2009年1月13日星期二

Esir Axiridiki Oylar(1)

ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار(1)م



ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار(1)


ئابدۇقادىر جالالىدىن


ئەگەر سەن ئادەم بولىدىغان بولساڭ، خەلقنىڭ غېمىنى يېمىگەنلەرنى ئادەم ھېسابلىما.
ــ ئەلىشىر ناۋائىي


(1)

ئىشلىرىنى تولۇق ئورۇندىغان ئادەم ئۆزى ئىز قالدۇرغان ھەربىر تۈنۈگۈننى خۇشاللىق بىلەن ئۇزىتىپ قويالايدۇ، شۇنىڭدەك ھەربىر ئەتىنى كۆڭلى توق، ئىشەنچلىك ھالدا قارشى ئالالايدۇ. بىراق ئىشلىرى چالا قالغان ئادەم ياكى ئىنسانىي ھاياتتىكى ئەڭ ئىپتىدائىي ھاجەتلەرگە باغلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئاشالمىغان ئادەم نېمە قىلىشى مۇمكىن؟ بۇنىڭدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ، ئۆمرىنىڭ ئەھمىيەتسىز ھالدا ئاخىرلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىرەر سېزىمنىڭ بولۇشى تەس گەپ، ھەرقانچە بولغاندا، ئۇنىڭدا سۇس بىر غەمكىنلىك بولار. بۇ دۇنياغا تۆرىلىپ تۈزۈك ياشىمىغان ئادەم، روھىي، ماددىي يېتىلىشنڭ ئۆزىگە خاس نېسىۋىسىنى تېتىماي، ئۇنى گۇمراھلىق ئىچىدە تەرك قىلغان ئادەم ئاخىرەتتە دەھشەتلىك ھېساب بېرىدۇ.
دېمەك، سەن راھەت كۆرمىگەنىكەنسەن، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ يىپ ئۇچى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭدە بولىدۇ. بىراۋلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىسە، يات بىراۋلار ئۇنى ئۆزگەرتىپ قوياتتىمۇ؟! دۇنيا تارىخىنى تەكشۈرسەك، قوشنىدارچىلىقنىڭ پرىنسىپى مۇنداق بوپتۇ: ئۆزىنى ئۆزى سۆيمىگەنلەرنى ھېچكىم سۆيمەيدۇ، ئۆزىگە ئۆزى ياردەم قىلمىغانلارغا قوشنىسىمۇ ياردەم قىلمايدۇ. ئاجىز قوشنا كۈچلۈك قوشنىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، كۈچلۈك قوشنا ئاجىز قوشنىلارنىڭ ياردىمىگە ئۇچرايدۇ.


(2)

