2009年5月11日星期一

Yeken se'idiye xanliqining tarixi



يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تارىخى



ئىبراھىم نىياز



چاغاتاي خانلىقىنىڭ يىقىلىشى ۋە سەئىدخاننىڭ دەسلەپكى پائالىيەتلىرى


چاغاتاي خانلىقى-چاغاتاي خانىدىم سۇلتان مەھمۇدخانغىچە 300 يىل راۋاجلانغان چاغاتاي موڭغۇل خانلقىدۇر.
چۈنكى، بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمدارلار چاغاتاي خاندانىدىن بولغاندىن تاشقىرى، ئۇلارنىڭ ئىدارە تەشكىلاتى-ياساقى(قانۇنى)، رەسىم-مۇراسىملىرى تامامەن موڭغۇل ئەنئەنىسىگە مۇۋاپىق ئىدى.
دۆلەت خادىملىرى بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ ئاساسىي قىسمى موڭغۇللاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان چاغاتاي ھۆكۈمدارلارنىڭ دەۋرلىرىدە ھەم يۇقارقى ۋەزىيەت سۇلتان مەھمۇدخانغىچە داۋام قىلدى. پەقەت دىنىي ۋە بەزى ئىجتىمائىي جەھەتتىنلا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولدى.
سۇلتان مەھمۇدخان ۋاپاتىدىن سەككىز يىل كېيىن قۇۇرۇلغان سەئىدىيە دۆلىتى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان دۆلەت بولۇپ، ھۆكۈمدارلىرى، خادىملار ۋە ئىسكەرلەرنىڭ ئاساسىي قىسمىنى شىنجاڭ جەلقى تەشكىل قىلغان. ئۇنىڭ ئىدارە-تەشكىلاتلىرى، رەسىم-مۇراسىملىرى، ئومۇمىي ھايات، مائارىپ ۋە باشقا ئىشلار تامامەن يەرلىك مەدەنىي خەلقنىڭ يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە مۇۋاپىق بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت قانۇنى ۋە ئەخلاقىغا ئاساسلانغان ئىدى. سۇلتال مەھمۇدخاننىڭ ۋاپاتى بىلەن چاغاتاي موڭغۇل دۆلىتى ئورنىغا سەئىدىيە خانلىقى تىكلەندى.
يەكەن سەئىدىيە خانلىقى: -بۇ خانلىقنى قۇرغۇچى سەئىدخاندىن باشلىنىپ، ھىدايىتۇللا ئىشان-ئاپپاق خۇجا دەۋرىگىچە جەمئىي 170 يىل ياشىدى.
زوراۋان ئىستىلاچى چىڭگىزخان-تېمۇرچىن ئۆزى ئىستىلا قىلغان كەڭ مەملىكەت ۋە رايونلارنى ئۆزى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى (1225-يىللىرى) مەركىزىي پايتەخت قارا قۇرۇمدا-قاغانلىق مەھكىمىسىدە داغدۇغىلىق قۇرۇلتاي چاقىرىپ، تۆت ئوغلىغا تەقسىم قلىپ بەردى. شۇ نىسبەتتە، ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن شىنجاڭنى مىراس قىلىپ بېرىپ، چاغاتايغا پادىشاھلىق تاج كىيدۈردى. ئۇنى مۇبارەكلەپ، ئىلىدىكى ئوردىدا سەلتەنەت تەختىگە چىقاردى.
تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋاپاتىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەمىر تۆمۈر كوراگان، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغۇللىرى خىزىر خوجا بىلەن ئىلياس خۇجىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇلارنىڭ ئىتائىتىدىن باش تارتىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش كۆردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، بىر پۈتۈن چاغاتاي خانلىقى پارچىلىنىپ، ئىچكى ئىختىلاپ كۈچەيدى. يەنى، خان، بەگزادىلەر ئوتتۇرسىدا تەخت، زېمىن تالىشىش ماجرالىرى زادىلا بېسىقماي، ئەلدە خاتىرجەمسىزلىك، ئىگىلىكتە ۋەيرانچىلىق ۋە ئىتتىپاقسىزلىقلار ئەۋج ئېلىپ كەتتى.
بۇنداق نىزا ۋە تەپرىقچىلىقتىن قەشقەردىكى زېمىندا مىرزا ئابابەكرى پايدىلىنىپ، قەشقەر، يەركەنلەردە نوپۇز تىكلەپ، قوراللىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللاندى.
بۇ ۋاقىتتا ئەھمەدخان چاغاتاي خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ھاكىمىيەتنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن ئوغۇللىرى مەنسۇرخان بىلەن سەئىدخان ئوتتۇرىسىدىمۇ ئۇرۇش پارتىلىدى. ئۇلار سەلتەنەت تالىشىپ ئۆز-ئارا سوقۇشتى. بۇ چاغدا مەنسۇرخان كۇچار، كورلا، قارا شەھەر، تۇرپان، بەشبالىق تەرەپلەرگە ئومۇمىي ۋالىي بولۇپ، قارارگاھى تۇرپاندا ئىدى. ئالتە شەھەرگە ئومۇمىي ۋالىي بولغان سەئىدخاننىڭ قارارگاھى ئاقسۇدا ئىدى.
سەئىدخانغا قارشى چىققۇچىلار كۆپەيدى. بىر تەرەپتىن مىرزا ئابابەكرىنىڭ ھۇجۇمى ۋە سۈيىقەستلىك ھەرىكەتلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ قارشىلىقى نەتىجىسىدە، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، تاغىسى بابۇر شاھتىن ياردەم ئېلىش ئۈچۈن ھىندىستانغا يول ئالدى. شۇندىن كېيىن مىرزا ئابابەكرى قەشقەر، يېڭىسار، يەركەن، خوتەن، ئاقسۇ شەھەرلىرىگە رەسمىي ھۆكۈمدار بولدى.
مىرزا ئابابەكرى زالىم، بەتخۇي ئادەم ئىدى. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۆز خائىشى بويىچە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، خەلقنى قاتتىق ئەزدى. بولۇپمۇ، ئاقسۇ خەلقىنى دەھشەتلىك ئىزىپ، خانىۋەيران قىلدى. ئاقسۇ خەلقىنى قەشقەر، خوتەنلەرگە مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ، شۇنىڭ بىلەن ئاقشۇ شەھىرى 16 يىل خارابى ھالەتتە تۇرۇپ، شەھەردە بىرمۇ ھاياتلىق قالمىدى.
مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىنى مۇنداق خاراب قىلىشىدىكى سەۋەب بولسا، يۇنۇس خاندىن كېيىن ئوغلى ئەھمەدخاننىڭ پايتەختى ئاقسۇ شەھرىدە بولغان ئىدى. مىرزا ئابابەكرى ئاقسۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئاقسۇ خەلقى سەئىدخان تەرەپتە تۇرۇپ، مىرزا ئابابەكرىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، بۇ شەھەر خەلقىنى قەشقەر، خوتەنگە كۆچۈرۈپ، شەھەرنى پۈتۈنلەي مەنسۇخ قىلدى. ئاسۇق شەھرىنى يېڭىدىن بىنا قىلدى. ئىنىسى مىرزا ئەبۇسەئىد سوپىنى ئاقسۇغا ۋالىي قىلىپ، ئاقسۇنى قارارگاھ قىلدى.
ئەبۇ سەئىدخان سوپى ئاكىسى مىرزا ئابابەكرىگە ئوخشاش زالىم بولغانلىقتىن، ئاسۇق شەھرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يارلىققا توققۇز زىندان قازقۇغغان ئىدى.
دېمەك، سەئىدخان مىرزا ئابابەكرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھۇجۇمى ۋە ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ مۇخالىپەتچىلىكى تۈپەيلى ۋەتەننى تاشلاپ، ھىندىستانغا بېرىش نىيىتى بىلەن پەرغانە تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.
بۇ ۋاقىتتا پەرغانىدا چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان مۇھەممەت شەيبانىخان (1451-1510) باش كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇ تۆمۈرلەڭ ئەۋلادىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىپ، بۇخارانى پايتەخت قىلىپ، ئەتراپىغا كېڭىيىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئىدى.
ئەھمەدخان ئۇلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىياغا لەشكەر تارتىپ باردى. بۇ ئۇرۇشقا ئۆزىنىڭ ئامراق ئوغلى سەئىدخانمۇ قاتناشتى. ھىجرىيە 908-يىلى ئەتراپىدا تاشكەنتنىڭ «ئەفسىر» دېگەن يېرىدىكى ئۇرۇشتا ئەخمەدخان مەغلۇپ بولۇپ، شاھبەگخاننىڭ قولىغا ئەسىر ئەسىر چۈشتى. سەئىدخان بۇ ۋاقىتتا بابۇر مىرزا بىلەن نەمەنگان ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئىدى. ئۇ ئۇرۇشتا ئېغىر يارىلىنىپ، ئەھمەد بەگە يەمبىل لەشكەرلىرىگە ئەسىر چۈشتى.
ئەھمەخاننى شاھبەگ خان ئەسىرلىكتىن بوشىتىپ، ئۆز ئورنى ئاقسۇغا يولغا سالدى. لېكىن، سەئىدخان بىر يىلدىن ئارتۇق نەمەنگان زىندانىدا ياتتى. كۆپ مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردى. ئىككىنچى يىلى ئەنجانغا، سۇلتان ۋە ئۆزبېك خانلار خان بولغاندىن كېيىن، سەئىدخاننى زىنداندىن بوشىتىپ، نازارەت ئاستىغا ئالدى. مۇشۇ پەيتلەردە ياش سەئىدخاندىكى جاسارەت ۋە قابىلىيەتنى كۆرگەن بەزى ئەمەلدارلار ئۇنىڭغا ئاستىرىتتىن ھېسداشلىق قىلىشقا باشلىدى.
سەئىدخان ئاشۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن يۇشۇرۇن تەييارلىق كۆردى ۋە پۇرسەت تېپىپ 18 قۇراللىق ئادەم بىلەن قاچتى. ئىسسىق كۆل بويىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان تۇغقىنى مۇھەممەتخاننىڭ ھۇزۇرىغا پاناھلاندى.
سەئىدخان مۇھەممەتخاننىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغان پەيتلەردە، ئۇنىڭ ئەيش-ئىشارەتكە بېرىلگەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمى پىتنە پاساتقا تولۇپ، چېرىكلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، مۇھەممەخخاننى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، دۆلەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش زۆرۈرلۈكىنى چۈشىنىپ يەتتى. شۇڭا ئۇ، مۇھەممەدخاندىن ئايرىلىپ، يىراقراق ئورۇنغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قارشى مەخپىي ھەرىكەت ئويۇشتۇرۇش قارارىغا كەلدى. مۇشۇ مەقسەت بىلەن ئۇ مۇھەممەتخاندىن يەتتە سۇغا كېتىش ئۈچۈن رۇخسەت سورايدۇ. لېكىن مۇھەممەتخان سەئىدخاندىن ئەنسىرەپ بۇ يەردىن كېتىشكە رۇخسەت قىلمايدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن سەئىدخان يۇشۇرۇن ھالدا ئۆز تەرەپدارلىرىدىن 200 دىن ئارتۇق ئادەم توپلاپ قۇراللاندۇرۇپ، مەخپىي ھالدا بۇ يەردىن قاچىدۇ. سۇلتان مۇھەممەتخان بۇ ئەھۋالنى سېزىپ قالىدۇ. ئۇلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. سەئىدخان بىلەن ئۇرۇشۇپ يارىدار بولۇپ قولغا چۈشىدۇ. ممۇھەممەتخان ئۇنى قاتتىق نازارەت ئاستىدا ساقلاشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. كېيىن مۇھەممەتخاننىڭ بىپەرۋالىقىدىن پايدىلنىپ سەئىدخان مەخپىي ھەرىكەتكە كىرىشىدۇ. ئىككى يىل نەزەربەنتتە تۇرۇش جەريانىدا يۇشۇرۇن رەۋىشتە ئۆز تەرەپدارلىرىنى تەشكىللەيدۇ. ھىجرىيە 913-يىلى(مىلادى 1507-يىلى) مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قېچىپ، يەتتە سۇ رايونىغا بارىدۇ. ئىنىسى خېلىل سۇلتان ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزىنى يەتتە سۇنىڭ خانى دەپ ئېلان قىلىدۇ. سەئىدخان يەتتە سۇ رايونىدا خانلىققا ئولتۇرغاندىن كېيىن، مۇھەممەتخاننىمۇ ئاغدۇرۇپ، ئىسسىق كۆل رايونىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن، ھەربىي تەييارلىق قىلىدۇ. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش بىلەن، مۇھەممەتخاننى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يەتتە سۇ، ئىسسىق كۆل رايونلىرىنى ئۆزىگە قارىتىدۇ.
لېكىن، بۇ ۋاقىتتا تۇرپان تەرەپلەردە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئاكىسى مەنسۇرخان ئىنىسى سەئىدخاننىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن خەۋپسىرەپ، ئۇنى ۋاقتىدا ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن، لەشكەر تارتىپ بارىدۇ. بۇ ئىككى تۇغقان ئارىسىدا ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇش بولىدۇ. يەتتە سۇ ۋە ئالمۇتا ئەتراپىدا بولغان ئۇرۇشتا سەئىدخان بارلىق لەشكەرلىرىدىن ئايرىلىپ، نارىن جاڭگاللىرىغىچە قېچىپ بېرىپ يۇشۇرۇنىدۇ. ئۇرۇشتا ئامان-ئېسەن قالغان خېلىل سۇلتان ئەنجانغا كېلىپ جانبەگ خان ھۇزۇرىدا پاناھلاندى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مەنسۇرخان جانبەگ خان ھۇزۇرىدىكى ئۆز تەرەپدارلىرى بولغان سەئىدخان مۇھەممەت، سۇلتان ئېلى مىرزا قاتارلىقلارغا بۇيرۇق بېرىپ، ئىنىسى خېلىل سۇلتاننى ئۆلتۈرگۈزدى.
سەئىدخان بىر مەزگىل نارىن جاڭگاللىرىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەندىن يۈرگەندىن كېيىن، بۇ يەردىمۇ كۆپ تۇرالماي، ئالتە شەھەر تەرەپكە ئۆتۈپ، تارىم دەرياسى بويىدىكى دولانلار ئارىسىغا يوشۇرۇندى. ئۇ، بۇ يەرگە كېلىشتە دولانلار ئارىسىدىن قوشۇن توپلاپ، مىرزا ئابابەكرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى، دولانلار ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنىڭ ئەكسىچە، ئادەملىرىنى ئۆلتۈردى ۋە تۇتۇۋالدى. بۇ ئەھۋاللاردىن چۆچۈگەن سەئىدخان ئۆزى يالغۇز نارىنغا قېچىپ باردى. ئۇ يەردە كۆپ ئاۋارە بولۇپ، جاڭگالدا قېچىپ يۈرگەن 40 دەك ئادىمى بىلەن خوتۇن-بالىلىرىنى بىر يايلاققا ئورۇنلاشتۇردى. شۇ چاغدا مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئادەملىرى كېلىپ قالدى. سەئىدخان مىرزا ئابابەكرى ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرۇپ، قېچىپ قۇتۇلدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ پەقەت 5-6 لا ئادىمى قالغان ئىدى. شەرق تەرەپتىن ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ، جەنۇب تەرەپتىن مىرزا ئابابەكرىنىڭ قولغا چۈشۈپ قېلىش خەۋپى ئۇنىڭغا دائىم كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۈچ تەرەپلىمە خەۋپ ئىچىدە قالغان سەئىدخان، بۇ خەۋپ-خەتەرلەر ئالدىدا ھېچبىر بوشاشمىدى. بىرقانچە ئادەملىرى بىلەن پەرغانىدىن چىقىپ ئافغانىستانغا بېرىش ئارزۇسى بىلەن ئەنجانغا كەلگىنىدە خوجا باتۇر ياخشى كۈتۈۋالدى. ئۇ جانبەگ خان تەرىپىدىن قۇيۇلغان ھاكىم ئىدى. خۇجا باتۇر سەئىدخانغا ھېسداشلىق قىلاتتى. ئۇ، سەئىدخاننى بىرقەنچە كۈن ئىززەت ۋە ئېكران بىلەن ئارام ئادۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشەنچلىك 5-6 ئادىمى بىلەن بەدەخشانغا يولغا سالدى. سەئىدخان بۇ يەردىن چىقىپ بەدەخشانغا باردى.
بەدەخشان خانى مىرزىخان سەئىدخاننىڭ ئالدىغا ئىستىقبالغا چىقىپ، ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىلەن بەدەخشان پايتەختى زوپەر شەھرىگە ئېلىپ كىردى. سەئىدخان سپپەردە بىرقانچە كۈن پاناھلىنىپ، مىرزىخاننىڭ ياردىمى بىلەن ھىجرىيە 916-يىلى (مىلادى 1510-يىلى) شەئىبان ئېيىدا كابۇلغا بېرىپ، تاغىسى بابۇر شاھ بىلەن كۆرۈشتى.
بابۇر شاھ ئەسلىدە سەئىدخاننىڭ ئوغلى ئىدى. يەنى، بابۇرشاھ ئانا تەرىپىدىن چدغاتاي ئەۋلادى. دادا تەرىپىدىن تۆمۈر كوراگان (ئاقساق تۆمۈر) ئەۋلادى ئىدى.
سەئىدخان كابۇلغا كەلگەندىن كېيىن، بابۇر شاھ بۇ جەسۇر سەئىدخاندىن دائىم ھەزەر ئەيلىدى ۋە يۇشۇرۇن ئادەم قويۇپ، ئاستىرىتتىن نازارەت قىلدى.
سەئىدخان كابۇلدا ئىككى يىلدەك تۇردى. بۇ جەرياندا پەرغانىدىكى ئۆز يېقىنلىرى ۋە تەرەپدارلىرى بىلەن دائىم يۇشۇرۇن ئالاقىلىشىپ، پۇرسەت كۈتتى. چۈنكى، بۇ چاغدا سەئىدخاننىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھۋچقانداق خەۋپ-خەتەر، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان جەسۇر ئىرادىلىك كىشى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن، پەرغانىدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئۇنىڭ يېقىن كىشىلىرى بىلەن تەرەپدارلىرى، كەلگۈسىدە سەئىدخان تەرىپىدىن ھاكىمەتكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن ھېسداشلىق قىلىشقا باشلىدى.
ھىجرىيە 916-يىلى(مىلادى 1510-يىلى) شايبانىخان مەرۋى پادىشاھى ئىسمائىل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئۆزبېك، قىپچاق دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پاراكەندىچىلىك يۈز بەردى. بابۇرشاھ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ھوجۇم قىلدى. سەئىدخانمۇ بۇ ئۇرۇشتا بابۇر شاھققا ھەمراھ بولدى. ئۇلار قۇندۇز شەھرىگە كەلگەندە، پەرغانىدىن ئۇ يەردىكى سەئىدخان تەرەپدارلىرىنىڭ ئۆزبېكلەرنى مەغلۇب قىلغان خەۋىرى ھەمدە بابۇرشاھتىن ياردەم سورىغۇچى ئەلچىلەر كېلىپ، بابۇر شاھ بىلەن ئۇچراشتى. بابۇر شاھ بۇلارنىڭ ئىلھامىغا ئاساسەن، سەئىدخان بىلەن بىر قىسىم قوشۇننى پەرغانىگە ئەۋەتتى. سەئىدخان پەرغانىگە كېلىپ بۇ يەرنى ناھايتى تېزلا ئىشغال قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي مىرزا ئابابەكرىنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇلارنىمۇ مەغلۇب قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سەئىدخان پەرغانىدە، بابۇر شاھ سەمەرقەندتتە ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزبېك خانلارنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن ناھايتى كۆپ ئۇرۇشلاردا زەپەر قازانغا بولسىمۇ، ئۇلارنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇب قىلالامىدى. شۇ يىلى سەئىدخان تاشكەنتنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلىپ، ئۆزبېك خانى سويۇنچۇق خاندىن يېڭىلىپ پەرغانىگە قايتىپ كەلدى. دەل شۇ ۋاقىتتا بابۇر شاھ ئوبەيدە خانىدىن يېڭىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىنىپ، كابۇلغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. نەتىجىدە سەئىدخان بىرقانچە دۈشمەن ئارىسىدا يالغۇز قالدى. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان سويۇنچۇق پەرغانىگە-سەئىدخان ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. سەئىدخان سويۇنچۇقنىڭ ئالدى تەرىپىدىن مۇداپىئە قىلىپ، ئارقا تەرىپىدىن ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ سېپىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۇنى پارچىلاپ مەغلۇب قىلدى.
ئەمما، مۇشۇ بىر قاتار مەغلۇبىيەتلەر ۋە قالىبىيەتلەردىن كېيىن، ئۆزبېكلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپلار پەسىيىپ، ئۇششاق ئۆزبېك خانلىقلىرى ئوبەيدە خاننىڭ بايرىقى ئەتراپىغا يوپلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزبېكلەردە دۈشمەنلەرگە غالىب كېلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، سەئىدخان ئۆزبېكلەرگە تاقابىل تۇرالماسلىقىنى چۈشىنىپ، ئۆزبېكلەرنىڭ شىمالىدا ياشىغۇچى قازاقلارنىڭ خانى قاسىرخان بىلەن بىرلىشىپ، ئوبەيدە خانغا قارشى ھەربىي ئىتتىپاق تۈزدى.
قاسىرخان ئەسلىدە جانبەگ خاننىڭ ئوغلى بولۇپ، سەئىدخاننىڭ ھاممىسى سۇلتان نىگار خېنىمنىڭ ئېرى ئىدى. قاسىرخان سەئىدخاننى چوڭ ئىززەت-ئېكرام بىلەن كۈتۈۋالدى. بۇلار كېڭىشىپ ھىجرىيىنىڭ 919-يىلى (مىلادى 1513-يىلى) باھاردا ئىككى تەرەپ بىرلا ۋاقىتتا ئوبەيدە خان ئۈستىگە ھوجۇم قىلماقچى بولدى. بىراق، باھاردا قىپچاقلارنىڭ غەربىي تەرىپىدە توقۇنۇش پەيدا بولدى. قاسىرخان شۇ تەرەپكە ھۇجۇم قىلىشقا مەجبۇر بولدى. سويۇنچۇق خان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ سەئىدخان ئۈستىگە باستۇرۇپ كەلدى. بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن سەئىدخان سەركەردىلىرى بىلەن كېڭىشىپ، ئۆزبېكلەرنىڭ بىرلەشكەن كۈچىگە تاقابىل تۇرالماسلىقىنى چۈشىنىپ، ئۇرۇش قىلماستىن، قەشقەرگە يۈرۈز قىلىش قارارىغا كەلدى ۋە ئۆزگەن يولى بىلەن قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى.
سەئىدخان 10 مىڭ كىشىلىك خىل قوشۇن بىلەن ھىجرىيىنىڭ 920-يىلى(مىلادى 1514-يىلى) 1-ئايدا نارىنغا كەلدى. بۇ يەردە بىر ئايدەك تۇرۇپ، قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، تولۇق تەييارلىق كۆرگەندىن كېيىن قەشقەرگە قاراپ يۈرۈش قىلدى.
شۇنداق قىلىپ، مىرزا ئابابەكرى بىلەن سەئىدخان ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك ئۇرۇش پارتىلىدى.

مۇئەللىپ: ئىبراھىم نىياز
«تارىختىن قىسقىچە بايانلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى


سۇلتان سەئىدخان تاغىسى بابۇر مىرزىنىڭ قېشىدا (كابۇلدا) بىرقانچە مۇددەت تۇرۇپ، بابۇر شاھتىن بىر قىسىم قورال-ياراق ۋە ئەسكىرى قۇۋۋەت ئېلىپ قايتتى. لېكىن، ئاساسىي كۈچنى پەرغانىدىن ئالدى.
يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، سەئىدخان كابۇلدا تۇرغان مەزگىللەردە تۈرلۈك يول ھەم ۋاستىلەر ئارقىلىق پەرغانىدىكى بىرقىسىم كىشىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى (بۇلارنىڭ بىر قىسمى مىرزا ئابابەكرىنىڭ زۇلۇمى ۋە باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قەشقەردىن پەرغانىگە كېلىپ قالغانلار ئىدى).
سەئىدخان كابۇلدا يولغا چىقىشتا، بابۇر مىرزا سەئىدخانغا، فارسى زابانغا ماھىر بولغان بىرقانچە ئالىملارنى ھەمراھ قىلىش بىلەن بىرگە، بىر بۆلبك پارس تىلىدىكى كىتابلارنىمۇ تەقدىم قىلغان ئىدى. سەئىدخاننى كابۇلدىن ئۇدۇل پەرغانىگە يولغا سېلىشتىكى مەقسەت : دىيارىمىزغا پەرغانە تۇتاش بولۇپ، يول قاتنىشى قولايلىق بولغاچقا، ئۇنى شۇ يول بىلەن ماڭدۇردى.
سەئىدخان كابۇلدىن كانجۇت يولى بىلەن پەرغانىگە كەلدى. ئۇ پەرغانىدە ئىمىر تۆمۈر كوراگاننىڭ نەۋرىسى مىرزا ھەيدەر دوغلاتى دېگەن ئاقىل، دانا ۋەزىرىنى ھەمراھ قىلىپ، 10 مىڭ كىشلىك ئەسكىرى كۈچ بىلەن دىيارىمىزغا كىرىپ، ناھايىتى شىددەتلىك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى.
مىرزا ئابابەكرى سەئىدخاننىڭ قەشقەرگە قىلغان يۈرۈشىدىن خەۋەر تېپىپ، زور ھەربىي كۈچ بىلەن قەشقەرنى قاتتىق مۇداپىئە قىلدى. بىراق، سەئىدخاننىڭ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن، مىرزا ئابابەكرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلق سەئىدخان تەرەپكە ئۆتۈپ، تىغ ئۇچىنى ئۇنىڭغا قاراتتى. سىرىتقى تەرەپتىن سەئىدخاننىڭ ئەجەللىك زەربىسى، ئىچكى جەھەتتىن خەلقنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن مىرزا ئابابەكرى تېزلا ھالىدىن كەتتى. بۇ ئۇرۇشتا مىرزا ئابابەكرىنىڭ قېرىندىشى مىرزا ئەزىزى ئۆلدى. قەشقەردىكى ئۇرۇشتا ھالىدىن كەتكەن مىرزا ئابابەكرى يەكەندە ئۆز ئورنىغا ئوغلى جاھانگىر مىرزىنى قويۇپ، تىبەتكە قاراپ قاچتى ۋە چۆللەردە ھالەك بولدى.
مىرزا ئابابەكرى قېچىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، خەزىنىدە قالغان ئالتۇن-كۈمۈچ، دەفئى-دۇنيانى قويماي ئېلىپ قاچقان جاھانگىر مىرزىمۇ يولدا ئۆلدى. سەئىدخان قوشۇنلىرى خوجا ئېلى باتۇرنىڭ قوماندانلىقىدا يەكەنگە كىرىپ، مىرزا ئابابەكرىنىڭ ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بەردى.
قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەتلەر سەئىدخاننىڭ دۆلەت قۇرۇش توغرىسىدىكى ئالىۇ ئىرادىسىنى قىلچە بوشاشتۇرمىدى م بەلكى بۇ ياش شاھزادىنى چېنىققان بىر سەركەردە، قەبىليەتلىك بىر دۆلەت ئەربابى قىلىپ يېتىشتۈردى.
سەئىدخان يەكەننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ھىجرىيە 920-يىلى(مىلادى 1514-يىلى) رەجەب ئېيىنىڭ 30-كۈنى (كونا ئاي ھېسابى بويىچە 7-ئايدا) چوڭ قۇرۇلتاي چاقىرىلدى. قۇرۇلتايدا سەئىدخاننى سۇلتان دەپ ئېلان قىلدى. يەكەن شەھىرى بۇ دۆلەتنىڭ دائىمى پايتەختى قىلىپ بېكىتىلدى. يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ شەكلىنى نوقۇت رەڭ ئۈچ بۇرجەكلىك بايراققا ئۆزگەرتىپ، «لاالەالاالا مى مدروسول اللە» دېگەن كەلىمە ئالتۇن بىلەن يېزىلدى. بايراقنىڭ سول تەرىپىگە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان تارىخى-ۋاقتى يېزىلدى. بايراق مەھكىمە دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە ئېسىلدى.
يەكەن سەئىدىيە خانلىقى ئىچكى ۋە خەلقئارا ئىشلاردا پارس تىلىنى قوللاندى، ھەتتا مەدرىسلەردە ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنىڭ 70 پىرسەنتى پارس تىلى بىلەن ئۆتۈلدى.
سەئىدىيە خانلىقى «شەرىئەت مۇھەممىدىيە»نى دۆلەت دىنى قىلىپ ئىجرا قىلدى، دۆلەتنىڭ بارلىق مالىيە كىرىملىرى شەرىئەت يولى بىلەن توپلاندى.
بابۇر شاھ ئىمىر تۆمۈر كوراگان ئەۋلادى ئىدى. ئۇ ئافغانىستاندىن ئۆتۈپ، ھىندىستاننى ئىشغال قىلىپ قۇرغان خانلىققا پارس تىلىنى دۆلەت تىلى قىلغان ئىدى. شۇ دەۋردە سەئىدخان ھىندىستانغا بېرىپ بابۇر شاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئالتە شەھەرنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ھىندىستاندىن دائىم بابۇرشاھ كىشىلىرى يەكەنگە كىلىپ تۇراتتى. ھەتتا ھىندىستان، ئافغانىستان، كەشمىر قاتارلىق جايلاردىن شىنجاڭغا كىلىپ، شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشتى.
بابۇرشاھ خانلىقىنى ھىندىلار «موغۇل خانلىقى» دەپ ئاتايتى.
بابۇرشاھنىڭ ئۆزى پارس زابان ۋە پارس يېزىقىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن تەۋەلىرىدىمۇ بۇ يېزىق ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىنىپ ئىشلىتىلگەنلىكتىن، خەلقمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.
مەۋلانە جالالىدىن رومى ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى بولغان «مەسنىۋى شىرىق»نى پارس تىلىدا يازغان.
ھىجرىيىنىڭ 990-يىللىرىدىن كېيىن بابۇرشاھ ئەۋلادىدىن ئەكبەرشاھ ھىندىستاندا تەختتە ئولتۇرۇپ، ئاتىسى قوللانغان پارس تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئوردۇ تىلىنى دۆلەت تىلى قىلدى.
سۆز بېشىغا كەلسەك، سەئىدخان قۇرۇلتاي تامان بولغىچە شەھەرگە كىرمەي، شەھەر سىرتىدا تۇرۇپ تۇردى. قۇرۇلتاي تامان بولغاندىن كېيىن، چوڭ داغدۇغا ۋە دەبدەبە بىلەن «ئارك» (ئوردا) غا كىرىپ تەختتە ئولتۇردى. ئۇ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئۇزاك كۈرەشلەردە يېقىن ياردەمچىسى ۋە ساداقەتمەن سەركەردىسى بولغان سەئىد مۇھەممەت مىرزىنى ئەمىر كەبىر (باش قوماندان) ئۇۋانى بىلەن باش ۋەزىر ۋە قەشقەرنىڭ ئومۇمىي ۋالىسى قىلىپ تەيىنلىدى. نەتىجىدە يەكەن، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، ئىسسىق كۆل، يەتتە سۇ رايۇنى سەئىدخانغا تەۋە بولۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگە ۋالىي، ئەمىر، ھاكىملارنى بەلگىلىدى.
بۇ ۋاقىتلاردا كۇچاردىن تۇرپان، باش بالىق، ئىلىغىچە بولغان جايلار سەئىدخاننىڭ ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ تەسەرۇپىدا ئىدى.
سۇلتان سەئىدخان ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش، ۋەتەن، خەلقنى ياخشى ئىنتىزام ۋە ئادىل قانۇن بىلەن باشقۇرۇش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلققە بەخت-سائادەت يارىتىش ئارزۇسىدا بولۇپ كەلدى. بىراق ئاكىسى مەنسۇرخان سەئىدە خانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي، ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسى تۇتتى. سەئىدخان بۇنىڭغا قارىتا ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەي، تىنچ سۆھبەت سۈلھى يولى بىلەن بىرلىككە كىلىشنى لايىق كۆردى. چۈنكى سەئىدخاننىڭ دۆلەت قۇرۇشتىكى مەقسىدى ۋە سىياسىتى ھۆكۈمران بولۇش، تاج كىيىش، شەخسىي غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولماستىن، بەلكى يۇرتنىڭ تېنچلىقى، خەلقنىڭ ئەمىنلىكىنى تەمىن ئېتىش ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، ئۇرۇشۇشتىن سۈلھىنى ئەلا بىلدى.
سەئىدخاننىڭ «دۆلەت قۇرۇشتىن مەقسەت: يەر زېمىنلارنى ئىشغال قىلىپ، تاج كىيىپ، شەخسىي ئارزۇسىنى قاندۇرۇش بولماستىن، بەلكى ئەسىرلەردىن بىرى راھەت كۆرمىگەن خەلقنى راھەتكە چىقىرىش» دېگەن ئارزۇسىنى خەلققە بىلدۈرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
ئۇ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن مانا ئاشۇ ئارزۇسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. يەنى ئالدى بىلەن خەلق ئۈستىدىكى ھەر خىل باج خىراجەت، سېلىقلارنى ئون يىلغىچە كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مىرزا ئابابەكرى تەرىپىدىن بۇلاپ-تالاپ توپلانغان خەزىنىدىكى بايلىقلارنى ئەسكەرلەر بىلەن خەلققە ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. سەئىدخان ئىنتايىن تەقۋادار، ئاق كۆڭۈل ۋە خەلقپەرۋەر زات بولۇپ، خەلققە جەبىر-زۇلۇم قىلمايتتى. بىھۇدە قان تۆكۈش ئىشلىرىدىنمۇ خالىي كىشى ئىدى. ئۇ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئەنە شۇ روھتا تەربىيلىگەنلىكتىن، كېيىنكى ۋاقىتتا ئوغلى ئابدۇرەشىدخاننىڭ سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرۇپ يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى مانا بۇنىڭ ھەقىقىي دەلىلىدۇر. سۇلتان سەئىدخان ھاكىمىيەتنى مۇستەككەملەپ ئالغاندىن كېيىنمۇ ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن ھەرگىز ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدە بولمىدى. يۇشۇرۇن ئالاقە ئارقىلىق ئاكىسى تەرەپتىكى يېقىنلىرى ۋە ئىنىسى ئىمىن خۇجا سۇلتان بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ تۇردى. ئەمما ئاكىسى مەنسۇرخان سەئىدخاننىڭ ئۇچتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆز مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۇچارغا نۇرغۇن ئەسكىرى قۇۋۋەت توپلاپ، ئىنىسى ئىمىن خۇجا سۇلتاننى قوماندان قىلىپ، سەئىدخاندىن مۇداپىئە كۆرۈشنى بۇيرىدى ئ بۇ ئارلىقتا ئىمىن خۇجا سۇلتاننىڭ سەئىدخان بىلەن يۇشۇرۇن ئالاقىلىشىپ تۇرغانلىقى مەنسۇرخانغا سىزىلىپ قېلىپ، ئۇنى يۇشۇرۇن ئۇجۇقتۇرۋېتىشنى ياركەبەگ دېگەن سەركەردىسىگە بۇيرىدى. ئەمما بۇ كىشى ئاستىرىتتىن ئىمىن خۇجا سۇلتانغا يېقىن كىشى بولۇپ، بۇ سىرنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويدى ۋە ئۇنى مەخپىي ھالدا يەكەنگە قاچۇرۋەتتى. ئىمىن خۇجا سۇلتان ئۆز يېقىنلىرى بىلەن يەكەنگە كېلىپ، ئاكىسى سەئىدخاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن سەئىدخان ئىمىن خۇجا سۇلتاننى ئۆز نامىدىن ئاقسۇغا ۋالىي قىلىپ بەلگىلەپ، نۇرغۇن سوغا-سالاملار بىلەن يولغا سالدى. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن بەگلەرگىمۇ ھەددىيە، دەرىجە مەنسەبلەپ بېرىپ ئۇزاتتى. ئاكىسى مەنسۇرخانغىمۇ نۇرغۇن نۇرغۇن سوۋغا-سالاملار بىلەن ئەلچىلەر ئەۋەرتىپ تېنچ سۆھبەت يولى بىلەن بىرلىككە كېلىشكە، ئارىدىكى نىزاھ، زىددىيەتلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ ئىتتىپاقلىشىشنى تەۋسىيە قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەنسۇرخان ئۆز ئىنىسى سەئىدخان، خېلىل سۇلتان ۋە ئىمىن خۇجا سۇلتانلارغا قىلغان ئىشىدىن كۆپ پۇشايمان قىلىپ، تۇرپاندىن نۇرغۇن سوۋغا-سالاملار بىلەن خوجا تاجىدىن باشچىلىقىدا سەئىدخانغا ئەلچى ئەۋەتتى.
خوجا تاجىدىن بەگ يەكەنگە يېتىپ كېلىپ سەئىدخانغا مۇلاقەت بولدى. سەئىدخان بۇ ۋەكىللەرنى ناھايىتى ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلدى ۋە ئاكىسى مەنسۇرخانغا بولغان كۆڭۈلدىكى ئاداۋەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، نۇرغۇن سوۋغا-سالاملار بىلەن تۇرپانغا يولغا سالدى.
بىرقانچە قېتىملىق ئەلچىلەرنىڭ بېرىپ-كىلىشى بىلەن ئاكا-ئۇكىلار ئۆزئارا ئۇچرىشىش، مەسىلىنى تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا قوشۇلدى. ئۇچرىشىش ئورنى ئاقسۇنىڭ ئاۋات قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ كىلىشىمگە ئاساسەن سەئىدخان دۆلەت ئەربابلىرى ۋە نۇرغۇن ھەربىي كۈچ بىلەن يەركەنگە يولغا چىقىپ ھىجرىيىنىڭ 922-يىلى(مىلادى 1516-يىلى) 1-ئايدا ئاقسۇغا يېتىپ باردى.
مەنسۇرخانمۇ ئۆز ئادەملىرى بىلەن بايغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. لېكىن مەنسۇرخان ئۆتكەندىكى ئىشلار ئۈچۈن مەندىن ئۆز ئالارمىكىن، دېگەن گۇمان بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپتىن كاپالەت ئۈچۈن بىرقانچىدىن كىشىنى ئالماشتۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويدى. سەئىدخان بۇ شەرتنى قوبۇل كۆرۈپ مىرزا ھەيدەر دوغلات باشلىق ئۈچ كىشىنى كاپالەت ئۈچۈن مەنسۇرخان تەرەپكە ئەۋەرتتى. مەنسۇرخانمۇ ئانىسى ساھىب دۆلەت خېنىم باشلىق بىرقانچە كىشىنى سەئىدخان تەرپەكە ئەۋرتتى. كاپالەت ھەيئەتلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىگە ئوتتۇزدىن ئادەمنى ھەمراھ قىلىپ، ئۇچرىشىش ئورنىغا يېتىپ كېلىشتى.
ئۇچرىشىشتا سەئىدخان بارلىق ئاداۋەتلەرنى كۆڭلىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئاكىسى مەنسۇرخاننى ئاتا ئورنىدا ھۆرمەت قىلىپ كۈتۈۋالدى. بۇ ئۇچرىشىش بىلەن ئىككى قېرىنداش ئوتتۇرسىدا مۇكەممەل ئىتتىپاق تۇرغۇزۇلۇپ ۋەتەن تۇللۇق بىرلىككە كەلدى. نەتىجىدە، يەكەن سەئىدىيە خانلىقى كۈچلۈك بىر ھلاغا كېلىپ دۇنيدغا تونۇلدى. ئۇنىڭ شىمالىي ھۇدۇدى يەتتە سۇ ۋە توقماقلارغىچە، جەنۇبىي ھۇدۇدى تىبەت، كەشمىرلەرگىچە، شەرق ھۇدۇدى قۇمۇلغىچە، غەربىي بەدەخشانغىچە كېڭەيدى.
يەركەن سەئىدە خانلىقى سەئىدىخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە(1533-1514) ئەنە شۇنداق كەڭ زېمىنغا ئىگە نوپۇزلۇق، ئەتىۋارلىق، كۈچلۈك بىر خانلىق بولدى.
سەئىدخان دەۋرىدە دۆلەت بىرلىككە كېلىپ، خەلق ئەمىن تېپىپ، ئىگىلىك گۈللىنىپ، خەلق راھەت-پاراغەتتە ئوتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دەۋردە «قۇمۇلدىن بەدەخشانغا بارغىچە ئۇزۇق-تۈلۈك ئالماي، ئۆيدىن-ئۆيگە ئۆتۈپ مېھمان بولۇپ باراتتى.»
سەئىدخان دۆلەت چېگرىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىگىلىكنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، بىرقانچە قېتىم لەشكەر تارتىپ، بەدەخشاندىكى باشباشتاق قەبىلىلەرنى ئىتائەتكە كەلتۈردى. ئۇ ئاخىرقى قېتىم «ئورساڭ» (ئىچكى تىببەت) نى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، لاساغا قوشۇن تارتىپ بېرىپ، شىزاڭنى بويسۇندۇرۇپ، قايتاشىدا يول ئۈستىدە تۈرەك ئېلىپ كېتىپ ۋاپات بولدى. يەنى، ھىجرىيىنىڭ 939-يىلى(مىلادى 1533-يىلى) 47 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىدى يەركەنگە ئېلىپ كېلىنىپ ئالتۇنلۇق مازارىغا دەپنە قىلىندى.
سۇلتان سەئىدخان 16 يېشىدىن 47 يېشىغىچە 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق يەركەن سەئىدىيە دۆلىتىنى قۇردى ۋە ئۇنى مەنىۋىي ۋە ماددىي ئاساسقا، ناھايىتى باي، مۇنبەت كەڭ تېرىتورىيىگە ئىگە قىلىپ دۇنيادىن ئۆتتى. ئۇنىڭ خانلىقتا ئولتۇرغان ۋاقتى 19 يىل بولدى.
سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، چوڭ ئوغلى-ئاقسۇنىڭ ۋالىيسى ياش سەركەردە ئابدۇرەشىدخان ئاتىسىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. ئابدۇرەشىدخان تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن، دۆلەتنى ئەدىلە-ئادالەت بىلەن باشقۇرۇپ، ئىلىم-پەن، مائارىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنى دېموكراتىيىدە ئىنسانى ھېسسىيات بىلەن ئىدارە قىلدى.
ئابدۇرەشىدخان ئاتىسىدەك ئاقىل، زېرەك، پاراسەتلىك، غەيۇر سەركەردە ئىدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاقتىدا كۆپ ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ، يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تىكلىنىشى، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىدە ئۆچمەس خىزمەتلەرنى كۆرسەتتى.
ئابدۇرەشىدخان زامانىسىدا ئەل-يۇرت ئەمىنلىك تېپىپ، ئەدەب-ئەخلاق كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت بولۇپ قالدى. ئۇ پارس تىلى سۆزلىشىش، پارس يېزىقى بىلەن ئەسەر يېزىشنى تەدرىجى كېمەيتىپ، ئۇيغۇر تىلىدا سۆلەشنى، ئۇيغۇر يېزىقىدا ئەسەر يېزىشنى تەشەببۇس قىلدى. نۇرغۇنلىغان پارس كىتابلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدۇردى. تەرەققىياتپەرۋەر ئاندۇرەشىدخان بارلىق ئىدارە، دىۋانخانا(كاتىبات) ۋە باشقا مۇئەسسەلەرگە قەدەر كونا تۈزۈمدىكى خۇراپىي ئادەتلەرنى قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكە يول ئېچىپ، پارسچە كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئىدارە تەشكىل قىلىپ، خەلقنىڭ بىۋاستە پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئوڭايلىق يارىتىپ بەدى.
ئابدۇرەشىدخان مائارىپنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ھەرقايسى جايلاردىن مەدرىس، مەكتەبلەرنى ئاچتى. ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىم قىلدۇرۇپ، ئۇنى كەڭ تالىپلارنىڭ پايدىلىنىشىغا تەقدىم قىلدى. نەشرىيات ئورۇنلىرىنى بەرپا قىلىپ كىتابلارنى نەشىر قىلدۇردى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى، مۇئەررىخ، مۇزىكانت، سەنئەتكارلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقتى. جۈملىدىن سۇلتان سەئىدخان زامانىسىدا ھىندى بىرەھمىنى يازغان مەشھۇر ئەسەر «كەلىلە دەمىنە» ھىجرىيىنىڭ 1130-يىلى مۇھەممەت سىدىق قەشقىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى. ئۇيغۇر مۇئەررىخ شائىرلىرى نۆبىتى، زەلىلى، نازارى، خىرقىتى، غېرىبى، سوبورىلار ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە يېتىشىپ چىققان تالانتلىق ئۇيغۇر ئەدبلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە دۆلەت ئورگىنىدا ئالىي خىزمەت بىجىرىپ تۇرغان ئەربابلاردىن ۋەزىر بولغان مىرزا مۇھەممەت، مىرزا ھەيدەر كوراگان، مىرزا ھۈسىيىنلەر-ئاتاقلىق ئالىم، ئەدب، شائىر، سىياسىئونلار ئىدى. مىرزا ھەيدەر كوراگان بولسا ئىمىر تۆمۈر كوراگاننىڭ نەۋرىسى ئالىيجاناپ كىشى بولۇپ، سۇلتان سەئىدخان بىلەن دىيارى پەرغانىدىن بىللە كەلگەن. سەئىدىيە خانلىقىغا ئەڭ سادىق، ئاڭ ئىخلاسمەن بولغانلىقتىن ئۇنى ئابدۇرەشىدخان قەشقەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەيىنلىگەن.
ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە خەلق ئىچىدە تەسىرى بار كىشىلەرمۇ چەتئەلدىن شىنجاڭغا كېلىپ تۇرۇپ قالغان. ئىراقتىن قۇتبىدىن خۇجام دېگەن كىشى كېلىپ قورغان يېزىسىدا سوپى ئىشانلىق قىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ھازىر بۇ كىشىنىڭ قەبرىسى كىشىلەر زىيارەت قىلىدىغان مازارلارنىڭ بىرىدۇر. يەنە شۇ ۋاقىتتا سەمەرقەنتتىن خوجا مۇھەممەت شېرىپ پىرىم دېگەن كىشى يەركەنگە كېلىپ، تەرىقەت بىلەن شۇغۇللىنىپ شۆھرەت قازانغان. ئاخىر بۇ كىشى يەركەندە ۋاپات بولۇپ، يەركەندە دەپنە قىلىنغان. خەلق بۇ كىشىنى «ھەزرىتى پىر» دەيدۇ. ئۇنىڭ مەقبەرىسىنىمۇ «ھەزرىتى پىر» مازىرى دەپ ئاتايدۇ.
مۇندىن باشقا ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە تۈرلۈك قۇرۇلۇش تەمىناتلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولغان. يەركەن شەھىرى ئىچىگە بىرقانچىلىغان چوڭ مەدرىس، جامە، مەسچىت، خانىقا، كۆل، ئېرىق-ئۆستەڭ ئەھيا قىلىنغان. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن يەركەن چوڭ جامە مەدرىسى بىلەن قىرىق گۈمبەز ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئەھيا قىلىنغان ئىلىم ئۇچاقلىرىندۇر.
يەركەن چوڭ كۆۋرۈكى مۇشۇ ۋاقىتتا ياسالغان زور قۇرۇلۇشلارنىڭ نەمۇنىلىرىدىن ئىدى. يەركەندە يەنە نۇرغۇن باغلار، راباتلار رەتلەنگەن ۋە قايتىدىن ئەھيا قىلىنغان.
چاغاتايخان دەۋرىدە سېلىنغان قەشقەر شەھرىنىڭ شەرقىدىكى بەشكېرەم خانئۆي شەھرىگە كېلىدىغان سۇ بېشىغا تاغ كۆمتۈرۈلۈپ چۈشۈپ، ئۆستەڭ كۆمۈلۈپ قالغانلىقتىن، بۇ جاي ئېغىر قۇرغاقچىلىققا ئۇچراپ، ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت شۇ ھالەتتە تۇرغان ئىدى. مىرزا ھەيدەر كوراگان ھىجرىيە 940-يىلى قايتىدىن ئۆستەڭ چاپتۇرۇپ، سۇنى راۋان قىلىپ، بۇ جايدىكى قۇرغاقچىلىققا خاتىمە بەرگەن.
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان 27 يىل تەختتە ئولتۇرۇپ مىلادى 1560-يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىدى يەركەن ئالتۇنلۇق مازارىغا دەپنە قىلىندى.
ئابدۇدەشىدخان ئاتاقلىق ئالىم، مەرىپەت باغۋىنى، شائىر-ئەدىب بولغىنى ئۈچۈن، مائارىپنى تۇتۇش ئارقىلىق، جەمئىيەتنى ئىلىم-ئىرپان كانىغا ئايلاندۇرۇش، خەلقنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن داڭلىق پادىشاھتۇر.
ئۇ پادىشاھ بولغان مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا 2263 ئورۇندا مەدرىس، 1533 ئورۇندا مەكتەپ قۇرۇلغان. چوڭ شەھەر ۋە ناھىيە بازارلىرىدا خانلىق مەدرىس ۋە ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان مەدرىسلەر تەسىس قىلىنغان. يېزا، مەھەللىلەردە مەھەلىۋى مەدرىسلەر تەسىس قىلىنغان. بۇ مەدرىس، مەكتەپلەرنىڭ راسخوتلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن يەر، تۈگمەن، سوقا-ساراي، دۇكانلار ۋەخپە قىلىنىپ، شۇنىڭ كىرىمى ئارقىلىق مەدرىس، مەكتەپلەرنىڭ خىراجەتلىرى دۆلەت خەزىنىسىدىن بېرىلگەن. شۇڭلاشقا سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە قەشەر، يەركەندىكى مەدسىرلەرنى، يەنە مەسىلەن، يەركەندىكى «رەشىدىيە مەدرىسى»، «يېشىل مەدرىس»، «جامە مەدرىسى»، قەشقەردىكى «خانلىق مەدرىس»، «ساقىيە مەدرىسى» قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ نامى شىنجاڭدا مەشھۇر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىمۇ شۆرەت قازانغان. چەتئەلدىن نۇرغۇن تالىپلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ قايتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دەۋردە، سەئىدىيە دۆلىتى تېرىتورىيىلىرىدە قەشقەر ئىلىم-پەن مەركىزى بولۇپ، «سانى بۇخارا» (2 -بۇخارا) دەپ نام قازانغان. ئەمدىيلىكتە شىنجاڭ خەلقى ئىلىم ئىزلەپ يىراق يوللارنى بېسىپ ئىستامبۇل، قازان، بۇخارا، باغداد، دېھلى، تېھران، كابۇل قاتارلىق جايلارغا بارمىسىمۇ، قەشقەردە ئىلىم ئېلىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇشنىڭ شەرت-شارائىتلىرى ھازىر بولغاچقا، نۇرغۇن ئالىم، قازىلار يېتىشىپ چىقتى.
سەئىدىيە دۆلىتى سىياسى بىلەن دىننى بىر-بىرىدىن ئايرىپ قاراپ، ئىجتىمائىي ھاكىمىيەتچىلىك سەلتەنەتلىرىنى قولدىن بەرمەي كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خانلىق دەۋردە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت مائارىپ ئورونلىرى بىلەن دىننىي پائالىيەت ئورۇنلىرى تەشكىلى قۇرۇلما، ئورۇن، تۈزۈم جەھەتلەردىن بىر-بىرىگە بېقىنماي، ئارىلاشماي، ھەرقايسىلىرى ئۆز مۇددىئا مۇراد-مەقسەتلىرى بويىچە مۇستەققىل مۇئەسسەلەر سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. سەئىدىيە دۆلىتىگە تەۋە ھەر بەش كەنتتە تۆتتىن مەكتەپ ياكى مەدرىس، ھەر ئىككى كەنتتە بىردىن خانىقا ياكى مەسچىت بولغانلىقىدەك بۇ سېلىشتۇرما قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ئەلۋەتتە.
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەلنىڭ ئىتتىپاقى، رەئىيەتنىڭ ماقۇللىشى بىلەن، ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇكېرىمخاننى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەختىگە ۋاىس قىلىپ، پادىشاھلىققا كۆتۈردى. ئابدۇكېرىمخانمۇ ئەلنى ئەدىلە-ئادالەت بىلەن سورىدى.
ئابدۇكېرىمىئان 33 يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، ھىجرىيىنىڭ 1000-يىلى دۇنيادىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىدى ئالتۇنلۇق مازارىغا دەپنە قىلىندى ۋە ئۇنىڭ ئاقسۇدىكى ئوغلى مۇھەممەتخان ئاتىسىنىڭ ئورنىغا خانلىققا ئولتۇردى.
مۇھەممەتخان سوپى زاھىد كىشى بولۇپ، سىياسەتتىن ئانچە خەۋىرى يوق ئىدى. دۆلەتتە چوڭ خىزمەت كۆرسىتەلمىدى. مۇشۇنداق ئەھۋال بىلەن يەركەن سەئىدىيە خانلىقىدا 18 يىل ھۆكۈم سۈرۈپ ھىجرىيىنىڭ 1018-يىلى يەركەندە ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىدىمۇ ئالتۇنلۇم مازارىغا دەپنە قىلىندى.
مۇھەممەتخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى ئەھمەدخان خانلىققا ئولتۇردى. بۇ ساددا، دەرۋىش مىجەز، سىياسىي بىلەن كارى يوق كىشى بولغاچقا، ئوردا خىزمەتچىلىرىنىڭ خائىنلىقىدىن ۋاقىپ بولالماي، ئۆز ئوردىسىدا مۇناپىق خىزمەتچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ھىجرىيە 1024-يىلى بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مۇھەممەتخاننىڭ يەنە بىر ئوغلى سۇلتان ئابدۇلىتىپخان خانلىق تەختتە ئولتۇردى. سۇلتان ئابدۇلىتىپخان زىيادە مەرد، خەلقپەرۋەر، ئىلىمپەرۋەر كىشى ئىدى. ئىلىم-پەن، مائارىپ، دىننىڭ راۋاجى ئۈچۈن زور خىزمەتلەر كۆرسەتتى. مۇھىم شەھەرلەردە نۇرغۇن مەدرىس، جامەلەرنى تەمىر قىلدۇردى.
قەشقەر شەھرى چاھارسۇ(چاسا)دىكى ئالىي بىلىم يۇرتى «خانلىق مەدرىس»نى تەمىر قىلدى. بۇ مەدرىسنىڭ خىراجىتىنى خەزىنىدىن بىرىپ، ئىلىم-پەننى راۋاجلاندۇردى. خانلىق مەدرىستە ئۆلىمالارنى تەربىيلەتتى. كىشىلەر ئىمتاھان بېرىپ ئاندىن دىننىي مەنسەپكە ئولتۇراتتى. مەسىلەن، قازى، ئەلەم، موفتى، مۇدەررىس، ئىمام-خاتىپ، مۇئەززۇن قاتارلىق دىننىي ۋەزىپىلەرگە مەزكۇر خانلىق مەدرىسى پۈتۈرگەنلەر تەيىن قىلىناتتى.
چۈنكى، مەھكىمە شەرئى ئەنە شۇ خانلىق مەدرىستە بولۇپ، دارىلقازا ئورنى بولغانلىقتىن، «مەدرىسەئى قازىيان» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن، كېيىنكى يىللاردا خانلىق مەدرىسىنىڭ ئالدىدا قازانچىلار قازان ساتىدىغان بازار ئاچقانلىقتىن ئاۋام خەلق بۇ خانلىق مەدرىسنى قازان مەدرىسى دەپ ئاتايدىغان بولدى. ئابدۇلىتىپخان يەركەن، قەشقەردە بىلىم يۇرتىنى تەسىس قىلىش بىلەن بىرگە، يېڭىسار، قاغىلىق قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ كاتتا مەدرىس، جامەلەرنى ياسايتتى. ئابدۇلىتىپخان ھاكىمىيەتنى ئەدىلە-ئادالەت بىلەن باشقۇردى، ئىلىم-پەننى راۋاجلاندۇردى، خەلقنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى. لېكىن ئۇنىڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بىرقىسىم كىشىلەر-قارا نىيەتلىك ئاداملەر بولغانلىقتىن، بۇلارنىڭ كۈچكۈرتىشى بىلەن بىرقىسىم تاغلىق بىلىمسىز نادانلار ئابدۇلىتىپخانغا سۈيىقەست قىلدى. نەتىجىدە 12 يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، ھىقرىيىنىڭ 1037-يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىدى ئالتۇنلۇق مازارىغا دەپنە قىلىندى.
ئابدۇلىتىپخان ۋاپاتىدىن كېيىن ئالتە شەھەردە، ئىچكى پەرىشانلىقلار يۈز بەردى. شاھزادە، بەگلەر مەنسەپ، سەلتەنەت تالىشىپ، ئۆز-ئارا ئۆچمەنلىشىپ، خەلققە خاتىرجەمسىزلىك، ئەلگە ئاوەت كەلتۈردى. بۇ ۋاقىتتا ئالتە شەھەردە ئىككى ئېغىر قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، كىسەللىك، ئۆلۈم-يېتىم كۆپ بولدى. خەلق جان بېقىش ئۈچۈن مۇساپىر بولۇپ، ھەرقايسى جايلارغا باش ئېلىپ كەتتى. خۇنرىزلىق(قاتىللىق)، قان تۆكۈش كۆپەيدى. ئوغۇرلىق، قاراقچىلىق ئەۋج ئالدى. كۈچلۈكلەر كۈچسىزلەرنى قاقشاتتى. ھەر خىل رەڭدىكى يات ئادەملەرمۇ پەيدا بولدى. خەلق ناھايىتى قورقۇنۇچتا قالدى.
بۇ پەرىشانلىق، پالاكەت ۋە باشباشتاقلىقنى تۈگىتىپ، ئەلنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تۇرپان، كورلا، بۈگۈر، قارا شەھەر، قۇمۇللارنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ئەمىر ئابدۇللاخان ئالتە شەھەرگە قوشۇن باشلاپ كېلىپ، يۇرتنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى.
ئابدۇللاخان ھىجرىيە 1048-يىلى(مىلادى 1638-يىلى) يەركەندە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. ئۇ ۋاقىتتىكى سەئىدىيە دۆلىتىگە تەۋە ئۆلكىلەر ئالتە شەھەر، تۇرپان، بەشبالىق، ئىلى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ ئۆلكىلەردە ئابدۇللاخانغا قارشى ھېچقانداق كۈچ قالمىدى. شىنجاڭنىڭ ھەربى مۈلۈكى، سىياسىي، مالىيە، مائارىپ ۋە ئىدارە ئىشلىرى بىر مەركەزگە باغلانغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەت ناھايىتى كۈچەيدى. يۇرتنىڭ تېنچلىقى ناھايىتى ياخشى تەمىن ئېتىلدى. ھەربىي كۈچ زورايدى.
ئابدۇللاخان شىمال ۋە غەربدىكى كىچىك خانلىقلارنى ئۆزىگە تەۋە قىلماق ئۈچۈن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەردە زور ئەسكىرىي كۈچ توپلاپ تەييارلىق قىلدى. ئابدۇللاخاننىڭ بۇ ھەركىتىنى قوقانت ۋە تاشكەنت خانلىرى ئاڭلاپ، ئابدۇللاخانغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ھەر يىلى مۇقىم مىقتاردا خىراجنى يەركەنگە ئەۋەرتىپ بېرىش، جۈمە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان خۇتبىدە ئابدۇللاخاننىڭ ئىسمىنى ئاتاشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتى. شۇنداق قىلىپ غەربىي تۈرك ئىلىنىڭ چوڭ بىر قىسمى يەركەن خانلىقىغا تەۋە بولدى.
ئىلگىرىكى ئۇزاق داۋام قىلغان قالايمىقان ئۇرۇشلاردا ۋەران بولغان شەھەرلەر، يوللار، مەدرىس، مەسچىتلەرنى، كارۋان يوللىرىدىكى رابات، قۇدۇقلارنى ئابدۇللاخان يېڭىدىن ياساتتى. بۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر، يەركەن، قاغىلىق، خوتەن شەھەرلىرىدە بىردەك چوڭ مەدرىس، جامە بىنا قىلدۇردى. بۇ مەدرىس، جامەلەرگە پۈتۈن كەنتلەر ۋەخپە قىلىندى. بۇ مەدرىسلەر ھازىرغىچە خانلىق مەدرىس دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
قاغىلىق بازىرىدىكى چوڭ جەمە سېلىشتىن ئىلگىرى بۇ جايدا بىر كىچىك مەسچىت بولۇپ ئۇنىڭ يېنىدا ھازىرقى مازارخوجام قەبرىستانلىقى بار ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ كىچىك مەسچىت 11-ئەسىر، يەنى قاراخانىيلار دەۋرىدە ياسالغان ئىكەن. ھازىرقى چوڭ جامە ئابدۇللاخان دەۋرىدە ئەنە شۇ كىچىك مەسچىتنى ئاساس قىلىپ، مازارخوجام قەبرىستانلىقىدىكى جەسەتلەرنى ھازىرقى قەبرىستانلىققا يۆتكەپ كېڭەيتىپ بىنا قىلغان ئىكەن. بۇ كونا قەبرىستانلىقتىكى جەسەتلەرنى يۆتكىگەندە، بىر گگردىن بىر ئالتۇن بۇت چىققان ئىكەن. بۇ ئالتۇننىڭ بىر قىسمىنى جامە مەدرىسىگە سەرىپ قىلىپ، قالغان قىسمىنى پۇلغا ئايلاندۇرۇپ، نۇرغۇن يەر، سۇ سېتىۋېلىپ جامە مەدرىسىگە ۋەخپە قىلىپ بەرگەن. ھازىر قاغىلىقتىكى بۇ جامە مەدرىس يېڭىدىن ئالاھىدە كۆركەم ياسىلىپ، قاغىلىقنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشتى. ئابدۇللاخان خوتەننىڭ چېرىيە بىلەن كېرىيە شەھەرلىرىدە تۆت چوڭ ئۆستەڭ ئەھيا قىلدۇردى ھەمدە سۇنى نۆۋەت بىلەن تۇتۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. سۇنى نۆۋەت بىلەن تۇتۇش ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
ھىجرىيىنىڭ 1075-يىلى(مىلادى 1665-يىلى) نىيە، چەرچەن تاغلىرىدا ياشىغۇچى غەيرىي مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار (سېرىق ئۇيغۇرلار) يەركەن خانلىقىغا بولغا ئىتائەتتىن باش تارتتى، كېرىيە شەھرىگە ھۇجۇم قىلدى، بۇلاڭچىلىق قىلىپ خەلقنى قىردى. بۇ خىل بۇلاڭ-تاراچ يۇرتنى ئېغىر ۋەيران قىلدى. ئابدۇللاخان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، يەركەندىن قوشۇن تارتىپ كېرىيىگە يۈرۈش قىلىپ سېرىق ئۇيغۇرلارنى مەغلۇب قىلدى.
ئابدۇللاخان دەۋرىدە قالماقلار ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۈچىيىپ، قازاقلارنى مەغلۇب قىلدى. 1659-يىلى بەشبالىق ۋە غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ جايلارنى بېسىۋالدى. ئابدۇللاخان بىلەن قالماقلار ئوتتۇرسىدا ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇشلار بولدى. ئاخىردا بۇ جايلار قولدىن كېتىش بىلەن بىللە، قۇمۇل، تۇرپانلارمۇ قولدىن كەتتى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ناھايىتى ئەلۋەك بىر قىسمى يەركەن سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ ئىلكىدىن قالماقلار ئىلكىگە ئۆتتى. يەركەن خانلىقىنىڭ زېمىنى ئالتە شەھەر بىلەن چەكلىنىپ قالدى.
يەركەن خانلىقى قالماقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەسكىرى كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى. يەنى بۇ دەۋردە غەربىي تۈرك ئىلى ئۇششاق خانلىقلار دائىم بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ۋە بىر-بىرىنىڭ يۇرتلىرىنى خانىۋەيران قىلىپ، خەلققە ئېغىر بالايى ئاپەت كەلتۈردى. بۇ خىل تېنچسىزلىق سەۋەبىدىن غەربىي تۈركىستان خەلقى ئېقىن سۇدەك شىنجاڭغا ھىجرەت قىلىشتى. ئابدۇللاخان بۇ مۇھاجىرلارغا مېھرى-شەپقەت قىلىپ، يەر، سۇ بەردى. بۇ مۇھاجىرلار ئارىسىدا (سەئىد)لىق دەۋاسى بىلەن ئۆزىنى كۆككە كەلتۈرگەن خوجىلارمۇ بار ئىدى. مەن «تەرىقەت مۇرشىدى» ۋە ياكى «سەئىددۇرمەن» دەيدىغان كىشىلەرمۇ كۆپەيدى. بۇلار يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنى چېرىتكۈچى كۈچ ئىدى. لېكىن، ئابدۇللاخان بۇ خوجىلارنى ھەددىدىن تاشقىرى ئىززەتلەپ، ئۇلارنىڭ تەلەپ-ئارزۇلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى. تامام دۆلەت ئەربەبلىرى ئۇلارغا مۇرت بولدى. ئاۋام خەلقى بۇ خوجىلارنى ناھايىتى ئۈستۈن مەرتىۋىلىك زات دەپ ئەقىدە قىلىشتى. بۇ ئەھۋال بىلەن خوجىلارنىڭ نوپۇزى باشقا ھەممە نوپۇزنى بېسىپ چۈشتى. ئابدۇللاخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ مۇنقەرز بولۇشى، خەلقنىڭ ھىجرىيە تارىخىدا كۆرۈلمىگەن پالاكەتلەرگە دۇچار بولىشىغا بۇ خوجىلارنىڭ سۈيىقەستى ۋە تۇز كورلۇقى سەۋەب بولدى.
ئابدۇللاخان يولۋاسخان ئاتلىق بىر ئوغلىنى قەشقەرگە ۋالىي قىلغان. يولۋاسخان بەك زالىم، مۇستەبىت بىر شەخس بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئابدۇللاخان ئوغلى يولۋاسخاننى ۋالىيلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىشنى مەخپىي قارار قىلغان ئىدى. يولۋاسخان دادىسىنىڭ بۇ قارارىدىن ۋاقىپلىنىپ ئىسيان كۆتۈردى. ئابدۇللاخان ئۇنىڭغا ئەدەب بەرمەك ئۈچۈن، قەشقەرگە ئەسكەر ئەۋەتكەن ئىدى. بىراق ئابدۇللاخاننىڭ ئەسكەرلىرى مەغلۇب بولۇپ، يەركەنگە چېكىنىپ كەلدى. ئىككىنچى قېتىن ئابدۇللاخان ئاتا بالا ئارىسىدا ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇش بولۇپ، ئابدۇللاخان ئەسكەرلىرى تالاپەتكە ئۇچراپ چېكىندى
(مىلادى 1667-يىلى).
ئابدۇللاخان ئۆز ئوغلىدىن يەتكەن بۇنداق تالاپەتنى كۆتۈرەلمەي، يۇرتتىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى ۋە كىچىك ئوغلى ئابدۇلمۆمىنخاننى ئۆز ئورنىدا خانلىقا ئولتۇرغۇزدى. بىرمۇنچە خاس ئادەملىرى بىلەن ھىندىستانغا چىقىپ كەتتى. يولۋاسخان ئىنىسى ئابدۇلمۆمىنخاننى مەغلۇب قىلىپ ئۆزى خان بولدى. ئۇ ئىككى يىل خانلىق قىلىپ، خەلققە ئىنتايىن ئېغىر زۇلۇم سالغانلىقتىن، خەلق قوزغىلىپ ئۇنى ئۆلتۈردى
(1670-يىلى).
«تارىخى رەشىدىيەنىڭ زەيلى»سىدىكى باياندا، «يولۋاسخان شۇنداق زالىم ئىدىكى، ئۇنىڭ ئالدىدا ھەججاج زالىم خىجىل ئىدى» دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.
يولۋاسخان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، رەئىيەتنىڭ كېڭىشىگە ئاساسەن ئىسمائىلخان سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ خانى بولۇپ تىكلەندى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مۇنقەرز بولۇشى


ھىدايىتۇللا خوجا نۇرغۇن مۇرت توپلاپ، قەشقەر، يەركەنلەردە يۇقىرى ئابروي قازانغاندىن كېيىن، ئىسمائىلخاننىڭ ئورنىغا خان بولۇش مەقسىتىدە بولىدۇ. «ھىدايىتۇللا ئەۋلادى پەيغەمبەر، يۇرتنى ئۇ سوراش كېرەك...» دېگەن سۆزلەرنى مۇرتلىرى تارقاتقاندا، ھىدايىتۇللا ئىشان بۇنىڭغا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھەم «ۋاقتى كېلىپ نېسىپ بولسا يۇرتنى بىز سورايمىز» دەپ مۇرتلىرىنى ئىسمائىلخاننى ئاغدۇرۇشقا كۈشكۈرتىدۇ.
ئىسمائىلخان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ئالىي يىغىن چاقىرىدۇ. ئۇ ھىدايىتۇللا ئىشان توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىنى جەزىملەشتۈرۈپ، تۆۋەندىكى قارارغا كېلىدۇ. يەنى ھىدايىتۇللا ئىشانغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇنداق قىلغاندا پاسات تۇغۇلىدۇ. بۇنى تەبىر بىلەن يۇرتتىن كەتكۈزۈۋېتىش كېرەك. ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئىشلار جايىدا كېلىدۇ، دەپ مەسلىھەتلىشىدۇ. نەتىجىدە مەسلىھەت بويىچە ئاپئاق خوجىغا تۇيدۇرماي، ئۇنى قەشقەردىن يەركەندىكى خانلىق ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ، نامە ئەۋەرتىدۇ. ھىدايىتۇللا ئىشان تەكلىپنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ھايال بولماي يەركەنگە كېلىدۇ.
ئىسمائىلخان ئاپئاق خوجا شەرىپى ئۈچۈن كاتتا زىياپەت بېرىپ، ياخشى ئات، تونلارنى تەقدىم قىلىدۇ. زور مىقتاردا پۇل بېرىدۇ. ئارقىدىن چوڭ بوۋىلىرى بولغان سەئىد جېلىل كاشىغەرىنىڭ مازارىنى ياسىماقچىمىز، ئۈستىدە تۇرۇپ بېرىشلىرىنى سورايمىز، چۈنكى بۇ ئىش بىز قەشقەر خەلقى ھەمدە خانلىق مەھكىمە ئۈچۈن شەرەب كەلتۈرىدىغان خىزمەتتۇر، دېگەن بۇ سۆزنى قىلغاندا ھىدايىتۇللا ئىشان يەركەندىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، قۇمۇل سەپىرىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، ئۆز ئورنىغا موللا تەقى دېگەن مەشھۇر، ئىناۋەتلىك كىشىنى قويۇپ، بارلىق مۇرت-مۇخلىسلىسلىرىنى ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنى ئەمىر قىلىپ، قەشقەردىن قۇمۇلغا قاراپ يول ئالىدۇ. خۇجا ھىدايىتتۇلا ئىشان قەدلىنىڭ كۇچارغا يەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر كېلىشى بىلەنلا ئىسمائىلخان بارلىق خەلقتىن بادىشاھلىققا كىرىم قىلىش سېلىقى ئېلىشنى يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، سوپى ئىشانلاردىنمۇ سېلىق ئېلىشقا پەرمان چۈشۈردى. سېلىق تۆلەشكە قارشىلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالىدى. بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن موللا فەقى تېزلىك بىلەن قەشقەردىن قېچىپ چىقىپ ھىدايىتۇللا ئىشاننى قارا شەھەردە قوغلاپ يەتتى ۋە ئەھۋالنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى.
بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان غەم دېڭىزىغا غەرق بولۇپ، كۆپ ئويلاپ ئاخىر ئىسمائىلخانغا قارشى تۇرۇپ ھاكىمىيەتنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قەشقەرگە دەرھال قايتتى. ئۇ يۇرت مۇخلىسلىرى بىلەن قانداق قىلىش توغرىلىق مەسلىھەت قىلىشتى. ئۇ مەسلىھەت بويىچە ئىسمائىلخاندىن ئۆز ئېلىش ۋە ئۇنى دۇنيادىن يوق قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن تۇۈلۈك ھىيلە-مىكىر سۈيىقەستلىك ھەرىكەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئىسمائىلخان ئەمدى ئىلگىرىكىدەك تەدبىر قوللىنىشقا بولمايدۇ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىش كېرەك دېگەن قارارغا كېلىدۇ. بۇ ئەۋلىيا ماشايىقلاردىن بىزار بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 1082-يىلى (مىلادى 1672.9 -يىل) بىر ھۆكۈم بىلەن ھىدايىتۇللا ئىشاننى چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى. يەنى 500 دىن ئارتۇق ئەسكەر ھىدايىتۇللا ئىساننى تابەلىرى بىلەن كانجۇتتىن ئۆتكۈزۈپ قايتىپ كەلدى، خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، سەمەرقەند، خۇراسان، پەرغانە، ۋاخان، شۇغمان، بۇخارا قاتارلىق جايلاردىن ئۆزىگە باش پاناھ ۋە تەرەپتار بولغۇدەك يار-يۆلەكچى تاپالماي 5 يىل ئايلىنىپ يۈرۈپ، كەشمىرگە كېلىدۇ. كەشمىردە پادىشاھ مۇھەممەت راجاغا مۇلاقات بولۇپ، يىغلاپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سەزگۈزەشتىلىرىنى ئېيتىدۇ. بۇنى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان شاھ مۇھەممەت راجا ھىدايىتۇللا ئىشانغا ئىچ ئاغرىتىپ مەسلىھەت كۆرسەتمەكچى بولۇپ مۇنداق دەيدۇ : «بۇ كۈنلەردە موڭغۇلىستاندا (شىنجاڭدا) ئۇرۇشۇپ سۇلتان سۇلتان ئىسمائىلخاندىن سىزنىڭ ئىنتىقامىڭىزنى ئېلىپ بەرگۈچى بىر ئالىي ھىممەت يوق. لېكىن مېنىڭ بىر مەسلىھەتىم بار، قوبۇل كۆرسىڭىز، سىزنىڭ مۇراد-مەقسىدىڭىز شۇندا ھەل بولىدۇ. ئەمما بۇ ناھايىتى مۈشكۈل ئىش. يەنە كېلىپ سىزگە ياردەم بېرىدىغانلار بۇددا، بىراخمان دىنىدىن بولغان كۇپار، ئىسلام دىنى بىلەن ھەرگىز كېلىشەلمەيدۇ. ئەگرچە ئۇنى قولغا كەلتۈرەلىسىڭىز، سىزگە ئەسكەر كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدۇ. بۇ كۈچ شىنجاڭنىڭ شىمالىنى ئىگىلەپ ياتقان جۇڭغار خانلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىراھمانلارنىڭ لاسادىكى پېشىۋاسى دالاي لامانىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن ياردەم ئېلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. سىز ئوبدان ئويلىنىپ بىر يەرگە كېلىڭ.» خوجا ھىدايىتۇللا ئۈچ كۈن قاتتىق ئويلانغاندىن كېيىن، بۇ مەسلىھەتكە تولۇق قوشۇلغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئىزھار قىلىپ، يوليورۇق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
كەشمىر شاھى مۇھەممەت راجا سۆز ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ : «كەشمىر بىلەن تىبەتنىڭ ئارىلىقى يېقىن، تىبەتنىڭ پايتەختى لاساغا كىرەلىسىڭىز مەقسىتىڭىزنى ھاسىل قىلىدىغان كىشى شۇ جايدا. سىزنى بۇ تۇرقىڭىز بىلەن بىراھمانلار قارشى ئالمايدۇ. لاساغا بارغانبدىن كېيىن بىراھمانچە ياسىنىڭ. لاسا شەھرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كاتتا بىر قوڭغۇراق بار، سىز بېرىپ قوغۇراقنى ئۇرسىڭىز دەرھال بىر بىراھمان چىقىپ قولىڭىزدىن تۇتۇپ لاماسون ئاتلىق بىر بۇدخانىغا باشلاپ كىرىدۇ. ھېلىقى بىراھمان نېمە قىلسا شۇنى قىلىسىز، قانداق ئىشقا بۇيرىسا شەرتسىز ئورۇندايسىز. شۇ يول بىلەن سىز ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ سىناقتىن ئۆتسىڭىز مەقسىتىڭىز ھەل» دەپ يوليورۇق بېرىدۇ.
خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان، شاھ مۇھەممەت راجانىڭ ككرسەتكەن يوليورۇقى بويىچە 21 كۈندە لاساغا يېتىپ بارىدۇ. شاھ مۇھەممەت راجانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كاتتا قوڭغۇراقنى ئۇرۇش بىلەن بۇتخانىدىن بىراھمان چىقىپ، ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ لاماسون دېگەن بۇتخانىگە ئېلىپ كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خوجا ھىدايىتۇللا لاماسون بۇتخانىسىدا 90 كۈن تۇرىدۇ. بىراھمانلار نېمە قىلسا شۇنى قىلىدۇ، نېمە ئىشقا بۇيرىسا شەرتسىز بىجا كەلتۈرىدۇ. توپتوغرا 90 كۈن بولغاندا تىبەتلەرنىڭ بىر دىنى بايرىمى بولۇپ، دالاي لاما بۇ يەرگە كېلىدۇ. بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي لاماسون بۇتخانىسىدىكى ھېلىقى راھىب خوجا ھىدايىتۇللانى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرىدۇ. ئۇ بىراھماندىن بۇ خوجىنىڭ ئەھۋالىنى سورايدۇ. بىراھمان جاۋاب بېرىپ : «بىزنىڭ لاماسونغا بىر يېڭى بىراھمان كېلىپ قالدى. ئۇ بۇرھان ئالدىدا ناھايىتى چىڭ ئېتىقاد بىلەن ئىبادەت قىلدى. ھەر كۈنى بەش ۋاخ ئەزالىرىنى يۇيۇپ تازىم بىلەن بۇتىانىغا باش قويىدۇ» دەپ ئۇنىڭ تەرىپى ۋە تەۋسىپلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن خوجىنى ئۇ قوبۇل قىلىپ ۋە نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى سورايدۇ. خوجا ھىدايىتۇللا يىغلاپ تۇرۇپ شۇنداق دەيدۇ : «مەن بولسام يەركەن، قەشقەر بەلكى ئالتە شەھەرنىڭ خوجىسىدۇرمەن، سۇلتان ئىسمائىلخان مېنى يۇرتۇمدىن ھەيدەپ چىقىرىپ شەھەرنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالدى. ماڭا دەشنام، ھاقارەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرھانغا ئەرز قىلغىلى كەلدىم» دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغان لاما خوجىغا ئىچ ئاغرىتىپ «ئى خوجا، سىز خاپا بولماڭ، بىزنىڭ بۇ يەردىن ئەسكەر ئەۋەرتىشىمىزگە بىسيار مۈشكۈلدۇر، چۈنكى يول يىراق ھەم خەتەرلىك، بىز سىزگە جۇڭغارىيەدىكى باتۇر قۇنتەيجىدىن ياردەم ئېلىپ بېرىشىمىز مۈمكىن. بىز ئۇنىڭغا نامە يازايلى، سىز بىزنىڭ نامىمىزنى ئېلىپ باتۇر قۇنتەيجىگە تاپشۇرسىڭىز ئۇ سىزگە ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ياردەم قىلىپ يۇرتىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىپ بېرىدۇ» دەپ تەسەللى بېرىدۇ ۋە دەرھال ئۆز نامىدىن باتۇر قۇنتەيجىگە بىر پارچە نامە يېزىپ بېرىدۇ. خوجا ھىدايىتۇللاغا بىر موڭغۇلنى ھەمراھ قىلىپ ئىلىغا يولغا سالىدۇ. نامەنىڭ مەزمۇنى مۇنداق : «جۇڭغارىيەنى باشقۇرغۇچى باتۇر قۇنتەيجىگە يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى بۇ خوجا بولسا، بىزنىڭ لاماسوندا ئۈچ ئاي يېتىپ، بۇتخانا نەزەرىدىن ئۆتتى. سىز بىلەن كۆرۈشمەكچى. بۇ كىشى بولسا ئۇلۇغ كىشىمىش، ئالتە شەھەرنىڭ ئىشانىمىش. بۇ كىشىنىڭ شەھىرىنى ئىسمائىلخان سىرياپ ئېلىپ ۋەتىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىپتۇ، كېرەككى سىز ئەسكەر ماڭدۇرۇپ بۇ كىشىنىڭ يۇرتىنى قولغا ئېلىپ بەرگەيسىز. نامە تامام» خوجا ھىدايىتۇللا نامەنى كۆتۈرۈپ بىر موڭغۇلنىڭ يول باشلىشى بىلەن 91 كۈن دېگەندە ئىلىغا كېلىپ باتۇر قۇنتەيجىگە مۇلاقەت بولىدۇ ۋە لامانىڭ بەرگەن خېتىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ بېرىدۇ.

