2011年4月27日星期三

قەشقەردىكى مەسچىت-مەدرىسەلەر

Toluq Teksti
قەشقەر شەھىرىدىكى تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا يوقالغان مەسچىت-مەدرىسەلەر


قەشقەر تارىختا مەدىنىيەت بۆشۈكى، ئىلىم -مەرىپەت مەركىزى بولغان، بۇ جاي ئۇزاق يىللىق تارىخقا، شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمى گۈزەل ماكان. يەنە بىر نۇقتىدىن ئىيىتقاندا، قەشقەر تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلارشقان. ئىسلام مىمارچىلىقىمۇ ناھايىتى تەرەققى قىلغان شەھەر. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بولۇپمۇ ئاتالمىش «مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى» مەزگىلىدىن كىيىن نۇرغۇنلىغان تارىخى مەدىنى يادىكارلىقلىرىمىز يوقالغان ياكى باشقىلارغا شەخسى مۈلۈك قاتارىدا سىتىۋىتىلگەن.

بۇ تارىخى يادىكارلىقلارنىڭ ئىسىملىرى نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كىتىلگەن بولسىمۇ، ئاز ساندىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ھازىرغىچە ئۇنتۇلمىغان.
قەشقەر شەھرىدىكى تۈرلۈك سەۋەپلەردىن يوق بولۇپ كەتكەن مەسچىت-مەدرىسلىرىمىز توۋەندىكىچە:

1. چاپان بازىرى مەسچىدى(ئازنا مەسچىت) : بۇ مەسچىتنىڭ تارىخى 1000 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ مەسچىت يازلىق ۋە قىشلىق ناماز ئوقۇش يىرى دەپ ئىككىگە ئايرىلاتتى، ئامما بۈگۈنگى كۈنگە كەلگەندە يازلىق ناماز ئوقۇش يىرى تامامەن يوق بولغان، قىشلىق ناماز ئوقۇش يىرىمۇ يوق بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا. قەشقەر شەھرىنىڭ تارىخىغا قارىغاندا، قەشقەردە تۇنجى قىتىم سىلىنغان ھەم تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان مەسچىتتۇر.

2. خانلىق مەدرىس: بۇ مەدىرىستە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىم، پەيلاسوپ، شائىرلار ئىلىم تەھسىل قىلغان. تارىخى 500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. خانلىق مەدرىسنىڭ ئەسلى ئورنى بۈگۈنكى چاپان بازىرى(ئازنا) مەسچىت بىلەن بىر تۇتاش بولۇپ، 1932-يىلىغا كەلگەندە قەشقەر شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشۇلۇپ كەتكەن. ھازىرقى خانلىق مەدرىس قازان مەدرىسىنىڭ ئورنى.

3. قازان مەدرىسى: بۇ مەدرىس ھازىرقى خانلىق مەدرىسنىڭ ئورنى شۇ. ئەسلى خانلىق مەدرىس 1-باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن قازان مەدرىسىنى خانلىق مەدرىسى دەپ بىلىنمەكتە. بۇ مەدرىسنىڭمۇ تارىخى 500 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە 1966-يىل 8-ئايدا ئەسلى قىياپىتىنى چىقىۋەتكەن.1967-يىلى بۇ مەدرىسنىڭ نامىنى ۋىلايەتلىك سىياسى مەكتەپ دەپ ئۆزگەرتىلگەن. شۇندىن بىرى كىشىلەر تەرىپىدىن خانلىق مەدرىسى ئۇنۇتۇلغان.

4. ساقىيە مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ تارىخى 1000 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ، ئورنى چاسا يولىدا بولۇپ( كونا چاسا كىنوخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا)، بۇ مەدرىسمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە 1966-يىلى چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. ھازىر بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى سىتىۋىتىلگەن.

5. چاسا مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ تارىخى 1000 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ مەدرىسمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك 14-باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ، بۇمۇ باشقىلارغا سىتىۋىتىلگەن.

6. ھاشىم ئاخۇن داموللا ھاجى مەسچىتى(جىننى گۈزە مەسچىتى): بۇ مەسچىتنىڭ ئەسلى ئورنى ھازىرقى چاسا يولى ئازات كوچا ئۇدىلىدا، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە ياۋاغ باشقارمىسى ئىگەللەپ شەخسىيلەرگە سىتىپ بەرگەن.

7. ئارا كوچا مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ھازىرقى چاسا يولى ئارا كوچىسىغا جايلاشغان بولۇپ، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە بولسا بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياۋاغ باشقارمىسى تەرپىدىن ئاممىۋى ھاجەتخانا سىلىنغان.

8. $$$ مەسچىتى(ئىرىقبويى مەسچىتى): بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياقۇپ ھاجىم ۋالى مەھەللىسى بولۇپ، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە.ئاشلىق ئىدارىسى ئىگەللەپ 10-ئاشلىق پونكىتى قىلغان، بۈگۈنكى كۈندە بولسا باشقىلارغا سىتىۋىتىلگەن.

9. چاپان بازىرى مەھەللە مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ئامبارچىدا بولۇپ بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسى ئىگەللەپ 1982-يىلىدا دۆلەتباغ يىزىلىق ھۆكۈمەتكە سىتىپ بەرگەن. ھازىر بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى مىھمان كۈتۈش قىلىپ قوللانماقتا.

10. ئامبارچى مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ئامبارچىدا بولۇپ، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە مىسكەچى ئۇستاملارنىڭ دۇككىنى قىلىنغان.

11. توقۇززاق دەرۋازا مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى خام بازىرىدا بولۇپ(نىزامىددىن ھاجىم مەھەللىسى)، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە باجخانا قىلىنغان.

12. دوپپا بازىرى مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى خام بازىرى تۆت يول دوقمۇشىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندىكى خانتەڭرى ئاشخانىسىنىڭ ئورنى شۇ.

13. ئىدىرىس قارى مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى دوپپا بازىرى ئوتتۇرسىدا بولۇپ، بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ۋەيران قىلىنغان. كىيىنچە شەخسى مۈلۈككە ئايلىنىپ كەتكەن.

14. قەدىمى بورىچى كوچىسى مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياۋاغ يولىدا بولۇپ بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇرۇن يول كىڭەرتىش ئىشىدا چىقىلىپ يولغا قوشۇلۇپ كەتكەن.

15. قازانچى كوچا مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياۋاغ يولىدا بولۇپ بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇرۇن يول كىڭەرتىش ئىشىدا چىقىلىپ يولغا قوشۇلۇپ كەتكەن.

16. تۆرە يارباغ مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياۋاغ يولىدا بولۇپ بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇرۇن يول كىڭەرتىش ئىشىدا چىقىلىپ يولغا قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇ يول كىڭەرتىشتە. ھازىرقى ھىتگاھتىن يارباغقىچە بولغان يول كىڭەرتىشتە 5 مەھەللە 6 مەسچىت 50000 مىڭدىن ئارتۇق نوپوس سىرتىغا چىقىشقا مەجبۇرلانغان. بۇرۇن ھىتگاھقا كىلىش يولى ھازىرقى ئەنجان كوچا رەستە يولى ئىكەن.

17. تايخان غوجام خانىقا مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ھازىرقى ھىيىتكار خام بازىرى دوقمۇشى بۇ مەسچىتمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن يولنى كىڭەيتىش باھانىسى بىلەن چىقىۋىتىلگەن.كىيىن سودا كوپىراتىپى ئىگە بولۇۋىلىپ ئارقىسىدىكى 15 ئائىلىلىك ئوي جاي بىلەن تۆر يارباغ مەسچىتى بىلەن قوشۇپ چىقىپ شەخىسلەرگە سىتىۋەتكەن.

18. يارباغ دەرۋازا چوڭ مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى 1958-يىلى يارباغ كىنوخانا قىلىپ ئۆزگەرتكەن. يىقىنقى يىللاردىن بىرى كىنوخانا ئورنىمۇ چىقىلىپ سىتىشقا چىقاردى.

19. يارباغ پاخال بازىرى مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى بالون زاۋۇتىنىڭ ئارقىسىدا، ئىسلاھات باھانىسى بىلەن چىقىۋىتىپ سىتىۋىتلىگەن.

20. ھۈسىيىن پىچاقچى مەھەللە مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى قەدىمى يارباغ دەرۋازىسى سىرتىدا ئىدى. بۇ مەسچىتمۇ يولنى كىڭەيتىش باھانىسى بىلەن چىقىۋىتىلگەن.

21. ئوردائالدى چوڭ جامئەسى: بۇ مەسچىتنىڭ ياسىلىش تارىخى 1000 يىل بولۇپ(ئازنا مەسچىت بىلەن ئوخشاش)، يەر كۆلىمى 5000 مىڭ كۇۋادىرات مىتىر كىلىدۇ. 1968-يىلى چىقىۋىتىلىپ ئىستىمال بىناسى ياسالغان، بىر قىسمى ئوردا ئالدى بازارغا قوشۇلۇپ كەتكەن.

22. ئەلچىخانا جامىئەسى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ئوردا ئالدى بازىرىغا كىرىش ئىغىزىدا ئىدى. 1964-يىلى يول كىڭەيتىش باھانىسى بىلەن چىقىۋىتىپ شەھەرلىك 2-يىنىك سانائەت ئىدارىسى ئىگەللىۋىلىپ، بۇنى 2005-يىلى سادىق سودا سارىيىغا سىتىۋەتكەن.

23. جانان كوچا مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى بۇرۇنقى جانان كوچا (ھىتگاھ تەرەپتىن) كىرىش تەرپىدە بولۇپ، بۇ مەسچىت مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى يىلىدا ساقلىنىپ قىلىنغان، يىقىنقى بىر زاماندا يەنى 1986-يىلىدا بىر مەھەللىدە بىردىن ئارتۇق مەسچىت بولماسلىقى كىرەك دىگەن باھانا بىلەن چىقىۋىتىلگەن ئورنىغا باجخانا سىلىنغان 2003-يىلىغا كەلگەندە جانان كوچىسى ۋە باجخانا قاتارلىق بىر بۆلۈم يەرلەر قوشۇلۇپ مەلۇم كىشىلەرگە سىتىلىپ ھازىرقى ھالىتىگە كەلگەن.

24. ياغ بازىرى مەسچىتى(توغراق تۈيى مەسچىتى): بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ياغ بازىرىدا بولۇپ، بىر مەھەللىدە بىردىن ئارتۇق مەسچىت بولماسلىقى كىرەك دىگەن ئىسلاھات قىلىشتا چىقىۋىتىلگەن.

25. قوناق بازىرى مەھەللە مەسچىتى: ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يىنىدا بولۇپ، بىر مەھەللىدە بىردىن ئارتۇق مەسچىت بولماسلىقى كىرەك دىگەن ئىسلاھات قىلىشتا چىقىۋىتىلگەن.

26. شامچى كوچا مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ھازىرقى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئارقىسىغا توغرا كىلىدۇ، بۇ مەسچىتمۇ 1965-يىلى يول ئىسلاھاتى مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىۋىتىلگەن.

27. قاش مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ھازىرقى قارقى دەرۋازا يولى(كەتمەن بازىرى يولى) ئەگلەكچى كوچىسىنىڭ ئۇدىلىغا كىلىدۇ، ھازىر بۇ ئورۇن تۆمۈرچىلەرنىڭ يىرى بولۇپ قالدى.

28. دوغابەگ مەھەللىسى مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى جۇڭگۇ قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئارقىسىدىكى، فىلىم شىركىتىنىڭ يىنىدىكى كوچىغا جايلاشقان بولۇپ، ھازىر بۇ مەسچىتنىڭ ئورنىغا ئائىلىكلەر قۇروسى سىلىنغان.

29. كەسكەنيار سالامەت مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى كەسكەنياردا بولۇپ، ھازىرقى ئەشىمكا كوچىسىنىڭ دوقمۇشىدا، بەشئىرىق كوچىسىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كىلىدۇ. بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى يىقىنقى زاماندا ئاھالە ئولتۇراق رايۇنىغا ئايلاندى.

30. ساچ مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى ھازىرقى چاسا يولى غوجىلا كوچىسى ئۇدۇلىغا توغرا كىلىدۇ. بۇ مەدرىسمۇ يىقىنقى زاماندا ئاھالە ئولتۇراق رايۇنىغا سىتىشقا چىقىرىلغان.

31. لايپەشتاق مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك 17-باشلانغۇچ مەكتەپ شۇ.

32. ساڭ مەسچىتى(ئاشلىق ساقلايدىغان ئامبار ): بۇ مەسچىتنىڭ ئورنىغا 1963-يىلى ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىناسى سىلىنغان.

33. ئارايار ئۈستىدىكى مەسچىت: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى تۈشۈك دەرۋازىغا كىتىشتە دۆڭنىڭ ئۈستىدىكى مەسچىت، بۇ مەسچىت ھازىر تاقىۋىتىلگەن.

34. كەنجازى مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى ھازىرقى ئۆستەڭبويى 4-ساقچىخانانىڭ ئورنى شۇ. بۇ مەدرىسمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە چىقىلىپ ئورنىغا ھازىرقى 4-ساقچىخانا سىلىنغان.

35. ئەلەخان تۆرەم مەدرىسى: بۇ مەدرىسنىڭ ئورنى ھازىرقى ئۆستەڭبويى باشقارمىنىڭ ئورنى شۇ. بۇ مەدرىسنىڭ تارىخى 300 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ، يىقىنقى زاماندا يەنى 2005-يىلى چىقىلىپ ئورنىغا ئۆستەڭبويى باشقارما خىزمەت بىناسى سىلىنغان.

36. باغ كوچىسى ئۇدۇلىدىكى مەھەللە مەسچىتى: بۇ مەسچىتنىڭ ئورنى ئۆستەڭبويى يولى باغ كوچىسى ئۇدۇلىدا بولۇپ، ئەسلى مەسچىتنىڭ ئورنى 200 كۇۋادىرات مىتىر بولۇپ، ھازىر 50 كۇۋادىرات مىتىرغا چۈشۈپ قالغان، سەۋەبى مەسچىت يىنىدىكى ئاشخانىغا قوشۇلۇپ كەتكەن.

37. تاش بازىرى چوڭ جامىئەسى: بۇ جامە ئورنى ھازىرقى تاش بازىرى يولى، پوچتا-تىلگىراف ئىدارىسىنىڭ ئارقىسىغا توغرا كىلىدۇ، -يىلى چىقىۋىتىلگەن. چىقىۋىتىلگەندىن كىيىن ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئائىلىلىكلەر قوروسى سىلىنغان.
دىمەك، مانا بۇ تارىخىي مەسچىت ۋە مەدىرىسلەر قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، تۈرلۈك سەۋەپلەردىن بۇ ئورۇنلار چىقىۋىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن مىللىتىمىزنىڭ بىر تۈركۈم تارىخىي يادىكارلىقلىرى يوق بولۇپ كەتكەن.
يۇقاردىكى ئورۇنلارنى قەشقەر ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنتۇپ كەتتى...
ئەسكەرتىش: يۇقاردىكى ئورۇن ۋە كوچىلارنىڭ نامىلىرى بۇرۇنقى ئىسىملىرى بويىچە ئىلىندى، ھازىر بۇ كوچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىسىملىرى ئاللاقانداقتۇر ئۆزگۈرۈپ كەتتى. مەن بىلەلمىگەن ۋە ياكى ئۇنتۇلۇپ قالغان تارىخى مەسچىت-مەدىرىسلەر بولسا يىزىپ تولۇقلاپ قويساڭلار بولىدۇ.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://uzdiyar.blogbus.com/logs/37373198.html
http://uyghuracademy.com/?p=6383
http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=571
http://ketmenbay.blogbus.com/logs/113155769.html
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
تولۇق ئوقۇش

گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى

Toluq Teksti٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


ئامىرىكا 17 نەپەر «شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قۇيۇپ بەرمەكچى

ئامىرىكا قوشما شتات رايونلۇق سوت مەھكمىسى 2008-يىلى 7-ئۆكتەبىر گۇۋانتانامۇ تۈرمىسگە قامالغان 17 نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قويۇپ بېرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى.

ئامىرىكا سىملىق تىلىۋىزىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ 2008-يىلى 7-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامىرىكا قۇشما شىتات رايونلۇق سوت مەھكمىسىنىڭ سوتچىسى رېكاردو ئوربىنا گۇۋانتانامۇ تۈرمىسگە قامالغان 17 نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قويۇپ بېرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن.
ئوربىنا مۇنداق دىگەن:
«بۇ مەھبۇسلارنىڭ دۈشمەن تەرەپ خادىمى ياكى خەتەرلىك تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىغا دائىر ھىچقانداق ئىسپات يوق»
ئۇ يەنە مۇنداق دىدى:
«كىلەر ھەپتە بۇ كىشلەرنى قانداق شەرت-شارائىت ئاستىدا ئامىرىكىدا ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى قارار قىلىش بويىچە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئىچىلىدۇ»

جۇڭگو دىپلۇماتىيە مىنىسرلىكنىڭ باياناتچىسى، ئىلگىرى جۇڭگو تەرەپ ئامىرىكىنىڭ جۇڭگو تەۋەلىكدىكى تېرورلۇق جىنايەت گۇماندارلىرىنى جۇڭگوغا ئۈتكۈزۈپ بېرىشنى ئۈمىت قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
چىنگاڭ مۇنداق دىدى:
«ئۇلار ب د ت خەۋىپسزلىك كىڭىشى تەرىپىدىن جازالاش تىزىملىكگە كىرگۈزۈلگەن «شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى»غا ئۇخشاش تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى بۇلۇپ، قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، جۇڭگو ئۇلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك»

بۇ شەرقى تۈركىستان ئۇنسۇرلىرى جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكگە خەۋپ شەكىللەندۈرىدۇ. خەلقئارا مىزان بويىچە ئېيتقاندا، جۇڭگو ھۈكۈمىتى ئەدلىيە تەرتىپى بويىچە ئۇلارغا ھۈكۈم چىقىرىشى كېرەك. ئەمما ئامىرىكا ھۈكۈمىتى ھە دىسلا «كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسى»نى بانا قىلىپ، جۇڭگوغا ئۈتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلىپ كەلدى.
2006-يىلى ئامىرىكا ھۈكۈمىتى گىۋاتانتامۇ تۈرمىسگە قامالغان بەش نەپەر «شەرقى تۈركىستان» مەھبۇسىنى قويۇپ بەرگەن بۇلۇپ، ئەينى چاغدا ھىچقانداق دۆلەت ئۇلارنى قۇبۇل قىلىشنى خالىمىغاچ، ئامىرىكا مىڭ بىر جاپادا ئاخىرى ئۇلارنى ئالبانىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان.

ئاقساراي ئامىرىكا قۇشما شىتات رايونلۇق سوت مەھكمىسىنىڭ 2008-يىلى 7-ئۆكتەبىر گۇۋانتانامۇ تۈرمىسگە قامالغان 17 نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قويۇپ بېرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەنلىكىگە كۈچلۈك قارىشى تۇردى.
بۇ گىۋانتانامۇ تۈرمىسگە قامالغان باشقا مەھبۈسلارنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بىر مىسال بۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: http://news.qq.com/a/20081008/001935.htm دىن تەرجىمە قىلىندى
مەنبە: http://www.guldasta.cn/bbs/read.php?tid=494&fpage=5
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


ئامېرىكا گېرمانىيىدىن ئۇيغۇرلارنى قۇبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى

گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيىدىن گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قۇبۇل قىلىشىنى رەسمى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. فىرانسىيە ئاگېنىتلىقى گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى شۇ يەر ۋاقتى بىلەن 4-ماي بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلىشنى باشلىشى مۇمكىن، دېدى.
ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا گېرمانىيەنى قۇبۇل قىلىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئارخىپى بىلەن تەمىنلىگەن، گېرمانىيە ئەينەك گىزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كىشىلەر 10غا يېتىدىكەن.
گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى مۇنداق دېدى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەر ۋە گېرمانىيىدىكى ھەر قايسى شىتاتلىق ھۆكۈمەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا تەمىنلىگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ئارخىپىنى بىرمۇ بىر تەتقىق قىلىدۇ.
ھازىر گېرمانىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىدە سول قانات سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى گۇەنتانامۇدىكى ئۇيغۇرمەھبۇسلارنى قۇبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۇەنتانامۇدا ھازىر 10نەچچە ئۇيغۇر مەھبۇس بار. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: «يولتۇزلۇق ئارال تورى»)2009-05-05(
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


گېرمانىيە «شەرقى تۈركىستان»چىلارغا پاناھگاھ بولارمۇ؟ (1)

گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئاشكارلىشىچە، 2009-يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا گېرمانىيەدىن گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى بىر تۈركۈم «شەرقى تۈركىستان» مەھبۇسلىرىنى قۇبۇل قىلىشنى رەسمىي ئۆتۈنگەندە گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە شىتاتى باشچىلىقىدىكى كۆپىنچە شىتات بۇ مەھبۇسلارنى قۇبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما، 2009-يىلى 9-ماي گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كۆپىنچە شىتاتلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرى پوزىتسىيەسىنى 180 گرادۇس ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «سۈرەتلىك گېزىت»تە توققۇز مەھبۇسنىڭ تەپسىلىي تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان ھەم ئۇلارنىڭ «بازا» تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئىسپاتلاندى. ئۇلار «جەمىئيەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن» دەپ تەكىتلىگەن.
خەۋەردە يەنە «بۇ مەھبۇسلارنىڭ يەتتىسى تېرورچى تەشكىلات «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى»نىڭ مەشىق لاگېرىدا قورال ئىشلىتىشنى مەشىق قىلغان، ئۇلار جاھىل رادىكالىزىمچىلار بولغاچقا، گېرمانىيەدىمۇ رادىكالىزىم ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن» دىيىلگەن.

مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن گېرمانىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغاچقا، باشتا ئۇلارنى قۇبۇل قىلىشقا قوشۇلغان باۋارىيە شىتاتى، بېرلىن شىتاتى، خېسسىن شىتاتى قاتارلىق شىتاتلار پوزىتسىيەسىنى دەرھال ئۆرگەرتكەن.
گېرمانىيە شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ جۇڭگۇ ئىشلىرى مۇتەخەسىسى گرىد نىسسىن 2009-يىلى 10-ماي مۇنداق دېدى: «بىر قانچە شىتاتنىڭ پوزىتسىيەسىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىشىگە ئۇلارنىڭ مەھبۇسلارنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكى سەۋەپ بولغان. شۇنداقلا بىر قانچە شىتات ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ مەھبۇسلارنى ‹تېرورچى ئۇنسۇرلار› دېگەن قارىشىغا قوشۇلغانلىقىمۇ يەنە بىر سەۋەب»

بىراق، گرېدنىسسىن يەنە مۇنداق دىدى:
گېرمانىيەنىڭ «شەرقى تۈركىستانچى» مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسمىنى فىرانسىيەگە بۆلۈپ بەرمەكچى بولغانلىقى جۇڭگۇ-گېرمانىيە ئوتتۇرسىدىكى دىپلوماتىيە خەتىرىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: «شىنجاڭ رادىئو-تېلىۋىزىيە گېزىتى»(2009-يىلى 14-ماي. 16-بەت)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


گېرمانىيە «شەرقى تۈركىستان»چىلارغا پاناھگاھ بولارمۇ؟ (2)

ئامېرىكا پاناھگاھ ئىزدەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

گېرمانىيىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ «گۋانتانامو تاقالسا، بۇ يەردىكى مەھبۇسلارنى كىم سىغدۇرۇپ كېتەر؟» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس ئامېرىكىلىق مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تۇنجى بولۇپ: «گۋانتانامودىكى تۈرمىسىنى تاقىۋېتىمەن، قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى!» دېدى.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىدە مېنىڭ پات ئارىدا ۋەزىپىسىدە ئولتۇرىدىغان زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن قارىشىم بىردەك، ئوبامانىڭ قارىشىچە، گۋانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش يېڭى ھۆكۈمەت تەختكە چىققاندىن كېيىن قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش، قىلغاندىمۇ ھەممىدىن بۇرۇن قىلىدىغان ئىش».

ئەمما ئوباما ھۆكۈمىتىدە بىر ئورنىدا ئىزچىل تۇرۇپ قالغان بۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھازىر گۋانتانامو تۈرمىسىنى تاقاشقا زادى قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ،
بۇ تۈرمىدە ھېلىمۇ 250 مەھبۇس بار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاز بولغاندىمۇ 50 ئادەم بىگۇناھ قامالغان. گەرچە بىگۇناھ قامالغان بۇ 50 ئادەمنى دەرھال قويۇۋېتىشكە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان بىرەر دۆلەت چىقمىدى.

گايتىس مۇنداق دېدى: گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا، بىز بۇ مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەرنى تاپالمىدۇق. گەرچە بەزى دۆلەتلەر قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولغان بولسىمۇ، لېكىن بىز ئۇلارنىڭ قايتا قولغا ئېلىنماسلىقىغا ياكى قايتا سوراق قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلمىساق بولمايدۇ. بىز ھازىر ئۇلارغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان جاينى ئىزدەۋاتىمىز.
ھەقىقىي ئەھۋال مۇنداق: گۋانتاناموغا بىگۇناھ قامالغان مەھبۇسلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمدى ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە قايتالمايدۇ، بۇ كىشىلەر روسىيە، لىۋىيە، تۇنىس ياكى ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن. ئەگەر بۇ كىشىلەر يۇرتىغا قايتۇرۇلىدىغان بولسا، ئۇلارنى قاتتىق قىيىن-قىستاق ۋە زىيانكەشلىك كۈتۈۋالىدۇ. زۇڭتۇڭ بۇش ئىلگىرى ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن بۇ كىشىلەرنى ئېلىپ قېلىشنى تەلەپ قىلغانىدى، ئەمما ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى ھېچكىم قوللىمىدى.

