2009年1月4日星期日

Yusuf Qerdawi Eserlirining Katalogi

يۈسۈپ قەرداۋى ئەسەرلىرىنىڭ كاتالوگى




يۈسۈپ قەرداۋى ئەسەرلىرىنىڭ كاتالوگى




يۇسۇپ قەرەداۋىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:


زامانىمىزدىكى ئىسلام ئويغىنىش ھەركىتىنىڭ بايراقدارى، ئۆزىنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرى سەۋەبىدىن پۇتۇن ئىسلام دۇنياسى ۋە غەيرى ئىسلام ئەللىرىگە تونۇشلۇق بولغان ئالىم، دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى كىڭىشىنىڭ رەئىسى شەيىخ دوكتۇر يۇسۇپ قەرەداۋى 1926 - يىلى 9 - ئاينىڭ 9 - كۇنى مىسىردا دۇنياغا كەلگەن، 10 ياشقا توشماي تۇرۇپلا ‹قۇرئان كەرىم›نى پىششىق يادىلاپ بولغان،
1953 - يىلى دىن يىلدىزلىرى ئىلمى پاكۇلتىتىنىڭ باكلاۋىرلىق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن،
1954 - يىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن،
1960 - يىلى دىن يىلدىزلىرى پاكۇلتىتىنىڭ ماگىستىرلىك ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن،
1973 - يىلى ئالاھىدە نەتىجە بىلەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن،


قاتاردا دىنى ۋەزىپە ئۆتەش:

مەكتەپ پۇتتۇرگەندىن كىيىن ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ دىنى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ئەزھەردە ۋەزىپە ئۆتىگەن، كىيىن قاتارغا كۆچۇپ بىرىپ قاتار دىنىي ئىنىستىتوتنىڭ مۇدىرى بولغان ۋە مەزكۇر ئىنىستىتوتنىڭ ئىسلام تەتقىقات پاكۇلتىتىنى قۇرۇپ، ئىسلام قانۇنى ۋە ئىسلام تەتقىقات پاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۇستىگە ئالغان ھەم سۇننەت ۋە سۇننەت تارىخى تەتقىقات مەركىزىنى قۇرۇشقا مەسئۇل بولغان ۋە بۇگۇنگىچە ئۇنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۇستىگە ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ.


ھارماس - تالماس دىن تەشۋىقاتچىسى:

شەيىخ قەرەداۋى ياشلىق دەۋىرىدىن باشلاپلا ئۆزىنى دىن تەشۋىقاتىغا ئاتىۋەتكەن ۋە مىسىر پادىشاھلىق تۇزۇمى ۋە كىيىنكى ناسىر ھۆكۇمىتى تەرىپىدىن بىر قانچە قىتىم قولغا ئىلىنغان.
ئۇ ھەر تەرەپلىمە يىتىشكەن تالانىت ئىگىسى بولۇپ ئالاھىدە ناتىقلىق ۋە يىزىقچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ۋە شۇنداقلا يەنە دىنىي ھۆكۇملەردە قۇرئان ۋە ھەدىسكە سادىق بولۇش ۋە رىئاللىقنى چىقىش قىلىش يولىنى تۇتۇپ ماڭغان بولغاچقا، ھەرقايسى ساھەگە مۇناسىۋەتلىك كىتاپلىرى ۋە پەتىۋالىرى پۇتۇن ئىسلام دۇنياسى ۋە ئامرىكا، ياۋرۇپادىكى ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشكەن.
ئۇ ئىسلام بىلىملىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە تولۇق يىتىشكەن بولۇپ، دىنى تىكىستلەر بىلەن ئەقلىلىكنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۇرگەن. ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بىر تالانتلىق شائىر بولۇپ شىئىرلىرى پۇتۇن ئەرەپ دۇنياسىغا تارقالغان.


