2009年1月1日星期四

yehudilarni yoqatmighuche qiyamet bolmaydu

يەھۇدىيلارنى يوقاتمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ




قەرەداۋىي:

«يەھۇدىيلارنى يوقاتمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ»

دىگەن ھەدىس توغرىسىدا



ھورمەتلىك ئالىم مەن نۇرغۇن ھەدىس كىتاپلىرىدا ‹سىلەر يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ. يەھۇدىيلار تاش، دەرەخلەرنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنىۋالسىمۇ تاش ۋە دەرەخ- ئى ئاللانىڭ بەندىسى ياكى ئى مۇسۇلمان مىنىڭ كەينىمدە يەھۇدى بار كىلىپ ئۇنى ئۆلتۈر،-دەيدۇ› دىگەن ھەدىسنى ئوقۇدۇم.مىنىڭ سورماقچى بولغان سۇئالىم مۇنداق:
بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن بىزنىڭ يەھۇدىلار بىلەن بولغان ئۇرۇشىمىز قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ ،-دىگەن مەنا چىقامدۇ؟
ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا تاش ۋە دەرەخ ھەقىقەتەن سۆزلەمدۇ؟
مۇشۇ ئىشلار مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كارامەتمۇ؟ بۈگۈنكى مۇسۇلمانلار مۇشۇ كارامەتنىڭ ئەھلىمۇ؟ ياكى بۇ ھەدىسنىڭ بىشىدا كۆرسىتىلگىنىدەك بۇ كارامەت قىيامەتكە يىقىن يەنە بىر ئەۋلات ئۈچۈن قالدۇرۇلغانمۇ؟
رەسۇلۇللانىڭ سوزلىرىنى چۈشىنىشتە خاتاكىتىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز،ئاللا ئۆزلىرى ئارقىلىق بىزگە مەنپەئەت بەرگەي ۋە سىلىگە بىزدىن ،ئىسلامدىن ۋە بارلىق ئۇممەتتىن ياخشىلىق ئاتا قىلغاي،ئامىن....
پەلەستىن مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بىرىدىغان بىر مۇسۇلمان
ج: مەزكۇر ھەدىس ئابدۇللا ئىبن ئۆمەر ۋە ئەبۇ ھۇرەيرەدەك نۇرغۇن ساھابىلەر رىۋايەت قىلغان ئىشەنچىلىك ھەدىس.
ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلىندى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىدى‹ سىلەر يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلمىغۇچە قىيامەت قىلمايدۇ،ھەتتاكى كەينىگە يەھۇدى يۇشۇرۇنىۋالغان تاش- ئى مۇسۇلمان مىنىڭ كەينىمدىكى يەھۇدى ،ئۇنى ئۆلتۈر،دەيدۇ.›بۇ ھەدىسنى بۇخارى ،مۇسلىم توپلىغان.بۇ ھەدىسنىڭ مۇسلىم توپلىغان يەنە بىر ۋاريانتىدا‹مۇسۇلمانلار يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنى مۇسۇلمانلار ئۆلتۈرمىگەىچە قىيامەت بولمايدۇ.ھەتتاكى يەھۇدىيلار تاش ۋە دەرەخنىڭ كەينىگە يۇشۇرىنىۋالىدۇ،شۇ چاغدا تاش ۋەيەھۇدىيلارنىڭ دەرىخى بولغان غەرقەد دەرىخىدىن باشقادەرەخلەر ،-ئى مۇسۇلمان،ئى ئاللانىڭ بەندىسى مىنىڭ كەينىمدە يەھۇدى بار، ئۇنى ئۆلتۈرگىن، دەيدۇ› بۇ ھەدىسنىڭ بۇ خارى ۋە مۇسلىم ئابدۇللا ئىبن ئۆمەردىن توپلىغان يەنە بىر ۋارىيانتىدا رەسۇلۇللادىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ‹ سىلەر يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىسىلەر ،ئۇلارغا ھۆكۇمران بولىسىلەر ھەتتاكى ئۇلارنىڭ بىرى تاشنىڭ كەينىگە يۇشۇرىنىۋالغاندا تاش،-ئى ئاللانىڭ بەندىسى كەينىمدىكى يەھۇدى ئۇنى ئۆلتۈر،دەيدۇ.›
ھەدىس ئىسناد جەھەتتىن ئىتىپاق بىلەن سەھىھ بولۇپ بۇ ھەدىس پەيغەمبىرىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىك پاكىتلىرنىڭ بىرى.
ئۇزۇن زامانلار ئۆتتى .ئون ئۈچ ئەسىر جەريانىدابۇ ھەدىسنى ئوقۇغۇچى ھەر بىر ئوقۇرمەن يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ھەيران بولغان.
بۇ ھەدىسنى ئوقۇغىغان كىشىلەر چۈشىنەلمەي ‹‹ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدىيلار دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىنمۇ قوغلانغان، ھەرقانداق بىر مىللەت ئۇلارنى قوبۇل قىلمىغان ،ئۇلار ئولتۇرىدىغان ئۆي،يەيدىغان تاماق ،ئۇلارنى باشپاناھىغا ئالىدىغان كىشى تاپالمىغاندا ،دىنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولۇپ خاتىرجەم ئىبادەتمۇ قىلالمىغاندا مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بىشىنى سىلىغان،ئۇلارغا باشپاناھ بولغان،ئۇلارنى قوغدىغان،ئۇلارنى ئەھلى كىتاپ دەپ قاراپ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئامانلىقىنى بەرگەن تۇرسا قانداقمۇ ئۇرۇش بولىدۇ؟ بىر ئىنسان قانداقمۇئۆزىنى قوغدايدىغان ،ئۆزىگە ئاتىدارچىلىق قىلدىغان ئادەم بىلەن ئۇرۇشسۇن. ئۇلاردا قانداقمۇ مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشقۇدەك مادار بار؟ دەپ ھەيران بولغان.
مانا كۆرۈڭ ،ئۇلارمۇسۇلمانلار غەپلەت ئۇيقۇسىدا چۈش كۆرۈپ ياتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پەلەستىن زىمىنىنى بىسىۋالغاندىن باشلاپ يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرسىدا ئەمەلى ئۇرۇش پارتىلىدى،ئۇلار نومۇسسىزلارچە پەلەستىن خەلقىنى ئۆزيۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقاردى،مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىدى.مەسچىدى ئەقسانى ئىگىلىۋىلىپ يىقىتىۋىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەيكەللىرىنى تىكلەشنى پىلان قىلدى.
لىكىن بىز سەھىھ ھەدىستە خەۋەر بەرگەن ئۇرۇشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمىز. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى بىسىۋالغانغا ئوخشاش مۇسۇلمانلار ئۇلارنى ئۈزۈل-كىسىل مەغلۇپ قىلىدۇ.‹ مۇسۇلمانلار يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ يەھۇدىيلارنى ئۆلتۈرىدۇ›،دەپ ئىيتىلغان بۇ ئۇرۇش يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرگەن ئۇرۇشلاردىن كىيىن شەكسىز يۈز بىرىدۇ.
ھەدىس شەرىف خەۋەر بەرگەن بۇ ئۇرۇشقنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىغا ھەر بىر مۇسۇلمان كىچىدىن كىيىن تاڭنىڭ ئاتىدىغانلىقىغا ئىشەنگەندەك ئىشىنىدۇ. ۋە كۈتىدۇ.
لىكىن قاچان يۈز بىرىدۇ؟ بۇنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ.
بەلكىم ئەتە ياكى ئەتىدىن كىيىن ياكى ئاللا خالىسا بىر نەچچە يىلدىن كىيىن يۈز بىرىشى مۇمكىن.
مۇھىمى شۇكى ھەدىستەئىيتىلغىنىدەك بۇ ئۇرۇش مىللى ياكى ۋەتەنى ئۇرۇشى ئەمەس بۇ دىنى ئۇرۇش.
بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر تەرىپىدىن ئىيتلىغىنىدەك بۇ ئۇرۇش ئەرەپلەر بىلەن يەھۇدى سەھيۇنلىرى(قىساسچىلىرى) ئوتتۇرسىدىكى ياكى يەھۇدىيلار بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدىكى ۋە ياكى بولمىسا يەھۇديلار بىلەن سۈرىيەلىكلەر ياكى ئىراقلىقلار ياكى مىسىرلىقلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش ئەمەس.
بۇ ئۇرۇش ئوچۇق ئىبارەت بىلەن سەھىھ ھەدىستە سۆزلەنگىنىدەك ‹‹مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش.››
بۇ ئۇرۇش مۇسۇلمانلاردىن بولغان بىر توپ جامائەت بىلەن ئۇلارغا قارشى بىر توپ يەھۇدى ئارىسىدىكى ئۇرۇش ئەمەس،بەلكى بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن چۈشىنىلگىنىدەك بارلىق مۇسۇلمانلار بىلەن بارلىق يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش.
بۈگۈنكى يەھۇدىيلار نىڭ ھەممىسى كۈچىنىڭ يىتىشىچە بىز بىلەن ئۇرۇشىۋاتىدۇ،ئۇلار ئەڭ بىخىل تۇرۇپ بۇ ئۇرۇشلار ئۈچۈن مال-مۈلۈكلىرىنى چىقىرىۋاتىدۇ،ھاياتقا ئەڭ ئامراق تۇرۇپ جان تىكىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ئۇرۇشنى مۇنداقلارچە ئەمەس بەلكى تەۋرات تەلىماتلىرىدىن،تەلمۇد ئەھكاملىرىدىن مەدەت تىلەپ جان-جەھلى بىلەن قىلىۋاتىدۇ.
بىزچۇ؟ ئىسلام بىزنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلىرىمىزدىن يىراقلاپ كەتتى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئۇرۇشنى مىللى ئۇرۇش قىلىپ دىننى ئارلاشتۇرماۋاتىدۇ. ئۇلار يەھۇدىي بايرىقىغا جۇغلاشتىيۇ بىز ئىسلام بايرىقىغا جۇغلىشالمىدۇق.ئۇلار شەنبىنى ئۇلۇغلىدى ،بىز بولساق جۇمەنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىدۇق.ئۇلار مۇسا!!! دىيەلىدى ،لىكىن بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام!!!،-دەپ نىدا قىلالمىدۇق.
بىز ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى،بىز بۇ ئۇرۇشتا ياردەمگە ئىرىشىشەيلى غەلبە قىلايلى دەيدىكەنمىز ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەرنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك شۇندىلا ئاللا بىزنىڭ ھالىمىزنى ياخشىلاپ بىرىدۇ. ئەبۇ بەكرى خالىدقا دىگەندەك ‹ئۇلار بىز بىلەن قانداق ئۇرۇشقان بولسا بىزمۇ ئۇلار بىلەن شۇنداق ئۇرۇش قىلىشىمىز كىرەك.› مانا بۇ پەلەستىننى ئازات قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ نىدايىمىز ۋەئاللا ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بەرگەن ،بىردىن بىر يولنى تونىغان بارلىق ئىخلاسمەنلەرنىڭ نىداسى.
ھەدىستە ئاللانىڭ قۇلى دەپ نىدا قىلىنىۋاتىدۇ، ئەمما نەفسىنىڭ قۇلى، ھەۋەسنىڭ قۇلى، پۇلنىڭ، ئايالنىڭ،يۈزئابرۇينىڭ،مەنسەپنىڭ قۇلى چاقىرىىلمايدۇ، ئۇلارنى تاش، دەرەخ ھەرگىزمۇ چاقىرمايدۇ، بەلكى دۈشمەنلىرىنى چاقىرىشى مۈمكىن.
ھەدىستە ‹ئى،مۇسۇلمان› دەۋاتىدۇ، ئى ئەرەپ، ئى پەلەستىنلىك، ئى ئىئوردانىيەلىك، ئى سۈرىيەلىك، ئى شاملىق، ئى ماراكەشلىك، دەۋاتمايدۇ.
ئاللاھنىڭ بەندىسى دىگەن نام، ئىسلام بايرىقى ئاستىدا ئۇرۇش قىلغىنىمىزدا ئاندىن ياردەمنى كۈتەيلى،شۇ ۋاقىتتا تاش دەرەختىن تارتىپ ھەممەنەرسە بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ.
بەزىلەر تاش بىلەن دەرەخ تىل ئارقىلىق سۆزلەمدۇ؟ ياكى بىزگە شۇنداق تۇيۇلامدۇ؟ دەپ سورىشىدۇ.
ئاللانىڭ قۇدرتى ئارقىلىق تىلسىز نەرسىلەرنىڭ سۆزلىشىنى ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس دىيەلمەيمىز، تاش ۋە دەرەخنىڭ سۆزلشى مۇئمىنلەرئۈچۈن يۈز بەرگەن ئادەتتىن تاشقىرى موجىزە ھىساپلىنىدۇ. بىز ياشاۋاتقان بۇ رەڭگارەڭ دۇنيادا ئىنسان ئويلاپ باقمىغان ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدىغۇ!
بۇ ئۇرۇش قىيامەتكىچە داۋاملىشامدۇ؟دىگەن سۇئالغا كەلسەك،ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن بۇنداق مەنا چىقمايدۇ،بەلكى ھەدىس بۇ ئۇرۇش قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم يۈز بىرىدۇ،دىگەن مەزمۇننى ئۇقتۇرىدۇ.