بىزمۇ 21 - ئەسىرگە كىرىۋاتىمىز. كىشىلەر ئەقىل - پاراسەت ۋە گۈللىنىشنىڭ يېڭى سەھىپىلىرىنى ئېچىۋاتقاندا، بىز ئۆتمۈش ۋە ئەتە ھەققىدە ئويلىنىشنىڭ قەرزلىرىگە بوغۇلۇپ كەتتۇق. بىز يېڭى زاماننىڭ سىناق مەيدانىغا قەرز دەپتەرلىرىنى ئۆشنىمىزگە ئارتقان ھالدا كىرىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ دەپتەرلەر بىزنىڭ ئەسلىدىكى قاۋۇل ۋۇجۇدىمىزنى بېسىپ يىگىلىتىش بىلەن بىرگە، روھىمىزنى سىقىپ تۇنجۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. چۈنكى پانىي دۇنيانىڭ قەرزىنى ئادا قىلمىغان ئادەم باقىي دۇنيانىڭ جەننىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيدىغۇ!
بىز خوشلىشىۋاتقان 20 - ئەسىردە ئىنسانىيەت كاتتا ئۆزگىرىشلەرگە قەدەم قويدى. رادىئو، تېلېۋىزور، كومپيۇتېرلار بارلىققا كەلدى. بۇلار يەر شارىدىكى ئىقلىملارنى، تاقىم ئاراللارنى، ئېتىقاد جەھەتتە بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان دۆلەت، مىللەت ۋە گۇرۇھلارنى بىر - بىرىگە باغلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاتوم بومبىسى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئاۋىئاماتكا، خىمىيىلىك قوراللار بارلىققا كېلىپ، بۇلار ئىنسانلارنى يوشۇرۇن خەۋپ ئىچىدىكى دىپلوماتىيە ئويۇنلىرى، نەيرەڭلەر، كۈلۈپ تۇرۇپ خىرىس قىلىدىغان تىنچسىز، مۇقىمسىز ۋەزىيەتكە ئېلىپ كىردى. دېمەك، بۇ ئەسىردە پەن - تېخنىكا جەھەتتە مۆجىزە خاراكتېرلىك بايقاش ۋە كەشپىياتلار بولدى، بۇلار ئىنسانلارنىڭ ماددىي قىممەتكە ئىنتىلىش تەبىئىتىنى چەكتىن ئاشقان ھالدا نامايان قىلدى. ئەمما ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، تارىختا يۈز بېرىپ باقمىغان قاباھەتلەر، ئادالەتسىزلىكلەر، تەڭسىزلىكلەر مۇشۇ ئەسىردە يۈز بەردى. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاپ، 100 مىليونلاپ ئادەم ئۆلدى، 100 مىليونلاپ ئادەم نامراتلىق ۋە سەرسانلىق ئىچىدە قالدى. ئىنسانلار بولۇپمۇ غەربلىكلەر ئۆزى ئەخلاقىي قىممەتنىڭ كىشىلىك دۇنياسىدىكى ئورنىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنىڭ رولىغا ئىشەنمەيدىغان بولدى. بىر قانچە دۆلەت رەھبەرلىرى بىر يەرگە كېلىپ، نۇرغۇن دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۇيان - بۇيان قىلدى. دۇنياۋى تەرتىپ ئۆزگەردى، خەرىتىلەردىكى سىزىقلار ۋە رەڭلەر ئادالەتسىز رەۋىشتە ئۆزگەرتىلدى. ئارقىدىنلا كوممۇنىزم، كاپىتالىزم لاگېرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلىنىپ ئۇزۇن داۋام قىلدى. قورال - ياراغلار ئىسكىلاتلاردا، مەخپىي بازىلاردا كۈنسېرى كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاچ - يالىڭاچلارمۇ كۆپىيىپ، مىليونلاپ كىشىلەر ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ئۆلدى. تۇغۇتتىن ساقلىنىش كومىلىچى ۋە قاپچۇقلىرى ياسالدى. زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا ساقچىلارمۇ ئارا تۇرالمايدىغان ھالەتكە يەتتى. ئەيدىز كېسىلى يامراپ، راك كېسەللىكلىرى بىلەن بىرگە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ۋەھشىي خەۋپكە ئايلاندى. سۇ، تۇپراق، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان تۈرلۈك ئاپەتلەرنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرگەن زىيانلىرى ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىنمۇ ياۋۇز ھالەتكە كەلدى.
روشەنكى، 20 - ئەسىردە ئىنسانلار پەن - تېخنىكا ۋە ماددىي جەھەتتە مىسلىسىز تەرەققىي قىلدى، لېكىن ئىنساننىڭ بەختسىزلىكى تارىختىكى ھەر قانداق دەۋرىدىكىدىن ھالقىپ كەتتى. گۈللەنگەن پەن - تېخنىكا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە دائىر تۈزۈلگەن تالاي خىتابنامىلەر، قانۇنلار ۋە مەجلىسلەر يەنىلا تەڭسىزلىكنى تۈگىتەلمىدى. خىلۋەت بۇلۇڭلاردىكى يوشۇرۇن كۆز ياشلارنى تۈگىتەلمىدى. كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان بېقىندۇرۇش ۋە بېقىنىش خاراكتېرلىك تىنچلىق كەلگۈسىدىكى زور بالايىئاپەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تىنچلىق كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلدى. ھەقىقىي تىنچلىق بىلەن زوراۋانلارنىڭ كۈچ ئۈستۈنلۈكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ساختا تىنچلىقنىڭ پەرقى تۈتەك ئىچىگە غەرق بولۇپ كەتتى.
ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس پائول ئا سامولسېن بىلەن ۋىليام د نودخوس بىرلىشىپ يازغان «ئىقتىساد ئىلمى» دېگەن زور ھەجىملىك كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئەنگلىيىلىك پەيلاسوپ ئېدموند بۇركىينىڭ مۇنداق بىر سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن: «رىتسارلىق (چەۋەندازلىق) دەۋرى ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى، ئەمدى سەپسەتىچىلەر، ئىقتىسادشۇناسلار ۋە كومپيۇتېر دەۋرى يېتىپ كېلىدۇ»
بۇركىي 18 - ئەسىردە ئۆتكەن پەيلاسوپ سۈپىتىدە ئۆزىدىن كېيىنكى 200 يىللىق رېئاللىقتىن بېشارەت بەرگەن. دېمەك، بۈگۈنكى غەربلىكلەر دۇنياۋى تەرتىپ ۋە سىياسەتتە شۇنىڭ ئۈچۈن تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇردىكى، ئۇلاردا ئىلمىي پەرەزچىلەر ھەر ساھە بويىچە تۈركۈم - تۈركۈملەپ چىقىپ تۇرغان. پەيلاسوپلار جاھاننىڭ قىياپەتلىرى ئۈستىدە پىكىر قىلىپ تۇرغان. ئالىملار ماددىي قانۇنىيەتلەر ھەققىدىكى پەرەزلىرى ۋە گاھ - گاھ دەلىللىرى ئارقىلىق پەيلاسوپلارنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساس يارىتىپ بەرگەن. ئىقتىسادشۇناسلار بۇ قانۇنىيەتلەرنى جەمىيەت قانۇنىيەتلىرىگە تەتبىقلاپ داھىيلار ۋە سىياسىيونلارغا ئىلمىي تەكلىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە تەسىرى مۇتلەق بولغان غەرب سىستېمىسى بەرپا بولغان. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە غەربنىڭ قىممەت قارىشى، ئەخلاق سىستېمىسى دۇنيا مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلغان بولدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربلىكلەر تەرىپىدىن ئەرەب، تۈرك، پارسلار دۇنياسىغا غەربنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. نەتىجىدە، ئەسلىدىكى ئوسمان ئىمپېرىيىسى قارىمىقىدىكى رايونلاردا غەربنىڭ قىممەت قارىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان پادىشاھلىق، جۇمھۇرىيەتلەر پەيدا بولدى. بۇلار بەجايىكى غەربتىن ئىبارەت ماگنىت تاياقچىسىنىڭ ھەرىكىتىگە ئاساسەن قىمىرلايدىغان تۆمۈر ئۇۋاقچىلىرىغا ئوخشاپ قالدى.
نەتىجىدە، ئەھۋال قانداق بولدى؟ مەنپەئەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئىقتىسادىي قىممەت ھەممىنى بەلگىلەيدىغان نەرسە بولدى. ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتى مەنپەئەت قانۇنى بويىچە چۈشەندۈرۈلدى. مەنپەئەت، پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن جىددىي كۈرەشلەر باشلاندى. ئىنسان تەبىئىتىدە بولىدىغان روھىي قىممەتلەر (ئېتىقاد)، ئەخلاقىي قىممەتلەر (ۋاپادارلىق، سەمىمىيلىك، دىيانەت)، ئىنسانىي قىممەتلەر (ئىنسانپەرۋەرلىك مەزمۇنىدىكى قۇتقۇزۇشلار، ئىرق، مىللەتتىن ھالقىغان رىشتىلەر ۋە ياردەملەر) يۇقىرىدىكى ئىقتىسادىي قىممەتنىڭ قوشۇمچە نەرسىلىرىگە ئايلىنىپ قالدى ياكى ئەرزىمەس ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. چېركاۋلار قىممىتى ۋەيران بولغان كىشىلەر ئىزدەيدىغان ئايرىم نەرسىگە، پوپلار جەسەت ساندۇقى ئالدىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئايلاندى. سەنەتكارلار كىشىلەرنىڭ ماددىي مەنپەئەتدارلىق تۇيغۇسىغا ماسلاشماي، سەنەتنىڭ ئىچكى تەلەپلىرىنى قازىمەن دېسە جان باقالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئوڭ مېڭىسىدە سەنەت، سول مېڭىسىدە تىجارەت بولمىسا بولمايدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. جۇڭگو تاكى 1970 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن ياشىدى. مىليونلاپ ئىنسان ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن بولغان كۈرەشتە ئۆلدى. مىليونلاپ ئىنسان ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن ياماق چاپان، ياماق ئىشتان كىيگەن ھالدا قەھرىمان بولدى. مىليونلاپ ئىنسان ئىجاد قىلىش، بايلىق يارىتىشقا تېگىشلىك مېڭىسىنى ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشنىڭ جابدۇقلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئادىمىيلىككە ياتىدىغان تەبىئەتتىن مەھرۇم بولدى. سىرتقى دۇنيانىڭ يۈكسەك گۈللەنگەن ھالىتى 1840 - يىلىدىكى ئەنگلىيە زەمبىرەكلىرىدەك جۇڭگولۇقلارنىڭ تەپەككۇر دەرۋازىسىنى سىلكىدى. ئاڭ فورمىسىنىڭ خۇمارى ئەپيۈننىڭ خۇمارىدىنمۇ دەھشەتلىك بولۇپ، بۇ خۇمار تا بۈگۈنگىچە جۇڭگۇئولۇقلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن خالاس تاپمىدى. بىراق قانداقلا بولمىسۇن، 1970 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان ئىسلاھات جۇڭگو ئۈچۈن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى ماددىي مەئىشەتنى يارىتىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىقتىسادىي قىممەت ئۇرۇشى پۈتكۈل دۇنيانى تەلتۆكۈس قاپلىدى. روھىي قىممەتلەر كىشىلىك جەمىيىتىدىن سىقىپ چىقىرىلدى. ئالىيجاناب ئەخلاقىي قىممەتلەر مۇرەككەپ ماھىيەتلىك دىپلوماتىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋرەت لاتىسىغا ئايلاندى. تالاش - تارتىش، كۈرەش، تاجاۋۇز، ئالدامچىلىق قۇرۇلۇشلىرى چىرايلىق ھەل بېرىلگەن ھالدا كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى بەيەت قىلىدىغان ئومۇمىي يۈزلىنىش بولۇپ قالدى. ئەينى دەۋرلەردە ھەربىي ئىشلارغا تەتبىقلانغان ھىيلە - مىكىر دەستۇرلىرى زامانغا يارىشا ھالدا قايتىدىن ئىشلىنىپ، پۈتكۈل سودا ۋە ئىنسانىي ئالاقىلەرگە تەتبىقلاندى (مەسىلەن، ماكياۋېللىينىڭ «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى»، كلاسسىۋېتزنىڭ «ئۇرۇش نەزەرىيىسى»، جۇڭگودىكى «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «36 تەدبىر»، «سۇنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى»).
پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچىنى توغرا چۈشىنىش كېرەك. مۇبادا پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچىگە بولغان ئىشىنىش چوقۇنۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتسە، بۇ، پەن خۇراپاتلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چېكىدىن ئاشقان مەنپەئەتدارلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى قېزىش تۈپەيلى ئېغىر تەبىئەت كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ كرىزىس ئەمەلىيەتتە ئىجتىمائىي كرىزىس (مىللەتلەرنىڭ بۆلۈنۈشى، ئائىلىنىڭ يىمىرىلىشى، مائارىپنىڭ دوگمىلىشىشى، قانۇننىڭ كۈچتىن قېلىشى... قاتارلىق) ۋە روھىي كرىزىس (ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك، ئەقىدسىزلىك، روھىي كېسەللىك...) نىڭ نەقەدەر زور ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
20- ئەسىر شۇ قەدەر ئەسەبىي قىلىقلار بىلەن تولغان ئەسىر بولدىكى، كىشىلەر مۇقەددەس كىتابلاردىكى قىيامەت تەسۋىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى رېئال تۇرمۇشتىن يەتكۈدەك ئۇچرىتىشتى. ئىجادىيەت بىلەن بۇزغۇنچىلىق بالانس رەۋىشتە روياپقا چىقتى.
غەرب مۇتەپەككۇرلىرى بۈگۈنكى روھىي كرىزىستىن ئاللىقاچان بېشارەت بېرىشكەنىدى. 19 - ئەسىر دىنىي جەمىيەت دەۋرى بولدى. ئاللانىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھەدىيە قىلغان ئېتىقاد ھوقۇقى، قانۇن ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرى ئېپىسكوپلار، پوپلار ۋە مىسسىيونېرلار تەرىپىدىن مونوپول قىلىندى. ئېتىقادتىكى ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىك ئەمەلدە يوق قىلىندى. شەخسنىڭ خۇدانى چۈشىنىش ۋە سېغىنىشتىكى ھوقۇقى تالان - تاراجغا ئۇچرىدى.
