2009年5月6日星期三

Pantürkizimliq medeniyet üstide tehlil(4)



پانتۈركىزملىك مەدەنىيەت ئۈستىدە تەھلىل(4)


تۆتىنچى باب:
پانتۈركىزملىق مەدەنىيەت قارىشىغا تەنقىد.


ئالدى بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، بىز كۆزدە تۇتقان «تەنقىد» ئادەتتىكى سىياسىي خاراكتېرلىك ھۆكۈمنى ئەمەس، بەلكى دەلىل-ئىسپات ئاساسىدا قىممەتكە سوغۇققانلىق بىلەن باھا بېرىش ۋە ھۆكۈم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. كىتابىمىزدا پان تۈركىزملىق مەدىنىيەت قارىشىغا مۇناسىۋەتلىك قىممەت يۆنىلىشى ۋە ھەق-ناھەقلىق ئۈستىدىل توختىلىپ، تۈرك ئىلمىنىڭ تەكشۈرش دەلىل-ئىسپاتى، تەتقىقات مېۋىسى قاتارلىق ساپ ئىلمىي قىممەتكە ئىگە باھالار ئۈستىدە توختالمايمىز.
باھا چوقۇم توغرا نەزەرىيىۋى ئاساسقا ئىگە بولۇشى كېرەك. شۇبھىسىزكى، ماركسىزملىق نەزەرىيە، شۇڭا پانتۈركىزىملىق مەدەنىيەت قارىشىغا تەنقىد ئېلىپ بارغاندا، ماركسىزملىق مەدىنىيەت نەزەرىيىسىنى ھەركىتىمىزنىڭ قىبلىنامىسى قىلىشىمىز كېرەك.


