2009年1月13日星期二

Esir Axiridiki Oylar(3)

ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار(3)م



ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار ‹داۋامى›


ئابدۇقادىر جالالىدىن


باش قىسمى تۆۋەندىكى مەنزىلدە بار
http://ketmenbay.blogspot.com/2009/01/esir-axiridiki-oylar2.html


(4)

رېئاللىق - پاكىت دېمەكتۇر. بىز ئالدىمىزدا تۇرغان كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلسەكلا، دۇنيانىڭ ئەڭ يىراق يەرلىرىمۇ بىزگە يېڭى نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىدىغان بولدى. بەلكىم ئالتە - يەتتە يىل ئىلگىرى بولسا كېرەك، ئامېرىكا كېلەچەكشۇناسى يوھان نەسبىتنىڭ «بۈيۈك يۈزلىنىش» دېگەن كىتابى ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنىپ، كىشىلەردە ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى. ئۇ چاغلاردا قىزىق لەتىپىلەرگە، نەپىس ئۇسسۇللارغا خۇمار خەلقىمىز ئۇنداق نەرسىلەرگە دىققەت قىلمايتتى. ئويغىنىشنىڭ ئەقلىي تېرەنلىكىگە يەتمىگەن خەلق ھامان ئۆزىنىڭ ئاقىل كىشىلىرىنى نامرات، ئېتىبارسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ - دە، پۇرسەتپەرەسلەرنى سەمرىتىپ كۆرەڭلىتىۋېتىدۇ. يۇقىرىقى ئەسەرنىڭ ئارىمىزدا ئىنكاس پەيدا قىلماسلىقى ئالدى بىلەن ئۇنى تەرجىمە قىلىشقا جۈرەت قىلغان كىشىنىڭ ئەمگىكىنى سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىتىدۇ. شۇڭلاشقا ئىلمىيلىكى ئۈستۈن، خەلقنىڭ ئەقلىي بايلىقىنى ئاشۇرىدىغان ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرغان ياكى ئىجاد قىلغان كىشىلەر ھېلىھەم بازار تاپمىدى. بىز ئەسلىتىۋاتقان ئاپتور يوھان نەسبى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت ئامېرىكىنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسىنى تونۇشتۇرۇپ، 21 - ئەسىردىكى قىياپەتلەردىن بەزى بېشارەتلەرنى بەرگەنىدى. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، باشقا بېشارەتچىلەردىن خەۋەر تاپقان ئۇچۇرلىشىش، يەر شارىلىشىش دولقۇنى بۈگۈن ھەقىقەتەن يېتىپ كەلدى.

بىر كېچىدىلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىنى مۇنقەرز ھالەتكە چۈشۈپ كرىزىس كەلتۈرۈپ چىقارغان جورجى سورۇسنى بەزى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىز ئازدۇر - كۆپتۇر بىلىدۇ. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ بايلىقى 42 دۆلەتنىڭ بايلىقىدىن زور بولۇپ، دۇنيا پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

قەيەردە شالتاق بولسا، شۇ يەردە چىۋىن بار.
قەيەردە بالا - قازا بولسا، شۇ يەردە جورجى بار.

مانا بۇ، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ سورۇس ھەققىدىكى ئىخچام تەسۋىرى. مۇشۇ بىر مىسالنىڭ ئۆزىلا ئىقتىساد ۋە سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ دۇنياۋى بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەلۇمكى، بۈگۈنكى دۇنيانى چۈشەنمىگەن ئادەم ئۆزىنى تولۇق چۈشىنەلمەيدۇ.

1980- يىلى ئامېرىكا كېلەچەكشۇناسى ئالۋىن توفلېر «ئۈچىنچى دولقۇن» ناملىق ئەسىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ، «ئىنسانىيەت يېزا ئىگىلىكىلىشىش، سانائەتلىشىش دولقۇنىنى تاماملاپ بولدى، ئەمدى ئۈچىنچى دولقۇن ئۇچۇرلىشىش دولقۇنى يېتىپ كېلىدۇ» دېگەنىدى. ئۇ يەنە 1990 - يىلى نەشر قىلدۇرغان «ھوقۇقنىڭ كۆچۈشى» ناملىق ئەسىرىدە، «جەمىيەتنىڭ ھۆكۈمران كۈچى پۇلدىن بىلىمگە يۈزلەندى» دەپ ھۆكۈم قىلدى.