شۇڭلاشقا گېرمانىيە پەيلاسوپى ف. نېتزى: «خۇدا ئۆلدى!» دەپ جاكارلىغانىدى. بۇ «ئۆلگەن خۇدا» شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، خۇدانىڭ بارلىق بەندىلەرگە بولغان ئورتاقلىقى يوقىلىپ، ئىجتىمائىي قاتلام ۋە دەرىجىلەرنىڭ غايىب شاھىتى بولۇپ قالدى. خرىستىئان دىندارلىرى بەئەينى «ئۆلۈك خۇدا»نىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ كىشىلەرگە ھەيۋە قىلىشقانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خرىستىئان دىنىنىڭ پات ئارىدا ھاكىمىيەتتىن سىقىپ چىقىرىلىشىدەك رېئاللىقنىڭ سايىسى يىراقتىن ئايان بولۇپ تۇراتتى.
رىتسارلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى شائىرلارغا خاس رومانتىك دۇنيانىڭ زەربىگە يولۇقۇشىدىن دېرەك بېرەتتى. رىتسارلىقنىڭ تۈگىشى ئىنساندىكى قىشلاققا خاس تەبىئەتنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىدۇر. بۇنداق چاغدا جەمىيەت كىشىلىرىنىڭ ھەرىكىتى مۇتەپەككۇرلار ۋە سەنەتكانىڭ تەسىر دائىرىسىدىن قاڭقىپ چىقىپ كېتىدۇ - دە، نوقۇل ئەقىل ئۈستىگە قۇرۇلغان سىياسىيونلۇق سەھنىگە چىقىدۇ. شۇڭا 19 - ئەسىر ئىنسانلارنىڭ سەنەتكە مايىل تەبىئىتى بىلەن دىن، ھوقۇققا مايىل تەبىئىتى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ مەنزىرىسى بىلەن خاراكتېرلەندى. 19 - ئەسىر چەت ئەل ئەدەبىياتى ۋەيران بولۇۋاتقان ئىنسانىي قىممەتكە ئوقۇلغان ھەسرەتلىك ناخشىدۇر. 20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئادۋوكاتلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ، ھاكىمىيەتنىڭ بېشىدىكى ئىشەنچلىك مەسلىھەتچىلەرگە ئايلاندى. سىياسىي رەڭۋازلىق دۆلەت باشقۇرۇش سەنىتىنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان ۋاسىتىلىرىگە ئايلاندى. سانائەت بىلەن ماشىنا ئىنساندىكى مۇنەۋۋەرلىك ۋە ئىجادىي كۈچنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. شائىرلارنىڭ لىرىك سادالىرى ماشىنىلارنىڭ تاراق - تۇرۇقلىرى ئىچىدە دىمىقىپ، بوغۇق ئاڭلىنىدىغان، ھەتتا ئەسەبىي چىرقىراشقا ئايلىنىپ قۇلاقنى يارىدىغان بولدى. مودېرنىزمچىلار ئىنسانلاردىكى روھىي بىمارلىقنى ماس شەكىللەر، غەيرىي ئۇسلۇبلار بىلەن ئەينەن كۆرسەتتى. روشەنكى، مودېرنىزممۇ بىر خىل رېئالىزم بولۇپ، ئۇ، بۇرمىلانغان ئىنسانىي چىنلىقنى بۇرمىلانغان تەپەككۇر شەكلىدە ئەينەن كۆرسەتتى. بۇ دەۋردىكى ئەدەبىيات روھىي ئازابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نالىسىنى چىڭقىلىپ توۋلىدى - دە، ئەدىبلەر ئۆلدى ئەدىبلەرنىڭ تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى پەۋقۇلاددە ئوبرازى خىرەلەشتى. 20 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، دۆلەت سىياسىي ئىقتىسادنى مەركەز قىلىدىغان بولدى. ئەمدىلىكتە ئىقتىساد ئالىملىرى زۇڭتۇڭلار، باش مىنىستىرلار، پادىشاھلار، ۋەزىرلەر ۋە سېكرىتارلارنىڭ يېقىن مەسلىھەتچىلىرىگە ئايلاندى. ئىنسان قىممىتىنىڭ مەركەزلىك ئورنى شەكلەن مەسىلە بولۇپ قالدى ئىنسانىيەت روھى، تەبىئىي مۇھىت، ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتىن تولۇق تەنھالىققا يەتتى. ھەل قىلىش قىيىن بولغان تۈرلۈك زىددىيەتلەر ئىنسانلارنى خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدىغان، تۈزۈك نەپەس ئالالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈردى. دېمەك، بۇ دەۋردە ئىنسان ئۆلدى. غەرب مۇتەپەككۇرلىرى يۇقىرىقى ئۈچ ئۆلۈمنى ئايرىم - ئايرىم توۋلىغاندا، خەۋپ ۋە شاۋقۇن - سۈرەن قاپلىغان تىنچسىز دۇنيا ئۇلارنىڭ ئاشۇ سەمىمىي ئاۋازىنى پەرۋاسىزلىق بىلەن يۇتۇۋەتتى.
