2009年5月11日星期一

Shor deryaning u teripi(dastan)




شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى


(داستان)



چىمەنگۈل ئاۋۇت



بىرىنچى باب: يامغۇرلۇق كېچە


ئېتىزلىقتىن تەپچىرەيدۇ ھارغىن تىنىق،
بۇ كەنتتە لىغىرلايدۇ ھىجران ئۈنى.
جىمجىتلىق بار ئورۇلمىغان بۇغدايلاردا،
كەچكۈم كەلدى سېنى شۇ دەم ئېرىق سۈيى.

قىر تۈۋىدىن يۇلۇنغان ئاھ ياۋا گۈلۈم،
سۇس سەزگۈمدە ئوخشاپ قالدى ئىسسىق قولغا.
ناخشامدەكلا سىڭىپ كەتتى زالىم ئۈنۈم،
گۈل رەڭگىگە كىرىپ قالغان يوچۇن يولغا.

تال-تال بولۇپ ئەركىلەيدۇ مەيىن شامال،
شاخلاردىكى يوپۇرماقمۇ ھالسىز شۇنچە.
يارغىلا ئوخشايدۇ بۇ پاكار ئۆيلەر،
چەيلەنمەكتە ئاياغلاردا يۇمران غۇنچە.


كېتىۋاتىمەن، بۇ ئىشىكتىن يەنە بىر ئايالنىڭ قېچىپ چىققانلىقىنى كۆردۈم. ئارقىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان قارا گەۋدىگە قاراپ شۈركۈنۈپ كەتتىم، ئۇمۇ مېنى تونۇدى بولغاي، چەكچەيگىنىچە ئورنىدا داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. كېتىۋاتىمەن، يېنىك شىرىقشىۋاتقان ئەسلىمىلىرىمدىن يۇلقۇنۇشقا ئامالىم بولمىدى...

جان قۇشۇم تېپىرلار، تىرناقلىرى قان،
ۋەھىمە يالايدۇ قاناتلىرىمنى.
ئىسسىق قۇم ئۈستىدە ئېچىلغان بىر گۈل،
تارىتار مېھرىمگە سېنىڭ قەدرىڭنى.

مۇجۇلغان يۈرەكتەك يانىدۇ قۇياش،
پىژغىرىم تېنىمدە چېچەكلەيدۇ تەر.
چېقىلغان شېشىلەرگە دەسسەپ ماڭىمەن،
يالاڭئاياغ پۇتۇمدىن ئاۋازىم ئۈنەر.

شېغىللىق يول بىلەن ئۇزىغان بىر مۇڭ
تونۇيدۇ شامالنى، ئايالنىمۇ ھەم.
ئۈن-تىنسىز شەلۋەرەپ تۇرار تېرەكلەر،
سۆيۈشمۇ بىر ئازاب، سۆيۈلۈشتۇر غەم.


دەرۋەقە، مەن ئۇنى سۆيگەن، ئۇنىڭ تۆككەن ياشلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن سۈرتكەنىدىم.

كەچۈرگىن تەبىئەت تەرسالىقىمنى،
مەن يەنە خورلۇققا كۆنمىدىم تىنچ.
گەر ھازىر بۇ يۇرتتا بولسا چىن تۆمۈر،
مەن ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۇراتتى قىېلىچ.

يامغۇرلۇق شۇ كېچە يۇغان ھەممىنى،
ئىشىكتىن جىممىدە چىقسام ئاۋايلاپ.
قۇشلارغا ئۆي بولسا بەزىدە قەپەس،
ئايالغا ئۆز ئۆيى قەپەستۇر شۇ تاپ.

ئاسماندا بىر تالمۇ يۇلتۇز كۆرۈنمەي،
چاقماقنىڭ شىددىتى باسقان قەلبىمنى.
يىرتىلغان كۆڭلىكىمگە سىڭگەنتى كۈلپەت،
يۇلۇنغان چاچلىرىمغا يايسام ئۈنۈمنى.

يۈزۈمدە ھىلالنىڭ دېغىدەك يېغىر،
كىرىشكەن چىشلىرىمدا چاينالغان قىسمەت.
دېگەنتىم شۇندىمۇ: «ھاياتلىقىمدا —
مەن ئۈچۈن ھەممىدىن ئۇلۇغ مۇھەببەت».


ئۇزاق يىللار ئىلگىرى مەنمۇ ئاشۇ ئىشىكتىن ئىلكىمدىكى بارلىق ئازاب ۋە ئارمانلىرىمنى ئېلىپ مۇشۇنداقلا قېچىپ چىققان. ئۇ ھەتتا مېنى ئارقامدىن قوغلاپ بېقىشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەنىدى. كېتىۋاتىمەن... ھېلىقى ئايال قاياقلارغا غايىب بولغاندۇ؟

گۇگۇمدەك مۇلايىم ئەمەستۇر ئەرلەر،
قەھرىمۇ يارالماس كېچە باغرىنى.
بىر ئورام تاماكا، بۆرە ئوشۇقى،
بەلكىم بۇ ئۆمرىدە ياشاپ تاپقىنى.

ھەسرەتسىز، ئۈمىدسىز ئۆتەر خىرامان،
ئۇيقۇدىن ئويغانسا ئاندىن ئاتار تاڭ.
پەسىلسىز ياشاشقا كۆنۈپ كەتكەن ھەي،
بەزىدە ۋاقىتمۇ تۇيۇلار غازاڭ!


«بۇ كەنتتىكى مەزلۇملار يىغلىۋالغىلى يەنىلا كۆل بويىغا بارامدىغاندۇ؟» ئۆز ئۆزۈمگە ئاستا شىۋىرلىغاچ كېتىۋاتىمەن.
- شۇنداق، ھازىرمۇ ساڭا تونۇش ئاشۇ كۆل بويىغا بارىدۇ گۈلبانۇ.
جىگدە شېخىغا قونۇپ تۇرغان قېرى بۇلبۇلنى كۆرۈپ ۋارقىرىۋەتتىم:
- مېنى تېخى ئۇنتۇماپسەن بۇلبۇلۇم.
- تارتقان كۈلپەتلىرىڭنىمۇ ئۇنتۇمىدىم، - ئۇنىڭ ئاۋازى چىگىلدى، - ئۇلار كۆل بويىدا قانغۇدەك يىغلاپ، ئاندىن كۆز يېشىنى كوزىلىرىغا ئېلىشىپ، يەنە ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتىشىدۇ.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ سوغۇق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتىم.
- بارغىن، ئۇمۇ يىغلاۋاتىدىغاندۇ بەلكىم.
ياشاڭغىراپ تۇرغان كۆزلىرىم بىلەن بۇلبۇلغا بىر قارىۋېلىپ، كۆل بويىغا يېقىنلاشتىم.

غۇنچىتىم، ئاچالمىدىم ئۆز بېغىمدا،
كېيىكتىم، يايلىمىدىم ئۆز تېغىمدا.
سېنى دەپ، ئاھ سېنى دەپ سۇندۇم تەكرار،
سانجىدىڭ تىغلىرىڭنى ئۆز قولۇڭدا.

لەختە قان يۈرىكىمنى مۇجۇپ تۇرۇپ،
چەيلىسەڭ چاچلىرىمنى يۇلۇپ تۇرۇپ،
چىدىدىم ئايال دېگەن بىقۇۋۇل دەپ،
بولدىلا كۆڭۈل دېگەن كەتسۇن قۇرۇپ.


ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ قوللىرىنى ئالىقانلىرىم ئارىسىغا ئالدىم. ئۇ خۇددى ئۇزاق يىل كۆرۈشمىگەن قەدىردانىغا يولۇققاندەك ماڭا ئۆزىنى ئاتتى. ئاۋازىمىز ئاۋازىمىزغا، كۆز يېشىمىز كۆز يېشىمىزغا قوشۇلۇپ كەتتى...
- مېنى تونۇمسىز؟
- تارتىۋاتقان ئازابلىرىڭىزنىمۇ بىلىمەن سىڭلىم.
- نېمە؟!
- بىر چاغلاردا مەنمۇ ئاشۇ ئۆيدىن قېچىپ چىققان.
- ئۇنى سۆيەمتىڭىز؟
- ...
- سىزچۇ؟
- ...
- ئۇ مېنى ئېلىپ قاچقان.
- مېنى قوناقلىقتا ئوت ئېلىۋاتقان يېرىمدە خوتۇن قىلىۋالغان.
ھەر ئىككىمىز ئىختىيارسىز كۈلۈپ كېتىشتۇق. كۈلكىمىزگە ئۇلىشىپ سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى.

ئىككىنچى باب: سەپەردىكى ئايال


ئۆز خىياللىرىمغا چۇلغىنىپ ئولتۇرۇپ پۇچىلىنىۋاتىمەن.

زەردابتەكلا ئىسسىق ھاياجان،
غاجىماقتا يالغۇزلۇقۇمنى.
ئاپتوبۇسنىڭ ئورۇندۇقىدا
يېنىك شامال تۇتتى قولۇمنى.

ئۈزۈك-ئۈزۈك تەرتىپسىز تۇيغۇ
يانجىلماقتا يوللاردا جىمجىت.
قىمىرلايدۇ ئەينەك سىرتىدا
تەر ھىدىدەك تونۇش بىر ۋاقىت.