مەنبە:
قەرەداۋەينىڭ «زامانىمىزدىكى پەتۋالار» دىگەن كىتابىنىڭ 2-قىسىمدىن

مەنبە
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-89064.html



دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى كىڭىشىنىڭ رەئىسى دوكتۇر يۇسۇپ قەرەداۋى دۇھادىكى شەخسى تۇرالغۇسىدا ئۇچ يەھۇدى رابىيسى(دىنى رەھبىرى)بىلەن كۆرۇشتى،ئۇلاريەھۇدى قىساسچىلىق ھەركىتى(زىئونىزىمى)گە قارشى ھەركەتكە ۋەكىللىق قىلىدىغان بولۇپ،قاتارغا زامانىمىزدىكى بۇمەشھۇر ئىسلام ئالىمىنى زىيارەت قىلىش ئۇچۇن كەلگەن،قەرەداۋى دوكتۇر ھازىر دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى كىڭىشىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۇستىگە ئىلىۋاتقان بولۇپ،ئۇ بۇ يەھۇدى مىھمانلارنى ناھايتى قىزغىن كۇتىۋالدى،ۋە ئىككى دىننىڭ ئەنئەنىۋى دوسلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلىشىنى ئۇمىد قىلدى،ئۇ مۇنداق دىدى؛‹‹نەچچە يۇز يىللاردىن بىرى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ئولتۇراقلاشقان يەھۇدى پۇقرالىرى،تىنىچ ئىناق ياشىغان ۋە ئۆز ئارا ھۆرمەتلەپ ئەپ ئۆتۇشكەن،››ئۇ يەنە مۇنداق دىدى؛‹‹مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىلار ئوتتۇرسىدا ئەزەلدىن دۇشمەنلىك يوق››
قەرەداۋى دوكتۇر مۇنداق دىدى؛يەھۇدىلار ياۋرۇپادا ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ناھايتى پۇلدارئادەملەر بولغان،بىراق ئۇلار ئەزەلدىن مۇسۇلمانلار بىلەن زىدىيەتلەشمىگەن،››بۇ يەھۇدى ھىبىرلىرى قەرەداۋىنىڭ ئىككى دىن توغىرسىدىكى تارىخى باھاسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن باشلىرىنى لىڭشىتىپ قايىللىقىنى ئىپادىلىدى،
ئۇ يەنە مۇنداق دىدى؛‹‹ئەنئەنىۋى باسمىدىكى مۇقەدەس كىتاب تەۋراتقا ئىشىنىدىغان يەھۇدىلار مۇسۇلمانلارغا ئەڭ يىقىن،بۇ ئىككى دىننىڭ ھەقىقى ئىتىقاتچىلىرى نۇرغۇن پىرىنسىپلىق مەسىلىلەردە ئوخشاش پىرىنسىپقا ۋە دىنى يۇسۇنلارغا ئەمەل قىلىدۇ،مەسىلەن ئەرلەرنى خەتنە قىلىش،شەرئى يۇسۇن بويچە بوغۇزلانغان ماللارنى يىيىش،چوشقا گۆشى يىمەسلىك،مەسچىتلەردە ۋە يەھۇدى ئىبادەتخانىلىرىدا ھەيكەل،بۇت بولىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق،،،قاتارلىقلار،››ئۇ تارىخقا نەزەر سىلىپ مۇنداق دىدى؛‹‹ئەينى ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئىسپانىيەدە چەتئەللىكلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچىرغاندا مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىلار ئوخشاش بەخىتسىزلىككە دۇچار بولغان،تاجاۋۇزچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە بىرلىكتە ئۇچىرغان،››ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى؛‹‹مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىلار ئىتتىپاقلىشىشى،ۋە غەرىبنىڭ سىرىق مەدىنىيتى،ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ توي قىلىشى،ئىجتىمائى ئادالەتسىزلىك ،،،قاتارلىق ئورتاق دۇشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرىشى كىرەك،››
بۇيىل ئىككىنچى ئايدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىشىپ يەھۇدىلار جەميىتىگە دوستانە سۆزلىشىشنى چاقىرىق قىلىپ ئوچۇق خەت ئەۋەتكەن ئىدى،
قەرەداۋى دوكتۇرمۇنداق دىدى؛‹‹مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىلارنىڭ مۇناسىۋىتى زامانىمىزدىكى يەھۇدى قىساسچىلىق ھەركىتى ۋە ئۇلارنىڭ يەھۇدى قىساسچىلق دۆلىتى ئىسرائىلىيەنى قۇرىشى بىلەن يامانلىشىشقا باشلىدى،چۇنكى ئۇلار غەرىب كۇچلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا پەلەستىن خەلقىگە مەنسۇپ بولغان زىمىننى تارتىۋالدى،››زىيارەتكە كەلگەن بۇ ئۇچ يەھۇدى ھىبىرسىنىڭ ھەربىرىنىڭ كۆكرىكىدە بىردىن ئىزناك بولۇپ ئۇنىڭ ئۇستىگە ‹‹مەن يەھۇدى،لىكىن يەھۇدى قىساسچى ئۇنسۇرى ئەمەس ››دەپ يىزىلغان ئىدى،رابى كوھىن مۇنداق دىدى؛‹‹يەھۇدى دىنى ۋە تەۋرات بىگۇنا خەلىقنى ئۆلتۇرىشنى چەكلەيدۇ،يەرلىك خەلىقنى ئۇلارنىڭ زىمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا رۇخسەت قىلمايدۇ،››
زامانىمىزدىكى يەھۇدى قىساسچىلىرى غەرىب كۇچلىرى تىزگىنلىۋالغان خەلىقئارا سىياسى ھەركەتتىن پايدىلىنىپ،ئۇلارنىڭ پىلانلىشى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا زورلۇق بىلەن بىر يەھۇدى دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان بولۇپ،ئۇلارنىڭ رۇشەن سىياسى مەقسىتى بار،
1948-يىلىدىن باشلاپ غەرىن قوراللاندۇرغان يەھۇدى قىساسچى كۇچلىرى پەلەستىنگە كىرىپ،قورال كۇچى بىلەن زىمىن بۇلىدى،ۋە مىلىيۇنلىغان پەلەستىن خەلقىنى ئۇلارنىڭ ئەسلى زىمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ،ئۇلارنىڭ زىمىنىنى تارتىۋالدى،شۇنىڭدىن باشلاپ مىلىيۇنلىغان پەلەستىن خەلقى مۇساپىرلىق يولىغا مىڭىپ،ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ۋەتىنى ۋە زىمىنىدىن ئايرىلىپ قالدى،1948-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۇنى پەلەستىن خەلقىدىن بۇلىۋالغان زىمىندا قانخۇر ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلدى،
زىيارەتكە كەلگەن يەھۇدى رابىيلىرىنىڭ بىرى سىلار داۋى يەھۇدى قىساسچىلىق ھەركىتىگە قارشى ھەركەتنىڭ باياناتچىسى بولۇپ ئۇ مۇنداق دىدى؛‹‹يەھۇدى قىساسچىلىىق ھەركىتىنىڭ بارلىق ھەركەتلىرى يەھۇدىلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىغا خىلاپ،ئۇلار سىياسى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن ۋاستە تاللىمايدۇ،››
ئۇ(سىلار داۋى) نىڭ تەشكىلاتى پۇتۇن دۇنيادىكى ئەنئەنىۋى يەھۇدى دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان يۇزمىڭلىغان ئىخلاسمەن مۇرىتلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ،ئۇلار، يەھۇدى قىساسچىلىق ھەركىتى نامى ئاستىدا قوزغالغان ئەرەبلەرگە قارىتىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرىغا تۇپتىن قارشىى تۇرىدۇ،ۋە پەلەستىن خەلقىگە مەنسۇپ بولغان زىمىن ۋە ھوقوق يەنىلا ئۇلارغا قايتۇرىلىشى كىرەك،ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقوقلىق دۆلىتىنى قۇرىشىغا ياردەم بىرىش لازىم،ئىسرائىلىيە تارىخ سەھنىىسىدىن چىكىنىشى كىرەك،پەقەت موشۇنداق بولغاندىلا ئوتتۇرا شەرىقتە ھەقىقى مەنىدىكى تىنىچىلق ئىشقا ئاشىدۇ دىگەن قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ،سىلارى يەنە مۇنداق دەپ قارايدۇ؛‹‹تەۋرات ۋە ئىسرائىل تارىخىغا ئاساسلانغاندا ھازىرقى ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقى ئاخىرلىشىشى لازىم.››

مەنبە: خەنزۇچە ئىسلام نورى توربىتى

http://norislam.com/information/Article/news/international/200805/20080506115056_4094.html


دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى كىڭىشىنىڭ رەئىسى دوكتۇر يۇسۇپ قەرەداۋى 16-ماي دۇھادىكى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مەسجىدىدە سۆزلىگەن جۇمە نوتىقىدا يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىندە ھىچقانداق تارىخىى ۋە دىنى ھەققى يوق ئىكەنلىكىنى كۇچلۇك تەكىتلىدى،ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ پاجىئەسى پۇتۇن ئىسلام مىللىتىنىڭ پاجىئەسى، بۇ مىللەت ھامان غەلبە قازىنىدۇ،چۇنكى ھەقىقەت داۋاملىق ناھەقچىلىق ئۇستىدىن غەلبە قازىنىدۇ،دەپ ئوتتۇرغا قويدى،پەلەستىن خەلقىنىڭ يەھۇدى قىساسچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىدىن ئىبارەت ئىغىر پاجىئەگە يولۇققانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلەنگەن بۇ جۇمە خۇتبىسىدە قەرەداۋى دوكتۇر پەلەستىندە يۇز بىرىۋاتقان يەھۇدى قىساسچىلىرىغا قارشى ئىسلام ئەرەب توقۇنىشىنىڭ ماھىيىتىنى يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ،ئۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەھۇدىلارنىڭ مۇقەددەس زىمىن بىلەن بولغان تارىخى ئالاقىسى ۋە ئۇلارنىڭ يىڭى دەۋىردىكى مۇستەملىكىچى كۇچلەربىلەن قانداق سۇيقەسىتلەرنى پىلانلىغانلىقى توغىرسىدا توختىلىپ ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ غەلبە قىلىشى ۋە مەقسىدىگە يىتىۋىلىشىنىڭ ئاساسى سەۋەبىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى،
قەرەداۋى دوكتۇر مۇنداق دىدى؛پەلەستىن پاجىئەسى ھەقىقەتەن ئىغىر پاجىئە بولۇپ،ئۇ يالغۇز پەلەستىن خەلقىنىڭلا پاجىئەسى بولماستىن بەلكى پۇتۇن ئىسلام مىللىتىنىڭ پاجىئەسى،ئەگەر پەلەستىنلىكلەر بۇ زىمىندىن ۋاز كەچكەن تەقدىردىمۇ پۇتۇن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ ئۇچۇن كۆرەش قىلىشى دىنى مەجبۇرىيەت ھىسابلىناتتى،چۇنكى قۇددۇس ئۇلارنىڭ شەخسى مۇلىكى بولماستىن بەلكى پۇتۇن ئىسلام مىللىتىنىڭ مۇلىكى،ئۇ بۇ بىر ئەۋلادنىڭلا مۇلىكى بولماستىن بەلكى كەلگۇسىدىكى ئەۋلادنىڭمۇ مۇلىكى،شۇڭلاشقا ھىچكىمنىڭ ئۇنىڭدىن ۋاز كىچىش ھوقوقى يوق،
قەرەداۋى يەنە مۇنداق دىدى؛ئىسلام ئۇممىتى چوقۇم غەلبە قازىنىدۇ،چۇنكى مۇسۇلمانلار مۇڭغۇللار ۋە خىرىستىيان كىرىست ئارمىيسى ئۇستىدىنمۇ غەلبە قازانغان،بىز غەلبىنىڭ چوقۇم كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز چۇنكى ھەقىقەت ھامان رەزىللىك ئۇستىدىن غەلبە قىلىدۇ،ئىسرالىنىڭ چەكتىن ئاشقان بىشەملىكى ھەرگىزمۇ ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ،ئامرىكىنىڭ ئۆكتەملىكىمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق،بىز پەلەستىن ۋە لىۋاندىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىماننىڭ كۇچى بىلەن ئۇلارنى قانداق باپلىغانلىقىنى كۆردۇق،قەرەداۋى دوكتۇر يەنە لىۋان ۋەزىيتى ھەققىدە توختالدى لىۋاندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئختىلاپنى تاشلاپ بىرلىكنى ئەمەلەە ئاشۇرۇشقا چاقىرىق قىلىش بىلەن نوتىقىنى ئاخىرلاشتۇردى

&&&&&&&&

زىئونىزىم ھەركىتىنىڭ ماھىيىتى.


سىھيۇنىزىم – يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىندە يەھۇدىيلار دۆلىتى قۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل دۇنيانى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا قارىتىشنى نىشان قىلغان بىر خىل ئۇچىغا چىققان ئەكسىيەتچىلىك ۋە شوۋىنىزم(چوڭ مىللەتچىلىك)خاراكتېرىنى ئالغان سىياسىي ھەرەكەت
بۇ يەردىكى سىھيۇنىزىم ئاتالغۇسى ئىېرۇسالىمدىكى مەشھۇر سىھيۇن تېغىنىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ، يەھۇدىلار بۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى سانالمىش سۇلايماننىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزماقچى ھەمدە ھازىرقى ئېرۇسالىمنى ئۆزلىرىنىڭ بولغۇسى دۆلىتىنىڭ پايتەختى قىلماقچى بولۇشقان.
سىھيۇنىزم سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە سىھيۇنىزىملىق ئىدىيەلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدە تۈنجى بولۇپ رول ئوينىغان مەشھۇر يەھۇدىي مۇتەپەككۇرى خىرزىلنىڭ تۆھپىسى زور
خەلقئارا سىھيۇنىزم ھەرىكىتى چوڭقۇر تارىخىي، ئىدىيىۋىي ۋە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە. بۇلارنى بىلمەك ئۈچۈن تۆۋەندىكى تارىخىي باسقۇچ – دەۋرلەرنى كۆزدىن كۆچۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

1. مۇكابىلار ھەرىكىتى
بۇ ھەرىكەت مىلادىدىن بۇرۇنقى 586-يىلدىن 517-يىلغىچە داۋاملاشقان بابىلۇن سۈرگۈنىدىن كېىيىن باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۈپ نىشانى سىھيۇن تېغىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە سۇلايماننىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش بولغان.

2.مىلادى 118-يىلدىن 138-يىلغىچە داۋام قىلغان باركوخبا باشچىلىقىدىكى پەلەستىنگە قايتىش ھەرىكىتى.
باركوخبا ناملىق بۇ يەھۇدىي رەھبىرى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن يەھۇدىيلارنى پەلەستىنگە توپلىشىش ۋە ئۇنىڭدا ئۆزلىرىنىڭ ھۆر،ئەركىن دۆلىتىنى قۇرۇشقا ئۈندىگەن

3. موزىس كىرىتى ھەرىكىتى
بۇ ھەرىكەت يۇقىرىقىغا ئوخشاش تۈس ئالغان.

4. پەسىيىش باسقۇچى
بۇ باسقۇچتا يەھۇديىلار توختاۋسىز تۈردە يات ئەللەرنىڭ بېسىمىغا ئۇچراش ۋە تەرەپ – تەرەپلەرگە چېچىلىپ كېتىش تۈپەيلى ئۇلاردا پەلەستىن زېمىنىغا قايتىپ كېلىش ۋە ئۇنىڭدا ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇش نىشانىدىكى ھەرىكەتلەر ئانچە بەك جانلىنىپ كېتەلمىگەن. شۇنداقتىمۇ ئىلگىرىكىلەرگە قارىغاندا تۇرغۇنلۇق ۋە بېسىقىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان بولۇشىغا قارىماي، بۇ دەۋر يەھۇدىيلارنىڭ مىللەتچىلىك ئېڭى ۋە مىللىي غۇرۇر چۈشەنچىسى ئالاھىدە كۈچەيگەن بىر دەۋر بولدى.

