2009年2月27日星期五

Meshhur téngiqchi - samsaq ustam

Toluq Teksti




مەشھۇر تېڭىقچى سامساق ئۇستام


مەشھۇر تېڭىقچى سامساق ئۇستام 1901-يىلى ئاتۇش سۇنتاغ يېزىسىنىڭ تۆركۈل كەنتىدە تېڭىقچى توختى ئۇستام ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
سامساق ئۇستامنىڭ دادىسى توختى ئۇستام 20 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ تېڭىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تېڭىقچىلىق قىلغان، ئۆز زامانىسىدا داۋالىنىش ئۈسكىنىلىرى يوق شارائىتتا ئۆزىنىڭ تەجىربىسىگە تايىنىپ، نۇرغۇن قىيىن، مۇرەككەپ سۇنۇق ۋە چېقىقلارنى داۋالاپ ساقايتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە زازاۋەر بولغان.

سامساق ئۇستام كىچىكىدىنلا ئەقىللىق، زېرەك بولۇپ 1913-يىلدىن باشلاپ تۆركۈلدىكى دىنىي مەكتەپتە ئوقۇش بىلەن بىللە، دادىسىدىن تېڭىقچىلىقنى ئۈگەنگەن. 17 يىل تىرىشىپ ئۈگىنىش ئارقىلىق ئاخىر ھەرخىل سۆڭەك كېسەللىكلىرىگە توغرا دىئاگنۇز قويۇپ، مۇستەقىل داۋالىيالايدىغان تېڭىقچى بولۇپ يېتىشكەن.

سامساق ئۇستام 1930- يىلىدىن باشلاپ ئۆز ئائىلىسىدە تېڭىقچىلىق قىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا جاي-جايلاردىن كەلگەن ھەرمىللەتتىن بولغان بىمارلارنىڭ سۇنۇق ۋە چېقىقىنى داۋالاپ مول تەجرىبىگە ئىگە بولغان.
شۇ مەزگىللەردە سامساق ئۇستامنىڭ ئالدىغا يالغۇز ئاتۇش، قەشقەرلەردىن بىمارلار كېلىپ قالماستىن، پۈتۈن شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىنمۇ بىمارلار كېلىپ داۋالانغان.
سامساق ئۇستامنىڭ سۇنۇقلارنى تېڭىش، چېقىقلارنى ئورنىغا چۈشۇرۇشتە ھۈنىرى ناھايىتى ئەپچىل بولۇپ، ئۇسۇلى ئاددى، ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان. ئۇ ياشىنىپ قالغان مەزگىللەردىمۇ كېسەللەرگە كۆيۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ھەتتا يۆتكەش قۇلايسىز بولغان كېسەللەرنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ داۋالىغان.
سامساق ئۇستام كېسەللەرنى داۋالاشتا باشتىن ئاخىر ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى قوغلاشماستىن، بەلكى ئىنسانپەرۋەرلىك، باشقىلارغا بەخت-سائادەت يارىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان. كېسەللەردىن پۇل تالاشماي رازى بولۇپ بەرگەن پۇلىنىلا ئالغان. ھەتتا كۆپ بېرىۋەتسە ئارتۇقىنى قايتۇرغان. نۇرغۇن يوقسۇل، نامرات كېسەللەرنى ھەقسىز داۋالاپ،خەلق ئارىسىدا زور شۆھرەت قازانغان ھەم ئاتاقلىق تېڭىقچى دەپ نام ئالغان.

سامساق ئۇستام ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە سۇنۇق تېڭىشتا، كېسەللەرگە ناركوز، دورا-ئوكۇل ئىشلەتمەستىن، بەلكى روھىي تەسەللى، پەم-پاراسەت، ئەقىلنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق كېسەلنىڭ چېقىق ياكى سۇنۇقلىرىنى جايىغا چۈشۈرۈپ، مۇقىملاشتۇرۇپ تېڭىپ، ئۇلارنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان.
جۈملىدىن ئۇ كېسەلنى داۋالاشتا قىزىق گەپ-سۆزلەر بىلەن كېسەل كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، سۇنۇق جايىغا كەلگەندە يەنە كېسەل كىشىنى قىزىق يۇمۇرىستىك سۆزلەر بىلەن بەند قىلىپ تۇرۇپ، سۆڭەكنى دەل جايىغا چۈشۈرۈپ، كېسەل كىشىگە ئارتۇقچە ئازاپ ھىس قىلدۇرمىغان. بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا سامساق ئۇستامنى ھەقىقەتەنمۇ زېرەك پسىخولوگ دەپ قاراشقا بولىدۇ.

1970- يىلى ئاتۇشتىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار سامساق ئۇستامنى سۇنتاغ يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ بۇ دوختۇرىانىغا كەلگەندىن كېيىن جاي-جايلاردىن دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالىنىدىغانلار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەن.
1975-يىلى سامساق ئۇستام شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سەھىيە نازارىتى تەشكىللىگەن بىر ئېكسكۇرسىيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنە ھەرخىل سۆڭەك كېسەللەكلىرى تۈپەيلىدىن ئىڭراپ ياتقان بىمارلارغا ئىللىقلىق ۋە مىھرىبانلىق يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى داۋالاپ كىشىلەرنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. شۇنداقلا ئۆزگىچە تېڭىقچىلىق تەجرىبىسىگە ئاساسەن جاي-جايلاردىن تېڭىقچىلىققا ئىشتىياق باغلىغان ياشلارنى قۇبۇل قىلىپ تەربىيىلەپ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئۈچۈن ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان.
ئۇ يەنە ئۆز ئوغلى ئېلىجان بىلەن ئابلەتنى پىشقان تېڭىقچىلاردىن قىلىپ تەربىيىلەپ چىققان.

1980-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سەھىيە نازارىتى مەشھۇر سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرى سامساق ئۇستامنىڭ يۇقىرقىدەك نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ئۇنىڭغا «سۆڭەك كېسەللىكلىرى بويىچە مۇدىر ۋراچ» دىگەن ئۈنۋاننى بەرگەن.
سامساق ئۇستام 1975-يىلى ئاتۇش ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 6- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمىي جەمىيتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

ھازىرقى «قىزىلسۇ ئوبلاستلىق سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى» سامساق ئۇستامنىڭ نەتىجىسى ۋە ھۆرمىتىگە ئاساسەن قۇرۇلغان دوختۇرخانىدۇر.
ھاياتىنى ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتى ئۈچۈن بېغىشلاپ، ھەرمىللەت بىمارلىرىغا نىجاتلىق ئاتا قىلىپ كەلگەن سامساق ئۇستام 1985-يىلى 11- ئاينىڭ 6-كۈنى 85 يېشىدا ئۆز يۇرتى تۆركۈلدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

***********************************
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-98273.html
***********************************

تولۇق ئوقۇش

Tarixtiki uyghurlarning sitratigiyisi we taktikisi

Toluq Teksti



تارىختىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىتراتىگىيىسى ۋە تاكتىكىسى


ئەزىزوۋ قاسىم


قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەشكىلاتلىرى ھەربىي خاراكتىرگە ئىگە ئىدى. بۇنداق خاراكتىر كېيىنكى چاغلاردا قۇرۇلغان، بەش ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان ئۇيغۇر قاراخانىيلار سۇلالىسى مەزگىلىدە ۋە پۈتۈن تىمۇرىيلار دەۋرىدە ھەم 160 يىل داۋام قىلغان يەركەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە بارغانسىرى روشەن ئىپادىلىنىشكە باشلىدى.
9- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرى ، مۇڭغۇل دالاسىدا يۈزبەرگەن ئېغىر تەبىئىي ئاپەت تەۋەسىدىكى قىرغىزلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى ئىچكى نىزا تۈپەيلىدىن ، ئۇيغۇر ئورخۇن خانلىقى مۇنقەرز بولدى. مۇشۇ قېتىمقى تەبىئىي ئاپەت ۋە سۈنئىي ئاپەتتىن ئامان قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ 15 قەبىلىسى پان تېكىننىڭ رەھبەرلىكىدە غەرىبتىكى قېرىنداشلىرىدىن پاناھلىق تىلەپ جۇڭغارىيە ۋە تارىم ۋادىسىغا يۆتكەلدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۇيغۇرلار بالاساغۇن بىلەن قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا يەنە بىر قۇدرەتلىك فىئوداللىق سۇلالە - قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقتى.
بۇ بابتا قاراخانىيلارنىڭ ھەربىي ستىراتىگىيە- تاكتىكىسى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختىلىپ ، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ستراتىگىيىسى ۋە تاكتىكىسى ھەققىدىكى نۇقتىئىنەزەرلىرى ئۈستىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمىز .


قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتى

مەلۇمكى، كۆك تۈرىكلەردىن كېيىن تۈركىي قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ مۇڭغۇل دالاسىدا زور خاقانلىق قۇرغان ئۇيغۇرلار 840- يىلى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي سالاھىتىنى يوقىتىپ قويغانلىقتىن، قېرىنداش ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىر مەركىزىي ھاكىمىيەتكە تەۋە بولماستىن ، مۇستەقىل بەگلىكلەر ھالىتىدە ياشاشقا باشلىدى. مىلادى 845- يىلى كۆل بىلگە قادىرخان شىمالدا بالقاشتىن، جەنۇپتا كەشمىرگىچە، شەرىقتە كۇچادىن، غەرىپتە خارازىمغىچە بولغان 3 مىليون كىۋادىرات كېلۇمىتىر قۇرۇقلۇق تېرتورىيە ئۈستىدە ئۇيغۇرلار تەركىبىدىكى قارلۇق، ياغما ، چىگىل، توخسى ۋە باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قۇدرەتلىك قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقتى.
مىلادى 962- يىلى ئالىپ تېكىن شىمالدا پەرغانە، ماۋا ئۇننەھىردىن جەنۇپتا بەلۇجىستان سىنەگىچە ، شەرىقتە ئاگىراردىن، غەرىپتە رەي ھەم دانىغىچە بولغان 3 مىليون (كېڭەيگەن ۋاقتىدا 4مىليون 900 مىڭ ) كىۋادىرات كىلومىتىر زىمىندا غەزنەۋىيلەر دۆلىتىنى قۇردى. بۇ خاقانلىق 255 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ ئاندىن يىقىلدى؛ ئورنىغا گورلۇقلار
( قارا
hitaylar )
ھاكىمىيىتى قۇرۇلدى.
مىلادى 1040- يىلى كاسپىي دېڭىزى بىلەن ئارال كۆلى ئارىسىدىكى «ئۈستۈن يۇرىت» دەپ ئاتالغان رايوندا ياشاۋاتقان ئوغۇزلارنىڭ قېنىق قەبىلىسىنىڭ بېگى سەلچۇق ئوغۇللىرى ئوغۇزلارنىڭ «سۇ باشى» ( باش قوماندان) لىرى ئىدى. سەلچۇق بەگنىڭ نەۋرىسى چاغرى تېكىن 1037- يىلى مەرۋىينى ئېلىپ ، ئۆزىنى «مەلكۈل مۈلك» ( ھۆكۈمدارلارنىڭ ھۆكىمدارى ) دەپ ئاتىدى. ئارقىدىنلا بەلىخنى ئالدى. بىريىلدىن كېيىن ھىرات ئۇنىڭدىن كېيىن نىشاپۇر ئېلىندى. چاغرى تېكىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىنىسى توغرۇل تېكىن نىشاپۇردا ئۆزىنى «سۇلتان» دەپ ئېلىن قىلدى. دەندانىكان ئۇرۇشىدا غەلبە قازانغان سەلچۇقىلار پۈتۈن خۇراساننى غەزنەۋىيلەردىن تارتىۋالدى. شۇنىڭدەك سەلچۇقىلار غەرىبكە سىلجىپ، كىچىك ئاسىيادىمۇ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشقا باشلىدى. سەلچۇقىلار 117 يىل سەلتەنەت سۈرۈپ، 1154- يىلى سۇلتان سەنجەرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن بۇ ئىمپىراتورلۇق ئاخىرى قارا
hitaylar
تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىندى.
دېمەك، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي قۇۋىملار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بۇ ئۈچ ئىمپىراتۇرلۇقنىڭ سىياسىي كېڭىيىش سىياسىتى بولغاچقا ، داۋاملىق ئۇرۇش ئىچىدە ياشىدى. قاراخانىيلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر بۇددىسىت قېرىنداشلىرى بولغان خوتەن تاتلىرى ۋە تۇرپان تاتلىرى بىلەنمۇ كۆپ ئۇرۇشلارنى قىلدى.
مۇشۇنداق مۇرەككەپ خەلقىئارا ۋەزىيەت ئىچىدە ياشىغان قاراخانىيلار سىرىتقا نىسبەتەن كېڭىيىش ۋە مۇداپىئەلىنىش ، ئىچكى جەھەتتە يۈز بەرگەن ئىسيانلارنى باستۇرۇپ، ئىمپىراتۇرلىقنىڭ تىرتورىيىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر بولدى. قاراخانىيلار كۈچەيگەن دەۋرىدە سامانىيلار دۆلىتىنى يىقىتتى . (مىلادى 999- يىلى)، ئاجىزلاشقان دەۋرىدە قارا
hitaylar
تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىندى.( مىلادى 1212- يىلى).


قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ھەربىي تەشكىلات

پۈتۈن مىللەت قوشۇن بولۇشتىن ئىبارەت خۇسۇسىيەتنى ئۇيغۇر- تۈركىي قەبىلىلىرى پۈتكۈل تارىخىدا داۋام قىلدۇرۇپ كەلگەن. قەدىمكى قەبىلىلەردە سىياسىي قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەسلىي خاراكتىرى ھەربىي بولغاچقا ، قاراخانىيلار دەۋرىدىمۇ ۋە ئۇلارغا زامانداش بولغان ياكى كېيىنكى دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار قۇرغان خانلىقلاردىمۇ بۇنداق ھالەت داۋاملاشقان.
قاراخانىيلارنىڭ ھەربىي تەشكىلاتى ھەققىدە مەنبەلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مەلۇماتلىرى يالغۇز قاراخانىيلار دەۋرى ھەربىي تەشكىلاتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش جەھەتتىنلا ئەمەس، باشقا تۈركىي خەلىقلەرنىڭ بەزى ھەربىي ئاتالمىلىرنىڭ مەنىسىنى ۋە مەنبەلىرىنى چۈشىنىش جەھەتتمۇ پايدىلىقتۇر.

قوشۇننىڭ تەركىبى

قاراخانىيلار قوشۇنىنىڭ تەركىبى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت .
1) ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى؛
2) خاس قوشۇن؛
3) خانىدان ئەزالىرى بىلەن ۋالىيلارنىڭ ۋە باشقا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئەسكەرلىرى؛
4) چىگىل، قارلۇق، ئوغراق ۋە باشقا قەبىلە تەشكىلاتلارغا تەۋە ئەسكەرلەر؛

1. ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى ( ياتغاق ۋە تۇرغاقلار)
ساراي مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ھۆكۈمدارلارنى ھەم ساراينى قوغدايىتتى. سەلچۇقىلاردا ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى «غولامانى ساراي» دېيىلەتتى. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بايانىچە قاراخانىيلاردا بۇ ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى قەلئە مۇھاپىزەتچىلىرىگە ئوخشاش«ياتغاق» دەپ ئاتىلاتتى. بۇلار ھۆكۈمدارلارنى، ساراينى ۋە ھەرقانداق بىر قەلئەنى كېچىسى ساقلايىتتى. يەنى ياتغاقلار ساراي مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ كېچىدە نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان بىر قىسىمىنى تەشكىل قىلاتتى. بۇ مەسىلىنى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ: «كونۇن تۇردى تۇرغاق، تۈنۈن ياتغاقىن» ( كۈندۈزى تۇرغاق، كېچىسى ياتغاق نۆۋەتچىلىك قىلدى) دېگەن بېيىتى بىلەن ناھايىتى ئوبدان سۈرەتلىگىلى بولىدۇ. ياتغاقلارنىڭ ۋەزىپىسى ھۆكۈمدارلارنى يالغۇز سارايدىلا ئەمەس، ساراي تېشىدىمۇ مۇھاپىزەت قىلىش ئىدى.
تۇرغاقلارغا كەلسەك، بىردىنبىر مەنبە بولغان «قۇتاتغۇبىلىك>> تىكى مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلەرگە قارىغاندا، بۇلارمۇ ساراينى ھەم ھۆكۈمدارنى كۈندۈزى قوغدايدىغان مۇھاپىزەتچىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ سارايدا ۋە ساراي تېشىدا مۇھاپىزەت قىلىش ۋەزىپىسى بارلىقى ئېنىق بۇ ئىككى ئاتالمىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكى تۈپەيلىدىن، بۇ ئەسكىرىي تەشكىلات قارا خانىيلاردىن بۇرۇنقى تۈركىي قەبىلىلەردە ئىشلەتكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ.

2. خاس قوشۇن
قاراخانىيلاردا خاس قوشۇننىڭمۇ ساراي مۇھاپىزەتچىلىرىگە ئوخشاش، ھۆكۈمدارلارغاقاراشلىق ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەردىن تەشكىل قىلىنغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. لېكىن بۇ قوشۇننىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق بىرنەرسە دىگۈدەك ئەھۋالدا ئەمەسمىز. بىر خاتىرىدە:«غەربىي قارا خانىيلار ھۆكۈمدارلىرىدىن مۇھەممەد ئارسىلانخاننىڭ( 1103- 1182) خاس قوشۇنى 12 مىڭ تۈرك قۇللىرىدىن تەشكىل قىلىنغانىدى (قىۋامەددىنى بۇرسلان: <ئىراق ۋە خۇراسان سەلچۇقىلىرى تارىخى> ئىستانبۇل 1943، 239-بەت)»دېيىلگەن.
مۇھەممەد ئارسىلانخاننىڭ سەلچۇقىلار ھاكىمىيىتىگە كىرگەن بىر دەۋىرگە ئائىت بىز تىلغا ئېلىۋاتقان دەۋىردە، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ ئىككىگە ئايرىلىشىدىن بۇرۇن قاراخانىيلار ھۆكۈمدارلىرىنىڭ خاس قوشۇنى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قوشۇننىڭ 12 مىڭ كىشىلىك بىر چوڭ قوشۇن ئىكەنلىكىگە ئائىت بىر قەئىدىگە قارىساق، بۇ ساننىڭ خاس قوشۇننىڭ ئاساس قىلغان ھالدا، تۈرلۈك قوماندانلار قارىمىقىدىكى ئەسكىرىي بىرلىكلەر ئۈچۈن ئادەتتە بىر ئۆلچەمنى ئىپادىلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس. ئەينى ۋاقىتتا، دۆلەت قوشۇننى ئېھتىياجلىق نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەيىتتى، مائاشلىرىنى بېرەتتى، مۇناسىۋەتلىك دەپتەرلەرنى تۇتاتتى، ئەسكەرلەرنى يوقلىما قىلىپ تۇراتتى.
قاراخانىيلاردا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغان مەخسۇس بىر دىۋاننىڭ بارلىقى مەلۇم. مەھمۇد قەشقىرى: ئەسكەرلەرنىڭ نامىنى ۋە كۆرسەتكەن خىزمىتىنى خاتىرلەيدىغان دەپتەر «ئاي بىتىك» دىيىلەتتى، دەپ قاراخانيلاردا بۇ ئىشنى باشقۇرىدىغان بىر ئورگان بارلىقىنى قەيىت قىلىدۇ.«ئۇنىڭ ئاتى ئايدىن ئۆچۈرۈلدى» دېگەن جۈملىسىگە قارىغاندا ، بۇ دەۋىردە ئەسكەرلەرگە ئايدا بىر مائاش بېرىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ «ئات( ئىسىم) دائىم ئەسكەرلىكە يېزىلىدىغان ئادەمدۇر» دېگەن جۈملىسىدىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دىۋاننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا ئەسكەرلەرنى يوقلىما قىلىپ، ئۆلۈم ياكى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن خىزمەتتىن ئايرىلغانلارنىڭ ئاتلىرىنى ئۆچىرىدىغانلىقىنى، كەم سانلارنى يېڭىدىن تولدۇرىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. قاراخانىيلار بىلەن زامانداش بولغان سەلچۇقىلاردا «غۇلامانى ساراي» دەپ ئاتىلىدىغان ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە باشقا مائاشلىق خاس ئەسكەرلەر بولاتتى. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، قاراخانىيلاردا ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى، خاس قوشۇنلارغا ھەر ئايدا ياكى مۇئەييەن ۋاقىتلاردا مائاش بېرىلەتتى. كېيىن غەربىي قاراخانىيلاردىكى خاس قوشۇنلار سۇيۇرغال ئىگىلىرى بولۇپ كەتكەنىدى.