بېرلىن بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالىدى

گېرمانىيىلىك دىپلوماتلار ئاشكارىلىغان خەۋەرگە قارىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرى گۋانتانامودىن قويۇۋېتىلگەن بۇ مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە ھازىرلانغان. بۇ خەۋەرنى ئۇ ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئۆز ئاغزى بىلەن دەلىللىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ گۋانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش قارارى ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ بۇ مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولمايدىكەن. نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گۋانتانامو تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بۇ ئىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلماقچى بولغان دۆلەتلەر قوبۇل قىلماقچى بولغان مەھبۇسلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى بىلەن دىنىي ئېتىقادىغا چەك قويسا بولمايدىكەن.
بۇ مەسىلە 20 دەك جۇڭگولۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانغا چېتىلىدۇ، ئۇلار ئىلگىرى جۇڭگودىن پاكىستان بىلەن ئافغانىستانغا قېچىپ بارغان، ھازىر ئۇلار گۋانتانامو تۈرمىسىگە قاماقلىق.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى تېررورچى ئۇنسۇر دەپ قارايدۇ، شۇڭا بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلماقچى بولغان 3-دۆلەتنى ئەيىبلەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، باشقا ئەللەرنىڭ قارشىلىقى گۋانتانامو تۈرمىسىنى تاقاشقا توسالغۇ بولالمايدىكەن.
دىپلوماتلارنىڭ ئېيتىشىچە، گۋانتانامودىكى مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىش ئامېرىكىنىڭ يېڭى سايلانغان زۇڭتۇڭى ئوبامانى قوللاشنىڭ يەنە بىر شەكلى ئىكەن، بۇ ئۇنىڭ سايلام مەزگىلىدە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بەرگەنلىك بولىدىكەن.
بەش بۇرجەكلىك بىنا ئالدىنقى ھەپتە ئېتىراپ قىلىپ: «بىز ھازىر گۋانتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمىز» دېدى.

گېرمانىيىدىكى «فرانكفورد ئوبزورى گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى:
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ھازىر گۋانتانامودىكى تۈرمىنى تاقاش پىلانىنى يولغا قويماقچى، گېرمانىيە فېدېراتىپ ھۆكۈمىتى باشقا ياۋرو ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە گۋانتانامودىكى مەھبۇسلاردىن ئازراق قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
فېدىراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ۋالىيسى جونيېت نوك مۇنداق دېدى:
گۋانتانامو ئامېرىكىنىڭ مەسىلىسى، ئەمما بۇ تۈرمىنى تاقاش كىشىلەرنىڭ بۇ يەردىكى مەھبۇسلارنى قەيەرگە قويۇشنى بىلمەسلىك تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولسا بولمايدۇ. شۇڭا گېرمانىيە بۇ تۈرمىدىكى مەھبۇسلاردىن نەچچە ئوننى قوبۇل قىلىشى، بولۇپمۇ يۇرتىغا قايتىشنى خالىمايدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ پەردە ئارقىسىدا جۇڭگولۇق مۇسۇلمانلارنىڭ قىسمەن ئەزالىرى بىلەن ئاللىقاچان كۆرۈشۈپ بولغانلىقى ئېنىق، ئىلگىرى پاكىستان بىلەن ئافغانىستانغا قېچىپ كەتكەن 17 ئۇيغۇر ھېلىمۇ گۋانتاناموغا قاماقلىق. ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش دىپلوماتىيە جەھەتتە ئىنتايىن قول تۇتىدىغان مەسىلە، چۈنكى جۇڭگو چوقۇم بۇ مەسىلىدە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرماي قالمايدۇ، شۇڭا گېرمانىيە فېدېراتىپ ھۆكۈمىتى ياۋروپادىكى باشقا ئەللەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ.

تېخى ئاخىرقى قارار چىقىرىلغىنى يوق

گېرمانىيىدىكى «فرانكفورت مەجمۇئە گېزىتى» 2008-يىلى 22-دېكابىر ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:
گېرمانىيە فېدېراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ۋالىيسى جونيېت ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى يېشىل پارتىيىنىڭ رەھبىرى بېك ئۇنىڭ تەشەببۇسىنى قوللىدى. ئەمما ئۇ مۇنداق دېدى: «يېشىل پارتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارار لايىھىسى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىتتىپاق ۋە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى قارشى تۇرغاچقا ماقۇللانمىدى. قارىغاندا، زۇڭلى مېركىل خانىم ئىپادە بىلدۈرىدىغان چاغ كېلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ»

گېرمانىيە يېشىل پارتىيىنىڭ رەئىسى كرايدىياروت زۇڭلى مېركىل خانىمغا: ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇچۇرى بېرىدىغان چاغ ئاللىقاچان كەلدى، بىز دەرھال بۇش ھۆكۈمىتىگە گۋانتانامودىكى مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك!» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى زۇڭتۇڭى ئوباما دۇنيا ئەھلىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان بۇ تۈرمىنى تاقىماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئەمما بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ تۈرمىگە قامالغان 250 مەھبۇسنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتى- «خەلقئارا چوڭ كەچۈرۈم» گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن گۋانتانامودىكى مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ تەشكىلاتنىڭ گېرمانىيە سۆھبىتىگە مەسئۇل خادىمى باربارا مۇنداق دېدى:
«ھازىر تېزلىكتە ھەرىكەت قىلماي بولمايدۇ، ئەمدى كەينىگە تارتىش بىمەنىلىك. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپادىكى باشقا ئەل ھۆكۈمەتلىرى ھازىر بىردەك بايانات ئېلان قىلىپ، بىگۇناھ قامالغانلىقى ئېنىق ئاشۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشى زۆرۈر»

باربارامۇ خۇددى جونيېتقا ئوخشاش ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ،
ئۇ: «گېرمانىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تورى بار، شۇڭا ئۇلار بۇ دۆلەتتە يېڭى تۇرمۇشنى بىر قەدەر ئوڭاي باشلىيالىشى مۇمكىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن سۈركىلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلمايدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك» دېدى.

2001- يىلى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بۇش ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ گۋانتانامو بازىسىغا تۈرمە تەسىس قىلدى، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى شۇ چاغدىلا ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچار بولغان.
ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جايغا 2002-يىلىدىن باشلاپ تالىبان بىلەن «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى قامالغان.
كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەيىبلەنمىگەن ھەمدە ئادۋوكاتنىڭ قانۇن بويىچە ئاقلىشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ يەرگە ئۇزاققىچە قاماپ قويۇلغان، ھەتتا ئۇلار مەھبۇسلارنى قاتتىق خورلىغان.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» ۋە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.choghlan.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=11494
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


مىيۇنخىن شەھىرىنىڭ 17 نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قۇبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقى كەسكىن مۇنازىرە قوزغىدى

جۇڭشىن تورى 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى تىلگىراممىسى:
ئامىرىكىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى ئوباما گۇەنتانامۇ تۇرمىسىنى تاقاش قارارىنى چىقارغاندىن كىيىن، پات ئارىدا قۇيۇپ بېرىلىدىغان 17 نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى نەگە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى گىرمانىيە، ھەتتا ئامىرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردە كەسكىن مۇنازىرە قوزغىغان.
يېقىندا گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدىكى ھەرقايسى پارتىيە ۋە گوروھلار بۇ 17 نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق «گىرمانىيە ئاۋازى»نىڭ 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىدە: بۇ «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرلىرى ئاخىرىدا گىرمانىيەنىڭ پاناھلىق بېرىشىگە ئېرىشەلەمدۇ-يوق، بۇ يەنىلا گىرمانىيە فىدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى قارارىغا باغلىق ، دىيىلگەن.

مىيۇنخىن شەھەرلىك پارلامىتنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاچقان پارلامىت يىغىنىدا، «ھەرقايسى پارتىيە ۋە گورۇھلار گۇەنتانامۇدىن قۇيۇپ بېرىلىدىغان بۇ شەرقى تۈركىستان ئۇنسۇرلىرىنى قوبۇل قىلىشقا قۇشۇلغان»

مىيۇنخىن شەھىرى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تەغدىردىمۇ، بىراق بۇ 17 نەپەر تۇتقۇننىڭ باۋارىيەگە چوقۇم كەلسە بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىكەن. چۈنكى گۇەنتانامۇدىن قويۇپ بېرىلىدىغان تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسىدە گىرمانىيە فىدىراتسىيە ھۆكۈمىتى ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقارمىغان.

نۆۋەتتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى گىرمانىيەنىڭ بۇ «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىغا قاتتىق نارازى بولۇپ، جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى ئىزچىل ھالدا، «ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بۇ ئۇنسۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىقىنى ھەمدە ئۇلارنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى»نى تەكىتلەپ كەلگەن.

دوكلاتتا تونۇشتۇرۇلىشىچە، گىرمانىيە ئىچكى كابىنت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى 朔伊布勒 نىڭ باياناتچىسى: «دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنىغا ئاساسەن، گۇەنتانامۇدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان مەھبۇسلارغا ئۆز دۆلەتلىرى مەسئۇل بولسا بولاتتى، ئەمما ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىر قىسىم مەھبۇسلارنى ئۆز دۆلىتىگە تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ، شۇڭا ئامىرىكا باشقا دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولۇپ بۇ مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسمىنى قۇبۇل قىلىشى لازىم. ئەگەر ئامىرىكىمۇ بۇ مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلمىسا ئۇنداقتا ئامىرىكا ئۆزىنىڭ ئاساسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشى كېرەك» دەپ بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە: «بىزگە نىسبەتەن گىرمانىيەنىڭ بىخەتەرلىكى بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما بىز ئامىرىكىغا سۇنغان گىرمانىيەنىڭ ئامىرىكىنىڭ گۇەنتانامۇ تۈرمىسىنى تاقاش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىپ ئۈچۈن قويۇپ بېرىش ئالدىدا تۇرغان مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسمىنى قۇبۇل قىلىش تەكلىپىنىڭ جاۋابىنى ساقلىشىمىز كېرەك» دەپ بىلدۈرگەن.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: http://www.chinanews.com.cn/gj/ywdd/news/2009/02-18/1568065.shtml
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
بۇ تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى:
http://bbs.misranim.com/read.php?tid=8127
مەنبە: http://bbs.aypak.cn/simple/index.php?t626.html
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


شىۋىتسىيە سوتى «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ماقۇللىدى

شىۋىتسىيە سوت مەھكىمىسى «شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇللىرىنى قۇبۇل قىلىشنى ماقۇللىدى. ئەمما شىۋىتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇنىغا قارشى چىقتى

«يەرشارى كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ ئالاھىدە مۇخبىرى لى چيۇخېڭ خەۋەر قىلىدۇ:
«ئامىرىكا بىرلەشمە ئاگىنتلىقى»نىڭ 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىۋىتسىيە كۆچمەنلكەر سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن بىر نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى ماقۇللىغان.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنىڭ ئىسمى ئادىل ھاجىم بولۇپ، بۇ يىل 34 ياشتا ئىكەن.
11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، ئۇ «تېرورلۇق ھۇجۇمىغا چېتىشلىق» دىگەن گۇمان بىلەن ئامىرىكا تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، كىيىن گۇەنتانامو تۈرمىسىگە قاماپ قۇيۇلغان.
2006-يىلى، ئۇ ھەم باشقا باشقا تۆت نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن ئالبانىيەگە ماكانلاشقان.
كىيىن، ئادىل ھاجىم شىۋىتسىيەگە كېلىپ، ئۆتكەن يىل 11-ئايدا شىۋىتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە پاناھلىق ئىلتىمىسى سۇنغان، ئەمما ئۇلارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.
شىۋىتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ دىيىشىچە، ئالبانىيە ئۇنىڭغا ئاللىقاچان پاناھلىق بېرىپ بولغان بولۇپ، يەنە شىۋىتسىيەدىن پاناھلىق تىلىسە نۆۋەتتىكى قائىدىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن.

بىراق شىۋىتسىيە سوت مەھكىمىسى 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ چىقارغان قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن بولۇپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ دىيىشىچە، ئادىل ھاجىمنىڭ ئىشى پەقەت پەۋقۇلئاددە بىر ئەھۋال بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چىقارغان ھۆكۈمگە ئاساسەن، شىۋىتسىيەنىڭ پات ئارىدا گۇەنتانومو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلمەكچى بولغان تۇتقۇنلارغا پاناھلىق بېرىشىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن.

شىۋىتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ دىيىشىچە، كۆچمەنلەر ئىدارىسى داۋاملىق ئالىي سوتقا نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىكەن.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: http://mil.cnwest.com/content/2009-02/20/content_1813176.htm
مەنبە: http://bbs.misranim.com/read.php?tid=8252
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


ئون يەتتە نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرى «ئۇۋا» تاپتى

ئىلگىرى، بوش ھۈكۈمىتىنىڭ «شەرقى تۈركىستان»چىلارنى باشقا دۆلەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بىرىش تەكلىۋى 20 نەچچە دۆلەت تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئىدى.
بىراق ئوباما تەختكە چىقىپ بۇ ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولدى.
بۈگۈن ئوبامانىڭ گۈەنتانامۇ سىياسىتىگە قارىتا بىر «سوغات» بىرىلدى دىيىشكە بولىدۇ، يەنى مىيۇنخىن ۋە ئالبانىيە بۇ ئۇنسۇرلارنى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى جاكالىدى.

ئامىرىكىنىڭ مۇئاۋىن زوڭتۇڭى بايدىن 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى «مىيۇنخىن بىخەتەرلىك مۇھاكىمە مۇنبىرى»دە ۋەزخانلىق قىلىپ، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنى ئوبامانىڭ گۈەنتانامۇ تۈرمىسىنى تاقىۋىتىش سىياسىتىنى قوللاشقا تەكلىپ قىلدى.
ئۇ بۇ مۇنبەردە ۋەز ئېيتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھرى ئون يەتتە نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قوبۇل قىلىش نىيىتى بارلىقىنى جاكالىغان ئىدى،
بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدىن كىيىن، ئەتىسى ئىلگىرى بەش نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قوبۇل قىلغان ئالبانىيەمۇ يەنە بىر قېتىم بۇ ئون يەتتە نەپەر ئۇنسۇرنى قوبۇل قىلىش نىيىتىنى بىلدۈردى.

ئەمەلىيەتتە ئامىرىكا ھۆكۈمىتى ئىلىمىزنىڭ كۆپ قېتىملىق دىپلوماتىيە قارشىلىقى ۋە ئىلىمىز بىلەن تۈزۈلگەن تىرۇرلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئەھدىنامىسىنى بۇزۇپ بۇ «شەرقى تۈركىستان» تىرۇرچىلىرىغا «ئۇۋا» ئىزدىگەن ئىدى.
2004-يىلدىن باشلانغان بۇ قىلمىش 20 نەچچە دۆلەت تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ كەلگەن ئىدى.
ھالبۇكى ئوباما تەخىتكە چىققاندىن كىيىن، بۇ ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ، گەرچە كۆپ قىسىم دۆلەتلەر بۇ «قول كۆيدۈرىدىغان پىچكى»نى تۇتۇشنى خالىمىسىمۇ، لىكىن گىرمانىيە ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئامىرىكىنىڭ تەلىۋى بويىچە بۇ ئۇنسۇرلارنى قوبۇل قىلدى.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبەسى: http://news.sina.com.cn/c/sd/2009-02-13/093617207784.shtml
مەنبە: http://www.uguzhan.cn/bbs/read.php?tid=2253
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


ئامىرىكا «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرىنى قوبۇل قىلماقچى

ئامىرىكا قوشما شىتات سوت مەھكىمىسىدىكى بىر سوتچى گۇانتاناموغا قاماپ قويۇلغان «شەرقى تۈركىستان» كۈچلىرىنى قويۇپ بىرىشنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئامىرىكىدا تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.
بۇ ئامىرىكىدا بولۇپ باقمىغان ئىش بولۇپ، ئەگەر رىئاللىققا ئايلانسا «بەلگە خاراكتىرلىك ئەدلىيە كىسىمى» بولۇپ قالىدۇ.

«ۋاشىنگىتون پوچتا گىزىتى»نىڭ 2008-يىلى 5-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، 2001-يىلى ئافغانىستان ئۇرۇشىدا ئافغانىستانغا يوشۇرۇنۇۋالغان «شەرقى تۈركىستان» كۈچلىرى ئامىرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئىلىنىپ، گۇانتانامو تۈرمىسىگە قاماپ قويۇلغان.
ھازىر بۇ «شەرقى تۈركىستان» كۈچلىرى ھەممە دىققەت قىلىدىغان ئوبىكىتقا ئايلانغان.
ئامىرىكا بۇ كىشىلەرنى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشنى رەت قىلىپ، بارلىق ئامال-چارىلەر بىلەن ئۇلارنى قۇبۇل قىلىدىغان دۆلەت ئىزدىدى.
2006-يىلى ئالبانىيە بەش نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قوبۇل قىلغاندىن بىرى، قالغان كىشىلەرنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت چىقمىدى.
ئۇلارنىڭ ئادۇۋكاتى مۇنداق دىدى: «ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئامىرىكىغا تەھدىد ئىلىپ كەلگىنى يوق، مەن ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى ئامىرىكىدا قالدۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن»

باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىل 8-ئايدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، ئامىرىكا قوشما شىتاتى رايۇنلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى لىكاردو.ئۇبىنا: «مىنىڭچە بۇ ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان تەكلىپ»دىگەن.
ئۇ 7-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنىشىپ، بەش نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قويۇپ بىرىش ۋە ئۇلارنى ئامىرىكىدا ئىلىپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئادۇۋكاتلار ئەدلىيە تىكىستىنى تاپشۇرۇپ، ئۇبىنانىڭ قالغان 12 شەرقى تۈركىستان ئۇنسۇرىنىمۇ قويۇپ بىرىشنى ئويلىشىنى تەلەپ قىلىدى.
يىقىنقى يىللاردىن بىرى گۇانتاناموغا قاماپ قويۇلغان بەش يۈزدىن ئارتۇق كىشى قويۇپ بىرىلدى.
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئافغانىستان، بەزىلىرى پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئەۋەتىلدى.
ئەمما ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ ئامىرىكا ئىلىپ قالمىغان ئىدى.

ئامىرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدىكى ئادۇۋكاتلار مۇنداق دىدى:
پەقەت ئامىرىكا زۇڭتۇڭى بوشنىڭلا بۇ كىشىلەرنى ئامىرىكىدا ئىلىپ قىلىش ھوقۇقى بار. ئەگەر ئۇلارنىڭ تىرورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بولسا، سوتچىلارنىڭمۇ ئۇلارنى ئامىرىكىدا ئىلىپ قىلىشقا ئامالى يوق.
ئامىرىكا ئىرىشكەن ماتىرىياللارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر كىشى تىرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان.
2002-يىلى 8-ئايدا ئامىرىكا ھۆكۈمىتى بىر «شەرقى تۈركىستان» تەشكىلاتىنى «تىرورلۇق تەشكىلات» دەپ بىكىتتى.
ئەمما، ئامىرىكىدىكى بىرقانچە پارلامنت ئەزاسى «شەرقى تۈركىستان» تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى قاماپ قويۇش مەسىلىسى بىلەن ئامىرىكا ھۆكۈمىتىگە پات-پات بىسىم ئىشلىتىپ، «بۇ كىشىلەر پەقەت جۇڭگونىڭ دۈشمىنى، ئۇلار ئامىرىكىنىڭ دوستى» دەپ ئاقلىدى.
بۇيىل 6-ئايدا، ئامىرىكا ۋاشىنگىتوندىكى بىر قوشما شىتاتلىق سوت مەھكىمىسى قاماپ قويۇلغان بىر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى «بىزگە دۈشمەن قوراللىق ئونسۇر ئەمەس» دەپ بېكىتىپ، ئۇنىڭغا ئامىرىكا رايۇنلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەركىن ئەرز يىزىش ھوقۇقى بەرگەن ئىدى.

خەلقئارا قائىدە بويىچە، «شەرقى تۈركىستان» كۈچلىرى جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد بولغاچقا، ئۇلارغا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەدلىيە تەرتىپى بويىچە كىسىم ئىلان قىلىشى كېرەك ئىدى.
ئەمما ئامىرىكا «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى»نى باھانە قىلىپ، ئۇلارنى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشنى رەت قىلدى.
2006-يىلى بەش نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قويۇپ بەرگەندىمۇ ئۇلارنى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىغانلىقىدا چىڭ تۇردى. ئۇلار يىگىرمىدىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ بەش ئۇنسۇرغا پاناھلىنىدىغان دۆلەت ئىزدىدى. ئاخىرىدا ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىر بۇ بەش «شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇرىنىڭ بىرى شىۋىتسىيىدە، قالغان تۆتى ئالبانىيىدە ياشىماقتا.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: http://news.sina.com.cn/w/2008-10-06/091616401524.shtml
مەنبە: http://bbs.intilix.com/ShowPost.asp?ThreadID=1636
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


ئامىرىكا «گۋەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشى» كىرەك

«ئاساسىي قانۇن قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» ئوباما ھۆكۈمىتىنى «گۋەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش»كە چاقىردى

باش شتابى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون رايونىغا جايلاشقان، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدىكى ھوقۇقلارنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەرغىب قىلىدىغان مۇستەقىل قانۇنچىلىق ئورگىنى-«ئاساسىي قانۇن قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى»، ئامېرىكا ئالىي سوتىغا شىكايەتنامە يوللاپ، گۋەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرى دېلوسىنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

گۋەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەق-دەردىگە قۇلاق سېلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكا ئالىي سوتىغا يوللانغان شىكايەت 2009-يىلى 7-ماي پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ئالىي سوتىغا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىگە يوللانغان بولۇپ، «ئاساسىي قانۇن قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى»نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي مەسلىھەتچىسى Sharon Bradford Franklin خانىم، مەزكۇر شىكايەتنامىنى يوللاشتىكى مەقسىتىنىڭ، ئامېرىكا ئالىي سوتى 2008-يىلى بېكىتكەن «گۇەنتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ ئامېرىكا سوتىغا ئەرز سۇنۇش ھوقۇقى بار»لىقى ھەققىدىكى قارارغا ئاساسەن، ئامېرىكا ۋاشىنگتون رايونلۇق سوتنىڭ گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرى ئۈستىدىن چىقارغان 2008-يىلى 5-ئۆكتەبىردىكى ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2008-يىلى 5-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا ۋاشىنگتون رايونلۇق سوتنىڭ سوتچىسى ئۇربىنا ئەپەندى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتتا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئۇۋال قىلىنغانلىقىنى بېكىتكەن ھەمدە ئۇلارنى دەرھال ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھۆكۈمى چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما 2009-يىلى فېۋرالدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتى، سوتچى ئۇربىنانىڭ ھۆكۈمنى بىكار قىلغان ئىدى.

سىياسىي مەسلىھەتچىسى Sharon Bradford Franklin خانىم مۇنداق دېدى:
«بىز بۇنىڭدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمنىڭ، ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ 2008-يىلدىكى گۋەنتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ھەققىدىكى قارارىغا سەل قارىغانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئەگەر بىر سوت مەھبۇسلارنى ھېيبىيەس كورپېس ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىپ، ئەمما بۇلارنى شۇ بويىچە قويۇپ بېرەلمىسە، بۇنداق ھۆكۈم يەنىلا ئالىي سوتنىڭ 2008-يىلدىكى قارارىنى ئاقماس نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان بولىدۇ. شۇڭا ئالىي سوت بۇ دېلونى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ قارارىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك»

نۆۋەتتە، گۇەنتانامودىكى ئون يەتتە نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ بىر قىسىمنىڭ ئامېرىكىغا ئالدىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئائىت پىكىرلەر بارغانچە ئۇلغايماقتا.
نيۇ-يوركتىن چىقىدىغان «كۈندىلىك خەۋەرلەر» تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەپەر خادىمى، قانۇنىي، ئەقەللىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر ھەل بولسىلا ئالتە نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۋەنتانامودىن ئامېرىكىغا ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ كېلىنىپ ۋىرگىنىيە شتاتىغا يەرلەشتۈرىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ھالبۇكى، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى تېخى بېكىتىلمىگەن بولۇپ، سىياسىي مەسلىھەتچىسىSharon Bradford Franklin خانىمىنىڭ قارىشىچە، «ھېيبىيەس كورپېستىكى» بەلگىلىمىلەر بويىچە بولغاندا، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار «دۇشىمەن جەڭچىسى ئەمەس» دەپ ئاقلىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى يەنە مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش ۋە يەنە ئۇلارنىڭ دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىش بىھاجەت ئىكەن.

Sharon Bradford Franklin خانىم: «شۇڭا بىز يەنە، ئوباما ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر دېلودا ئالىي سوتنىڭ قارىغا قاراپ تۇرمايلا، سودىيە ئۇربىنانىڭ ھۆكۈمى بويىچە ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردۇق» دېدى.

شىكايەتنامىنى ئامېرىكىدىكى تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان قانۇنچىلىق ئورگانلىرىدىن، نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان برەننان ئادالەت مەركىزى، ۋىرگىنىيە شتاتىغا جايلاشقان پۇقرالار ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتلىرىدىن رۇتېرفورد تەتقىقات جەمئىيىتى، ئامېرىكا دۆلەتلىك جىنايى ئىشلار ئادۋوكاتلىرى بىرلەشمىسى ۋە نيۇ-يورك شەھەرلىك ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى قاتارلىق مۇستەقىل تەشكىلاتلار بىرلىكتە تەييارلىغان.