5. مىلادى 1501-يىلدىن 1532-يىلىغا قەدەر داۋىت دويىن ۋە ئۇنىڭ مۇرىدى سولومون مولۇخلار باشلىغان ھەرىكەت.
بۇلارمۇ ئوخشاشلا يەھۇدىيلارنى پەلەستىنگە قايتىپ ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا سەپەرۋەر قىلغان.

6. مىلادى 1604-يىلىدىن 1657-يىلغىچە داۋام قىلغان مىنشە ئبنى ئىسرائىل باشچىلىق قىلغان سىھيۇنىزم ھەركىتى
سىھيۇنىزم مانا مۇشۇ قېتىملىق ھەرىكەت بىلەن ئۆزىنىڭ ئىستىخىيلىك ھالدا داۋاملاشقان تارىخىي مۇساپىسىدىن خوشلىشىپ، رەسمىي پىلانلاشقان ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندى. بۇ سىياسىي ھەرىكەت ئۆز نىشانىغا يېىتىش ئۈچۈن بۈيۈك برىتانىيە ئىمپېرىيسىنى ئۆزىگە يانتاياق قىلىپ تاللىدى.

7. مىلادى 1626-يىلدىن 1676-يىلىغا قەدەر داۋام قىلغان شىبتاي زىپى ھەرىكىتى
بۇ ھەرىكەتتە شىبتاي زىپى ئۆزىنى يەھۇدىيلارنىڭ نىجاتكارى، دەپ جاكارلاپ، بارلىق يەھۇدىيلارنى ئانا ماكانى پەلەستىنگە قايتىپ ئۇ يەردە دۆلەت بەرپا قىلىشقا تەرغىپ قىلغان. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ نىجاتكارى ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن ۋە ئۇ باشلىغان بۇ ھەرىكەتمۇ تارىلىپ كەتكەن.

8. روتىسچىلد ۋە مۇسا مونتىپيورى قاتارلىق يەھۇدىي بايلىرى قوزغىغان سىھيۇنىزم ھەرىكىتى
ئۇلار پەلەستىن زېمىنىدا يىزا ئىگىلىك ئولتۇراق رايونلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق پەلەستىن زېمىنىنى تەدرىجىي ئىگىلەپ ئاخىرىدا يەھۇدىيلار دۆلىتىنى قۇرۇش نىشانىدا بولغان. بۇ ھەرىكەت 19-ئەسىردىكى قايتا قۇرۇشنىڭ ئىدىيىۋىي ئاساسىنى تۇرغۇزۇپ بەرگەن.

10 . 1886-يىلى روسىيەدە بولۇپ ئۆتكەن يەھۇدىيلارغا قارتىلغان زور قىرغىنچىلىقتىن كېىين قوزغالغان سىھيۇنىزم ھەركىتى
بۇ مەزگىلدە گېرمانىيەلىك ھېكلېر دېگەن ئادەم يەھۇدىيلارنى پەيغەمبەرلەر سۆزى بويىچە پەلەستىنگە قايتۇرۇش ،دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان.

