2009年5月11日星期一

Yeken se'idiye xanliqining tarixi



يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تارىخى



ئىبراھىم نىياز



چاغاتاي خانلىقىنىڭ يىقىلىشى ۋە سەئىدخاننىڭ دەسلەپكى پائالىيەتلىرى


چاغاتاي خانلىقى-چاغاتاي خانىدىم سۇلتان مەھمۇدخانغىچە 300 يىل راۋاجلانغان چاغاتاي موڭغۇل خانلقىدۇر.
چۈنكى، بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمدارلار چاغاتاي خاندانىدىن بولغاندىن تاشقىرى، ئۇلارنىڭ ئىدارە تەشكىلاتى-ياساقى(قانۇنى)، رەسىم-مۇراسىملىرى تامامەن موڭغۇل ئەنئەنىسىگە مۇۋاپىق ئىدى.
دۆلەت خادىملىرى بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ ئاساسىي قىسمى موڭغۇللاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان چاغاتاي ھۆكۈمدارلارنىڭ دەۋرلىرىدە ھەم يۇقارقى ۋەزىيەت سۇلتان مەھمۇدخانغىچە داۋام قىلدى. پەقەت دىنىي ۋە بەزى ئىجتىمائىي جەھەتتىنلا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولدى.
سۇلتان مەھمۇدخان ۋاپاتىدىن سەككىز يىل كېيىن قۇۇرۇلغان سەئىدىيە دۆلىتى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان دۆلەت بولۇپ، ھۆكۈمدارلىرى، خادىملار ۋە ئىسكەرلەرنىڭ ئاساسىي قىسمىنى شىنجاڭ جەلقى تەشكىل قىلغان. ئۇنىڭ ئىدارە-تەشكىلاتلىرى، رەسىم-مۇراسىملىرى، ئومۇمىي ھايات، مائارىپ ۋە باشقا ئىشلار تامامەن يەرلىك مەدەنىي خەلقنىڭ يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە مۇۋاپىق بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت قانۇنى ۋە ئەخلاقىغا ئاساسلانغان ئىدى. سۇلتال مەھمۇدخاننىڭ ۋاپاتى بىلەن چاغاتاي موڭغۇل دۆلىتى ئورنىغا سەئىدىيە خانلىقى تىكلەندى.
يەكەن سەئىدىيە خانلىقى: -بۇ خانلىقنى قۇرغۇچى سەئىدخاندىن باشلىنىپ، ھىدايىتۇللا ئىشان-ئاپپاق خۇجا دەۋرىگىچە جەمئىي 170 يىل ياشىدى.
زوراۋان ئىستىلاچى چىڭگىزخان-تېمۇرچىن ئۆزى ئىستىلا قىلغان كەڭ مەملىكەت ۋە رايونلارنى ئۆزى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى (1225-يىللىرى) مەركىزىي پايتەخت قارا قۇرۇمدا-قاغانلىق مەھكىمىسىدە داغدۇغىلىق قۇرۇلتاي چاقىرىپ، تۆت ئوغلىغا تەقسىم قلىپ بەردى. شۇ نىسبەتتە، ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن شىنجاڭنى مىراس قىلىپ بېرىپ، چاغاتايغا پادىشاھلىق تاج كىيدۈردى. ئۇنى مۇبارەكلەپ، ئىلىدىكى ئوردىدا سەلتەنەت تەختىگە چىقاردى.
تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋاپاتىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەمىر تۆمۈر كوراگان، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغۇللىرى خىزىر خوجا بىلەن ئىلياس خۇجىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇلارنىڭ ئىتائىتىدىن باش تارتىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش كۆردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، بىر پۈتۈن چاغاتاي خانلىقى پارچىلىنىپ، ئىچكى ئىختىلاپ كۈچەيدى. يەنى، خان، بەگزادىلەر ئوتتۇرسىدا تەخت، زېمىن تالىشىش ماجرالىرى زادىلا بېسىقماي، ئەلدە خاتىرجەمسىزلىك، ئىگىلىكتە ۋەيرانچىلىق ۋە ئىتتىپاقسىزلىقلار ئەۋج ئېلىپ كەتتى.
بۇنداق نىزا ۋە تەپرىقچىلىقتىن قەشقەردىكى زېمىندا مىرزا ئابابەكرى پايدىلىنىپ، قەشقەر، يەركەنلەردە نوپۇز تىكلەپ، قوراللىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللاندى.
بۇ ۋاقىتتا ئەھمەدخان چاغاتاي خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ھاكىمىيەتنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن ئوغۇللىرى مەنسۇرخان بىلەن سەئىدخان ئوتتۇرىسىدىمۇ ئۇرۇش پارتىلىدى. ئۇلار سەلتەنەت تالىشىپ ئۆز-ئارا سوقۇشتى. بۇ چاغدا مەنسۇرخان كۇچار، كورلا، قارا شەھەر، تۇرپان، بەشبالىق تەرەپلەرگە ئومۇمىي ۋالىي بولۇپ، قارارگاھى تۇرپاندا ئىدى. ئالتە شەھەرگە ئومۇمىي ۋالىي بولغان سەئىدخاننىڭ قارارگاھى ئاقسۇدا ئىدى.
سەئىدخانغا قارشى چىققۇچىلار كۆپەيدى. بىر تەرەپتىن مىرزا ئابابەكرىنىڭ ھۇجۇمى ۋە سۈيىقەستلىك ھەرىكەتلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ قارشىلىقى نەتىجىسىدە، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، تاغىسى بابۇر شاھتىن ياردەم ئېلىش ئۈچۈن ھىندىستانغا يول ئالدى. شۇندىن كېيىن مىرزا ئابابەكرى قەشقەر، يېڭىسار، يەركەن، خوتەن، ئاقسۇ شەھەرلىرىگە رەسمىي ھۆكۈمدار بولدى.
مىرزا ئابابەكرى زالىم، بەتخۇي ئادەم ئىدى. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۆز خائىشى بويىچە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، خەلقنى قاتتىق ئەزدى. بولۇپمۇ، ئاقسۇ خەلقىنى دەھشەتلىك ئىزىپ، خانىۋەيران قىلدى. ئاقسۇ خەلقىنى قەشقەر، خوتەنلەرگە مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ، شۇنىڭ بىلەن ئاقشۇ شەھىرى 16 يىل خارابى ھالەتتە تۇرۇپ، شەھەردە بىرمۇ ھاياتلىق قالمىدى.
مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىنى مۇنداق خاراب قىلىشىدىكى سەۋەب بولسا، يۇنۇس خاندىن كېيىن ئوغلى ئەھمەدخاننىڭ پايتەختى ئاقسۇ شەھرىدە بولغان ئىدى. مىرزا ئابابەكرى ئاقسۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئاقسۇ خەلقى سەئىدخان تەرەپتە تۇرۇپ، مىرزا ئابابەكرىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، بۇ شەھەر خەلقىنى قەشقەر، خوتەنگە كۆچۈرۈپ، شەھەرنى پۈتۈنلەي مەنسۇخ قىلدى. ئاسۇق شەھرىنى يېڭىدىن بىنا قىلدى. ئىنىسى مىرزا ئەبۇسەئىد سوپىنى ئاقسۇغا ۋالىي قىلىپ، ئاقسۇنى قارارگاھ قىلدى.
ئەبۇ سەئىدخان سوپى ئاكىسى مىرزا ئابابەكرىگە ئوخشاش زالىم بولغانلىقتىن، ئاسۇق شەھرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يارلىققا توققۇز زىندان قازقۇغغان ئىدى.
دېمەك، سەئىدخان مىرزا ئابابەكرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھۇجۇمى ۋە ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ مۇخالىپەتچىلىكى تۈپەيلى ۋەتەننى تاشلاپ، ھىندىستانغا بېرىش نىيىتى بىلەن پەرغانە تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.
بۇ ۋاقىتتا پەرغانىدا چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان مۇھەممەت شەيبانىخان (1451-1510) باش كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇ تۆمۈرلەڭ ئەۋلادىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىپ، بۇخارانى پايتەخت قىلىپ، ئەتراپىغا كېڭىيىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئىدى.
ئەھمەدخان ئۇلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىياغا لەشكەر تارتىپ باردى. بۇ ئۇرۇشقا ئۆزىنىڭ ئامراق ئوغلى سەئىدخانمۇ قاتناشتى. ھىجرىيە 908-يىلى ئەتراپىدا تاشكەنتنىڭ «ئەفسىر» دېگەن يېرىدىكى ئۇرۇشتا ئەخمەدخان مەغلۇپ بولۇپ، شاھبەگخاننىڭ قولىغا ئەسىر ئەسىر چۈشتى. سەئىدخان بۇ ۋاقىتتا بابۇر مىرزا بىلەن نەمەنگان ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئىدى. ئۇ ئۇرۇشتا ئېغىر يارىلىنىپ، ئەھمەد بەگە يەمبىل لەشكەرلىرىگە ئەسىر چۈشتى.
ئەھمەخاننى شاھبەگ خان ئەسىرلىكتىن بوشىتىپ، ئۆز ئورنى ئاقسۇغا يولغا سالدى. لېكىن، سەئىدخان بىر يىلدىن ئارتۇق نەمەنگان زىندانىدا ياتتى. كۆپ مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردى. ئىككىنچى يىلى ئەنجانغا، سۇلتان ۋە ئۆزبېك خانلار خان بولغاندىن كېيىن، سەئىدخاننى زىنداندىن بوشىتىپ، نازارەت ئاستىغا ئالدى. مۇشۇ پەيتلەردە ياش سەئىدخاندىكى جاسارەت ۋە قابىلىيەتنى كۆرگەن بەزى ئەمەلدارلار ئۇنىڭغا ئاستىرىتتىن ھېسداشلىق قىلىشقا باشلىدى.
سەئىدخان ئاشۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن يۇشۇرۇن تەييارلىق كۆردى ۋە پۇرسەت تېپىپ 18 قۇراللىق ئادەم بىلەن قاچتى. ئىسسىق كۆل بويىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان تۇغقىنى مۇھەممەتخاننىڭ ھۇزۇرىغا پاناھلاندى.
سەئىدخان مۇھەممەتخاننىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغان پەيتلەردە، ئۇنىڭ ئەيش-ئىشارەتكە بېرىلگەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمى پىتنە پاساتقا تولۇپ، چېرىكلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، مۇھەممەخخاننى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، دۆلەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش زۆرۈرلۈكىنى چۈشىنىپ يەتتى. شۇڭا ئۇ، مۇھەممەدخاندىن ئايرىلىپ، يىراقراق ئورۇنغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قارشى مەخپىي ھەرىكەت ئويۇشتۇرۇش قارارىغا كەلدى. مۇشۇ مەقسەت بىلەن ئۇ مۇھەممەتخاندىن يەتتە سۇغا كېتىش ئۈچۈن رۇخسەت سورايدۇ. لېكىن مۇھەممەتخان سەئىدخاندىن ئەنسىرەپ بۇ يەردىن كېتىشكە رۇخسەت قىلمايدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن سەئىدخان يۇشۇرۇن ھالدا ئۆز تەرەپدارلىرىدىن 200 دىن ئارتۇق ئادەم توپلاپ قۇراللاندۇرۇپ، مەخپىي ھالدا بۇ يەردىن قاچىدۇ. سۇلتان مۇھەممەتخان بۇ ئەھۋالنى سېزىپ قالىدۇ. ئۇلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. سەئىدخان بىلەن ئۇرۇشۇپ يارىدار بولۇپ قولغا چۈشىدۇ. ممۇھەممەتخان ئۇنى قاتتىق نازارەت ئاستىدا ساقلاشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. كېيىن مۇھەممەتخاننىڭ بىپەرۋالىقىدىن پايدىلنىپ سەئىدخان مەخپىي ھەرىكەتكە كىرىشىدۇ. ئىككى يىل نەزەربەنتتە تۇرۇش جەريانىدا يۇشۇرۇن رەۋىشتە ئۆز تەرەپدارلىرىنى تەشكىللەيدۇ. ھىجرىيە 913-يىلى(مىلادى 1507-يىلى) مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قېچىپ، يەتتە سۇ رايونىغا بارىدۇ. ئىنىسى خېلىل سۇلتان ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزىنى يەتتە سۇنىڭ خانى دەپ ئېلان قىلىدۇ. سەئىدخان يەتتە سۇ رايونىدا خانلىققا ئولتۇرغاندىن كېيىن، مۇھەممەتخاننىمۇ ئاغدۇرۇپ، ئىسسىق كۆل رايونىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن، ھەربىي تەييارلىق قىلىدۇ. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش بىلەن، مۇھەممەتخاننى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يەتتە سۇ، ئىسسىق كۆل رايونلىرىنى ئۆزىگە قارىتىدۇ.