بىرىنچى بۆلۈم:
بېكىنمە ھەم ماكان-زاماندىن ھالقىغان ئىدېئولوگىيە

مەدىنىيەتنى ئادەم ياراتقان، ئۇ دائىم مىللەت شەكلىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدىنىيەتنى شەكىللەندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، مەدىنىيەت ئېچىۋېتىلگەن بولىدۇ، مەدىنىيەت بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، مۇقەرەر ھالدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. كىشىلەر مەلۇم بىر خىل مەدىنىيەتنىڭ ياخشى تەرىپىنى بايقىغان ھامان چوقۇم ئۆگىنىدۇ، يىراق قەدىمكى زاماندىمۇ مىللەتلەر ئارىسىدا ئالماشتۇرشلار بولغان، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، دۇنيادىن سىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان مەدەنىيەتنى تاپقىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى زاماندىن بۇيان، «كاپىتالىزىم دۇنيا بازىرىنى ئاچقانلىقتىن، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرشى ۋە ئىستېمالى دۇنياۋى خاراكتېرنى ئالدى... ئىلگىرى يەرلىك ۋە مىللەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان بېكىنمە ھالىتىنىڭ ئورنىنى ھەر قايسى جەھەتلەردىكى بېقىنىش ئىگىلىدى. ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئوخشاشلا مۇشۇ خىل خۇسۇسىيەتكە مۇشۇ خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولدى. ھەر قايسى مىلەتلەرنىڭ مەنىۋى مەسۇلاتلىرى ئورتاق مۈلۈككە ئايلاندى. مىللەتنىڭ بىر تەرەپلىمىلىكى ۋە چەكلىمىلىكى كۈنسېرى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتتى»①.
جۇئېنلەي: «ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز ئارا پاراكەندىچىلىك ئەسلىدە ياخشى ئىش ئەمەس ئىدى، ئەمما ئوبيېكتىپ جەھەتتە ياخشى ئۈنۈم بەردى. ئۇ مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشىنى ھاسىل قىلىپ، ئۆز ئارا نىكاھلىنىش، مەدىنىيەت ئالماشتۇرش، مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ئۆگىنىش، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئاسان بىرلەشتۇردى» ②.دەپ كۆرسەتكەنىدى.
ماۋزېدۇڭ: «ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، ھەممە مىللەت ئارتۇقچىلىققا ئىگە، ئۇنداق بولمايدىكەن، مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بىزنىڭ فاڭجېنىمىز بارلىق مىللەت، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىش»③. دەپ كۆرسەتكەنىدى. مانا بۇ ماركىسىزىمنىڭ مەدىنىيەتنىڭ ئېچىۋېتىشچانلىقى ھەققىدىكى كلاسسىك بايانلىرىدۇر.
مەدىنىيەت پانتۈركىزىمنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇ مەدىنىيەتنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزلۈكسىز يېڭىىنىدىغان، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئورگانىزم ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ؛ ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئۆگىنىش، مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق جەريان ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ؛ ھىچقانداق ئاساسسىز ھالدا «تۈرك مەدىنىيتى» نى «ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي»، «ئەڭ ئۇلۇغ»، «ئەڭ ئەلا»، «دۇنيادا كەم ئۇچىرايدىغان» مەدىنىيەت، لېكىن باشقا مەدىنىيەتلەرنى بولسا «يىزىقى قالاق»، «مەدىنىيتى قالاق»، «نادان، تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە»، «بارغانلا جاينى ۋەيران قىلىدۇ، مەدىنىيەتنى گۈللەندۈرەلمەيدۇ» دەپ قارايدۇ.
ئەڭ چوڭ پان تۈركىزم نەزەرىيىچىسى زىيا كۆك ئالپ مەدىنىيەت مىللىيلىككە، مەدەنىيلىك خەلقئارالىققا ئىگە، ئىككىسى سىغىشالمايدۇ، «تۈركلەر» نىڭ يىلتىزى، پان تۈركىزمچىلارنىڭ بۇرچى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ ئەلا «تۈرك مەدەنىيتى» نى بايقاش، ئېچىش ئىدى. مەدەنىيەت بىلەن مەدەنىيلىكنى قارىمۇ قارشى ئورۇنغا قويىدىغان بۇ خىل قاراش غەلىتە، قىزىقارلىق، ئەمما «تۈرك مەدىنىيتىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى قوغداش» ئېتىقادى ئاستىدا، مەدىنىيەت قىممەت قارىشىنىڭ يۆنىلشى جەھەتتە كۈچلۈك بېكىنمە جاراكتېرىنى ئىپادىلەپ، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلدى.
مەدىنىيەت پان تۈركىزمى كۈچلۈك بېكىنمىچىلىكنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ماكان، زاماندىن ھالقىغان تارىخقا قارشى نۇقتىئىنەزەرنىمۇ ئىپادىلىدى تارىخنى ئويدۇرۇش، توقۇپ چىقىش، قىياس قىلىش، مۇبالىغىلەشتۈرۈش، شىپى كەلتۇرۇش ئۇلارنىڭ دائىم قوللىنىپ ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى. ئۇلارنىڭ سۆزى بۇيىچە ئېيىتقاندا تۈركلەر 10 مىڭ يىلدىن يۇقىرى تارىخقا ئىگە بولۇپ، قەدىمكى مىسىر تارىخىدىنمۇ 5000 مىڭ يىل ئۇزۇن ئىكەن، «تۈرك دۆلىتى» نىڭ تېررىتورىيسى غەربتە شىمالىي دېڭىز، قىزىل دېڭىز، قارا دېڭىز ۋە ياۋروپاغىچە، شىمالدا شىمالىي مۇز ئوكيانغىچە، شەرقتە تىنىچ ئوكيانغىچە، جەنۇبتا ھىندى ئوكيانغىچە بولغان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ قىلچە تارىخىي ئاساسى بولمىغان ئويدۇرما، ساختا، قىياسىي قاراشتۇر.
ئەمەلىيەتتە، تۈركلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئەجدادلىرىغا ئائىت رىۋايەتلەر ناھايىتى قەدىمىي بولسىمۇ، ئەمما تۈرك قەبىلە ئىتتىپاقنىڭ گۈللەنگەن ۋاقتى تارىخىي مەنبەلەردە 6- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى، دەپ خاتىرىلەنگەن. شۇ چاغدا، تۈرك قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان كۆپ قىسىم قەبىلەر ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىدىكى يايلاقلاردىكى كۆچمەن چارۋىچى خەلىقلەر ئىدى. تارىخىي ۋە ئارخېئولوگىيلىك ماتېرىياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان بىر قىسىم قەبىلىلەر كەڭ كۆلەمدە جەنۇپتا كۆچۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقىغا كەلگەن ھەمدە كۆچمەن چارۋىچىلىق ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ مۇقىم ئولتۇراقلاشقان، ئۇلارنىڭ ئىران تىلدا سۆزلىشىدىغان، دېقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىندىغان يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىرىكىشى 8~9-ئەسىرلەردىن كېيىنكى ئىشتۇر.
ھازىر تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر نەچچە ئوندىن ئاشىدۇ. ئۇلارنىڭ تىلى يېقىن، مەدىنىيەت جەھەتتە نۇرغۇن تەرەپلەردە ئورتاقلىققا ياكى ئوخشاشلىقلارغا ئىگە. بىراق، بۇلارمۇ شۇ كەڭ زېمىندا ياشىغان قەدىمكى قەبىلەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزئارا قويۇق ئالاقە قىلىشى، ئارىلشىشىنىڭ نەتىجىسى، بۇ بىر ئۇزاق، مۇرەككەپ تارىخىي جەريان. گەرچە ئۇلار مۇنداق ياكى ئۇنداق ئورتاق ياكى ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما تۇرۇش ئۇسۇلى ۋە مەدىنىي، تارىخىي تەرەققىياتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھازىرقى زامان مىللەتلىرىنى شەكىللەندۇرگەن. مەسلەن، قازاق، ئۇيغۇر، قىرغىز، تۈركمەن، ئۆزبېك، قارا قالپاق، تۈرك، ئەزەربەيجان، تاتار قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى مىللەتلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيتى بىلەن بىر گەۋدە ئايلانغان. مەسلەن، ئۇيغۇرلار، قىرغىزلار، ئۆزبىكلار، تاتارلار، يۇغۇرلار، ۋە جۇڭگۇدىكى قازاقلار ئاللىبۇرۇن جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسنىڭ ئەزاسىغا ئايلانغان.
پان تۈركىزىمچىلارنىڭ ئاتالمىش «تۈرك مەدىنىيەت ئورتاقلىقى» ماكان، زاماندىن ھالقىغان. بۇ بىۋاستە مۇنداق ئىككى مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ: بىرى، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئولتۇراقلاشقان ھەم مەدىنىيەت جەھەتتە ئاللىبۇرۇن ياكى ھازىر ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتى بىلەن بىرگەۋدىگە ئايلانغان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ دۆلەتكە بولغان تونۇشىنى خۇنۇكلەشتۈرىدۇ، بۇ شۇ دۆلەتلەردە مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى قوزغاشنى مەدىنىيەت ئارقا كۆرىنىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ يەنە بىرى، ھازىرقى زاماندا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ رېئال مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئاشۇ بىر قىسىم «تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر» نىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقىغا ئىگە دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. مەيلى ئالدىنقىلىرى ياكى كېيىنكىلىرى بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشلا ئىگىلىك ھۇقۇقىغا ئىگە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا خەۋپ-خەتەر يەتكۈزىدۇ ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت، جەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە خەلقئارا مۇھىتىنى يامانلاشتۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل بېكىنمە ۋە ماكان، زاماندىن ھالقىغان ئىدېئولوگىيە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇگۈنكى دۇنيانىڭ تىنىچلىق ۋە تەرققىيات تارىخىي مۇساپىسغىمۇ ئەكس تەسر پەيدا قىلىدۇ.
بېكىنمە ۋە ماكان-زاماندىن ھالقىغان ئىدېئولوگىيە تارىخنى پۈتۈنلەي بۇرمىلىغانلىق. تارىخ بىر پەن، بىراق مەدەنىيەت پان تۈركىزمىنىڭ تەرغىب قىلىۋاتقانلىقىنى ساختا نەزەرىيە. ئالايلۇق، ئالىملار كۆرسەتكەندەك: «تارىخ خۇددى ماركا ئىسكىلاتىغا ئوخشايدۇ، مىللەتچىلەر تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزى ئېھتىياجلىق ماركىلارنى تاللايدۇ. ئۇلارنىڭ تارىخىي رومانتىكىلىقى دائىم گۇمران بولغان خانلىق ياكى چەت ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا، ئۇزۇن تارىخنىڭ شانلىق تۇيغۇسى (چىن ياكى تەسەۋۋۇر) يېقىنقى زاماندا ئۇلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىدە ئىجتىمائىي ياردەمچىگە ئايلانغان. ‹ئۇنتۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، تارىخنى بۇرمىلاش بىر مىللەتنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى مۇھىم ئامىل›»④.
مەدەنىيەت پانتۈركىزمچىلىرى ئەستايىدىل تارىخچىلار ئەمەس، بەلكى بىر قىسىم مەسئۇلىيەتسىز شائىرلاردۇر.
خۇددى: «ئەي، تۈرك قۇۋمىلىرى! ئەي، تۆمۈر بىلەن ئوتتىن تۆرەلگەنلەر! ئەي، تۈمەنمىڭ ئەلنىڭ ياراتقۇچىلىرى! ئەي، تۈمەنمىڭ تاجۇ-تەختنىڭ ئىگىلىرى!» دېگەندەك. بۇ دەل ئۇلارنىڭ «قايتا بايقالغان»، «تارىخى»، «تارىخي رومانتىزمى»دۇر.
ئېنگېلس: «سلاۋيانلارنىڭ تارىخ پېنىگە ھەۋەس قىلغۇچى بىر نەچچەيلەننىڭ كۈتۈپخانىلىرىدا مۇشۇنداق بىمەنە، تارىخقا قارشى ھەرىكەت قوزغالدى»⑤ دەپ كۆرسەتكەنىدى.
ئەمەلىيەتتە، پانتۈركىزممۇ پانسلاۋىزمنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە، ئوخشاشلا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ تارىخ پېنىگە ھەۋەس قىلغۇچى بىر نەچچەيلەننىڭ كۈتۈپخانىلىرىدا مۇشۇنداق تارىخقا قارشى بىمەنە ھەرىكەت قوزغالغانىدى.