ياۋا توشقان يۈگۈرگىنىچە
كىرىۋالدى چاقنىڭ ئاستىغا.
مۇزىكىنى ئۆچۈردى شوپۇر،
قولىقىمغا ئاڭلاندى يىغا.


چەكسىز كەتكەن قۇملۇق، پايانى يوق قۇرغاقچىلىق قاپلاق كەتكەن شورلۇق تۇپراققا قاراپ ئېرىۋاتىمەن. ھېلىقى ئايالنىڭ يەنە ئۆيىگە قايتالىغىنىغا ھەيران قالمىدىم. چۈنكى، ئىرادىدىن ئىرادىگە ئۆتۈپ ياشاش ئاياللارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ.

گۈل بىلەن تەڭ نەپەس ئالغىن، قۇش بىلەن تەڭ سايرىغىن،
كۈن بىلەن تەڭ ئارام ئالغىن، ئاي بىلەن تەڭ يايرىغىن.
چاكۇچاك بولغان يۈرەكنى پەيمانى ئەيلەي سەن ئۈچۈن،
بۇ ھايات تەلقىنلىرىدە ئاقىل-ناداننى ئايرىغىن.

كۆز يېشىڭ ھەقداسىغا يۇلتۇزلىرىمنى چۆكتۈرەي،
خۇن بولۇپ كەتكەن ئېتەككە قۇندۇزلىرىمنى تۆكتۈرەي.
بۇ جاھان سەيناسىدا بىر كۈن غېرىب بولساڭ ئەگەر،
ئىككىلەنمەي كەل يېنىمغا مىڭ يىل ئۆزۈملا مۆكتۈرەي.


نەپەس ئېلىشىم تېزلىشىپ، يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالغىلى تاس قالدى. ئۇزاق يىللار ئىلگىرى مەھەللىمىزدىكى دىۋانە ئايالدىنلا ئاڭلىغىلى بولىدىغان بۇ ناخشىنى ئەمدى بۇ يەردە كىم ئېيتىۋاتىدىغاندۇ؟
... ئىختىيارسىز ناخشا چىقىۋاتقان تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.

ھاۋانىڭ تىنجىقى سىقار دېمىمنى،
ۋۇجۇدۇم بەرگىدە يېنىك بىر تىترەك.
ئاخشامقى بوراندىنمۇ سۆيۈنۈپ قالدىم،
بىلىمەن، يەنىلا كۈلۈشۈم كېرەك.

چىپىلداپ تەرلىگەن ئەرنىڭ تېنىدەك
زېمىننىڭ ئارامى چېقىلدى قات-قات.
ئېھ، شۇ دەم دۇئاغا كۆتۈرگەن قولدەك
كىملەرنىڭ لەۋلىرى تىترەيدۇ پات-پات.


دىۋانىنىڭ ئىسمى رەيھانگۈل ئىدى، بىرەرى رەيھان دىۋانە كەلدى دېسە، بالىلارنىڭ ھەممىسى پىتىراپ تەرەپ-تەرەپكە قېچىشاتتى. چۈنكى، ئۇ بالىلارنىڭ قولىدىكى توقاچ، سامسا، كۆكباش، زاغرا، ئالما، ئامۇت، نەشپۈت، جىگدە دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆرۈپ قالسىلا قولىدىن تارتىۋالاتتى-دە، ئىشتىنىنىڭ ئېغىغا سۈركۈۋېتىپ خاتىرجەم كۈلۈپ كېتەتتى. چۈنكى، ئۇ بۇ نەرسىلەرنى ئەمدى ھېچكىمنىڭ ئۆزىدىن تالاشمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. نېمىشقىكىن، ئۇ دىۋانە ئايال ئۈزۈم يەۋاتقان بالىلارغىلا چېقىلمايتتى. بۇنىڭغا ھېچكىم ھەيران قالمايتتى ھەم سىرىنى بىلىشكە ئۇرۇنمايتتى...
...
پاناھلىق ئۈچۈن ھەر خىل-ھەر ياڭزا تاشلاردىن قوپۇرۇلغان بۇ كىچىككىنە كەپىگە ئېڭىشىپ ھەم قىستىلىپ تۇرۇپ مىڭ جاپادا كىردىم. ئالدىمدا چار ساقال، ئورا كۆز، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن تۇمىقىدىن چاچلىرى پاخپىيىپ چىقىپ تۇرغان دەرۋىش سۈپەت بىر بوۋاي ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدىكى ساپايى، ئالا خۇرجۇنىغا يۆلەپ قويۇلغان ھاسا ھەم بىر چۆگۈن ئۇنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتى بولسا كېرەك.

قورايدەك قوللاردا مۇجۇلار تەسۋى،
سۇ بولدى يۈرىكىم، ئوت بولدى مېھرىم.
غېرىبلىق دەشتىدە ياشاپ يەكمۇ يەك،
ئۇزاق يىل مۇشۇنداق ئۆتكەندۇ بەلكىم.

كىملەردىن نېمىنى كۈتكەندۇ، ھەيھات،
چىدام ھەم غەيرەتنى كىم بەرگەن ئاڭا.
ئاھ، مۇنداق مۆھتەرەم، ئەزىز بىر جاننى
تەۋەللۇت ئەيلىگەن قايسى بىر ئانا.


توۋا، ھېلىقى ناخشىنى ئۇ ئېيتقان بولغىيمىتى؟ كۆڭلۈمدىكى ئىزتىراپ كۆزلىرىمگە تەپچىپ چىقتى.
- كەل قىزىم، قورقما.
- بايىقى ناخشىنى...
- ناخشا... سەنمۇ ئاڭلاپسەندە!
- مەن كىچىكىمدىمۇ ئاڭلىغان بوۋا.
- نەدە، كىمدىن؟ ئۇنىڭ ئاۋازى ھاياجاندىن بوغۇلۇپ قېلىۋاتاتتى.
- مەھەللىمىزدىكى رەيھان دىۋانىدىن.
- رەيھان!!! ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ھەم تەلۋىلەرچە ۋارقىرىشىدىن ئەندىكىپ كەتتىم.
- ئاخىر سېنى تۇنۇيدىغان، سېنى ئۇنتۇمىغان بىرسىنى ئۇچراتتىم رەيھان. يۈرىكىمدىكى گەپلىرىم ئۇ ئالەمگە ئۆزۈم بىلەن بىرگە كەتمەيدىغان بولدى.
- بوۋا...
ئۇ بوش يۇمۇۋالغان كۆزلىرىنى ئاستا ئېچىپ ساپايىنى قولىغا ئالدى.

ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن،
ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى.
كۆز يېشىم دەريا بولۇپ،
بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى.

قۇرغۇيۇم ياتقان قەپەسنىڭ
ئاچقۇچى قارنىمدىدۇر.
ئىتلىرىڭ قوغلايدۇ ھارماي،
قاۋانلىرىڭ ئالدىمدىدۇر.

ئەر ئەمەسمەن، ئوتلىرىمنى
يۈرىكىڭگە سالمىسام.
تىكەن كىرسە تاپىنىڭغا
كىرپىكىمدە ئالمىسام.

چاچلىرىڭنىڭ ئۆرۈمىگە
ئۆرۈلەي تال-تال بولۇپ.
توزۇسۇن ئاياغلىرىڭغا
پەسلى كۆكلەم كۈل بولۇپ.

ئەل سېنى دېسە نېمە،
مەن ئۈچۈن سۇلتان ئۆزۈڭ.
رەيھىنىم باغىمدا كۆكلە،
سەن ئۈچۈن يۇم-يۇم كۆزۈم.


مەن ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتكەندە مۇشۇ ناخشىنى ئوقۇيتتۇم. رەيھان ھېلىقى ناخشىنى...
بوۋاينىڭ گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرى، يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىگە قاراپ ئۇھسىنىۋاتىمەن.
- باينىڭ ئوغلى بولغانلىقىم ئۈچۈن، مۇھەببەتتىن، ئۆز ئەركىنلىكىمدىن مەھرۇم بولغانمەن. ئاتا-ئانام رەيھانگۈلنى پەس دىۋانىنىڭ قىزى دەپ ياراتمايلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بېسىم ئىشلىتىپ يۇرتتىن قوغلىدى...
ئاشۇ كۈنلەردىكى يۈرەكسىزلىكىم، غاپىللىقىم ئۈچۈن ئۆمرۈم بويى ۋايىم يېدىم. لېكىن... شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم قىزىم.
- قاچاندىن بېرى مۇشۇنداق تەركىيدۇنيا بولۇپ ياشاۋاتىسىز بوۋا؟
ئۇ ئۇلۇغ كىچىك تىندى:

زامىن بولۇپ بىر گۈلگە، ۋىدا قالدى قەلبىمدە،
ھەسرىتىمنى قان بىلەن قوشۇپ يۇتتۇم ئىچىمگە.
كەچۈرگىن، ياق، جازالا ئۇلۇغ ئاللا مېنى سەن،
بۇنچە دەردنى سالمىغىن مەندىن باشقا ھەركىمگە.

