2009年1月21日星期三

wetenperwerlik - milliy burch

ۋەتەنپەرۋەرلىك – مىللىي بۇرچ



ۋەتەنپەرۋەرلىك – مىللىي بۇرچ


يۈسۈپجان ياسىن


دۆلەت بىلەن ۋەتەن بىر ئۇقۇم ئەمەس. دۆلەت ھوقۇق پىكرىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ ‏سىياسىي قۇدرەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى بەلگىسى ۋە تېررىتورىيىلەشكەن شەكلى. ۋەتەن بولسا ‏ئىنسان تۇيغۇ ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدىغان ۋە مىللىي مەدەنىيەت بىلەن بىرىككەن ‏بەلگىلىك بىر زىمىندىن ئىبارەت. بۇ زىمىن تارىخنىڭ مىللەتكە پۈتكەن تەقدىرى ‏بويىچە ئاتا قىلىنغان بولغاچقا، ئىنسان توپلىرىنىڭ مىللەت خاراكتېرىنى ئېلىشى ئاشۇ ‏زىمىن تەمىنلىگەن ماددى ۋە مەنىۋىي ئىمكانىيەتكە تايانغان. مىللەتنىڭ ھاياتلىق ‏قارىشى، ئېتىقاد شەكلى، سەنئەت چۈشەنچىسى، مىللىي زوقى ۋە قىممەت ئېڭى ۋەتەن ‏ئاتا قىلغان ئىمكانىيەتلەر ئاساسىدا رۇياپقا چىققان. نەتىجىدە ۋەتەن بىلەن مىللەت ‏پەرقسىز بىر ئۇقۇمدەك ھالەتكە كەلگەن. شۇڭا، ئىنسان ۋەتەندە ئۆزىنىڭ مىللىي توپى ‏بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ ياشىغاندىلا ئاندىن ھاياتى ھەقىقىي قانائەت تاپىدۇ. ‏ئەمەلىيەتتىمۇ مىللەتنى ھاياتلىق ماكانى بىلەن تەمىن ئەتكەن ئاشۇ زىمىن مىللەتنىڭ ‏بىر پۈتۈن تارىخى ئۈچۈن سەھنە بولۇش رولىنى ئوينىغىنىدەك، مىللەتنىڭ ئاشۇ تارىختا ‏ياراتقان تۈرلۈك مەدەنىيەت بەلگىلىرى، قەبرە ۋە خاتىرە مىراسلىرىمۇ ئاشۇ زىمىنگە ‏مۇقەددەسلىك چۈشەنچىسى بېغىشلاپ، ئۇنى ۋەتەنگە ئايلاندۇرغان. دېمەك، ۋەتەن ‏ئەجداتلارنىڭ قېنى ۋە روھى بىلەن يۇغۇرۇلغان، مىللەتنىڭ تارىختا ياراتقان بۈيۈك ‏مەدەنىيەت خەزىنىلىرىنى ئۆز قوينىدا ساقلىغان، شۇ ئارقىلىق ئەۋلاتلار ئۈچۈن ھاياتلىق ‏سورۇنى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىك ھازىرلىغان تۇپراقتۇر. شۇڭا، ئۇ مۇقەددەستۇر. بۇنىڭدىن ‏مەلۇمكى، ئىنسانلاردىكى دۆلەت چۈشەنچىسى پىكىردىن شەكىللىنىدۇ، ئۇ مەدەنىيەتكە ‏مەنسۇپ.① ۋەتەن چۈشەنچىسى بولسا تۇيغۇدىن ھاسىل بولىدۇ، ئۇ مىللىي مەدەنىيەت ‏‏(كۈلتۈر)كە مەنسۇپ.② شۇڭا، ئىنسانلار ئۆزى مەنسۇپ دۆلەتتىن يۈز ئۆرىشى مۇمكىن، ‏لېكىن ئۆز ۋەتىنىدىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن ئەمەس

‎ ‎ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا مەنا بېغىشلايدىغان روھىي دۇنيا پەقەت ۋەتەننى مەنبە ‏قىلغاچقا ھەم ۋەتەنگە تايىنىپلا ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالىغاچقا، ۋەتەنىدىن ‏ئايرىلىپ قالغان ئىنسانلار ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىنىمۇ يۇقىتىپ قويىدۇ. چۈنكى، ‏ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىنسانلار ھامان باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋە روھىغا بېقىپ ‏ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا قالغان ئىنسانلار ماددىي جەھەتتىن قانچە كۆپ ‏بايلىققا ئىرىشسىمۇ، مەنىۋىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىدىن مەھرۇم بولغان ‏ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. روھ يوقىتىلسا تەننىڭ قۇللۇقى باشلىنىدۇ. مىللەتتىكى ‏ياتلىشىش ۋە ئاينىپ كىتىش دەل مۇشۇنداق شارائىتتا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دېمەك، ‏جاندىن ئايرىلىش شەخسنىڭ ئۆلۈمى ھېساپلانسا، ۋەتەندىن ئايرىلىش مىللەتنىڭ ‏ئۆلۈمىدۇر. ئۇيغۇرلار بۇنى«ۋەتەنسىز ئادەم- ھاياتىي ماتەم» دەپ يەكۈنلىگەن
مەلۇمكى، ۋەتەننىڭ تەقدىرىنى خۇسۇسىي ھاياتنىڭ ئۈستىگە قويۇش ‏ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنساننىڭ ئۆز ھاياتىنى ۋە ئاشۇ ھاياتىدا ئىرىشكەن پۈتكۈل ماددىي ئىمكانىيىتىنى ۋە مەنىۋىي ‏قۇدرىتىنى ۋەتەننىڭ مەۋجۇتلىقىغا، ھۆرلىكىگە، شان شەرىپىگە ۋە ئىستىقبالىغا ‏بېغىشلاشتىن ئىبارەت ساداقەت روھىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسان ۋەتىنىگە پەقەت مۇشۇ خىل ‏روھ بىلەن باغلانغاندىلا ئاندىن ئۇ مىللەتنىڭ سىمۋوللۇق ئادىمىگە ئايلىنىدۇ. ‏ۋەتەنپەرۋەرلىك مىللىي ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ۋەتەن ‏ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىققان مىللەتتە تارىخ ئۈزۈلمەيدۇ، تەقدىر ۋە ئىستىقبال ئۈستىدىن ‏قارار چىقىرىش ھوقۇقى مىللەت ئەزالىرىنىڭ قولىدا بولىدۇ‎.
ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىنسانلارغا ئورتاق بىر خىل تۇيغۇ. لېكىن، بۇ خىل تۇيغۇنىڭ ‏ئىپادىلىنىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مىللەت ئەزالىرى ئۈچۈن ‏ئىرادىگە ۋە پىكىر ئېقىمىغا ئايلىنىپ، ھەرىكەت مىزانى دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىشىمۇ ياكى ‏ئۇنتۇلۇشقا يۈزلىنىپ كۆمۈلۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇ پەقەت مەۋجۇت شارائىتتىكى ئىدارە ‏قىلغۇچى ھاكىمىيەتنىڭ ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ھەققىدىكى تۇنۇشى ۋە يۈرگۈزىۋاتقان ‏سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىگە باغلىقتۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ دېموكراتىك ۋە خەلقچىل ھاكىمىيەتنىڭ ‏ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقى، مۇستەبىت ۋە گۇرۇھۋاز ‏ھاكىمىيەتنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئۇنتۇلۇشىغا سەۋەپ بولىدىغانلىقى تارىخ ئىسپاتلىغان ‏بىر ھەقىقەت. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈركى، ھەر قانداق ئەلدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ‏‏« شۇئار»غا ئايلىنىپ قالغان چاغدا، مەۋجۇت ھاكىمىيەتنىڭ گۆرى كولىنىۋاتقان بولىدۇ‎. ‎‎ ‎‏ تارىختا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئۈستۈنلىكى ‏بىلەن شۆھرەت قازانغان. 1970- يىلى ئىسسىق كۆلنىڭ يېنىدىكى ئېسىك قورغىنىدىن ‏قېزىۋېلىنغان مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسسىرگە مەنسۇپ « ئالتۇن كىيىملىك شاھزادە » ‏نىڭ يېنىدىن تېپىلغان بىر كۈمۈش تاۋاقتىكى «ۋەتەننىڭ بايرىقىنى شەرەپ بىلەن ئىگىز ‏تۇت»③ دېگەن خىتاپ ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ تۇنجى يازما ئىپادىسى ‏ھېساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر مىللىي پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم تەركىپلىرىدىن بولغان ماقال– ‏تەمسىللەردىكى پىكىرلەردىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ تولىمۇ ‏مۇكەممەللىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇلاردىكى ۋەتەن چۈشەنچىسى ‏ناھايىتى مۇقەددەس بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ ئائىلە، مەھەللە، يۇرتقا بولغان كۈچلۈك ‏مۇھەببەت ۋە ساداقەتنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكىى بەلگىسى سۈپىتىدە گەۋدىلەنگەن. ‏ۋەتەنگە باغلىنىش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ساداقەت ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىش«مىللىي ‏تەربىيە»گە ئايلانغان. شۇ ۋەجىدىن، قەدىمكى تۈركىي تىلدا « مۇقەددەس يەر- سۇ» ‏ياكى« ئۇلۇش»سۆزى بىلەن ئىپادە قىلىنغان ۋەتەن ھۆكۈمدار ئائىلىسىنىڭ خۇسۇسىي ‏مۈلكى بولماستىن، بەلكى پۈتۈن مىللەتنىڭ ئورتاق مۈلكى ھېساپلىناتتى.
ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەردە ۋەتەنگە سادىق بولۇش بىلەن بىرگە سەييارە، ‏كۆچمەن ۋە ھەرىكەتچان تۇرمۇش كەچۈرۈش بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ ‏ھوقۇق چۈشەنچىسىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى قىلىنغان. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ۋەتەن ‏چۈشەنچىسى قانۇن ۋە ھۆرلۈك بىلەن بىرىككەن بولۇپ، بۇ ئىككى شەرتتىن مەھرۇم ‏بولغان چاغدا، ئۇلار يېڭى بىر يۇرت قۇرۇش ئىستىكىدە، ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ‏ئايرىلاتتى. بۇ توغرىسىدا تاڭ دەۋرىدىكى خەنزۇچە مەنبەلەردە «ئۇلار بۈگۈنكى كۈندە ‏دۆلىتىمىزگە تەسلىم بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆز ۋەتىنىنى ئاسانلىقچە ئۇنۇتمايدۇ»④دەپ ‏مەلۇم چۈشەنچە بېرىلگىنىدەك، ئەرەپ مۇتەپەككۇرى جاھىزى بۇ نوقتىنى« ۋەتەن ‏مۇھەببىتى بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان بىر خىل ھېسسىياتتۇر. لىكىن، بۇ خىل ‏ھېسسىيات تۈركلەر(ئۇيغۇرلار)دە تېخىمۇ ئۈستۈن ۋە يۈكسەكتۇر»⑤ دەپ ‏خاراكتېرلەندۈرگەن. ئەرەپلەرنىڭ مەشھۇر قوماندانى قۇتەيبە ئىبنى مۇسلىم«تۈركلەر ‏‏(ئۇيغۇرلار) ۋەتىنىگە ناھايىتى سادىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن جان بېرىدۇ. ھېچقاچان ‏ۋەتىنىنى ئۇنۇتمايدۇ. قەيەرگە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ۋەتىنىگە سادىق بولىدۇ. ‏تۈركلەرنى باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن قىلغان ئامىل دەل مۇشۇ خۇسۇسىيەتتۇر. تۈركلەر ‏بۇنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ»⑥ دەپ تەرىپلىگەن. مەھمۇت قەشقەرى«تەڭرى ‏تۈركلەرنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئىگىز ۋە ئەڭ ھاۋالىق جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان»⑦ دەپ ‏تەرىپلەش ئارقىلىق ۋەتەندىن ئىپتىخارلىنىش روھىنى ئىپادىلىگەن‎.
ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىدىغانلىقى يەنە ئىران ‏داستانلىرىدىمۇ سۆزلىنىدۇ. ئىران داستانلىرىدا تۇمارىس ۋە شىراق قەھرىمانلىقلىرى ‏بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە بېرىلگەن. خەنزۇچە مەنبەلەردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار ‏تىلغا ئېلىنىدۇ. ھۇن ئېمپېراتورى باتۇر تەڭرىقۇت(ئوغۇزخان) دۇنيا تارىخىدا ‏ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ھوقۇق پىكرى سۈپىتىدە تەدبىقلىغانلارنىڭ تۇنجى ۋەكىلى قىلىپ ‏كۆرسىتىلمەكتە. ھۇنلارنىڭ شەرقتىكى قوشنىسى تۇڭگۇسلار ھۇن زىمىنىنىڭ شەرق ‏تەرىپىدىكى قاقاس بىر پارچە يەرنى كىسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، باتۇر تەڭرىقۇت ‏‏«يەر – زىمىن دۆلەتنىڭ ئاساسى، نىمە ئۈچۈن زىمىنىمىزنى بېرىدىكەنمىز»⑧ دېگەن ‏ۋە بۇ زىمىننى بېرىۋىتىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋەزىرلەرنى ئۆلۈمگە بۇيرىغان. ئەسلىدە ‏تۇڭگۇسلار بىلەن ئىناق قوشنىدارچىلىقنى تەشەببۇس قىلغان باتۇر ئۇلارنىڭ مۇشۇ ‏تەلەپى تۈپەيلىدىن ئۇرۇش قوزغاپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭدەك، خەن ‏سۇلالىسىمۇ ھۇنلاردىن بىر پارچە تاغلىق يەرنى سورىغاندا، ھۇن تەڭرىقۇتى«بۇ يەر ‏مەرھۇم ئاتامدىن مىراس قالغان زىمىن بولۇپ، قولدىن بېرىپ قويۇش ھەددىم ‏ئەمەس»⑨ دەپ قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن. «تونيۇقۇق مەڭگۈ تېىشى»دا«مەن تۈرك ‏خەلقى زىمىنىدە تولۇق قۇراللانغان دۈشمەنلەرنى ماڭدۇرمىدىم»⑩ دېيىلىدۇ. بۇنىڭدىن ‏مەلۇمكى، تۈركىي مىللەتلەردە ۋەتەن – ئۇلۇش ھۆكۈمدارنىڭ ئۆزى خالىغانچە ‏شەخسىي مۈلۈك سۇپىتىدە ئىشلىتىدىغان زىمىن بولماستىن، بەلكى ھۆكۈمدار تەرىپىدىن ‏قوغدىلىدىغان ئاتا مىراس يادىكارلىق ھېساپلىناتتى‎.
ئىنسانىيەت تارىخىدا مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ھەربىي كۈچكە تايىنىپ قوغداش دەۋرى ‏ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملاشقان. ھېلىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق بىلەن ھەربىي ‏كۈچنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايرىۋەتكىنى يوق. ھەربىي كۈچكە مۇراجىئەت قىلىنغان بۇ ‏دەۋردە قەھرىمانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بەلگىسىگە ئايلانغان. بۇ ھالەت ‏ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا ناھايىتى گەۋدىلىك ھالدا ئوتتۇرىغا ‏چىققان. ۋەتەننى مىللەتنىڭ ئورتاق مۈلكى دەپ قارايدىغان ھوقۇق چۈشەنچىسى ‏ئۇلاردا قەھرىمانلىقنىڭ يۈكسىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل ئىدى. قەھرىمانلىق ھاياتنى ‏بەدەلسىز پىدا قىلىشتىن ئىبارەت بىر خىل بۈيۈك روھ بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ‏تارىخىدىكى مۇھىم بىر تىپ ھېساپلىنىدۇ. ھەقىقەتەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا «جەڭگىۋار ‏مىللەت»(ھەربىي مىللەت) سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە ھەربىي ئىشلار تېخنىكىسىنىڭ ‏يۈكسىلىشى ئۇلاردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ‏خەنزۇچە مەنبەلەردە ھۇنلار، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىسەلدە ئۆلۈشنى نومۇس، ‏ئۇرۇشتا ئۆلۈشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. «كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى» ‏دىمۇ «ئىنسان بالىسى ئۆلۈش ئۈچۈن تۆرەلگەن»(11) دېيىلىدۇ. ساسان چىچەن ‏‏« تۈركلەر (ئۇيغۇرلار) ئۆيدە تۇغۇلۇپ، ئۇرۇش مەيدانىدا جان بېرىدۇ» (12) دەيدۇ. ‏تۈركىي مىللەت تۈركۈمىدە ھەر بىر ئىنسان كىچىكىدىن تارتىپلا ئوقيا ئېتىش ۋە ئات ‏مىنىش تەربىيىسى بىلەن چوڭ بولۇپ، ماھارەتلىك بىر ئەسكەر بولۇپ يېتىلەتتى. كىيگەن ‏كىيىملىرىمۇ تۇرمۇش ۋە ئۇرۇشقا ماس كېلىدىغان ئىككى خىل خۇسۇسىيەتتە ‏لايىھىلەنگەن. بۇ خىل تۇرمۇش بىلەن ئۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن ھايات شەكلى قانداقتۇر ‏بىر تاجاۋۇزچىلىق ياكى ئىستىلا چۈشەنچىسىنىڭ تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن بولماستىن، ‏بەلكى ئۆزى مەنسۇپ ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بىخەتەرلىگىنى، ‏تىنچلىقىنى ۋە ھۆرلۈكىنى سىرىتنىڭ تەھلىكىسىدىن قوغداش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار ‏تۇرۇشتەك ساداقەت ۋە پىداكارلىق روھىدىن تۇغۇلغان. دېمەك، ھەربىي كۈچنىڭ تەرەققىي ‏قىلىشى مىللىي قوغدىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.(13) ئۇيغۇرلاردا بۈگۈنكى ‏كۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان « ئۆزۈڭ ئۈچۈن كۈل، يۇرتۇڭ ئۈچۈن ئۆل »، «يېتىپ ‏قالغىچە، ئېتىپ قال»،«يىگىت ئۆزى ئۈچۈن تۇغۇلۇپ، ئېلى ئۈچۈن ئۆلىدۇ» دېگەن ‏ماقال – تەمسىللەر بۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇيغۇر قاتارلىق ‏تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇشلىرى تۇركىيە ئالىمى ئىبراھىم كافەسئوغلۇ كۆرسىتىپ ‏ئۆتكىنىدەك، تىنچلىق ۋە سۈلھىنى مەقسەت قىلغان بىر ۋاسىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ‏ئۇنىڭدا يەنە چوڭ بىرلىكتىن ئىبارەت پەلسەپىۋى چۈشەنچە يىتەكچى قىلىنغان.(14) شۇ ‏سەۋەپلىك، تىنچلىق ۋە سۈلھىنى <<ئەل>> دەپ ئاتىغان تۈركىي مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ‏ۋە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ بۇ خىل ھالەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان كۈچ ئىكەنلىگىگە ‏ئشەنگەچكە، مىللەت ۋە دۆلەت دېگەن ئۇقۇمنىمۇ يەنە ئاشۇ «ئەل» سۆزى بىلەن ‏ئىپادە قىلغان. بۇ سۆز يەنە «ۋەتەن» مەنىسىدىمۇ چۈشىنىلگەن. دىمەك، ۋەتەن ئۈچۈن ‏ساداقەت ۋە پىداكارلىق بىلەن ياشىغاندىلا ئاندىن تىنچ ھاياتقا، مەۋجۇتلۇق شارائىتىگە ‏ۋە يۈكسىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشكىنى بولىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشۈنۈپ يەتكەن تۈركىي ‏مىللەتلەر ۋەتەن دەپ ئۇرۇش مەيدانىدا جان بېرىشنى ئىدىئال ھايات تىپى قىلىپ ‏تاللىغان ۋە بۇنىڭدىن غۇرۇر، شەرەپ، بەخت تۇيغۇسى ھېس قىلغان. ھەتتا قىز – ‏ئاياللارمۇ مۇشۇنداق قەھرىمانلىق روھتا ياشىغان. شۇ سەۋەپلىك، ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق ‏كۆرسەتكەنلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، نوپۇزى ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان. مىللەت ‏ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تەسۋىرىي سەنئەت ئەسەرلىرى (ھەيكەل، بالبال تىكلەش، قەبرە ‏بېشىغا ئۆي-- خاتىرە سارىيى سېلىپ، ئۇنىڭ تاملىرىغا قەھرىماننىڭ ئۇرۇش قىلىۋاتقان ‏كۆرۈنىشلىرىنى سىزىش) بىلەن ئوبرازلاشتۇرغان، مەڭگۈ تاش تىكلەپ قۇتلۇقلىغان، ‏ناخشا – قوشاق ۋە داستانلارغا قېتىپ ئەبەدىيلەشتۈرگەن. بۇ ئارقىلىق قەھرىمانلارنىڭ ‏ھاياتىنى ئەۋلادلارنى تەربىيىلەشنىڭ مۇھىم دەرسلىكى قىلغان. قەھرىمانلىقنى ئىدىئال ‏ھايات قىلىپ تاللاش جەھەتتە پەقەت گېرمانلارنى تۈركىي مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ‏بولىدۇ. قىسقىسى، تارىخشۇناسلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ‏توغرىسىدىكى« قەھرىمانلىق جاسارىتى كۈچلۈك» دېگەن سۆزلىرىدە دەل ئۇلارنىڭ ‏‏« ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئۈستۈن» دېگەن ئۇقۇم ئىپادىلەنگەن .
‏«‏‎ ‎ئورخۇن ئابىدىلىرى»دە ۋەتەنپەرۋەرلىك بىر خىل ئېتىقاد شەكلىدە تىلغا ‏ئېلىنغان. بۇ ئابىدىلەردە ھۇنلار دەۋرىدىن بېرى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دۆلەتلىرىگە ‏پايتەخت بولۇپ كەلگەن ۋە ئاشۇ ئورنى بىلەن بۇ مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە مەنىۋىي ‏ئىپتىخارلىق بازىسىغا ئايلانغان ئۆتۈكەنگە ساداقەت كۆرسىتىش ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ‏مۇھىم ئۆلچەملىرىدىن بېرى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئۆتۈكەندىن يىراقلىشىش، ۋەتەننى ‏تاشلاپ كېتىش، دۆلەت ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەت ھېساپلىنىپ، تەڭرىنىڭ ‏جازاسىغا ئۇچرايدىغان ئېغىر گۇنا سۈپىتىدە قارالغان. ئابىدىلەردە ئۆتۈكەنگە كۈچلۈك ‏تۈردە باغلانغاندىلا مىللەتنىڭ غەم – قايغۇسىز ياشايدىغانلىقى، دۆلىتىنىڭمۇ مەڭگۈ ‏داۋاملىشىدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنىش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ماھىيەتلىك ‏بەلگىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ چۈشەنچە « قۇتلۇق تاغ داستانى»دا تېخىمۇ ‏قۇۋۋەتلەنگەن. بۇ داستاندا دېيىلىشىچە، دۆلەتنىڭ سائادىتى، مىللەتنىڭ بىرلىكى بىر ‏تاغقا، تېخىمۇ توغرىسى بىر قىياغا باغلىق دەپ قارىلىدۇ. كېيىنچە تاڭ سۇلالىسىدىن ئالغان ‏بىر مەلىكىنىڭ تويلۇق مېلى سۈپىتىدە بۇ قىيا تاڭ سۇلالىسىغا بېرىۋىتىلىدۇ. تاڭ ‏سۇلالىسىنىڭ بۇ قىيانى پارچىلاپ ئۆز ئېلىگە ئېلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلاردا ‏ئۆلۈم ۋە قىسچىلىق يۈز بېرىدۇ. ئاخىرىدا مىللەتنىڭ بىرلىكى بوزۇلۇپ، ئۆز يۇرتىدىن ‏كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. (15) شۇنىڭدەك، يەنە مەنبەلەردىكى پاكىتلاردىن ‏قارىغاندا، تۈركىي مىللەتلەر ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىپ قېلىش ئەڭ ئېغىر زەربە ۋە ‏دەرت – ئەلەم ھېساپلانغان. بۇنىڭ ئازابى ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا قاتتىق تەسىر ‏قوزغىغان. ھۇنلاردا ئالچى تېغىنى خەن سۇلالىسىغا تارتقۇزۇپ قويغاندا پەيدا بولغان ‏ئېغىر دەرت – ئەلەم ھەسرەتلىك قوشاققا ئايلانغان. 1881- يىلى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ‏يەتتە سۇغا كۆچۈرۈلگەن چاغدىكى ۋەتەن ھەسرىتى پىغانلىق ناخشا -- قوشاققا ئايلىنىپ ‏ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كەلمەكتە. بۇ بايانلاردىمۇ پەقەت مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق سورۇنى ‏بولغان ۋەتەن تۇپرىقىنى ساقلاپ – قوغداپ تۇرالىغاندىلا ئاندىن مىللەتنىڭ ھاياتى، ‏خاتېرىجەملىكى ۋە گۈللىنىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولىدىغانلىغىدىن ئىبارەت بىر خىل ‏ھوقۇق چۈشەنچىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان‎.‎
ئومۇمەن قىلغاندا، تۈركىي مىللەتلەردە جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا ۋەتەن چۈشەنچىسى ‏ۋە مۇھەببىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇشتەك خاراكتېرى بىلەن ھەرقانداق بىر مىللەت ‏تۈركۈمىدىن پەرقلىق ھالدا ھۇقۇققا مەنسۇپ ھۆرلۈك پىكرى بىلەن بىرگە داۋاملىشىپ ‏ماڭغان. ئۇلار تەشكىللىك ۋە قانۇنىي ئاساستا ئىختىيارى، ئەركىن، ھۆر ۋە دەخلىسىز-- ‏مۇستەقىل ياشالىغان زىمىننى ۋەتەن دەپ ھېساپلىغان. بۇ شەرتلەر كۆرۈلمىگەن ياكى ‏ئۇنى ساقلاپ قېلىشقا ھېچقانداق مۈمكىنچىلىك قالمىغاندا، ۋەتەننى تەرك ئېتىپ ‏كۆچۈشكە مەجبۇر بولاتتى. بۇ چاغدا ئات ئۇلار ئۈچۈن قاناتقا ئايلىناتتى. ئەمما، ۋەتىنىنى ‏ھېچ ۋاقىت ئىسىدىن چىقارمايتتى‎.
بۈگۈنكى كۈندە ھەر قانداق بىر مەسىلىدە ئەقىل ۋە يۇقىرى مەدەنىيەتكە ‏تايىنىۋاتقان مىللەتلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇ سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ‏ئومۇمىي بىر پىكىر ئېقىمى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ مىللىي ئىرادىگە ئايلانماقتا. دۇنيا ‏ھازىر مىللىي ئىرادىسى كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ ماھارەت كۆرسىتىدىغان ۋە بەسلىشىدىغان ‏سورۇنىغا ئايلىنىپ قالدى. دېمەك، بۇ مىللەتلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەقىل، روھ ۋە ئىرادە ‏مەسىلىسى ھېساپلىنىدۇ. لېكىن، تۈرلۈك تارىخىي قىسمەتلەرگە، مەدەنىيەت ئارقىلىق ‏مەدەنىيەتسىزلەشتۈرىدىغان سىياسىي تۈزۈملەرگە ۋە مىللىيلىكتىن، ئەقەللىيسى ‏ئىنسانىيلىقتىن يىراقلاشتۇرىدىغان ئىدىئولوگىيىلىك چايقاشلارغا دۇچ كەلگەن ‏مىللەتلەردە بولسا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇنتۇلغان خاتېرىگە ئايلىنىپ قالغان. مەلۇمكى، ‏تارىخنىڭ ماددى كۆرۈنىشى ئۆتمۈشكە ئايلانغىنى بىلەن، ئاشۇ تارىخنى ياراتقان روھ ‏ئۇدۇم ۋە سىر سۈپىتىدە ئەۋلاد قېنىدا مەڭگۈ ساقلىنىدۇ. بۇ روھ تارىخنى قايتا يارىتىدۇ. ‏بۇ يەردىكى مۇھىم ئامىل دەل بۇ روھنى قانداق تۇنۇش ۋە ئۇنى قېزىش مەسىلىسىدۇر. ‏بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەت ئۈچۈن غۇرۇرنىڭ سىمۋولى» ‏دېگەن نام بىلەن خاتېرىلەنگەن مۇستاپا كامال 20- ئەسىردە ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ‏تۇنجى بۈيۈك ئابىدىسىنى تىكلىگەن شەخس ئىدى. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20- ‏ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئىنتايىن ھالسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان ۋە غەرپلىكلەر ‏تەرىپىدىن «ئۆلدى» دەپ قارالغان تۈركلەر ئاشۇ غەرپلىكلەرنىڭ ئىستانبۇلنى ۋە ‏ئانادولۇنى تارتىۋېلىش يولىدىكى يوقۇتۇش ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، مۇستاپا كامالنىڭ ‏تارىخىي ۋەتەنپەرۋەرلىكنى مەنبە قىلغان «يا ئۆلۈم يا ھۆرلۈك» دېگەن خىتابى ئۆلگەن ‏تۈركلەرنى قايتا تىرىلدۈرگەن. مۇستاپا كامال مۇشۇ ساداغا تايىنىپ تۈركلەرنىڭ ‏نومۇسىنى يۇيغان ۋە غەرپ مەڭگۈ چېقىلىشقا پېتىنالمايدىغان يېڭى تۈركىيىنى ياراتقان. ‏شۇڭا، فرانسىيىنىڭ زۇڭلىسى برىئاند پارلامېنتتا نۇتۇق سۆزلەپ: «سىلەر تاغدىكى ‏باندىتلار دەپ ئاتىغان مۇستاپا كامال ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسكەرلىرى بۇ يەردە بولغان ‏بولسىدى، ھەر بىرىگە بىردىن ھەيكەل تىكلەيتتۇق. مەن مۇشۇنداق قەھرىمان بىر ئامىيە ‏بىلەن كېلىشىم تۈزۈشتىن ئىپتىخارلىنىمەن» دېگەن. شۇ چاغدىكى ئەنگلىيە پادىشاھى ‏ئېدۋاردⅤ‏ «تۈركىيىدە بىر مىليون كىشىلىك مۇنتىزىم ئارمىيە بار. مۇستاپا كامالنى قوشسا ‏ئىككى مىليۇن بولىدۇ» دېگەنىدى. فرانسىيىدە چىقىدىغان «رەسىملىك ژورنال»دا ‏‏«تارىخ نۇرغۇن بۈيۈك ئىنسانلارنى كۆردى، ئىسكەندەر، ناپولىئون ۋە ۋاشىنگتۇن ‏قاتارلىقلارنى كۆردى. لېكىن 20- ئەسىردىكى بۈيۈكلۈك رىكورتىنى ئاتا تۈرك، يەنى بىر ‏تۈرك ئوغلى بۇزۇپ تاشلىدى» دەپ باھا بىرىلگەن. مانا بۇ پاكىتتىن بىلىمىزكى، ئىنسان ‏ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن كۈچ - قۇدرەت، يېڭى ھايات ۋە شان- شەرەپ پەقەت مىللىي ‏روھتىن ۋە ئۇنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن كېلىدۇ. ئەمما، ‏شۇنى بىلىش كىرەككى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇدىن بۇرچقا ئايلىنىشى شەرت. بۇ شەرت ‏ئەلبەتتە ئىنساننىڭ مىللىي تارىخ ۋە مىللىي مەدەنىيەت ھەققىدىكى بىلىشىنى ئۇل ‏قىلىدۇ.‏
ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىرىشىشنى ئەمەس، بەلكى بېغىشلاشنى مەقسەت قىلىدىغان بىر ‏خىل بۈيۈك روھ. ئىنسان مەيلى قانداق ساھەدە بولسۇن، ياكى قانداق ماھىيىتتىكى ‏ھۆكۈمەتنىڭ قايسى مەمۇرىي دەرىجىسىدە بولسۇن، ئۇ ھامان بىر مىللىي توپقا مەنسۇپ. ‏ئۇنىڭ قىممىتىمۇ پەقەت ئۆزى مەنسۇپ مىللەتنىڭ شۇ دەۋردىكى مىللىي ئېھتىياجى ‏ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇ تارىخنىڭ تارازىسى. تارىخ ھەممىنى ‏ئۇنتۇلدۇرىدۇ ياكى سېسىتىدۇ، پەقەت ھاياتىنى مىللىي توپقا چىڭ باغلىغان ئىنسانلارنىڭ ‏نامىنى قوغدايدۇ ۋە ئوبرازىنى پارلىتىدۇ. بۇ تارىخنىڭ ھۆكۈمى.‏