11. ھازىرقى زامان سىھيۇنىزم ھەركىتى
بۇ، شۋېتسارىيەلىك داڭلىق يەھۇدىي ژورنالست تىئودور خىرزىل باشچىلىق قىلغان ھەرىكەت. بۇ ھەرىكەتنىڭ تۈپ نىشانى پەلەستىندە يەھۇدىيلار دۆلىتىنى قۇرۇش ئارقىسدا يەھۇدىيلارنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىدى.ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز پەيتىدىكى ئوسمانىيلار سۇلتانى سۇلتان ئابدۇلھەمىد بىلەن پەلەستىندە يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش توغرىلىق ئىككى قېتىم سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ مەغلۇب بولغان. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا يەھۇدىي ھەرىكىتى ئۆز نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئوسمان ئىمپېرىيەسىنى يوقىتىش ۋە ئىسلام خەلىفىلىكىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ كىرىشىپ كەتكەن.
خىرزىل باشچىلىقىدىكى يەھۇدىي مۆتىۋەرلىرى 1897-يىلى تۇنجى قېتىملىق دۇنيا سىھيۇنىزمچىلىرى قۇرۇلتىيىنى چاقىردى ھەمدە پۈتۈن دۇنيا يەھۇدىيلىرنى ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا تارىخىدكى ئەڭ خەتەرلىك قارارنامە سانىلىدىغان سىھيۇن دانىشمەنلىرىنىڭ قارارنامىسىنى تۈزۈپ چىقتى. ئەنە شۇ دەۋردىن باشلاپ يەھۇدىيلار تۈرلۈك تەشكىلات ۋە ئۇيۇشمىلار ئاساسىدا بۈگۈنكى كۈندە كۆزىمىز كۆرۈپ ئۈلگۈرگەن بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىنچىكىلىك ۋە ئۇستىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى.
سىھيۇنىزم ئۆز ئىدىيە ئاساسىنى يەھۇدىيلار ئۆزگەرتىۋەتكەن مۇقەددەس كىتابلاردىن ئالغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان زىئون دانىشمەنلىرىنىڭ قارارنامىسىدە سىھيۇنىزمنىڭ غايە – يەتكۈلىرى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. ئۇلار تۆۋەندىكىچە؛
سىھيۇنىزم پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىىلارنى ئىبراي مىللىتىدىن ئىبارەت بىر مىللەتنىڭ ئەزاسى ۋە تەركىبى دەپ قارايدۇ.
سىھيۇنىزمنىڭ غايىسى – خۇددى ئۇلارنىڭ خۇداسى يەھۋا ۋەدە قىلغاندەك يەھۇدىيلارنى پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرۇش.بۇنىڭ يولى يەھۇدىيلارنىڭ ئانا ماكانى بولمىش نىل دەرياسىدىن فرات دەرياسىغا قەدەر بولغان كەڭ زېمىندا يەھۇدىيلار ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەش..
ئۇلارنىڭ قارارنامەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:
يەھۇدىيلار باشقىلارنى باشقۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان، باشقىلار بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئالاھىدە مىللەتمىز، بىزچە دۇنيانى باشقۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى تەھدىد ۋە زوراۋانلىققا تايىنىپ دۆلەت باشقۇرۇش. ئاۋامنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سىياسىي ئەركىنلىك كوزېرىنى ئىشقا سېلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنى ئۆز تورىمىزغا ئىلىندۇرۇش، ئۇلارغا قانداق يەمچۈك تاشلاشنى ئوبدان بىلىشىمىز كېرەك.
دىننىڭ ھوقۇق تۇتىدىغان دەۋرى ئۆتتى، بۈگۈن ھوقۇق ئالتۇننىڭ. بىز بارلىق ئاماللار بىلەن ئالتۇنلارنى ئۆز چاڭگىلىمىزغا توپلىشىمىز ۋە شۇ ئارقىلىق دۇنيانى كونترول قىلىشىمىز كېرەك.
سىياسىي ئەزەلدىن ئەخلاققا زىت نەرسە .بىز سىياسىيدا بولۇشىچە ساختىپەزلىك، قۇۋلۇق،مەككارلىق، ھىيلىگەرلىكلەرنى ئىشقا سېلىشىمىز كېرەك. ئاتالمىش ئەخلاق – پەزىلەت، ئالىيجانابلىق،سەمىمىيەت،ئاقكۆڭۈللۈك دېگەنلەر سىياسىيدا ئەكسىچە رەزىللىك دەپ قارىلىشى كېرەك.
مەقسىتىمىز ئشقا ئاشىدىغانلا بولسا ھەر قايسى خەلقلەر ئىچىدە پاھىشەلەر، بىزگە سادىق خادىملار ۋە ياراملىق يېتەكچى- باشلامچىلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش يولى بىلەن ئۇلارنى بۇزۇقچىلىق ۋە كەيپ- ساپا،ئەيش – ئىشرەت يوللىرىغا ئىتتىرىش كىرەك.
مەقسىتىمىز ئىشقا ئاشىدىغانلا بولسا ئالدامچىلىق ۋە خىيانەت يوللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك.
باشقىلارنى ھەر زامان ئۆزىمىزگە قارىتىش ئۈچۈن ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك قورقۇنچلارنى سېلىپ ئۇلارنى يۈرەك ئالدى، قورقۇنچاق ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇشىمىز،بۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھەر قانداق قارشىلىق ۋە دۈشمەنلىكنى يېڭىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك.`
ئادەملەرنى ئۆز مەقسەتلىرىمىزگە ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئالداش ئۈچۈن ھەر زامان ئەركىنلىك،تەڭلىك،مىھرىبانلىق شۇئارلىرىنى چاقىرىق قىلىپ تۇرۇشىمىز،بىزنىڭ قولىمىزدىكى ئىقتىساد ۋە بىزنىڭ ئالىملىرىمىزدىكى بىلىمگە تايانغان ئىقتىساد ھەم بىلىم مونوپوللۇقىنى يۇقىرى كۆتۈرىشىمىز كېرەك.
ھوقۇقدارلار ۋە رەھبەرلىك ئورنىدىكىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش. ئۇلارنىڭ بىزنىڭ قولىمىزدا سايلىنىدىغان بولۇشنىڭ چارىسىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن نەدە پەسكەش ئىشلىرى كۆپ بولغان، ھوقۇق تۇتۇشنى ئىنتايىن بەك ياخشى كۆرىدىغان ھوقۇقپەرەستلەرنى ئۆز نىشانىمىز قىلىشىمىز كېرەك.
ئاخبارات ،ژورنالستلىق خىزمىتىنى كونترول قىلىش كېرەك.ئۇ پۈتكۈل دۇنيانى بىز كۈتكەن تەرەپكە بۇرايدىغان ھالقىلىق قورال.
خەلقلەر بىلەن ھۆكۈمدارلار ئارىسىدا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىشىمىز كېرەك.دەل شۇنداق بولغاندا مەن_مەن دېگەن پادىشاھلار ھاسىسى يۈتكەن قارىغۇدەك ئۆز ھاكىمىيتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىزگە يېلىنىدۇ.دۇنيا كۈچلىرى ئارىسىدا ئۆچمەنلىك،ئۆزئارا دۈشمەنلىك ئوتىنى يېقىپ ،ئۇلارنى توختاۋسىز جاڭجالغا سېلىشىمىز كېرەك ۋە بۇ ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى بارلىق كۈچلەر قولغا كەلتۈرۈشكە جان_جەھلى بىلەن ئىنتىلىدىغان مۇقەددەس ئارزۇغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.!
