2009年5月6日星期三

Pantürkizimliq medeniyet üstide tehlil(3)



پانتۈركىزملىك مەدەنىيەت ئۈستىدە تەھلىل(3)


ئۈچىنچى باب:
پانتۈركىزىملىق مەدەنىيەت قارىشىنىڭ مەزمۇنى ۋە ماھىيىتى


فەن جىپىڭ (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى)


مەۋجۇدىيەت ئاڭنى بەلگىلەيدۇ. مۇئەييەن مەدەنىيەت، يەنى ئىدېئولوگىيە قورماتسىيىسى بولغان مەدىنىيەت مەيلى ھەققىقىي ياكى بۇرمىلانغان بولسۇن، ھەممىسى مۇئەييەن جەمىئەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقساتنىڭ ئىنكاسى. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، پان تۈركىزىملىق مەدىنىيەت ئاسىيا-بارلىققا كەلگەن، ئۇنىڭ مەدىنىيەت قاتلىمى، يەنى پان تۈركىزىملىق مەدەنىيەت قارىشى تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا ، مۇشۇ زامان، ماكان دائىرىسىدىكى سىياسي ۋە ئىقساتنىڭ ئىنكاسى، لېكىن بۇ خىل ئىنكاس بۇرمىلانغان، يۇزەكى بولىدۇ. چۈنكى، پان تۈركىزم پەيدا بولغان مەزگىلدە غەربىي ياۋرۇپادىكى مىللىي بىرلىكچىلىك ھەركىتى ئىككى ئەسىردەك تارىخقا ئىگە بۇلۇپ، تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېردىكى مۇستەمچىلىك كېمەيمىچىلىك باسقۇچىغا تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. پان گېرمانىزم ئۇنىڭ بىر ئىپادىسى، پان سىلاۋىزىممۇ ئۇنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى، پان تۈركىزم بولسا شەرقنىڭ پان سىلاۋىزىمغا بولغان ئىنكاسى.
لېكىن، روسىيەدىكى «تاتارىستان»دا، ئوتتۇرا ئاسىيا ياكى كېيىنكى مەزگىلدىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدە بولسۇن، غەربىي ياۋرۇپادىكىدەك مىللىي بىرلىكچىلىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقسادىي ئاساسى مەۋجۇت بولمىغانىدى. يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك، پان تۈركىزىم ئومۇمەن تۆت تارىخىي باسقۇچنى باشتىن كەچۇرگەن، يەنى 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى پان سىلاۋىزىمنىڭ ئىنكاسى بولغان رۇسىيە «تاتارىستانى» دىكى «تىل، ئىدىيە، ھەرىكەت» (ئۈچ بىرلىك) ھەركىتى؛ ئالدىنقى ئەسىر ئالمىشىش دەۋىردىكى ئوسمانلى ئىمپىريىسىنىڭ «دانالىرى» «يېڭىدىن بايقىغان» پان تۈركىزىمنىڭ تارىخى، مەدىنىيتى؛ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن بۇيانقى تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن شىنجاڭغىچە بولغان كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇشنى ئاساسىي ئېقىم قىلغان سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھەركىتى؛ سوۋېت ئىتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، تۈركىينى مەركەز قىلغان سىياسىي پان تۈركىزىمنىڭ تېز كۆتۈرۈلۈشى ۋە مەدەنىيەت پان تۈركىزىمنىڭ تەرەققىياتى. ئۈچىنچى، تۆتىنچى باسقۇچنى ئېلىپ ئېيىتساق، ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان رايۇن، ئوخشىمىغان مەزگىلدە ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. ئوخشاش بىر دۆلەت ۋە رايۇننىڭ ئوخشاش بىر مەزگىلىدىمۇ، پان تۈركىزىمچىلارنىڭ مەيدانى ۋە قارىشىدا پەرق بولغاچقا، تەشۋىقات ۋە قۇترىتىش مەزمۇنلىرىمۇ ئاساسەن ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭدا بىرلىككە كەلگەن ۋە ئەتىراپلىق مەدەنىيەت قارىشى بولمايدۇ. بىز پان تۈركىزىمچىلارنىڭ مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى، قاتارلىق بىر نەچچە تەرەپتىن ئاساسلىق ۋەكىللىك ئىدىيسى ۋە سۆزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، مەدەنىيەت قارىشىدىكى ماھىيتىنى يىغىنچاقلاپ تەھلىل قىلىش ئاساسىدا مۇھاكىمە قىلىمىز.