موللا مۇھەممەت سادىق قەشقەرى بۇ جەھەتتە مۇنداق بىر شېئىر يازغان:

كۆرۈڭ ئەۋلادى پەيغەمبەر يېتىپ بۇتخانىدا ئۈچ ئاي،
مۇسۇلمان قەتلىچۈن قاتراپ يۈگۈردى زادىلا تىنماي.
خۇدا رەھمىتى مەۋىج ئۇردى بىچارە ئالتە شەھەر خەلقىگە،
بۇ قالماقلار قولى بىلەن كېسىدى باشنى كەمبەغەلنى باي.
كوچىلاردا خار-زار بولدى گۆدەك قىز-ئوغۇل ياشلار،
بۇلارنىڭ گەۋدىسى ئاتلار ئاياغىدا ئامان تاپماي،
تەرەھىم ئەيكەگىل ئاللامۇ مۇنىڭدەك خارۇ-زارلەرگە.
يېتىپ كەتكەن ئۆلۈكلەرگە كۆمۈشكە بىر ئىلاج تاپماي.

رىۋايەت قىلىندۇكى، شۇ كۈنلەردە ئىلىنى مەركەز قىلغان جۇڭغار قالماقلىرى تازا كۈچىيىپ بېيجىڭنى بېسىۋالىمىز دەپ قۇتراپ تۇرغان ۋاقىت ئىدى. جۈملىدىن ئالتە شەھەرنى بېسىۋېلىشقا باھانە تاپالماي تامىقىنى چېكىپ تۇراتتى. جاناب ھىدايىتۇللا قۇتىپ زامان ماشايىخ ئەۋلىياھى ھەزرەت لامانىڭ نامىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ باتۇر قۇنتەيجى بىلەن كۆرۈشتى.
باتۇر قۇنتەيجى ناھايىتى خۇرسەنلىك بىلەن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دەرھال ئوغلى غالدان سېرىلنى قوماندان قىلىپ 12 مىڭ ئاتلىق قالماق ئەسكىرى بىلەن ئالتە شەھەرگە يولغا سالىدۇ. بۇ قوشۇن 1678-يىل ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر بۆلىكى ئۇچتۇرپان، كەلپىن، مارالبېشى، كالتە يايلاقتىن ئۆتتى. ئاتۇشقا چۈشۈپ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلدى. يەنە بىر بۆلىكى ئاقسۇدىن ئۇدۇل غوروچۆل، مەكىتنى كېسىپ ئۆتۈپ يەركەنگە ھوجۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ئوتتۇرىدا ناھايىتى قانلىق ئۇرۇش باشلاندى. قەشقەردە بوباق سۇلتان، يەركەندە ئىسمائىلخان، خۇجا ھىدايىتۇللا باشلاپ كەلگەن قالماق ئەسكەرلىرىگە قارشى شىددەتلىك ئۇرۇشلارنى قىلىپ ئۇلارنى كەينىگە چېكىندۈرىدۇ. قالماقلار ئىسمائىلخان بىلەن بوباق سۇلتان ئەسكەرلىرىگە تەڭ كېلەلمەي مارالبېشىنىڭ پىچاق سۇندى دېگەن يېرىگە چېكىندى. دەل مۇشۇ پەيتتە خوجا ھىدايىتۇللا قەشقەر، يەركەندىكى سوپى ئىشانلارغا مەخپىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، قالماق ئەسكەرلىرىگە ماسلىشىپ ئىسمائىلخانغا قارشى تۇرۇشنى بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىلىمسىز نادان، جاھىل سوپى ئىشانلار ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەي، قالماقلارغا ماسلىشىپ، ئىسمائىلخان ئەسكەرلىرىگە قارشى تۇردى. شەھەر ئىچىدە ئالا-توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىسمائىلخان ئەسكەرلىرىنىڭ قورال-ياراق ۋە ئۇزۇق-تۈلۈك ئامبارلىرىغا ئوت قۇيىۋەتتى. شەھەردىكى لۈكچەكلەرنى قۇترىتىپ خەزىنىنى بۇلاتقۇزدى. يېزا سەھرالاردىن كەلگەن پادىشاھلىق ئاشلىقلىرىنى بۇلاپ-تالىدى.
خوجا ھىدايىتۇللانىڭ قۇترىتىشى ۋە تەشۋىقى بىلەن بۇ نادان سوپى ئىشانلار قالماقلار تەرەپتە تۇرۇپ، ئىسمائىلخانغا قارشى چىقتى. ئىچكى جەھەتتە بۇلاڭچىلىق، تېرورلۇق قىلدى. ئارىنى بۇزدى، بۇنىڭ.ارقىسىدا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا تاسادىپىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تېرىلىپ تىرىپىرەن بولۇش ئالدىدا تۇرغان قالماقلار جانلىنىپ ھوجۇمغا ئۆتتى، شۇنداقتىمۇ ئىسمائىلخان قوشۇنلىرى 17 كېچە-كۈندۈز ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇشتى. قالماقلارنى شەھەرگە زادىلا يولاتمىدى. بىراق، سىرتقى ھۇجۇمغا، ئىچكى جەھەتتە سوپى ئىشانلارنىڭ ماسلىشىشى، ئۇزۇق-تۈلۈكنىڭ تۈگەپ قېلىشى، بىگۇناھ شەھەر خەلقىنى ئازاب-ئوقىبەتكە، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلدى. بۇنداق نائىلاج شەھەر دەرۋازىسىنى ئاچقۇزدى. خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان شەھەرگە باستۇرۇپ كىردى. قاچقان-پۈتكەن سوپى ئىشانلار بىلەن قالماقلارمۇ شەھەرگە كىردى. جاناب ھىدايىتۇللا ئىشان قالماقلارنىڭ قولى بىلەن ئىسمائىلخاننى ۋە ئۇنىڭ 70 تىن ئارتۇق ئۇرۇق-جەمەتىنى تىرىك تۇتۇپ باغلاپ ئەسىر قىلدى. يەركەن ھاكىمى ھاراز بەگ ئۇرۇشتا شېھىد بولدى. قەشقەر ھاكىمى شىر مۇھەممەت قالماقلارغا تەسلىم بولغان بولسىمۇ قالماقلار ئۇنى چاناپ ئۆلتۈردى. 18-كۈنى بوباق سۇلتان شېھىد بولۇپ يەركەن، قەشقەر قولدىن كەتتى.
بۇ ئۇرۇشتا ئىسمائىلخان ئەسكەرلىرىدىن 8300 كىشى قۇربان بولدى. ئەمما قەشقەر، يەركەن ۋە باشقا جايلاردىكى شەھەرلەردە ئۆلتۈرۈلگەن، بۇلاڭ-تالاڭ ۋە ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 74 مىڭدىن ئاشىدۇ. ھەتتا ئاتا-ئانىلىرى ئۆلۈپ تالادا تەمتىرەپ يۈرگەن يېتىم-يېسىر بالىلارمۇ قالماقلار ئاتلىرىنىڭ تۇۋاقلىرى ئاستىدا چەيلىنىپ ئۆلدى.

موللا مۇھەممەت سادىق قەشقەرى بۇ ئەھۋالنى مۇنداق يازىدۇ:

مۇسۇلمانلارغا ئولكۈن بىر قىيامەت ئىيلىدى ئاشكار،
ئۆلۈكلەر كوچىدا ياتار قىلالماي سۆزىنى ئىزھار.
ئىگىسىز قىز-ئوغۇللار ھەم گۆدەكلەر خارۇ خەس يەڭلىغ،
بۇلارنى باشقۇرۇپ ئاش-نان بېرەرگە قايدىدۇر غەمخار؟

دېمەك، خوجا ھىدايىتۇللا (ئاپئاق خوجا) ئىشاننىڭ جۇڭغار قالماقلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن 170 يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت يۈرگۈزۈپ، پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان يەركەن سەئىدىيە خانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ تاشلاندى ۋە جۇڭغار قالماقلىرى كونتروللۇقىدىكى ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ قورچاق ھۆكۈمرانلىقى تىكلىنىپ، ئاشۇ شەھەر خەلقى قايتىدىن قۇللۇق زەنجىرىگە باغلاندى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

تولۇق ئوقۇش

Shor deryaning u teripi(dastan)




شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى


(داستان)



چىمەنگۈل ئاۋۇت



بىرىنچى باب: يامغۇرلۇق كېچە


ئېتىزلىقتىن تەپچىرەيدۇ ھارغىن تىنىق،
بۇ كەنتتە لىغىرلايدۇ ھىجران ئۈنى.
جىمجىتلىق بار ئورۇلمىغان بۇغدايلاردا،
كەچكۈم كەلدى سېنى شۇ دەم ئېرىق سۈيى.

قىر تۈۋىدىن يۇلۇنغان ئاھ ياۋا گۈلۈم،
سۇس سەزگۈمدە ئوخشاپ قالدى ئىسسىق قولغا.
ناخشامدەكلا سىڭىپ كەتتى زالىم ئۈنۈم،
گۈل رەڭگىگە كىرىپ قالغان يوچۇن يولغا.

تال-تال بولۇپ ئەركىلەيدۇ مەيىن شامال،
شاخلاردىكى يوپۇرماقمۇ ھالسىز شۇنچە.
يارغىلا ئوخشايدۇ بۇ پاكار ئۆيلەر،
چەيلەنمەكتە ئاياغلاردا يۇمران غۇنچە.


كېتىۋاتىمەن، بۇ ئىشىكتىن يەنە بىر ئايالنىڭ قېچىپ چىققانلىقىنى كۆردۈم. ئارقىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان قارا گەۋدىگە قاراپ شۈركۈنۈپ كەتتىم، ئۇمۇ مېنى تونۇدى بولغاي، چەكچەيگىنىچە ئورنىدا داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. كېتىۋاتىمەن، يېنىك شىرىقشىۋاتقان ئەسلىمىلىرىمدىن يۇلقۇنۇشقا ئامالىم بولمىدى...

جان قۇشۇم تېپىرلار، تىرناقلىرى قان،
ۋەھىمە يالايدۇ قاناتلىرىمنى.
ئىسسىق قۇم ئۈستىدە ئېچىلغان بىر گۈل،
تارىتار مېھرىمگە سېنىڭ قەدرىڭنى.

مۇجۇلغان يۈرەكتەك يانىدۇ قۇياش،
پىژغىرىم تېنىمدە چېچەكلەيدۇ تەر.
چېقىلغان شېشىلەرگە دەسسەپ ماڭىمەن،
يالاڭئاياغ پۇتۇمدىن ئاۋازىم ئۈنەر.

شېغىللىق يول بىلەن ئۇزىغان بىر مۇڭ
تونۇيدۇ شامالنى، ئايالنىمۇ ھەم.
ئۈن-تىنسىز شەلۋەرەپ تۇرار تېرەكلەر،
سۆيۈشمۇ بىر ئازاب، سۆيۈلۈشتۇر غەم.


دەرۋەقە، مەن ئۇنى سۆيگەن، ئۇنىڭ تۆككەن ياشلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن سۈرتكەنىدىم.

كەچۈرگىن تەبىئەت تەرسالىقىمنى،
مەن يەنە خورلۇققا كۆنمىدىم تىنچ.
گەر ھازىر بۇ يۇرتتا بولسا چىن تۆمۈر،
مەن ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۇراتتى قىېلىچ.

يامغۇرلۇق شۇ كېچە يۇغان ھەممىنى،
ئىشىكتىن جىممىدە چىقسام ئاۋايلاپ.
قۇشلارغا ئۆي بولسا بەزىدە قەپەس،
ئايالغا ئۆز ئۆيى قەپەستۇر شۇ تاپ.

ئاسماندا بىر تالمۇ يۇلتۇز كۆرۈنمەي،
چاقماقنىڭ شىددىتى باسقان قەلبىمنى.
يىرتىلغان كۆڭلىكىمگە سىڭگەنتى كۈلپەت،
يۇلۇنغان چاچلىرىمغا يايسام ئۈنۈمنى.

يۈزۈمدە ھىلالنىڭ دېغىدەك يېغىر،
كىرىشكەن چىشلىرىمدا چاينالغان قىسمەت.
دېگەنتىم شۇندىمۇ: «ھاياتلىقىمدا —
مەن ئۈچۈن ھەممىدىن ئۇلۇغ مۇھەببەت».


ئۇزاق يىللار ئىلگىرى مەنمۇ ئاشۇ ئىشىكتىن ئىلكىمدىكى بارلىق ئازاب ۋە ئارمانلىرىمنى ئېلىپ مۇشۇنداقلا قېچىپ چىققان. ئۇ ھەتتا مېنى ئارقامدىن قوغلاپ بېقىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەنىدى. كېتىۋاتىمەن... ھېلىقى ئايال قاياقلارغا غايىب بولغاندۇ؟

گۇگۇمدەك مۇلايىم ئەمەستۇر ئەرلەر،
قەھرىمۇ يارالماس كېچە باغرىنى.
بىر ئورام تاماكا، بۆرە ئوشۇقى،
بەلكىم بۇ ئۆمرىدە ياشاپ تاپقىنى.

ھەسرەتسىز، ئۈمىدسىز ئۆتەر خىرامان،
ئۇيقۇدىن ئويغانسا ئاندىن ئاتار تاڭ.
پەسىلسىز ياشاشقا كۆنۈپ كەتكەن ھەي،
بەزىدە ۋاقىتمۇ تۇيۇلار غازاڭ!


«بۇ كەنتتىكى مەزلۇملار يىغلىۋالغىلى يەنىلا كۆل بويىغا بارامدىغاندۇ؟» ئۆز ئۆزۈمگە ئاستا شىۋىرلىغاچ كېتىۋاتىمەن.
- شۇنداق، ھازىرمۇ ساڭا تونۇش ئاشۇ كۆل بويىغا بارىدۇ گۈلبانۇ.
جىگدە شېخىغا قونۇپ تۇرغان قېرى بۇلبۇلنى كۆرۈپ ۋارقىرىۋەتتىم:
- مېنى تېخى ئۇنتۇماپسەن بۇلبۇلۇم.
- تارتقان كۈلپەتلىرىڭنىمۇ ئۇنتۇمىدىم، - ئۇنىڭ ئاۋازى چىگىلدى، - ئۇلار كۆل بويىدا قانغۇدەك يىغلاپ، ئاندىن كۆز يېشىنى كوزىلىرىغا ئېلىشىپ، يەنە ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتىشىدۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ سوغۇق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتىم.
- بارغىن، ئۇمۇ يىغلاۋاتىدىغاندۇ بەلكىم.
ياشاڭغىراپ تۇرغان كۆزلىرىم بىلەن بۇلبۇلغا بىر قارىۋېلىپ، كۆل بويىغا يېقىنلاشتىم.

غۇنچىتىم، ئاچالمىدىم ئۆز بېغىمدا،
كېيىكتىم، يايلىمىدىم ئۆز تېغىمدا.
سېنى دەپ، ئاھ سېنى دەپ سۇندۇم تەكرار،
سانجىدىڭ تىغلىرىڭنى ئۆز قولۇڭدا.

لەختە قان يۈرىكىمنى مۇجۇپ تۇرۇپ،
چەيلىسەڭ چاچلىرىمنى يۇلۇپ تۇرۇپ،
چىدىدىم ئايال دېگەن بىقۇۋۇل دەپ،
بولدىلا كۆڭۈل دېگەن كەتسۇن قۇرۇپ.


ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ قوللىرىنى ئالىقانلىرىم ئارىسىغا ئالدىم. ئۇ خۇددى ئۇزاق يىل كۆرۈشمىگەن قەدىردانىغا يولۇققاندەك ماڭا ئۆزىنى ئاتتى. ئاۋازىمىز ئاۋازىمىزغا، كۆز يېشىمىز كۆز يېشىمىزغا قوشۇلۇپ كەتتى...
- مېنى تونۇمسىز؟
- تارتىۋاتقان ئازابلىرىڭىزنىمۇ بىلىمەن سىڭلىم.
- نېمە؟!
- بىر چاغلاردا مەنمۇ ئاشۇ ئۆيدىن قېچىپ چىققان.
- ئۇنى سۆيەمتىڭىز؟
- ...
- سىزچۇ؟
- ...
- ئۇ مېنى ئېلىپ قاچقان.
- مېنى قوناقلىقتا ئوت ئېلىۋاتقان يېرىمدە خوتۇن قىلىۋالغان.
ھەر ئىككىمىز ئىختىيارسىز كۈلۈپ كېتىشتۇق. كۈلكىمىزگە ئۇلىشىپ سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى.

ئىككىنچى باب: سەپەردىكى ئايال


ئۆز خىياللىرىمغا چۇلغىنىپ ئولتۇرۇپ پۇچىلىنىۋاتىمەن.

زەردابتەكلا ئىسسىق ھاياجان،
غاجىماقتا يالغۇزلۇقۇمنى.
ئاپتوبۇسنىڭ ئورۇندۇقىدا
يېنىك شامال تۇتتى قولۇمنى.

ئۈزۈك-ئۈزۈك تەرتىپسىز تۇيغۇ
يانجىلماقتا يوللاردا جىمجىت.
قىمىرلايدۇ ئەينەك سىرتىدا
تەر ھىدىدەك تونۇش بىر ۋاقىت.

ياۋا توشقان يۈگۈرگىنىچە
كىرىۋالدى چاقنىڭ ئاستىغا.
مۇزىكىنى ئۆچۈردى شوپۇر،
قولىقىمغا ئاڭلاندى يىغا.


چەكسىز كەتكەن قۇملۇق، پايانى يوق قۇرغاقچىلىق قاپلاق كەتكەن شورلۇق تۇپراققا قاراپ ئېرىۋاتىمەن. ھېلىقى ئايالنىڭ يەنە ئۆيىگە قايتالىغىنىغا ھەيران قالمىدىم. چۈنكى، ئىرادىدىن ئىرادىگە ئۆتۈپ ياشاش ئاياللارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ.

گۈل بىلەن تەڭ نەپەس ئالغىن، قۇش بىلەن تەڭ سايرىغىن،
كۈن بىلەن تەڭ ئارام ئالغىن، ئاي بىلەن تەڭ يايرىغىن.
چاكۇچاك بولغان يۈرەكنى پەيمانى ئەيلەي سەن ئۈچۈن،
بۇ ھايات تەلقىنلىرىدە ئاقىل-ناداننى ئايرىغىن.

كۆز يېشىڭ ھەقداسىغا يۇلتۇزلىرىمنى چۆكتۈرەي،
خۇن بولۇپ كەتكەن ئېتەككە قۇندۇزلىرىمنى تۆكتۈرەي.
بۇ جاھان سەيناسىدا بىر كۈن غېرىب بولساڭ ئەگەر،
ئىككىلەنمەي كەل يېنىمغا مىڭ يىل ئۆزۈملا مۆكتۈرەي.


نەپەس ئېلىشىم تېزلىشىپ، يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالغىلى تاس قالدى. ئۇزاق يىللار ئىلگىرى مەھەللىمىزدىكى دىۋانە ئايالدىنلا ئاڭلىغىلى بولىدىغان بۇ ناخشىنى ئەمدى بۇ يەردە كىم ئېيتىۋاتىدىغاندۇ؟
... ئىختىيارسىز ناخشا چىقىۋاتقان تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.

ھاۋانىڭ تىنجىقى سىقار دېمىمنى،
ۋۇجۇدۇم بەرگىدە يېنىك بىر تىترەك.
ئاخشامقى بوراندىنمۇ سۆيۈنۈپ قالدىم،
بىلىمەن، يەنىلا كۈلۈشۈم كېرەك.

چىپىلداپ تەرلىگەن ئەرنىڭ تېنىدەك
زېمىننىڭ ئارامى چېقىلدى قات-قات.
ئېھ، شۇ دەم دۇئاغا كۆتۈرگەن قولدەك
كىملەرنىڭ لەۋلىرى تىترەيدۇ پات-پات.


دىۋانىنىڭ ئىسمى رەيھانگۈل ئىدى، بىرەرى رەيھان دىۋانە كەلدى دېسە، بالىلارنىڭ ھەممىسى پىتىراپ تەرەپ-تەرەپكە قېچىشاتتى. چۈنكى، ئۇ بالىلارنىڭ قولىدىكى توقاچ، سامسا، كۆكباش، زاغرا، ئالما، ئامۇت، نەشپۈت، جىگدە دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆرۈپ قالسىلا قولىدىن تارتىۋالاتتى-دە، ئىشتىنىنىڭ ئېغىغا سۈركۈۋېتىپ خاتىرجەم كۈلۈپ كېتەتتى. چۈنكى، ئۇ بۇ نەرسىلەرنى ئەمدى ھېچكىمنىڭ ئۆزىدىن تالاشمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. نېمىشقىكىن، ئۇ دىۋانە ئايال ئۈزۈم يەۋاتقان بالىلارغىلا چېقىلمايتتى. بۇنىڭغا ھېچكىم ھەيران قالمايتتى ھەم سىرىنى بىلىشكە ئۇرۇنمايتتى...
...
پاناھلىق ئۈچۈن ھەر خىل-ھەر ياڭزا تاشلاردىن قوپۇرۇلغان بۇ كىچىككىنە كەپىگە ئېڭىشىپ ھەم قىستىلىپ تۇرۇپ مىڭ جاپادا كىردىم. ئالدىمدا چار ساقال، ئورا كۆز، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن تۇمىقىدىن چاچلىرى پاخپىيىپ چىقىپ تۇرغان دەرۋىش سۈپەت بىر بوۋاي ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدىكى ساپايى، ئالا خۇرجۇنىغا يۆلەپ قويۇلغان ھاسا ھەم بىر چۆگۈن ئۇنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتى بولسا كېرەك.

قورايدەك قوللاردا مۇجۇلار تەسۋى،
سۇ بولدى يۈرىكىم، ئوت بولدى مېھرىم.
غېرىبلىق دەشتىدە ياشاپ يەكمۇ يەك،
ئۇزاق يىل مۇشۇنداق ئۆتكەندۇ بەلكىم.

كىملەردىن نېمىنى كۈتكەندۇ، ھەيھات،
چىدام ھەم غەيرەتنى كىم بەرگەن ئاڭا.
ئاھ، مۇنداق مۆھتەرەم، ئەزىز بىر جاننى
تەۋەللۇت ئەيلىگەن قايسى بىر ئانا.


توۋا، ھېلىقى ناخشىنى ئۇ ئېيتقان بولغىيمىتى؟ كۆڭلۈمدىكى ئىزتىراپ كۆزلىرىمگە تەپچىپ چىقتى.
- كەل قىزىم، قورقما.
- بايىقى ناخشىنى...
- ناخشا... سەنمۇ ئاڭلاپسەندە!
- مەن كىچىكىمدىمۇ ئاڭلىغان بوۋا.
- نەدە، كىمدىن؟ ئۇنىڭ ئاۋازى ھاياجاندىن بوغۇلۇپ قېلىۋاتاتتى.
- مەھەللىمىزدىكى رەيھان دىۋانىدىن.
- رەيھان!!! ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ھەم تەلۋىلەرچە ۋارقىرىشىدىن ئەندىكىپ كەتتىم.
- ئاخىر سېنى تۇنۇيدىغان، سېنى ئۇنتۇمىغان بىرسىنى ئۇچراتتىم رەيھان. يۈرىكىمدىكى گەپلىرىم ئۇ ئالەمگە ئۆزۈم بىلەن بىرگە كەتمەيدىغان بولدى.
- بوۋا...
ئۇ بوش يۇمۇۋالغان كۆزلىرىنى ئاستا ئېچىپ ساپايىنى قولىغا ئالدى.

ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن،
ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى.
كۆز يېشىم دەريا بولۇپ،
بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.

قۇرغۇيۇم ياتقان قەپەسنىڭ
ئاچقۇچى قارنىمدىدۇر.
ئىتلىرىڭ قوغلايدۇ ھارماي،
قاۋانلىرىڭ ئالدىمدىدۇر.

ئەر ئەمەسمەن، ئوتلىرىمنى
يۈرىكىڭگە سالمىسام.
تىكەن كىرسە تاپىنىڭغا
كىرپىكىمدە ئالمىسام.

چاچلىرىڭنىڭ ئۆرۈمىگە
ئۆرۈلەي تال-تال بولۇپ.
توزۇسۇن ئاياغلىرىڭغا
پەسلى كۆكلەم كۈل بولۇپ.

ئەل سېنى دېسە نېمە،
مەن ئۈچۈن سۇلتان ئۆزۈڭ.
رەيھىنىم باغىمدا كۆكلە،
سەن ئۈچۈن يۇم-يۇم كۆزۈم.


مەن ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتكەندە مۇشۇ ناخشىنى ئوقۇيتتۇم. رەيھان ھېلىقى ناخشىنى...
بوۋاينىڭ گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرى، يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىگە قاراپ ئۇھسىنىۋاتىمەن.
- باينىڭ ئوغلى بولغانلىقىم ئۈچۈن، مۇھەببەتتىن، ئۆز ئەركىنلىكىمدىن مەھرۇم بولغانمەن. ئاتا-ئانام رەيھانگۈلنى پەس دىۋانىنىڭ قىزى دەپ ياراتمايلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بېسىم ئىشلىتىپ يۇرتتىن قوغلىدى...
ئاشۇ كۈنلەردىكى يۈرەكسىزلىكىم، غاپىللىقىم ئۈچۈن ئۆمرۈم بويى ۋايىم يېدىم. لېكىن... شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم قىزىم.
- قاچاندىن بېرى مۇشۇنداق تەركىيدۇنيا بولۇپ ياشاۋاتىسىز بوۋا؟
ئۇ ئۇلۇغ كىچىك تىندى:

زامىن بولۇپ بىر گۈلگە، ۋىدا قالدى قەلبىمدە،
ھەسرىتىمنى قان بىلەن قوشۇپ يۇتتۇم ئىچىمگە.
كەچۈرگىن، ياق، جازالا ئۇلۇغ ئاللا مېنى سەن،
بۇنچە دەردنى سالمىغىن مەندىن باشقا ھەركىمگە.

كۆيۈشنىلا بىلگەن ئەر ئەر ئەمەسكەن ئەسلىدە،
بولمىسا گەر يېنىدا بىرەر مىسران قىلىچى.
بىلمەيدىكەن ئۇ ھەتتا قانداق ياشاپ ئۆتۈشنى،
تارتىلىدۇ قاي قولدا ھاياتلىقنىڭ كىرىچى.


ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار تويۇمنى قىلىشتى. ئايالىم مېھرىبان ھەم تەقۋادار، گۈزەل ئايال بولسىمۇ، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن باغرىمغا باسالمىدىم. رەيھاننىڭ سايىسى، رەيھاننىڭ ناخشىسى، رەيھاننىڭ يىغىسى مېنى ئەگىپلا يۈرەتتى... توي قىلىپ 40 كۈندىن كېيىن ئايالىم دورا ئىچىپ ئۆلۈۋالدى. مەن شۇندىلا بۇ ئۆمرۈمدە يەنە بىر ئىشنى خاتا قىلغىنىمنى ئاندىن بىلدىم-دە، ئاخىر مۇشۇ يولنى تاللىدىم.
ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشىمنى ياكى ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشىمنى بىلەلمەي، مەنمۇ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم. توققۇز ياش چاغلىرىمدا ئانام بىلەن مومامنىڭ: »رەيھان دىۋانە بۇ يۇرتقا مۇساپىرلىقىدىن ھەم ئۆزىنىڭ يېتىملىكىدىن دىلى سۇنۇق ئىدى. ئۇنى بوزەك قىلغان قارا يۈزنىڭ ئۆزى تۇنجۇقۇپ ئۆلسىچۇ ئىلاھىم« دەپ ئۇھسىنىشقىنى يادىمغا كەلدى. لېكىن بوۋاينىڭ يارىسىغا تۇز سەپمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىدىم.

ئازابنىڭ قەرىدە سۇنغاندا رىزىق،
يۇلتۇزسىز ئاسماننىڭ تېنى سويۇلدى.
تىغ بولۇپ سانجىلسا ياشاش بېسىمى،
رەھىمسىز تەقدىرنىڭ كۆزى ئويۇلدى.


- ھە راست، بوۋا، ئۇنىڭ نېمىشقا ئۈزۈم يېمەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- بىلىمەن، ھەممىنى بىلىمەن، مەن ئۇنىڭغا تەكرار-تەكرار ئېيتىپ بېرىدىغان بىر ھېكايە بار ئىدى قىزىم. ئەمدى ساڭا ئېيتىپ بېرەي.


ئۈچىنچى باب: بوۋاينىڭ ھېكايىسى


ئول قەدىمكى زاماندا بولغان ئىكەن بىر سۇلتان،
زاتى تۈرك ئالىپقا تۇتاش ئىكەن، تومۇرداش.
خەزىنىسى بايلىققا، خان ئوردىسى ھېكمەتكە -
تولۇپ ئۆتكەچ ئۇ ئەلدە بار ئىكەنمىش جۈپ قۇياش.

ئاھ، شۇندىمۇ جاھاندا ئازابى يوق بەندە يوق،
قىسمەتلەرنىڭ چاقىمۇ ئايلىناركەن كۈنۇ تۈن.
بەخت بىلەن ئارزۇنىڭ بىرسى بولسا، بىرى كەم،
ھايات شۇڭا گۈزەلدۇر، يېشىلمىگەچ بۇ تۈگۈن.

شۇنچە كەڭرى باياشات بولسىمۇ گەر زېمىنى،
تۇيۇلاركەن سۇلتانغا لەززىتى يوق شۇنچە تار.
بولمىغاچقا ۋارىسى كۆك تەڭرىگە تېۋىنىپ،
يىغلايدىكەن ئىچىدە پەرزەنت ئۈچۈن زارۇزار.

قىرانلىقى قىرىق ياش پارلىغاندا ئاپتاپتەك،
بوپتۇ ئاخىر ئىجابەت ئۇنىڭ ئۆمۈر تىلىكى.
شۇنچە ئوماق، چىرايلىق، سۇدەك سۈزۈك قىزىنى،
سۆيگىنىدە جىسمىغا سىغماي قاپتۇ يۈرىكى.


بۇ قىز كۈن ساناپ چوڭ بولغانسېرى شۇنچە لاتاپەتلىك ھەم مېھىرلىك، ئەقىللىق ھەم دىيانەتلىك بولۇپ يېتىلىپتۇ. سۇلتان ئارزۇلۇق قىزى 61 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنى يامان كۆزلەردىن نېرى تۇتۇش ئۈچۈن، ئوردا شەھىرى خانئۆينىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى تاغ قاپتىلىغا بىر قاتار ھۇجرىلارنى قازدۇرۇپ، ماھىر رەسسام، ئۇستا نەققاشلارنى چاقىرتىپ، ناھايىتى سېھىرلىك قىلىپ بېزەپتۇ-دە، قىزىنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن كۆڭلى ئارامغا چۈشۈپتۇ.

ئايلار ئۆتۈپ، كۈن ئۆتۈپ، يىل يىلاندەك تولغىنىپ،
تۆكمە بولۇپ مەئىشەت، زېمىن ئانا يايراپتۇ.
گۈل ئېچىلسا دالىدا قىز كۆڭلىدەك خىرامان،
ئاشىق بۇلبۇل شېخىدا خەندان ئۇرۇپ سايراپتۇ.

بۇغا، جەرەن، ماراللار تاغدا ئوتلاپ قىيغىتىپ،
تەبىئەتكە نۇر بولۇپ قوشۇلۇپتۇ ئاشۇ دەم.
ئوۋ سەلكىنى يىراقتىن ئۇرۇلغاندا دىماغقا،
دەريا سۈيى شاۋقۇنلاپ ئۇھسىناركەن دەممۇدەم.


خىسلەتلىك قوللار بىلەن بىنا بولغان چاھارباغدا پاسىبانىغا ياندىشىپ سەيلە قىلىۋاتقان خانىش قىزىنىڭ گۈزەل ئەتىسى ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرى ھەققىدە تاتلىق ھېسلارغا چۆمۈپتۇ:

مېنىڭ ئالغۇر بۈركۈنۈم، بەخت قۇشۇم سۇلتانىم،
كۆيۈپ ئۆتتۈم بىر ئۆمۈر سېنىڭ ئىللىق باغرىڭدا.
خالاس بولدۇق قايغۇدىن، بۇ ئاللانىڭ ھىممىتى،
ئاياللىقىم نۇرلاندى، ئانا بولدۇم ئالدىڭدا.

خۇشلۇقۇڭنى كۆرگەندە، قەلبىم كەلدى لەرزىگە،
ھاياقاندىن خىيالىم چاك-چاك بولۇپ يېرىلدى.
كۈلكەم بىلەن ئۈن قاتسام قۇشلىرىڭنىڭ كۈيىگە،
ئېتىكىمگە كۆز يېشىم مارجان بولۇپ تېرىلدى.

قىزىمىزمۇ چوڭ بولدى، ھۆسنى ئۇنىڭ گۈل بولدى،
ئۇنىڭ مېھرى تاشقىنلاپ، كۆزلىرىمدەك كۆل بولدى.
خۇدا بەرسە ئۆمرىنى، پاراسىتى چەكسىزدۇر،
دېيەلمەيمەن شۇندىمۇ ئۈمىدىمىز ھەل بولدى.

جەڭگاھلاردا ياندىشىپ ئات چاپتۇرۇپ ماڭغۇدەك،
ياۋلار كۆرسە بەستىنى ئارقىسىغا يانغۇدەك،
تۇغۇپ بېرىپ بىر ئوغۇل ئۆلۈپ كەتسەم مەيلىدى،
پاسىبانىم، سۇلتانىم چىرىغىڭنى ياققۇدەك.


سۇلتان قاۋۇل قوللىرى بىلەن خانىشنى ئۆزىگە تارتىپ باغرىغا بېسىپتۇ. ئۇنىڭ غۇنچىدەك لەۋلىرىگە، ياشلىق كۆزلىرىگە سۆيۈپ، سۇمبۇل چاچلىرىنى پۇراپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:

خۇدا بەرگەن بەختىمگە بۇ دۇنيالىق قاياشىم،
سەن نېمىشقا بىھۇدە ياشلىرىڭنى تۆكىسەن.
ئاقلىقىڭدىن ئاق قۇلار پەرۋازىنى تىلەيدۇ،
يۈرىكىمنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆچمەيدىغان ئوتىسەن.

ساقلىقىڭدىن ئەزىزرەك ھېچ نەرسە يوق، بىل ماڭا،
سۇباتىڭدىن رەڭ ئالغان مېنىڭ مۇشۇ باغلىرىم.
كىرپىكىڭنى تىغ قىلساڭ، كۆزلىرىڭنى سىيادان،
ئايىغىڭغا يىقىلار ھەتتا ئېگىز تاغلىرىم.

قىزىمىزنىڭ سۈلكىتى ئەيمىندۈرەر ئاينىمۇ،
ئاۋازىنى ئاڭلىسا توختاپ قالار تاغ سۈيى.
گۈلمۇ كۆرسە چېھرىنى خىقىللىقتىن سولۇشار،
بۇ ئالامەت سېھرىنى كۆرمىگەنمۇ سەن قېنى.

ۋاراقلاندى بىرمۇ بىر توپا باسقان كىتابلار،
ھېكمەتلەرنى سۇغىرىپ قىيام قىلدى مېھرىدە.
جاسارىتى ئۇرغۇيدۇ تىللىرىدىن بۇلدۇقلاپ،
تۈن بەرگىمۇ چاراقلاپ ئۆتتى ئۇنىڭ ئىلكىگە.

قەدىمىگە يۇلتۇزلار تۆكۈلىدۇ ياپراقتەك،
خىياللىرى بىمالال ئەسىر قىلدى ھەممىنى.
شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇ تەختىمدىلا چوغلانسا،
جېنى بىلەن قوغدايدۇ پۈتۈن ئەلنىڭ ئەركىنى.

ئون ئوغۇلغا بەرگۈسىز قىزىم تۇرسا ئاشۇنداق،
غەم قىلاي مەن نېمىشقا دەپ باققىنە خانىشىم.
خۇدا بەرسۇن ئۆمرىنى، ھەسرىتىم يوق ئالەمدە،
ئۇمۇ مېنىڭ مەڭگۈلۈك يىمىرىلمەس ئۇل تېشىم.


خانىش ئۇنىڭغا ئاھۇدەك تەلمۈرۈپ، رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپتۇ-دە، ئىپار پۇرىقى بالقىپ تۇرىدىغان نۇرانە خانىدە سۇلتاننىڭ قابىل كۆكرىكىگە باش قويۇپ تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.