ھەر قايسى دۆلەتلەر ئارا بەلكى ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇرۇش ئوتلىرىنى يېقىۋىتىشىمىز كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا ھەر قايسى كۈچلەر ھالسىرايدۇ. ھۆكۈمەتلەر ئاغدۇرۇلىدۇ. شۇ ئارقىلىق بىزنىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىقىمىز ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسىدۇ.
ئېزىلگەن، نامرات مىللەتلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنى ئۇلارغا قۇتقۇزغۇچى، زۇلۇم – تەڭسىزلىك ئاستىدىن ئازات قىلغۇچى قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۆزىمىزنىڭ سوتسىيالىزمچىلار، ئانارخىستلار، كوممۇنستلار، مىىسسئونېرلار قوشۇنىغا قوشۇلۇشقا چاقىرىق قىلىشىمىز كېرەك.
ئاچ _ يالىڭاچ قالغان خەلقكە يېمەكلىك ۋە كىيىملىك بېرىش بىلەن ئۇلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ، يولىمىزغا پۇتلاشقانلارغا قارشى ئىشقا سېلىشىمىز كىرەك.
قولىمىزدا ساقلىنىۋاتقان زور مىقداردىكى ئالتۇن زاپىسىغا تايىنىپ، ئەتەي ئىقتىسادىي كرىزىس پەيدا قىلىشىمىز، بۇنىڭ نەتىجىسىدە باشقىلارنى ئۆزىمىزگە بېقىندۇرۇش نىشانىغا يېتىشىمىز كېرەك.
بىز ھازىر تۈرلۈك يوشۇرۇن يوللار ئارقىلىق ئۆزىمىزگە شۇ قەدەر بىخەتەر ۋەزىيەتنى بەرپا قىلدۇقكى، ئەگەر بىراۋ بىزگە قارشى قورال كۆتەرسە ئۇنىڭغا قارشى بىز ئەمەس بەلكى ئۈچىنچى بىر دۆلەت قارشى تۇرىدۇ.
خەلق ئاممىسىنى خۇداسى بىلەن قارشىلىشىشقا،ئۆز رەسىم _يوسۇنلىرىنى تاشلاشقا ئېلىپ بارىدىغان ئەركىنلىك دېگەن بۇ تۆھپىكار سۆزنى كەڭ تەشۋىق قىلىشنى ھوقۇق قولىمىزغا كەلگەنگە قەدەر بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك.
بىزنىڭ ھېچكىم ۋەيران قىلىۋېتەلمەيدىغان يوشۇرۇن كۈچلىرىمىز بار بولۇشى، ئۇلار ئۆز ھەرىكىتىنى تولىمۇ تىنىچ،شەپىسىز،ئاستىرتتىن، شۇنداقلا كۈچلۈك ھالدا ئېلىپ بارالايدىغان بولۇشى، ئۇلارنىڭ سېپىنى ئۈزلۈكسىز يىڭىلاپ تۇرۇشىمىز، ئەنە شۇلارغا تايىنىپ نادان ئاممىنىڭ ئوي- پىكىر ۋە ھۆكۈم، ئىرادىسىنى ئۆزىمىز خالىغان تەرەپكە بۇراش غەرىزىگە يېتىشىمىز كېرەك.
خەلقلەر قەلبىدىكى ئىمان دۆلىتىنى ۋەيران قىلىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئېڭىدىن خۇدانىڭ مەۋجۇتلىقىنى چۆرىدىگەن بارلىق نەرسىلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ،ئۇنىڭ ئورنىنى ھەر خىل ماددا سۆيەرلىك قاراشلىرى،ئىلىم_پەن قائىدە ساۋاتلىرى بىلەن تولدۇرۇشىمىز كېرەك.چۈنكى خەلق ئىمان دۆلىتى سايىسىدا ياشىسا تىنچ،بەختىيار ياشاپ قالىدۇ.ئۇلارغا بۇنداق پۇرسەتنى ھەرگىز بەرمەسلىكمىز كېرەك.شۇنداقلا ئۇلارغا ئامالنىڭ بارىچە ئۆز _ئۆزىنى تەكشۈرۈش پۇرسىتىنى بەرمەي،ئۇلارغا تۈرلۈك_تۈمەن كاشىلىلارنى تۇغدۇرۇشىمىز،نەتىجىدە ئۇلار دۇنياۋىي كۆرەش قايناملىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئۆز دۈشمىنىنى مەڭگۈ بايقاپ ئالالماسلىقى كېرەك.
نادان ئاممىنىڭ پۇل _مېلىنى بىزنىڭ چۆنتىكىمىزگە تۆكتۈرىدىغان بارلىق چارە_ئاماللارنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك.
ئەخلاق ۋە ئىنسانىيلىقتىن ياتلاشقان، دىن ۋە سىياسەتكە چىش _تىرنىغىچە ئۆچ جەمئىيەتلەرنى پەيدا قىلىپ ماددىي ھوزۇر _ھالاۋەت سۈرۈشنى ئۇ جەمئىيەت كىشىلىرنىڭ بىردىنبىر نىشانىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن ئۇلارنىڭ غەيرىتىنى سۇندۇرۇپ،مەڭگۈ بىزگە قارشى تۇرالماس بىچارە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك.
دۇنيانىڭ كۈچ قۇدرەت تىزگىنىنى ئۆز قولىمىزغا كىرگۈزۈپ، دۇنيا كۈنتەرتىپىنى ئۆزىمىز بەلگىلىشىمىز. بارلىق خىزمەتلەرگە ئۆزىمىز باشچىلىق قىلىشىمىز، خەلقئارالىق سىياسەت بەلگىلەش ئۆز خەلقىمىزنىڭ قولىدا بولىشى كېرەك.
بىز ئاللىقاچان ھەر جاي، ھەر ماكاندا يۇغۇشتۇرۇۋېلىش مومكىن بولمىغۇدەك بۆلۈنۈش،پاتپاراقچىلىق ئۇرۇقلىرىنى تېرىۋەتتۇق. مادداپەرەس ۋە مىللەتپەرەس نادان خەلقلەرنىڭ پايدا-_مەنپەئەتى ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىپ ئۇلارنىڭ جەمئىيتىنى خۇددى بىر دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە گورۇھۋازلىق غەۋغالىرىنىڭ ئوت قايناملىرىغا ئايلاندۇرۋەتتۇق.بىز بۇنىڭ ئۈچۈن 20 ئەسىردىن بېرى توختىماي كۆرەش قىلىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەت ۋە ياكى دۆلەتنىڭ بىزگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىككىنچى بىر دۆلەتتىن ياردەم ئېلىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى دۇنيا ئەللىرى ھەر قانداق بىر ئاددىي ئىتتىپاقنىمۇ بىز قوشۇلماستىن تەشكىللىيەلمەيدۇ.مانا بۇ، دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىختىيار تىزگىنى بىزنىڭ چاڭگىلىمىزدا بولغانلىقىدىن بولىۋاتقان ئىشلار.
خۇدا بىزنى دۇنيانى باشقۇرۇشقا لايىق ھالدا باشقا مىللەتلەردە تېپىلمايدىغان ئالاھىدە ئۆزگىچىلىك ۋە خۇسۇسىيەتلەر بىلەن ياراتقان. ئەگەر باشقىلاردىمۇ بىزدىكى تالانت ۋە تالانتلىقلار بولسىدى، ئۇلار ئاللا بۇرۇنلا بىزنى يوقىتىپ بولغان بولاتتى.
بىز باشقىلارنىڭ ئەڭ سەزگۈر ھىس- تۇيغۇ ئوتلىرىنى ئۆچۈرۈش ئورنىغا ئۇلاردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىشىمىز كېرەك.
باشقىلارنىڭ ئىدىيە،_پىكىرلىرىگە ئاستىرىتتىن سىڭىپ كرىپ،ئۇنى ئۆز مەنپەئەتلىرىمىزگە خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
خەلق ئاممىسىنىڭ ئاڭ_پىكرىنى توختىماي چالغىتىپ،ئۇلارنى توغرا ئويلاش ۋە كۆرۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىپ شۇ دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەككى،ئۇلار بىز نېمە دېسەك شەكسىز ھەقىقەت دەيدىغان بولسۇن،ئۇلارنىڭ راست بىلەن يالغاننى ئايرىۋالالىغۇدەك ھالى قالمىسۇن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز باشقىلارغا ياڭراق ۋەدىلەرنى بېرىشتىن باشقا ۋەزىپىسى بولمىغان زىيارەت ئۆمەكلىرىنى قەرەللىك ھالدا تەشكىللەپ، تۆت ياققا ماڭدۇرۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك.