3. خانىدان ئەزالىرى بىلەن ۋالىيلارنىڭ ۋە باشقا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئەسكەرلىرى

قاراخانىيلار دەۋرىدە دۆلەتنىڭ مەلۇم رايون ياكى ۋىلايەتلىرىنى ئىدارە قىلىشقا مەسئۇل بولغان خانىدان ئەزالىرىنىڭمۇ ئايرىم قوشۇنلىرىنىڭ بولغانلىقى مەلۇمدۇر. قاراخانىيلارنىڭ سىياسىي تارىخىدىكى ۋەقەلەر بۇلارنىڭ ئوچۇق كۆرسىتىدۇ.مەسىلەن:
1) دۆلەتنىڭ ئىككىگە بۆلۈنىشىگە سەۋەپ بولغان ۋەقەلەر مەزگىلىدە غەربىي قىسىمنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئىلىگ ناسىرنىڭ ئوغۇللىرى شەرقىي قىسىمنى ئىدارە قىلىۋاتقان يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوغۇللىرىغا قارشى جەڭ قىلغان ئىدى.
2) كېيىنچىرەك ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى شاش، مىڭلاق، تۇنھاس ۋە پەرغانىنى ھەربىي كۈچ بىلەن ئالغانىدى.
3) شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ چوڭ خاقانى سۇلايمان ئارسىلانخاننىڭ ئۆزىنىڭ قېرىندىشى، تىرازئىسىپجاب ھاكىمى مۇھەممەد خان بىلەن ئۇرۇشتى.نەتىجىدە سۇلايمان ئارسىلانخان يېڭىلدى.
4) ئىبراھىم بىن مۇھەممەد خان ( 1075- 1059) بارىسخان ھاكىمى ئىنال تېكىن بىلەن ئۇرۇشتى. نەتىجىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ئىچكى ئۇرۇشلاردا قاراخانىيلارنىڭ خانىدان ئەزالىرى بىر-بىرىگە قارشى ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي قوشۇنلىرىنى ئىشقا سېلىشقان ئىدى.
5) 1990- يىلى سەمەرقەنىدنى ئىگىلىگەن ئاتباشى ھاكىمى ياقۇپ تېكىننىڭ ، يەنە شۇ يىللاردا قەشقەر خانىنى ئەسىر ئالغان كانىتا قەلئەسىنىڭ قوماندانى توغرۇل ئىنال تېكىننىڭ ئۆز قوشۇنلىرى بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقى مەلۇمدۇر.
6) ئىبنۇل ئەسىر:«پالەچ بولغان ئىبراھىم تامغاچ بۇغراخان سەلتەنەتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى تەختىنى ئوغلى شەمسۇلمۈلىككە ئۆتكۈزۈپ بەرگىنىدە، باشقا ئوغۇللىرى تۇغان خاننىڭ دادىسى بىلەن قېرىندىشىنى سەمەرقەنىدتە مۇھاسىرىگە ئالغانلىقى، 500 نەپەر غۇلامى بىلەن شەھەردىن تۇيدۇرماي چىققان شەمسۇلمۈلك ناسىرنىڭ شىبخۇن( تۈن ھۇجۇمى) قىلىپ، غاپىل ياتقان قېرىندىشى تۇغان خاننى تۇتقۇن قىلغانلىقى...>> نەقىل كەلتۈرىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا شەمسۇلمۈلىكنىڭ دادىسى ساق ۋاقتىدىلا شەخسىي غۇلاملىرى بارلىقى ، قېرىندىشى تۇغان خاننىڭمۇ ئۇلارنى مۇھاسىرە قىلغۇدەك خۇسۇسىي ھەربىي كۈچى بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىغاندا خانىدان ئەزالىرىنىڭ ئىدارە قىلىۋاتقان رايونىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە قاراپ ھەربىي كۈچ ئىشلەتكەنلىكى مەلۇمدۇر. دۆلەتنىڭ سىياسىي تارىخىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارىغاندا، مەركىزىي ئىدارە كۈچلۈك ۋاقىتلاردا، خانىدان ئەزالىرى ئۇرۇشلارغا ئۆز قوشۇنى بىلەن كېلىپ قاتنىشىپ، قاراخانىيلارنىڭ چوڭ قوشۇنىنى مەيدانغا كەلتۈرەتتى. مەركىزىي ئىدارە زەئىپ يىللاردا بولسا، ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشاتتى.
يەنە بىر تەرىپىدىن، خانىدان ئەزالىرىدىن باشقا ۋالىيلارنىڭ ۋە باشقا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا ھەربىي كۈچى بولاتتى. مەنبەلىرىمىزدە ھۆكۈمدار ھوزۇرىغا ئاتلىق ۋە پىيادە مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرى بىلەن كەلگەن كىشىلەرنىڭ دەرىجىسى بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ «ئەسھابى- ئەتىراپ، ئەزىزانى دەرگاھ ۋە بەۋبەتسالاران»(ئەتىراپ جايلارنىڭ باشلىقى، ساراي ئەزالىرى، نەۋبەتچىلەر باشلىقى) دەپ كۆرسىتىلىشى ھۆكۈمداردىن باشقا يەنە كىملەرنىڭ ئەسكەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋەزىر، ھاجىپ، ۋە قوۋۇقچىباشقا ئوخشاش دۆلەت ئادەملىرىنىڭ قول ئاسىتىدا غۇلاملار بولغانلىقىغا دائىر خاتىرىلىرى خانىدان ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ قول ئاستىدا مائاشلىق قىسىملارنىڭ بولغانلىقىغا قىلىنغان ئىشارەتتۇر.

4. چىگىل، قارلۇق، ئوغراق ۋە باشقا قەبىلە تەشكىلاتلارغا تەۋە ئەسكەرلەر
قاراخانىيلار دۆلىتى تىرتورىيەسى ئىچىدە ياشىغۇچى بەزى قەبىلىلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق ھەربىي قوشۇنلار ئۇزۇندىن بېرى قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسىمى بولۇپ كەلگەنىدى. قاراخانىيلار قوشۇنىدا چىگىللەر مۇھىم كۈچ ھېسابلىناتتى. مەسىلەن: 1089-1090- يىللاردا غەربىي قاراخانىيلار قوشۇنىدىكى چىگىللەرنىڭ قوماندانى ئەييۇد دۆلەتنىڭ قاراخانىيلار بىلەن سەلچۇقىلارنىڭ سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىدە رول ئوينىغانلىقىنى بىلىمىز.(پىرتساك: «قاراخانىيلار» 263-بەت) چۈنكى مەنبەيىمىزدە چىگىللەرنىڭ قوماندانىنى ساھبۇل جىش(قوشۇن قوماندانى) دىمەستىن، «مۇقەددە مۇل چىگلىيە»(چىگىللەرنىڭ ئالدىنقى قىسىم قوماندانى) دەپ ئاتىغانلىقى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.(«ئەل كامىل» ، 173- بەت)
ئىسسىقكۆلدىن ئىسبىجابنىڭ جەبۇبىغىچە ۋە ئۇيەردىن چۇ ۋە ئىلى دەرياسى بويلىرىغىچە سۇزۇلغان كەڭ رايوندا ياشىغان قارلۇقلارنىڭمۇ ئۇزۇندىن بېرى قاراخانىيلارنىڭ قوشۇنىدا قارلۇقلار مۇھىم ئورۇن تۇتاتتى. مەسىلەن: ئەلى تېكىننىڭ ئەسلى مەركىزى بولغان بۇخارا ئەتراپىدىكى «خارلۇخ- ئوردۇ» نامىدىكى بىر ئەسكىرىي قارارگاھ بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.( پىرتساك: «قاراخانىيلار» 259- بەت) 13- ئەسىردە ماۋرا ئۇننەھىرگە كۆچكەن نۇرغۇن قارلۇقلار بۇ ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ قاراخانىيلار ھۆكۈمدارلىرىغا قارشى سىياسىي كۆرەشكە كىرىشىدۇ.
مەھمۇد قەشقىرىنىڭ پىكىرىگە ئاساسلانغاندا ، قاراخانىيلار بىلەن تات ئۇيغۇرلىرى (بۇددىسىت ئىدىقۇتلىقلار) نىڭ چىگرا رايونلىرىدا ياشىغان ئۇغراقلار بۇددىسىت ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلارغا قاراخانىيلار تەرەپدارلىرى بولۇپ ئۇرۇشقانىدى.
1041- يىللاردا قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ شەرقىي شىمالىدا ياشىغۇچى ياباقۇرلارنىڭ تەھلىكىسىگە قارشى ۋاقىتلىق بولسىمۇ، قاراخانىيلار تەۋەلىكىگە كىرگەن باسمىل ۋە چۇمۆللارمۇ ياباقۇلارنىڭ مەشھۇر قوماندانى بۈكەبۇدراچنىڭ يېڭىلىپ ئەسىر ئېلىنىپ ئۆلتۈرىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇرۇشلاردا، قاراخانىيلار قوشۇنىدا تۇرۇپ ئۇرۇش قىلغانىدى. ياناقۇلار تەھلىكىسى بىرتەرەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار قاراخانىيلار تەۋەلىكىدىن چىققان بولسىمۇ، يېڭىلىپ قايتىدىن قاراخانىيلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغاندى.


ئۇرۇش ھالىتىدىكى قوشۇننىڭ نامى

يۈرۈشلەرنىڭ ماھىيىتىگە قاراپ ، قوماندانلىق ئىشىنى شەخسەن ھۆكۈمدار ياكى خانىدان ئەزالىرى بولغان شاھزادىلەر بىلەن سۇباشىلار (قوماندان) ۋە باشقا بەگلەر ئۈستىگە ئالاتتى. قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىكىگە ئوخشاشلا ، قاراخانىيلاردىمۇ قوشۇننى باشقۇرۇش ئىشى «سۇباشىلىماق» دەپ ئاتىلاتتى. قوماندان مەنىسىدىكى سۇباشىمۇ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك . «قۇتاتغۇبىلىك» تە دائىم ئۇچرايدىغان «سۇ باشىلار ئەر»، «سۇ باشىلار كىشى»، «سۇ باشچىسى» قاتارلىق ئاتالمىلارنىڭ توغرىدىن-توغرا «سۇ باشى» مەنىسىدە ئىكەنلىكىنى شۈبھىسىز.
يۈرۈش قارارىنى بەرگەن ھۆكۈمدار مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ئەسكەرلىرىنى توپلاپ كىلىشلىرى ئۈچۈن بۇيرۇقلار ئەۋەتەتتى. مەھمۇد قەشقىرى ئەسىرىدىكى «خان بەگكە ئەسكەرلىرىنى توپلاشقا بۇيرۇق بەردى» دېگەن جۈملە دەل مۇشۇ ئەھۋال بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەينىڭ مەنبەدە ئەسكەرلەرنىڭ تەرەپ- تەرەپتىن ئېقىپ كېلىپ توپلانغانلىقىنى ئىپادىلىگەن خاتىرىلەر، يۈرۈش مەقسىتى بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ بىريەرگە يىغىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يۈرۈش ئۈچۈن يىغىلغان يەر«تىرىلگۈ يەر» دېيىلەتتى. دېمەك، ئەسكەر ۋە قوشۇن ئورنىغا «سۇ» ئاتالمىسىنى قوللانغان تۈركىي خەلىقلەر ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپلىكىنى سۇغا ئوخشىتاتتى. نۇرغۇنلىغان قوشۇننىڭ سۇ ئاققاندەك يۈرۈشىنى «سۇ ئاقتى» دەيىتتى.
قەيىتلەرگە ئاساسلانغاندا، قاراخانىيلار قوشۇنىنىڭ سانى ھەققىدە كەسكىن بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. 1041- 1042- يىللاردا بىكەچ ئارسىلان تېكىن قوماندىسىدا ئەۋەتىپ بىر قوشۇننىڭ سانىنى مەھمۇد قەشقىرى 40مىڭ دەپ يازىدۇ. 11-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ 4000 ئەسكەرنىڭ بىر قوشۇن دەپ يازىدۇ. قاراخانىيلار بىلەن زامانداش بولغان سەلچۇقىلاردىمۇ ئەسكىرىي قىسىملارنىڭ سانىدا كۆپ پەرىق يوق ئىدى.

1. قوشۇننىڭ تەركىبى ۋە قۇرۇلۇشى
يۈرۈشكە چىققان قوشۇن مەلۇم تەرتىپ ۋە نىزام ئىچىدە ھەرىكەت قىلاتتى. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قوشۇن قوماندانىغا «ئوڭغا- سولغا ۋە ئالدىغا - ئارقىغا ئىشەنىچلىك ئادەملەرنى قوي» دەپ قىلغان تەۋسىيەسى شۈبھىسىزكى، بۇ تەرتىپ ئىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ دەۋىردە ھەرىكەت ھالىتىدىكى قوشۇننىڭ بىر بۆلۈمى ئالدىنقى قىسىمغا ئايرىلاتتى. بۇلار يول ئۈستىدە ئەسكەر ۋە پىستىرما قويۇلغان ئەسكەرلەرنىڭ بار-يوقلىقىنى تەكشۈرەتتى؛ بۇلار «يەزەك» دېيىلەتتى. بۇ يەزەكلەردىن چىقىرىلغان ئاتلىق چارلىغۇچى گۇرۇپپا ھەممىنىڭ مېڭىپ چارلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، تىل تۇتقاچقا «تۇتغاق» دەپ ئاتىلاتتى. بۇ ھەقتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «قوماندان يەزەك ۋە تۇتغاقلارنى تاللاپ چىقىرىشى لازىم، بۇلار ئېھتىيات بىلەن كۆز-قۇلاقلىرىنى يىراقلارغا قارىتىشى كېرەك» دەيدۇ. دېمەك، قاراخانىيلارنىڭ ئالدىنقى قىسىملارغا ئەھمىيەت بېرىلەتتى. يەزەكلەر بىلەن تۇتغاقلار ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ئوڭۇشلۇق شارائىتتا دۈشمەنگە ھۇجۇممۇ قىلاتتى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئالدىنقى قىسىملاردىن كېيىن «يۇرتۇغلار»نى تىلغا ئالىدۇ.بۇنىڭغا قارىغاندا، ئالدىنقى قىسىملىرىدىن كېيىن مۇھاپىزەتچى قوشۇن، دۆلەت ئەربابلىرى، ھۆكۈمدار ماڭاتتى. مەھمۇد قەشقىرى يۈرۈشكە ياكى ئادەتتىكى سەپەرگە خاقان بىلەن بىرگە چىققان دۆلەت ئەربابلىرى مۇھاپىزەتچى قىسىملارنى «يۇرتۇغ» دەيدۇ. بۇ يۇرتۇغلار ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە باشقا مۇھاپىزەتچى قوشۇنلاردىن تەشكىل قىلىناتتى. سەپەر ئۈستىدە ھېچكىم ئارقىدا قالمايىتتى. تۆۋەن دەرىجىلىكلەر چوڭلارغا ئارىلاشمايىتتى. يىراقتا تۇرۇشقا تېگىشلىكلەر يېقىن كەلمەيىتتى. كىشىلەرنىڭ سارايدىكى ئورنى قانداق بولسا سەپەردىمۇ شۇنداق بولاتتى. سەپەردە ھۆكۈمدارنىڭ ئالدىدا بايراق- تۇغچىلار، گۈرزە( چوماقلىق) ئەسكەرلەرۋە باشقا قوراللىقلار ماڭاتتى. ھۆكۈمدار سەپەردە بىردىن يىتىلەك ئات ئالاتتى. بۇ «قوش ئات» دىيىلەتتى. ھۆكۈمدارلارنىڭ ئارقىسىدىن خاس قوشۇنلار بىلەن ئۇرۇشقا قاتناشقان باشقا بەگلەرنىڭ ئەسكەرلىرى ماڭاتتى. قوشۇننىڭ ئاتچىسى، ئوڭ ۋە سولدا ئامانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل قىسىملار بولاتتى.


ئەزىزوۋ قاسىمنىڭ «ئۇرۇش ۋە قوماندان»ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى
************************************************
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-98243.html
************************************************


تولۇق ئوقۇش

Uyghur medeniyet tarixida totémizm mesilisi

Toluq Teksti



ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا توتېمىزم مەسىلىسى


(بۆرە توتېممۇ ياكى سىمۋولمۇ؟)


يۈسۈپجان ياسىن


تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دىنىي جەمىئىيەت ئەمەس، بەلكى سىياسىي خاراكتېردىكى بىر جەمئىيەت تەشكىل قىلغانلىقى ۋە ئۇلاردا دىن ئادەملىرىنىڭ ئولتۇراقلاشقان مەدەنىيەت(بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان مەدەنىيەت غەرپلىكلەر نەزىرىدىكى كۈلتۈر ئۇقۇمىن كۆرسىتىدۇ-- ئا) تىپىدىكى ئىنسانلاردا، چۆل ۋە ئورمان قەۋملىرىدە كۆرۈلگەننىڭ ئەكسىچە مۇھىم رول ئوينىمىغانلىقى مەلۇم. لېكىن، بۇ ئۇيغۇر قاتارلىق قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەردە بىر ئېتىقاد سىستېمىسىنىڭ بولمىغانلىقىدىن ئىبارەت غەيرى بىر مەنانى چۈشەندۈرمەيدۇ. شۇنى ئېنىق ئېيتىش كىرەككى، ئىنسانىيەتنىڭ دىن تارىخىدا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئېتىقاد ھاياتى ئالاھىدە بىر سەھىپە تەشكىل قىلىدۇ. بۇ مىللەت تۈركىمى ئېتىقاد جەھەتتە غەيرى ۋە باتىل چۈشەنچىلەردىن يىراق تۇرۇپ، ئىنسان روھىنى، قەلبىنى ۋە زوقىنى لەززىگە سالمىغان نەرسىلەرگە قارىتا سېغىنىش ۋە ئۇلۇغلاش تۇيغۇسىدا بولمىغان. نەتىجىدە ئۇلارنىڭ روھ – مەنىۋىي كۈچ جەھەتتىكى تەپەككۇرى تەڭرى(ياكى روھ)، تەبىئەت ۋە ئىنساندىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلغا مەركەزلىشىپ، تەبىئەتنى مۇقەددەس، تەڭرىنى تابۇ (شەك كەلتۈرۈشكە، تىل تەككۈزۈشكە بولمايدىغان، قەتئىي ئىشىنىشكە تېگىشلىك ئۇلۇغ مەنىۋىي كۈچ دەپ قاراش) ۋە ئىنساننى مەركەز دەپ بىلىدىغان ئېتىقاد سىستېمىسىنى ۋە بۇنىڭغا تايانغان ھوقۇق پەلسەپىسىنى ياراتقان. شۇ سەۋەپلىك، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئېتىقاد سىسىتېمىسى ناھايىتى بۇرۇنلا بىر خۇدالىق دىنگە قاراپ تەرەققىي قىلغان.
قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەسەبىي دىنىي مۇراسىملاردىن، زەرەرلىك ئىبادەتلەردىن، مۇتەئەسسىپلىك ۋە دىنىي مونۇپۇلچىلىقتىن يىراق تۇرۇشى ئۇلارنى مەيلى ئۆز كىشىلىرى ھەققىدە بولسۇن، ياكى باشقا مىللەتلەر ھەققىدە بولسۇن، ناھايىتى ئەركىن مۇئامىلە قىلىدىغان مىللەتكە ئايلاندۇرغان. ئەمما، ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان نۇرغۇن تەتقىقات ئەسەرلىرىدە 19- ۋە 20 – ئەسىرلەردە مەيدانغا كەلگەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد تارىخىنى ئوخشاش بىر مېتود ياكى قېلىپ بويىچە تەتقىق قىلىدىغان خائىش ئومۇملىشىپ قالغانلىقتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد تارىخى ئەسلى ماھىيىتى بىلەن نامايەن بولالمىدى. ھەتتا نۇرغۇن يات نەرسىلەر بۇ مىللەت تۈركۈمىنىڭ ئېتىقاد تارىخىغا زورلاپ تېڭىپ قويۇلدى. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد تارىخىدىن سۆز ئېچىلغاندا، ئەلبەتتە بۇ مەسىلىلەرنى ئېنىق ئايرىپ چىقىش كىرەك. مەلۇمكى، بىر مىللەتنىڭ ئېتىقاد تارىخىنىڭ پاكلاندۇرۇلىشى باشقىلار تەرىپىدىن زەھەرلەنگەن مىڭە ۋە بۇلغانغان قەلبنىڭ پاكىز تازلانغىنىغا ئوخشاش، ئىنسان ۋۇجۇدىغا يېڭى روھ ۋە يېڭى ئەقىل بېغىشلايدۇ. مەدەنىيەت تارىخىمىزغا مال قىلىنىۋاتقان توتېمىزم مەسىلىسىمۇ دەل بىزنىڭ جىددى مۇئامىلە قىلىدىغان ۋە مەدەنىيەت تارىخىمىز بىلەن بولغان چەك-- چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ چىقىشقا تېگىشلىك مۇھىم تېمىلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. مەزكۈر ماقالىنىڭ مەقسىتىمۇ مۇشۇ نوقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتۇر.
توتېم -- ئەڭ ئىپتىدائىي ئېتىقاد چۈشەنچىلىرىدىن بىرى. توتېمىزمدا ياكى توتېم ئېتىقاتىدا بىر ئائىلىنىڭ ياكى بىر ئۇرۇقنىڭ دىنىي ۋە سېھرىي جەھەتتىن تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەلۇم بىر ھايۋان، ئۆسۈملۈك ياكى تەبىئەت ھادىسلىرى، ھەتتا ئۇششاق-- چۈششەك نەرسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەجدات دەپ قارىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەقدىر بىرلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىتىراپ قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق توتېم دەپ قارالغان ئاشۇ ئەپسانىۋىي ئەجداتلارنى قوغدىغۇچى ئىلاھ دەپ قاراپ چوقىنىدۇ . دېمەك، تېتېم بىر ئائىلە -- كلان(ئۇرۇغ)دىنىدىن ئىبارەت. (1)
ھازىر دىن تەتقىقاتىدا قوللىنىلىۋاتقان «توتېم» سۆزى شىمالىي ئامېرىكىدىكى ھىندىئانلارنىڭ ئالگونكى قەبىلىسىنىڭ تىلىدا«ئوتوتېمان»(ئوتو -- ئۇرۇق، قەبىلە دېگەنلىكتۇر) شەكلىدە بولۇپ، «مىنىڭ ئۇرۇغىم، قەبىلەم» دېگەن مەنىنى بىرىدۇ. تۇنجى بولۇپ 1791- يىلى جون لۇڭنىڭ ئەسىرىدە توتېمنىڭ ھىندىئانلار ئارىسىدا بارلىقىدىن سۆز ئېچىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋسترالىيە ۋە ئوكيانىيىدىكى ئىپتىدائىي توپلار ئارىسىدىمۇ بارلىقىنى گرېي 1841- يىلى ئىلان قىلىنغان ئەسىرىدە بىلدۈرگەنىدى. ئىنسانلار توتېمغا ھەم كىشى ھەم ئۇرۇغ توپى سۈپىتىدە بەلگىلىك بىر سېھرىي ۋە مىستىك بىر چۈشەنچە ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇرۇغ ئۆزىنى ئاشۇ توتېمنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. ئەگەر توتېم بىر جانلىق نەرسە(ھايۋان) بولسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈش ياكى گۆشىنى يىگىلى بولىدىغان جىنىستىن بولسا ئۇنى يىيىش قەتئىي چەكلىنىدۇ. لېكىن، بەزى مەخسۇس مۇراسىملاردا توتېم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ھايۋان بوغۇزلىنىپ گۆشى يىيىلىدۇ. توتېمغا ئىشىنىدىغان ھەر شەخسنىڭ بەزىدە ئۆزىگە خاس بىر توتېمى بولىدۇ. بۇنىڭغىمۇ ئوخشاشلا قوغدىغۇچى روھ ۋە قوغدىغۇچى ھايۋان شەكىدە ئىشىنىدۇ. بولۇپمۇ بۇلار ئۆزلىرى بىلەن ئاشۇ توتېم ئوتتۇرىسىدا بىر ئالاقە ئورنىتىش مەقسىتىدە توتېمنىڭ ئوبرازىنى بەدىنىگە سىزىۋېلىشنى ئادەت قىلىۋالغان. توتېم شەكلى يەنە نەرسە --كىرەكلەر، چېدىر ۋە ئۆي ئىچىگىمۇ ئىشلەنگەن. ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان توتېملار ئىچىدە ھىندىئانلارنىڭ ئوژىبۋا قەبىلىسىكى ئېيىق، ئاق تىرەك، بىلىق، تاشپاقا، بۆرە ۋە سۇ كالىسىنى، ئالگونكى قەبىلىسىدىكى ئېيىق، بىلىق، بۇغا، كۈركە توخۇ، بۈركۈت، تۈلكە، ئاۋسترالىيىدە كەرتەنكەلە(پاقا، يىلان، تىمساھ قاتارلىق ھايۋانلار تۈرى)، ئافرىقىدا يولۋاس، ئىت، كالا، قىزىل توپراق، زەيتۇن دەرىخى، ھىندىستاندا تۈرلۈك مەدەنلەر ۋە دەرەخلەر، تۇز، يولۋاس، بۆرە، قۇندۇز، پولىنېزىيىدە ھەرخىل ھايۋانلار، تاش ۋە بەزى ئادەملەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.(2)
خېلىدىن بېرى توتېم ھەققىدە ئەستائىدىل ۋە ئىشەنچىلىك تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلماي تۇرۇپ تۈركىي مىللەتلەردە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا توتېم ئېتىقادىنىڭ بولغانلىقى(مەنمۇ ئىلگىرى شۇنداق تۇنۇشتا بولغان) تەكىتلىنىپ كەلدى ۋە بۆرە ، ئات، بۇغا، بۈركۈت، كەپتەر ۋە قوي قاتارلىقلار بۇلارنىڭ توتېمى قىلىپ كۆرسىتىلدى. بولۇپمۇ «بۆرە توتېمى» ھەققىدىكى قاراشلار ناھايىتى كەڭ يېيىلدى.