«ئىست قىزىم، جان قىزىم، بىزگە نېمە تارتقۇلۇق»
دەپ ۋارقىراپ تۇيۇقسىز خانىش جۆيلۈپ كېتىپتۇ.
سۇلتان چۆچۈپ پەپىلەپ، تارتىپ ئۇنى ئۇيقۇدىن،
مېھرى بىلەن خانىشقا يەنە تەھسىن ئېيتىپتۇ.

ئېيت دىلبىرىم، يىغلىما، قارا بېسىپ قالدىمۇ،
ياكى چەكسىز خىياللار ئۆز ئىلكىگە ئالدىمۇ.
قىزىمىزغا نېمبولدى يۈرىكىڭنى ئەزگۈدەك،
جاھاندىكى ئانىنىڭ بارى سەندەك ئانىمۇ؟


خانىش ياشلىرىنى ئۈنچىدەك تۆكۈپ، زەپىراندەك سارغىيىپ ئېسەدەپ تۇرۇپ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى بايان قىپتۇ:

قىزىمىزنى يېتىلەپ بېرىپتىمىز يات ئەلگە،
قارار ئىمىش ھەر جۈپ كۆز بىزگە شۇنچە پەرىشان.
تەئەججۈپ ھەم ئىزتىراپ لەيلەر ئىمىش ئۇ يەردە،
مىغ-مىغ ئادەم توپىدا بىز ئىمىشمىز غېرىبان.

تام تۈۋىدە بىر پالچى چاقىرىپتۇ بىزلەرنى،
قىزىمىزغا سىنچىلاپ قارار ئىمىش ئۇھسىنىپ.
بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك ھالسىز ئېغىپ يۈرىكىم،
ئەنسىزلىكتە بىرھازا كېتىپتىمەن تولغىنىپ.


بىز پالچىنىڭ ئاغزىغا بىقۇۋۇللۇق بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرغىنىمىزدا، ئۇ: »ھەي... چىرايلىق بالا بوپتىكەن، ئەپسۇس 04 كۈن ئىچىدە بۇ قىزغا بىر بالا-قازا كەلگۈدەك« دەۋاتقۇدەكمىش.
سۇلتاننى سوغۇق تەر بېسىپ، مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كېتىپتۇ.

چۈش دېگەنگە ئىشىنىش ئەخمەقلىققۇ دېسىمۇ،
بۇزۇلۇپتۇ يەنىلا ئۇنىڭ كۆڭۈل ئارامى.
يۇرت-يۇرتلاردا جان باقار پالچىلارنى چاقىرتىپ،
بىلمەك بوپتۇ ئۇلارنىڭ قىزغا سالغان پالىنى.

سۈرلۈك ئوردا مۇشۇ دەم جىمجىتلىققا چۆكۈپتۇ،
ھەممە پالچى تەشۋىشتە بىردەك ھەسرەت چېكىپتۇ.
«قېنىمىزدىن كەچسىلە، دېيىشىپتۇ ھودۇقۇپ،
مەلىكىنىڭ يولىغا خېيىمخەتەر يېتىپتۇ».


سۇلتان ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ خانىشنىڭ چۈشىدىكىگە ئوخشاش بولۇپ چىقىشىنى ھەرگىز ئويلىمىغان ئىكەن. شۇڭا، ئالتۇن تەختىدە ئولتۇرۇپ چەكسىز غەمگە پېتىپتۇ.

جان جىگىرى قىزىغا ئۇقتۇرماستىن شۇملۇقنى،
توققۇز ھۇجرا يېنىغا نەۋكەرلەرنى سەپلەپتۇ.
كۆڭلى سۇنۇق بولسىمۇ سەزدۈرمەپتۇ ئۇنىڭغا،
لېكىن قارا بىر سايە ئۆز يېنىدىن كەتمەپتۇ.

شۇ چاغلاردا مەلىكە ئوقۇپ دەستۇر كالامنى،
ئەقىل كۆزى ئېچىلىپ زېھنى ئوتتەك يېنىپتۇ.
ئىشتىياقى باغلانغاچ ئىلىم-ھېكمەت تارىغا،
ئەقىدە ھەم كامىللىق شەربىتىگە قېنىپتۇ.


ئارامسىز كۈنلەر، ۋەھىمىلىك تۈنلەر بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ ئۆتۈۋېرىپتۇ. سۇلتان ئوردا بېغىدىن ھەر كۈنى بىر خىل مېۋىدىن بىر سېۋەت ئۈزدۈرۈپ قىزىنى يوقلاپ تۇرۇپتۇ.

ئالما، ئامۇت، ئەنجۈرلەر، چىلان، شاپتۇل، توغاچلار،
تارتۇق بولۇپ مەلىكە تۇرغان جايغا توشۇپتۇ.
غەم ئەزسىمۇ ئۆزىنى، مەدەت تىلەپ خۇدادىن،
سۇلتان يەنە خانىشنىڭ يىغىسىنى بېسىپتۇ.


ۋاقىت شۇ تەزدە ئۆتۈپ 39-كۈنىگە قەدەم قويغۇچە ھېچ ئىش يۈز بەرمەپتۇ. كېچە ئەندىشە ئىچىدە ئۇزاپ، تاڭ ئېتىپتۇ. «مۇشۇ بىر كۈن تىنچ-ئامان ئۆتۈپ كەتسە، بالا-قازامۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ ئويلىغان سۇلتان ئۈمىد بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كۆك تەڭرىگە تېۋىنىپتۇ ۋە باغدىن بىر سېۋەت ئۈزۈم ئۈزدۈرۈپ قىزىنى يوقلاپ بېرىپتۇ. 40 كۈندىن بېرى ئىلىم تەھسىل قىلىپ كۆڭلى ھەم چېھرى نۇرغا تولغان مەلىكە ئاتىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ. سۇلتان قىزىنىڭ پېشانىسىگە مېھرى بىلەن سۆيۈپتۇ.
مەلىكە سېۋەتتىكى ئۈزۈمدىن بىر ساپاق ئېلىپ مەززە قىلىپ يېيىشكە باشلاپتۇ. ئۇ ئەمدىلا ئىككى تال ئۈزۈمنى يەپ بولۇپ، ئۈچىنچىسىنى يېمەك بولۇپ ئېغىز ئېچىشىغا ئۈزۈم ئارىسىدىن بىر تال ھەرە چىقىپ ئۇنىڭ گىلاستەك لېۋىنى «ۋىژژىدە» چېقىۋېلىپلا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. قىز ئاچچىق بىر چىرقىراپ ئاتىسىنىڭ قۇچىقىغا يىقىلىپ جان ئۈزۈپتۇ.

چاقماق چېقىپ دەھشەتلىك كۆك گۈمبىزى يېرىلىپ،
ئەلەم بىلەن تۇپراققا ھەسرىتىنى تۆكۈپتۇ.
خۇن رەڭگىدە قىزارغان ئالتۇن قۇياش ئۇھسىنىپ،
چاك-چاك بولۇپ تاغلارنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈپتۇ.

ئازاب بىلەن كۆچەتلەر سۇنغىنىدا قاراسلاپ،
قىيان بوپتۇ ئېرىقتا توزۇۋاتقان چېچەكلەر.
مەلىكىنىڭ ھۆسنىنى خىيال قىلىپ ياشىغاچ،
لەۋلىرىنى چىشلەپتۇ تالاي-تالاي ئەركەكلەر.

گۈل يىلتىزى قۇرۇپتۇ، قورام تاشلار ئېغىپتۇ،
ئۇچار قۇشنىڭ سايرىشى ئۆچۈپتىغۇ بۇ يەردىن.
تۇمان بېسىپ كېتىپتۇ ئورمانلارنى مۇشۇ دەم،
كۈلكە ناۋا قايناقلىق يوقىلىپتۇ بۇ ئەلدىن.

تەلۋىلەرچە ھۆركىرەپ ئوقيا تەگكەن شىركەبى،
ياقا يىرتىپ سۇلتانمۇ كاچاتلاپتۇ ئۆزىنى.
ئاۋازىنى يۇتۇپتۇ پاتقاق بولغان كوچىلار،
پۈكۈلگەنچە تۇپراققا كۆتۈرمەپتۇ بېشىنى.


سۇلتاننىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرى، كىرىشكەن چىشلىرىغا قاراپ نەۋكەرلەرنى سۈر بېسىپتۇ.

چاچلىرىنى يۇلغانچە خانىش كېلەر يىراقتىن،
گاھ مۈدۈرۈپ يىقىلىپ، گاھى تاتىلاپ يۈزىنى.
دەپ بېرەلمەس يامغۇرمۇ دەپ بېرەلمەس تاغلارمۇ،
قايدىن ئىزدەر ئەمدى ئۇ جان تومۇرى قىزىنى؟

بوغۇلماقتا ئاۋازى، بوغۇلماقتا تىنىقى،
نەۋكەر بىلەن كېنىزەك چېپىپ يۈرەر ھەرياندا.
مۇسىبەتلىك چىرايلار شۇنچە خامۇش پەرىشان،
تۇيۇقسىزلا قالغاندەك ئۇشبۇ زېمىن توپاندا.

«جېنىم قىزىم، جان قىزىم، سەن كۆزۈڭنى ئاچقىنە،
ئۇخلاپ قالغان مەن ئانا دېگىنىڭچە قوپقىنە.
ئاچقان بولسا قورسىقىڭ يۈرىكىمنى يەم قىلاي،
ئۇسسىغانسەن، يېشىمنى ئوچۇم-ئوچۇم يۇتقىنە.

ھەركۈنكىدەك چۈشۈڭنى شىۋىرلىغىن سۆزلەپ بەر،
ئاڭلىۋالاي ئۈنۈڭنى قانماي-قانماي تەلمۈرۈپ.
خۇدا سېنىڭ بەختىڭنى بېرىدىكەن دېسەم ئاھ،
قېچىپ كەتكىن يېنىمدىن تاتلىققىنە بىركۈلۈپ.»


خانىشنىڭ كۆز يېشى يامغۇرغا قوشۇلۇپ سەل بولۇپ ئېقىپتۇ. ئەتراپتىكىلەرنىڭ پىغانىمۇ يۈرىكىدىن تېشىپتۇ. ئۇ ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى يۆتكىيەلمەي، سۇلتاننىڭ جەسىتىنىڭ يېنىغا ئۆمىلەپ بارغىنىچە ئۆزىنى ئېتىپتۇ:

«جان كۆيەرىم سۇلتانىم، قانداق قىلاي ئەمدى مەن،
مېنى يالغۇز قالدۇرۇپ، سەن نېمانچە باغرى تاش،
ئۇنچە ئېغىر ئەلەمنى يۇتامدىمەن ئىچىمگە،
مىسكىن، دەردلىك كۆڭلۈمگە بولار ئىكىن كىم قاياش.

مەنغۇ مەيلى، ئەل سەندىن كۈتكەن ئارزۇ-ئۈمىدلەر،
مۇشۇنداقلا كۆپۈككە ئايلىنامدۇ، دەپ باققىن.
مەنلا كېتەي ئورنىغا، يۇلۇپ ئېلىپ باغرىڭدىن،
ئاشۇ ئەجەل ئوقىنى ئۆز قولۇڭدا بىر ئاتقىن».


خانىشنىڭ توققۇز كېچە-كۈندۈز تۆككەن يېشىدىن توققۇز ھۇجرا ئەتراپىدا چوقۇر ھەم سېھىرلىك توققۇز كۆل پەيدا بوپتۇ.
بوۋاي ھېكايىسىنى تۈگىتىپ، بېشىنى چىڭ قاماللىدى.
- ئاتا-ئاناڭ سېنى سۇلتان قىزىنى ياخشى كۆرگەندىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىدۇ رەيھان، سەن ئاشۇ مەلىكىدىنمۇ نەچچەھەسسە چىرايلىق، بۇ سېنىڭ ئامىتىڭ دەيتىم ئۇنىڭىغا تەكرار-تەكرار.
بوۋايغا ئىپادىسىزلا قاراپ ئولتۇرۇپ ئويلاپ قالدىم: «سۇلتان مەلىكىنى بار ئاماللارنى قىلىپ ئادەملەردىن قوغدىۋىدى، بىر تال ھەرە ئۇنى خاراب قىلدى. رەيھاننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن قوغداشقىمۇ ئۆمرى يار بەرمىۋىدى، ئادەملەر ئۇنى خاراب قىلدى».
- بوۋا، بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ بىر كۆل بار.
- بۇلبۇلكۆلمۇ؟
- سىزمۇ بىلەمسىز.
- رەيھاننى ئىزدەپ يۇرت كەزگەن ۋاقىتلىرىمدا بېرىپ كۆرگەن رەيھاننىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى...
- ئاڭلاپتىكەنسىزدە!؟
- شۇ چاغلاردىكى ھېلىقى بۇلبۇل تېخىچە كۆل بويىنى ماكان ئېتىپ تۇرۇۋاتامدۇ؟
- ھەئە.
- ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا قېرىپ كەتكەندۇ بەلكىم... ئورنۇڭدىن تۇر، بېرىپ ئۇنىڭغا سالىمىمنى يەتكۈز... ئۇ سىلەرنىڭ كەچمىشىڭلارغا، قايغۇ-ھەسرىتىڭلارغا بىر ئۆمۈر ھەمدەمدە بولدى، لېكىن ھازىرغىچە ھەتتا سەنمۇ ئۇنىڭ دەردىنى بىرەر قېتىم سوراپ باقمىدىڭ قىزىم.
خىجىللىقتىن يۈزۈم ئوت بولۇپ ياندى. بوۋاينىڭ يېنىدىن ھۆرمەت، ئېچىنىش ھەم قىيالماسلىق ئارىلىشىپ كەتكەن چىگىش تۇيغۇدا، ئۇنىڭ ئۇزاقتىن-ئۇزاق قىلغان دۇئاسىنى ئېلىپ يولغا چىقتىم.


تۆتىنچى باب:


ئېغىرلاشقان ئاياغلىرىمنى تەسلىكتە يۆتكەپ، ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراشقىمۇ رايىم بارمىغان ھالدا كېتىۋاتىمەن. يول شۇ قەدەر جىمجىت، شۇ قەدەر سۈرلۈك...
بىرھازا ماڭغاندىن كېيىن، يىراقتىن ئېشەكنىڭ سوزۇپ ھاڭرىغان ئاۋازى ۋە كولدۇرمىنىڭ يېنىك جىرىڭلىشى قۇلىقىمغا كىردى.

سەندە بارى مەندە يوق،
مەندە بارى سەندە يوق.
تەندە بارى روھتا يوق،
روھتا بارى تەندە يوق.


ھارۋىكەشنىڭ يېقىملىق ناخشىسى يېقىنلاشقانچە، ۋۇجۇدۇمنى ئىللىق بىر سېزىمغا ئارىلىشىپ كەتكەن قورقۇنچ چۇلغىۋالدى. كېتىۋاتىمەن ... ئارقامدىن يېتىپ كەلگەن ھارۋا ئۈستىدە خامۇش ئولتۇرغان يىگىتكە قورۇنۇپ تۇرۇپ سالام بەردىم. ئۇمۇ سالىمىمنى ھارغىن بىر نەزەر بىلەن ئىلىك ئالغاندىن كېيىن:
- بۇلبۇلكۆلگە... سىزچۇ؟ - دېدى.
- نېمە؟ بۇلبۇلكۆل... بۇ خىل تاسادىپىيلىقتىن ئەندىكىپ ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇۋالدىم-دە، - مەنمۇ، - دېدىم پەس ئاۋازدا.
- چىقىڭ.
- رەھمەت.
بىرنەچچە سائەت يول يۈرۈپمۇ بىرەر ئېغىز پاراڭلاشمىدۇق، ئۇ پەقەت ھېلىقى ناخشىنى توختىماي تەكرار-تەكرار ئوقۇيتتى:

سەندە بارى مەندە يوق،
مەندە بارى سەندە يوق.
تەندە بارى روھتا يوق،
روھتا بارى تەندە يوق.


يارىيار ھارۋىنىڭ تىنىمسىز غىچىرلىشى، پىژغىرىم ئىسسىق ھەم يوللاردىكى غېرىبلىق، مېنى يەنىلا ئۇزاق يىللار ئىلگىرىكى قۇتۇلغۇسىز ئەسلىمىلىرىمگە سۆرەپ كېتىۋاتاتتى.
... ئۇ چاغلار باش كۈزنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرى، مېنىڭ 16 ياشلىق ۋاقىتلىرىم ئىدى
... ئانامنىڭ توختىماي كايىشلىرىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يەنە سۇغا چىقتىم. ئۇلار مېنى بەرمەكچى بولۇۋاتقان 40 ياشلار چامىسىدىكى چېقىر كۆز، چار ساقال، مۇشتۇمدەك پوقىقى بىلەن تېخىمۇ سەت كۆرۈنىدىغان ۋىجىككىنە ئۇ ئادەمنى خىيال قىلغانسېرى شۈركۈنۈپ، شۈركۈنگەنچە ئۇنىڭ نۇقسانلىرىنى تېخىمۇ كۆپرەك تېپىش ئۈچۈن يەنە خىيال قىلىپ كۆل بويىغا كەلدىم. سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالغان ئىككى-ئۈچ تال سارغۇچ يوپۇرماققا قاراپ ئولتۇرۇپ بوغۇزۇمدىكى ئاچچىق يىغىنى يۇتۇۋېتىشكە قۇربىم يەتمىدى. بۇ ھالەتتە قانچىلىك ئولتۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا بۇرنۇمغا قويۇق نەشە پۇرىقى ئۇرۇلۇپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم.
- يىغلاپسەنغۇ، خۇددى ئەرگە تېگىدىغاندەك؟
- تەگسەم تەگدىم! بۇغداي ئۆڭ، تەتۈر ئۇستىخان تەمبەل بۇ يىگىتكە زەردە بىلەن جاۋاب قايتۇردۇميۇ، يۈرىكىم باشقىچە سېلىپ كەتتى.
- مەندىن باشقا ئادەمگە تەگكىنىڭنى كۆرەي، كېلەر ھەپتە تويۇڭ بولارمىش ھە تېخى.
- ...
- ئۇ ئىپلاسقا تەگكۈڭ بولمىسا، پەيشەنبە كۈنى قاش قارايغاندا مۇشۇ كۆل بويىغا چىق. ئۇ شۇنداق دەپلا گۈس-گۈس دەسسىگىنىچە ئۇزاپ كەتتى.

ئىزغىرىن شامالغا تۇتتۇم يۈزۈمنى،
سۇدىكى سايەمگە چۈشتى يوپۇرماق.
چېلەككە ئۇسۇغىنىم تېگى يوق خىيال،
كۆزۈمدىن يېشىمنى سۈرتتۈم ئاۋايلاپ.

ئايلىنار يېنىمدا بىر جۈپ چۈمۈلە،
بىلمەكچى بولغاندەك كۆڭلۈمدىكىنى.
ئىزتىراپ ئارىلاشقان قىرتاق ھاياجان،
سىرلىق بىر چۈش كەبى قىينايدۇ مېنى.

ئۇ ئەجەب تۇيۇقسىز بوپ قالدى پەيدا،
سەزدىكىن قانداقمۇ ئازابلىرىمنى.
يا تېخى بىلەمدۇ ئۇزاقتىن بۇيان،
بىر ئۇنى ئۈن-تىنسىز سۆيگەنلىكىمنى.

چېچىمنىڭ ئۆرۈمىنى چۇۋۇدۇم تەكرار،
يۇلتۇزدەك چايقايدۇ خىياللار تۈننى.
ناۋادا شۇ كۈنى بارسام ئۇ يەرگە،
راستتىنلا ئۇنتۇماي كۈتەرمۇ مېنى.


ئىنتىلىش ھەم قورقۇش، بۇرۇقتۇرمىلىق ھەم ئېسەنگىرەش ئارىلىشىپ كەتكەن خەتەرلىك كەيپىياتتا بۇ ئۈچ كۈننى ناھايىتى تەستە ئۆتكۈزدۈم. مەن ئۆزۈمنى قاچۇرغان ھەم كۈتكەن پەيشەنبە ئاخىر يېتىپ كەلدى. قاش قارايغان چاغ... «ئۇ كەلمەي قالسىچۇ؟ كەلسە يەنە نېمە دەر؟» دېگەن خىياللار ئىسكەنجىسىدە كۆل بويىغا يېقىنلاشتىم. قولۇمدىكى چېلەكمۇ نېمىشقىكىن ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
- ھوي گۈلبانۇ.
تونۇش ھەم سۈرلۈك بۇ ئاۋازدىن يەنە بىر قېتىم چۆچۈپ كەتتىم.
- چىقىپسەندە؟
- نېمە گېپىڭ بار، تېزرەك ئېيتقىن، بولمىسا ئانام...
- يەنە ئۆيگە ئالدىراۋاتامسەن كالۋا؟ ھېلىقى پوقاققا تەگكۈڭ باركەندە؟
- كىم شۇنداق دەيدۇ...
- ئۇنداقتا ئەمدى ئۆيگە قايتىمەن دېمە، مەن سېنى ھازىر يىراقلارغا ئېلىپ كېتىمەن.
- نېمىشقا؟
- سېنى غەمدىن خالاس قىلاي دەپ.
- قورقىمەن.
- قورقما، ئەخمەق.
- قاچان قايتىپ كېلىمىز ئەمىسە؟
- سەن مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان كۈنى.
ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ مەنمۇ كۈلۈپ سالدىم. ئەمەلىيەتتە ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى خېلى بۇرۇنلا ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى بىلمەپتىكەندە، خۇداغا شۈكۈر...
ئارقامدا نېمىلەرنى قالدۇرۇپ، نېمىلەرگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىمنى ئېنىق بىلمىسەممۇ، مەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ئەگەشكەن.... مېنىڭ قىسمىتىم دەل ئاشۇ كۈندىن باشلانغانىدى.

چاراسلاپ چېقىلماقتا ئاۋازىممۇ ئاھ،
يوللارنىڭ جىملىقى بولماقتا ۋەيران.
قورقساممۇ، سەزگۈمدىن رازىمەن لېكىن،
ئەسەبىي رېئاللىق بەرمەيدۇ ئىمكان.

تولۇن ئاي تۆشەكتىن چۈشكۈسى يوقتەك،
بۇلۇتلار ئارىسىدا ئۇخلار خىرامان.
نۇركەبى پارلىغان ئىككى ۋۇجۇدتىن،
تەبىئەت ۋەسلىگە ئوقۇيتتى دەرمان.

يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئاراچلىرىدا،
كۆيمەكتە ھاياتلىق، كۆيمەكتە يۈرەك.
شاخلاردەك قاراسلاپ كۈچىنەر تاتلىق،
ئىسسىق بىر تۇيغۇدا كۆپجۈگەن بىلەك.

كېچىنىڭ شىددىتى قىستايدۇ جاننى،
بايىقى تەشۋىشنىڭ يوقتۇر دېرىكى.
خۇمارلىق سىلكىنەر يالاڭئاياغ پۇت،
غۇنچىلار ئەتراپتا نەشە پۇرىقى.


ئارىدىن بەش ئاينى ئۆتكۈزۈپ مەھەللىگە قايتىپ كېلىۋىدۇق، كىچىك بالىلار تاش ئاتتى، ئاياللار لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈشسە، پەقەت ئاندا-ساندا ئەرلەرنىڭ: «ئوغۇل بالا دېگەن شۇ، سارنىڭ قولىدىكى رىزقىنى تارتىپ ئالالايدۇ» دېيىشكىنى قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالاتتى. شۇ كۈنلەردە ئاتا-ئانامنىڭ ئىشىكىدە بىركېچە يىغلاپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاران بوسۇغىدىن ئاتلىيالىغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.
كۈنلەر كۈنلەرگە، تۈنلەر تۈنلەرگە ئۇلىشىپ ئۆتۈۋەردى. ئۇنىڭ قىمار، ھاراق ھەم نەشىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن بىر ئادەملىكىنى بارا-بارا ھېس قىلدىم. مەن ئۇنى ھۆرمەت قىلغانچە ئۇ مېنى ئازابلايتتى، مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەنچە ئۇ مېنى بىھۇدە ئۇرۇپ دۇمبالايتتى، مەن ئۇنىڭغا يالۋۇرغانچە ئۇ مېنى تېخىمۇ ھاقارەتلەيتتى، ھەتتا تاياق زەربىدىن ئىككى قېتىم بالىمىزنىڭ بويۇمدىن ئاجراپ كېتىشىمۇ ئۇنىڭغا قىلچە تەسىر قىلمىدى. يىغلىدىم، قاقشىدىم، غېرىبسىندىم، لېكىن يەنىلا پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا نېمە ئىشنى خاتا قىلغىنىمنى، نېمىشقا بۇنچە خورلىنىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ: «ھۇ بۇزۇق، قېرى ئوغرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويغىنىمغا تويدۇردۇڭغۇ مېنى» دەپ سالدى. شۇئان كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. قىزىق! ئۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگىنىمنى مېنىڭ ئاجىزلىقىم، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەگەشكىنىمنى مەڭگۈلۈك ئاھانىتىم دەپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىكەن. ئاياللىق ئىززىتىم ھەم ۋۇجۇدۇمدا ئاپىرىدە بولغان يەنە بىر يېڭى جاننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن لېۋىمنى زەرب بىلەن چىشلىدىم. ئەپسۇس، مىڭلارچە ئەپسۇس... ماڭا ئانىلىق غورۇر، ئاياللىق ئىپتىخار ئاتا قىلىپ ئەمدىلا قورسىقىمدا تەۋرەشكە باشلىغان بالام تاياق زەربىدىن يەنە بويۇمدىن ئاجرىدى.

يېرىلىڭ تاشىم، يېرىلىڭ،
مەن بالامنى كۆرۈۋالاي.
جان ئانامنىڭ باغرىدەك،
باغرىڭىزغا كىرىۋالاي.


مەن چاچلىرىمنى يۇلۇپ بار ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ يىغلىغىنىمچە ماڭا مۇھەببەت ھەم ئاھانەت ئاتا قىلغان بۇ ئۆيدىن ئاخىر قېچىپ چىقتىم. مۇشۇ ھالدا ئاتا-ئانامنىڭ يۈزىگە قاراۋېرىشتىن خىجىل بولۇپ، شۇ يۈگۈرگەنچە مەھەللىدىنمۇ ئۇزاپ كەتكەنىدىم.

مەندە بارى سەندە يوق،
سەندە بارى مەندە يوق.
تەندە بارى روھتا يوق،
روھتا بارى تەندە يوق.


ھارۋىكەشنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى خىيالىمنى بۇزۇپ، يۈرىكىمنى تېخىمۇ ئەزدى. كۈن يەنىلا شەرقتىن چىقىپ، غەربكە پېتىۋاتاتتى.

پۇشقۇرۇپ-پۇشقۇرۇپ ماڭار جانىۋار،
ئايدىڭنىڭ بەرگىدە سۇنماقتا ناخشا.
چېكەتكە ئاۋازى چۆكمەكتە يەنە،
كۆزلەردىن جىمجىتلا سىرغىغان ياشقا.


- بۇلبۇلكۆلگە كىمنىڭكىگە ماڭدىڭىز؟
- ياخشى كۆرگەن قىزىم قېچىپ كېتىپتۇ، دېرىكىنى قىلاي دەپ... ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى تەمكىنلىك ھەم كۆزلىرىدىكى پەرىشانلىقتىن جۇغۇلداپ كەتتىم. مەھەللىدىكى قۇرۇغان دەريا بويىدىن زەينەپنىڭ مۇڭلۇق سايرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

بەشىنچى باب: بۇلبۇلكۆل


كېتىۋاتىمەن، جىگدا شېخىدە مۈگدەپ ئولتۇرغان قېرى بۇلبۇلغا كۆزۈم چۈشكەندە ئاياغلىرىم ئېغىرلاشتى.
- بۇلبۇلۇم.
ئۇ ئاۋازىمدىن يېنىك سىلكىنىپ كۆزلىرىنى ئاچتى.
- ساڭا نېمە بولدى؟
- كەتكىنىڭگە توققۇز كۈن بولدى. توققۇز كۈندە بۇ مەھەللىدە نېمە ئىشلار يۈز بەرمىدى دەيسەن.
ئارىدىن شۇنچە كۈننىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە ئىشىنەلمىگىلى تاس قالدىم-دە، ئۇنىڭغا تەئەججۈپ بىلەن قاراپ قويدۇم.
- گۈلبانۇ، ھېلىقى كۈنى كەۋسەرنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتكىنى يادىڭدىمۇ؟
- كەۋسەر؟ ھە... ھېلىقى ئايال.
- شۇنچە زور غەيرەت ھەم مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بوسۇغىدىن ئاتلىغان ئۇ ناتىۋاننى ئېرى يەنە تۈگىمەس ھاقارەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدى. ئۇ لەۋلىرىنى قانىغۇدەك چىشلىدى، ئۆيدىن چىقىپ كەتمىدى. لېكىن، كۆزلىرىدىن سەۋر قاچىسىنىڭ تولغانلىقى بىلىنىپ، غەلىتە بىر نۇر ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
ئۇ سۇپىنى سىيرىپ-سۈپۈرۈپ، ئورۇن راسلاپ تۇرۇشىغا ئېرى ئۇنى بېسىۋېلىپ تەلۋىلەرچە سۆيۈشكە باشلىدى.
كەۋسەر قارشىلىقمۇ قىلمىدى، ئوت بولۇپمۇ يانمىدى، پەقەت ئەينى ۋاقىتتىكى قوناقلىقتىكى شېرىن تۇيغۇلىرىنى خىيال قىلغاچ كۆزلىرىنى بوش يۇمدى. ئۇ كۆزلىرىنى ئاچقاندا ئېرى يېنىدا خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى.
كەۋسەر توي قىلغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم خورلۇق ھېس قىلدى. ئۆزىنى دۇمبالىغان ئاشۇ قوللار بايا پۈتۈن بەدىنىنى تويماسلىق بىلەن سىيلاپ چىقتى. ئۇنى ھاقارەتلىگەن ئاشۇ لەۋلەر ئۇنىڭ سوۋۇپ كەتكەن لېۋىگە كۈچەپ بېسىلدى. ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى نېمىشقا ئۆزىنىڭ خورلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي ياشىيالىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدى.
پۇت-قوللىرىم بوشىشىپ ماغدۇرسىزلانغان ھالدا بۇلبۇلنىڭ ياشلىق كۆزلىرىگە تىكىلدىم.

يامرايدۇ يىغىدەك يىراق-يىراققا،
بەندىلىك مۇقامىدا ھىجران كەلكۈنى.
بۇلۇتلار ئارىسىدىن سىرغىيدۇ ئىسسىق،
يۈرەككە سىغمىغان ئازاب سەلكىنى.

دىل دەشتى لەۋلەردەك قۇرۇغان شۇتاپ،
كۆرۈنمەس ئۇ يەردە بىر تالمۇ گىيا،
ئاياللار لېۋىنى چىشلىسە قاتتىق،
تەبىئەت باغرىدا بىر قىيا-چىيا.


بۇلبۇلنىڭ ھەسرەتلىك بوغۇق ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى:
- ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، سۇپا يېنىدىكى ئوچاق بېشىدا تاشلىنىپ تۇرغان كەكىنى قولىغا ئالدى. تۈڭلۈكتىن ماراپ تۇرغان ئايمۇ قارىيىشقا باشلىدى. كەۋسەر قولىدىكى كەكە بىلەن بەخىرامان ئۇخلاۋاتقان بۇ ئادىمىي ھايۋاننىڭ كاللىسىنى ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم چانىۋەتتى.
ئىچىمدىكى تىترەكنى ناھايىتى تەستە بېسىپ، ۋارقىرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئالىقانلىرىم بىلەن ئاغزىمنى چىڭ تۇتۇۋالدىم.
- شۇ كۈندىن بۇيان مەھەللىدىكىلەر ئۇنى ھەرقانچە ئىزدەپمۇ ھېچ يەردىن تاپالمىدى گۈلبانۇ.
«بەلكىم ئۇ يەنە بىر ئايالنىڭ ئۆزىدەك خورلۇق تارتىپ قېلىشىنى خالىمىغاندۇ ياكى ئۇنى راستتىنلا چىن قەلبىدىن سۆيىدىغاندۇ» دەپ شىۋىرلىدىم ئۆز-ئۆزۈمگە.
- بايا تېخى بىر يىگىت بۇ يەرگە كېلىپ كەتتى. ئۇ كەۋسەرنى ئېلىش ئۈچۈن پۇل تاپقىلى ئۈچ يىل بۇرۇن يۇرتتىن چىقىپ كەتكەن. لېكىن، شۇ يىللاردا كاج تەقدىر كەۋسەرنى ئىختىيارسىز ھازىرقى قىسمەتلەرگە باغلىغان... بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى بارغانچە زەئىپلىشىشكە باشلىدى. بۇ دەل تۈن نىسپىدىن ئاشقان چاغ بولۇپ، سەپەردىكى ھارغىنلىق، قەلبىمدىكى زىددىيەت، نېرۋىلىرىمدىكى چىدىغۇسىز چىڭقىلىش مېنى خېلىلا ھالسىراتتى بولغاي، مۈگدەك باسقان كۆزلىرىمنى ئېچىشقا ئامالىم بولمىدى. بۇ چاغدا يەنە ھېلىقى ھارۋىكەش يىگىتنىڭ تونۇش ناخشىسى قۇلىقىمغا كىرگەندەك بولدى:

سەندە بارى مەندە يوق،
مەندە بارى سەندە يوق.
تەندە بارى روھتا يوق،
روھتا بارى تەندە يوق.


ئالتىنچى باب: گۈلبانۇنىڭ چۈشى


سۇ بولغان يۈرەكتە بىر ئوچۇم خوۋلۇق،
ھارۋىنىڭ غىچىرلىشىنى يالمايدۇ ئەتراپ.
قۇرۇغان شاخلارنىڭ سوۋۇغان تېنى،
پاكىز بىر تىنىقتەك سوزۇلار شۇ تاپ.

شورلاشقان خىياللار يانىدۇ تاتلىق،
يېرىلغان ئالىقانغىلا ئوخشايدۇ ئاسمان.
تەر ھىدى ھورلىنار شۇ قەدەر قېنىق،
زېمىنغا چىپىلداپ ئاقىدۇ ئارمان.

ساراسىم گۈللىرى توزۇغان جايدىن،
چاڭقىغان قۇشلارمۇ ئىزدەيدۇ پىراق.
قانىغان لەۋدەكلا تۇرار ئۈمچىيىپ،
يوچۇن بىر قول بىلەن كېسىلگەن توغراق.

سىڭمەكتە تەبىئەتكە، سىڭمەكتە تاشقا،
گۇگۇمنىڭ باغرىدا يۇمران بىر تىۋىش.
ئاۋايلاپ چېچىلار شۇ چىغىر يولغا،
يىگىتنىڭ بەلۋېغىغا تۈگۈلگەن پۈتمىش.

يىراقتىن ئاڭلانغان سۈزۈك بىر شەپە،
تاراتتى ئەتراپقا تونۇش بىر گۇمان.
خۇرجۇننىڭ ئىزمىسىنى يېشىۋاتقان قول،
بىردەملىك ئويۇشۇپ قالدى ئاھ شۇئان.

چاپچىدى قۇلاندەك ياندى ئوت بولۇپ،
قەدەملەر سۈلكىتىدە پارلىدى يۇلتۇز.
سېزىلدى يىگىتكە دەسسەپ ماڭغىنى
توپىلا ئەمەس، ئۇ بەلكى ھالال تۇز.

كۆرۈندى بىر جۈپ كۆز چوغدەكلا چاقناپ،
ۋەھىمە تىغلىرى قايرىلدى تىمتاس.
يانتاقلىق ئارىسىدىن تەپچىگەن بىر ئۈن،
ئاينىمۇ زېمىنغا ئېگىلدۇردى باش.

چېچەكتەك يېيىلغان ئاپئاق كۆڭلەكتىن،
ھورلاندى ئۇنتۇلغان كەچمىشنىڭ ئىسى.
قاراڭغۇ كېچىنى يورۇتتى ئىللىق،
موماينىڭ ئاق نۇردەك ئاقارغان چېچى.

يىگىتكە زەن سېلىپ كۈلدى مۇلايىم،
كۈلكىنىڭ ئورنىغا تامدى ئىسسىق قان.
تاپىنى ئاستىدا تۇرسىمۇ تىكەن،
يىگىتنى چۇلغىدى چەكسىز ھاياجان.

- تونۇدۇم مەن سېنى، ئېھ قار مەلىكە،
قاچاندىن بۇ يەرنى ئەيلىدىڭ ماكان.
ئادەملەر يۈرىكىدىن يىراق بىر جايدا،
ھەي بۇنداق ياشاشمۇ ئەمەسقۇ ئاسان.

- سەن قانداق بىلىسەن مېنى جان يىگىت،
تونۇمسەن ۋە ياكى ئۆگەي ئانامنى.
ئۇچرىتىپ قالدىڭمۇ ياكى بۇ يولدا،
مەن ئۈچۈن ياش تۆككەن ئەزىز دادامنى؟

- تونۇدۇم مەن سېنى ئوتلۇق كۆزۈڭدىن،
يېرىلغان پۇتۇڭدىن، سېۋېتىڭدىن ھەم.
چۇۋۇلغان چېچىڭنىڭ ئۆرۈملىرىدىن،
تۇيۇلدى تامچىلاپ تۇرغاندەك ئەلەم.

- قار ياغقان شۇ كۈنى بۆلجۈرگەن ئىزدەپ،
ماڭغانچە ئاھ ئۇزاپ كەتتىم ئۆيۈمدىن.
قانچە قىش، قانچە ياز ئۆتتى ھەم باھار،
قورقمىدىم ھەتتاكى ھەق بىر ئۆلۈمدىن.

سارغايغان ياپراقلار كۆمدى يولۇمنى،
بۇ خىلۋەت ماكانغا كەپ قالدىم ئېزىپ.
قايتىشنى ئىستەپمۇ باقمىدىم ئۆزۈم،
تەبىئەت باغرىدا كەتتىم مەن ئېرىپ.

ھە مانا ئۆزۈڭمۇ تۇرۇپسەن كۆرۈپ،
شۇنچە يىل يا ئاچلىق يەڭمىدى مېنى.
كۆز يېشىم يېتىشتى ئۇسسۇزلۇقۇمغا،
ساپ ھاۋا، پاك تۇپراق يۆلىدى مېنى.

يىگىتنىڭ ۋۇجۇدى كەلدى لەرزىگە،
ئاھ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى بىمالال.
ئەپ كەلدى كېسىلگەن توغراق يېنىغا،
جانىۋارمۇ ئۇيقۇدىن ئويغاندى دەرھال.

مەي بولۇپ قىزارغان بۆلجۈرگەنلەرنى،
خۇرجۇنى ئىچىدىن ئالدى ئوچۇملاپ.
ئۈمىد ھەم ھەيرانلىق ئىسكەنجىسىدە،
موماينىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى شۇ تاپ.

- جان يىگىت، ھەر زامان، ھەربىر دەقىقە،
مەن شۇنداق بىر يۈرەك كۈتكەن ئەزەلدىن.
ىورلۇقۇم ئۇنتۇلغان خىيالىم بىلەن،
ئەسلىمنى، ۋەسلىمنى تاپتىم بۇ يەردىن.