ئىككىنچى بۆلۈم:
چىرىك، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ئاقسۆڭەك «سەرخىل»لار مەدەنىيىتى.

ماركىسىزم ئىدېئولوگىيىدە ئىپادىلەنگەن ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيە قىسمى، ئالايلۇق، پەلسەپە، تارىخ، دىن، قانۇن ئىدىيىسى، ئەخلاق، ئېتىكا، سىياسىي ئىدىيە ۋە كۆپ قىسىم سەنئەت ئەسەرلىرى روشەن سىنىپىيلىققا ئىگە، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، سىنىپىي قارىمۇ قارشىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان جەمئىيەتتە، سىنىپ سىياسىي تۈزۈمنىڭ بۆلۈنۈشى ئىجتىمائىي ئاڭنىڭ بۆلۈنۈشى سۈپىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. ماۋزېدۇڭ: «ھازىرقى دۇنيادا بارلىق مەدەنىيەت ياكى ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ ھەممىسى مەلۇم سىنىپقا، مەلۇم سىياسىي لۇشيەنگە تەۋە»دەپ كۆرسەتكەنىدى. لېنىن ھەربىر مىللەتتە ئىككى خىل مەدەنىيەت تەركىبى بولىدۇ: بىرى، ئەمگەكچى ئاممىنىڭ مەدەنىيىتى؛ يەنە بىرى، بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ مەدەنىيىتى، «بۇرژۇئازىيىنىڭ بارلىق مەنپەئەت تەلىپى سىنىپتىن ھالقىغان مىللىي مەدەنىيەت ئېتىقادىغا تارقالغان»⑨ دەپ قارىغانىدى. ئەمگەكچى ئاممىنىڭ مەدەنىيىتى دائىم ئەمگەكچى ئاممىدىن ئايرىلغان، ھەتتا قارىمۇ قارشى بولۇپ، مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە تارىخ ئېقىمىغ قارشى تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇ چىرىك، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن بولىدۇ. پان تۈركىزم خىلمۇ خىل بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئورتاققلىقى شۇكى، ئۇنى كۆككە كۆتۈرگەن، ھەر تەرەپكە قاتراپ جار سالغان، ئۆز ئەمىلىيىتى بىلەن كۈچ چىقارغۇچىلار ئىزچىل تۈردە ئۆزىنى كەڭ ئاممىدىن ئۈستۈن قويغان بىر تۈركۈم ئاقسۆڭەك «سەرخىل»لاردۇر. ئاتالمىش «تۈرك مەدەنىيىتى» ھەم ماكان، زاماندىن ھالقىغان، ھەم سىنىپىيلىقتىن ھالقىغان بولۇپ، تۈپتىن ئېيتقاندا، چىرىك، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن «سەرخىل»لار مەدەنىيىتىدۇر.
ئالدىدا بايان قىلىنغاندەك، پان تۈركىزم ئالدى بىلەن كۈتۈپخانىدىن باشلانغان، ئۇنىڭ تارىخي تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينىغانلار ئۆزىنى مىللەتنىڭ سەرخىللىرى دەپ ئاتىۋالغان بىر ئوچۇم زىيالىيلاردۇر. لاندور تەتقىق قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇ تار كۆلەمدىكى سەرخىل ئۇنسۇرلارنىڭ ھەرىكىتى زىيالىيلار رەھبەرلىك قىلغاچقا، ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر تۈركۈم شەھەر ئوتتۇرا قاتلام بۇژۇئازىيىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئۇ بارلىق ‹پان› ھەرىكەتلىرى ئىچىدىكى تىپىك بىر تۈرگە ياتىدۇ. ئۇنىڭ كۆلىمى ناھايىتى كىچىك، دائىم بىر قانچە يۈزدىن ئىككى-ئۈچ مىڭغىچە ئادەمنى ئۆزىگە تارتالايدۇ... باشقا نۇرغۇن ‹پان› ھەرىكەتلىرىگە ئوخشاشلا پان تۈركىزممۇ ئۈنۈملۈك تەشكىللەش ئېلىپ بارالمايدۇ، ھەرقايسى تەشكىلاتلار ئارىسىدا ماجرا بېسىقمايدۇ. ئىختىلاپ ئاخىرقى نىشاننىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە ئىستىراتېگىيە، تاكتىكىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كېلىپ چىققان. ئۇلاردىن باشقا، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قاتناشقۇچىلىرى ناھايىتى ئاز بولغانلىقتىن، پان تۈركىزمچىلار كۆپ ھاللاردا يازما تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. بىراق، بۇ ژورناللارنىڭ ئۆمرى قىسقا، بەزىلىرى ھەتتا بىر قانچە ھەپتە، ئۇزۇنلىرى بىر قانچە ئاي مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. تۈرلۈك ماتېرىياللارنى نەشر قىلىشىتىن سىرت، يەنە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت يىغىلىشلىرى، جۈملىدىن نۇتۇق سۆزلەش، مۇزىكا، ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇرىدۇ. لېكىن، بۇ نەرسىلەر ھەمدە قۇرۇلتاي چاقىرىش، نامايىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلار چاقىرىق قىلغاندەك ئۇنداق كەڭ كۆلەملىك ئاممۋى ھەرىكەتنى قوزغىيالمايدۇ.»
پان تۈركىزمنىڭ ئەڭ چوڭ نەزەرىيىچىسى زىيا كۆك ئالپ روھىي ئاقسۆڭەك بولۇپ، ئۇ تالانتقا، ئىجادكارغا چوقۇنىدۇ، خۇددى ئۇ ئېيتقاندەك: «ناۋادا بىر تالانت ئىگىسى مەيدانغا چىقمىسا، بارلىق تۈركلەرنى پان تۈركىزم ئىدىيىسى ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرمىسا، بۇ ھەرىكەتنى يۇقىلىش خەۋپىدىن قۇتقۇزغىلى بولمايدۇ، بارلىق پان تۈركىزم ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ»، «غايەت زور ئەخلاقىي تەسىرگە ئىگە ئىجادكار... ناۋادا بىر مىللەتتە مۇشۇنداق بىر شەخىس بولسا، ئۇ غايەت مۇۋەپپىقىيىتى ئارقىلىق ئۆز تالانتىنى، ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى ۋە قەھرمانلىق جاسارىتىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ئارقىلىق بارلىق ئۆزگىرىشلەرگە ئوڭايلا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.»
ئۇنىڭ قارىشىچە، تالانت، نىجادكار ھەممىنى بەلگىلەيدىكەن، لېكىن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى يوقلۇقى ئۆزىگىمۇ ئايان. شۇڭا، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان«ئاممىغا يۈزلىنىش» مەسىلىسىدە «خەلققە تۇلۇق تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرخىللار خەلق بىلەن ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش»، «تۈرك ياشلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ مۇئەللىمى بولۇشى كېرەك» دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. ۋەھالەنكى، پان تۈركىزمنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى كۈتۈپخانىدا ئويدۇرۇپ چىقارغان، چۈشىنىكسىز نەرسىلەر بولۇپ، مىڭلىغان كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ئۇلار تىلغا ئالمايدۇ. زىيا كۆك ئالپ چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىدە «مىللىي ئىقتىساد»مەسىلىسى ھەققىدە ناھايىتى تار دائىرىدىلا توختالغان بولۇپ، ئۇنى ئاساسەن تىلغا ئالمىغان دېسىمۇ بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، «تۈرك مىللىتى»ئون مىڭ يىللىق تارىخقا، ناھايىتى كەڭ تېررىتورىيىگە ئىگە دېگەن ئويدۇرمىلار پان تۈركىزمنىڭ بارلىق خىزمەت ۋە ئىدىيىلىرى بولۇپ، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قىلچە قىزىقمايدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈستىدىمۇ توختالمايدۇ، بۇ كەڭ خەلق ئاممىسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغانلىق. پان تۈركىزم رادىكال مىللىي بىرلىكچىلىك ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ سىياسىي قورالى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ رولى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنى ئەگرى يولغا باشلاپ، مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىدىن چەتلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، پان تۈركىزم مەدەنىيىتى بىر خىل بېكىنمە، ماكان، زاماندىن ھالقىغان ئىدېئولوگىيە، تار، باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان ئىرقى شوىنىزم، چىرىك، زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ئاقسۆڭەك «سەرخىل»لار مەدەنىيىتى. بۇ خىل مەدەنىيەت قارىشىنىڭ ئادەتتىكى نىشانى بۈگۈن دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات تارىخىي مۇساپىسىغىمۇ ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلىشىش ئىدىيىسىگە توسالغۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.

