2009年5月5日星期二

Pantürkizimliq medeniyet üstide tehlil(2)



پانتۈركىزملىك مەدەنىيەت ئۈستىدە تەھلىل(2)


ئىككىنچى باب:
پان تۈركىزم ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت قارىشى ئۈستىدە تەتقىقات


ۋاڭ مىڭيې(شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى)


بىرىنچى بۆلۈم:
ماركىسىزمنىڭ «پان» ئىدىيىۋى ئېقىمىغا بولغان تەنقىدى


(1) ئېنگېلس، ستالىننىڭ تەنقىدى
«پان» ئىدىيۋى ئېقىمى كاپىتالىزم بارلىققا كەلگەندىن كېيىن پەيدا بولغان. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بارلىق «پان» ئىدىيىۋى ئېقىملىرىنىڭ ھەممىسى مىللەتچىلىك ھەرىكىتىدۇر. بۇ مىللەتچىىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەتتە مەدەنىيەت مىللەتچىلىكى ھەرىكىتىدىن باشلانغان بولۇپ، كېيىن سىياسىي ساھەگە كېڭىيىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ سىياسىي بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئاخىرقى نىشان قىلغان. ياۋروپادا يېقىنقى زاماندا بارلىققا كەلگەن پان گېرمانىزم ۋە پان سلاۋىزممۇ مۇشۇ يولنى بويلاپ تەرەققىي قىلغان. ئومۇمەن ئېيتقاندا، «پان» ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدىكى بارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان. ماركسىزمنىڭ كلاسسىك ئاپتۇرلىرى «پان» ئىدىيىۋى ئېقىمىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرنى ئۆتكۈر تەنقىد قىلغان بولۇپ، بۇ نوقتا ئېنگېلسنىڭ پان سلاۋىزمنى تەنقىد قىلىشىدا ئەڭ روشەن ئىپادىلىنىدۇ.
بىرىنچى، ئېنگېلس بۇ ھەرىكەت تارىخ ئېقىمى بىلەن قارىمۇ-قارشى دەپ قارىغان.
ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەنىدى: «پان سلاۋىزم بىر تۈرلۈك مىللىي مۇستەقىللىقنىلا قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئەمەس، ئۇ بىر تۈرلۈك مىڭ يىلدىن بېرى تارىخ تەرىپىدىن يارىتىلغان ھەممە نەرسىلەرنى يوققا چىقىرىدىغان ھەرىكەت؛ پەقەت تۈركىيە، ھۇنگىرىيە ۋە يېرىم گېرمانىيىنى ياۋروپا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى ئۆزىنىڭ مەقسىتى قىلغان، بۇ مەقسەتكە يەتكەندىن كېيىن، ياۋروپانى بويسۇندۇرۇش ئارقىلىقلار، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەرىكەت.»①
ئىككىنچى، ئېنگېلس پان سلاۋىزمچىلارنىڭ ھەر قايسى سىلاۋىيان مىللەتلىىنى ئازاد قىلىش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش تەلىىنى ئەكسىيەتچىل دەپ قارىغان. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەنىدى: «پان سلاۋىزمنىڭ ئەسىدىنلا مەۋجۇت بولمىغان سلاۋيان مىللەتلىرىنى ساختا نىقاپ قىلىپ تۇرۇپ، دۇنياغا خوجا بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئالدامچىلىق پىلانى بىزگە ۋە رۇسىيە خەلقىگە نىسبەتەن ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەندۇر.»②
ستالىن ئېنگېلسنىڭ تارىخ قارىشى بىلەن پان تۈركىزمنى كەسكىن تەنقىد قىلغان.
ئۇنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى تۈركىي تىللىق كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ خاتالىقى ئاساسلىقى ئىككى تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:
‹1› ئۇلار مىللىي مەنپەئەتنى سىنىپىي مەنپەئەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، «مىللىي ئالاھىدىلىكنىڭ پارتىيە خىزمىتىدىكى ئەھمىيىتىنى دائىم كۆككە كۆتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ سىنىپىي مەنپەئىتى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ ياكى مەلۇم بىر مىللەت ئەمگەكچىسىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ ‹ئومۇمىي›مەنپەئىتىنى ئاددىي ھالدا ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ... بۇ خىل ئەھۋالمۇ ئۇلارنى كوممۇنىزمدىن يىراقلاشتۇرۇپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ دېمۇكراتىك مىللەتچىلىكىگە مايىل قىلىپ قويىدۇ. بۇ خىل مىللەتچىلىك بەزىدە چوڭ ئىسلامىزم ۋە چوڭ تۈركىزم شەكىللىرىگە ئىگە بولغان بولىدۇ (شەرقتە).»③
‹2› يەرلىك مىللەتچىلىك مىللىي مەسىلىنى ئىشچىلار ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش مەسىلىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىنىپىي زىددىيەتنى يوققا چىقىرىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنىڭ ماھىيىتى «ئۆز ئالدىغا بۆلۈنۈپ چىقىشقا ھەمدە مىللىتىنىڭ تار دائىردىكى بېكىنمىچىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىنپىي زىددىيەتنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت... يەرلىك مىللەتچىلىك خاھىشى ئۆتمۈشتىكى ئېزىلگەن مىللەتلەر ئىچىدىكى ھالاكەتكە يۈزلەنگەن سىنىپلارنىڭ پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا بولغان نارازلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئۆزىنىڭ بۇرژۇئازىيە مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ھەمدە ئۆزىنىڭ سىنىپىي ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەش غەرىزىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.»④