20- ئەسىردىكى پەن ۋە دېموكراتىيىگە يۈزلىنىشنىڭ تىنىمسىز دولقۇنلىرى جۇڭگو زېمىنىغا ئۇرۇلۇپ تۇردى. بۇ 100 يىل ئىچىدە جۇڭگونى ئاساسەن ئىدېئولوگىيە كۈرىشى ئېلىپ باردى، دېسە بولىدۇ. بۇ جەرياندا سانسىزلىغان زىيالىيلار (ئەلۋەتتە غەربپەرەس زىيالىيلارمۇ) ۋەيران بولدى. ئاۋىئاماتكىغا بېلىقچى كېمىسى بىلەن تاقابىل تۇرۇشتەك مەمەدانلىق جۇڭگونى خەلقارا تەسىر ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە يېتىم قالدۇردى. جۇڭگو بۇنى ئاخىر چۈشىنىپ يېتىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەزى ئىسلاھاتلارنى يۈرگۈزدى. بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلەر زور بولغان بولسىمۇ، بىراق جۇڭگۇئولۇقلارنىڭ تەپەككۇر قۇرۇلمىسى، قىممەت قارىشى ۋە بىر پۈتۈن ساپاسىدا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ياسىيالمىدى.
يىغىپ ئېيتقاندا، غەربتىمۇ ئادەم كرىزىسى مەۋجۇت، بىراق بۇ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى تەرەققىياتنىڭ ۋايىغا يېتىشى، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە مۇھىتىدىكى ئىجادىي روھنىڭ ئۇرغۇشىدىن كېيىنكى كرىزىس بولۇپ، تەبىئەت، جەمىيەت ساھەلىرىدىكى ئەقىلنىڭ تويۇنۇشىدىن كەلگەن. دېمەك، غەربتىكى كرىزىس مۇكەممەل توقلۇقتىن كەلگەن. جۇڭگودىكى كرىزىسچۇ؟ جۇڭگودا ئادەم كۆپ بولۇشىغا قارىماي، ئۇلاردىكى ئەقلىي قابىلىيەت بوغۇپ قويۇلغان. ئەقىلنىڭ بوغۇلۇشى پۇتنىڭ بوغۇلۇشىدىنمۇ يامان. نەتىجىدە، كىشىلەر ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىشتىكى رولىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، تاماق يەيدىغانلار جەمىيىتىدىن ئىبارەت بولۇپ قالغان.
لى مېڭ ئەپەندى جۇڭگودىكى بۇ خىل كرىزىسنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: «جۇڭگۇئولۇقلارنىڭ كرىزىسى تارىختىن بۇيانقى ئەقلىي تەرەققىياتنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن كەلگەن. بۈگۈنكى جۇڭگولۇقلاردا تەبىئىي پەندىكى ئەقلىيلىقتا كەمتۈك بولۇپلا قالماي، بەلكى جەمىيەت دېموكراتىيىسى جەھەتتىكى ئەقلىيلىقتىمۇ كەمتۈك. جۇڭگو دۇنيادىكى ئىلىم - پەن ۋە دېموكراتىيىنىڭ دولقۇنلىرىغا ئارقا - ئارقىدىن ئۇچراپ تۇرۇپمۇ ئاخىرقى بىر پارچە قاقشال زېمىن بولۇپ تۇرۇۋەردى» («جۇڭگو كرىزىسى»نىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىن ئېلىندى. ئىسلاھات نەشرىياتى 1998 - يىل 12 - ئاي نەشرى).
دېمەك، جۇڭگودىكى كرىزىس روھىي ۋە ماددىي جەھەتتىكى گادايلىقتىن كەلگەن. نەچچە ئەسىرلىك يېغىلىق ۋە موھتاجلىق جۇڭگۇلۇقلاردىكى روھىي ساپانىڭ يېتىلىشىگە زادى ئىمكان بەرمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ بىر مەزگىللىك تالان - تاراجى، فېئودال ئىچكى كۈچلەرنىڭ زۇلۇمكارلىقى بۇ خەلقنى ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدە تۈزۈك ئويلاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلمىغان. ئەنگلىيە تارىخچىسى ئارنولدتويىنبى ئىنسانىيەت تارىخىدا يوقاپ كەتكەن 24 مەدەنىيەت (ئەلۋەتتە، 24 مىللەت دۆلەت) نى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ يوقاپ كېتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب، ناھايىتى بالدۇر گۈللىنىپ كەتكەنلىكىدە، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. جۇڭگونىڭ كۇڭزى ئەقىدىسىنى ئومۇرتقا قىلغان مەدەنىيىتى گەرچە يوقاپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىر خىل رىتىمدىكى ئۇزۇن تارىخى ئەرزىمەس روھىي غالىبىيەتچىلىكنى پەيدا قىلغان - دە، ئەمەلىي ئاساسىدىن ئايرىلىپ قالغان مەغرۇرلۇق ساقىت بولۇش قىيىن بولغان ئىرسىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئىرسىيەت دۇنيانىڭ «قاپ ئوتتۇرىسى»دا تۇرغان ئانى ئەجدادلىرىغا نېسىپ بولغان مەئىشەتتىن ئايرىۋەتكەن.
كۇڭزىنىڭ: «ئەجدادىڭنى ئۆرنەك قىل» دېگەن سۆزى جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىنىڭ روشەن ئەينىكىدۇر. دەرۋەقە، جۇڭگودىكى ئىلىم تەھسىل قىلىش كۇڭزىنىڭ قائىدە - يوسۇن دەستۇرى، پاساھەتلىك شېئىر - نەزمىلەرنى پىششىق يادقا ئېلىش، خۇشخەت قىلىپ كۆچۈرۈشتىن ئىبارەت بولدى. سۆز قىلغاندا كونا كىتابلاردا ئىشلىتىلگەن ماقال - تەمسىللەر ۋە ئىدېئوملارنى ئىشلىتىش تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ بەلگىسى بولدى.

