2011年4月27日星期三

Amérikining qimmet qarishi

ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى



(تاھىر ئىمىن)

ھەرقانداق قىممەت قاراشنى ئوخشاش قوبۇل قىلىدىغان ياكى مۇستەقىل ئورتاق قىممەت قاراش بولمىغان دۆلەت ياكى مىللەت تەدرىجىي يوقىلىدۇ.
--- بىل پەررى(ئامېرىكا قىممەت قاراش مۇتەخەسسىسى)

قىستۇرما:
ئامېرىكا قىممەت قارىشىنى چۈشىنىش ئارقىلىق ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ ئامېرىكا تەرەققىياتىدىكى رولىنى چۈشىنىش، ئۆز قىممەت قارىشىمىزنىڭ نېمىلىكى ۋە ئۇنىڭ رولى ھەققىدە ئويلىنىش مەقسىتىگە يىتىش ئاددىي مەقسەتلەرنىڭ بىرى.
سۈزۈك چۈشىنىش ئۈچۈن، ئەسلى ماتېرىيالنى ئەينەن سۇنۇشنى مەقسەت قىلساممۇ، ئەمما ئۆزۈمنىڭ بايان قىلىش ئۇسلۇبۇمغا ماس ئەسلى ئەسەر تاپالمىغاچقا، تاللاپ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن نەقىلى قىلدىم. ئەينى نۆۋىتىدە گەپ قىستۇردۇم.
بۇ ماتېرىياللارنى ئىنگلىز تىلى مۇئەللىملىرى قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە سۆزلەپ ئۆتۈشكە بولىدۇ!


1- ئورتاق قىممەت قاراشنىڭ رولى
2- ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ مەنبەسى
3- ئامېرىكا قىممەت قارىشى
4- ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ بازىرى


1- ئورتاق قىممەت قاراشنىڭ رولى

«ئايرىلغاننى ئېيىق يەر، بۆلۈنگەننى بۆرە»

تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ مىسلىسىز نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ماددىي بۇيۇملار تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرىۋاتسىمۇ، كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى(ئوي-خىيالىنى) ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان تۈرلۈك-تۈمەن ۋاقىتلىق ئېقىم-ئىزىملار كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، دۇنيا قاراش، قىممەت قاراشلار ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە يەنىلا كۈچلۈك تەسىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى ماددىي نەرسىلەرگە باغلانغان بىلەن، قانداق ماتېرىيال تاللاش، ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشىش، قانداق پايدىلىنىش قاتارلىق ماھىيەتلىك ئەمەلىيەتلەر يەنىلا شۇ ئىدېئولوگىيە، قىممەت قاراشلارنىڭ بەلگىلىشى ئارقىلىق قارار قىلىنىۋاتىدۇ. كىشىلەر نەدىلا بولۇپ، نېمىلا قىلمىسۇن، ئۆزى ھېس قىلسۇن ياكى ھېس قىلمىسۇن، ئاڭنىڭ، قىممەت قاراشنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەت يۆنىلىشنى بېكىتىپ كەلدى. قىممەت قاراش- شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا خۇددى ئۇ ھازىرلىغان ئىقتىدارغا ئوخشاش تۇرمۇش سەۋىيىسى، مۇناسىۋەت دائىرىسى، پائالىيەت ئالاھىدىلىكى، خاراكتېرى. مۇۋەپپەقىيىتى ھەتتا بىر پۈتۈن ھاياتى-تەقدىرىگە تەسىرگە كۆرسىتىدۇ. بىر توپقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىممەت قاراش-تەرەققىياتنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا شۇ توپنىڭ مەۋجۇتلۇقنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بىر مىللەت ياكى دۆلەت –زېمىن ياكى تىل ئورتاقلىقى تۈپەيلىدىن ئورتاق سىياسىي ئىدىيە شەكىللىنىشنىڭ مۇھىم بىر شەرتى بولغان مەنپەئەت بىرلىكىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. بۇ خىل توپقا نىسبەتەن ئومۇمى ھەرىكەت قائىدىسى بولالايدىغان ئورتاق قىممەت قاراش ھەرقانداق نەرسىدىن مۇھىم.

بىر خەلق ئورتاق قىممەت قاراش، ئورتاق مەنپەئەت- تەقدىر ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن بىرلىك پۇختا بولغان بىرلىك بولۇپ، بۇ خىل ئورتاقلىققا ھەرىكەت ئورتاقلىقى قوشۇلسا ئۇلار كۆزلىگەن نىشانغا يىتىشنىڭ ئىنسان قولىدىكى شەرتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.
تارىخ مۇنۇلارغا شاھىت بولۇپ كەلدى:
ئەقىللىق دۈشمەن دەل مۇشۇنداق يەردىن تۇتىدۇ:
1- ئېتىقاد، قىممەت قاراش بىرلىكىنى پارچىلاش ئارقىلىق، بىر توپنىڭ كۈچىنى، مەدەنىيەت يىلتىزنى ئىدىيە توقۇنۇشى ئارقىلىق ۋەيران قىلىدۇ.
2- مەنپەئەت بىرلىكىنى پارچىلايدۇ، توپ ئىچىدە بىر قىسىم كۈچلەرنى ئىقتىساد، ھوقۇق ۋە ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، ئومۇمى توپتىن ئايرىپ چىقىدۇ. كۈچسىز توپنى بولسا ھەرخىل تۈرگە ئايرىپ خورىتىدۇ.
3- بارلىق ئورتاق مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى پارچىلايدۇ، تىل، ئەنئەنە، ئەخلاقى يوسۇن، مائارىپ،....... شۇنىڭ بىلەن توپنىڭ ئارزۇسى ۋە ھەرىكەت- پائالىيىتى ئورتاقلىقنى يوقىتىدۇ. بىر-بىرىگە مەسئۇل بولمايدىغان، كۆيۈنمەيدىغان بۇنداق توپنى كىچىك بالىمۇ باشقۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئارا توقۇنۇشىدۇ. ئىدىيە ۋە مەنپەئەتى ئوخشىمىغان بۇ كىشىلەر «نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ، بۇنى ئۆزگەرتمەمدۇق؟» دەپ ئەمەس، «خەپ، سىنى» دەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

بۈگۈنكى زاماندىمۇ ئۆتمۈشتىن بىرى ئورتاق تارىخى قىسمەتلەرگە ئىگە توپ-ئوخشاش سىياسىي ۋە ئىقتىسادى سىنىپلارغا ئايرىلىپ كەلدى.
دۇنيادىكى ئاساسى دىنلاردىن بولغان ئىسلام دىنى، خرىستىئان دىنى، ئورتودوكس دىنى، بۇددا دىنلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئۆز مەسلەكداشلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، باشقىلاردىن مۇداپىئەلىنىش ياكى قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى بۈگۈنكى دۇنيادا دۇنيا قاراشنىڭ ھېلىھەم ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلىپ تۇرۇپتۇ. كوممۇنىزم داھىيلىرى: «پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى بىرلىشىڭلار !»دېگەن بولسا، خرىستىئان دىنى«قېرىندىشىڭنى ئۆزۈڭدىنمۇ ئەزىز بىلىپ سۆي»، ئىسلام دىنى «بارچە مۇئمىنلار قېرىنداشتۇر»دەپ تۇر ئىچىدە ئومۇملاشتۇرۇپ خىتاب قىلغان.
دىنى ئەقىدە كىمنىڭ دوست، كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئەمەس، ئىشىنىدىغان مەبۇد نۇقتىسىدىن ئايرىيدۇ
كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار ئاممىسى «ئاللاھ ئۈچۈن ياشاش، ئاللاھ ئۈچۈن ئۆلۈش» ئەقىدىسىگە ھېلىھەم مەھكەم ئەقىدە قىلىدۇ. ھەم نۇرغۇنلار شۇ ئەقىدە يولىدا ئۆزلىرىنى پىدا قىلىشىۋاتىدۇ. ئەقىدە ئۈچۈن قۇربان بېرىش- پەقەت ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭلا قولىدىن كۈلىدىغان ئىش بولۇپ قالدى- دەپ قاقشايدۇ بەزى خرىستىئان مىسسىئونىرلار.
دىنى ئېتىقاد قىزغىنلىقى ئەزەلدىن-تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە بولغان قىزغىنلىق، ئىلىم-پەنگە بولغان قىزغىنلىق، مۇھەببەت- ھېسسىيات قىزغىنلىقى، سەنئەت-مۇزىكىغا بولغان قىزغىنلىقتىن ھالقىپ كەلسە كەلدىكى، چۈشۈپ قالمىدى.
ئەقىدە-ئېتىقادنىڭ جاندىن ئەزىز بىلىش بىلەن ئېتىقادقا پەرۋا قىلمايدىغان ئىككى يۇقىرى قۇتۇپ
مەۋقەنى ئورتاق رەت قىلىدىغانلار دۇنيادا كۆپ ساننى ئىگىلىسە كېرەك. ئەمما شەخسنىڭ بىر كىشىلىك مۇۋەپپەقىيىتى بولسۇن ياكى بىر خەلقنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بولسۇن، بىر مۇقىم قىممەت قاراشنىڭ رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان كىشىلەر مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەردۇر.
بىز گېپىنى قىلىۋاتقان قىممەت قاراش –ئاشۇ دىنى، سىياسىي ئەقىدىنى مەركەز قىلغان ئىدىيىلەرنىڭ يىغىندىسى، كىشىلەر ئاشۇ قىممەت قاراش بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، تاللايدۇ، بىرلىشىدۇ. ئايرىلىدۇ. ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇتۇق قازىنىدۇ، مەغلۇپ بولىدۇ. ياخشى-ياماننى، توغرا-خاتانى ئايرىيدۇ. قىممىتىگە باھا بېرىدۇ.
قىسقىسى كىملىكىمىزنى قىممەت قارشىمىز بەلگىلەيدۇ. قىممەت قاراش- بىزنى بىز قىلىدىغان ئاساسلارنىڭ ئاساسى!!!
مەۋجۇتلۇق-بىرلىك-مەدەنىيەت ئورتاقلىقى-ئىقتىسادى ئاساس-


2- ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ مەنبەسى

ئامېرىكا- غەرب دۇنياسىنىڭ بىر تەركىبى، ئامېرىكا قىممەت قارىشى-بىر پۈتۈن «غەرب قىممەت قارىشى» دەپ ئاتىلىدىغان ئومۇمى گەۋدە بىلەن ماھىيەتلىك ئورتاقلىققا ئىگە. چۈنكى ئامېرىكىلىقلار غەرب ئەللىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ياۋروپادىن كېلىشكەن ۋە تەرەققىي قىلىشقان. ئامېرىكا قىممەت قارىشى –غەرب قىممەت قارىشىنى مەنبە قىلغان.
غەرب ئالىملىرى -خرىستىئان دىنى ئاساسى قىممەت قاراشلىرىنى ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ يىلتىزى ۋە ئاساسى مەنبەسى دەپ قارايدۇ. ئامېرىكىنىڭ يارىتىلىش ھېكايىسى ئۇچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ؛ئۇلار تاۋاپ قىلىش ھەرىكىتى، ساپلىغۇچىلار ھەرىكىتى ۋە ئامېرىكا ئىنقىلابىدىن ئىبارەت بولۇپ، خرىستىئان دىنى بۇلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.
ئامېرىكىلىقلار دىنى ئەقىدىگە غەربتىكى ھەرقانداق دۆلەت پۇقرالىرىدىن بەكرەك مايىل بولۇپ، ساداقەت ئەھدىسىدە: «تەڭرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەت»دەپ يېزىلغان. ئامېرىكا- دۇنيادىكى دۆلەت پۇلىغا (بىز تەڭرىگە ئىشىنىمىز) دەپ «گات-تەڭرى» سۆزىنى يازغان بىردىنبىر دۆلەت، مەشھۇر ھۆكۈمەت بىنالىرىغا ئىنجىلدىن ئۈزۈندىلەر يېزىلغان.
دىن (خرىستىئان دىنى)، پەلسەپە (غەرب پەلسەپىسى)، سىياسىي يول (ھاكىمىيەت بىلەن دىن ئايرىۋېتىلگەن سىياسىي تۈزۈلمە) ۋە ئىلىم-پەندىن ئىبارەت تۆت مەنبەدىن بىرىككەن قىممەت قاراش- 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شەكىللەنگەن ياش ئامېرىكا دۆلىتىگە كۆچۈپ كەلگەن ياۋروپا كۆچمەنلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە روھى دۇنياسىنىڭ قاتلام-قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر دۆلەت ۋە شەخس ھاياتىدا داۋاملىق كۈچلۈك يېتەكچى رولىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىممەت قارىشىنى كىشىلەر دائىم مۇنۇ تۆت ئىشنى مەنبە قىلىپ، تەرەققىي قىلغان دەپ قارايدۇ:
1- پىروتىستانتلار ئىسلاھاتى (16-17-ئەسىرلەر)
2- ئويغىنىش ھەرىكىتى (18-ئەسىر)
3- سانائەت ئىنقىلابى(18-19-ئەسىرلەر)
4- غەربكە كۆچۈش ھەرىكىتى(17-19-ئەسىرلەر)
(مەنبە: «ئامېرىكىغا نەزەر›)


1-پىروتىستانلار ئىسلاھاتى(16-17ئەسىرلەر)