(2) سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمىلرىنىڭ تەنقىدى
پان تۈركىزم ۋە پان ئىسلامىزمنىڭ ئېغىز-بۇرۇن يالىشىشىنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاستە تەھدىتى، ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسىيسىدىكى رېئاللىق ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، ستالىن پان تۈركىزم بىلەن پان ئىسلامىزمنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەن ھالدا كەسكىن تەنقىد قىلغان ھەمدە مەركەزلىك ھالدا سىياسىي قاتلامدىكىلەرگە زەربە بېرىپ، توسالغۇلارنى ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلغان. ستالىننىڭ بۇ توغرىدىكى ئاساسىي كۆز قاراشلىرى ۋە ئۇسۇلى تەبىئىيلا سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەسىلىنى تەھلىل قىلىشى ۋە تەتقىق قىلىشىدىكى قىبلىنامىسى بولۇپ قالغان.
ئا. ئارشارۇنى (1896~1985) ۋە خ گابىدۇلىن (1897~1940) يازغان «رۇسىيىدىكى پانئىسلامىزم ۋە پانتۈركىزم ھەققىدە قىسقىچە بايان» دېگەن ئەسەر بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىككىلا ئاپتۇر قىزىل پروفېسسورلار ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ۋە مەزكۇر ئىنىستىتۇتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ، ئەسەرلىرى ئىنتايىن كۆپ ئىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە گابىدۇلىن يەنە رۇسىيە فېدېراتسىيە سوۋېتى خەلق كومىسسارىيىتىنىڭ ھەيئىتى، پۈتۈن رۇسىيە مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ كاندىدات ھەيئىتى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
پۈتۈن كىتاب بەش بابقا بۆلۈنگەن:
(1) رۇسىيىدىكى پان ئىسلامىزم؛
(2) دۆلەت پارلامېنتىدىكى مۇسۇلمان مەزھەپلەرنىڭ پائالىيىتى؛
(3) فېۋرال ئىنقىلابى ۋە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى؛
(4) سۇلتان غالىيېف مەزھىپى؛
(5) تۈرك ئىدىيە سېستىمىسىنىڭ كرىزىسى. بۇ رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى پان تۈركىزم.
دىمەك، بۇ ئەسەر- پان ئىسلامىزمنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلغان مەخسۇس ئەسەر ئىدى.

بۇ ئاپتۇرلارنىڭ قارىشىچە، كونا رۇسىيىدە پان تۈركىزم روشەن سىنىپىي خاراكتېرگە ئىگە بولغان. ئۆزىنىڭ سىنىپىي مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مۇسۇلمان ئەگەكچىلىرىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار رۇسىيىدىكى بۇرژۇئازىيە، چار پادىشاھ ۋە ئەكسىيەتچىل مۇسۇلمان دىنىي يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرگەن، لېكىن سوتسىيالىزم شارائىتىدا، ئۇلار مۇقەررەر ھالدا بۇرژۇئازىيە ۋە جاھانگىرلارنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇشتىكى قولچۇمىقىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، «ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى پرولېتارىيات دىكتاتورسى بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان ھەرخىل تۈرك-تاتار ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلىرىنىڭ بىرلەشمىسى مەيدانغا كېلىپلا قالماي، بەلكى يەنە رۇسىيە بىلەن مىللىي ئەكسىلئىنقىلاب ئوتتۇرىسىدىمۇ پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسى بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىتتىپاق قۇرۇلغان.»⑤
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن سۇلتان غاليېف مەزھىپى ئۈستىدە توختالغاندا، بۇ ئاپتۇرلار مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئۇلار تەرغىب قىلغان پان تۇرانىزم بىلەن پان تۈركىزم ئۆزئارا يىلتىزداش بولۇپ، مەقسىتى ئاتالمىش تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان ئۇلۇغ تۇران دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش، ئۇنىڭ ماھىيىتى «بارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈرك-تاتار ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئاممىسىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان مۇستەقىل ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.»⑥ شۇ سەۋەبتىن، پان تۇرانىزم سوۋېت ھاكىمىيىتىگە، ئىنقىلابقا قارشى تۇرىدىغان بۇرژۇئا مىللەتچىلىكىدۇر، ئۇلار ئېغىزىدا پرولېتارىيات دىكتاتۇرسىنى ھىمايە قىلسىمۇ، ئەمما بۇ پەقەتلا ئۇلارنىڭ بىر تۈرلۈك تاكتىكىسى. ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى «مىللەت ۋە قەبىلە ئايرىمىچىلىقى بولمىغان ئىسلام دۇنياسىلا يىمىرىلمەس بىرلىكتۇر»⑦ دېگەندىن ئىبارەت. بۇ پان ئىسلامىزم بىلەن پان تۈركىزمنىڭ ئالىقاچان بىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. غالىيېف مەزھىپى پۈتۈنلەي پان ئىسلامىزمنىڭ ئىدىيە سىستېمىسىنى قوبۇل قىلغان.