بىرىنچى بۆلۈم:
مىللەت قارىشى: تىل ئامىلى ۋە ئىرقچىلىق تۈسى

پان تۈركىزم مىللەتچىلىك كاتېگورىيسىگە مەنسۇپ بولغاچقا، «مىللەت» ۋە «تۈركىي مىللەت» نى قانداق تۇنۇش ھەمدە ئۇنى تۇنۇشنىڭ ئەھمىيتى پان تۈركىزىملىق مەدىنىيەت قارىشىنى تەھلىل قىلىشتا ناھىيىتىمۇ مۇھىم.
پان تۈركىزىمچىنىڭ ئەڭ مۇھىم نەزەرىيىچىسى زىيا كۆك ئالپ يۇقۇردا ئېيتىلغان مەدىنىيەت قارىشىنى بىر قەدەر سېستىمىلىق «بايان قىلغان».
بىرىنچى، ئۇ مىللەتنى باغلاپ تۇردىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل مائارىپ ۋە مەدەنىيەت، يەنى ئوي- پىكىر ۋە ھېسىيات، كونكرېتلاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا ئانا تىل، دەپ قارىغان.ئۇ تۈركىيە دېقانلىرنىڭ «مىللەت-ئۇنىڭ تىلى مېنىڭ تىلىمدۇر» دېگەن سۆزىنى ئالاھىدە نەقىل كەلتۇرگەن. ئۇ يەنە ئىرق، قانداشلىق، جۇغراپىلىك مۇھىت، سىياسىي ۋە ئىرادىنىڭ بىرلىشىش گۇرۇھى ئەمەس، دەپ قارىغان.
ئىككىنچى، ئۇ «تۈرك» بىر مىللەتنىڭ نامى، بىر تۈركنىڭ بىرلا خىل تىلى ۋە مەدەنىيىتى بولىدۇ، دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە تۈركىيە مىللەتلىرى ئۈچۈن ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشقانلار، ئۆزلىرىنى «مەن تۈرك»دەپ ئاتىغانلارنىڭ تۈركلەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش («ئىككى»نى ئېتراپ قىلىش)كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن.
ئۈچۈنچى، ئۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان مىللەت ئېڭىنى كۈچەيتىشنىڭ ناھايىتى چوڭ ئەھمىيىتى بار، چۈنكى «بىر مىللەت بىر خىل مىللەت ئېڭىغا ئېرىشكەن ھامان، ئۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىل قوللۇق ئورۇندا رازى بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، قاچانلا بولمىسۇن مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، ئوخشاش خاراكتېرنى ئالغان، بىرلەشكەن، مۇستەقىللىق بولغان سىياسىي بىر گەۋدە بولۇپ شەكىللىنىدۇ»دەپ قارىغان.
دېمەك، زىيا كۆك ئالپنىڭ مىللەتكە بەرگەن تەبىرنىڭ يادروسى تىل، مىللەت قارىشىنىڭ ئەجەللىك يېرى بۆلگۈنچىلىك ۋە مۇستەقىللىق ئىدى. ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان نىشانى پان تۈركىزم، يەنى تۈركىزم؛ ئوتتۇرا مەزگىللىك نىشانى ئوغۇزىزم، بۇ ئەمەلىيەتتە پان تۈركىزم ئىدى؛ كەلگۈسى نىشانى بۈيۈك تۇرانىزم، يەنى دەرىجىدىن تاشقىرى پان تۈركىزم «بەش» ئەمەس ۋە «ئىككى»نى ئېتىراپ قىلىش يۇقىرىدا ئېيتىلغان نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تەدبىرى ۋە ئۇسۇلى. ئۇ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان بۇ نەزەرىيە سىستېمىسى قارىماققا ناھايىتى تەپىستەك كۆرۈنسىمۇ، تىل ئامىلى ۋە مۇستەقىللىق ئېڭىدا غەرب مىللەت نەزەرىيىسىنىڭ چوڭقۇر ئىزناسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، لېكىن ئۇنى نەزەرىيە جەھەتتە توغرا دېگىلى بولمايدۇ.
چۈنكى، تىل ئامىلىغا نىسبەتەن ئالىملار چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن: «... ياۋروپادا مىللەتچىلىك كەڭ ئەۋج ئالغان چاغدا، تىل ھەر قانداق بىر ئۆلچەمدىنمۇ بەكرەك تەۋسىيە قىلىنغان، تىل ئىنسانلار پەيدا قىلغان ھادىسە بولۇپ، جۇغراپىيلىك ئامىلىغا ئوخشىمايدۇ. تىل ئىنسانلارنى ئوخشىمىغان بىر قانچە گورۇھلارغا ئايرىغان بولۇپ، ئۇ تارىخقا ئوخشاش داۋاملىشىشچانلىققا ئىگە بولمايدۇ ھەمدە نۇرغۇن ۋەقەلەر ۋە شەخسلەرنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تىل زامانىۋىلىشىش بىلەن تېخىمۇ زىچ بىرلەشكەن. زامانىۋىلىشىش ئۆزئارا تايىنىپ ياشاشتىن دېرەك بېرىدۇ، ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە بولسا، كىشىلەر