Sharon Bradford Franklin خانىم ئاخىرىدا، ئەگەر ئوباما ھۆكۈمىتى گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنى دەرھال قويۇپ بەرمىسە، ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ ئۇيغۇرلار دېلوسىنى قوبۇل قىلىپ ئىجابىي قارار چىقىرىدىغانلىقىغا ئۈمىدى بارلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(مەنبە: «ئامىرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى»دىن «سەلكىن»گە ئۇيغۇر-بالىسى تەييارلاپ يوللىغان)
مەنبە: http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-77088.html
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


«جۇڭگۇنىڭ غەزىپنى قوزغاپ قويۇش»تىن ئىھتىيات قىلىش كىرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېرلىن، 2009-يىلى 18-ماي تېلېگراممىسى:
گېرمانىيەدىكى «ئەينەك گېزىتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: گېرمانىيدىكى ھەر قايسى ئوبلاستىلىق ھۆكۈمەت بىلەن خەلق «گېرمانىيە شەرقىي تۈركىستان تېرورچىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش كېرەك» دەپ قارىغاچقا، ئەزەلدىن قوبۇل قىلىش تەرەپدارى بولۇۋاتقان «ئامېرىكىپەرەس» دىپلۇماتىيە مىنىستىرى ستەيىن مېيئىر پوزىتسىيىنىسىنى بىراقلا ئۆزگەرتتى.

خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى:
جۇڭگۇ گۋانتانامو تۈرمىسىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» تېرورچىلىرىنى «ھەقىقىي تېرورچى» دەپ قاراپ ھەمدە ئۇلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقاچقا، گىرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىن مېيئىر گۋانتانامودىكى مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدىكى سۆھبەتتە گېرمانىيىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» تېرورچىلىرىنى قوبۇل قىلىشقا قارشى تۇردى.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


كانادا «شەرقىي تۈركىستان» مەھبۇسلىرىنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلدى

ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى 2009-يىلى 5-ئىيۇن خەۋىرى:
كانادا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ گۈنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر «شەرقىي تۈركىستان» مەھبۇسىنى قۇبۇل قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى.
كانادا زۇڭلىسى خاريېرنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دىدى:17 نەپەر مەھبۇسنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلدۇق.كانادا ھەر قانداق گۈنتانامو مەھبۇسىنى قۇبۇل قىلمايدۇ.ئۇ مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن ياكى باشقا مەھبۇس بولسۇن كانادا بۇنىڭغا قىزىقمايدۇ.كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كىشلەر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،يەنە كىلىپ بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت.
ئۇ يەنە مۇنداق دىدى:كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.شۇنداقلا ئامىرىكىنىڭ بۇ «شەرقىي تۈركىستان» مەھبۇسلىرىنى قۇبۇل قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ھازىر گەرچە ئامىرىكا بۇ «شەرقىي تۈركىستان» مەھبۇسلىرىنى «دۈشمەن» ياكى «خەتەرلىك» دەپ قارىمىسىمۇ ئۇلارنى ئامىرىكا زىمىنىغا قۇيۇپ بىرىشنى خالىمايدۇ.شۇنداقلا ئوباما ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇلارنى قۇبۇل قىلىدىغان دۆلەتنى تاپالمىدى.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»(2009-06-06)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


پالائو گۇۋانتانامودىكى «شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇرلىرىنى قۇبۇل قىلدىكەن

جۇڭگو ئاخبارات تورى 2009-يىلى 10-ئېيۇن تىلگىراممىسى:
ئامىرىكا بىرلەشمە ئاگنىتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشچە ،ئامىرىكا ھۆكۈمىتى گۇۋانتاناموغا قامالغان «ش ت»ئەسىرلىرىنى تېنچ ئۇكياندىكى ئارال دۆلىتى پالائوغا ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان.پالائو رەھبەرلىرى بۇ 17نەپەر «ش ت»ئۇنسۇرىنى قۇبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.
ئامىرىكا ئەمەلدارلىرى مۇنداق دىدى:ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسى «ش ت»ئەسىرلىرىنى ئامىرىكا زىمىنغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىشى تۇرغاچقا ،بىز پەقەت ئامىرىكىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇلارنى قۇبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلمىز.ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارلىدى:ئامىرىكا پالائو ھۈكۆمىتىنىڭ 17 نەپەر «ش ت»ئەسىرنىڭ ھەممىسنى ياكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىمنى قۇبۇل قىلىشنى ئۈمىت قىلىدۇ.
ئوباما ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەر ياكى ئامىرىكىنىڭ باشقا ئىتتپاقداشلىرىنىڭ گۇۋانتانامودىكى قاماقلىق ئەسىرلەرنى قۇبۇل قىلىشىنى ئۈمىت قىلدۇ.ئىلگىرى ئالجرىيلىك بىر ئەسىر گۇۋانتانامودىن قۇيۇپ بېرىلگەندىن كىيىن ،فىرانسىيىگە بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن ئىدى.
پالائو تېنچ ئۇكياندىكى ئارال دۆلەت بۇلۇپ،فىلىپپىن تىزما ئاراللىرىنىڭ 500كىلومتىر شەرقىگە جايلاشقان.1994-يىلى ئامىرىكىنىڭ ھامىيلىقدىن قۇتۇلۇپ ،مۇستەقىل بولغان.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە:http://news.ifeng.com/world/200906/0610_16_1196822.shtml
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
تولۇق ئوقۇش

2011年2月12日星期六

ئامىرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار-1


ئامىرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار-1 - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]
2011年01月01日
http://ketmenbay.blogbus.com/logs/95410397.html
**************************


ئامىرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار- 1


ئاپتورى: ئابدۇۋەلى ئايۇپ


(1) خاتىرەمدىكى ئامېرىكا

---«ئەزگۈچى جاھانگىر»دىن «ئەشەددىي دۈشمەن»گىچە

ساۋادىم يېڭى چىققان چاغلاردا گېزىتلەردىن «ئامېرىكا بىر قەغەز يولۋاس» دېگەن قۇرلارنى ئۇقۇغۇنۇم ھېلىمۇ ئېسىمدە. بەلكىم «قەغەز يولۋاس» دېگەن ئوخشىتىش ماڭا كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ كەتكەچ ئۇنۇتالمىغاندىمەن. ئەمما ئۇ چاغدا گېزىتلەرنى ساۋادىم بولسىمۇ ئوقۇپ چۈشنىلەلمەي ئىچىم پۇشاتتى. چۈنكى يېزىق پىنيىگە تەقلىد قىلىنغان «ئۇيغۇرچە» بولسىمۇ، گەپلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خەنسۇچە بولغاچقا مەنىنى پەقەت ئۇققىلى بولمايتتى. (1998-يىلى قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر كەنتىدە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەۋاتقان چېغىمدا، دېھقانلارغا مۇقۇملۇق تەربىيەسى ئۈچۈن بىر ھەپتە گېزىت ئۇقۇپ بەرگەنتىم، ئاغزىمدىن كۆپۈك قاينىتىپ شۇنچە ئوقۇساممۇ بىچارە دىھقانلار ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى»دىكى گەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى چۈشەنمەپتۇ. يېزىقمۇ، تىلمۇ ئۇيغۇرچە تۇرسا نېمىشقا چۈشەنمەيدىغاندۇ؟ بەلكىم مېنىڭ ئەينى چاغدا چۈشەنمىگەنلىكىم بىلەن دېھقانلارنىڭ چۈشەنمەسلىكى ئارىسىدا بىر باغلىنىش بولۇشى مۇمكىن). شۇنداقتىمۇ شۇ گېزىتلەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسقىسىدەكلا تۇيىلىدىغان رادىيولاردىن جاراڭلاپ تۇرىدىغان «ئامېرىكا جاھانگىرلىگى»، «رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم»، «قۇل قىلىنغان پورلىتارىيات سىنىپى» دېگەندەك گەپلەر ماڭا ئىنتايىن قەبىھ بىرسىنىڭ تىللنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىدۇراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «جاھانگىر» دېگەننى چۈشەنمەيتتىم، بۇ گەپ قۇلۇقۇمغا «لاخشىگىر» دېگەندەك ئاڭلىناتتى-دە، كۆز ئالدىمغا قىپقىزىل چوغ قىستۇرۇلغان كۆرۈمسىز بىر نەرسە كېلەتتى. رادىيو ۋە گېزىت ژورناللاردىن ئامېرىكا ھەققىدە سەبىي قەلبىمگ سىدۈرۈلگىنى ھەجىۋىي «قەغەز يولۋاس» ۋە ئىسكەتسىز «لاخشىگىر». مەنچە بۇلار مېنىڭ قەلبىمدە شەكىللەنگەن ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى ئوبرازى بولۇشى مۇمكىن.
باشلانغۇچىنىڭ بەشىنچى يىللىقىغا چىققان چېغىمىزدا دانىيە يازغۇچىسى ئاندىرسىننىڭ «سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق» دېگەن چۆچىكىنى ئوقۇدۇق. مەن شۇ چۆچەكتىكى قىزچاقنىڭ ھەر بىر تال سەرەڭگىنى ياققاندا سۈرگەن تەسىرلىك خىيالىنى ھازىرغىچە ئەسلىيەلەيمەن. ماڭا بۇ چۆچەكنىڭ تەسىرى «نۇزۇگۇم» داستانىنىڭ تەسىرىدىنمۇ بەكرەك رۇشەن بولغان دەپ جەزىم قىلىمەن. شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىمىز قىزچاقنىڭ پاجىيەلىك تەقدىرىنى «رەھىمسىز، رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم» كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ چۈشەندۈرگەندەك قىلغان. دەرستىن كېيىن مۇئەللىم تەسىرات يېزىپ كېلىشكە تاپشۇرغان بولسا كېرەك. بىر قار ياغقان سوغۇق كۈنى چىرايلىققىنە بىر قىز ساۋاقدېشىم «كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە نۇرغۇنلىغان سەبى بالىلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ» دەپ تەسىراتىنى ئوقىغاندى. ماڭا شۇ چاغدا سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق خۇددى ھېلىقى قىز ساۋاقدېشىمدەك، رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم شۇ قىزنىمۇ ئازاپلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ بۇ تۈزۈمگە راستىنلا نەپرەتلەنگەنىدىم. ساۋاقدېشىمنىڭ «سەبىي» دېگەن سۆزنى تەلەپپۇز قىلىۋاتقاندىكى ناتىۋان تۇرىقى ھازىرغىچە سۈرەتتەك كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. ئۇ چاغدا مەن «سەبىي» دېگەن سۆزنى چۈشەنمەيتتىم، لېكىن شۇندىن كېيىن ھەر قېتىم شۇ سۆزنى ئاڭلىسام ھېلىقى ساۋاقدېشىم سىياقىدىكى «سەرەڭگە ساتقۇچى قىز» كۆز ئالدىمغا كېلەتتى ۋە مېنى «رەھىمسىز كاپىتالىستىك تۈزۈم»گە تېخىمۇ ئۆچ قىلاتتى. مەنچە بۇ ئامېرىكنىڭ قەلبىمدىكى سەلبىي ئوبرازىنى كونكىرىت مەزمۇن بىلەن "بېيىتقان" يەنە بىر ئامىل ھىسابلانسا كېرەك.
تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ سەلبىي ئوبرازى جۇغراپىيە، تارىخ، سىياسەت، ئەدەبىيات دەرسلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ بېيىپ باردى. مۇئەللىملەر بۇ دەرسلەردە پاجىيەلەرنىڭ مەنبەسىنى «رەزىل كاپىتالىستىك تۈزۈم»گە دۆڭگەپ ھارمىدى، ھېلىقى چىرايلىق ساۋاقدېشىم ۋە ماڭا ئوخشاش قۇلىقى يۇمشاق، كىتابخۇمار ئوقۇغۇچىلار تەسىرات ماقالىسىنى يۈز نومۇرغا لايىق يېزىش ئۈچۈن كاپىتالسىتىك تۈزۈمنىڭ بىگۇناھ قۇربانلىرىغا ھېسىداشلىق قىلىپ، كاپىتالىستلارنى تىللاۋەردۇق. ھەتتا بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ روس سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات بايراقدارى گوركىنىڭ كاپىتالىستىك تۈزۈمدە تارتقان ئازاپلىرى ھەققىدە بىر رەسىملىك ئوچۇق دەرس ئۆتكەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە. رەسىمدە كاپىتالىستلار تولىمۇ قورقۇنچلۇق سىزىلغان بولغاچقا خېلى بىر كۈنلەرگىچە چۈشەپ چىققانىدىم.
تولۇقسىز ئۈچنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا كىتابلارغا چۆكۈپلا كەتكەنىدىم. شۇ چاغدا ئۇيغۇرچە چىققان كىتابلارنى تولۇق ئوقۇپ ئۈلگۈرەتتىم. ئەلۋەتتە، چەتئەل ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى رۇس ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەسەرلەر ئېدى. كىتابلارغا قارىغاندا ماڭا «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ ياشلىرى» دېگەن ژورناللار بەكرەك يارايتتى. «دۇنيا ئەدەبىياتى»غا سوۋېت-روس ۋە سوتسىيالىستىك شەرقى ياۋۇرپا يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ بېسىلاتتى. شۇ سەۋەپتىن مېنىڭ بەكمۇ روسچە ئۆگەنگۈم كەلگەن ئەمما ماتېرىيال تاپالمىغانىدىم. ژورناللاردا ئاندا ساندا ياپۇنىيە ۋە غەرپ ئەدىپلىرنىڭ ئەسەرلىرى بېرىلسىمۇ بەزىلىرىگە «رەزىل كاپىتالىستىك جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى قامچىلانغان» دېگەندەك تەھرىر ئىلاۋىلىرى قوشۇلۇپ تۇراتتى. شۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىتابنى كۆپ ئوقۇيدىغان بىر قىز ساۋاقدېشىم پاراڭ ئارىلىقىدا «سىنىپىمىز ئامېرىكىغا ئوخشاپ قاپتۇ» دېگەنىدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئامېرىكىغا ئوخشاپ قالغان «زۇلمەتلىك» سىنىپىمىزنىڭ «رەزىللىك»لەر بىلەن تولغان «قاراڭغۇ» رىياللىقىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن «بىخ» نامىدا بىر گېزىت چىقارغانىدۇق. ھازىر پەرەز قىلىپ باقسام، تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم كاپىتالىزىمنىڭ «رەزىللىك» مەنبەسىنى تونۇپ يېتىش باسقۇچىدىن ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش باسقۇچىغا ھالقىغان دەۋرىم بولغانىكەن.
1989-يىلى بېيجىڭدا ئوقۇغۇچىلار ۋەقەسى بولدى، تەشۋىقاتتا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپنىڭ تىنچ ئۆزگەرتىۋېتىش سۈيىقەستى راسا تەنقىدلەندى. بۇلار مېنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق رەزىللىك كۈچلىرىگە بولغان غەزىپىمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئىنساندا بىر قۇتۇپقا قارشى قوزغالغان نەپرەت ئۇنىڭدا قارشى قۇتۇپقا قارىتا مۇھەببەتنى ئويغىتىدىكەن. 1991-يىلى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلدى. شۇ چاغدا خاتىرەمگە «ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىدا سوتسىيالىزىم ئۈچۈن ئۆلگەن ئالتە مىليۇن ئىنساننىڭ قانلىرى بىكارغا كەتتىمۇ» دەپ يازغانىدىم. مەن گوركى ۋە نىكولاي ئوستۇرىۋېسكى قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرىدىن «ھەقىقىي ئىنسانلىق كومىنىستلىقتۇر» دېگەن چۈشەنچىگە كەلگەنىدىم. يەنە «ئوغلۇمغا يېزىلغان خەتلەر» دەپ بىر كىتاب بولىدىغان، شۇ كىتابمۇ مېنىڭ كومىنىستلىق ھىسسىياتىمنى قۇۋۋەتلىگەن ئېدى. دېمەك مەندىكى كاپىتالىزىمغا قارشى ئويغانغان نەپرەت مېنى سوتسىيالىزىمنى سۆيىدىغان قىلىپ قويغانىدى. تولۇق ئوتتۇردىكى ھاياتىم ساۋاقداشلىرىم بىلەن «خۇدا يوق» دەپ تالاش-تارتىش قىلىش بىلەن ئۆتتى. تولۇق ئوتتۇرا خېمىيىسى بىلەن بىئولوگىيىسىنىڭ «خۇدا يوق»نى ئىسپاتلاشقا يارايدىغان قىسمىنىڭ تىرىشىپ ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكى مېنى كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىنلەپ تۇراتتى. «خۇدا بار» دەيدىغان ساۋاقداشلىرىم ماڭا مۇشت كۆتۈرۈپ ۋارقىرايتتى –يۇ ئىسپات كۆرسىتەلمەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەردىن بىخەۋەر ئىدى. (تۆۋە دەيمەن، شۇ چاغدا «خۇدا يوق» دېگىنىم ئۈچۈن ئۇرۇشقا تەمشەلگەن ساۋاقداشلىرىم مىڭ نەچچە يۈز يىللىق ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى قەشقەردە ھاراققا چۆپقەت، مەن نەچچە مىڭ يىللىق ھاراق ئەئەنىسىگە ئىگە ئىچكىرىدە شۇنداق ھاراملاردىن يىراق ياشىدىم.)
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سىياسەت ۋە تارىخ دەرسلىكىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا. بىر رەسىمدە ئاغزىغا پاتمىغۇدەك بىر ئوچۇم تاماكىنى چېكىۋاتقان بىر ئاق تەنلىك ئامېرىكىلىقنىڭ ئوبرازى بېرىلىپ «كاپىتالسىتىك تۈزۈم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۈمىدسىزلىك» دەپ چۈشەنچە بېرىلگەنىدى. باشقا بىر رەسىمدە «كاپىتالىستىك ئىقىتىسادى كىرزىس تۈپەيلى ئامېرىكىدا سۈتلەر دېڭىزغا تۆكىۋېتىلمەكتە» دەپ يېزىلغان، يەنە بىرسىىگە «ئاق تەنلىك مۇستەملىكچىلەر تەرپىدىن يەرلىرى تاتىۋېلىنغان ئىندىيانلارنىڭ قان ياشلىق سەپىرى» دەپ تېما قويۇلغانىدى. قىزىق يېرى تولۇقسىز ئوتتۇرىدا تارىخ، سىياسەت، ئەدەبىيات قاتارلىق ئىدولوگىيە پەنلىرى مېنى ئامېرىكىغا ئۆچ قىلغان بولسا تولۇق ئوتتۇرىدا بۇلارغا تەبئىي پەنلەرمۇ دەستەك بولۇپ مېنى ئاتېئىزىمچىلىق ۋە كۆممۇنسىتلىق مۇھەببىتىگە موپتىلا قىلغانىدى. شۇ چاغدىكى ئويۇمدا سوتسىيالىزىم ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى رەزىللىك ۋاباسىنى داۋالايدىغان دورا ئىدى.
1992-يىلدىكى دىڭ شىياۋپىڭنىڭ جەنۇپ زىيارىتى نۇتىقى، كومپارتىيە يولغا قويغان بازار ئىگىلىكى تۈزىمى ۋە مەن بېيجىڭدا كۆرگەن خەنسۇلاردىكى ئامېرىكا مەستانىلىقى مېنى بىر مەزگىل گاڭگىرىتىپ قويدى. بىز قەشقەردە ئوقۇدۇق دەپ ئىدولوگىيە كۆرىشىنىڭ نامسىز قۇربانلرىغا ئايلىنىپتۇق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىلىقى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە تۈرلۈك ماركىسىزىملىق قاراشلارنى بىزلا ئۆگىنىپتىمىز. جوڭگۇنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى بىزگە يادا بولۇپ كەتكەن بەن چاۋ، جاڭچىيەن، لىيۇجىنتاڭ دېگەندەك جوڭگۇنىڭ بىرلىكىگە توھپە قوشقان ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىكەن. شۇ چاغدا مەن بىزنىڭ تارىخ، سىياسەت، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىدىيە سىڭدۈرىدىغان دەرسلىكلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە ئورتاق ئىكەنلىكىگە شەكلەنگەنىدىم. ئىسلام دۇنياسىدا ئىككىنچى بۇخارا (ئىمام بۇ خارى سەۋەبلىك بۇخارا مۇسۇلمانلار ئالىمىگە مەشھۇر، مەھمۇد كاشغەرى سەۋەبلىك قەشقەر تۈرك دۇنياسىدا شۆھرەتلىك) دەپ نام ئالغان قەشقەردە، ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپتا مەن تولۇق كوممۇنىزىمچى بولۇپ يېتىشىپ چىققانىدىم، ۋاھالەنكى، قىزىل پايتەخت بېجىڭدا ئالغان خەنسۇچە مائارىپ مېنى بۇ ئىددىيىدىن گۇمانلاندۇردى. تېخى ئۈچ يىل بۇرۇن شۇنچە قالايمىقانچىلىققا شاھىد بولغان بېيجىڭلىق تاكسىچىلار خۇددى ھىچ قانداق سىياسىي ئۆگىنىش قىلىپ ئىددىيىسىنى توغرىلىمىغاندەك سىزگە دېموكراتىيەدىن دەرس ئۆتەتتى. بىز قەشقەردە بىسرەمجان بولۇپ كەتكەن «غەرپنىڭ سىڭىپ كىرىشى»گە بېيجىڭلىقلار شۇنچە بىپەرۋا ئىدى. بېيجىڭدىكى بىرىنچى يىلىم قەشقەردە ئاڭلاشتىنمۇ قورقىدىغان «ئەكسىيەتچى» ئىددىيەرنى، كوچىدا ئاشكارە سېتىلىۋاتقان كىتابلاردىن ئوقۇش، دەرسخانىلاردا ئاڭلاش بىلەن ئۆتتى. ئۇيغۇر دىيارىدا ئىددىيەگە دائىر ماركىسىزىمدىن باشقا كىتابنىڭ بولماسلىقى، چەتئەل ئەدەبياتىغا ئائىت سوۋېت سوتىسيالىستىك رىيالىزىمىغا مەنسۇپ ئەسەردىن باشقىلارنىڭ ئازلىقى، بىزنى ئىددىيىدە بەكلا چۈشەپ قويغان ئېدى. بىز توغرىسىنى ئېيتقاندا، شىڭشىسەي سوۋېت بىلەن دوست بولغان 1930- يىللاردىن بۇيان ئەدەبىيات، مۇزىكا، ئۇسسۇل، كىيىم كېچەك، مائارىپ قاتارلىق تەرەپلەردە رۇس كومىنىستلىرىغا ئەگىشىپ ياشاپ كەپتىمىز. 1930-يىللاردىن بۇيان ئەنگىلىيە كونسۇلى بىلەن شىۋىت كونسۇلى ئىدولوگىيە رىقابىتىدە رۇسلارغا ئىزچىل ئۇتتۇرۇپ كەلگەن ۋە ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ قەشقەردىن قوغلانغان. ئەنگىلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ ئايالى ماكارتىنى خانىم قەشقەرنى زامانىۋىي دۇنيادىكى مەھبۇسقا ئوخشاتقانىكەن. ئۇنىڭ يېزىشىچە قەشقەر روسچە كومۇنىستىك ئىدولوگىيەنىڭ تۇرمىسىگە قامالغان. بېيجىڭ دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بۇ شەھەر ھەتتا 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر خىل ئىددىيەلەرگە قۇچاق ئاچقان. ئىسلاھاتتىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە بېيجىڭنىڭ ئىددىيىدە شۇنچە ئاسان ئازات بولالىشى باشقا سەۋەپلەردىن باشقا، بەلكىم قەشقەردەك مۇددەتسىز ھەپسىگە مەھكۇم بولمىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. شۇ ۋاقىتلاردا بېيجىڭدىكى مەكتەپلەردە قاينىغان «زامانىۋىيىلىشىش غەرپلىشىشمۇ»، «دېموكراتىيە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلامدۇ، پاراۋانلىقنىمۇ؟»، «ڧېدىراتسىيە تۈزۈمى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشىمۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش مۇنازىرىلەرنىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغانىدى. شۇ چاغدا دىنشۇناسلىق ڧاكۇلتىتىدىكى بىر پروڧېسسور لېكسىيەسىدە «جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنيىتى دېموكراتىك تۈزۈمدىكى تەيۋەندە ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلىنماقتا» دېگەن ئېدى. مەن شۇ چاغدا «مۇئەللىم، سىز جوڭگۇلۇقلار دېگەندە خەنسۇلارنىلا كۆزدە تۇتىۋاتامسىز؟» دېسەم، قىلچە ئويلانماستىن «ئەلۋەتتە» دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى. شۇندىن كېيىن مەن دۇنياغا باشقىچە قارايدىغان بولدۇم، نەزىرىمدىكى دۇنيادا كاپىتالىزىممۇ، سوتسىيالىزىممۇ يوق، پەقەت ئىنسانلارلا بار ئىدى. مەزكۇر دۇنيادا تۈزۈمنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ھەققانىيەتنى، ئادىل رىقابەتنى قوغداش، ئىنساننىڭ ئىجادچانلىقىنى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە رىغبەتلەندۈرۈش، ئىنساننىڭ ئويلاش، سۆزلەش، تەشكىللىنىش ئەركىنلىكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرش ئىدى. بۇ يەردە ئىنسان سۆزى، ئىددىيىسى سەۋەبلىك جازالانمايتتى. ئۇشبۇ يېڭى دۇنيانىڭ ئاساسى قانۇنى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق رازىلىقى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ياراتقۇچى ئاتا قىلغان مۇقەددەس ھوقۇقىنى شەرتسىز قوغدىشى كېرەك ئىدى. ئۇ يەردە بىلىم مەلۇم ئىدولوگىيەنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن ئۆگىتىلمەي ئىنسان ھاياتىدا لازىم بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆگىتىلەتتى. ئۇ يەردە بىلىم مەلۇم تۈزۈمنى پەدەزلەش قۇرالى ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ دۇنيانى، كىشىلەرنى ۋە ئۆزىنى چۈشىنىشىنىڭ قورالى ئىدى. كىشىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىنتىلەتتى. شۇ چاغدا ئىككى ئىش ماڭا تەسىر قىلدى، بىرى ئۈرۈمچىدە بىلىم ئاشۇرىۋاتقان ئاكام ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشىمنى تەۋسىيە قىلىپ يارىدەمگە خېلى جىق پۇل ئەۋەتتى، يەنە بىرى مەكتىپىمىزنىڭ قېشىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا كۈل تارتىدىغان بىر خەنسۇ بالا تولۇق مۇكاپات بىلەن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەتتى. يىللاپ كۈل تارتىپ تاپقان پۇلىنى ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىپ تەلپۈنگىدەك ئامېرىكا قانداق يەر؟ نېمىشقا ئامېرىكا مەكتەپلىرى باشقىلارنى ئوقۇش پۇلى ئالمىغاننىڭ ئۈستىگە تۇرمۇش پۇللىرىدىن تارتىپ بېرىپ قوبۇل قىلىدۇ؟ مۇشۇ نېمىشقىلارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن ئاكام ئەۋەتكەن پۇلنىڭ يارىدېمىدە ئېنگىلىزچە ئۆگىنىشكە باشلىدىم.
شۇندىن كېيىن مېنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان ئىلىم ئىزدەش مۇساپەم باشلاندى، مەن ئۇچراتقان ساختا ئىلىمنىڭ زۇلىمى، زالىم ئىلىمپۇرۇچلارنىڭ دەرس دەپ ئاتالغان مۇستەملىكىچىلىكى، مېنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇشقا بولغان ئىرادەمنى ھەسسىلەپ كۈچەيتتىكى توختاتمىدى. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، بىر ئادەمنىڭ كاللىسىنى ۋاقتى كەلگەندە بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان قۇرۇق گەپلەر بىلەن تولدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ نىمىشقا مەن ئالغان ئون بىر يىللىق مائارىپ مېنى كوممۇنىست قىلىشقىلا يارىدى-يۇ جان بېقىشقا يارىمىدى؟ مېنى ئامېرىكىغا، ئۇنىڭ كاپىتالىزىم تۈزىمىگە ئۆچ قىلغان مائارىپ نېمىگە ئېرىشتى؟ مەن نېمە ئۈچۈن كۆرۈپمۇ باقمىغان دۆلەتكە، ياشاپمۇ باقمىغان تۈزۈمگە نەپرەتلەندىم؟
يېقىندا ئاڭلىشىمچە، مېنىڭ تولۇقتىكى بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ئانامغا «ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى» دەپتۇ. مەن ئامېرىكىدا بولغاچقا بۇ گەپ ئىخلاسمەن ئانامنىڭ كۆڭلىگە كەلگەن بولغاي ماڭا، «بالام سەن مەكتەپتە مەسجىد بار، مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى ۋە مۇئەللىملەر ئىماملىق قىلىدۇ دەيسەن، ئىسلام تەرغىباتچىلىرى بار دەيسەن، ئىسلام دىنى دەرس قىلىپ ئۆتىلىدۇ دەيسەن، ئوقۇغۇچىلار چۈمبەل ئارتسىمۇ، ساقال قويسىمۇ چەكلىمەيدۇ دەيسەن، خانىمىڭنىڭ نېمە دېگىنىدۇ بۇ؟». بۇنىڭغا نېمە دەي؟ ئۇلارغا ئىراققا، ئابغانىستانغا ئۇرۇش ئاچقان بوش ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلىتى ياكى خەلقى ئەمەس، بۇ يەردە ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەت ئىككى ئۇقۇم دەپ چۈشەندۈرەلەمدىم؟ ياق.
ئۇچۇر مەنبەسى سۈنئىي قامال قىلىنغان جەمئىيەتتە كىشىلەر بىر بولسا دۇنيا يېڭىلىقلىرىغا قىزىقماي ياكى قىزىقىشتىن قورقۇپ بىخەۋەر قالىدۇ، يەنە بىر بولسا ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ئەسەبىي تۈس ئېلىپ كاللىسى تەرەپباز ئۇچۇرلارغا لىقلىنىدۇ، ئۈچىنچى بىر ئىھتىمالدا دۇنيانى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتكە، موھىتقا ئوخشۇتۇپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. مەيلى قانداق تەسەۋۋۇر قىلسۇن ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى بۇرمىلانغان بولىدۇ. ئۆتكەندە بىر مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچى «بەرقى مۇنبىرى»دە دېموكراتىيەنى «ئافرىقىچە دېموكراتىيە»، «ئاسىياچە دېموكراتىيە» دەپ ئايرىپ يۈرمىدىمۇ! جوڭگۇچە سوتسىيالىزىمدا ياشاۋاتقان ئادەمگە دېموكراتىيەمۇ شۇنداق تۇيۇلماي قالامدۇ؟ ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەت ھىچ قاچان ئايرىلىپ، ئالمىشىپ باقمىغان بىر ئەلدە كىشىلەر دۆلەت بىلەن ھۆكۈمەتنى ئايرىپ بولالامدۇ؟ ئانامغا باشقا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ گەپنى يۆتكىۋەتتىم. ئەمما بۇ گەپ ماڭا ئۇزاققىچە تەسىر قىلدى. ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچۇم پاكىستان ياكى ئورتا ئاسىيا ئارقىلىق كەلگەن بۇرمىلانغان چۈشەنچىنى تارقىتىۋاتاتتى. مۇئەللىملەرنىڭ ھالى شۇ تۇرسا، جىيەنلىرىمنىڭ بىر-بىرىنى «خۇدايىم بۇيرىسا دەپ دىنىي گەپ قىلما، خانىمغا دەپ قويسام جاجاڭنى يەيسەن» دەپ تەھدىت سېلىشلىرىنى توغرا چۈشەنمەي قانداق قىلاي! ماڭا بۇرمىلانغان چۈشەنچە ۋە تەرەپباز ئىدولوگىيەلەرگە مەھكۇم بولغان، مېنى كوممۇنىست قىلىپ تەربىيەلىگەن قەشقەر بۇرۇنقىدىن ئۆزگەرمىگەندەك تۇيۇلدى. قەشقەردىكى بىردىنبىر ئالى مەكتەپ پەقەت ئىككىلا كەسپتىن ماگىستىر ئاسپىرانت(تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچى) قوبۇل قىلىدىكەن. بىرى ئەدەبىيات يەنە بىرى ماركىسىزىم. ئەمەلىيەتتە ئىككىلىسى ئىدولوگىيە نوقتىسىدىن بىر مەركەزگە بېقىنىدۇ. مائارىپ يەنىلا «ئاساسىي خەۋپ»، «ئەشەددىي دۈشمەن» دېگەندەك ئىدولوگىيىلىك ئوقلارغا باغلانغان. ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بۈگۈن «ئامېرىكىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشىمىنى» دېگىنى بىلەن باشقا ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ماڭا يىگىرمە نەچچە يىل بۇرۇن «ئامېرىكا ئىزىلگۈچى خەلقلەرنىڭ دۈشمىنى» دەپ ئۆگەتكەنلىرى ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرق يوق ئىدى. دېمەك بۈگۈنمۇ بىر خىيالىي دۈشمەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرۈلمەكتە، بىر مەۋھۇم قورقۇنچ رىياللىقنى پەدەزلىمەكتە ئېدى. ئامېرىكىنى سەۋەبسىز دۈشمەن دەۋاتقانلار قۇربانلىق بولماقتا، مەقسەتلىك دۈشمەن دېگۈزىۋاتقانلار بالىلىرىنى، پۇللىرىنى يوشۇرۇنچە ئامېرىكىغا يولغا سالماقتا ئىدى. كىشىلەرنىڭ بوش مىڭىلىرىگە كۆرۈنمەس قەلەملەردە سىخمىلارنى سىزماقتا ئېدى. چۈنكى بېكىك جەمئىيەت، بۇرۇختۇم موھىت ھەرقاچان تەرەپباز ئۇچۇر، بۇرمىلانغان ئىددىيە ۋە ئاساسسىز چۈشەنچىلەرنى تارقاتقۇچىلارنىڭ خېرىدارلىق بازىرى ئېدى.
مەن كۆرگەن مائارىپ خاتىرەمگە «ئامېرىكا ئىزىلگۈچىلەرنىڭ دۈشمىنى» دەپ يېزىپ قويغان ئېدى. بۈگۈنكى سەبىلەرنىڭ خاتىرىسىگە بۇنىڭ «ئامېرىكا مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى» دېگەن يېڭى بىر نۇسقىسى قوشۇپ يېزىلماقتا. مەنچە ئالدىنقىسى مەلۇم كىشىلەرنى مەلۇم مەزگىل دۈشمەنلىك كەيپىياتىغا گىرىپتار قىلسا، كېيىنكىسى بىر مىللەتنى ئۇزاققىچە دۈشمەنلىك تۇيغۇسىغا مەھكۇم قىلىدۇ. مەن بىلىم، سۆيگۈ ۋە قەيسەرلىككە تەشنا قەلبلەرگە دۈشمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى تېرىۋاتقانلارغا نەپرەتلىنىمەن.