(3) ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ تەنقىدى

20-ئەسىرنىڭ 80~90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بىر مەھەل جىمىققان پان تۈركىزم يەنە باش كۆتۈرۈپ چىقتى. تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى پان تۈركىزمچىلار ھەممىلا جايدا داۋراڭ سېلىپ يۈردى. ئۇلارنىڭ داۋراڭلىرىدىن تۈركلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈمىدىنى، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنى پارچىلاش غەزىنى، كومپارتىيىگە، سوتسىيالىزمغا قارشى تۇرۇش ساداسىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئالىملىرى قەھىرلىك ئەلپازدىكى پان تۈركىزم ئىدىيۋى ئېقىمى ۋە بۆلگۈنچى كۈچلەرگە ناھايىتى ئۈنۈملۈك قايتۇرما زەربە بەردى. ئۇنىڭ ئىچىدە ليۇ بىڭ قاتارلىقلار يېقىنقى يىللاردا يازغان «مەدەنىيەت پان تۈركىزمى تەتقىقاتى» دېگەن ئەسەر مەدەنىيەت پان تۈركىزمىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنىڭ يېڭى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
لىيۇ بىڭنىڭ قارىشىچە، مەدەنىيەت پان تۈركىزمى مەدەنىيەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە مەيلى كېيىن ياكى بۇرۇن بولسۇن، سىياسىي پان تۈركىزمگە تەرەققىي قىلىدۇ، سىياسىي پان تۈركىزم مەدەنىيەت پان تۈركىزمى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەدەنىيەت پان تۈركىزمنىڭ ماكانى ۋە قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىدىغان بازىسى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئېنىق ھالدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت خاراكتېردىكى ‹پان تۈركىزم› ئىدىيۋى ئېقىمىنى يوقىتىش سىياسىي خاراكتېردىكى ‹پان تۈركىزم› ئىدىيىۋى ئېقىمىنى يوقىتىشقا قارىغاندا تېخىمۇ قىيىن. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، مەدەنىيەت خاراكتېرىدىكى ‹پان تۈركىزم› ئىدىيىۋى ئېقىمى ھەمىشە ئىرقچىلىق نەزەرىيىسىنى ئاساس قىلىپ، مەدەنىيەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، كۆپلىگەن مىللەتلەر ۋە كەڭ رايونلارنى ئۆز دائىرسىگە چېتىۋالىدۇ، يەنە دائىم مىللىي ئاڭ، ھېسىيات ۋە مىللىي مەدەنىيەت، تىل، شۇنداقلا تارىخ بىلەن چىرمىشىپ كېتىدۇ. بەزىدە پەرقلەندۈرگىلىمۇ بولمايدۇ.»
مەدەنىيەت پان تۈركىزمى ئىدىيىۋى ئېقىمى مۇستەھكەملىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئەكسىيەتچىللىككە ئىگە.
ليۇبىڭنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ ئەكسىيەتچىللىكى ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتە ئىپادىلىندىكەن:
‹1› چۈشەنچىسى مۇرەككەپ، بىمەنە، ئىنتايىن قالايمىقان.
‹2› تارىخنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ، بورمىلاپ ئۆزگەرتىۋېتىدۇ ۋە خالىغانچە ئىزاھلايدۇ.
‹3› «زوراۋانلىق سىياسىتى»نى تەشۋىق قىلىپ، قوراللىق بويسۇندۇرۇشنى كۆككە كۆتۈرۈپ، «غازات»نى تەرغىب قىلىپ، بۆلگۈنچىلىكنى قۇترىتىدۇ.
(4) «تۈركلەر»نىڭ «تارىخ-مەدەنىيەت ئورتاقلىقى»نى تەرغىب قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ «تارىخىيلىقى، سىنىپىيلىكىنى ئىنكار قىلىپ، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا ئىپادىلەنگەن بەلگىلىك ئىجتىمائىي خاراكتېرى، سىنىپى خاراكتېرى ۋە ئىدېئولوگىيە خاراكتېرىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ».
(5) «تۈركىستان»دىن ئىبارەت جۇغراپىيىلىك ئورنىنى ئېنىق بەلگىلىگىلى بولمايدىغان بۇ ئۇقۇمنى خالىغانچە ئىزاھلايدۇ.
ليۇبىڭنىڭ قارىشىچە، نۇرغۇنلىغان تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا مەلۇم كونكرېت مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى جەھەتتە ئورتاقلىق ئىپادىلەنسىمۇ، ئەمما بۇ خىل «ئورتاقلىق تارىخنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇ ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس. تارىخي شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئوخشاش بولمىغان يېڭى مۇھىت ئىچىدە تۇرىۋاتقان ئەسلىدىكى مىللەتلەرنىڭ مەلۇم كونا مەدەنىيەت ئورتاقلىقى پەيدىنپەي ئازىيىپ ۋە ئاجىزلىشىپ، ئوخشاش بىر يېڭى مۇھىت ئىچىدە تۇرىۋاتقان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى تەدرىجىي يېڭى ئورتاقلىق ۋە خاسلىقنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.»⑧
مەدەنىيەت پان تۈركىزمچىلىرى ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى ھەمدە پەرقىنى سۇسلاشتۇرۇپ، «ئورتاقلىقنى» تەكىتلەپ ۋە مۇبالىغە قىلىپ، زامان، ماكان، سىنىپ، ئىدېئولوگىيىدىن ھالقىغان ئاتالمىش «ئورتاق مەدەنىيەت»نى تەرغىب قىلىدۇ، بۇ تارىخ ۋە رېئاللىق بىلەن ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا، ھازىر ئادەتتىكى مەنىدە قوللىنىلىۋاتقان «تۈركىي تىل» ئۇقۇمى پەقەتلا تىللارنى تۈرگە ئايرىش ئىلمىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلىغا مەنسۇپ ئۇقۇم بولۇپ، «ئۇ ھەرقانداق بىر تۈركىي تىللىق مىللەتنىڭ كونكرېت تىلىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەر تىلىنىڭ بىرلىككە كەلگەن قېلىپلاشقان شەكلىمۇ ئەمەس.»⑨ بىرلىككە كەلگەن «تۈركىي تىل» بولمىغانىكەن، ئۇنداق «بىرلىككە كەلگەن تۈركىي مەدەنىيەت» تەلىماتىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشىمۇ ناھايىتى تەس.