كۆيۈشنىلا بىلگەن ئەر ئەر ئەمەسكەن ئەسلىدە،
بولمىسا گەر يېنىدا بىرەر مىسران قىلىچى.
بىلمەيدىكەن ئۇ ھەتتا قانداق ياشاپ ئۆتۈشنى،
تارتىلىدۇ قاي قولدا ھاياتلىقنىڭ كىرىچى.


ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار تويۇمنى قىلىشتى. ئايالىم مېھرىبان ھەم تەقۋادار، گۈزەل ئايال بولسىمۇ، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن باغرىمغا باسالمىدىم. رەيھاننىڭ سايىسى، رەيھاننىڭ ناخشىسى، رەيھاننىڭ يىغىسى مېنى ئەگىپلا يۈرەتتى... توي قىلىپ 40 كۈندىن كېيىن ئايالىم دورا ئىچىپ ئۆلۈۋالدى. مەن شۇندىلا بۇ ئۆمرۈمدە يەنە بىر ئىشنى خاتا قىلغىنىمنى ئاندىن بىلدىم-دە، ئاخىر مۇشۇ يولنى تاللىدىم.
ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشىمنى ياكى ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشىمنى بىلەلمەي، مەنمۇ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم. توققۇز ياش چاغلىرىمدا ئانام بىلەن مومامنىڭ: »رەيھان دىۋانە بۇ يۇرتقا مۇساپىرلىقىدىن ھەم ئۆزىنىڭ يېتىملىكىدىن دىلى سۇنۇق ئىدى. ئۇنى بوزەك قىلغان قارا يۈزنىڭ ئۆزى تۇنجۇقۇپ ئۆلسىچۇ ئىلاھىم« دەپ ئۇھسىنىشقىنى يادىمغا كەلدى. لېكىن بوۋاينىڭ يارىسىغا تۇز سەپمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىدىم.

ئازابنىڭ قەرىدە سۇنغاندا رىزىق،
يۇلتۇزسىز ئاسماننىڭ تېنى سويۇلدى.
تىغ بولۇپ سانجىلسا ياشاش بېسىمى،
رەھىمسىز تەقدىرنىڭ كۆزى ئويۇلدى.


- ھە راست، بوۋا، ئۇنىڭ نېمىشقا ئۈزۈم يېمەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- بىلىمەن، ھەممىنى بىلىمەن، مەن ئۇنىڭغا تەكرار-تەكرار ئېيتىپ بېرىدىغان بىر ھېكايە بار ئىدى قىزىم. ئەمدى ساڭا ئېيتىپ بېرەي.


ئۈچىنچى باب: بوۋاينىڭ ھېكايىسى


ئول قەدىمكى زاماندا بولغان ئىكەن بىر سۇلتان،
زاتى تۈرك ئالىپقا تۇتاش ئىكەن، تومۇرداش.
خەزىنىسى بايلىققا، خان ئوردىسى ھېكمەتكە -
تولۇپ ئۆتكەچ ئۇ ئەلدە بار ئىكەنمىش جۈپ قۇياش.

ئاھ، شۇندىمۇ جاھاندا ئازابى يوق بەندە يوق،
قىسمەتلەرنىڭ چاقىمۇ ئايلىناركەن كۈنۇ تۈن.
بەخت بىلەن ئارزۇنىڭ بىرسى بولسا، بىرى كەم،
ھايات شۇڭا گۈزەلدۇر، يېشىلمىگەچ بۇ تۈگۈن.

شۇنچە كەڭرى باياشات بولسىمۇ گەر زېمىنى،
تۇيۇلاركەن سۇلتانغا لەززىتى يوق شۇنچە تار.
بولمىغاچقا ۋارىسى كۆك تەڭرىگە تېۋىنىپ،
يىغلايدىكەن ئىچىدە پەرزەنت ئۈچۈن زارۇزار.

قىرانلىقى قىرىق ياش پارلىغاندا ئاپتاپتەك،
بوپتۇ ئاخىر ئىجابەت ئۇنىڭ ئۆمۈر تىلىكى.
شۇنچە ئوماق، چىرايلىق، سۇدەك سۈزۈك قىزىنى،
سۆيگىنىدە جىسمىغا سىغماي قاپتۇ يۈرىكى.


بۇ قىز كۈن ساناپ چوڭ بولغانسېرى شۇنچە لاتاپەتلىك ھەم مېھىرلىك، ئەقىللىق ھەم دىيانەتلىك بولۇپ يېتىلىپتۇ. سۇلتان ئارزۇلۇق قىزى 61 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنى يامان كۆزلەردىن نېرى تۇتۇش ئۈچۈن، ئوردا شەھىرى خانئۆينىڭ يېنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى تاغ قاپتىلىغا بىر قاتار ھۇجرىلارنى قازدۇرۇپ، ماھىر رەسسام، ئۇستا نەققاشلارنى چاقىرتىپ، ناھايىتى سېھىرلىك قىلىپ بېزەپتۇ-دە، قىزىنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن كۆڭلى ئارامغا چۈشۈپتۇ.

ئايلار ئۆتۈپ، كۈن ئۆتۈپ، يىل يىلاندەك تولغىنىپ،
تۆكمە بولۇپ مەئىشەت، زېمىن ئانا يايراپتۇ.
گۈل ئېچىلسا دالىدا قىز كۆڭلىدەك خىرامان،
ئاشىق بۇلبۇل شېخىدا خەندان ئۇرۇپ سايراپتۇ.

بۇغا، جەرەن، ماراللار تاغدا ئوتلاپ قىيغىتىپ،
تەبىئەتكە نۇر بولۇپ قوشۇلۇپتۇ ئاشۇ دەم.
ئوۋ سەلكىنى يىراقتىن ئۇرۇلغاندا دىماغقا،
دەريا سۈيى شاۋقۇنلاپ ئۇھسىناركەن دەممۇدەم.


خىسلەتلىك قوللار بىلەن بىنا بولغان چاھارباغدا پاسىبانىغا ياندىشىپ سەيلە قىلىۋاتقان خانىش قىزىنىڭ گۈزەل ئەتىسى ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرى ھەققىدە تاتلىق ھېسلارغا چۆمۈپتۇ:

مېنىڭ ئالغۇر بۈركۈنۈم، بەخت قۇشۇم سۇلتانىم،
كۆيۈپ ئۆتتۈم بىر ئۆمۈر سېنىڭ ئىللىق باغرىڭدا.
خالاس بولدۇق قايغۇدىن، بۇ ئاللانىڭ ھىممىتى،
ئاياللىقىم نۇرلاندى، ئانا بولدۇم ئالدىڭدا.

خۇشلۇقۇڭنى كۆرگەندە، قەلبىم كەلدى لەرزىگە،
ھاياقاندىن خىيالىم چاك-چاك بولۇپ يېرىلدى.
كۈلكەم بىلەن ئۈن قاتسام قۇشلىرىڭنىڭ كۈيىگە،
ئېتىكىمگە كۆز يېشىم مارجان بولۇپ تېرىلدى.

قىزىمىزمۇ چوڭ بولدى، ھۆسنى ئۇنىڭ گۈل بولدى،
ئۇنىڭ مېھرى تاشقىنلاپ، كۆزلىرىمدەك كۆل بولدى.
خۇدا بەرسە ئۆمرىنى، پاراسىتى چەكسىزدۇر،
دېيەلمەيمەن شۇندىمۇ ئۈمىدىمىز ھەل بولدى.

جەڭگاھلاردا ياندىشىپ ئات چاپتۇرۇپ ماڭغۇدەك،
ياۋلار كۆرسە بەستىنى ئارقىسىغا يانغۇدەك،
تۇغۇپ بېرىپ بىر ئوغۇل ئۆلۈپ كەتسەم مەيلىدى،
پاسىبانىم، سۇلتانىم چىرىغىڭنى ياققۇدەك.


سۇلتان قاۋۇل قوللىرى بىلەن خانىشنى ئۆزىگە تارتىپ باغرىغا بېسىپتۇ. ئۇنىڭ غۇنچىدەك لەۋلىرىگە، ياشلىق كۆزلىرىگە سۆيۈپ، سۇمبۇل چاچلىرىنى پۇراپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:

خۇدا بەرگەن بەختىمگە بۇ دۇنيالىق قاياشىم،
سەن نېمىشقا بىھۇدە ياشلىرىڭنى تۆكىسەن.
ئاقلىقىڭدىن ئاق قۇلار پەرۋازىنى تىلەيدۇ،
يۈرىكىمنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆچمەيدىغان ئوتىسەن.

ساقلىقىڭدىن ئەزىزرەك ھېچ نەرسە يوق، بىل ماڭا،
سۇباتىڭدىن رەڭ ئالغان مېنىڭ مۇشۇ باغلىرىم.
كىرپىكىڭنى تىغ قىلساڭ، كۆزلىرىڭنى سىيادان،
ئايىغىڭغا يىقىلار ھەتتا ئېگىز تاغلىرىم.

قىزىمىزنىڭ سۈلكىتى ئەيمىندۈرەر ئاينىمۇ،
ئاۋازىنى ئاڭلىسا توختاپ قالار تاغ سۈيى.
گۈلمۇ كۆرسە چېھرىنى خىقىللىقتىن سولۇشار،
بۇ ئالامەت سېھرىنى كۆرمىگەنمۇ سەن قېنى.