(2) ئىزدىنىش سەپىرى

ئامېرىكىدا ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ باشلىغان ئېنگىلىزچەم بىر مەزگىللىك قىزغىنلىقتىن كېيىن توختاپ قالدى. ماڭا تىل ئۆگىنىش تولىمۇ تەس كېلىۋاتاتتى. ئېنگىلىزچە بىر سۆز ئۆگەنسەم كاللامدا شۇ سۆزگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلار بايرام قىلاتتى. تىل ئۆگىنىش ئادەتتە قۇرۇق يادىلاش ۋە دوراش جەريانى بولغاچقا مېنىڭ ئويچان تەبئىتىم بىلەن ھىچ سىغىشالمايۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭدەك يات شەھەردە ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان « سەن كىم؟»، «ئۇيغۇر قانداق خەلق ئىدى، بۈگۈنى قانداق، ئەتىسىچۇ؟، ئۇيغۇرنىڭ توپراقلىرى قايەردە ئېدى، قايەردە بولار؟» دېگەندەك يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە سۇئاللار، مەقسەتلىك ۋە مەقسەتسىز قىزىقىشلار مېنى كىتابلار ۋە تەگسىز خياللارغا غەرق قىلاتتى. بەزىدە پۈرۈشكەن ئاغىزلار، ئالايغان كۆزلەر، نەپرەتلىك سۆزلەردىن تېمىۋاتقان «يانچۇقچى، ئوغرى، مەينەت كاۋاپچى، مەرىپەتسىز ياۋايى، نومۇسسىز كەلگۈندى» دېگەندەك مەنىدىكى زەھەرلەر مېنى چەكسىز، ئازاپلىق سۇئاللارغا چۈمدۈرگەن ئېدى. بەزىدە بەكلا گەۋدىلىك ئۇيغۇرغا خاس چىرايىمدىن بىزار بولغانلىقىمنىمۇ يوشۇرمايمەن. ھەتتا ئاپتوبۇسقا چىققاندا «مۇشۇ خەق ئوغرى دەپ قالمىسۇن» دېگەن ئەندىشىدە يوغان خەنسۇچە كىتاب كۆتۈرىۋالاتتىم ھەم ئىككى قولۇمنى تۇتقۇچتىن ئالمايتتىم.(كېيىن بۇ ئادەتنىڭ مەندىلا ئەمەس ئىچكىرىدە ئوقۇغان 90-يىللاردىكى خېلى كۆپ دوستلاردا مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى بايقىدىم). مۇشۇنداق سۇئاللار ۋە مۇئامىلىلەر ماڭا ھاياتىم ۋە ئىستىقبالىمنىڭ ئۆزۈم مەنسۇپ بولغان خەلق بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدۇرۇپ تۇراتتى.
مەن ئالى مەكتەپكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا ئۇنۋېرىستىتتا ئوقۇش مەقسەد ئەمەس، بىر ۋاستە دەپ ئويلايتتىم. ئالىم مەكتەپكە قاراپ سەپەرگە چىققاندا بىر ساۋاقدىشىم «ئۈچ يىللىق مەكتەپتە ئوقۇپلا خىزمەتكە چىقىدىغان ئىشنى قىلغۇم بارتى، بەش يىللىق مەكتەپكەن» دەپ ئاغىرىنىپ بەرگەندە تاڭ قالغانتىم. بېيجىڭغا كەلگەندە ئەلا ئوقۇپ يۇرتۇمدا ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن ئاقارتىشقا قاتنىشىمەن، دەپ ئويلايتتىم. ئەمما مېنىڭ ئون بىر يىل بىلىم دەپ ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ پەقەتلا بىر ئىدولوگىيە ئۈچۈن بولغانلىقىنى بايقىغىنىمدا قارارىمدىن شۈبھىلەندىم. ئالى مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەچچە يىل ئىلگىرى تەييارلىۋالغان كۆنسىپىكلىرىنى يادلىتىشلىرى، شۇنچە يۇقۇرى نومۇر بىلەن كەلگەن ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ نېمە ئوقۇۋاتقىنىدىن ئەمەس پەقەت بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقىنىدىنلا پەخىرلىنىشى مېنى ئويغا سالاتتى. بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ بېيجىڭدا ئۇيغۇر ھەققىدە بەزىدە ئاڭلىق بەزىدە ئاڭسىز نۇرغۇن خاتا ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ يۈرىشى ماڭا مۇشۇنداق بوغۇنلارنى ئۆز يۇرتىدىلا تەربىيەلەشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى. بىر ئىش پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بىر كۈنى مەركىزىي مالىيە ئۇنۋېرىستىتىدا ئوقۇيدىغان بىر ئۈرۈمچىلىك خەنسۇ بالا مەكتىپىدە تاياق يەپ بىزنىڭ خوشنا ياتاققا يارىدەم سوراپ كەپتۇ. بىزنىڭ «قەھرىمان» بالىلار توپلۇشۇپ بېرىپ شۇ نانقېپىغا بولۇشۇپ باشقىلارنى ئۇرۇپ سوقۇپ كەلدى، ۋە پايدىسىغا ھاراق ئىچىشتى. شەرقى شىمال ئۇنۋېرىستىتىنى تۈگەتكەن بىر يۇرتدېشىمنىڭ دەپ بېرىشىچە مەكتىپىدە كىم «ئۇيغۇردىن دوستۇم بار» دېسە باشقىلار چېقىلالماسمىش. بىرىنجى يىلى يازلىق تەتىلدە يۇرتقا قايتقىنىمدا بىر سورۇندا مەن ئوقۇغان مەكتەپنى بېيجىڭلىقلارنىڭ « ئىككىنجى ھايۋاناتلار باغچىسى» دەيدىغانلىقى ھەققىدە پاراڭ بولدى. مەن بۇ گەپنى قىلغان بېيجىڭلىقلاردىنلا ئەمەس شۇ گەپنى ھېجىيىپ تۇرپ ھىچ خورلۇق ھىس قىلماستىن ماڭا شۇلارنى دوراپ دەۋاتقان قېرىنداشلىرىمدىن نەپرەتلەندىم. نەزەر خوجا ئۇيغۇر بالىسى 1913-يىلدىكى بىر خاتىرىسىدە «خەلقىمىزنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنى چەنتۇ دەپ ئاتاشتىن ئۇيالمايدۇ» دېگەنىكەن. خىيالىمدا توقسان نەچچە يىل بۇرۇنقى ئۆزىنى خەق قويغان ھاقارەتلىك نام بىلەن ئاتاشتىن ئۇيالمىغان ئۇيغۇر بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپنى «ھايۋاناتلار باغچىسى»غا ئوخشۇتۇپ كالچاراۋاتقان بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئوپمۇ ئوخشاش تۇراتتى. ئەڭ ھەيران قالارلىقى ئۇيغۇر بالىسى تەسۋىرلىگەن ئۇيغۇر تەربىيەسىز قالغانلىقتىن شۇنداق دېگەن بولسا بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان تۇرۇپ شۇ گەپنى دەۋاتاتتى. بەزىدە بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىم «ئۇيغۇرلار مەرىپەتسىز، قالاق» دېسە ھاراق ئىچىپ مۇش كۆتۈرەتتىيۇ، قالاق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگىدەك تارىخىي بىلىمدىن ساۋاتسىز ئېدى. بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن پىداكار مۇئەللىملەرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە رىغبىتى بىلەن « ئۇيغۇرشۇناسلىق ئەنجۈمەنى» ئىسىملىك بىر ئىلمىي مۇنبەرنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق. ئىككى ھەپتىدە بىر چاقىرىلىدىغان ئەنجۈمەن شۇنداق قىزغىن داۋاملاشقان بولۇپ ھەر قېتىمقى لېكسىيەدە سىنىپقا بالىلار پاتماي قالاتتى. بۇندىن باشقا ھەر يىللىق نورۇزنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمى ۋە 1995-يىلغىچە داۋام قىلغان «تەڭرىتاغ لوڭقىسى» تەنھەركەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق بېيجىدىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار ئارىسىدا مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ، ئىستىقبالنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە تەپەككۇر ئويغانغانىدى. ئۆز ساھەلىرىدە ئۇتۇق قازانغان دوكتۇر، مۇتەخەسىسلەردىن ئىلھام توختى، زەپەر ئابلىز، كۆرەش ئىبراھىم، راھىلە داۋۇت، ئەسئەت سۇلايمان، ئابدۇرەئوپ پولات، لېتىپ توختى، مەترېھىم سايىت قاتارلىقلارنىڭ ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى نەتىجىسىدە ساۋاقداشلىرىمىزدا قانداق ئۆگىنىشىنى، قانداق ياشاشنى ۋە قانداق چېنىقىشنى بىلىش ھەققدىكى چۈشەنچە ۋە تەجرىبىلەر تارقىتىلغان ئىدى. مەن شۇ چاغدا ئاتوم پىزىكىسى ئالىمى كۆرەش ئىبراھىمغا ئەگىشىپ ئاپتوبۇس بېكىتىگىچە ئۇزۇتۇپ چىققان نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ كەيپىياتىدىن ئۈلگىنىڭ چوقۇم كۆز ئالدىمىزدىكى كىشىلەردىن، ئۆزىمزىدىن چىقىشىنىڭ نەقەدەر موھىملىقىنى ھىس قىلغانىدىم.
مىجەزىم شۇ بولسا كېرەك، بىر نەرسىنى ئۆزەم بىلەر بىلمەي باشقىلارغا دەپ بېرىشكە، ئۆگىتىپ قويۇشقا ئالدىرايتتىم. نەتىجىدە چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشكە ۋاقىت يېتىشتۈرەلمەيتتىم. بەلكىم بۇ ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان پىسخىك ئىھتىياج-ھۆرمەتلىنىش ئىھتىياجى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. ۋەياكى مېنىڭ بىر ئاكام دېگەندەك ياخشىلىق قىلىش پىشانەمگە يېزىلغاندۇ. بەزەن شۇ چاغدا قۇرۇق ئاۋارە بولغاندەك ئويلاپ قالىمەن. ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلارنىڭ مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن. مەسىلە قانداقتۇر شۇ چاغدا مەن ئېقىمغا ئەگىشىپ قاقشىغاندەك مىللتىمىزنىڭ «ئەيىپلىرى» بىلەن مۇناسىۋەتسىزكەن. سىياسەتنىڭ زورى بىلەن قوبۇل قىلىنغان، ئىقتىسادىي نەپ تۈپەيلى مەكتەپتىن ئاسانلىقچى قوغلانمايدىغان، «ئىتىبار» تۈپەيلى تۈزۈكرەك دەرسمۇ ئورۇنلاشتۇرلمايدىغان ستۇدېنت قايسى مىللەت بولمىسۇن «بۇزۇلىدىكەن». ئالى مەكتەپتە ئۆزەم مەنىسىنى ۋە زۆرۈرىيىتىنى ھىس قىلىپ قىلغان ئىنگىلىزچە ئۆگىتىش، ئۇيۇشما قۇرۇش، لېكسىيە ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ كىملەرگە، قانچىلىك بەركەت ۋە ئۈنۈم ئاتا قىلغانلىقىدىن بىخەۋەر قالدىم، لېكىن بېيجىڭدىكى داۋانلاردا-ئەنجۈمەنلەردە، مۇسابىقەلەردە ۋە يىغىلىشلاردا مېنى يالغۇز قويمىغان ۋە يار يۆلەكتە بولغان دوستلارنى دائىم سېغىنىمەن. ئۇلارسىز بۇ مۈشكۈل سەپەردە ھاراتتىم. شۇ چاغدا ھەمسەپەر بولغان دوستلارنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى مۇشەققەتلىك مۇساپىدە يەنە يېنىمدا بولۇشىنى ئارمان قىلىپ قالىمەن.
بېيجىڭدا ئېنگىلىزچىنى شۇنچە پۇل خەجلەپ مۇشەققەتتە ئۆگەندىم لېكىن ئۆزەم رازى بولغۇدەك سەۋىيەگە يېتەلمىدىم. ئۆزەم ئالاقىگە خوشسىز بولغاچ بۇ تىلدا راۋان سۆزلەشنى ئۆگىنەلمىدىم، تىلنىڭ يۇقۇرقى بىرىنجى ئۆتكىلدىن ئۆتەلمىگەچ ئۆزەم ئامراق كىتاب ئوقۇش باسقۇچىغا يېتەلمىدىم. بۇ جەياندا شۇنى ھىس قىلدىمكى، مەندەك ئالاقىگە پەمسىز ۋە خوشسىز ئادەمنىڭ تىل ئۆگەنمىكى مۈشكۈلكەن. بەزىدە چەتئەلگە توغرىسى ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش ھەققىدىكى ئىرادەم دائىم تەۋرىنىپ تۇراتتى. بەلكىم مېنىڭ تەقدىرىم شۇ بولسا كېرەك، مەن دائىم ھاياتنىڭ قىممىتى ھەققىدە ئويلۇنۇپ قالاتتىم ۋە قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ ئەھمىيىتىدىن توختىماي شۈبھىلىنەتتىم. شۇ چاغلاردا بېيجىڭدا «سوڧىنىڭ دۇنياسى»(بۇ كىتاپنى داۋۇت ئوبۇلقاسىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى) دېگەن كىتاب بازارلىق بولدى. كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پەلەسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ كىتابىدا غەرپ پەلەسەپىسىنى ھىكايەلەشتۈرۈپ بىر يىپقا تىزىپ چىقانىدى. شۇ چاغدا بىزگە مەھمۇد كاشغەرىدىن تارتىپ تەجەللىگىچە بولغان تەۋەرۈكلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن تەپسىلى ئۆگىتىلەتتى، ئەمما مەزمۇنى ھەققىدە كۆپ سۆزلەنمەيتتى. ئوقۇغان مەزمۇندىن بەھىر ئالالمىغاچقىمۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ بەزىلىرى توغرىسى بۇ دەرسلەرگە ئۆچ ئېدى. بىر قېتىم قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى دەرسىدە مۇئەللىم، تۇرپاندا 1912-يىللاردا بىر دېھقاننىڭ نەچچە ھارۋا قەدىمكى قول يازمىنى «كاپىر قالماقلارنىڭ بىر نەرسىسى ئىكەن» دەپ سۇغا ئېقىتىۋەتكەنلىكىنى ئېچىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى. دەرس تۈگەپ ياتاققا قايتقاندا بىر ساۋاقدېشىم «ئەجەپمۇ ياخشى قىلغانىكەن شۇ دېھقان، بولمىسا ئۆگىنىپ ئاۋارە بولاتتۇق» دېۋىدى، باشقا ساۋاقداشلىرىممۇ تەستىقلاشتى. دەسلەپتە نېمە دېيىشىمنى ئۇقالمىدىم، ئاندىن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ قالدىم، مەنچە قەدىمكى ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە يېشەلىگەن بولساق مۇنداق بىزارلىق بولمايتتى. ماڭا «سوڧىنىڭ دۇنياسى» تېپىلماس ئىلھام بولۇپ شۇنداق بىر كىتاب يېزىش پىكىرى تۇغۇلدى. تارىختىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى قىزىقارلىق شەكىلدە بىر يىپقا تىزىپ چىقىشنى خىيال قىلىپ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئۇنۋېرىستىتقا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىغا تىزىملاتتىم. بۇ ئىش ماڭا چەتئەلدە ئوقۇشتىنمۇ موھىم بىلىندى. گەرچە شۇ قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بولساممۇ شۇ چاغدا چىڭىغان ئىرادە قەشقەرنىڭ بىر كەنتىدە خەنسۇ سېكرتارغا تەرجىمانلىق قىلىۋېتىپمۇ، ساۋاتسىز كەنت مۇدىرىغا كاتىپىلىق قىلىۋېتىپمۇ سۇنمىدى. بېيجىڭ داۋانلىرىدا چېنىققان روھ بىزنى يېزا شۇجىسىنىڭ گەنسۇ تەلەپپۇزىدا ۋارقىراشلىرىغا باش ئەگدۈرمىدى، تىللاشلىرىدىن ئازات قىلدى. دوست بۇرادەرلەر خىزمەتنى تاشلىغىنىمدىن ھەيران قېلىشتى، «ھىچ ئىش تاپالمىسام بېيجىڭغا قايتىپ كاۋاپچىلىق قىلىمەن!» دېگەن سۆزۈمنى ئۇلار پايانسىز سۈكۈتلىرىگە سىڭدۈرىۋېتىشتى، چۈنكى ئۇلار سىتۇدېنت بىلەن كاۋاپچىنىڭ پەرقلىق تەبىقىگە مەنسۇپلىقى تەكىتلىنىدىغان موھىتتا تەربىيەلەنگەن ئېدى. ئۇلارنىڭ كاللىسىدا كادىر، ئىشچى، دېھقان، تىجارەتچىدىن ئىبارەت پولات قاتلام شەكىللەنگەن بولۇپ تىز پۈكۈپ كادىر بولۇشنى تىك تۇرۇپ كاۋاپچىلىق قىلىشتىن ئەلا بىلەتتى. بىر دوستۇمنىڭ يارىدىمىدە يۇرتۇمدا تۇنجى ئىگىلىز تىلى كۇرسىنى ئاچقىمىندا سىنىپىمغا ئادەم پاتمىدى،كەلگەنلەرنى تىزىملاپ ئۈلگۈرەلمىدىم. ئوقۇرمەنلىرىمگە مەلۇم بولغايكى، بۇ قوش تىلللىق مائارىپ بويۇنتۇرۇققا ئايلانغان 2000-يىللار ئەمەس، 1990-يىللار ئېدى. مەن سىنىپقا سىغماي ئولتۇرۇشقان قارا كۆز، قارا قاشلاردىن كەلگۈسىنى، ئۈمىدنى كۆردۈم، مىللەت ئومۇمىيۈزلۈك ئىنكار قىلىنىۋاتقان ئۇ چاغلاردا شۇ كىچىككىنە ئۈمىد ئۇچقۇنى قىممىتىمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسى بولدى.