ئارىسىدىكى تىل ۋە يېزىق ئالاقىسى بۇرۇنقى ھەرقانداق ۋاقىتتىنمۇ كۆپ. شۇنداق بولسىمۇ، تىل مىللەتنىڭ مۇۋاپىق بىر ئۆلچىمى ئەمەس، دېيىشكە بىر نەچچە ئاساسىمىز بار. تىل مۇقىم ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس، سىياسىي شەكىلدىكى تىل بىلەن تىل شەكىللەندۈرگەن سىياسىي ئوخشاش كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن، ياۋروپادىكى تىلغا ئاساسەن تېررىتورىيىنى ئايرىش 10~15-ئەسىردىكى خاندانلىقلارنىڭ چېگرىسىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. دۇنيانىڭ باشقا نۇرغۇن جايلىرىدا، تىل رايونى ھازىرقى زامان مىللەتلىرىنىڭ مۇۋاپىق ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆرۈنۈشتە ھەم بەك كىچىك (ئېكۋاتور ئافرىقىسى)، ھەم بەك چوڭ (لاتىن ئامېرىكىسى، ئەرەب ئوتتۇرا شەرقى). ئەگەر دۇنيا تىل رايون تەۋەسى بىلەن 60-يىللاردىكى سىياسىي چېگرىنى سېلىشتۇرغاندا، ئىككىسىنىڭ ئاساسەن بىرىككەن جايىدا 20 نەچچە دۆلەتنىڭلا بولىدىغانىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاساسەن ياۋروپادا ئىكەنلىكى بايقىلىدۇ.»
ئەمەلىيەتتە، ئەڭ ئەجەللىك يېرى شۇكى، تىل ئامىلىنى ئېزىپ چۈشەندۈرۈش مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغان ئادەتتىكى خەلقلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى ئابستراكت ۋە قىيىن بولىدۇ. «ئاممىغا قانداق يۈزلىنىش» پان تۈركىزمچىلارنىڭ بېشىنى قاتتۇرىدىغان مەسىلە، شۇڭا قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىدىكى ئىرقچىلىق ئۇلارنىڭ مۇقەررەر تاللىشى بولۇپ قالغان.
زىيا كۆك ئالپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىرقچىلىقتىن قېچىپ، مىللەت ئىرق ۋە قېرىنداشلىق ئەمەس، دەپ جار سالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا مىللەت ۋە ئىرق ئەلاچىلىق كۆز قارشى ئەزەلدىن بار ئىدى. مەسىلەن، ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا: «بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۈرك مەدەنىيىتى مەيدانغا كېلىپ بولغان ۋە مەيدانغا كەلمەكچى بولغان مەدەنىيەتلەر ئىچىدىكى كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ئەڭ گۈزەل مەدەنىيەت» دەپ جاكارلىغان. زىيا كۆك ئالپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يولداشلىرى ئىرقچىلىقنى تەرغىب قىلىشقا بىر-بىرىدىن قىزىققان. ئەمىن يۇردادىل «تۈرك ئىرق»لىرىنى مەدھىيلىگەن، ئاقشۇرا «تۈرك ئىرق»لىرىنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان، ئەزىز «تۈركلەر ئىتتىپاقلىشىشىنىڭ تۈگۈنى قانداشلىق مەسىلىسى» دەپ مۇراجىئەت قىلغان، دىرخان «تۈرك ئىرقلىرى ھەممىدىن ئۈستۈن، باشقا ئىرقلاردىن ئەلا» دەپ جار سالغان، ۋەھاكازالار. ئۇلار ھەتتا گىتلېرچە قىياپەتتە «قانداشلىق _ تۈرك ئىرقلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ياكى بىردىنبىر رىشتىسى، بۇ ئىرق ئۇلۇغ ھەم پارلاق، باشقا ھەرقانداق ئىرقلاردىن ئەلا، شۇڭا تۈرك قان سىستېمىسىنىڭ باشقا قان سىستېمىسىغا ئارىلىشىپ كېتىشى ئەڭ چوڭ خەتەرلىك ئىش» دەپ جېنىنىڭ بارىچە جار سېلىپ دەلىللىگەن.
بۇلارنى يىغىنچاقلىغاندا، پان تۈركىزملىق مىللەت قارىشىدا چېكىدىن ئاشقان تىل ئامىلى ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، لېكىن بۇ خىل قاراش چوڭقۇر ھەم سىرلىق، ئادەم چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ئاز دېگەندە بىر قىسىم پان تۈركىزمچىلار قويۇق ئىرقچىلىق تۈسى بىلەن ئادەتتىكى خەلقنى قۇتراتماقتا، قايمۇقتۇرماقتا. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قولىدىن كېلىدىغانلىكى ۋاسىتىلەرنى قوللانغا، ئۇلارنىڭ نىيىتى يامان، مىللەت قارىشى ئەكسىيەتچىل.