كۇڭزى يەنە مۇنداق دېگەنىدى:

«بەگلەر خۇلقى شامالدۇر،
پۇقرا خۇلقى گىياھتۇر.
شامال ئۇچسا قايانغا،
گىياھ شۇيان ياتادۇر.»

جۇگېلياڭ فېئودال جۇڭگودىكى تىپىك ئۆلىما (زىيالىي دېگەن گەپ بىلەن ئوخشاش بولامدۇ، يوق؟ مۇھاكىمە قىلىپ بېقىش كېرەك). لېكىن ئۇ شۇنچە مول بىلىمى ۋە ئەقىل - پاراسىتى بىلەن زاۋال تېپىۋاتقان خاندانلىقنى تىرىلدۈرۈشنىڭ كويىدا يۈرۈپ، ئارمان بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ. بۇمۇ «ئەجدادنى ئۆرنەك قىلىش»نىڭ نامايەندىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سۇن ۋۇكۇڭ بىرلا چەمبىرەك بىلەن ئۆزىگە قارىغاندا قابىلىيەتسىز، ھاماقەت تاڭ سىڭغا باغلىنىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. ھەتتا كۇڭزىنىڭ ئۆزىمۇ ئوردا ئىچىگە تەلمۈرۈپ، ھەسرەت بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.
روشەنكى، جۇڭگو تارىخىدىكى ئۆلىمالار ئۆزلىرىنىڭ زېھنىي كۈچىنى كونىنى تىرىلدۈرۈش، ھاكىمىيەتنى بېزەش ئۈچۈن سەرپ قىلىشىپ، دىلىدىكى ئارمانلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئۆتۈپ كېتىشكەن. ئۇلار بۇ خىل ئوبرازى بىلەن خەلققە ئۆزىنى پرومىتىدەك بېغىشلايدىغان قەھرىمانلاردىن تولىمۇ يىراقتا تۇرىدۇ.
غەرب زىيالىيلىرى ئۆز دەۋرى سىغدۇرالمايدىغان ئىلمىي قىياس ۋە ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا ئېتىپ بالاغا قېلىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بەرىبىر ئۆز دەۋرىنىڭ بىباھا گۆھەرلىرىگە ئايلىنالىغان.
تارىخ ھەر قانچە بەتنىيەت بولسىمۇ، تەبىئەت بىلەن ئىنساندىكى پىتىرەت (تەبىئەت) كە بېقىنىدۇ. قانداقتۇر بىر مۇقەررەر قانۇنىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭا تارىخ ئۆزى قۇربان قىلىۋەتكەن ھەقىقەتچىلەرنىڭ قەبرىسىگە باش ئۇرۇپ، ئۆزىگە ئاشۇ قەبرىنىڭ توپىسى بىلەن ئۇل سالىدۇ.
ۋەھالەنكى، پاكىز قەبرە تاپقىلى بولمىسا قانداق قىلغۇلۇق؟ بۇمۇ بىر مەسىلە.
لى مېڭ ئەپەندى «زىيالىيلارنىڭ بۇرچى ۋە تەقدىرى» دېگەن ماقالىسىدە يۈز - خاتىر قىلمىغان ھالدا «جۇڭگودا زىيالىيلارنىڭ پەيدا بولۇشى ‹4 - ماي›دىن كېيىنكى ئىش» دەپ ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە لۇشۈننى نادانلىق، كونىلىققا قارشى ئىسيانكارلارنىڭ ۋەكىلى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا نەچچە ئون يىللاردىن بۇيانقى زىيالىيلار پاجىئەسىنى قەيت قىلىپ ئۆتىدۇ.
زىيالىيلار جەمىيەتنىڭ سەرخىللىرىدۇر. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ ئالدى - كەينىدىكى مۇقىمسىز ئىجتىمائىي ۋەزىيەت دۆلەتنى روناق تاپقۇزۇشتا رول ئوينايدىغان كەسپىي سەرخىللارنى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇتۇپ تاشلىدى.
مانا ھازىر جۇڭگو جەمئىيىتىدە شەھەرلىشىش تېزلەشتى. شەھەرلەردە كۆككە تاقاشقان بىنالار، ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر زامانغا يارىشا ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلدى. خۇسۇسىي ماشىنىلار كۆپەيدى، كاستۇم - بۇرۇلكا، شىبلىت كىيىش ئومۇملاشتى. قوللىرىغا يان تېلېفون ئېلىۋالغان دىرېكتور ئەپەندىلەرنىڭ سالاپەتلىك تۇرقى ھەممىلا يەردە ئۇچرايدۇ. بىراق بۇلار يامغۇردىن كېيىنكى ھەسەن - ھۈسەنگە ئوخشايدۇ. ئۇلار گۈزەل بولغىنى بىلەن كۆۋرۈك قىلىپ ماڭغىلى بولمايدۇ، قۇرغاق ھاۋا ئەسلىگە كەلسىلا، بۇ رەڭگارەڭ ھەسەن - ھۈسەن كۆرۈنمەي قالىدۇ. بۈگۈنكى گۈللىنىۋاتقان جۇڭگودا ئىككى قۇتۇپلىشىش روشەنلىشىپ، يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىدە يوقالغان ئىككى قۇتۇپنىڭ ئۆزگىچە ۋارىيانتى باش كۆتۈردى. ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەنىدى. ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالارنىڭ نىسبىتى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيىنى ياراتتى.