1973- يىلى ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمىيەتشۇناسى دانىل بېل «كېيىنكى سانائەت جەمىيىتىنىڭ يېتىپ كېلىشى» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ قالتىس غۇلغۇلا قوزغىغان.
ئۇ، سانائەت دەۋرىنى مۇنداق ئۈچكە بۆلگەن: «ئالدىنقى سانائەت جەمئىيىتى ئىپتىدائىي ئەمگەك كۈچىگە تايىنىپ، تەبىئەتتىن دەسلەپكى بايلىقلارنى ئېلىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. سانائەت جەمئىيىتى بولسا يۇقىرىقىلارنى مەركەز قىلىپ تاۋار ئىشلەشكە تەشكىللىنىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. كېيىنكى سانائەت جەمئىيىتى بولسا بىلىمنى چۆرىدەپ مەيدانغا چىقىدۇ»
(«بىلىم ئىگىلىكى دولقۇنى» دېگەن كىتابقا قارالسۇن. تاۋ دېيەن تۈزگەن. جۇڭگو شەھەر نەشرىياتى 1998 - يىل 7 - ئاي نەشرى).

دېمەك، 21 - ئەسىر «بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى» دەپ ئاتالماقتا. 11 - ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «بىلىم - بەخت دېمەكتۇر» دېگەن ھۆكۈمىنىڭ كۈچى نۆۋەتتە تېخىمۇ روشەن ئىسپاتلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
بىراق يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەرىپىدىن سىستېمىغا كەلتۈرگەن دۆلەت ۋە بەخت - سائادەت قاراشلىرى كېيىنچە نەگە كەتكەن بولغىيدى؟
ئەڭ بالدۇر باشلانغان ئەنئەنە كېيىن نېمە ئۈچۈن يىگىلەپ قالدى؟
بىز بۇنىڭ جاۋابىنى تارىخچىلارنىڭ تېپىشىغا قالدۇرىمىز.

كۆرۈپ يېتىش تەس ئەمەسكى، مىللىتىمىز تېخىمۇ ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. تەكەللۇپ قىلماي ئېيتقاندا، بىز ھازىرقى سۈپىتىمىز ۋە زىيالىيلار قاتلىمىمىز بىلەن كەلگۈسىدىكى مۈشكۈل سىناقلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايمىز. ئەمدىكى سىناق ھايات - ماماتلىق خاراكتېرى كەسكىن بولغان شەپقەتسىز سىناق بولۇپ، بۇنىڭدا شاللانغانلار يېڭى تارىخىي مۇنبەردىكى غالىبلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يېڭى قانغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، خەلقنى باياشات قىلىدىغان ھەقىقىي ئامىل شۇ خەلق ياشاپ كەلگەن زېمىندىكى كان بايلىقلىرى ياكى خام ئەشيالار ئەمەس، باشقىلارنىڭ تاسادىپىي ياردىمىمۇ ئەمەس، ھەتتا نوقۇل ئىلىم - پەننىڭ ئۆزىمۇ ئەمەس.
ئۇنداق بولسا بۇ ئامىل نېمە؟
بۇ، ئىلىم - پەننى قورال قىلغان توغرا ئەقىدە.
ئىلىم-پەن ئېينىشتېيىننىڭ ئىزاھلىشى بويىچە ئېيتقاندا، «كىشىلەرنى سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى بويىچە ئويلاندۇرىدۇ ۋە شەيئىلەرنى تەكشۈرىدۇ». دېمەك، ئۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىزدەيدۇ. مەلۇم بىر ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇ ھۆكۈم يېڭى بايقالغان ئۆزگە بىر قانۇنىيەت تەرىپىدىن ئىنكارغا ئۇچرايدۇ. بايقاش، ھۆكۈم، ئىنكار، ئىنكارنى ئىنكار قاتارلىقلار ئىلىم - پەن تەرەققىياتىنىڭ يولىدۇر. مەلۇمكى، بۇ جەرياندا نەچچە ئون يىل ھەتتا ئەسىرلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەرقانداق قانۇنىيەت ئۆزى رول ئويناۋاتقان دائىرىدە كۈچكە ئىگە، ئۇ يەنە بىر دائىرىدىكى قانۇنىيەتنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ.

