئالغان پەننى ژورنالدىن بىرنى ھۆددىگە بەرسە مەن شۇنىڭدىن پايدا ئېلىپ گۈلدەك ياشاپ كېتىشكە كۆزۈم يېتىدۇ). شۇ چاغلاردا مېنى سۆيۈندۈرگىنى كىتاب يېزىپ ۋە نەشىر قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر قىسىم زىيالىلار ئوتتۇرىغا چىقتى. (مېنىڭ ئېنىق بىلىدىغىنىم يارمۇھەممەد تاھىر ئەپەندى.) 1999-يىلدىن 2007-يىلغىچە بولغان ئارىلىق ئۇيغۇرلاردا كىتابچىلىقنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغانىدى. غالىبىيەت، مورتۇم، ئىدىقۇت، ساچىيە، قۇتادغۇبىلىك قاتارلىق كىتابچىلىق شىركەتلىرى دەۋر سۈرگەنىدى. مەن ئىككى يىل مۇشۇ ئىشنىڭ نېنىنى يىدىم. شۇ چاغدا مەخسۇس پەلەسەپە ۋە تېبابەتكە دائىر كىتاب نەشىر قىلدۇرغان بىر ئاكىمىزنىڭ دېيىشىچە ئۇيغۇرلادىن نەشرىياتچىلىق قىلىپ ۋەيران بولغىنى يوقكەن. مىللەتلەر نەشرىياتىدىكىلەردىن ئىگىلىشىمچە خەنسۇ بۆلۈمدىن قالسىلا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىختىسادىي ئۈنىمى ياخشىكەن. كېيىن ئىزدىنىش ئارقىلىق خۇسۇسىي نەشرىياتچىلىقنىڭ جوڭگۇدا خەنسۇلاردىن باشقا ئۇيغۇرلاردىلا بىر سودا تۈرى بولۇپ شەكىللەنلىكىنى بايقىدىم. شۇ چاغلاردا قايسى ژورنالىنى ھۆددىگە بېرىدىكەن، قايسى نەشىرىياتنى ھۆددىگە بېرىدىكەن دەپ تامادا يۈرگەن ئۇيغۇر جىق ئېدى (مەن دەل شۇلارنىڭ بىرى ئېدىم). چۈنكى مەن «ئانا يۇرت»نىڭ قاچاق باسمىسىدن باشقا 30مىڭ پارچە سېتىلغىنىغا گۇۋاھ بولدۇم. ئەركىن روزىنىڭ «بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار» دېگەن كىتابتىن قەشقەردە يېرىم يىل ئىچىدە 4000نى ساتتىم. «مەھمۇد كاشغەرى»گە ياركەنت كىتابخانىسىنىڭ بىر يىللىق 5000 تىراج بەرگىنىنى كۆردۈم. «لېيىغان بۇلاق» كەم دېگەندە 50،000 پارچە سېتىلدى. 1998-يىلى مەن «ئىز» ھەققىدە ماقالە يازاي، دەپ كىتابنىڭ داڭقىغا ئىسپات قىلاي دەپ قارىسام، تىراجى قايتا قايتا بېسىلغىنىنى ھىساپلىغاندا سەكسەن نەچچە مىڭ چىققانىكەن. كىتاب سودىسىغا ئارىلاشمىغان بولسام ئۈمىتسىزلىكتىن نە كويغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. مىڭلاپ، يۈزمىڭلاپ سېتىلىۋاتقان كىتابلار مېنى رىغبەتلەندۈرگەن، شۇ چاغدا كىتاب ئوقۇۋاتقان نەچچە يۈزمىڭ ئوقۇرمەنى بار ئۈمىتلىك بىر قەۋمنىڭ ئەزاسى بولۇش مېنى ئۈمىدكە تولدۇرغانىدى. كىتاب سودىسى جەريانىدا يەنە بىر بايقىشىم، بىزدىكى مۇئاشلىق زىيالىلار بىلەن مۇئاشسىز(دىندا ئوقۇغان، ياكى دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئۆزلىگىدىن ئۆگەنگەنلەر) زىيالىلار خۇسۇسى نەشرىياتچىلىقنىڭ مەزگىللىك گۈللىنىشى جەريانىدا بىر بىرىنى بايقىدى ۋە ھەمكارلاشتى. بولۇپمۇ مۇئاشسىز زىيالىلارنىڭ نەشىرىياتچىلىققا ئارىلىشىشى ئاۋامنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. بۇلارنى كۆرۈپ ئويۇمدا خەلق قىزىقمىغان غەرپنىڭ ئادەم ئاسانلىقچە چۈشەنمەيدىغان تۈرلۈك ئىددىيە ئېقىملىرىنى ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر ھاماقەتلىك بولىدىغانلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىدىم.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=244
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
تولۇق ئوقۇش