ئىككىنچى بۆلۈم:
دىن قارىشى: پان ئىسلامىزم بىلەن ماھىيەت جەھەتتە پەرقى يوق

پان تۈركىزىم روسىيە «تاتارىستانى» دا ئەڭ دەسلەپ مەيدانغا كەلگەندە، چارۇسىنىڭ مۇستەبىت تۈرىمى بىلەن كونىلىقنى ياقىلايدىغان ئەكسىيەتچىل ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىكى ئاساسلىق ئىككى توسالغۇ ئىدى.
مۇستەبىت تۈرۈمگە قارشى ئۇرۇشتا ، پان تۈركىزىمنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ئاجىز بولغان، بۇلۇپمۇ 1914-يىلى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلغاندا، قازاندىكى پان تۈركىزىمچىلار مۇسۇلمانلىق سالاھىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۇپ، روسىيە دۆلەت شېئىرنى ئۈنلۈك توۋلاپ، چار پادىشاھنىڭ سالامەتلىكىنى تىلەپ، «مىسلىسىز ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن.»
كونىلىقنى ياقلاشتا، ئەكسىيەتچىلىككە قاراپ يۈزلىنىۋاتقان ئىسلام دىنى ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئېلىشقان چاغدا گاسپرىنسكىي پان تۈركىزىمنىڭ «ئۈچ بىرلىك» ھەركىتىنى يولغا قۇيۇپ، پان ئىسلامىزىم بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن، «جەدىد ھەركىتى» دە بىرلىشىش ئالاقىسىنى تاپقان. ئۇ 1914-يىلى : «ئەسلىدە، ۋولگا دەرياسى بۇيىدىكى تاتارلار، قىرىم تاتارلىرى، قىرغىزلار، كاۋكازلىقلار ۋە تۈركىستانلىقلار ھەمدە سۈننىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر مۇسۇلمانلار، ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلار، ئۇلار ئورتاق بىر ئىمتىيازغا ئىگە. گەرچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ھەرخىل، ئىلگىرى ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىپ، ئۆز ئارا قىرغىن قىلىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا جان- جىگەر قېرىنداشلار، شۇڭا ئۆز ئارا چۈشىنىشنى ، ئىناق ئۆتۈشنى ئۈمۈد قىلىمەن» دەپ يازغان.
ئەمىلىيەتتە، بۇ پان تۈركىزىمچىلار دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار بىلەن ئەستايىدىل ئېلىشىشتىن بۇرۇن، ئۆزلىرىنىڭ تۈپ مەيداندىن ئاللىبۇرۇن ۋاز كەچكەنىدى. «جەدىد ھەركىتى» نىڭ بايرىقى ئاستىدا، پان تۈرك ھەركىتى تاتارلارنىڭ «دانا زىياليىلىرى» ئىچىدە پەيدىنپەي تەرەققىي قىلىپ، پان ئىسلامىسزىم بىلەن زىچ بىرلىشىپ، تاكى ئاخىرغىچە ئوچۇق- ئاشكارا ئايرىلىپ باقمىغان. پەقەت بەزى چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن تاسادىپىي تىركەشكەن بولسىمۇ، كۆپ ھاللاردا پان ئىسلامىزىمنىڭ تونى ئارقىلىق، پان تۈركىزىمنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياپقان.
تۈركىيلىك پان تۈركىزم نەزىريىچىسى زىيا كۆك ئالپ ئىسلام دىنىنىڭ رولىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ، تۈركىيە دېقانلىرىنىڭ «مىللەت-ئۇنىڭ تىلى مېنىڭ تىلىمدۇر» دېگەن سۆزىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، يەنە «ئۇنىڭ دىنى مېنىڭ دىنىمدۇر» دېگەننى تەكىتلىگەن. لېكىن، ئۇ پان ئىسلامىزىمنىڭ «مىللەت مۇسۇمانلارنىڭ يىغىندىسى بىر پۈتۈن گەۋدە دېيىشكىلا بولىدۇ، ئورتاق تىل ۋە مەدىنىيەتكە ئىگە مىللەت پۈتۈنلەي باشقىچە بىر ئىش» دېگەن ئوخشىمىغان پىكىردە بولغان. ئۇ ھەتتا: «سىياسىي تەجرىبە بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەردىكى، پان