تۇت بۇنى، ئالىقىنىمدا بىر تاللا ئۇرۇق،
چېچىپ باق خىسلەتلىك زېمىنغا ئۆزۈڭ.
قۇت بولسۇن بىر ئۆمۈر سەندىكى جىگەر،
تاڭ ئاتسا ئاپتاپتەك نۇرلانسۇن يۈزۈڭ.

يىگىتنىڭ شىجائىتى كۆكلىدى رەت-رەت،
تاشلارنىڭ تەپتىدە چوغ بولۇپ تاغلار.
سۇمبۇل چاچ كۆركىدە سىلكىنسە تۇيغۇ،
تەر بىلەن يۇيۇلدى يەردىكى داغلار.

كەڭ سەينا رەڭدار بىر باغدەك كۆرۈنەر،
كۆزلەرگە ئوخشىتىپ كولاندى بۇلاق.
قۇشلارمۇ بىر-بىرلەپ سېلىشتى ئۇۋا،
يوللارنىڭ پايانى ئۇزاقتىن-ئۇزاق.

يارىلانغان بىر كېيىك كۆلنىڭ بويىدا،
مۇڭلىنىپ تۇرىدۇ يۈرىكى لەختە.
ئىزدىمەس ھەتتاكى بىلمەيدۇ ھېچكىم،
ئۇمۇ بىر ئۇنتۇلغان غېرىب مەلىكە...
...
سەھەرنىڭ ھاۋاسىغا ئارىلاشقان جىگدە پۇرىقى ھەم كاككۇك بىلەن زەينەپنىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك كۈلكىسى مېنى سەگەكلەشتۈرۈپ، تاتلىق بىر تۇيغۇدا كۆزۈمنى ئاچتىم.


يەتتىنچى باب: شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى


- بۇلبۇلۇم.
ئۇ جىگدە شېخىدا مۈگدەپ قالغاندەك ئولتۇراتتى.
- بۇلبۇلۇم! ئۇنى يەنە بىر قېتىم چاقىرغاچ شاخلارنى يېنىك سىلكىتتىم. لېكىن، ئۇ كۆزىنى ئاچمىدى. يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپسىلىپ قالغاندەك، تىنىقلىرىم جىددىيلىشىپ، سوغۇق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتىم.
ئۇنى قۇرۇغان يوپۇرماقلار ئارىسىدىن ئاۋايلاپ ئېلىپ، سوۋۇپ كەتكەن تېنىنى سىلىدىم، باغرىمغا باستىم، ياشلىق كۆزلىرىمگە سۈرتتۈم...
بۇلبۇلۇمنى نەمخۇش توپىغا بارلىق ئارزۇ-ئۈمىدلىرىم بىلەن قوشۇپ كۆمگەندىن كېيىن، توققۇز كېچە-كۈندۈز يىغلاپمۇ پىغانىم بېسىلمىدى. يېرىلىپ قاناپ كەتكەن تىرناقلىرىمغا قاراپ تېگى يوق خىياللارغا غەرق بولدۇم...
بىر چاغدا زەينەپنىڭ ۋەھىمىلىك ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئەسلىمگە كەلسەم، بۇلبۇلكۆلنىڭ كۆز ياشتەك سۈزۈك ھەم قىرتاق سۈيى سەل بولۇپ تېشىپ مەھەللىمىزدىكى قۇرۇغان دەرياغا قاراپ يامراشقا باشلاپتۇ.
- كاككۇك... كاككۇك!!!
زەينەپنىڭ بارغانسېرى بوغۇلۇپ كېتىۋاتقان مۇڭلۇق ئاۋازى، كاككۇكنىڭ شاۋقۇن يۇتۇپ كېتىۋاتقان ھىجرانلىق قىسمىتى يۈرىكىمنى ئامبۇردەك قىسىپ، كۆز ئالدىم خىرەلىشىپ، يەر-جاھان پىرقىراشقا باشلىدى...


٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(مەنبە: شائىرەنىڭ «بارسا كەلمەس يول» ناملىق شېئىرلار توپلىمى)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

تولۇق ئوقۇش

2009年5月6日星期三

Pantürkizimliq medeniyet üstide tehlil(5)



پانتۈركىزملىك مەدەنىيەت ئۈستىدە تەھلىل(5)


قۇشۇمچە 1
ئېنگېلىسنىڭ پانسىلاۋىزم توغرسىدىكى بايانلىرى


پان سىلاۋىزم روسىيە ياكى پولشادا ئەمەس، بەلكى پراگا بىلەن ئاگرامىدا مەيدانغا كەلگەن. پانسىلاۋىزم ئاۋسيرىيدىكى، ئۇنىڭدىن قالسا تۈركىيىدىكى بارلىق ئاجىز سلاۋيانلار ئاۋستىرىيىدىكى نېمىسلار، جارلارغا، ئېھتىمال تۈركلەرگىمۇ قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە تۈزگەن ئىتتىپاق بولسا كېرەك. تۈركلەر ئايرىم ئەكۋالدىلا نەزەرگە ئېلىنىپ، پۈتۈنلەي زاۋاللىققا يۈزلىنىش ھالىتىدە تۇرغان مىللەتلەر زادىلا نەزەرگە ئېلىنمايتى. پان سلاۋىزمنىڭ ئاساسىي خاھىشىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئاۋستىرىيىدىكى ئىنقىلابچىلارغا قارشى تۇراتتى، شۇڭا ئۇ ئەكسىيەتچىل ئىدى.
پان سىلاۋىزمچىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ئەكسىيەتچىل خاھىيىشىنى قوش ياقلىمىلىق ساتقىنلىق ھەركىتى ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا ئاشكارلىنىپ قويدى، ئۇ ھازىرغىچە ئىنقىلاب تەرىپىدە تۇرۇپ كەلگەن بىردىنبىر سلاۋيان مىللىتى – پولەكلەرنى ئۆزىنىڭ بىچارە مىللىي چەكلىمىلىكىنىڭ قۇربانى قىلىپ قويدى؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ۋە پولەكلەرنى چاررۇسىيگە سېتىۋەتتى.
پان سىلاۋزمچىلارنىڭ بىۋاستە مەقسىتى روسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئېلبۇرس تاغ تىزمىسى بىلەن كارپات تاغ تىزمىسىدىن تارتىپ قارا دېڭىز، ئېگەي دېڭىزى ۋە ئادرىئاتىك دېڭىزغىچە بولغان سىلاۋىيان دۆلىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ دۆلەتتە نېمىس تىلى، ئىتالىيان تىلى، مارجارتىلى، ۋالاخىيە تىلى، تۈرك تىلى، گرېك تىلى ۋە ئالبان تىلىدىن باشقا، يەن سىلاۋيان تىلى بىلەن ئۇنىڭ ئاساسىي دىئالېكتىكىسى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرغىچە ئاۋسترىيە ھەمدە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھېلقى ئامىل ئارقىلىق بىرلەشگەن بولماستىن، بەلكى سلاۋيان مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت ئابستىراكىت خاراكتىر ۋە ئاتالمىش سلاۋىيان تىلى (بۇ كۆپ سانلىق ئۇنداق بولمىسا، بەزى مۇتەپەككۇرلارنىڭ كاللىسىغا سلاۋيانلارنىڭ بۇنداق مىللىي ئالاھىدىلىكى قانداق كېلىپ قالىدۇ؟ ناۋادا بۇ ئىش پالاتىسكىي ئەپەندى، گاي ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئىشداشلىرىنىڭ خىيالىدا بولمىغان، شۇنىڭدەك ھېچقانداق بىر سلاۋيان چۈشەنمەيدىغان بىر قىسىم روسىيە چىركاۋلىرىدىكى قەدىمىي سىلاۋيانچە دۇئا – تىلاۋەت بولمىغان بولسا، قانداقتۇر «سلاۋيان تىلى» مەۋجۇت بولغان بولاتتى؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەتلىك تەرەققىياتنىڭ تولىمۇ ئوخشاشمايدىغان باسقۇچىدا، يەنى بۇ خېمىيىدىكى خېلىلا تەرەققىي تاپقان (گېرمانىيىلىكلەرگە ھەشقاللا) زامانىۋى سانائەت ۋە مەدەنىيەتتىن تارتىپ، تاكى خورۋاتلار، بۇلغارلارنىڭكىدەك كۆچمەن چارۋىچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان ياۋايى ھالەتتە تۇرىۋاتاتتى؛ شۇڭا، بۇ مىللەتلەرنىڭ مەنپەئىتى بىر – بىرىگە تولىمۇ قارىمۇ قارشى ئىدى. ئەمەلىيەتتە 10، ھەتتا 12 مىللەتنىڭ سلاۋيان تىلى ئوخشاش ساندىكى دىئالېكىتتىن تەركىب تاپقان، بۇ دىئالېكتلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر – بىرىنىڭكىنى چۈشەنمەيتى، ھەتتا ئۇلارنى ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە چوڭ تۈر (چېخ تىلى، ئىللىرى تىلى، سېرب – بولغار تىلى) گە ئايرىشقا بولىدۇ. بۇ مىللەتلەر ئەدەبىياتقا ئىنتايىن سەل قارىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاشكارىلانمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دىئالېكتلار ئەل ئارىسىدىكى يەرلىك تىلغا ئايلىنىپ قالغان، ئاز ساندىكىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ دىئالېكتلار باشقا بىر خىل يات مىللەتلەتنىڭ بولۇپ، سىلاۋيان تىلىدىن باشقا تىلنى ئۆزىنىڭ ئۆلچەملىك تىلى قىلغان شۇڭا، پان سىلاۋىزمنىڭ بىرلىككە كېلىشى ئۇچىغا چىققان خام خىيال بولماستىن، بەلكى روسىيىنىڭ قامچىسى.
(ئېنگېلىس: «ھۇنگرىيىدىكى كۈرەش» (1849- يىلى 1- ئاينىڭ 8- كۈنى)، «ماركىس – ئېنگېلىس ئەسەرلىرى»، 6- توم، خەنزۇچە نەشىرى، 200-، 201- بەتلەر)
ئەمما، خام خىيالغا پېتىپ قالغاسلىقىمىز لازىم. بارلىق پان سىلاۋىزمچىلار مىللىي ئالاھىدىلىكىنى، يەنى بارلىق سلاۋيانلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان مىللىي ئالاھىدىلىكنى ئىنقىلابتىن ئۈستۈن دەپ قارايدۇ. پان سلاۋىزمچىلار ئىنقىلابقا قاتنىشىشنى خالايدۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ جىددىي بولغان ماددىي ئېھتىياجىغا قارىماي، بارلىق سلاۋيانلارنى مۇستەقىل سلاۋيان دۆلىتى قۇرۇشقا مۇستەسناسىز بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بىر شەرت قويىدۇ. ئەگەر بىز نېمىسلارمۇ مۇشۇنداق تۇترۇقسىز شەرتنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان بولساق، ئۇنداقتا بىز 3 – ئايدا قەيەرلەرگە كەتكەن بولاتتۇق! ئەمما ئىنقىلاب ھەر قانداق شەرت قويۇشقا يول قويمايدۇ. ياكى بىر ئىنقىلابچى بولۇپ، ئىنقىلابنىڭ بارلىق ئاقىۋىتىنى ئۇنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قوبۇل قىل، ياكى ئۆزۈڭنى تىكولاي ۋە ۋېندشىگېرلېتىس بىلەن بىرلاگېردا تۇرغانلىقىنى (ئىش ئارزۇيۇڭنىڭ ئەكسىچە بولۇشى مۇمكىن) ئۆزۈڭمۇ سېزىۋالالماي قالىسەن.
(ئېنگېلس: «دېمۇكراتىك پان سلاۋىزم» (1949- يىل 2- ئاينىڭ 14- كۈنى، 15- كۈنى)، ماركس – ئېنگېلس ئەسەرلىرى»، 6- توم، خەنزۇچە نەشىرى، 341- بەت.
بۇ خېمىيە بىلەن كروئاتىيە (سلاۋيانلارنىڭ يەنە بىر تارقاق بۆلىكى، ئۇلار خۇددى بۇ خېمىيىلىكلەر نېمىسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغانغا ئوخشاش ھۇنگرلارنىڭ تەسرىگەئۇچىرىغان) ياۋرۇپا قۇرۇقلىقىدىكى ئاتالمىش «پان سلاۋىزم» نىڭ مەنبەسى. بۇ خېمىيىلىكلەر بىلەن خورۋاتلار مۇستەقىل مىللەت سۈپىتىدە ياشىيالىغۇدەك دەرىجىدە قۇدرەت تاپمىغان. بۇ ئىككى مىللەت خىلمۇ خىل تارىخىي سەۋەبلەرنىڭ (بۇنداق سەۋەبلەر ئۇلارنى تېخىمۇ تەسىرى بىلەن پەيدىنپەي پارچىلىنىپ كەتكەن، ئۇلار مەلۇم مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولىدىكەن، قالغان سىلاۋيانلار بىلەن بىرلىشىشى شەرت. پولەكلەر 22 مىليۇن ئىدى. روسلار 45 مىليۇن، سېربلار بىلەن بولغارلار 8 مىليۇن ئىدى. تارىخشۇناسلىققا مەستانە بولغان بىر قانچە سلاۋيان بۇ 80 مىليون سلاۋيان نىمە ئۈچۈن قۇدرەتلىك بىر شىتات بولۇپ ئويۇشۇپ، مۇقەددەس سلاۋيان تۇپرىقىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن تۈركلەر، ھۇنگرلار، خۇسۇسەن لەنىتى، ئەمما كەم بولسا بولمايدىغان (ztemeiN )، يەنى نېمىسلاردىن ئىبارەت چاقىرىلمىغان مېھمانلارنى قوغلاپ چىقىرىۋەتمەيدۇ ياكى يوقاتمايدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن، سلاۋياننىڭ تارىخ پېنىگە ھەۋەس قىلغۇچى بىر نەچچەيلەننىڭ كۈتۈپخانىلىرىدا بىمەنە، تارىخقا قارشى ھەركەت قوزغاپ، مەدەنىي غەربنى ياۋايى شەرققە، شەھەرلەرنى يېزىلارغا، سودا، سانائەت ۋە مەدەنىيەتنى سلاۋيان يانچىلىرىنىڭ ئىپتىدائىي يېزا ئىگىلىكىگە بويسۇندۇرماقچى بولغان لېكىن، بۇ بىمەنە نەزەرىيىنىڭ دالدىسىدا، رۇسىيە ئىمپېرىيىسىدىن ئىبارەت دەھشەتلىك ئەمەلىيەت تۇراتتى؛ بۇ ئىمپېرىيىنىڭ بارلىق ھەرىكىتىدىن ئۇنىڭ پۈتكۈل ياۋرۇپانى سلاۋيانلارنىڭ، خۇسۇسەن ئۇلارنىڭ بىردىنبىر قۇدرەتلىك قىسمى بولغان رۇسلارنىڭ زېمىنىغا ئايلاندۇرۇش قارا نىيىتى يوشۇرۇنۇپ تۇراتتى؛ بۇ ئىمپېرىيىنىڭ پېتېربورگ ۋە موسكىۋادىن ئىبارەت ئىككى پايتەختى بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە دېھقانلىرى تەرىپىدىن ئۆز دىنى ۋە دۆلىتىنىڭ ھەقىقىي ئاستانىسى دەپ قارىلىپ كەلگەن «چار پادىشاھ شەھىرى» (ئىستانبول، رۇسچە «چارگراد»، يەنى چار پادىشاھ شەھىرى) رۇسىيە پادىشاھنىڭ ھەقىقىي ئوردىسىغا ئايلانمۇغىچە، بۇ ئىمپېرىيە ھەرگىز خاتىرجەم بولالمايتتى؛ ئۆتكەن 150 يىل مابەينىدە، بۇ ئىمپېرىيە ئۆزى ئېلىپ بارغان ھەر قېتىملىق ئۇرۇشتا زېمىندىن ئايرىلىپ قېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى ھامان زېمىنغا ئىگە بولۇپ كەلدى. رۇسلارنىڭ سىياسىتى يېڭى كەشىپ قىلىنغان پان سلاۋىزم نەزەرىيىسىنى خىلمۇ خىل سۇيىقەستلىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قوللاشتىن ئىبارەت بولدى (بۇنداق نەزەرىيىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى رۇسلار سىياسىتىنىڭ مەقسىتىگە تازا باب كېلەتتى)، بۇ ئوتتۇرا ياۋروپادا ھەممىگە ئايان. شۇ سەۋەبتىن، چېخ ۋە كروئاتىيىنىڭ پان سلاۋىزىمچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا بىۋاسىتە رۇسىيە مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىشلىدى، ئۇلار مۇستەقىل مىللەت بولۇشنى خىيال قىلىپ، ئىنقىلابقا ساتقىنلىق قىلدى، بۇنداق مۇستەقىل مىللەتنىڭ تەقدىرى كۆپ بولسا روسىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى پولەكلەرنىڭ تەقدىرىچىلىك بولاتتى. بۇ جەھەتتە، پولەكلەر ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ، چۈنكى ئۇلار پان سلاۋىزم قىلتىقىغا زادى رەسمىي چۈشۈپ باقمىدى. ئاز سانلىق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئەسەبىي پان سلاۋىزمچىلارغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىگە كەلسەك، بۇ ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىدا تارتىدىغان زىيىنىنىڭ ئۆز يانچىلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە تارتىدىغان زىيىنىدىن ئازراق بولىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىدىن بولغان.
ئېنگىلىسى: «گىرمانىيدىكى ئىنقىلاب ۋە ئەكسىلىئىنقىلاب – 9» (1852-يىل 2-ئاي)، «ماركىس–ئېگىلىس تاللانما ئەسەرلىرى» ، 1-توم ، 918-، 917-، 920–بەتلەر.
پان سىلاۋىزمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى ساپ ئەدەبىيات شەكلىنى ئالغانىدى. ئۇنىڭ ئاساسچىسى دوبروۋسكىي (چېغ بولۇپ، سلاۋيان دىئالېكتى تىلشۇناسلىقنىڭ ئاساس سالغۇچىسى) بىلەن كول (ھونگىرىيىنىڭ تاشقى كارپات تېغىدىكى سلوۋاڭ شائىر) ئىدى. دوبرۋسكىي ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلارغا خاس قىزغىنلىقى، كول سىياسىي ئىدىيسى بىلەن ناھايىتى تېزلا ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى. پان سىلاۋىزىمچىلار دەسلەپتە بەزى قايغۇلۇق شېئېرلار بىلەنلا قانائەتلەندى، ئۇلارنىڭ شېئېرلىرىدا ئۆتمۇشىنىڭ قانداق ئۇلۇغ ئىكەنلىكى، ھازىر قانداق ئار – نۇمۇسقا، بەختسىزلىكتە ئۆتىۋاتقانلىقنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان. شېئىرغا «ئاھ خۇدا! ئەجەبا بۇ دۇنيادا ھەققانىيەتنى سىلاۋىيانلارغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان بىرەر كىشى چىقماسمۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلار سىڭگەن. ياۋرۇپانى ئۆزىنىڭ قانۇنغا ئەمەل قىلدۇرىغان سلاۋيان ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇش ئويىغا كەلسەك، ئۇ چاغدا بۇنداق ئوي مۇجىمەل ئاشكارىلانغانىدى. ئەمما، قايغۇرلۇق شېئىر دەۋرىمۇ ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كەتتى، نوقۇل «سلاۋيانلارنىڭ ھەققانىيەتنى ياقلاش» دېگەن مۇراجەتمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆتۈپ كەتتى.
سلاۋيانلارنىڭ سىياسىي، ئەدەبىيات ۋە تىلشۇناسلىق تەرەققىياتى ھەققىدىكى تارىخىي تەتقىقات پائالىيىتى ئاۋىستىرىيىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. تىلشۇناس شافارىك ، كوپتار ۋە مىكولوشىۋىچ، شۇنىڭدەك تارىخشۇناس پالاتسكىي بۇ ھەركەتكە رەھبەرلىك قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەگەشكەنلەر ئىچىدە خانك ۋە گاي قاتارلىقلارغا ئوخشاش تۇغما قابىلىيتى تۆۋەن ياكى زادىلا ئىقتىدارى يوق نۇرغۇن ئالىملارمۇ بار ئىدى. چېخ ۋە سېربلەرنىڭ شەرەپلىك تارىخىي دەۋرىنىڭ ناھايىتى روشەن تەسۋىرلىنىشى مۇشۇ مىللەتلەرنىڭ ھازىر خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق ھالىغا سېلىشتۇرما بولدى. دەل گېرمانىيىنىڭ باشقا جايلىرىدا سىياسىي ۋە ئىلاھىيەت «پەلسەپە» نىقابى ئاستىدا تەنقىد قىلىنغىنىغا ئوخشاش، ئاۋسترىيىدە مېتىنى پان سلاۋىزمچىلارنىڭ تىل – ئەدەبىياتشۇناسلىقتىن پايدىلىنىپ، سلاۋيانلارنىڭ بىرلىكى توغۇرسىدىكى تەلىماتنى تەرغىپ قىلىشى ھەمدە مۇشۇنداق بىر پارتىيىنى قۇرماقچى بولۇشىدىكى مەقسىتى، روشەنكى ئاۋسترىيىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش، ھەتتا ئاۋسترىيىنى بۈيۈك سلاۋيان ئىمپېرىيىسىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت، دەپ قارىدى.
بۇ خېمىيە بىلەن كارىنىتىيىنىڭ شەرقىدىن تارتىپ، تاكى قارا دېڭىزغىچە بولغان جايلاردىكى تىلنىڭ ئارلىشىپ كېتىش ئەھۋالى ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچىتىدۇ. گېرمانىيىگە چېگىرداش رايۇنلاردا ئولتۇرۇشلۇق سلاۋيانلار ئارىسىدىكى غەيرىي مىللەتلەشتۇرۇش جەريانىدا ، نېمىسلارنىڭ ئاستا، ئەمما ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىشى، ھۇنگرلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى (بۇ تاجاۋۇزچىلىقنىڭ نەتىجىسىدە شىمال ۋە جەنۇپتىكى سلاۋيانلار ئاھالىسى ناھايىتى قويۇق بولغان 7 مىليۇن فىتىن ئايرىۋېتىلگەن)، سلاۋيانلار رايۇنغا قىستىلىپ كىرگەن تۈركلەر، تاتارلار ۋە ۋالاخيىلىكلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى – بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي تىل جەھەتتىكى بابىلنى پەيدا قىلغان. كەنت بىلەن كەنىت ئوتتۇرسىدا، مەھەللە بىلەن مەھەللە ئوتتۇرسىدا، مەھەللە بىلەن مەھەللە ئوتتۇرسىدا تىل ئۆزگىرىپ تۇرغان، ھەتتا بۇخېمىيىدىكى 5 مىليۇن ئاھالە ئىچىدە 2 مىليۇن نېمىس ۋە 300 مىليۇن سلاۋيان بار ئىدى، بۇ سلاۋيانلارنىڭ ئەسلىدىكى سلاۋيانلارنىڭ ئەھۋالىمۇ شۇنداق ئىدى. سلاۋيانلارنىڭ ئەسلىدىكى يېرىنى سلاۋيانلارغا قايتۇرۇپ بېرىش، ئاۋسترىيىنى (ترول بىلەن لومباردىيە بۇنىڭ سىرتىدا) سلاۋيان ئىمپېرىيىسىگە ئايلاندۇرۇش پان سلاۋىزمچىلارنىڭ مەقسىتى ئىدى. بۇ 1000 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى تاىخىي تەرەققىياتنىڭ ھەممىسىنى يوققا چىقىرىپ، گېرمانىيىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى ۋە پۈتكۈل ھۈنگرىيىنى ئايرىۋېلىپ، ۋېنا بىلەن بۇداپېشتنى سلاۋيانلارنىڭ شەھىرىگە ئايلاندۇرۋالغانلىقتىن، بۇ رايۇنلارنى ئىگىلەپ تۇرىۋاتقان نېمىسلار ۋە ھونگىرلارنىڭ بۇنداق ھەركەتكە ھېسداشلىق قىلمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر خىل سلاۋيان دىئالېكتىنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ بۇلۇپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرىنى بىرىنىڭ سۆزىنى چۈشەنمەيتتى. بۇنى بىر كۈلكىنىڭ مىسال بىلەن ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. 1848- يىلى، پراگادا ئېچىلغان سلاۋيانلار قۇرۇلتىيىدا، كۆپچىلىك چۈشىنەلەيدىغان بىر خىل ئورتاق تىلنى تاپماقچى بولۇپ، ھەر قانچە ئورۇنغان بولسىمۇ مۇمكىن بولمىغان، ئاخىر يىغىنغا قاتناشقانلار ئۆزلىرى ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان تىل – نېمىس تىلىدا سۆزلىشىشكە مەججۇر بولغان.
شۇڭا، بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئاۋسترىيىدىكى پان سىلاۋىزىمچىلارنىڭ مۇۋەپىقىيەت قازىنالماسلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل – ئامما ۋە بىرلىكىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدا. پان سىلاۋىزمچىلار تەربىيە كۆرگەن بىر قىسىم تەبىقىدىكىلەرنىكىلا قولغا كەلتۈرگەچكە، خەلىق ئارىسىدا ھېچقانداق ئىناۋىتى يوق شۇڭا ئۆزىگە دۈشمەن بولغان ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى، شۇنىڭدەك نېمىسلار ۋە ھۇنگرلارغا بىرلا ۋاقىتتا قارشى تۇرشقا كۈچى يەتمىگەن. پان سلاۋىزمچىلارنىڭ بىرلىك پرىنسىپى نوقۇل خىيالىي پرىنسىپ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا بىرلىك يوق، شۇڭا تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق بىرلىك پرىنسىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغاندا، تىل جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولغان. پان سلاۋىزم ئىزچىل تۈردە نوقۇل ئاۋسترىيىدىكى ھەرىكەت بولغانلا بولسا، ئۇنداقتا بۇنىڭ خەۋپى چوڭ بولمايتتى، ئەمما ئۇ ئۆزىگە زۆرۈر بولغان ئاشۇنداق بىرلىكنى ۋە ئاممىنىڭ مەركىزىنى ناھايىتى تېز تاپالايتتى.
مۇشۇ ئەسەرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيىدىكى سېربلارنىڭ مىللىي ھەركىتىنىڭ ناھايىتى تېزلا روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مۇنداق بىر پاكىت بار: تۈركىيىدىكى ئاھالىلەر ئىچىدە تەخمىنەن7 مىليۇن سلاۋيان بار بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى بارلىق سلاۋيان دىئالېكتلىرى ئىچىدە روسچىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان بىر خىل تىل ئىدى، دىن تىلى ۋە چېركاۋ تىلى (قەدىمىي سلاۋيان تىلى ۋە چىركاۋ تىلى) رۇسلارنىڭكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىدى. رۇسىيە ئۆزىنىڭ گرېتسىيىدىكى پراۋوسلاۋىيە چېركاۋنىڭ داھىيىسى ۋە پاناھلارغۇچىلارنىڭ ئورنىدىن پايدىلىنىپ، دەل مۇشۇ قېتىم قۇتراتقۇلۇق ئېلىپ باردى. پان سلاۋىزم ھەركىتى ئاۋسترىيىدە ئەمدىلا يىلتىز تارتقاندا، روسىيە ئۆز جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ تارمىقىنى دەرھال ئىتتىپاقدىشىغىچە كېڭەيتتى. ئۇ رىم كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان سلاۋيانلار بىلەن ئۇچىراشقاندا، دىن جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى زادىلا تىلىغا ئالمايتتى، روسىيە ئۆزىنى بارلىق سلاۋيانلارنى جەلىپ قىلدىغان بىر مەركەز، يەنى گۈللىنىۋاتقان ھەر بىر سلاۋيان مىللىتىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان يادرو قىلىپ كۆرسىتىپ، ھەر قايسى سلاۋيان قىلىپ ئۇيۇشتۇرماقچى بولدى، بۇ مىللەتنىڭ ۋەزىپىسى ئېلبا دەرياسىدىن تارتىپ جۇڭگۇغىچە، ئادرىئاتىك دېڭىزدىن شىمالىي مۇز ئوكيانغىچە بولغان بۈيۈك سلاۋيان ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى. قىسقىسى، ئۇلار بۇ يەردىن كەمچىل بولغان ئاممىنى ۋە بىرلىكنى تاپتى. پان سلاۋىزم بىردىنلا قىلتاققا چۈشۈپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىگە ئۆزى ھۆكۈم ئېلان قىلدى. پان سلاۋىزمچىلار خىيالىدىكى مىللەتنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن روس – مۇڭغۇللارنىڭ ياۋۇزلارچە ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش يولىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە باشتىن كەچۈرگەن 800 يىللىق مەدەنىي تۇرمۇشىنى قۇربان قىلىشقا رازى بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ياۋرۇپانىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا باشتىن تارتىپلا تولىمۇ ئەكسىيەتچىلىك بىلەن قارشى تۇرغانلىقىنىڭ ۋە دۇنيا تارىخنىڭ چاقىنى ئارقىغا ياندۇرشقا ئۇرۇنغانلىقىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى ئەمەسمۇ؟
(ئېنگېلىس: «گېرمانىيە ۋە پان سلاۋىزم» (1855-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى )، «ماركس–ئېنگېلس ئەسەرلىرى»، 11- توم، خەنزۇچە نەشىر، 221-، 223-بەتلەر)
ياۋرۇپادا بىر قانچە مىللەت بىر ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان بىرمۇ دۆلەت يوق. شوتلاندىيىنىڭ تاغلىق رايۇندىكى كېلتلار بىلەن ۋېلسلار مىللەت نوقتىئىينەزەرى بۇيىچە ئېيىتقاندا، شۈبھىسزكى ئېنگلىزلاردىن پەرقلىنىدۇ، ئاللىبۇرۇن يوقالغان بۇ مىللەتلەرنىڭ قالدۇرغانلىقىنى ھېچكىممۇ مىللەت دەپ ئاتىمايدۇ. ئوخشاشلا فرانسىينىڭ برېتال دېگەن يېرىدىكى كېلتلارنىڭمۇ ھېچكىم مىللەت دەپ ئاتىمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مىللەتنىڭ تەبىئىي چېگرىسى، يەنى تىلىنىڭ چېگرىسى بىلەن ماس كېلىدىغان بىرمۇ دۆلەت چېگىرىسى، يەنى تىلنىڭ چېگىرسى بىلەن ماس كېلىدىغان بىرمۇ دۆلەت چېگىرسى يوق. فرانسىيە زېمىنىنىڭ سىرتىدا فرانسوزچىنى ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار، گېرمانىيە زېمىننىڭ سىرتىدىمۇ نېمىسچىنى ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر با، بۇنداق ئەھۋال خېلىغىچە داۋاملاشسا كېرەك. ياۋرۇپانىڭ يېقىنقى 1000 يىلدىن بۇيان باشتىن كەچۈرگەن مۇرەككەپ ھەم ئاستا تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى شۇكى، ھەربىر چوڭ مىللەتنىڭ ئۆز ئورگانىزمنىڭ مەلۇم جايىدىن بۆلۈنۈپ چىققان قىسمى ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي تۇرمۇشىدىن ئايرىلىپ قالغان، كۆپىنچىسى باشقا مىللەتنىڭ مىللىي تۇرمۇشقا ئارىلىشىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئاساسي گەۋدىسىگە قوشۇلۇشىنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغان. شۋېتسارىيە ۋە ئېلزاستىكى نېمىسلار گېرمانىيە قوشۇلۇشنى خالىمايدۇ. ئوخشاشلا، بېلگىيە ۋە شىۋېىتسارىيدىكى فرانسوزلارمۇ سىياسىي جەھەتتە فرانسىيىگە قۇشۇلۇشنى خالىمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاخىر مۇنداق خېلى چوڭ ياخشىلىق ئېلىپ كىلىدۇ: سىياسىي جەھەتتە ۋۇجۇتقا كەلگەن ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر تولا چاغلاردا مەلۇم يات مىللەت تەركىبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ يات مىللەت تەركىبلىرى ئۆزلىرىنىڭ قوشنىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، پەقەت بىر خىللا بولۇپ قالغان مىللىي خاراكتېرىنى كۆپ خىللىققا ئىگە قىلىدۇ.
بۇ ئارقىلىق بىز شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، «مىللىي پرىنسىپ» بىلەن دېموكراتلار ۋە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ياۋرۇپادىكى چوڭ مىللەتلەرنىڭ ئايرىلىپ مۇستەقىل ياشاش ھوقۇقىغا بولغان كونا نوقتىئىينەزەرى ئوتتۇرسىدا پەرق بار. «مىللىي پرىنسىپ» ياۋرۇپا تارىخىدىكى بەزى مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھاياتلىق ھوقۇقىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەسىلىگە زادىلا تاقالمىدى، تاقالدى دېيىلىدىغان بولسا، مەسىلىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتتى دېيىشكىلا بولىدۇ. مىللىي پرىنسىپتا مۇنداق ئىككى خىل مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان: بىرىنچى، تارىختا ئۆتكەن بۇ چوڭ مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى چېگرا مەسىلىسى؛ ئىككىنچى، بەزى مىللەتلەرنىڭ سانى كۆپ بولغان كىچىك قالدۇقلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ھاياتلىق ھوقۇقى مەسىلىسى. بۇ مىللەتلەر تارىخ سەھنىسىدە يا ئۇزاق، يا قىسقا ۋاقىت دەۋر سۈرگەن، ئەمما كېيىن تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان ۋە تېخىمۇ زور قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدىغان كۈچلۈكرەك مىللەتنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالغان. بىر مىللەتنىڭ ياۋرۇپاغا بولغان مۇھىملىقى ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىدە، مىللىي پرىنسىپتىكى نۇقتىئىينەزەر بۇيىچە ئېيىتقاندا، ئۇ ھېچنىمىگە ئەرزىمەس ئىش؛ ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھېچقانداق تارىخى يوق ھەم تارىخنى يارىتىدىغان زېھنى يوق ۋالاخىيدىكى رومىنلار 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە ھەمدە باش ئەگمەيدىغان مىللىي ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىتاليانلارغا ئوخشاش مۇھىم ئەكمىيەتكە ئىگە ئىش؛ ۋېلسلار ۋە ماين ئارىلىدىكى ئاھالىلەر خالىسلا، ئىنگلىزلارغا ئوخشاش مۇستەقىل سىياسىي ھاياتلىق ھۇقۇقىدىن بەھرىمەن بۇلار ئىش. بۇ قارىماقتا بىمەنە كۆز قاراشتەك قىلمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك، ئوڭاي ئىشىنىپ قالىدىغانلارنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىلغان بىر خىل ئاممىباب شەكىل؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى لازىم بولغاندا پايدىلانغان، لازىم بولمىغاندا چۆرۈۋېتىدىغان بىر قۇرۇق گەپ.
بۇ خىل كەشپىيات ھەر قانچە تېتىقسىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئويلاپ تېىش ئۈچۈن، لۇئى ناپولېئوننىڭ كاللىسىىدىنمۇ ئەقىللىق كاللا بولۇشى كېرەكتە. مىللىي پرىنسىپ بوناپارتىزمچىلار پولشانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆتۈرۈپ چىققان كەشپىيات بولماستىن، بەلكى روسىيىلىكلەر پولشانى مۇنقەرز قىلىش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققان كەشپىيات. دەل تۆۋەندە بىزنىڭ كۆرىدىغىنىمىزغا ئوخشاش، روسىيە مىللىي پرىنسىپقا ئەمەل قىلىش باھانىسى بىلەن كونا پولشانىڭ بۇرغۇن زېمىنىنى يۇتۇۋالدى. بۇنداق ئوينىڭ بولغىنىغا100 يىلدىن ئاشقانىدى، ھازىر روسىيە ئۇنىڭدىن دائىم يايدىلىنىۋاتىدۇ. پان سلاۋىزم روسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئىيىنى دەپ مىللىي پرىنسىپنى سېربلار، خورۋاتلار، لۇھىلار، سلوۋاكلار، چېخلار ھەمدە تۈركىيە، ھونگرىيە ۋە گېرمانىيە تەۋەسىدىكى بۇرۇنقى سىلاۋيان مىللىتىنىڭ قالدۇرقلىرىغا قوللانغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەسمۇ؟ ھەتتا ھازىرمۇ روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن ئاگېنتلىقلىرى نورۋېگىيىسىنىڭ شىمالىي بىلەن شۋيتىسىيىدىكى لاپلاندىيىلىكلەر ئوتتۇرسىدا قاتراپ يۈرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇنداق قىلىشتىن مەقسىتى بۇ كۆچمەن چارۋىچى ياۋايىلار ئارىسىدا «بۈيۈك فىن مىللىتى» ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ، ياۋرۇپانىڭ شىمالىي قۇيۇپ رايۇنىدا بۈيۈك فىن مىللىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۇشتىن ئىبارەت، ئۇلار روسىيەنىڭ ھامىيلىقىدا بولىدۇ، ئەلۋەتتە. زۇلۇم تارتقان لاپلاندىيىلىكلەرنىڭ «ئۈمىدسىز زادى» روسىيە گېزىتلىرىنى بىر ئالدى، ئەمما بۇ زادى زۇلۇم تارتقان كۆچمەن چارۋىچىلاردىن ئەمەس، بەلكى بۇ زادى زۇلۇم تارتقان كۆچمەن چارۋىچىلاردىن ئەمەس، بەلكى روسىيىنىڭ ئاگېنتلىقلىرىدىن چىققانىدى. شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇ بىچارە لاپلاندىيىلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ياۋايى يېرىم ئېسكىمۇ دىئالېكتىكىدا سۆزلىشىشكە مەججۇر قىلىنىپلا قالماستىن، يەنە مەدەنىي بولغان نورۋېگ تىلى ياكى شۋېى تىلىنى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىنغانىدى، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچىتىدىغان بىر خىل زۇلۇم ئەمەسمۇ! مىللىي پرىنسىپ شەرقىي ياۋرۇپادىلا ھەقىقىي كەشىپ قىلىندى، ئۇ يەردە 1000 يىلدىن بۇيان ئاسيالىقلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق دولقۇنى كەينى – كەينىدىن كۆتۈرلۇپ، ئارىلاشما مىللەت ئۇۋاقلىرىنى دۆۋە – دۆۋە قالدۇرۇپ كەتكەنىدى، ھازىرغا كەلگەندە مىللەتشۇناسلار ئۇلارنى ئاران پەرقلەندۇرىۋاتىدۇ. ئۇ يەرلەردە تۈركلەر، فىنچە سۆزلىشىدىغان ماجارلار، رومىنلار، يەھۇدىلار، شۇنىڭدەك سلاۋيان قەبىلىسىدىنى تازا قىلىشنىڭ ئاساسى، ئەمما روسىيە ئۇنى قانداق پەيدا قىلغان .....
(ئېنگېلس: «ئىشچىلار سىنىپى بىلەن پولشانىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار» (1866- يىل1- ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4- ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە)، «ماركس – ئېنگىلىس ئەسەرلىرى»، 16- توم، خەنزۇچە نەشىرى، 175- ، 178-بەتلەر.