لېكىن، بۇ ۋاقىتتا تۇرپان تەرەپلەردە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئاكىسى مەنسۇرخان ئىنىسى سەئىدخاننىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن خەۋپسىرەپ، ئۇنى ۋاقتىدا ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن، لەشكەر تارتىپ بارىدۇ. بۇ ئىككى تۇغقان ئارىسىدا ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇش بولىدۇ. يەتتە سۇ ۋە ئالمۇتا ئەتراپىدا بولغان ئۇرۇشتا سەئىدخان بارلىق لەشكەرلىرىدىن ئايرىلىپ، نارىن جاڭگاللىرىغىچە قېچىپ بېرىپ يۇشۇرۇنىدۇ. ئۇرۇشتا ئامان-ئېسەن قالغان خېلىل سۇلتان ئەنجانغا كېلىپ جانبەگ خان ھۇزۇرىدا پاناھلاندى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مەنسۇرخان جانبەگ خان ھۇزۇرىدىكى ئۆز تەرەپدارلىرى بولغان سەئىدخان مۇھەممەت، سۇلتان ئېلى مىرزا قاتارلىقلارغا بۇيرۇق بېرىپ، ئىنىسى خېلىل سۇلتاننى ئۆلتۈرگۈزدى.
سەئىدخان بىر مەزگىل نارىن جاڭگاللىرىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەندىن يۈرگەندىن كېيىن، بۇ يەردىمۇ كۆپ تۇرالماي، ئالتە شەھەر تەرەپكە ئۆتۈپ، تارىم دەرياسى بويىدىكى دولانلار ئارىسىغا يوشۇرۇندى. ئۇ، بۇ يەرگە كېلىشتە دولانلار ئارىسىدىن قوشۇن توپلاپ، مىرزا ئابابەكرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى، دولانلار ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنىڭ ئەكسىچە، ئادەملىرىنى ئۆلتۈردى ۋە تۇتۇۋالدى. بۇ ئەھۋاللاردىن چۆچۈگەن سەئىدخان ئۆزى يالغۇز نارىنغا قېچىپ باردى. ئۇ يەردە كۆپ ئاۋارە بولۇپ، جاڭگالدا قېچىپ يۈرگەن 40 دەك ئادىمى بىلەن خوتۇن-بالىلىرىنى بىر يايلاققا ئورۇنلاشتۇردى. شۇ چاغدا مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئادەملىرى كېلىپ قالدى. سەئىدخان مىرزا ئابابەكرى ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرۇپ، قېچىپ قۇتۇلدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ پەقەت 5-6 لا ئادىمى قالغان ئىدى. شەرق تەرەپتىن ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ، جەنۇب تەرەپتىن مىرزا ئابابەكرىنىڭ قولغا چۈشۈپ قېلىش خەۋپى ئۇنىڭغا دائىم كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۈچ تەرەپلىمە خەۋپ ئىچىدە قالغان سەئىدخان، بۇ خەۋپ-خەتەرلەر ئالدىدا ھېچبىر بوشاشمىدى. بىرقانچە ئادەملىرى بىلەن پەرغانىدىن چىقىپ ئافغانىستانغا بېرىش ئارزۇسى بىلەن ئەنجانغا كەلگىنىدە خوجا باتۇر ياخشى كۈتۈۋالدى. ئۇ جانبەگ خان تەرىپىدىن قۇيۇلغان ھاكىم ئىدى. خۇجا باتۇر سەئىدخانغا ھېسداشلىق قىلاتتى. ئۇ، سەئىدخاننى بىرقەنچە كۈن ئىززەت ۋە ئېكران بىلەن ئارام ئادۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشەنچلىك 5-6 ئادىمى بىلەن بەدەخشانغا يولغا سالدى. سەئىدخان بۇ يەردىن چىقىپ بەدەخشانغا باردى.
بەدەخشان خانى مىرزىخان سەئىدخاننىڭ ئالدىغا ئىستىقبالغا چىقىپ، ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىلەن بەدەخشان پايتەختى زوپەر شەھرىگە ئېلىپ كىردى. سەئىدخان سپپەردە بىرقانچە كۈن پاناھلىنىپ، مىرزىخاننىڭ ياردىمى بىلەن ھىجرىيە 916-يىلى (مىلادى 1510-يىلى) شەئىبان ئېيىدا كابۇلغا بېرىپ، تاغىسى بابۇر شاھ بىلەن كۆرۈشتى.
بابۇر شاھ ئەسلىدە سەئىدخاننىڭ ئوغلى ئىدى. يەنى، بابۇرشاھ ئانا تەرىپىدىن چدغاتاي ئەۋلادى. دادا تەرىپىدىن تۆمۈر كوراگان (ئاقساق تۆمۈر) ئەۋلادى ئىدى.
سەئىدخان كابۇلغا كەلگەندىن كېيىن، بابۇر شاھ بۇ جەسۇر سەئىدخاندىن دائىم ھەزەر ئەيلىدى ۋە يۇشۇرۇن ئادەم قويۇپ، ئاستىرىتتىن نازارەت قىلدى.
سەئىدخان كابۇلدا ئىككى يىلدەك تۇردى. بۇ جەرياندا پەرغانىدىكى ئۆز يېقىنلىرى ۋە تەرەپدارلىرى بىلەن دائىم يۇشۇرۇن ئالاقىلىشىپ، پۇرسەت كۈتتى. چۈنكى، بۇ چاغدا سەئىدخاننىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھۋچقانداق خەۋپ-خەتەر، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان جەسۇر ئىرادىلىك كىشى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن، پەرغانىدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئۇنىڭ يېقىن كىشىلىرى بىلەن تەرەپدارلىرى، كەلگۈسىدە سەئىدخان تەرىپىدىن ھاكىمەتكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن ھېسداشلىق قىلىشقا باشلىدى.
ھىجرىيە 916-يىلى(مىلادى 1510-يىلى) شايبانىخان مەرۋى پادىشاھى ئىسمائىل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئۆزبېك، قىپچاق دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پاراكەندىچىلىك يۈز بەردى. بابۇرشاھ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ھوجۇم قىلدى. سەئىدخانمۇ بۇ ئۇرۇشتا بابۇر شاھققا ھەمراھ بولدى. ئۇلار قۇندۇز شەھرىگە كەلگەندە، پەرغانىدىن ئۇ يەردىكى سەئىدخان تەرەپدارلىرىنىڭ ئۆزبېكلەرنى مەغلۇب قىلغان خەۋىرى ھەمدە بابۇرشاھتىن ياردەم سورىغۇچى ئەلچىلەر كېلىپ، بابۇر شاھ بىلەن ئۇچراشتى. بابۇر شاھ بۇلارنىڭ ئىلھامىغا ئاساسەن، سەئىدخان بىلەن بىر قىسىم قوشۇننى پەرغانىگە ئەۋەتتى. سەئىدخان پەرغانىگە كېلىپ بۇ يەرنى ناھايتى تېزلا ئىشغال قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي مىرزا ئابابەكرىنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇلارنىمۇ مەغلۇب قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سەئىدخان پەرغانىدە، بابۇر شاھ سەمەرقەندتتە ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزبېك خانلارنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن ناھايتى كۆپ ئۇرۇشلاردا زەپەر قازانغا بولسىمۇ، ئۇلارنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇب قىلالامىدى. شۇ يىلى سەئىدخان تاشكەنتنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلىپ، ئۆزبېك خانى سويۇنچۇق خاندىن يېڭىلىپ پەرغانىگە قايتىپ كەلدى. دەل شۇ ۋاقىتتا بابۇر شاھ ئوبەيدە خانىدىن يېڭىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىنىپ، كابۇلغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. نەتىجىدە سەئىدخان بىرقانچە دۈشمەن ئارىسىدا يالغۇز قالدى. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان سويۇنچۇق پەرغانىگە-سەئىدخان ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. سەئىدخان سويۇنچۇقنىڭ ئالدى تەرىپىدىن مۇداپىئە قىلىپ، ئارقا تەرىپىدىن ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ سېپىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۇنى پارچىلاپ مەغلۇب قىلدى.
ئەمما، مۇشۇ بىر قاتار مەغلۇبىيەتلەر ۋە قالىبىيەتلەردىن كېيىن، ئۆزبېكلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپلار پەسىيىپ، ئۇششاق ئۆزبېك خانلىقلىرى ئوبەيدە خاننىڭ بايرىقى ئەتراپىغا يوپلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزبېكلەردە دۈشمەنلەرگە غالىب كېلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، سەئىدخان ئۆزبېكلەرگە تاقابىل تۇرالماسلىقىنى چۈشىنىپ، ئۆزبېكلەرنىڭ شىمالىدا ياشىغۇچى قازاقلارنىڭ خانى قاسىرخان بىلەن بىرلىشىپ، ئوبەيدە خانغا قارشى ھەربىي ئىتتىپاق تۈزدى.
قاسىرخان ئەسلىدە جانبەگ خاننىڭ ئوغلى بولۇپ، سەئىدخاننىڭ ھاممىسى سۇلتان نىگار خېنىمنىڭ ئېرى ئىدى. قاسىرخان سەئىدخاننى چوڭ ئىززەت-ئېكرام بىلەن كۈتۈۋالدى. بۇلار كېڭىشىپ ھىجرىيىنىڭ 919-يىلى (مىلادى 1513-يىلى) باھاردا ئىككى تەرەپ بىرلا ۋاقىتتا ئوبەيدە خان ئۈستىگە ھوجۇم قىلماقچى بولدى. بىراق، باھاردا قىپچاقلارنىڭ غەربىي تەرىپىدە توقۇنۇش پەيدا بولدى. قاسىرخان شۇ تەرەپكە ھۇجۇم قىلىشقا مەجبۇر بولدى. سويۇنچۇق خان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ سەئىدخان ئۈستىگە باستۇرۇپ كەلدى. بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن سەئىدخان سەركەردىلىرى بىلەن كېڭىشىپ، ئۆزبېكلەرنىڭ بىرلەشكەن كۈچىگە تاقابىل تۇرالماسلىقىنى چۈشىنىپ، ئۇرۇش قىلماستىن، قەشقەرگە يۈرۈز قىلىش قارارىغا كەلدى ۋە ئۆزگەن يولى بىلەن قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى.
سەئىدخان 10 مىڭ كىشىلىك خىل قوشۇن بىلەن ھىجرىيىنىڭ 920-يىلى(مىلادى 1514-يىلى) 1-ئايدا نارىنغا كەلدى. بۇ يەردە بىر ئايدەك تۇرۇپ، قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، تولۇق تەييارلىق كۆرگەندىن كېيىن قەشقەرگە قاراپ يۈرۈش قىلدى.
شۇنداق قىلىپ، مىرزا ئابابەكرى بىلەن سەئىدخان ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك ئۇرۇش پارتىلىدى.