روشەنكى، بارلىق قانۇنىيەتلەرنىڭ ئورتاقلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر مۇتلەق قانۇنىيەت بار. ئۇ، چوڭقۇر ئىنسانىي ھېسنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇ ھېسنى ئاستا - ئاستا پەرۋىشلەپ مۇكەممەل ئەقىلگە ئايلاندۇرىدۇ، بۇ ئەقىل پەننى توغرا يۆنىلىشكە، ئىنساننىڭ ھالال بەختى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.

مۇھەببەت ئادەمدىكى بىرقەدەر ئالىي ئېھتىياجدۇر، ئېتىقاد مەنىۋى ئېھتىياجلارنىڭ ئەڭ ئالىيسىدۇر، ئەقىدە ئېتىقاد يولىدىكى ھەرىكەتتۇر ۋە بۇ ھەرىكەت جەريانىدا تونۇلغان ھەمدە ئەقىل، قابىلىيەت، ئىنسانىي تەبىئەت تەرىپىدىن تەستىقلانغان ساپ ھەقىقەت مەجمۇئەسىدۇر. ئۇ بىر كامالەتتۇركى، ئىنسان ئۇنىڭغا ھەيران قېلىش بىلەن سېغىنىدۇ، لەززەت تاپىدۇ. مەنىۋى دۇنياسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدۇ. ئىنسان چەكسىز داۋام قىلىدىغان ئەنە شۇ روھ سەپىرىدە ئىلھاملىنىدۇ، ئۆزىدىكى مۇۋاپىق كۈچ - قۇدرەتنى، ئىجاد ھەۋىسىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئۇ ئۆزى مەدەت ئېلىۋاتقان ۋە سۆيۈنۈۋاتقان ئەنە شۇ روھ مەركىزىگە يېقىنلاشقانسېرى ئۆزىدە سادىر بولغان بەدىۋىيلىك ۋە قانخورلۇقلاردىن ئىبرەت ئالىدۇ، يىرگىنىدۇ. ئىنسانلار ئارا بولىدىغان، ئىرق، مىللەتتىن ھالقىغان قېرىنداشلىق مېھرىنى روشەن تونۇشقا باشلايدۇ.

لېكىن، پەن - تېخنىكا ئاجايىپ گۈللەنگەن، مەئىشەتچىلىك ئەۋج ئالغان 20 - ئەسىردىمۇ كىشىلەر ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغاندەك ئەخلاقىي تاكامۇللۇقنى تاپالمىدى. ئەكسىچە، ئېغىر ئەخلاقىي كرىزىسقا پاتتى.
شۇڭلاشقا فرانشسىس فوسان: «تارىخنى ئىقتىساد نۇقتىسىدىن شەرھلەش مۇكەممەل ئىش ئەمەس. ئۇ، كىشىنى قايىل قىلمايدۇ. چۈنكى ئىنسان نوقۇل ئىقتىسادىي ھايۋان ئەمەس» دەيدۇ.
ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى نىكسونمۇ «تېخنىكا ماددىي جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ، لېكىن سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ» دېگەنىدى.
بىز ماقالىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە غەرب دۇنياسىدىكى كرىزىسلىق ۋەزىيەتنى تېز سىزما ئۇسۇلىدا ئىشارە قىلىپ ئۆتتۇق.

بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق روناق تېپىش ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە، بىراق ئۇنى توغرا، گۈزەل غايە بىلەن تەمىنلەش تېخىمۇ مۇھىم. خەلقىمىزدە «ئەقىدىسىز ئالىم كىتاب ئارتىلغان ئېشەك» دېگەن گەپ بار.

بىلىملىك ئادەمنىڭ چوقۇم ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىشى ناتايىن. فاشىستلارنىڭ سىياسىي ھەۋىسى ئۈچۈن ۋەھشىي قوراللارنى تەتقىق قىلىپ بەرگەن كىشىلەرمۇ قالتىس بىلىملىك ئىدى. ئۆزىدىكى مول تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىنسانغا خىلاپ مەنىسىدە ئىشلىتىۋاتقان ئالىملاردىن بۈگۈنمۇ تالايلاپ تېپىلىدۇ. ئارىمىزدا ئاز - تولا بىلىملىك ئادەملەرمۇ بار، بىراق ئۇلارنىڭ بىلىمى ئۆزىنىڭ كۈنىنى ئاران ئۆتكۈزۈشتىن ئاشمايدۇ. خۇددى نەم تارتىپ قېيىپ قالغان ئوقيا نىشانغا تەگمىگەندەك، بىلىم ئېلىشتىكى توغرا غەرەزنى تىكلىيەلمىگەن زىيالىي ئۆز خەلقىگە مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيدۇ. ئەكسىچە زىيانلىق رول ئوينايدۇ.

بىزگە ئىلىم - پەن، تېخنىكا ساھەسىدىكى ئۆتكۈر زىيالىيلار تولىمۇ زۆرۈر. چۈنكى بىزدە يوق بولۇۋاتقىنى ئەنە شۇلار. ئۇلار نېمە ئۈچۈن بىزدە يوق؟ بۇنىڭغا جاۋاب تېپىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە. بىز دانىل بېلنىڭ سانائەت تەرەققىياتىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتتۇق. ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا سېلىشتۇرساق، بىز ھەتتا سانائەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچى دەۋرىگىمۇ كىرمەيدىكەنمىز، مۇشۇ ھالىتىمىز بىلەن بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىگە كۆچىدىكەنمىز. ئەجەبا، 21 - ئەسىردىكى ئاۋات شەھەرلەرنىڭ خالتا كوچىلىرىدا كاۋاپدانلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش يېڭى ئەسىرلىك رىزقىمىزمىدۇ؟

شۇ چاغدا يېڭى ئېچىلغان ماگىزىنلارنىڭ ئالدىدا ناغرا چېلىپ بېرىپ پۇل تاپقىلى بولارمۇ؟ ھازىرقى ھالىتىمىزدىن قارىغاندا، جەننەتكىمۇ كاۋاپدان كۆتۈرۈپ كىرسەك كېرەك.

بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە بىلىم كېرەك بولىدۇ، زىيالىيلار جەمىيەت چاقىنىڭ ئوقىغا ئايلىنىدۇ. بۇنداق دېسەك «زىيالىي» دېگەن ئۇقۇم «سىنىپ» ئۇقۇمى بىلەن ئوخشاشتەك كۆرۈنىدۇ. بىراق جەمىيەت پۇقرالىرىغا بىلىم تەلىپى قويۇلىۋاتقان شارائىتتا «زىيالىي» دېگەن ئۇقۇم خەلقنىڭ گەۋدىسى بىلەن بىر تۇتاش بولىدۇ. شۇنداق ئەھۋالدا سىنىپ شەكلىگە كىرىپ قالغان زىيالىيلارنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئارتۇقچە بولىدۇ. كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ خىل رېئاللىقنى مىللىتىمىزگە تەتبىقلىساق، بىزدىكى مەسىلىمۇ زىيالىيلاردىكى سۈپەت مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
بىزدىكى زىيالىيلارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟

داۋامى تۆۋەندىكى مەنزىلدە بار
http://ketmenbay.blogspot.com/2009/01/esir-axiridiki-oylar4.html
ـــــــــــــــــــــ

没有评论:

发表评论

发表评论