ۋاراقلاندى بىرمۇ بىر توپا باسقان كىتابلار،
ھېكمەتلەرنى سۇغىرىپ قىيام قىلدى مېھرىدە.
جاسارىتى ئۇرغۇيدۇ تىللىرىدىن بۇلدۇقلاپ،
تۈن بەرگىمۇ چاراقلاپ ئۆتتى ئۇنىڭ ئىلكىگە.

قەدىمىگە يۇلتۇزلار تۆكۈلىدۇ ياپراقتەك،
خىياللىرى بىمالال ئەسىر قىلدى ھەممىنى.
شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇ تەختىمدىلا چوغلانسا،
جېنى بىلەن قوغدايدۇ پۈتۈن ئەلنىڭ ئەركىنى.

ئون ئوغۇلغا بەرگۈسىز قىزىم تۇرسا ئاشۇنداق،
غەم قىلاي مەن نېمىشقا دەپ باققىنە خانىشىم.
خۇدا بەرسۇن ئۆمرىنى، ھەسرىتىم يوق ئالەمدە،
ئۇمۇ مېنىڭ مەڭگۈلۈك يىمىرىلمەس ئۇل تېشىم.


خانىش ئۇنىڭغا ئاھۇدەك تەلمۈرۈپ، رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپتۇ-دە، ئىپار پۇرىقى بالقىپ تۇرىدىغان نۇرانە خانىدە سۇلتاننىڭ قابىل كۆكرىكىگە باش قويۇپ تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.

«ئىست قىزىم، جان قىزىم، بىزگە نېمە تارتقۇلۇق»
دەپ ۋارقىراپ تۇيۇقسىز خانىش جۆيلۈپ كېتىپتۇ.
سۇلتان چۆچۈپ پەپىلەپ، تارتىپ ئۇنى ئۇيقۇدىن،
مېھرى بىلەن خانىشقا يەنە تەھسىن ئېيتىپتۇ.

ئېيت دىلبىرىم، يىغلىما، قارا بېسىپ قالدىمۇ،
ياكى چەكسىز خىياللار ئۆز ئىلكىگە ئالدىمۇ.
قىزىمىزغا نېمبولدى يۈرىكىڭنى ئەزگۈدەك،
جاھاندىكى ئانىنىڭ بارى سەندەك ئانىمۇ؟


خانىش ياشلىرىنى ئۈنچىدەك تۆكۈپ، زەپىراندەك سارغىيىپ ئېسەدەپ تۇرۇپ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى بايان قىپتۇ:

قىزىمىزنى يېتىلەپ بېرىپتىمىز يات ئەلگە،
قارار ئىمىش ھەر جۈپ كۆز بىزگە شۇنچە پەرىشان.
تەئەججۈپ ھەم ئىزتىراپ لەيلەر ئىمىش ئۇ يەردە،
مىغ-مىغ ئادەم توپىدا بىز ئىمىشمىز غېرىبان.

تام تۈۋىدە بىر پالچى چاقىرىپتۇ بىزلەرنى،
قىزىمىزغا سىنچىلاپ قارار ئىمىش ئۇھسىنىپ.
بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك ھالسىز ئېغىپ يۈرىكىم،
ئەنسىزلىكتە بىرھازا كېتىپتىمەن تولغىنىپ.


بىز پالچىنىڭ ئاغزىغا بىقۇۋۇللۇق بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرغىنىمىزدا، ئۇ: »ھەي... چىرايلىق بالا بوپتىكەن، ئەپسۇس 04 كۈن ئىچىدە بۇ قىزغا بىر بالا-قازا كەلگۈدەك« دەۋاتقۇدەكمىش.
سۇلتاننى سوغۇق تەر بېسىپ، مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كېتىپتۇ.

چۈش دېگەنگە ئىشىنىش ئەخمەقلىققۇ دېسىمۇ،
بۇزۇلۇپتۇ يەنىلا ئۇنىڭ كۆڭۈل ئارامى.
يۇرت-يۇرتلاردا جان باقار پالچىلارنى چاقىرتىپ،
بىلمەك بوپتۇ ئۇلارنىڭ قىزغا سالغان پالىنى.

سۈرلۈك ئوردا مۇشۇ دەم جىمجىتلىققا چۆكۈپتۇ،
ھەممە پالچى تەشۋىشتە بىردەك ھەسرەت چېكىپتۇ.
«قېنىمىزدىن كەچسىلە، دېيىشىپتۇ ھودۇقۇپ،
مەلىكىنىڭ يولىغا خېيىمخەتەر يېتىپتۇ».


سۇلتان ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ خانىشنىڭ چۈشىدىكىگە ئوخشاش بولۇپ چىقىشىنى ھەرگىز ئويلىمىغان ئىكەن. شۇڭا، ئالتۇن تەختىدە ئولتۇرۇپ چەكسىز غەمگە پېتىپتۇ.

جان جىگىرى قىزىغا ئۇقتۇرماستىن شۇملۇقنى،
توققۇز ھۇجرا يېنىغا نەۋكەرلەرنى سەپلەپتۇ.
كۆڭلى سۇنۇق بولسىمۇ سەزدۈرمەپتۇ ئۇنىڭغا،
لېكىن قارا بىر سايە ئۆز يېنىدىن كەتمەپتۇ.

شۇ چاغلاردا مەلىكە ئوقۇپ دەستۇر كالامنى،
ئەقىل كۆزى ئېچىلىپ زېھنى ئوتتەك يېنىپتۇ.
ئىشتىياقى باغلانغاچ ئىلىم-ھېكمەت تارىغا،
ئەقىدە ھەم كامىللىق شەربىتىگە قېنىپتۇ.


ئارامسىز كۈنلەر، ۋەھىمىلىك تۈنلەر بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ ئۆتۈۋېرىپتۇ. سۇلتان ئوردا بېغىدىن ھەر كۈنى بىر خىل مېۋىدىن بىر سېۋەت ئۈزدۈرۈپ قىزىنى يوقلاپ تۇرۇپتۇ.

ئالما، ئامۇت، ئەنجۈرلەر، چىلان، شاپتۇل، توغاچلار،
تارتۇق بولۇپ مەلىكە تۇرغان جايغا توشۇپتۇ.
غەم ئەزسىمۇ ئۆزىنى، مەدەت تىلەپ خۇدادىن،
سۇلتان يەنە خانىشنىڭ يىغىسىنى بېسىپتۇ.


ۋاقىت شۇ تەزدە ئۆتۈپ 39-كۈنىگە قەدەم قويغۇچە ھېچ ئىش يۈز بەرمەپتۇ. كېچە ئەندىشە ئىچىدە ئۇزاپ، تاڭ ئېتىپتۇ. «مۇشۇ بىر كۈن تىنچ-ئامان ئۆتۈپ كەتسە، بالا-قازامۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ ئويلىغان سۇلتان ئۈمىد بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كۆك تەڭرىگە تېۋىنىپتۇ ۋە باغدىن بىر سېۋەت ئۈزۈم ئۈزدۈرۈپ قىزىنى يوقلاپ بېرىپتۇ. 40 كۈندىن بېرى ئىلىم تەھسىل قىلىپ كۆڭلى ھەم چېھرى نۇرغا تولغان مەلىكە ئاتىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ. سۇلتان قىزىنىڭ پېشانىسىگە مېھرى بىلەن سۆيۈپتۇ.
مەلىكە سېۋەتتىكى ئۈزۈمدىن بىر ساپاق ئېلىپ مەززە قىلىپ يېيىشكە باشلاپتۇ. ئۇ ئەمدىلا ئىككى تال ئۈزۈمنى يەپ بولۇپ، ئۈچىنچىسىنى يېمەك بولۇپ ئېغىز ئېچىشىغا ئۈزۈم ئارىسىدىن بىر تال ھەرە چىقىپ ئۇنىڭ گىلاستەك لېۋىنى «ۋىژژىدە» چېقىۋېلىپلا ئۇچۇپ كېتىپتۇ. قىز ئاچچىق بىر چىرقىراپ ئاتىسىنىڭ قۇچىقىغا يىقىلىپ جان ئۈزۈپتۇ.

چاقماق چېقىپ دەھشەتلىك كۆك گۈمبىزى يېرىلىپ،
ئەلەم بىلەن تۇپراققا ھەسرىتىنى تۆكۈپتۇ.
خۇن رەڭگىدە قىزارغان ئالتۇن قۇياش ئۇھسىنىپ،
چاك-چاك بولۇپ تاغلارنىڭ ئارقىسىغا مۆكۈپتۇ.

ئازاب بىلەن كۆچەتلەر سۇنغىنىدا قاراسلاپ،
قىيان بوپتۇ ئېرىقتا توزۇۋاتقان چېچەكلەر.
مەلىكىنىڭ ھۆسنىنى خىيال قىلىپ ياشىغاچ،
لەۋلىرىنى چىشلەپتۇ تالاي-تالاي ئەركەكلەر.

گۈل يىلتىزى قۇرۇپتۇ، قورام تاشلار ئېغىپتۇ،
ئۇچار قۇشنىڭ سايرىشى ئۆچۈپتىغۇ بۇ يەردىن.
تۇمان بېسىپ كېتىپتۇ ئورمانلارنى مۇشۇ دەم،
كۈلكە ناۋا قايناقلىق يوقىلىپتۇ بۇ ئەلدىن.