ئىككىنچى بۆلۈم:
غەرب ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتى

ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردىكى تۈركولوگلارنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى ۋە تەتقىقات مەقسىتى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، «تۈركولوگىيە»گە بىرلىككە كەلگەن ئورتاق تەبىر بېرىش ناھايىتى قىيىن.
«تۈركولوگىيە» تەرەققىياتىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ھالىتىگە ئاساسەن، ئۇنى چوڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ:
1. تىل تۈركولوگىيىسى ياكى تۈركىي تىلشۇناسلىقى. بۇ «تۈركولوگىيە»تەتقىقاتىدا ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە رايونلاردىكى ئالىملارنىڭ ئورتاقلىقى ئەڭ كۆپ بىر تەرەپ ھەم ئالىملار ئەڭ قىزىقىدىغان ۋە ئەڭ كەڭ تەتقىق قىلىنغان بىر ساھە. تۈركىي تىلشۇناسلىقى قەدىمكى تۈرك تىلى، تۈركىي تىللىق ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، تۈركىي تىللىق ھەرقايسى مىللەتلەر تىلىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى، تۈركىي تىل ۋە ئۇنىڭغا يېقىن ھەر قايسى مىللەتلەر تىلىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خېلى كۆپ ئالىملار ساپ ئىلمىي قىزىقىش بىلەن تۈركىي تىللارنى تەتقىق قىلغان، بىر قىسىملارنىڭ تەتقىقاتى ناھايىتى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆپ ھاللاردا پان تۈركىزم تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلدى.
2. تارىخ تۈركولوگىيىسى ياكى تۈركىي تارىخشۇناسلىقى. تىل تۈركولوگىيىسى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدىغىنى شۇكى، تۈرك تارىخى تەتقىقاتىدا ئىختىلاپلار ناھايىتى زور، بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى تەتقىقاتچىلار مەقسىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدا. توغرا قاراشتىكى ئالىملارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىشى ۋە تىرىشچانلىقى، تۈرك تارىخى تەتقىقاتىدا زور تۆھپە يارىتىپ، نۇرغۇن تارىخىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ئەمما، يەنە بىر تۈرلۈك تەتقىقاتچىلارنىڭ مەقسىتى ئىلمىي تەتقىقاتتا ئەمەس، ئۇلارنىڭ تۈرك تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى مەقسىتى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەشەببۇسىنى ئىدىيىۋى قورال بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. كۆپتۈرۈش، زورلاش، پەرەز قىلىش، ئويدۇرۇپ چىقىرىش، سەۋەب كۆرسىتىش، قارىسىغا ھۆكۈم چىقىرىش، بورمىلاش، تۆھمەت قىلىش ئۇلارنىڭ تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسىي ۋاسىتىسى بولدى. ئۇلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا، ھېچقانداق چېتىشلىقى يوق مىللەتلەر «تۈركلەر»نىڭ ئەجدادى بولۇپ قالغان، باشقا مىللەتلەرنىڭ دۆلىتى «تۈركلەر»نىڭ دۆلىتى بولۇپ قالغان، «تۈركلەر»نىڭ تارىخى 6000يىل، ھەتتا 10مىڭ يىلدىن ئېشىپ كەتكەن، ۋەھاكازالار.
3. ئۆرپ-ئادەت تۈركولوگىيىسى ياكى تۈركىي ئۆرپ-ئادەت ئىلمى. ئۆرپ-ئادەت تۈركولوگىيىسىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات مەزمۇنى ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەر ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئۆرپ-ئادىتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا سىڭىشىشتىن ئىبارەت. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەت ئاساسلىقى كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش-تۇرۇش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار بىلەن ئالاقىدار بولغان پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بەزىلەر تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەر بىلەن ھەرخىل ئوخشاش بولمىغان مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر ئىچىدىن ئورتاقلىق ئىزدەپ ھەمدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇنى كۆپتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىغان پەرقلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسلىككە سالىدۇ ھەم ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ خىل مەيدانى بىلەن پان تۈركىزمنى يېتەكلەپ ماڭىدۇ.
4. ئارخېئولوگىيلىك تۈركولوگىيە ياكى تۈركىي ئارخېئولوگىيە. بۇ ساھەنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئارخېئولوگىيىلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تۈركلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى، قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشىتىن ئىبارەت. تۈركىي ئارخېئولوگىيىدە ئىلمىي ھەم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان ئالىملارمۇ ئاز ئەمەس، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يەر ئاستىدىن پانتۈركىزىمنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدىغان قورال ئىزدەيدىغان ئامىللارمۇ بار.
1970- يىلى 6-ئايدىن9-ئايغىچە، «قازاق ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى ئالما-ئاتادىن «ئالتۇن كىيىملىك ئادەم»نىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقى ھەققىدە ئىككى قېتىم خەۋەر ئېلان قىلىپ، بۇ«ئالتۇن كىيىملىك ئادەم» مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 5~4- ئەسىرلەردىكى «تۈرك شاھزادىسى» دەپ قارىدى . بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىش بىلەنلا، تۈركىيدىكى پانتۈركزىمچىلار ئىنتايىن روھلىنىپ، بۇ توغۇرلۇق ئارقا-ئارقىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ بايقاشنىڭ «25 ئەسىر ئىلگىرىلا تۈركلەرنىڭ مەدىنىي جەمىئەتكە قەدەم قويغانلىقىنى ئىسپاتلاشتا ئىنتايىن مۇھىملىقى»نى تەكىتلىدى. خەلقئارادىكى پانتۈركىزىمچىلارمۇ بۇنىڭغا قىزغىن ئىنكاس قايتۇردى. ئەمما بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ئارخېىئولوگىيە ۋە ئانتىروپولوگىيە تەتقىقاتىدا بۇ «ئالتۇن كىيىملىك ئادەم»نىڭ ساكلارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن⑩. پانتۇركىزىمچىلارنىڭ خوشاللىقى يوققا چىقتى. بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ پۇتۇن زىھنىنى ئىشقا سېلىپ، «تۈرك مەدىنىيتىنى مەدىھلەش»كە باش قاتۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەردى.