16-ئەسىر ئىسلاھات ھەرىكىتىدىن بۇرۇن ياۋروپادا پادىشاھ پۈتۈن ساھەگە قول سوزۇپ، ھاكىممۇتلەقلىق سىياسىي تۈزۈلمە يۈرگۈزۈپ كەلگەن.
«پىروتىستانلار ئىسلاھاتى 1517-يىلى رىم كاتولىك دىنى پوپى مارتىن لىيۇتىر تەرىپىدىن قوزغالغان ھەرىكەت بولۇپ، شۇ يىلى مارتىن لىيۇتىر چېركاۋنىڭ بىر قاتار دىنى تەلىملىرى ۋە ئىجرا سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرغان. لىيۇتىر: كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ دىنى ئېتىقادىنى تاللاش ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەك، دىنلار مەجبۇرى يوسۇندا ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ئەركىن تاللىشى بويىچە قوبۇل قىلىنىشى كېرەك، دەپ قارىغان، چېركاۋنىڭ ھوقۇقىغا، مەجبۇرى دىنى ئىبادەتلەرگە قارشى تۇرغانلىقتىن دىنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان لىيۇتىر گېرمانىيىدىكى قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ نۇرغۇن يىڭى ئىدىيە ۋە تېمىلار ھەققىدە ئىزدەنگەن ۋە تەتقىق ئىلىپ بارغان. شۇ ئىدىيىلەردىن بىرى :چېركاۋنى ھاكىمىيەتتىن ئايرىۋېتىش بولۇپ، لىيۇتىر :ھۆكۈمەت بۇ دۇنيالىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، تەڭرى بولسا مەنىۋى ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك دەپ قارىغان. ئۇ :«ھەممە ئادەمدە ئاڭ ئەركىنلىكى بولۇشى، ھەممە كىشىنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى تاللاش ئەركىنلىكى بولۇشى، دۆلەت دىنى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك» دەپ قارىغان. باشقا ئىسلاھاتچىلارمۇ لىيۇتىرنىڭ قارىشىغا قوشۇلدى. «ئىسلاھات ھەرىكىتى 1517-يىلى باشلىنىپ، ناھايىتى تىزلا پۈتۈن ياۋروپانى قاپلىدى.... ئىسلاھات ھەرىكىتى خۇددى قايتا ئويغىنىش ھەرىكىتىگە ئوخشاش، دىنغا بولغان يېڭىچە كۆز-قاراشنىڭ مۇقەددىمىسىگە بەلگە بولدى، چېركاۋ بەلگىلىگەن دىنى ئىبادەتلەرگە سادىق بولۇشتىن كۆرە، شەخسنىڭ ئەركىن ئېتىقادى ياۋروپا پىروتىستانلىرىنىڭ دىنى ھاياتى بولۇپ قالدى.... يەرلىك دىنى يىغىلىش ۋە چېركاۋلار دۆلەت ھالقىغان دىنى مەھكىمىنىڭ ئورنىنى ئالدى»
(مەنبە: «غەرب مەدەنىيىتى» ناملىق كىتاب، پىررى چەس، ئىنگلىزچە، 295-بەت. )
جون كالۋىن (1509-64) شۋېتسارىيىلىك پوپ «خرىستىئان دىننىڭ ئەقىدە ئاساسلىرى» ناملىق كىتاب يېزىپ، «ئەگەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى تەڭرىنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلسا، كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بويسۇنماسلىق ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار دەپ يازدى. ئۇ ئىنجىلدىن دەلىل كۆرسىتىپ، ئەگەر سىياسىي رەھبەرلەر خۇداغا قارشى تۈزۈملەرنى ئوتتۇرىغا چىقارسا، ئۇلارغا قەتئىي بويسۇنۇشقا بولمايدۇ دېدى. بۇ بايانلار ياۋروپادا 2 ئەسىردىن كۆپرەك مۇھاكىمىگە سەۋەب بولدى. بەزى ئىسلاھاتچىلار ئۆلتۈرۈلدى... 1535-يىلى ئەنگلىيە پادىشاھى ھىنرى VIII ئەڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى ئالىم توماس مۇرنى ئولتۇردى. ئىسلاھات ھەرىكىتى داۋاملىق تەرەققىي قىلدى. دىنى ئىسلاھات نامىدا تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلار قانات يايدى. مەسىلەن گېرمانىيىدە:لىيۇتىرچىلار، فرانسىيىدە خۇگىنوتىسلار، شوتلاندىيىگە ئوخشاش باشقا جايلاردا پىرەسبىتىرىيانلار بارلىققا كەلدى. ئەنگلىيىدە ئۆزىنى «ساپلاشتۇرغۇچىلار» دەپ ئاتىغان يەنە بىر ئېقىم بارلىققا كەلدى. بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ باشلىقلىرى ئەگەشكۈچىلەرگە :«ھەر بىر شەخسنىڭ خۇدانىڭ ئالدىدا شەخسى مەسئۇلىيىتى بار» لىقىنى، «ئاڭ ئەركىنلىكى» ۋە «ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكى»نى تەشۋىق قىلىشتى، ئۇلار : «ھەممە ئادەم باراۋەر، چۈنكى ئىنجىلدا تەڭرى ھەممە ئادەملەرنى ئۆزىنىڭ شەكلىدە ياراتقان دېيىلگەن»دەپ ئۆگەتتى.» ( «ئامېرىكىغا نەزەر»، ئاپتورى بىل پىررى، 12-بەت
سىنىپلارغا، گۇرۇھلارغا ئايرىلىپ كەتكەن ئەينى ياۋروپا جەمئىيىتىدە پەقەت پادىشاھ، دىنى كۈچلەر، ئاقسۆڭەكلەرلا ئالىي مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن ئىدى.
سودىگەرلەر، ئىجتىمائىي ئورنى دىنى ھۆكۈمەت ۋە ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان مەنپەئەت ئىگىلىرى بولۇش سۈپىتىدە ئۆز ئورنىنى تىكلەش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ۋە ئېسىلزادىلەر تەبىقىسى بىلەن رىقابەتلىشىشكە يۈزلەندى. ئۇلار ئۆز مەنپەئەتىنى پەقەت ئۆزىلا قوغدىيالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. (يۇقىرىقى كىتاب، 13-بەت)
ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى ئۈزەلمەي مەيدانغا كەلدى، تۈرلۈك ئېقىملار شەكىللەندى. «-18ئەسىردە شىمالى ئامېرىكىدىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكە قىلغان جايلاردىكى خەلق-1620-يىلى «تاۋاپچىلار» تەرىپىدىن يېزىلغان «ماي گۈلى ئەھدىسى»گە كىرگۈزۈلگەن «بىز پەقەت ئۆم بولۇپ ياشايمىز»، «بىز پەقەت ئادىل ۋە باراۋەر قانۇن ئاستىدىلا ياشايمىز» دېگەن ئەقىدىگە ئىشىنىدىغانلاردىن ئىدى. «تاۋاپچىلار»دىن كېيىن «تازىلىغۇچىلار» ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار: «كىشىلەر ئەركىن بولۇشى، ئەمما ئۆز قىلمىشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك» دېگەننى تەرغىب قىلدى. شەخس ھوقۇقىنى، تەڭرى قانۇنىنى، ۋە باراۋەرلىك مەزمۇنىنى تەشۋىق قىلدى». (يۇقىرىقى كىتاب). ئامېرىكا دىن ئىبارەت يىڭى زېمىن شەخسنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى ۋە غۇرۇرىنى تىكلەشكە شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئۇلارنىڭ مەشھۇر «خىزمەت قائىدىسى»نىڭ بىر سۆزى-(ھەر بىر خىزمەت خۇددى تەڭرى ئۈچۈن قىلىنغاندەك ياخشى قىلىنىشى كېرەك» روھى ئۇلارغا ئۇتۇقلۇق ئەمگەك نەتىجىسى ئاتا قىلدى. «ئۇلار يەنە خەلقنى ئەزگەن ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق غەلىبىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندى». (يۇقىرىقى كىتاب)
مۇستەملىكە زېمىنلاردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلغان بۇ ئىدىيىلەر ئىنگلىزلارغا ياقمىدى. ئەنگلىيە پادىشاھى شىمالى ئامېرىكا مۇستەملىكە زېمىنلىرىنى قوغدىمايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، مۇستەملىكە خەلق ئۆزلىرى ئۇيۇشۇپ، ئاشۇ ئۆگىتىلگەن مۇھىم ئىدىيىلەرنى شتات ۋە يەرلىك ئاساسى قانۇنلارغا يېزىپ كىرگۈزدى، ۋىرگىنىيە شتاتلىق ئاساسى قانۇنغا : «ھەممە ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا باراۋەر ھالدا ئەركىن ۋە مۇستەقىل بولىدۇ» دەپ يېزىلدى. كېيىن توماس جىففىرسون ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسىغا «بىز بۇ ھەقىقەتلەرگە شەكسىز ئىشىنىمىزكى، ھەممە ئادەم باراۋەر يارىتىلغاندۇر» دەپ يازدى.
تۇنجى قېتىم تولۇق ئامېرىكا تارىخىنى يېزىپ چىققان ئامېرىكا تارىخچىسى جورجى بانكىروفىت (1891-1800) «ئامېرىكا تارىخى، ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى بايقاشتىن باشلاپ» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق يازغان: 1776-يىلىدىكى ئامېرىكا ئىنقىلابى تىپىك كونا دىنى جەمئىيەت تەلىماتىنىڭ ئۇسۇل- ۋاسىتىلىرى بىلەن بولغان بولۇپ، مۇستەقىللىق ئىنقىلابى-كونا دىنى جەمئىيەت ئالىمىنىڭ كېيىنكىلەرگە ئۆگەتكەن پرىنسىپلىرىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدىن ئىبارەت». شۇ دەۋردىكى ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي داھىيلىرى بۇنىڭ راستلىقىنى تەستىقلاشقان، ۋىلىيام جونىس پادىشاھ جورجى IIIگە مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۇرۇش باشتىن ئاخىرى كونا دىنى تەلىماتنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس». «خرىستىئان دىنى ئامېرىكىنىڭ مەدىنى قىممەت قاراش سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاساسى رول ئوينىدى»(ئامېرىكىغا نەزەر، بىل پەررى)، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىقىدىن باشلاپ، دۆلەت تۈزۈمىگىچە، قانۇن ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشقىچە دىننىڭ تەڭرىگە ئىشىنىش، شەخسى ئەركىنلىكنى تەڭرى بەرگەن ھوقۇق دەپ ئەتىۋارلاش... ھەممىسىگە قەدەر دىنى ئەقىدە ۋە دىنى تەلىماتنىڭ، يەنى دىنى قىممەت قاراشنىڭ تامغىسىنى باستى.
پىروتىستانلارنىڭ دىنى ئىسلاھاتى كېيىكى دەۋرلەرگە كەلگەندە ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن ئويغىنىش، گۈللىنىش، ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاۋانگارتى بولۇپ قالدى. (دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى، )

2-ئويغىنىش ھەرىكىتى (18-ئەسىر)

ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى-ياراتقۇچىلىرى ياۋروپادىكى يازغۇچى ۋە مۇتەپەككۇرلار بولغان، تارىختا ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئاز ساندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى بولمىش ئويغىنىش ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ يازغۇچى ۋە مۇتەپەككۇرلار ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن كۆپ مەدەنىيەتلىك، ئىلغار دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ مەقسىتى-يىڭى ئىدىيە ھەققىدە مۇنازىرە قىلىش ۋە ئەسەر يېزىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئويغىتىشتۇر.
ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن لوگىكا، ئەقىل-پاراسەت ئىشلىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان. ئىلمى بايقاشلار ئىنسان مېڭىسىنىڭ چەكسىز يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىشارە قىلغاندىن كېيىن، ئويغىتىش ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىلىرى ئىنسان ئەقلى باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، چۈنكى ئىنسان تەڭرىنىڭ ئەڭ كاتتا ياراتمىسى دېيىشتى، بارغانسېرى ئەقلىيلەشكەن، ئىلمىيلاشقان ئاقارتقۇچىلار دىنسىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئۇلار پەقەت پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشكە ئۆزلىرىنى بېغىشلىغاندىلا، كەلگۈسىنىڭ، ئۆز ھاياتىنىڭ كاتتا ئۆزگىرىشلەرنى ياسايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەندى. كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىق ۋە يۈزلىنىش ئۇلارنى بارلىق كونا ئەنئەنىلەرنى ئىنكار قىلىشقا ئىلىپ باردى. شۇندىن كېيىن ئۇلار ئوتتۇرا ئەسىر(1500-500) دىن بىرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن جەمئىيەتتىكى ئىككى ئاساسى كۈچ –ھۆكۈمەت ۋە رىم كاتولىك چېركاۋىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلماقچى بولۇشتى. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىدىكى شەكلى ئوخشىمىدى. فرانسىيىدە ئويغىنىش ئاساسلىقى خرىستىئان دىنىغا قارشى ئىلىپ بېرىلدى. كاتولىك چېركاۋى پىروتىستانلارغا كۈن بەرمىدى. چېركاۋ بىلەن ھۆكۈمەت جەمئىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆز كونتروللۇقىغا ئالغان ئىدى. ئويغاتقۇچىلار بۇنىڭغا قارشى تۇردى. ئويغاتقۇچىلارنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە ھەممىنىڭ قېرىنداشلىقى دىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسى نىشانى ئىنجىلدىن كەلگەن ئىدى. بىراق فرانسىيە ئاقارتقۇچىلىرى جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئىنجىلنى ئىشلەتمىدى. ئۇلار ھەقىقەت ۋە سەپسەتە، توغرا-خاتا ھەققىدە مۇستەقىل ئىدىيە تۈزۈلمىسى تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىسىگە قارشى تۇرغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىك دۈشمەن دەپ قارىغاچقا فرانسىيە ئىنقىلابىدا(1799-1789)نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى. پارىژ ۋە باشقا شەھەرلەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. كىشىلەر تاكى ئويغىنىش ھەرىكىتى تەشەببۇسچىلىرىدىن بىرى گېنېرال ناپالىئون بۇناپارت دىكتاتور بولغۇچە ئارىلىقتا ساراسىمىدە ياشىدى.
ئەنگلىيىدە بولسا نۇرغۇن خرىستىئان ئالىم ۋە مۇرىتلار ھۆكۈمەتكە قاتنىشىپ، ھۆكۈمەتنى ئۆزگىرىش ۋە يىڭى ئىدىيىلەرگە ئېچىۋېتىشكە ھەرىكەت قىلدى. فىرانسىز بىكون، ئسساك نيۇتون ۋە جون لوك قاتارلىق مەشھۇر مۇتەپەككۇرلار ئىنجىلدىكى ئىدىيىلەرنى ئۆز ئۇسۇلى بويىچە تاراتتى. ئۇلار ئىنجىلنى ئۆگەنگەندە ئەقىل ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلدى، ئۇلار ھۆكۈمەتتە فرانسىيىدىكىگە ئوخشاش تېز ئەمەس بەلكى ئاستا ئۆزگىرىش ياسىدى. ئىنگلىزلار بۇ خىل كۆز قاراش ۋە يېڭىلىقلارنى شىمالى ئامېرىكىغا ئېلىپ باردى. شۇنىڭدىن كېيىن خارۋارد، يالى، پىرىنستون قاتارلىق ئىلىم يۇرتلىرىنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى كىشىلەرگە دىنى يېتەكچى يېتىشتۈرۈپ چىقىش بولغان ئىدى. بۇلار ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئۇرۇشىغا قەدەر داۋاملاشتى (1783-1775). ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى-ئويغىتىش ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلغار ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئويغىنىش ھەرىكىتى ئامېرىكا مەدەنىيىتىگە بەزى يىڭى ئېلېمېنتلارنى قوشتى. مەسىلەن :ئىندىۋىدۇئالىزم –شەخسنى تەكىتلەش-يەنە بىرى:ئاكتىپ ئۆزگەرتىش، بۇ دېگەنلىك ھەممە نەرسىنى جاپالىق ئەمگەك ۋە كاللا ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ دەپ قاراش بولۇپ، يىڭى ئىلمى بايقاشلارمۇ كەلگۈسىگە يىڭى ئۈمىدۋارلىقنى قوشتى. «ئۆتكىنى-تارىخ، ياشىسۇن كەلگۈسى» دېگەن قاراش بارلىققا كەلدى.
ئويغىنىش ھەرىكىتى غەربكە باراۋەرلىكتىن ئىبارەت قىممەت قاراشنى ئومۇملاشتۇرۇشتا زور رول ئوينىدى.


3- سانائەت ئىنقىلابى(18-19-ئەسىرلەر)

ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ ئۈچىنچى مەنبەسى –سانائەت ئىنقىلابى. ئىسلاھات ۋە ئويغىنىش ھەرىكىتىدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىدا كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى. تەپەككۇرنىڭ ئۆزگىرىشى ئەلۋەتتە ھەرىكەت ئۇسۇلى ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەر كىشىلەرنىڭ ئىجادچانلىقىغا ئىلھام بېرىدۇ، غەرب دۇنياسى ئەنگلىيىدە باشلىنىپ، تىزلا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا تارالغان سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن بۇرۇنقىدىن پۈتۈنلەي ئۆزگىرىشكە قاراپ يۈز تۇتتى. سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن ھۈنەرۋەنلەر كۆپىنچە مەھسۇلاتلارنى ئۆيلىرىدە ياكى ئىشخانىلاردا قول ياكى كىچىك ھەم ئاددىي ماشىنا ئارقىلىق ياسايتتى. مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سودىگەرلەر ئىشچىلارنى ياللاپ، ئۇلارنى ئۆي بىلەن تەمىنلەيتتى، سودىگەرلەر يەنە تەجرىبىسىز ياش ئىشچىلار، شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ چىقىشى كېرەك ئىدى، بەزىدە ئىشچىلار بىر نەچچە سودىگەرگە ياللىنىپ ئىشلەيتتى، بۇ ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن مەھسۇلاتلارنىڭ ياسىلىش تەننەرخنى ئۆستۈرۈۋېتەتتى، سودىگەرلەر تېخىمۇ ئەرزان باھادا مەھسۇلات ياساپ چىقىشقا ئامالسىز قالاتتى، شۇڭا ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىدىغان زور بىر ئۆزگىرىش بولۇشىغا موھتاج ئىدى.
1700-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيە دۇنيادىكى ئەڭ زور مۇستەملىكە كۈچ بولۇپ قالدى، ئەنگلىيە مۇستەملىكە قىلغان رايونلار بۈيۈك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى ئۈچۈن خام ماتېرىيال ۋە يىڭى سودا ھەمراھى بىلەن تەمىن ئەتتى. مۇستەملىكە رايونلاردىكى خەلقلەر بۇنىڭ بەدىلىگە تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارغا موھتاج ئىدى. شۇڭا مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياج دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ھەسسىلەپ ئېشىشقا باشلىدى، ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى باھانىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەگەر باھا بەك يۇقىرى بولسا، سېتىلىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا ئەنگلىيە سودىگەرلىرى تىز ھەم ئەرزان باھادا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئامال ئىزدەشكە كىرىشتى. ئۇلار مەھسۇلاتىنى تېخىمۇ ئەرزان سېتىش ئارقىلىق سودا دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن رىقابەت-ئەنگلىيە ئىقتىسادىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى.
1730-يىللىرى ئەنگلىيە توقۇمىچىلىق سانائىتىدە بارلىققا كەلگەن مېخانىكىلىق ئۆزگىرىش –سانائەت ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. ھور ماشىنىسى، يىپ ئېگىرىش ماشىنىسى، پاختا ماتورى (ئېلى ۋىتنى 1793-يىلى )ئارقىمۇ-ئارقا كەشىپ قىلىندى. ئادەم كۈچى، ۋاقىت ۋە باشقا چىقىمنى ئازايتىدىغان ماشىنىلار ئارقىمۇ-ئارقا كەشىپ قىلىنىشقا باشلىدى. شىمالى ئامېرىكا تىزلا بۇ ماشىنىلارنىڭ پايدىلانغۇچىلىرىدىن بولۇپ قالدى.
تىرىشچانلىق بەدىلىگە كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەپەككۇرى ۋە ھەرىكىتىدە ئىزچىل ئۆزگىرىش ياسىدى. ئۇلاردا رېئاللىق ۋە مۇھىتنى كونترول قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشكە بولغان ئىشەنچ بارغانسېرى ئېشىشقا باشلىدى. 1776-يىلىغا كەلگەندە، ئەنگلىيە پاراخوتلىرىنىڭ 3دىن بىرى ئامېرىكىدا ياسالدى. ئامېرىكىلىقلار بارغانسېرى ئىقتىسادى تۇرمۇشىنىڭ يۈكسىلىشىگە دىققەت قىلىشقا، ماشىنا ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشىغا، سانائەت مەشغۇلاتىدا تېخىمۇ ئۈنۈمدار بولۇشقا يۈزلەندى.
زاۋۇت ئىگىلىرى، سودىگەرلەر ھەممىسى ئەڭ تۆۋەن چەك -قانچە پۇل؟ ۋە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟
دېگەنگە بۇرۇلۇشتى. كەسىپداشلار ئارا رىقابەت –ۋاقىت ئېڭىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
سانائەت ئىنقىلابى ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا تەبىقىلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ئۇتۇق قازانغانلار بايلىق ۋە پاراغەتتىن بەھرىمەن بولدى ۋە ئۆز مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆزى ئېرىشكەن ۋە سېتىۋالغان نەرسىلەر بىلەن ئۆلچەيدىغان ماتېرىيالىزمچى بولۇشتى. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز بايلىقى ئارقىلىق دوختۇرخانا، كۇتۇپخانا، مەكتەپ، چېركاۋ سېلىش ئارقىلىق جەمئىيەتكە تۆھپە قوشتى. ئەنگلىيىدىمۇ شۇنداق بولدى. سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن ئەنگلىيىدە ئوكسىفورد ۋە كامبىرىج دىن ئىبارەت ئىككى ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، سانائەتلىشىشتىن كېيىن نۇرغۇن يىڭى مەكتەپلەر ۋە تۈرلۈك مائارىپ پروگراممىلىرى بارلىققا كەلدى. ماتېرىيالىزملىق قاراش ئىشچىلار سىنىپى ۋە جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلاملىرىغا قەدەر كېڭىيىپ، ئاستا-ئاستا ئەركىنلىكتىن ئىندىۋىدۇئالىزم، جاپالىق ئىشلەشكە كېڭەيگەن قىممەت قاراشلار يىڭى شەيئى «ئامېرىكا غايىسى»نى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. بۇ غايە-ياخشى مائاشلىق خىزمەت، ئۆز ئۆيى ۋە ماشىنىسى بولۇش، ئالىي مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش، ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن بەختلىك تۇرمۇش قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. «ئامېرىكا غايىسى»- تارىخچى ھىنرى ئادامىس يازغاندەك ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىقتىسادى ۋە ماددىي پۇرسەت ئىزدەش غايىسىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.
يىللار ئۆتكەندىن كېيىن خىزمەت، رىقابەت، ماتېرىيالىزملىق ئەمەلىيەتلەر ئامېرىكىلىقلارغا خىزمەت ۋە ئىشلەشنىڭ باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. ئامېرىكىلىقلار ئائىلىدىن خىزمەتكە بەكرەك تەۋە بولۇشتى، كىملىكتىكى «قىلىش» دىن ئىبارەت ئۆزگىرىش- ئىنگلىزلار ۋە غەيرىي غەرب ئەللىرىدە مەۋجۇت كونا ‹بولۇش› (تۇرغۇنلۇقتىن ئىشارەت) ئىدىيىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى. بۇلار 1800-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئاخىرلىرىغىچە، ئىچكى ئۇرۇش (65-1861)، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى (17-1914) مەزگىللىرىدە روشەن ئىپادىلەندى. بۇ مەزگىلىدە ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئەڭ زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. نۇرغۇن كىشىلەر غەربكە كۆچۈپ كېلىپ ئادەم ئولتۇرمىغان يەرلەرنى زېمىن تۇتتى. تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى ئاساس قىلغان مىللىي بازارلار ئىچىلدى، ترانسپورت، ئالاقە ۋە سانائەت تېخنىكىلىرى تېخىمۇ چوڭ شىركەت ۋە كارخانىلارنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىشلەش ياكى قىلىش نى تەكىتلەش قارىشى مۇستەھكەم ئورۇن ئالدى.


4- غەربكە كۆچۈش ھەرىكىتى(17-19-ئەسىرلەر)
(<كارۋانلار تەقدىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ)

ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە تۆھپە قوشقان ئاخىرقى مەنبە –غەربى قىسىمغا كۆچۈش ھەرىكىتى بولۇپ، شىمالى ئامېرىكىنىڭ ئادەم ئولتۇراقلاشمىغان جايلىرىغا كۆچۈش، يەرلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ياۋروپالىقلارنىڭ شىمالى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىشنىڭ ئۆزىلا غەربكە كۆچۈش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت، چۈنكى ياۋروپاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىمالى ئامېرىكا غەربى تەرەپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە تۆھپە قوشقان ئاخىرقى مەنبە –غەربى قىسىمغا كۆچۈش ھەرىكىتى بولۇپ، شىمالى ئامېرىكىنىڭ ئادەم ئولتۇراقلاشمىغان جايلىرىغا كۆچۈش، يەرلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ياۋروپالىقلارنىڭ شىمالى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىشنىڭ ئۆزىلا غەربكە كۆچۈش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت، چۈنكى ياۋروپاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىمالى ئامېرىكا غەربى تەرەپ ھېسابلىنىدۇ.
كۆچۈش ھەرىكىتى بىر نەچچە باسقۇچ بىلەن ئىلىپ بېرىلغان، دەسلىپىدە دېڭىز بويلىرى رايونلىرىغا كۆچۈپ كېلىشكەن، 1670 -يىللىرى يول ئاچقۇچىلار فىلورىدادىن باشقا كېمە بارالايدىغان تۆۋەن قىرغاق جايلارغا يەرلىشىشكە باشلىغان.
مۇستەملىكىچى ۋىلىيام پىن (1718-1644) ئۆز مۇستەملىكە تەۋەسىگە باشقىلارنىڭ كۆچۈپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن، 1700-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۆز دۆلەتلىرىدىن نارازى ياۋروپالىقلار بەس-بەستە كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. بۇ مەزگىللەردىكى باشقا كۆچمەنلەر ئاپپالاچا تاغلىرىنىڭ جىلغىلىرىغا چىقىپ كېتىشكەن. دانىيال بۇنى (1820-1734)غا ئوخشاش يەنە بەزىلەر 1775-يىللىرى ئادەم باشلاپ تاغلاردىن ھالقىپ، كىنتاكى شتاتىغا كۆچۈپ كەلگەن. بۇ مەزگىلدە ئامېرىكا كۆچمەنلىرى ئۆزلىرى ياشاپ كەلگەن جايلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۈرلۈك-تۈمەن كۆز-قاراشلارنى شەكىللەندۈرگەن. غەربكە كۆچۈپ كەلگەن بۇ كىشىلەر دەسلەپتە مۇستەقىل ياشىغان ۋە شەرقتىكى باشقىلارغا ئىشەنمىگەن، كىيىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بۇرۇنقىلارنى قوپال ۋە مەدەنىيەتسىز دەپ ئويلىغان، مۇشەققەت يىڭى تۇرمۇشقا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن كىشىلەر ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش قا مەجبۇر بولغان. ئۇلار چوڭ ئامبار ۋە دەڭلەرنى ياساپ ئۇخلىغان، ھايۋانلار تېرىسىنى يېپىنچا قىلغان.
بارلىق ئوخشىماس مەدىنى قىممەت قاراشلارنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇشى ئامېرىكىنى ئۆزگىچە قىلغان. بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن پەرقلىق، ئۆزگىچە ھېس قىلىشقان. غەربتىكى جاپالىق تۇرمۇش، ئۆز تۇرمۇشىغا ئۆزى كۆڭۈل بۆلۈش كىشىلەرنى قاتتىق شەخسىيەتچى –يېگانە –ئۆزىگە مەسئۇل خاراكتېرگە باغلاپ قويغان. ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئۇزۇن مەزگىلىگىچە تەسىس قىلىنمىغان بولغاچقا كىشىلەر ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقىش قا مەسئۇل بولغان. تۇرمۇش بارغانسېرى ئىشلەش ۋە خىزمەتكە مەركەزلەشكەن.
كۆپ خىل ئارىلاشمىلىقنىڭ نەتىجىسى-مۇناسىۋەتتە بىۋاسىتە، ئوچۇق-يورۇق بولۇشنى، ئوخشاشلا مۇساپىر يۇرتداش بولغان ھەممەيلەننىڭ ئامېرىكا غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا باراۋەر ھوقۇقى بارلىقىنى، ئوخشىمىغان قائىدە-يوسۇنلارنىڭ چەكلىمىسى ئارقىلىق توسالغۇ ۋە چۈشىنىشمەسلىك پەيدا قىلىشنىڭ ئورنىغا بىراقلا قائىدىسىزلىك ياكى غەيرىي رەسمىي مۇئامىلە قىلىشنى ئورتاق قىممەت قاراش قىلىش ئومۇمىيلىققا ئايلاندى.