ئەسەرلىرى:

شەيىخ قەرەداۋى ئۆمىرىدە 140 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر يازغان بولۇپ ،بۇ ئەسەرلەر پۇتۇن ئىسلام دۇنياسىغا تارقاپ، ھەرخىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ ھەرقايسى مىللەتتىن بولغان كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئىلىشىغا ئىرىشكەن، ئۇنىڭ ماقالە، نوتۇق، مۇنازىرە ۋە دەرىسلىرىنىڭ سانىنى بىلىش ھەقىقەتەن تەس، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى كەم ئۇچرايدىغان ئىسلام مۇتەپەككۇرى، ئىسلام روھى ۋە يىڭى دەۋر مەسىلىلىرىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۇرگەن تالانت ئىگىسى دەپ قارايدۇ،
ئۇ ئۆزىدە دىنى ئالىملارنىڭ پىرىنىسپچانلىقى، ئەدىپلەرنىڭ تىل ئىشلىتىش ماھارىتى، ئىسلاھاتچىلارنىڭ يىڭىلىق يارىتىش قابىلىيتى، دىن تەشۋىق قىلغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى بىرلەشتۇرگەن، ئۇ يەنە ئىسلامنىڭ مۇتىدىل ئىدىيە ئىقىمىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، بۇ ئىقىم ئەنئەنە بىلەن يىڭىلىق يارىتىش، ئىدىيە بىلەن ھەرىكەت ئارىسىنى بىرلەشتۇرگەن، جەمئىيەتكە چوڭقۇر چۇشىنىش ۋە دىننىڭ مەقسىدىنى چىقىش قىلىش، دىنى ۋە دۇنيالىق پۇتۇن ئىشلاردا ئىلگىرى-كىيىنلىك ۋە مۇھىملىق تەرتىۋىگە ئەھمىيەت بىرىشنى ئۆزىگە پىرىنسىپ قىلىپ ئىسلام ئۈممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان دەۋر بىلەن تەڭ، ماس قەدەمدە يىتەكلەپ ماڭغان، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە يىڭىلىق يارتىش، ئۆتمۇشنى قايتا ئويلىنىش ۋە بۇگۇننى چىڭ تۇتۇپ، كەلگۇسىگە نەزەر سىلىش يولىنى تۇتۇپ ماڭغان ئىقىمدۇر،


ھەر قايسى دۆلەتلەرگە سەپىرى:

ئۇ ئاسىيا ۋە ئاپرىقىدىكى ھەرقايسى ئىسلام ئەللىرىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان، دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ ئۇنۋىرستىتلاردا زىيارەتتە بولغان ۋە نوتۇق سۆزلىگەن ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن خەلىقئارالىق مۇھىم يىغىنلارغا ۋە ئىسلام تەتقىقات يىغىنلىرىغا قاتناشقان.


ئىلمى پائالىيەتلىرى:

ئۇ دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان ئىلمى ۋە دىن تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ ئەزاسى، بۇ ئورگانلار مەسىلەن: باش شىتابى مەككىگە جايلاشقان ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى قارمىقىدىكى فىقھى كومىتىتى، ئىئوردانىيە خان جەمەتى ئىسلام تەتقىقات مەركىزى، ئوكىسفورد ئۇنۋىرستىتى ئىسلام تەتقىقات مەركىزى،ئىسلام ئاباد ئىسلام بىرلەشمە كاتىپلار كومىتىتى، قاسىم ئىسلام تەشۋىقات كومىتىتى،،،قاتارلىقلار. ئۇ يەنە نۇرغۇن ئىسلام بانكىلىرىنىڭ پىقھى نازارەتچىلىك كومىتىتىنىڭ رەئىسى.


ئىلمى مۇكاپاتلار:

1990-يىلى ئىسلام تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ئىقتىساد مۇكاپاتىغا ،
1992-يىلى پادىشا فايسال نامىدىكى دۇنيا ئىسلام تەتقىقات مۇكاپاتىغا ،
1996-يىلى مالايسىيا خەلىقئارا ئىسلام ئۇنۋىرستىتىنىڭ ئىلمى تۆھپە ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ... ئىرىشكەن


تۆۋەندىكىسى دوكتۇر يۇسۇپ قەرداۋى ئەسەرلىرىنىڭ تەپسىلى تىزىملىكى:

1، ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھاراملار (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)
2، ئىسلام تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيسى
3، ئىسلام تەربىيسى ۋە ھەسەن بەننا مەكتىۋى (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)
4، كىيىنكى باسقۇچ ئىسلام ھەركەتلىرىدىكى ئالدىن قىلىدىغان ئىشلار
5، ئىمان ۋە كىشىلىك ھايات (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)
6، ئىسلامنىڭ ئومومى ئالاھىدىلىكلىرى
7، ناخشا ۋە مۇزىكا فىقھىسى
8، ئويۇن ۋە كۆڭۇل ئىچىش فىقھىسى
9، ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئىجتىھاد
10، ئىسلام شەرىئەت تەتقىقاتىغا كىرىش ئىغىزى
11، ئىسلامدىكى دۆلەت فىقھىسى
12، ئىنتىزامچانلىق ۋە ئۆز مەيلىگە قويىۋىتىش ئارىسىدىكى فەتىۋا
13، ئىسلام شەرىئىتىدىكى ئىلاستىكىلىق ۋە كەڭچىللىك ئامىللىرى
14، ئەنئەنە ۋە يىڭىلاش ئوتتۇرسىدىكى ئىسلام فىقھىسى
15، ئىنتىزامچانلىق ۋە بوش قويىۋىتىش ئارىسىدىكى يىڭى ئەسىر ئىجتىھادى
16، ئاز سانلىق دىنى ئامما فىقھىسى
17، ئىسلام شەرىئىتىدە ئايالنىڭ دىيىتى
18، زاكات فىقھىسى(ئىككى توم)
19، كەمبەغەللىك مەسىلىسى ۋە ئىسلامنىڭ ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقى
20، بانكا ئۆسۇمى ھارام پايدىدۇر
21، ئىسلام ئىقتىسادىدا ئەخلاق ۋە قىممەتنىڭ رولى
22، زاكاتنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى رولى
23، ‹قۇرئان› دىكى سەبرە
24، ‹قۇرئان› دىكى ئەقىل ۋە بىلىم
25، ‹قۇرئان كەرىم› بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟
26، رەئىد سۇرىسىنىڭ تەپسىرى
27، ھەدىس تەتقىقاتىغا كىرىش ئىغىزى
28، ئىلھام بىرىش ۋە قورقۇتۇش توغىرسىدىكى تاللانما تىكىستلەر
29، سۇننەت؛بىلىم ۋە مەدىنىيەتنىڭ مەنبەسى
30، ئاللانىڭ مەۋجۇتلۇقى
31، تەۋھىدنىڭ ماھىيىتى
32، تەقدىرگە ئىشىنىش (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)
33، سۇننەت بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟
34، شاپائەت
35، رەببانى(ئىلاھ سۆيەر) تۇرمۇش ۋە بىلىم
36، نىيەت ۋە ئىخلاس
37، تەۋەككۇل
38، ئاللاغا تەۋبە قىلىش
39، ھەج،ئۆمرە ۋە قۇربانلىق توغىرسىدا 100سۇئال
40، ھازىرقى زامان پەتىۋالىرى
41، مۇسۇلمان قىرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەربىيە تەشۋىقاتى ۋە كۆرەش بىلەن ئۆتكەن70يىلى
42، ئاللانىڭ پەيغەمبىرى ۋە بىلىم
43، مۇسۇلماننىڭ تۇرمۇشىدىكى ۋاقىت
44، تۇنۇگۇن،بۇگۇن ۋە ئەتە ئارىسىدىكى ئەزھەر ۋەزىپىسى
45، ئىسلام ئويغىنىشى ۋە ئەرەپ ئىسلام مىللەتچىلىكىنىڭ ئازابى
46، خاتالىق قەيەردە؟
47، يىڭى دەۋىردىكى قولاي فىقھىغا ئالغا
48، ‹قۇرئان› ۋە سۇننەتنىڭ يىڭى تەتقىقاتى ئاستىدىكى: ئالدىن قىلىدىغان ئىشلار فىقھىسى
49، ئىسلام ۋە دىنسىزلىقنىڭ روبىرولىقى
50، ئەنئەنە ۋە زامانىۋىيلىق ئارىسىدىكى ئەرەپ-ئىسلام مەدىنىيتى
51، بىز ئىزدەۋاتقان ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ قىياپىتى