(3) رىياللىقنىڭ قىستىشى ۋە ئىددىيەلەر ئاچىلىدا

ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدىكى ئوقۇشۇم ھاياتنىڭ قىممتىدىن گۇمانلىنىش، ياشاش ئىقتىدارىمدىن خودۈكسىرەش، بېيجىدا شەكىللەندۈرگەن قاراشلىرىمنى ئىنكار قىلىش ئىچىدە ئۆتتى. بېيجىڭدىكى مەكتەپلەردىن ئاسمان زېمىن پەرقلىق مەكتەپ موھىتى، دۆڭكۆۋرۈكتىكى يۈرەكنى لەختە قىلىدىغان بىچارە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، شۇ بىچارىلەرنىڭ بوۋلىرى قالدۇرغان كونا كىتاب ۋە ئەسكىرەپ كەتكەن تېپىندىلارنى زامانغا بېقىپ چۈشەندۈرۈش بەدىلىگە گالىستۇك تاقاپ يۈرۈشكەن ئىلىمدارلار ئۈمىتلىرىمنى تېگى يوق ھاڭغا ئىتتىرەتتى. شۇ چاغلاردا بېيجىڭدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ كەلگەن ياش ئوقۇتقۇچىمىز ئارقىلىق ئامېرىكلىق ئەرەب ئالىم ئېدۋارد سەئىد(1935-2003)نىڭ ئىددىيىسى بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇنىڭ قارىشىچە غەرپ ئالىملىرى بەرپا قىلغان شەرقشۇناسلىق غەرپنىڭ مۇستەملىكىچىلىك قىلمىشلىرىنى نەزەرىيە بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ شەرق مىللەتلىرىنىڭ ئۆزى ۋە دۇنيا ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئەمەلىيەتتە غەرپ لايىھىلىگەن ئېدى. ئۇ بەرپا قىلغان كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىك تەلىماتى بويىچە غەرپنىڭ مۇستەملىكىچىلىكى ئەسىرلەر بويى ھىچ بىر ئۆزگەرمىگەن بولۇپ پەقەت ئىلگىركى تەننى قۇل قىلىشتىن ھازىرقى روھنى ئەسىر قىلىشقا تەرەققىي قىلغان بولۇپ كېيىنكىسى ئالدىنقىسىدىنمۇ خەتەرلىك ئېدى. بۇلارنى ئويلىغانسىرى ئامېرىكا ياكى ياۋرۇپاغا بېرىپ ئوقۇش ھەققدىكى خىيالىم بەكمۇ گۆدەكلىك بولۇپ تۇيۇلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەپ دۆلەتلىرىدە ئوقۇش قارارىغا كەلدىم. ئەمما شۇنچە ئاقتۇرۇپمۇ ئەرەب دۆلەتلىردىكى ئۇنۋېرىستىتلارنىڭ مۇكەممەل ئېنگىلىزچە توربېتى بارلىرىنى ئاساسەن تاپالمىدىم. شۇ چاغلاردا مەن چوڭ بىلىدىغان ئەزھەر ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ئاسپىرانتلىق دەرس جەدۋېلىنى توردىن تاپالماي ئېچىنغانىدىم. (بەلكىم ھازىر بۇ ئىشلار جىق ئۆزگەرگەندۇر). ئىراننىڭ ئالى مەكتەپلىرى ھەققىدە ئىگىلىزچە ئۇچۇرلارنى تاپقان بولساممۇ شۇنچە ساقلاپ تىگىشلىك جاۋاپ ئالالمىدىم. شۇ چاغلاردا خەنسۇ زىيالىلىرى ئارىسىدا باش كۆتۈرگەن مىللەتچىلىك ۋە بۇنىڭغا ماس ئەۋج ئالغان كوڭزىچىلىق غەرپنى كۈچەپ ئىنكار قىلىۋاتاتتى. بىزدىمۇ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ۋەكىللىكىدىكى بىر قىسىم ژورناللاردا «غەرپنىڭ مەدەنىيەت جاھانگىرلىكى، مەدەنىيەت مۇستەملىكىچىلىكى» دېگەندەك ئۇقۇملار كۆپىيىشكە باشلىغان ئېدى. بىر قىسىم زىيالىلار خەنسۇ زىيالىلىرىنىڭ مىللەتچىلىك تەشەببۇسلىرىدىن ئىلھاملىنىپ غەرپ ئىددىيىلىرىگە قارشى مەيدانغا ئۆتكەن ئېدى. بۇ كەيپىيات ئوقۇرمەنلەردىمۇ ئەكىس ئېتىپ چەتئەل ئەسەرلىرىدىن سوۋۇش كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەردە دىنغا ۋە تارىخقا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رىيال مەسىلىلىرىگە ئائىت ئەسەرلەرنىڭ بازىرى بەكلا ياخشى ئېدى. رىياللىققا ئائىت ئەسەرلەردىن «ئىللەت»لەر سۆكۈلگەن ۋە ياتلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە دائىر ئەسەرلەر ئالاھىدە خېرىدارلىق بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن غەرپتە ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى يوققا چىقاردىم ۋە غەرىپتىن ئۆگىنىشتىن تولۇق ۋاز كەچتىم. ئىنگىلىزچىنى داۋاملاشتۇرۇش ئورنىغا تۈركىيە تۈركچىسى ۋە پارىسچە ئۆگىنىشكە باشلىدىم.
مەكتەپ ئاسپىرانتلاردىن ئۇ چاغلاردا ئوقۇش پۇلى ئالمايتتى. بېرىدىغان تۇرمۇش پۇلى بەك ئاز بولۇپ ئەڭ تىجىگەندىمۇ ئون بەش كۈنگە ئاران يېتەتتى. ياتاق پۇلى، كۈندىلىك خىراجەتكە پۇل تاپمىساق بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاكامغا يارىدەملىشىپ نەشىرىياتچىلىققا كىرىشتىم. كۈنلىرىم خەلق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر ئەسەرلەرنى ئوقۇش، تەشۋىق قىلىپ سېتىش ۋە تۇغقان تۈركى تىللاردىن كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش بىلەن ئۆتتى. بۇ يول ماڭا زىيالىنىڭ بىلىمىنى پۇلغا ئايلاندۇرالايدىغان بىر يول بولۇپ تۇيۇلدى. مەن مۇشۇ كىتاب سودىسى قىلىش جەريانىدا سېتىلىۋاتقان كىتابلارغا قاراپ كىشىلىرىمىزنىڭ نەقەدەر مەرىپەتسۆيەر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ۋە ئەدەبىياتچىلارچە ئۈمىدسىزلىكتىن قۇتۇلدۇم. بەلكىم بەزى ئوقۇرمەن دوستلار تارىخ، ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلەر سېتىلغان بىلەن پەننىي كىتابلارنى خەق ئوقۇمايدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن. لېكىن مەن «پەن ۋە تۇرمۇش»، «بىلىم كۈچ»، «ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى»، دېگەندەك ئۇيغۇرچە پەننىي ژورنال ۋە باشقا ئەدەبىي ژورناللارنى ئىككى يىل پايدسىغا سېتىپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇمنى پۈتكۈزىۋالدىم. (يۇقاردا ئىسىمىنى تىلغا ئالغان پەننى ژورنالدىن بىرنى ھۆددىگە بەرسە مەن شۇنىڭدىن پايدا ئېلىپ گۈلدەك ياشاپ كېتىشكە كۆزۈم يېتىدۇ). شۇ چاغلاردا مېنى سۆيۈندۈرگىنى كىتاب يېزىپ ۋە نەشىر قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر قىسىم زىيالىلار ئوتتۇرىغا چىقتى. (مېنىڭ ئېنىق بىلىدىغىنىم يارمۇھەممەد تاھىر ئەپەندى.) 1999-يىلدىن 2007-يىلغىچە بولغان ئارىلىق ئۇيغۇرلاردا كىتابچىلىقنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغانىدى. غالىبىيەت، مورتۇم، ئىدىقۇت، ساچىيە، قۇتادغۇبىلىك قاتارلىق كىتابچىلىق شىركەتلىرى دەۋر سۈرگەنىدى. مەن ئىككى يىل مۇشۇ ئىشنىڭ نېنىنى يىدىم. شۇ چاغدا مەخسۇس پەلەسەپە ۋە تېبابەتكە دائىر كىتاب نەشىر قىلدۇرغان بىر ئاكىمىزنىڭ دېيىشىچە ئۇيغۇرلادىن نەشرىياتچىلىق قىلىپ ۋەيران بولغىنى يوقكەن. مىللەتلەر نەشرىياتىدىكىلەردىن ئىگىلىشىمچە خەنسۇ بۆلۈمدىن قالسىلا ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئىختىسادىي ئۈنىمى ياخشىكەن. كېيىن ئىزدىنىش ئارقىلىق خۇسۇسىي نەشرىياتچىلىقنىڭ جوڭگۇدا خەنسۇلاردىن باشقا ئۇيغۇرلاردىلا بىر سودا تۈرى بولۇپ شەكىللەنلىكىنى بايقىدىم. شۇ چاغلاردا قايسى ژورنالىنى ھۆددىگە بېرىدىكەن، قايسى نەشىرىياتنى ھۆددىگە بېرىدىكەن دەپ تامادا يۈرگەن ئۇيغۇر جىق ئېدى (مەن دەل شۇلارنىڭ بىرى ئېدىم). چۈنكى مەن «ئانا يۇرت»نىڭ قاچاق باسمىسىدن باشقا 30مىڭ پارچە سېتىلغىنىغا گۇۋاھ بولدۇم. ئەركىن روزىنىڭ «بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار» دېگەن كىتابتىن قەشقەردە يېرىم يىل ئىچىدە 4000نى ساتتىم. «مەھمۇد كاشغەرى»گە ياركەنت كىتابخانىسىنىڭ بىر يىللىق 5000 تىراج بەرگىنىنى كۆردۈم. «لېيىغان بۇلاق» كەم دېگەندە 50،000 پارچە سېتىلدى. 1998-يىلى مەن «ئىز» ھەققىدە ماقالە يازاي، دەپ كىتابنىڭ داڭقىغا ئىسپات قىلاي دەپ قارىسام، تىراجى قايتا قايتا بېسىلغىنىنى ھىساپلىغاندا سەكسەن نەچچە مىڭ چىققانىكەن. كىتاب سودىسىغا ئارىلاشمىغان بولسام ئۈمىتسىزلىكتىن نە كويغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. مىڭلاپ، يۈزمىڭلاپ سېتىلىۋاتقان كىتابلار مېنى رىغبەتلەندۈرگەن، شۇ چاغدا كىتاب ئوقۇۋاتقان نەچچە يۈزمىڭ ئوقۇرمەنى بار ئۈمىتلىك بىر قەۋمنىڭ ئەزاسى بولۇش مېنى ئۈمىدكە تولدۇرغانىدى. كىتاب سودىسى جەريانىدا يەنە بىر بايقىشىم، بىزدىكى مۇئاشلىق زىيالىلار بىلەن مۇئاشسىز(دىندا ئوقۇغان، ياكى دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئۆزلىگىدىن ئۆگەنگەنلەر) زىيالىلار خۇسۇسى نەشرىياتچىلىقنىڭ مەزگىللىك گۈللىنىشى جەريانىدا بىر بىرىنى بايقىدى ۋە ھەمكارلاشتى. بولۇپمۇ مۇئاشسىز زىيالىلارنىڭ نەشىرىياتچىلىققا ئارىلىشىشى ئاۋامنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. بۇلارنى كۆرۈپ ئويۇمدا خەلق قىزىقمىغان غەرپنىڭ ئادەم ئاسانلىقچە چۈشەنمەيدىغان تۈرلۈك ئىددىيە ئېقىملىرىنى ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر ھاماقەتلىك بولىدىغانلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىدىم.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=244
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
تولۇق ئوقۇش

2009年5月11日星期一

Yeken se'idiye xanliqining tarixi



يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تارىخى



ئىبراھىم نىياز



چاغاتاي خانلىقىنىڭ يىقىلىشى ۋە سەئىدخاننىڭ دەسلەپكى پائالىيەتلىرى


چاغاتاي خانلىقى-چاغاتاي خانىدىم سۇلتان مەھمۇدخانغىچە 300 يىل راۋاجلانغان چاغاتاي موڭغۇل خانلقىدۇر.
چۈنكى، بۇ دەۋردىكى ھۆكۈمدارلار چاغاتاي خاندانىدىن بولغاندىن تاشقىرى، ئۇلارنىڭ ئىدارە تەشكىلاتى-ياساقى(قانۇنى)، رەسىم-مۇراسىملىرى تامامەن موڭغۇل ئەنئەنىسىگە مۇۋاپىق ئىدى.
دۆلەت خادىملىرى بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ ئاساسىي قىسمى موڭغۇللاردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان چاغاتاي ھۆكۈمدارلارنىڭ دەۋرلىرىدە ھەم يۇقارقى ۋەزىيەت سۇلتان مەھمۇدخانغىچە داۋام قىلدى. پەقەت دىنىي ۋە بەزى ئىجتىمائىي جەھەتتىنلا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولدى.
سۇلتان مەھمۇدخان ۋاپاتىدىن سەككىز يىل كېيىن قۇۇرۇلغان سەئىدىيە دۆلىتى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان دۆلەت بولۇپ، ھۆكۈمدارلىرى، خادىملار ۋە ئىسكەرلەرنىڭ ئاساسىي قىسمىنى شىنجاڭ جەلقى تەشكىل قىلغان. ئۇنىڭ ئىدارە-تەشكىلاتلىرى، رەسىم-مۇراسىملىرى، ئومۇمىي ھايات، مائارىپ ۋە باشقا ئىشلار تامامەن يەرلىك مەدەنىي خەلقنىڭ يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە مۇۋاپىق بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت قانۇنى ۋە ئەخلاقىغا ئاساسلانغان ئىدى. سۇلتال مەھمۇدخاننىڭ ۋاپاتى بىلەن چاغاتاي موڭغۇل دۆلىتى ئورنىغا سەئىدىيە خانلىقى تىكلەندى.
يەكەن سەئىدىيە خانلىقى: -بۇ خانلىقنى قۇرغۇچى سەئىدخاندىن باشلىنىپ، ھىدايىتۇللا ئىشان-ئاپپاق خۇجا دەۋرىگىچە جەمئىي 170 يىل ياشىدى.
زوراۋان ئىستىلاچى چىڭگىزخان-تېمۇرچىن ئۆزى ئىستىلا قىلغان كەڭ مەملىكەت ۋە رايونلارنى ئۆزى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى (1225-يىللىرى) مەركىزىي پايتەخت قارا قۇرۇمدا-قاغانلىق مەھكىمىسىدە داغدۇغىلىق قۇرۇلتاي چاقىرىپ، تۆت ئوغلىغا تەقسىم قلىپ بەردى. شۇ نىسبەتتە، ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن شىنجاڭنى مىراس قىلىپ بېرىپ، چاغاتايغا پادىشاھلىق تاج كىيدۈردى. ئۇنى مۇبارەكلەپ، ئىلىدىكى ئوردىدا سەلتەنەت تەختىگە چىقاردى.
تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋاپاتىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەمىر تۆمۈر كوراگان، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغۇللىرى خىزىر خوجا بىلەن ئىلياس خۇجىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇلارنىڭ ئىتائىتىدىن باش تارتىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش كۆردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، بىر پۈتۈن چاغاتاي خانلىقى پارچىلىنىپ، ئىچكى ئىختىلاپ كۈچەيدى. يەنى، خان، بەگزادىلەر ئوتتۇرسىدا تەخت، زېمىن تالىشىش ماجرالىرى زادىلا بېسىقماي، ئەلدە خاتىرجەمسىزلىك، ئىگىلىكتە ۋەيرانچىلىق ۋە ئىتتىپاقسىزلىقلار ئەۋج ئېلىپ كەتتى.
بۇنداق نىزا ۋە تەپرىقچىلىقتىن قەشقەردىكى زېمىندا مىرزا ئابابەكرى پايدىلىنىپ، قەشقەر، يەركەنلەردە نوپۇز تىكلەپ، قوراللىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللاندى.
بۇ ۋاقىتتا ئەھمەدخان چاغاتاي خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ھاكىمىيەتنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن ئوغۇللىرى مەنسۇرخان بىلەن سەئىدخان ئوتتۇرىسىدىمۇ ئۇرۇش پارتىلىدى. ئۇلار سەلتەنەت تالىشىپ ئۆز-ئارا سوقۇشتى. بۇ چاغدا مەنسۇرخان كۇچار، كورلا، قارا شەھەر، تۇرپان، بەشبالىق تەرەپلەرگە ئومۇمىي ۋالىي بولۇپ، قارارگاھى تۇرپاندا ئىدى. ئالتە شەھەرگە ئومۇمىي ۋالىي بولغان سەئىدخاننىڭ قارارگاھى ئاقسۇدا ئىدى.
سەئىدخانغا قارشى چىققۇچىلار كۆپەيدى. بىر تەرەپتىن مىرزا ئابابەكرىنىڭ ھۇجۇمى ۋە سۈيىقەستلىك ھەرىكەتلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ قارشىلىقى نەتىجىسىدە، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، تاغىسى بابۇر شاھتىن ياردەم ئېلىش ئۈچۈن ھىندىستانغا يول ئالدى. شۇندىن كېيىن مىرزا ئابابەكرى قەشقەر، يېڭىسار، يەركەن، خوتەن، ئاقسۇ شەھەرلىرىگە رەسمىي ھۆكۈمدار بولدى.
مىرزا ئابابەكرى زالىم، بەتخۇي ئادەم ئىدى. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۆز خائىشى بويىچە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، خەلقنى قاتتىق ئەزدى. بولۇپمۇ، ئاقسۇ خەلقىنى دەھشەتلىك ئىزىپ، خانىۋەيران قىلدى. ئاقسۇ خەلقىنى قەشقەر، خوتەنلەرگە مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ، شۇنىڭ بىلەن ئاقشۇ شەھىرى 16 يىل خارابى ھالەتتە تۇرۇپ، شەھەردە بىرمۇ ھاياتلىق قالمىدى.
مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىنى مۇنداق خاراب قىلىشىدىكى سەۋەب بولسا، يۇنۇس خاندىن كېيىن ئوغلى ئەھمەدخاننىڭ پايتەختى ئاقسۇ شەھرىدە بولغان ئىدى. مىرزا ئابابەكرى ئاقسۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئاقسۇ خەلقى سەئىدخان تەرەپتە تۇرۇپ، مىرزا ئابابەكرىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، بۇ شەھەر خەلقىنى قەشقەر، خوتەنگە كۆچۈرۈپ، شەھەرنى پۈتۈنلەي مەنسۇخ قىلدى. ئاسۇق شەھرىنى يېڭىدىن بىنا قىلدى. ئىنىسى مىرزا ئەبۇسەئىد سوپىنى ئاقسۇغا ۋالىي قىلىپ، ئاقسۇنى قارارگاھ قىلدى.
ئەبۇ سەئىدخان سوپى ئاكىسى مىرزا ئابابەكرىگە ئوخشاش زالىم بولغانلىقتىن، ئاسۇق شەھرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يارلىققا توققۇز زىندان قازقۇغغان ئىدى.
دېمەك، سەئىدخان مىرزا ئابابەكرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھۇجۇمى ۋە ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ مۇخالىپەتچىلىكى تۈپەيلى ۋەتەننى تاشلاپ، ھىندىستانغا بېرىش نىيىتى بىلەن پەرغانە تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.
بۇ ۋاقىتتا پەرغانىدا چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان مۇھەممەت شەيبانىخان (1451-1510) باش كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇ تۆمۈرلەڭ ئەۋلادىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىپ، بۇخارانى پايتەخت قىلىپ، ئەتراپىغا كېڭىيىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئىدى.
ئەھمەدخان ئۇلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىياغا لەشكەر تارتىپ باردى. بۇ ئۇرۇشقا ئۆزىنىڭ ئامراق ئوغلى سەئىدخانمۇ قاتناشتى. ھىجرىيە 908-يىلى ئەتراپىدا تاشكەنتنىڭ «ئەفسىر» دېگەن يېرىدىكى ئۇرۇشتا ئەخمەدخان مەغلۇپ بولۇپ، شاھبەگخاننىڭ قولىغا ئەسىر ئەسىر چۈشتى. سەئىدخان بۇ ۋاقىتتا بابۇر مىرزا بىلەن نەمەنگان ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئىدى. ئۇ ئۇرۇشتا ئېغىر يارىلىنىپ، ئەھمەد بەگە يەمبىل لەشكەرلىرىگە ئەسىر چۈشتى.
ئەھمەخاننى شاھبەگ خان ئەسىرلىكتىن بوشىتىپ، ئۆز ئورنى ئاقسۇغا يولغا سالدى. لېكىن، سەئىدخان بىر يىلدىن ئارتۇق نەمەنگان زىندانىدا ياتتى. كۆپ مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردى. ئىككىنچى يىلى ئەنجانغا، سۇلتان ۋە ئۆزبېك خانلار خان بولغاندىن كېيىن، سەئىدخاننى زىنداندىن بوشىتىپ، نازارەت ئاستىغا ئالدى. مۇشۇ پەيتلەردە ياش سەئىدخاندىكى جاسارەت ۋە قابىلىيەتنى كۆرگەن بەزى ئەمەلدارلار ئۇنىڭغا ئاستىرىتتىن ھېسداشلىق قىلىشقا باشلىدى.
سەئىدخان ئاشۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن يۇشۇرۇن تەييارلىق كۆردى ۋە پۇرسەت تېپىپ 18 قۇراللىق ئادەم بىلەن قاچتى. ئىسسىق كۆل بويىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان تۇغقىنى مۇھەممەتخاننىڭ ھۇزۇرىغا پاناھلاندى.
سەئىدخان مۇھەممەتخاننىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغان پەيتلەردە، ئۇنىڭ ئەيش-ئىشارەتكە بېرىلگەنلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمى پىتنە پاساتقا تولۇپ، چېرىكلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، مۇھەممەخخاننى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، دۆلەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش زۆرۈرلۈكىنى چۈشىنىپ يەتتى. شۇڭا ئۇ، مۇھەممەدخاندىن ئايرىلىپ، يىراقراق ئورۇنغا بېرىپ، ئۇنىڭغا قارشى مەخپىي ھەرىكەت ئويۇشتۇرۇش قارارىغا كەلدى. مۇشۇ مەقسەت بىلەن ئۇ مۇھەممەتخاندىن يەتتە سۇغا كېتىش ئۈچۈن رۇخسەت سورايدۇ. لېكىن مۇھەممەتخان سەئىدخاندىن ئەنسىرەپ بۇ يەردىن كېتىشكە رۇخسەت قىلمايدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن سەئىدخان يۇشۇرۇن ھالدا ئۆز تەرەپدارلىرىدىن 200 دىن ئارتۇق ئادەم توپلاپ قۇراللاندۇرۇپ، مەخپىي ھالدا بۇ يەردىن قاچىدۇ. سۇلتان مۇھەممەتخان بۇ ئەھۋالنى سېزىپ قالىدۇ. ئۇلارنى تۇتۇش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. سەئىدخان بىلەن ئۇرۇشۇپ يارىدار بولۇپ قولغا چۈشىدۇ. ممۇھەممەتخان ئۇنى قاتتىق نازارەت ئاستىدا ساقلاشقا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. كېيىن مۇھەممەتخاننىڭ بىپەرۋالىقىدىن پايدىلنىپ سەئىدخان مەخپىي ھەرىكەتكە كىرىشىدۇ. ئىككى يىل نەزەربەنتتە تۇرۇش جەريانىدا يۇشۇرۇن رەۋىشتە ئۆز تەرەپدارلىرىنى تەشكىللەيدۇ. ھىجرىيە 913-يىلى(مىلادى 1507-يىلى) مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قېچىپ، يەتتە سۇ رايونىغا بارىدۇ. ئىنىسى خېلىل سۇلتان ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزىنى يەتتە سۇنىڭ خانى دەپ ئېلان قىلىدۇ. سەئىدخان يەتتە سۇ رايونىدا خانلىققا ئولتۇرغاندىن كېيىن، مۇھەممەتخاننىمۇ ئاغدۇرۇپ، ئىسسىق كۆل رايونىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن، ھەربىي تەييارلىق قىلىدۇ. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش بىلەن، مۇھەممەتخاننى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ،، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يەتتە سۇ، ئىسسىق كۆل رايونلىرىنى ئۆزىگە قارىتىدۇ.
لېكىن، بۇ ۋاقىتتا تۇرپان تەرەپلەردە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئاكىسى مەنسۇرخان ئىنىسى سەئىدخاننىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن خەۋپسىرەپ، ئۇنى ۋاقتىدا ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن، لەشكەر تارتىپ بارىدۇ. بۇ ئىككى تۇغقان ئارىسىدا ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇش بولىدۇ. يەتتە سۇ ۋە ئالمۇتا ئەتراپىدا بولغان ئۇرۇشتا سەئىدخان بارلىق لەشكەرلىرىدىن ئايرىلىپ، نارىن جاڭگاللىرىغىچە قېچىپ بېرىپ يۇشۇرۇنىدۇ. ئۇرۇشتا ئامان-ئېسەن قالغان خېلىل سۇلتان ئەنجانغا كېلىپ جانبەگ خان ھۇزۇرىدا پاناھلاندى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان مەنسۇرخان جانبەگ خان ھۇزۇرىدىكى ئۆز تەرەپدارلىرى بولغان سەئىدخان مۇھەممەت، سۇلتان ئېلى مىرزا قاتارلىقلارغا بۇيرۇق بېرىپ، ئىنىسى خېلىل سۇلتاننى ئۆلتۈرگۈزدى.
سەئىدخان بىر مەزگىل نارىن جاڭگاللىرىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەندىن يۈرگەندىن كېيىن، بۇ يەردىمۇ كۆپ تۇرالماي، ئالتە شەھەر تەرەپكە ئۆتۈپ، تارىم دەرياسى بويىدىكى دولانلار ئارىسىغا يوشۇرۇندى. ئۇ، بۇ يەرگە كېلىشتە دولانلار ئارىسىدىن قوشۇن توپلاپ، مىرزا ئابابەكرىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى، دولانلار ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنىڭ ئەكسىچە، ئادەملىرىنى ئۆلتۈردى ۋە تۇتۇۋالدى. بۇ ئەھۋاللاردىن چۆچۈگەن سەئىدخان ئۆزى يالغۇز نارىنغا قېچىپ باردى. ئۇ يەردە كۆپ ئاۋارە بولۇپ، جاڭگالدا قېچىپ يۈرگەن 40 دەك ئادىمى بىلەن خوتۇن-بالىلىرىنى بىر يايلاققا ئورۇنلاشتۇردى. شۇ چاغدا مىرزا ئابابەكرىنىڭ ئادەملىرى كېلىپ قالدى. سەئىدخان مىرزا ئابابەكرى ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ تۇرۇپ، قېچىپ قۇتۇلدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ پەقەت 5-6 لا ئادىمى قالغان ئىدى. شەرق تەرەپتىن ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ، جەنۇب تەرەپتىن مىرزا ئابابەكرىنىڭ قولغا چۈشۈپ قېلىش خەۋپى ئۇنىڭغا دائىم كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۈچ تەرەپلىمە خەۋپ ئىچىدە قالغان سەئىدخان، بۇ خەۋپ-خەتەرلەر ئالدىدا ھېچبىر بوشاشمىدى. بىرقانچە ئادەملىرى بىلەن پەرغانىدىن چىقىپ ئافغانىستانغا بېرىش ئارزۇسى بىلەن ئەنجانغا كەلگىنىدە خوجا باتۇر ياخشى كۈتۈۋالدى. ئۇ جانبەگ خان تەرىپىدىن قۇيۇلغان ھاكىم ئىدى. خۇجا باتۇر سەئىدخانغا ھېسداشلىق قىلاتتى. ئۇ، سەئىدخاننى بىرقەنچە كۈن ئىززەت ۋە ئېكران بىلەن ئارام ئادۇرۇپ، ئۆزىگە ئىشەنچلىك 5-6 ئادىمى بىلەن بەدەخشانغا يولغا سالدى. سەئىدخان بۇ يەردىن چىقىپ بەدەخشانغا باردى.
بەدەخشان خانى مىرزىخان سەئىدخاننىڭ ئالدىغا ئىستىقبالغا چىقىپ، ئىززەت ۋە ھۆرمەت بىلەن بەدەخشان پايتەختى زوپەر شەھرىگە ئېلىپ كىردى. سەئىدخان سپپەردە بىرقانچە كۈن پاناھلىنىپ، مىرزىخاننىڭ ياردىمى بىلەن ھىجرىيە 916-يىلى (مىلادى 1510-يىلى) شەئىبان ئېيىدا كابۇلغا بېرىپ، تاغىسى بابۇر شاھ بىلەن كۆرۈشتى.
بابۇر شاھ ئەسلىدە سەئىدخاننىڭ ئوغلى ئىدى. يەنى، بابۇرشاھ ئانا تەرىپىدىن چدغاتاي ئەۋلادى. دادا تەرىپىدىن تۆمۈر كوراگان (ئاقساق تۆمۈر) ئەۋلادى ئىدى.
سەئىدخان كابۇلغا كەلگەندىن كېيىن، بابۇر شاھ بۇ جەسۇر سەئىدخاندىن دائىم ھەزەر ئەيلىدى ۋە يۇشۇرۇن ئادەم قويۇپ، ئاستىرىتتىن نازارەت قىلدى.
سەئىدخان كابۇلدا ئىككى يىلدەك تۇردى. بۇ جەرياندا پەرغانىدىكى ئۆز يېقىنلىرى ۋە تەرەپدارلىرى بىلەن دائىم يۇشۇرۇن ئالاقىلىشىپ، پۇرسەت كۈتتى. چۈنكى، بۇ چاغدا سەئىدخاننىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ھۋچقانداق خەۋپ-خەتەر، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان جەسۇر ئىرادىلىك كىشى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن، پەرغانىدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئۇنىڭ يېقىن كىشىلىرى بىلەن تەرەپدارلىرى، كەلگۈسىدە سەئىدخان تەرىپىدىن ھاكىمەتكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەر جەھەتتىن ھېسداشلىق قىلىشقا باشلىدى.
ھىجرىيە 916-يىلى(مىلادى 1510-يىلى) شايبانىخان مەرۋى پادىشاھى ئىسمائىل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئۆزبېك، قىپچاق دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا پاراكەندىچىلىك يۈز بەردى. بابۇرشاھ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ھوجۇم قىلدى. سەئىدخانمۇ بۇ ئۇرۇشتا بابۇر شاھققا ھەمراھ بولدى. ئۇلار قۇندۇز شەھرىگە كەلگەندە، پەرغانىدىن ئۇ يەردىكى سەئىدخان تەرەپدارلىرىنىڭ ئۆزبېكلەرنى مەغلۇب قىلغان خەۋىرى ھەمدە بابۇرشاھتىن ياردەم سورىغۇچى ئەلچىلەر كېلىپ، بابۇر شاھ بىلەن ئۇچراشتى. بابۇر شاھ بۇلارنىڭ ئىلھامىغا ئاساسەن، سەئىدخان بىلەن بىر قىسىم قوشۇننى پەرغانىگە ئەۋەتتى. سەئىدخان پەرغانىگە كېلىپ بۇ يەرنى ناھايتى تېزلا ئىشغال قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي مىرزا ئابابەكرىنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇلارنىمۇ مەغلۇب قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سەئىدخان پەرغانىدە، بابۇر شاھ سەمەرقەندتتە ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزبېك خانلارنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن ناھايتى كۆپ ئۇرۇشلاردا زەپەر قازانغا بولسىمۇ، ئۇلارنى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇب قىلالامىدى. شۇ يىلى سەئىدخان تاشكەنتنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن يۈرۈش قىلىپ، ئۆزبېك خانى سويۇنچۇق خاندىن يېڭىلىپ پەرغانىگە قايتىپ كەلدى. دەل شۇ ۋاقىتتا بابۇر شاھ ئوبەيدە خانىدىن يېڭىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىنىپ، كابۇلغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. نەتىجىدە سەئىدخان بىرقانچە دۈشمەن ئارىسىدا يالغۇز قالدى. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان سويۇنچۇق پەرغانىگە-سەئىدخان ئۈستىگە يۈرۈش قىلدى. سەئىدخان سويۇنچۇقنىڭ ئالدى تەرىپىدىن مۇداپىئە قىلىپ، ئارقا تەرىپىدىن ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ سېپىنى ئۈزۈۋېتىپ، ئۇنى پارچىلاپ مەغلۇب قىلدى.
ئەمما، مۇشۇ بىر قاتار مەغلۇبىيەتلەر ۋە قالىبىيەتلەردىن كېيىن، ئۆزبېكلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپلار پەسىيىپ، ئۇششاق ئۆزبېك خانلىقلىرى ئوبەيدە خاننىڭ بايرىقى ئەتراپىغا يوپلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزبېكلەردە دۈشمەنلەرگە غالىب كېلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، سەئىدخان ئۆزبېكلەرگە تاقابىل تۇرالماسلىقىنى چۈشىنىپ، ئۆزبېكلەرنىڭ شىمالىدا ياشىغۇچى قازاقلارنىڭ خانى قاسىرخان بىلەن بىرلىشىپ، ئوبەيدە خانغا قارشى ھەربىي ئىتتىپاق تۈزدى.
قاسىرخان ئەسلىدە جانبەگ خاننىڭ ئوغلى بولۇپ، سەئىدخاننىڭ ھاممىسى سۇلتان نىگار خېنىمنىڭ ئېرى ئىدى. قاسىرخان سەئىدخاننى چوڭ ئىززەت-ئېكرام بىلەن كۈتۈۋالدى. بۇلار كېڭىشىپ ھىجرىيىنىڭ 919-يىلى (مىلادى 1513-يىلى) باھاردا ئىككى تەرەپ بىرلا ۋاقىتتا ئوبەيدە خان ئۈستىگە ھوجۇم قىلماقچى بولدى. بىراق، باھاردا قىپچاقلارنىڭ غەربىي تەرىپىدە توقۇنۇش پەيدا بولدى. قاسىرخان شۇ تەرەپكە ھۇجۇم قىلىشقا مەجبۇر بولدى. سويۇنچۇق خان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ سەئىدخان ئۈستىگە باستۇرۇپ كەلدى. بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن سەئىدخان سەركەردىلىرى بىلەن كېڭىشىپ، ئۆزبېكلەرنىڭ بىرلەشكەن كۈچىگە تاقابىل تۇرالماسلىقىنى چۈشىنىپ، ئۇرۇش قىلماستىن، قەشقەرگە يۈرۈز قىلىش قارارىغا كەلدى ۋە ئۆزگەن يولى بىلەن قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى.
سەئىدخان 10 مىڭ كىشىلىك خىل قوشۇن بىلەن ھىجرىيىنىڭ 920-يىلى(مىلادى 1514-يىلى) 1-ئايدا نارىنغا كەلدى. بۇ يەردە بىر ئايدەك تۇرۇپ، قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، تولۇق تەييارلىق كۆرگەندىن كېيىن قەشقەرگە قاراپ يۈرۈش قىلدى.
شۇنداق قىلىپ، مىرزا ئابابەكرى بىلەن سەئىدخان ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك ئۇرۇش پارتىلىدى.