ئىسلامىزىم ئەمىلىيەتتە مۇسۇمانلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇستەققىللىققا ئېرىشىگىمۇ توسالغۇ بۇلۇپ كەلمەكتە» دەپ قارىغان. لېكىن، ئۇ «بىر مىللەت خۇددى بىر ئادەم ئىككى خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا بولمىغىندەك، يا شەرقتە، يا غەرىپتە بولىدۇ»، «تۈركىسىزىمچىلار تۈرۈك ۋە مۇسۇلمانلىق خىسلىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، پۈتۈنلەي، قىلچىمۇ ئىككىلەنمەستىن غەرپ مەدىنىيىتىگە قەدەم قۇيۇشنى ئۈمۈت قىلىدۇ» دىگەننى ھەدەپ تەكىتلىگەن.
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ «ھەمسەپىرى» بولغان سۇلتان غالىيېف مەزھىپى: «مىللەت مەسىللىرىدە، بىزنىڭ قارىشىمىز ماركسىزملىق قاراش بىلەن بىردەك ماسلىشىدۇ، چۈنكى ئىسلام دىنى قارىشىدىن قارىغاندا، مىللەتچىلىك پۈتۈنلەي مەۋجۇت ئەمەس. ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىگە ئاساسلانغاندا، مىللەت بىلەن دىن ئوخشاش. ئىسلام دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرى ئالدىدا، پەقەت بىردىنبىر ئىسلام دىنىنىڭ بايرىقى ئاستىدا ئىتتىپاقلاشقان ۋە بىرلىككە كەلگەن بولىدۇ» دەپ قارىغان.
ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ماركسىزملىق دىن قارىشىغا بولغان تۈنۇشى پۈتۈنلەي خاتا، ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئومۇمەن ئىسلام مەزھەپلىرىنىڭ دىن قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ، سىياسىي مايىللىقى ناھايىتى روشەن ئىدى.مەسلەن، ئۇلار: «بىز تاتارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مەسىلىسى، كېڭەيتىپرەك ئېيتقاندا، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مەسىلىسى ھەمدە بارلىق ئېزىلگۈچى مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مەسىلىسى ھەممىدىن مۇھىم مەسىلە» ئېيتقان .
شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەردە، خۇددى ئۇلار تىپىك شوئارىدا: «مىللىتىمىز تۈرك، دىنىمىز ئىسلام» دەپ ئېيتىقىندەك، پان تۈركىزىم بىلەن پان ئىسلامىزىمنىڭ بىر گەۋدىلىنىشى مەۋجۇت. ئۇلار: «ئەگەر بىز ئىسلام دىنىغا ئىشەنمىسەك، ئاسسمىلياتسىيىلىشىپ كېتىمىز ۋە يوقىلىپ كېتىمىز» دەپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قۇتراتقان .
پان تۈركىزملىق دىن قارىشىنى يىغىنچاقلىغاندا، ئۇ پان ئىسلامىزم بىلەن ماھىيەت جەھەتتە ھىچقانداق پەرقلەنمەيدۇ. پان تۈركىزمچىلار تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان كەڭ خەلق ئاممىسى ئىچىدە ئىسلام دىنىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ۋە چوڭقۇر تەسىرى بار رېئاللىق ئالدىدا، دىنىي ساھەسىدىكى زاتلار ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن پان ئىسلامىزم ئاڭ سىستېمىسى بىلەن ئەزەلدىن ئالاقىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۈزمەكچى بولغان ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇلار بىلەن بولغان ئىسلامىزمچىدەك پان تۈركىزم بىلەن پان ئىسلامىزم ئارىسىدىكى پەرقنى قەستەن ئىپادىلىمەي، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتلاردا ئىسلام دىنىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇچىغا چىققان سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.