ئىزاھاتلار‎:
‎ ①
‎ مەدەنىيەت ئىنگلىزچىدە
» ‏ civilization‎‏«
، خەنزۇچىدا ‎ “文明” ‎
دەپ ‏ئاتىلىدۇ. ئۇ شەكىل، مىتود ۋە بىلىمگە تايانغان ھالدا شەكىللەنگەن ۋە مىللەتلەر ئارا ‏ئورتاق قىممەت ئۆلچىمىگە ئايلانغان بەلگىلەرنىكۆرسىتىدۇ. بۇ ئاتالغۇ ھازىر ئۇيغۇر ‏تىلىدا «مەدەنىيلىك» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ ، لېكىن بۇ ئىنتايىن خاتا ئاتاش
‎  ②
 ‎ فرانسۇزچە ۋە ئىنگلىزچە قاتارلىق نوپۇزلۇق تىللاردا«‏ culture‏» ‏‏
(كۈلتۈ-ركۇلچۇر)،
خەنزۇچىدا‎
“文化”
‎دەپ ئېلىنىۋاتقان ئاتالغۇ مىللەتنىڭ ‏تۇيغۇسىدىن ھاسىل بولغان ۋە مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان بەلگىلەرنى، يەنى ‏ئۇيغۇر تىلىدا «مىللىي مەدەنىيەت» دەپ ئاتىلىۋاتقان تەرەپنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ‏خەنزۇچىدىكى‎ “文化” ‎نى ئۇيغۇرچە «كۈلتۈر»(بۇ سۆز ئەسلىدە غەرپ تىللىرىغا ‏تۈركچىدىن كىرگەن)‏‎ ‎،‎“文明” ‎نى«مەدەنىيەت» دەپ ئىشلەتكەندە بۇ ھەقتىكى ‏ئۇقۇم ئايدىڭلىشىدۇ
‎③
‎‏ ئايدىن تانەرى:«تۈرك دۆلەت ئەنئەنىسى»، تۈركچە،11- بەت،1981-يىلى، ‏ئەنقەرە
‎ ④
‎جاڭ رېنتاڭ: «تاڭ دەۋرىدىكى شەرقىي كۆكتۈركلەر ھەققىدە يېڭى ‏ھۆججەتلەر»، تۈركچە، 67 - بەت،1967- يىلى، تەيبېي
‎ ⑤
‎ئا.زەكىي ۋەلىدى توغان:«ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش»، تۈركچە، ‏‏106-بەت، 1981- يىلى، ئىستانبۇل
‎⑥(13)
‎يىلماز ئۆزتۇنا:«بۈيۈك تۈركىيە تارىخى»،تۈركچە،1-توم،50-، 141- ‏بەتلەر، 1977-يىلى، ئىستانبۇل

‎مەھمۇد قەشقەرى:«تۈركىي تىللار دىۋانى»،ئۇيغۇرچە،1-توم،457 - بەت. ‏‏1981- يىلى، ئۈرۈمچى

‎سىماچەن:«تارىخىي خاتېرىلەر»، ئۇيغۇرچە، 400- بەت،1987 - يىلى، ‏ئۈرۈمچى
‎ ⑨
بەنگۇ:«خەننامە»، ئۇيغۇرچە، 798- بەت، 1994- يىلى، ئۈرۈمچى‎.
‎ (10) (11) ‎ھۈسەيىن نامىق ئورقۇن:«قەدىمكى تۈرك ئابىدىلىرى»، تۈركچە، ‏‏52 -، 118- بەتلەر، 1994-يىلى،

‎ (12)
‎ئا.زەكىي ۋەلىدى توغان:«تۈرك ۋە تاتار تارىخى»،تاتارچە، 18- ‏بەت،1912- يىلى، قازان‎.
‎(14)
رىشات گەنچ: «قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى»، ئۇيغۇرچە، 97-بەت، ‏‏1990 - يىلى، ئۈرۈمچى
‎(15) ب.ئۆگەل:«تۈرك مىتولوژىسى»،تۈركچە،1-توم،82-بەت،1998-يىلى، ‏ئەنقەرە

★★★★★★★★★★★
menbe: http://asrim.cn/Default.asp
★★★★★★★★★★★



Wetenperwerlik – milliy burch


Yüsüpjan yasin‎


Dölet bilen weten bir uqum emes. Dölet hoquq pikrining mehsuli. U ‏siyasiy qudretning eng yuqiri belgisi we térritoriyileshken shekli. Weten bolsa ‏insan tuyghu arqiliq baghlinip turidighan we milliy medeniyet bilen birikken ‏belgilik bir zimindin ibaret. Bu zimin tarixning milletke pütken teqdiri ‏boyiche ata qilin'ghan bolghachqa, insan toplirining millet xaraktérini élishi ashu ‏zimin teminligen maddi we meniwiy imkaniyetke tayan'ghan. Milletning hayatliq ‏qarishi, étiqad shekli, sen'et chüshenchisi, milliy zoqi we qimmet éngi weten ‏ata qilghan imkaniyetler asasida ruyapqa chiqqan. Netijide weten bilen millet ‏perqsiz bir uqumdek haletke kelgen. Shunga, insan wetende özining milliy topi ‏bilen bir gewde bolup yashighandila andin hayati heqiqiy qana'et tapidu. ‏emeliyettimu milletni hayatliq makani bilen temin etken ashu zimin milletning ‏bir pütün tarixi üchün sehne bolush rolini oynighinidek, milletning ashu tarixta ‏yaratqan türlük medeniyet belgiliri, qebre we xatire miraslirimu ashu zimin'ge ‏muqeddeslik chüshenchisi béghishlap, uni weten'ge aylandurghan. Démek, weten ‏ejdatlarning qéni we rohi bilen yughurulghan, milletning tarixta yaratqan büyük ‏medeniyet xezinilirini öz qoynida saqlighan, shu arqiliq ewlatlar üchün hayatliq ‏soruni we milliy alahidilik hazirlighan tupraqtur. Shunga, u muqeddestur. Buningdin ‏melumki, insanlardiki dölet chüshenchisi pikirdin shekillinidu, u medeniyetke ‏mensup.① weten chüshenchisi bolsa tuyghudin hasil bolidu, u milliy medeniyet ‏‏(kültür)ke mensup.② shunga, insanlar özi mensup dölettin yüz örishi mumkin, ‏lékin öz wetinidin waz kéchishi mumkin emes

‎ ‎insanlarning hayatigha mena béghishlaydighan rohiy dunya peqet wetenni menbe ‏qilghachqa hem weten'ge tayinipla özining éhtiyajini qanduralighachqa, wetenidin ‏ayrilip qalghan insanlar özining rohiy dunyasinimu yuqitip qoyidu. Chünki, ‏wetinidin ayrilip qalghan insanlar haman bashqilarning iradisige we rohigha béqip ‏yashashqa mejbur bolidu. Bundaq muhitta qalghan insanlar maddiy jehettin qanche köp ‏bayliqqa irishsimu, meniwiy jehettin özining rohiy dunyasidin mehrum bolghan ‏ademlerge aylinip qalidu. Roh yoqitilsa tenning qulluqi bashlinidu. Millettiki ‏yatlishish we aynip kitish del mushundaq shara'itta otturigha chiqidu. Démek, ‏jandin ayrilish shexsning ölümi hésaplansa, wetendin ayrilish milletning ‏ölümidur. Uyghurlar buni«wetensiz adem- hayatiy matem» dep yekünligen
Melumki, wetenning teqdirini xususiy hayatning üstige qoyush ‏wetenperwerliktur. Téximu éniq qilip éytqanda, wetenperwerlik insanning öz hayatini we ashu hayatida irishken pütkül maddiy imkaniyitini we meniwiy ‏qudritini wetenning mewjutliqigha, hörlikige, shan sheripige we istiqbaligha ‏béghishlashtin ibaret sadaqet rohini körsitidu. Insan wetinige peqet mushu xil ‏roh bilen baghlan'ghandila andin u milletning simwolluq adimige aylinidu. ‏wetenperwerlik milliy hemkarliqning asasini teshkil qilidu. Shu wejidin weten ‏uqumi otturigha chiqqan millette tarix üzülmeydu, teqdir we istiqbal üstidin ‏qarar chiqirish hoquqi millet ezalirining qolida bolidu‎.
Wetenperwerlik insanlargha ortaq bir xil tuyghu. Lékin, bu xil tuyghuning ‏ipadilinish derijisi oxshimaydu. Wetenperwerlikning millet ezaliri üchün ‏iradige we pikir éqimigha aylinip, heriket mizani derijisige kötürilishimu yaki ‏untulushqa yüzlinip kömülüp qélishimu mumkin. Bu peqet mewjut shara'ittiki idare ‏qilghuchi hakimiyetning insan we medeniyet heqqidiki tunushi we yürgüziwatqan ‏siyasitining mahiyitige baghliqtur. Emeliyettimu démokratik we xelqchil hakimiyetning ‏wetenperwerlikning yüksilishige türtke bolidighanliqi, mustebit we guruhwaz ‏hakimiyetning wetenperwerlikning untulushigha sewep bolidighanliqi tarix ispatlighan ‏bir heqiqet. Shunimu eskertip qoyush zörürki, her qandaq elde wetenperwerlik ‏‏« shu'ar»gha aylinip qalghan chaghda, mewjut hakimiyetning göri koliniwatqan bolidu‎. ‎‎ ‎‏ tarixta uyghur qatarliq türkiy milletler wetenperwerlik rohining üstünliki ‏bilen shöhret qazan'ghan. 1970- yili issiq kölning yénidiki ésik qorghinidin ‏qéziwélin'ghan miladidin burunqi 5- essirge mensup « altun kiyimlik shahzade » ‏ning yénidin tépilghan bir kümüsh tawaqtiki «wetenning bayriqini sherep bilen igiz ‏tut»③ dégen xitap uyghur wetenperwerlik rohining tunji yazma ipadisi ‏hésaplinidu. Uyghur milliy pelsepisining muhim terkipliridin bolghan maqal– ‏temsillerdiki pikirlerdinmu uyghurlarning weten heqqidiki chüshenchisining tolimu ‏mukemmellikini bilishke bolidu. Emeliyettimu ulardiki weten chüshenchisi ‏nahayiti muqeddes bir uqum bolup, u a'ile, mehelle, yurtqa bolghan küchlük ‏muhebbet we sadaqetning yüksek derijidikii belgisi süpitide gewdilen'gen. ‏weten'ge baghlinish we uning üchün sadaqet we pidakarliq körsitish«milliy ‏terbiye»ge aylan'ghan. Shu wejidin, qedimki türkiy tilda « muqeddes yer- su» ‏yaki« ulush»sözi bilen ipade qilin'ghan weten hökümdar a'ilisining xususiy ‏mülki bolmastin, belki pütün milletning ortaq mülki hésaplinatti.
Uyghur qatarliq türkiy milletlerde weten'ge sadiq bolush bilen birge seyyare, ‏köchmen we heriketchan turmush kechürüsh bir gewdiliship ketken we ularning ‏hoquq chüshenchisining asasliridin biri qilin'ghan. Chünki, ularning weten ‏chüshenchisi qanun we hörlük bilen birikken bolup, bu ikki sherttin mehrum ‏bolghan chaghda, ular yéngi bir yurt qurush istikide, weten üchün wetendin ‏ayrilatti. Bu toghrisida tang dewridiki xenzuche menbelerde «ular bügünki künde ‏dölitimizge teslim bolghan teqdirdimu, öz wetinini asanliqche unutmaydu»④dep ‏melum chüshenche bérilginidek, erep mutepekkuri jahizi bu noqtini« weten ‏muhebbiti barliq insanlargha ortaq bolghan bir xil héssiyattur. Likin, bu xil ‏héssiyat türkler(uyghurlar)de téximu üstün we yüksektur»⑤ dep ‏xaraktérlendürgen. Ereplerning meshhur qomandani quteybe ibni muslim«türkler ‏‏(uyghurlar) wetinige nahayiti sadiq bolup, uning üchün jan béridu. Héchqachan ‏wetinini unutmaydu. Qeyerge bérishidin qet'iynezer, wetinige sadiq bolidu. ‏türklerni bashqa milletlerdin üstün qilghan amil del mushu xususiyettur. Türkler ‏buni nahayiti yaxshi bilidu»⑥ dep teripligen. Mehmut qeshqeri«tengri ‏türklerni yer yüzining eng igiz we eng hawaliq jaylirigha orunlashturghan»⑦ dep ‏teriplesh arqiliq wetendin iptixarlinish rohini ipadiligen‎.
Uyghurlarning wetinini qoghdash yolida pidakarliq körsitidighanliqi yene iran ‏dastanliridimu sözlinidu. Iran dastanlirida tumaris we shiraq qehrimanliqliri ‏buning misali süpitide bérilgen. Xenzuche menbelerdimu buninggha oxshash misallar ‏tilgha élinidu. Hun émpératori batur tengriqut(oghuzxan) dunya tarixida ‏wetenperwerlikni hoquq pikri süpitide tedbiqlighanlarning tunji wekili qilip ‏körsitilmekte. Hunlarning sherqtiki qoshnisi tungguslar hun ziminining sherq ‏teripidiki qaqas bir parche yerni kisip bérishni telep qilghanda, batur tengriqut ‏‏«yer – zimin döletning asasi, nime üchün ziminimizni béridikenmiz»⑧ dégen ‏we bu ziminni bériwitishni teshebbus qilghan wezirlerni ölümge buyrighan. Eslide ‏tungguslar bilen inaq qoshnidarchiliqni teshebbus qilghan batur ularning mushu ‏telepi tüpeylidin urush qozghap, ularni qattiq meghlup qilghan. Shuningdek, xen ‏sulalisimu hunlardin bir parche taghliq yerni sorighanda, hun tengriquti«bu yer ‏merhum atamdin miras qalghan zimin bolup, qoldin bérip qoyush heddim ‏emes»⑨ dep qattiq étiraz bildürgen. «tonyuquq menggü téishi»da«men türk ‏xelqi ziminide toluq qurallan'ghan düshmenlerni mangdurmidim»⑩ déyilidu. Buningdin ‏melumki, türkiy milletlerde weten – ulush hökümdarning özi xalighanche ‏shexsiy mülük supitide ishlitidighan zimin bolmastin, belki hökümdar teripidin ‏qoghdilidighan ata miras yadikarliq hésaplinatti‎.
Insaniyet tarixida milliy mewjutluqni herbiy küchke tayinip qoghdash dewri ‏nahayiti uzun dawamlashqan. Hélimu insaniyetning milliy mewjutluq bilen herbiy ‏küchning munasiwitini ayriwetkini yoq. Herbiy küchke muraji'et qilin'ghan bu ‏dewrde qehrimanliq wetenperwerlikning eng küchlük belgisige aylan'ghan. Bu halet ‏uyghur qatarliq türkiy milletlerning tarixida nahayiti gewdilik halda otturigha ‏chiqqan. Wetenni milletning ortaq mülki dep qaraydighan hoquq chüshenchisi ‏ularda qehrimanliqning yüksilishidiki muhim amil idi. Qehrimanliq hayatni ‏bedelsiz pida qilishtin ibaret bir xil büyük roh bolup, uyghur medeniyet ‏tarixidiki muhim bir tip hésaplinidu. Heqiqeten, uyghurlarning tarixta «jenggiwar ‏millet»(herbiy millet) süpitide otturigha chiqishi we herbiy ishlar téxnikisining ‏yüksilishi ulardiki wetenperwerlik rohi bilen zich munasiwetlik idi. ‏xenzuche menbelerde hunlar, köktürkler we uyghurlarning kiselde ölüshni nomus, ‏urushta ölüshni sherep dep bilidighanliqi tekitlen'gen. «köl tékin menggü téshi» ‏dimu «insan balisi ölüsh üchün törelgen»(11) déyilidu. Sasan chichen ‏‏« türkler (uyghurlar) öyde tughulup, urush meydanida jan béridu» (12) deydu. ‏türkiy millet türkümide her bir insan kichikidin tartipla oqya étish we at ‏minish terbiyisi bilen chong bolup, maharetlik bir esker bolup yétiletti. Kiygen ‏kiyimlirimu turmush we urushqa mas kélidighan ikki xil xususiyette ‏layihilen'gen. Bu xil turmush bilen urush bir gewdileshken hayat shekli qandaqtur ‏bir tajawuzchiliq yaki istila chüshenchisining türtkiside shekillen'gen bolmastin, ‏belki özi mensup wetenning, milletning we döletning mewjutluqini, bixeterligini, ‏tinchliqini we hörlükini siritning tehlikisidin qoghdash üchün her waqit teyyar ‏turushtek sadaqet we pidakarliq rohidin tughulghan. Démek, herbiy küchning tereqqiy ‏qilishi milliy qoghdinish bilen munasiwetlik idi.(13) uyghurlarda bügünki ‏kün'giche dawamliship kéliwatqan « özüng üchün kül, yurtung üchün öl », «yétip ‏qalghiche, étip qal»,«yigit özi üchün tughulup, éli üchün ölidu» dégen ‏maqal – temsiller buni ochuq körsitip béridu. Emeliyettimu uyghur qatarliq ‏türkiy milletlerning urushliri turkiye alimi ibrahim kafes'oghlu körsitip ‏ötkinidek, tinchliq we sülhini meqset qilghan bir wasitidin ibaret bolup, ‏uningda yene chong birliktin ibaret pelsepiwi chüshenche yitekchi qilin'ghan.(14) shu ‏seweplik, tinchliq we sülhini <<ئەل>> dep atighan türkiy milletler özlirining ‏we öz döletlirining bu xil haletni emelde körsitidighan küch ikenligige ‏shen'gechke, millet we dölet dégen uqumnimu yene ashu «el» sözi bilen ‏ipade qilghan. Bu söz yene «weten» menisidimu chüshinilgen. Dimek, weten üchün ‏sadaqet we pidakarliq bilen yashighandila andin tinch hayatqa, mewjutluq shara'itige ‏we yüksilish pursitige irishkini bolidighanliqini toluq chüshünüp yetken türkiy ‏milletler weten dep urush meydanida jan bérishni idi'al hayat tipi qilip ‏tallighan we buningdin ghurur, sherep, bext tuyghusi hés qilghan. Hetta qiz – ‏ayallarmu mushundaq qehrimanliq rohta yashighan. Shu seweplik, urushta qehrimanliq ‏körsetkenlerning jem'iyettiki orni, nopuzi hemmidin üstün bolghan. Millet ‏ularning hayatini teswiriy sen'et eserliri (heykel, balbal tiklesh, qebre ‏béshigha öy-- xatire sariyi sélip, uning tamlirigha qehrimanning urush qiliwatqan ‏körünishlirini sizish) bilen obrazlashturghan, menggü tash tiklep qutluqlighan, ‏naxsha – qoshaq we dastanlargha qétip ebediyleshtürgen. Bu arqiliq qehrimanlarning ‏hayatini ewladlarni terbiyileshning muhim dersliki qilghan. Qehrimanliqni idi'al ‏hayat qilip tallash jehette peqet gérmanlarni türkiy milletler bilen sélishturushqa ‏bolidu. Qisqisi, tarixshunaslarning türkiy milletler, jümlidin uyghurlar ‏toghrisidiki« qehrimanliq jasariti küchlük» dégen sözliride del ularning ‏‏« wetenperwerlik rohi üstün» dégen uqum ipadilen'gen .
‏«‏‎ ‎orxun abidiliri»de wetenperwerlik bir xil étiqad sheklide tilgha ‏élin'ghan. Bu abidilerde hunlar dewridin béri türkiy milletlerning döletlirige ‏paytext bolup kelgen we ashu orni bilen bu milletlerning siyasiy we meniwiy ‏iptixarliq bazisigha aylan'ghan ötüken'ge sadaqet körsitish wetenperwerlikning ‏muhim ölchemliridin béri qilip körsitilgen. Ötükendin yiraqlishish, wetenni ‏tashlap kétish, dölet aldida ötküzülgen jinayet hésaplinip, tengrining ‏jazasigha uchraydighan éghir guna süpitide qaralghan. Abidilerde ötüken'ge küchlük ‏türde baghlan'ghandila milletning ghem – qayghusiz yashaydighanliqi, dölitiningmu menggü ‏dawamlishidighanliqi étirap qilinish arqiliq wetenperwerlikning mahiyetlik ‏belgiliri otturigha qoyulghan. Bu chüshenche « qutluq tagh dastani»da téximu ‏quwwetlen'gen. Bu dastanda déyilishiche, döletning sa'aditi, milletning birliki bir ‏taghqa, téximu toghrisi bir qiyagha baghliq dep qarilidu. Kéyinche tang sulalisidin alghan ‏bir melikining toyluq méli süpitide bu qiya tang sulalisigha bériwitilidu. Tang ‏sulalisining bu qiyani parchilap öz élige élip kétishi netijiside uyghurlarda ‏ölüm we qischiliq yüz béridu. Axirida milletning birliki bozulup, öz yurtidin ‏köchüp kétishke mejbur bolidu. (15) shuningdek, yene menbelerdiki pakitlardin ‏qarighanda, türkiy milletler üchün wetendin ayrilip qélish eng éghir zerbe we ‏dert – elem hésaplan'ghan. Buning azabi ularning rohiy dunyasida qattiq tesir ‏qozghighan. Hunlarda alchi téghini xen sulalisigha tartquzup qoyghanda peyda bolghan ‏éghir dert – elem hesretlik qoshaqqa aylan'ghan. 1881- yili ili uyghurlirining ‏yette sugha köchürülgen chaghdiki weten hesriti pighanliq naxsha -- qoshaqqa aylinip ‏hazirghiche éytilip kelmekte. Bu bayanlardimu peqet milletning mewjutluq soruni ‏bolghan weten tupriqini saqlap – qoghdap turalighandila andin milletning hayati, ‏xatérijemliki we güllinishidin söz achqili bolidighanlighidin ibaret bir xil ‏hoquq chüshenchisi otturigha qoyulghan‎.‎
Omumen qilghanda, türkiy milletlerde jümlidin uyghurlarda weten chüshenchisi ‏we muhebbiti nahayiti üstün bolushtek xaraktéri bilen herqandaq bir millet ‏türkümidin perqliq halda huquqqa mensup hörlük pikri bilen birge dawamliship ‏mangghan. Ular teshkillik we qanuniy asasta ixtiyari, erkin, hör we dexlisiz-- ‏musteqil yashalighan ziminni weten dep hésaplighan. Bu shertler körülmigen yaki ‏uni saqlap qélishqa héchqandaq mümkinchilik qalmighanda, wetenni terk étip ‏köchüshke mejbur bolatti. Bu chaghda at ular üchün qanatqa aylinatti. Emma, wetinini ‏héch waqit isidin chiqarmaytti‎.
Bügünki künde her qandaq bir mesilide eqil we yuqiri medeniyetke ‏tayiniwatqan milletlerde wetenperwerlik tuyghu süpitidila emes, belki yene ‏omumiy bir pikir éqimi süpitide otturigha chiqip milliy iradige aylanmaqta. Dunya ‏hazir milliy iradisi küchlük milletlerning maharet körsitidighan we beslishidighan ‏sorunigha aylinip qaldi. Démek, bu milletlerde wetenperwerlik eqil, roh we irade ‏mesilisi hésaplinidu. Lékin, türlük tarixiy qismetlerge, medeniyet arqiliq ‏medeniyetsizleshtüridighan siyasiy tüzümlerge we milliyliktin, eqelliysi ‏insaniyliqtin yiraqlashturidighan idi'ologiyilik chayqashlargha duch kelgen ‏milletlerde bolsa wetenperwerlik untulghan xatérige aylinip qalghan. Melumki, ‏tarixning maddi körünishi ötmüshke aylan'ghini bilen, ashu tarixni yaratqan roh ‏udum we sir süpitide ewlad qénida menggü saqlinidu. Bu roh tarixni qayta yaritidu. ‏bu yerdiki muhim amil del bu rohni qandaq tunush we uni qézish mesilisidur. ‏birleshken döletler teshkilati teripidin «insaniyet üchün ghururning simwoli» ‏dégen nam bilen xatérilen'gen mustapa kamal 20- esirde wetenperwerlikning ‏tunji büyük abidisini tikligen shexs idi. 19- esirning axiri we 20- ‏esirning bashlirigha kelgende intayin halsiz halgha chüshüp qalghan we gherplikler ‏teripidin «öldi» dep qaralghan türkler ashu gherpliklerning istanbulni we ‏anadoluni tartiwélish yolidiki yoqutush hujumigha uchrighanda, mustapa kamalning ‏tarixiy wetenperwerlikni menbe qilghan «ya ölüm ya hörlük» dégen xitabi ölgen ‏türklerni qayta tirildürgen. Mustapa kamal mushu sadagha tayinip türklerning ‏nomusini yuyghan we gherp menggü chéqilishqa pétinalmaydighan yéngi türkiyini yaratqan. ‏shunga, fransiyining zunglisi bri'and parlaméntta nutuq sözlep: «siler taghdiki ‏banditlar dep atighan mustapa kamal we uning barliq eskerliri bu yerde bolghan ‏bolsidi, her birige birdin heykel tikleyttuq. Men mushundaq qehriman bir amiye ‏bilen kélishim tüzüshtin iptixarlinimen» dégen. Shu chaghdiki en'gliye padishahi ‏édwardⅤ‏ «türkiyide bir milyon kishilik muntizim armiye bar. Mustapa kamalni qoshsa ‏ikki milyun bolidu» dégenidi. Fransiyide chiqidighan «resimlik zhornal»da ‏‏«tarix nurghun büyük insanlarni kördi, iskender, napoli'on we washin'gtun ‏qatarliqlarni kördi. Lékin 20- esirdiki büyüklük rikortini ata türk, yeni bir ‏türk oghli buzup tashlidi» dep baha birilgen. Mana bu pakittin bilimizki, insan ‏üchün, millet üchün küch - qudret, yéngi hayat we shan- sherep peqet milliy ‏rohtin we uning gewdilik ipadisi bolghan wetenperwerliktin kélidu. Emma, ‏shuni bilish kirekki, wetenperwerlik tuyghudin burchqa aylinishi shert. Bu shert ‏elbette insanning milliy tarix we milliy medeniyet heqqidiki bilishini ul ‏qilidu.‏
Wetenperwerlik irishishni emes, belki béghishlashni meqset qilidighan bir ‏xil büyük roh. Insan meyli qandaq sahede bolsun, yaki qandaq mahiyittiki ‏hökümetning qaysi memuriy derijiside bolsun, u haman bir milliy topqa mensup. ‏uning qimmitimu peqet özi mensup milletning shu dewrdiki milliy éhtiyaji ‏üchün nimilerni qilghanliqi bilen ölchinidu. Bu tarixning tarazisi. Tarix hemmini ‏untulduridu yaki sésitidu, peqet hayatini milliy topqa ching baghlighan insanlarning ‏namini qoghdaydu we obrazini parlitidu. Bu tarixning hökümi.‏

Izahatlar‎:

‎ ① medeniyet in'glizchide «‏civilization‎‏», xenzuchida ‎ «文明»‎ Dep ‏atilidu. U shekil, mitod we bilimge tayan'ghan halda shekillen'gen we milletler ara ‏ortaq qimmet ölchimige aylan'ghan belgilernikörsitidu. Bu atalghu hazir uyghur ‏tilida «medeniylik» dep éliniwatidu , lékin bu intayin xata atash
‎  ② fransuzche we in'glizche qatarliq nopuzluq tillarda«culture»‏‏(kültü-rkulchur),
Xenzuchida‎ «文化» ‎dep éliniwatqan atalghu milletning ‏tuyghusidin hasil bolghan we milletning özige xas bolghan belgilerni, yeni ‏uyghur tilida «milliy medeniyet» dep atiliwatqan terepni körsitidu. Shunga, ‏xenzuchidiki‎ «文化»‎ni uyghurche «kültür»(bu söz eslide gherp tillirigha ‏türkchidin kirgen)‏‎, ‎«文明»‎ni «medeniyet» dep ishletkende bu heqtiki ‏uqum aydinglishidu
‎③‎‏ aydin taneri:«türk dölet en'enisi», türkche,11- bet,1981-yili, ‏enqere
‎ ④ ‎jang réntang: «tang dewridiki sherqiy köktürkler heqqide yéngi ‏höjjetler», türkche, 67 - bet,1967- yili, teybéy
‎ ⑤ ‎a.Zekiy welidi toghan:«omumiy türk tarixigha kirish», türkche, ‏‏106-bet,
1981- yili, istanbul
‎⑥(13) ‎yilmaz öztuna:«büyük türkiye tarixi»,türkche,1-tom,50-, 141- ‏betler, 1977-yili, istanbul
⑦ ‎mehmud qeshqeri: «türkiy tillar diwani», uyghurche,1-tom,457 - bet. ‏‏
1981- yili, ürümchi
⑧ ‎simachen:«tarixiy xatériler», uyghurche, 400- bet,1987 - yili, ‏ürümchi
‎ ⑨ Ben'gu:«xenname», uyghurche, 798- bet, 1994- yili, ürümchi‎.
‎ (10) (11) ‎hüseyin namiq orqun:«qedimki türk abidiliri», türkche, ‏‏52 -, 118- betler, 1994-yili,
‎ (12) ‎a.Zekiy welidi toghan:«türk we tatar tarixi»,tatarche, 18- ‏bet,1912- yili, qazan‎.
‎(14) Rishat gench: «qaraxaniylarning dölet teshkilati», uyghurche, 97-bet, ‏‏1990 - yili, ürümchi
‎(15) b.Ögel:«türk mitolozhisi»,türkche,1-tom,82-bet,1998-yili, ‏enqere

★★★★★★★★★★★
menbe: http://asrim.cn/Default.asp
★★★★★★★★★★★

تولۇق ئوقۇش

2009年1月14日星期三

Suzuk Seper

سۈزۈك سەپەر


Süzük seper


‹dastan›


Adil tuniyaz


(1)

Menmu, chüshmu aptobustiki?
Bir dewrmu ayliniwatqan
Bir ghéribliq quyashi yaki?
Aylanmaqta mashina chaqi
Séhrigerge, quyun'gha, nurgha,
Qara rengdin dügilek qongurgha,
Qara yoldin keng idiyige.
Quruqdalghan kallam bir lehze
Toxtap qalghan rohim bir dewr,
Yil bilen yil tekrar parildap
Bésip kirgen sansiz ay -künler
Qetli qilip, qorqutup, aldap,
Minutlarning qizil izliri
Izdur goya wujudumdiki.
Xosh ürümchi
Sheherler sirtidiki tenha sheher
Tenhaliqi til, waqit, mermer.
Uchuwatqan tili del - derexler,
Köchüwatqan qum waqit chöli.
Teshwishlerning bash ayighi yoq
Mangar déngiz qaldurmay iz.
Peqetla biz,
Peqetla biz quruq qol, sersan
Yoqtur bashqa barar jayimiz.
Ayallar qirghaq tenhaliq déngiz
Yoqtur bashqa barar jayimiz ...

Bu ghérib ay
Seper qildim,
Eynek aldida
Shunche léwen yéshinmekte küz,
Köz aldimda nazlinip yatar
Beden öngi sarghuch tala - tüz.
Taghlar uzun qoshun tartqan,
Su ötidu nagan - nagan.
Üzük - üzük yéshil yézilar
Térekler yügürer söngektek aq.
Shamal shorluq yerlerni yalar
Térek ghidiqlinar yupyumilaq.
Hesretmu ya shehwet?
Ichingde qaynaydu bulaq.
Jigdiler qaghijirighan,
Mungluq, miskin, jighan, yantaq.
Saylar ichingdiki saylar
Tashlar qatqan yara iz.
Hawa ach qalghan ot haywini
Künning mejburlishi chidighusiz.
Asman köpkök mest
Biraq bizge qalghini asman emes,
Kichikkine kül reng boshluq we
Qistawatqan töt tamning ichi.
Ey, kök tengri
Biz asmandin ayrilduq,
Biz yoqatqan barche nersini
Yoshurunche asman dep bilduq.
Asman titrer kariwitimizda
Asman chaqnar tariximizda
Asman qaldi ayighimizda
Asman yoqaldi qarangghuluqta ...

Qarangghu chüshti
Toruk - toruk,
Pildir - pildir,
Shildir - shildir.

Qarangghu chüshti
Yumshaq,
Qara,
Yumilaq.

Qarangghu chüshti
Xushpuraq,
Soghuq,
Patqaq.
Qapqara bulaqlar
Oxchup chiqmaqta,
Dérize sirtida.
Qapqara u uxlap qélishtek,
Zibadur u yalingachlinishtek,
Yaltiraq u shemsher - qilichtek.
Qapqarangghuluq
Tonumaydu héchkimni héchkim,
Isim hetta emes özining,
Tirikliki ölüshtek ghuwa.
Süküt xuddi bashqa bir heriket,
Qol birowning qolidur goya,
Qan qan emes oxshaydu sugha,
Barche shey'i ching saqlan'ghan sir
Qatmu qat tor tartilghan nurgha.
Kéche emes bu,
Kétiwatqan asmanda ghuwa
Münggüzliri shaxlighan bugha.
Qarangghuluq perisi
Uxlar qara perenjining ichide,
Ap'aq süti jirtildap téship
Domilaydu emchekliri üstide
Tamche - tamche yultuzlargha aylinip.
Biz yultuzlar azghan béliqlar
Kirip qalduq torning qat - qétigha.
Biz yultuzlar ema qebile
Parqirighan égizliklerdin
Minip qalduq ölüm étigha.
Atlar chapquldighan qara atlar,
Atlar toxtap qalghan aq térekler,
Atlar ap'aq atlar süküttiki,
Atlar pushqurmaqta qapqara reng.
Atlar tuyiqidin yultuz chéchip
Üstimizde jeng élan qilidu ton bilen
Atlar, menggülükning ölmes éti.

Égizlikte kéche öz péti,
Besleshmekte yultuzlar bilen
Aptubusning méngish sür'iti.

Chöl seltenetlik impériye,
Boysundurghan yerliri yatar
Kün chiqishtin, kün pétishqiche.
Yolwas tériside yawayi xaqan,
Shamal yarliqlarni élip mangghan.
Yulghun chéchekliri tawar - durdun
Giyahlar xotun - qiz olja alghan.
Seherdur seher
Seher kitabning yene bir béti.
Quyash leshkerliri san - sanaqsiz
Chöl qizilliqta, aqidu qan,
U goya impériye xarablashqan.
U goya tash sheher,
Qushlar sayraydu tash awazda
Tash derexler siliq, yumilaq.
Jilwe qilar tash chéchekliri
Süzük tashlar süpsüzük bulaq.
Tashqa aylan'ghan hal reng, yette reng
Tashqa aylan'ghan xushpuraq.
Tashlar jimjit ussulgha chüshken,
Tash üstide tashlaning rohi
Munggha pétip uzun uzaq
Tash mersiyige salidu qulaq.
Tashlaning qattiq kochisida
Erler azabtin qétip ketken.
Ayal tashlar siliq, omaq,
Untup özüngni nechche esir
Tutup turghung kélidu siylap.
Aldimizda yéyilghan bir tash kitab
Éqiwatqan waqit uning mezmuni
Emalardek waraqlaymiz biz uni.

Waqit
Oynimaqta
Yalingach ussul
Heweslerni urghutup
Qara yol bilen
Shiddetlik chaq arisida,
Quyash bilen jigdiler arisida.
Quyash bilen ten arisida
Izi, izi, izi
Cheksiz chöl - jezirining.
Waqit ötmekte dérizidin
Süzüklük ichre yéghiliq,
Yashiyalmay, ölelmey béliq
Piltinglar, makildar ritimliq.
Sürkelmekte tenlerge köznek,
Lap échip yumulghan közdek
Esirlep éytalmighan sözdek.
Qolum shamalni siylimaqta,
Qolum shamalni boysundurmaqta,
Awaz bir pesiyip bir örlep
Awaz bir öchüp bir anglinip
Shamal müremdin siyrilmaqta ...
Tuyghumdiki partlash.
Söngeklirimdiki dumbaq awazi.
Yawayi qebilining murasimi.
Jinsiyet, din hemde dewriylik.
Waqit - diniy ang,
Waqit bésilghan shehwet ,
Qoyuwetti özini er -ayallar
Emdi waqitta qalmidi beriket.
Qurimaqta bunda sheherler
Ghéribliqqa bashliduq seper.

Aptobus yürmekte
Altun sholiliq zémin üstide
Qum döngliri mangar biz bilen
Qizil tögilerning yürüshide.
Köymekte toghraqlar
Qumlar özini siylimaqta,
Cheksiz qumluq ich -ichidin
Zerdap néfitni yighlimaqta.
Yighlima dostum
Toghraqlarning yéshil tughliri
Üstimizde tursa lepildep.
Biz yashaymiztebi'et bilen
Biz toghraqtek turimiz köklep.