مۇئەللىپ: ئىبراھىم نىياز
«تارىختىن قىسقىچە بايانلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى


سۇلتان سەئىدخان تاغىسى بابۇر مىرزىنىڭ قېشىدا (كابۇلدا) بىرقانچە مۇددەت تۇرۇپ، بابۇر شاھتىن بىر قىسىم قورال-ياراق ۋە ئەسكىرى قۇۋۋەت ئېلىپ قايتتى. لېكىن، ئاساسىي كۈچنى پەرغانىدىن ئالدى.
يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، سەئىدخان كابۇلدا تۇرغان مەزگىللەردە تۈرلۈك يول ھەم ۋاستىلەر ئارقىلىق پەرغانىدىكى بىرقىسىم كىشىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى (بۇلارنىڭ بىر قىسمى مىرزا ئابابەكرىنىڭ زۇلۇمى ۋە باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قەشقەردىن پەرغانىگە كېلىپ قالغانلار ئىدى).
سەئىدخان كابۇلدا يولغا چىقىشتا، بابۇر مىرزا سەئىدخانغا، فارسى زابانغا ماھىر بولغان بىرقانچە ئالىملارنى ھەمراھ قىلىش بىلەن بىرگە، بىر بۆلبك پارس تىلىدىكى كىتابلارنىمۇ تەقدىم قىلغان ئىدى. سەئىدخاننى كابۇلدىن ئۇدۇل پەرغانىگە يولغا سېلىشتىكى مەقسەت : دىيارىمىزغا پەرغانە تۇتاش بولۇپ، يول قاتنىشى قولايلىق بولغاچقا، ئۇنى شۇ يول بىلەن ماڭدۇردى.
سەئىدخان كابۇلدىن كانجۇت يولى بىلەن پەرغانىگە كەلدى. ئۇ پەرغانىدە ئىمىر تۆمۈر كوراگاننىڭ نەۋرىسى مىرزا ھەيدەر دوغلاتى دېگەن ئاقىل، دانا ۋەزىرىنى ھەمراھ قىلىپ، 10 مىڭ كىشلىك ئەسكىرى كۈچ بىلەن دىيارىمىزغا كىرىپ، ناھايىتى شىددەتلىك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى.
مىرزا ئابابەكرى سەئىدخاننىڭ قەشقەرگە قىلغان يۈرۈشىدىن خەۋەر تېپىپ، زور ھەربىي كۈچ بىلەن قەشقەرنى قاتتىق مۇداپىئە قىلدى. بىراق، سەئىدخاننىڭ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن، مىرزا ئابابەكرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلق سەئىدخان تەرەپكە ئۆتۈپ، تىغ ئۇچىنى ئۇنىڭغا قاراتتى. سىرىتقى تەرەپتىن سەئىدخاننىڭ ئەجەللىك زەربىسى، ئىچكى جەھەتتىن خەلقنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن مىرزا ئابابەكرى تېزلا ھالىدىن كەتتى. بۇ ئۇرۇشتا مىرزا ئابابەكرىنىڭ قېرىندىشى مىرزا ئەزىزى ئۆلدى. قەشقەردىكى ئۇرۇشتا ھالىدىن كەتكەن مىرزا ئابابەكرى يەكەندە ئۆز ئورنىغا ئوغلى جاھانگىر مىرزىنى قويۇپ، تىبەتكە قاراپ قاچتى ۋە چۆللەردە ھالەك بولدى.
مىرزا ئابابەكرى قېچىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، خەزىنىدە قالغان ئالتۇن-كۈمۈچ، دەفئى-دۇنيانى قويماي ئېلىپ قاچقان جاھانگىر مىرزىمۇ يولدا ئۆلدى. سەئىدخان قوشۇنلىرى خوجا ئېلى باتۇرنىڭ قوماندانلىقىدا يەكەنگە كىرىپ، مىرزا ئابابەكرىنىڭ ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بەردى.
قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەتلەر سەئىدخاننىڭ دۆلەت قۇرۇش توغرىسىدىكى ئالىۇ ئىرادىسىنى قىلچە بوشاشتۇرمىدى م بەلكى بۇ ياش شاھزادىنى چېنىققان بىر سەركەردە، قەبىليەتلىك بىر دۆلەت ئەربابى قىلىپ يېتىشتۈردى.
سەئىدخان يەكەننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ھىجرىيە 920-يىلى(مىلادى 1514-يىلى) رەجەب ئېيىنىڭ 30-كۈنى (كونا ئاي ھېسابى بويىچە 7-ئايدا) چوڭ قۇرۇلتاي چاقىرىلدى. قۇرۇلتايدا سەئىدخاننى سۇلتان دەپ ئېلان قىلدى. يەكەن شەھىرى بۇ دۆلەتنىڭ دائىمى پايتەختى قىلىپ بېكىتىلدى. يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ شەكلىنى نوقۇت رەڭ ئۈچ بۇرجەكلىك بايراققا ئۆزگەرتىپ، «لاالەالاالا مى مدروسول اللە» دېگەن كەلىمە ئالتۇن بىلەن يېزىلدى. بايراقنىڭ سول تەرىپىگە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان تارىخى-ۋاقتى يېزىلدى. بايراق مەھكىمە دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە ئېسىلدى.
يەكەن سەئىدىيە خانلىقى ئىچكى ۋە خەلقئارا ئىشلاردا پارس تىلىنى قوللاندى، ھەتتا مەدرىسلەردە ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنىڭ 70 پىرسەنتى پارس تىلى بىلەن ئۆتۈلدى.
سەئىدىيە خانلىقى «شەرىئەت مۇھەممىدىيە»نى دۆلەت دىنى قىلىپ ئىجرا قىلدى، دۆلەتنىڭ بارلىق مالىيە كىرىملىرى شەرىئەت يولى بىلەن توپلاندى.
بابۇر شاھ ئىمىر تۆمۈر كوراگان ئەۋلادى ئىدى. ئۇ ئافغانىستاندىن ئۆتۈپ، ھىندىستاننى ئىشغال قىلىپ قۇرغان خانلىققا پارس تىلىنى دۆلەت تىلى قىلغان ئىدى. شۇ دەۋردە سەئىدخان ھىندىستانغا بېرىپ بابۇر شاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئالتە شەھەرنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ھىندىستاندىن دائىم بابۇرشاھ كىشىلىرى يەكەنگە كىلىپ تۇراتتى. ھەتتا ھىندىستان، ئافغانىستان، كەشمىر قاتارلىق جايلاردىن شىنجاڭغا كىلىپ، شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشتى.
بابۇرشاھ خانلىقىنى ھىندىلار «موغۇل خانلىقى» دەپ ئاتايتى.
بابۇرشاھنىڭ ئۆزى پارس زابان ۋە پارس يېزىقىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن تەۋەلىرىدىمۇ بۇ يېزىق ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىنىپ ئىشلىتىلگەنلىكتىن، خەلقمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.
مەۋلانە جالالىدىن رومى ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى بولغان «مەسنىۋى شىرىق»نى پارس تىلىدا يازغان.
ھىجرىيىنىڭ 990-يىللىرىدىن كېيىن بابۇرشاھ ئەۋلادىدىن ئەكبەرشاھ ھىندىستاندا تەختتە ئولتۇرۇپ، ئاتىسى قوللانغان پارس تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئوردۇ تىلىنى دۆلەت تىلى قىلدى.
سۆز بېشىغا كەلسەك، سەئىدخان قۇرۇلتاي تامان بولغىچە شەھەرگە كىرمەي، شەھەر سىرتىدا تۇرۇپ تۇردى. قۇرۇلتاي تامان بولغاندىن كېيىن، چوڭ داغدۇغا ۋە دەبدەبە بىلەن «ئارك» (ئوردا) غا كىرىپ تەختتە ئولتۇردى. ئۇ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئۇزاك كۈرەشلەردە يېقىن ياردەمچىسى ۋە ساداقەتمەن سەركەردىسى بولغان سەئىد مۇھەممەت مىرزىنى ئەمىر كەبىر (باش قوماندان) ئۇۋانى بىلەن باش ۋەزىر ۋە قەشقەرنىڭ ئومۇمىي ۋالىسى قىلىپ تەيىنلىدى. نەتىجىدە يەكەن، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، ئىسسىق كۆل، يەتتە سۇ رايۇنى سەئىدخانغا تەۋە بولۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگە ۋالىي، ئەمىر، ھاكىملارنى بەلگىلىدى.
بۇ ۋاقىتلاردا كۇچاردىن تۇرپان، باش بالىق، ئىلىغىچە بولغان جايلار سەئىدخاننىڭ ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ تەسەرۇپىدا ئىدى.
سۇلتان سەئىدخان ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش، ۋەتەن، خەلقنى ياخشى ئىنتىزام ۋە ئادىل قانۇن بىلەن باشقۇرۇش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلققە بەخت-سائادەت يارىتىش ئارزۇسىدا بولۇپ كەلدى. بىراق ئاكىسى مەنسۇرخان سەئىدە خانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي، ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسى تۇتتى. سەئىدخان بۇنىڭغا قارىتا ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەي، تىنچ سۆھبەت سۈلھى يولى بىلەن بىرلىككە كىلىشنى لايىق كۆردى. چۈنكى سەئىدخاننىڭ دۆلەت قۇرۇشتىكى مەقسىدى ۋە سىياسىتى ھۆكۈمران بولۇش، تاج كىيىش، شەخسىي غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولماستىن، بەلكى يۇرتنىڭ تېنچلىقى، خەلقنىڭ ئەمىنلىكىنى تەمىن ئېتىش ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، ئۇرۇشۇشتىن سۈلھىنى ئەلا بىلدى.
سەئىدخاننىڭ «دۆلەت قۇرۇشتىن مەقسەت: يەر زېمىنلارنى ئىشغال قىلىپ، تاج كىيىپ، شەخسىي ئارزۇسىنى قاندۇرۇش بولماستىن، بەلكى ئەسىرلەردىن بىرى راھەت كۆرمىگەن خەلقنى راھەتكە چىقىرىش» دېگەن ئارزۇسىنى خەلققە بىلدۈرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
