2009年1月4日星期日

بىز راستىنلا ناخشا - ئۇسسۇل مىللىتىمۇ؟





بىز راستىنلا ناخشا - ئۇسسۇل مىللىتىمۇ؟


يالقۇن روزى


1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئويغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالى ھەققىدە يېزىلغان ماقالە-ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلار ئومۇمەن «باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىل پاراسەتلىك مىللەت» دەپ تەرىپلىنەتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىلغان شۇ خىلدىكى ماقالە-ئەسەرلەردە بولسا «ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت» دەپ تەرىپلىندىغان بولدى.
يېقىندا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېىسورى، پەلسەپە دوكتۇرى ياۋۋىي خانىمنىڭ بىر يېڭى كىتابىنى كۆرۈپ قالدىم.
2005-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلغان بۇ كىتابنىڭ نامى «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق ھالىتى ۋە مىللىي رايۇنلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە تەتقىقات» بولۇپ، ماۋزۇسىنىڭ ئۆزىلا مېنى ناھايىتى قىزىقتۇردى.
دوكتۇر ياۋۋىي خانىم 1-بابنىڭ بېشىدىلا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئاىلىسىدە، ئويغۇرلار «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. بۇ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئويغۇرلارغا بەرگەن باھاسى ۋە ئۇلار ھەققىدىكى تونۇشى» دەپ يازغان ئىدى.
مەن بۇ جۈملىنى ئوقۇپ بىر ھازا ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتىم.
«پىسخىكىلىق ھالەت» دېگەن كىشىلەرنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پوزىتسىيىسى، قىممەت قارىشى ۋە ئىنتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۇقۇم. بىر مىللەتنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىدىكى بۇ خىل ئامىللار يەنى پوزىتسىيە، قىممەت قاراش ۋە ئىنتىلىش ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ئامىلى ۋە قوزغاتقۇچىسى بولۇپ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.
ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى چوڭ بىلىدىغان پوزىتسىيىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىز جەمىيئەتنىڭ ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدا قانچىلىق قوزغاتقۇچلۇق رول ئوينىيالىشى مۇمكىن؟! «ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاساس» دەپ تونۇلىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا بىزنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىز مىللەتنىڭ رىقابەتكە تولغان دۇنيادا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا، بىلىم ئىگىلىكىنى بەلگە قىلغان جەمئىيەتتە تىگىشلىك ئىززەت-ھۆرمىتىنى تېپىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتەرمۇ ياكى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتەرمۇ؟
ياۋۋېي خانىم كىتابىدا 467 نەپەر ئويغۇرنى ئوبىكت قىلىپ، ئۇلارنىڭ «ئۆز مىللىتىنى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ تونۇيدىغانلقى»نى تەكشۈرگەن.
تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ قاتلىمى كادىر، ئوقۇتقۇچى، دېھقان، ئىشچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان: باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان.

تەكشۈرۈلگۈچىلەردىن تۈۋەندىكى 14 تۈر بويىچە ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بىقىش تەلەپ قىلىنغان.

1. دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدۇ:
2. ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر؛
3. يۇمۇرلۇق؛
4. ئۈمىدۋار؛
5. بىكىنمە؛
6. ئوچۇق-يورۇق؛
7. ئۈمىدسىز؛
8. ئەقىللىق؛
9. ئەستايىدىل؛
10. ئىچ-مىجەز؛
11. ئىشچان؛
12. تۈزكۆڭۈل؛
13. باتۇر؛
14. مەرد.

تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 467 نەپەر كىشىنىڭ 369 نەپىرى «ئويغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر» دەپ كۆرسىتىپ، بۇ جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
تارىختا ئات ئۈستىدە قۇيۇندەك چېپىپ كىتىۋىتىپ ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، ئارقىسىغا قارىتىپمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئېتىپ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندەك دۇنياۋىي غالىب ئىستىلاچىنى ھەيران قالدۇرۇپ «ئوقياچى مىللەت» دەپ ئاتالغان خەلقىمىز؛ چىڭگىزخان دەۋرىدە تۈرلۈك ساھە بويىچە يىتىلگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن «مەرىپەتچى مىللەت» دەپ ئاتالغان خەلقىمىز قانداقلارچە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دىگەن تاجنى كىيىپ قالدى؟!
نىمە ئۈچۈن شۇ تاپتا ئۆزىمىزمۇ ئۆزىمىزنى شۇ سۈپەت بىلەن ئۇلۇغلايدىغان، باشقا مىللەتلەرمۇ بىزنى شۇ سۈپەت بىلەن تەرىپلەيدىغان بولدى؟
ئەلۋەتتە، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ.
مىللىتىمىزنى ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا باغلاپ ئۇلۇغلىشىمىز، باشقىلارنىڭمۇ بىزنى مۇشۇ جەھەتتە تەرىپلىشىنىڭ تۈلۈك كونكىرىت ھەم مۇرەككەپ سەۋەبى بار.
ئالدى بىلەن تۇرمۇشىمىزدا رادىئۇ-تېلېۋىزۇر ،ئۈنئالغۇ-سىنئالغۇ، ۋ س د ئاپپاراتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشى بىر سەۋەب.
رادىئۇ ئىستانسىلىرى بىلەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇۋىلىشى، ئەتىگەندىن كەچكىچە دۇنيادا نەغمە- ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇلدىن بۆلەك ئىشلار يۇقتەك شۇنىلا ئاڭلىتىشى، شۇنىلا كۆرسىتىشكە كۈچىشى يەنە بىر سەۋەب.
بازار ئىگىلكىنىڭ ناخشا -ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا سەنئىتىگە كەڭ كۆلەملىك بازارلىشىش پۇرسىتى ئاتا قىلىشى يەنە بىر سەۋەب.
روشەنكى بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى تاشقى سەۋەب.
ئەڭ مۇھىم سەۋەب، يەنى ئىچكى سەۋەب شۇكى، بىزنىڭ «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇش»تەك ھازىرقى ھالىتىمىز بىلەن «نەغمە-ناۋاغا زىيادە ھېرىسمەن بولۇش»تەك پىسخىكىمىز ئوڭ تاناسىپتور.

مۇشۇ كۈنلەردە نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇلغا مەستانىلەرچە ئىنتىلىش خەلىقىمىزنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا ئايلىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ تۈپ، ئەڭ يىتەكچى خومار-ھېسسىياتىغا ئايلىنىپ بولدى، دىيىشكە بولىدۇ.
ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا جەھەتتە ئەتراپىدىكى مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئەزەلدىن ئۈستۈن ھالەتتە بولۇپ كەلگەن.
ئەمما ھەربىي ئىشلاردىكى جەڭگىۋارلىقنى ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا ھامىي قىلغان. سودا تىجارەتنى مۇھىم، ئىلىم مەرىپەتنى چوڭ بىلىشنى، ھۈنەر ئەمگەكنى قولدىن بەرمەسلىكنى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىش ھېسابلىغان. ئالدى بىلەن موشۇ نەرسىلەرگە ئىنتىلگەن. ئالدى بىلەن موشۇ نەرسىلەرگە ئىنتىلمەي ۋە ئېرىشمەي تۇرۇپ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا دۈم چۈشۈشنى مەسئۇلىيەتسىزلىك، نورمالسىزلىق، ئويۇنقېپىلىق دەپ ھېسابلىغان.
ئەمەليەتتە بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە- ناۋانىڭ زىيادە ئۈستۈنلۈك ئېلىپ يامراپ كىتىشى جەمىيئەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بىر خىل مىللىي چۈشكۈنلۈك، دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل پاسسىپ پىسخىكىلىق ھالەت «سەنئەتخۇمار مىللەت» دىگەنگە ئوخشاش ھەر قانداق چىرايلىق سۆزلەر بىلەن سۈپەتلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر، مىللەتنىڭ ئومۇمىي قىممىتى بىلەن ماسلاشمايدىكەن، ئۇ كۈلكىلىك ئىش بولۇپ قالىدۇ.

بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئات ئۈستىدە زەپەر قۇچۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېتەكلىرىدە زور ھەربىي كۈچ بولۇپ تونۇلۇپ، قۇدرەتلىك خانلىقلارنى قۇرغان، مەدەنىيەت جەھەتتە قېرىنداش مىللەتلەرگە باشلامچى بولغان چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالىرى قوشنا مىللەتلەرنىڭ، ساياھەتچى سەيياھلارنىڭ نەزىرىدە ئاجايىپ زور ئارتۇقچىلىق ھېسابلانغان.
ئەمما، بۇنىڭدىن يۈز يىللار ئىلگىرى خەلقىمىزنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى تۈۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا، بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمىز كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغماي قالغان.
مەسىلەن: 1906-يىلى قەشقەرگە كەلگەن فىللاندىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى ماننېر خېيىم (ماننەر ھەىم) ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە: «ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىتى بىكار تەلەپ، كەيپ-ساپا تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەن، تەييارتاپ، كۈن-كۈنلەپ لاغايلاپ يۈرىدۇ، ئىشلەي دىمەيدۇ. بولۇپمۇ قوغۇن پىششىقىدا ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇرۇشۇپ، بىر-ئىككى قوغۇن-تاۋۇزنى پىچىپ داستىخانغا قويىۋىلىپ، ئەتتىگەندىن تۈن يېرىمغىچە نەغمە-ناۋا قىلىشىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن.
بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا مىللەتنىڭ ئىجتىماىي ئەھۋالىغا، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىگە گاھىدا يارىشىدۇ، گاھىدا ياراشمايدۇ.