Tügimes yol
Tenhaliq yoli,
Yol bir jümle xet zémindiki ,
Ay kümüsh pesh ,kün altun chékit.
Uyghur tili ormandur jimjit,
Bir-biridin shérin méwiler
Qol tegmigen yawa chéchekler
Jilwilinip turidu unda.
U tenha qush ana zéminda
Qanat kérip aylinip yürgen,
Yat tuyulup özige bezen
Izdewatqan özperwazini.
Éqin sular dorimaq bolar,
Uning güzel ,pak awazini,
Mungluq hemde shox halitini.
Sheherlerde yat -yochun adet
Muzdek chaqnap turghan sana'et,
Hem natunush kishiler topi,
U kochida yürer temtirep.
Uyghur tili
Aghzimizda aq kepterlerdek
Julalinip turghan göherdek
Yipektek ,sharqiratmidek
Yétip barar yiraq-yiraqqa.
Saqlar bizning ghururimizni
Salar derdke ,ishqi - piraqqa.
Ipadileydu u sükünatni,
Ghayib dunyani ,sir tilsimatni;
‹awista›* ni, (*mani dinining muqeddes kitabi)
Manining du'alirini ,
Tepsirlen'gen nom yiltizini,
Istiqamet qilip olturghan
Buddistlarning yoqilishini,
Nérwanagha yétip menggülük.
Irusalim puqralirigha
Sözlewatqan eysani külüp.
Quliqigha resulillahning
Jibra'ilning shiwirlishini,
Opuqimizda jimirlishini
Islam nurining,
Ipadilimekte -
Uyghur tili.

Hawada héchkim yoq.
Mangmaqta aptobus,
Hawada héchkim yoq.
Quyash köydurmekte,
Nutuq sözlimekte-
Quyash,
Bezide xata anglaymiz,
Sözlep öz sözimizni.
‹qur'an› oquwétipmu
Yumiwalghandek közimizni.
Nege mangduq , biz qeyerde
Yénimdikiler uyqugha ketken.
Hawada héchkim yoq
Möjize yüz bermekte
Yénimdikiler'uyqugha ketken.
Uyqu derexlerde
Méwiliri sütlük ,ghuwa.
Uyqu tarqiliwatqan séhir
Asta -asta qalimiz qétip.
Uyqu ölüm shehiri
Derwazisidin bilmestin kirip
Chiqimiz erwahlargha aylinip.
Sheherler salduq uyqu ichide,
Ayrilip qalduq uyqu ichide,
Alduq ,tonulduq uyqu ichide,
Kettuq , halak bolduq uyqu ichide.
Yéduq,
Ichtuq,
Yashiduq,
Uyqu ichide.
Ketti,
Uchti,
Tügidi,
Biz néme qilduq?

Almashmaqta
Meshriq meghribke,
Shamal quyashqa,
Su tashqa,
Bu sheher u sheherge,
Bu ériq u ériqqa,
Bu adem u ademge,
Adem tupraqqa,
Tupraq asman'gha,
Asman yoqluqqa.

Ey qongur tupraq
Sendin kelduq
Söyimiz séni!


(2)

Bu seperning ismi:
Séni ashiqlardek uzattim
Méni peyghemberdek küt.

Ténim seperde
Téning süküt.

Xéting tegdi,
Cheksz qeghezde
Ereb déngizi ap'aq chayqilar,
Hayajan kök rengde we qara rengde
Herplerdur uchup yürgen chaykilar.
Qollirim qirghaq,
Quchaqliring dolqunlaydu.
Quchaqlidim yiraq -yiraq,
Arimizda chongqur piraq,
Arimizda déngiz teshnaliq.
Axsham payansiz chayqilip yatar
Qizliqing jimirlighan déngiz süküti,
Dolqunlardin wujudum höl,
Kariwétimda déngizning chüshi.
Kéchilerde ghéribliq cheksiz
Yutuwéter yalmap öy méni.
Yénim muzdek ,yürikim muzdek
‹yastuqumning artuq yérimi›.
Oyghinimen teklimakan qumluqidek
Qizzip ,échirqap ,öz -özumni yep.
Qaraymen her yan'gha ornung bosh turghan
Turmushumni waqit qumgha toshquzghan ...

Ten sepiri
Oqush sepiri,
Xuddi emalar yol méngishidek,
Xuddi bedenler qol méngishidek.

Sözleshkende boran bilen ot,
Kün bilen déngiz,
Roh bilen ten,
Bir qolida ürümchi
Birqolida el eyin
Awaz tingshash perishtisining.
Jüpleshkende télifunda léwimiz
Toxtap qalar etrap chippide,
Léwing ghayib bolar gilastek,
Qolum ghayib bolar téningde.
Andin uchup kéter purride
Awaz tingshighuchi mala'ike we
Bixiraman danlawatqan
Awazlarning omaq keptiri ...

Isming bulaq -
Bulduqlap chiqqan,
Hernersidin qolum tegken
We her yerdin qedimim yetken.
Isming üzüm -
Sanggilap turghan til béghimda.
Isming -perishtidur
Exlaqimni qoghdighuchi,
Kocha -koygha chiqqan chéghimda.
Isming güzel hesel herisi
Shirne yighar waqit béghimda.
Isming chiqar chiqsam munchidin,
Isming kirer kirsem yataqqa.
Uxlap qalar isming tünlerde
Mendin burun chiqip kariwatqa.
Tang atqanda
Oyghinar isming
San -sanaqsiz mamkaplardek.


(3)

Bir koza qizil yultuzni
Choqumaqta heywetlik xoraz.

Boranliq ten,
Ten üstide puruqlighan magma éghizi,
Mejnuntal chishler sayrap öz chéchini.
Kiristal: put qollarning söz yiltizi.
Warqira! qomurulsun söz yiltizi.
Sarang bol, hurra sarang! yasha sarang!
Atlarni boshitinglar tosun -tosun.
Tiqinglar neyzilerni ching paturup
Bésip kir ey qudretlik büyük qoshun!

Ten sepiri - herbiy yürüshtur
Térilerning astida we üstide.

Ayallar döliti
Atlanmaqta
Pillargha minip.
Her ikki terep yéngilgen,
Her ikki terep yenggen.
Shiddetlik qanliq jeng,
Bir jeng, toqquzi reng.
Rengler quyuni yénimizda,
Morlaydu, chishleydu , chichanglaydu
Ölüm chaqmaq chaqar qénimizda
Yéqimliq bu awazni kim anglaydu?
Tingshimanglar biljirlisa biljirlisun,
Tosimanglar néme qilsa shuni qilsun,
Toshqanlar ap'aq-ap'aq, tüki yumshaq
Puti omaq,
Échilish omaq,
Témiwatqan ter chéchekliri
Hemde bir jüp qongghuraq
Boghuzida yalqun lehengning ...

Ey, xanish
Bu sheherge kel,
Küchtünggür bir qalpaqliq palwan
Séning tentenilik tebriknamengni
Ghaljirlarche oqushqa teyyarlan'ghan.
Qollirim - yügrup yürgen jakachi,
Térilirim külümsirep turghan
Gacha ussulchi,
Nérwilirim-étiliwatqan hörmet topi.
Idiyem yatlarning tarmar bolghan qoshunidek
Eyyuhannas, ölmekte bir-birlep ...
Kéche özining heshemitini, hesritini, tarixini
Térengning astidiki qumgha yoshurun'ghan.
Qumluq échilmaqta mexpiyitingdek
Bayliqing, küch-qudriting, ghéribliqingdek
Ten özini izdewatqan,
Ten özini oyliniwatqan,
Ten rohida sükütke patqan.
Büyük hemde xarlan'ghan ten,
Igilen'gen biraq tinichlanmas ten,
Ten-tariliri tengshelgen duttar,
Hewesler chekmekte , chalmaqta
Tarqalghini jan alghur nawa.
Ten qebile aqsaqilini tizlandurmaqta,
Ten ayal périxunni pir oynatmaqta.
Ten sharab ilahining walildighan qanitini
Égiz ,süzük apqurlagha éritiwetti.
Toshti, lékin xumardin chiqmiduq,
Tügidi, biraq yene qanmiduq.

Ten kökide saqimaqta yultuzlar,
Ayallarghu kéchini awatlashturghan?
Ayallarghu kariwatlarda su sheherlerni
Qurghan, weyran qilghan, qayta qurghan.
Ten zumrettek pakiz kéchini
Güllük chitqa aylanduriwetti
Astimizgha kirlik qilip sélin'ghan,
Ter chipildap meynet qilin'ghan.
Biraq biz ebediy bulghanmaymiz
Goya ibadetxanilardek
Pakiz biz muqeddes biz.

Ey exmeqler, héchnime yoq u yerde,
Ey ichi quruqlar, ölüwatqanlar, izdewatqanlar
Biz u yerde ,
Kilip bizni söyünglar!
Ey ademler qéni közünglar?
Töge izdep mangdinglarmu tögilik,
Astinglarda tögilerning örkishi
Örkishidin uni körünglar!
Örkeshligen emcheklerning üstide
Urup-chéqip u qedimi qepesni
Süzük perwaz qiliwatqan ténimiz.
Kötürülgen emcheklerning üstide
El éhramni siylawatqan qolimiz.
Tiklenmekte qayta babil munari.
Qiya tashta yalingach resimler
Jilghilarda ingrawatqan awazi,
Su ularning üzülmes shu awazi.
Deqiqide, menggülükte éqiwatqan qénimiz,
Deqiqide, menggülükte chaqnap öchken jénimiz,
Möjiziler ghayib boldi, ghayib bolduq qéni biz?
Eng qedimki medeniyet jinis bilen ipadilen'gen.
Eng yuqiri jinsiy pelle ölüm bilen xatimilen'gen.
Bundaq axirlishishining sewebini bilmeymen,
Ey, babil dölitining puqraliri.
Bundaq kömülüshning jeryanini bilmeymen,
Ey teklimakan sheher xarabiliri.
Men goya bashqa bir zamandiki bashqa bir tuyghudiki bashqa adem
Shuning üchün chöchümektimen, ey, yalingach tam resimliri.
Ayal, téning quyashtek tebessum qilmaqta,
Ténim kiyim ichide dolqunlimaqta,
Kim u bizni öylerde we kochilarda kéchilerge mejbulawatqan?
Kim u yoshurun éngimizgha hökümran bolup,
Biz sewebsiz, ün -tinsiz gunahqa patqan?
Boldi bes, chüshendürmenglar,
Put tirep turalmaydu exlaqni hemme
Aqlash, izahlash, söküsh hemde.
Chünki biz halak bolghanlarning ewladliri,
Chünki biz shehwet topanidin qutulghanlar,
Chunki biz tarixni yutuwalghanlar ...

Angning chongqur eynikide
Ekis etken wehimilik iz.
Eyneklerning arqisida biz
Ölmektimiz, tughulmaqtimiz.

Putliring arisida
Qizil qarlighach,
Nem yalqun,
Pak néluper.
Süpsüzük mestlik
Nérwilirimda yügürüp yürer,
Ghaljirlashqan mermer tashtek
Neyzisini pulanglitip quyashtek.
Waqit illipissiman,
Qaghilar uchar
Tün qaghiliri
Issiq choqup
Mexmel perdengni.
Waqit kérilmekte,
Quduqta ay
Ay itliri
Ghajar toxtimay.
Ten ishiki échilghan
Waqit kirmekte, chiqmaqta.
Chachliringda kéche
Awazingda yultuzlar,
Tapiningdin choqqangghiche
Wiliqlighan bulaqlar
Sugharmaqta téremni.
Waqit ötmekte
Kariwat yénida.

Sanga ashiqmen ölüm igisi,
Shuning üchün natiwanliqim
Shuning üchün minnetdarliqim.
Büyüklüküm ,sirim ,barliqim
Qepestiki sudek aqmaqta,
Sanga.
Lewler lewlerge him chaplashqan,
Söngekler söngeklerni chaqnatqan.
Éqiwatimen ,köyüwatimen ,yangrawatimen
Ten axirlashqan ashu yerde sen.
Ey , ölüm igisi sen eshu yerde,
Yüzüngdin kötirilip nurluq perde,
Körüner ruxsaring ,qilimen sejde.
Sen waqitining hökümrani,
Sen alemning sultani,
Sen méning igem,
Séni körmekke péqir yoq boldi,
Ten eynikide men özüm yoq.
Mestxushluq ilkide közüm yumuldi
Séni köreligüdek méning közüm yoq.
Séni ipadileshte tilsizmen haman,
Sözler yoqulup tawushlar qalghan
Mene yoqilip jimjitliq qalghan.
Ten üstide yoqalmaqtimen,
Bashlanmaqta tarix qaytidin.
Wehiy bilen tughulmaqta din,
Ibadetxanida süküttimen
Péqir sirliq ,ulughwar waste
Tingshanglar kélip méni ademler!

Eshu yerde
Bermektimen bésharet
Tughulushtin ,ölüshtin.
Dem tartmaqta déngizing
Su astigha chökmekte ténim,
Hayatliq topan ichide.
Ashu yerde achquzdi sheytan
Ewretlirini,
Ézip ketti er -ayal bille,
Jinsiyet derixide shérin méwe.
Ashu yerde bashlan'ghan jennet
Ashu yerdin qoghlandi insan
Ashu yerde dozax halaket.
Bermektimen bésharet,
Waqit emdi bashqa bir halet
Yillar bizge xuddi deqiqe
Zaman yoqtur emdi bu yerde.
Bermektimen bésharet,
Jan alghuchi bir qara öngkür
Dem tartmaqta yéqindin bizni,
Yiraqlardin yersharimizni.
Bermektimen bésharet
Ey insaniyet!

Ten sepiri yoqluqqa seper
Alem bilen ten arisida.

Shehwétim aylanmaqta téningni
Téning aylanmaqta quyashni
Quyash aylanmaqta saman yolini,
Saman yoli yéqinlap qalghan
Alemdiki qara öngkürge.
Shehwétim örlimekte üstün'ge
Arida waste yoq biwastemen.
Shehwétim tarqalmaqta lehzilerge
Her lehzem shunche büyük ,shunche téren,
U tutashqan menggülük bilen.
Chöküp herlehzige parlimaqtimen
Ibadetxanida ,keng alemde men,
Istiqamette bu rahetlik ten,
Bihewes, tiptinch, yopyoruq.
Qutuldum shekillerdin ey igem,
Könglüm adalandi sanga toluq,
Séning kelmiking ketmekke oxshash,
Séning mewjudluqung bejayiki yoq.
Ezeldin barsen,
Hem yoruqsen ,hem qarangghuluq.
Bolghanda men qedehtek quruq
Meysen özüng kélip tolghuchi.
Turmushtiki bu kichik kallam
Parqirap turghan bir tamche su,
Ey, okyan séni sighduralmas u
Jinchiragh men lipildap turghan,
Sen chéki yoq zor qarangghuluq,
Men teltöküs öchmestin turup
Körey séni qandaqmu toluq?
Ademler arisida men tenha adem,
Lékin bille da'im sen bilen.
Sen bilen mangimen, körmes héch kishi.
Sen bilen yashaymen, sezmes héch kishi.
Yoqilimen egiship sanga.
Sözleysen yataqta, ishxanida manga
Yénimda kishiler ,ishtmes héch kishi .
Tenhaliq sanga qilghan ibaditimdur ,
Tenhaliq ikkimizning nepes élishi.
Bu yerde, bu kariwatta, bu minutta
Yalghuzmen téning yoq,
Közüng yoq,quliqing yoq, aghzing yoq,
Körisen, anglaysen, sözleysen toluq.
Méning emes bu qol,
Bu köz,
Bu qulaq,
Eslide yoq idim emdi men yoq.

Ten sepiri
Muqeddes seper
Rebbingni kör tingsha wehiyni!

Ténim kéche mehkem taqalghan,
Kökrikingdin birjüp nur oqi
Téship ötti cheksiz kéchini.

Ey, ulugh su bash-axiri yoq
Sanga chömülduq séni bilmeymiz.
Biz aq kepter jan ténimizsen
Boyun sozup séni izdeymiz.
Qesir séning kallimizdiki
Kiriwalduq özimiz biraq.
Toshup kettuq qarangghuluqqa
Ténimizde tursa bir chiragh.
Sözge sighmas sendiki mene
Dep bolghan söz ölükke hésab.
Emdi qandaq mene birermiz
Ey, tepsiri éytilghan kitab?
Sen tiriksen , menggü tiriksen
Her zaman'gha sözleysen yéngi.
Séning siring menggülük pak sir,
Biz tuyghuda ,tuyghumiz qéni?
Ich-ichimdin xushalliq ene,
Minnetdarliq ,shükri ,tentene.
Tuyghum yéngi her deqiqide
Her shey'ide yipyéngi mene.
Bu künler bu künler emes,
Bu künlerde men méning emes,
Tutqanlirim saz, nerse emes.
Barmaqlirimda yénik muzika,
Méni chalmaqta, chéliwatqan kim?
Éqip kirmekte shildirlap asta
Méni gherq qiliwatqan kim?
Ey saqi, men kötürelmidim,
Téship ketti ténim piyalem.
Közümni yumdum ,yumuldi dunya,
Közümni achtim, achti yoq adem.
Kirip kettim cheksiz lezzetke,
Balyatqugha aylandi alem ...
Peyghember ming yilgha teng bir lehzide
Kötürüldi rohi alemge.

Peyghember
Chip-chip terlimekte,
Wehiy kelmekte.

‹... Uning körünüshi chirayliq bolup
Yuqiri upuqta turdi.
Andin u asta -asta yéqinliship
Töwen'ge sanggilidi.
U ikki pachaq miqdari
Yaki uningdinmu yéqinraq yéqinlashti ...›

Peyghember
Kördi,
Axirlashti.


(4)

Patti quyash ten upuqigha
Toshti zaman qalmidi pürset.
Axiri qaytip kelduq insanlar
Ach ishikni cheklen'gen shehwet!
Héchnerside qalmidi lezzet,
Qalmidi sir yaki karamet
Niqabingni ach medeniyet!
Kochilargha patmas ademler
Öy-öylerde, aptobusta liq.
Yer yüzige sighmay sheherler
Köchti su we yer astigha ziq.
Ademler köp, adem yégane
Qilghini ish emes ghéribliq.
Adem yénip turghan bir chiragh
Püwlimekte özini biraq.
Adem bir top ademler bilen
Her bir adem özidin yiraq,
Özidiki qaghijirash peqet.
Insanlarning axirqi nuri
Yénip turar közlerdin shehwet.
Tiriklerge makan yoq bunda
Igilen'gen ölük resmiyet.
Büyük qimmet qurban qiln'ghan
Eng erzimes nersilerni dep.
Ademlerni qoyimiz nege
Ishlenmekte madda töpilep.
Neshiriyatlar esebiyleshken
Öchüwatqan kitablardin xet.
Qoghlashmaqta ölüm süriti
Ghaljirlashqan bu medeniyet.
Adem öldi qarap béqinglar
Ölmekte bir wastigha meqset,
Ölmektimiz hey insaniyet!

Mana emdi qalmidi adem
Qalghini ten we adetlinish.
Qaldi bizge erzimes turmush
Sogh, chüprende, zérikishlik ish.

Mana emdi qalmidi mene
Kettighu bu dunya chölderep.
Üstimizde asman qupquruq,
Zémin mewjut menisiz soghuq.
Mumkin emes mewjudluq ,yoqluq
Möjizisiz qalghanda alem.
Möjizidur her bir deqiqe
Bolsila bir sezgüdek adem.
Möjizisiz qalghanda alem
Ajiz, yalghuz, xudasiz adem.
Din bolmaydu, qalghini adet,
U zamanning axirlashqini
U yéqinlap qalghan qiyamet.

Aldiraymiz
Yoqtur waqtimiz.

Ey dukanchi qorquwatamsen?
Peshtaxtangda hemme mal toluq,
Seweb néme emdi waqit yoq.
Ey xéridar alding hemmini
Biraq iching turar qupquruq,
Sewebi néme? Emdi waqit yoq.

Ey muxbirlar yazdinglar toluq
Hadisini menisiz quruq,
Mahiyetchu? Emdi waqit yoq.

Ey insanlar, néme bu zémin?
Bu payansiz ibadetxana,
Bilmidinglar u kim? Bizler kim?
Istighpargha emdi waqit yoq.

Ey ulugh qatil, qorquwatamsen?
Ey ulugh ölük, qorquwatamsen?
Ölüsh shekil sen tirik ésen,
Turghin! sanga emdi waqit yoq.

Ey peylasop, chekting köp japa,
Insanlargha izdep bashpanah,
Özünggichu? Emdi waqit yoq.

Ey alimlar, qéni merhemet
Bilgininglar shunchilik peqet,
Waqit chektur, emdi waqit yoq.
Emdi
Waqit
Yoq!