ئۇ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن مانا ئاشۇ ئارزۇسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. يەنى ئالدى بىلەن خەلق ئۈستىدىكى ھەر خىل باج خىراجەت، سېلىقلارنى ئون يىلغىچە كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مىرزا ئابابەكرى تەرىپىدىن بۇلاپ-تالاپ توپلانغان خەزىنىدىكى بايلىقلارنى ئەسكەرلەر بىلەن خەلققە ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. سەئىدخان ئىنتايىن تەقۋادار، ئاق كۆڭۈل ۋە خەلقپەرۋەر زات بولۇپ، خەلققە جەبىر-زۇلۇم قىلمايتتى. بىھۇدە قان تۆكۈش ئىشلىرىدىنمۇ خالىي كىشى ئىدى. ئۇ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئەنە شۇ روھتا تەربىيلىگەنلىكتىن، كېيىنكى ۋاقىتتا ئوغلى ئابدۇرەشىدخاننىڭ سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرۇپ يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى مانا بۇنىڭ ھەقىقىي دەلىلىدۇر. سۇلتان سەئىدخان ھاكىمىيەتنى مۇستەككەملەپ ئالغاندىن كېيىنمۇ ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن ھەرگىز ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدە بولمىدى. يۇشۇرۇن ئالاقە ئارقىلىق ئاكىسى تەرەپتىكى يېقىنلىرى ۋە ئىنىسى ئىمىن خۇجا سۇلتان بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ تۇردى. ئەمما ئاكىسى مەنسۇرخان سەئىدخاننىڭ ئۇچتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆز مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۇچارغا نۇرغۇن ئەسكىرى قۇۋۋەت توپلاپ، ئىنىسى ئىمىن خۇجا سۇلتاننى قوماندان قىلىپ، سەئىدخاندىن مۇداپىئە كۆرۈشنى بۇيرىدى ئ بۇ ئارلىقتا ئىمىن خۇجا سۇلتاننىڭ سەئىدخان بىلەن يۇشۇرۇن ئالاقىلىشىپ تۇرغانلىقى مەنسۇرخانغا سىزىلىپ قېلىپ، ئۇنى يۇشۇرۇن ئۇجۇقتۇرۋېتىشنى ياركەبەگ دېگەن سەركەردىسىگە بۇيرىدى. ئەمما بۇ كىشى ئاستىرىتتىن ئىمىن خۇجا سۇلتانغا يېقىن كىشى بولۇپ، بۇ سىرنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويدى ۋە ئۇنى مەخپىي ھالدا يەكەنگە قاچۇرۋەتتى. ئىمىن خۇجا سۇلتان ئۆز يېقىنلىرى بىلەن يەكەنگە كېلىپ، ئاكىسى سەئىدخاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن سەئىدخان ئىمىن خۇجا سۇلتاننى ئۆز نامىدىن ئاقسۇغا ۋالىي قىلىپ بەلگىلەپ، نۇرغۇن سوغا-سالاملار بىلەن يولغا سالدى. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن بەگلەرگىمۇ ھەددىيە، دەرىجە مەنسەبلەپ بېرىپ ئۇزاتتى. ئاكىسى مەنسۇرخانغىمۇ نۇرغۇن نۇرغۇن سوۋغا-سالاملار بىلەن ئەلچىلەر ئەۋەرتىپ تېنچ سۆھبەت يولى بىلەن بىرلىككە كېلىشكە، ئارىدىكى نىزاھ، زىددىيەتلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ ئىتتىپاقلىشىشنى تەۋسىيە قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەنسۇرخان ئۆز ئىنىسى سەئىدخان، خېلىل سۇلتان ۋە ئىمىن خۇجا سۇلتانلارغا قىلغان ئىشىدىن كۆپ پۇشايمان قىلىپ، تۇرپاندىن نۇرغۇن سوۋغا-سالاملار بىلەن خوجا تاجىدىن باشچىلىقىدا سەئىدخانغا ئەلچى ئەۋەتتى.
خوجا تاجىدىن بەگ يەكەنگە يېتىپ كېلىپ سەئىدخانغا مۇلاقەت بولدى. سەئىدخان بۇ ۋەكىللەرنى ناھايىتى ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلدى ۋە ئاكىسى مەنسۇرخانغا بولغان كۆڭۈلدىكى ئاداۋەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، نۇرغۇن سوۋغا-سالاملار بىلەن تۇرپانغا يولغا سالدى.
بىرقانچە قېتىملىق ئەلچىلەرنىڭ بېرىپ-كىلىشى بىلەن ئاكا-ئۇكىلار ئۆزئارا ئۇچرىشىش، مەسىلىنى تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا قوشۇلدى. ئۇچرىشىش ئورنى ئاقسۇنىڭ ئاۋات قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ كىلىشىمگە ئاساسەن سەئىدخان دۆلەت ئەربابلىرى ۋە نۇرغۇن ھەربىي كۈچ بىلەن يەركەنگە يولغا چىقىپ ھىجرىيىنىڭ 922-يىلى(مىلادى 1516-يىلى) 1-ئايدا ئاقسۇغا يېتىپ باردى.
مەنسۇرخانمۇ ئۆز ئادەملىرى بىلەن بايغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. لېكىن مەنسۇرخان ئۆتكەندىكى ئىشلار ئۈچۈن مەندىن ئۆز ئالارمىكىن، دېگەن گۇمان بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپتىن كاپالەت ئۈچۈن بىرقانچىدىن كىشىنى ئالماشتۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويدى. سەئىدخان بۇ شەرتنى قوبۇل كۆرۈپ مىرزا ھەيدەر دوغلات باشلىق ئۈچ كىشىنى كاپالەت ئۈچۈن مەنسۇرخان تەرەپكە ئەۋەرتتى. مەنسۇرخانمۇ ئانىسى ساھىب دۆلەت خېنىم باشلىق بىرقانچە كىشىنى سەئىدخان تەرپەكە ئەۋرتتى. كاپالەت ھەيئەتلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىگە ئوتتۇزدىن ئادەمنى ھەمراھ قىلىپ، ئۇچرىشىش ئورنىغا يېتىپ كېلىشتى.
ئۇچرىشىشتا سەئىدخان بارلىق ئاداۋەتلەرنى كۆڭلىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئاكىسى مەنسۇرخاننى ئاتا ئورنىدا ھۆرمەت قىلىپ كۈتۈۋالدى. بۇ ئۇچرىشىش بىلەن ئىككى قېرىنداش ئوتتۇرسىدا مۇكەممەل ئىتتىپاق تۇرغۇزۇلۇپ ۋەتەن تۇللۇق بىرلىككە كەلدى. نەتىجىدە، يەكەن سەئىدىيە خانلىقى كۈچلۈك بىر ھلاغا كېلىپ دۇنيدغا تونۇلدى. ئۇنىڭ شىمالىي ھۇدۇدى يەتتە سۇ ۋە توقماقلارغىچە، جەنۇبىي ھۇدۇدى تىبەت، كەشمىرلەرگىچە، شەرق ھۇدۇدى قۇمۇلغىچە، غەربىي بەدەخشانغىچە كېڭەيدى.
يەركەن سەئىدە خانلىقى سەئىدىخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە(1533-1514) ئەنە شۇنداق كەڭ زېمىنغا ئىگە نوپۇزلۇق، ئەتىۋارلىق، كۈچلۈك بىر خانلىق بولدى.
سەئىدخان دەۋرىدە دۆلەت بىرلىككە كېلىپ، خەلق ئەمىن تېپىپ، ئىگىلىك گۈللىنىپ، خەلق راھەت-پاراغەتتە ئوتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دەۋردە «قۇمۇلدىن بەدەخشانغا بارغىچە ئۇزۇق-تۈلۈك ئالماي، ئۆيدىن-ئۆيگە ئۆتۈپ مېھمان بولۇپ باراتتى.»
سەئىدخان دۆلەت چېگرىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىگىلىكنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، بىرقانچە قېتىم لەشكەر تارتىپ، بەدەخشاندىكى باشباشتاق قەبىلىلەرنى ئىتائەتكە كەلتۈردى. ئۇ ئاخىرقى قېتىم «ئورساڭ» (ئىچكى تىببەت) نى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، لاساغا قوشۇن تارتىپ بېرىپ، شىزاڭنى بويسۇندۇرۇپ، قايتاشىدا يول ئۈستىدە تۈرەك ئېلىپ كېتىپ ۋاپات بولدى. يەنى، ھىجرىيىنىڭ 939-يىلى(مىلادى 1533-يىلى) 47 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىدى يەركەنگە ئېلىپ كېلىنىپ ئالتۇنلۇق مازارىغا دەپنە قىلىندى.
سۇلتان سەئىدخان 16 يېشىدىن 47 يېشىغىچە 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق يەركەن سەئىدىيە دۆلىتىنى قۇردى ۋە ئۇنى مەنىۋىي ۋە ماددىي ئاساسقا، ناھايىتى باي، مۇنبەت كەڭ تېرىتورىيىگە ئىگە قىلىپ دۇنيادىن ئۆتتى. ئۇنىڭ خانلىقتا ئولتۇرغان ۋاقتى 19 يىل بولدى.
سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، چوڭ ئوغلى-ئاقسۇنىڭ ۋالىيسى ياش سەركەردە ئابدۇرەشىدخان ئاتىسىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. ئابدۇرەشىدخان تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن، دۆلەتنى ئەدىلە-ئادالەت بىلەن باشقۇرۇپ، ئىلىم-پەن، مائارىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنى دېموكراتىيىدە ئىنسانى ھېسسىيات بىلەن ئىدارە قىلدى.
ئابدۇرەشىدخان ئاتىسىدەك ئاقىل، زېرەك، پاراسەتلىك، غەيۇر سەركەردە ئىدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاقتىدا كۆپ ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ، يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تىكلىنىشى، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىدە ئۆچمەس خىزمەتلەرنى كۆرسەتتى.
ئابدۇرەشىدخان زامانىسىدا ئەل-يۇرت ئەمىنلىك تېپىپ، ئەدەب-ئەخلاق كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت بولۇپ قالدى. ئۇ پارس تىلى سۆزلىشىش، پارس يېزىقى بىلەن ئەسەر يېزىشنى تەدرىجى كېمەيتىپ، ئۇيغۇر تىلىدا سۆلەشنى، ئۇيغۇر يېزىقىدا ئەسەر يېزىشنى تەشەببۇس قىلدى. نۇرغۇنلىغان پارس كىتابلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدۇردى. تەرەققىياتپەرۋەر ئاندۇرەشىدخان بارلىق ئىدارە، دىۋانخانا(كاتىبات) ۋە باشقا مۇئەسسەلەرگە قەدەر كونا تۈزۈمدىكى خۇراپىي ئادەتلەرنى قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكە يول ئېچىپ، پارسچە كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئىدارە تەشكىل قىلىپ، خەلقنىڭ بىۋاستە پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئوڭايلىق يارىتىپ بەدى.
ئابدۇرەشىدخان مائارىپنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ھەرقايسى جايلاردىن مەدرىس، مەكتەبلەرنى ئاچتى. ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىم قىلدۇرۇپ، ئۇنى كەڭ تالىپلارنىڭ پايدىلىنىشىغا تەقدىم قىلدى. نەشرىيات ئورۇنلىرىنى بەرپا قىلىپ كىتابلارنى نەشىر قىلدۇردى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى، مۇئەررىخ، مۇزىكانت، سەنئەتكارلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقتى. جۈملىدىن سۇلتان سەئىدخان زامانىسىدا ھىندى بىرەھمىنى يازغان مەشھۇر ئەسەر «كەلىلە دەمىنە» ھىجرىيىنىڭ 1130-يىلى مۇھەممەت سىدىق قەشقىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى. ئۇيغۇر مۇئەررىخ شائىرلىرى نۆبىتى، زەلىلى، نازارى، خىرقىتى، غېرىبى، سوبورىلار ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە يېتىشىپ چىققان تالانتلىق ئۇيغۇر ئەدبلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە دۆلەت ئورگىنىدا ئالىي خىزمەت بىجىرىپ تۇرغان ئەربابلاردىن ۋەزىر بولغان مىرزا مۇھەممەت، مىرزا ھەيدەر كوراگان، مىرزا ھۈسىيىنلەر-ئاتاقلىق ئالىم، ئەدب، شائىر، سىياسىئونلار ئىدى. مىرزا ھەيدەر كوراگان بولسا ئىمىر تۆمۈر كوراگاننىڭ نەۋرىسى ئالىيجاناپ كىشى بولۇپ، سۇلتان سەئىدخان بىلەن دىيارى پەرغانىدىن بىللە كەلگەن. سەئىدىيە خانلىقىغا ئەڭ سادىق، ئاڭ ئىخلاسمەن بولغانلىقتىن ئۇنى ئابدۇرەشىدخان قەشقەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەيىنلىگەن.
ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە خەلق ئىچىدە تەسىرى بار كىشىلەرمۇ چەتئەلدىن شىنجاڭغا كېلىپ تۇرۇپ قالغان. ئىراقتىن قۇتبىدىن خۇجام دېگەن كىشى كېلىپ قورغان يېزىسىدا سوپى ئىشانلىق قىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ھازىر بۇ كىشىنىڭ قەبرىسى كىشىلەر زىيارەت قىلىدىغان مازارلارنىڭ بىرىدۇر. يەنە شۇ ۋاقىتتا سەمەرقەنتتىن خوجا مۇھەممەت شېرىپ پىرىم دېگەن كىشى يەركەنگە كېلىپ، تەرىقەت بىلەن شۇغۇللىنىپ شۆھرەت قازانغان. ئاخىر بۇ كىشى يەركەندە ۋاپات بولۇپ، يەركەندە دەپنە قىلىنغان. خەلق بۇ كىشىنى «ھەزرىتى پىر» دەيدۇ. ئۇنىڭ مەقبەرىسىنىمۇ «ھەزرىتى پىر» مازىرى دەپ ئاتايدۇ.
مۇندىن باشقا ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە تۈرلۈك قۇرۇلۇش تەمىناتلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولغان. يەركەن شەھىرى ئىچىگە بىرقانچىلىغان چوڭ مەدرىس، جامە، مەسچىت، خانىقا، كۆل، ئېرىق-ئۆستەڭ ئەھيا قىلىنغان. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن يەركەن چوڭ جامە مەدرىسى بىلەن قىرىق گۈمبەز ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئەھيا قىلىنغان ئىلىم ئۇچاقلىرىندۇر.
يەركەن چوڭ كۆۋرۈكى مۇشۇ ۋاقىتتا ياسالغان زور قۇرۇلۇشلارنىڭ نەمۇنىلىرىدىن ئىدى. يەركەندە يەنە نۇرغۇن باغلار، راباتلار رەتلەنگەن ۋە قايتىدىن ئەھيا قىلىنغان.
چاغاتايخان دەۋرىدە سېلىنغان قەشقەر شەھرىنىڭ شەرقىدىكى بەشكېرەم خانئۆي شەھرىگە كېلىدىغان سۇ بېشىغا تاغ كۆمتۈرۈلۈپ چۈشۈپ، ئۆستەڭ كۆمۈلۈپ قالغانلىقتىن، بۇ جاي ئېغىر قۇرغاقچىلىققا ئۇچراپ، ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت شۇ ھالەتتە تۇرغان ئىدى. مىرزا ھەيدەر كوراگان ھىجرىيە 940-يىلى قايتىدىن ئۆستەڭ چاپتۇرۇپ، سۇنى راۋان قىلىپ، بۇ جايدىكى قۇرغاقچىلىققا خاتىمە بەرگەن.
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان 27 يىل تەختتە ئولتۇرۇپ مىلادى 1560-يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىدى يەركەن ئالتۇنلۇق مازارىغا دەپنە قىلىندى.
ئابدۇدەشىدخان ئاتاقلىق ئالىم، مەرىپەت باغۋىنى، شائىر-ئەدىب بولغىنى ئۈچۈن، مائارىپنى تۇتۇش ئارقىلىق، جەمئىيەتنى ئىلىم-ئىرپان كانىغا ئايلاندۇرۇش، خەلقنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن داڭلىق پادىشاھتۇر.
ئۇ پادىشاھ بولغان مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا 2263 ئورۇندا مەدرىس، 1533 ئورۇندا مەكتەپ قۇرۇلغان. چوڭ شەھەر ۋە ناھىيە بازارلىرىدا خانلىق مەدرىس ۋە ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان مەدرىسلەر تەسىس قىلىنغان. يېزا، مەھەللىلەردە مەھەلىۋى مەدرىسلەر تەسىس قىلىنغان. بۇ مەدرىس، مەكتەپلەرنىڭ راسخوتلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن يەر، تۈگمەن، سوقا-ساراي، دۇكانلار ۋەخپە قىلىنىپ، شۇنىڭ كىرىمى ئارقىلىق مەدرىس، مەكتەپلەرنىڭ خىراجەتلىرى دۆلەت خەزىنىسىدىن بېرىلگەن. شۇڭلاشقا سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە قەشەر، يەركەندىكى مەدسىرلەرنى، يەنە مەسىلەن، يەركەندىكى «رەشىدىيە مەدرىسى»، «يېشىل مەدرىس»، «جامە مەدرىسى»، قەشقەردىكى «خانلىق مەدرىس»، «ساقىيە مەدرىسى» قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ نامى شىنجاڭدا مەشھۇر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىمۇ شۆرەت قازانغان. چەتئەلدىن نۇرغۇن تالىپلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ قايتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دەۋردە، سەئىدىيە دۆلىتى تېرىتورىيىلىرىدە قەشقەر ئىلىم-پەن مەركىزى بولۇپ، «سانى بۇخارا» (2 -بۇخارا) دەپ نام قازانغان. ئەمدىيلىكتە شىنجاڭ خەلقى ئىلىم ئىزلەپ يىراق يوللارنى بېسىپ ئىستامبۇل، قازان، بۇخارا، باغداد، دېھلى، تېھران، كابۇل قاتارلىق جايلارغا بارمىسىمۇ، قەشقەردە ئىلىم ئېلىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇشنىڭ شەرت-شارائىتلىرى ھازىر بولغاچقا، نۇرغۇن ئالىم، قازىلار يېتىشىپ چىقتى.
سەئىدىيە دۆلىتى سىياسى بىلەن دىننى بىر-بىرىدىن ئايرىپ قاراپ، ئىجتىمائىي ھاكىمىيەتچىلىك سەلتەنەتلىرىنى قولدىن بەرمەي كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خانلىق دەۋردە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت مائارىپ ئورونلىرى بىلەن دىننىي پائالىيەت ئورۇنلىرى تەشكىلى قۇرۇلما، ئورۇن، تۈزۈم جەھەتلەردىن بىر-بىرىگە بېقىنماي، ئارىلاشماي، ھەرقايسىلىرى ئۆز مۇددىئا مۇراد-مەقسەتلىرى بويىچە مۇستەققىل مۇئەسسەلەر سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. سەئىدىيە دۆلىتىگە تەۋە ھەر بەش كەنتتە تۆتتىن مەكتەپ ياكى مەدرىس، ھەر ئىككى كەنتتە بىردىن خانىقا ياكى مەسچىت بولغانلىقىدەك بۇ سېلىشتۇرما قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ئەلۋەتتە.
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەلنىڭ ئىتتىپاقى، رەئىيەتنىڭ ماقۇللىشى بىلەن، ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇكېرىمخاننى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەختىگە ۋاىس قىلىپ، پادىشاھلىققا كۆتۈردى. ئابدۇكېرىمخانمۇ ئەلنى ئەدىلە-ئادالەت بىلەن سورىدى.
ئابدۇكېرىمىئان 33 يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، ھىجرىيىنىڭ 1000-يىلى دۇنيادىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىدى ئالتۇنلۇق مازارىغا دەپنە قىلىندى ۋە ئۇنىڭ ئاقسۇدىكى ئوغلى مۇھەممەتخان ئاتىسىنىڭ ئورنىغا خانلىققا ئولتۇردى.
مۇھەممەتخان سوپى زاھىد كىشى بولۇپ، سىياسەتتىن ئانچە خەۋىرى يوق ئىدى. دۆلەتتە چوڭ خىزمەت كۆرسىتەلمىدى. مۇشۇنداق ئەھۋال بىلەن يەركەن سەئىدىيە خانلىقىدا 18 يىل ھۆكۈم سۈرۈپ ھىجرىيىنىڭ 1018-يىلى يەركەندە ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىدىمۇ ئالتۇنلۇم مازارىغا دەپنە قىلىندى.
مۇھەممەتخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى ئەھمەدخان خانلىققا ئولتۇردى. بۇ ساددا، دەرۋىش مىجەز، سىياسىي بىلەن كارى يوق كىشى بولغاچقا، ئوردا خىزمەتچىلىرىنىڭ خائىنلىقىدىن ۋاقىپ بولالماي، ئۆز ئوردىسىدا مۇناپىق خىزمەتچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ھىجرىيە 1024-يىلى بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مۇھەممەتخاننىڭ يەنە بىر ئوغلى سۇلتان ئابدۇلىتىپخان خانلىق تەختتە ئولتۇردى. سۇلتان ئابدۇلىتىپخان زىيادە مەرد، خەلقپەرۋەر، ئىلىمپەرۋەر كىشى ئىدى. ئىلىم-پەن، مائارىپ، دىننىڭ راۋاجى ئۈچۈن زور خىزمەتلەر كۆرسەتتى. مۇھىم شەھەرلەردە نۇرغۇن مەدرىس، جامەلەرنى تەمىر قىلدۇردى.
قەشقەر شەھرى چاھارسۇ(چاسا)دىكى ئالىي بىلىم يۇرتى «خانلىق مەدرىس»نى تەمىر قىلدى. بۇ مەدرىسنىڭ خىراجىتىنى خەزىنىدىن بىرىپ، ئىلىم-پەننى راۋاجلاندۇردى. خانلىق مەدرىستە ئۆلىمالارنى تەربىيلەتتى. كىشىلەر ئىمتاھان بېرىپ ئاندىن دىننىي مەنسەپكە ئولتۇراتتى. مەسىلەن، قازى، ئەلەم، موفتى، مۇدەررىس، ئىمام-خاتىپ، مۇئەززۇن قاتارلىق دىننىي ۋەزىپىلەرگە مەزكۇر خانلىق مەدرىسى پۈتۈرگەنلەر تەيىن قىلىناتتى.
چۈنكى، مەھكىمە شەرئى ئەنە شۇ خانلىق مەدرىستە بولۇپ، دارىلقازا ئورنى بولغانلىقتىن، «مەدرىسەئى قازىيان» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن، كېيىنكى يىللاردا خانلىق مەدرىسىنىڭ ئالدىدا قازانچىلار قازان ساتىدىغان بازار ئاچقانلىقتىن ئاۋام خەلق بۇ خانلىق مەدرىسنى قازان مەدرىسى دەپ ئاتايدىغان بولدى. ئابدۇلىتىپخان يەركەن، قەشقەردە بىلىم يۇرتىنى تەسىس قىلىش بىلەن بىرگە، يېڭىسار، قاغىلىق قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ كاتتا مەدرىس، جامەلەرنى ياسايتتى. ئابدۇلىتىپخان ھاكىمىيەتنى ئەدىلە-ئادالەت بىلەن باشقۇردى، ئىلىم-پەننى راۋاجلاندۇردى، خەلقنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى. لېكىن ئۇنىڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بىرقىسىم كىشىلەر-قارا نىيەتلىك ئاداملەر بولغانلىقتىن، بۇلارنىڭ كۈچكۈرتىشى بىلەن بىرقىسىم تاغلىق بىلىمسىز نادانلار ئابدۇلىتىپخانغا سۈيىقەست قىلدى. نەتىجىدە 12 يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، ھىقرىيىنىڭ 1037-يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىدى ئالتۇنلۇق مازارىغا دەپنە قىلىندى.