غەرىپتە پان تۈركىزىم تەتقىقاتىغا ئائىت ئەسەرلەر ناھايىتى كۆپ بۇنىڭ ئىچىدە ئىسرائىلىيە ئالىمى ياكوب. م. لاندور بىلەن پارىژ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرىي باشلىقى ئالېكساندېر بېنسىننىڭ تەتقىقاتى بىر قەدەر ۋەكىللىك خارەكتېرگە ئىگە.
لاندورنىڭ «تۈركىينىڭ پان تۈركىزىمى-مىللىي بىرلىكچىلىك تەتقىقاتى» دېگەن ئەسىرى 1981-يىلى لوندوندا نەشىر قىلىنغان.
پۈتۈن كىتاپ يەتتە قىسىمغا بۆلۈنگەن:
(1) كىرىش سۆز؛
(2) چىگرا سىرتىدىكى تۈركلەر؛
(3) ئوسمانلى ئىمپىريىسى مەزگىلىدىكى پان تۈركىزىم: كېلىپ چىقىشى ۋە گۈللىنىش باسقۇچى؛
(4) تۈركىيە جۇمھۇرىيتى مەزگىلىدىكى پان تۈركىزىم: يۇشۇرنۇپ يېتىش باسقۇچى؛
(5) تۇركىيە جۇمھىرىيىتى مەزگىلىدىكى پان تۈركىزم: قايتىدىن گۈللىنىش باسقۇچى؛
(6) تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدىكى پان تۈركىزىم: يېڭىۋاشتىن جانلىنىش باسقۇچى؛
(7) ئاخىرقى سۆز:

پان تۈركىزىم بىر خىل مىللىي بىرلىكچىلىك ھادىسىسى.
ئەگەر ئالدىدا بايان قىلغان ئارشىرونى قاتارلىقلارنىڭ سوۋىت روسىيدىكى پان تۈركىزىمنى سستېمىلىق تەتقىت قىلغان دېسەك ، ئۇ ھالدا لاندورنىڭ بۇ ئەسىرى تۈركىيە پان تۈركىزىمنى سېستىمىلىق تەتقىت قىلغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى پان تۈركىزىم بىلەن ھەر خىل «پان» ئىدىيىۋى ئېقىملىرىنى سېلىشتۇرغان ھەمدە ئۇنى غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت بۇ كەڭ رايۇندىكى مىللىي بىرلىكچىلىك كاتېگورىيسى ئىچىدە تەتقىق قىلغان. بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنى مول، ماتېرياللىرى تەپسىلىي ھەم ئېنىق، ئىلمىي قىممىتى خېلى يۇقىرى.
بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ، ئالېكساندېر بېنسىن ئۆزىنىڭ «پان تۈركىزم ۋە پان ئىسلامىزمنىڭ بۇگۇنى ۋە ئۆتمۇشى» دېگەن ئەسەرىدە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا روشەن قارشى مەيداندا تۇرغان. ئۇنىڭ قارىشىقىچە، مەيلى چاررۇسيە دەۋىرىدە ياكى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋىرىدە بولسۇن، پان تۈركىزىم رۇسىيىگە قارىشى بىر خىل مىللەتچىلىك ھەركىتى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقىدا پان تۈركىزىمىگە زەربە بېرىلگەندىن كېيىن، پان تۈركىزم بىر خىل سىياسىي نەزىرىيە ۋە سىياسىي ھەركەت بولماي، بىر تۈرلۈك ئىنتىلىش بۇلۇپلا قالغان. ئەمما، مەدىنىيەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، پان تۈركىزم بۇلۇپمۇ مەدىنىيەت پان تۈركىزىمى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. شۇ سەۋەپتىن، پان تۈركىزىمنىڭ تەھدىتى سوۋېت ئىتتىپاقىغا باشتىن- ئاخىر مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى غەزىپنىڭ كۆپ ساندىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مەسىلىلىرى مۇتەخەسىسلەرىگە ئوخشاش، لېكساندېر بېنسىنمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى تەتقىق قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان. بۇ نۇتۇقتىن قارىغاندا، بۇ تۇردىكى تەتقىقات مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا غەرىپنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيسىگە ماسلاشقان بۇلۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيسى روشەن رەڭۋازلىققا ئىگە.


ئۈچىنچى بۆلۈم:
پان تۈركىزىمچىلارنىڭ «پان» نەزەرىيىسى

پان تۈركىزىمنىڭ «پان» نەزەرىيىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ،
بۇ بۆلۈمدە ئىككى كىشىنىڭ ئاساسىي كۆز قارىشى نۇقتىلىق تۇنۇشتۇرىلىدۇ:
بىرى، پان تۇركىزم نەزەرىيىچىسى زىيا كۆك ئالپ؛
يەنە بىرى، شىنجاڭدىكى كونا مىللىي بۆلگۈنچى مۇھەممەت ئىمىن( 1901-1965)


(1) زىيا كۆك ئالپنىڭ «تۈركىزىم ئاساسلىرى»

كۆك ئالپنىڭ «تۈكىزم ئاساسلىرى» دېگەن ئەسىرى مەدىنىيەت پان تۈركىزىمگە دائىر ۋەكىل خارەكتېرلىك ئەسەر بۇلۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىيە رامكىسى مەدىنىيەت ۋە مىللەت قارىشى، تۈركىزم ۋە مىللەتچىلىكتىن تەشكىل تاپقان.
1. مەدەنىيەت ۋە مىللەت قارىشى.
زىيا كۆك ئالپ مىللەت ئەمىلىيەتتە بىر مەدىنىيەت كاتېگورىيىسى دەپ قارايدۇ.
ئۇ مەدىنىيەت تەبىئىي شەكىللەنگەن، مەدىنىيەتلىك بولسا ئىجاد قىلىش، ھەتتا دوراشنىڭ مەھسۇلى؛