★★★★★★★★

(adil tuniyazning «chümbeldiki köz» namliq shé'irlar toplimidin tewhide torgha teyyarlighan)

Menbe
Http://asrim.Cn/ShowPost.Asp?ThreadID=661


تولۇق ئوقۇش

Esir Axiridiki Oylar(4)

ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار(4)م



ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار ‹داۋامى›


ئابدۇقادىر جالالىدىن


باش قىسمى تۆۋەندىكى مەنزىلدە بار
http://ketmenbay.blogspot.com/2009/01/esir-axiridiki-oylar3.html


(5)

يىگىرمىنجى ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى ئىلغار زىيالىيلارنىڭ بوھرانغا ئۇچراش تارىخى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى مۇرەككەپ بولۇپ، كۆپ خىل ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زىيالىيلار قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى، تەلىم - تەربىيە ۋە ئىدېئولوگىيە قوبۇل قىلىشتىكى مەنبەنىڭ ئوخشىماسلىقى، خەلقنىڭ ئۇلارنى ئۆز ۋاقتىدا چۈشەنمەسلىكى... مانا بۇلار كونكرېت مەسىلىلەر بولۇپ، ئۇلارنى بىرمۇ بىر يېشىپ چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر تېما. بۇ تېما يېتەرلىك ئەمەلىي ماتېرىيال، كۆپ قىرلىق مۇلاھىزە مېتودىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز پەقەت يۇقىرىقى تارىخىي سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزى ئاجىزلىقلار ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىمىز.
جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى زىيالىيلار پاجىئەسى بىر قىسىم تارىخىي رومان، قىسسە ۋە تەرجىمھاللىرىمىزدا مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتى. ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان يېغىلىقلار، قوزغىڭلار ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلەر زىيالىيلارنى يېتۈشتۈرىدىغان مۇھىتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويمىدى، شۇنداقلا بار بولغان ئازغىنا زىيالىيلارنى ئامان قويمىدى. ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، مەمتىلى ئەپەندى، قۇتلۇق شەۋقىي، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىق باھادىر ئوغلانلار ئەينى دەۋردىكى خەلقنىڭ جاھالەتتىن قۇتۇلۇش كۈرىشىنىڭ يارقىن سەمەرىلىرىدۇر. بۇ سەمەرىلەر يەنە ئۆزىگە ئوخشاش سانسىز ئەزىمەتلەر پەيدا قىلغان جەڭگىۋار مۇھىتنىڭ نامايەندىلىرى بولۇپ، بەئەينى ھەربىر جۈملىسىدىن ئىسسىق قاننىڭ تەپتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئۇسلۇبى جۇشقۇن، ھەيۋەتلىك نۇتۇقنىڭ باش ماۋزۇلىرىغا ئوخشايدۇ.
مەردلىك جۇشقۇن ۋە ئېگىلمەس بولىدۇ، نامەردلىك ئەۋرىشىم ۋە يېپىشقاق بولىدۇ. سىياسەت مەردلىكنى يېپىنچا، نامەردلىكنى ماھىيەت قىلىدۇ. بۇ ماھىيەت سان - ساناقسىز ئاچچىق ساۋاق، تەجرىبە، نەيرەڭۋازلىقنى كەسىپ قىلغان ئەقىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىياسەت ئىبلىسقا ئوخشايدۇكى، ئۇ، ئىنسان تەبىئىتىگە مۇرەسسە قىلىش ۋە ئۇنى ئاستا ئۆزىگە مايىل قىلىش يولى بىلەن كىشىلەرنى رام قىلىدۇ، ئۇلارنى ئۆزى كۆزلىگەن مەنزىلگە تۇيدۇرماي باشلايدۇ. ھەقىقەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىنقىلاب ئىبادەتكە ئوخشايدۇكى، ئىبلىسنىڭ ھۈنىرىدىن خەۋىرى بولمىغان ئادەم شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، نەتىجىدە، ئىبادىتى ئىبادەت بولمايدۇ، نۇسرەت تاپالمايدۇ. خوجىنىياز ھاجى، تۆمۈر خەلپىلەر ئالغان تەھەرەتلىرى ھالال بولسىمۇ، شەيتاننىڭ ھۈنىرىدىن تولۇق خەۋەردا بولمىغاچقا، تەرەت ئۇزۇنغا بارماي سۇنغان. بىزنىڭ تارىخىمىز بۇنداق مىساللارغا تولىمۇ باي. شۇڭلاشقا «قەھرىمانلار ئوق يېگەن، ئەۋلادلىرى پوق يېگەن».
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، باشتا ئېيتىلغاندەك گۈللىنىشنىڭ تىنچلىقتىن ئىبارەت ئاساسى تىكلەندى. بىراق «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» يەنە بىر قوشۇن زىيالىيلارنى خەلقتىن ئايرىۋەتتى. بۇ تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئۈزۈكچىلىك بىز بېسىپ ئۆتكەن شانلىق 20 يىل ئىچىدە ئۆزىنى كۆرسەتمەي قالمىدى.
1930- ۋە 1950 - يىللارنىڭ ئالدى - كەينىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان زىيالىيلارنىڭ تولىسى ئارىمىزدا يوق، بارلىرى ياشىنىپ قالدى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ تۈركۈمدىكى زىيالىيلارنىڭ پائالىيەتچانلىق رولى ئاساسەن ئاخىرلاشتى. ھازىرقى نۇقتىلىق ئىجتىمائىي قاتلاملاردا رول ئويناۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا تەربىيىلەنگەن. ئۇلار ئۆگەنگەن دەرسلىكلەر رۇسچە ئىدى ياكى رۇسلار ئەندىزىسىدىكى مىللىيچە كىتابلار ئىدى. ئەمما يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى كوممۇنىزم مەپكۇرىسىنى بىۋاسىتە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈستقۇرۇلمىسىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا قوبۇل قىلىشقان. پەن - تېخنىكىنىڭ سۈنىي ھەمراھ ۋە ئاتوم بومبىسى كەبىي مۆجىزىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىن كەلگەن قايىللىق ئارقىسىدا سىڭگەن ئاتېئىزم روھى ئۇلارنىڭ ئوبيېكتىپ خىزمەتلەرنى بېجىرىشىدىكى يېتەكچى ئىدى. ئەمما ئۇلار خىزمەت ئىشلىگەن مۇھىت مەنىۋى جەھەتتىن قانداق ئىدى؟
ئۇلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئۇلارنىڭ چوڭ بولغان مۇھىتى مۇسۇلمانلار مۇھىتى، ئۇلاردا بۇ خىل مۇھىتنىڭ مەلۇم تەسىرى بار. ئۇلار ئالىي مائارىپ ھاياتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۆز خەلقى ئارىسىدا خىزمەت قىلدى. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ كادىرلار قوبۇل قىلغان ئىدىيە يەرلىك خەلقنىڭ ئەنەنىۋى ئىدىيىسىگە نىسبەتەن يېڭى ۋە ئۆزگىچە بولغاچقا، كادىرلار بىلەن خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا بەزى پەرقلەر مەۋجۇت بولدى - دە، كادىرلار بىلەن خەلق ئاممىسى گويا ئىككى سىنىپ كىشىلىرىدەك بولۇپ قېلىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كادىرلار ماددىي تۇرمۇش شەكلى جەھەتتىن رۇسلاردىكى ياۋروپاچە يوسۇننى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرگەن بولۇپ، مىللىي تۇرمۇشنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىگە ئالاھىدە بىلىنىدىغان بىر قىسىم رەڭلەرنى قوشتى (بۇ، چېكىش، ئىچىش، كىيىش، ئەدەبىيات - سەنەت جەھەتلەردە كۆرۈلدى). بۇنداق ئەھۋاللار يالغۇز بىزدىلا كۆرۈلگەن ئەھۋال ئەمەس،
تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇنداق ئەھۋاللار پېتىر دەۋرىدىكى رۇسىيىدىمۇ كۆرۈلگەنىكەن. پېتىر غەربىي ياۋروپالىشىشنى يولغا قويغاندىن كېيىن، رۇسىيىنى غەربىي ياۋروپا ئەندىزىسىگە ئۈندەيدىغان زىيالىيلار قوشۇنى بارلىققا كەلگەن. بۇ زىيالىيلار 19 - ئەسىردە غەربىي ياۋروپاغا ئۆزلىرى خالاپ كۆچمەن بولغان ياكى سىياسىي پاناھلىق ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن بىر تۈركۈم كىشىلەر ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. ئۇلار غەربىي ياۋروپا ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغانلار بولۇپ، غەربىي ياۋروپا ئاڭ فورمىسى ئارقىلىق رۇسىيىنى قۇتقۇزۇشنى ئويلاشقان. بىراق بۇ، خەلق بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ بىر ئارىلىقنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان. «خەلقنى يىلتىز دېسەك، زىيالىيلار ئاشۇ يىلتىزدىن ئېچىلغان چېچەك. زىيالىيلاردا شۇنداق بىر كېسەل باركى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئادەتتىكى خەلققە ئوخشىمايمىز، دەپ قاراپ ئەتەي پەرق كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدۇ» (ياپونىيىنىڭ خەلقارا جامائەت ئەربابى چىتيەن دازونىڭ سۆزى). بۇنداق ئەھۋال ئەلۋەتتە ساغلام بولمىغان ئەھۋالدۇر. ئۇنداق بولغاندا خەلق ئۆزىگە راستتىن نەپ كەلتۈرىدىغان تەربىيىدىن مەھرۇم قالىدۇ. زىيالىي ئۆزى بىلەن خەلققە ئورتاق ۋە ئومۇمىي بولغان مەسىلىلەرگە جاۋاب تاپالمايدۇ.
ماركسىزم مىللىي مەسىلىلەرنى ئالاھىدە دىققەت بىلەن تەتقىق قىلىدۇ. چۈنكى مىللەت دېگەن ئۇقۇم ئابستراكت بولغان بىلەن، مىللەتنىڭ ئۆزى كونكرېت بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى كونكرېتلىق زېمىن، تىل، دىن، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، ھوقۇق قاتارلىق بىر تالاي مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئوبيېكتىۋىزملىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بىلىش ئۆز ئوبيېكتىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردىن تارتىپ ئەڭ كىچىك مەسىلىلەرگە قەدەر ھەممە نەرسىنى سەمىمىي نەزەرگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا مىللەتتىكى يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەر ئېنىق ئەكس ئەتكەن ۋە ھۆرمەت قىلىنغان. قانۇن ئاساسىي خىزمەتلەردىكى ئىلمىيلىك ۋە ئۈنۈمنىڭ كاپالىتى. زىيالىيلار ۋە كادىرلار (ئەسلىدە بۇ ئىككى ئۇقۇم بىر گەۋدە) ئەمەلىي خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىلمىيلىكتىن كەلگەن مۇشۇ پرىنسىپنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى زىيالىيلار كوممۇنىزم ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلەنگەن، بىراق بۇلارنىڭ ئىلگىرىكىسى بىلەن ئوخشاشمايدىغان يېرى، بۇلار كوممۇنىزم تەربىيىسىنى پروفېسسور ئەپەندىلەرنىڭ دەرسلىكلىرىدىن ئالغان، ماركسىزم كلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى بىۋاسىتە، تولۇقى بىلەن ئوقۇغانلار ئاز. ماركس، ئېنگېلسلارنىڭ ئەسەرلىرى 50 تومدىن ئاشىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ كېتىش مۇمكىن بولمىغاندىمۇ، ماركسىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى تولۇق ئۆگىنىش، ماركسىزمنى يېتەكچى قىلغان دۆلەتنىڭ كادىرلىرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. دېمەك، بۇلار يا ماركسىزمنى تۈزۈك بىلمەيدۇ، يا ئۆز خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادىتىنى تولۇق بىلمەيدۇ. ماركسنىڭ ئالدىغا بارسا ماركسقا يارىمايدىغان، خەلقنىڭ ئالدىغا بارسا خەلقىگە يارىمايدىغان بىر قىسىم زىيالىيلار پارتىيە سىياسىتىنىڭ ئىجرا بولۇشىدىكى توسالغۇلاردۇر. دۇنيادا بىرەر نەرسىگە پۈتۈن بولالماي، ھەممە نەرسىدە چالا بولۇپ قېلىشتىنمۇ ئارتۇق خەۋپ يوق.
مەدەنىيەت ماددىي ۋە مەنىۋى بولىدۇ. بۇلاردىن بىرى راۋاج تاپماي قالىدىكەن، مەدەنىيەت پالەچ نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىزدىكى مەدەنىيەتنىڭ مەنىۋىلىكى دۇنيا قاراش ياكى ئاڭ فورمىسى شەكلىدە باش كۆتەردىيۇ، ئەمما تەبىئەت دۇنياسىدىكى قانۇنىيەتلەرنى بىلىش ئاساسىدىكى يېڭىلاشتىن قۇرۇق قالغاچقا، جەمىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان رولى ئىشقا ئاشمىدى. بىزدىكى زىيالىيلار قاتلىمى يالاڭ قاتلام، زىيالىيلار ئاساسەن ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىن ئورۇن ئالغان. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان، ئىچكى - تاشقى ئالەمنىڭ قانۇنىيىتىنى ئاچىدىغان، بۇ ئارقىلىق ماددىي گۈللىنىشنى يارىتىدىغان پەن - تېخنىكا خادىملىرى بىزدە يوق دېيەرلىك. بار بولغاندىمۇ يەرلىك مەنىۋى ئاتموسفېرانىڭ شاللىشىغا ئۇچراپ تەرەققىي قىلالمىدى ياكى باشقا رايونلارغا ئېقىپ كەتتى. دۇنيا قاراش ياكى ئاڭ فورمىسى ئىجتىمائىي بولىدۇ، ئۇ، بىر خىل تۈزۈمدىكى جەمىيەتكە ماس كەلگەن بىلەن يەنە بىر خىل تۈزۈمدىكى جەمىيەتكە ماس كەلمەيدۇ. دېمەك، دۇنيا قاراش مەلۇم بىر جەمىيەتكە خۇسۇسىي بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئەدەبىي ئەسەرلەر، ھەيكەللەر كەبىي مەدەنىي شەكىللەر ئەنە شۇ جەمىيەتكە رول ئويناش بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇ مەدەنىي شەكىللەرنىڭ ياراتقۇچىلىرىمۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىستىخىيىلىك رەۋىشتە قايرىپ قويۇپ دۇنيا قاراشقا بېقىنىدۇ.
ئادەم ئۆز دۇنيا قارىشىنىڭ خوجايىنى بولۇش كېرەكمۇ؟
ياكى قۇلى بولۇشى كېرەكمۇ؟
كىشىلەر قۇلى بولۇشى كېرەك، دەپ جاۋاب بەرمىسە كېرەك.
بىراق ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى قۇللار ئۆزىنىڭ قۇل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىگەن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدا قۇل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش مەۋجۇت بولمايدۇ. مۇئەييەن دۇنيا قاراشنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان ئادەمدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيىسىنى ئازاد قىلىدىغان مەدەنىيەت بارلىققا كېلەمدۇ؟
ماركسىزم قائىدىلىرى بويىچە ئېيتقاندا، ئاڭ فورمىسى ئۈستقۇرۇلمىغا كىرىدۇ. گەرچە ئۇ بازىسقا قارىتا پائالىيەتچانلىق رولىنى ئوينىسىمۇ، بەرىبىر بازىسنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ. بۇ چەكلىمە دۇنيا قاراشنى بارا - بارا بازىسقا پاسسىپ ئىنكاس قايتۇرىدىغان زەئىپ نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.
ئەدەبىيات - سەنئەتچۇ؟
ماركسىزم ئەدەبىيات - سەنەتنى بازىس بىلەن ئۈستقۇرۇلما ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان ئارىچى ۋاسىتە دەپ چۈشەندۈرىدۇ. مەلۇمكى، بۇ يەردە ئەدەبىيات - سەنەت پەقەت ۋاسىتىدىنلا ئىبارەت ئىدى. ئەگەر ئەدەبىيات - سەنەت ئاڭ شەكلىگە ئوخشاش مۇتلەق بېقىنما بولۇپ قالغان بولسا، مۇقەررەر ھالدا ئۈستقۇرۇلما ھېسابلانغان بولاتتى. ئەدەبىيات - سەنەت مۇنداق زىددىيەتكە ئىگە: ئەگەر ئۇ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە زىيادە ئارىلىشىپ كەتسە، ئۆزىنىڭ ئېستېتىك ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئەگەر ئۇ ساپ ئېستېتىك دۇنيانى ھەددىدىن زىيادە قوغلىشىپ جەمىيەت ھاياتىدىن مۇتلەق قول ئۈزسە، ئىنساننىڭ رېئال تەقدىرىدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ. ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغۇچى كونكرېت جەمىيەتكە تەۋە ئىنساندىن ئىبارەت بولغاچقا، ئىنسانىيەتكە دائىر بىرەر مەسۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماي قالمايدۇ.
بۇ خىل روھ دوستويېۋىسكىنىڭ مۇنۇ سۆزىدە يارقىن ئەكس ئەتكەن: «ئەي ئىنسان، ساڭا تەزىم قىلىۋاتقىنىم يوق، بەلكى ئىنسانىيەت تارتىۋاتقان بارلىق ئازاب - ئوقۇبەتلەرگە تەزىم قىلىۋاتىمەن».
بىزدە زىيالىيلار كۆپرەك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىگە، بولۇپمۇ ئەدەبىيات - سەنەت ساھەسىگە توپلاشقان. دەرۋەقە، بۇلار خەلقىمىزنىڭ بايلىقلىرى. ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ، ئىمكانىيىتى يەتكەن دائىرىدە تەربىيىلەپ كەلدى، ئۇلارنى ياخشى ئىشقا، ئىجاد ۋە مېھنەت بىلەن مەغرۇر ياشاشقا ئۈندەپ كەلدى. بىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنەت ۋە مائارىپ سىستېمىمىزدىكى بەزى كىشىلەر شۇ قەدەر ساددىكى، ئۇلار ئەدەبىيات - سەنەت ئەسەرلىرى خەلقنى، جەمىيەتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، دەپ ئىشىنىدۇ. بۇ خىل ئىشەنچ نورماللىق دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويدى، تالاپەتكە ئۇچراتتى. ئەدەبىيات - سەنەتنىڭ ئىنسانىيەت بىلەن بولغان بۇرچكارلىق ئالاقىسىنى چۈشىنىش بىلەن ئۇنىڭغا ئىشىنىش ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار. چۈشىنىش نورماللىققا ياتىدۇ، تەشەببۇسكارلىقنى يوقىتىپ قويۇش بەدىلىگە كەلگەن ئىشىنىش بولسا، ئاپتورنىڭ سۇبيېكتىپ ئەركىنلىكىدە بەرق ئۇرىدىغان ئىنسانىي چىنلىقنى يوقىتىدۇ.
ئەدەبىيات - سەنەت ئىنساننىڭ گۈزەللىككە مايىل ئىنتىلىشلىرىنىڭ سىرتلىشىشى ياكى كونكرېت بەلگىلەر بىلەن ماددىلىشىشى. گۈزەللىك ھېسسىي ۋە خۇسۇسىي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىنساننىڭ ئەڭ پىنھان ئىستەكلىرىگە تۇتىشىپ كېتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇ، ھېسسىياتنى مەنبە قىلىپ، ھېسسىياتقا تەسىر قىلىدۇ. ھېسسىيات كۈچلۈك روھىي ئېنېرگىيە سۈپىتىدە يالت قىلىپ چاقنايدۇ - دە، ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق چاقناش دىتى نازۇك كىشىلەرگە كۆپرەك مەنسۇپ بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئەدەبىيات - سەنەت ئەسەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ئويغىنىش ھاياجاننى ئالامەت قىلغان ھېسسىي ئويغىنىش بولۇپ، ئۇ، ئەقلىي ئويغىنىشتەك تۇرغۇن، مۇقىم ۋە ئەمەلىي بولمايدۇ. گەرچە ئۇ خىل ئويغىنىش ئىنساندىكى سېزىمنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى يۈكسەك دەرىجىدە نامايان قىلسىمۇ، بەرىبىر جەمىيەت ھاياتىدىكى رېئال مەسىلىلەرگە قويۇلغان ئىلمىي دىئاگنوز بولالمايدۇ.
ئەدەبىيات - سەنەتنى ياخشى كۆرۈش ئىنساندىكى تۇغما ئىقتىدار. ئىنسانىيەتنىڭ يىراق ئۆتمۈش دەۋرلىرىدىمۇ بىزنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان ئەسەرلەر يارىتىلغان. ھەتتا شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، بۈگۈنكى ئەدەبىيات - سەنەت ئەسەرلىرى يىراق ئۆتمۈشتىكى ئەدەبىيات - سەنەت ئەسەرلىرىدەك تەسىر كۈچكە ئىگە بولغىنى يوق. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەدەبىيات - سەنەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى سۈپەت ئۆلچىمى خېلى بۇرۇنلا يېتىلىپ بولغان. ئەدەبىيات - سەنەتنىڭ راۋاجىنى ئۆلچەيدىغان ئەمدىكى ئۆلچەم ئەنە شۇ سۈپەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە قانات يېيىپ، پۇقرالارنىڭ مەنىۋى ئىستېمال ئادىتىگە ئايلىنىشىدۇر. سۈپەت يۇقىرى سان ۋە كۆلەم ھالىتىگە كۆچتىمۇ - يوق، دېگەن مەسىلە ئەدەبىيات - سەنەت پائالىيىتىدىكى ئەركىنلىك مۇھىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئويلىغاندا، ئەدەبىيات - سەنەت ئىنسانىيەتتىكى قىشلاققا خاس تەبىئەتتىن تۇغۇلىدۇ.
شۇڭلاشقا، چارۋىچى ۋە دېھقان مىللەتلەرنىڭ مىجەزى سەنەتكە مايىل كېلىدۇ. يايلاقلاردا داستان ئېيتىش ئەنەنىسى ئۈزۈلۈپ قالمىغان بولىدۇ. مىللىي ئۆرپ - ئادەت ئاشۇ مىللەتنىڭ ھاياتىدا تۈزۈم شەكلىدە رول ئوينايدۇ. يېزىلاردا بولسا توي - تۆكۈن، بەزمە - مەشرەپلەر مىللەت ھاياتىنىڭ تىپىك ئىجتىمائىي كۆرۈنۈشلىرى سۈپىتىدە كۆزگە تاشلىنىدۇ. قائىدە - يوسۇنلار پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ جەمىيەت پۈتۈنلۈكىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان چېتىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. ھەيران قېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، دېھقان مىللەتنىڭ زىيالىيسىمۇ ئالدىراشلىق ۋە مۇرەككەپ زىددىيەت بىلەن تولغان شەھەر تۇرمۇشىدا تۇرۇپمۇ ئەنە شۇ ئېتنوگرافىيىلىك چەمبەرگە مەھكۇم بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ يەنىلا ئىجتىمائىي نەيرەڭلەردىن خالىي ھالدىكى سەنەت تىپلىق پسىخىكا، لېكىن بۇ پسىخىكا شەھەردە بولىدىغان مەككارلىق ئادەتلىرى بىلەن چاڭلىشىپ سۈزۈكلۈكىنى يوقاتقان بولىدۇ. شائىر مىللەتنىڭ ياتلاشقان شائىر پەرزەنتلىرى بەئەينى ئۇرۇقى بۇزۇلغان قوغۇندەك ئەجدادلىرىغا تۈزۈك ئوخشىمايدىغان ياكى يېڭى سورتقا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەلمەيدىغان غەلىتە قىياپەتتە بولىدۇ.
مانا ھازىر دەبدەبىلىك قەسىدىلەر، مۇڭلۇق لىرىكىلار، دىيانەت، نادامەت ئىدىيىلىرى بىلەن تولغان پروزىلار، بىر - بىرىگە تاپا قىلىشىدىغان ماقالىلەر يېزىلىپ تۇرىدۇ. ئېكرانلاردا نەپىس ئۇسسۇللار، يەتتە ئىقلىمنىڭ ئارىلاشما ناخشىلىرى دىققەتنى مالىمان قىلىپ تۇرىدۇ. خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ئىستېمالى يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە پەندىنامە سۆزلەيدىغان ناخشىلارنى، ئەۋرىشىم ئۇسسۇللارنى ئالاھىدە بازارغا ئىگە قىلغانكى، لوپا ئەينەك بىلەن قەدىمكى يېزىقلارنى مىڭ بىر جاپادا ئوقۇپ، تەقدىرنىڭ رايىغا يېشىم ئىزدەۋاتقان ئالىملار ماددىي، مەنىۋى قەرزدارلىقنىڭ كوچىسىدا يۈرمەكتە. ئالىملارنىڭ ئەقلى، نۇتۇقلىرى، يازغان كىتابلىرى ئەنە شۇ ئالىملارنى نورمال ياشىغۇدەك ماددىي شارائىتقا ئىگە قىلالمىدى. بايرام ۋە ئايەملەردىكى لاتاپەتلىك ئاشۇ قىستۇرمىلار بۈگۈنكى ئەقىل - پاراسەت دەرىجىمىزنىڭ رېئال ئورنىغا ۋەكىللىك قىلدى، بىزنىڭ ئىجادكار روھىمىز پەقەت ئەنە شۇ تەرزدىلا ئەكس ئەتتى ۋە جارى بولدى. گەرچە سەنەتچىلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى تاپاۋىتى مەدەنىيەتىڭ باشقا قاتلاملىرىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق ئۇ تەرەققىي قىلغان باشقا رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كۆپ تۆۋەن. پەن - تېخنىكىدىكى تۆۋەن ساپا تۆۋەن ئىقتىسادىي مۇھىتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
خەلقىمىز ئەنەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىگە ئىنتايىن باي خەلق، چەۋەندازلىق، نەيزىۋازلىق، كاماندازلىق، ئاتقا مىنىپ تۇرۇپ ئوينايدىغان چەۋگەن توپ ئويۇنى، بۇقا بىلەن چېلىشىش، چېلىشىش، ئوغلاق تارتىشىش، جانبازلىق، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، خوراز سوقۇشتۇرۇش... كەبىي خاراكتېر تاۋلايدىغان، جاسارەت، رىقابەت، تەشكىلچانلىق، تەرتىپ - ئىنتىزام، ئۇيۇشقاقلىق كەلتۈرىدىغان مەدەنىي شەكىللەر يوقاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىنى كىشىنىڭ خاراكتېرىنى يۇمشىتىدىغان، نازۇك، رايىش قىلىپ قويىدىغان، تەقدىرنىڭ سوئاللىرىغا پەرىشان - مۇڭ بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۆگىتىدىغان مەدەنىي شەكىللەر ئىگىلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شۇ قەدەر غۇرۇرسىز سەنەتكى، ئۇ، بۇتتەك ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان، ھاياجانلىنىش، چاۋاك چېلىش، ئىنكاس دېگەنلەرنى بىلمەيدىغان، خۇددى يوق تاماشىبىنلار ئالدىدىمۇ غەمزە قىلىشقا تەييار بۇ ھالەت ئوردا مەھرەملىرىنىڭ سالاپەتلىك، كىبىرلىك ھالىتىنى ئەسلىتىدۇ. بىزنىڭ سەنەتكارلىرىمىزدا غۇرۇر بولۇشى، ئۆز خەلقىنىڭ سەنەت تارىخىغا ئەقىدە بولۇشى، سەنەتنى خورلىماسلىقى كېرەك. ئۇلاردا ئابرۇي - ئىناۋەت كۆز قارىشى بولۇشى كېرەك. مېنىڭچە، غۇرۇرى يوق سەنەت ئىگىلىرىنىڭ سانى مىليونغا يېتىپ، كۈنىگە نەچچە قېتىم ئويۇن كۆرسەتسىمۇ، خەلقىمىزنىڭ ساپاسى ھازىرقىدەك تۇرۇۋېرىدۇ.
ئەدەبىياتىمىزنى ئالساق، بىزدە مەلۇم مىقداردىكى ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىنى يېتەرلىك ئىجتىمائىي سەزگۈرلۈك، مول مەدەنىي قاتلام، يۈكسەك نەزەرىيىۋى پەللە نۇقتىسىدىن تەھلىل، تەتقىق قىلىدىغان قوشۇن تېخى يېتىلمىدى، بۇ پەقەت بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئىشى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر قانچە ئادەمدىكى نەزەرىيىۋى رامكا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى زېمىنىدا يېتىلگەن رامكا بولماستىن، 19 - ئەسىر ۋە 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى رۇس ئەدەبىياتى، جۇڭگونىڭ «4 - ماي» دەۋرىدىن كېيىنكى ئەدەبىياتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن نەزەرىيە. بۇ نەزەرىيە ئەنەنە، ئېتىقاد، ئېستېتىك دىت جەھەتتە تامامەن ئۆزگىچە بولغان مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنى باھالايدىغان ئۆلچەمگە ئايلاندى. دېمەك، بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۇيغۇرنىڭ كۆزى بىلەن ئەمەس، بەلكى رۇسلارنىڭ كۆزى بىلەن كۆزەتتۇق. بۇ پەقەت بىزدىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىيات زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك سادىر بولدى. بىر مىللەتتە مۇستەقىل نەزەرىيىۋى سىستېمىنىڭ بارلىققا كېلىشى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتىكى ھاياتىي كۈچىنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ سىستېما تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەننىڭ ماس قەدەملىك گۈللىنىشىدىن كېلىپ چىققان ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشىدىن ھايات تاپىدۇ. ۋەھالەنكى، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ زىيالىيلىرى تەتقىقاتچى بولماستىن، پەقەت ئۈستقۇرۇلما قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار يېڭى تارىخىي دەۋردە يېڭى ئۈستقۇرۇلمىنى يەرلىك خەلققە يەتكۈزىدىغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى.
زىيالىيلار قاتلىمىمىزنىڭ ئىچىدە تارىخچىلارمۇ سالماق ئورۇن تۇتىدۇ. قايسىدۇر بىر يازغۇچىنىڭ "تارىخ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تەجرىبىلەر مەجمۇئەسى" دېگىنى يادىمدا تۇرۇپتۇ. بۇ تەجرىبە ئەۋلادلارغا توغرا ھايات پروگراممىسى تۈزۈش، توغرا يۆنىلىش بەلگىلەش جەھەتتە ماياك رولىنى ئوينايدۇ. بىراق تارىخ ئاختۇرۇش، تارىخ يېزىش تولىمۇ زىل مەسىلە. تارىخچىلار ھامان فېئودال خانلارنىڭ رايى بويىچە بۇرمىلانغان دۆۋە - دۆۋە ماتېرىياللار ئىچىدىن ھەقىقەتنىڭ پارچە - پارچە سۆڭەكلىرىنى ئىزدەيدۇ ۋە بۇ سۆڭەكلەرنى بىر يەرگە كەلتۈرۈپ، ھەقىقەتنىڭ ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ. بىراق بەزى سۆڭەكلەر چىرىپ يوقاپ كەتكەن بولىدۇ، تارىخچى مانا مۇشۇ تراگېدىيىنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن ۋاقىت تۈنەيدۇ. بەلكىم فرانسىيە مۇتەپەككۇرى ۋولتېرنىڭ: «تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ» دېگەن سۆزى مۇشۇ مەنىدە ئېيتىلغان بولسا كېرەك.
بۈگۈنىگە ئىگە بولالمىغان خەلق ئۆتمۈشتىن تەسەللى ئىزدەيدۇ، بۇنداق خەلقنىڭ تارىخچىلىرىمۇ كەلگۈسىنى يېزىشنىڭمۇ تارىخ بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيدۇ.
ف.نېتزى تارىخنىڭ تىرىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن:
«تارىخ تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن ياد ئېتىش، ئىززەت - ھۆرمەتتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلار ئۈچۈن قوغداش، ئازابلىنىۋاتقانلار ئۈچۈن تەنقىد» (ف. نېتزى: «تارىخنىڭ پايدا - زىيىنى»، سودا نەشرىياتى 1998 - يىل 10 - ئاي نەشرى).
جۇڭگودا زىيالىي كادىر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىمتىھانلاردا كەسپىي سىناقلارغا دۇچ كېلىش بىلەن بىرگە سىياسىي سىناقلارغىمۇ دۇچ كېلىدۇ. بەلكى سىياسىي سىناق ھەممىدىن مۇھىم ئۆتكەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىر زىيالىي كەسپىي ساپا ئىگىسى بولۇشتىن ئاۋۋال سىياسىينى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاڭ فورمىلىرىنى بىلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان ئاڭ فورمىلىرىنى بىلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلاردا مۇتەخەسسىسلىشىش دولقۇنى پەيدا بولدى. ئەمما نىسبەتەن بېكىك، ئىقتىساد دېگەندەك تەرەققىي قىلمىغان، تېخى سولچىللىقنىڭ ئاسارىتىدىن تولۇق قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن رايونلاردا بولسا باشتىكى تەلەپ يەنىلا كۈچكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە قاتتىق تەكىتلىنىدۇ. تۇراقلىق مائاش تۈزۈمى يۇقىرىقىلار بىلەن بىرلەشكەن ھالدا زىيالىيلارنىڭ مەنپەئەتدارلىق تۇيغۇسىنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ قويدى. ئۇلارنىڭ پىكىر - خىيالى مائاشتا، مائاشىنى زىيان - زەخمەتكە ئۇچراتماسلىقتا بولدى. يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە مائاشقا قاتتىق يېپىشتۇرۇلغان كونترول سىستېمىسى كىشىلەردە باشقۇرۇپ تۇرمىسا بولمايدىغان خىزمەت ئۇسۇلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇلاردىكى ئاڭ ئاشۇ خىل يېپىق، تار مۇھىتنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا تاپشۇرۇلغان ئىشخانا ۋە ئىدارىلەر ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندى. ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بارلىق جانلىقلارغا خاس پائالىيەت بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئادەمگە خاس بىردىنبىر ئىقتىدار ئەمەس. ئەمما بۇ ئىقتىدار نەزەر دائىرىسى تار ئادەمنىڭ قەلبىدە خۇسۇمەتچىلىك، ناتوغرا زىددىيەت ئۆسمىلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئەتراپقا تېزلا يۇقىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ياشاش تەرزىنى ھايات ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىگە كۆرە بەلگىلەيدۇ.
ئاڭ ناھايىتى كەڭ ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ھايات، بارلىق، ئىنسان ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر، دۇنيانىڭ ھاياتلىقتىن ئىلگىرىكى ھالىتى، ئۇنىڭ ھاياتلىق بىلەن بولغان ئالاقىلىرى، بۇ ئالاقىلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىشلىرىگە ئائىت ئىزدىنىشلەر ئاڭنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما پەننىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئىنچىكىلەشتى، بۇ ھال ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدىمۇ كۆرۈلدى. نەتىجىدە، قۇرتنى تەتقىق قىلغۇچىلار قۇرتقا ئايلىنىپ كېتىدىغان، جەمىيەتنى تەتقىق قىلغۇچىلار قەغەز دۆۋىلىرى ئىچىدە ھەسەنشېرىككە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى. زىيالىيلار بىلەن ئاددىي قاتلاملاردىكى خەلقنىڭ ئارىلىقى يىراقلاپ كەتتى. كۆپلىگەن زىيالىيلار پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ يۈرەكزادە بولۇپ كېتىدىغان، ئۆزى ئۈچۈن كىتاب يېزىپ، ئۆزى ئۈچۈن ئۇنۋان ئالىدىغان، بالىسى قىزىپ قالسا يېرىم كېچىدە دوختۇرخانىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاسما ئوكۇل سالدۇرىدىغان، تېلېۋىزوردىن باشقىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ يىتۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆزىنى مىت قىلماي ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان شەخسىيەتچىلەرگە ئايلىنىپ كەتتى.