بۈگۈنكى شاراىتىمىزدا ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا زىيادە ھېرىسمەن بولۇش بىزگە يارىشامدۇ-ياراشمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە، چوڭقۇرراق ئويلىنىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.
مېنىڭچە بۈگۈنكى دۇنيادا كۆپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ كەينىدە قالغان، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى ئاجىز، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى نىسبەتەن قالاق، پەن-تېخنىكىسى راۋاجلانمىغان، مائارىپ سۈپىتى تۆۋەن، ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشالمىغان بىر مىللەتنىڭ ئويۇن-تاماشا ھېسابلىنىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ھېرىسمەن بولۇشى، شەك-شۆھبىسىزكى چۈشكۈنلۈك، تېخىمۇ كەسكىنرەك ئېيىتقاندا، دەۋىر بىلەن ھاماقەتلەرچە قارشىلاشقانلىق.

بىز كۆزىمىزنى يۇغانراق ئېچىپ بۈگۈنكى دەۋىرگە قاراپ باقايلى!
دەۋىر بىزنى نىمىگە چاقىرىدۇ؟
بۈگۈنكى دەۋىرنىڭ ماھىيىتى نىمە؟ خەلق نىمە ئويدا، بىز نىمە كويدا؟!
بۈگۈنكى دەۋر - بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى، رىقابەت دەۋرى!
دەۋرنىڭ تەلىپىگە بىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە- ناۋاغا تەلۋىلەرچە ھېرىسمەن بولغان پىسخىكىلىق ھالىتىمىز بىلەن قانداقمۇ تاقابىل تۇرالايمىز؟!
كۆپ خىل ئىقتىدار ئىگىلىرى يېتەرلىك بولغان، ئونۋېرسال ساپاسى ھازىرلانغان مىللەتلەرلا بۇ خىل تەلەپكە يېقىنلىشالايدۇ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ رىقابەتكە قاتنىشالايدۇ.
بىزگە ئوخشاش روھىيىتىدە «سەنئەتخۇمارلىق» تەركىبى زىيادە ئارتىپ كەتسە، تەبىئىي ھالدا ئەقلىي تەركىبنى چەكلىمىگە ئۇچىرىتىدۇ.
ئەقلىي تەركىبى كەمتۈك مىللەتلەر قانداقمۇ ئەقىل ۋە بىلىمنى دەسمايە قىلىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلىسۇن؟!
بۇنداق بولىۋەرسە ئاخىرقى ھېسابتا رىقابەتتە زەپەر قۇچقان مىللەتلەرگە بىر چەتتە تۇرۇپ ئالقىش ياغدۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان «چاۋاكچى مىللەت» بولۇپ قالمايمىزمۇ؟