ئابدۇلىتىپخان ۋاپاتىدىن كېيىن ئالتە شەھەردە، ئىچكى پەرىشانلىقلار يۈز بەردى. شاھزادە، بەگلەر مەنسەپ، سەلتەنەت تالىشىپ، ئۆز-ئارا ئۆچمەنلىشىپ، خەلققە خاتىرجەمسىزلىك، ئەلگە ئاوەت كەلتۈردى. بۇ ۋاقىتتا ئالتە شەھەردە ئىككى ئېغىر قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، كىسەللىك، ئۆلۈم-يېتىم كۆپ بولدى. خەلق جان بېقىش ئۈچۈن مۇساپىر بولۇپ، ھەرقايسى جايلارغا باش ئېلىپ كەتتى. خۇنرىزلىق(قاتىللىق)، قان تۆكۈش كۆپەيدى. ئوغۇرلىق، قاراقچىلىق ئەۋج ئالدى. كۈچلۈكلەر كۈچسىزلەرنى قاقشاتتى. ھەر خىل رەڭدىكى يات ئادەملەرمۇ پەيدا بولدى. خەلق ناھايىتى قورقۇنۇچتا قالدى.
بۇ پەرىشانلىق، پالاكەت ۋە باشباشتاقلىقنى تۈگىتىپ، ئەلنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تۇرپان، كورلا، بۈگۈر، قارا شەھەر، قۇمۇللارنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ئەمىر ئابدۇللاخان ئالتە شەھەرگە قوشۇن باشلاپ كېلىپ، يۇرتنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى.
ئابدۇللاخان ھىجرىيە 1048-يىلى(مىلادى 1638-يىلى) يەركەندە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. ئۇ ۋاقىتتىكى سەئىدىيە دۆلىتىگە تەۋە ئۆلكىلەر ئالتە شەھەر، تۇرپان، بەشبالىق، ئىلى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ ئۆلكىلەردە ئابدۇللاخانغا قارشى ھېچقانداق كۈچ قالمىدى. شىنجاڭنىڭ ھەربى مۈلۈكى، سىياسىي، مالىيە، مائارىپ ۋە ئىدارە ئىشلىرى بىر مەركەزگە باغلانغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەت ناھايىتى كۈچەيدى. يۇرتنىڭ تېنچلىقى ناھايىتى ياخشى تەمىن ئېتىلدى. ھەربىي كۈچ زورايدى.
ئابدۇللاخان شىمال ۋە غەربدىكى كىچىك خانلىقلارنى ئۆزىگە تەۋە قىلماق ئۈچۈن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەردە زور ئەسكىرىي كۈچ توپلاپ تەييارلىق قىلدى. ئابدۇللاخاننىڭ بۇ ھەركىتىنى قوقانت ۋە تاشكەنت خانلىرى ئاڭلاپ، ئابدۇللاخانغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ھەر يىلى مۇقىم مىقتاردا خىراجنى يەركەنگە ئەۋەرتىپ بېرىش، جۈمە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان خۇتبىدە ئابدۇللاخاننىڭ ئىسمىنى ئاتاشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتى. شۇنداق قىلىپ غەربىي تۈرك ئىلىنىڭ چوڭ بىر قىسمى يەركەن خانلىقىغا تەۋە بولدى.
ئىلگىرىكى ئۇزاق داۋام قىلغان قالايمىقان ئۇرۇشلاردا ۋەران بولغان شەھەرلەر، يوللار، مەدرىس، مەسچىتلەرنى، كارۋان يوللىرىدىكى رابات، قۇدۇقلارنى ئابدۇللاخان يېڭىدىن ياساتتى. بۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر، يەركەن، قاغىلىق، خوتەن شەھەرلىرىدە بىردەك چوڭ مەدرىس، جامە بىنا قىلدۇردى. بۇ مەدرىس، جامەلەرگە پۈتۈن كەنتلەر ۋەخپە قىلىندى. بۇ مەدرىسلەر ھازىرغىچە خانلىق مەدرىس دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
قاغىلىق بازىرىدىكى چوڭ جەمە سېلىشتىن ئىلگىرى بۇ جايدا بىر كىچىك مەسچىت بولۇپ ئۇنىڭ يېنىدا ھازىرقى مازارخوجام قەبرىستانلىقى بار ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ كىچىك مەسچىت 11-ئەسىر، يەنى قاراخانىيلار دەۋرىدە ياسالغان ئىكەن. ھازىرقى چوڭ جامە ئابدۇللاخان دەۋرىدە ئەنە شۇ كىچىك مەسچىتنى ئاساس قىلىپ، مازارخوجام قەبرىستانلىقىدىكى جەسەتلەرنى ھازىرقى قەبرىستانلىققا يۆتكەپ كېڭەيتىپ بىنا قىلغان ئىكەن. بۇ كونا قەبرىستانلىقتىكى جەسەتلەرنى يۆتكىگەندە، بىر گگردىن بىر ئالتۇن بۇت چىققان ئىكەن. بۇ ئالتۇننىڭ بىر قىسمىنى جامە مەدرىسىگە سەرىپ قىلىپ، قالغان قىسمىنى پۇلغا ئايلاندۇرۇپ، نۇرغۇن يەر، سۇ سېتىۋېلىپ جامە مەدرىسىگە ۋەخپە قىلىپ بەرگەن. ھازىر قاغىلىقتىكى بۇ جامە مەدرىس يېڭىدىن ئالاھىدە كۆركەم ياسىلىپ، قاغىلىقنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشتى. ئابدۇللاخان خوتەننىڭ چېرىيە بىلەن كېرىيە شەھەرلىرىدە تۆت چوڭ ئۆستەڭ ئەھيا قىلدۇردى ھەمدە سۇنى نۆۋەت بىلەن تۇتۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. سۇنى نۆۋەت بىلەن تۇتۇش ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
ھىجرىيىنىڭ 1075-يىلى(مىلادى 1665-يىلى) نىيە، چەرچەن تاغلىرىدا ياشىغۇچى غەيرىي مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار (سېرىق ئۇيغۇرلار) يەركەن خانلىقىغا بولغا ئىتائەتتىن باش تارتتى، كېرىيە شەھرىگە ھۇجۇم قىلدى، بۇلاڭچىلىق قىلىپ خەلقنى قىردى. بۇ خىل بۇلاڭ-تاراچ يۇرتنى ئېغىر ۋەيران قىلدى. ئابدۇللاخان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، يەركەندىن قوشۇن تارتىپ كېرىيىگە يۈرۈش قىلىپ سېرىق ئۇيغۇرلارنى مەغلۇب قىلدى.
ئابدۇللاخان دەۋرىدە قالماقلار ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۈچىيىپ، قازاقلارنى مەغلۇب قىلدى. 1659-يىلى بەشبالىق ۋە غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ جايلارنى بېسىۋالدى. ئابدۇللاخان بىلەن قالماقلار ئوتتۇرسىدا ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇشلار بولدى. ئاخىردا بۇ جايلار قولدىن كېتىش بىلەن بىللە، قۇمۇل، تۇرپانلارمۇ قولدىن كەتتى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ناھايىتى ئەلۋەك بىر قىسمى يەركەن سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ ئىلكىدىن قالماقلار ئىلكىگە ئۆتتى. يەركەن خانلىقىنىڭ زېمىنى ئالتە شەھەر بىلەن چەكلىنىپ قالدى.
يەركەن خانلىقى قالماقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەسكىرى كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى. يەنى بۇ دەۋردە غەربىي تۈرك ئىلى ئۇششاق خانلىقلار دائىم بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ۋە بىر-بىرىنىڭ يۇرتلىرىنى خانىۋەيران قىلىپ، خەلققە ئېغىر بالايى ئاپەت كەلتۈردى. بۇ خىل تېنچسىزلىق سەۋەبىدىن غەربىي تۈركىستان خەلقى ئېقىن سۇدەك شىنجاڭغا ھىجرەت قىلىشتى. ئابدۇللاخان بۇ مۇھاجىرلارغا مېھرى-شەپقەت قىلىپ، يەر، سۇ بەردى. بۇ مۇھاجىرلار ئارىسىدا (سەئىد)لىق دەۋاسى بىلەن ئۆزىنى كۆككە كەلتۈرگەن خوجىلارمۇ بار ئىدى. مەن «تەرىقەت مۇرشىدى» ۋە ياكى «سەئىددۇرمەن» دەيدىغان كىشىلەرمۇ كۆپەيدى. بۇلار يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنى چېرىتكۈچى كۈچ ئىدى. لېكىن، ئابدۇللاخان بۇ خوجىلارنى ھەددىدىن تاشقىرى ئىززەتلەپ، ئۇلارنىڭ تەلەپ-ئارزۇلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى. تامام دۆلەت ئەربەبلىرى ئۇلارغا مۇرت بولدى. ئاۋام خەلقى بۇ خوجىلارنى ناھايىتى ئۈستۈن مەرتىۋىلىك زات دەپ ئەقىدە قىلىشتى. بۇ ئەھۋال بىلەن خوجىلارنىڭ نوپۇزى باشقا ھەممە نوپۇزنى بېسىپ چۈشتى. ئابدۇللاخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ مۇنقەرز بولۇشى، خەلقنىڭ ھىجرىيە تارىخىدا كۆرۈلمىگەن پالاكەتلەرگە دۇچار بولىشىغا بۇ خوجىلارنىڭ سۈيىقەستى ۋە تۇز كورلۇقى سەۋەب بولدى.
ئابدۇللاخان يولۋاسخان ئاتلىق بىر ئوغلىنى قەشقەرگە ۋالىي قىلغان. يولۋاسخان بەك زالىم، مۇستەبىت بىر شەخس بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئابدۇللاخان ئوغلى يولۋاسخاننى ۋالىيلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىشنى مەخپىي قارار قىلغان ئىدى. يولۋاسخان دادىسىنىڭ بۇ قارارىدىن ۋاقىپلىنىپ ئىسيان كۆتۈردى. ئابدۇللاخان ئۇنىڭغا ئەدەب بەرمەك ئۈچۈن، قەشقەرگە ئەسكەر ئەۋەتكەن ئىدى. بىراق ئابدۇللاخاننىڭ ئەسكەرلىرى مەغلۇب بولۇپ، يەركەنگە چېكىنىپ كەلدى. ئىككىنچى قېتىن ئابدۇللاخان ئاتا بالا ئارىسىدا ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇش بولۇپ، ئابدۇللاخان ئەسكەرلىرى تالاپەتكە ئۇچراپ چېكىندى
(مىلادى 1667-يىلى).
ئابدۇللاخان ئۆز ئوغلىدىن يەتكەن بۇنداق تالاپەتنى كۆتۈرەلمەي، يۇرتتىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى ۋە كىچىك ئوغلى ئابدۇلمۆمىنخاننى ئۆز ئورنىدا خانلىقا ئولتۇرغۇزدى. بىرمۇنچە خاس ئادەملىرى بىلەن ھىندىستانغا چىقىپ كەتتى. يولۋاسخان ئىنىسى ئابدۇلمۆمىنخاننى مەغلۇب قىلىپ ئۆزى خان بولدى. ئۇ ئىككى يىل خانلىق قىلىپ، خەلققە ئىنتايىن ئېغىر زۇلۇم سالغانلىقتىن، خەلق قوزغىلىپ ئۇنى ئۆلتۈردى
(1670-يىلى).
«تارىخى رەشىدىيەنىڭ زەيلى»سىدىكى باياندا، «يولۋاسخان شۇنداق زالىم ئىدىكى، ئۇنىڭ ئالدىدا ھەججاج زالىم خىجىل ئىدى» دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.
يولۋاسخان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، رەئىيەتنىڭ كېڭىشىگە ئاساسەن ئىسمائىلخان سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ خانى بولۇپ تىكلەندى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مۇنقەرز بولۇشى