مۇئەللىپ: ئىبراھىم نىياز
«تارىختىن قىسقىچە بايانلار» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشى


سۇلتان سەئىدخان تاغىسى بابۇر مىرزىنىڭ قېشىدا (كابۇلدا) بىرقانچە مۇددەت تۇرۇپ، بابۇر شاھتىن بىر قىسىم قورال-ياراق ۋە ئەسكىرى قۇۋۋەت ئېلىپ قايتتى. لېكىن، ئاساسىي كۈچنى پەرغانىدىن ئالدى.
يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، سەئىدخان كابۇلدا تۇرغان مەزگىللەردە تۈرلۈك يول ھەم ۋاستىلەر ئارقىلىق پەرغانىدىكى بىرقىسىم كىشىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى (بۇلارنىڭ بىر قىسمى مىرزا ئابابەكرىنىڭ زۇلۇمى ۋە باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قەشقەردىن پەرغانىگە كېلىپ قالغانلار ئىدى).
سەئىدخان كابۇلدا يولغا چىقىشتا، بابۇر مىرزا سەئىدخانغا، فارسى زابانغا ماھىر بولغان بىرقانچە ئالىملارنى ھەمراھ قىلىش بىلەن بىرگە، بىر بۆلبك پارس تىلىدىكى كىتابلارنىمۇ تەقدىم قىلغان ئىدى. سەئىدخاننى كابۇلدىن ئۇدۇل پەرغانىگە يولغا سېلىشتىكى مەقسەت : دىيارىمىزغا پەرغانە تۇتاش بولۇپ، يول قاتنىشى قولايلىق بولغاچقا، ئۇنى شۇ يول بىلەن ماڭدۇردى.
سەئىدخان كابۇلدىن كانجۇت يولى بىلەن پەرغانىگە كەلدى. ئۇ پەرغانىدە ئىمىر تۆمۈر كوراگاننىڭ نەۋرىسى مىرزا ھەيدەر دوغلاتى دېگەن ئاقىل، دانا ۋەزىرىنى ھەمراھ قىلىپ، 10 مىڭ كىشلىك ئەسكىرى كۈچ بىلەن دىيارىمىزغا كىرىپ، ناھايىتى شىددەتلىك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى.
مىرزا ئابابەكرى سەئىدخاننىڭ قەشقەرگە قىلغان يۈرۈشىدىن خەۋەر تېپىپ، زور ھەربىي كۈچ بىلەن قەشقەرنى قاتتىق مۇداپىئە قىلدى. بىراق، سەئىدخاننىڭ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن، مىرزا ئابابەكرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلق سەئىدخان تەرەپكە ئۆتۈپ، تىغ ئۇچىنى ئۇنىڭغا قاراتتى. سىرىتقى تەرەپتىن سەئىدخاننىڭ ئەجەللىك زەربىسى، ئىچكى جەھەتتىن خەلقنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن مىرزا ئابابەكرى تېزلا ھالىدىن كەتتى. بۇ ئۇرۇشتا مىرزا ئابابەكرىنىڭ قېرىندىشى مىرزا ئەزىزى ئۆلدى. قەشقەردىكى ئۇرۇشتا ھالىدىن كەتكەن مىرزا ئابابەكرى يەكەندە ئۆز ئورنىغا ئوغلى جاھانگىر مىرزىنى قويۇپ، تىبەتكە قاراپ قاچتى ۋە چۆللەردە ھالەك بولدى.
مىرزا ئابابەكرى قېچىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، خەزىنىدە قالغان ئالتۇن-كۈمۈچ، دەفئى-دۇنيانى قويماي ئېلىپ قاچقان جاھانگىر مىرزىمۇ يولدا ئۆلدى. سەئىدخان قوشۇنلىرى خوجا ئېلى باتۇرنىڭ قوماندانلىقىدا يەكەنگە كىرىپ، مىرزا ئابابەكرىنىڭ ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بەردى.
قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەتلەر سەئىدخاننىڭ دۆلەت قۇرۇش توغرىسىدىكى ئالىۇ ئىرادىسىنى قىلچە بوشاشتۇرمىدى م بەلكى بۇ ياش شاھزادىنى چېنىققان بىر سەركەردە، قەبىليەتلىك بىر دۆلەت ئەربابى قىلىپ يېتىشتۈردى.
سەئىدخان يەكەننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ھىجرىيە 920-يىلى(مىلادى 1514-يىلى) رەجەب ئېيىنىڭ 30-كۈنى (كونا ئاي ھېسابى بويىچە 7-ئايدا) چوڭ قۇرۇلتاي چاقىرىلدى. قۇرۇلتايدا سەئىدخاننى سۇلتان دەپ ئېلان قىلدى. يەكەن شەھىرى بۇ دۆلەتنىڭ دائىمى پايتەختى قىلىپ بېكىتىلدى. يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ دۆلەت بايرىقىنىڭ شەكلىنى نوقۇت رەڭ ئۈچ بۇرجەكلىك بايراققا ئۆزگەرتىپ، «لاالەالاالا مى مدروسول اللە» دېگەن كەلىمە ئالتۇن بىلەن يېزىلدى. بايراقنىڭ سول تەرىپىگە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان تارىخى-ۋاقتى يېزىلدى. بايراق مەھكىمە دەرۋازىسىنىڭ ئۈستىگە ئېسىلدى.
يەكەن سەئىدىيە خانلىقى ئىچكى ۋە خەلقئارا ئىشلاردا پارس تىلىنى قوللاندى، ھەتتا مەدرىسلەردە ئوقۇلىدىغان دەرسلەرنىڭ 70 پىرسەنتى پارس تىلى بىلەن ئۆتۈلدى.
سەئىدىيە خانلىقى «شەرىئەت مۇھەممىدىيە»نى دۆلەت دىنى قىلىپ ئىجرا قىلدى، دۆلەتنىڭ بارلىق مالىيە كىرىملىرى شەرىئەت يولى بىلەن توپلاندى.
بابۇر شاھ ئىمىر تۆمۈر كوراگان ئەۋلادى ئىدى. ئۇ ئافغانىستاندىن ئۆتۈپ، ھىندىستاننى ئىشغال قىلىپ قۇرغان خانلىققا پارس تىلىنى دۆلەت تىلى قىلغان ئىدى. شۇ دەۋردە سەئىدخان ھىندىستانغا بېرىپ بابۇر شاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئالتە شەھەرنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ھىندىستاندىن دائىم بابۇرشاھ كىشىلىرى يەكەنگە كىلىپ تۇراتتى. ھەتتا ھىندىستان، ئافغانىستان، كەشمىر قاتارلىق جايلاردىن شىنجاڭغا كىلىپ، شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشتى.
بابۇرشاھ خانلىقىنى ھىندىلار «موغۇل خانلىقى» دەپ ئاتايتى.
بابۇرشاھنىڭ ئۆزى پارس زابان ۋە پارس يېزىقىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن تەۋەلىرىدىمۇ بۇ يېزىق ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىنىپ ئىشلىتىلگەنلىكتىن، خەلقمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.
مەۋلانە جالالىدىن رومى ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى بولغان «مەسنىۋى شىرىق»نى پارس تىلىدا يازغان.
ھىجرىيىنىڭ 990-يىللىرىدىن كېيىن بابۇرشاھ ئەۋلادىدىن ئەكبەرشاھ ھىندىستاندا تەختتە ئولتۇرۇپ، ئاتىسى قوللانغان پارس تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئوردۇ تىلىنى دۆلەت تىلى قىلدى.
سۆز بېشىغا كەلسەك، سەئىدخان قۇرۇلتاي تامان بولغىچە شەھەرگە كىرمەي، شەھەر سىرتىدا تۇرۇپ تۇردى. قۇرۇلتاي تامان بولغاندىن كېيىن، چوڭ داغدۇغا ۋە دەبدەبە بىلەن «ئارك» (ئوردا) غا كىرىپ تەختتە ئولتۇردى. ئۇ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئۇزاك كۈرەشلەردە يېقىن ياردەمچىسى ۋە ساداقەتمەن سەركەردىسى بولغان سەئىد مۇھەممەت مىرزىنى ئەمىر كەبىر (باش قوماندان) ئۇۋانى بىلەن باش ۋەزىر ۋە قەشقەرنىڭ ئومۇمىي ۋالىسى قىلىپ تەيىنلىدى. نەتىجىدە يەكەن، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، ئىسسىق كۆل، يەتتە سۇ رايۇنى سەئىدخانغا تەۋە بولۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەتلەرگە ۋالىي، ئەمىر، ھاكىملارنى بەلگىلىدى.
بۇ ۋاقىتلاردا كۇچاردىن تۇرپان، باش بالىق، ئىلىغىچە بولغان جايلار سەئىدخاننىڭ ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ تەسەرۇپىدا ئىدى.
سۇلتان سەئىدخان ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش، ۋەتەن، خەلقنى ياخشى ئىنتىزام ۋە ئادىل قانۇن بىلەن باشقۇرۇش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلققە بەخت-سائادەت يارىتىش ئارزۇسىدا بولۇپ كەلدى. بىراق ئاكىسى مەنسۇرخان سەئىدە خانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي، ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسى تۇتتى. سەئىدخان بۇنىڭغا قارىتا ھەربىي كۈچ ئىشلەتمەي، تىنچ سۆھبەت سۈلھى يولى بىلەن بىرلىككە كىلىشنى لايىق كۆردى. چۈنكى سەئىدخاننىڭ دۆلەت قۇرۇشتىكى مەقسىدى ۋە سىياسىتى ھۆكۈمران بولۇش، تاج كىيىش، شەخسىي غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولماستىن، بەلكى يۇرتنىڭ تېنچلىقى، خەلقنىڭ ئەمىنلىكىنى تەمىن ئېتىش ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، ئۇرۇشۇشتىن سۈلھىنى ئەلا بىلدى.
سەئىدخاننىڭ «دۆلەت قۇرۇشتىن مەقسەت: يەر زېمىنلارنى ئىشغال قىلىپ، تاج كىيىپ، شەخسىي ئارزۇسىنى قاندۇرۇش بولماستىن، بەلكى ئەسىرلەردىن بىرى راھەت كۆرمىگەن خەلقنى راھەتكە چىقىرىش» دېگەن ئارزۇسىنى خەلققە بىلدۈرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
ئۇ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن مانا ئاشۇ ئارزۇسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. يەنى ئالدى بىلەن خەلق ئۈستىدىكى ھەر خىل باج خىراجەت، سېلىقلارنى ئون يىلغىچە كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مىرزا ئابابەكرى تەرىپىدىن بۇلاپ-تالاپ توپلانغان خەزىنىدىكى بايلىقلارنى ئەسكەرلەر بىلەن خەلققە ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. سەئىدخان ئىنتايىن تەقۋادار، ئاق كۆڭۈل ۋە خەلقپەرۋەر زات بولۇپ، خەلققە جەبىر-زۇلۇم قىلمايتتى. بىھۇدە قان تۆكۈش ئىشلىرىدىنمۇ خالىي كىشى ئىدى. ئۇ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئەنە شۇ روھتا تەربىيلىگەنلىكتىن، كېيىنكى ۋاقىتتا ئوغلى ئابدۇرەشىدخاننىڭ سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرۇپ يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى مانا بۇنىڭ ھەقىقىي دەلىلىدۇر. سۇلتان سەئىدخان ھاكىمىيەتنى مۇستەككەملەپ ئالغاندىن كېيىنمۇ ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن ھەرگىز ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدە بولمىدى. يۇشۇرۇن ئالاقە ئارقىلىق ئاكىسى تەرەپتىكى يېقىنلىرى ۋە ئىنىسى ئىمىن خۇجا سۇلتان بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ تۇردى. ئەمما ئاكىسى مەنسۇرخان سەئىدخاننىڭ ئۇچتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆز مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۇچارغا نۇرغۇن ئەسكىرى قۇۋۋەت توپلاپ، ئىنىسى ئىمىن خۇجا سۇلتاننى قوماندان قىلىپ، سەئىدخاندىن مۇداپىئە كۆرۈشنى بۇيرىدى ئ بۇ ئارلىقتا ئىمىن خۇجا سۇلتاننىڭ سەئىدخان بىلەن يۇشۇرۇن ئالاقىلىشىپ تۇرغانلىقى مەنسۇرخانغا سىزىلىپ قېلىپ، ئۇنى يۇشۇرۇن ئۇجۇقتۇرۋېتىشنى ياركەبەگ دېگەن سەركەردىسىگە بۇيرىدى. ئەمما بۇ كىشى ئاستىرىتتىن ئىمىن خۇجا سۇلتانغا يېقىن كىشى بولۇپ، بۇ سىرنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويدى ۋە ئۇنى مەخپىي ھالدا يەكەنگە قاچۇرۋەتتى. ئىمىن خۇجا سۇلتان ئۆز يېقىنلىرى بىلەن يەكەنگە كېلىپ، ئاكىسى سەئىدخاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن سەئىدخان ئىمىن خۇجا سۇلتاننى ئۆز نامىدىن ئاقسۇغا ۋالىي قىلىپ بەلگىلەپ، نۇرغۇن سوغا-سالاملار بىلەن يولغا سالدى. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن بەگلەرگىمۇ ھەددىيە، دەرىجە مەنسەبلەپ بېرىپ ئۇزاتتى. ئاكىسى مەنسۇرخانغىمۇ نۇرغۇن نۇرغۇن سوۋغا-سالاملار بىلەن ئەلچىلەر ئەۋەرتىپ تېنچ سۆھبەت يولى بىلەن بىرلىككە كېلىشكە، ئارىدىكى نىزاھ، زىددىيەتلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ ئىتتىپاقلىشىشنى تەۋسىيە قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەنسۇرخان ئۆز ئىنىسى سەئىدخان، خېلىل سۇلتان ۋە ئىمىن خۇجا سۇلتانلارغا قىلغان ئىشىدىن كۆپ پۇشايمان قىلىپ، تۇرپاندىن نۇرغۇن سوۋغا-سالاملار بىلەن خوجا تاجىدىن باشچىلىقىدا سەئىدخانغا ئەلچى ئەۋەتتى.
خوجا تاجىدىن بەگ يەكەنگە يېتىپ كېلىپ سەئىدخانغا مۇلاقەت بولدى. سەئىدخان بۇ ۋەكىللەرنى ناھايىتى ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلدى ۋە ئاكىسى مەنسۇرخانغا بولغان كۆڭۈلدىكى ئاداۋەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، نۇرغۇن سوۋغا-سالاملار بىلەن تۇرپانغا يولغا سالدى.
بىرقانچە قېتىملىق ئەلچىلەرنىڭ بېرىپ-كىلىشى بىلەن ئاكا-ئۇكىلار ئۆزئارا ئۇچرىشىش، مەسىلىنى تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا قوشۇلدى. ئۇچرىشىش ئورنى ئاقسۇنىڭ ئاۋات قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ كىلىشىمگە ئاساسەن سەئىدخان دۆلەت ئەربابلىرى ۋە نۇرغۇن ھەربىي كۈچ بىلەن يەركەنگە يولغا چىقىپ ھىجرىيىنىڭ 922-يىلى(مىلادى 1516-يىلى) 1-ئايدا ئاقسۇغا يېتىپ باردى.
مەنسۇرخانمۇ ئۆز ئادەملىرى بىلەن بايغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. لېكىن مەنسۇرخان ئۆتكەندىكى ئىشلار ئۈچۈن مەندىن ئۆز ئالارمىكىن، دېگەن گۇمان بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپتىن كاپالەت ئۈچۈن بىرقانچىدىن كىشىنى ئالماشتۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويدى. سەئىدخان بۇ شەرتنى قوبۇل كۆرۈپ مىرزا ھەيدەر دوغلات باشلىق ئۈچ كىشىنى كاپالەت ئۈچۈن مەنسۇرخان تەرەپكە ئەۋەرتتى. مەنسۇرخانمۇ ئانىسى ساھىب دۆلەت خېنىم باشلىق بىرقانچە كىشىنى سەئىدخان تەرپەكە ئەۋرتتى. كاپالەت ھەيئەتلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىگە ئوتتۇزدىن ئادەمنى ھەمراھ قىلىپ، ئۇچرىشىش ئورنىغا يېتىپ كېلىشتى.
ئۇچرىشىشتا سەئىدخان بارلىق ئاداۋەتلەرنى كۆڭلىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئاكىسى مەنسۇرخاننى ئاتا ئورنىدا ھۆرمەت قىلىپ كۈتۈۋالدى. بۇ ئۇچرىشىش بىلەن ئىككى قېرىنداش ئوتتۇرسىدا مۇكەممەل ئىتتىپاق تۇرغۇزۇلۇپ ۋەتەن تۇللۇق بىرلىككە كەلدى. نەتىجىدە، يەكەن سەئىدىيە خانلىقى كۈچلۈك بىر ھلاغا كېلىپ دۇنيدغا تونۇلدى. ئۇنىڭ شىمالىي ھۇدۇدى يەتتە سۇ ۋە توقماقلارغىچە، جەنۇبىي ھۇدۇدى تىبەت، كەشمىرلەرگىچە، شەرق ھۇدۇدى قۇمۇلغىچە، غەربىي بەدەخشانغىچە كېڭەيدى.
يەركەن سەئىدە خانلىقى سەئىدىخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە(1533-1514) ئەنە شۇنداق كەڭ زېمىنغا ئىگە نوپۇزلۇق، ئەتىۋارلىق، كۈچلۈك بىر خانلىق بولدى.
سەئىدخان دەۋرىدە دۆلەت بىرلىككە كېلىپ، خەلق ئەمىن تېپىپ، ئىگىلىك گۈللىنىپ، خەلق راھەت-پاراغەتتە ئوتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دەۋردە «قۇمۇلدىن بەدەخشانغا بارغىچە ئۇزۇق-تۈلۈك ئالماي، ئۆيدىن-ئۆيگە ئۆتۈپ مېھمان بولۇپ باراتتى.»
سەئىدخان دۆلەت چېگرىسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىگىلىكنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، بىرقانچە قېتىم لەشكەر تارتىپ، بەدەخشاندىكى باشباشتاق قەبىلىلەرنى ئىتائەتكە كەلتۈردى. ئۇ ئاخىرقى قېتىم «ئورساڭ» (ئىچكى تىببەت) نى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، لاساغا قوشۇن تارتىپ بېرىپ، شىزاڭنى بويسۇندۇرۇپ، قايتاشىدا يول ئۈستىدە تۈرەك ئېلىپ كېتىپ ۋاپات بولدى. يەنى، ھىجرىيىنىڭ 939-يىلى(مىلادى 1533-يىلى) 47 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىدى يەركەنگە ئېلىپ كېلىنىپ ئالتۇنلۇق مازارىغا دەپنە قىلىندى.
سۇلتان سەئىدخان 16 يېشىدىن 47 يېشىغىچە 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىش ۋە تىرىشىش ئارقىلىق يەركەن سەئىدىيە دۆلىتىنى قۇردى ۋە ئۇنى مەنىۋىي ۋە ماددىي ئاساسقا، ناھايىتى باي، مۇنبەت كەڭ تېرىتورىيىگە ئىگە قىلىپ دۇنيادىن ئۆتتى. ئۇنىڭ خانلىقتا ئولتۇرغان ۋاقتى 19 يىل بولدى.
سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، چوڭ ئوغلى-ئاقسۇنىڭ ۋالىيسى ياش سەركەردە ئابدۇرەشىدخان ئاتىسىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. ئابدۇرەشىدخان تەختتە ئولتۇرغاندىن كېيىن، دۆلەتنى ئەدىلە-ئادالەت بىلەن باشقۇرۇپ، ئىلىم-پەن، مائارىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنى دېموكراتىيىدە ئىنسانى ھېسسىيات بىلەن ئىدارە قىلدى.
ئابدۇرەشىدخان ئاتىسىدەك ئاقىل، زېرەك، پاراسەتلىك، غەيۇر سەركەردە ئىدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاقتىدا كۆپ ئۇرۇشلارغا قاتنىشىپ، يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تىكلىنىشى، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىدە ئۆچمەس خىزمەتلەرنى كۆرسەتتى.
ئابدۇرەشىدخان زامانىسىدا ئەل-يۇرت ئەمىنلىك تېپىپ، ئەدەب-ئەخلاق كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت بولۇپ قالدى. ئۇ پارس تىلى سۆزلىشىش، پارس يېزىقى بىلەن ئەسەر يېزىشنى تەدرىجى كېمەيتىپ، ئۇيغۇر تىلىدا سۆلەشنى، ئۇيغۇر يېزىقىدا ئەسەر يېزىشنى تەشەببۇس قىلدى. نۇرغۇنلىغان پارس كىتابلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدۇردى. تەرەققىياتپەرۋەر ئاندۇرەشىدخان بارلىق ئىدارە، دىۋانخانا(كاتىبات) ۋە باشقا مۇئەسسەلەرگە قەدەر كونا تۈزۈمدىكى خۇراپىي ئادەتلەرنى قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكە يول ئېچىپ، پارسچە كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر ئىدارە تەشكىل قىلىپ، خەلقنىڭ بىۋاستە پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئوڭايلىق يارىتىپ بەدى.
ئابدۇرەشىدخان مائارىپنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ھەرقايسى جايلاردىن مەدرىس، مەكتەبلەرنى ئاچتى. ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىم قىلدۇرۇپ، ئۇنى كەڭ تالىپلارنىڭ پايدىلىنىشىغا تەقدىم قىلدى. نەشرىيات ئورۇنلىرىنى بەرپا قىلىپ كىتابلارنى نەشىر قىلدۇردى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى، مۇئەررىخ، مۇزىكانت، سەنئەتكارلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقتى. جۈملىدىن سۇلتان سەئىدخان زامانىسىدا ھىندى بىرەھمىنى يازغان مەشھۇر ئەسەر «كەلىلە دەمىنە» ھىجرىيىنىڭ 1130-يىلى مۇھەممەت سىدىق قەشقىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى. ئۇيغۇر مۇئەررىخ شائىرلىرى نۆبىتى، زەلىلى، نازارى، خىرقىتى، غېرىبى، سوبورىلار ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە يېتىشىپ چىققان تالانتلىق ئۇيغۇر ئەدبلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە دۆلەت ئورگىنىدا ئالىي خىزمەت بىجىرىپ تۇرغان ئەربابلاردىن ۋەزىر بولغان مىرزا مۇھەممەت، مىرزا ھەيدەر كوراگان، مىرزا ھۈسىيىنلەر-ئاتاقلىق ئالىم، ئەدب، شائىر، سىياسىئونلار ئىدى. مىرزا ھەيدەر كوراگان بولسا ئىمىر تۆمۈر كوراگاننىڭ نەۋرىسى ئالىيجاناپ كىشى بولۇپ، سۇلتان سەئىدخان بىلەن دىيارى پەرغانىدىن بىللە كەلگەن. سەئىدىيە خانلىقىغا ئەڭ سادىق، ئاڭ ئىخلاسمەن بولغانلىقتىن ئۇنى ئابدۇرەشىدخان قەشقەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەيىنلىگەن.
ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە خەلق ئىچىدە تەسىرى بار كىشىلەرمۇ چەتئەلدىن شىنجاڭغا كېلىپ تۇرۇپ قالغان. ئىراقتىن قۇتبىدىن خۇجام دېگەن كىشى كېلىپ قورغان يېزىسىدا سوپى ئىشانلىق قىلىپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ھازىر بۇ كىشىنىڭ قەبرىسى كىشىلەر زىيارەت قىلىدىغان مازارلارنىڭ بىرىدۇر. يەنە شۇ ۋاقىتتا سەمەرقەنتتىن خوجا مۇھەممەت شېرىپ پىرىم دېگەن كىشى يەركەنگە كېلىپ، تەرىقەت بىلەن شۇغۇللىنىپ شۆھرەت قازانغان. ئاخىر بۇ كىشى يەركەندە ۋاپات بولۇپ، يەركەندە دەپنە قىلىنغان. خەلق بۇ كىشىنى «ھەزرىتى پىر» دەيدۇ. ئۇنىڭ مەقبەرىسىنىمۇ «ھەزرىتى پىر» مازىرى دەپ ئاتايدۇ.
مۇندىن باشقا ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە تۈرلۈك قۇرۇلۇش تەمىناتلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولغان. يەركەن شەھىرى ئىچىگە بىرقانچىلىغان چوڭ مەدرىس، جامە، مەسچىت، خانىقا، كۆل، ئېرىق-ئۆستەڭ ئەھيا قىلىنغان. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن يەركەن چوڭ جامە مەدرىسى بىلەن قىرىق گۈمبەز ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئەھيا قىلىنغان ئىلىم ئۇچاقلىرىندۇر.
يەركەن چوڭ كۆۋرۈكى مۇشۇ ۋاقىتتا ياسالغان زور قۇرۇلۇشلارنىڭ نەمۇنىلىرىدىن ئىدى. يەركەندە يەنە نۇرغۇن باغلار، راباتلار رەتلەنگەن ۋە قايتىدىن ئەھيا قىلىنغان.
چاغاتايخان دەۋرىدە سېلىنغان قەشقەر شەھرىنىڭ شەرقىدىكى بەشكېرەم خانئۆي شەھرىگە كېلىدىغان سۇ بېشىغا تاغ كۆمتۈرۈلۈپ چۈشۈپ، ئۆستەڭ كۆمۈلۈپ قالغانلىقتىن، بۇ جاي ئېغىر قۇرغاقچىلىققا ئۇچراپ، ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت شۇ ھالەتتە تۇرغان ئىدى. مىرزا ھەيدەر كوراگان ھىجرىيە 940-يىلى قايتىدىن ئۆستەڭ چاپتۇرۇپ، سۇنى راۋان قىلىپ، بۇ جايدىكى قۇرغاقچىلىققا خاتىمە بەرگەن.
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان 27 يىل تەختتە ئولتۇرۇپ مىلادى 1560-يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىدى يەركەن ئالتۇنلۇق مازارىغا دەپنە قىلىندى.
ئابدۇدەشىدخان ئاتاقلىق ئالىم، مەرىپەت باغۋىنى، شائىر-ئەدىب بولغىنى ئۈچۈن، مائارىپنى تۇتۇش ئارقىلىق، جەمئىيەتنى ئىلىم-ئىرپان كانىغا ئايلاندۇرۇش، خەلقنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن داڭلىق پادىشاھتۇر.
ئۇ پادىشاھ بولغان مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا 2263 ئورۇندا مەدرىس، 1533 ئورۇندا مەكتەپ قۇرۇلغان. چوڭ شەھەر ۋە ناھىيە بازارلىرىدا خانلىق مەدرىس ۋە ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان مەدرىسلەر تەسىس قىلىنغان. يېزا، مەھەللىلەردە مەھەلىۋى مەدرىسلەر تەسىس قىلىنغان. بۇ مەدرىس، مەكتەپلەرنىڭ راسخوتلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن يەر، تۈگمەن، سوقا-ساراي، دۇكانلار ۋەخپە قىلىنىپ، شۇنىڭ كىرىمى ئارقىلىق مەدرىس، مەكتەپلەرنىڭ خىراجەتلىرى دۆلەت خەزىنىسىدىن بېرىلگەن. شۇڭلاشقا سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە قەشەر، يەركەندىكى مەدسىرلەرنى، يەنە مەسىلەن، يەركەندىكى «رەشىدىيە مەدرىسى»، «يېشىل مەدرىس»، «جامە مەدرىسى»، قەشقەردىكى «خانلىق مەدرىس»، «ساقىيە مەدرىسى» قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ نامى شىنجاڭدا مەشھۇر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىمۇ شۆرەت قازانغان. چەتئەلدىن نۇرغۇن تالىپلار كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىپ قايتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دەۋردە، سەئىدىيە دۆلىتى تېرىتورىيىلىرىدە قەشقەر ئىلىم-پەن مەركىزى بولۇپ، «سانى بۇخارا» (2 -بۇخارا) دەپ نام قازانغان. ئەمدىيلىكتە شىنجاڭ خەلقى ئىلىم ئىزلەپ يىراق يوللارنى بېسىپ ئىستامبۇل، قازان، بۇخارا، باغداد، دېھلى، تېھران، كابۇل قاتارلىق جايلارغا بارمىسىمۇ، قەشقەردە ئىلىم ئېلىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇشنىڭ شەرت-شارائىتلىرى ھازىر بولغاچقا، نۇرغۇن ئالىم، قازىلار يېتىشىپ چىقتى.
سەئىدىيە دۆلىتى سىياسى بىلەن دىننى بىر-بىرىدىن ئايرىپ قاراپ، ئىجتىمائىي ھاكىمىيەتچىلىك سەلتەنەتلىرىنى قولدىن بەرمەي كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خانلىق دەۋردە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت مائارىپ ئورونلىرى بىلەن دىننىي پائالىيەت ئورۇنلىرى تەشكىلى قۇرۇلما، ئورۇن، تۈزۈم جەھەتلەردىن بىر-بىرىگە بېقىنماي، ئارىلاشماي، ھەرقايسىلىرى ئۆز مۇددىئا مۇراد-مەقسەتلىرى بويىچە مۇستەققىل مۇئەسسەلەر سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. سەئىدىيە دۆلىتىگە تەۋە ھەر بەش كەنتتە تۆتتىن مەكتەپ ياكى مەدرىس، ھەر ئىككى كەنتتە بىردىن خانىقا ياكى مەسچىت بولغانلىقىدەك بۇ سېلىشتۇرما قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ئەلۋەتتە.
سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەلنىڭ ئىتتىپاقى، رەئىيەتنىڭ ماقۇللىشى بىلەن، ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇكېرىمخاننى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەختىگە ۋاىس قىلىپ، پادىشاھلىققا كۆتۈردى. ئابدۇكېرىمخانمۇ ئەلنى ئەدىلە-ئادالەت بىلەن سورىدى.
ئابدۇكېرىمىئان 33 يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، ھىجرىيىنىڭ 1000-يىلى دۇنيادىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىدى ئالتۇنلۇق مازارىغا دەپنە قىلىندى ۋە ئۇنىڭ ئاقسۇدىكى ئوغلى مۇھەممەتخان ئاتىسىنىڭ ئورنىغا خانلىققا ئولتۇردى.
مۇھەممەتخان سوپى زاھىد كىشى بولۇپ، سىياسەتتىن ئانچە خەۋىرى يوق ئىدى. دۆلەتتە چوڭ خىزمەت كۆرسىتەلمىدى. مۇشۇنداق ئەھۋال بىلەن يەركەن سەئىدىيە خانلىقىدا 18 يىل ھۆكۈم سۈرۈپ ھىجرىيىنىڭ 1018-يىلى يەركەندە ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىدىمۇ ئالتۇنلۇم مازارىغا دەپنە قىلىندى.
مۇھەممەتخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى ئەھمەدخان خانلىققا ئولتۇردى. بۇ ساددا، دەرۋىش مىجەز، سىياسىي بىلەن كارى يوق كىشى بولغاچقا، ئوردا خىزمەتچىلىرىنىڭ خائىنلىقىدىن ۋاقىپ بولالماي، ئۆز ئوردىسىدا مۇناپىق خىزمەتچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ھىجرىيە 1024-يىلى بولدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مۇھەممەتخاننىڭ يەنە بىر ئوغلى سۇلتان ئابدۇلىتىپخان خانلىق تەختتە ئولتۇردى. سۇلتان ئابدۇلىتىپخان زىيادە مەرد، خەلقپەرۋەر، ئىلىمپەرۋەر كىشى ئىدى. ئىلىم-پەن، مائارىپ، دىننىڭ راۋاجى ئۈچۈن زور خىزمەتلەر كۆرسەتتى. مۇھىم شەھەرلەردە نۇرغۇن مەدرىس، جامەلەرنى تەمىر قىلدۇردى.
قەشقەر شەھرى چاھارسۇ(چاسا)دىكى ئالىي بىلىم يۇرتى «خانلىق مەدرىس»نى تەمىر قىلدى. بۇ مەدرىسنىڭ خىراجىتىنى خەزىنىدىن بىرىپ، ئىلىم-پەننى راۋاجلاندۇردى. خانلىق مەدرىستە ئۆلىمالارنى تەربىيلەتتى. كىشىلەر ئىمتاھان بېرىپ ئاندىن دىننىي مەنسەپكە ئولتۇراتتى. مەسىلەن، قازى، ئەلەم، موفتى، مۇدەررىس، ئىمام-خاتىپ، مۇئەززۇن قاتارلىق دىننىي ۋەزىپىلەرگە مەزكۇر خانلىق مەدرىسى پۈتۈرگەنلەر تەيىن قىلىناتتى.
چۈنكى، مەھكىمە شەرئى ئەنە شۇ خانلىق مەدرىستە بولۇپ، دارىلقازا ئورنى بولغانلىقتىن، «مەدرىسەئى قازىيان» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىدى. لېكىن، كېيىنكى يىللاردا خانلىق مەدرىسىنىڭ ئالدىدا قازانچىلار قازان ساتىدىغان بازار ئاچقانلىقتىن ئاۋام خەلق بۇ خانلىق مەدرىسنى قازان مەدرىسى دەپ ئاتايدىغان بولدى. ئابدۇلىتىپخان يەركەن، قەشقەردە بىلىم يۇرتىنى تەسىس قىلىش بىلەن بىرگە، يېڭىسار، قاغىلىق قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ كاتتا مەدرىس، جامەلەرنى ياسايتتى. ئابدۇلىتىپخان ھاكىمىيەتنى ئەدىلە-ئادالەت بىلەن باشقۇردى، ئىلىم-پەننى راۋاجلاندۇردى، خەلقنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتى. لېكىن ئۇنىڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بىرقىسىم كىشىلەر-قارا نىيەتلىك ئاداملەر بولغانلىقتىن، بۇلارنىڭ كۈچكۈرتىشى بىلەن بىرقىسىم تاغلىق بىلىمسىز نادانلار ئابدۇلىتىپخانغا سۈيىقەست قىلدى. نەتىجىدە 12 يىل ھۆكۈم سۈرۈپ، ھىقرىيىنىڭ 1037-يىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ جەسىدى ئالتۇنلۇق مازارىغا دەپنە قىلىندى.
ئابدۇلىتىپخان ۋاپاتىدىن كېيىن ئالتە شەھەردە، ئىچكى پەرىشانلىقلار يۈز بەردى. شاھزادە، بەگلەر مەنسەپ، سەلتەنەت تالىشىپ، ئۆز-ئارا ئۆچمەنلىشىپ، خەلققە خاتىرجەمسىزلىك، ئەلگە ئاوەت كەلتۈردى. بۇ ۋاقىتتا ئالتە شەھەردە ئىككى ئېغىر قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، كىسەللىك، ئۆلۈم-يېتىم كۆپ بولدى. خەلق جان بېقىش ئۈچۈن مۇساپىر بولۇپ، ھەرقايسى جايلارغا باش ئېلىپ كەتتى. خۇنرىزلىق(قاتىللىق)، قان تۆكۈش كۆپەيدى. ئوغۇرلىق، قاراقچىلىق ئەۋج ئالدى. كۈچلۈكلەر كۈچسىزلەرنى قاقشاتتى. ھەر خىل رەڭدىكى يات ئادەملەرمۇ پەيدا بولدى. خەلق ناھايىتى قورقۇنۇچتا قالدى.
بۇ پەرىشانلىق، پالاكەت ۋە باشباشتاقلىقنى تۈگىتىپ، ئەلنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تۇرپان، كورلا، بۈگۈر، قارا شەھەر، قۇمۇللارنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ئەمىر ئابدۇللاخان ئالتە شەھەرگە قوشۇن باشلاپ كېلىپ، يۇرتنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى.
ئابدۇللاخان ھىجرىيە 1048-يىلى(مىلادى 1638-يىلى) يەركەندە سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. ئۇ ۋاقىتتىكى سەئىدىيە دۆلىتىگە تەۋە ئۆلكىلەر ئالتە شەھەر، تۇرپان، بەشبالىق، ئىلى قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ ئۆلكىلەردە ئابدۇللاخانغا قارشى ھېچقانداق كۈچ قالمىدى. شىنجاڭنىڭ ھەربى مۈلۈكى، سىياسىي، مالىيە، مائارىپ ۋە ئىدارە ئىشلىرى بىر مەركەزگە باغلانغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەت ناھايىتى كۈچەيدى. يۇرتنىڭ تېنچلىقى ناھايىتى ياخشى تەمىن ئېتىلدى. ھەربىي كۈچ زورايدى.
ئابدۇللاخان شىمال ۋە غەربدىكى كىچىك خانلىقلارنى ئۆزىگە تەۋە قىلماق ئۈچۈن، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەردە زور ئەسكىرىي كۈچ توپلاپ تەييارلىق قىلدى. ئابدۇللاخاننىڭ بۇ ھەركىتىنى قوقانت ۋە تاشكەنت خانلىرى ئاڭلاپ، ئابدۇللاخانغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ھەر يىلى مۇقىم مىقتاردا خىراجنى يەركەنگە ئەۋەرتىپ بېرىش، جۈمە نامىزىدا ئوقۇلىدىغان خۇتبىدە ئابدۇللاخاننىڭ ئىسمىنى ئاتاشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتى. شۇنداق قىلىپ غەربىي تۈرك ئىلىنىڭ چوڭ بىر قىسمى يەركەن خانلىقىغا تەۋە بولدى.
ئىلگىرىكى ئۇزاق داۋام قىلغان قالايمىقان ئۇرۇشلاردا ۋەران بولغان شەھەرلەر، يوللار، مەدرىس، مەسچىتلەرنى، كارۋان يوللىرىدىكى رابات، قۇدۇقلارنى ئابدۇللاخان يېڭىدىن ياساتتى. بۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر، يەركەن، قاغىلىق، خوتەن شەھەرلىرىدە بىردەك چوڭ مەدرىس، جامە بىنا قىلدۇردى. بۇ مەدرىس، جامەلەرگە پۈتۈن كەنتلەر ۋەخپە قىلىندى. بۇ مەدرىسلەر ھازىرغىچە خانلىق مەدرىس دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
قاغىلىق بازىرىدىكى چوڭ جەمە سېلىشتىن ئىلگىرى بۇ جايدا بىر كىچىك مەسچىت بولۇپ ئۇنىڭ يېنىدا ھازىرقى مازارخوجام قەبرىستانلىقى بار ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ كىچىك مەسچىت 11-ئەسىر، يەنى قاراخانىيلار دەۋرىدە ياسالغان ئىكەن. ھازىرقى چوڭ جامە ئابدۇللاخان دەۋرىدە ئەنە شۇ كىچىك مەسچىتنى ئاساس قىلىپ، مازارخوجام قەبرىستانلىقىدىكى جەسەتلەرنى ھازىرقى قەبرىستانلىققا يۆتكەپ كېڭەيتىپ بىنا قىلغان ئىكەن. بۇ كونا قەبرىستانلىقتىكى جەسەتلەرنى يۆتكىگەندە، بىر گگردىن بىر ئالتۇن بۇت چىققان ئىكەن. بۇ ئالتۇننىڭ بىر قىسمىنى جامە مەدرىسىگە سەرىپ قىلىپ، قالغان قىسمىنى پۇلغا ئايلاندۇرۇپ، نۇرغۇن يەر، سۇ سېتىۋېلىپ جامە مەدرىسىگە ۋەخپە قىلىپ بەرگەن. ھازىر قاغىلىقتىكى بۇ جامە مەدرىس يېڭىدىن ئالاھىدە كۆركەم ياسىلىپ، قاغىلىقنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشتى. ئابدۇللاخان خوتەننىڭ چېرىيە بىلەن كېرىيە شەھەرلىرىدە تۆت چوڭ ئۆستەڭ ئەھيا قىلدۇردى ھەمدە سۇنى نۆۋەت بىلەن تۇتۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. سۇنى نۆۋەت بىلەن تۇتۇش ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
ھىجرىيىنىڭ 1075-يىلى(مىلادى 1665-يىلى) نىيە، چەرچەن تاغلىرىدا ياشىغۇچى غەيرىي مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار (سېرىق ئۇيغۇرلار) يەركەن خانلىقىغا بولغا ئىتائەتتىن باش تارتتى، كېرىيە شەھرىگە ھۇجۇم قىلدى، بۇلاڭچىلىق قىلىپ خەلقنى قىردى. بۇ خىل بۇلاڭ-تاراچ يۇرتنى ئېغىر ۋەيران قىلدى. ئابدۇللاخان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، يەركەندىن قوشۇن تارتىپ كېرىيىگە يۈرۈش قىلىپ سېرىق ئۇيغۇرلارنى مەغلۇب قىلدى.
ئابدۇللاخان دەۋرىدە قالماقلار ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۈچىيىپ، قازاقلارنى مەغلۇب قىلدى. 1659-يىلى بەشبالىق ۋە غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ جايلارنى بېسىۋالدى. ئابدۇللاخان بىلەن قالماقلار ئوتتۇرسىدا ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇشلار بولدى. ئاخىردا بۇ جايلار قولدىن كېتىش بىلەن بىللە، قۇمۇل، تۇرپانلارمۇ قولدىن كەتتى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ناھايىتى ئەلۋەك بىر قىسمى يەركەن سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ ئىلكىدىن قالماقلار ئىلكىگە ئۆتتى. يەركەن خانلىقىنىڭ زېمىنى ئالتە شەھەر بىلەن چەكلىنىپ قالدى.
يەركەن خانلىقى قالماقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەسكىرى كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى. يەنى بۇ دەۋردە غەربىي تۈرك ئىلى ئۇششاق خانلىقلار دائىم بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ۋە بىر-بىرىنىڭ يۇرتلىرىنى خانىۋەيران قىلىپ، خەلققە ئېغىر بالايى ئاپەت كەلتۈردى. بۇ خىل تېنچسىزلىق سەۋەبىدىن غەربىي تۈركىستان خەلقى ئېقىن سۇدەك شىنجاڭغا ھىجرەت قىلىشتى. ئابدۇللاخان بۇ مۇھاجىرلارغا مېھرى-شەپقەت قىلىپ، يەر، سۇ بەردى. بۇ مۇھاجىرلار ئارىسىدا (سەئىد)لىق دەۋاسى بىلەن ئۆزىنى كۆككە كەلتۈرگەن خوجىلارمۇ بار ئىدى. مەن «تەرىقەت مۇرشىدى» ۋە ياكى «سەئىددۇرمەن» دەيدىغان كىشىلەرمۇ كۆپەيدى. بۇلار يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنى چېرىتكۈچى كۈچ ئىدى. لېكىن، ئابدۇللاخان بۇ خوجىلارنى ھەددىدىن تاشقىرى ئىززەتلەپ، ئۇلارنىڭ تەلەپ-ئارزۇلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى. تامام دۆلەت ئەربەبلىرى ئۇلارغا مۇرت بولدى. ئاۋام خەلقى بۇ خوجىلارنى ناھايىتى ئۈستۈن مەرتىۋىلىك زات دەپ ئەقىدە قىلىشتى. بۇ ئەھۋال بىلەن خوجىلارنىڭ نوپۇزى باشقا ھەممە نوپۇزنى بېسىپ چۈشتى. ئابدۇللاخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ مۇنقەرز بولۇشى، خەلقنىڭ ھىجرىيە تارىخىدا كۆرۈلمىگەن پالاكەتلەرگە دۇچار بولىشىغا بۇ خوجىلارنىڭ سۈيىقەستى ۋە تۇز كورلۇقى سەۋەب بولدى.
ئابدۇللاخان يولۋاسخان ئاتلىق بىر ئوغلىنى قەشقەرگە ۋالىي قىلغان. يولۋاسخان بەك زالىم، مۇستەبىت بىر شەخس بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئابدۇللاخان ئوغلى يولۋاسخاننى ۋالىيلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىشنى مەخپىي قارار قىلغان ئىدى. يولۋاسخان دادىسىنىڭ بۇ قارارىدىن ۋاقىپلىنىپ ئىسيان كۆتۈردى. ئابدۇللاخان ئۇنىڭغا ئەدەب بەرمەك ئۈچۈن، قەشقەرگە ئەسكەر ئەۋەتكەن ئىدى. بىراق ئابدۇللاخاننىڭ ئەسكەرلىرى مەغلۇب بولۇپ، يەركەنگە چېكىنىپ كەلدى. ئىككىنچى قېتىن ئابدۇللاخان ئاتا بالا ئارىسىدا ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇش بولۇپ، ئابدۇللاخان ئەسكەرلىرى تالاپەتكە ئۇچراپ چېكىندى
(مىلادى 1667-يىلى).
ئابدۇللاخان ئۆز ئوغلىدىن يەتكەن بۇنداق تالاپەتنى كۆتۈرەلمەي، يۇرتتىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى ۋە كىچىك ئوغلى ئابدۇلمۆمىنخاننى ئۆز ئورنىدا خانلىقا ئولتۇرغۇزدى. بىرمۇنچە خاس ئادەملىرى بىلەن ھىندىستانغا چىقىپ كەتتى. يولۋاسخان ئىنىسى ئابدۇلمۆمىنخاننى مەغلۇب قىلىپ ئۆزى خان بولدى. ئۇ ئىككى يىل خانلىق قىلىپ، خەلققە ئىنتايىن ئېغىر زۇلۇم سالغانلىقتىن، خەلق قوزغىلىپ ئۇنى ئۆلتۈردى
(1670-يىلى).
«تارىخى رەشىدىيەنىڭ زەيلى»سىدىكى باياندا، «يولۋاسخان شۇنداق زالىم ئىدىكى، ئۇنىڭ ئالدىدا ھەججاج زالىم خىجىل ئىدى» دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.
يولۋاسخان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، رەئىيەتنىڭ كېڭىشىگە ئاساسەن ئىسمائىلخان سەئىدىيە دۆلىتىنىڭ خانى بولۇپ تىكلەندى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ مۇنقەرز بولۇشى