تەلۋىلەرچە ھۆركىرەپ ئوقيا تەگكەن شىركەبى،
ياقا يىرتىپ سۇلتانمۇ كاچاتلاپتۇ ئۆزىنى.
ئاۋازىنى يۇتۇپتۇ پاتقاق بولغان كوچىلار،
پۈكۈلگەنچە تۇپراققا كۆتۈرمەپتۇ بېشىنى.


سۇلتاننىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرى، كىرىشكەن چىشلىرىغا قاراپ نەۋكەرلەرنى سۈر بېسىپتۇ.

چاچلىرىنى يۇلغانچە خانىش كېلەر يىراقتىن،
گاھ مۈدۈرۈپ يىقىلىپ، گاھى تاتىلاپ يۈزىنى.
دەپ بېرەلمەس يامغۇرمۇ دەپ بېرەلمەس تاغلارمۇ،
قايدىن ئىزدەر ئەمدى ئۇ جان تومۇرى قىزىنى؟

بوغۇلماقتا ئاۋازى، بوغۇلماقتا تىنىقى،
نەۋكەر بىلەن كېنىزەك چېپىپ يۈرەر ھەرياندا.
مۇسىبەتلىك چىرايلار شۇنچە خامۇش پەرىشان،
تۇيۇقسىزلا قالغاندەك ئۇشبۇ زېمىن توپاندا.

«جېنىم قىزىم، جان قىزىم، سەن كۆزۈڭنى ئاچقىنە،
ئۇخلاپ قالغان مەن ئانا دېگىنىڭچە قوپقىنە.
ئاچقان بولسا قورسىقىڭ يۈرىكىمنى يەم قىلاي،
ئۇسسىغانسەن، يېشىمنى ئوچۇم-ئوچۇم يۇتقىنە.

ھەركۈنكىدەك چۈشۈڭنى شىۋىرلىغىن سۆزلەپ بەر،
ئاڭلىۋالاي ئۈنۈڭنى قانماي-قانماي تەلمۈرۈپ.
خۇدا سېنىڭ بەختىڭنى بېرىدىكەن دېسەم ئاھ،
قېچىپ كەتكىن يېنىمدىن تاتلىققىنە بىركۈلۈپ.»


خانىشنىڭ كۆز يېشى يامغۇرغا قوشۇلۇپ سەل بولۇپ ئېقىپتۇ. ئەتراپتىكىلەرنىڭ پىغانىمۇ يۈرىكىدىن تېشىپتۇ. ئۇ ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى يۆتكىيەلمەي، سۇلتاننىڭ جەسىتىنىڭ يېنىغا ئۆمىلەپ بارغىنىچە ئۆزىنى ئېتىپتۇ:

«جان كۆيەرىم سۇلتانىم، قانداق قىلاي ئەمدى مەن،
مېنى يالغۇز قالدۇرۇپ، سەن نېمانچە باغرى تاش،
ئۇنچە ئېغىر ئەلەمنى يۇتامدىمەن ئىچىمگە،
مىسكىن، دەردلىك كۆڭلۈمگە بولار ئىكىن كىم قاياش.

مەنغۇ مەيلى، ئەل سەندىن كۈتكەن ئارزۇ-ئۈمىدلەر،
مۇشۇنداقلا كۆپۈككە ئايلىنامدۇ، دەپ باققىن.
مەنلا كېتەي ئورنىغا، يۇلۇپ ئېلىپ باغرىڭدىن،
ئاشۇ ئەجەل ئوقىنى ئۆز قولۇڭدا بىر ئاتقىن».


خانىشنىڭ توققۇز كېچە-كۈندۈز تۆككەن يېشىدىن توققۇز ھۇجرا ئەتراپىدا چوقۇر ھەم سېھىرلىك توققۇز كۆل پەيدا بوپتۇ.
بوۋاي ھېكايىسىنى تۈگىتىپ، بېشىنى چىڭ قاماللىدى.
- ئاتا-ئاناڭ سېنى سۇلتان قىزىنى ياخشى كۆرگەندىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىدۇ رەيھان، سەن ئاشۇ مەلىكىدىنمۇ نەچچەھەسسە چىرايلىق، بۇ سېنىڭ ئامىتىڭ دەيتىم ئۇنىڭىغا تەكرار-تەكرار.
بوۋايغا ئىپادىسىزلا قاراپ ئولتۇرۇپ ئويلاپ قالدىم: «سۇلتان مەلىكىنى بار ئاماللارنى قىلىپ ئادەملەردىن قوغدىۋىدى، بىر تال ھەرە ئۇنى خاراب قىلدى. رەيھاننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن قوغداشقىمۇ ئۆمرى يار بەرمىۋىدى، ئادەملەر ئۇنى خاراب قىلدى».
- بوۋا، بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ بىر كۆل بار.
- بۇلبۇلكۆلمۇ؟
- سىزمۇ بىلەمسىز.
- رەيھاننى ئىزدەپ يۇرت كەزگەن ۋاقىتلىرىمدا بېرىپ كۆرگەن رەيھاننىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى...
- ئاڭلاپتىكەنسىزدە!؟
- شۇ چاغلاردىكى ھېلىقى بۇلبۇل تېخىچە كۆل بويىنى ماكان ئېتىپ تۇرۇۋاتامدۇ؟
- ھەئە.
- ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا قېرىپ كەتكەندۇ بەلكىم... ئورنۇڭدىن تۇر، بېرىپ ئۇنىڭغا سالىمىمنى يەتكۈز... ئۇ سىلەرنىڭ كەچمىشىڭلارغا، قايغۇ-ھەسرىتىڭلارغا بىر ئۆمۈر ھەمدەمدە بولدى، لېكىن ھازىرغىچە ھەتتا سەنمۇ ئۇنىڭ دەردىنى بىرەر قېتىم سوراپ باقمىدىڭ قىزىم.
خىجىللىقتىن يۈزۈم ئوت بولۇپ ياندى. بوۋاينىڭ يېنىدىن ھۆرمەت، ئېچىنىش ھەم قىيالماسلىق ئارىلىشىپ كەتكەن چىگىش تۇيغۇدا، ئۇنىڭ ئۇزاقتىن-ئۇزاق قىلغان دۇئاسىنى ئېلىپ يولغا چىقتىم.


تۆتىنچى باب:


ئېغىرلاشقان ئاياغلىرىمنى تەسلىكتە يۆتكەپ، ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراشقىمۇ رايىم بارمىغان ھالدا كېتىۋاتىمەن. يول شۇ قەدەر جىمجىت، شۇ قەدەر سۈرلۈك...
بىرھازا ماڭغاندىن كېيىن، يىراقتىن ئېشەكنىڭ سوزۇپ ھاڭرىغان ئاۋازى ۋە كولدۇرمىنىڭ يېنىك جىرىڭلىشى قۇلىقىمغا كىردى.

سەندە بارى مەندە يوق،
مەندە بارى سەندە يوق.
تەندە بارى روھتا يوق،
روھتا بارى تەندە يوق.


ھارۋىكەشنىڭ يېقىملىق ناخشىسى يېقىنلاشقانچە، ۋۇجۇدۇمنى ئىللىق بىر سېزىمغا ئارىلىشىپ كەتكەن قورقۇنچ چۇلغىۋالدى. كېتىۋاتىمەن ... ئارقامدىن يېتىپ كەلگەن ھارۋا ئۈستىدە خامۇش ئولتۇرغان يىگىتكە قورۇنۇپ تۇرۇپ سالام بەردىم. ئۇمۇ سالىمىمنى ھارغىن بىر نەزەر بىلەن ئىلىك ئالغاندىن كېيىن:
- بۇلبۇلكۆلگە... سىزچۇ؟ - دېدى.
- نېمە؟ بۇلبۇلكۆل... بۇ خىل تاسادىپىيلىقتىن ئەندىكىپ ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇۋالدىم-دە، - مەنمۇ، - دېدىم پەس ئاۋازدا.
- چىقىڭ.
- رەھمەت.
بىرنەچچە سائەت يول يۈرۈپمۇ بىرەر ئېغىز پاراڭلاشمىدۇق، ئۇ پەقەت ھېلىقى ناخشىنى توختىماي تەكرار-تەكرار ئوقۇيتتى:

سەندە بارى مەندە يوق،
مەندە بارى سەندە يوق.
تەندە بارى روھتا يوق،
روھتا بارى تەندە يوق.