قىسقىچە بىر خۇلاسىلايدىغان بولساق، بۇ قاراش تۈۋەندىكىدەك دەلىللەرگە تايانغان:
1- تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بۆرىنى ئەجدات دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسىتىشى؛
2- راشىدىننىڭ «جامىئۈتتەۋارىخ» دېگەن ئەسىرىدە ئوغۇزلارنىڭ 24 قەبىلىسدىن سۆز ئېچىلغاندا، ھەر تۆت قەبىلە ئۈچۈن بىر قۇشنىڭ ئونگۇن (بۇ موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، تۈركچىدىكى تەلەي— بەخت مەنىسىدىكى ئوڭ سۆزىدىن ياسىلىپ ، توتېم مەنىسىدە كەلگەن) سۈپىتىدە بىلدۈرلىشى؛
3- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا 19- ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يېرىمىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا توتېمىزمدىكى شۇرىنگانى ئەسلىتىدىغان بۇت— فېتىشلارنىڭ (ئالتايلىقلاردىكى تۆز، ياقۇتلاردىكى تانگارا قاتارلىقلار) بايقىلىشى؛

لېكىن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەرەپلەرنى ئۇيغۇر قاتارلىق قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەردە توتېمىزمنىڭ بولغانلىقىغا دائىر ھەقىقىي دەلىللەر سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش تەس. ھەقىقەتەن، تۈرك داستانلىرىدا بۆرە )كۆك بۆرە( تۈرك نەسلىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرغان بىر ئاتا (ياكى ئانا) سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. كۆكتۈرك داستانىدا دۈشمەن تەرىپىدىن پۇت ۋە قولى كىسىپ تاشلانغان بىر بوۋاقنىڭ بۆرە تەرىپىدىن قۇتقۇزىلىشى ۋە ئاشۇ بۆرىنىڭ تۈرك نەسلىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى دىققەتنى تارتىدۇ. شۇڭا، كۆكتۈركلەر بۆرىنى ئەجدات سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھۇن تەڭرىقۇتىنىڭ بىر مەلىكىسى بىلەن بىر بۆرىنىڭ قوشۇلىشىدىن تۆرەلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ. ئەجىبا بۆرىگە كۆرسىتىلگەن ھۆرمەت ئۇنىڭ توتېم ئىكەنلىكى ۋە تۈركىي مىللەتلەردە توتېم ئېتىقادىنىڭ بولغانلىقىدىن دېرەك بىرەمدۇ؟ ل. گومىليېف « ئۇيغۇرلار ۋە ئاچىنا(ئاسىنا) سارىيىدىكىلەرنىڭ (كۆكتۈركلەرنى دېمەكچى— ئا) تولۇق بىر توتېمىست ئىكەنلىكىنى ئېيتىش خېلىلا ئېھتىيات قىلىدىغان مەسىلە. چۈنكى تارىخىي مەنبەلەردە ئۇلارنىڭ بۆرىگە قارىتا خاراكتېرىستىك بىر پوزىتسىيىدە بولغانلىقىدىن سۆز ئېچىلمايدۇ.» (3) دەپ كۆرسىتىدۇ.
مەلۇمكى، توتېمىزم يالغۇز بىر ھايۋاننى ئەجدات دەپ تۇنۇشتىنلا ئىبارەت ئەمەس. ئۇنىڭ بىر ئېتىقاد سىستېمىسى سۈپىتىدە ئىجتىمائىي ۋە ھوقۇقىي بەلگىلىرىمۇ بولىدۇ. توتېمىزم سىستېمىسىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن بۇ شەرتلەر تولۇق ھازىرلانغان بولىشى كىرەك. ئىپتىدائىي ئىنسان توپلىرىغا خاس بىر ئېتىقاد سىستېمىسى بولغان توتېمىزمدا ھەر بىر ئۇرۇغ(ئائىلە،كلان)نىڭ بىر ياكى بىر قانچە توتېمى بولىدۇ. ئۇرۇغ ئەزالىرى بۇ توتېم ئۈچۈن دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزىدۇ ۋە بەلگىلىمىلەر— پەھرىزلەرنى تۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا توتېمىزمنىڭ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىن ئېنىق پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك خاراكتېرىستىك تەرەپلىرى بولىدۇ:
1- ھوقۇق جەھەتتىن توتېمىزمدا «ئانا ھوقۇقى» ئىجرا قىلىنىدۇ. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئائىلىسى «دادا ھوقۇقى» ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان پەدەرىي خاراكتېرگە ئىگە ئىدى. بىر ئۇرۇغ دىنى بولغان توتېمىزمدا مۈلۈك ئورتاقلىقى بولىدۇ، تۈركىي مىللەتلەردە خۇسۇسىي مۈلۈك چوڭ رول ئوينىغان.
2- توتېمىزمدا ئوخشاش بىر توتېمغا مەنسۇپ بولغانلار ئۆزئارا تۇغقان ھېساپلىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ، تۈركىي مىللەتلەردە قانداشلىققا تايانغان.
3- توتېمىزمدىكى ئۇرۇغلار ئىقتىساد جەھەتتىن ئوۋچىلىق ۋە يىغمىچىلىقنى ئاساس قىلغان تەييار ئىقتىسادقا تايانغان. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادى چارۋىچىلىق ۋە دىھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان.
4- توتېمىزمدىكى ئىنسان توپلىرىدا ھەر بىر ئۇرۇغنىڭ ئەجدات دەپ تۇنىيدىغان ئايرىم بىر توتېمى بولىدۇ. تۈركىي مىللەتلەردە بولسا پۈتۈن بىر مىللەت مۇقەددەس ھېساپلايدىغان بىرلا ھايۋان مەۋجۈت ئىدى. توتېمىزمدا يالغۇز ھايۋانلا ئەمەس، بەلكى يەنە بىر تال تاش ۋە يامغۇر سۈيى، ھەتتا ھايۋاننىڭ قۇيرىقى، تىلى، تاپىنى، تۈكىمۇ توتېم ھېساپلىنىدۇ.
بۆرە رىۋايىتىنىڭ بىرلەشتۈرگۈچى بىر خاراكتېرگە ئىگە بولۇشى كلان— ئائىلىلەرنى بىر بىرىدىن ئايرىدىغان ۋە ئۇلارنى بىر بىرىگە قارىمۇ – قارشى قىلىپ قويىدىغان توتېم چۈشەنچىسىگە زىت كىلىدۇ.
5- توتېمىزمدىكى ئۇرۇغلاردا ھەر بىر كىشى توتېمنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. ھالبۇكى تۈركىي مىللەتلەردە ھەر بىر كىشىنىڭ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئايرىم ناملىرى بارئىدى. ئۇلاردا «بۆرە ئاتا» ياشىغان يەر دەپ قوبۇل قىلىنغان غارلاردا بەلگىلىك مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسى بۆرىنىڭ ۋۇجۇدى(تېنى) بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈشى قاراڭغۇ تارىخقا ئايلانغان قەدىمىي بىر خاتېرىنىڭ جانلاندۇرۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
6- توتېمىزمدا ھەر بىر ئۇرۇغ توتېمغا چوقىدۇ . لېكىن، تۈركىي مىللەتلەر بۆرىگە چوقۇنغان ئەمەس.
7- كىشىنىڭ ئالدىغا ئۇچرىغان ھەر قانداق نەرسىنى مۇقەددەسلەشتۈرىدىغان «مانا»(سىرلىق بىر كۈچ-- ئا) چۈشەنچىسى توتېمىزمنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. تۈركىي مىللەتلەردە بۇ چۈشەنچە بولمىغىنىدەك، توتېمىزمدىكى روھنىڭ ئۆلمەسلىكىگە ئىشەنمەيدىغان ئېتىقادقا قارشى ھالدا كائىناتنىمۇ روھلار دۇنياسى سۈپىتىدە بىلگەن قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەردە دىنىي ئېتىقادنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى روھنىڭ مەڭگۈلۈككە ئىگە بولىشى ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئەجداتلارنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىرە بىرىلەتتى ۋە قۇربانلىق قىلىناتتى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۆزلەرمۇ ئەجداتلارنىڭ سىمۋولى ئىدى. ئومۇمەن، تىلشۇناسلىققا ئائىت تەتقىقاتلارمۇ تۈركىي مىلللەتلەردە توتېمىزمنىڭ مەۋجۇت بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى(4). ئەمەلىيەتتىمۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئېتىقاد شەكىللىرى توغرىسىدا ئەڭ ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارنى بىرىدىغان«ئورخۇن ئابىدىلىرى» بىلەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا توتېم ھەققىدە ھېچقانداق بىر گەپ – سۆزنىڭ ئۇچرىماسلىقى بۇ مىللەت تۈركىمىدە توتېم چۈشەنچىسىنىڭ يوقلىقىدىن تولۇق بىشارەت بىرىدۇ. « ئوغۇزنامە» داستانىدىكى ئوغۇز قاغانغا يول باشلىغان كۆك بۆرىنىڭ تەڭرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكى، يەنى بۇ بۆرىنىڭ كۆكتىن چۈشكەن نۇرنىڭ ئىچىدىن پەيدا بولغانلىقى ھەققىدىكى بايانلاردىنمۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بۆرە چۈشەنچىسىدە توتېم ئىزناسىنىڭ يوقلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
شۇنى ئىزاھلاپ ئۆتۈش زۆرۈركى، خەنزۇ مەنبەلىرىدە بۈيۈك ھۇن تەڭرىقۇتى باتۇر ئائىلىسىنىڭ «ئەجدەرھا (لۈۋەنت) نەسلى»دەپ ئاتىلىشى ئۇ دەۋرلەردە خەنزۇلار تەرىپىدىن ھۆكۈمدار ئائىلىرىگە كۆپۈنچە ھايۋاننى ئاساس قىلىپ بىر مۇنچە ئەجداتلارنى(شەندۇڭ ئۆلكىسىدە شۈن دەپ ئاتىلىدىغان پىل شەكىللىك تەڭرى، ئەنخۇي ئۆلكىسىدە يۈ دەپ ئاتىلىدىغان توڭگوز شەكىللىك تەڭرى، خۇبېيدە كالا شەكىللىك تەڭرى، باشقا جايلاردا ئېيىق شەكىللىك تەڭرى چۈشەنچىلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ توتېم ئېتىقاتىدىكى ئەجداتلىرى ئىدى.) ئويدۇرۇش ئادىتىنىڭ نەتىجىسى بولسا كىرەك. ئەجدەرھا ئۇلاردا تەبىئەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان تەڭرىلەردىن بىرى بولغانلىقتىن، خۇددى ئىرانلىقلارنىڭ تۇران قەھرىمانى ئالپ ئەرتۇڭانى «ئاپراسىياب»(ئەسلى شەكلى فراڭراسيان بولۇپ، ھىندى— ئىران ئۇرۇش تەڭرىسىنىڭ نامى)دېگىنىگە ئوخشاش، ئەجدەرھانىڭمۇ باتۇرنىڭ ئائىلىسىگە ناھايىتى ئاسانلا تېڭىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە.
يۇقىرىدىكى بايانلارنىڭ كۆرسىتىپ بەرگىنىدەك، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى توتېمىزم ئاساسىدا راۋاجلانغان ئەمەس. توتېمىزم كۆرۈلمىگەن بىر جەمئىيەتتە توتېمنىڭمۇ بولماسلىقى ناھايىتى ئېنىق. توتېمىزم ئۆز ئالدىغا بىر سىستېمىدۇر، توتېممۇ پەقەت ئۇنىڭ بىر پارچىسىدىن ئىبارەت. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا بۆرىنىڭ توتېم سۈپىتىدە ئىتىراپ قىلىنىشى تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن مۇمكىنلىك دائىرىسىدە ئەمەس. ئومۇمەن، توتېمىزم ئىپتىدائىي ئىنسان توپلىرىغا خاس بىر ئېتىقاد سىستېمىسى ھېساپلىنىدۇ. لېكىن، تۈركىي مىللەتلەر بولسا ئىپتىدائىي توپ(توپلۇق— جەمئىيەت) بولۇش خاراكتېرىنى تارىخنىڭ قاراڭغۇ دەۋرلىرىدىلا بېسىپ بولغانىدى. ھۇن ۋە كۆكتۈرك دەۋرىدە ئىلغار بىر جەمئىيەت سەۋىيىسىگە يۈكسىلىپ بولغان. شۇ سەۋەپلىك، بۆرىگە كۆرسىتىلگەن ھۆرمەتنىڭ توتېمىزم بىلەن، بۆرىنىڭمۇ توتېم بىلەن ھىچ بىر مۇناسىۋىتى يوق.
«جامىئۈتتەۋارىخ»(«تارىخلار توپلىمى» دېگەن مەنىدە) دېگەن ئەسەردە ئوغۇزلارنىڭ 24 قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئونگۇن قۇشلىرىنىڭ كۆرسىتىلىشى تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا ئونگۇن يەنى توتېمنىڭ بارلىقىغا دەلىل ھېساپلانمايدۇ.
«جامىئۈتتەۋارىخ» ئىلخانىيلار ۋەزىرى راشىدىننىڭ يىتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن بىر دۇنيا تارىخى. بۇ ئەسەردە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋە موڭغۇللارنىڭ تارىخى راشىدىننىڭ تەھرىرلىشىدىن ئۆتكەن. مىلادى 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان بۇ ئەسەردە موڭغۇل مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ ئىزلىرى كۆرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئىلخانىيلار ئەمدىلا قوبۇل قىلغان ئىسلامىيەتنىڭ تەسىرىمۇ ئەسەردە ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن، بۇ ئەسەر ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن «ئوغۇزنامە»داستانى « جامىئۈتتەۋارىخ» تا كۆكبۆرە موتىفىدىن خالى قالدۇرۇلغان شەكىلدە، يەنى بىر قارىماققا بۇرمىلانغان ھالدا كىرگۈزۈلگەن. شۇ ۋەجىدىن راشىدىننىڭ ئوغۇزلارغا ئونگۇن(توتېم)يۈكلىشىگە قارىتا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كىرەك. ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئوغۇزلارنىڭ ھەر بىر قەبىلىسىگە ئائىت بەلگە ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىلىرى ئېنىق بىرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوغۇز قەبىلىلىرىگە سىمۋول ھېساپلىنىدىغان قۇشلارنىڭ ئونگۇن--توتېم سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەسلىكى دىققەتنى تارتىدۇ. ئوغۇزلارنىڭ تارىخىدا توتېم دەۋرىنىڭ بولغانلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئوغۇزلارنىڭ ئونگۇن قۇشلىرىنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە باشقا ئەسەرلەردە ھېچقانداق بىر مەلۇمات يوق. شۇ سەۋەپلىك ئوغۇز قەبىلىلىرىنىڭ ئونگۇنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەلۇماتلارنىڭ توغرىلىقىدىن گۇمانلىنىش ئورۇنلۇقتۇر (5). بۇ ئەھۋال ئوغۇز قەبىلىلىرىگە ئونگۇن — توتېملارنىڭ يۈكلىنىشىنىڭ كېيىنكى دەۋرنىڭ سۈنئىي ئەسىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. «ئونگۇن» دېگەن ناممۇ بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلىدۇر. بۇ نامنىڭ يىلتىزى بولغان «ئوڭ» سۆزى تۈركچىدە «تەلەي، دورۇست، ئوڭ تەرەپ» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ(6). ئەمما بۇ يىلتىزدىن شاخلانغانلىقى مەلۇم بولغان «ئونگۇن» نامى بولسا موڭغۇل دەۋرىدىن بۇرۇنقى تۈرك مەدەنىيەت ئەسەرلىرىدە ئۇچرىمايدۇ. بۇنىڭدىن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئونگۇن— توتېم ئوقۇمىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ نامنىڭ كېيىن ۋاقىتلاردىكى موڭغۇل تەسىرى بىلەن ئوغۇز قەبىلىلىرىگە مال قىلىپ قويۇلغانلىقىنى ياكى تېڭىپ قويۇلغانلىقىنى ئېيىتىشقا بولىدۇ.
تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەكسىچە موڭغۇللار بىر ئورمان قەۋمى بولۇپ، ئاسالاك -- تەييار ئىقتىسادقا تايىنىدىغان، ئانا ھوقۇقى ۋە توتېم چۈشەنچىسى كۈچكە ئىگە بولغان، يەنى توتېمىزمنىڭ بۈتۈن ئامىللىرى كۈرۈلگەن بىر توپلۇق ئىدى. ئىلخانىيلار موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ مەركىزىدىن يىراقتا قۇرۇلغان بولىشىغا قارىماي، موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى كۈچلۈك دەرىجىدە مۇھاپىزەت قىلاتتى. شۇنىڭدەك تۈرك ۋە ئىسلام مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ تەسىرىگىمۇ كۈنسېرى ئىچكىرلەپ كىرىشكە باشلىغانىدى. بۇ ئۈچ خىل مەدەنىيەت بىر بىرى بىلەن ئارىلىشپ كەتكەن بىر دەۋردە موڭغۇل توتېم چۈشەنچىسىنىڭ ئوغۇزلارغىمۇ تېڭىلغانلىقىدىن يىدىرقاشنىڭ ھاجىتى يوق. ئونگۇن قۇشلىرىنىڭ «تارىخى ئالى سەلچۇق»(15- ئەسىردە يازىجىئوغلۇ تەرىپىدىن يېزىلغان) ۋە «شەجەرى تەراكىمە»(17- ئەسىردە ئوبۇل غازى باھادىرخان تەرىپىدىن يېزىلغان) قاتارلىق ئەسەرلىرىدىنمۇ ئورۇن ئېلىشى ئارتۇقچە بىر مەنا ئىپادە قىلمايدۇ. چۈنكى ھەر ئىككى ئەسەر «جامىئۈتتەۋارىخ»دېگەن ئەسەردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان.
19- ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان بەزى تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا كىگىزدىن ۋە ھايۋان تىرىسىدىن ياسالغان بەزى نەرسىلەر تېپىلغان. بۇ نەرسىلەرگە دىنىي بىر مەنا بىرىلىپ بۇت— فېتىش شەكلىدە خاراكتىرلەندۈرۈلگەن. شۇنىڭدەك بۇ توتېمىزمدىكى شۇرىنگا بىلەن ئوخشاش تۈردىن دەپ قارىلىپ، تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى توتېمىزمنىڭ ئىزلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش باشلانغان.
ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىش كىرەككى، مەلۇم بىر تار دائىردىكى تېپىلمىلارنىڭ پۈتۈن بىر مىللەتكە ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇن تارىخىغا مال قىلىۋىتىلىشى، قەدىمكى مەدەنىيەتكە بۇ جەھەتتىكى مەنانىڭ يۈكلىنىشى خاتا بىر مېتودتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا، بۇ ئەستائىدىل توختىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە. بولۇپمۇ قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەردىكى «تۆز» چۈشەنچىسى ۋە ئەجداتلارغا چوقۇنىش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىش بۇ جەھەتتىكى قاراشلارنىڭ ئايدىڭلىشىشىغا تولىمۇ پايدىلىقتۇر.
فېتىش-- ئىنسانغا ئامەت – تەلەي ئاتا قىلىدىغان ۋە كىشىلەر تەبىئەت ئۈستى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە دەپ قاراپ جوقۇنىدىغان نەرسە ياكى ھايۋاننى كۆرسىتىدۇ. بۇ نامدىن ياسالغان فېتىشىزم بولسا تۇنجى قېتىم غەربىي ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ دىنىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان. بۇ ئېتىقاد تۈرىنىڭ ئانىمىزم بىلەن بەلگىلىك باغلىنىشى بار. ئاساسى نىگىزىدىن قارىغاندا فېتىشىزم دۇنيانىڭ سېھرىي نوقتىدىن چۈشۈنىلىشىگە باغلىنىدۇ. لېكىن فېتىشىزمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنسان توپلىرى ئارىسىدا كۈچكە ئىگە بولغانلىقىغا دائىر ئىسپات يوق. شۇنداقتىمۇ تۈركىي مىللەتلەردە تۆز ئۇقۇمى راۋاجلانغان. تۆز پەلسەپەدە « ئۆزگەرگەن نەرسىلەرنىڭ ھېچبىر ئۆزگىرىشكە ئۇچرىمايدىغان قىسمى، يەنى جەۋھەر ياكى سۇبىستانسىيە»(7) سۈپىتىدە چۈشەندۈرىلىدۇ. ئانادولۇدىكى تۈرك خەلقى ئارىسىدا «ئۇل»، «ئاساس» مەنىسىدە قوللىنىلىدۇ. تۆز سۆزى مەنا جەھەتتىن «ئەسلى»، «يىلتىز»، «مەنبە »، «ماھىيەت» دېگەنلىك بولىدۇ. ئىدىقۇت خانلىقى ۋە قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە ۋە كېيىنچە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا مۇشۇ مەنىنى ساقلىغان. ياقۇتلاردا بولسا تۆز «تانگارا» دەپ ئاتالغان. ئالتايلىقلار قوغدىغۇچى روھلارنى «تۆس»دەپ ئاتايتتى(8). تۈركىي مىللەتلەر ئەجداتلىرىنىڭ تەسۋىرىنى ياساپ ساقلايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەجداتلىرىنىڭ روھى كونكىرت بىر خاتىرىگە ئايلىناتتى. روبرۇك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇنداق خاتېرىنى كۆرگەن. بۇ ھەقتە رۇبرۇك مۇنداق دەپ يازغان : « ئۇيغۇرلار بىر تەڭرىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. تەڭرىنىڭ ئىنسان ياكى باشقا جىسىم شەكلىدە تەسەۋۋۇر قىلىنىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. <ئۇنداق بولسا نىمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ بۇت ياسىدىڭلار> دەپ سورىسام، ئۇيغۇر راھىبى <بىز بۇتلارنى تەڭرىنىڭ تەسۋىرى دەپ قارىمايمىز. بىزدە بىرسىنىڭ ئوغلى، ئايالى ياكى باشقا بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ بۇ يەرگە تىزىپ قويىدۇ. بىزمۇ بۇلارنى ئۆلگۈچىنىڭ خاتېرىسى سۈپىتىدە قەدىرلەپ ساقلايمىز> دەپ جاۋاپ بەردى. » (9)
تۈركىي مىللەتلەردىكى ئەجداتلارغا چوقىنىشنى باشقىلار يىتەرلىك دەرىجىدە تۇنۇپ يىتەلمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خەنزۇ مەنبەلىرىدىمۇ تۆز «تەڭرىنىڭ تەسۋىرى» سۈپىتىدە بىلدۈرۈلگەن. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ خاتېرىلەرگە تايىنىپ تۆزنى فېتىشنىڭ دەل ئۆزى دەپ قارىغان. ھالبۇكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بۇت-- فېتىشكە چوقۇنغانلىقىغا دائىر ھېچبىر ھۆججەت ئۇچرىمىدى(10).
تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق چۈشەنچىسىدە ئاتا ھوقۇقى كۈچكە ئىگە ئىدى. بۇنىڭ دىن ساھەسىدىكى بەلگىسى بولسا ئۆلۈپ كەتكەن چوڭ(ئۇلۇغ) كىشىلەرگە ۋە ئەجداتلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىلىشى ئىدى. ئەجدات روھلىرىغا قۇربانلىق قىلىش، ئەجداتلارغا مۇناسىۋەتلىك خاتېرىنى ئىپادىلەيدىغان مۇقەددەس غارلاردا مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈش دەل ئەجداتلارغا چوقۇنۇش ئېتىقادىنىڭ ئىپادىلىرى ئىدى. تۈركىي مىللەتلەر تۆزگە ئىلاھىي بىر مەنا يۈكلىمىگەن. ئەكسىچە بۇنى ئۆلۈپ كەتكەن چوڭلارنىڭ(ئەر ياكى ئايال) خاتېرىسىنى جانلىق ھالدا ساقلايدىغان بىر سىمۋول سۈپىتىدە كۆرگەن. بۇنىڭدىن موڭغۇللاردىكى «ئونگۇن» ئاتالغۇسى بىلەن تۈركىي مىللەتلەردىكى «تۆز» ئاتالغۇسى ئوتتۇرىسىدىمۇ پەرقنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ھەر ئىككى ئاتالغۇدىكى ماھىيەت بىر بىرىگە پۈتۈنلەي زىت كەلگەنىدى. مىلادى 13- ئەسىردە بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ(تۇرپاندا) ئىبادەتخانىلىرىدا بۇ تۆزلەر بار ئىدى. ھالبۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ توتېمىزم بىلەن ھېچبىر مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ئۇيغۇرلار تۆزلەرنى شۆبھىسىزكى تەڭرى تەسۋىرى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن ئادەملىرىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ياساپ ئىبادەتخانىلاردا ساقلىغان. (11)