ھىدايىتۇللا خوجا نۇرغۇن مۇرت توپلاپ، قەشقەر، يەركەنلەردە يۇقىرى ئابروي قازانغاندىن كېيىن، ئىسمائىلخاننىڭ ئورنىغا خان بولۇش مەقسىتىدە بولىدۇ. «ھىدايىتۇللا ئەۋلادى پەيغەمبەر، يۇرتنى ئۇ سوراش كېرەك...» دېگەن سۆزلەرنى مۇرتلىرى تارقاتقاندا، ھىدايىتۇللا ئىشان بۇنىڭغا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھەم «ۋاقتى كېلىپ نېسىپ بولسا يۇرتنى بىز سورايمىز» دەپ مۇرتلىرىنى ئىسمائىلخاننى ئاغدۇرۇشقا كۈشكۈرتىدۇ.
ئىسمائىلخان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ئالىي يىغىن چاقىرىدۇ. ئۇ ھىدايىتۇللا ئىشان توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىنى جەزىملەشتۈرۈپ، تۆۋەندىكى قارارغا كېلىدۇ. يەنى ھىدايىتۇللا ئىشانغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇنداق قىلغاندا پاسات تۇغۇلىدۇ. بۇنى تەبىر بىلەن يۇرتتىن كەتكۈزۈۋېتىش كېرەك. ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئىشلار جايىدا كېلىدۇ، دەپ مەسلىھەتلىشىدۇ. نەتىجىدە مەسلىھەت بويىچە ئاپئاق خوجىغا تۇيدۇرماي، ئۇنى قەشقەردىن يەركەندىكى خانلىق ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ، نامە ئەۋەرتىدۇ. ھىدايىتۇللا ئىشان تەكلىپنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ھايال بولماي يەركەنگە كېلىدۇ.
ئىسمائىلخان ئاپئاق خوجا شەرىپى ئۈچۈن كاتتا زىياپەت بېرىپ، ياخشى ئات، تونلارنى تەقدىم قىلىدۇ. زور مىقتاردا پۇل بېرىدۇ. ئارقىدىن چوڭ بوۋىلىرى بولغان سەئىد جېلىل كاشىغەرىنىڭ مازارىنى ياسىماقچىمىز، ئۈستىدە تۇرۇپ بېرىشلىرىنى سورايمىز، چۈنكى بۇ ئىش بىز قەشقەر خەلقى ھەمدە خانلىق مەھكىمە ئۈچۈن شەرەب كەلتۈرىدىغان خىزمەتتۇر، دېگەن بۇ سۆزنى قىلغاندا ھىدايىتۇللا ئىشان يەركەندىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، قۇمۇل سەپىرىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، ئۆز ئورنىغا موللا تەقى دېگەن مەشھۇر، ئىناۋەتلىك كىشىنى قويۇپ، بارلىق مۇرت-مۇخلىسلىسلىرىنى ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنى ئەمىر قىلىپ، قەشقەردىن قۇمۇلغا قاراپ يول ئالىدۇ. خۇجا ھىدايىتتۇلا ئىشان قەدلىنىڭ كۇچارغا يەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر كېلىشى بىلەنلا ئىسمائىلخان بارلىق خەلقتىن بادىشاھلىققا كىرىم قىلىش سېلىقى ئېلىشنى يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، سوپى ئىشانلاردىنمۇ سېلىق ئېلىشقا پەرمان چۈشۈردى. سېلىق تۆلەشكە قارشىلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالىدى. بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن موللا فەقى تېزلىك بىلەن قەشقەردىن قېچىپ چىقىپ ھىدايىتۇللا ئىشاننى قارا شەھەردە قوغلاپ يەتتى ۋە ئەھۋالنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى.
بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان غەم دېڭىزىغا غەرق بولۇپ، كۆپ ئويلاپ ئاخىر ئىسمائىلخانغا قارشى تۇرۇپ ھاكىمىيەتنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قەشقەرگە دەرھال قايتتى. ئۇ يۇرت مۇخلىسلىرى بىلەن قانداق قىلىش توغرىلىق مەسلىھەت قىلىشتى. ئۇ مەسلىھەت بويىچە ئىسمائىلخاندىن ئۆز ئېلىش ۋە ئۇنى دۇنيادىن يوق قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن تۇۈلۈك ھىيلە-مىكىر سۈيىقەستلىك ھەرىكەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئىسمائىلخان ئەمدى ئىلگىرىكىدەك تەدبىر قوللىنىشقا بولمايدۇ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىش كېرەك دېگەن قارارغا كېلىدۇ. بۇ ئەۋلىيا ماشايىقلاردىن بىزار بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 1082-يىلى (مىلادى 1672.9 -يىل) بىر ھۆكۈم بىلەن ھىدايىتۇللا ئىشاننى چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى. يەنى 500 دىن ئارتۇق ئەسكەر ھىدايىتۇللا ئىساننى تابەلىرى بىلەن كانجۇتتىن ئۆتكۈزۈپ قايتىپ كەلدى، خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، سەمەرقەند، خۇراسان، پەرغانە، ۋاخان، شۇغمان، بۇخارا قاتارلىق جايلاردىن ئۆزىگە باش پاناھ ۋە تەرەپتار بولغۇدەك يار-يۆلەكچى تاپالماي 5 يىل ئايلىنىپ يۈرۈپ، كەشمىرگە كېلىدۇ. كەشمىردە پادىشاھ مۇھەممەت راجاغا مۇلاقات بولۇپ، يىغلاپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سەزگۈزەشتىلىرىنى ئېيتىدۇ. بۇنى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان شاھ مۇھەممەت راجا ھىدايىتۇللا ئىشانغا ئىچ ئاغرىتىپ مەسلىھەت كۆرسەتمەكچى بولۇپ مۇنداق دەيدۇ : «بۇ كۈنلەردە موڭغۇلىستاندا (شىنجاڭدا) ئۇرۇشۇپ سۇلتان سۇلتان ئىسمائىلخاندىن سىزنىڭ ئىنتىقامىڭىزنى ئېلىپ بەرگۈچى بىر ئالىي ھىممەت يوق. لېكىن مېنىڭ بىر مەسلىھەتىم بار، قوبۇل كۆرسىڭىز، سىزنىڭ مۇراد-مەقسىدىڭىز شۇندا ھەل بولىدۇ. ئەمما بۇ ناھايىتى مۈشكۈل ئىش. يەنە كېلىپ سىزگە ياردەم بېرىدىغانلار بۇددا، بىراخمان دىنىدىن بولغان كۇپار، ئىسلام دىنى بىلەن ھەرگىز كېلىشەلمەيدۇ. ئەگرچە ئۇنى قولغا كەلتۈرەلىسىڭىز، سىزگە ئەسكەر كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدۇ. بۇ كۈچ شىنجاڭنىڭ شىمالىنى ئىگىلەپ ياتقان جۇڭغار خانلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىراھمانلارنىڭ لاسادىكى پېشىۋاسى دالاي لامانىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن ياردەم ئېلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. سىز ئوبدان ئويلىنىپ بىر يەرگە كېلىڭ.» خوجا ھىدايىتۇللا ئۈچ كۈن قاتتىق ئويلانغاندىن كېيىن، بۇ مەسلىھەتكە تولۇق قوشۇلغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئىزھار قىلىپ، يوليورۇق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
كەشمىر شاھى مۇھەممەت راجا سۆز ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ : «كەشمىر بىلەن تىبەتنىڭ ئارىلىقى يېقىن، تىبەتنىڭ پايتەختى لاساغا كىرەلىسىڭىز مەقسىتىڭىزنى ھاسىل قىلىدىغان كىشى شۇ جايدا. سىزنى بۇ تۇرقىڭىز بىلەن بىراھمانلار قارشى ئالمايدۇ. لاساغا بارغانبدىن كېيىن بىراھمانچە ياسىنىڭ. لاسا شەھرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كاتتا بىر قوڭغۇراق بار، سىز بېرىپ قوغۇراقنى ئۇرسىڭىز دەرھال بىر بىراھمان چىقىپ قولىڭىزدىن تۇتۇپ لاماسون ئاتلىق بىر بۇدخانىغا باشلاپ كىرىدۇ. ھېلىقى بىراھمان نېمە قىلسا شۇنى قىلىسىز، قانداق ئىشقا بۇيرىسا شەرتسىز ئورۇندايسىز. شۇ يول بىلەن سىز ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ سىناقتىن ئۆتسىڭىز مەقسىتىڭىز ھەل» دەپ يوليورۇق بېرىدۇ.
خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان، شاھ مۇھەممەت راجانىڭ ككرسەتكەن يوليورۇقى بويىچە 21 كۈندە لاساغا يېتىپ بارىدۇ. شاھ مۇھەممەت راجانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كاتتا قوڭغۇراقنى ئۇرۇش بىلەن بۇتخانىدىن بىراھمان چىقىپ، ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ لاماسون دېگەن بۇتخانىگە ئېلىپ كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خوجا ھىدايىتۇللا لاماسون بۇتخانىسىدا 90 كۈن تۇرىدۇ. بىراھمانلار نېمە قىلسا شۇنى قىلىدۇ، نېمە ئىشقا بۇيرىسا شەرتسىز بىجا كەلتۈرىدۇ. توپتوغرا 90 كۈن بولغاندا تىبەتلەرنىڭ بىر دىنى بايرىمى بولۇپ، دالاي لاما بۇ يەرگە كېلىدۇ. بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي لاماسون بۇتخانىسىدىكى ھېلىقى راھىب خوجا ھىدايىتۇللانى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرىدۇ. ئۇ بىراھماندىن بۇ خوجىنىڭ ئەھۋالىنى سورايدۇ. بىراھمان جاۋاب بېرىپ : «بىزنىڭ لاماسونغا بىر يېڭى بىراھمان كېلىپ قالدى. ئۇ بۇرھان ئالدىدا ناھايىتى چىڭ ئېتىقاد بىلەن ئىبادەت قىلدى. ھەر كۈنى بەش ۋاخ ئەزالىرىنى يۇيۇپ تازىم بىلەن بۇتىانىغا باش قويىدۇ» دەپ ئۇنىڭ تەرىپى ۋە تەۋسىپلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن خوجىنى ئۇ قوبۇل قىلىپ ۋە نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى سورايدۇ. خوجا ھىدايىتۇللا يىغلاپ تۇرۇپ شۇنداق دەيدۇ : «مەن بولسام يەركەن، قەشقەر بەلكى ئالتە شەھەرنىڭ خوجىسىدۇرمەن، سۇلتان ئىسمائىلخان مېنى يۇرتۇمدىن ھەيدەپ چىقىرىپ شەھەرنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالدى. ماڭا دەشنام، ھاقارەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرھانغا ئەرز قىلغىلى كەلدىم» دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغان لاما خوجىغا ئىچ ئاغرىتىپ «ئى خوجا، سىز خاپا بولماڭ، بىزنىڭ بۇ يەردىن ئەسكەر ئەۋەرتىشىمىزگە بىسيار مۈشكۈلدۇر، چۈنكى يول يىراق ھەم خەتەرلىك، بىز سىزگە جۇڭغارىيەدىكى باتۇر قۇنتەيجىدىن ياردەم ئېلىپ بېرىشىمىز مۈمكىن. بىز ئۇنىڭغا نامە يازايلى، سىز بىزنىڭ نامىمىزنى ئېلىپ باتۇر قۇنتەيجىگە تاپشۇرسىڭىز ئۇ سىزگە ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ياردەم قىلىپ يۇرتىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىپ بېرىدۇ» دەپ تەسەللى بېرىدۇ ۋە دەرھال ئۆز نامىدىن باتۇر قۇنتەيجىگە بىر پارچە نامە يېزىپ بېرىدۇ. خوجا ھىدايىتۇللاغا بىر موڭغۇلنى ھەمراھ قىلىپ ئىلىغا يولغا سالىدۇ. نامەنىڭ مەزمۇنى مۇنداق : «جۇڭغارىيەنى باشقۇرغۇچى باتۇر قۇنتەيجىگە يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى بۇ خوجا بولسا، بىزنىڭ لاماسوندا ئۈچ ئاي يېتىپ، بۇتخانا نەزەرىدىن ئۆتتى. سىز بىلەن كۆرۈشمەكچى. بۇ كىشى بولسا ئۇلۇغ كىشىمىش، ئالتە شەھەرنىڭ ئىشانىمىش. بۇ كىشىنىڭ شەھىرىنى ئىسمائىلخان سىرياپ ئېلىپ ۋەتىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىپتۇ، كېرەككى سىز ئەسكەر ماڭدۇرۇپ بۇ كىشىنىڭ يۇرتىنى قولغا ئېلىپ بەرگەيسىز. نامە تامام» خوجا ھىدايىتۇللا نامەنى كۆتۈرۈپ بىر موڭغۇلنىڭ يول باشلىشى بىلەن 91 كۈن دېگەندە ئىلىغا كېلىپ باتۇر قۇنتەيجىگە مۇلاقەت بولىدۇ ۋە لامانىڭ بەرگەن خېتىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ بېرىدۇ.