ئىزاھلار:
① ماركس، ئېنگېلس: «كومىنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» (1840-يىلى –ئاي)، «ماركس-ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى»، 1-توم، خەلق نەشرياتى، 1995-يىل نەشرى، 276-بەت.
② «ماۋزېدۇڭ، جۇئېنلەي، لىيۇ شاۋچى، جۇدې، دېڭ شىياۋپېڭ، چېن يۈننىڭ مىللىي مەدەنىيەت ھەققىدە ئېيتقانلىرى»، خەلق نەشرىياتى 1992-يىل نەشرى، 148-، 149-بەتلەر.
③ ماۋزېدۇڭ: «ئون چوڭ مۇناسىۋەت ھەققىدە» (1956-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى)، «دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ماۋزېدۇڭ ماقالىلىرى»، 6-توم، مەركىزىي كومىتېت ھۆججەتلەر نەشرياتى 1992-يىلى نەشرى، 101-بەت.
④ دانكۋورت A. روستوو: «مىللەت»، «مىللىي تەرجىملەر»، 1990-يىلى 3-سان.
⑤ ئېنگېلس: «گىرمانىيىدىكى ئىنقىلاب ۋە ئەكسىلئىنقىلاب-9»، «ماركس-ئېنگېلس ئەسەرلىرى»، 9-توم، 56-بەت.
⑥ ياكوب م. لاندور: «تۈركىيىدىكى پان تۈركىزم-مىللىي بىرلىكچىلىك ئۈستىدە تەتقىقات»، «‹ئىككى پان›تەتقىقاتى تەرجىمىلىرى»، 2-قىسىم، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى، 1992-يىل.
⑦ خەن كاڭشىن: «شىنجاڭدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ ئىرقىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەن ئالاھىدىلىكى»، «‹ئۇيغۇرلار›قاتارلىق ئۈچ كىتاب مەسىلىسىگە ئائىت ماقالىلەر توپلىمى»، شىنجاڭ خەلق نەشرياتى 1994-يىل نەشرى، 156-، 157-بەتلەر.
⑧ ماۋزېدۇڭ: «يەنئەن ئەدەبىيات-سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆز» (1942-يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنى)، «ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى»، 3-توم، خەلق نەشرياتى 1991-يىل 2-نەشرى، 865-بەت.
⑨ لېنىن: «مىللەت مەسىلىسى ھەققىدىكى تەنقىدىي پىكىرلەر» (1913-يىلى 10-، 12-ئاي)، «لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى»، 2-توم، خەلق نەشرىياتى 1995-يىل 3-نەشرى، 337-بەت.