ھىدايىتۇللا خوجا نۇرغۇن مۇرت توپلاپ، قەشقەر، يەركەنلەردە يۇقىرى ئابروي قازانغاندىن كېيىن، ئىسمائىلخاننىڭ ئورنىغا خان بولۇش مەقسىتىدە بولىدۇ. «ھىدايىتۇللا ئەۋلادى پەيغەمبەر، يۇرتنى ئۇ سوراش كېرەك...» دېگەن سۆزلەرنى مۇرتلىرى تارقاتقاندا، ھىدايىتۇللا ئىشان بۇنىڭغا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھەم «ۋاقتى كېلىپ نېسىپ بولسا يۇرتنى بىز سورايمىز» دەپ مۇرتلىرىنى ئىسمائىلخاننى ئاغدۇرۇشقا كۈشكۈرتىدۇ.
ئىسمائىلخان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ئالىي يىغىن چاقىرىدۇ. ئۇ ھىدايىتۇللا ئىشان توغرىسىدا ئاڭلىغانلىرىنى جەزىملەشتۈرۈپ، تۆۋەندىكى قارارغا كېلىدۇ. يەنى ھىدايىتۇللا ئىشانغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇنداق قىلغاندا پاسات تۇغۇلىدۇ. بۇنى تەبىر بىلەن يۇرتتىن كەتكۈزۈۋېتىش كېرەك. ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئىشلار جايىدا كېلىدۇ، دەپ مەسلىھەتلىشىدۇ. نەتىجىدە مەسلىھەت بويىچە ئاپئاق خوجىغا تۇيدۇرماي، ئۇنى قەشقەردىن يەركەندىكى خانلىق ئوردىغا تەكلىپ قىلىپ، نامە ئەۋەرتىدۇ. ھىدايىتۇللا ئىشان تەكلىپنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ھايال بولماي يەركەنگە كېلىدۇ.
ئىسمائىلخان ئاپئاق خوجا شەرىپى ئۈچۈن كاتتا زىياپەت بېرىپ، ياخشى ئات، تونلارنى تەقدىم قىلىدۇ. زور مىقتاردا پۇل بېرىدۇ. ئارقىدىن چوڭ بوۋىلىرى بولغان سەئىد جېلىل كاشىغەرىنىڭ مازارىنى ياسىماقچىمىز، ئۈستىدە تۇرۇپ بېرىشلىرىنى سورايمىز، چۈنكى بۇ ئىش بىز قەشقەر خەلقى ھەمدە خانلىق مەھكىمە ئۈچۈن شەرەب كەلتۈرىدىغان خىزمەتتۇر، دېگەن بۇ سۆزنى قىلغاندا ھىدايىتۇللا ئىشان يەركەندىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، قۇمۇل سەپىرىنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، ئۆز ئورنىغا موللا تەقى دېگەن مەشھۇر، ئىناۋەتلىك كىشىنى قويۇپ، بارلىق مۇرت-مۇخلىسلىسلىرىنى ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنى ئەمىر قىلىپ، قەشقەردىن قۇمۇلغا قاراپ يول ئالىدۇ. خۇجا ھىدايىتتۇلا ئىشان قەدلىنىڭ كۇچارغا يەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر كېلىشى بىلەنلا ئىسمائىلخان بارلىق خەلقتىن بادىشاھلىققا كىرىم قىلىش سېلىقى ئېلىشنى يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، سوپى ئىشانلاردىنمۇ سېلىق ئېلىشقا پەرمان چۈشۈردى. سېلىق تۆلەشكە قارشىلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالىدى. بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكەن موللا فەقى تېزلىك بىلەن قەشقەردىن قېچىپ چىقىپ ھىدايىتۇللا ئىشاننى قارا شەھەردە قوغلاپ يەتتى ۋە ئەھۋالنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى.
بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان غەم دېڭىزىغا غەرق بولۇپ، كۆپ ئويلاپ ئاخىر ئىسمائىلخانغا قارشى تۇرۇپ ھاكىمىيەتنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قەشقەرگە دەرھال قايتتى. ئۇ يۇرت مۇخلىسلىرى بىلەن قانداق قىلىش توغرىلىق مەسلىھەت قىلىشتى. ئۇ مەسلىھەت بويىچە ئىسمائىلخاندىن ئۆز ئېلىش ۋە ئۇنى دۇنيادىن يوق قىلىپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن تۇۈلۈك ھىيلە-مىكىر سۈيىقەستلىك ھەرىكەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئىسمائىلخان ئەمدى ئىلگىرىكىدەك تەدبىر قوللىنىشقا بولمايدۇ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىش كېرەك دېگەن قارارغا كېلىدۇ. بۇ ئەۋلىيا ماشايىقلاردىن بىزار بولۇپ، ھىجىرىيىنىڭ 1082-يىلى (مىلادى 1672.9 -يىل) بىر ھۆكۈم بىلەن ھىدايىتۇللا ئىشاننى چېگرىدىن قوغلاپ چىقاردى. يەنى 500 دىن ئارتۇق ئەسكەر ھىدايىتۇللا ئىساننى تابەلىرى بىلەن كانجۇتتىن ئۆتكۈزۈپ قايتىپ كەلدى، خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، سەمەرقەند، خۇراسان، پەرغانە، ۋاخان، شۇغمان، بۇخارا قاتارلىق جايلاردىن ئۆزىگە باش پاناھ ۋە تەرەپتار بولغۇدەك يار-يۆلەكچى تاپالماي 5 يىل ئايلىنىپ يۈرۈپ، كەشمىرگە كېلىدۇ. كەشمىردە پادىشاھ مۇھەممەت راجاغا مۇلاقات بولۇپ، يىغلاپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ سەزگۈزەشتىلىرىنى ئېيتىدۇ. بۇنى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان شاھ مۇھەممەت راجا ھىدايىتۇللا ئىشانغا ئىچ ئاغرىتىپ مەسلىھەت كۆرسەتمەكچى بولۇپ مۇنداق دەيدۇ : «بۇ كۈنلەردە موڭغۇلىستاندا (شىنجاڭدا) ئۇرۇشۇپ سۇلتان سۇلتان ئىسمائىلخاندىن سىزنىڭ ئىنتىقامىڭىزنى ئېلىپ بەرگۈچى بىر ئالىي ھىممەت يوق. لېكىن مېنىڭ بىر مەسلىھەتىم بار، قوبۇل كۆرسىڭىز، سىزنىڭ مۇراد-مەقسىدىڭىز شۇندا ھەل بولىدۇ. ئەمما بۇ ناھايىتى مۈشكۈل ئىش. يەنە كېلىپ سىزگە ياردەم بېرىدىغانلار بۇددا، بىراخمان دىنىدىن بولغان كۇپار، ئىسلام دىنى بىلەن ھەرگىز كېلىشەلمەيدۇ. ئەگرچە ئۇنى قولغا كەلتۈرەلىسىڭىز، سىزگە ئەسكەر كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدۇ. بۇ كۈچ شىنجاڭنىڭ شىمالىنى ئىگىلەپ ياتقان جۇڭغار خانلىقىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىراھمانلارنىڭ لاسادىكى پېشىۋاسى دالاي لامانىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن ياردەم ئېلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. سىز ئوبدان ئويلىنىپ بىر يەرگە كېلىڭ.» خوجا ھىدايىتۇللا ئۈچ كۈن قاتتىق ئويلانغاندىن كېيىن، بۇ مەسلىھەتكە تولۇق قوشۇلغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئىزھار قىلىپ، يوليورۇق كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
كەشمىر شاھى مۇھەممەت راجا سۆز ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ : «كەشمىر بىلەن تىبەتنىڭ ئارىلىقى يېقىن، تىبەتنىڭ پايتەختى لاساغا كىرەلىسىڭىز مەقسىتىڭىزنى ھاسىل قىلىدىغان كىشى شۇ جايدا. سىزنى بۇ تۇرقىڭىز بىلەن بىراھمانلار قارشى ئالمايدۇ. لاساغا بارغانبدىن كېيىن بىراھمانچە ياسىنىڭ. لاسا شەھرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كاتتا بىر قوڭغۇراق بار، سىز بېرىپ قوغۇراقنى ئۇرسىڭىز دەرھال بىر بىراھمان چىقىپ قولىڭىزدىن تۇتۇپ لاماسون ئاتلىق بىر بۇدخانىغا باشلاپ كىرىدۇ. ھېلىقى بىراھمان نېمە قىلسا شۇنى قىلىسىز، قانداق ئىشقا بۇيرىسا شەرتسىز ئورۇندايسىز. شۇ يول بىلەن سىز ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ سىناقتىن ئۆتسىڭىز مەقسىتىڭىز ھەل» دەپ يوليورۇق بېرىدۇ.
خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان، شاھ مۇھەممەت راجانىڭ ككرسەتكەن يوليورۇقى بويىچە 21 كۈندە لاساغا يېتىپ بارىدۇ. شاھ مۇھەممەت راجانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كاتتا قوڭغۇراقنى ئۇرۇش بىلەن بۇتخانىدىن بىراھمان چىقىپ، ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ لاماسون دېگەن بۇتخانىگە ئېلىپ كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خوجا ھىدايىتۇللا لاماسون بۇتخانىسىدا 90 كۈن تۇرىدۇ. بىراھمانلار نېمە قىلسا شۇنى قىلىدۇ، نېمە ئىشقا بۇيرىسا شەرتسىز بىجا كەلتۈرىدۇ. توپتوغرا 90 كۈن بولغاندا تىبەتلەرنىڭ بىر دىنى بايرىمى بولۇپ، دالاي لاما بۇ يەرگە كېلىدۇ. بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي لاماسون بۇتخانىسىدىكى ھېلىقى راھىب خوجا ھىدايىتۇللانى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرىدۇ. ئۇ بىراھماندىن بۇ خوجىنىڭ ئەھۋالىنى سورايدۇ. بىراھمان جاۋاب بېرىپ : «بىزنىڭ لاماسونغا بىر يېڭى بىراھمان كېلىپ قالدى. ئۇ بۇرھان ئالدىدا ناھايىتى چىڭ ئېتىقاد بىلەن ئىبادەت قىلدى. ھەر كۈنى بەش ۋاخ ئەزالىرىنى يۇيۇپ تازىم بىلەن بۇتىانىغا باش قويىدۇ» دەپ ئۇنىڭ تەرىپى ۋە تەۋسىپلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن خوجىنى ئۇ قوبۇل قىلىپ ۋە نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى سورايدۇ. خوجا ھىدايىتۇللا يىغلاپ تۇرۇپ شۇنداق دەيدۇ : «مەن بولسام يەركەن، قەشقەر بەلكى ئالتە شەھەرنىڭ خوجىسىدۇرمەن، سۇلتان ئىسمائىلخان مېنى يۇرتۇمدىن ھەيدەپ چىقىرىپ شەھەرنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالدى. ماڭا دەشنام، ھاقارەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرھانغا ئەرز قىلغىلى كەلدىم» دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغان لاما خوجىغا ئىچ ئاغرىتىپ «ئى خوجا، سىز خاپا بولماڭ، بىزنىڭ بۇ يەردىن ئەسكەر ئەۋەرتىشىمىزگە بىسيار مۈشكۈلدۇر، چۈنكى يول يىراق ھەم خەتەرلىك، بىز سىزگە جۇڭغارىيەدىكى باتۇر قۇنتەيجىدىن ياردەم ئېلىپ بېرىشىمىز مۈمكىن. بىز ئۇنىڭغا نامە يازايلى، سىز بىزنىڭ نامىمىزنى ئېلىپ باتۇر قۇنتەيجىگە تاپشۇرسىڭىز ئۇ سىزگە ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ياردەم قىلىپ يۇرتىڭىزنى قولىڭىزغا ئېلىپ بېرىدۇ» دەپ تەسەللى بېرىدۇ ۋە دەرھال ئۆز نامىدىن باتۇر قۇنتەيجىگە بىر پارچە نامە يېزىپ بېرىدۇ. خوجا ھىدايىتۇللاغا بىر موڭغۇلنى ھەمراھ قىلىپ ئىلىغا يولغا سالىدۇ. نامەنىڭ مەزمۇنى مۇنداق : «جۇڭغارىيەنى باشقۇرغۇچى باتۇر قۇنتەيجىگە يېتىپ مەلۇم بولسۇنكى بۇ خوجا بولسا، بىزنىڭ لاماسوندا ئۈچ ئاي يېتىپ، بۇتخانا نەزەرىدىن ئۆتتى. سىز بىلەن كۆرۈشمەكچى. بۇ كىشى بولسا ئۇلۇغ كىشىمىش، ئالتە شەھەرنىڭ ئىشانىمىش. بۇ كىشىنىڭ شەھىرىنى ئىسمائىلخان سىرياپ ئېلىپ ۋەتىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىپتۇ، كېرەككى سىز ئەسكەر ماڭدۇرۇپ بۇ كىشىنىڭ يۇرتىنى قولغا ئېلىپ بەرگەيسىز. نامە تامام» خوجا ھىدايىتۇللا نامەنى كۆتۈرۈپ بىر موڭغۇلنىڭ يول باشلىشى بىلەن 91 كۈن دېگەندە ئىلىغا كېلىپ باتۇر قۇنتەيجىگە مۇلاقەت بولىدۇ ۋە لامانىڭ بەرگەن خېتىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ بېرىدۇ.

موللا مۇھەممەت سادىق قەشقەرى بۇ جەھەتتە مۇنداق بىر شېئىر يازغان:

كۆرۈڭ ئەۋلادى پەيغەمبەر يېتىپ بۇتخانىدا ئۈچ ئاي،
مۇسۇلمان قەتلىچۈن قاتراپ يۈگۈردى زادىلا تىنماي.
خۇدا رەھمىتى مەۋىج ئۇردى بىچارە ئالتە شەھەر خەلقىگە،
بۇ قالماقلار قولى بىلەن كېسىدى باشنى كەمبەغەلنى باي.
كوچىلاردا خار-زار بولدى گۆدەك قىز-ئوغۇل ياشلار،
بۇلارنىڭ گەۋدىسى ئاتلار ئاياغىدا ئامان تاپماي،
تەرەھىم ئەيكەگىل ئاللامۇ مۇنىڭدەك خارۇ-زارلەرگە.
يېتىپ كەتكەن ئۆلۈكلەرگە كۆمۈشكە بىر ئىلاج تاپماي.

رىۋايەت قىلىندۇكى، شۇ كۈنلەردە ئىلىنى مەركەز قىلغان جۇڭغار قالماقلىرى تازا كۈچىيىپ بېيجىڭنى بېسىۋالىمىز دەپ قۇتراپ تۇرغان ۋاقىت ئىدى. جۈملىدىن ئالتە شەھەرنى بېسىۋېلىشقا باھانە تاپالماي تامىقىنى چېكىپ تۇراتتى. جاناب ھىدايىتۇللا قۇتىپ زامان ماشايىخ ئەۋلىياھى ھەزرەت لامانىڭ نامىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ باتۇر قۇنتەيجى بىلەن كۆرۈشتى.
باتۇر قۇنتەيجى ناھايىتى خۇرسەنلىك بىلەن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دەرھال ئوغلى غالدان سېرىلنى قوماندان قىلىپ 12 مىڭ ئاتلىق قالماق ئەسكىرى بىلەن ئالتە شەھەرگە يولغا سالىدۇ. بۇ قوشۇن 1678-يىل ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر بۆلىكى ئۇچتۇرپان، كەلپىن، مارالبېشى، كالتە يايلاقتىن ئۆتتى. ئاتۇشقا چۈشۈپ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلدى. يەنە بىر بۆلىكى ئاقسۇدىن ئۇدۇل غوروچۆل، مەكىتنى كېسىپ ئۆتۈپ يەركەنگە ھوجۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ئوتتۇرىدا ناھايىتى قانلىق ئۇرۇش باشلاندى. قەشقەردە بوباق سۇلتان، يەركەندە ئىسمائىلخان، خۇجا ھىدايىتۇللا باشلاپ كەلگەن قالماق ئەسكەرلىرىگە قارشى شىددەتلىك ئۇرۇشلارنى قىلىپ ئۇلارنى كەينىگە چېكىندۈرىدۇ. قالماقلار ئىسمائىلخان بىلەن بوباق سۇلتان ئەسكەرلىرىگە تەڭ كېلەلمەي مارالبېشىنىڭ پىچاق سۇندى دېگەن يېرىگە چېكىندى. دەل مۇشۇ پەيتتە خوجا ھىدايىتۇللا قەشقەر، يەركەندىكى سوپى ئىشانلارغا مەخپىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، قالماق ئەسكەرلىرىگە ماسلىشىپ ئىسمائىلخانغا قارشى تۇرۇشنى بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىلىمسىز نادان، جاھىل سوپى ئىشانلار ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەي، قالماقلارغا ماسلىشىپ، ئىسمائىلخان ئەسكەرلىرىگە قارشى تۇردى. شەھەر ئىچىدە ئالا-توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىسمائىلخان ئەسكەرلىرىنىڭ قورال-ياراق ۋە ئۇزۇق-تۈلۈك ئامبارلىرىغا ئوت قۇيىۋەتتى. شەھەردىكى لۈكچەكلەرنى قۇترىتىپ خەزىنىنى بۇلاتقۇزدى. يېزا سەھرالاردىن كەلگەن پادىشاھلىق ئاشلىقلىرىنى بۇلاپ-تالىدى.
خوجا ھىدايىتۇللانىڭ قۇترىتىشى ۋە تەشۋىقى بىلەن بۇ نادان سوپى ئىشانلار قالماقلار تەرەپتە تۇرۇپ، ئىسمائىلخانغا قارشى چىقتى. ئىچكى جەھەتتە بۇلاڭچىلىق، تېرورلۇق قىلدى. ئارىنى بۇزدى، بۇنىڭ.ارقىسىدا كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا تاسادىپىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تېرىلىپ تىرىپىرەن بولۇش ئالدىدا تۇرغان قالماقلار جانلىنىپ ھوجۇمغا ئۆتتى، شۇنداقتىمۇ ئىسمائىلخان قوشۇنلىرى 17 كېچە-كۈندۈز ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇشتى. قالماقلارنى شەھەرگە زادىلا يولاتمىدى. بىراق، سىرتقى ھۇجۇمغا، ئىچكى جەھەتتە سوپى ئىشانلارنىڭ ماسلىشىشى، ئۇزۇق-تۈلۈكنىڭ تۈگەپ قېلىشى، بىگۇناھ شەھەر خەلقىنى ئازاب-ئوقىبەتكە، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلدى. بۇنداق نائىلاج شەھەر دەرۋازىسىنى ئاچقۇزدى. خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان شەھەرگە باستۇرۇپ كىردى. قاچقان-پۈتكەن سوپى ئىشانلار بىلەن قالماقلارمۇ شەھەرگە كىردى. جاناب ھىدايىتۇللا ئىشان قالماقلارنىڭ قولى بىلەن ئىسمائىلخاننى ۋە ئۇنىڭ 70 تىن ئارتۇق ئۇرۇق-جەمەتىنى تىرىك تۇتۇپ باغلاپ ئەسىر قىلدى. يەركەن ھاكىمى ھاراز بەگ ئۇرۇشتا شېھىد بولدى. قەشقەر ھاكىمى شىر مۇھەممەت قالماقلارغا تەسلىم بولغان بولسىمۇ قالماقلار ئۇنى چاناپ ئۆلتۈردى. 18-كۈنى بوباق سۇلتان شېھىد بولۇپ يەركەن، قەشقەر قولدىن كەتتى.
بۇ ئۇرۇشتا ئىسمائىلخان ئەسكەرلىرىدىن 8300 كىشى قۇربان بولدى. ئەمما قەشقەر، يەركەن ۋە باشقا جايلاردىكى شەھەرلەردە ئۆلتۈرۈلگەن، بۇلاڭ-تالاڭ ۋە ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 74 مىڭدىن ئاشىدۇ. ھەتتا ئاتا-ئانىلىرى ئۆلۈپ تالادا تەمتىرەپ يۈرگەن يېتىم-يېسىر بالىلارمۇ قالماقلار ئاتلىرىنىڭ تۇۋاقلىرى ئاستىدا چەيلىنىپ ئۆلدى.

موللا مۇھەممەت سادىق قەشقەرى بۇ ئەھۋالنى مۇنداق يازىدۇ:

مۇسۇلمانلارغا ئولكۈن بىر قىيامەت ئىيلىدى ئاشكار،
ئۆلۈكلەر كوچىدا ياتار قىلالماي سۆزىنى ئىزھار.
ئىگىسىز قىز-ئوغۇللار ھەم گۆدەكلەر خارۇ خەس يەڭلىغ،
بۇلارنى باشقۇرۇپ ئاش-نان بېرەرگە قايدىدۇر غەمخار؟

دېمەك، خوجا ھىدايىتۇللا (ئاپئاق خوجا) ئىشاننىڭ جۇڭغار قالماقلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن 170 يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت يۈرگۈزۈپ، پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان يەركەن سەئىدىيە خانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ تاشلاندى ۋە جۇڭغار قالماقلىرى كونتروللۇقىدىكى ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ قورچاق ھۆكۈمرانلىقى تىكلىنىپ، ئاشۇ شەھەر خەلقى قايتىدىن قۇللۇق زەنجىرىگە باغلاندى.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

تولۇق ئوقۇش