مەسىلەن:
جۇڭگو تارىخىدا مەنسەپدار بىلەن پۇقرانىڭ نىسبىتى مۇنداق ئۆسكەن:

خەن دەۋرىدە 1:7945
تاڭ دەۋرىدە 1:3927
چىڭ دەۋرىدە 1:911
ھازىر 1:30

(«7 - قېتىملىق ئىنقىلاب» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى. «ئىقتىساد گېزىتى» نەشرىياتى 1998 - يىل 4 - ئايدىكى نەشرى).

روشەنكى، جۇڭگو جەمىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش يەنىلا مەنسەپدارلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن، پارىخورلۇق، چىرىكلىك باش كۆتۈرگەن.
ئىقتىسادىي ئىسلاھات يولغا قويۇلۇپ، بىر قىسىملارنىڭ ئالدىن بېيىشى تەشەببۇس قىلىنىۋىدى، باي - كەمبەغەللىك پەرقى زىيادە چوڭ بولۇپ كەتتى. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭگو نوپۇسىنىڭ ٪3 ئىگە يەتمىگەن كىشىلەرنىڭ بانكىغا قويغان ئامانىتى پۈتكۈل مەملىكەتتىكى يېزا - بازار ئامانىتىنىڭ ٪38 ئىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پۇللارنىڭ كۆپ قىسمى ھۆكۈمەت بەرگەن ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ تېپىلغان.
كۆز ئالدىمىزدىكى ئەھۋاللارنى ئالساق، ئۈرۈمچىنىڭ مەلۇم بىر مېھمانخانىسىدىكى بىر قېتىملىق ئاددىي زىياپەتكە كەتكەن پۇل خوتەن يېزىلىرىدىكى بەزى دېھقاننىڭ نەچچە يىللىق كىرىمىدىن چوڭ. ئادەتتىكى بىر شىرە زىياپەت بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاساسلىق مائاشىنىڭ بىر يېرىم ياكى ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ (ئەلۋەتتە، ئايلىق مائاشى كۆزدە تۇتۇلىۋاتىدۇ).
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئىش سۈپىتى، تاۋار سۈپىتى، ئادەم سۈپىتى، ئىشسىزلىق قاتارلىق ئامىللار يېڭىۋاشتىن ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە.
زامانىمىز كرىزىس تۇيغۇسىغا ئىگە زىيالىيلارنى يېتىشتۈرمەكتە. بۇ پات ئارىدىكى كرىزىس تۇيغۇسىغا ئىگە رەھبەرلەردىن بېشارەت بېرىدۇ. ئۇلار ئويلانماقتا. ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى سۈپىتىدە ئىلغار تەكلىپ - لايىھىلەرنى سۇنماقتا.

داۋامى تۆۋەندىكى مەنزىلدە بار
http://ketmenbay.blogspot.com/2009/01/esir-axiridiki-oylar2.html
ـــــــــــــــــــ

没有评论:

发表评论

发表评论