مەدىنىيەت بولسا مىللەتكىلا خاس، مەدىنىيەتلىك بولسا خەلقئارالىق بولىدۇ؛
تۈرك مەدىنىيتى ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى سىنىپ ئىچىدە بىۋاستە شەكىللەنگەن بۇلۇپ، شۇ مىللەتنىڭ گۆش-قېنى بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەن ھېسىياتقا تالىق نەرسە، ئەمما مەدىنىيەتلىك بولسا ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىرى پارس، ئەرەب، تۈرك، غەرب مەدىنىيەتلىرىنىڭ تەركىبىنى قۇبۇل قىلىپ ياساپ چىققان ئەقلىي خاراكتېرلىك نەرسە، ئىككىسىنىڭ ئۆز ئارا قۇشۇلىشى ئىنتايىن تەس دەيدۇ.
ئۇ يەنە مەدىنىيەت بولسا تۈركلەرنىڭ يىلتىزى، تۈركىزمنىڭ ۋەزىپىسى خەلىق ئارىسىدىلا ساقلىنىۋاتقان تۈرك مەدىنىيتىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت، دەپ قارايدۇ.
2. تۈركىزم . ئۆزىنىڭ مىللىي مەدىنىيتىنى قېزىش دەل «تۈرك مىللەتلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتۇر».
بۇمۇ زىيا كۆك ئالىپنىڭ تۈركىزمگە بەرگەن بىر تەبىرى.
ئۇنىڭ تۈركىزمى «تۈركىزم»، «ئوغۇزىزم»، «تۇرانىزم» دىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىن تەشكىل تاپقان.
«تۈرىكىزم» تۈركىيە جۇمھۇرىيتىدىكى «تۈركلەر»نىڭ مىللىي دۆلەت قۇرۇش جەريانىنى ئورۇنداپ بولغانلىقنى كۆرسىتىدۇ؛
ئۇغۇزلار ئەزەربەيجان، ئىران، خارەزىمدىكى تۈركمەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بۇلۇپ، ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن تۈركىيدىكى «تۈركلەر» بىلەن ئوخشاش مەدىنىيەتكە ئىگە،
يۇقىردىكى ئۈچ رايۇن بىلەن تۈرك مەدەنىيتى يېقىنلىشىپ كەتسىمۇ، ئەمما ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ.
بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ «بۈيۈك تۈركىستان» ياكى «تۇران» بولىدۇ.
كۆك ئالپىنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، «تۈركىزم» ئاللىقاچان رېئاللىققا ئايلاندۇ؛
«تۇرانىزم» بولسا يىراق كەلگۈسىدە رېئاللىققائايلىنىشى مۇمكىن.
3. مىللەتچىلىك.
زىيا كۆك ئالپنىڭ مىللەتچىلىكنىڭ ئىككى تەرىپى بار، بىر ئاممىغا يۈزلىنىش، يەنە بىرى مىللىي ئاڭنى كۈچەيتىش، ئىككىسى بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۆرۈش ۋە بىر-بىرىنى تۇلۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۇنىڭ قارىشىچە، سەرخىللارنىڭ مەدەنىيلىكىنى ئىگىلىشى، خەلىقنىڭ مەدەنىيەتكە ئىگە بۇلۇشى، ئاممىنىڭ يۈزلىنىش دەل مەدىنىيەتكە يۈزلىنىشتۇر، مەدىنىيەتكە يۈزلىنىش بولسا «تۈركىي مىللەتلەر» گە يۈزلىنىشتۇر، «تۈركىي مىللەتلەر» گە يۈزلىنىشنىڭ ماھىيتى سەرخىل شەخىسلەرنىڭ خەلق ئاممىسىنى باشقۇرۇشتۇر، خەلق ئاممىسىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى دەل ئىسلام دۇنياسىدىكى مىللىي ئاڭنى ئۈزلۈكسىز ئويغىتىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ.
زىيا كۆك ئالپىنىڭ قارىشىچە، مىللىي ئاڭ پەقەت بارلىق ئىلگىرلەشلەرنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى بۇلۇپلا قالماي، يەنە مىللىي مۇستەقىللىقنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇلى ئىكەن.
بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بۇلىدىكى، مىللەتچىلىكنى تۇتۇپ تۇرىدىغىنى تۈرك مەدەنىيىتى، مىللەتچىلىكنىڭ مەقسىدى بولسا «تۈركىي مىللەتلەر» نىڭ تۈرك مەدىنىيتى ئاساسىدىكى مۇستەقىللىقتۇر.