ئۈچىنچى بۆلۈم:
تارىخ قارىشى: ئىجتىمائىي ئىدېئالىزم

تارىخ ئۆتۈپ كەتكەن ئەمەلىيەت، ئۇ ئوبيېكتىپ بولىدۇ. لېكىن، تارىخ تەتقىقاتى كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ ھەرىكىتى، ئۇ پەن-تېخنىكىنىڭ ئىلمىي پائالىيتى ھەم خۇپىيانە مەقسەتتىكى، تارىخ ئۇچىغا چىققان مىللەتچىلىككە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
بارلىق ئۇچىغا چىققان مىللەتچىلىككە ئوخشاش، پان تۈركىزممۇ تاىخقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، لېكىن ئۇ بىر خىل نوقۇل، ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان تارىخ بولىدۇ. ھازىرقى زاماندىكى «پان» ئېقىمى بىلەن ئوخشىمىغان يېرى شۇكى، پان تۈركىزم ئورتاق بىر مەنبەنى ئىزدەۋاتقان چاغدا، تۈركلەرنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە مەدىنىيتىنى قەستەن «يېڭىدىن بايقىماقچى» بولغان. پان تۈركىزم مۇھىم نۇقتىسى تىل، تارىخ، ئەدەبىيات ئۈستىگە قويغان، ئۇنىڭ مۇھىملىقى روشەن ھالدا تەرتىپىگە ئاساسەن تىزىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان پان تۈركىزىمچىلارغا نىسپەتەن ئېيىتقاندا، «ئورتاق تىل» نىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇشۇ خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىرمىللەتنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىگە يېتەرلىك ئىسپات بولالايدۇ، لېكىن پان تۈركىزمنىڭ نەزەرىيىچىلىرى يەنە تارىخ، ئەدەبيات، مەدەنىيەت، ئەپسانە، رىۋايەت، ھەتتا ئۆزىنىڭ كاللىسىدا ئويدۇرۇپ چىقارغان نەرسىلەر ئارقىلىق بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىغان، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار مۇنازىرىسىز «تارىخىي ئىسپات» دەپ بېكىتىدىكەن. ئۇلارنىڭ قوللانغىنى تارىخىي دەۋر قىلىشنىڭ دەلىللەش ئۇسۇلى: بىرىنچى، «ئىزدەش»؛ ئىككىنچى «تېپىپ بولدۇق» دەپ جار سېلىش؛ ئۈچىنچى، ئۆزلىرى قارىغۇلارچە تۈزگەن «پاكىت» نى دەرھال ئىسپاتلاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي مەدىنىيتىنى «يېڭىدىن بايقىغان» ۋە «ئېتىراپ قىلغان» ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك قېرىنداش بولىشىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالاشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مىللەت» ھەم «دۆلەت» نى قۇرۇش. شۇڭا، ئۇلار ئاغزىغا كەلگىنى بۇيىچە: «ئەي، تۈمەنمىڭ تاجۇتەخىتنىڭ ئىگىللىرى!» دەپ جار سالدۇ. ھازىر قىلچىمۇ مەۋجۇت بولمىغان «تۈركىي مىللەت» لەر، ئۇلارنىڭ قەلىمىدە گۈل كەلتۈرۇپ يېزىلىپ، زېمىنى كەڭ، تارىخى ئۇزۇن نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان.