خاتىمە

شېن جۈنلى (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كانىدات تەتقىقاتىچىسى)
بۇ كىتابتىكى يۇقىرىقى تەھلىلىي بايانلاردىن مەنتىقىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۆۋەندىكىدەك يەكۈن خاراكتېرلىك بىلىشكە ئىگە بولالايمىز.
1. پان تۈركىزملىق مەدەنىيەت قارىشى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش دولقۇنىنىڭ زەربىسى ئارقىسىدا پەيدىنپەي ئويغانغان مىللىي ئېڭىنىڭ بۇرمىلانغانلىقىنىڭ ئىنكاسى
شىنجاڭ تەۋەسىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئولتۇراقلىشىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكى رايونلىرىدىكى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر يېقىنقى 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، زامانىۋىلىشىش تارىخىي مۇساپىسىگە قەدەم قويۇش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى ياكى كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ سانائەت مەدەنىيىتىگە ئۆزگىرىشى، قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى زامان مىللەتلىرىگە ئۆزگىرىشى، قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى زامان مىللەتلىرىگە ئۆزگىرىشى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەبىتلىك تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا ھازىرقى زامان دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ دەسسىتىلىشىدەك چوڭقۇر، كەڭ كۆلەملىك بىر ئۆزگىرىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش جەريانى كۆز قاراش جەھەتتە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى زامان مەنىسىگە ئىگە مىللىي ئېڭىنىڭ پەيدىنپەي ئويغىنىش جەريانى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
ھەممەيلەنگە ئايانكى، ئىنسانلارنىڭ زامانىۋىلىشىشقا مېڭىش مۇساپىسى غەربىي ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىن باشلانغان. 1640-يىلىدىكى ئەنگىلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى، 1776-يىلىدىكى ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ۋە 1789-يىلىدىكى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقلابى ئىنسانلارنىڭ يېڭى كاپىتالىزم دەۋرىگە قەدەم قويۇشىدىكى نامايەندە بولۇپ قالغان. 19-ئەسىردىكى سانائەت ئىنقىلابى زامانىۋى سانائەت مەدەنىيىتىنى بۇ ئەللەردە تېز راۋاجلاندۇرۇپ، بۇ بىر قانچە مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي قىياپىتىنى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتۈن دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدا، تارىخىي خاراكتېرلىك زامانىۋى ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ئوينىدى.
ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتە كۆتىرىلگەن بۇنداق زامانىۋىلىشىش دۇلقۇنى خۇددى تىپتىنىچ كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا تاشلانغان تاش ئارقا-ئارقىدىن چەمبەر ھاسىل قىلىپ، كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئەتراپقا كېڭەيگەندەك بارغانسېرى كۆپ جايلاردا قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە بىر-بىرلەپ تەسىر كۆرسىتىپ، قەبىلە، ھەتتا قەبىلىلەر ئىتتىپاقى باسقۇچىدا تۇرىۋتقان ئىجتىمائىي ئورتاق گەۋدىلەرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. دېڭىزدا بۇ زامانىۋىلىشىش دولقۇنى بىپايان ئوكياندىن ئۆتۈپ، شەرق ۋە جەنۇبتىن ئاسىيا قۇرۇقلىقىغا چىقىپ، بېكىمە ھالەتتە تۇرىۋاتقان قەدىمىي مەملىكەتلەر (مەسىلەن، ھىندىستان، جۇڭگو، ياپونىيە قاتارلىقلار)نىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى؛ قۇرۇقلۇقتا بۇ زامانىۋىلىشىش دولقۇنى ئوتتۇرا ياۋروپا، شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى (مەسىلەن، گېرمانىيە، رۇسىيە قاتارلىقلار) ئارقىلىق، ئاسىيانىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمىغا كىرىپ، بۇ يەردىكى تۈركچە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.
تارىخ ئاللىبۇرۇن بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، بۇنداق زامانىۋى سانائەت مەدەنىيىتى دولقۇنىنىڭ زەربىسىگە قانخورلۇق سىڭگەن بولىدۇ. غەربنىڭ كاپىتالىستىك زامانىۋىلىشىش دولقۇنى ئىلگىرىكى كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بارلىق قەدىمىي مىللەتلەر ياكى ئەنئەنىۋى دۆلەتلەرنى سىرتتىن كەلگەن ھاياتلىق خىرىسىغا ساقلانغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۈزلەندۈردى. بۇ قەدىمىي مىللەتلەر ياكى دۆلەتلەر (ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ زىيالىيلار قاتلىمى)مۇنقەرز بولۇشتەك يامان چۈشىدىن ئويغانغاندا، تارىخىي مەدەنىيەت قارىشىنى ئاساس قىلىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە بۇرۇلۇش يولى ۋە ئەندىزىسى جەھەتتە قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدى. بۇنداق تەپسىلىي نەزەر سېلىش ۋە تاللاش ئاجىز مىللەتلەر ياكى تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان مىللەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش دولقۇنىنىڭ زەربىسىگە بولغان مۇقەررەر ئىنكاسى، خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ئاجىز مىللەت ياكى تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان مىللەتنىڭ ھاياتلىققا، تەرەققىياتقا ۋە گۈللىنىشكە ئىنتىلىدىغان مىللىي ئېڭىنىڭ ئويغىنىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
بۇنداق مىللىي ئاڭنىڭ ئويغىنىشىنى بەكمۇ ئەيىبلەپ كېتىشكە بولمايدۇ. زامانىۋىلىشىش ئەسلىدىنلا بارلىق مىللەتلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان تارىخي يۈزلىنىش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ھازىرقى زامان مىللىتىگە ئۆزگىرىش تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ بىرى.
گەپ شۇ يەردىكى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئوينىغىۋاتقان مىللىي ئېڭىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى بىر ئىش، بۇ مىللىي ئاڭنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىدىيىۋى قاراشنىڭ تەبىئىي ھالدا مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقى يەنە بىر ئىش. ئىجتىمائىي ئاڭ ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ئىجتىمائىي ئاڭ ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئەمما، ئىجتىمائىي ئاڭنىڭ ئۆزى نىسپىي مۇستەقىللىققا ئىگە بولغاچقا، مەلۇم شارائىتتا، ئۇ ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتنى يالغان ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بورمىلايدۇ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتكە كۆرسەتكەن ئەكس تەسىرىمۇ پاسسىپ بولىدۇ. مىللەتلەر تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى بىلەن بۇ تەلەپنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆز قاراش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ.
تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئېڭى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي مۇساپىسى جەريانىدا شەكىللەنگەن خىل مۇخىل ئىچكى-تاشقى ئامىل تۈپەيلىدىن، تار تارىخىي دائىرىدە پان تۈركىزم مەدەنىيەت قارىشىدا بورمىلاپ ئەكس ئەتتۈرۈلدى. بۇ تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئەگرى-توقايلىقنىڭ ئىپادىسى.
2. پان تۈركىزملىق مەدەنىيەت قارىشىدا ئۆز تارىخىنىڭ مەزمۇنى قىلىدىغان رېئال، مىللىي زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى تاپقىلى بولمايدۇ
زامانىۋىلاشتۇرۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى ئالىملار ھەرقايسى ئەللەرنىڭ سىرتتىن كەلگەن زامانىۋىلاشتۇرۇش دولقۇنىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەنگلىيە، ئامېركا، فىرانسىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ «ئىچكى تەسىر بىلەن بالدۇر قوزغالغان» زامانىۋىلاشتۇرۇشىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، «تاشقى تەسىر بىلەن كېيىن قوزغالغان»زامانىۋىلاشتۇرۇش دەپ ئاتىدى. تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى شۈنھىسىزكى كېيىنكىسىگە كىرىدۇ.
ھالبۇكى، «تاشقى تەسىر بىلەن كېيىن قوزغالغان»زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارىغا كىرىدىغان نۇرغۇن مىللەت ياكى دۆلەتلەر سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەردە غەرب زامانىۋى سانائەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رولى بىلەن ئۇچراشقاندا ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتاتتى، ھەرقايسىسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى شارائىتىدا زور پەرقلەر بار ئىدى.
زامانىۋىلىشىش دولقۇنىنىڭ ياۋروپا-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ چېتىدىن مەركىزىگە يېتىپ كېلىش يولىنى بويلاپ ماڭىدىغان بولساق، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەرەققىيات دەرىجىسى جەھەتتە، قۇرۇقلۇقنىڭ چېتىدە تۇرغانلارنىڭ قۇرۇقلۇقنىڭ مەركىزىدە تۇرغانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى، قۇرۇقلۇقنىڭ غەربىي چېىتدە تۇرغانلارنىڭ قۇرۇقلۇقنىڭ شەرقىي چېتىدە تۇرغانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى روشەن كۆرۈۋالالايمىز.
ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ غەبىي چېتىدە زامانىۋى سانائەت مەدەنىيىتىنىڭ خرىسىغا ئەڭ ئاۋۋال ئۇچرىغىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مەنبەسى بولغان ئەنگىلىيە، فىرانسىيىنىڭ قوشنىسى ياۋروپا مەملىكەتلىرى ئىدى. بۇ مەملىكەتلەردە سانى كۆپرەك بولغان، بىر مىللەتكە كىرىدىغان ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقانىدى؛ مەدەنىيەت جەھەتتە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيىگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى خىرىستىئان مەدەنىيىتى دائىرىسىگە كىرەتتى؛ كاپىتالىستىك ئىگىلىك مەملىكەت ئىچىدە مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانىدى؛ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى تەسىرى ئارقىسىدا ئاقارتىش رولىنى ئويلىغان دىن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلغانىدى؛ ئىدىيە، مەدەنىيەت ساھەسىدە بىر تۈركۈم دۈنياۋى گىگانىتلار مەيدانغا كەلگەنىدى؛ مۇئەييەن كۈلەمگە ئىگە پرولېتارىيات قوشۇنى ۋە نىسپىي پىشىپ يىتىلگەن بۇرژۇئازىيە بارلىققا كەلگەن، ۋەھاكازالار. يىغىپ ئېيتقاندا ياۋرۇ ئاسىيا قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدا ياشاپ كەلگەن تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيسى رۆشەن ھالدا جىق ئۈستۈن ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك مىللىتىدىن كاپىتالىسلىك سانائەت مىللىتىگە ئايلىنىشنىڭ ھارپىسىدا تۇرىۋاتىدۇ، دېيىشكە بۇلاتتى. ياۋرو – ئاسىيا قۇرۇقلىقىنىڭ شەرقىي چېتىدە جۇڭگۇ بىلەن ياپونىيىگە ئوخشاش ئەللەر بار بۇلۇپ، غەربنىڭ كاپىتالىستىك سانائەت مەدەنىيتى بۇ يەرگە بىۋاستە دېڭىز ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگۇ ۋە ياپونىيە بىلەن قوشنا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تەقلىد قىلغۇدەك ئۈلگە يوق ئىدى، شۇڭا چەتتىن كەلگەن خىرىسنىڭ تاساددىپىيلىقى تېخىمۇ چوڭ بولدى. بۇ چاغدا جۇڭگۇنىڭ بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك بولدى. بۇ چاغدا جۇڭگۇنىڭ بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ تۇرىۋاتقىنىغا 2000 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، يۈكسەك دەرىجىدە مۇكەممەللەشكەن فېئوداللىق دۆلەت تۈزۈمى ۋە يۈكسەك تەرەققىي قىلغان يېزا ئىگىلىك مەدەنىيتى بار ئىدى. جۇڭگۇ يېڭى ئىقتىسادىي فورماتسىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىجتىمائىي تەبىقە بولۇپ شەكىللەنىشتىن يىراق تۇرسىمۇ، ئەمما بىر قانچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا، جۇڭگۇدا بىر قانچە ئون، ھەتتا تېخىمۇ كۆپ قەدىمىي مىللەتلەر تەركىبىلىرى توپلانغان كۆپ مەنبەلىك ئىجتىمائىي ئورتاق گەۋدە – جۇڭگۇا مىللىتى مەيدانغا كەلگەن، جۇڭگۇنىڭ ئاھالىسى ئۆز زامانىسىدىكى دۇنيا ئاھالىسنىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كەلگەنىدى. بۇ ئىجتىمائىي ئورتاق گەۋدە بىلەن تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلغىنى خىرستىئان مەدەنىيتىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان، 5000 يىل داۋاملاشقان جۇڭخۇا مەدەنىيتى ئىدى. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئويۇشقاقلىقى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئۆز زامانىسدىكى جۇڭگۇنىڭ باشقا مەملىكەتلەردىن پەرىقلىندىغان ئەڭ روشەن مىللىي ئالاھىدىلىكى. ياپۇنىيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالى مەلۇم جەھەتتە جۇڭگۇغا ئوخشىشىپ كېتەتتى. ياپۇنىيدە ئەينى ۋاقىتتا پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى ۋەكىل قىلغان، مەملىكەت ئىچىدىكى فېئوداللىق بۆلۈنمە ھالەتكە خاتىمە بېرىشنى نىشان قىلغان كۈچلۈك بىرلىككە كەلگەن ھەركەت ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنى چۈشەندۇردىكى، 19- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى گېرمانىيە، روسىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرگە قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگۇ، ياپۇنىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كاپىتالىزمنىڭ بىخلىرى بىر قەدەر ئاجىز بولسىمۇ، ئەمما ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك مىللىتى ھېسابلانغان فېئودالىق دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى يۇقىرى پەللىگە يېتىشكە ئاز قالغانىدى.