زىيالىي دېگەن نېمە؟
بۇنىڭغا فرانسىيىنىڭ بۈگۈنكى زامان مۇتەپەككۇرى ليۇتارد مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «زىيالىيلار ئۆزىنى، ئىنسان، ئىنسانىيەت، مىللەت، خەلق، پرولېتارىيات، جانلىقلار ۋە باشقا مەۋجۇدىيەتنىڭ ئۆزىنى قويۇپ تۇرۇپ پىكىر قىلىدىغان مۇتەپەككۇرلارغا ئوخشايدۇ» (ليۇتارد: «كېيىنكى زامانىۋىلىق ۋە گۇۋاھلىق ئويۇنى»، شاڭخەي خەلق نەشرىياتى 1997 - يىل 1 - ئاي نەشرى). بۇ جاۋاب ھەر خىل تۈزۈمدىكى جەمىيەتلەرنى تەڭ كۆزدە تۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، زىيالىي دېگەن گەپ ئۆزىنى باشقىلار بىلەن تەقدىرداش دەپ تونۇغۇچى دېگەن مەنىدىن دېرەك بېرىدۇ. ماددىي ۋە مەنىۋى پاراۋانلىقتا ياشاۋاتقان بىر ئەرباب يەنىلا زىيالىيلارغا قويۇق ئادەمگەرچىلىك پۇراپ تۇرىدىغان تەلەپنى قويۇۋاتىدۇ.
بۇنىڭغا باققاندا، بىز قانداق تەلەپنى قويۇشىمىز كېرەك؟

يىلان ئادەملەر ۋىجىلداپ كۆيۈۋاتقان دوزاخ ئوتىغا تەمەچ توشۇپ تەمەچ تاشلايدىكەن، قارلىغاچ شىددەتلىك دوزاخ ئوتىنى ئۆچۈرىمەن دەپ ئاغزىدا سۇ توشۇپ چاچىدىكەن.
«ئەي قارلىغاچ، تامچە - تامچە سۇ بىلەن بۇ ئوتنى قانداقمۇ ئۆچۈرەلەيسەن؟» دەپ سورالغاندا،
قارلىغاچ: «ئىنساننىڭ ئازابىنى چۈشىنىش مېنىڭ ئەقىدەم، قانداق بولمىسۇن، ئۆز ئەقىدەم يولىدىكى ھەرىكىتىمدىن زىيادە لەززەت تاپىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

جەمىيەت نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، يىلان بىلەن قارلىغاچنىڭ كۈرىشى ھېلىمۇ مەۋجۇت. تەبىئەت نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، يىلان بىلەن قارلىغاچنىڭ ھەر ئىككىسىلا يارالمىش مەخلۇق. ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئادالەت ئەنە شۇنداق پاجىئەلىك دەقىقىلەردە تۇغۇلۇپ ئۆسىدۇ. دەسلەپتە ئۇ يېگانە بولىدۇ ۋە ئاشۇ يېگانىلىق ئىچىدە باشقىلارغا نېسىپ بولمىغان گۈزەللىك ھەم باتۇرلۇقتىن دەرس ئالىدۇ.

توغرا نىشانغا يۈزلەنمىگەن ئىلىم ئۆز ئىگىسىنى شەرمەندە قىلىدۇ، قارا نىيەت كۈشەندىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئالۋاستىنى بىلىملىك ئەمەس، دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ لېكىن ئالۋاستىنىڭ بىلىمى ئىبلىس ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.



(6)

قالاق يېزا ئىگىلىكىدە تۇرۇۋاتقان بىر مىللەت بىلىم ئىگىلىكىنى مەزمۇن قىلغان 3 - قېتىملىق سانائەت دولقۇنىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ساۋاتسىزلىق پاتقىقىدىن چىقىپ بولالمىغان بىر مىللەت كومپيۇتېر دەۋردىكى يەنە بىر ساۋاتسىزلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. تارىخىنى ياخشى تونۇمىغان بىر مىللەت ئۆزىگە نىسبەتەن تامامەن ناتونۇش بولغان يېڭى ئەسىرگە كىرىۋاتىدۇ. ئالدىمىزدىكى دۇنيا ئىنسانىي ھەمكارلىقنىڭ تۈرلىرى كېڭىيىدىغان، مەدەنىيەت تىپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت كەسكىنلىشىدىغان، ئەقىلنىڭ قىممىتى بىۋاسىتە ئايان بولىدىغان بىر پۈتۈن دۇنيا. ئۇ، تەرەققىيات سۈرىتىنىڭ ئالاھىدە تېزلىكى ۋە رىقابەت جەھەتتىكى رەھىمسىزلىكى بىلەن بىزنى كۈتمەكتە.

ئامېرىكىلىقلار: «21 - ئەسىر ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەسىرى بولىدۇ» دېيىشىدۇ.
ياۋروپالىقلار: «21 - ئەسىر ياۋروپالىقلارنىڭ ئەسىرى بولىدۇ» دېيىشىدۇ.
مۇسۇلمانلار: «21 - ئەسىر ئىسلام گۈللىنىش دەۋرى بولىدۇ» دېيىشىدۇ.
ئېلىمىز: «21 - ئەسىر شەرقىي ئاسىيالىقلارنىڭ دەۋرى بولىدۇ» دېيىشىدۇ.

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ھەركىم يەنىلا ئۆزىگە پايدىلىق پۇرسەتلەرنى ئىزدىمەكتە ۋە ياراتماقتا.
پۇرسەت ئىزدەش بىلەن يارىتىشنىڭ بىرلىكى.
مىلادىيەدىن ئىلگىرى ئۆتكەن يۇنان ئالىمى تاللېس ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۆزىتىپ كېتىۋېتىپ، دىققەتسىزلىكتىن ئالدىدىكى بىر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. بىر سودىگەر ئۇنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، مۇنداق دەپتۇ:
سىز ئاسماندىكى نەرسىلەرنى بىلىمەن دەۋاتاتتىڭىز، پۇتىڭىزنىڭ ئاستىدا نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەي قاپسىزغۇ؟ ئىلمىي تەتقىقاتتىن راستتىنلا چوڭ نەپ ئاپسىز. ئازگالغا چۈشۈپ كېتىشىڭىزمۇ بىلىمنىڭ سىزگە كەلتۈرگەن پايدىسى.
تاللېس ئازگالدىن چىقىپ تەمكىن ھالدا ئۇنىڭغا:
ئېگىزدە تۇرالىغان ئادەمدىلا ئېگىزدىن ئازگالغا چۈشۈش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى بولىدۇ. بىلىمسىز ئادەملەرنىڭ ئىشى ئەۋرەزدە ماكان تۇتۇش تۇرسا، ئۇنىڭ ئەركىن يىقىلىپ قوپۇشىدىن قانداقمۇ گەپ ئاچقىلى بولسۇن، دەپتۇ.
ئۆزى يىقىلغان ئادەمدە قوپۇش ئەركىنلىكى بولغاچقا، مەنزىلىگە يېتىپ بارالايدۇ.

(تۈگىدى)
&&&&&&&&

(1999 - يىل 5 - ئاي)

ــــــــــــــــــــــــــــــــ
تولۇق ئوقۇش

2009年1月13日星期二

Esir Axiridiki Oylar(3)

ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار(3)م



ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار ‹داۋامى›


ئابدۇقادىر جالالىدىن


باش قىسمى تۆۋەندىكى مەنزىلدە بار
http://ketmenbay.blogspot.com/2009/01/esir-axiridiki-oylar2.html


(4)

رېئاللىق - پاكىت دېمەكتۇر. بىز ئالدىمىزدا تۇرغان كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلسەكلا، دۇنيانىڭ ئەڭ يىراق يەرلىرىمۇ بىزگە يېڭى نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىدىغان بولدى. بەلكىم ئالتە - يەتتە يىل ئىلگىرى بولسا كېرەك، ئامېرىكا كېلەچەكشۇناسى يوھان نەسبىتنىڭ «بۈيۈك يۈزلىنىش» دېگەن كىتابى ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنىپ، كىشىلەردە ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى. ئۇ چاغلاردا قىزىق لەتىپىلەرگە، نەپىس ئۇسسۇللارغا خۇمار خەلقىمىز ئۇنداق نەرسىلەرگە دىققەت قىلمايتتى. ئويغىنىشنىڭ ئەقلىي تېرەنلىكىگە يەتمىگەن خەلق ھامان ئۆزىنىڭ ئاقىل كىشىلىرىنى نامرات، ئېتىبارسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ - دە، پۇرسەتپەرەسلەرنى سەمرىتىپ كۆرەڭلىتىۋېتىدۇ. يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئارىمىزدا ئىنكاس پەيدا قىلماسلىقى ئالدى بىلەن ئۇنى تەرجىمە قىلىشقا جۈرەت قىلغان كىشىنىڭ ئەمگىكىنى سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىتىدۇ. شۇڭلاشقا ئىلمىيلىكى ئۈستۈن، خەلقنىڭ ئەقلىي بايلىقىنى ئاشۇرىدىغان ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرغان ياكى ئىجاد قىلغان كىشىلەر ھېلىھەم بازار تاپمىدى. بىز ئەسلىتىۋاتقان ئاپتور يوھان نەسبى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت ئامېرىكىنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسىنى تونۇشتۇرۇپ، 21 - ئەسىردىكى قىياپەتلەردىن بەزى بېشارەتلەرنى بەرگەنىدى. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، باشقا بېشارەتچىلەردىن خەۋەر تاپقان ئۇچۇرلىشىش، يەر شارىلىشىش دولقۇنى بۈگۈن ھەقىقەتەن يېتىپ كەلدى.

بىر كېچىدىلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىنى مۇنقەرز ھالەتكە چۈشۈپ كرىزىس كەلتۈرۈپ چىقارغان جورجى سورۇسنى بەزى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىز ئازدۇر - كۆپتۇر بىلىدۇ. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ بايلىقى 42 دۆلەتنىڭ بايلىقىدىن زور بولۇپ، دۇنيا پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

قەيەردە شالتاق بولسا، شۇ يەردە چىۋىن بار.
قەيەردە بالا - قازا بولسا، شۇ يەردە جورجى بار.

مانا بۇ، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ سورۇس ھەققىدىكى ئىخچام تەسۋىرى. مۇشۇ بىر مىسالنىڭ ئۆزىلا ئىقتىساد ۋە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ دۇنياۋى بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەلۇمكى، بۈگۈنكى دۇنيانى چۈشەنمىگەن ئادەم ئۆزىنى تولۇق چۈشىنەلمەيدۇ.

1980- يىلى ئامېرىكا كېلەچەكشۇناسى ئالۋىن توفلېر «ئۈچىنچى دولقۇن» ناملىق ئەسىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ، «ئىنسانىيەت يېزا ئىگىلىكىلىشىش، سانائەتلىشىش دولقۇنىنى تاماملاپ بولدى، ئەمدى ئۈچىنچى دولقۇن ئۇچۇرلىشىش دولقۇنى يېتىپ كېلىدۇ» دېگەنىدى. ئۇ يەنە 1990 - يىلى نەشر قىلدۇرغان «ھوقۇقنىڭ كۆچۈشى» ناملىق ئەسىرىدە، «جەمىيەتنىڭ ھۆكۈمران كۈچى پۇلدىن بىلىمگە يۈزلەندى» دەپ ھۆكۈم قىلدى.

1973- يىلى ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمىيەتشۇناسى دانىل بېل «كېيىنكى سانائەت جەمىيىتىنىڭ يېتىپ كېلىشى» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ قالتىس غۇلغۇلا قوزغىغان.
ئۇ، سانائەت دەۋرىنى مۇنداق ئۈچكە بۆلگەن: «ئالدىنقى سانائەت جەمئىيىتى ئىپتىدائىي ئەمگەك كۈچىگە تايىنىپ، تەبىئەتتىن دەسلەپكى بايلىقلارنى ئېلىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. سانائەت جەمئىيىتى بولسا يۇقىرىقىلارنى مەركەز قىلىپ تاۋار ئىشلەشكە تەشكىللىنىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتى بولسا بىلىمنى چۆرىدەپ مەيدانغا چىقىدۇ»
(«بىلىم ئىگىلىكى دولقۇنى» دېگەن كىتابقا قارالسۇن. تاۋ دېيەن تۈزگەن. جۇڭگو شەھەر نەشرىياتى 1998 - يىل 7 - ئاي نەشرى).

دېمەك، 21 - ئەسىر «بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى» دەپ ئاتالماقتا. 11 - ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «بىلىم - بەخت دېمەكتۇر» دېگەن ھۆكۈمىنىڭ كۈچى نۆۋەتتە تېخىمۇ روشەن ئىسپاتلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
بىراق يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن سىستېمىغا كەلتۈرگەن دۆلەت ۋە بەخت - سائادەت قاراشلىرى كېيىنچە نەگە كەتكەن بولغىيدى؟
ئەڭ بالدۇر باشلانغان ئەنئەنە كېيىن نېمە ئۈچۈن يىگىلەپ قالدى؟
بىز بۇنىڭ جاۋابىنى تارىخچىلارنىڭ تېپىشىغا قالدۇرىمىز.