پان تۈركىزمنىڭ نەزەرىيە پىرى زىيا كۆك ئالپ ئۆزىنىڭ تارىخ قارىشىنى بايان قىلغاندا، ماركىزىملىق تارىخىي مارتېرىيالىزىمغا ئوچۇق-ئاشكارا ھۇخۇم قىلىپ، ئەمىر تۇرغاننىڭ ئىجتىمائىي ئىدېئالىزمىغا چوقۇنغان. ئۇ «تۈركلەرنىڭ ئىدىيدىسى» گە يىلىنغان، بۇ خىل «ئىدىيە» نىڭ مەنبەسى «ئومۇمىي ئىپادە» ئىدى. ئۇ «ئومۇمىي ئىپادە» نى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۇرۇشكە تىرىشقان. ئۇلار مۇنداق دەپ دەلىللىگەن: «1908- يىلدىن ئلىگىرى، تۈركىيدە نۇرغۇنلىغان تۈركلەر ياشىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىدا ‹ بىز تۈركىي مىللەت› دېگەن قاراش تېخى يوق بولغاچقا، تۈركىي مىللەتىمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. لېكىن، ‹بىز تۈركىي مىللەتكە مەنسۇپ› دەپ جاكارلىغان ھامان، تىل، سەنئەت، ئەخلاق، قانۇن، ھەتتا ئىلاھىيەت، پەلسەپە قاتارلىقلاردا ‹تۈركىي مىللەت› نىڭ مەدەنىيەت قىزىقىشى ۋە ئېڭى بىلەن ماس كېلىدىغان مۇستەقىل ئىجادكارلىقىنى نامايەن قىلىمىز.»
ئاتالمىش «ئومۇمىي ئىپادە» ئومۇمىي ئوقۇم بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئەپسانە، داستان، چۆچەك، رىۋايەت، تارىخىي ۋەقە، دىنىي ئەقىدىلەر، ئەخلاق، قانۇن، ئىقساد ھەم تېخنىكا پىلانى، ئىلىم- پەن، پەلسەپىۋى قاراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «ئومۇمىي ئىپادە»، ھەتتا ئېتىقاد بىلەن نەزەرىيە قارىمۇ قارىشى دەپ قارالغان دىنىي مۇراسىم ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلەرمۇ «ئومۇمىي ئىپادە» «زور خەۋىپلىك پەيتتە كۈچلۈك ھېسىيات تەرىپىدىن قوزغىتىلغاندىن كېيىن، ھەيران قالارلىق كۈچ-قۇدىرەتكە ئېرىشىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ ئىدىيە دەپ ئاتىلىدۇ»، «ئىدىينىڭ شەكىللىنىشى ۋە تىكلىنىشى زور ئەخلاق تەسىرى بار دانىشمەن، نىجادكارغا تايىنىدۇ. ھازىر بىز مۇشۇنداق دانىشمەن ۋە نىجادكارغا ئىگە».
زىيا كۆك ئالپ ئۆزىنى مانا مۇشۇنداق شەرمەندىلەرچە دانىشمەن، نىجادكار دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ «ئىدىيسى»: «قىيىنچىلىق كۈنلەردە نىجادكار ئالدى بىلەن ئۇرۇندايدىغان ۋەزىپە قىيىنچىلىقمۇ توختاپ قالماي، دۆلىتىمىز (تۈركىيە) ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدە مىللەت ئېڭىنى ئويغىتىش ۋە كۈچەيتىش. چۈنكى، مىللەت ئېڭى بارلىق تەرەققىياتنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى بۇلۇپمۇ قالماستىن، مىللەتنىڭمۇ مەنبەسى ۋە ئۇلى». مانا بۇ پان تۈركىزىملىق تارىخ قارىشىنىڭ رولى ۋە ئەھمىيتى.