ئوبۇل غازى باھادىرخانمۇ ئۆز ئەسىرىدە تۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلىپ«بىر كىشىنىڭ يېقىن بىر ئادىمى ئۆلۈپ كەتكەندە، ئۇنىڭ سۈرىتىنى ياساپ ئۆيدە ساقلايتتى» دېگەن شەكىلدىكى بىر ئىپادىنى قوللانغان.
دېمەك، بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن فېتىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۆزنىڭ ئەسلىدە ئەجداتلارنىڭ تەسۋىرى ئىكەنلىكى ۋە ئەجداتلارغا چوقۇنىشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. يەنى تۆزنىڭ فېتىش، توتېم ۋە ئونگۇن بىلەن ئوخشاشلىقى يوق. شۇ ۋەجىدىن تۆزلەر ئىچىدە ئۇچرايدىغان بۆرە تەسۋىرلىرىنىمۇ توتېم سۈپىتىدە خاراكتېرلەندۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ تەسۋىرلەر ئەجدات سۈپىتىدە بۆرىگە بولغان ھۆرمەتنىڭ سىمۋوللاشتۇرىلىشىدۇر.
توتېم تېمىسىدا يەكۇن سۈپىتىدە شۇنىمۇ بىلدۈرۈپ ئۆتىشىمىز كىرەككى، «ئوغۇزنامە» داستانىدا كۆك بۆرە ئوغۇز قاغاننى يۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ قوشۇنىغا يول باشلاپ ماڭىدۇ. يەنى قوشۇنغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ يىتەكچىلىك ۋەزىپىسى ئوغۇز قاغاننىڭ دۇنياۋىي دۆلەت قۇرۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كۆك بۆرە قايتا تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئەگەر كۆك بۆرە توتېم بولغان بولسا بىر ۋەزىپىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا غايىپ بولمايتتى، بەلكى دائىم ھەمرا بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقاتتى.
ئەمدى بۇ يەردە بىز بۆرە(كۆك بۆرە) تۈركىي مىللەتلەردە توتېم قىلىنمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ مىللەت تۈركىمىنىڭ روھىيىتىدە زادى قانداق بىر مەنانى ئىپادە قىلاتتى؟ دېگەن بىر سۇئالغا دۇچ كىلىمىز.
قەدىمكى داستانلىرىمىزدىكى بۆرە موتىفىدىن شۇنداق بىر خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، بۆرە تۈركىي مىللەتلەر تەرىپىدىن قوتقازغۇچى، نەسىلنى داۋاملاشتۇرغۇچى (يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ تۇنجى ئاتىسى ياكى ئانىسى) ۋە يول كۆرسەتكۈچى(رەھبەر) سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان. شۇنى ئۇنۇتماسلىق كىرەككى، بىر مىللەتنىڭ تالاي ئەسىر تارىخ سەھنىسىدە پۇت دەسسەپ تۇرالىشى پەقەت مۇشۇ خىل سالاھىيەت بىلەن مۇمكىنلىككە ئىرىشىدۇ. يەنى بىر مىللەت مەۋجۇتلىقىنى ساغلام ۋە كۈچلۈك ھالدا مۇھاپىزەت قىلالىشى، مىللىي بىر رەھبەرگە ئىگە بولىشى ۋە بېشىغا كەلگەن ھەر قانداق ھالاكەتتىن قۇتۇلۇشنى بىلىشى كىرەك. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ داستانلىرىدىكى بۆرە، نۇر ۋە قۇتلۇق تاغ موتىفلىرى شۆبھىسىزكى بىر خىل سىمۋول. بۆرە ياشاش ئىقتىدارىنىڭ، مىللىي رەھبەرنىڭ ۋە قۇتۇلۇشنىڭ، ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشاشنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. بۆرە ھەققىدىكى بۇ داستانلاردا مىللەتنىڭ زورىيىش، كۈچىيىش ۋە كېڭىيىش يولىدا ئىجرا قىلىش زۆرۈر بولغان پرىنسىپلارنىڭ بەلگىلىرى ماددىي ئامىللار بىلەن ئىپادە قىلىنغان. بۆرە ئارقىلىق سىمۋولىزمغا ئايلانغان بۇ چۈشەنچە مىللىي بىرلىكنى ساقلايدىغان ۋە ئۇنىڭ كۈچىيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر پىكىر ئىدى. مىللەت بۇ پىكىرگە ئىشىنىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغاندا، ھاكىمىيىتى ۋە ئۈستۈنلىكىنى قوغدىيالىغان، بۇ پىكرىدىن ئايرىلغان چاغدا ھالاكەتكە دۇچ كەلگەن. ئۇلارنى بۇ ھالاكەتتىن يەنە بۆرە قۇتقۇزغان. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، تارىختىن بۇرۇنقى ۋە تارىختىن كېيىنكى نۇرغۇن مىللىي قەھرىمانلارنىڭ ۋە مىللىي رەھبەرلەرنىڭ ئوبرازى بۆرە – كۆك بۆرىگە سىمۋول قىلىش ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان.
مەلۇمكى، بۆرە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھاياتىغا ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدە چېتىلغان ھايۋان ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ خاراكتېرى ھەر قانداق بىر ھايۋاندىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق، چاققان، جەسۇر، تاقەتلىك ۋە تەۋەككۈلچىلىك روھى ئۈستۈن ئالاھىدە بىر ھايۋان. بۆرە دەخلىسىز(ئەركىن)ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا، ئۇنى بويسۇندۇرغىلى ۋە قولغا ئۈگەتكىلى بولمايدۇ. بۆرە توپلىشىپ(ئۆم) تەشكىللىك ياشايدۇ، ئۆز توپىغا سادىق ۋە ۋاپادار بولىدۇ، سەركىسىگە قەتئىي ئەگىشىدۇ. سىرىتقا قارىتا ھەر ۋاقىت ئىنتايىن سەزگۈر تۇرىدۇ ھەم نەزىرىنى يىراققا تىكىدۇ. ياشاش ئىقتىدارى ۋە ماسلىشىش روھى ئىنتايىن ئۈستۈن. ئىنسانلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ. مەغلۇبىيەتتىن قەتئىي ئۈمىتسىزلەنمەيدۇ ۋە نىشاندىن ئاسان ۋاز كەچمەيدۇ. بۆرە باشقىلاردىن ھىممەت كۈتمەيدۇ ۋە ھەر قانداق شارائىتتا ھېلىمىكىرلىك ئىشلەتمەيدۇ. شۇڭا، ئاچ قالغان تەقدىردىمۇ تۈلكىنىڭ گۆشىنى يىمەيدۇ. دېمەك، بۆرە ھايۋان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىنسانلارنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر روھ جۇغلانغان. بۆرىنى تەتقىق قىلغانلارمۇ ئۇنىڭ ئىگىلمەس روھقا ۋە ئەركىن ھاياتقا سىمۋول بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئوتتۇرا ۋە شىمالىي ئاسىيادا بۆرە بىلەن ئەڭ ئاۋۋال ۋە كۆپ ئۇچراشقان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بۆرىنىڭ ئاشۇ خۇسۇسىيەتلىرىنى تۇنۇپ يىتىشى ۋە ئۇنى ئۆزلىرىگە سىمۋول قىلىپ تاللىشى تەبىئىي ئىدى. دېمەك، بۆرە توتېم بولماستىن بەلكى، بىر پىكىر ۋە ئىدىئولوگىيىنىڭ يەنى ئىجتىمائىي ھايات نىزامىنىڭ ئەكىس ئېتىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇ سەۋەپلىك بۆرىگە كۈچلۈك ھۆرمەت كۆرسىتىلگەن. بۇ خىل ھۆرمەت تۈرلۈك سىمۋوللار ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان. مەسىلەن، بەزىدە بىر تۆز سۈپىتىدە، بەزىدە ئوغۇز قاغاننىڭ خىتاپ قىلغىنىدەك (بۆرە بولسۇن بىزگە ئۇران— شۇئار) ئۇرۇش شۇئارى سۈپىتىدە، يەنە بەزىدە بايراق(ئالتۇن رەڭلىك بۆرە بېشى چۈشۈرۈش) سۈپىتىدە ئىپادىلەنگەن.
بولۇپمۇ بۆرە باشلىق(ئالتۇن رەڭلىك)بايراق ۋە تۇغلار ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. بۆرە باشلىق بايراق ھاكىمىيەتنىڭ ۋە مۇستەقىللىقنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانىدى. بايقال كۆلى ئەتراپىدا مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000-يىللارغا مەنسۇپ بىر قەبرىدىن تۇنچتىن ياسالغان بۆرە بېشى شەكلىدىكى بىر بايراق تېپىلدى(12). ئوبۇل قاسىم فىردەۋسى«شاھنامە» داستانىدا ئىرانلىقلار بىلەن ئۇرۇشقان تۇران پادىشاھى ئاپراسىيابنىڭ بۆرە باشلىق بايرىقىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان(13).مىلادى 10- ئەسىردە ھازىرقى جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىسمى نامەلۇم بىر ئۇيغۇر شائىرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن «ئوغۇزنامە» داستانىدا، ئوغۇزخاننىڭ قوشۇنىڭ كۆك رەڭلىك بايرىقى ئۈستىگە بۆرىنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەنلىكى سۆزلىنىدۇ(14). ھۇنلارغا ئائىت نوئىنئۇلا قورغىنىدىن تېپىلغان نەرسىلەر ئىچىدە بۆرە باشلىق بىر بايراق بار(15). كۆكتۈركلەرنىڭ ئوردىنى قوغدىغۇچى قىسىملىرى «بۆرە» دەپ ئاتالغىنىدەك، ئوردا دەرۋازىسىغىمۇ بۆرە باشلىق بايراق ئېسىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك قاغانى مويۇنچۇر تاڭ سۇلالىسىنىڭ بىر گېنېرالىنى بۆرە باشلىق بايراققا مەجبۇرى تازىم قىلدۇرغان(16). كېلىپ چېقىش جەھەتتە مىلادى461 -465- يىللاردا ياۋروپاغا كۆچكەن ئۇيغۇر(ئوغۇر)قەبىلىلىرىگە باغلىنىدىغان باشقىرتلار(ئەسلى شەكلى باشقۇرت)دا تاكى 18- ئەسىرگىچە بۆرە باشلىق بايراق ساقلىنىپ كەلگەن. 1704-1740 - يىللاردا ئورالنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان باشقىرتلار رۇسلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغاندا بۆرە باشلىق بايراق ئىشلەتكەن(17). مىلادى 6- 8- ئەسىرلەرگە ئائىت كۇچا تام رەسىملىرى ئىچىدە بۆرە باشلىق گۈرزە ۋە بايراق كۆتۈرۋالغان ھۆكۈمدار ۋە ئالپلار رەسىمى سىزىلغان. تۇرپاندىكى تام رەسىملىرى ئىچىدىمۇ بۆرە باشلىق بايراقنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ شەكىلدىكى تەسۋىرلەر ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى مىنياتۈرلەردىمۇ ئۇچرايدۇ(18). بۇنىڭدىن باشقا كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر داۋامىدا كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىدا بۆرە باشلىق ئىككى موتىق بايقالدى. ئالىملار بۇنىڭ بۆرە باشلىق ئەجدەرھا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۆرە باشلىق بۇ ئىككى تەسۋىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ تامغىسى ئىشلەنگەن. بۇ تامغا بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىدا بار. قىزىلدىكى ناگا – راگاھ دېگەن يەردىكى كۆكتۈرك ياكى ئۇيغۇرلار دەۋرىگە مەنسۇپ تام رەسىمىدىكى قاغاننىڭ بۆرە باشلىق بايرىقى كۆتۈرگەن ئالپنىڭ بۆركىدە كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىدىكى بۆرە باشلىق موتىفقا ئوخشايدىغان بىر تەسۋىر بار. تام رەسىملىرىدىكى بۆرە باشلىق بايراقلار باشقا يەرلەردىمۇ ئۇچرايدۇ. كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىدا كۆرۈلگەن ۋە دۆلەت بەلگىسى قىلىنغان بۆرە باشلىق تەسۋىرلەر ئۇيغۇرلاردىكى بىلگە قاغاننىڭ نامىغا تىكلەنگەن ۋە ئالپ باغا ئىنانچۇ تارقاننىڭ ئەسىرى ھېساپلانغان بىتىگ تاشنىڭ ئۈستىدىمۇ بار. تابغاچ تۈركلىرىنىڭ قەبرە تاشلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن بۆرە باشلىق بۇ موتىفلەر 6-8- ئەسىرلەر ئارىسىدا ياسالغان قىرغىز قورغانلىرىدىكى بىر قورغاندا تاش لەۋھە ئۈستىگىمۇ ئىشلەنگەن. قىرغىز قورغىنىدىكى موتىف كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىدىكى بۆرە باشلىق موتىفكە بەكلا ئوخشايدۇ. مانا بۇلار بۆرە(كۆك بۆرە)نىڭ ھوقۇقىي خاراكتېرگە ئىگە سىمۋوللاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئومۇمەن تارىخى خاتېرىلەرنىڭ ئەڭ دەستلەپكى بەلگىلىرىدىن تارتىپلا، يەنى ساك ۋە ھۇن دەۋرىدىن ئىتىبارەن بۆرىنىڭ دىنىي ماھىيەتنى ئىپادىلىمىگەنلىكى ۋە دىنىي بىر سىمۋول(توتېم ياكى ئونگۇن) ئەمەسلىكى ناھايىتى ئېنىق كۆۈلگەنىدى. شۇ ۋەجىدىن، بۆرە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قوبۇل قىلغان تۈرلۈك دىنلىرى بىلەن زىت بىر ھالەت شەكىللەندۈرمىگەن. چۈنكى، مىللىي بىر سىمۋول سۈپىتىدىكى بۆرە دىن بىلەن بىر كاتېگورىيىدە ئورۇن ئالمىغان.
قىسقىسى، مەدەنىيەت تارىخىمىزدا كۆرۈلگەن بۆرە توتېمىزمغا مەنسۇپ بەلگە يەنى توتېم قىلىنغان بىر ھايۋان بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللەت، ھاكىمىيەت، مەۋجۇتلۇق ۋە ئىستىقبال ئۈستىدىكى بولۇپمۇ مىللىي داھىلىرى ھەققىدىكى پىكرىنىڭ ئوبرازلاشقان ۋە داستان شەكلىدە داۋاملاشقان بىر بەلگىسى سۈپىتىدە مىللىي سىمۋولغا ئايلانغان ئىدى. «قۇتادغۇ بىلىگ»تە ھۆكۈمدار ئىلىگنى ئاتاشتا «بۆرە»نامى بىلەن خىتاپ قىلىنىشىمۇ بۇ چۈشەنچىنى قۇۋۋەتلەيدۇ(19).
تۈركىي مىللەتلەردە بۇغىمۇ بۆرىگە ياندىشىپ مىللىي سىمۋول سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانىدى. كۆكبۆرە ۋە قۇتلۇق تاغ داستانلىرى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قايغۇ ۋە شاتلىقلىرىنى جانلىق شەكىلدە ئەكىس ئەتتۈرگەن. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ غەربىي تارمىقىدا بۇغا ئۈستۈن كۈچ-- قۇدرەتكە ئىگە يول باشچى سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، ساك دېگەن نام «بۇغا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن(20).بۇغا توغرىسىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى يازما مەلۇمات سىماچەننىڭ «تارىخىي خاتىرىلەر»دە تىلغا ئېلىنغان. بۇ ئەسەردە جۇ سۇلالىسى ھۆكۈمدارى جۇمۇۋاڭنىڭ چۈەنروڭلار(ھۇنلار- ئا) ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ ئاخىرىدا تۆت ئاق بۆرە بىلەن تۆت ئاق بۇغا غەنىيمەت ئېلىپ قايتقانلىقى سۆزلىنىدۇ. بۇ يەردە «تۆت ئاق بۆرە بىلەن تۆت ئاق بۇغا» دەپ ئىزاھلىنىشىنىڭ مىتولوژىك بىر چۈشەنچىگە تايانغانلىقى زور ئىھتىماللىققا ئىگە(21). شەرقتە ئوردوستىن غەرپتە كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان جايلاردا بايقالغان ئارخىئولوگىيلىك ئەسەرلەردە بۇغا تەسۋىرىگە دائىر نۇرغۇن ئىسپاتلار بار. ئوردوستىن تېپىلغان ھۇنلارغا ئائىت سەنئەت ئەسەرلىرى ئىچىدە ئاتلارنىڭ ۋە بۇغىلارنىڭ يولۋاسلارغا، ئېيىقلارغا ۋە خىيالى ھايۋانلارغا قارشى سوقۇشلىرىنى تەسۋىرلەيدىغان مىتال ياپراقچىلار، چىشى ياكى ئەركەك بۇغا شەكلىدە ياسالغان بايراق ياغاچلىرى بار.(22) ئالتاي تاغلىرىدىن بايقالغان ھۇن مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن قولغا ئۈگىتىلگەن ياكى تاغلاردا ياشايدىغان ھەر تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرىنى ۋە ھەيكەللىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى بىرۇنزىدىن ياسالغان. يەنە ياغاچ ئويما ئەسەرلەرمۇ بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇغا ۋە جەرەنلەرنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادە قىلىدىغان، سەنئەت ئەسىرى ھېساپلاشقا تىگىشلىك بىرمۇنچە ھەيكەلچەكلەرمۇ بار. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرىدە بۇغا مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن ۋە قورقۇنچلىق ھايۋان شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن. مەسىلەن، ئۇزۇن ۋە ئۇچلۇق مۆڭگۈزلۈك تېكە بۇغىلارنىڭ ئاغزى يولۋاسنىڭ ئاغزى شەكلىدە ياسالغان، تىرناقلىرىمۇ يولۋاسنىڭ تىرنىقىدىنمۇ ئۆتكۈررەك قىلىپ كۆرسىتىلگەن. تۈركىي مىللەتلەرنىڭ چۈشەنچىسىدە يېرىمى ئىنسان، يېرىمى بۇغا قىياپىتىدە كۆرسىتىلىدىغان رۇھلارمۇ بار ئىدى. بۇغا ئانادولۇدىكىگە ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ زىھنىنى ۋە تۇيغۇسىنى ھەممىدىن بەكرەك قوزغىغان ھايۋانلاردىن بىرى ئىدى. شۇڭا، بۇغا ئوتتۇرا ئاسىيا سەنئىتىنىڭ ھەر ساھەسىنى قاپلىغانىدى(23). بۇغىنى مۇقەددەس دەپ قاراش چۈشەنچىسى يەنە ھۇنلارغا ئائىت پازىرىق قورغانلىرىنىڭ بىرىدىن تېپىلغان ئاتلارنىڭ بېشىغا بۇغا شەكىللىك نىقاپلارنىڭ كىيدۈرۈلگەنلىكىدىنمۇ مەلۇم بولماقتا. كېيىنكى دەۋرلەردە بۇغىنىڭ روھىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشى مۇشۇ قەدىمكى خۇسۇسىيەتتىن مەنبەلەنگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇغا ھۇنلارغا ئائىت داستانلاردا كۆكبۆرىگە ئوخشاش يول باشلىغۇچى -- يىتەكچى ياكى ياردەم قىلغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ھۇنلار ياۋروپاغا كۆچكەندە بۇلارنىڭ ئالدىدا بىر بۇغىنىڭ يول باشلاپ ماڭغانلىقى سۆزلىنىدۇ(24). ھۇنلارنىڭ مائوتىس دەرياسىنى بىر بۇغىنىڭ ياردىمىدە كىسىپ ئۆتكەنلىكى ھەمدە مۇشۇ پەۋقۇلئاددە ئىشتىن كېيىن ھۇنلارنىڭ ياۋروپادا ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ(25). 19- ئەسىردە ياشىغان ھۇنگىر شائىرى ژ. ئارانىينىڭ 1864- يىلى يازغان «بۇدانىڭ ئۆلۈمى»ناملىق 12قىسىملىق ئىپوسىدا، ياۋروپا ھۇنلىرىنىڭ بارلىققا كىلىشى ھەققىدىكى «مۆجىزىلىك بۇغا »رىۋايىتى داستانلاشتۇرۇلغان. بۇ داستاندا مۇنداق دېيىلىدۇ:
مىنروت بىلەن ساھىپجامال ئىنىفنىڭ ئوغۇللىرى ھۇنۇر بىلەن ماجار بىر كۈنى 50 كە يېقىن يىگىت بىلەن ئوۋغا چىقىدۇ. ئوۋدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر بۇغا ئۇچرايدۇ. ئوۋچىلار بۇغىنىڭ كەينىدىن ھەر قانچە قوغلاپ باققان بولسىمۇ، بۇغىنى زادىلا تۇتالمايدۇ. ئاخىرى بۇغا ئوۋچى يىگىتلەرنى دون دەرياسى بىلەن ئازاق دېڭىزى تەرەپكە ئەگەشتۈرۈپ كىلىپ توساتتىن غايىپ بولىدۇ. ھۇنۇر بىلەن ماجار ئوت – چۆپلىرى بولاق ئۆسكەن، سۈيى ئەلۋەك ھەم ئوۋ ھايۋانلىرىغا باي بۇ زىمىندا تۇرۇپ قالماقچى بولىدۇ. بىر كۈنى كىچىدە ئۇلار مۇڭلۇق بىر مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە ئاۋاز چىققان تەرەپكە بارىدۇ. ئۇلار بۇ يەردە پادىشاھ دولنىڭ دوستلىرى بىلەن سەيلى قىلىپ يۈرگەن ئىككى قىزى ۋە پادىشاھ بىلارنىڭ ئون ئىككى قىزىنى ئۇچرىتىدۇ. ھۇنۇر بىلەن ماجار پادىشاھ دولنىڭ ئىككى قىزىغا ئۆيلىنىدۇ. باشقا يىگىتلەر بولسا بىلارنىڭ ئون ئىككى قىزىغا ئۆيلىنىدۇ. ھۇنۇر بىلەن ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھۇن مىللىتى، ماجار بىلەن ئۇنىڭ دوستلىرى ئەۋلادلىرىدىن ماجار مىللىتى شەكىللىنىدۇ. بۇ ئىككى مىللەت كۆپۈيىپ پۈتۈن ئىسكىتىيىنى ئىگىلەيدۇ. (26) يۇقىرىدا سۆزلەنگەن مەنبەلەر، سەنئەت ئەسەرلىرى، رىۋايەت ۋە داستانلاردا بۇغا ھۇنلار ئۈچۈن سىمۋوللۇق مۇقەددەس بىر ھايۋان، يەنى ھۇنلارنىڭ رەھبىرى، يول باشلىغۇچىسى، ياردەمچىسى ۋە نىجاتچىسى سۈپىتىدە كۆرۈلگەن.
ئاق بۇغىنىڭ يەنە كۆك(ئاسمان) ئېلېمېنتىغا باغلىق ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. قىزىل ياكى كافى رەڭ بۇغىلار بولسا كۆپۈنچە يەر ۋە يەر ئاستى ئېلېمېنتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. تۈرك مىتولوژىسىدە ئارقىسىدىن قوغلىغان ئوۋچىنى يەر ئاستىغا(ئۆلۈم)گە ئېلىپ بارغان بۇغىلارنى تەسۋىرلەيدىغان رىۋايەتلەرمۇ بار.
بۇغا دېڭىز تەڭرىچىسى دەپ قارالغان كۆكتۈرك رىۋايىتىمۇ بار. جۇڭگو مەنبەلىرىدە خاتىرىلەنگەن بىر رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، كۆكتۈركلەرنىڭ ئەجدادلىرىدىن بىرى بىر غاردا ياش بىر قىز سىياقىدىكى دېڭىز تەڭرىچىسىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. لېكىن ھۆكۈمدار بۇ قىزنىڭ ئەسلىدە بىر ئاق بۇغا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بىر سۈرۈك ئوۋى جەرىيانىدا قورشاۋغا ئېلىنغان ھايۋانلار ئارىسىدا يۈرگەن بىر ئاق بۇغىنى ئەسكەرلەردىن بىرى ئاتقاندا ھەقىقىي ئەھۋال ئاشكارلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن غارغا بارغان ھۆكۈمدار ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قالغان قىزنى ئۇ يەردىن تاپالمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسلىدە بىر قىز سىياقىغا كىرگەن ئىلاھە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يىتىدۇ(27).
كۆكتۈركلەر دەۋرىدە ئوۋلىنىپ قۇربانلىق قىلىنغان بۇغا ھۆكۈمدارلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئەمەل ئەسىن كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشىنىڭ شەرقى يۈزىدىكى قاغان تامغىسىدا كۆرۈلگەن تاغ ئۆچكىسىنىڭ ئېھتىمال بۇغا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۇغا ئەينى زاماندا بەگ قۇتىنىڭمۇ سىمۋولى ئىدى(28).ئەڭ بۈيۈك ۋە ئەڭ قەدىمكى تۈرك داستانى سۈپىتىدە قەدىمكى تۈرك دۆلەت ئەنئەنىلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان «ئوغۇزنامە» داستانىدا كۆكبۆرە، ساماۋىي نۇر ۋە بۇغا بىرلىكتە كۆرۈلىدۇ. ئوغۇز ئۆزى ئېلىشقان ھايۋانغا قارشى بۇغىنى يەم سۈپىتىدە قوللانغان، كۆكتىن چۈشكەن نۇرنىڭ ئىچىدە پەيدا بولغان قىزغا ئۆيلەنگەن ۋە كۈن نۇرىدا پەيدا بولغان كۆكبۆرە يىتەكچىلىگىدە دۇنيانى فەتىھ قىلىشقا چىققان(29).
دېمەك، يىتەكچى ۋە كۈچ-- قۇۋۋەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن بۇغا ساك ۋە ھۇنلار تەرىپىدىن مۇقەددەس قارىلىشتەك ئورنى بىلەن كېيىنكى ۋاقىتتىكى باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ چۈشەنچىسى ۋە فولكلورىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلدى. شۇڭا، ئاتاغلىق تۈرك ئالىمى، مۇتەپەككۇر ۋە سوتسىيالوگ زىيا گۆكئالپ يازغان «ئاق بۇغا» دېگەن شېئىرىي داستاندىمۇ بۇغا كۆكبۆرە بىلەن بىرلىكتە تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ سىمۋولى قىلىپ تەسۋىرلەنگەن(30).


٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئىزاھلار:
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(1) ۋ. ئېبىرخارد: «چىن تارىخى» ، تۈركچە، 64-بەت، 1995-يىلى، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
(2) «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«توتېم» ماددىسى)، تۈركچە، 30-،31- توم، 2- قىسىم، 350-بەت، 1981-يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(3) ل.ن. گومىليېف: «قەدىمكى تۈركلەر»، تۈركچە، 109-بەت، 2003-يىلى، ئىستانبۇل، سېلىنگا نەشرىياتى.
(4)،(29) «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«تۈركلەر»ماددىسى)، تۈركچە،12- توم،2- قىسىم، 240-،254- بەتلەر، 1988- يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى. ئىبراھىم كافەسئوغلۇ: «تۈرك مىللىي كۈلتۈرى»، تۈركچە، 298-،333-بەتلەر، 2004- يىلى، ئىستانبۇل ، ئۆتۈكەن نەشرىياتى. «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«توتېم» ماددىسى)، تۈركچە، 30 -،31-توم، 2- قىسىم، 350-بەت، 1981-يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(5)مەھمۇد قەشقەرى:«تۈركىي تىللار دىۋانى»، ئۇيغۇرچە،77- ،78،-79- بەتلەر. فارۇق سۇمېر: «ئوغۇزلار»، تۈركچە، 166-بەت، 1992-يىلى، ئىستانبۇل، تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى فوندى.
(6) ئا. جافەرئوغلۇ: «قەدىمكى ئۇيغۇر تۈركچىسى سۆزلۈكى»، تۈركچە، 250- بەت، 1968-يىلى، ئىستانبۇل ئنۋنۋىرسېتىتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتېىتى نەشرىياتى.
(7)ئورخان خانچەرلىئوغلۇ: «پەلسەپە سۆزلۈكى»، تۈركچە، 419- بەت، 1996-يىلى، ئىستانبۇل، رەمزى نەشرىياتى.
(8)ب.ئۆگەل: «تۈرك مىتولوژىسى»، تۈركچە،1- توم،125-، 441- بەتلەر، 1971- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
(9)،(11) ئابدۇلقادىر ئىنان: «تارىختا ۋە بۈگۈن شامانىزم»، تۈركچە، 43- بەت، 2000- يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
(10) ئا.دوغان: «ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك ئىتىقادىغا دائىر»، «تۈركلەر»، تۈركچە، 3- توم، 305-بەت، 2002 -يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(12) «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«ئۇيغۇر سەنئىتى» ماددىسى)، تۈركچە، 33-توم، 32-بەت، 1984-يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(13)«ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«بايراق» ماددىسى)، تۈركچە، 2- توم،403-بەت، 1979-يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(14)«مىللەت لۇغىتى»، خەنزۇچە، 169- بەت، 1987- يىلى، شاڭخەي، لۇغەتلەر نەشرىياتى.
(15)،(28) ياشار چورۇھلۇ:«تۈرك مىتولوژىسىنىڭ ئانا يوللىرى»، تۈركچە، 135-،143- بەتلەر، 2002- يىلى، ئىستانبۇل، كابالجى نەشرىياتى.
(16)«تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«كۆك بۆرە»ماددىسى)، تۈركچە، 8-توم، 8- بەت، 1976 - يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(17)ب.ئۆگەل:«تۈرك كۈلتۈر تارىخىغا كىرىش»، تۈركچە،6- توم،309- بەت،2000- ئەنقەرە، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى نەشرىياتى.
(18)سەنجەر دىۋىتچىئوغلۇ: «كۆكتۈركلەر»، تۈركچە،71- بەت، 1987- يىلى، ئىستانبۇل، ئادا نەشرىياتى. ياشار چورۇھلۇ: «تۈرك مىتولوژىسىنىڭ ئانا يوللىرى»، تۈركچە، 135- بەت. 2002- يىلى، ئىستانبۇل، كابالجى نەشرىياتى.
(19)ئا.جاپەرئوغلۇ: «تۈرك تىلى تارىخى»، تۈركچە،2-توم، 55-بەت، 1984- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندۇرۇن نەشرىياتى.
(20) ۋ.پ. ئابايىف: «ئوشت تىلى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى»،رۇسچە، 1-توم، 179-بەت،1949-يىلى، موسكۋا -- لېنىنگراد ، پەن نەشرىياتى.
(21) ئايشە ئونات، سەما ئورسوي، كونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن: «خەن خانىدانلىقى تارىخى-- شىئوڭنۇ(ھۇن) مونوگراپىيسى»، تۈركچە، 103-بەت، 2004-يىلى، ئەنقەرە، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
(22) ر.گرۇسسېت: «بوزقىر ئىمپېرىيىسى»، تۈركچە،41-بەت، 1996- يىلى، ئىستانبۇل، ئۆتۈكەن نەشرىياتى.
(23)ب.ئۆگەل: «تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىيات چاغلىرى»، تۈركچە، 1-قىسىم،9-،10- بەتلەر، 1971-يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(24) ئايدىن تانەرى:«تۈرك دۆلەت ئەنئەنىسى»، تۈركچە، 122-بەت، 1981- يىلى، ئەنقەرە.
(25)«تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى» («ھۇنلار» ماددىسى)، تۈركچە، 19-توم، 194- بەت، 1971- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(26) «تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«بالامبەر»ماددىسى)،تۈركچە، 5-توم، 105- بەت، 1967- يىلى، ئىستانبۇل، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
(27) ب.ئۆگەل:«تۈرك مىتولوژىسى»،تۈركچە،2-قىسىم،103-بەت. ۋ.ئېبىرخارد: «چىننىڭ شىمالىي قوشنىلىرى»، تۈركچە،86-بەت، 1996-يىلى، تۈرك تارىخ قۇرۇمى نەشرىياتى.
(30)«تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى»(«بۇغا»ماددىسى)،تۈركچە،17-توم، 320-بەت، 1969- يىلى، ئەنقەرە، مىللىي مائارىپ نەشرىياتى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


تولۇق ئوقۇش

2009年2月17日星期二

Boytaq sha'irning mexpiyiti(toplam)

Toluq Teksti




Boytaq sha'irning mexpiyiti(toplam)


Adil tuniyaz


Munderije:

(1) bir tal yopurmaq ...........................(1)
(2) kéchidiki archa derixi.......................(3)
(3) kün gherbtin chiqqanda......................(4)
(4) torghay qanitidin töküler quyash..............(5)
(5) sergerdan saye..............................(10)
(6) qushqachlargha egiship......................(11)
(7) piwixana...................................(17)
(8) insan......................................(20)
(9) yamghurluq kéche..........................(22)
(10) ghéribliq.................................(24)
(11) en'ene chembiriki.........................(26)
(12) ömüchükning qebrisi.......................(28)
(13) öy.......................................(30)
(14) qishtiki yol...............................(32)
(15) yopyoruq kariwattiki chüsh.................(34)
(16) qeghez...Sheher..........................(35)
(17) kocha süpürgüchi..........................(38)
(18) chirayliq yighlash..........................(39)
(19) sinip.....................................(42)
(20) xatiremning küzdiki béti....................(44)
(21) ümidlik bir kün............................(46)
(22) qeshqer waqti sa'et altide....................(48)
(23) piwa köpüki................................(50)
(24) ayallar döliti...............................(53)
(25) qar yaghqan küni...........................(55)
(26) muzikining süriti............................(57)
(27) qush ana...................................(59)
(28) 11 - ay....................................(61)
(29) lipap ichide................................(62)
(30) hojramdiki seher............................(64)
(31) fabrika.....................................(66)
(32) kün chiqqanda..............................(68)
(33) shenbe küni chüshtin kéyin...................(70)
(34) sehradiki ay sholisi..........................(72)
(35) uchar texse.................................(74)
(36) döngköwrükning kechlik baziri...............(78)
(37) qishliq waqit tötte..........................(81)
(38) 12-ayning 18-küni........................(83)
(39) saz, rujek, ay nuri........................(86)
(40) xeritidin yiraq bir jayda....................(89)
(41) tagh keynidiki quyash......................(91)
(42) kenttiki qish pesli..........................(93)
(43) piwa ichish................................(95)
(44) küldan....................................(97)
(45) sarghuch yataq ichide.......................(99)
(46) tehrir bölümining ishiki aldida...............(101)
(47) qush......................................(103)
(48) apréldiki jimjitliq küyi......................(107)
(49) xudaning méhmini..........................(109)
(50) yéngi yataq.................................(111)
(51) xizmetning yan körünishi.....................(113)
(52) munchidiki men.............................(115)
(53) chiwin, küldan we bashqilar..................(116)
(54) turpan. Bir ishikning aldida..................(118)
(55) késelxana...................................(120)
(56) tam tüwidiki ema temburchi...................(122)
(57) poyézda yézilghan kündilik xatire..............(125)
(58) menggü yigirme yash.........................(140)
(59) yéshil chashqan.............................(144)
(60) ikkinchi yoluchi.............................(147)
(61) cheksiz ishxana..............................(150)
(62) méning adrésim ‹dastan›.....................(152)
*******************************************


(1) bir tal yopurmaq
********************


Renggi öchken bir tal yopurmaq
Dil qétimda saqlaqliq haman

Qelbimdiki qaqas tupraqta
Ösiwatqan bir tüp derex bar,
Bar uningda bir talla yapraq,
Qeyser qebre téshidek goya
Kéchidiki nurluq chüshsiman,
We qarangghu tagh öngküride
Tuxum bésip yatqan kepterdek,
Eng axirqi külkisi bilen
Qétip qalghan lewlerdek.

Xiyalimda
Qonup uning yopurmiqigha
Peylirini taraydu bahar.
Yéshil nurlar yartidu uxlap
Naxsha éytip béridu shamal.

Qelbimdiki qaqas tupraqta
Bir tüp derex bir tal yopurmaq.
U oxshaydu kimdur birsige
We héchkimge oxshimas biraq...

(1989 – yili 12 – ay)
*********************


(2) kéchidiki archa derixi


Oxshimaydu kündüzdikige,
Kéchidiki archa derixi.
Shaxlirida uyqigha ketken,
Tiptinchqina qonup ay nuri.