كۆرۈپ يېتىش تەس ئەمەسكى، مىللىتىمىز تېخىمۇ ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. تەكەللۇپ قىلماي ئېيتقاندا، بىز ھازىرقى سۈپىتىمىز ۋە زىيالىيلار قاتلىمىمىز بىلەن كەلگۈسىدىكى مۈشكۈل سىناقلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمىز. ئەمدىكى سىناق ھايات - ماماتلىق خاراكتېرى كەسكىن بولغان شەپقەتسىز سىناق بولۇپ، بۇنىڭدا شاللانغانلار يېڭى تارىخىي مۇنبەردىكى غالىبلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يېڭى قانغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، خەلقنى باياشات قىلىدىغان ھەقىقىي ئامىل شۇ خەلق ياشاپ كەلگەن زېمىندىكى كان بايلىقلىرى ياكى خام ئەشيالار ئەمەس، باشقىلارنىڭ تاسادىپىي ياردىمىمۇ ئەمەس، ھەتتا نوقۇل ئىلىم - پەننىڭ ئۆزىمۇ ئەمەس.
ئۇنداق بولسا بۇ ئامىل نېمە؟
بۇ، ئىلىم - پەننى قورال قىلغان توغرا ئەقىدە.
ئىلىم-پەن ئېينىشتېيىننىڭ ئىزاھلىشى بويىچە ئېيتقاندا، «كىشىلەرنى سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى بويىچە ئويلاندۇرىدۇ ۋە شەيئىلەرنى تەكشۈرىدۇ». دېمەك، ئۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىزدەيدۇ. مەلۇم بىر ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇ ھۆكۈم يېڭى بايقالغان ئۆزگە بىر قانۇنىيەت تەرىپىدىن ئىنكارغا ئۇچرايدۇ. بايقاش، ھۆكۈم، ئىنكار، ئىنكارنى ئىنكار قاتارلىقلار ئىلىم - پەن تەرەققىياتىنىڭ يولىدۇر. مەلۇمكى، بۇ جەرياندا نەچچە ئون يىل ھەتتا ئەسىرلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەرقانداق قانۇنىيەت ئۆزى رول ئويناۋاتقان دائىرىدە كۈچكە ئىگە، ئۇ يەنە بىر دائىرىدىكى قانۇنىيەتنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ.

روشەنكى، بارلىق قانۇنىيەتلەرنىڭ ئورتاقلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر مۇتلەق قانۇنىيەت بار. ئۇ، چوڭقۇر ئىنسانىي ھېسنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇ ھېسنى ئاستا - ئاستا پەرۋىشلەپ مۇكەممەل ئەقىلگە ئايلاندۇرىدۇ، بۇ ئەقىل پەننى توغرا يۆنىلىشكە، ئىنساننىڭ ھالال بەختى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.

مۇھەببەت ئادەمدىكى بىرقەدەر ئالىي ئېھتىياجدۇر، ئېتىقاد مەنىۋى ئېھتىياجلارنىڭ ئەڭ ئالىيسىدۇر، ئەقىدە ئېتىقاد يولىدىكى ھەرىكەتتۇر ۋە بۇ ھەرىكەت جەريانىدا تونۇلغان ھەمدە ئەقىل، قابىلىيەت، ئىنسانىي تەبىئەت تەرىپىدىن تەستىقلانغان ساپ ھەقىقەت مەجمۇئەسىدۇر. ئۇ بىر كامالەتتۇركى، ئىنسان ئۇنىڭغا ھەيران قېلىش بىلەن سېغىنىدۇ، لەززەت تاپىدۇ. مەنىۋى دۇنياسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدۇ. ئىنسان چەكسىز داۋام قىلىدىغان ئەنە شۇ روھ سەپىرىدە ئىلھاملىنىدۇ، ئۆزىدىكى مۇۋاپىق كۈچ - قۇدرەتنى، ئىجاد ھەۋىسىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئۇ ئۆزى مەدەت ئېلىۋاتقان ۋە سۆيۈنۈۋاتقان ئەنە شۇ روھ مەركىزىگە يېقىنلاشقانسېرى ئۆزىدە سادىر بولغان بەدىۋىيلىك ۋە قانخورلۇقلاردىن ئىبرەت ئالىدۇ، يىرگىنىدۇ. ئىنسانلار ئارا بولىدىغان، ئىرق، مىللەتتىن ھالقىغان قېرىنداشلىق مېھرىنى روشەن تونۇشقا باشلايدۇ.

لېكىن، پەن - تېخنىكا ئاجايىپ گۈللەنگەن، مەئىشەتچىلىك ئەۋج ئالغان 20 - ئەسىردىمۇ كىشىلەر ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغاندەك ئەخلاقىي تاكامۇللۇقنى تاپالمىدى. ئەكسىچە، ئېغىر ئەخلاقىي كرىزىسقا پاتتى.
شۇڭلاشقا فرانشسىس فوسان: «تارىخنى ئىقتىساد نۇقتىسىدىن شەرھلەش مۇكەممەل ئىش ئەمەس. ئۇ، كىشىنى قايىل قىلمايدۇ. چۈنكى ئىنسان نوقۇل ئىقتىسادىي ھايۋان ئەمەس» دەيدۇ.
ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى نىكسونمۇ «تېخنىكا ماددىي جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ، لېكىن سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ» دېگەنىدى.
بىز ماقالىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە غەرب دۇنياسىدىكى كرىزىسلىق ۋەزىيەتنى تېز سىزما ئۇسۇلىدا ئىشارە قىلىپ ئۆتتۇق.

بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق روناق تېپىش ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە، بىراق ئۇنى توغرا، گۈزەل غايە بىلەن تەمىنلەش تېخىمۇ مۇھىم. خەلقىمىزدە «ئەقىدىسىز ئالىم كىتاب ئارتىلغان ئېشەك» دېگەن گەپ بار.

بىلىملىك ئادەمنىڭ چوقۇم ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىشى ناتايىن. فاشىستلارنىڭ سىياسىي ھەۋىسى ئۈچۈن ۋەھشىي قوراللارنى تەتقىق قىلىپ بەرگەن كىشىلەرمۇ قالتىس بىلىملىك ئىدى. ئۆزىدىكى مول تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىنسانغا خىلاپ مەنىسىدە ئىشلىتىۋاتقان ئالىملاردىن بۈگۈنمۇ تالايلاپ تېپىلىدۇ. ئارىمىزدا ئاز - تولا بىلىملىك ئادەملەرمۇ بار، بىراق ئۇلارنىڭ بىلىمى ئۆزىنىڭ كۈنىنى ئاران ئۆتكۈزۈشتىن ئاشمايدۇ. خۇددى نەم تارتىپ قېيىپ قالغان ئوقيا نىشانغا تەگمىگەندەك، بىلىم ئېلىشتىكى توغرا غەرەزنى تىكلىيەلمىگەن زىيالىي ئۆز خەلقىگە مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەكسىچە زىيانلىق رول ئوينايدۇ.

بىزگە ئىلىم - پەن، تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۆتكۈر زىيالىيلار تولىمۇ زۆرۈر. چۈنكى بىزدە يوق بولۇۋاتقىنى ئەنە شۇلار. ئۇلار نېمە ئۈچۈن بىزدە يوق؟ بۇنىڭغا جاۋاب تېپىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە. بىز دانىل بېلنىڭ سانائەت تەرەققىياتىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتتۇق. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا سېلىشتۇرساق، بىز ھەتتا سانائەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچى دەۋرىگىمۇ كىرمەيدىكەنمىز، مۇشۇ ھالىتىمىز بىلەن بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىگە كۆچىدىكەنمىز. ئەجەبا، 21 - ئەسىردىكى ئاۋات شەھەرلەرنىڭ خالتا كوچىلىرىدا كاۋاپدانلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش يېڭى ئەسىرلىك رىزقىمىزمىدۇ؟

شۇ چاغدا يېڭى ئېچىلغان ماگىزىنلارنىڭ ئالدىدا ناغرا چېلىپ بېرىپ پۇل تاپقىلى بولارمۇ؟ ھازىرقى ھالىتىمىزدىن قارىغاندا، جەننەتكىمۇ كاۋاپدان كۆتۈرۈپ كىرسەك كېرەك.

بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە بىلىم كېرەك بولىدۇ، زىيالىيلار جەمىيەت چاقىنىڭ ئوقىغا ئايلىنىدۇ. بۇنداق دېسەك «زىيالىي» دېگەن ئۇقۇم «سىنىپ» ئۇقۇمى بىلەن ئوخشاشتەك كۆرۈنىدۇ. بىراق جەمىيەت پۇقرالىرىغا بىلىم تەلىپى قويۇلىۋاتقان شارائىتتا «زىيالىي» دېگەن ئۇقۇم خەلقنىڭ گەۋدىسى بىلەن بىر تۇتاش بولىدۇ. شۇنداق ئەھۋالدا سىنىپ شەكلىگە كىرىپ قالغان زىيالىيلارنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئارتۇقچە بولىدۇ. كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ خىل رېئاللىقنى مىللىتىمىزگە تەتبىقلىساق، بىزدىكى مەسىلىمۇ زىيالىيلاردىكى سۈپەت مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
بىزدىكى زىيالىيلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟

داۋامى تۆۋەندىكى مەنزىلدە بار
http://ketmenbay.blogspot.com/2009/01/esir-axiridiki-oylar4.html
ـــــــــــــــــــــ
تولۇق ئوقۇش

Esir Axiridiki Oylar(2)

ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار(2)م




ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار ‹داۋامى›


ئابدۇقادىر جالالىدىن


باش قىسمى تۆۋەندىكى مەنزىلدە بار
http://ketmenbay.blogspot.com/2009/01/esir-axiridiki-oylar1.html


(3)

بىزمۇ كرىزىستا تۇرۇۋاتىمىز. بىراق بىزنىڭ ھازىرقى كرىزىسىمىز ھېچكىمنىڭ كرىزىسىغا ئوخشىمايدۇ. بۇ كرىزىس دەل كرىزىسنىڭ كرىزىس پېتى ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلىشىدىن ئىبارەت.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆزىگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىك، مىللىي ئالاھىدىلىك، تارىخىي كەچۈرمىش، ئىگىلىك سىستېمىسى ۋە جەمىيەت قۇرۇلمىسى ئارقىلىق باشقا رايونلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ رايون بىز خوشلىشىۋاتقان 20 - ئەسىردە مۇرەككەپ تارىخنى باشتىن كەچۈردى. بۇ رايون ئوخشىمىغان چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ مەنپەئەت تالىشىش كۈرىشىنىڭ بىۋاسىتە سەھنىسى ۋە ئوبيېكتى بولدى. بۆلگۈنچى مىلىتارىستلار بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىنى خالىغانچە بۇلاڭ - تالاڭ قىلدى. مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى توستى. زىيالىيلار قوشۇنىنى خەلققە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان دەرىجىدە چەكلىدى. ئۇرۇش، قىرغىنچىلىق، سۇيىقەست قاتارلىق سىياسىي ۋاسىتىلەر تۈپەيلىدىن ھالسىرىغان بۇ زېمىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ يېڭى قىياپەتتىكى تۇرمۇشىنى باشلىدى. ئەلۋەتتە، 50 يىلدىن بۇيان پۈتكۈل مەملىكەتتە بولۇپ ئۆتكەن ئىسسىق - سوغۇقلار بۇ يەردىمۇ بولدى. گۈللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشلار بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ئىچكى - تاشقى قىياپەتلىرىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى.
بىز بۇ ئالامەتلەرنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن كۆرۈۋالالايمىز:

‹1› قاتناش تەرەققىي قىلىپ، بۇرۇنقى تۆگە كارۋانلىرىنىڭ ئورنىنى ئايروپىلان، پويىزلار ئىگىلىدى. ئات - قېچىرلارنىڭ ئورنىنى ماشىنا، ئاپتوبۇسلار ئىگىلىدى. دىيارىمىزدىكى تاشيول ئۇزۇنلۇق جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇ تاشيوللارنىڭ ئەڭ يىراق مۇساپىسىنى ئىككى كېچە - كۈندۈزدە، كېچىككەندە ئۈچ كېچە - كۈندۈزدە بېسىپ بولغىلى بولىدۇ. بۇ ئەھۋال رايونىمىزدىكى سودا - سېتىق، مەدەنىيەت - مائارىپ ئالاقىلىرىنى راۋانلاشتۇردى، شۇنداقلا ۋىلايەتلەر ئارا كۆرۈلىدىغان ئۆرپ - ئادەت، خۇلق - مىجەز، تەپەككۇر پەرقىنى ئازايتتى. يەرلىك پىسىخىكىنىڭ ئورتاقلىق تەرىپى ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتتى.

ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئېھتىياج قانۇنى بويىچە يۈرۈشلىشىشى بىرقەدەر ئەۋزەل كاپالەتكە ئىگە بولغاچقا، ئىگىلىكنىڭ گۈللىنىشىگە زۆرۈر بولىدىغان ئەمگەك كۈچلىرى ئۆز رولىنى نىسبەتەن جارى قىلدۇردى، شۇنداقلا ئۇلار يېڭى ساھە، يېڭى ئېھتىياج ئالدىدا ئېڭىنى، سەۋىيىسىنى يۈكسەلدۈرۈشكە توغرا كېلىپ قالاق، قاتمال قىممەت قارىشىنى مەلۇم مەنىدە ئۆزگەرتتى. گەرچە ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى ئىستىخىيىلىك ھالدا توختاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بەرىبىر بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ يۈكسىلىش ھېسابلىنىدۇ. ئۆز يېزىسىغا مەھكۇم بولۇپ، نوقۇل دېھقانچىلىققا يۆلىنىپ قالغان بىر دېھقانغا قارىغاندا، لەنجۇ، گۇاڭجۇلارغا كىرىپ كاۋاپچىلىق قىلغان دېھقاننىڭ ئېڭى بىرقەدەر يۈكسەلگەن بولىدۇ. لېكىن بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بىر دېھقاننىڭ تىجارەت قىلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ يەر - مۈلۈكلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل تاشلىۋېتىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھەر قانداق زور بايلىق زېمىن بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ، زېمىندىن ئايرىلغان ھالدىكى بايلىق ئۆز كۈچىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ۋەتەننى ئارقا كۆرۈنۈش قىلمىغان بايلىق بەرىكەت تاپمايدۇ. خەلقىمىز تىجارەت قىلدىم دەپ پاك - ھالال ئەقىدىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە ئاخىر ئۈزۈل - كېسىل بەربات بولغان پەرزەنتلەرنى ئاز كۆرمىدى. ئۇلار ئۆز خەلقى ۋە ئاتا - ئانىسىغا ئەسقېتىش تۈگۈل، ئۇلارنىڭ باغرىنى خۇن قىلدى.

ھېكمەت:

ئەقىدە بىلمىگەن شەيتانغا ئەلدۇر،
ئەگەر مىڭ يىل ئىبادەت قىلسا يەلدۇر.

بىر ئىشنى قىلىشتا مۇددىئا ئايدىڭ بولۇشى كېرەك، شۇنداقلا ھالال - توغرا بولۇشى كېرەك. ھايۋاندا ئەقىدە بولمىغاچقا، ئۇنىڭ چاكارلىقىدىن ئۆزگە ئەۋلادى ئۈچۈن ھېچبىر نىشان قالمىدى. ئېشەكنى ھەجگە ئېلىپ بارسا، ئېشەك پېتى قايتىپ كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزى بارغان ئەمەس، بەلكى ئاپىرىلغان. ئادىمىي ھايۋان ئۈچۈن ئەقىدىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەقىدە پەقەت ئۆزىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى، نەدىن كېلىپ نەگە كېتىدىغانلىقىنى تونۇغان، ئىش - ھەرىكىتىنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلگەن ئادەمگە قارىتا ئېيتىلىدۇ.

‹2› يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇسۇلىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى. ئالدى بىلەن ئەنەنىۋى خۇسۇسىي ئىگىلىك كوللېكتىۋىزمچە ئۇسۇلغا ئۆتتى، ئاخىرىدا ھۆددىگەرلىك شەكلىدىكى پىلانلىق ئىگىلىككە كۆچتى. ۋاسىتە جەھەتتە ئەسلىدىكى كالا، ئات، ئېشەكلەرنىڭ ئورنىنى قىسمەن ھالدا تراكتور ئىگىلىدى، جۇۋازنىڭ ئورنىنى ماي زاۋۇتى ياكى كېلىشىم باھالىق ئاشلىق - ماي دۇكانلىرى ئىگىلىدى. ئەسلىدىكى تۈگمەننىڭ ئورنىنى ئۇن زاۋۇتلىرى ئىگىلىدى. يېزىلارغا ئېلېكتر يېتىپ باردى. ئىشلەپچىقىرىش جەريانلىرى بۇرۇنقىغا نىسبەتەن بىرقەدەر قۇلايلاشتى. ئۈنۈمىمۇ يامان ئەمەس بولدى. خىمىيىۋى ئوغۇت، سۇلياۋ يوپۇق قاتارلىقلار مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېزىلارغا كەڭ تارقىتىلدى. بىراق بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى، دېھقانچىلىق ئەسلىھەلىرىگە كېتىدىغان چىقىمنىڭ زورىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

يەرلىك دېھقانلار ھايۋان كۈچىدىن پايدىلىنىشتىن ماشىنا ئىشلىتىشكە، ھەتتا بىر قىسىملىرى ئىلمىي باغۋەنچىلىك، ئىلمىي دېھقانچىلىققا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ سەۋىيىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى يەنىلا كېڭىيىپ كېتەلمىدى. دېھقانچىلىق ۋاسىتىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېزا ئىگىلىكىگە كېتىدىغان مەنقۇلاتلارنىڭ چىقىمى كىرىم بىلەن پەرقلەنمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقتى. ئەگەر دېھقاننىڭ ۋاقتى بىلەن جىسمانىي كۈچىنى سېلىشتۇرما قاتارىدا ھېسابلاشقا توغرا كەلسە، ئۇ چاغدا دېھقان ئۆز مېھنىتىدىن نەپكە ئېرىشمىگەن بولىدۇ.

ئادەتتە، ئىقتىسادشۇناسلار تاپقان كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى يېمەكلىك ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئائىلىنى نامرات ھېسابلايدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا 360 كۈن دېگۈدەك قورساق ئۈچۈنلا ئىشلەيدىغان دېھقانلار قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ؟ بۇنى بىز ئىقتىساد خادىملىرىنىڭ جاۋاب بېرىشىگە قالدۇرىمىز.

يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىدا مەلۇم دەرىجىدە ماشىنىلىشىش بولدى. بۇ، ھايۋان كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قاششاق ھالەتنىڭ تۈگىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە، ئۇ بۈگۈنكى يېزىلار قىياپىتىدىن يەنىلا ئېنىق كۆزگە چېلىقىدۇ. ئىقتىسادى بىرقەدەر ياخشى ئائىلىلەر بىر قىسىم ماشىنا - سايمانغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، يېزا ئىگىلىكى ماھىيەت جەھەتتىن ئەنەنىۋى تۈستە تۇرۇۋەردى. ھۆل - يېغىن، تەبىئىي دەريا - ئېقىنلارغا تايىنىپ سۇغۇرۇش ئېلىپ بېرىش، يەرگە باغلىنىش، ئىگىلىك شەكىللىرىنىڭ كۆپەيمەسلىكى ئەنە شۇ ئەنەنىۋى ئىگىلىكنىڭ ئاساسلىق تەسۋىرىدۇر. يەرلىك ئورۇننىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلانغان ئادەتتىكى سانائەتلەرمۇ بولمىغاچقا، ئەسلىدە بار بولغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك زاماننىڭ شاللىشىغا دۇچ كەلدى. نەتىجىدە، دېھقانلار تۈرلۈك ئۆي سايمانلىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئېرىشىش جەھەتتە نوقۇل ئىستېمالچى ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

نوقۇل يەرگە باغلىنىش، بىر تۇتاش پىلانلانغان مەھسۇلات ئۈچۈن ئىشلەش بۈگۈنكى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىسى. بۇنداق ھالەت ئۇزاق ئۆتمۈشتىن بۇيانقى ئادەت كۈچلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ تاشلىيالمىدى. ئادەتتە، ئادەت كۈچىنىڭ ئىككى خىل رولى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، ئەنەنىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەنە بىرى، جانلىق، ئىجادىي ماسلىشىشقا توسالغۇ بولۇش. بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان ئادەت كۈچى بېكىنمە رايون كىشىلىرىدە بولىدىغان خاراكتېر جاھىللىقى، كاللا ئىشلىتىش جەھەتتىكى قاتماللىق، تەۋەككۈلچىلىك روھىنىڭ يوق بولۇشى، تەشكىللىنىش، تەتبىقلاش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بولۇشى، ياقا يۇرتلارغا ئىنتىلىشنىڭ سۇس بولۇشى قاتارلىق ئالامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئىجادكار خەلق ئېچىۋېتىلگەن جەمىيەت، ئېچىۋېتىلگەن سىستېمىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەتكى، ئادەم ئۆزىدىكى قابىلىيەتنى ئىجتىمائىي مۇھىتقا يارىشا جارى قىلدۇرىدۇ.

ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناسى سامولسېن ۋە نودخوسلار مۇنداق قارايدۇ: «نۇرغۇن نامرات كىشىلەر تەربىيە كۆرمىگەن بولىدۇ، ئۇلار ئىقتىسادى توختاپ قالغان دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ياشايدۇ ياكى شەھەرلەردىكى نامراتلار رايونىدا يېگانە ھالدا تۇرۇپ قالغان»
(«ئىقتىساد ئىلمى»، جۇڭگو تەرەققىيات نەشرىياتى، 21 - نەشرى).

نامراتلىق كىشىنىڭ مائارىپتىكى سۈپىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ، مائارىپ جەھەتتىكى سۈپەتسىزلىك نامراتلىقنى نەچچە ھەسسە قاتلايدۇ، بۇ ئاخىر بېرىپ جەمىيەتتىكى ئىشسىزلىق ۋە ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ.

‹3› سودا - سېتىق بۇرۇنقىغا نىسبەتەن كۆپ جانلاندى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت شەخسكە نېمە يېيىش، نېمە ئويلاش، نەدە تۇرۇشنى ئېيتىپ بېرىدىغان ۋەزىيەت شەخسلەر ناھىيىلەر ئارا، ۋىلايەت - ئوبلاستلار ئارا سودا قىلىدىغان، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە بېرىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسىمۇ بولىدىغان ۋەزىيەتكە ئۆزگەردى. يېڭى جۇڭگو تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ ئەۋزەل ۋەزىيەت 80 - يىللار ۋە 90 - يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خېلى ئوبدان جانلاندى. 70 - يىللاردا بىر قاپ سەرەڭگە تېپىشمۇ بەسىي مۈشكۈل ئىدى. كىشىلەر ھازىر زۆرۈر بولغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشىكى ئالدىدىكى بوتكا ياكى ماگىزىنلاردىن بىمالال سېتىۋالالايدىغان بولدى. يەرلىك خەلق باغۋارانلىرى ۋە ئېتىزلىرىدىن چىققان بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنى ساتمايتتى. تارىختىكى يىپەك يوللىرىنى ئېچىپ ھىندىستان، چاڭەن، ئىراق، ئىران، يۇنانلارغا بېرىپ سودا قىلغان، جاھاندا سودىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆزگە ئەللەرگە تونۇتقان بۇ خەلق بىر مەزگىللىك بېكىنمە تارىختىن كېيىن گاڭگىراش ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى، چۈنكى بۇ خەلق بازارغا بىر نەرسە ئېلىپ چىقىپ سېتىش جىنايەت ھېسابلىنىدىغان غەلىتە دەۋرلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، بۇ ھەقتە بىھېساب ئاچچىق ساۋاقلارنى باشتىن كەچۈردى. تەئەججۈپكى، ئاشۇ رېئاللىقنى ھازىرقى رېئاللىق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، زامان ئەلپازىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ نەقەدەر مەنتىقىسىز بولىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. مانا ھازىر بازار دېگەن ئۇقۇم كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئەسەبىيلىك دەرىجىگە يەتتى، گويا ھەممە ئادەم «سودىگەر» بولدى. كىشىلەر ئۆز ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىنساننىڭ ئىززىتى دائىرىسىگە كىرىدىغان ۋۇجۇد بايلىقلىرىنىمۇ بازارغا يۈزلەندۈردى. كېلىشكەن بەدەن، دىلرەبا كۆز، ئوتقاشتەك لەۋلەر مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىلېمېنتلىرىغا ئايلاندى.