يارىيار ھارۋىنىڭ تىنىمسىز غىچىرلىشى، پىژغىرىم ئىسسىق ھەم يوللاردىكى غېرىبلىق، مېنى يەنىلا ئۇزاق يىللار ئىلگىرىكى قۇتۇلغۇسىز ئەسلىمىلىرىمگە سۆرەپ كېتىۋاتاتتى.
... ئۇ چاغلار باش كۈزنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرى، مېنىڭ 16 ياشلىق ۋاقىتلىرىم ئىدى
... ئانامنىڭ توختىماي كايىشلىرىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يەنە سۇغا چىقتىم. ئۇلار مېنى بەرمەكچى بولۇۋاتقان 40 ياشلار چامىسىدىكى چېقىر كۆز، چار ساقال، مۇشتۇمدەك پوقىقى بىلەن تېخىمۇ سەت كۆرۈنىدىغان ۋىجىككىنە ئۇ ئادەمنى خىيال قىلغانسېرى شۈركۈنۈپ، شۈركۈنگەنچە ئۇنىڭ نۇقسانلىرىنى تېخىمۇ كۆپرەك تېپىش ئۈچۈن يەنە خىيال قىلىپ كۆل بويىغا كەلدىم. سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالغان ئىككى-ئۈچ تال سارغۇچ يوپۇرماققا قاراپ ئولتۇرۇپ بوغۇزۇمدىكى ئاچچىق يىغىنى يۇتۇۋېتىشكە قۇربىم يەتمىدى. بۇ ھالەتتە قانچىلىك ئولتۇرغانلىقىمنى بىلمەيمەن. بىر چاغدا بۇرنۇمغا قويۇق نەشە پۇرىقى ئۇرۇلۇپ كەينىمگە بۇرۇلدۇم.
- يىغلاپسەنغۇ، خۇددى ئەرگە تېگىدىغاندەك؟
- تەگسەم تەگدىم! بۇغداي ئۆڭ، تەتۈر ئۇستىخان تەمبەل بۇ يىگىتكە زەردە بىلەن جاۋاب قايتۇردۇميۇ، يۈرىكىم باشقىچە سېلىپ كەتتى.
- مەندىن باشقا ئادەمگە تەگكىنىڭنى كۆرەي، كېلەر ھەپتە تويۇڭ بولارمىش ھە تېخى.
- ...
- ئۇ ئىپلاسقا تەگكۈڭ بولمىسا، پەيشەنبە كۈنى قاش قارايغاندا مۇشۇ كۆل بويىغا چىق. ئۇ شۇنداق دەپلا گۈس-گۈس دەسسىگىنىچە ئۇزاپ كەتتى.

ئىزغىرىن شامالغا تۇتتۇم يۈزۈمنى،
سۇدىكى سايەمگە چۈشتى يوپۇرماق.
چېلەككە ئۇسۇغىنىم تېگى يوق خىيال،
كۆزۈمدىن يېشىمنى سۈرتتۈم ئاۋايلاپ.

ئايلىنار يېنىمدا بىر جۈپ چۈمۈلە،
بىلمەكچى بولغاندەك كۆڭلۈمدىكىنى.
ئىزتىراپ ئارىلاشقان قىرتاق ھاياجان،
سىرلىق بىر چۈش كەبى قىينايدۇ مېنى.

ئۇ ئەجەب تۇيۇقسىز بوپ قالدى پەيدا،
سەزدىكىن قانداقمۇ ئازابلىرىمنى.
يا تېخى بىلەمدۇ ئۇزاقتىن بۇيان،
بىر ئۇنى ئۈن-تىنسىز سۆيگەنلىكىمنى.

چېچىمنىڭ ئۆرۈمىنى چۇۋۇدۇم تەكرار،
يۇلتۇزدەك چايقايدۇ خىياللار تۈننى.
ناۋادا شۇ كۈنى بارسام ئۇ يەرگە،
راستتىنلا ئۇنتۇماي كۈتەرمۇ مېنى.


ئىنتىلىش ھەم قورقۇش، بۇرۇقتۇرمىلىق ھەم ئېسەنگىرەش ئارىلىشىپ كەتكەن خەتەرلىك كەيپىياتتا بۇ ئۈچ كۈننى ناھايىتى تەستە ئۆتكۈزدۈم. مەن ئۆزۈمنى قاچۇرغان ھەم كۈتكەن پەيشەنبە ئاخىر يېتىپ كەلدى. قاش قارايغان چاغ... «ئۇ كەلمەي قالسىچۇ؟ كەلسە يەنە نېمە دەر؟» دېگەن خىياللار ئىسكەنجىسىدە كۆل بويىغا يېقىنلاشتىم. قولۇمدىكى چېلەكمۇ نېمىشقىكىن ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
- ھوي گۈلبانۇ.
تونۇش ھەم سۈرلۈك بۇ ئاۋازدىن يەنە بىر قېتىم چۆچۈپ كەتتىم.
- چىقىپسەندە؟
- نېمە گېپىڭ بار، تېزرەك ئېيتقىن، بولمىسا ئانام...
- يەنە ئۆيگە ئالدىراۋاتامسەن كالۋا؟ ھېلىقى پوقاققا تەگكۈڭ باركەندە؟
- كىم شۇنداق دەيدۇ...
- ئۇنداقتا ئەمدى ئۆيگە قايتىمەن دېمە، مەن سېنى ھازىر يىراقلارغا ئېلىپ كېتىمەن.
- نېمىشقا؟
- سېنى غەمدىن خالاس قىلاي دەپ.
- قورقىمەن.
- قورقما، ئەخمەق.
- قاچان قايتىپ كېلىمىز ئەمىسە؟
- سەن مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان كۈنى.
ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ مەنمۇ كۈلۈپ سالدىم. ئەمەلىيەتتە ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى خېلى بۇرۇنلا ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى بىلمەپتىكەندە، خۇداغا شۈكۈر...
ئارقامدا نېمىلەرنى قالدۇرۇپ، نېمىلەرگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىمنى ئېنىق بىلمىسەممۇ، مەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ئەگەشكەن.... مېنىڭ قىسمىتىم دەل ئاشۇ كۈندىن باشلانغانىدى.

چاراسلاپ چېقىلماقتا ئاۋازىممۇ ئاھ،
يوللارنىڭ جىملىقى بولماقتا ۋەيران.
قورقساممۇ، سەزگۈمدىن رازىمەن لېكىن،
ئەسەبىي رېئاللىق بەرمەيدۇ ئىمكان.

تولۇن ئاي تۆشەكتىن چۈشكۈسى يوقتەك،
بۇلۇتلار ئارىسىدا ئۇخلار خىرامان.
نۇركەبى پارلىغان ئىككى ۋۇجۇدتىن،
تەبىئەت ۋەسلىگە ئوقۇيتتى دەرمان.

يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئاراچلىرىدا،
كۆيمەكتە ھاياتلىق، كۆيمەكتە يۈرەك.
شاخلاردەك قاراسلاپ كۈچىنەر تاتلىق،
ئىسسىق بىر تۇيغۇدا كۆپجۈگەن بىلەك.

كېچىنىڭ شىددىتى قىستايدۇ جاننى،
بايىقى تەشۋىشنىڭ يوقتۇر دېرىكى.
خۇمارلىق سىلكىنەر يالاڭئاياغ پۇت،
غۇنچىلار ئەتراپتا نەشە پۇرىقى.


ئارىدىن بەش ئاينى ئۆتكۈزۈپ مەھەللىگە قايتىپ كېلىۋىدۇق، كىچىك بالىلار تاش ئاتتى، ئاياللار لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈشسە، پەقەت ئاندا-ساندا ئەرلەرنىڭ: «ئوغۇل بالا دېگەن شۇ، سارنىڭ قولىدىكى رىزقىنى تارتىپ ئالالايدۇ» دېيىشكىنى قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالاتتى. شۇ كۈنلەردە ئاتا-ئانامنىڭ ئىشىكىدە بىركېچە يىغلاپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاران بوسۇغىدىن ئاتلىيالىغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.
كۈنلەر كۈنلەرگە، تۈنلەر تۈنلەرگە ئۇلىشىپ ئۆتۈۋەردى. ئۇنىڭ قىمار، ھاراق ھەم نەشىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن بىر ئادەملىكىنى بارا-بارا ھېس قىلدىم. مەن ئۇنى ھۆرمەت قىلغانچە ئۇ مېنى ئازابلايتتى، مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەنچە ئۇ مېنى بىھۇدە ئۇرۇپ دۇمبالايتتى، مەن ئۇنىڭغا يالۋۇرغانچە ئۇ مېنى تېخىمۇ ھاقارەتلەيتتى، ھەتتا تاياق زەربىدىن ئىككى قېتىم بالىمىزنىڭ بويۇمدىن ئاجراپ كېتىشىمۇ ئۇنىڭغا قىلچە تەسىر قىلمىدى. يىغلىدىم، قاقشىدىم، غېرىبسىندىم، لېكىن يەنىلا پۇشايمان قىلىپ باقمىدىم. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا نېمە ئىشنى خاتا قىلغىنىمنى، نېمىشقا بۇنچە خورلىنىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ: «ھۇ بۇزۇق، قېرى ئوغرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويغىنىمغا تويدۇردۇڭغۇ مېنى» دەپ سالدى. شۇئان كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. قىزىق! ئۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگىنىمنى مېنىڭ ئاجىزلىقىم، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەگەشكىنىمنى مەڭگۈلۈك ئاھانىتىم دەپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىكەن. ئاياللىق ئىززىتىم ھەم ۋۇجۇدۇمدا ئاپىرىدە بولغان يەنە بىر يېڭى جاننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن لېۋىمنى زەرب بىلەن چىشلىدىم. ئەپسۇس، مىڭلارچە ئەپسۇس... ماڭا ئانىلىق غورۇر، ئاياللىق ئىپتىخار ئاتا قىلىپ ئەمدىلا قورسىقىمدا تەۋرەشكە باشلىغان بالام تاياق زەربىدىن يەنە بويۇمدىن ئاجرىدى.