ئۇنداقتا ئەينى ۋاقىتتا ياۋرۇ – ئاسىيا قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچىدىكى قىسمىدا ياشاۋاتقان تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئەكۋالى قانداق ئىدى؟ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك مىللىتى ياكى تۆچمەن چارۋىچىلىق مىللىتى بولغان بۇ مىللەتلەر ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان تارىخىي گۇمانىتارلىق، جۇغراپىيىۋى شارائىت تۈپەيلىدىن ، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت فورماتسىيسى، ئىقتىسادىي تۈزمى ۋە بىر پۈتۈن مەدەنىيەت سەۋىيسى قاتارلىق جەھەتلەردە تۈزۇمى ۋە بىر پۈتۈن مەدەنىيەت سەۋىيسى قاتارلىق جەھەتلەردە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭكىدەك تەرەققىيات سەۋىيسىگە يىتىشتىن تولىمۇ يىراق تۇراتتى. ئۇلار ھازىر شەكىللىنىۋاتقان يېقىنقى زامان مەنسىدىكى مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، گىرمانىيە، روسىيىنىڭكىدەك تەرەققىيات سەۋىيسىدىن تېخىمۇ يىراقتا تۇرىدۇ. تارىخ بۇ مىللەتلەرگە قويغان مەسىلە شۇكى، قانداق قىلغاندا پەيتنى پەملەپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، زامانىۋىيلاشتۇرۇش دولقۇنىڭ رېئاللىقىغىمۇ ماسلىشىدىغان مىللىي تەرەققىيات يولىنى تاللاشتا. بۇ مۇشۇ مىللەتلەرنىڭ يېقىنقى زامان مىللىي ئېڭى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي يۆلىنىشى. بۇ مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئېڭىنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشى ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى چېگرىنى مۇخىمەللەشتۈرىدىغان، ھەر قايسى مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سۇسلاشتۇرۇپ مىللەتتىن ھالقىغان خىيالىي مىللەتلەر ئورتاق گەۋدىسى - «تۈرك مىللىتى» نى بەرپا قىلىشقا يىتەكلەنسە، ئۇنىڭ رېئال ئۈنۈمى بۇ مىللەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىنى تارىخىي يۇسۇندا تاللىۋېلىشىنى كېچىكتۈرۈۋېتىدۇ، خالاس.
كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك شۇكى، ياۋرۇ – ئاسىيا قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدا ياشاۋاتقان تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ بىر قىسمى جۇڭگۇنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ، جۇڭگۇنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدا، ئاللىبۇرۇن جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ئۇيۇشقان. ئۇلارنىڭ مىللىي تەرەققىيات مۇساپىسى تەبىئىي ھالدا پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىش تارىخىي مۇساپىسىگە مۇخاسسەملەشكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تەرەققىيات ئارزۇسىنى مۇشۇ تارىخىي مۇساپىسىنى بويلاپ ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
تارىخ ھەقىقىي ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئۇ بىر مىللەتنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى توغرا ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرەلەيدىغان ۋە توغرا ئەكىس ئەتتۈرۇپ بېرەلەيدىغان ۋە توغرا يىتەكلەيدىغان ئىدىيە سىستېمىسىنىڭ ئويدۇرۇپ چىقىدىغان بولماستىن، بەلكى رېئال بولغان، ئېقىمغا قارشى ھەركەت قىلمايدىغان، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مىللىي زامانىۋىلىشىش ھەركىتىنى جەزمەن ئۆزىنىڭ تارىخىي مەزمۇنى قىلدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ئىدىيە سېستېمىسى ئۆزىنىڭ تارىخىي مەزمۇنىدىن داۋاملىق ھاياتنى ئوزۇق ئېلىشى ھەمدە بۇ تارىخىي مەزمۇننىڭ پىشىپ يىتىلىش دەرىجىسىنى ئۆزىنىڭ ئىلمىلىكىنى سىنايدىغان ئۆلچەم قىلىشى لازىم.
تارىخ شۇنىمۇ ئىسپاتلىدىكى، تارىخ ئېقىمىغا قارشى تۇردىغان، دۆلەتتىن، مىللەتتىن ھالقىغان خىيالىي ئەمەلىي گەۋدىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇندىغان ھەر قانداق مىللەتچىلىك ئىدىيىۋى ئېقىمى ئۆزىگە «مىللىي مەنپەئەتنىڭ قوغدىغۇچىسى» دەپ تەمەننا قويىدىغان، ئەمەلىيەتتە تار گورۇھنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تەبىقىنىڭ ساغلام بولمىغان روھىي ھالىتىنىڭ ئىپادىسى، خالاس، ئۇلار مىللەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەلىپىنى توغزا ئەكىس ئەتتۈرۇپ بېرەلمەيدۇ، بۇ مىللەت زامانىۋىلىششىقا قاراپ مېڭىش مۇساپىسىدا دۇچ كەلگەن خىلمۇ خىل تارىخىي مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلالمايدۇ. دۇنيادىكى مىللەتلەر تارىخىدا كېلىپ چىققان پان گېرمانىزم، پان سىلاۋىزم، شۇنىڭدەك ھازىر مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان پان تۈركىزم مۇشۇ خىلدىكى ئىدىيە ئېقىمىغا كىرىدۇ.
پان تۈركىزم مەدەنىيتى دۇنياغا كەلگەنىدىن باشلاپلا، ئۆزىنى تۈرك تىلدا تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ رېئال مىللەت، دۆلەت تەرەققىياتنىڭ سىرتىغا قويغان، شۇڭا 19- ئەسىردىن 20- ئەسىرگىچە ياۋرو – ئاسىيا قۇرۇقلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تۈرك تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىي مەزمۇنى قىلىش ئېھتىمالى بولغان زامانىۋىلىشىش ھەركىتىدىن بىرىمۇ يوق. تۈرك تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ غەربنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش دولقۇنىنىڭ خىرىسىغا ئەمدىلا ئۇچرىغان چاغدا قانداق باسقۇچتا تۇرىۋاتقانلىقى، كېيىنكى چاغلاردا قانداق ئەگىرى – توقايلىقلارنىڭ كېلىپ چىققانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئاخىر ئۆزلىرىنىڭ مىللەت، دۆلەت تەرەققىياتى بۇيىچە ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە باب كېلىدىغان زامانىۋىلىشىش يولىنى تاپالايدۇ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللىي مەدەنىيىتىنى يىپيېڭى قاراش فورماتسىيسىدە جارى قىلدۇرالايدۇ. پان تۈركىزم مەدەنىيەت قارىشى جەزمەن مەنبەسىز سۇغا، يىلتىزسىز دەرەخكە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ دەل پان تۈركىزمنىڭ تارىخىي تەقرىرى.
3. غەرب بۇرژۇئازىيسىنىڭ مىللەت، دۆلەت توغۇرسىدىكى تار نەزەرىيسى – پان تۈركىزملىق مەدەنىيەت قارىشىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبەسى
غەرب بۇرژۇئازىيسىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرش دولقۇنىنىڭ ياۋرۇ – ئاسىيا قۇرۇقلىقنىڭ ئىچكى قىسمىغا كېڭىيىشنى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرگە ھاياتلىق كىرزىسى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ مىللەتلەرنىڭ يېقىنقى زاماندىكىي سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە مىللىي پىسخولوگىيسىىنىڭ بالدۇر يېتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. بۇنداق مىللىي پىسخولوگىيىنىڭ بالدۇر يېتىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. بۇنداق مىللىي پىسخولوگىيىنىڭ بالدۇر يېتىلىشى نەزرىيە جەھەتتە غەرب بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مىللەت، دۆلەت نەزەرىيسىدىكى پان تۈركىزم ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت قارىشىنى قارىغۇلارچە ئېتىراپ قىلىشقا ئىپادىلەندى.
تارىخىي ماتېرىيالىزىمچىلارنىڭ قارىشىچە، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزگىرىشى، شۇنىڭدەك قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى زامان مىللەتلىرىگە ئايلىنىشىدا ئاخىر ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي بازىسىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن، بەزى قەدىمىي مىللەتلەر يوقىتىلىدۇ بەزى يېڭى قەدىمىي مىللەتلەر قايتا مەيدانغا كېلىدۇ ھەمدە تەرەققىي قىلىدۇ؛ بەزى قەدىمىي مىللەتلەر تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىش جەريانىدا بىرىكىپ، تېخىمۇ چوڭ بىر قەدىمىي مىللەتكە ئايلىنىدۇ، بەزى قەدىمى مىللەتلەر بىر قانچە قىسىمغا بۆلۈنۈپ كېتىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىر قانچە قەدىمىي مىللەتلەر بىلەن بىرىكىپ كېتىدۇ ياكى تەرەققىي قىلىپ يېڭى قەدىمىي مىللەتلەرگە ئايلىنىدۇ؛ بەزى ھازىرقى زامان مىللەتلىرى بىۋاستە مەلۇم قەدىمىي مىللەت ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان، يەنە بەزى زامانىۋى مىللەتلەر بولسا يېقىنقى زاماندا باشقا مىللەتلەردىن ئايرىلىپ چىققان كىشىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە قۇشۇۋېلىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن. مانا بۇ نەچچە مىڭ يىللىق مىللەت تەرەققىيات تارىخى. بۇ ئۇزاق مۇددەتلىك، كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمىغان تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدۇر.
بۇ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، شۈبھىسىزكى دۆلەت غايەت زور تارىخىي رول ئوينايدىغان. ئەمما دۆلەت بىلەن مىللەت ئوخشاش بىر ئىجتىمائىي، تارىخىي كاتېگورىيىگە كىرمەيدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيسى تۆۋەن بولغان قەدىمىي مىللەتلەر پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئورتاق زېمىننىڭ نىسپىي مۇقۇنلىقىنى ساقلاپ، قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ شەكىللەنىشىدىكى ئاساسىي ئامىلنى قوغدىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئامىل – ئورتاق ئىقسادىي تۇرمۇش. كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەت دائىرىسى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن كېڭەيگەن چاغدا، بىر مىللەتنىڭ ئۆزى ۋۇجۇتقا كەلگەن دەسلەپكى مەزگىلىدە زۆرۈر بولغان ئورتاق زېمىن چېگرىسى ئۇنىڭ كېڭەيگەن ئورتاق ئىقسادىي تۇرمۇش دائىرسى تەرىپىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزۇۋېتىلىدۇ. بىر مىللەت قانچە تەرەققىي قىلغانسېرى ئۇنىڭ ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇشنىڭ رايۇن ھالقىشچانلىقى شۇنچە كۈچلۈك، باشقا مىللەتلەرگە بېقىندىغان ئورتاق ئىقسادىي تۇرمۇش ئوتتۇرسىدىكى ئالماشتۇرش ۋە بىرىكىش دەرىجىسى شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مىللەت ھالقىغان، رايۇن ھالقىغان، كۆپ مىللەت بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ئورتاق ئىقسادىي ھاياتلىق مۇھىتى شەكىللىنىدۇ. بۇنداق كۆپ مىللەتنىڭ ئورتاق ئىقسادىي ھاياتلىق مۇھىتى تۈرك تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنى سىياسىي مەنىسىگە ئىگە مىللىي پىسخولوگىيسى ۋە مىللىي ئېڭىدا بارغانسېرى كۆپ گەۋدىلەنمەكتە.
زامانىۋىلاشتۇرش كاپىتالىزمدىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائىي، ئىقسادىي فورماتسىيگە ئەگىشىپ دۇنياغا كەلگەن. كاپىتالىزم تۇغما ئىككى يۈزلىمىلىككە ئىگە: بىر تەرەپتىن، ئۇ كوسمو پولتىزم ھېسىابلىنىدۇ، چۈنكى كاپىتال دۇنيا بازىرىغا مۇھتاج؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ تار مىللەتچىلىك ھېسابلىنىدۇ، كاپىتال دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىققان ھامان مۇستەملىكىچىلىك، مىللىي زۇلۇم، مىللىي يوقىتىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەڭ بالدۇر ئەمەلگە ئاشۇرغان بىر قانچە غەرب دۆلەتلىرىمۇ ئەمىلىيىتىگە ئىگە پرىنسىپ دەپ بايان قىلىنماقتا. غەرب بۇرژۇئازىيىسىنىڭ تار مىللەت مەنپەئىتى ۋە تار دۆلەت مەنپەئىتى ئۇلارنىڭ تار نەزەر دائىرسىنى ۋە مىللىي مەسىلىگە بولغان ئىككى ياىلمىلىق ئۆلچىمىنى بەلگىلىگەن. ئۇلار بىر تەرەپتىن ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى مىللىي مەسىلىنىڭ مەۋجۇتللۇقىغا ئېتىبارسىز قاراپ، ئۆز دۆلىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى كەمسىتىسە، يەنە بىر تەرەپتىن بىرلىككە كەلگەن باشقا كۆپ مىللەتنىڭ دۆلەتلەرگە قول شىلتىپ، كىشىلىك ھوقۇقى ئىگىلىك ھۇقۇقىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دېگەننى باھانە قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى قۇتىرتىدۇ. شۇنى سەگكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، ئىقتىساتنىڭ يەر شارىلىشىش دەۋىرىدە، بۇ غەرنپتىكى دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ دۇنياغا زورمىگەر بولۇشقا ئۇرۇشتىكى بىر خىل ئىستىرتېگىيىلىك سۇيىقەستى.
تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرق مىللەتلىرى ھازىرقى زامان سىياسىي ئەھمىيىتىگە ئىگە مىللي ئاڭغا بۇرۇلۇش مەزگىلىدە، تارىخىي ماتېرىيالىزىملىق ئىلمىي نەزەرىينىڭ يىتەكچىلىكىگە ئېرىشىىشتىن تەسىرىگە ساقلانغانلىقى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۇچىراپ، شەرق مىللەتلىرنىڭ زامانىۋىلىشىش ئارزۇسى (بۇرمىلانغان) نى كۈچىنىڭ بېرىچە ئىپادىلەپ، غەرب بۇرژۇئازىيىسىنىڭ تامىغى بېسىلغان، تېخى پىشمىغان نەزەرىيە تۇغۇندى ماددىلىرىنى كۆتىرىپ چىقىدىغان بەزى ئەھۋاللار كۆرۈلدى. پان تۈركىزم ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت قارىشىنى مۇشۇنداق نەرسىدىلا ئىبارەت. ئۇنىڭ قىممەت يۆلىنىشى بىلەن تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىش يۆلىنىشى «ئات ئايلىخانغا، يو سارىخانىغا» دېگەندەكلا ئىش.
تارىخ تولا ۋاقىتلاردا ناھايىتى ئاستا ئىلگىرىلەيدۇ، ئۇنىڭ سەكرەپ ئىلگىرىللىشى كىشىلەرنىڭ قارىشىنىڭ يېڭىلىشىغا بېقىنىدۇ. تۈرك تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتى پان تۈركىزم مەدەنىيەت قارىشىنىڭ ئىدىيىۋى ئاسارىتىدىن ئۈزۈل – كېسل قۇتۇلغاندىلا داغىدام يولغا سېلىنىدۇ.

(dawami bar)


没有评论:

发表评论

发表评论