ئاۋامنى سىياسەتنى چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلاردا سىياسەتكە قىزىقمايدىغان، سىياسەتنى ئۆزلىرىگە قىلچە مۇناسىۋەتسىز دەپ قارايدىغان ھالەتنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
بارلىق سودا- سانائەت ئىشلىرىنى ئۆز چاڭگىلىمىزغا كىرگۈزىشىمىز. كىشلەرنى ئويۇن- تاماشا، ئەيش- ئىشرەت، كەيپ – ساپا، چۈشكۈنلۈككە كۆنۈكتۈرىشمىز كېرەك.
قەرز بېرىشنى كۆپەيتىپ، ئۆسۈمنى ئۆستۈرىشىمىز، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈشىمىز كىرەك. شۇنداق قىلغاندىلا نادان ئاممىنىڭ ئالدىمىزدا يىقىلىپ، بىزگە باش ئۇرغىنىنى كۆرىمىز.
ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئىچىمىزدىكىنى ئاشكارىلىماسلىقىمىز، ئەتەي يالغان قىياپەت كۆرسىتىپ، زۇلۇم- سىتەم، ئېزىشكە قارشى تۇرۇشىمىز، ئەركىنلىكنى مەدھىيەلەپ، زوراۋانلىقنى قارىلىشىمىز كېرەك.
ئايرىم، جەلبكارلىقى يوق بىر قىسىم گېزىت- ژۇرناللاردىن باشقا بارلىق مەتبۇئات ساھەسىنى ئۆز قولىمىزدا تۇتىشىمىز، ئۇلار ئارقىلىق تۈرلۈك يالغان- ياۋىداق، مىش- مىشلارنى ھەقىقەت سۈپىتىدە بازارغا سېلىشىمىز كېرەك.
نادان ئاممىنى مەنپەئەتلىك ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرۇپ، ھوزۇر- ھالاۋەت، جىنسىي لەززەت ئىزدەپلا يۈرىدىغان ئادەملەرگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
ھوقۇقدارلار بىزنىڭ بۇيرۇقىمىزغا خىلابلىق قىلىشقا پىتىنالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار بىزگە قارشى چىققانلارنىڭ ئاقىبىتى تۈرمە ياكى ھاياتىدىن ۋاقىتسىز جۇدالىشىش ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلار بىزگە زىيادە ئامراق، مەنپەئەتىمىزنى قوغداشتا ئاكتىپ.
بىز ئۆز پىلانلىرىمىزنى پەيتى كېلىشتىن بۇرۇن ئاشكارىلىماسلىقىز، پۇرسەت يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن قارا ئاۋامنىڭ كۈچ- قۇدرەت، ئىمكانىيەتلىرىگە تەگمەسلىكىمىز كېرەك.
بىز ئەل رايىنى تىزگىنلەپ، ئۇلارنى ئۆزىمىز خالىغانلا ئادەمگە ئاۋاز بەرگۈدەك ھالەتكە ئەكەلگەندىن كىيىن ھاكىمىيەت ئۈستىگە بىز كۈتكەندەك ئادەملەر چىقىشى ئۈچۈن ئەركىن سايلام ۋە ئەركىن ئاۋاز بېرىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىشىمىز، ئادەملەردە شەخسىيەتچىلىك ۋە ئۆزەمچىلىك خاھىشىنى ئۇلغايتىشىمىز. ئۇلارنى قارشىلىققا، تۈزۈمدىن چىقىشقا كۈشكۈرتىشىمىز كېرەك.
جەمئىيەتتىكى يۈزلۈكلەر قاتلىمىنىڭ چوڭ ھوقۇقلارنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.
ھوقۇق تۇتىدىغانلار «ئارقا كۆرۈنۈشى» ياخشى ئەمەس، ئەلدىن يوشۇرۇن جىنايەت پاتقىقىغا پاتقانلار بولۇشى كىرەك. مانا مۇشۇنداقلارلا ئۆز مەخپىيەتلىكلىرىنىڭ سىرتقا يېيىلىپ كېتىشىدىن قورقۇپ بولسىمۇ، بىزنىڭ بۇيرۇق- پەرمانلىرىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىدۇ. بىز بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئۇنداقلارنى كۈچىمىزنى بارىچە داھىيلاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ قەھرىمانلارغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.
ھەر قاچان ئۆزىمىزگە پايدىسى تېگىدىغان ئىنقىلاب، توپىلاڭلار بولۇپ قالسا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشىمىز كېرەك.
بىز ئۆز نىشانلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەخپىي كۈچلەرنى، يوشۇرۇن شايكىلارنى يېتىشتۈردۇق. قارا قورساق ھايۋانلار ئۇلارغا بىلمەي ئەگىشىدۇ. تېخى ئۇلارنىڭ سورۇن- يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئاسانلا ئىندەككە كەلتۈرۈپ ئۆزىمىزگە ئىشلىتەلەيمىز.
بىزدەك ئىلغار خەلقنىڭ تۆت تامغا چېچىلىپ كېتىشى قانداقتۇر ئاجىزلىق، بەختسىزلىك ئەمەس بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە بەرگەن نېئىمىتى، ئىنئامى دەپ چۈشۈنۈلۈشى كىرەك. مانا شۇ چېچىلاڭغۇلۇق دەل بىزنى دۇنياغا خوجا بولۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ. كەلگۈسىدە بارلىق نەشرىيات، مەتبۇئات ئورگانلىرى، ئىدىيە، ئوي – پىكىرلەرنى ئىپادىلەش شەكىللىرىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ھاكىمىيىتىمىزنىڭ قولىدا بولىدۇ. بىزگە قارشى ھەرقانداق بىر نەشىر ئورگىنى بولىدىكەن ئۇنى قانۇن نامى ئاستىدا ئىشتىن توختىتىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ھەرخىل پرىنسىپ ۋە يۆنىلىشكە ئىگە گېزىت- ژۇرناللىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ ھەممسى بىزنىڭ مەقسىدىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
بىز باشقىلارنى ھەر رەڭ- ھەر خىلدىكى ئىشرەتخانا، بەزمەخانا، ئويۇن- تاماشا، ئاممىۋىي كۇلۇبلار، سەنئەت، جىنسىيەت، شەھۋانىيلىق، زەھەرلىك چېكىملىك قاتارلىق ۋاسىتەلەر بىلەن گول قىلىپ تاشلاپ، ئۇلارنى بىزگە قارشى چىقىش، بىزنىڭ پىلانلىرىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىشتىن مەھرۇم قىلىشىمىز كېرەك.
بىز بارلىق كوللېكتىپ خاراكتېرىنى ئالغان نەرسىلەرنى كۆزدىن يوقىتىشىمىز، ئۇنىۋېرسىتېتلارنى بىزنىڭ خاس پىلانلىرىمىزغا ماس ھالدا قايتا ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.
بىزگە قارشى تۇرغانلارغا قارىتا بارلىق قاتتىق قوللۇق ۋە زوراۋانلىق ۋاسىتەلىرىنى ئىشقا سېلىشىمىز كېرەك.
مىسسىئونېرلىق تەشكىلاتلىرىنى كۆپلەپ قۇرۇپ، ئۆز تەسىر دائىرەمىزنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك.
ھاكىمىيەت قولىمىزغا چۈشكەن كۈندىن باشلاپ زېمىن يۈزىدە بىزنىڭ دىنىمىزدىن باشقا دىننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك.