موللا مۇھەممەت سادىق قەشقەرى بۇ جەھەتتە مۇنداق بىر شېئىر يازغان:

كۆرۈڭ ئەۋلادى پەيغەمبەر يېتىپ بۇتخانىدا ئۈچ ئاي،
مۇسۇلمان قەتلىچۈن قاتراپ يۈگۈردى زادىلا تىنماي.
خۇدا رەھمىتى مەۋىج ئۇردى بىچارە ئالتە شەھەر خەلقىگە،
بۇ قالماقلار قولى بىلەن كېسىدى باشنى كەمبەغەلنى باي.
كوچىلاردا خار-زار بولدى گۆدەك قىز-ئوغۇل ياشلار،
بۇلارنىڭ گەۋدىسى ئاتلار ئاياغىدا ئامان تاپماي،
تەرەھىم ئەيكەگىل ئاللامۇ مۇنىڭدەك خارۇ-زارلەرگە.
يېتىپ كەتكەن ئۆلۈكلەرگە كۆمۈشكە بىر ئىلاج تاپماي.

رىۋايەت قىلىندۇكى، شۇ كۈنلەردە ئىلىنى مەركەز قىلغان جۇڭغار قالماقلىرى تازا كۈچىيىپ بېيجىڭنى بېسىۋالىمىز دەپ قۇتراپ تۇرغان ۋاقىت ئىدى. جۈملىدىن ئالتە شەھەرنى بېسىۋېلىشقا باھانە تاپالماي تامىقىنى چېكىپ تۇراتتى. جاناب ھىدايىتۇللا قۇتىپ زامان ماشايىخ ئەۋلىياھى ھەزرەت لامانىڭ نامىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ باتۇر قۇنتەيجى بىلەن كۆرۈشتى.
باتۇر قۇنتەيجى ناھايىتى خۇرسەنلىك بىلەن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دەرھال ئوغلى غالدان سېرىلنى قوماندان قىلىپ 12 مىڭ ئاتلىق قالماق ئەسكىرى بىلەن ئالتە شەھەرگە يولغا سالىدۇ. بۇ قوشۇن 1678-يىل ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر بۆلىكى ئۇچتۇرپان، كەلپىن، مارالبېشى، كالتە يايلاقتىن ئۆتتى. ئاتۇشقا چۈشۈپ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلدى. يەنە بىر بۆلىكى ئاقسۇدىن ئۇدۇل غوروچۆل، مەكىتنى كېسىپ ئۆتۈپ يەركەنگە ھوجۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ئوتتۇرىدا ناھايىتى قانلىق ئۇرۇش باشلاندى. قەشقەردە بوباق سۇلتان، يەركەندە ئىسمائىلخان، خۇجا ھىدايىتۇللا باشلاپ كەلگەن قالماق ئەسكەرلىرىگە قارشى شىددەتلىك ئۇرۇشلارنى قىلىپ ئۇلارنى كەينىگە چېكىندۈرىدۇ. قالماقلار ئىسمائىلخان بىلەن بوباق سۇلتان ئەسكەرلىرىگە تەڭ كېلەلمەي مارالبېشىنىڭ پىچاق سۇندى دېگەن يېرىگە چېكىندى. دەل مۇشۇ پەيتتە خوجا ھىدايىتۇللا قەشقەر، يەركەندىكى سوپى ئىشانلارغا مەخپىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، قالماق ئەسكەرلىرىگە ماسلىشىپ ئىسمائىلخانغا قارشى تۇرۇشنى بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىلىمسىز نادان، جاھىل سوپى ئىشانلار ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەي، قالماقلارغا ماسلىشىپ، ئىسمائىلخان ئەسكەرلىرىگە قارشى تۇردى. شەھەر ئىچىدە ئالا-توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىسمائىلخان ئەسكەرلىرىنىڭ قورال-ياراق ۋە ئۇزۇق-تۈلۈك ئامبارلىرىغا ئوت قۇيىۋەتتى. شەھەردىكى لۈكچەكلەرنى قۇترىتىپ خەزىنىنى بۇلاتقۇزدى. يېزا سەھرالاردىن كەلگەن پادىشاھلىق ئاشلىقلىرىنى بۇلاپ-تالىدى.
خوجا ھىدايىتۇللانىڭ قۇترىتىشى ۋە تەشۋىقى بىلەن بۇ نادان سوپى ئىشانلار قالماقلار تەرەپتە تۇرۇپ، ئىسمائىلخانغا قارشى چىقتى. ئىچكى جەھەتتە بۇلاڭچىلىق، تېرورلۇق قىلدى. ئارىنى بۇزدى، بۇنىڭ.ارقىسىدا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا تاسادىپىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تېرىلىپ تىرىپىرەن بولۇش ئالدىدا تۇرغان قالماقلار جانلىنىپ ھوجۇمغا ئۆتتى، شۇنداقتىمۇ ئىسمائىلخان قوشۇنلىرى 17 كېچە-كۈندۈز ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇشتى. قالماقلارنى شەھەرگە زادىلا يولاتمىدى. بىراق، سىرتقى ھۇجۇمغا، ئىچكى جەھەتتە سوپى ئىشانلارنىڭ ماسلىشىشى، ئۇزۇق-تۈلۈكنىڭ تۈگەپ قېلىشى، بىگۇناھ شەھەر خەلقىنى ئازاب-ئوقىبەتكە، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلدى. بۇنداق نائىلاج شەھەر دەرۋازىسىنى ئاچقۇزدى. خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان شەھەرگە باستۇرۇپ كىردى. قاچقان-پۈتكەن سوپى ئىشانلار بىلەن قالماقلارمۇ شەھەرگە كىردى. جاناب ھىدايىتۇللا ئىشان قالماقلارنىڭ قولى بىلەن ئىسمائىلخاننى ۋە ئۇنىڭ 70 تىن ئارتۇق ئۇرۇق-جەمەتىنى تىرىك تۇتۇپ باغلاپ ئەسىر قىلدى. يەركەن ھاكىمى ھاراز بەگ ئۇرۇشتا شېھىد بولدى. قەشقەر ھاكىمى شىر مۇھەممەت قالماقلارغا تەسلىم بولغان بولسىمۇ قالماقلار ئۇنى چاناپ ئۆلتۈردى. 18-كۈنى بوباق سۇلتان شېھىد بولۇپ يەركەن، قەشقەر قولدىن كەتتى.
بۇ ئۇرۇشتا ئىسمائىلخان ئەسكەرلىرىدىن 8300 كىشى قۇربان بولدى. ئەمما قەشقەر، يەركەن ۋە باشقا جايلاردىكى شەھەرلەردە ئۆلتۈرۈلگەن، بۇلاڭ-تالاڭ ۋە ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 74 مىڭدىن ئاشىدۇ. ھەتتا ئاتا-ئانىلىرى ئۆلۈپ تالادا تەمتىرەپ يۈرگەن يېتىم-يېسىر بالىلارمۇ قالماقلار ئاتلىرىنىڭ تۇۋاقلىرى ئاستىدا چەيلىنىپ ئۆلدى.

موللا مۇھەممەت سادىق قەشقەرى بۇ ئەھۋالنى مۇنداق يازىدۇ:

مۇسۇلمانلارغا ئولكۈن بىر قىيامەت ئىيلىدى ئاشكار،
ئۆلۈكلەر كوچىدا ياتار قىلالماي سۆزىنى ئىزھار.
ئىگىسىز قىز-ئوغۇللار ھەم گۆدەكلەر خارۇ خەس يەڭلىغ،
بۇلارنى باشقۇرۇپ ئاش-نان بېرەرگە قايدىدۇر غەمخار؟

دېمەك، خوجا ھىدايىتۇللا (ئاپئاق خوجا) ئىشاننىڭ جۇڭغار قالماقلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن 170 يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت يۈرگۈزۈپ، پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان يەركەن سەئىدىيە خانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ تاشلاندى ۋە جۇڭغار قالماقلىرى كونتروللۇقىدىكى ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ قورچاق ھۆكۈمرانلىقى تىكلىنىپ، ئاشۇ شەھەر خەلقى قايتىدىن قۇللۇق زەنجىرىگە باغلاندى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

没有评论:

发表评论

发表评论