قۇشۇمچە 2
سىتالىننىڭ پانتۈركىزم توغرىسىدىكى بايانلىرى


بىر تەرەپتىن، چېگرا رايۇنىدا ئىشلەۋاتقان بۈيۈك رۇس كومپارتىيە ئەزالىرى «ھۆكۈمران» مىللەت مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇۋاتقان شارائىتتا ئۆسۈپ يىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، نېمىنىڭ مىللىي زۇلۇم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، تولا چاغلاردا مىللىي ئالاھىدىلىكنىڭ پارتىيە خىزمىتىدىكى ئەھمىيىتىنى كىچىكلىتىۋېتىدۇ ياكى مىللىي ئالاھىدىلىككە تولىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىدە مەلۇم بىر مىللەتنىڭ سىنىپىي قۇرۇلمىسى، مەدەنىيەتنى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئۆتمۇشتىكى تارىخىي ئالاھىدىلىكنى نەزەرگە ئالمايدۇ، شۇ ۋەجىدىن پارتىيىنىڭ مىللىي مەسىلە جەھەتتىكى سىياسەتلەرنى چاكىنىلاشتۇرىۋېتىدۇ ۋە بۇرمىلايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇلارنى كوممۇنىزىمدىن چەتلىتىپ، چوڭ دۆلەتچىلىك، مۇستەملىكىچىلىك ۋە بۈيۈك رۇس شوۋىنىزمىغا مايىل قىلىپ قويىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، شۇ جايدىكى يەرلىك ئاھالە ئىچىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرى مىللىي زۇلۇمنىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىك دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرگەچكە، مىللي زۇلۇمنىڭ تەسىرىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلالمىغان، شۇڭا ئۇلار مىللىي ئالاھىدىلىكنىڭ پارتىيە خىزمىتىدىكى ئەھمىيىتىنى تولا چاغلاردا كۆپتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ سىنىپىي مەنپەئىتىنى يوققا چىقىرىپ ياكى مەلۇم بىر مىللەت ئەمگەكچىسىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن مۇشۇ مىللەتنىڭ پۈتكۈل مەنپەئىتىنى ئاددىي ھالدا ئارلاشتۇرۋېتىپ، ئالدىنقىسىى بىلەن كېيىنكىسنى پەرقلەندۇرشكە، پارتىيە خىزمىتىنى ئەمگەكچىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە بىرلەشتۈرۇپ ئىشلەشكە ماھىر بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالمۇ ئۇلارنى كوممۇنىزمدىن چەتلىتىپ بۇرژۇئازىيىنىڭ دېموكراتىك مىللەتچىلىكىگە مايىل قىلىپ قويىدۇ، بۇنداق مىللەتچىلىك بەزىدە بۈيۈك ئىسلامىزم، بۈيۈك تۈركىزم شەكلىنى ئالغان بۇلىدۇ (شەرقتە).
(ستالىن: «پارتىيىنىڭ مىللىي مەسىلە جەھەتتىكى تۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى توغىرسىدا» (1921- يىل 2- ئاينىڭ 10- كۈنى)، «سىتالىن ئەسەرلىرى»، 5- توم (خەلىق نەشىرىياتى خەنزۇچە 1- نەشىرى، تۆۋەندە ئوخشاش)، 23~24- بەتلەر )
رۇس مىللىتىدىن باشقا مىللەتلەر مىللىي زۇلۇمغا ئۇچرىغان، ئۇلارنىڭ بۇنداق ئورنى ئاھالە ئىچىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرى بەزىدە ئۆز مىللەت ئەمگەكچى ئاممىسىنىڭ سىنىپىي مەنپەتىنى بەزىدە ئۆز مىللەت ئەمگەكچى ئاممىسىنىڭ سىنىپىي مەنپەتىنى ئاتالمىش «ئومۇمىي خەلق» مەنپەئىتىدىن پەرقلەندۈرۈشكە ماھىر بولمايدۇ. مېنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم، روس كومپارتىيە ئەزالىرىدىن باشقا كومپارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا يەرلىك مىللەتچىلىك خاھىشىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇنداق خاھىش شەرقتە بۈيۈك پان ئسلامىزم، بۈيۈك تۈركىزم بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
(سىتالىن : «پارتىيىنىڭ مىللىي مەسىلە جەھەتتىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى توغرسىدا دوكلات» (1921- يىل 3-ئاينىڭ 10-كۇنى)، «ستالىن ئەسەرلىرى»، 5- توم خەنزۇچە نەشىرى ، 32-بەت)


قۇشۇمچە 3
سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ پانتۈركىزم توغرسىدىكى بايانلىرى


خ . ز . گابىدۇلىن (1897~1940-يىللىرى) بىلەن ئا . م . ئارشارۇنى سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل پروفېسسورلار ئىنىستوتىنىڭ پروفېسىسورلىرى ئىدى. ئۇلار يازغان «روسىيەدىكى پان ئىسلامىزم ۋە پان تۈركىزم قىسقىچە بايان» دېگەن كىتابتا روسىيىدىكى پان ئىسلامىزم ۋە پان تۈركىزم سېستىمىلىق بايان قىلىنغان. بۇ يەردە بۇ كىتابتىكى «قازان تاتارلىرىنىڭ قەدىد ھەرىكىتى»،« جەدىد ھەركىتى ۋە ئىسلام دىنى ساھەسى» ۋە «سۇلتان غالىيېف مەزھىپى» دېگەن مەزمۇنلار بېرىلدى.
قازاق تاتارلارنىڭ جەدىد ھەركىتى
«ئىسلاھاتنى باشتىن كەچۈرگەن» رۇس يېڭى مەدەنىيەتنىڭ تەسرى ئارقىسىدا، تاتار بۇرژۇئازىيىسى جامائەت پىكرى كۆز ئالدىدىكى كونا تۈرۈمنى ئىسلاھ قىلىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم دىن ئىسلىھاتچىلىرىنى ئوتۇرىغا چىقىرىپلا قالماستىن، بەلكى باشقا تەبىقىلەردىن بىر تۈركىزم ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتچىلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقاردى. تاتار گۈللىنىش ھەركىتىنىڭ ئىسمى-جىسمىغا لايىق پىشىۋالىرىدىن شۈبھىسىزكى، ئاۋۋال تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئىختىساس ئىگىسى بولغان مەشھۇر تاتار ئالىمى قايىم ناسىروف (ناسىر) (1825 ~ 1902- يىللىرى) ۋە ئىسلاھاتچى ئالىم خۇسىين فەيزىخاننوف (1866- يىلى ۋاپات بولغان) لاردىن ئىبارەت.
ناسىر قاتارلىقلارنىڭ پائالىيەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي بايان قىلىش ھاجەتسىز، بىز كۆرسىيىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك نوقتا شۇكى، «ئاقارتىش»،-ئۇلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنىڭ مەركىزى، شۇڭا ئۇلار دىنىي مەكتەپلەرنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك، بولمىسا ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، دەپ قارىدى. شۇڭا، تاتارلار ئارىسىدا «جەدىدى» دەپ ئاتىلىدىغان زور ھەركەت مەيدانغا كەلدى.
«جەدىد» دېگەن سۆز «يېڭى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇ تەرەققىيپەرۋەز تاتار بۇرژۇئازىيىسى ۋە ئۇنىڭ مۇتەئەسسىپلىككە قارشى تۇرغۇچى تەرەپداشلىرىنىڭ سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشتىكى بىر تۇغى بۇلۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاتار بۇرژۇئازىيىسىگىلا ئەمەس، ھەتتا پۈتكۈل تۈرك بۇرژۇئازىيىسىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇ كېيىن سەپەرۋەر قىلىش، تەشكىللەش رولىنى ئوينايدىغان شوئار بولۇپ قالغان، ھەر خىل شەكىللەر بىلەن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن روسىيىدىكى پان تۈركىزم ھەركىتىگە ئاساس سالغان.
ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدىكى تاتارلار ئارىسىدا ھەم دىنىي مەكتەپنى ئىسلاھ قىلش شوئارى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھەم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ناسىر، فەيزىخاننوفقا ئوخشاش كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق روسىيىدىكى تۈرك مىللەتلىرى ئارىسىدا جەدىد ھەركىتىنى تەشەببۇس قىلش ھەمدە ئۇنىڭغا سىياسىي جەھەتتىن رەھبەرلىك قىلىشقا شۈنھىسىزكى، قىرىملىق ئاقسۆڭەك ئىسمائىل گاسپرىنسكىي ئاۋۋال كۆرسىتىلگەنىدى. ئۇ رۇسىيە پان تۈركىزم ھەركىتىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىدىيىىۋى قۇتراتقۇچىسى ئىدى.
پان تۈركىزمنىڭ تەشەببۇسى قۇتراتقۇچىلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، روسىيىدىكى تۈرك قەبىلىرىنى ئالدى بىلەن ئورتاق تىل-ئەدەبىيات (قېلىپلاشقان) ۋە مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىش، كېيىن سىياسىي تەشكىلات قۇرۇش ئارقىلىق مىللىي گۈللىنىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرلەشتۇرشتىن ئىبارەت ئىمىش. بۇ يولدا توغىرسىغا ئىككى توساق قويۇلغان: بىرى چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈرۈمى، رۇسلاردىن باشقا مىللەتكە، جۈملىدىن تۈرك-تاتارلارغا رەھىمسىزلىك بىلەن زۇلۇم سالغان؛ يەنە بىرى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ئەكسىيەتچىل كۈچلەر، ئۇلار دىنىي خوراپاتلىقتىن پايدىلىنىپ، پۈتكۈل خەلق ئامممىسىنى زۇلمەت ۋە نادانلىقتا قالدۇرماقچى بولغان. پان تۈركىزمچىلار ئاۋۋال كۈرەشنىڭ تىغ ئۇچىنى ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرگە قارىتىپ، مەكتەپلەرنى ئىسلاھ قىلىش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى، تۆۋەندە بىز ئىسلاھاتنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى كۈرۈۋالالايمىز.
قالدى،چۈنكى تۈرك بۇرژۇئازىيىسى ۋە ئەركىن ئاقسۆڭەك مۇتەپەككۇرلاردىن بولغان پان تۈركىزمچىلار كۈرەشنىڭ ئۇسۇلى ۋە شەكلىنى پۈتۈش روسىيىدىكى ئەركىن بۇرژۇئا ھەركىتىگە بېقىندۇرۇپ قۇيۇپ، ئۆزىنىڭ تاكتىكىسىنى تۈزمىگەنىدى. ئىسلام دىنى ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ۋە مىللىي شەكلىنىڭ ئەۋج ئېلىشغا ئەگىشىپ، پان تۈركىزمنىڭ تەشەببۇسى رۇسىيىدىكى تۈرك-تاتارلار ئارىسىدا كەڭ تەشۋىق قىلىندى، بۇ جامائەتچىلىك ئوڭاي چۈشىنىدىغان بىر پۈتۈن تۈرك تىل – ئەدەبىياتىنى تۈزۈش يولىدا ئىزدىنىشتە ئىپادىلەندى، ئەمما بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى.
تۈرك سودا بۇرژۇئازىيىسى ۋە ئەركىن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىدىيىۋى سىستېمىسى بولغان پان تۈركىزم تۈرك سودا بۇرژۇئازىيىسى بىلەن روسىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ تىركىشىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن مەيدانغا كېلىپ، قازان تاتارلىرى ئارىسىدا تەرەققىي قىلىشقا باب كېلىدىغان پايدىلىق شارائىتنى تاپتى، چۈنكى قازان تاتارلىرى باشقا تۈرك قەبىلەرىگە قارىغاندا كاپىتالىزم تەرەققىيات يولىغا بالدۇر ماڭغان بولۇپ، ئىلگىرى كۆچمەن چارۋىچىلارۋە يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلار ئارىسىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق تارقاتقۇچىسى، كېيىن «جەدىد ھەركىتى» نىڭ پائال تەشۋىقاتچىسى، باشقىرتلار، قىرغىزلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، مەدەنىيەت ئاسسمىلياتسىيىسىنىڭ يەتكۈزگۈچىسى بولغان.
تاتار سودىگەرلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئاسمىلياتسىيىچىسى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ تارقاتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا تۈرك قەبىلىرىگە سىڭىپ كىرىشنى چۈشىنىشكە بۇلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مەملىكەت ئىچىدىكى بازارلاردا روسلار بىلەن رىقابەتلىشەلمەي، باشقا بازار ئىزدەپ، ئۇدۇل شەرققە قاراپ مېڭىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلار تاتار مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن بازارنى مۇستەككەملەش كويىدا بولدى. قىرغىزلار (قازاقلارنى دېمەكچى-تەرجىمانىدىن) پەيدىنپەي ئويغىنىپ، ئاۋۋال ئىسلام بايرىقى ئاستىدا، ئارقىدىنلا پان تۈركىزم بايرىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان «تاتارلاشتۈرۇش» - يىلتىزى تۈرك بولغان مىللەتلەرنى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇشقا كەسكىن قارشى تۇردى. يېرىم ئولتۇرقلاشقان دېقانلار بىلەن سودىگەرلەر ئوتتۇرسىدا ئىجتىمائىي قارشىلىق كېلىپ چىقتى.
«جەدىد ھەركىتى» تۇغى ئاستىدا، پان تۈركىزم ھەركىتى تاتارلار ئارىسىدا پەيدىنپەي ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى ھەمدە پان ئىسلامىزم بىلەن زىچ گىرەلشىپ، تاكى ئاخىرغىچە ئۇنىڭدىن ئاشكارا بۆلۈنۈپ چىقمىدى، پەقەت بەزىدە ئۇنىڭدىن ئاشكارا بۆلۈنۇپ چىقمىدى، پەقەت بەزىدە ئۇنى چېقىۋالاتتى. پان تۈركىزم تەرەققىيپەرۋەر تاتار بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئىدېئولوگىيىسى بولۇپ قالدى، ئۇنىڭدا بارلىق تۈرك بۇرژۇئازلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرغاندىلا، رۇس چوڭ دۆلەتچىلىك بۇرژۇئازىيىسىنىڭ قەدەممۇقەدەم قىستىشى ئالدىدا ئۆزىمىزنى قوغدىيالايمىز، دەپ قارالدى. تاتار بۇرژۇئازىيىسى «يول بەلگىسى» نى ئاسىياغا قاراشتىن غەربكە قارىتىشقا بۇراش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن چاغدا، شۈبىسىزكى «قارىتا قوراللىشىش» ئارقىلىق تەشەببۇسكارلىقىنى قايتا قولىغا كەلتۈرۈپ، رىقابەت رەقىمىنى بولغان رۇسلارنى قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، ئاخىرقى غەلبىگە ئېرىشتۈرمەسلىكنى ئۈمۈد قىلدى. ئەمما، رۇسلارنىڭ سودا – سانائەت كاپىتالى ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماي داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، تاتار بۇرژۇئازىيىسىنى يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىشقا مەجبۇر قىلدى. رۇس بۇرژۇئازىيىسىنىڭ كۈچى ۋە تەسىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، شۇنىڭدەك ئەڭ كۈچلۈك بۇ سىنىپىي كەسىپدىشى (رۇس بۇرژۇئازىيىسى) نىڭ پوزىتسىيىسى تاتار بۇرژۇئازىيىسى تاتار خەلقىگە زۇلۇم سالغۇچى چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۇمىگە قارشى سىياسىي كۈرەشتە تولىمۇ قەتئىي ۋە ئۈزۇل – كېسىل بولالمايدىغان قىلىپ قويدى. تاتار بۇرژۇئازىيىسى رۇس بۇرژۇئازىيىسىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. دەل گ. ئابلاجىموف تەسۋىرلەنگەندەك: «ئۇلار (مۇستەبىت تۈزمگە قارشى كۈرەشتە – ئاپتوردىن) ئۆزلىرى بىر يەرگە توپلىشىپ، ياش تۆكۈپ ئاغىرنىش ۋە كۇسۇلدىشىش دەرىجىسىدىن زادىلا نېرى كىتەلمىگەن.» تاتار پان تۈركىزمچىلىرى پۈتكۈل رۇسىيە بۇرژۇئازىيىسى ئىچىدە بىرەر ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھەمدە تۈتكۈل تاتار مىللىتى (جۈملىدىن ئىشچى-دېھقانلار) گە ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇۋالماقچى بولغان. كېيىنكى نۇقتا ئۇلار ئۈچۈن ئالاھىدە زۆرۈر، چۈنكى رەھبەرلىك ئورنىنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئورتاق مەسىلەرنى ھەل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ رولى ۋە ۋەزنىنى ئاشۇرۇش كويىدا بولغان.
جەدىد ھەرىكىتى ۋە ئىسلام دىنىي ساھەسى توغۇرسىدا
ئىسلام دىنى ساھەسىدە 19- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا ئىسلاھاتچىلارنىڭ جەدىد ھەركىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ كېلىپ چىقتى: ئۇلارنىڭ رادىكال قىسمى جەدىد ھەركىتىنى قۇۋەتلەپلا قالماستىن، بەلكى پائال قوللىدى، ئەڭ ئەكسىيەتچىل يەنە بىر قىسمى «كازىمىزم» توغى ئاستىدا ئىسلاھاتقا قەتئىي قارشى تۇردى. «كازىمىزم» بىلەن «جەدىد ھەركىتى» ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش ئۇزاققىچە داۋاملىشىپ، ھەر خىل شەكىللەر بىلەن تاكى فېۋرال ئىنقىلابىغىچە دېگۈدەك سوزۇلدى.
«كازىمىزم» ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئسلام فېئوداللىق ئىدىيە سىستېمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلق ئاممىسى ئارىسىدا چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە ئىدى. خەلق ئاممىسى ئارىسىدا چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە ئىدى. خەلق ئاممىسى بىر نەچچە ئەسىردىن بۇيان دىن ئەقىدىلىرى تەرىپىدىن بىر قېلىپلا چۈشۈرۈپ قويۇلۇپ، كونا قائىدە-يۇسۇنغا يېپىشىۋالغان قىلىپ قويۇلغان، شۇڭا ئۇلار «كازىم تەرەپدارلىرى» نىڭ «جەدىد ھەركىتى» گە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان بارلىق تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىپ قالغان. «جەدىد ھەركىتى» گە قارشى تۇرۇش كۈرىشلىرىغىلا تايىنىپ قالماي، ھەتتا بىر قىسىم شەھەر بايلىرىغىمۇ تايانغان، كېيىنكىلىرى «كازىم تەرەپداشلىرى» دىكى مولللىلارغا مەنىۋى ۋە ماددىي ياردەم بەرگەن. ئۇلارنىڭ باشچىسى بولغان ئەكسىيەتچىل موللىلار «جەدىد ھەرىكىتى» نىڭ ھىمايە قىلغۇچىلىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئۇلىنى كولىغۇچىلار، دىنىي ئېتىقادنىڭ دۈشمىنى، دىنغا ئاسىيىلىق قىلغان، ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغان گۇناھكارلار، دېدى. چار پادىشاھنىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ پايلاقچىلىق ئورگىنى ئارقىلىق يۈز بەرگەن ئىشلارنى بەش قولدەك بىلىپ تۇرتتى، شۇڭا ئۇ «كازىم تەرەپداشلىرى» نى قوللاش سىياسىتىنى يولغا قويدى.
«كازىم تەرەپداشلىرى» دىكى موللىلار چار پاىشاھ ژاندارمىلىرىنىڭ مەلۇم ھەركىتىنىڭ ئاكتىپلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ پائالىيەت ئەھۋالىنى ئېنىقلىشقا كۈچىنىڭ بارىچە ياردەم بېرەتتى، ئۇلار ئادەتتىكى جامائەتچىلىكنىڭ ئەھۋالىنىمۇ دوكىلات قىلاتتى. ھەممەيلەنگە ئايانكى، ئىشىم ئىشان «كازىم تەرەپداشلىرى» نىڭ ئەڭ مەشھۇر ئىدىيىۋى داھىيىشى ئىدى. ئۇ پۈتۈنلەي ساقچى دائىرىلىرىگە تايىندىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بىر پايلاقچى ئىدى. ئۇ تىڭتىڭلاپ قولغا كىرگۈزگەن «جەدىدچىلەر» گە دائىر خەۋەرلەرنى پايلاقچىلىق ئورگىنىغا ئارقا – ئارقىدىن دوكىلات قىلىپ، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلاتتى، مەسلەن، دىنىي مەكتەپلەرنى پېچەتلىرىۋېتەتتى، تەرەققىيپەرۋەر موللا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تۇتقۇزۇپ، ئەدلىيە سورىقىغا تارتقۇزاتتى، ۋەھاكازالار. ئىشىم ئىشاندىن باشقا، يەنە بىر مۇنچە جاسۇس موللىلارمۇ بار ئىدى.
ئورېنبۇرگدىكى ئىسلام دىنىي مەخلىس ھۆكۈمەتنىڭ ئۆلسىمۇ نىيىتىدىن يانمايدىغان تۈۋرۈكى ئىدى. بۇ مەجلىسى ئەۋەتكەن بىر قانچە 1000 قانۇنىي ئىمام شەھەر ۋە يېزىلارنى قاپلاپ كەتكەنىدى. دىن مەجلىسىنىڭ باشلىقى بولغان مۇپتىلىققا چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ھەممىدىن بەك چۈشىنىدىغان، ھازىرقى تۈزۈمگە ئەڭ سادىق، سىياسي جەھەتتە ئەڭ ئىشەنچىلىك كىشىلەر تاللاپ قويۇلاتتى. ئۇ ئىچىكى ئىشلار ۋەزىرىگە تەيىنلەش ۋە قانۇنىي ئىماملارنى ئەۋەتىش تۈزۈمى تاتار خەلقىنى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇددىئاسى بۇيىچە كونترول قىلشتا، شۈنھىسىزكى كۆڭۈلدىكىدەك بىر قورال بولۇپ قالغان، بۇلۇپمۇ «جەدىد ھەرىكىتى» گە قارشى كۈرەشتىن ئىبارەت بۇ مەسىلىدە، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى موللىلاردىن تازا پايدىلاندى، ئەكسىيەتچىل موللىلارمۇ ھەدېسىلا ھۆكۈمەتكە تاياندى.
1905- يىلىدىكى ئىنقىلابتىن كېيىن، تاتار دېھقانلىرى يېڭى مەكتەپنى ناھايىتى ئالقىشلىدى، دىنىي ساھەدىكى مۇتەئەسسىپلەر كونىلىققا يېپىشىۋالغانلىقتىن، دېھقانلار ئارىسىدىكى ئىناۋىتى تۈركۈلدى.
موللىلار ئىسلاھاتچى ئوقۇتقۇچىلارغا قارشى ئاشكار كۈرەش ئارقىلىق تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقنى تونۇپ يېتىپ، چار پادىشاھنىڭ ساقچى دائىرىلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ئۇلار ئىچكى ئىشلار ۋەزىرىگە يوللىغان ئىلتىماسنامىدە تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:
1.«يېڭى مەكتەپلەر»نى ساداقەتمەن قانۇنىي موللىلارنىڭ نازارىتى ئاستىغا قويۇش؛
2.جايلاردىكى موللىلارنى «بەك بۇزۇلۇپ كەتكەن» ئىنقىلابىي پارتىيىدىكىلەرنىڭ (يەنى ئىسلاھاتچى ئوقۇتقۇچىلار) نىڭ پائالىيىتىنى دىن مەجلىسگە ياكى باتۇرلۇق بىلەن بىۋاستە ساقچى ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشقا بۇيرۇش؛
3.دىن مەجلىسى موللىلارنىلا قوللاش؛
4.دىنىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى موللىلىققا قويماسلىق.
ئۇلار ئارقىدىنلا يوللىغان ئىلتىماسنامىدە «جەدىد ھەركىتى» نى ھىمايە قىلغان موللا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسىنى تەپسىلىي تۇرغۇزۇپ چىققان، بۇ تىزىملىك روسىيىنىڭ ياۋرۇپا قىسمىغا ۋە سىبرىيىگىچە چېتىلغان، بۇ ئىلتىماسنامە بىر قانچە موللىنىڭ ئىلتىماسنامىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى «كازىم تەرەپدارلىرى» نىڭ كوللېكتىپ ئەسىرى ئىدى.
بۇ ئىلتىماسنامە ئىمزاسىز يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى ۋە ئۇنىڭ ساقچى مەھكىمىسى قازاق ئوبلاستى، ئورېنبۇرگ ئوبلاستى، ساراتوف ئوبلاستى، سىبىرىيە ئوبلاستى ۋە ئۇفا ئوبلاستىغا دەرھال بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىيانلىق ھەركەتلىرى» نى تەدبىر قوللىنىپ تازلاشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن «جەدىدچىلەر»نى ئاختۇرۇپ تۇتۇش باشلانغان.
ئىسلام دىنىدىكى ئەكسىيەتچىل زاتلار چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ئورگىنى بىلەن ناھايىتى كەڭ تىل بىرىكتۈردى. موللىلار ھۆكۈمەتنىڭ غالىچىسىغا ئايلىنىپ، تاتارلارنىڭ ئىنقىلابىي ھەركىتىگە مىڭبىر ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن زىيانكەشلىك قىلدى، ھەتتا مىللىي بۇرژۇئازىيىنىڭ ھەر قانچە قىلسىمۇ ئىنقىلابىي ھەركەت دەپ ئاتىغىلى بولمايدىغان مۆتىدىل ھەركىتىنىمۇ بوش قۇيۇۋەتمىدى. ئەكسىيەتچىلەر دىن باشقۇرۇش ئورگىنىنى قولغا كىرگۈزىۋېلىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، بەلكى مۇنارخىست پارتىيىسى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆردى. شۇڭا ، ئۇلار موللىلارنى بىرلەشتۈرۈشكە مۇھتاج بۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى ئامما ئارىسىدىكى ھېسداشلىق قىلغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىشقىمۇ مۇھتاج ئىدى. ئۇلار قۇرغان پارتىيىنىڭ ئىسمى «توغرا يول پارتىيىسى» بولۇپ، ئۇنىڭ رەھبىرى پېتىربۇرگلىق موللاس بايازتوف ئىدى، كېيىن بۇ ئادەم ئورېنبورگنىڭ مۇپتىلىقىغا تەيىنلەنگەن. بۇ پارتىيىنىڭ پايلاقچىلىق ئىدارىسى بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى بى قاراپلا بىلىۋالغىلى بولاتتى. بىر-بىرىگە ھەمنەپەس بولىدىغان بۇنداق ھەركەتكە تاتارلارنىڭ بارلىق گېزىت-ژۇرناللىرى دېگۈدەك ئارقا-ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ، بۇ پارتىيىنىڭ سەردارىنى ساقچى ئىدارىسىنىڭ غالچىسى، دەپ سۆكتى.
«جەدىد مەزھىپى» نىڭ تاكتىكىسى ۋە كۆپ سانلىق دىنىي زاتلارنىڭ ئەكسىيەتچىل رولىنى تەپسىلىي بايان قىلىش ھاجەتسىز. ئەمدى تاتار بۇرژۇئازىيىسى مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئسلام دىنىي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ باقايلى، بۇنى مۇنداق ئىككى جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: تاتاربۇرژۇئازىيىسى پائالىيەتچىلىرى دىنىي ساھەدىكى قارا گورۇھ مۇنارخستلارغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلەردە يەنىلا موللىلارنىڭ ئارزۇسىغا باقتى.
بايازتوفتىن ئىلگىرى مۇپتىلىققا تەيىنلىگەن سۇلتان زادىلا تەرەققىيپەرۋەر زات ئەمەس ئىدى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن ئۇفا ئوبلاستىنىڭ باشلىقى ئۇنى دۇرۇس ئادەم، نۇرغۇن تەرەققىيپەرۋەر دۈشمىنى بار، دەپ قارىغان. ئىش شۇنداق بولسىمۇ، تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەر ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى. دۆلەت دۇماسنىڭ ئازاسى مەخسۇتۇف سۆزىدە ئۇنى خاتىرلەش يۇزىسىدىن تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىش توغىرسىدا تەكلىپ بەردى:
1. ئۆرپ-ئادەت مەكتەپلىرى ۋە دىنىي مەكتەپلەرنى ياخشىلاش؛
2. ئىمام ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ياخشىلاش؛
3. ئىسلام دىنىي يىغىنىدا مائارىپنى باشقۇرىدىغان تارماقنى كۆپەيتىش تەسىس قىلىش؛
4. مەسچىتنىڭ ۋەخپە مال-مۈلۈكنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەرتىپكە سېلىش؛
5. ئائىلە مەسىلىسىنى ئىسلاھ قىلىش؛
6. ئوقۇتقۇچىلار مەكتىپى قۇرۇش.
دىن مەجلىسىنىڭ ئەكسىيەتچىللىكى مانا مەن دەپ تۇرسىمۇ، مائارىپ ئىشلىرى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلغان. بۇ مۇرەسسە تاتار پان تۈركىزمچىلىرى بىلەن ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ بىر-بىرىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇ ھال 1914-يىلىدىكى مۇسۇلمانلار قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە ئىككى تەرەپنىڭ مەخپىي تىل بىرىكتۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
سۇلتان غالىيېف مەزھىپى توغرىسىدا
پان تۈركىزمچىلارنىڭ نۇقتىئىينەزەرى، بولۇپمۇ تاكتىكىسى، شۈبھىسىزكى تەبىئىي تەرەققىيات جەريانىدا پەيدىنپەي ئەكسىلئىنقىلابقا ئايلانغان. سۇلتان غالىيېف مەزھىپىنىڭ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى دەسلەپكى يىللاردا ئىنقىلابنىڭ «سەپەردىشى»بولۇش سۈپىتى بىلەن پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى ئېتراپ قىلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. ئەمما، بۇنداق «ئېتىراپ قىلىش»قا نۇرغۇن چېقىمچىلىق ئارىلاشقان بولۇپ، ناھايىتى ئاز ئاشكارىلىناتتى، كۆپىنچىسىگە چۈمبەل تارتىلغانىدى. تۈرك-تاتار بۇرژۇئازىيىىنىڭ مۇتەپەككۇرلىرى پرولېتارىيات ئىنقىلابىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز مەنپەئىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، پۇرسەت يارىتىپ تۈرك-تاتار مىللەت ئەمگەكچى ئاممىسىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان مۇستەقىل ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم، دەپ نۇمۇسسىزلارچە بىلجىرلىدى.
پان تۈركىزمچىلارنىڭ نۇقتىئينەزەرى ۋە تاكتىكىسىنىڭ ئۆزگىرىشى مۇقەررەر ئىدى، بۇ ئۆزگىرىش ئۇلارنى پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنىڭ دۈشمىنى لاگېرىغا ئۆتكۈزۈپ قويدى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى دەسلەپكى يىللاردا، سۇلتان غالىيېف مەزھىپىنىڭ ئاخىرقى پروگراممىسى يوق ئىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى شەكىللەنمىگەنىدى، شۇڭا ئۇنىڭ ئىدىيە ۋە نۇقتىئينەزەرى بەزىدە مۈجىمەل بولسا، بەزىدە باش-ئايىغى ئوخشاش چىقمايتتى. ھازىرقى زامان پان تۈركىزمنىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي پروگراممىى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلغۇچى سۇلتان غالىيېف مەزھىپى ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، پەيدىنپەي شەكىللەنگەن.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، بىر قىسىم مىللىي بۇرژۇئا، بولۇپمۇ بۇرژۇئازىيە زىيالىيلىرى سوۋېت ھاكىمىيىتىگە يېقىنلاشقان. سۇلتان غالىيېف بىلەن ئالاقىسى بار بۇ بىر قىسىم كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پىكىرداشلىرى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ «قوغدىغۇچىى»بولۇپ قالغان. بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلغان مەسىلە شۇكى، نېمە ئۈچۈن تۈرك-تاتار بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مۇتەپەككۇرلىرى دەسلەپتە پرولېتارىيات ئىنقىلابنى ئېتىراپ قىلىدۇ؟ شۇنى توغرا كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تۈرك-تاتار بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مۇتەپەككۇرلىرى رۇسىيىدە يۈز بەرگەن سىنىپىي كۈرەشتە ناھايىتى تېزلا يۆنىلىشىنى بېكىتتى.
1918-يىلى، سۇلتان غالىيېف قازان رايونىنىڭ قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدە: «مۇسۇلمان دۆلەتلەر پرولېتارىيات مىللىتى ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيە، فرانسىيىدىكى پرولېتارىيات بىلەن ماراكەش، ئافغانىستاندىكى پرولېتارىياتنىڭ ئىقتىسادىي ئورنىدا زور پەرق بار. تەكىتلەپ كۆرسىتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مىللىي ھەرىكىتى سوتسيالىستىك ئىنقىلاب خاراكتېرىنى ئالغان بولىدۇ. بۇنداق يۈزلىنىشمۇ رۇسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىللىي كەيپىياتىدا ئىپادىلىنىدۇ»دېدى.
(«ئىنقىلاب تۇغى»، 1918-يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنى 44-سان)
بۇ ئاددىي نەقىل بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. غالىيېفنىڭ بۇنىڭدىكى بارلىق بايانلىرى كېيىن تۈزگەن پروگراممىسىدا تېخىمۇ بېيتىلغان.
ئاۋۋال كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، «سىنىپ»بىلەن«مىللەت»تىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاتالغۇ قەستەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن. سۇلتان غالىيېفنىڭ دېگىنى بويىچە بولغاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىنى پرولېتارىيات دېيىشكە بولار ئىمىش. شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى، سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىز، تاتارلار ئەمەس، بەلكى مۇسۇلمان مىللەتلەر.
غالىيېف پرولېتارىيات ۋە پرولېتارىيات مىللىتىنىڭ كۈرىشىنى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۆزلىرىنىڭ كۈرىشىنى بىر ئورتاق مەقسەتكە ئىگە، يەنى سوتسىيالىزم بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىنقىلاب، دەپ قارىغان.
ئىسلام مىللەتلىرى ۋە سوتسىيازلىم-دەل سۇلتان غالىيېفنىڭ ئاتام زامانىدىكى نەرسىلىرى ئىدى.
«بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ھازىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان ياۋروپا جەمئىيىتىدىكى بىر سىنىپ، يەنى بۇرژۇئازىيىنىڭ پرولېتارىيات دىكتاتۇرسىنى يۈگۈزۈش ئۇسۇلى ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ھېچقانداق زور ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ. ھەرقانداق ئەھۋالدا، قانداقتۇر بىر ئۆزگىرش بولدى دېگەندىمۇ، ئۇ ھەرگىز ياخشى تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلماستىن، بەلكى يامان تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، بىز مۇنداق بىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمىز، ئۇ بولسىمۇ مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكە قۇرۇپ، مۇستەملىكىگە بېقىندى دۆلەتلەرگە دىكتاتۇرا يۈرگۈزگەندىلا، ئىنسانلار جەمئىيىتىگە ماددىي شارائىت يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.»
سۇلتان غالىيېف مەزھىپىنىڭ «تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقسادىي، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي» دېگەن ھۆججىتىدە، سۇلتان غالىيېف مەزھىپى جەزمەن سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە ھەر قايسى ئاپتۇنۇم جۇمھىرىيەت، رايۇنلارنىڭ ئورنىغا دەسسەپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقتىكى تاتارىيە، باشقىرىيە، قازىقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق رايۇنلاردا ئاساسەن تۈرك مىللەتلەرى ئولتۇراقلاشقانىدى.
سۇلتان غالىيېف مەزھىپى «تۈرك – تاتار مىللىتى» ۋە قەبىلىسى دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشتىن باشقا، تولا چاغلاردا «ئىسلام مىللەتلىرى» دېگەن بۇ مەخسۇس ئىسىمنى قوللىناتتى. ئەمەلىيەتتە، كېيىنكىسىنىڭ مەنسى ئالدىنقىسىنىڭكىدىن جىق كەڭ ئىدى، ئەمما نۇرغۇن ئەھۋالدا، «ئىسلام مىللەتلىرى ۋە قەبىلىرى» دېگەن ئۇقۇمدىنمۇ تۈرك – تاتار مىللىتى دېگەن مەنە بار. بۇ ئىككى ئاتاكغۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىش كارايىتى چاغلىق ياكى تاسادىپىي ئىش بولماستىن، دەل سۇلتان غالىيېف ئېقىمدىكى مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئىدى.
سۇلتان غالىيېفنىڭ ئىسلام دىنىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى پان تۇرانىزم مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ نەزەرىيىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. سۇلتان غالىيېف كوممۇنىزم ئىدىيىسىنىڭ نىقابى ئاستىدا ھەممىسىنى ئالماشتۇرۇشقا ئورۇنغان، كېيىن ئۆزى تۈزىگەن پان تۇرانىزم ئەكسىلئىنقىلابىي تەشكىلاتنىڭ پروگرممىسىدا ئۇنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلدى.
«مىللەت ۋە قەبىلە ئايرىمىسى بولمىغان ئىسلام دۇنياسى يىمىرىلمەس بىرلىككە كەلگەن گەۋدە.» مانا بۇ سۇلتان غالىيېف ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۇچىلىرىنىڭ پان تۇرانىزم بىلەن شۇغۇللىنىشىتىكى ئەقىدىسى. ئىسلام دىنىغا كەلسەك، ئۇ ياش ھەم ھاياتنى كۈچكە ئىگە ئىلغار دىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرك – تاتار مىللەتلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا باشتىن – ئاخىر مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا ئىسلام دىنىي زاتلىرىچۇ؟ «ئەكسىيەتچىل، ئەسەبىي تاتار دىنىي زاتلىرى قايسى خىل سىياسىي كۈچ بولغان، ئۇنىڭ ئورنىغا بىر خىل يېڭى دىنىي كۈچ دەسسىگەن بولۇپ، ئۇ تاتارلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن.»
پان تۇرانىزمنىڭ يېڭى سىستېمىسىدىكى بىر مۇتەپەككۇر شەرھىلىگەن ھەممە نەرسىنىڭ مەيلى ئىلگىرى ياكى ھازىر ماتىريالىزم بىلەن ئوخشاشلىقنىڭ بولۇشى ئۇيۇقتا تۇرسۇن، بەلكى ئۇ ماركىسىزم بىلەنمۇ مۇناسىۋەتسىز، ئۇ بۇرژۇئازىيىنىڭ ئەكسىيەتچىل دۇنيا قارىشىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ماركىسىزمغا زىت يول تۇتقان.
ھەممەيلەنگە ئايانكى، 1926~1927– يىللىرى، ياۋرۇپادىكى خىلمۇ خىل كۆچمەنلەرنىڭ ئارىسىدا «بىرلىشىش» يۈزلىنىشى مەۋجۇت ئىدى. مەسلەن، كونا روسىيىدىكى تۈرك قەبىلەرنىڭ ئاپپاراتى «يېڭى تۈركىستان» قۇرماقچى بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈمىدىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە باغلاپ، تۈرك– تاتار مىللەتلىرىدىن بولغان كۆچمەنلەرنى ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا توپلاش ئويىدا بولغان. «يېڭى تۈركستان» ژۇرنىلى ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرماي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ مۇتەپپەكۇرى ز . ۋەلتوف ۋە چوقايېف قاتارلىق كىشىلەر سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى «تۈرك ئىدىيىسى كىرزىىسى» ئۈچۈن ھەسرەت چېكىشكە مەججۇر بولىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوتسىيال ئىنقىلابىي پارتىيە ئەزاسى ب . چېرنوفنىڭ تەشەببۇسى ۋە رەھبەرلىكىدە ئاتالمىش «يېڭى شەرق» تەشكىلىي كومېتىتى قۇرۇلدى. ئۇ بولشېۋىكقا قارشى بارلىق كۈچلەرنى بولشېۋىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. تەشكىللۈگۈچىلەر «يېڭى شەرق» تەشكىلىنىڭ كەلگۈسى ئەزالىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا، بۇ تەشكىلىي كومىتېت پارچىلىنىپ كەتتى...
يوقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ بىرلەشمە گەۋدىلەر يېڭى ئاپپارات تەشكىللىشىگىلا، بۇ ئاپپاراتلار چاك–چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتتى. يېڭى تۈركىستان سوتسىيالىست ئىسلام ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەيدانغا كېلىشى بىلەنلا، ئۆتمۈشتىكى تۇران مىللەتلىرىنىڭ تۈركىستان ئىتتىپاقى ۋە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن «يېڭى تۈركىستان» ژۇرنىلىنىڭ ئورنىنى ئالدى. بۇ پارتىيىنىڭ تەشكىلاتچىلىرى ۋە مۇتەپپەككۇرلىرى يات مىللىتىنىڭ ئېكسىپىلاتاتسىيىسىگە قارشى مۇرەسسەرسىز سىنىپىي كۈرەش قىلدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىدى. ئىسلام ئىنقىلابىي پارتىيىسى تۇران دۇنيا سىنىپى بىلەن پرىنسىپسىز بىرلىشىشىنى «رەت قىلدى»، تۈركىستان سوتسىيالىستلار پارتىيىسى تەشكىلاتچىلىرىنىڭ شوئارى ۋە ۋەدىسى ئالدى بىلەن تۈركىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدا سىيىپىي پارتىيە قۇرۇش ئۈچۈن تىرشىپ كۈرەش قىلىش، بۇ پارتىيە ئالاھىدە سىنىپىي تاكتىكا قوللىنىشى كېرەك، دېگەندىن ئىبارەت بولدى.
بىز ھازىرقى زاماندىكى پان تۇرانىزىمچى سۇلتان سۇرىيېف مەزىپىنىڭ نەزەرىيە ئاساسىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئسسلام ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ نەزەريىە ئاساسىنىڭ سۇلتان غالىيېف مەزھىپىنىڭ پروگراممىسى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىۋالالايمىز.
بۇ نەزەرىيىچىمىزنىڭ پېشىۋاسى، ئۇستازى ۋە ئۇنىڭ دۆلەت سىرتىدىكى پان تۇرانىزمچىلار لاگېرىدىكى ئەگەشكۈچىلىرى سۇلتان غالىيېفتىن ئىلگىرىلا، تۈرك خەلقى ئارىسىدا تۈرك – تاتار مىللەتلىرىنىڭ، مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان پارتىيە قۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۇرگەنىدى.
ئاتالمىش مىللىي مەنپەئەت سىنىپىي مەنپەئەت بىلەن قارىمۇ قارشى. تۈرك ئىدىيە سېستېمىسىنىڭ نەزەرىيەچىلىرى «مىللىي» بۇرژۇئازىيىنىڭ مۇتەپپەككۇرلىرىغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ سىنىپىي ئالاھىدىلىكىنى يېپىش ئۈچۈن مىللەت شۇئارى ۋە سىنىپىي ئوتتۇرىغا قويغان ئسلام ئىنقىلابىي پارتىيىسى پروگىراممىسىنىڭ ئاپتۇرى سۇلتان غالىيېفنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئاشكارا ئىپادىلەنگەن نۇقتىنەزەرىنى تېخىمۇ يۇشۇرۇن شەكىل ۋە مۈجىمەل سۆزلەر بىلەن يازغان. ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقايلى:
«تۈركىستاندا يىرىك سانائەت تەرەققىياتى ئاستا بولسىمۇ، ئەمما تۈركىستاندىكى چوڭ شەھەرلەردە ئىشچىلار كۈندىن– كۈنگە كۆپەيمەكتە. ئىشچىلار سىنىپى ئىچكى – تاشقى ئاكسپىلاتاتسىيىچى سىنىپلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ سىنىپىي مەنپەئەتىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئىشچىلار سىنىپى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن بىرلىشىپ پارتىيە قۇرۇشى كېرەك. بۇ پارتىيە شەھەرلەردىكى ئىشچىلارنىڭلا پارتىيىسى بولۇپلا قالماستىن، يەنە شەھەرلەردىكى ئىشچىلار بىلەن مەنپەئەتداش بولغان دېھقانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.»
«سوتسىيالىستلار ۋە سىنىپىي مەنپەئەتنى پرىنسىپ قىلغان پارتىيە كەلگۈسىدە دىنىي ۋە شەخسىي مەنپەئەتنى ئاساس قىلىدىغان پارتىيە قۇرۇشقا توسالغۇ بولىدۇ. شۇڭا، ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ئىقتىسادىي پرىنسىپقا قاراپ تەربىيە ئېلىپ بېرىش لازىم.»
تۈركىستان سوتسىيالىستلىرىنىڭ پروگراممىسىنىڭ بۇ قىسمىدا، تۈركىستان سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ قايسى ۋاقىتتا بولمىسۇن، ناۋادا ئۇ ئاساسىنى پۇختىلىسىلا، ئەڭ مۇھىم بولغىنى دۆلەت ئىچىدە رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كىرگۈزۈش سوتسىيالىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى دىكتاتۇرىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دىنغا ۋە كاپىتالىزمغا قارشى تۇرۇش كېرەكلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.
بىز پروگرامما ئاپتۇرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا سىياسىي دىكتاتۇرا يۈرگۈزۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىدىن گۇمانلانمايمىز. گۇمانلىنىش ھاجەتسىزكى، ئۇلار «سوتسىيالىزم» ۋە «سوتسىيالىستلار پارتىيىسى»باشقىچە چۈشەنگەن ھەمدە ئۇنىڭغا يېڭى مەزمۇن يۈكلىگەن. ئەمما، «تۈركىستاننىڭ سوتسىيالىستلىرى» بىلەن سۇلتان غالىيېف لاگېرىدىكى «سوتسىيالىستلار»ئوتتۇرىسىدا مېتودولوگىيە جەھەتتە ھېچقانداق پەرق يوق، ھەم پەرقنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
سۇلتان غالىيېف مەزھىپى پروگراممىسىنىڭ ئاساسىي نوقتىئىينەزەرى سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. سۇلتان غالىيېف مۇنداق يازغان: «مەن شۇنى ھېس قىلماقتىمەنكى، رۇسىيىدە سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى يوقىتىشتا ئىككى يول بار: بىرى، كومپارتىيە ۋە سوۋېت ھاكىمىيىتى پەيدىنپەي دۆلەت كاپىتالىزمى ۋە بۇرژۇئا دېموكراتىيىسى يولىغا قاراپ ماڭىدۇ؛ يەنە بىرى، ئىنقىلاب سوۋېت ھاكىمىيىتى بىلەن بۇرژۇئازىيىنىڭ قوراللىق توقۇنۇشىدا مەغلۇب بولىدۇ...»
ئۇ سۆزىنى تولۇقلاپ يەنە مۇنداق دېگەن: «مەن مۇشۇ پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ شۇنداق تەكلىپ بېرىمەنكى، دۆلەت كاپىتالىزم ئاساسىدا، تۇران خەلق دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشقا... تەييارلىق كۆرۈش كېرەك.»
ئىسلام ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ تەشكىلاتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تۈركىستان سوتسىيالىزمى پرىنسىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرۇلۇق نېمىلەرنى ئويلىدى؟ قىلچە تۈزۈت قىلماي ئېيتىش كېرەككى، ئۇلار دەل سۇلتان غالىيېفىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ ئويىنى ئاشكارا شەرھلەشكە پېتىنالمىدى. ئەكسىچە، ئىلكوف ئېقىمىدىكىلەر ئاتالغۇ جەھەتتە ھەدەپ ئويۇن ئويناپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەمگەكچى ئاممىسى ئارىسىدىكى قالاق تەبىقىدىكىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۇلارغا ياخشى تەسىر قالدۇردى. ئىلكوف ئېقىمىدىكىلەر سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرىمىزمۇ دېمىگەن، تۇران دۆلىتى قۇرۇشنى ئۆزلىرىنىڭ پروگراممىسىغىمۇ يازمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئادەتتىكى نەرسىلەرنى، مەسىلەن، تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى بايان قىلغان.
«تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە دېھقانلار ھەرىكىتىنىڭ قوزغىلىشىنى ئىنقىلاب ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.»
پروگرامما ئاپتورى يەنە مۇنداق يازغان: «دېھقانلارنىڭ سانى مەملىكەت ئاھالىسى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ تارىخىي ئورنى بولۇشى كېرەك.»ئىلكوف ئېقىمىدىكىلەر دېھقانلار بىر سىنىپ ئەمەس، بەلكى پەرقىسز، تەبىقىگە بۆلۈنمىگەن بىر ئىجتىمائىي كاتېگورىيىگە كىرىدۇ، دەپ قارىغان. تۈركىستاننىڭ كەلگۈسى ئىنقىلابى ئۈستىدە توختالغاندا كىتابخانلارنىڭ گاڭگىراپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ توغرا بىر ئاتالغۇنى ئالماشتۇرۇش كېرەك(، ئىلكوف ئېقىمىدىكىلەر قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بۆلۈنۈپ چىقىش كېرەك، دەپ يازغان. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ زادىلا ئىنقىلاب ئەمەس، بەلكى ئەكسىلئىنقىلاب ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، ئىلكوفنىڭ سوتسىيالىزمى باشقا بىر خىل خاراكتېر ۋە نىشانغا ئىگە.
ناۋادا سىز ئىسلام ئىنقىلابىي پارتىيىسى پروگراممىسىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بىر قانچە جايلىرىنى سۇلتان غالىيېف پروگراممىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولسىڭىز، كېيىنكىسىدە)ھەممەيلەنگە ئايان بولغان شارائىتتا(سانائەت بۇرژۇئازىيىسى بىلەن بىرلىشىشتە، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈرك مىللەتلىرىدىن بولغان ئىشچىلار، دېھقان ۋە ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئىتتىپاقىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بىلىۋالالايسىز، ئۇنداقتا سىز سۇلتان غالىيېفنىڭ پروگراممىسىنى ئىسلام ئىنقىلابىي پارتىيىسى پروگراممىسىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ئىكەنغۇ دېگەن خۇلاسىگە كېلىشىڭىز مۇمكىن، ئەجەبا بۇ تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغانلىقمۇ؟
بىز ئىسلام ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ تەزەرىيە پروگراممىسىدىن ئازراق كۆچۈرۈپ بەردۇق. ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغان: «يېڭى پارتىيە مۇرەسسەسىز سىىپىي پرىنسىپ ئاساسىدا قۇرۇلۇشى، ئۆز مىللىتى ۋە يات مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئېكسپىلاتاتسىيىچىلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى، سىنىپىي سىياسەت تۈزۈشى كېرەك. بۇنداق تۈتەك بومبىسى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ تەشكىلاتچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ۋەزىپىسى ۋە سىياسىي بۇرچىنى بايان قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئىنتايىن زۆرۆر بولىدۇ.»
ئىسلام ئىنقىلابىي پارتىيىسىدىكىلەر تۇران دۇنياسىدىكى ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ بىرلىكسەپ بولۇپ ئويۇشۇپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشنىڭ ساقلانغىلى بولمايىدىغان پاكىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا توغرا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ بارلىق ئاتالمىش سىنىپىي پرىنسىپى ۋە مۇرەسسەسىز سىنىپىي نۇقتىئىينەزەرى پۈتۈنلەي ئاشكارىلىنىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە مەسىلە ناھايىتى ئاددىيكى، تۈرك مىللىتى بۇرژۇئازىيىسى، باي دېھقانلىرى ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان بارلىق كۈچلىرى مىڭبىر ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش كويىدا بولىدۇ.
«ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان مىللەت تەركىبىدىكىلەردىن قۇل قىلىنغان مىللەتكە ھېسداشلىق قىلىدىغانلار ھامان ئاز سانلىق. شۇڭا، ئىسلام ئىنقىلابىي پارتىيىسىدىكىلەر كەلگۈسىدىكى سوتسىيالىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مۇستەملىكىسى يوق مىللەتلەردىن تەركىب تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىسلام ئىنقىلابىي پارتىيىسى شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، كەلگۈسىدىكى بۇ ئىنتېرناتسىئونال تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئازادلىق ئىشلىرىغا پايدىلىق بولىدۇ، ئىسلام ئىنقىلابىي پارتىيىسى شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، بۇ پارتىيە تۈركىستاندا ئەڭ كۈچلۈك پارتىيىگە ئايلىنىپ، دېھقانلار، ئىشچىلار ۋە تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان بارلىق زىيالىيلارنى ئۆز ئەتىراپىغا ئۇيۇشتۇرىدۇ. شۇڭا، تۈركىستان باشقا دۆلەتلەردىكى خەلقئارا ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان دېھقانلار، ئىشچىلار بىلەن بۇزۇلماس دوستلۇق ئورنىتىدۇ.»
بىز ئىسلام ئىنقىلابىي پارتىيىسى پروگراممىسىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە پروگرامما ئاپتۇرىنىڭ مۇددىئاسىمۇ بىزگە ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولىدۇ.
پروگرامما ئاپتۇرىنىڭ قارىشىچە، مۇستەملىكە ۋە يېرىم بېقىندىلىق ئورۇندا تۇرۇۋاتقان مىللەتلەر ئىشچىلىرى، دېھقانلىرى ۋە زىيالىيلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى
«سوتسىيالىستىك ئىنتىرناتسىئونال»قۇرۇش كېرەك ئىمىش. كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىكى ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە زىيالىيلارنى بۇ ئىنترناتسىئونالغا كىرگۈزۈشكە بولماي ئىمىش، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشچىلىرىنىمۇ بۇنىڭغا يېقىن يولىتىشقا بولماي ئىمىش، چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پرولېتارىياتى ئىسلام ئىنقىلابىي پارتىيىسى «سوتسىيالىستىك ئىنترناتسىئونال»غا قاتناشتۇرۇشقا بولمايدۇ دەپ كۆرسەتكەن ئىجتىمائىي توپ ئىمىش.
پروگراممىدا پارتىيىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسى ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان زىيالىيلار دەپ ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ئىسلام ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى ئىستراتېگىيىلىك ئېھتىياجغا قاراپ قۇرغان بۇ ئىتتىپاقنىڭ ۋاقىتلىق خاراكتېرىنى بۇ يەردە بايان قىلىش ھاجەتسىز. كاپىتالىزمغا ۋە دىنغا قارشى كۈرەش قىلىش، سىنىپىي لۇشيەننى يولغا قويۇش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىيالىغا كەلگەننى بىلجىرلىغانلىق، بۇ مودا قوغلىشىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان شۇئار ۋە خىتابنامىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. پان تۇرانىزمنىڭ «يېڭى»مەزھىپى «سوتسىيالىزم»نى ئۆزىگە نىقاب قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئاساسى مىليونېر باسمىچىلار، بۇرژۇئا زىيالىيلىرى، سودا بۇرژۇئازىيىسىنىڭ قالدۇقلىرى ۋە دىنىي زاتلاردىن ئىبارەت ئىدى. بۇمۇ ئىلكوف ئېقىمىدىكىلەرنىڭ تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى ئىجتىمائىي ئاساسى.
كىتابخانلار پروگراممىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئابزاس كۆچۈرمىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇغاندا،م ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدىغىنى سوتسىيالىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ خاراكتېرى مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تەشىلاتى بولۇش كېرەك ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان ئىلمىي سوتسىيالىزمدىن باشقا، يەنە كائۇتسكىي، ماكېدونارتوف، گىلفېردىنكوف، ۋانگىربىرد قاتارلىق ئەپەندىلەرنىڭ «سوتسىيالىزمى»مۇ بار. ھازىر، يەنە يېڭى «سوتسىيالىزم»دەيدىغان گەپ مەيدانغا كەلدى. ئۇ سىنىپىي ئالاھىدىلىككە قاراپ كېلىپ چىققان. چۈنكى، كاپتالىستلىك دۆلەتلەردىكى بۇرژۇئازىيە شەرقتىكى «ئىسلام دۇنياسى»غا بېسىم ئىشلەتكەچكە، ئىلكوف ئېقىمىدىكىلەر كاپىتالىستىك دۆلەتلەردىكى پرولېتارىياتنى ئۆزلىرى تەشەببۇس قىلغان سوتسىيالىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا يېقىن يولامىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پرولېتارىياتىنىمۇ چەتكە قاققان، بۇنىڭدىكى سەۋەب سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پرولتارىيات دىكتاتورىسىنى ئورناتقانلىقىدا. بۇنداق ئۇقۇم كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
سۇلتان غالىيېفنىڭ قارىشىچەم بۇ ئىنتېرناتسىئونالنى «مۇستەملىكە ئىنتېرناتسىئونالى»دەپ ئاتاش كېرەك ئىمىش. ئۇ كاپىتالىزمغا قارشى تۇرۇشتىن باشقا، يەنە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلماقچى ئىمىش. ئېھتىمال، بۇنداق نوقتىئىنەزەرنى توغرا بايان قىلالمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. چۈنكى، سۇلتان غالىيېفنىڭ قارىشىچە بولغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى جەزمەن مەغلۇب بولار ئىمىش، شۇڭا ئاۋۋال سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پرولتارىيات دىكتاتۇرىسى بىلەن دۈشمەنلىشىش، ئۇنىڭدىن كېيىن جاھانگىرلىككە قارشى كۈرەش قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئەرزىمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىش كېرەك ئىمىش.
سۇلتان غالىيېف ئىسلام ئىنقىلابىي پارتىيىسى پروگراممىسى ئاپتورىنىڭ نوقتىئىينەزەرىنى خاتاسىز دېگۈدەك تەكرارلىدى.