(2) مۇھەممەت ئىمىننىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»

«شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ئەكسىيەتچىل تارىخ قارىشىنىڭ يىتەكچىلىكىدە يېزىلغان، بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلدىغان ئەسەر بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي كۆز قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. تۈركلەرنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، بۆلگۈنچىلىك كەيپىياتىنى قۇترىتىدۇ.
بۇ كىتاپنىڭ «كىرىش سۆز» قىسمىدا ئۇمۇنداق دەپ قارايدۇ: «تۈركىستاندىكى تۈركلەر پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي، يۈكسەك مەدىنىيەتكە ئىگە، ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇرۇندا تۇرىدىغان، ئىنسانىيەت جەمىئىيىتىگە ئەڭ زور تۆھپە قوشقان بىر مىللەتتۇر» ئەمما، «ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تۈركىستاندىكى خەلقلەر ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ بېھىساب شانلىق تارىخىنى، شانۇ شەۋكەتلىك، تىللاردا داستان قىلىشقا ئەرزىيدىغان، دۇنيانى لەرزىگە سالغان ئىش ئىزلىرىنى، شۇنداقلا ئۆتمۇشتىكى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى چۈشىنىشكە قادىر بولمىدى. مەلۇم كىشىلەرنىڭ يازغانلىرىغا يەڭگىللىك بىلەن ئىشىنىپ كىتىپ، تۈركىستاننىڭ تارىختا بىر مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندى».
بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بۇلىدىكى، مۇھەممەت ئىمىننىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»نىڭ مەقسىتى ئىلمىي تەرەققىيات بولماستىن، بەلكى جۇڭگۇنى پاچىلاشتۇر.
2. ئىرقچىلىق ۋە پان تۈركىزىمنى تەرغىپ قىلىدۇ.
مۇھەممەت ئىمىن ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان» نىڭ تارىخىنى بېزەپ ۋە كۆپتۇرۇپ، بۇ زىمىن «قەدىمدىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلەرنىڭ ماكانى ... تۈركلەرنىڭ يۇرتى ۋە زېمىنى ھەمدە ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ بۆشۇكى» دەپ قارايدۇ. يەنە تارىخنى پاكىت تېپىش ئۈچۈن، ئۇ «مىسىرنىڭ ئېروگلىف يېزىقىنى خاتىرىلەرنى دەلىللەشلەر ئارقىلىق، مىسىر تارىخىنى مىلادىيدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغىچە سۈرۈشكە بۇلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. مىسىرنىڭ شۇ خاتىرىلىردە يەنە تۈركلەرنىڭ تارىختىن ئىلگىرىكى مەزگىلى بايان قىلىنغان بۇلۇپ، بۇنى مىسر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭكىدىن 5000يىل ئىلگىرى» دەيدۇ.
دېمەك بۇ مىسىرنىڭ6000 يىللىق مەدىنىيەت تارىخى بار، تۈركلەرنىڭ تارىخى بولسا11 مىڭ يىل دېگەنلىك بۇلۇپ، بۇنداق بولغاندا، «تۈركىستاندىكى تۈركلەر» دۇنيادىكى «ئەڭ قەدىمىي» مىللەت بولغان بولىدۇ.
3. مۇھەممەت ئىمىن قەدىمكى تۈركلەرنىڭ زېمىنىنى خالىغانچە كېڭەيتىپ، «تۈرك ۋەتەننىڭ چېگىرسى غەربتە بايقال، شىمالدا ئاتاس، شەرقىي ياپۇن دېڭىزى، جەنۇپتا يېشىل ئۆڭۈر (خۇاڭخې دەرياسى) ھەمدە قارا قۇمغۇچە تۇتىشىدۇ. يۇقۇردىكى كەڭ رايۇنلار توركلەرنىڭ زېمىنى بولۇپ، تارىخىي خاتىرىلەردە، تۈركلەرنىڭ ئىلگىرى باشقا مىللەتلەرنىڭ بۇ جايلاردا ياشىغانلىقىنى ئۇچىراتقىلى بولمايدۇ. يېقىنقى دەۋرلەردىكى خاتىرىلەردە، تۈرك ۋەتىنىنىڭ ئاسىيادا ئىكەنلىكىنى، غەربتە شىمالىي دېڭىز، قىزىل دېڭىز، قارا دېڭىز، شۇنداقلا ياۋرۇپا بىلەن، شىمالدا شىمالىي مۇز ئوكيان، شەرقتە تىنىچ ئوكيان، جەنۇپتا، ھىندى ئوكيان بىلەن چىگرىلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان» دەيدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئافرىقا، جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامېركا قىتئەلىرى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدىغان ئىككى قۇتۇپتىكى مۇزلۇق جايلاردىن باشقا بارلىق چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ھەممىسى تۈركلەر دۇنياسى بولغان بۇلىدۇ.
4. تارىخنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، مۇستەقىللىقنى تەرغىپ قىلىدۇ.
مۇھەممەت ئىمىن جۇڭگۇ تارىخىدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ھاكىيمىتى «مۇستەقىل دۆلەت» دەپ قارايدۇ، بىرلىككە كېلىشتەك تارىخىي پاكىتنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز قالغان چېغىدا، بۇنى «جۇڭگۇنىڭ تاجاۋۇز قىلغانلىقى»نىڭ نەتىجىسى دەيدۇ. ئۇ جۇڭگۇدا ياشىغان بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر، بولۇپمۇ يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنى قۇرغان، مەركىزىي ھۆكۇمەت بىلەن قارشىلاشقان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك تۈرك مىللىتى دائىرسىگە كىرگۈزۇپ، ئۇلارنى «تۈركلەر» دەپ ئاتايدۇ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلغان ھەم بىرلىككە كېلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلارنى بولسا بىردەك «ئاسىي» دەپ تۆھمەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىككە ئىنتىلىش پىسخىكىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

«شەرقىي تۈركىستان تارىخى» چەت ئەلدە نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ كېڭىيىشىگە خېلى زور تەسىر كۆرسەتتى.
ئىلگىرىكى يىللاردا شىنجاڭدا نەشىر قىلىنغان «ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، «ئۇيغۇرلار»، «قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» قاتارلىق ئۈچ كىتابمۇ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»دىن خېلى زور ھەجىمدە بىۋاستە پايدىلانغان بۇلۇپ، ئەمىلىيەتتە «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»نىڭ ھازىرقى كۆچۈرۈلمىسىدۇر.


ئىزاھلار:
① «ماركىس-ئېنگېلس ئەسەرلىرى»، 11-توم، 218 - 219 - بەتلەر.
② «ماركىس-ئېنگېلس ئەسەرلىرى» 35-توم، 263-بەت.
③ «سىتالىن ئەسەرلىرى» 5-توم، خەلق نەشىرياتى 1-نەشىر، 23-بەت.
④ «سىتالىن ئەسەرلىرى» 12-توم، خەلق نەشىرياتى 1-نەشىر، 23-بەت.
⑤⑥⑦ «رۇسىيەدىكى پان ئىسلامىزم ۋە پان تۈركىزم ھەققىدە قىسقىچە بايان»، چېن جىجۇ، لى چىلەر تەرخىمە قىلغان، «‹ئىككى پان› تەتقىقاتى مەجمۇئەسى»، 2-توپلام، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى 1992-يىل نەشىر.
⑧⑨⑩ «پان ئىسلامىزم ، پان تۈركىزم تەتقىقاتى»، 257-بەت، شىنجاڭ ئىچكى ماتېرىياللارنى بېسىش ئىجازەت نۇمۇرى 1798.

(داۋامى بار)
********************

没有评论:

发表评论

发表评论