سىھيۇنىزىم(زىئونىزىم) ھەرىكەتىنىڭ تارىخي يىلتىزى

سىھيۇنىزىمنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇ تەۋرات تېكىستلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى بىلەن باشلانغان. تەۋراتنىڭ ئەسلىي تېكىستلىرىگە ئالماشقان يالغان تېكىستلەر يەھۇدىيلارنىڭ باشتىكى مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. خىرزىل ئېلىپ بارغان تىرىلىش ھەرىكىتى ئەسلىي سىھيۇنىزىمنىڭ سىستېمىلاشقان ۋە يېڭىلانغان شەكلى بولۇپ قالدى.
سىھيۇنىزىم ئىدىيىسى ساختا تەۋرات تېكىستلىرى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ مىللىي تۇرمۇش دەستۇرى «تەلمۇد» ئۈگۈتلىرى، كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسلىنىدۇ.
سىھيۇنىزىم داھىيلىرىنىڭ نۇرغۇنى ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق دىنغا ئىشەنمەيدۇ. يەھۇدىيچىلىق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پايدىلىنىدىغان قالقان ياكى كوزېردىن ئىبارەت.
سىھيۇنىزىم دۇنيا يەھۇدىيچىلىق ھەرىكىتىنىڭ سىياسىيلاشقان شەكلى. ئۇنىڭ ھىندىلارنىڭ يۇز قولى بار ۋىشنو ئىلاھىدەك دۇنيادىكى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپىدە قولى بولۇپ، بۇ قوللار يەھۇدىيلار مەنپەئەتىگە چېتىشلىق ئىشلاردا ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنى يېتەكلەش رولىنى ئۆتەيدۇ. ئۇلار يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىمۇ يېتەكلەيدۇ ۋە پىلان كۆرسىتىدۇ. دۇنيادىكى يەھۇدىي مۇتەپەككۇر ، داھىيلىرىمۇ ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە بوي سۇنىدۇ. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا كۆرۈنۈشتە ھەرخىل شەكىل ئالغان ئەمما ماھىيەتتە پۈتۈنلەي دۇنيا يەھۇدىيلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان نەچچە يۈزلىگەن سىھيۇنىزىم تەشكىلاتلىرى بار. كىشىلەرنىڭ بىرلىرى بۇلارنىڭ كۈچىنى بەك يۇقىرى مۆلچەرلەيدۇ، يەنە بىرلىرى ئۇلارنى ئانچە قاتارغا ئېلىپ كەتمەيدۇ. بۇلارنىڭ ئىككىلىسى توغرا ئەمەس. چۈنكى بۈگۈنكى ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ھازىرىنىڭ ئەھۋالى تارىختىكى ھەرقانداق بىر مەزگىلدىكىدىن باشقىچە تۈس ئالماقتا.

ئەرەبچە
«ھازىرقى زامان ئىسلام ئىنسىكلوپېدىيەسى» پروگرامما كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى



没有评论:

发表评论

发表评论