قوشۇمچە Ⅳ
ئىسرائىلىيە ئالىملىرىنىڭ پانتۈركىزم توغرىسىدىكى بايانلىرى


ئىسرائىلىيە ئالىمى ياكوب م. لاندور يازغان «تۈركىيىدىكى پان تۈركىزم مىللىي بىرلىك ھەققىدە تەتقىقات»تۈركىيىدىكى پان تۈركىزمنىڭ مەيدانغا كېلىش، تەرەققىي قىلىش تارىخى سىستېمىلىق شەرھلەنگەن ئەسەر بولۇپ، خېلى يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. بۇ يەردە كۆچۈرۈلگەن مەلۇم ئابزاسلار ئېلىندى، كىچىك ماۋزۇلارنى تۈزگۈچى تەييارلىغان.
پان تۈركىزم ۋە مىللىي بىرلىك
مىللىي بىرلىك يېقىن شەرق ۋە ئوتتۇرا شەرقتە پەيدا بولغىلى ئۇزاق بولغان بىر خىل ھادىسە. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، بۇ مەلۇم مىللىي دۆلەتنىڭ ئۆز چېگرىسىنىڭ سىرتىدا ئولتۇرۇشلۇق قانداش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بەختىنى دەپ، ئىدىيە، ئاڭ ياكى تەشكىلىي ھەرىكەت جەھەتتە ئۆزىنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى ئىپادىلەيدىغان ئەھۋالنى ئەكۋالنى كۆرسىتىدۇ. بىر قەدەر مۆتىدىل مىللىي بىرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىلىش ۋە ئاسىسىمىلياتسىيە قىلىنىشتىن ساقلاپ قېلىشنىلا تەلەپ قىلىدۇ، بىر قەدەر ئۇچىغا چىققانلىرى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ كىشىلەر ئولتۇرۇشلۇق زېمىننى قۇشۇۋېلىشنى مەقسەت قىلدىغانلىقنى ئاشكارا ئېلان قىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ناھايىتى ئومۇمىيۈزلۈك بولمىسىمۇ، ئەمما ئادەتتىكىلەرنىڭ قارىشىدىكى تېخىمۇ كەڭ. پروفېسىسور مىرون ۋېينېر بالقانلىقلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئاددىي تەھلىل يۈرگۈزگەنىدى، ئەمما ئۇنىڭ بايانىنىڭ كۆپىنچىسى كېيىنكى مەزگىلدىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ۋە تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە باب كېلەتتى. ئۇ يەردە مىللىي بىرلىك ئاساسەن پان تۈركىزم ئىدىيىسى بولۇپ ئىپادىلەنگەنىدى. پان تۈركىزم ھەركىتىنىڭ يىتەكچىسى نىشانى ھەقىقەتەن تۈركنى مەنبە قىلغان ياكى شۇنداق دەپ قارالغان مىللەتلەر ئوتتۇرسىدا، ئۇلارنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى كىيىن تۇركىيە جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ياشىغان ياشىمىغانلىقتىن بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەلۇم مەدەنىيەت ياكى ماھىيەت جەھەتتىكى ۋەياكى ھەر ئىككى جەھەتتىكى بىرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى.
پان تۈركىزمنىڭ مەنبەسى: رۇسىيىدىكى تاتارىستان
«چېگرا سىرتىدىكى تۈركلەر» دېگەن بۇ سۆز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈركىيىدىكى پان تۈركىزمچىلار ھەمىشە قوللىنىدىغان بىر خىل ئاتالغۇ بولۇپ قالدى، بۇ نۇرغۇن گورۇھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇلار مەنبەسى تۈرك بولغان خەلقنى ئورتاق ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن. ئۇلاردىن بەزىلىرى تۈركلەر بىلەن كەم دېگەندە 1000 يىلدىن بۇيان يېقىن ئارىلىشىپ كەلگەن. 19-ئەسىرلەرنىڭ ئاخىرلىرى، 20 -ئەسىرلەرنىڭ باشلىرىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى تېررېتورىيىسىنىڭ سىرتىدا ئولتۇرۇشلۇق بۇ خىل گورۇھلارنىڭ كۆپىنچىسى چارۇسىيدە ئىدى. روسىيە تۈرك گورۇھىدىكى ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرى يېڭى مىللەتچىلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، پان تۈركىزم ئىدىيىسىنىڭ مايسىسنى يىتىشتۇرمەكتە ئىدى...
ئۇ مەزگىلدە ئەڭ مۇھىم تۈرك گۇرۇھلىرىدىن ۋولگا تاتارلىرى، قىرىم تاتارلىرى، قازاقلار، تۈركمەنلەر، ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار، ئازالار، ئۇلاردىن باشقا يەنە تاجىكلارنىڭ ئىچىدىمۇ بەزى تۈرك تەركىبلىرى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە مۇسۇلمان ئىدى. ئاھالىلەر توغرسىدا توغرا سانلىق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئەمما مۆلچەر ساندىكى پەرقمۇ ناھايىتى چوڭ ئىدى. 1877-يىلدىكى رۇسىيىنىڭ تەكشۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئادەم سانى 13مىليۇن 600مىڭ بۇلۇپ، 125مىليۇن600مىڭ ئومۇمىي ئاھالىنىڭ 11پىرسەنتىنى تەشكىل قىلدىكەن. بۇ گورۇھلار ئۆزجايلىرىدا ئاساسلىق ئاھالە بولسىمۇ، ئەمما ھەمىشە باشقىلار بىلەن ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى رۇس كۆچمەنلىرى ئىدى... رۇسىيە ساقچى دائىرىلىرى تۈرك گۇرۇھلىرى شۇنىڭدەك باشقا كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە پراۋوسلاۋىيە دىنىلاشتۇرۇش ۋە رۇسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئاساسىي خاھىشىنى كۈندىن-كۈنگە روشەن ئىپادىلەۋاتاتتى. نۇرغۇن تۈركلەر ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ۋە مىللىي مەنبەسىدە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇۋاتاتتى. ئسلام دىنى، تۈركىزم ئۇلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان رىشتە بولۇپ قالغانىدى. تۈرك گۇرۇھلىرى بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرغاچقا، تەبىئىي ھالدىلا پان ئىسلامىزم پان تۈركىزم دائىرىسىدە ئىتىپاقداش دوست تېپىشقا توغرا كېلەتتى.
پان تۈركىزم دېگەن ئۇقۇم گەرچە ئۇنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نۇرغۇن تاكتىكىسى، ھەتتا بەزى ئاتالغۇلىرى پان سىلاۋىزىمدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن، شۇڭا ئۇنى چۈشەنمەك قىيىن ئەمەس. نېمە ئۈچۈن تاتارلار، يەنى رۇسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئەڭ ئۇزاق ئۇچرىغان، پراۋوسلاۋىيە دىنىلاشتۇرۇش، رۇسلاشتۇرۇشنىڭ بېسىمىغا ئەڭ قاتتىق ئۇچرىغان بۇ گورۇھ پان تۈركىزمنىڭ رەھبەرلىك قىلغۇچىسى، تەشۇببۇسى ۋە تارقاتقۇچىسى بولۇپ قالىدۇ؟ بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدە قىرىمدىكى تاتارلار ئوسمانلى ئىمپىريىسىدىكى تۈرك ئاھاللىرىگە خېلىلا يېقىن بولغاچقا، كېيىنكىسىنىڭ تەسرىگە ئۇچراش پۇرسىتىنى كۆپرەك بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدا يات مىللەتلەر بولغاچقا، بىر ئەمەلىي گەۋدە سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىكى بىردىنبىر ئۈمىد باشقا تۈرك گۇرۇھلىرى بىلەن ئالاقە باغلاشتىن ئىبارەت ئىدى. 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، تاتارلار ئارىسىدا ئادەم سانى كۆپ، ناھايىتى پائالىيەتچان ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە مەيدانغا كەلدى، شۇڭا ئۇلار 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن بۇيانقى مىللىي ئويغىنىشقا كېكرې كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، پان تۈركىزم دەل مۇشۇ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە بىلەن رۇسلارنىڭ سودا رىقابىتىنى ئۈچۈن مۇۋاپىق ئىدىيىۋى ئاساس يارىيىپ بەرگەن.
1905-يىلدىن كېيىن، پان تۈركىزم دېگەن بۇ تېمىغا، شۇنىڭدەك تىل ئىسلاھاتىغا باشقا تاتار ژۇرناللىرى ۋە بەزى ئازار ژۇرناللىرى ۋارىسلىق قىلدى. بىرىنىچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا، ئۇنى «تۇران»، «بۇخارايى شەرىف» قاتارلىق ئۆزبېك ژۇرناللىرى داۋاملاشتۇردى، شۇنداق قىلىپ پان تۈركىزم تۈسىنى ئالغان مىللىي كەيپىيات رۇسىيىدىكى ھەر قايسى تۈرك گۇرۇھلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ئەمما ھەر قايسى رايۇندىكى مەزمۇن ۋە شەكىل ئانچە ئوخشاشمايتتى.
پان تۈركىزم ۋە ئوسمانىزم
ئوسمانىزم ئىمپىريىسىدە ھەقىقىي پان تۈركىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باشلىغان ھەمدە ئىمپىرىيىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىدە ۋە ئۇ يىمىرىلگەندىن كېيىن تېز راۋاجلىنىپ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. تۈركىيە جۇمھىرىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئۇ كۆتۈرۈلگەن. تۈركىيە جۇمھىرىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئۇ مۇھىم بولمىغان ئۇرۇنغا چۈشۈرۇپ قويۇلغان)ئەمما يوقىتىۋېتىلمىگەن ، جۇمھىرىيەتنىڭ تەشەببۇسى بولغان باشقا نەزەرىيەلەرئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان. ئوسمانلى ئىمپىريىسىنىڭ ئاخىرقى بىر قانچە 10يىلدا، پان تۈركىزمنىڭ باش كۆتۈرىشىدىكى سەۋەب، بىر تەرەپتىن ئەينى ۋاقىتتىكى شارائىتنىڭ ئالاھىدە پايدىلىق بولغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن ئىمپىريىنىڭ ئىچى سىرتىدا تۈرك زىيالىرىنىڭ تەسر كۆرسەتكەنلىكىدە ئىدى.
20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى 25 يىلىدا، بىر مۇنچە كىشىلەر تۈركىزمنى تەتقىق قىلىشقا ھەمدە سىستېمىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. بۇ مەسىلنى تۇنجى قېتىم سېستىمىلىق تەتقىق قىلىشقا كىرشكەن كىشى زىيا كۆك ئالىپ ئىدى. تۈركىزمنى تېخىمۇ كەڭ تارقىتىشتا، ئۇ ئەمەلىيەتتە زىيالىيلار ئارىسىدا بىردىنبىر چاقىرىق قىلىش كۈچىگە ئىگە كىشى ئىدى. زىيا كۆپ ئالپنى ھۆرمەتلەيدىغان بەزى كىشىلەر ئۇنى تۈركىيىدىكى پان تۈركىزمنىڭ پىرى دەپ ھېسابلىغان.
زىيا كۆك ئالپ1876-1924 دىيار بەكىرلىك بولۇپ، ئاساسەن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىختىساس ئىگىسى بولغان، ئۇ مىللەتچىلىك ھەرىكىتىدە ئاجايىپ تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، دەسلەپتە «ياش تۈرك پارتىيىسى» گە ئەزا بولغان، 1908-يىلىدىن 1918-يىلغىچە «ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات كومىتېتى» مەركىزىي كېڭەش مەجلىسنىڭ ئەزاسى بولغان، كېيىن مۇستافا كامال ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ھەرىكەتنى قوللىغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئىستانبول ئونىۋېرسىيېتىدا جەمىيەتشۇناسلىقتىن دەرس ئۆتكەن... زىيا كۆپ ئالپ ۋايات بۇلۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى، «تۈركىزمغا ئائىت نۇقتىينەزەرىنى يەكۈنلىگەن.
زىيا كۆپ ئالپ ھەرخىل پەرقلەرنى تەكشۇرۇپ، مىللەت ئۆلچىمىنى بېڭىتكەندىن كېيىن يەكۈنلەپ مۇنداق دېگەن: «مىللەت، ئىرقىي گۇرۇھ، ھەم قانداشلىق، جۇغراپىيۋى، سىياسىي ياكى ئۆز ئارزۇسىدىكى گۇرۇھ بولماستىن، بەلكى ئورتاق تىلى، دىنى، روھى ۋە گۈزەللىك قارىشى بار شەخسلەردىن تەركىب تاپقان گورۇھ، يەنى ئوخشاش تەربىيە كۆرگەن كىشىلەردۇر.» بۇنداق مەدەنىيەت ئاساسىغا بىنائەن، ئۇ تۈركىزم ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىللەرنى قايتا تەكشۇرگەن. تۈركلەرنى بىرلا خىل تىل ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە دەپ ئايرىشقا بولىدىغانلىقنى بايقىغان: ⑴ تۈركىيە جۇمھىريىتىكى تۈركلەر، ئۇلار مەدەنىيەت ۋە باشقا ئۆلچەم بۇيىچە ئېيىتقاندا بىر مىللەتتۇر. ⑵ ئوغۇز تۈركلىرى، ئۇلار بىرلا ۋاقىتتا ئەزەربەيجان، ئىران، خاەزمدىكى تۈركمەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار يۇقىرىقى ئۈچ رايۇنغا ۋە تۈركىيە زېمىنىغا تارقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاساسىي جەھەتتىن تۈركىيىدىكى تۈركلەرگە ئوخشاش ئورتاق مەدەنىيەتكە ئىگە ھەمدە يۇقىرىقى ئۈچ رايۇن بىلەن تۈركىيىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوغۇزىستاننى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ⑶ ياقۇپ، قىرغىز، ئۆزبېك، قىپچاق، تاتار قاتارلىق يىراقتىكى تۈركلەر، ئۇلار ئۇزاق مۇددەتلىك تىل ۋە قانداشلىق مۇناسىۋەتىگە ئىگە، تۈرك مەدەنىيىتى بىلەن يېقىن كېلىدۇ، ئەمما ئوخشاشىمايدۇ. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغقاندا «بۈيۈك تۈركىستان»، يەنى تۇران زىيا كۆك ئالپ ھۇنگر، فىنلارغا ئوخشاش يات مىللەتلەرگە ئورۇن ھازىرلاپ قويمىغان بولۇپ شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىشى بۇيىچە بولغاندا، بىرىنچى خىلى، يەنى «تۈركىزم»لار رېئاللىققا ئايلانغان، ئۇ بولسىمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى؛ ئىككىنچى خىلى، يەنى «ئوغۇزىزم»نىڭ كەلگۈسىدە رېئاللىققا ئايلىنىش ئمكانىيىتى بار ئىكەن؛ ئۈچىنچى خىلى، يەنى 1 مىليارد خەلقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «تۇرانىزم» يىراق كەلگۈسىدىكى ئىش ئىمىش.
پان ئىسلامىزمنى چەكلەش ئۈچۈن، «ياش تۈرك پارتىيىسى» نىڭ رەھبەرلىرى ئىمپېرىيىنىڭ بارلىق پۇقرالىرىغا ئۆزلىرىنىڭ بىر پۇقرا سۈپىتىدە ئوخشاش ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ «ۋەتىنى»گە سادىق بولۇش، پىداكارلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدرۇشتىن ئىبارەت ئوسمانىزم سىياسىتىنى ئاۋۋال تاللىدى 1908-يىلىدىكى «ياش تۈرك پارتىيىسى» ئىنقىلابىدىن كېيىن، بۇ ھۆكۈمەت دائىرلىرى ھەمىشە قوللىنىدىغان سۆز بولۇپ قالدى. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئۇلار تۈركلەرنىڭ مەركەزلىك رەھبەرلىكىدە، ئىمپېرىيە تەۋەسىدىكى بارلىق خەلقنى بىللە ئارىلاشتۇرماقچى بولدى. شۇڭا، تۈركلەر ئىچىدىكى سەرخىل كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەرتىۋىسىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرىشى، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىكى تۈركلەردىن باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۈركلەشتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، دەسلەپتە باشقىچە پىكىردە بولۇشى، ئارقىدىنلا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. كۈچلۈك تۈركلەشتۈرۈش سىياسىتى ھەمدە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ بەزى قەدىناس دوستلىرىنى ئەنسىرتىپ قويغان، مەسىلەن ئەنگلىيىدىكى ئاتاقلىق ئەرباب، شەرق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى فرىدرىخ خاررىسون 1911-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى مەلۇم تۈركىيە گېزىتىگە خەت يېزىپ، بۇ سىياسەت تۈركىيىنىڭ چەت ئەلدىكى قوللىغۇچىلىرىنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
«ياش تۈرك پارتىيىسى»نىڭ رەھبەرلىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، پان تۈركىزمغا ئېنىقراق بۇرۇلدى، ئەمما ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىن دېگەندەك ۋاز كەچمىدى ھەمدە تۈركلەشتۈرۈش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلدى. ئوسمانىزم بىلەن پان ئىسلامىزمنىڭ ئورنى تۆۋەنلىتىلىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا، ۋاقىتلىق قوللىنىلدىغان بولدى. ئەھۋال تەرەققىي قىلىپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى چەت ئەلنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئىسلام تەشۋىقاتلىرىنى توختىتىشقا بەل باغلىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ ئېيتتى. ئەمما، ئەمەلىيەتتە «ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات كومىتېتى»نىڭ ئادەتتىكى ئەزالىرىنىڭ ئىسلام دىنى ۋە پان ئىسلامىزمغا تۇتقان پوزىتىسىيىسى ئوخشاش ئەمەس ئىدى، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بۇ جەھەتتە پراگماتىزمنى قوللىناتتى. بۇ خىل ئەھۋالنى سېر خاررى لۇككېر مۇنداق ئوبدان تەسۋىرلىگەن: «ئۇ ئەنۋەر پاشا ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىرلا ۋاقىتتا قوللىنىلىدىغان ئۈچ خىل سىياسەتنى تەييارلاپ چىقىپ، شۇ ۋاقىت، شۇ جايدا قايسى خىلى ئەڭ مۇۋاپىق كەلسە، شۇ خىلنى تەكىتلىدى. ئوسمانىزم ھېلىھەم مەملىكەت ئىچىدىكى سىياسەتنىڭ ئاساسىي روھى؛ تۈرك مىللەتچىلىكى رۇسىيىدىكى تاتارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاساسى بەزى تاتارلار قىيىنچىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان تۈرك تۇغقانلىرىغا ھېسداشلىق قىلىشقا باشلىغان ؛ پان ئىسلامىزم ئىمپېرىيە تەۋەسىدىكى ئەرەبلەر ۋە تۈركلەردىن باشقا مۇسۇلمان خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئۇلى.»
ئۈچ خىل ئىدىيە توغرىسىدىكى ئاشكارا مۇنازىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، پان تۈركىزمنىڭ ئورنى بارانسېرى روشەن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئىلگىرى ئابدۇلھەمىدⅡنىڭ پان ئىسلامىزمى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان پۇقرالىرى، مەسىلەن، ئەرەبلەر، ئالبانلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي روھىنى شەكىللەندۈرۈشنى توسىيالمىغان، چەت ئەللىك مۇسۇلمانلارنىڭ زور قوللىشىغىمۇ ئېرىشەلمىگەن. «ياش تۈرك پارتىيىسى» ئوسمانىزم تەشۋىقاتىنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان گۇرۇھلار ياكى بۇلغارىيە، سېربىيە، گرېتسىيە، ئەرمىنىيە قاتارلىق جايلاردىكى مىللەتچىلىك، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى ۋە كەيپىياتىنى زورمۇزور ئارقىغا سوزىدىغانلىقىنى ناھايىتى تېز بايقىدى. ئىسلامىيەتكە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە بولغان ساداقەتمەنلىك تۈپەيلىدىن، ئىرقىي مىللەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ لىۋىيە ۋە بالغاندىكى جەڭدە ئىزچىل ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشى ئىمپېرىيىنىڭ ئىچى—سىرتىدىكى تۈركلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى.
تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭ بىر ئاساسىي مۇددىئاسى مىلىي ئايرىمىچىلىق ۋە غەيرىي نىيەتتىكى خاھىشقا ئېنىق ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنداق ۋەزىيەتنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، «ياش تۈرك پارتىيىسى»نىڭ بەزى رەھبەرلىرى پان تۈركىزم ئىدىيىسىنى قوللاپ، مەملىكەت ئىچىدە تۈركلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاسىيادىكى تۈرك گۇرۇھلىرىغا پان تۈركىزم يۆنىلىشنى مەقسەتلىك قوللىنىپ، ئافرىقا، ياۋروپا ئىمپېرىيىگە سالغان زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالماقچى بولدى، ئاخىر بۇنىڭ يېقىندا قولدىن كەتكەن زېمىننى قايتۇرۇۋېلىشقا ياردىم تېگىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
پان تۈركىزم ۋە كامالىزم
ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ مەغلۇب بولۇشى ۋە يىمىرلىشى ئۇنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا بازار تاپقان ئاساسىي سىياسىي نەزەريىنىڭ ئابرويىنى تۆكتى. ئوسمانىزم ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسىدىن مەھرۇم بولدى، پان ئسلامىزم بىلەن پان تۈركىزممۇ ئىمپېرىيىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىدى...
مۇستافا كامالنىڭ دانا رەھبەرلىكىدىكى مۇستەققىللىق ئۇرۇشى ۋەتەنپەرۋەرلىكنى، يەنى يۇرتىنى قوغداپ، خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. شۇڭا، 1923—يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا، مۇستافا كامالنىڭ ئۇنىڭغا بىر خىل يېڭى مىللەتچىلىك ئۇقۇمى بېرىشگە توغرا كەلدى، ئەلۋەتتە.
ئىدىيىۋى ئاڭ يۇقىرىقى شارائىت تۈپەيلىدىن تەبىئىي ھالدىلا ئۆزلىكىدىن يوقىلىپ كەتمەيدۇ. «ياش تۈرك پارتىيىسى»دىكلەر ۋە شۇ دەۋىردىكى بىر مۇنچە كۆز قاراشلار مەسلەن، زىيا كۆك ئالپىنىڭ بەزى تەلىملىرى جۇمھۇرىيەتكە ئېلىپ كىرىلدى، شۇنىڭ بىلەن يېڭى نەزەرىيىدە سابىق ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىكى تۈركىزم ۋە پان ئىسلامىزمنىڭ بەزى تەركىبلىرى يەنىلا ساقلىنىپ قالدى. مۇشۇنداق بولسىمۇ، كامال تەشەببۇس قىلغان مىللەتچىلىك كېيىن بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ يىتەكچى پرىنسىپى بولۇپ قالدى نىڭ ئاساسىي خاھىشىدا ئۆزگىرش بولدى. 1921—يىلىدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا، كامال ئەسكىشەھەردە «ئىسلام ئىتتىپاقى ۋە تۇرانىزمنى بىزنىڭ پرىنسىپىمىز ياكى مۇقەرەر سىياسىتىمىز قىلساق بولمايدۇ. شۇڭا، مۇستەقىللىقتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى تۈرك مىللەتلىرىنىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا قويۇش—يېڭى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي» دەپ جاكارلىدى. يېڭى نەزەرىيىدە يېڭى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىچكى مەنپەئەتى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، باشقىلىرى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ، دەپ قارالدى. كامال بۇ نۇقتىئىنەزەرنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى، 1917—يىلىدىكى «ئالتە كۈنلۈك نوتۇق» تىمۇ مۇشۇ ھەقتە توختالدى. كامال ۋە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسىنىڭ مۇشۇنداق قاراشتىكى سەۋەب ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ خېلىلا ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى، باشقا نەزەرىيىلەرنىڭ مەغلۇب بولغانلىقنىڭ ئىسپاتلانغانلىقى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇرۇشتا ئېغىر جاراھەتلەنگەن تۈركىيىدە كۈچىنى توپلاپ ئىچكى قۇرۇلۇش ئېلىپ يېزىشقا توغرا كەلگەنلىكىدە ئىدى. تۈركىيە ئۆتمۈشتىكىدەك ناھايىتى چوڭ، كۆپ مىللەتلىك ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بولماستىن، بەلىكى يەر مەيدانى كىچىكرەك، تەركىبى بىر قەدەر ساپ دۆلەت، شۇڭا يۇقىرىقى يۆلىنىشلەر قارىغاندا خېلى ئاقىدىغاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭدىكى باشقا، ئۆز كۈچىنى ئىچكى ئىشلارغا ئاتاش يۆنىلىشى تاشقى مۇناسىۋەتكىمۇ بىر قەدەر پايدىلىق، پان تۈركىزم ئىدىيىسىدىن ۋاز كېچىشنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشقا ياردىمى تېگىدۇ، مانا بۇ دەل كامالنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان سىياسىي.
ئاتالمىش «ئېزىلۋاتقان تۈرك»
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشتىن كېيىن، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىكى پان تۈركىزمچىلار ئىنتايىن قىيىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى. چېگرا سىرتىدىكى كۆپ سانلىق تۈركلەر سوۋېت ئىتتىپاقىي، بالقان، جۇڭگۇ قاتارلىق جايلاردا كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت شارائىتىدا ياشايدىغان بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھاكىمىيەتلەر ھەر جەھەتتىن ئالغاندا داۋاملىق مەۋجۇت بولدىغاندەك قىلاتتى، شۇڭا چېگرا سىرتىدىكى تۈركلەر «ئېزىلىۋاتقان تۈرك» دەپ ئاتىلىدىغان بولدى. تۈركىيە ستالىننىڭ زېمىن تەلىپىنى باتۇرلۇق بىلەن رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تۈرك خەلقىنى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىتتپاقداش دۆلەتلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالالمىدى. شۇڭا نۇرغۇن تۈركىزمچىلار، بولۇپمۇ ئۆزلىرىنىڭ پروگراممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى باشقىلارغا دېيىشكە ئالدىراپ كەتكەن پان تۈركىزمچىلار كوممۇنىزم ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى چېگرا سىرتىدىكى تۈركلەر ھەققىدە داۋاملىق توختالدى ۋە ئۇلارنى سۈرەتلەپ بەردى، كەلگۈسىدە ئۇلارنى ئازاد قىلىپ، تۈركىيىگە قوشۇۋالىدىغانلىق ئۈمىدىنى تەسۋىرلىدى. بۇنداق ئۈمىد دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئىدى ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يەنىلا بىرىنچى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكىگە ئوخشاش شەكىلدە بولۇشى پەرەز قىلىنغان(. ئەمدىلىكتە بولسا، ئۇرۇشتىن كېيىنكى پان تۈركىزمچىلار بىر تەرەپتىن دىققەت ئېتىبارىنى بارغانسېرى سپرۇس، گرېتسىيە، ئىران، ئىراق، سۈرىيىدىكى تۈركلەرگە بۇراشقا باشلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەلۋىلىك بىلەن كومپارتىيىگە قارشى تەشۋىقات قوزغىدى.
پان تۈركىزم كومممۇنىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، قايتا تەشكىللىنىشكە مەجبۇر بولدى. 40- يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 50- يىللاردا پان تۈركىزمچىلار تەشكىل مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، 60- يىللارغا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، تەشكىلىي پائالىيەت يېڭى ۋەزىيەتتە قايتا تەكىتلەندى. بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى، شۈبھىسىزكى بەزى داڭلىق پان تۈركىزمچىلار رەھبەرلىك قىلغان مەلۇم گۇرۇھنىڭ 1965- يىلى مۇتەئەسسىپ جۇمھۇرىيەت دېھقانلىرى ۋە مىللەت پارتىيىسى كېيىن مىللەتچىلىك ھەرىكىتى پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەننى كونترول قىلغانلىقى ئىدى، پان تۈركىزم شۇنىڭدىن ئېتبارەن بۇ پارتىيىنىڭ رەسمىي مەقسىتىنىڭ بىرى سۈپىتىدە، تۈركىيىنىڭ ئاساسىي سىياسىي ئېقىمىغا ئوچۇق— ئاشكارا قىستىىپ كىردى.
پان تۈركىزم بىلەن باشقا «پان» پىكىر ئېقىملىرىنى سېلىشتۇرۇش
«پام» پىكىر ئېقىمى ھەرىكىتى مىللەتچىلىك ھەرىكىتىدىن تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرگە تارىلىپ كەتكەن مەلۇم گۇرۇھلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى مەقسەن قىلىدۇ، ئەمما بىر- بىرى ئوتتۇرىسىدا «ئورتاق ياكى يېقىنلىشىدىغان تىل، ئىرق، ئەنئەنە ياكى مەلۇم تەخمىنى ئالاقە، ئالايلۇق، زېمىنى يېقىن بولۇشى كېرەك ۋەھاكازالار». ئەمما، ئارىلىقى يىراق ياكى باشقا ئەمەلىي مەسىلە(بولغان تەقدىرىدىمۇ، «پان»ئىدىيۋى ئېقىمنىڭ قىزغىنلىقى ھەرگىز پەسەيمەيدۇ.
ھەرخىل «پان» پىكىر ئېقىمى ۋە ھەرىكىتىنى سېلىشتۇرۇپ، پان تۈركىزمنىڭ بۇنىڭدىكى رولىغا باھا بېرىشتە ئالدى بىلەن ئورتاق سىياسەت تۈزۈشنى مەقسەت قىلغان بىر خىلى بىلەن چېكىدىن ئاشقان ئاچكۆز مىللەتچىلىكنىڭ سىياسىي بىرلىشىشىنى مەقسەت قىلغان يەنە بىر خىلىنى پەرقلەندۈرۈش لازىم. ئالدىنقىسىنىڭ جانلىق مىسالى— پان ئامېرىكىزم، بۇ ھەرىكەت ئۆزىنىڭ نىشانىنى يېرىم يەرشارىنىڭ مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداش، ئىلگىرى سۈرۈش دەپ بېكىتكەن بۇلۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ھېچقانداق سىياسىي شەكىلدىكى ئىدىيىسى يوق. ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئىرقىي «پان» ئىدىيىۋى ئېقىمى دەپ ئاتالغان پان ئافرىقىزممۇ ئومۇميۈزلۈك سىياسىي بىرلىشىش ئەمەلىي تەدبىرىنىمۇ قوللانمىغان. ئۇ ئەسلىدە ئافرىقىنىڭ بىرلىكىنى ئەمەس، بەلكى «ئافرىقىلىقلارنىڭ ئافرىقىسى» بولۇشنى تەلەپ قىلغان، ھازىرمۇ گەپ پۈتكۈل بىرلىشىش ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ئەتراپلىق ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق ئۈستىدە بولىۋاتىدۇ.