21-ئەسىردىكى ئامېرىكا قىممەت قارىشى

يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىمىز بۈگۈنكى دەۋر ئامېرىكا خەلقنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ئاساس ۋە يىلتىز بولغان مەنبەلەر بولۇپ، تۆۋەندە بىر نەچچە بازارلىق ئامېرىكا قىممەت قارىشىنى سۆزلەيمىز:

1- ئۆزگىرىش
ئۆزگىرىش ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئەڭ قىزغىن قارشى ئىلىنىدىغان قىممەت قاراش بولۇپ، كىشىلەر ھەمىشە پاسسىپ ۋە تۇرغۇنلۇقتىن، ئاكتىپ ۋە ئۆزگىرىشنى كۇب ياقتۇرىدۇ. تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ كۆپىنچە يۈكسىلىش ۋە ئىلغارلىقنى روياپقا چىقىرىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى، بۇ خىل تەپەككۇر ئاساسى كىشىلەرنى جەمئىيەت ئۈچۈن ئۆزگىرىش ياساش ئارقىلىق تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشىش، قەدىرلىنىش تۇيغۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ مەنىۋى شارائىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇڭا ئامېرىكا مىڭلىغان تۈرلۈك ئىدىيە، تەشكىلات- ئېقىم، ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ بارلىققا كۈلىدىغان جايىغا ئايلاندى. مەسىلەن: بىر زىيارەتچى تەلىماتلىرى بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان تۈمەن خىل چېركاۋلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكىدا 1960-يىلدىن بۇيان چوڭ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن نۇرغۇن بالىلار تۇغۇلدى، (1964-1946) بۇ بىر ئەۋلاد «بوۋاقلار دولقۇنى» دەۋرىدىكى بالىلار دەپ ئاتالدى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى رىقابەتنى كەسكىنلەشتۈردى. ئالاقىنىڭ كۆپىيىشى ئارقىلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ناھايىتى تىزلا كەڭ خەلق ئارىسىغا تارقالدى، يىڭى ئىدىيىلەرگە بازار ھازىرلاندى. ئاتا-ئانىلار بۇ بىر ئەۋلادنى ئامېرىكا تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر ئەۋلادتىن پەرقلىق چوڭ قىلدى. چوڭ بولغان بوۋاقلار دولقۇنى دەۋرىدىكى بالىلار قورامىغا يەتكەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئىلگىرىكى قىممەت قاراشلارنى رەت قىلدى، بولۇپمۇ دىنى ئېتىقادنى رەت قىلدى. ھەممە ئىشنى ئۆزى ياقتۇرغان ئۇسۇل بويىچە قىلماقچى بولۇشتى، ھەتتا بەزىلىرى زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن يېڭىلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولۇشتى. گەرچە ئۇلارنىڭ يىڭى خاھىشلىرى تىز ئۇنۇم بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار قىرىپ رەھبەرلەرگە ئايلانغاندا ھۆكۈمەت سىياسىتى، قانۇن، داۋالىنىش، مائارىپ، سەنئەت ۋە باشقا ئىدېئولوگىيە بازىرىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بۈگۈنكى ئامېرىكا ئاشۇ قەدىمكى ۋە بۇ يىڭى ئىدىيە ۋە خاھىشلارنىڭ غەلىتە يۇغۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت.

2- نىسپىيلىك
بۇنىڭ مەنىسى- ھېچ قانداق نەرسە مۇتلەق ھەم مۇكەممەل، شۇنداقلا ئۆزگەرمەيدىغان بولمايدۇ، ھەرقانداق نەرسە ئۆزگىرىش ئىچىدە بولىدۇ دېگەنلىك بولۇپ، ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ بىر تەركىبى بولغان ئۆزگىرىشكە ماسلىشىدۇ. ئەمما نىسپىيلىك ئەنئەنىۋى ئامېرىكا قىممەت قارىشىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن: ئامېرىكىدىكى پروتېستانت خرىستىئانلار تەڭرى ۋە ئىنجىلنىڭ مۇتلەق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، ئەمما نىسپىيلىك بۇنى ئىنكار قىلىدۇ. يەنە بىر مىسال «ئۇنىۋېرساللىق» دېگەن ئۇقۇم بولۇپ، «يۇنىۋىرسىتى» دېگەن بۇ ئىنگلىزچە سۆز ئىككى گرېكچە سۆزدىن تەشكىل تاپقان، «يۇنى»-دېگەنلىك- بىر دېگەن مەنىنى، «ۋىرس» دېگەنلىك بۇرۇلۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، قوشقاندا، كىشىلەر ئالەمدىكى شەيئىلەرنى تەتقىق قىلغاندا، ئۇلار بىر تەڭرىدىن كەلگەن بىردەكلىككە بۇرۇلىدۇ دېگەنلىك... باشقىچە ئېيتقاندا، ئالەمدىكى ھەممە نەرسىنىڭ لايىھە، مەنە، ۋە مەقسىتى بولىدۇ، بۇلار مۇتلەق ھەقىقەت بولۇپ، ئىلىم-پەن ۋە تەتقىقات بەزى قىممەت قاراشلارنىڭ ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال ۋە ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدۇ......
پەيلاسوپلار بۇنداق مۇتلەقلىقلارنىڭ ئورنىنى تۇنجى بولۇپ نىسپىيلىككە تېگىشتى. ئاندىن كېيىن سەنئەتكارلار ۋە كۆڭۈل ئىچىش ساھەسىدىكىلەر نىسپىيلىكنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇنىۋېرسىتېت ۋە مەكتەپلەردىكى پروفېسسورلار نىسپىيلىكنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگەتتى. بۈگۈنكى دەۋردە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلار نىسپىيلىكنى قوبۇل قىلىدۇ.

3- كۆپ خىل مەدەنىيەت
ئۈچىنچى ئىدىيە كۆپ خىللىق ياكى كۆپ خىل مەدەنىيەت تىن ئىبارەت. بۇنىڭ مەنىسى دۇنيادىكى بارلىق ئىدىيىلەر ئوخشاشلا مۇئەييەن ئەقلىيىلىككە ئىگە، ئوخشاشلا قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، ھەممىسىنىڭ قىممىتى بولىدۇ دېگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا ئۇ خىل ئىدىيىنىڭ زادى نەدىن كەلگەنلىكى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. ئىدىيىلەرنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىدىيىلەرگە ئىشىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىت ئىدىيىلەرنى قىممەتكە، باراۋەر مۇھىملىققا ئىگە قىلىدۇ.

4- يول قويۇش
1960-يىلىدىن باشلاپ ئومۇملىشىشقا باشلىغان يەنە بىر ئىدىيە –يول قويۇش، كەڭ قورساقلىق بولۇپ، دەسلەپكى چاغلاردا يول قويۇش سۆزى –كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان ئىدىيىلەردە بولۇش ئەركىنلىكىگە يول قويۇش دېگەنلىكنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ھازىرقى مەنىسى جەمئىيەتتە دېگۈدەك ھەرقانداق ئىدىيە ئالغا سۈرۈلسە، تەرەققىي قىلدۇرۇلسا بولىدۇ دېگەنلىكتۇر. ھازىر ئامېرىكا پۇقرالىرى ئارقا كۆرۈنۈشى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوخشىمىغان ئېتىقاد ۋە ئوخشىمىغان قىممەت قاراشتىكى كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈۋاتىدۇ. «يول قويۇش» سۆزى كۈچلۈك مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا (باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش خاتالىقتۇر )دېگەنلىكتىن ئىبارەت.