Yat- natonush ikki adem biz,
Müridiship olturghan goya.
Chüshimizde uchrashtuq belikm,
Umu manga menmu uninggha.

Tünde bir tüp archa derixi
Sayem kebi turar aldimda.
Bolup qalduq yéngi qedinas
Ikki saye bunda öz-ara.
Saye bolsaq burun nawada,
Ikki adem bolghandin bashlap,
Natonushqa aylanduq qayta.

(1990 – yili 1 -ay)
*********************


(3) kün gheriptin chiqqanda


Ayrilimiz biz choqum,
Kün gheriptin chiqqanda.
Ya kün chiqar gheriptin,
Biz ayrilmaq bolghanda.

Ay köriner yéraq dalada,
Aq qanatliq ghiribane qar,
Bisip yatqan göher tuxumdek
Qish kichisi ghemkin sehrada
Qelbimdiki özümdin bölek
Kimmu manga bolarkin hemrah?
Egshtürüp jimjit xiyalni
Aylinimen hoylida tenha.
Ap'aq kipen artiwalghan qish,
Külümsirep turar yénimda.
Kirpikliride
Bostan yasap uyqidin,
Anam, dadam yatar supida.
Tatliq chüshler,
Uchup chiqip ukillirim közidin
Könglikini kiyip renggareng
Öy ichige lipmu liq tolup
Perwaz qilip oynaydu usul.
Kenittiki itlarmu bu kech,
Qoshaq qétip judaliq üchün,
Tünep chiqar tangghiche pütün.
Morisida pakar öylerning
Méni choqum saqlap olturar,
Xoshlashmaqqa axshamqi tütün.
Muz chaqnighan qarliq étizda
Kütishidu seherni oyghaq,
Tong tézekler chiqarmay ün-tin.
Qushqach küyi,
Tonglap qalghan jigdilik,
Janlinarmu mungluq qoshaqta,
Tilgha kirip ete men üchün?

Gherbi yaqtin chiqqan kün bilen,
Nurlan'ghanda sehra upiqi,
Xoshlisharmen bunda hemmidin,
Kirpiklirim tatliq chüsh yuqi,
Ayrilip ix xilwet külbemdin
Yol alarmen yéraq sheherge.
Perishtige aylinip shuchagh
Özümde yoq bolghini üchün
Bexit shadliq télep qalimen,
Bunda qalghan jimi nersige.

(1990-yil 2-ay. Qaghiliq)
***************************

(4) torghay qanitidin töküler quyash


Torghay
Qanitini qaqar dalida
Peyliridin töküler quyash...

Shamallardin, muzdek hawadin
Témip chüsher süzük – süzük nur
Tün kéchining köz yéshi oxshash.
Bashlanmaqta xiyalchan seher
Walildighan tashlar arisidin,
Yulghunlarning chataqliridin,
Tonglap qalghan qush mayiqidin
Muz dérize astidin baqqan
Jimjit ériqtin.

Barimen unda
Yürikimni pepilep
Dadam éytqan ghemkin qoshaqta.
Topa yolda kala téziki
Zakidiki bowaqqa oxshash
Tatliq tinip ketken uyqigha.

Torghay
Qanitini qaqar étizda
Peyliridin tammaqta quyash.

Krstaldek süzük shaxlarda
Nurlanmaqta qushlar changgisi.
Nurlanmaqta kömüsh chécheklep
Dalilarning yéraq chet – chéti.
Baliliqim shundaq seherde
Choruq bilen qar kechken yerde
Yüttürwetken qoshaqtin bölek
Yoqtur mende özgiche awaz,
Yoqtur mende sha'irliq tilek.
Shunglashqimu qarliq dalida
Tinep yürgen it naxshisida
Set we qopal awazim bilen
Tebi'etni küyleymen tenha.
Yighlangghu dunya
Chaqiridu yiraq upuqqa...

Torghay
Qanitidin tökmekte quyash.

(1990- yili 2 –ay, qaghiliq)
***************************


(5) sergerdan saye


Quyash
Oxshar méning yatiqimdiki
Eng axirqi bir tal shamghila.

Kim yasighan uzun upuq bu?
Kim qaldurghan sergerdan saye?
Eynektinmu nazuk qelbimge
Chüshkinide kimning sholisi
Bolup ketti pare ming pare.

Élip keldim sheherge
Sehraning qum ériqliridin
Xamanchilar tomuz isiqta
Xaman tepkech éytqan qoshaqni.

Rujektiki set qeghezlerdek
Mushu addiy qoshaqlar bilen
Qoymaq boldum hayatni bézep.
Lékin yenila
Éshek minip yürgen chaghlardek
Tapalmidim shadliq eminlik.
Qaptu manga ghéribliq bilen
Balilarche meyüs temkinlik.

Pakliq goya güzel chüshümdur
Böshükümde qalghan untulup.
Bésip kirip rohimgha köz yash
Bulap ketti nurghun nersemni.
Shu azghina bichare külke
Bari yoq bisatim peqet.
Tiley dunya ming ret milyon ret
Tartiwalma unimu yene.

Tilimeymen sendin tebessum
Tilimeymen sendin ümid hem,
Éh tileymen, tileymen peqet,
Men chong bolghan böshükimnila.
Bir deqiqe yatay böshükte
Anam bolup bersengchu dunya!

Shola tartip dérizilerge
Kechki quyash patti sheherge.
Kim yasighan uzun upuq bu
Kimdin chüshken ümidwar saye?!

Gugum quyashi
Yürikimge patmaqta asta...

(1990–yil 3–ay)
*****************


(6) qushqachlargha egiship


Men bowamdek, bowam mendek künlerde
Qish bahardek, bahar qishtek pesilde,
Sen, men bolup, men sen bolup
Qaytip ketküm keldi kentimge
Qushqachlargha egiship.

Qushqachlargha egiship,
Tang seherde alma shéxida,
Alma güli purawatqan kakkuktek,
Qilghum keldi omaq tebessum.

Ériq – östeng etrapidiki,
Addiyghina yawa otlardek,
Qol tutushup shad – xuram,
Yürgüm keldi shamallar bilen.
Xiyal sürüp pak mesum.
Qushqachlargha egiship,
Tomuz issiqta.
Sanggilitip tilini,
Asta – asta su sümiriwatqan,
Bulaq boyidiki söyümlük ittek,
Turghum keldi bir huzurlinip.
Yoghan – yoghan qoghunni chüshep,
Chöneklerde uyqigha ketken.
Qoghun maysilirining pélekliridek,
Yatqum keldi uzun sozulup,

Qushqachlargha egiship
Ongghul – dongghul kent yolida,
Neshe bilen xush keyp bolup
Asta ghéngship kétiwatqan
Qimarwazning ayding kechtiki
Naxshisini tingshighim keldi
Ghunche boyluq térekler bilen.

Qushqachlargha egiship;
Tul chokanning hoyla témidin.
Kündikidek artilip chüshüp,
Quraq tekiyni jüplep pem bilen
Yultuzlar arisida uyqugha ketken,
Köndüzdiki möng yigitni
Körgüm keldi hayajan bilen
Ögzidiki uyatsiz aydek.

Qushqachlargha egiship
Pizh-pizh isiqta qosh heydewatqan
Changga saqal déhqanning,
Xese könglikige chapliship ketken
Meydisidiki qara terlerni
Qoyghum keldi yéqimliq siypap,
Yelpügüchlük salqin hawadek.

Qushqachlargha egiship:
Körgüm keldi u yerdiki
Rus qizining közliridek
Köpkök asmanni,
Körgüm keldi u yerdiki
Perilerning qanatliridek
Titrep turghan aq bulutlarni.
Körgüm keldi u yerdiki
Gül chékilgen badam doppidek,
Qizil gülge tolghan dalani.

Men bowamdek bowam mendek chaghlarda,
Qish bahardek, bahar qishtek pesilde.
Sen, men bolup, men sen bolup
Qaytip ketküm keldi kentimge.

★★★★★

(1990 – yili 4- ay)
********************


(7) piwixana


Piwixana
Oxshimaydu jennetke.
Ishikliri oxshap qalsimu
Oxshimaydu dériziliri.

Közler xata körmigen bolsa
Kir lönggini artiwilip boynigha
Chépip yürgen eshu saxta kütküchi
Bop baqmighan, bolalmaydu perishte.

Saqalliri quyashtek boway
Piwa ichip bir jam bir jamdin
Yashliqigha qaytar aldirmay.

Namazshamgül namazshamda échilar
Shu sewebtin meyxana bar kochilar
Gül köriner ghéribane bolsimu.

Küchlük piwa, oti yaman ayaldek
Shérin'ghine köydüridu yürekni.
Keltürülsun qapaq – qapaq piwilar.
Qapaqtiki
Piwa emes éhtimal.

Jawghiyidin sanggilighan nur
So'al belgisi bolup qaldi kimlerning?
Yatqinida yastuq qilip shireni
Ré'alliqqa yérim achqan közide
Güzel chüshler uyup qaldi kimlerning?

Yasap chiqar köz aldigha mest yigit
Tolghan, ap'aq yotilarni xiyalen.
Titrep turghan kölenggiler nur ara
Yasap chiqar mestke oxshash rast adem.
Yasap chiqar eng danishmen peylasop
Bext üchün ölümni jezmen,
Meyxanida tursa men bilen.

Piwaxumar nurghun ademler
Ichishidu yéshilishke mestliktin
Yaki icher mest bolmasliqqa qaytidin.

(1990 – yili 8 –ay)
*******************


(9) yamghurluq kéche


Yamghurluq tün ketse yiraqlap
Kirpikler sham aqar taramlap.
Yem bolimen közlerge tekrar
Birlirige holuqup qarap
Birlirini qilip ixtiyar.

Belkim
Menggü yépiq ishik tüwide
Kütkendimen bextimni shunche.
Shé'ir yézish üchün men lékin
Teqezzamen qayghu – hesretke.

Mende yürek bolghandin bashlap
Özümge özüm
Tewe bolup baqmidim bir kün.
Yashimidim séni depmu hem
Yashimaymen héchkishi üchün.
Igelligen bashqilar emma
Ongum emes chüshümni hetta.

Ötmüsh
Uz léwini yamghurluq kechte
Léwim taman kélidu sozup.
Keshtileymen xiyallirimgha
Nur tökülüp turghan bir lewni
(sim – sim yamghur ketkende tozup)
Tatirimen nur bolup ap'aq
Qaytqanda nur sunuq eynektin.
Söyelmeymen özümni shunga
Söyelmeymen séni bölektin.
Xiyallrim bolghiche boway
Söyelmeymen séni bölektin...
Yamghurluq tün kelse yéqinlap
Kirpikim sham aqar taramlap.
Yem bolimen közlerge tekrar
Kéche méni kétidu yalmap.

(1990 – yili 10 - ay)
**********************


(10) ghéribliq


Ghazanglar tökilemdu
Tökülgenmidu?
Derexler méningdek yalghuz qalamdu?
Hayatning men salghan chighir yolida
Men özüm mangmisam adem mangamdu?

Ömüchük toridek ghéribsinishni
Qarangghu öylerdek yalghuz qélishni
Ümidsiz shé'irdek yighlamsirashni
Ügün'gim yoq idi, yoq idi zadi.
Yep kétermu tamlar tosattin
Tawutqa aylinip qalarmu kariwat?
Jan kirip qalarmu bu resimlerge
Hemmisi düshminim köziter pat-pat.

Séghindim dost tügül düshminimnimu
Xosh bolup kétettim kim bolsa shu tap.
Körgüm bar
Közlerni, yüzlerni, issq qollarni
Yalghuzluq ezdi bu yürekni uzaq.

Körünüp turidu dérizemdin éh
Jul – jul tuman'gha yögen'gen gugum
Sediqe bermidi héchkim uninggha.

(1990 – yili 11 – ay)
*********************


(11) en'ene chembiriki


Aylinip chemberning töt etrapida
Özümni nishanlap mangghandek goya
Özümdin yiraqlap barimen asta.

Ataqliq ressam men azmastin haman
Chirayliq qushqachni sizmaqchi bolsam
Sizimen qepesni oxshutup bashta.
Özümni ipadilep salmasliq üchün
Mangimen éhtiyat qilip bek asta.
Bermestin qelbimge sözlesh pursiti
Sözleymen walaqlap xeq anglisun dep,
Sözleymen sözlinip bolghanni peqet
(xataliq ötküzmes bolghili ebed)
Kishiler méningdin sorisa rast gep
Eng güzel ishenchlik oydurma bilen
Hemmige yat bolup ketken yalghanni
Yéqimliq awazda sözleymen hedep.
Ademler shunga
Özige ishen'gendek ishinip manga
Közümge qolumgha, putumgha söyüp
Choqunar bes-beste xizirimiz dep.

Tonulghan ressam men
Qolumda oynaydu kürming boyaqlar
Chirayliq qushqachini sizmaqchi bolup
Sizimen qepesni da'im oxshutup.

Aylinip hayatning töt etrapida
Yenila kep qalduq eshu nuqtigha.

(1990 – yili 11 - ay)
*********************


(12) ömüchükning qebrisi


Kimning öyi bu
Pul we torus tutiship ketken?
Kim u nurdek qimirlawatqan?
Kim u menmu yaki ömüchük?
Kim qelbimge achmaqchi tünglük?

Ömüchük
Kétimiz bek uzaq pichirliship biz
Sen méning birdinbir dildash hemrayim.
Sübhi özining
Tal – tal rengdar yipliri bilen
Toqup chiqqandek tap perdisini
Azmastin tinmastin toquysen da'im.
Sen – yatliq bolmighan toqumchi qizsen,
Men séning amriqing söygen yigiting.

Chirmilip hésabsiz xiyal yipigha
Sha'ir u ün– tinsiz qoshaq toqughan
Toqiydu...Toqiydu almastin aram...
Sim-sim köz yashlirim chüshse tökülüp
Ömüchük yighlidi demdim ökünüp?

Torusqa qaraymen buzular könglüm
Némishqa xanem sogh munche ghériban?
Hey, némishqa men
Puxadin chiqqidek külelmisemmu
Puxadin chiqqudek yighliwalmaymen.

Sorisang méningdin nede qebristan
Éytimen bir küni ömüchük haman
Biridu jimmide öz torida jan.

(1990 – yili 12 –ay)
*********************


(13) öy


Bar bolghachqa dérize
Oxshimighan öyler qebrige.

Tonglap qalghan derexzar ara
Xilwet qargha pürkünüp kentim
Aq baytalgha oxshar jimghina.
Pakar öyler qingghir ishikler
Yiraqladin qilar tebessum
Kéliwatqan yat yoluchigha.
Tumshuqini sürkep aq qargha
Tam üstide mangar ay nuri
Chokamuzlar qalidu chaqnap.
Yighlighandek hawshiydu itlar
U yenila emes yéngiliq.
Penjiremge kömüsh tor tartip
Bezlimekchi bolar ömüchük
Bérelmeydu lékin illiqliq.
Yashlirimni sürtimen tinmay
Shé'irimni qol yaghliq qilip.

Men sehraning ghérib sha'iri
Ghérib ay we qelemdin bashqa
Tonimaydu héchkimmu méni.
Xiyalimgha salghan kepemge
Kep baqmidi téxi bir adem.
Kelmesliki mumkin ebediy
Belkim yalghuz méningdur alem.

Xiyalimning yiraq chétidin
Shola tartip kötüriler kün.
Beribirdur etimu yene
Beribirdur künler men üchün...

Men hujramning ghérib sha'iri.


(1990 – yili 12 –ay)
*********************


(26) muzikining süriti


Leylep chüshti altun reng awaz,
Shildirlaydu
Tamda
Bulaqlar . . .
Qaldi bir qiz niluper bolup,

Perizatlar chüshse munchigha,
Qoyup kéter xush puriqini
Qelbimizde qizlar yashaydu,
Körsetmiduq hichkimge uni.

Sheher birtal nur tamchisidur
Küz yamghuri toxtighan küni .
Ketti bir qiz niluper bolup,
Shildirlaydu tamda bulaqlar,
Ürümchi,
Men üchün eng yéqimliq
Muzika sen yer sharidiki.

*********************


(14) Qishtiki yol


Ghem – qayghugha oxshaydu tuman,
Leylep kéler chayqilip lerzan.
Érishelmey güzel ümidke,
Bolup qaldim cheksiz ghériban.

Qarlighachni, yerni morini,
Aq kéchini, rujekni, nurni.
Sizmaqta qar azmay bimalal,
Sizalmidim emma baharni,
Sizalmaymen némishqa séni.
Yéshil qushlar nege ketkendur?

Cheksiz qishta, qishta tximu
Jimghurliship qaldi xiyalim.
Érishkinim gacha bexttek,
Sözliyelmey yighlaydu da'im.
Qichqirimen kimdu birsini,
Öchiwatqan yultuzgha oxshash,
Asta – asta öcher awazim.

Men téxiche kétiwatimen,
Kimlikini bilmidim qishning
Kimlikingni bilmidim séning.

1991–yili 1-ay
******************


(15) Yopyoruq kariwattiki chüsh


Jimjitliqqa aylinay désem,
Qelbim toshup kéter awazgha.

Ghazanglardek pildirlap chüshüp,
Yene bir chüsh qondi kariwatqa.

Qanitini kérip béliqlar
Bir – birini qoghlighan péti
Uchup ketti tiniq sehragha.

Doppisigha padichi bala
Tuxum yighar qomushluq ara.
Tuman güli échilip qalghan
Téreklerning ching choqisida.

Qelimimning uchidin
Bir perizad chüshüp qeghezge
Qeghez bolup qaldi bir peste.

Qeyerdindur kelgen bir xiyal
Manga qarap hijiyip turar.
Yighlap saldim tosattin ünsiz
Külmek bolsam kérek éhtimal.

Yalingach nur kéler men sayan
Éh, shu qeder ghérib bujahan.
Men özümning tenhaliqidin
Mökün'gidek dalda tapalmay
Yélinimen sanga ey ayal.

Yiraq qush qanitidek
Yotisi bar ayallar...

Uchup yürer képinektek chüsh
Tatliq chüshning mestxushliqida
Mamuq tenler qondi kariwatqa.

1991–yili 4–ay.
******************


(16) Qeghez...Sheher


... Arisida namsiz boshluqning
Yürer leylep
Leylep shé'irdek.

Tiniq – tiniq xiyal nurliri
Tamchilaydu taghliq sheherge.
Yorup kéter asta, bir - birlep
... Shöpük...Tézek...Gül...Yétim bala
Yol aylinip qalar seherge.

Kalichini sörep bir boway
Ötüp ketti jimjit awazdek.

Porek – porek gülge aylinip
Üzüp chiqar qarangghuluqtin
Oychan éghir tamaka isi.

Nawayxana ashxanilar bar
Jul chapandek méhirlik kocham
Kimmu saqlap turghandu séni?

Sübhi hidi, neshe puriqi
Egim aydek ichilghan rujek
Yürer leylep
Leylep shé'irdek.

... Sheher ...
... Qeghez ...
... Tenhaliq ...

1991–yili 4–ay.
******************


(17) Kocha süpürgüchi


Bir ayal we quyruqluq yoltuz,
Bir süpürge we saman yoli.

1991–yili 5–ay.
******************


(18) Chirayliq yighlash


Waqit, dunya, qanatliq bir qiz
Uchup ketti qawaqxanigha.

Sunuq kasam sun'ghan senmu, men?
Sharap qéni, men ichtimu, sen?
Axsham bahar bolghan emesmu,
Kütküchi qiz chécheklimemsen?!
Naxsha marap turghan aghzimdin
Chüshüo qaldi yantu bir herp.
Maymaq dessep ketti orman'gha,
Chighir yollar bop qaptu keyp.
Néme boldi kölenggem sanga,
Turisen'ghu héjiyip manga?

Xumarliship qaptu yultuzlar,
Kéche uxlar mestxush mulayim.
Sen ésimge kélisen néchün;
Untup ketmek bolsam herda'im,
Men zadila yighlap baqmighan,
Éh, qandaqraq chiqar awazim?

Ay sholisi kelmekte asta...
Saq waqtimda baralmighachqa,
Men aldinggha keldim mest bolup.
Kechür, méni qedirdan eski,
Turalmidim aldingda dessep,
Derexlerdek qaldim leppenglep.

Ay sholisi kelmekte asta...
Sanga sowgha ép kélelmidim,
Éh, bu namrat könglümdin bashqa.
Bextimmu yoq sanga bergüdek,
Ép kelginim bir deste süküt.
Tilimeymen sendin bextimni,
Déyelmeymen bir ménila küt.

Témip chüshti yultuzning yéshi,
Bu axirqi kélishim méning,
Kechür méni söyümlük qizchaq
Ép kelgüdek sowgham bolmighach
Sowgha qildim sanga shapilaq.

Sen qeyerde ey puchuq kasam,
Yür, kéteyli qawaqxanigha.
Ikkimizmu sirdishalmaymiz,
Mestlikidin yéshilse dunya.
Yür, kéteyli qawaqxanigha.

1991–yili 5-ay
******************


(19) Sinip


Awazim bar tatarghan tamda.

Ömüchükning pachaqlirigha
Baghlap qoyghan awaq yéziqqa,
Qarap – qarap kettim xiyalgha.

U küni,
Kaléndar yoq idi dunyada.
Ghazang kebi mungluq bir külüp,
Qar üstide yatqan ashu iz
Egeshkenti keyningdin ey qiz.
Kiyik kebi ketting yiraqlap,
Qarap qaldim ünsiz – ümidsiz.
Nur yipliri tamar rojektin,
Témim – témim köz yashlirimdek.
Sha'ir bolup qaldim sen üchün,
Tenha ötmek boldum séni dep.