سىياسىي بىرلىشىشنى مەقسەت قىلغان بۇنداق مەقسەتچىلىك ئىدىيىسى ۋە ھەركىتى بۇ كىتابتا مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان مەسىلە بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى پان تۈركىزم مۇشىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل مىللەتچىلىكنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى—«ۋەتىنى يوق مىللىي بىرلىك» ئىدىيىسى ۋە ھەركىتى. ئۇ دۆلىتى يوق، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى يېڭىباشتىن بىر يەرگە توپلاپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تەۋە قەدىمىي يۇرتىنى ئۇنىڭ راست ياكى تەسەۋۋۇرىدىكى نەرسە بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئەسلىگە كەلتۈرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
پان تۈركىزم بىلەن باشقا «پان» پىكىر ئېقىمى ۋە ھەرىكىتى تۆۋەندىكى ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە:
1. ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرەققىياتى نۇرغۇن «پان» پىكىر ئېقىمى بىلەن ئوخشاش بىر خىلغا كىرىدۇ. ھەرقانداق بىرخىل «پان» پىكىر ئېقىمىنىڭ مەنبەسىنى بېكىتىشى ناھايىتى قىيىن بولسىمۇ، ئەمما پان تۈركىزمنى 19— ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا «ۋەتىنى يوق مىللىي بىرلىك» تەرىقىسىدە چار رۇسىيىە مەيدانغا كەلگەن دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھىمايىچىلىرىنىڭ زادى قايسى زېمىننى قۇتقۇزماقچى بولغانلىقى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار بار. ئۇنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتىغا كەلسەك، ئەمەلىيەتتە ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق «پان»پىكىر ئېقىمى ئاشۇ ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن، ئۇنىڭ مەنبەسى تېخىمۇ بۇرۇنراق بولۇشى مۇمكىن. مەيلى پان سلاۋزىم، پان ئىتالىزم، پان گېرمانىزم بولسۇن، ياكى پان تۈركىزم، يەھۇدى قىساسچىلىقى، پان ئەرەبىزم ۋە پان ئىسلامىزم بولسۇن، ھەممىسىدە سىياسىي تەشكىلات بولۇپ ئويۇشۇپ ئەمەلىي ھەرىكەتكە تۇتۇش قىلىشتىن ئىلگىرى، مەلۇم بىر باسقۇچلۇق ئىدىيىۋى تەييارلىق مەزگىلى بولغانىدى. 1848— يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك پان سلاۋىزم قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرى، يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك بەس— مۇنازىرە بولغانىدى؛ 1897— يىلى بازېلدا ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك يەھۇدى قىساسچىلىرى قۇرۇلتىيى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا ئېچىلغان رۇسىيىدىكى پان تۈركىزم داھىيلىرى يىغىندىمۇ مۇشۇنداق بولغانىدى. ئۇ رۇسىيىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بىر پۈتۈن گەۋدىنىڭ ئوخشاشلىقى ئۈچۈن ئىلگىرى بۇ بىر خىل غۇۋا مەۋجۇدىيەت ئىدى ، ئورتاق مەدەنىيەت تېپىش خىزمىتىنى قېچىپ يۈرۈپ ئىشلەشكە قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە، تۈركلەرنى مەنبە قىلغان خەلق قوللىنىۋاتقان يېڭى بىر خىل ئورتاق سىمۋولنى تاپماقچى بولدى.
2. پان تۈركىزم ئىدىيىسىنىڭ ماھىيىتى باشقا نۇرغۇن «پان» پىكىر ئېقىمىغا ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە، بەزى ئوخشىماسلىقلارمۇ بار، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ كەڭ دائىردىكى قارا نىيتى ۋە كۈچلۈك تەقدىر ھېسىياتى پان گېرمانىزم، پان سىلاۋىزم، پان ئەرەبىزم، يەھۇدى قىساسچىلىقىغا ئوخشاش خام خىيال بىلەن تولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ يا ئاق، يا قارا دەپ بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا ئۆتۈپ كىتىدىغان ئادىتى ئىنتايىن روشەن. ئۇنىڭ سىجىللىقى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما پان تۈركىزم جارچىلىرىنىڭ سەمىمىي- ساداقەتمەنلىكىدىن گۇمانلىمىشقا بولمايدۇ. ئۇ باشقا «پان» پىكىر ئېقىمى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن مىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمى بىلەنمۇ ئوخشاش، پان تۈركىزم ئورتاق مەنبەنى تاپقان ھەمدە كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلارلىق ئۆتمۈشنى ئەسلەشكە قايىتقان چاغدا، مەلۇم قەدىمى مەدەنىيەتنى تىرىلدۈرۈش مۇددىئاسىدا بولدى. بۇ خىل مەدەنىيەتنى بىر ئەمەلىي گەۋدە قاتارلىق دەلىل- ئىسپات قىلىپ، باشقا مەدەنىيەتكە ئوخشىمايدىغان، يەنە ئېلىپ كەم دېگەندە باشقا مەدەنىيەتكە تەڭ كېلىدىغان مەلۇم ئورتاق مىراسنى ئىسپاتلىماقچى بولدى. ئەمما، پان تۈركىزم بىلەن تۈرك مىللەتچىلىكى مۇھىم نۇقتىنى تىل، تارىخ ۋە ئەدەبىيات (ئۇنىڭ مۇھىملىقى، روشەنكى مۇشۇ تەرتىپ بۇيىچە تىزىلدى) قا قارىتىپ، ئۇنى مۇھاكىمە ۋە ئەسەرلەردە ئۈچنى بىر-بىرىگە باغلاشنىڭ تۈگۈنى قىلدى.
3. تىل، مەدەنىيەت، ئىرق ۋە زېمىن. نۇرغۇن پان تۈركىزمچىلار ئارىسىدا «ئورتاق تىل» نىڭ مەۋجۇت بولۇشى بۇ خىل تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاش بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى ئىكەنلكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.پان تۈركىزمچىلار تىل، تارىخ، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، رىۋايەتتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلەرىنى تاپماقچى بولىدۇ. ئۇلار «تارىخ ئايلىنىش نەزەرىيىسى» ئۇسۇلى (گېرمانىدىكىلەرنىڭ ئېيىتقىنى بويىچە) نى قوللىنىپ، مىللىي قېرىنداشلار بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان ئالاقە قىلىپ كەلگەنلىكىگە دائىر دەلىل- ئىسپاتلارنى تاپماقچى بولىدۇ (ئۆزلىرى تاپتۇق دەپ داۋراڭ سالدى). بۇ خىل ئۇسۇل ئۇلارنى قوللايدىغان نۇقتىينەزەرلەرنى ھەمدە ئۇلار بىلەن ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئەدەبىيات مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا پۈتۈنلەي دېگۈدەك مەركەزلەشتى، بۇنىڭ پان تۈركىزمچىلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى يېڭىباشتىن بايقىشى ۋە بېكىتىشىگە ياردىمى بولدى. بۇنداق مەدەنىيەتتىن بارلىق مىللىي قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي دۆلەتنى بەرپا قىلىشقا ھەمدە ئۇلارنى باشقا كىشىلەردىن پەرىقلەندۈرۈشتە پايدىلىنىلدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار باشقا «پان» پىكىر ئېقىمىدىمۇ كۆرۈلدى. ئۇنىڭدىن قالسا ئورتاق مەنبە مەسىلىسى، ئىلىم-پەن نۇقتىنەزەردىن قارىغاندا زور تالاش- تارتىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار سۇبيېكتىپ جەھەتتە كىشىنى تۇلۇق قايىل قىلىدۇ، دەپ ھېس قىلىدۇ... پان تۈركىزم ئەقىدىسىدە، تىل، مەدەنىيەت، ئېرق، زېمىن بەزىدە ھەقىقەتەن ئايرىلمايدىغان دەرىجىدە گىرەلىشىپ، چىرمىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتىن بىرلىشىشنى تەرغىپ قىلىدىغان بىر خىل ئىدىيىنى ئورتاق شەكىللەندۇرىدۇ.
4. ئىقتىسادىي مەسىلە. «پان» پىكىر ئېقىمىنىڭ ئىككى ئاساسىي تەركىبى بولغان ئىقتىسادىي ۋە دىنىي مەسىلىنىڭ پان تۈركىزمدا ئوينىغان رولى ناھايىتى كىچىك. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئىقتىسادىي مەسىلە پان گېرمانىزمدا ئىنتايىن روشەن بولدى، شۇڭا يەنە تەپسىلىي پىلان تۈزۈلدى؛ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى پان ئاسىيازم ئەمەلىيەتتە ياپونىيىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى، ئاتالمىش «بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى» دە بۇ نوقتا ئالاھىدە ئىپادىلەندى؛ پان ئەرەبىزم ئاخىر نامرات دۆلەتلەرنى نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.ئەمما پان تۈركىزم ئىقتسادىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ناھايىتى ئاز باش قاتۇردى، ئۇنىڭ ژۇرناللىرى ۋە باشقا نەشىر بۇيۇملىرى ئەزەربەيجاننىڭ بايلىقى ۋە ئىقسادىي ئۈستۈنلىكى ھەققىدە ئاندا-ساندا توختالدى، بۇ ھال كىشىلەرنىڭ مۇشۇ بايانلار ھەم جايىدا بولۇپمۇ، ھەم ئۇنىڭدا ئىقتىسادىي مەسىلەرگە ئېتىبارسىز قارىلىپتۇ، دېگەن تەسىراتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا پان تۈركىزمچىلار تۈركىيىنىڭ ئۆزىدە ئېغىر ئىقسادىي مەسىلە ساقلانغاچقا، چەت ئەلدىكى تۈركلەرگە ئىقساتنى كۆز-كۆز قىلالمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. قىسقىسى، ئۇلارنىڭ بايانلىرىدا ئىقتىساد ھەمىشە مەدەنىيەت، ئىرق ۋە سىياسىيىدىن كېيىن تۇرىدۇ.
5. پان تۈركىزمنىڭ دىنغا تۇتقان پوزىتسىيىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ. يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندە، پان تۈركىزم چار روسىيىدە سۇندۇرۇلدى، ئوسمانلى ئىمپىريىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە پان ئىسلامىزم بىلەن پۇت تېپىشى ... پان تۈركىزم مۇسۇمانلارنىڭ زىتىغا تىگىشىدىن ھەزەر ئەيلىسىمۇ، ئەمما دىن تۈسىنى ئالمىغان ئەھۋالنى ساقلاپ قالغاندىلا، تۈرك گۇۋاھلىرى ئىچىدىكى شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننىي مەزھىپى ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشكە پېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. دەپ قارىدى. دىننىڭ پان تۈركىزمدا ئوينىغان رول ئىلگىرى ۋە ھازىر ئىزچىل تۈردە ئانچە مۇھىم بولماي كەلدى، ئۇ پان سىلاۋىزم مۇرىتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىسىنى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا باغلىغانلىقىغا ئوخشىمايدۇ، يەھۇدى قىساسچىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە تەشكىلىي تەرەققىياتنىڭ دىن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە (ئۇنىڭ ئىچىدە كۈچلۈك ئارتېزملىق سوتسىيالىزم تەركىبىمۇ بار) ھەمدە ئۇنىڭ ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سىياسىي مۇلاھىزىسىدە زور رول ئويناۋاتقانلىقىغىمۇ ئوخشاشمايدۇ؛ پان ئەرەبىزمنىڭ دائىم ئىسلامىيەتتىن مەدەت تىلەپ، ئۇنى بىرلىشىشكە يىتەكلەشنىڭ كۈچلۈك ئامىلى (نۇرغۇن خىرستانلارنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىغا پراگماتىزمچە ئېتىبارسىز قاراش) قىلىۋالغانلىقىغىمۇ ئوخشاشمايدۇ.
6. باشقا مىللەتچىلىككە تۇتقان پوزىتسىيىنى. باشقا مىللەتچىلىككە تۇتقان پوزىتسىيىنى تەتقىت قىلىشنىڭ پان تۈركىزمنى چۈشىنىشكە ياردىمى تىگىدۇ. نۇرغۇن «پان» پىكىر ئېقىمى ۋە ھەركىتى ئوتتۇرسىدىكى مۇناىۋەت، روشەنكى تاسادىپىي مۇناسىۋەت بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئېھتىمال، پان ئەرەبىزم دەل ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىكى پان تۈركىزم رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ تۈرىكلەشتۈرىشىنى مەجبۇرىي يولغا قويغانلىقنىڭ نەتىجىسى،ئۇ ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياۋرۇپا مۇستەملىكىگەقارشى تۇردىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى؛ پان تۈركىزمنىڭ مەيدانغا كېلىشى مەلۇم دەرىجىدىن ئېيىتقاندا، پان سىلاۋىزمنىڭ ۋە مەجبۇرىي رۇسلاشتۈرۇشنىڭ ئىنكاسى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ھەر بىر خىل «پان» پىكىر ئېقىمى قىلىپ يوقىتىدىغان «سەلبىي ئوبرازى» مۇ بار. دەسلەپكى مەزگىلدىكى پان ئىسلامىزم جاھانگىرلىككە ھۇجۇم قىلغان؛ پان ئافرىقىزم مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرغان؛ پان سىلاۋىزم گېرمانىزمنىڭ تەھدىتىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن؛ پان ئەرەبىزم ئىسرائىلىيىسىگە قارشى كۈرەش قىلغان؛ پان تۈركىزم دەسلەپتە ئاساسەن پان سلاۋىزمنىڭ قارشى تۇرىپىدە تۇرغان، كېيىن روسىيىلىكلەرنىڭ ئوسمانلى ئىمپىريىسى ۋە ئاۋىسترو-ھۇنگىرىيە ئىمپىريىسىگە پان سىلاۋىزم ئارقىلىق قارشى تۇرغىنىغا ئوخشاش، ئوسمانلى ئىمپىريىسىنىڭ كونا دۈشمىنى بولغان چارروسىيىگە قارشى كۈرەش قىلىش قورالى بولۇپ قالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىزمى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا (ئانچە مۇھىم بولمىغان) پان گرېكىزم ۋە ئۇنىڭ كېڭەيمىچىلىك نەزەرىيىسى پان تۈركىزم پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى جىنغا ئايلىنىپ قالغان. بۇنداق پوزىتىيىگە چەت ئەلدىكى تۈركىلەرگە بولغان مېھىر- مۇھەببەتمۇ سىڭگەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كومپارتىيە ھاكىمىيىتى شارائىتىدا ياشاۋاتاتتى.
7. مىللىي بىرلىك پان تۈركىزمنىڭ مۇھىم تەركىبى ھەمدە شۈبھىسىزكى، ئۇ تۈرك مىللەتچىلىكىدىن پەرىقلىندىغان مۇھىم ئامىل، بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. «پان» مىللەتچىلىكىنىڭ ئىخلاس قىلغان نۇقتىئىنەزەر بىلەن يەرلىك بولۇش، ۋەتەن سۆيۈش تىپىدىكى مىللەتچىلىك نۇقتىئىنەزەرى ساقلانغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە توقۇنۇشۇپ قالىدۇ. پان سىلاۋىزم شۇنداق، پان ئەرەبىزم، پان ئافرىقىزممۇ شۇنداق.
پان تۈركىزمنىىڭ تۈرك مىللەتچىلىكىگە ئوخشاشمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭ ئاساسەن مىللىي بىرلىكنى قوبۇل قىلغانلىقى ۋە تەرغىپ قىلغانلىقىدا، دەسلەپكى مەزگىلدە، بۇ ئانچە روشەن بولمىغان، ئەينى ۋاقىتتا پان تۈركىزم ئاساسەن «ۋەتىنى يوق مىللەتچىلىك» بولۇپ، چەت ئەلدىكى سىياسىي جەھەتتە ئوينىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تايىناتتى. كېيىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى ۋە تۈركىيە جۇمھىرىيىتى مەزگىلىدە، پان تۈركىزم ئىدىيىسى بارغامسېرى مىللىي بىرلىك خاراكتېرىنى ئېلىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋال 30-يىللاردا ئەزىز، سانجار، دىرخان قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەندى، 40-يىللاردىن بۇيانقى پان تۈركىزمچىلارنىڭ پائالىتىدىمۇ ئىپادىلەندى، ئۇلار مىللىي بىرلىك ئويىنى يەڭ ئىچىدىلا ئاشكارلاپ قويىدۇ، ئۇ ھېسداشلىق قىلىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشتىلا ئىپادىلىنىدۇ. پان تۈركىزمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مىللىي بىرلىك كۈندىن-كۈنگە ئاشكارلىنىشقا باشلىدى، ئاۋۋال چەت ئەلدىكى تۈرك گۇرۇھلىرىنى قوغداش لازىم دېيىلىپ، ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ ئازاد بولۇشى ۋە بىرلىشىشى (بىرىنچى قەدەمدە ئۆزلىرىنىڭ بىرلىشىشى، ئىككىنچى قەدمدە تۈركىيە بىلەن بىرلشىىشى) نى قوللاش لازىم دېيىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ ئاشكارا ئېلان قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، بۇ بىرلىشىش بەرىبىر ئۇلار تۇرىۋاتقان زېمىننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك دېيىلدى. پان تۈركىزمچىلار ھەمىشە «بۈيۈك تۈركىيە» توغىرسىدا توختالغاندا، ئۇنىڭ دائىرىسى ئوتتۇرا دېڭىزدىن تىنىچ ئوكيانغىچە سوزۇلىدۇ، بۇ قۇدرەتلىك، باي دۆلەت بولىدۇ، ئۇ قەدىمكى شان-شۆھرەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيانقى ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاپ قالىدۇ، دېيىشتى. نەپسى يامانلىق-مىللىي بىرلىك تىپىدىكى «پان» ھەركىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى.
19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن بۇيان، پان تۈركىزمچىلار چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا قورال كۈچى ئىشلىتىش توغرسىدا ئويلىنىش كېرەك، دېگەندىن تېخىمۇ كۆپ بېشارەت بېرىدىغان ھەمىشە ئوخشاشلا روشەن، ئوخشاشلا كۈچلۈك بولمىسىمۇ، پان تۈركىزمچىلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەركىتىگە ھەمىشە تەسىر كۆرسىتىپ تۇردى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، پان تۈركىزم پىكىر ئېقىمى كۆپ يىل ئۆزگىرىپ بېرىش نەتىجىسىدە بارغانسېرى سىياسىلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ باشتىن-ئاخىر بىر خىل مەدەنىيەت، ئىرق (جەزمەن ئىرقچىلىق بولۇشى ناتايىن)، سىياسىي ۋە زېمىن تىپىدىكى «پان» مىللەتچىلىكى بولۇپ كەلدى ھەمدە ئۇ كۈچلۈك مىللىي بىرلىك ئىدىيىسىگە ئىگە بولدى.
8. تەركىب ۋە تەشكىلات. پان تۈركىزمنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ھەر قانداق توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ناھايىتى قىيىن، ھازىرغىچە بۇ ساھە ئۈستىدە كونكىرىت تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىغان، ھازىرمۇ ئېلىپ بارغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. پان تۈركىزم تەشكىلاتىنىڭ جارچىلىرى ياكى بۇ ھەركەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسائىي، ئىقتىسادىي خاراكتېرىدىن زادىلا خەۋىرى يوق ۋەياكى بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر ھەمىشە ئادەتلىنىپ قالىنى بويىچە، «ئۇ بارلىق سىنىپلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئەمما، پان تۈركىزمچىلارنىڭ ئەسەرلىرى، سۆزلىرى ۋە ھەركەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ئۇ ئىزچىل تۈردە سەرخىللارنىڭ كىچىك دائىردىكى ھەرىكىتى زىيالىيلار رەھبەرلىك قىلدىغان، ئوقۇغۇچىلار ۋە شەھەرلەردىكى بەزى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، بارلىق «پان» ھەركىتىنىڭ خېلىلا تىپىك بىر خىلغا كىرىدىغان ھەرىكەت ئىكەن، دېگەن بولۇپ، تولا چاغلاردا بىر قانچە يۈزدىن بىر-ئىككى مىڭ، ئۈچ-تۆت مىڭغىچە ئادەم بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ كۆلىمى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلى ۋە 70-يىللاردىلا سەل كېڭەيگەن بولۇپ، خېلى كۆپ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.
باشقا نۇرغۇن «پان» ھەركەتلىرىگە ئوخشاش (پان گېرمانىزم ئىتتىپاقى بۇنىڭ سىرتىدا)، پان تۈركىزمدىمۇ ئۈنۈملۈك تەشكىلات كەمچىل بولۇپ، تەشكىلاتلار ئوتتۇرسىدىكى جېدەل توختىمايتتى. ئىختىلاپ ئاخىرقى نىشاننىڭ ئوخشاش بولماسلىقتىن ئەمەس، بەلكى شەخسنى تىكلەش ۋە ئىستراتېگىيە، تاكتىكىنى تاللاشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقاتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئادەم سانىنىڭ ناھايىتى ئاز بولۇش) نىڭ كۆپىنچىسى يازما تەشۋىقات، يەنى كىتابچە ۋە ژۇرنال چىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. بۇ ژۇرناللارنىڭ ئۆمرى ئۇزاققا بارمىغان (ئاز ساندىكىلىرىلا بۇنىڭ سىرتىدا)، قىسقىلىرىنىڭ بىر قانچە ھەپتىلا، ئۇزۇنراقلىرىنىڭ بىر قانچە ئايلا بولغان. ئۇلار ھەرخىل ماتېرياللارنى نەشىر قىلىشتىن باشقا، يەنە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت يىغىلىشى، جۈملىدىن نوتۇق سۆزلەش، ئويۇن قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن. لېكىن، بۇ نەرسىلەر ھەمدە يىغىن ئېچىش، نامايىشىغا ئويۇشتۈرۇش (1944-يىلىدىكىدەك) پائالىيەتلىرى پان تۈركىزمچىلارنىڭ ئۆزى چاقىرىق قىلغاندەك كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى ھەركەتنى قوزغىيالمىغان.
9. پانتۈركىزمچىلارنىڭ تەرەققىياتى. ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدا ئەگرى يولغا ماڭمايدىغان ئىش ناھايىتى ئاز بولىدۇ، «پان» ھەرىكىتى، بولۇپمۇ مىللىي بىرلىك پان ھەركىتى تېخىمۇ مۇشۇنداق بولغان. چېگرىنى ئۆزگەرتىش، زۆرۈر تېپىلغاندا قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن يانماسلىقىنى ئاشكارا چاقىرىق قىلىش ھازىرقى ئەھۋال بىلەن جەزمەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ. كۆپ سانلىق دۆلەتلەر ھازىرقى ئەھۋالنى ساقلاپ قېلىپ، تىنىچلىق ۋە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا، كۆپ ساندىكى «پان» ھەرىكىتى ئەگرى-توقاي يولنى باسقان...ئوخشاشلا، پان تۈركىزممۇ مەيدانغا كەلگەندىن تارتىپ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئايلاشقانغا قەدەر گۈللىنىش ۋە زور ئۈمىدۋارلىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن، «ياش تۈرك پارتىيىسى» ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان مەزگىلدە، دۆلەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئىلھام بېرىلگەن. مۇستافا كامال رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دەۋىرىدە ئۇيۇشتۇرۇش باسقۇچىغا ئۆتكەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جايلاردىكى پان تۈركىزمچىلارنىڭ ئۈمىدىنى يېڭىباشتىن قوزغىغان. بۇ قېتىمقى جانلىنىش 1944-يىلىدىكى كۈچ كۆرسىتىش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سوت داۋامىدا يۇقىرى پەللىگە يەتتى، ئارقىدىنلا ۋەزىيەت قايتا پەسىيىپ، مۇھاكىمە يىغىنى ۋە باشقا ئىدىيىۋى، تەشكىلىي پائالىيەتكە قايتىپ كەلگەن. 1965-يىلىدىن بۇيان، پان تۈركىزم قايتىدىن ئاساسىي سىياسىي ئېقىمىغا قوشۇلۇپ، جۇمھۇرىيەتچى دېھقانلار ۋە مىللەت پارتىيىسى (كېيىن ئۇنىڭ نامى مىللەتچىلىك ھەركىتى پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ يېتەكچى ئىدىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى. بۇنداق ئەگرى-توقاي يول ھەرگىز تاساددىپىي كېلىپ چىققان ئەمەس. ھەر قېتىملىق ئۇرۇشتا، بولۇپمۇ دۇنيا ئۇرۇشىدا «پان» ھەركىتىنىڭ پائالىيىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا كۈچەيگەن، چۈنكى ئۇرۇش ئۇنىڭغا مىللىي بىرلىك ئارزۇسى بويىچە سىياسىي چېگىرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەقىقىي پۇرسەت (ئومۇمەن ئېيىتقاندا، بۇ بىردىنبىر پۇرسەت) يارىتىپ بېرىدۇ...پان تۈركىزم ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا مۇۋەپىقىيەت قازىنىشقا ئاز قالغان، بىرىنچى قېتىمدا ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان چوڭ دۆلەت تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغان، ئىككىنچى قېتىمدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى پان تۈركىزىمغا ئانچە قىزىقمىغان، ئۇ ئىزچىل تۈردە بىتەرەپلىكنى ساقلاپ ئاخىرىدا غەلىبە قىلغۇچىلار تەرىپىگە ئۆتكەن، شۇنىڭ بىلەن پان تۈركىزمچىلار ئېرىشمەكچى بولغان ئۇرۇش مۇۋەپپەقىيىتىگە ئېرىشىش مۇمكىن بولمىغان.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، پان تۈركىزمچىلارنىڭ ئەگرى-توقايلىق مۇساپىسىگە ئەگىشىپ، تۈركىيىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى پان تۈركىزم ھەركىتىمۇ بىر كۆتىرىلىپ، بىر پەسىيىپ تۇرغان دەسلەپتە بۇ خىل ھەرىكەت چەت ئەلدە، ئاساسلىقى چاررۇسىيىدە كۆرۈلگەن. ئالاھەزەل 1908-يىلى چاررۇسىيىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، پان تۈركىزمچىلار ئاساسەن رۇسىيىدىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە كۆچۈپ كەتكەن، شۇ چاغدا ئۇ يەردىكى ئابدۇلھەمىد مۇستەبىتلىكى ئاياغلىشىپ، قارىماققا بىر قەدەر ئەركىنلەشتۈرۈشنى يولغا قويغان ھۆكۈمەتكە ئورۇن بەرگەنىدى. قىسمەن «ياش تۈرك پارتىيىسى» رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرگەن ھېسداشلىقى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىكى پان تۈركىزمچىلارنىڭ پائالىيەتكە تېخىمۇ ئىلھام بولدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىن بەزى كىشىلەر «ئىتتىپاق ۋە تەرەققىيات كومىتېتى» ئەمەلىي كۈچكە ئىگە گۇرۇھلار دائىرسىگە كىرگەندىن كېيىن تېخىمۇ شۇنداق بولدى. ئەمما، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قورۇلغان دەسلەپكى 20 يىل ئىچىدە، پان تۈركىزم پائالىيىتىنىڭ كۆپىنچىسى چەت ئەلگە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەمەس (ئۇ يەر ئىنتايىن خەتەرلىك)، بەلكى قراكىيە ۋە سىپرۇسقا يۆتكەلدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندا، چەت ئەلدىكى تۈركلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كومپارتىيە دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتاتتى، ئۇ جايلاردا بارلىق پان تۈركىزم پائالىيەتلىرى مەنئى قىلىناتتى، شۇڭا بۇ خىل پائالىيەتلەر تۈركىيىدە كۆرۈنەرلىك جانلىنىشقا باشلىدى.
ئاخىرىدا مۇشۇ كىتاب يېزىلىپ چىققۇچە پان تۈركىزمنىڭ ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانلىقىنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. كىشلەر تولا چاغلاردا پان تۈركىزمنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە خېلىلا تەسرگە ئىگە بولسىمۇ، كۆرۈنەرلىك سىياسىي نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەنلىكتىن ئەجەبلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى يوقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، بۇ ھەركەتنىڭ ھېچقانداق ھۆكۈمەت ۋە دۆلەتنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىدە. ھەر قانداق «پان» ھەرىكىتى چوڭ دۆلەتنىڭ، ھېچبولمىغاندا بىرەر دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىسە، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ.


ئاخىرقى سۆز

بۇ كىتابتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق پەلسەپە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى پىلانى فوندىنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن 1998-يىلى ھاۋالە قىلىنغان تۈر-«پانتۈركىزم مەدەنىيەت قارىشى ئۈستىدىكى تەتقىد ۋە تەتقىقات» نىڭ ئاخىرقى تەتقىقات نەتىجىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ تۈر 1999-يىلى 12-ئايدا تېما مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالىنىشتىن ئۆتكەن.
مۇتەخەسىسلەر گوروپىسنىڭ باشلىقى ليۇبىن (شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەرەققىياتچى)،
ئەزالىرى:
دۇەن تۇڭخۇا (ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى)،
ۋۇ فۇخۇەن (شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پروفېسىسورى)،
ۋاڭ جۇڭمىڭ (شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى)،
شۇ دىشېڭ (ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسىسورى)،
ۋاڭ جىجۈەن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسىسورى)،
ئابلەت نۇردۇن (ئاپتونوم رايۇنلۇق ئاخبارات-نەشىرىيات ئىدارىسىنىڭ ئالىي مۇھەرررىرى).
بۇ كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇش جەريانىدا ئاپتونوم رايۇنلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى پىلانى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولداش گو ۋۇبىڭنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتۇق، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭغا چىن كۆڭلىمىزدىن تەشەككۇر ئېيتىمىز.

شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن 2000 - يىلى نەشىر قىلىنغان.

(tugidi)
****************

تولۇق ئوقۇش