يېرىلىڭ تاشىم، يېرىلىڭ،
مەن بالامنى كۆرۈۋالاي.
جان ئانامنىڭ باغرىدەك،
باغرىڭىزغا كىرىۋالاي.


مەن چاچلىرىمنى يۇلۇپ بار ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ يىغلىغىنىمچە ماڭا مۇھەببەت ھەم ئاھانەت ئاتا قىلغان بۇ ئۆيدىن ئاخىر قېچىپ چىقتىم. مۇشۇ ھالدا ئاتا-ئانامنىڭ يۈزىگە قاراۋېرىشتىن خىجىل بولۇپ، شۇ يۈگۈرگەنچە مەھەللىدىنمۇ ئۇزاپ كەتكەنىدىم.

مەندە بارى سەندە يوق،
سەندە بارى مەندە يوق.
تەندە بارى روھتا يوق،
روھتا بارى تەندە يوق.


ھارۋىكەشنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى خىيالىمنى بۇزۇپ، يۈرىكىمنى تېخىمۇ ئەزدى. كۈن يەنىلا شەرقتىن چىقىپ، غەربكە پېتىۋاتاتتى.

پۇشقۇرۇپ-پۇشقۇرۇپ ماڭار جانىۋار،
ئايدىڭنىڭ بەرگىدە سۇنماقتا ناخشا.
چېكەتكە ئاۋازى چۆكمەكتە يەنە،
كۆزلەردىن جىمجىتلا سىرغىغان ياشقا.


- بۇلبۇلكۆلگە كىمنىڭكىگە ماڭدىڭىز؟
- ياخشى كۆرگەن قىزىم قېچىپ كېتىپتۇ، دېرىكىنى قىلاي دەپ... ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى تەمكىنلىك ھەم كۆزلىرىدىكى پەرىشانلىقتىن جۇغۇلداپ كەتتىم. مەھەللىدىكى قۇرۇغان دەريا بويىدىن زەينەپنىڭ مۇڭلۇق سايرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.

بەشىنچى باب: بۇلبۇلكۆل


كېتىۋاتىمەن، جىگدا شېخىدە مۈگدەپ ئولتۇرغان قېرى بۇلبۇلغا كۆزۈم چۈشكەندە ئاياغلىرىم ئېغىرلاشتى.
- بۇلبۇلۇم.
ئۇ ئاۋازىمدىن يېنىك سىلكىنىپ كۆزلىرىنى ئاچتى.
- ساڭا نېمە بولدى؟
- كەتكىنىڭگە توققۇز كۈن بولدى. توققۇز كۈندە بۇ مەھەللىدە نېمە ئىشلار يۈز بەرمىدى دەيسەن.
ئارىدىن شۇنچە كۈننىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە ئىشىنەلمىگىلى تاس قالدىم-دە، ئۇنىڭغا تەئەججۈپ بىلەن قاراپ قويدۇم.
- گۈلبانۇ، ھېلىقى كۈنى كەۋسەرنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتكىنى يادىڭدىمۇ؟
- كەۋسەر؟ ھە... ھېلىقى ئايال.
- شۇنچە زور غەيرەت ھەم مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بوسۇغىدىن ئاتلىغان ئۇ ناتىۋاننى ئېرى يەنە تۈگىمەس ھاقارەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدى. ئۇ لەۋلىرىنى قانىغۇدەك چىشلىدى، ئۆيدىن چىقىپ كەتمىدى. لېكىن، كۆزلىرىدىن سەۋر قاچىسىنىڭ تولغانلىقى بىلىنىپ، غەلىتە بىر نۇر ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
ئۇ سۇپىنى سىيرىپ-سۈپۈرۈپ، ئورۇن راسلاپ تۇرۇشىغا ئېرى ئۇنى بېسىۋېلىپ تەلۋىلەرچە سۆيۈشكە باشلىدى.
كەۋسەر قارشىلىقمۇ قىلمىدى، ئوت بولۇپمۇ يانمىدى، پەقەت ئەينى ۋاقىتتىكى قوناقلىقتىكى شېرىن تۇيغۇلىرىنى خىيال قىلغاچ كۆزلىرىنى بوش يۇمدى. ئۇ كۆزلىرىنى ئاچقاندا ئېرى يېنىدا خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتاتتى.
كەۋسەر توي قىلغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم خورلۇق ھېس قىلدى. ئۆزىنى دۇمبالىغان ئاشۇ قوللار بايا پۈتۈن بەدىنىنى تويماسلىق بىلەن سىيلاپ چىقتى. ئۇنى ھاقارەتلىگەن ئاشۇ لەۋلەر ئۇنىڭ سوۋۇپ كەتكەن لېۋىگە كۈچەپ بېسىلدى. ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى نېمىشقا ئۆزىنىڭ خورلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماي ياشىيالىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدى.
پۇت-قوللىرىم بوشىشىپ ماغدۇرسىزلانغان ھالدا بۇلبۇلنىڭ ياشلىق كۆزلىرىگە تىكىلدىم.

يامرايدۇ يىغىدەك يىراق-يىراققا،
بەندىلىك مۇقامىدا ھىجران كەلكۈنى.
بۇلۇتلار ئارىسىدىن سىرغىيدۇ ئىسسىق،
يۈرەككە سىغمىغان ئازاب سەلكىنى.

دىل دەشتى لەۋلەردەك قۇرۇغان شۇتاپ،
كۆرۈنمەس ئۇ يەردە بىر تالمۇ گىيا،
ئاياللار لېۋىنى چىشلىسە قاتتىق،
تەبىئەت باغرىدا بىر قىيا-چىيا.


بۇلبۇلنىڭ ھەسرەتلىك بوغۇق ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى:
- ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، سۇپا يېنىدىكى ئوچاق بېشىدا تاشلىنىپ تۇرغان كەكىنى قولىغا ئالدى. تۈڭلۈكتىن ماراپ تۇرغان ئايمۇ قارىيىشقا باشلىدى. كەۋسەر قولىدىكى كەكە بىلەن بەخىرامان ئۇخلاۋاتقان بۇ ئادىمىي ھايۋاننىڭ كاللىسىنى ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم چانىۋەتتى.
ئىچىمدىكى تىترەكنى ناھايىتى تەستە بېسىپ، ۋارقىرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئالىقانلىرىم بىلەن ئاغزىمنى چىڭ تۇتۇۋالدىم.
- شۇ كۈندىن بۇيان مەھەللىدىكىلەر ئۇنى ھەرقانچە ئىزدەپمۇ ھېچ يەردىن تاپالمىدى گۈلبانۇ.
«بەلكىم ئۇ يەنە بىر ئايالنىڭ ئۆزىدەك خورلۇق تارتىپ قېلىشىنى خالىمىغاندۇ ياكى ئۇنى راستتىنلا چىن قەلبىدىن سۆيىدىغاندۇ» دەپ شىۋىرلىدىم ئۆز-ئۆزۈمگە.
- بايا تېخى بىر يىگىت بۇ يەرگە كېلىپ كەتتى. ئۇ كەۋسەرنى ئېلىش ئۈچۈن پۇل تاپقىلى ئۈچ يىل بۇرۇن يۇرتتىن چىقىپ كەتكەن. لېكىن، شۇ يىللاردا كاج تەقدىر كەۋسەرنى ئىختىيارسىز ھازىرقى قىسمەتلەرگە باغلىغان... بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى بارغانچە زەئىپلىشىشكە باشلىدى. بۇ دەل تۈن نىسپىدىن ئاشقان چاغ بولۇپ، سەپەردىكى ھارغىنلىق، قەلبىمدىكى زىددىيەت، نېرۋىلىرىمدىكى چىدىغۇسىز چىڭقىلىش مېنى خېلىلا ھالسىراتتى بولغاي، مۈگدەك باسقان كۆزلىرىمنى ئېچىشقا ئامالىم بولمىدى. بۇ چاغدا يەنە ھېلىقى ھارۋىكەش يىگىتنىڭ تونۇش ناخشىسى قۇلىقىمغا كىرگەندەك بولدى:

سەندە بارى مەندە يوق،
مەندە بارى سەندە يوق.
تەندە بارى روھتا يوق،
روھتا بارى تەندە يوق.


ئالتىنچى باب: گۈلبانۇنىڭ چۈشى


سۇ بولغان يۈرەكتە بىر ئوچۇم خوۋلۇق،
ھارۋىنىڭ غىچىرلىشىنى يالمايدۇ ئەتراپ.
قۇرۇغان شاخلارنىڭ سوۋۇغان تېنى،
پاكىز بىر تىنىقتەك سوزۇلار شۇ تاپ.

شورلاشقان خىياللار يانىدۇ تاتلىق،
يېرىلغان ئالىقانغىلا ئوخشايدۇ ئاسمان.
تەر ھىدى ھورلىنار شۇ قەدەر قېنىق،
زېمىنغا چىپىلداپ ئاقىدۇ ئارمان.