52، ئىسلام جەمئىيىتىدىكى غەيرى مۇسۇلمانلار
53، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھەرقانداق دەۋىر ۋە ئورۇنغا ئۇيغۇنلىقى
54، توغرا ئىختىلاپ ۋە سۆكۇلىدىغان بۆلگۇنچىلىك ئارىسىدىكى ئىسلام ئويغىنىشى (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)
55، ياشلىقتىن پىشىپ يىتىلىشكە قاراپ مىڭىۋاتقان ئىسلام ئويغىنىشى
56، ئىسلامنىڭ دۇچ كىلىۋاتقان چەكتىن ئاشقان دىنسىزلىق
57، ھەقىقى گۇللىنىش ئۇچۇن دىننى يىڭىلاش ۋە دۇنيا قۇرۇش
58، ئەسىر ئالمىشىش ھارپىسىدىكى ئىسلام ئۇممىتىمىز
59، ئىچىۋىتىش ۋە بىكىنمىچىلىك ئارىسىدىكى ئىسلام مەدىنىيتى
60، بۇرمىلانغان تارىخىمىز
61، ئىسلام ۋە ئاشقۇنلۇق
62، بىز ۋە غەرپ: مۇشكۇل سۇئاللار ۋە كەسكىن جاۋاپلار
63، دىن ۋە سىياسەت
64، ئىسلام ئۇممىتى خىيال ئەمەس بەلكى ئەمىلىيەت
65، ئىككىنچى بەخىتسىزلىك ساۋاقلىرى (پەلەستىن مەسىلىسى)
66، ئىسلام ۋە يىڭى دەۋىر مەسىلىلىرى توغىرسىدا سۆھبەت يىغىنى ۋە دىئالوگلار
67، تەتقىق قىلىنىشقا تىگىشلىك يىڭى دەۋىر مەسىلىلىرى
68، مۇسۇلمانلار ۋە يەرشارىلىشىش
69، چەتتىن كىرگۇزۇلگەن ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇممىتىمىزنى قانچىلىك قۇتقۇزالىغانلىقى
70، ئىسلامچە ھەل قىلىش لاھىيسى مەجبۇرىيەت ۋە زۆرۇرىيەتتۇر
71، ئىسلامچە ھەل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ رۇشەنلىكى ۋە دەھرىيلەر ۋە غەرىپلەشتۇرگۇچىلەرنىڭ شۇبھىلىرى
72، ئىسلامچە ھەل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ دۇشمەنلىرى
73، ئىسلامنىڭ ئومومىيۇزلۇكلىكى
74، ئىسلامدىكى ئەڭ يۇكسەك نوپوز ‹قۇرئان› ۋە سۇننەتكە مەنسۇپ
75، ئىلھام،كەشىپ،چۇش بىشارىتى،رەمباللىق،كاھىنلىق ۋە دەم سىلىشقا(يەنى سۇفكۇشلەش) قارىتا ئىسلامنىڭ مەيدانى
76، شەرىئەت تىكىستلىرى ئاستىدىكى شەرئى سىياسەت ۋە ئۇنىڭ مەقسەتلىرى
77، دىنىي مىراسلار،مەزھەپلەر ۋە ئىختىلاپ بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىمىز؟
78، ئىلگىركىلەر ۋە كىيىنكىلەر ئارىسىدىكى ئەقىدە مۇنازىرسى
79، تاھارەت فىقھىسى
80، ئىسلامدىكى ئىبادەت
81، روزا فىقھىسى
82، ئىسلامنى تونۇش ئۇچۇن كىرىش ئىغىزى
83، ئىسلام: ئەتىنىڭ مەدەنىيىتى
84، ئىنسانلار ۋە ھەقىقەت
85، شەيىخ قەرەداۋىنىڭ نوتۇقلار توپلىمى(6 توم)
86، دۇئا ۋە دىن تەشۋىقاتى
87، ‹قۇرئان› ۋە سۇننەتتىن ئىلىنغان شىرىن جەۋھەرلەر
88، ئىسلامدىكى خەيرى ئىھسان ئىشلىرىنىڭ پىرىنسىپى
89، ئىسلامنىڭ نەزىرىدىكى دىنى ئىتىقاد ئەركىنلىكى ۋە كۆپ خىللىق
90، ئوتتۇرھاللىق قارىشى ۋە ئۇنىڭ قىياپىتى
91، قوللىغۇچىلىرى ۋە سۆككۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئىما غەززالى
92، مەن چۇشەنگەن شەيىخ غەززالى: يىرىم ئەسىرلىك مۇساپە
93، مەن چۇشەنگەن شەيىخ ئەبۇل ھەسەن نەدەۋى
94، ئىككى تارىخچى زەھەبى ۋە سەبەكى ئارىسىدىكى ئىككى ھەرەم ئىمامى جۇۋەينى
95، توغرا يولدىكى،يىڭىلىق ياراتقۇچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز
96، ئىمام بەشىر ئىبراھىمىنىڭ قارىشىدىكى ئىسلام ئىددىيسىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى
97، مۇئمىنە ئاياللار
98، خۇشبۇي شاماللار ۋە شىددەتلىك بورانلار (شىئىرلار توپلىمى)
99، مۇسۇلمانلار ئالغا (شىئىرلار توپلىمى)
100، ئالىم ۋە زالىم پادىشاھ (تارىخى دارامما)
101، راسچىل يۇسۇپ (تارىخى ئوپىرا)
102، يىزىلىق بالا ۋە يازغۇچى (قەرداۋىنىڭ تەرجىمھالى - ئۇچ توم)
103، ئىلىم - پەن دەۋرىدىكى دىن
104، ئىسلام ۋە سەنئەت
105، ئايالنىڭ يۇزنى (نىقابى) يۆگەش مەسىلىسى ۋاجىپ دىگۇچىلەر ۋە بىدئەت دىگۇچىلەر ئارىسىدا
106، ئىسلام تۇرمۇشىدا ئايالنىڭ مەركەزلىك ئورنى
107، مۇسۇلمان ئاياللار توغىرسىدىكى پەتىۋالار
108، دىندىن يىنىش جىنايىتى ۋە دىندىن يانغۇچىلارنىڭ جازاسى قۇرئان ۋە ھەدىس ھۆكمى ئاستىدا
109، دىنى ئاز سانلىق ئامما ۋە ئىسلامچە ھەل قىلىش لاھىيسى
110، ئىسلامنىڭ غەلبە قازىنىشىنىڭ خوش بىشارەتلىرى
111، ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىنىڭ كەلگۇسى
112، قۇددۇس(ئىروسالىم)ھەربىر مۇسۇلماننىڭ مەسىلىسى
113، ئىنسانىيەت مەدىنى ئىسلام يىتەكچىلىكىگە مۇھتاج (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)
114، پەلەستىن توغۇرلۇق پەتىۋالار
115، ئىسلام مەزھەپلىرى ئارىسىنى يىقىنلاشتۇرۇش ۋە سۆزلىشىش پىرىنسىپلىرى
116، ئىسلام تەلەپ قىلغان ئائىلە
117، باشقىلارنى قارىغۇلارچە كاپىرغاچىقىرىش ھادىسىسى(ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)
118، ھەسەن باننا نەزىرىدىكى سىياسى تەربىيە
119، پاپا ۋە ئىسلام
120، بىدئەت ۋە سۇننەت
121، ئاسانلاشتۇرۇلغان توينىڭ ماھىيىتى ۋە ھۆكمى
122، مەسجىد بىنا قىلىشنىڭ شەرئى پىرىنسىپلىرى
123، ئىسلامنىڭ يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ كاپىرلىقىغا قارىتا ئەقىدىۋى مەيدانى
124، ئىسلام شەرىئىتىدە تىپىۋىلىش ۋە بالا بىقىۋىلىش مەسىلىسى
125، ئىسلام شەرىئىتىدە قىرىلارۋە ياشانغانلارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتلىرى
126 ،ئىسلام نىمە ئۇچۇن؟ (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)
127، بىز چاقىرىۋاتقان ئىسلام
128، مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ مەجبۇرىيتى
129، ئەتىدىكى مۇسۇلمان ئايال (ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان)
129، ئۇمىد ۋە ئاگاھ بولىدىغان ئىشلار ئارىسىدىكى ئىسلام ئويغىنىشى
130، ئىسلامدا ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنىڭ قىممىتى ۋە مەقسىدى
131، قىزلارنى خەتنە قىلىشتىكى شەرئى ھۆكۇم
132، ئىمام شاتىبىنىڭ قارىشىدىكى تەربىيە پىرىنسىپى
133، ئائىلىسىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
134، يىڭىلىغۇچى ئىماملار؛ئۇلارنىڭ ئىددىۋى قاراشلىرى ۋە ئىسلاھات قاراشلىرى

پايدىلانغان مەنبەلەر:
(1) ئەرەپچە قەرەداۋى تور،
(2) خەنزۇچە نور ئىسلام تورى،

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
مەنبە
http://asrim.cn/ShowPost.asp?ThreadID=757
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

没有评论:

发表评论

发表评论