«men» söymigen özüm tüpeyli,
Héchkim méni söymise meyli,
Kel ghéribliq, qoyghin quchaqlap,
Kel éh ümid, söyüp qoy méni.
Külümsirer ömüchük tori...

1991–yili 5–ay.
******************


(20) Xatiremning küzdiki béti


Külüp turghan küz ghazangliri
Bek oxshaydu, oxshaydu manga.
Körsetmestin köz yashlirimni,
Yighliwalsam xilwet jaylarda.

Ghemkin'gine bir dérizidin,
Tamchilaydu ghéjek awazi.

Xiyalimgha pichirlighan köz,
Téliqqanda porekligen ün,

Titrewatqan ömüchük tori.
Ögiziside qistang öylerning
Yaltiraydu jimjitliq nuri.

Tökülmekte altun ghazanglar.

Qush melike ketti toy qilip,
Yaqa yurtning shahzadisige.
Bu yerlerde ghazangdek ümid
Teselliy bop qalidu bizge.
Bir – biridin parlaq ghazanglar
Tökilidu bash üstimizge.

Séliwitip ich kiyimini,
Goya xushbuy toy töshikide
Omaqqina yatar tebi'et.
Küz renggige kirdi sarghiyip,
Xatiremde qalmidi aq bet.

Xiyalimgha dessep bir qizdek
Kélip qaptu mungluq séntebir.
Deymen héchkim qalmisa körüp,
Qénip – qénip yighliwalsam bir!

1991 – yili 9 – ay.
******************


(21) Ümidlik bir kün


Yürikimni nurlandurmaqta,
Sen qedirdan barmaqliringda
Yiraq kechki küz orminigha
Kömüp qoyghan chirayliq qoyash.

Kichikkine ghéribliq bügün
Goya ajiz bir tal quruttek,
Deptirimde yürer ömilep.
Sözlimekte sepra mu'ellim,
Yingnaghuchtek yenggil xiyalim,
Uchup ketti dérizilerdin.

Malchi boway qanatlirigha
Baghlap qoyup qomush néyini,
Tash üstide kéter uyqigha,
Men sehraning ghemkin sha'iri,
Qelbim oxshar zil tarilargha.

Ghazanglarning güllikide men,
Tiptinich küz newliridin
Tingshaymen bir jimjit ümidni,
Yamghur qizning tiwishlirini,
Xiyallirimning qulaqliridin
Tarqap ketken awazdek séni.

Bügün éhtimal,
Birireridin xet kilip qalar,
Körgen chüshüp rastqa aylinar,
Men kochida uchratqan biri,
Birdin yiqin dostum bop chiqar.

Bügün
Söyiwatsam özü- özümni men,
Pisingngide küldi marilap,
Ishikimdin xumar köz dunya.
Kaléndarning bir tal wariqi
Gül bergidek töküldi asta.

1991 – yili 9 –ay.
******************


(22) Qeshqer waqti sa'et altide


Gep qilalmay bir bala,
Yighliwetti qarap yultuzgha.

Ay tughqan sheher
Cheksiz ketken chüsh boshluqidek
Yürginide uyqumda leylep,
Quyruqliri mepe étining
Misra kebi jimjit kochidin
Tang seherni ép keldi sörep.
(oyghanmighan u chaghda téxi,
Tizekler hem güller yoldiki)

Men parizhgha birip baqmighan,
Men marisqa chiqip baqmighan.

Bir sheherge bardim men,
Küz gülliri kömgen etrapni
Éqip turghan köz bulaqliri.
Perishtiler yashaydu bunda
Yultuzlardek eslep sükütte
Yüttüriwetken qanatliri.
Yighlisimu sim – sim yamghurlar,
Yighliyalmas ademler ünlük.
Chünki shundaq güzel chöchek bar,
Turghun yultuz bolup qalidu,
Ünlük yighlap salghan balilar...
Kökke baqsam bir misra yultuz,
Yerge baqsam ümidwar sha'ir
Ulugh kichik yüriydu tinip.

Qeshqer sa'et altide,
Yultuz boway kirdi chüshümge.

1991 – yili 10 – ay.
******************


(23) Piwa köpüki


Porek-porek jimjitliq
Leylep chiqti qedeh üstige.
Piltinglaydu xushxuy barmaqlar
Yüreksiman dügilek shirede.

Chirayliqsen köpüklük piwa,
Chirayliqsen meypurush moma.
Uchup ketmek boldi némishqa
Gül qétidek yumran ayallar?
Dunya néchün bunche yéqimliq,
Ketmekchidek qizgha aylinip?

Güller xushxuy piwa gülliri,
Képish kiygen put güli,
Nepis qol hem közlerning güli.
Qisiwalay chékemge bir dem,
Qisiwalay qolumda bir dem,
Puriwalay qénip – qénip hem.

Bügün, peqet bügünla shundaq,
Ghuzhmek – ghuzhmek yultuz gülide
Ayliniptu güllükke kéche.

Qanatsiman putliri bilen
Yénikkine dessep hawagha,
Shola chéchip qawaqxanigha
Kirip keldi xuda astila.

Shéshengni yap jinim adishim,
Éqip chiqip piwidek közler
Mest qilmisun közlirimizni.
Mest bop qalsa lewler tunji ret,
Axirqigha qoyayli atap,
Mest bolmighan sözlirimizni.
Shéshining aghzidin
Shola tartip chiqmaqta qoyash.
Top – top qushlar uchmaqta heryan.
Qistang poyiz kéler yiraqtin
Saqalliq chal satidu zayom
Naxsha éytar sheherde tuman.

Ghéribsinip jimghur derexler,
Tökilidu ghazanglar asta.
At yaylidek yelpünüp gügüm,
Kirip kéter kök shéshilerge.

Cheksiz ghéribliq
Leylep chiqti qedeh üstige.

1991–yil 10–ay.
******************


(24) Ayallar döliti


Nur chachidu erler shehrige
Munchidiki qizining yotisi

Qollurumda séning peyliring
Qowurghamda séning kölenggeng
Halqip ketting tepekkurumdin.

Men külmekchi bolsam hayatqa
Ésedeydu yürikim asta.
Ayallargha muhtajliqimdin
Ayallargha oxshaydu dunya.

Derexlirim, chighir yollirim
Derexlirim, aq qushqachlirim
Méni bundaq qoymanglar tenha.
Közlirimni yumiwalsammu
Ayal méngip yürer etrapta.

Mashinilar chaqnap ümiddek
Turishidu ret – riti bilen.
Kéter méni yalghuz qaldurup
Yol chiriqi yénish bilen teng.
Menisizlik
Hemrah boldi manga bek uzun.
Ölüp qalmay ghéribliqta dep
Méngiwerdim bir yolni tekrar.
Öyge kirip
Karwitimgha qarash bilen teng
Ghayib bolup ketti ayallar.

Ayal
Sen natonush yéraq pilant
Men bolimen alem kémisi.

Nur chachidu erler shehrige
Munchidiki qizning yotisi.

1991 – yili 10 –ay.
******************


(26) muzikining süriti


Leylep chüshti altun reng awaz,
Shildirlaydu
Tamda
Bulaqlar . . .
Qaldi bir qiz niluper bolup,

Perizatlar chüshse munchigha,
Qoyup kéter xush puriqini
Qelbimizde qizlar yashaydu,
Körsetmiduq hichkimge uni.

Sheher birtal nur tamchisidur
Küz yamghuri toxtighan küni .
Ketti bir qiz niluper bolup,
Shildirlaydu tamda bulaqlar,
Ürümchi,
Men üchün eng yéqimliq
Muzika sen yer sharidiki.

& & &

****************************
bashqa torbetlerge kochurup yollashqa bolmaydu
****************************


تولۇق ئوقۇش

«edebiyat nezeriyesi»din qisqiche bayan

Toluq Teksti



«edebiyat nezeriyesi» dégen kitabtin qisqiche bayan


Nursel uykun


Türkchidin uyghurchigha örigüchi: yüsüpjan yasin



********************************
«edebiyat nezeriyisi» dégen bu kitapni esli réné wéllik bilen ostén wérin yazghan. Bu eser künimizde edebiyat nezeriyisige da'ir eng nupozluq kitaplarning biri bolghachqa, uning türkche terjimisi türkiyide 1983-yili «edebiyat bilimining asasliri» dégen namda neshir qilin'ghan. Bu kitapning ömer faruq huyugüzel teripidin ishlen'gen yéngi terjimisi 1993- we 2002- yili «edebiyat nezeriyisi» dégen nam bilen neshir qilin'ghan.
Bu kitapning mezmunini tunushturush meqsitide « ‹edebiyat nezeriyisi» dégen kitaptin qisqiche bayan» dégen témida ilan qilin'ghan bu maqale türkiyining izmir shehridiki ege üniwérstitining edebiyat fakultéti türk tili we edebiyati bölümining oqughuchisi nursel uykun teripidin teyyarlan'ghan. Edebiyat tetqiqati mining xas kespiy sahem bolmisimu, lékin «edebiyat nezeriyisi» namliq kitapni körüp chiqqandin kéyin uni uyghurchigha jiddi terjime qilishning uyghur edebiyati üchün ishlinidighan nahayiti ehmiyetlik ishlardin biri ikenlikini his qildim. Shu seweplik, bu kitap heqqide biraz uchur birish meqsitide bu maqalini uyghurchigha örüp ilan qilishni layiq taptim.
- Terjimandin
********************************


Edebiyat we edebiy tehlil



Edebiyat bir xil ijadiyet we sen'ettur. Edebiyat tetqiqati bolsa bir xil bilim we öginishtur.
Bezi nezeriyichiler edebiy tehlilni ikkinchi bir xil ijadiyet, bashqiche ipade qilghanda, bir sen'et esirini qimmiti tüwen bir eserge aylandurush, dep qaraydu. Bezi nezeriyichiler bolsa edebiy eserlerni kitapxanlar peqet oqup zoq élip, özining qarashlirini bildürüsh bilen kupayilinidu dep qaraydu. Yene bezi nezeriyichiler tebi'et bilimliridiki «analiz qilish, xasliqtin omumiyliqqa ötüsh, omumiyliqtin qismen bir höküm chiqirish»qa oxshash usullarni qollinip edebiy eserlerni tetqiq qilish kérek, deydu.
Shundaq déyish mumkinki, bir eserni, bir yazghuchini we bir dewrni chüshinish üchün tehlil we tetqiqat élip barghan edebiy tenqid bilen edebiyat tariximu edebiyat nezeriyisi tayinidighan omumiy tereqqiyat nezeriyiliridin paydilinidu. Mundaq bir oxshitish bu chüshenchige uyghun kilidu. Edebiyat tarixi bir taghning étigi bolsa, edebiy tenqid shu taghning körünishi, edebiyat nezeriyisi bolsa uning choqisidur. Shu seweplik, edebiyat nezeriyisi yaki edebiy tehlil taghning choqisigha oxshash edebiy tenqidke we edebiyat tarixigha yuqiridin nezer salidu.


Edebiyatning xaraktiri


Edebiyat nime, dégen su'algha birmunche jawaplar birildi. Buning ichide mundaq ikki xil jawapni tilgha élishqa bolidu. Biri, ilan qilin'ghan her qandaq nerse edebiyat dep chüshendürilidu. Yene biri edebiy shekil we ipade jehettin diqqetni tartidighan chong eserler edebiyat dep chüshendürilidu.
Shuning bilen birlikte edebiy til, janliq til we bilim tili otturisidiki perqlernimu aydinglashturush zörür. Bilim tili matématika, mentiqige öxshash köpünche bir xil isharet sistémisi bolushqa mayil. Edebiy tilning özige xas ipadilesh alahidilikliri we tesir qilish da'irisi bar. Edebiy til tilning tarixiy qurulmisigha téximu chongqur baghlinidu. Edebiy til bilen janliq tilning perqini ayrimaq téximu qéyin. Janliq til bir xil shekildila bolmaydu. U bir munche netijilerge irishish, heriket we pozitsiyige tesir qilish meqsitide qollinilidu. Shé'ir tili janliq tilning menbelirini bir tertipke sélip, uninggha küchlük mena béghishlaydu.
Éstétik roli bolghan eserlerni edebiyat dep chüshinish kérek. Edebiyat sen'itide lérik shé'ir, dastan we tiyatir qatarliq türler merkizi orunda turidu. Bularda xiyaliy bir dunya bolidu. Eslide edebiyat bilen edebiyatqa a'it bolmighan eserler otturisidiki perq bolsa xiyal(tesewwur) küchi, xususiy ipadilesh shekli, tepekkur, éstétikidiki kenglik, da'irini éniq bikitish, menpettin xaliy bir zoq, orunlashturush qatarliq éstétikiliq uqumlarni sémantikiliq tehlil da'iriside ayrish qanuniyitidur. Bularning her biri edebiy eserning bir teripini chüshendürüp biridu.
Sen'et(edebiyat) esiri addila bir nerse emes. U köp tereplik menasi bolghan we munasiwetler arqiliq qatlamlashqan bir xususiyetning nahayiti murekkep bir oyushmisidur.


Edebiyatning wezipisi


Sen'etning wezipisi hem zoq birish hem paydiliq bolushtur. Edebiyatning heqiqiti edebiyattiki heqiqet dep atilidu. Bu sistémiliq we uqumluq bir shekilde mewjut bolghan, emma edebiyatqa uyghunlashturghili we edebiyat wasitisi bilen chüshendürgili bolidighan yaki edebiyat ichide mewjutluqqa irisheligen pelsepedur.
Edebiyatning wezipisi nime, dégen su'alning gherpte pilatondin bügün'ge qeder dawamliship kelgen uzun bir tarixi bar. Edebiyatning birinchi we asasiy wezipisi öz xaraktérige sadiq bolushtur.


Edebiyat nezeriyisi we edebiy tenqid


Sistémiliq bolghan we pütünlükke ige edebiy tehlillerni ipade qilish üchün eng köp qollinilidighan atalghular «edebiyatshunasliq we flologiye» dur. Edebiyat tetqiqatchisining öz esirini ipade qilish üchün flologiyining ornigha qollinidighan bashqa bir atalghusi «tetqiqat» sözidur.
Edebiyatning prinsipliri, katégoriyiliri we ölchemliri qatarliq mesililer heqqidiki tehlillerni edebiyat nezeriyisi dep atash, konkrétni sen'et eserliri tehlillirinimu ya edebiy tenqid ya edebiyat tarixi dep atash eng toghra yoldur.
Edebiy tenqid dégen uqum pütün edebiyat nezeriyisini öz ichige alidighan shekilde qollinilidu. Edebiyat tarixining bolsa özige xas shekil we ölchemlirining bolidighanliqi sözlinidu.
Sen'et esiri hem ölümsiz hem tarixiyliqqa ige bolidu. Bir sen'et esiri hem öz dewrining hem ashu dewrge uliship mangghan barliq dewrlerning qimmet ölchemlirige tayinishi kérek. Buni «yiraqtin közitish ilmi» dep atashqimu bolidu.
Edebiyat tarixchisining tenqid we nezeriyilerdin xali haldiki barliq qarashliri asassiz hem xata. Chünki, her bir sen'et esiri künimizdimu bar, uni biwasite tetqiq qilghili bolidu. U meyli bügün yézilghan bolsun, yaki ming yil burun yézilghan bolsun, uningda mu'eyyen sen'et mesililirining hel qilinish usuli körsitilgen bolidu. Edebiyat tarixchisi bir tarixchi bolush bilen birge hemmidin bekrek tetqidchi bolushi zörür.


Sélishturma edebiyat, omumiy edebiyat we milliy edebiyat


Sélishturma edebiyat atalghusi aldi bilen éghiz edebiyati tetqiqati, bolupmu xelq chöchekliridiki témilarning eserdin eserge köchüsh ehwalini we yene bularning yüksek we sen'etkarane edebiyatqa qandaq we qachan ötkenlikini tetqiq qilish meniside qollinilidu. Ikkinchi qedemde bu atalghu ikki yaki uningdin köprek edebiyat otturisidiki munasiwetni tetqiq qilish süpitidimu qollinildi. Netijide her xil edebiyatlar, bolupmu gherbiy yawropa edebiyati otturisidiki yéqin munasiwetni körsitip biridighan bir munche matériyallar toplinip, edebiyatlar ara alaqe témisidiki bilimlirimiz zor derijide ashti. Üchünchi qedemde sélishturma edebiyat atalghusi öz pütünliki ichidiki edebiyat tehlili, dunya edebiyati, omumiy we alemshumul edebiyat bilen oxshash menide qollinildi.
Kéyinki waqitlardimu omumiy edebiyat atalghusi sélishturma edebiyattin perqliq bir menide qollinilishqa bashlidi. Sélishturma edebiyat ikki yaki uningdin köprek edebiyat otturisidiki öz ara munasiwetni tetqiq qilsa, omumiy edebiyat milliy pasildin halqighan edebiy éqim we moda témilarni tetqiq qilidu.
Sélishturma edebiyatning destlepki tedbiqlighuchiliri bolsa edebiyatning menbesini, uning éghiz edebiyati jehette ipadiligen türlirini we qandaq tereqqiy qilghanliqini iptida'iy dastan, tiyatir we shé'irlarning yardimi bilen tetqiq qilghan folklorchilar we étnografiyechiler idi.
Milliy we alemshumul edebiyatlar bir birige ariliship ketken halette bolidu. Eslide sélishturma edebiyatning hel qilishi zörür bolghan nerse türlük milletlerning omumiy edebiyat tarixigha qoshqan ayrim - ayrim hessilirini éniq körsitip birishtur.


Matériyallarni retlesh we tehqiqlesh


Edebiyatshunasliqning aldinqi wezipiliridin biri matériyallarni toplash, dewrning ötishi bilen peyda bolghan weyranchiliqlarni tügitip, tékistning toghriliqini, aptorining kimlikini we qachan yézilghanliqini éniqlash qatarliq mesililerni tetqiq qilishtur.
Éghiz edebiyati sahesidiki matériyallarni retleshte bezi gheyri mesililer bar. Mesilen, sözlen'gen nersilerni ün'alghugha köchürüsh yaki transkripsiyun yéziqi bilen kopiyilesh usuligha oxshash. Yazma matériyallarni tépishqa tirishqanlarning bolsa aptorning mirasxorliri bilen shexsen tunushishi, izden'güchining shu muhittiki étibari, iqtisadi imkaniyiti we köpinche mexsus tekshürgüchilerge xas bir xil salahiyetke ige bolushigha oxshash tamamen emeliy mahiyettiki mesililermu uchrap turidu.
Toplan'ghan matériyallarni katologlashning téxnikiliq terepliri we bibli'ografik izahatlar kutupxanichilar we bibli'ografiyichiliktiki mutexesislerge qaldurilidu. Emma, bezide peqet bibli'ografik mahiyettiki melumatlarningmu edebiy tetqiqatlarda ehmiyiti we qimmiti bolidu. Destlepki qedemdiki retlesh we katologlash ishi tamamlan'ghandin kéyin neshir qilish basquchi bashlinidu. Neshir qilish hem izalap chüshendürüshni hem tarixi tetqiqatlarni öz ichige alghan intayin murekkep bir pa'aliyetler jeriyani hisaplinidu.
Tékistni tüzitishte eslige uyghun bolush, yeni belgilik sözler yaki parchilarni eng qedimki we eng yaxshi yazma nusxisidiki shekli boyiche élish usuli qollinilidu. Buning bilen birlikte til ölchimi, tarixiy shekil we muhim ehmiyetke ige bolghan psixologiyilik ölchem qatarliq tékistning toghra sheklining tépilishi üchün yardemchi rol oynaydighan bashqa qarashlar we ularning ölchem da'irisinimu nezerge élish kérek.
Tékist éniqlan'ghandin kéyin destlepki tetqiqatning xronologiyisi, tékistning toghriliqi, aptorning kimliki we közdin kechürüsh qatarliq mesililer heqqide bir xulase chiqirish zörür bolidu. Yézilghan waqti éniq xatérilenmigen yazmilarda bolsa xronologiyini éniqlash qiyin. Hetta buni hel qilishmu mumkin emes.
Tékistning toghriliqini we aptorning kimlikini éniqlash mesilisimu muhimdur. Edebiyat tarixida eserlerning heqiqy yaki saxta, diniy endishiler sewebidin qilin'ghan weyranchiliqlarning rast yaki yalghanliqini éniqlash mesilisi muhim rol oynaydu. Bu tetqiqatlarni chongqurlashturush üchün muhim bir amil hisaplinidu.
Shuni unutmasliq kérekki, bir eserning esli yézilghan waqtining éniqlan'ghanliqi bizni tenqid mesililiridin héchqachan xali qilmaydu.


Edebiy tehlilde tashqi közitish


Edebiy tehlilning eng omumlashqan we tereqqiy qilghan usuli köpinche edebiy eser meydan'gha chiqqan rayon, muhit we tashqi sewepler heqqide toxtilidu. Nahayiti éniqki, edebiyatni yalghuz birla sewepning netijisi qilip körsitish mumkin bolmighachqa, perqliq seweplerni asas qilidighan usullar arisida eserni omumiy muhitqa tayinip chüshendüridighan bir usul qobul qilinidu.