تۆتىنچى بۆلۈم:
دۆلەت قارىشى: بۈيۈك تۈركىي دۆلەتلەر زادى قانچىلىك بۈيۈك

پان تۈركىزمچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى «يۇرت»، «ۋەتەن». ئۇلارنىڭ ئورتاق قىزىقىشى خۇددى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك تۈرك ئىرقلىرىنىڭ ستاتىستىكا سانى بولۇپ، ياۋرو-ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تار قىلىپ ئولتۇراقلاشقان «تۈرك قان سىستېمىسى» غا تەۋە نوپۇس ستاتىستىكا سانى50 مىليۇن 700 مىڭ، 90 مىليۇن 920 مىڭدىن 100 مىليۇنغا يەتكەن، ئۇلار ھەتتا 150 مىليۇنغىمۇ يەتمەيدۇ. تۈركىزم، ئوغۇزىزم، پان تۈركىزم، بۈيۈك تۇرانىزم قاتارلىقلار ئوتتۇرسىدىكى پەرق پەقەت پان تۈركىزملىق «پان» نىڭ قايسى دەرىجىگە يېتىشى، بۈيۈك تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ قايسى دەرىجىگە يېتىشىدە. بۇ تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا، ئالدى بىلەن دۆلەت ھالقىغان مىللىي بىرلىكچىلىك.
ئىسرائىلىيە تەۋەلىكىدىكى ئالىم ياكۇب م. لاندورنىڭ تەرەققىياتىدا، دەسلىپىدىلا توغرىدىن-توغرا مۇنداق دەپ ئېيتىلغان: «مىللىي بىرلىكچىلىك يېقىن شەرق ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇزۇندىن بېرى بر بولغان بىر خىل ھادىسە، باشقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا، مەلۇم بىر مىللىي دۆلەت باشقا دۆلەتتە ئولتۇراقلاشقان ئۆزلىرىنىڭ بىلەن ئوخشاش قان سىستېمىسىغا تەۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىگە نىسپەتەن ئىدىيىۋى ئاڭ ۋە تەشكىلىي ھەركەت جەھەتتە كۈچلۈك قىزىقىشىنى ئىپادىلەيدۇ. بىر قەدەر مۆتىدىل بولغان مىللىي بىرلىكچىلىك پەقەت ئاشۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كەمسىتىشىكە ئۇچىرشىدىن ۋە ئاسسىمىلياتسىيە بولوپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ، بىر قەدەر ئۇچىغا چىققان مىللىي بىرلىكچىلىك ئوچۇق - ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ، ئاشۇ كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان زېمننى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ گەرچە ناھايىتى ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋال ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن ئادەتتىكىدەك قاراشلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كەڭ.»
پروفېسىر مىرون ۋېينېر بالقانلىقلارنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن، لېكىن بايانىنىڭ كۆپ قىسمى كېينكى مەزگىلىدىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيسى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئۇ يەردە مىللىي بىرلىكچىلىك ئاساسەن پان تۈركىزم ئىدىيسىدە ئىپادىلىنىدۇ. پان تۈركىزم ھەركىتىنىڭ يىتەكچى نىشانى بولسا «ئۆزىنى تۈرك دەپ قارىغان ياكى مۇئەييەنلەشتۇرگەن بارلىق مىللەتلەر ئارىسىدا، ئۇنىڭ ئوسمانلى ئىمپىريىسى تېررىتورىيسىنى (كېينى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دە ياشىغان - ياشىمىغانلىقتىن قەتئىينەزەر، مەلۇم بىر خىل مەدىنىيەت ياكى ماھىيەت ۋەياكى ھەر ئىككىسى تەڭ مەۋجۇت بولغان بىرلىشىشنى كەلتۈرۇپ چىقىرىش.»
ياكۇب م. لاندورنىڭ يۇقۇرىقى تەتقىقاتى ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەتراپلىق بولغان، لېكىن ئۇ ئاساسلىق تۈركىيدىكى پان تۈركىزمگە قارىتىلغان. ئۆزلىرىنى «تۈركىي مىللەت» دەپ ئاتىۋالغانلارنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈنلىككە تەھدىت سالىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان ئاتالمىش «تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان» (قازاقىستان، قىرغىستان، ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەر) مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەر ئۈچۈن مىللىي دۆلەتنى شەكىللەندۇرۇش بۇ دۆلەتلەر دۇچ كېلىدىغان دەسلەپكى مۇھىم ۋەزىيە، پان تۈركىزم ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە بىرلىكگە نىسپەتەن بىرخىل تەھدىت. شۇڭا، پان تۈركىزمنىڭ دۆلەت قارىشى پەقەت تۈركىيگە نىسپەتەنلا سىياسىي پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە، بۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ سەمىمىي قارشى ئېلىشقا ئېرىشەلمەيدۇ.
پان تۈركىزمنىڭ مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، تارىخ قارىشى ئەڭ ئاخىرىدا يىغىنچاقلىغاندا، يەنىلا خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە تەرتىپلەرگە بۇزغۇنچىلىق سالىدىغان دۆلەت قارىشى. ئۇنىڭدا ئىپادىلىندىغان مەدىنىيەت قارىشى ماھىيىتى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، تارىخ ئېقىمىغا قارشى ھەركەت قىلدىغان ئۇچىغا چىققان مىللىي بىرلىكچىلىك ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك بۇلۇپ، كەڭ ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولالمايدىغان، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيتلىرىنىڭ قوللىشىغىمۇ ئېرىشەلمەيدىغان ئاز سانلىق «دانالار»نىڭ خاھىشى، شۇڭا ئۇنىڭ ھىچقانداق ئىستىقبال يوق.
ئەلۋەتتە، بىزمۇ ئۇنىڭغا بىپەرۋالىق قىلساق بولمايدۇ. چۈنكى، مەدىنىيەت پان تۈركىزىمى قانداقلا بولمىسۇن، سىياسىي پان تۈركىزىمنىڭ ئاساسىي، ئۇ سىياسىي پان تۈركىزىمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مەنبە بىلەن تەمىنلەيدۇ، شىنجاڭدا مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك ئېڭى ئۈچۈن نەزىرىۋى ئاساس ۋە مەدىنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرب دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ دۆلىتىمىزنى پارچىلىشى ۋە بۆلىۋېلىشى ئۈچۈن ئاساسلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ. شۇڭا، پان تۈركىزمگە قارشى تۈرۇش ۋە ئۇنىڭ مەدىنىيەت ساھەسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىرىنى تازىلاش، يەنىلا بىزنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئۇزۇن مەزگىلىك كۈرەش ۋەزىپىمىز.

(dawami bar)
********************

没有评论:

发表评论

发表评论