ساراسىم گۈللىرى توزۇغان جايدىن،
چاڭقىغان قۇشلارمۇ ئىزدەيدۇ پىراق.
قانىغان لەۋدەكلا تۇرار ئۈمچىيىپ،
يوچۇن بىر قول بىلەن كېسىلگەن توغراق.

سىڭمەكتە تەبىئەتكە، سىڭمەكتە تاشقا،
گۇگۇمنىڭ باغرىدا يۇمران بىر تىۋىش.
ئاۋايلاپ چېچىلار شۇ چىغىر يولغا،
يىگىتنىڭ بەلۋېغىغا تۈگۈلگەن پۈتمىش.

يىراقتىن ئاڭلانغان سۈزۈك بىر شەپە،
تاراتتى ئەتراپقا تونۇش بىر گۇمان.
خۇرجۇننىڭ ئىزمىسىنى يېشىۋاتقان قول،
بىردەملىك ئويۇشۇپ قالدى ئاھ شۇئان.

چاپچىدى قۇلاندەك ياندى ئوت بولۇپ،
قەدەملەر سۈلكىتىدە پارلىدى يۇلتۇز.
سېزىلدى يىگىتكە دەسسەپ ماڭغىنى
توپىلا ئەمەس، ئۇ بەلكى ھالال تۇز.

كۆرۈندى بىر جۈپ كۆز چوغدەكلا چاقناپ،
ۋەھىمە تىغلىرى قايرىلدى تىمتاس.
يانتاقلىق ئارىسىدىن تەپچىگەن بىر ئۈن،
ئاينىمۇ زېمىنغا ئېگىلدۇردى باش.

چېچەكتەك يېيىلغان ئاپئاق كۆڭلەكتىن،
ھورلاندى ئۇنتۇلغان كەچمىشنىڭ ئىسى.
قاراڭغۇ كېچىنى يورۇتتى ئىللىق،
موماينىڭ ئاق نۇردەك ئاقارغان چېچى.

يىگىتكە زەن سېلىپ كۈلدى مۇلايىم،
كۈلكىنىڭ ئورنىغا تامدى ئىسسىق قان.
تاپىنى ئاستىدا تۇرسىمۇ تىكەن،
يىگىتنى چۇلغىدى چەكسىز ھاياجان.

- تونۇدۇم مەن سېنى، ئېھ قار مەلىكە،
قاچاندىن بۇ يەرنى ئەيلىدىڭ ماكان.
ئادەملەر يۈرىكىدىن يىراق بىر جايدا،
ھەي بۇنداق ياشاشمۇ ئەمەسقۇ ئاسان.

- سەن قانداق بىلىسەن مېنى جان يىگىت،
تونۇمسەن ۋە ياكى ئۆگەي ئانامنى.
ئۇچرىتىپ قالدىڭمۇ ياكى بۇ يولدا،
مەن ئۈچۈن ياش تۆككەن ئەزىز دادامنى؟

- تونۇدۇم مەن سېنى ئوتلۇق كۆزۈڭدىن،
يېرىلغان پۇتۇڭدىن، سېۋېتىڭدىن ھەم.
چۇۋۇلغان چېچىڭنىڭ ئۆرۈملىرىدىن،
تۇيۇلدى تامچىلاپ تۇرغاندەك ئەلەم.

- قار ياغقان شۇ كۈنى بۆلجۈرگەن ئىزدەپ،
ماڭغانچە ئاھ ئۇزاپ كەتتىم ئۆيۈمدىن.
قانچە قىش، قانچە ياز ئۆتتى ھەم باھار،
قورقمىدىم ھەتتاكى ھەق بىر ئۆلۈمدىن.

سارغايغان ياپراقلار كۆمدى يولۇمنى،
بۇ خىلۋەت ماكانغا كەپ قالدىم ئېزىپ.
قايتىشنى ئىستەپمۇ باقمىدىم ئۆزۈم،
تەبىئەت باغرىدا كەتتىم مەن ئېرىپ.

ھە مانا ئۆزۈڭمۇ تۇرۇپسەن كۆرۈپ،
شۇنچە يىل يا ئاچلىق يەڭمىدى مېنى.
كۆز يېشىم يېتىشتى ئۇسسۇزلۇقۇمغا،
ساپ ھاۋا، پاك تۇپراق يۆلىدى مېنى.

يىگىتنىڭ ۋۇجۇدى كەلدى لەرزىگە،
ئاھ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتتى بىمالال.
ئەپ كەلدى كېسىلگەن توغراق يېنىغا،
جانىۋارمۇ ئۇيقۇدىن ئويغاندى دەرھال.

مەي بولۇپ قىزارغان بۆلجۈرگەنلەرنى،
خۇرجۇنى ئىچىدىن ئالدى ئوچۇملاپ.
ئۈمىد ھەم ھەيرانلىق ئىسكەنجىسىدە،
موماينىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى شۇ تاپ.

- جان يىگىت، ھەر زامان، ھەربىر دەقىقە،
مەن شۇنداق بىر يۈرەك كۈتكەن ئەزەلدىن.
ىورلۇقۇم ئۇنتۇلغان خىيالىم بىلەن،
ئەسلىمنى، ۋەسلىمنى تاپتىم بۇ يەردىن.

تۇت بۇنى، ئالىقىنىمدا بىر تاللا ئۇرۇق،
چېچىپ باق خىسلەتلىك زېمىنغا ئۆزۈڭ.
قۇت بولسۇن بىر ئۆمۈر سەندىكى جىگەر،
تاڭ ئاتسا ئاپتاپتەك نۇرلانسۇن يۈزۈڭ.

يىگىتنىڭ شىجائىتى كۆكلىدى رەت-رەت،
تاشلارنىڭ تەپتىدە چوغ بولۇپ تاغلار.
سۇمبۇل چاچ كۆركىدە سىلكىنسە تۇيغۇ،
تەر بىلەن يۇيۇلدى يەردىكى داغلار.

كەڭ سەينا رەڭدار بىر باغدەك كۆرۈنەر،
كۆزلەرگە ئوخشىتىپ كولاندى بۇلاق.
قۇشلارمۇ بىر-بىرلەپ سېلىشتى ئۇۋا،
يوللارنىڭ پايانى ئۇزاقتىن-ئۇزاق.

يارىلانغان بىر كېيىك كۆلنىڭ بويىدا،
مۇڭلىنىپ تۇرىدۇ يۈرىكى لەختە.
ئىزدىمەس ھەتتاكى بىلمەيدۇ ھېچكىم،
ئۇمۇ بىر ئۇنتۇلغان غېرىب مەلىكە...
...
سەھەرنىڭ ھاۋاسىغا ئارىلاشقان جىگدە پۇرىقى ھەم كاككۇك بىلەن زەينەپنىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك كۈلكىسى مېنى سەگەكلەشتۈرۈپ، تاتلىق بىر تۇيغۇدا كۆزۈمنى ئاچتىم.


يەتتىنچى باب: شور دەريانىڭ ئۇ تەرىپى


- بۇلبۇلۇم.
ئۇ جىگدە شېخىدا مۈگدەپ قالغاندەك ئولتۇراتتى.
- بۇلبۇلۇم! ئۇنى يەنە بىر قېتىم چاقىرغاچ شاخلارنى يېنىك سىلكىتتىم. لېكىن، ئۇ كۆزىنى ئاچمىدى. يۈرىكىم ئاغزىمغا قاپسىلىپ قالغاندەك، تىنىقلىرىم جىددىيلىشىپ، سوغۇق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتىم.
ئۇنى قۇرۇغان يوپۇرماقلار ئارىسىدىن ئاۋايلاپ ئېلىپ، سوۋۇپ كەتكەن تېنىنى سىلىدىم، باغرىمغا باستىم، ياشلىق كۆزلىرىمگە سۈرتتۈم...
بۇلبۇلۇمنى نەمخۇش توپىغا بارلىق ئارزۇ-ئۈمىدلىرىم بىلەن قوشۇپ كۆمگەندىن كېيىن، توققۇز كېچە-كۈندۈز يىغلاپمۇ پىغانىم بېسىلمىدى. يېرىلىپ قاناپ كەتكەن تىرناقلىرىمغا قاراپ تېگى يوق خىياللارغا غەرق بولدۇم...
بىر چاغدا زەينەپنىڭ ۋەھىمىلىك ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئەسلىمگە كەلسەم، بۇلبۇلكۆلنىڭ كۆز ياشتەك سۈزۈك ھەم قىرتاق سۈيى سەل بولۇپ تېشىپ مەھەللىمىزدىكى قۇرۇغان دەرياغا قاراپ يامراشقا باشلاپتۇ.
- كاككۇك... كاككۇك!!!
زەينەپنىڭ بارغانسېرى بوغۇلۇپ كېتىۋاتقان مۇڭلۇق ئاۋازى، كاككۇكنىڭ شاۋقۇن يۇتۇپ كېتىۋاتقان ھىجرانلىق قىسمىتى يۈرىكىمنى ئامبۇردەك قىسىپ، كۆز ئالدىم خىرەلىشىپ، يەر-جاھان پىرقىراشقا باشلىدى...


٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(مەنبە: شائىرەنىڭ «بارسا كەلمەس يول» ناملىق شېئىرلار توپلىمى)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

没有评论:

发表评论

发表评论