بۇ جەرياندا شۇنداق بىر ئاقىۋەت يۈز بەردىكى، بازارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى بىلەن ئەنەنىۋى ئەخلاق ئوتتۇرىسىدا زور بىر ھاڭ پەيدا بولدى. جۈملىدىن، ھازىرقى بازار يەرلىك مىللەتلەرنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن يىراق بىر ئارىلىقنى شەكىللەندۈردىكى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى روشەن ھالدا ئىلگىرى سۈردى.

شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، بۇ يەردىكى سودا بىر بولسا خام ئەشيا سودىسى، بىر بولسا تەييار مەھسۇلاتلارنى يۆتكەپ سېتىش سودىسىدىن ئىبارەت بولغاچقا، كىشىلەرگە قويۇلىدىغان مەدەنىيەت، كەسىپ جەھەتلەردىكى سەۋىيە تەلىپى چوڭ بولمايدۇ. شۇڭلاشقا كىشىلىرىمىزنىڭ ئىلكىدە پۇل كۆپەيسىمۇ، ئۇلارنىڭ سودا ھەققىدە ھاسىل قىلغان بىلىملىرى تەسىراتلار يىغىندىسىدىن ئىبارەت بولدى. ئۇلاردا سودا ۋەزىيىتىنىڭ ئىچكى - تاشقى ئامىللىرىنى بىلىشكە قىزىقىشتەك ئىستىخىيىلىك ئاڭ مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى تەھلىل قىلىپ، ئۆز پايدىسى ئۈچۈن پايدىلىق پۇرسەتنى ئاڭلىق ھالدا يارىتىش، قولىدىكى پۇللارنى كاپىتالغا ئايلاندۇرۇپ مۇلازىمەت، كەسىپ، تىجارەتنىڭ يېڭى، زامانىۋى تۈرلىرىنى بەرپا قىلىش، سالمىقى چوڭ بولغان كارخانا - زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، ئىلمىي باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگەن سۈپەتلىك ئادەملەرنى تەربىيىلەش، ئۆز يۇرتىغا مەدەنىيەت، بىلىم كىرگۈزۈش، ئىلغار تىپتىكى تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈش قاتارلىق تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا تۈپ سەۋەب بولمىغاندىمۇ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ ياخشى تەربىيە كۆرمىگەنلىكى، يەنە بىرى، ئۇلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تەربىيىلەپ، بىلىم سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدىن ئىبارەت.

كىشىلەر يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى مۇسابايوفلار جەمەتىنى ئەسلىسە شۇنى بايقايدۇكى، ئۇلار ھەم سودا قىلغان، ھەم مۇتەخەسسىسلەرنى يۇرتقا تەكلىپ قىلغان، ھەم ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ زاۋۇت قۇرۇپ، كېرەكلىك بۇيۇملارنى بىۋاسىتە ئۆزى ئىشلەپچىقارغان، بىر بۆلۈك ئادەملەرنى ئاشۇ ساھەلەر بويىچە تەربىيىلىگەن. مانا بۇ قۇرۇق نەزەرىيىلەر، ۋەز - نەسىھەتلەردىن تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرگە قارىغاندا ئەڭ ئەمەلىي، ھاياتىي كۈچى ئەڭ زور بولغان ھەقىقىي مائارىپ! يەنە شۇنى ئەسلەش كېرەككى، ئۇلار يۇقىرىقىلارنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، يېڭى مەكتەپلەرنى ئېچىپ سۈپەتلىك كىشىلەرنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان، ھەتتا دەرسلىك قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنىنىمۇ زامانغا لايىق ئورۇنلاشتۇرغان. مانا بۇ مەكتەپ، جەمىيەت ۋە زامان بىر گەۋدىلەشكەن تىرىك مائارىپ! بۇ ئەھۋاللار ئۆز زامانىسىدىكى كىشىلەرنىڭ روھىغا ۋە ساپاسىغا مۆلچەرلىگۈسىز ئاكتىپ تەسىرلەرنى بەرگەنكى، ئاشۇ خىل ئىلغارلىق تەسىرىدىكى ياراملىق ئادەملەر بىزنىڭ دەۋرىمىزگە قەدەر كۈچ بېرىپ كەلگەن.

كىشىلەر يەھۇدىيلارنىڭ بايلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا شۇنچە قايىل. بىزدە يەھۇدىيلارنىڭ سودا سەنئىتى، سۆھبەت سەنىتىگە دائىر بەزى كىتابلارمۇ نەشر قىلىندى. ئۇلار سودىدا نېمە ئۈچۈن شۇنچە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازاندى؟ بۇ يەردە ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ مۇلاھىزىسىگە ئەگىشىپ چارچاپ كەتكەن مېڭىسىگە كىچىككىنە ئارام بېرىش ئۈچۈن يەھۇدىيلاردىكى بىر رىۋايەتنى تەنەپپۇسلۇق سوۋغا سۈپىتىدە ئېيتىپ بېرىشنى لايىق تاپتىم. لېكىن ئوقۇرمەنلىرىمىزدە ئاز - تولا تەھلىل بولۇشى كېرەك. شۇنىڭدىلا ھېكمەت تاپالايدۇ. يەھۇدىيلاردىن ئۆگىنىش يەھۇدىي بولۇپ كېتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. كىشىدە ئۆز ۋەتىنى، ئۆز خەلقىگە لايىق توغرا ئەقىدە بولغاندىلا، ئاندىن يات ئەقىدىلەرگە ئەگىشىپ كەتمەيدۇ. بەلكى يات ئەقىدىلەردىن تېگىشلىك ۋاسىتە ۋە تاكتىكا قوبۇل قىلالايدۇ.

مەزكۇر رىۋايەت مۇنداق:

«بىر ئېسىلزادە يىراق بىر ئەلنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ئۇ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن 10 نەپەر خىزمەتكارىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ھەر بىرىگە بىردىن يامبۇ بېرىپ مۇنداق تاپىلاپتۇ:

- سىلەر بېرىپ سودا قىلىڭلار، مەن قايتقاندىن كېيىن ئاندىن كېلىڭلار.
بۇ ئېسىلزادە تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ.
ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بوپتۇ. دەرۋەقە، ئۇ ھېلىقى ئەلگە ئىگە بوپتۇ. ئۇ، غەلىبە - نۇسرەت بىلەن قايتىپتۇ. ئۇ، يامبۇ تارقىتىپ بېرىلگەن 10 خىزمەتكارىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلاردىن سودىدا قانچىلىك پۇل تاپقانلىقىنى سوراپتۇ.

بىرىنچىسى كېلىپ مۇنداق دەپتۇ:
- ئى خوجايىن، سىز ماڭا بەرگەن بىر يامبۇنى 10 قىلدىم.
- ياخشى، ئاق كۆڭۈل خىزمەتچىم،- دەپ ئۇنى ماختاپتۇ خوجايىن، - ئەڭ كىچىك ئىشتىمۇ ساداقەتمەنلىك كۆرسەتكەچكە، مەن ساڭا 10 شەھەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەردىم.

ئىككىنچىسى كېلىپ مۇنداق دەپتۇ:
- ئى خوجايىن، سىز ماڭا تاپشۇرغان بىر يامبۇنى بەش قىلدىم.
- بۇمۇ ياخشى،- دەپتۇ خوجايىن،- سەن بەش شەھەرنى باشقۇرساڭ بولىدۇ.

يەنە بىرسى كېلىپ مۇنداق دەپتۇ:
- ئى خوجايىن، مانا قاراڭ، سىز بەرگەن بىر يامبۇ مەيەردە، تېخى تەگمىدىم! قورقۇپ سىرتقا ئېلىپ چىقالماي، ياغلىقىمغا تۈگۈپ ساقلاپ كەلدىم. مەن سىزدىن قورقاتتىم، چۈنكى سىز قالتىس يامان ئادەم، قويمىغان نەرسىنىمۇ ئالىسىز، تېرىمىغاننىمۇ يىغىسىز...
خوجايىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئۆڭۈپ - تاتىرىپ ئۇنى ئەيىبلەپ كېتىپتۇ:
- ھوي ئوسال مالاي، ئاغزىڭدىن چىققان گېپىڭگە يارىشا ئەدىپىڭنى بېرىمەن! سەن مېنىڭ قالتىس يامان ئادەم ئىكەنلىكىمنى، قويمىغان نەرسىنىمۇ ئالىدىغان، تېرىمىغان نەرسىنىمۇ يىغىدىغانلىقىمنى بىلگەندىكىن، نېمىشقا يامبۇنى بانكىغا قويۇپ، مەن قايتىپ كەلگەن چاغدا ئۆزىنى ۋە ئۆسۈمىنى ئەكەلمەيسەن؟

ئۇ، شۇ گەپلەرنى قىلىپ يېنىدا ئۆرە تۇرغان بىرەيلەنگە دەپتۇ:
- ئۇنىڭدىن ئاۋۇ بىر يامبۇنى ئېلىپ، بىرنى 10 قىلغان خىزمەتكارغا بەرگىن.
- خوجايىن- دەپتۇ يېنىدا تۇرغان ئادەم،- ئۇ، 10 يامبۇ پايدا تاپتىغۇ؟
- مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى،- دەپتۇ خوجايىن،- پايدا ئالالمىغانلارنىڭكىنى ئۇنىڭدا بارلىرى بىلەن قوشۇپ تارتىۋېلىش كېرەك. پايدا تاپقانلارغا بولسا قوشۇپ بېرىش ۋە ئۇنى ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللاندۇرۇش كېرەك».

بۇ بىر ھېكايە. بىراق ئۇنىڭدىن بىر دۆلەتنىڭ مالىيە لوگىكىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. دۇنيادا پۇلدىنمۇ مۇھىم نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەستە تۇتقان ھالدا تىجارەت قىلىش كىشىنى پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرمايدۇ، بەلكى پۇلنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرىدۇ. چۈنكى ھاياتتا پۇل كېرەككە كەلمەيدىغان چاغلار كېرەككە كېلىدىغان چاغلاردىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. پۇل تېپىشتىكى غايە ۋە مەقسەتنى توغرا ھەل قىلالمىغان ئادەم مەڭگۈلۈك نامراتلىققا مىخلانغان بولىدۇ. ھېكايىدىن مەلۇمكى، ھاكىمىيەت پۇل تېپىشنىڭ ئېپى بىلەن ساخاۋەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەنگەنلەرگە، شۇنداقلا قانداق تەشكىللەشنى بىلگەنلەرگە مەنسۇپ.

بۇ يەرگە كەلگەندە كىشىلەرنىڭ سەمىگە مۇھەممەد باھاۋىدىن نەقىشبەندى (1388 - يىلى ۋاپات بولغان)نىڭ: «دىلىڭ ئىماندا بولسۇن، قولۇڭ ئىشتا(بولسۇن)» دېگەن سۆزىنى سېلىپ ئۆتۈش ئارتۇقچە بولماس.

‹4› تېلېۋىزور بۇ يەرنىڭ كىشىلىرىگە سىرتقى دۇنيانىڭ ماددىي كۆرۈنۈشلىرى، شەكىل - فورمىلىرى، ياشاش تەرىزلىرىنى ھېسسىي رەۋىشتە تونۇشتۇردى، بولۇپمۇ سىملىق تېلېۋىزىيىنىڭ پەيدا بولۇشى چەت ئەل تۇرمۇشىنىڭ رېجىسسورلار نەزەرىدىكى ئۆزگەرتىلگەن، پىششىقلانغان ياكى بۇرمىلانغان ۋارىيانتىنى كۆپلەپ يۈز كۆرۈشتۈردى. ئارقىدىنلا سىنقويغۇ، سىنالغۇ ئاپپاراتلىرىنىڭ تارىلىشى، چد، ۋچد، لد پلاستىنكىلىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى غەربچە مۇھەببەت شەكلى، تۇرمۇش شەكلى، غەربچە مۇناسىۋەت شەكلى، غەربچە قائىدە - يوسۇنلارغا تولدۇرۋەتتى ۋە ياشلارنىڭ ئېڭى، قىممەت قارىشىنى تېز ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. نەتىجىدە، بىر ئائىلىدە ئاتا - ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاقىي نىزامدا سۈركىلىش پەيدا بولۇپ، ئاتا - ئانا ۋە بالا ھەمجەھەتلىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان مىللىي ئەخلاق ئەنەنىسى قاتتىق خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئائىلە تەربىيىسى (شەھەرلەردىكى مىللىي ئائىلىلەردە ئائىلە تەربىيىسى دېگەن نەرسە بارغانسېرى يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالدى). مەكتەپ تەربىيىسى قاتارلىقلار جەمىيەتتىكى چېرىكلىكلەرنىڭ تەسىرى ئالدىدا ئۈنۈم بەرمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئەنەنىۋى ئائىلە قۇرۇلمىسى دەۋرنىڭ قارا دولقۇنلىرى ئىچىدە قالدى. يىگىتلەر نىكاھقا كەلگەندە قىزلىق ئىپپەتكە قاتتىق دىققەت قىلىشتىن سەل قاراشقا ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلىق ئىپپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنىڭ تىجارەت شەكلى سۈپىتىدە ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىپپەتكە قويۇلىدىغان نازۇك تەلەپنى مۈجىمەللەشتۈرۈۋەتتى. خروئىن بىلەن ئەيدىز كېسىلى ئائىلىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشى ۋە مۈلكى ئاساسىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى. ھاراق كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى، ۋاقتى ۋە سالامەتلىكىنى خورىتىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك چىرىتكۈچكە ئايلاندى.

بىز ھازىر كىيىم - كېچەك فورمىلىرى جەھەتتە دۇنياغا يۈزلەندۇق. غەربچە تۇرمۇشقا ياتىدىغان يېڭى يىل بايرىمى، تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسى شەھەرلىك كىشىلىرىمىزگە ئۆزلەشتى. چاچلىرىنى ئالتۇن رەڭگىدە بويىغان، مادۇننانىڭ سىياقىدا كىيىنىۋالغان قىزلار، ھىلتونكەنت ماركىلىق سىگارتلارنى چېكىپ، ۋېسكى، براندىلارنى ئىچىپ يۈرىدىغان يىگىتلەرمۇ بىزدە كۇرمىڭ. ئەلۋەتتە، ياغلىق ۋە روماللارغا چۆمكىلىپ يۈرىدىغان قىز - ئاياللىرىمىزمۇ بار. رەستىلەردە غەربچە مۇلازىمەت قىلىدىغان رېستۇرانلار بىلەن كىچىك ئاشپۇزۇللار گىرەلىشىپ كەتكەن. رېستۇرانلاردا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل بىلەن تانسا - دېسكولار بىرلىشىپ كەتكەن. ناخشا - ئۇسسۇللىرىمىزدىمۇ نۇرغۇن ئىقلىملارنى دوراپ، مىللىي مېلودىيىلىرىمىزنىمۇ ئەبجەش بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق.

قارىغاندا، بىز خەۋەر تاپقانلىكى دائىرىدە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئىمپورت قىپتۇق. بىز ھازىر يەر شارىدىكى ھەر قانداق مۇراسىم قائىدىلىرى، يەپ - ئىچىش ئۇسسۇللىرىنى ئۆزىمىزگە مۇجەسسەم قىلىپ، شەنبە - يەكشەنبىلىرىمىزدە، ھەتتا ھەپتە ئارىلىقلىرىدىكى ئاخشاملاردىمۇ خالىغانچە سورۇن تۈزۈدىغان، توي ۋە چايغا ئالدىراپ مېڭىشقان كىشىلەر كوچىلاردا بىر - بىرىمىزگە تەكرار دوقۇرۇشۇپ قالىدىغان بوپقالدۇق. كەچلەردە بالىلار بىلەن بىللە بولۇپ ئاتا - ئانىنىڭ تەربىيىسىنى سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت ئەۋلاد قوغداش ئىشىغا سەل قارايمىزكى، بىرەر قېتىملىق ئولتۇرۇشتىن قېلىشقا كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبى دۇنيادىكى ئۆرپ - ئادەتلەر ۋە مۇراسىملارنىڭ مۇزېيىغا ياكى ئەخلەتخانىسىغا ئايلاندى. بىز ھاراق ئىچتۇق، بىراق ھاراق ئىشلەيدىغان تېخنىكىغا قىزىقمىدۇق؛ تېلېۋىزور، توڭلاتقۇلارنى ئىستېمال قىلدۇق، ئەمما ئۇنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆگەنمىدۇق. غەربچە كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، قائىدە - يوسۇنلارنى ئەكىردۇق، بىراق ئۇلارنىڭ ئىجادچان روھىنى ئەكىرمىدۇق. خروئىن ۋە ئەيدىز كېسىلىنى ئەكىردۇق، بىراق بەدەن ۋە روھنى تاۋلاپ غالىبلار قوشۇنىنى تۇغۇدىغان رىقابەت ۋىجدانىنى ئەكىرمىدۇق. دېمەك، بىز مەدەنىيەتنىڭ شەكلەن ھادىسىلىرىگە قىزىقىپ، ئۇنىڭ مېغىزى ۋە ماھىيىتىگە يەتمىدۇق. شۇڭلاشقا بىزدە غەربچە ئىستېمالغا ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، ئىچى قۇرۇق ئادەملەر ساماندەك (كەچۈرۈڭلار، سامانمۇ ئۇنچىۋالا ئەرزان ئەمەس). بىزدىكى نۇرغۇن ھاللىق كىشىلەر چاچلىرىنى 20 - ئەسىرنىڭ زامانىۋى پاسونىدا ياسىتىپ يۈرسىمۇ، كاللىسىدا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئېڭىمۇ يوق. زامانىۋى چاچ پاسون كونا زامانغا مەنسۇپ پىكىر شەكلى... مانا بۇلارنىڭ بىرلىكى بىزدىكى ئاچچىق كومېدىيىلىك قىسمەتنىڭ ماددىي تەسۋىرى.

‹5› پۈتكۈل 20 - ئەسىر بۇ ئىقلىمنىڭ زىيالىيلىرى ئۈچۈن پەۋقۇلاددە سۈپەتتىكى يىللار بولدى. بۇ سۈپەتنى قانداق يورۇتۇپ بېرىش ناھايىتى تەس. «زىيالىيلارنىڭ بۇرچى - ئىنسانىيەت ئۈچۈن يول ئېچىش، نادانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، خەۋپ - خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ روھ ئارقىلىق تىنىمسىز كۈرەش قىلىشتۇر. جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا بۇنداق زىيالىيلارنى چىقمىدى دېگىلى بولمايدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ كۈن كەچۈرۈشى تولىمۇ قىيىن بولغان».
لى مېڭ ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزى بىزنىڭ 20 - ئەسىردىكى مۇھىتىمىزغىمۇ تازا ماس كېلىدۇ.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ، پەن - مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تىنچلىقنىڭ مۇساپىسى باشلاندى. بىراق جۇڭگودا تاكى پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىغا قەدەر مۇقىم تىنچلىق بولمىدى. بۇ ئارىدا تۈرلۈك ئىنقىلابلار ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇردى، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» يۈز بەردى. نەتىجىدە، جۇڭگو خەلقى مىللىي تەرەققىياتقا كېرەكلىك نۇرغۇ مۇنەۋۋەر زىيالىيلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. رايونىمىزنى ئالساق، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يىللار يول ئېچىش تالانتىغا ئىگە پىكىرلىك ئەزىمەتلەرنى دەپنە قىلىش يىللىرىدىن ئىبارەت بولدى.

3- ئومۇمىي يىغىندىن كېيىنكى 20 يىل مابەينىدە مائارىپ جانلىنىش باسقۇچىغا كىردى. مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، ئەدەبىيات - سەنەت، نەشرىيات ئىشلىرى يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە گۈللەپ - ياشنىدى. زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ سالمىقى زامان ئېھتىياجىغا يارىشا تەدرىجىي ئاشتى. بۇ مەنزىرە ئەلۋەتتە، بۇرۇن تۈزۈك خاتىرجەملىك كۆرۈپ باقمىغان خەلقنى كۆپ خۇرسەن قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق گۈللىنىشتە ئەدىبلەر ۋە سەنەتچىلەر قوشۇنىنىڭ سالمىقى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. مۇئەييەن بىر تارىخىي دەۋرنى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان زور ھەجىملىك رومانلار بارلىققا كەلدى. ئالىي مەكتەپلەردە، ئاكادېمىيىلەردە ئەدەبىيات - سەنەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچىلار قوشۇنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تىل - ئەدەبىيات كەسىپلىرى بويىچە دوكتور تەربىيىلەش ئورنى ۋۇجۇدقا كېلىپ ئىش باشلىدى. بىز كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان ئاشۇ يۈزلىنىشلەر بىلەن ئۈمىدكە تولغان ھالدا 21 - ئەسىرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ قالدۇق.

ۋەھالەنكى، 21 - ئەسىردە قانداق ئەسىر بولىدۇ؟
ئىنسانلار 21 - ئەسىردە نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
قانداق ياشايدۇ؟
دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ تەرتىپ يۆنىلىشىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟
خەلقارا قۇرۇلمىنىڭ ئىسلاھاتى قايسى خىل قىممەت قارىشىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ؟
ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى قانداق خاراكتېر ئالىدۇ؟
ئىنسانىيەت نېمىلەرگە دۇچ كېلىدۇ؟
نۆۋەتتىكى تەرەققىياتتا بىز قايسى خىل ئورۇنغا ئېرىشىمىز؟

مانا بۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ ئاشۇ ئۈمىدۋار زىيالىيلىرىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا. غەربنىڭ تۇيغۇن زىيالىيلىرى بۇ مەسىلىلەرنى خەلقارا سەۋىيىدە قىياس قىلىپ بولدى، بىزگە بولسا پەقەت ئاشۇ مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشنىڭ ئۆزىلا قالدى.

داۋامى تۆۋەندىكى مەنزىلدە بار
http://ketmenbay.blogspot.com/2009/01/esir-axiridiki-oylar3.html
ـــــــــــــــــــــ
تولۇق ئوقۇش