Edebiyat we bi'ografiye


Edebiy eserni uning ijadiyetchisi bolghan aptorning hayati we kishiliki bilen chüshendürüsh edebiy tehlilning eng qedimki we eng keng omumlashqan usulliridin birige aylan'ghan.
Bi'ografiyining meqsiti sha'ir yaki yazghuchi psixologiyisini tehlil qilish üchün matériyal hazirlash, dep tesewwur qilinidu. Bi'ografiye tarix yéziqchiliqining bir bir qismi süpitide körülidu. U höjjet, mektup, yazghuchi, meshhur kishilerning sözliri, xatériler we bi'ografiye bilen munasiwetlik eserni izahlap, uning toghriliq, ishenchilik derijisi heqqide we bashqa bezi mesililerde qarar chiqiridu.
Bi'ografik küzitish usuli emeliyette edebiy en'enining toghra shekilde chüshinilishini qéyinlashturidu. Bezide nahayiti addi psixologiyilik hadisilernimu nezerdin saqit qiliwitidu.
Qisqisi, bir sen'et esirini bi'ografiyige qarap chüshendürüsh we eserni bi'ografiye üchün qollinish nahayiti inchike bir tetqiqat we tekshürüshni telep qilidu. Bi'ografiye edebiyat tarixini, yeni edibni öz ichige alghan en'enini we uni shekillendürgen tesirlerni, menbe süpitide qollan'ghan matériyallarni aydinglashturidighan melumatlardur. Shundaqtimu tenqidte bi'ografiyige mexsus bir orun ajritish we ehmiyet birishmu xeterlik bir ehwalni peyda qilidu.


Edebiyat we p
isxologiye


Edebiyat psixologiyisi déyilgende tip we shexs süpitide aptor psixologiyisi, ijadiyet jeriyani, edebiy eserlerde körülgen psixologiyilik tiplar we qanuniyetler heqqidiki tehliller we oqurmenlerde peyda qilghan tesirler nezerde tutilidu.
Fré'udning aptor heqqidiki qarashliri anche muqim emes. Fré'ud bir tereptin aptorning yaratqan esiri arqiliq özini telwiliship kitishtin qutuldurghanliqini bildüridu, yene bir tereptin aptorni héchqandaq waqitta heqiqiy bir yaxshi charige yüzlenmeydighan jahil we nérwa kisilige duchar bir kishi süpitide tunitidu.
Fransuz psixologi ribot edebiyat sen'etchilirini tesewwur jehette ikki tipke ayridu. Buning biri, tesewwur küchining köpinche tashqi dunyani közitish, idrak qilish arqiliq his qilin'ghan we ochuq xitap qiliwatqan aptorning gewdilik alahidiliki bolghan «bedi'iy tesewwur küchi», yene biri bolsa özining hayajan we tuyghuliridin hasil bolghan we bularni özi yashawatqan muhittiki rohiy atmosfuraning zorlishi bilen birikken ahangdarliq we imaglar arqiliq ekis ettüridighan simwolizm sha'irliri we romantik eserler yazghuchisining tesewwur küchi hésaplan'ghan «yéyilghan tesewwur küchi»dur.
Rominiyilik alim l.Rusumu sen'etchilerni yéqimliq sen'etkar, anarxizm sheyténi we xetersiz sheytandin ibaret üch asasiy tipqa ayrighan.
Ijadiyet jeriyani heqqidiki modérnizmliq bir eserde qolgha élinidighan asasliq téma zéhinning ang we angdin xali merkezlirining ijadiyette öz ara oynighan rolidur. Angdin xaliyliqni yükseldürgen romantizmliq we ékspéryonstizmliq dewrlerni eqil bilen közitip tüzitish we chüshinishlik bolushqa ehmiyet bergen klassizm we ré'alizmliq dewrlerdin ayrish kérek.
Tiyatir we romanlardiki pérsunazhlargha psixologiyilik jehettin özimizge qanchilik mas kelgenlikige qarap baha birimiz. Psixologiyilik bilimlermu biz üchün bir xil matériyal hisaplinidu.
Qisqisi, psixologiye öz aldigha ijadiyet pa'alyitige teyyarliq köridighan bir halettur. Lékin, sen'et esiridiki psixologiyilik heqiqet bolsa sen'et esirining pütünlikini kücheytip uni murekkep bir haletke keltüridur. Bumu sen'et esirini téximu isil bir eserge aylanduridu.


Edebiyat we jem'iyet


Edebiyat ipadilesh wasitisi süpitide jem'iyetning yaratqan tilini qollinidighan bir ijtima'iy qurulush. Aptorning özimu jem'iyetning bir ezasi bolghachqa, jem'iyette belgilik urun tutidu. Aptor eserliride elbette öz turmushini we özining pütkül hayatliq chüshenchisinimu teswirleydu. Lékin, uning öz hayatining hemme teripini yaki belgilik bir dewrning pütkül hayatliq chüshenchisini bayan qilghanliqini, shuningdek, öz hayatining melum bir dewrini tamamen we kemtüksiz halda ipade qilghanliqini éytishmu anche toghra emes.
Aptorning kélip chiqishi, jem'iyettiki orni, ijtima'iy idé'ologiyisi biz tunji bolup uchritidighan mesile hésaplinidu. Uningdin kéyin ijtima'iy mezmun, edebiy eserlerning özidiki isharet we ijtima'iy meqset mesilisi otturigha chiqidu. Axirida edebiyat xitap qiliwatqan xelq we uning jem'iyette peyda qilighan tesiri mesilisi bilen uchrishimiz.
Her bir aptor jem'iyetning bir ezasi bolghachqa, uning bi'ografiyisi biz üchün asasiy menbe hésaplinidu. Shu seweplik, aptorning kélip chiqishi we iqtisadi ehwali qatarliq témilar heqqide bir munche melumatlar toplinidu.
Yalghuz jem'iyetning aptorgha tesir körsitidighanliqinila oylimasliq kérek, aptormu jem'iyetke tesir körsitidu. Edebiyat köpinche bir ijtima'iy höjjetke oxshash tetqiq qilinidu. Lékin, edebiyatni turmushning eynikidek we ijtima'iy höjjettek körüsh toghra emes.
Ijtima'iy(sotsyalist) edebiyat edebiyatning bir türi. Bö, edebiyat jem'iyet hayatining teqlidi yaki kopiyisi dep qaralghanda qobul qilinidu.


Edebiyat we pikir


Edebiyat bilen pikir otturisidiki munasiwet nahayiti köp xil shekillerde qolgha élinidu. Edebiyat bezide pelsepe sheklini élip pikir süpitide körülidu. Edebiyat tariximu tepekkur tarixi bilen parallil halda mangidu we uni ekis ettüridu. Pelsepe bilen edebiyat otturisida zich munasiwetning barliqidin söz échish qéyin. Chünki, pelsepe hem ijtima'iy munasiwetler, hemde ijtima'iy kélip chiqishi jehette perqliq bolghan bir qatlam teripidin tereqqiy qildurulidu. Pelsepe bilen edebiyat otturisidiki zich alaqidin söz achidighanlar bu xil qarashlirini edebiy eserlerdiki pikirlerning tehlilige, aptorning öz meqsiti bilen munasiwetlik sözlirige we dewrning éstétik prinsiplirige tayanduridu.
Biz üchün muhim bolghini edebiyatta pikirning qandaq ekis etkenliki we edebiy eserlerge pikirning qandaq ötkenlikidur. Bu su'allargha jawap birishke toghra kelse shundaq deymizki, pikir edebiy eserde xam matériyalgha oxshash dölinip turmaydu, u sen'et qurulmisi bilen birliship kitidu.


Edebiyat we bashqa sen'etler



Edebiyat bilen güzel sen'et otturisidiki munasiwet nahayiti köp xil we murekkep. Edebiyat tarixta bezide söz bilen yaritilghan bir resimge we muzikigha aylandurulush üchün tejiribe qilin'ghan.
Sen'et tarixi katégoriyilirini edebiyatqa köchürüsh heqqide tilgha élishqa erziydighan qarashlar wölflinning esiride otturigha qoyuldi. U rönésans bilen barok sen'iti otturisida strüktürél(1) asaslargha tayan'ghan bir perqning barliqini körsetken. Irishken netijilirini konkrétni sen'et eserlirining tehlilige tayinip otturigha qoyghan. U rönésanstin barokka ötüsh jeriyanda sen'ette rushen bir tereqqiyatning körülidighanliqini bildürmekchi bolghanidi.


Sen'et esirining mewjutluq shekli


Sen'et esiri eserge a'it pütkül ötmüsh we turmush tejiribisining toplimidur. Bir sen'et esirini téximu yaxshi tehlil qilish üchün sen'et esirining her birini uning tarmaq guruppilirini ipade qilidighan türlük qatlamlardin shekillen'gen bir sistéma süpitide tesewwur qilish kérek.
Sen'et esiri subyéktip köz qarashlardin peyda bolghan idé'al pikirlerdin shekillen'gen bir normlar sistémisidur. Sen'et esirining her xil qatlamlirini teswirleshte we tehllil qilishta shu xil usullar qollinilidu:
Awaz qatlimi: ahangdarliq, rétim, wezin.
Uslup tehlili.
Imag we oxshitishlar tehlili.
Xususiy sen'et eserlirige tedbiqlan'ghan tehlil usulliri.
Edebiy türlerning xaraktéri.
Edebiyattiki mukemmllik pikri.
Edebiyat tarixining xaraktéri we edebiyatning ichki tarixining mumkin bolush yaki bolmasliqi heqqidiki tetqiqatlar.


Ahangdarliq, ritim we wezin


Her qandaq bir edebiy eser bir xil menige ige bolghan tawushlar tizmisidur. Tawushning özige xas xususiyetliri bilen munasiwetlik bolghan alahidilikler köpinche birdeklik yaki ahangdarliqni shekillendüridu.
Tawush tekrarliqining tesiri her xil tillarda perqliq bolidu. Her bir tilda belgilik bir fonémalar sistémisi we buninggha uyghun kilidighan oxshash yaki zit tawushlar, bir birige yéqin üzük tawushlar bar. Bu xil tawush tesirini shé'ir yaki misraning omumiy awaz tonidin perqlendürgili bolidu.
Ritim peqet edebiyatqila xas emes. Yene tebi'etning, ishning, muzikining, hetta teswiriy sen'etningmu ritimi bolidu.
Wezin heqqide toxtalghanda wezin nezeriyisidin söz échish kérek. Birinchi, siziqliq wezin nezeriyisi. Bu rönésans dewrining el kitapliridin(2) élin'ghan bolup, sha'irning ri'aye qilghan qanuniyitini, oylighan wezin ölchemlirini we pilanini otturigha chiqirish üchün xizmet qilidu. Lékin, bu nezeriye tawush yaki ahanggha zadila diqqet qilmaydu. Ikkinchi, muzikiliq wezin nezeriyisi. Bu nezeriyige köre wezin muzikidiki ritimge oxshaydu. Bu nezeriyide nezmiy eserlerdiki sénkoronining(3)kishige qarap özgiridighanliqi we shé'irning xususiy bir shekilde chüshinilidighanliqi alahide tekitlinidu. Naxshilardek oqulidighan shé'irlarda bu nezeriye özining küchini qoghdiyalaydu, lékin janliq tilda we xitabet uslubida yézilghan shé'irlarda bolsa bu nezeriye ajiz haletke chüshüp qalidu. Üchinchi, akustik wezin nezeriyisi. Bu hazir köp qollinilmaqta. Bu nezeriye shé'ir oqighanda her türlük muhim heriketlerni qilishqa, hetta bezide apparat we tewrinishni ölcheydighan saymanlardin paydilinidighan obyéktip tetqiqatlargha tayinidu.
Bu wezin nezeriyiliri bilen birlikte menanimu mutleq nezerge élish kérek. Ahang we wezin menadin ayrim halda emes, eksiche sen'et esirining pütünlikige a'it terkipler süpitide tetqiq qilinidu.


Uslub we uslubshunasliq


Til edebiyat sen'etchisining matériyalidur. Shu seweplik, tehlil yürgüzüsh üchün til muhim. Bu xil muhimliq tebi'iyki sözlerning yaki jümlilerning menasi bilenla cheklinip qalmaydu. Chünki, edebiyat tilning her terepliri bilen munasiwetlik.
Uslubshunasliq eserliri omumiy tilshunasliqqa toghra asaslinishi kérek. Uslubshunasliq xas bir tesir yaritish meqsitide otturigha qoyulghan barliq ipadilesh wasitilirini tetqiq qilidu. Shunglashqa, u edebiyat, rétorika we söz sen'itidinmu keng saheni öz ichige alidu. Uslub tehlilliri bizni asanla mezmun meslilirige bashlaydu.


Imag, oxshitish, simwol we mif



Imag hem psixologiye hem edebiyat tetqiqati sahesige mensup bir uqum. Psixologiyide imag tuyghu we idraktin meydan'gha kelgen bir turmushning insan zihnide janlandurulushi we eslinishi dégenliktur. Imagning tesir küchi uning tuyghuning bir iznasi we simwoli bolushtek alahidilikidin shekillinidu. Imag shé'irde bir xil teswir yaki oxshitish süpitide körülidu.
Simwolmu imagqa oxshash melum bir edebiy éqimning nami. Matématika we logikidimu körülginidek, simwolning omumiy bir qollinish shekli bar. Edebiyatta bolsa bizni bashqa bir noqtigha bashlaydighan, lékin janlandurush we namayen qilish süpitide öz aldighimu diqqetni tartidighan bir xil ipadidur. Simwolda tekrarlinish we izchilliq alahidiliki bolidu. Imag hem janlandurush hem xas belge süpitide izchilliqqa irishelise andin bir simwolgha aylinidu.
Mif bolsa din, folklor, antropologiye, sotsiyalogiye, rohiy analiz we güzel sen'etni öz ichige alghan muhim bir mena sahesini ipade qilidu. Edebiyat nezeriyisi jehettin muhim bolghan terepliri bolsa mundaq körsitilidu, yeni uning mistik, ijtima'iy, imagliq, tebi'ettin halqighan, alemshümül we u dunyadiki hayat bilen munasiwetlik bolushtek alahidiliki bar. Keng menidin éytqanda, mif mewjutluqlarning iptidasini we teqdirini chüshenduridighan we anonim halda yaritilghan xelq hikayiliridur.
Oxshitish bizning chüshenchimizdiki töt asasi amil bolghan sélishturush, qosh tereplik közitish, perq étilmigen nersilerni ashkarilap qoyidighan sezgüdiki imag we janliq ekis ettürüshni körsitidu. Bu töt amil hichqachan oxshash ölchemde bolmaydu. Bu halet her qaysi milletlerde oxshimaydu we türlük dewrlerdimu özgirip turidu.
Meyli imag bolsun, yaki oxshitish bolsun, bularning hemmisi edebiy eserning pütünliki we إz ara baghlinishi ichidiki terkip süpitide tetqiq qilinishi kérek.


Hikaye qilishning xaraktéri we hikaye shekilliri



Roman heqqidiki edebiyat nezeriyisi we tenqidliri shé'irge sélishturghanda xélila arqida turidu. Buning sewebi shé'irning téximu qedimiylikke ige bolghanliqidur.
Hikaye bayan qiliniwatqanda insan peqet uning netijisigila emes, yene weqeliki we jeriyanlirighimu diqqet qilishi kérek. Bügün'ge qeder élip bérilghan roman tehlilliride omumen üch amil üstide söz échildi. Bular weqening qurulmisi, pirsunazh we xaraktér yaritish, orundin ibaret. Orun bezi yéngi nezeriyilerde muhit yaki ton depmu uchraydu.
Weqelerning qurulmisi téximu kichik weqeler qurulmisidin shekillinidu. Filyetun we mektup qatarliq edebiy türler téximu addi shekillerdin meydan'gha kilidu. Bir tiyatir yaki romanning weqeler qurulmisi türlük qurulmilardin hasil bolghan bir qurulushtur. Kompozitsiye yaki motif qurulmisi hikaye terkiplirini muhim qatargha qoyushni, bayan tereqqiyatini we ipadilesh wasitilirini, di'alog, teswir yaki biwasite hikaye qilish qatarliq köp xil orunlashturushni öz ichige alidu.
Edebiy eserlerde, bolupmu romanlarda pirsunazh yaritishtiki eng addi usul isim qoyush hisaplinidu. Pirsunazh yaritishning bir munche shekli bar. Heritketsiz(statik)pirsunazhlarmu yaritilghanidek, nahayiti janliq we özgirishchan pirsunazhlarmu bar.
Makan bolsa hemmidin bekrek bir dewr mesilisi süpitide tesewwur qilinidu. Makan muhittin ibarettur. Bolupmu öy ichidiki ishlar kinaye yaki oxshitish arqiliq bir xaraktérni nahayiti éniq échip biridighan nersiler süpitide körilidu. Tebi'et makan süpitide tallansa arzumu tebi'ette ekis étidu.
Hikaye bir mektup yaki kündilik xatére sheklide bayan qilindu, yaki romanning ichige kichik hikayilar orunlashturilidu. U birinji shexsning aghzidinmu sözlinidu. En'eniwiy shekil bolsa üchinji shexsning aghzidin bayan qilishtur. Hikayining oqurmenlerge qandaq sunilidighanliqi nahayiti diqqetni tartidighan bir mesilidur. Tiyatir esiride yaki romanda tékistning nezerge élinishi muhim urunda turidu.


Edebiy türler


17- 18- esirlerde edebiy türlerge ehmiyet birildi. Bu dewrdiki tenqidchiler türlerni mewjut bir hadise süpitide kördi. Türlerning her birining perqliq ikenlikini tekitleydighini né'oklassik qarash idi. Né'oklassik qarash türlerning sapliqi, muhimliq derijisi, izchilliqi we türlerning qoshumchisi qatarliq xususlar bilen meshghul boldi.
19- esirde bolsa téximu köp edebiy tür otturigha chiqti. Mesilen, tarixiy roman we siyasiy roman dégendek. Oqurmenler türkümimu köpeydi.
Modérnizm éqimi nezeriyisi bolsa teswirleshni asas qildi. Bu éqim en'eniwiy türlerning bir biri bilen qoshulup kitidighanliqini we tirakomidiyige oxshash yéngi bir türni meydan'gha keltüreleydighanliqini qobul qilidu.
Edebiy tür nezeriyisi bilen munasiwetlik bezi muhim mesililer tüwendikilerdur: buning biri iptida'iy türler(folklor, éghiz edebiyatigha a'it eserler)bilen yüksek edebiyatning her qaysi türlirining munasiwitige alaqidar bolsa , yene biri türlerning qandaq dawam qilidighanliqi heqqidiki mesilidin ibarettur. Bu su'allar bizni tür tarixining mezmuni mesilisige uchrashturidu. Edebiyat tarixini yazghanda, edebiy tenqid bilen meshghul bolghanda türler otturisidiki munasiwetler heqqide nahayiti muhim mesililerge duch kilimiz. Shu seweplik, edebiy türler heqqidiki tehlil we tetqiqatlarda nahayiti esta'idil we diqqetlik bolush kérek.


Baha birish


Tarixta edebiyatqa omumiy insanlar qiziqqan we ehmiyet bergen. Lékin edebiyatni, edebiy eserlerni bahalashta tenqidchiler özi muhim dep bilidighan hayatliq chüshenchisini asas qilip pikir berdi.
Edebiyatning xaraktéri, roli we uninggha birilgen baha öz'ara munasiwetlik bolidu. Shunga, edebiyatning xaraktérige uyghun baha birish zörür.
Edebiy eser éstétik hayatni oyghitish küchige ige éstétik bir nersidur. Biri sezgürlükke tayan'ghan, yene biri eqil we muhakimige tayan'ghan bir xil höküm qilish shekli bar. Edebiyatqa baha bergende buning her ikkisi oxshashla zörür.


Edebiyat tarixi


Edebiyat tarixining köp qismi ya millet tarixi, ya edebiyattiki tesirige asasen yézilghan tepekkur tarixi, yaki bolmisa melum edebiy eserler heqqidiki tesirat yaki bahalardin teshkil tapqan xronologiyilik eserlerdur.
Bir sen'et esiri özining tarixida özgermey qalmaydu. Qurulmisi özgermeydu, lékin oqurmenlerning, tenqidchilerning we kéyinki waqittiki sen'etchilerning eser heqqidiki chüshenchiside özgirish bolidu. Bu medeniyet en'eniside özükchilik bolmighan shara'itta dawam qiliwiridu. Bu jeriyanni teswirlesh edebiyat tarixchisining wezipiliridin biri hésaplinidu.
Ikki yaki uningdin köprek eserler otturisidiki munasiwetlerni tetqiq qilish edebiyat tarixining mukemmellishishide bizni bezi mesililerge yoluqturidu. Aptorning bir esirini yaki birmunche eserlirini eng mukemmel eser dep qarap, bashqa eserlirining mushu örnekke qaysi derijide yéqinlashqanliqini tehlil qilish mumkin...
Edebiy türlerning we tiplarning tariximu bizning aldimizgha birmunche mesililerni tashlaydu. Lékin, bularnimu hel qilish usuli bar. Mesilen, edebiy türning bir sxémisini tépip chiqish üchün shu türning tarixini tetqiq qilghan'gha oxshash. Bu xil mesililer bir dewrning yaki bir éqimning tarixini yazghandimu körülidu. Hetta edebiyat tarixi siyasiy özgirishlerge asasen dewrlergimu bölinidu.
Edebiyat tarixi peqet zörür ehwalda özgiridighan bir xil qimmet sistémisigha tayinip yézilidu. Bu qimmet sistémisi tarixning özidin chiqirilishi kérek. Milliy edebiyat tarixini toluq halda yézip chiqish mesilisi téximu qiyin. Chünki, bu nahayiti keng da'irilik bir tetqiqatni telep qilidu.

Izahat:
(1) qurulmigha munasiwetlik dégen menide- t.
(2) her kimning asanla paydilinishi üchün her qandaq bir témida, emeliy meqsette teyyarlan'ghan kitap- t.
(3) melum bir basquchta körülgen tilshunasliq hadislirining alahidiliki- t.


★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★
torgha teyyarlighuchi: ilkan
★★★★★★★★★★★★★★★★★★★★

تولۇق ئوقۇش