ماھىيەتلىك ئامېرىكا قىممەت قاراشلىرى

كىتابلاردا يېزىلغان قىممەت قاراشلار:
1- شەخسنى تەكىتلەش
2- باراۋەرلىك، ئادىللىق
3- ئوچۇق-ئاشكارىلىق
4- كەلگۈسىنى مەركەز قىلىش
5- مۇھىتنى كونترول قىلىش
6- تەبىئىي ۋە ئاكتىپ يوسۇندا ئۆزگەرتىش
7- ۋاقىتنى كونترول قىلىش
8- قائىدىسىزلىك
9- ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، شەخسى تەرەققىيات
10- رىقابەت
11- «قىلىش»نى مەركەز قىلىش ۋە ئۇتۇق قازىنىش
12- ئەمەلىيەتچىللىك، ئۈنۈمدارلىق ۋە «چوت سوقۇش»
13- ماتېرىيالىزم


باشقىچە قىممەت قاراشلار:

1- گۇرۇپپىغا تەۋە بولۇش
2- دەرىجە –ئىجتىمائىي ئورۇن
3- ۋاسىتىلىك بولۇش، باشقىلارغا «يۈز» بېرىش
4- ئۆتمۈشنى ئۇلۇغلاش
5- تەقدىرنى قوبۇل قىلىش
6- مۇقىملىق، ئىزچىللىق ۋە ئەنئەنە
7- كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىناقلىق
8- قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش
9- تۇغما ھوقۇق ئەنئەنىسى
10- ھەمكارلىق
11- «مەۋجۇتلۇق»نى تەكىتلەش
12- پەلسەپىۋى ئامىللار
13- روھى ئامىللار
(<ئامېرىكىغا نەزەر>، بىل پەررى، 11-بەت)

ئامېرىكىنىڭ سىياسىي قىممەت قارىشى

<كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك>تىن ئىبارەت «سىياسىي قىممەت قاراش» دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ياشلىرىنى ئامېرىكىغا تارتىپ تۇرىدىغان مۇھىم تەرەپ بولۇپ كەلدى. قانۇن ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش- ئامېرىكىنىڭ مەزمۇت دۆلەتلىك ئوبرازىنى يۇمشاق دېتال بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، كۈچلۈك، ھەممىدىن كۈچلۈك بولۇش، ئوچۇق-ئاشكارا رىقابەتلىشىش، دۈشمەنگە مۇشت ئېتىش، گېپىڭ بولسا مەيدانغا چىقمامسەن، ئاكاڭ قارىغاي ھەممىدىن نوچى، كۈچۈڭ يەتسە ئالساڭچۇ دېگەن گاڭگۇڭلۇق -جەلپكار نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى.

دۆلەت مەنپەئەتى-ئامېرىكا مەنپەئەتى بىرىنچى
مەڭگۈلۈك دوست يوق، مەڭگۈلۈك دۈشمەن. پەقەت ئامېرىكا مەنپەئەتىلا بار.
ئامېرىكىغا پايدىلىق بولىدىكەن، چوقۇم قىلىش كېرەك، زىيانلىق بولىدىكەن، ۋاز كېچىش كېرەك،
ئاشكارا بولۇش-دۆلەت ئىشلىرىدا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش

ئەخلاقى قىممەت قاراشلار:

مۇناسىۋەتلىك جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەخلاقسىزلىقلار : -سەمىمىيەتسىزلىك قىلىش،
-باشقىلارنىڭ مال-دۇنياسىغا چىقىلىش،
-باشقىلارنى ھاقارەت قىلىش... قاتارلىق ئۆزىنى دەپ باشقىلارغا دەخلى-تەرۇز قىلىش خاراكتېرىدىكى ئىشلار ئىكەن..
ئېتىقاد تۈرتكىسىدىكى ئەخلاق ئۇقۇمىغا بەرگەن تەبىرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا بولغان پوزىتسىيە –ئىسلام ۋە شەرق ئەللىرى نەزىرىدىكى بىلەن تۈپتىن پەرق قىلىدىكەن.

غەيرىي رەسمىيلىك
تەكەللۇپ، تۈزۈت، رەسمىيەت قاتارلىق چەكلەش خاراكتېردىكى ئەخلاقى ئۆلچەملەردىن كۆرە، باشقىلارغا ھۆرمەتسىزلىك بولمىغان ئەھۋالدا تۇز ۋە غەيرىي رەسمىيلىك تەشەببۇسى ئومۇمى مۇئامىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ۋە قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش ئىكەن.

2)-كىنولاردىكى ئامېرىكا قىممەت قارىشى

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئامېرىكا فىلىملىرىنىڭ مەستانىلىرى ياشلارنى ئاساس قىلىدۇ، ئامېرىكا كىنولىرىنىڭ ھېرىسمەنلىرىنىڭ ئورتاقلىقى‹ئىدىيە ئازادلىقى› غا بولغان مايىللىق بولۇپ، پەن-تېخنىكا، ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكا، ئەسلى ھېسسىيات ۋە رېئال ئېھتىياج، تارىخ ۋە بۈگۈن، فانتازىيە ۋە رېئاللىق يۇغۇرۇلۇپ سۇنۇلغان ئامېرىكا فىلىملىرى كۆپ خىل ساھەلەرگە چېتىشلىق رەڭدارلىقى، ھەممىنىڭ زوقىنى قوزغايدىغان كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن كۆپنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان ھېسسىياتى مەزمۇنلىرى بىلەن دۇنيا كىنو بازىرىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى، غەرب مەدەنىيەتنى، قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىشتا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن قالسا ئىككىنچى ئاساسى ۋاسىتە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ئامېرىكا فىلىملىرىنى كۆرگەندە يەنە تۆۋەندىكى ئوبرازلارنى ھېس قىلىمىز، ئەمما بۇ قىسمەن ياشلاردىكى ئايرىم ھادىسە ئىكەنلىكى ئېنىق، ئەلۋەتتە ئۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى مەۋجۇت ھادىسىلەرنىڭ بىر ئەينىكى:
بىپەرۋالىق، بىگانىلىك، ئۆز بېشىمچىلىق، تۇتۇرۇقسىزلىق، ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك، ئالدىراڭغۇلۇق، غەلىتىلىك، قائىدىسىزلىك، رەھىمسىزلىك... !
ئامېرىكا قىممەت قارىشى ۋە ئىدېئولوگىيىسى بىلەن چىقىشالمايدىغان نۇرغۇن ئەللەر، جۈملىدىن ئىسلام ئەللىرى ھوللىۋۇد فىلىملىرىنى ئامېرىكىنىڭ غايەت زور تەسىرگە ئىگە «مەدەنىيەت ۋە قىممەت قاراش ئۆزگەرتىش» تەشۋىقات ماشىنىسى دەپ ھېسابلايدۇ.
بىر باياندا مۇنداق دېيىلگەن: ھوللىۋۇد فىلىملىرى بەشبۇرجەكلىك بىنا، ئامېرىكا ئارمىيىسى قىلالمايدىغان ئىشنى قىلدى، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەرنىڭ سىياسىي قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىدا ئوق چىقارماي ئۆزگىرىش ياسىدى.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى ۋە زۇڭتۇڭ رىقابەت سايلىمى نۇتۇقلىرىدا كۆپ تەكىتلەنگەن قىممەت قاراشلار:

مەن ئۆزۈم ئوقۇغان ۋە ئاڭلىغان نۇتۇق مەزمۇنىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىلەرنى ھېس قىلدىم.
1- ۋەتەنپەرۋەرلىك- «مەن ئامېرىكىنى سۆيىمەن. ئۇنىڭ ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى...»
2- ئائىلە تەربىيىسى ۋە مېھرىبانلىق- «مەن كىچىك چىغىمدا ئاپامدىن، ياكى بوۋامدىن شۇنى چوڭقۇر ئۆگەنگەنمەنكى…»
3- جاپالىق ئىشلەش- «ئامېرىكىلىقلار ئىنتايىن تىرىشچان خەلقىمىزكى، بۈگۈنىمىزنى ئۆزىمىز ياراتقان…»
4- شەخسى ئىقتىدار -«ئىقتىدارلىقلار يېڭىدۇ»، «مەن ئەقلىم، بىلىمىم بىلەن ھۆددە قىلىمەنكى…»
5- دۆلەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتى- «دۆلىتىمىز ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت…»
6- ئىنسانپەرۋەرلىك روھى- «ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن... نامراتلىق، ئۇرۇش، ئاپەتلىرىنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن…»
7- مال-دۇنيا توپلاشنىڭ مۇھىملىقى – «ئىشسىزلىقنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن،» «ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا غايەت زور ماددىي ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتۇق»


ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ «بازىرى»

ئامېرىكا قىممەت قارىشى- ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدە، ئامېرىكا خەلقىنىڭ نورمال تۇرمۇشىدا، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەنئەت، تەنتەربىيە... ھەممە ساھەدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ كەلدى.
ئامېرىكا قىممەت قارىشى-ئابستراكت ئۇقۇم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن ئەمەلىي بولدى.
ئامېرىكا قىممەت قارىشى ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ 1-مەۋجۇتلۇقى، 2-بىرلىشىشى، 3-تەرەققىياتى، 4-دىپلوماتىيىسى ئۈچۈن ئىنتايىن كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى ئاساس بولدى
<كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك>تىن ئىبارەت 3 ئاساسى پرىنسىپ دۇنيادىكى بۇلارغا ئىنتىلىدىغان ئەل پۇقرالىرىنى ئامېرىكىغا تارتىپ تۇرىدىغان مۇھىم تەرەپ بولۇپ كەلدى.
قانۇن ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش- ئامېرىكىنىڭ مەزمۇت دۆلەتلىك ئوبرازىنى يۇمشاق دېتال بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، كۈچلۈك، ھەممىدىن كۈچلۈك بولۇش، ئوچۇق-ئاشكارا رىقابەتلىشىش، دۈشمەنگە مۇشت ئېتىش، «گېپىڭ بولسا مەيدانغا چىق، ئاكاڭ قارىغاي ھەممىدىن نوچى، كۈچۈڭ يەتسە ئالساڭچۇ» دېگەن گاڭگۇڭلۇقى- جەلپكار نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى.
ئامېرىكا قىممەت قارشى ۋە مەدەنىيەت كىملىكى -سەنئەت، تەنتەربىيە، پۇلدارلىق، جىنسىيەت، ئۆزىنى ئىپادىلەش، كىنو، ھوللىۋۇد، ساغلاملىق، ياشلارنى مەركەز قىلغان مۇلازىمەت ساھەسى-ئىقتىدارلىق ياشلارنىڭ ئىنتىلىشى بولدى.
دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ ئامانلىقى، شۇنداقلا يەرشارىلاشقان ئىستراتېگىيىسى ئۈچۈن مۇداپىئە ۋە ئالدىن قول سېلىش، مۇھىم ساھەلەردە كۈچلۈك ئورۇننى قولدىن بەرمەسلىك،
دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك ئىزدىگەنلەرگە قول سۇنۇش، ئىنسانپەرۋەرلىكنى يەتكۈزۈش-سىياسىي نىجاتلىق ئىزدەۋاتقانلارغا مادار نۇقتىسى بولدى.
ئالىي مائارىپتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتى ۋە ئۆزىنى ئىسپاتلاش شارائىتى، شەخسنىڭ بارلىق ئىقتىدارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا بوشلۇق ھازىرلاش-ئۆزىگە ئىشىنىدىغان تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئېقىشىغا سەۋەب بولدى.
گەرچە ئۇسۇلى ۋە نىشانى جەھەتلەردىن چۈشىنىش ئوخشىمىسىمۇ -دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك... قاتارلىق سىياسىي قىممەت قاراش ۋە ھۆكۈمرانلىق پرىنسىپلىرىنى ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتى نۇقتىسىدىن ھەممە زۆرۈرىيەت ھېسابلايدۇ.
مانا شۇ سەۋەب «كۈچى بار، روھى بار، گېپى بار، ئاچچىقى بار، تاتلىقى بار» ئامېرىكا دەپ نادىرلاپ كېلىنگەن مەزكۇر دۆلەت سېھرى كۈچىنى خىلى زامانلار ساقلايدۇ. باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىنسان تەبىئىتى ھامان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا ئاشۇ خىل قىممەت قاراشتىكى ھاكىمىيەتلەر كۆپىيىدۇ. ئالدىنقى شەرتى جىنىغا تۇشلۇق دائىرىدە مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.


ئامېرىكا قىممەت قارىشى ئۆزگىرەمدۇ؟

دۇنيا ئۆزگىرىش بىلەن دۇنيا بولىدۇ، ھەر كۈنى، ھەر سائەت تۈمەنلىگەن ئۆزگىرىشلەر روياپقا چىقىدۇ. دۇنيادا ئۆزگەرمەيدىغان بىردىنبىر نەرسە يەنىلا ئۆزگىرىشتۇر، ئامېرىكا رېئاللىقى، سىياسىيسى ئۆزگىرىشكە قەدەم قويدى، ئامېرىكا خەلقنىڭ ئىدىيىسىمۇ ئۆزگىرىشنى ئىپادىلىدى. دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقە-ھادىسىلەر ئامېرىكا بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ كەلدى. ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرمۇ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ تەسىرىنى كۆرسىتىپ كەلدى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر سىياسىي، مەدىنى ۋە ئىقتىسادى ھاياتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىكى تۇرمۇشىدا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھېلىھەم مۇھىم قىزىق تېما ۋە تەتقىقات نۇقتىسى بولۇپ كەلدى. ئۆز بابىدا يەنە پۇقرالارنىڭ ئىدىيىسىدە، قىممەت قارىشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كەلدى. دۇنياغا بولغان تونۇش ۋە چۈشەنچە ئىزچىل يېڭىلىنىپ كەلدى.
مەسىلە: ئامېرىكىلىقلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەسىلىلەرگە پۈتۈنلەي شەرقچە، ئىسلامچە(قويۇق ئىسلامى دىنى پۇراق) ياكى خەنزۇچە (پۈتۈنلەي دىنسىز) شەكىلدە مۇئامىلە قىلىشقا ئۆزگىرىپ قالارمۇ-يوق؟ بۇ بىزگە نىسبەتەن بەك پايدىسى بار مەسىلىدەك قىلمايدۇ، خۇدانىڭ ئىلكىدىكى ئىشقا بىر نېمە دېمەك تەس، ئەمما ئىدېئولوگىيە-دىموگرافىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئامېرىكا سىياسىيونلىرى بۇنىڭدىن خىلى بۇرۇنلا ئەندىشە قىلىپ ياش ئەۋلادلارنىڭ مىللىي كىملىك ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مائارىپنىڭ ئاساسى نىشانلىرىدىن بىرى قىلىش لازىملىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. سامۇئىل خانتىڭتۇن ۋەكىللىكىدىكى مەدەنىيەت سىياسىيسى نەزەرىيىۋى ئېقىمىدىكىلەر بۇنىڭغا مايىل. خانتىڭتۇن «بىز كىم؟» ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق بۇ ئەندىشىسىنى ئاشكارىلىدى. بىر ئەسىر مابەينىدە كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئىرقى كەمسىتىشكە قارشى قانۇن لايىھىسىنىڭ تۈزۈلۈشىدىن تاكى نېگىر پۇشتىنىڭ پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغۇچە دەۋر ئامېرىكا خەلقىنىڭ سىياسىي، دىنى، مەدىنى ھاياتىدا يۈز بەرگەن مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدى. ۋە ئۆزگىرىشنى شوئار قىلغان يىڭى پرېزىدېنت دەۋرىنىڭ سايلانغانلىقىغا بەلگە بولۇپ قالدى. «ئامېرىكا شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزگىرىشكە دەۋرىگە قەدەم قويدى» نىيويورك ۋاقتى، سىملىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى، ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى قاتارلىقلار ئوخشاش تېمىدا ئارقىمۇ-ئارقا ئوبزور ئېلان قىلدى.
گەرچە بۇ ئۆزگىرىش- ئىقتىسادى تەرەققىيات، خەلقئارا ھۆرمەت، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىلەن نەتىجىلىنىشىنى بەك ئارزۇ قىلىنسىمۇ.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=797
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

没有评论:

发表评论

发表评论