بەزىلەر «خەلق نىمىنى ياخشى كۆرسە، شۇ نەرسە قەدىرلىق بولىدۇ، ئۇلۇغ بولىدۇ؛ خەلقىمىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ياخشى كۆرىدۇ، بىز خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز كىرەك» دەيدۇ.
بۇ تولىمۇ ئاددىي قاراش. خەلقنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ ياخشى كۆرىشى ھەممە ۋاقىتتا توغرا بولىۋەرمەيدۇ.
خەلقىمىز ئېلى ھارىقىنىمۇ ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ئىستىمال قىلىدۇ. بۇمۇ خەلقىمىزنىڭ بىر خىل تاللىشى. ئۇنى ھېچكىم زورلىغان ئەمەس.
خەلق ھەقىقەتەن ئۇلۇغ. خەلقنىڭ ئۇلۇغلۇق مەسلىسى مەڭگۈلۈك مەسىلە. ئەمما، خەلقنىڭ تۇتقان يولىنىڭ توغرا-خاتا بولىشى باشقا مەسىلە.
ئۇلۇغ ئالىم ئېيىنىشتىيىن «مېنىڭ قارىشىم» دىگەن ماقالىىسىدە: «ئاۋام ئىدىيە جەھەتتىن ئومۇمەن قاشاڭ كېلىدۇ» دەپ ئېيتقان.
خەلقىمىز ئاپاق خوجادەك لەنەتگەردىلەرنى 300 يىللاپ ئەۋلىيا بىلىپ مازىرىغا تاۋاپ قىلىپ كەلگەن.
ھەقىقەتنى كۆپ ھاللاردا دانىشمەن-مۇتەپەككۈرلارلا تونۇيالايدۇ ۋە ئاشكارلىيالايدۇ.
خەلقنىڭ تاللىشى ۋە مايىللىقى ھەرگىزمۇ بىردىنبىر ئۆلچەم بولالمايدۇ.
ئەگەر ھەممە ئىشتا، ھەر ۋاقىت خەلقنىڭ تاللىشى ۋە مايىللىقى ئۆلچەم قىلىنسا، ئۇ ھالدا خەلقنى يىتەكلەيدىغان، يىراقنى كۆرەر يىتەكچى-داھىيلارنىڭ، پايدا-زىيان، ياخشى- ياماننى ئېنىق ئايرىش، ھەقىقەتنى پەرق ئېتىش قابىلىيىتىگە ئىگە دانىشمەن-مۇتەپەككۈرلەرنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ.

خەلق ئۆزىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ياشاۋەرسە، نىمىنى ياخشى كۆرسە قەدىرلەۋەرسە، نىمىنى خالىمىسا چۆرۈپ تاشلاۋەرسە ئۆزىنىڭ تاللىشى. ئەمما، ئاخىرىدا ھالاك بولىدىغىنى خەلق!
بىلىشىمىز لازىمكى، ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن باشلاپ يىتەكچى داھىيلار بىلەن دانىشمەن مۇتەپەككۈرلارغا ئىزچىل مۇھتاج بولۇپ كەلگەن.
شۇڭا، ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب ئۆز داستانىنىڭ 265-بىيىتىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق يازغان:
«قارا، ئېسىل كىشىلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرى بەگ، بىرى دانا، (ئۇلار) ئىنسانلارنىڭ باشلامچىسىدۇر».
بۇ يەردىكى بەگ ئەل باشچىلىرىنى، يەنى يىتەكچى داھىيلارنى، دانا دىگىنى دانىشمەن-مۇتەپەككۈرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب بىزگە ئۇلارنى ئىنسانىيەت جەمىيئىتىدىكى ئەڭ ئېسىل كىشىلەر، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ باشلامچىلىرىدۇر، دەپ كۆرسىتىپ بەرگەن.

بەزىلەر «بىزگە سەئىدىيە خاندانلىقىدىن 12 مۇقام مىراس قالغان. بۈگۈنكى كۈندە بىزنى 12 مۇقام دۇنياغا تونۇتتى، بىز دۇنيادا «ناخشا -ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ ئېتىراپ قىلىندۇق. بىز يا ئىلىم-پەندە، يا تېخنىكىدا تونۇلمىدۇق، شۇڭا خەلىقىمىزنى دۇنياغا تونۇتىۋاتقان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ئۇنداق-مۇنداق دىيىش خاتا!» دەيدۇ.
توغرا، بىز مىللتىمىزنى باشقىلارغا، دۇنياغا تونۇتىدىغان مىللىي بايلىقلىرىمىزنى قەدىرلەيمىز، ھەم ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز. ئەمما بىزنى ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر بىر مىللەت سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇتۇشتىنمۇ ئاۋال، بىز مىللىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدا ئۇزاق مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھاياتى كۈچكە ئىگە مىللىي بايلىقلارغا تېخىمۇ مۇھتاج.
ئويغانغان مىللەتلەر ئونۋېرسال مىللىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولىۋاتسا، بىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالىرىمىز مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتىۋاتىدۇ،دەپلا قانائەت قىلساق بولمايدۇ،
چۈنكى تونۇلۇشقا قارىغاندا مەۋجۈتلىقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش تېخىمۇ مۇھىم!
دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ يوللىرى تولا، بەزى ھاللاردا ئۇ بىر دەملىك ئىش.
ئەمما مەۋجۈتلۇققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يوللىرى ئىنتايىن تار ۋە مۈشكۈل.
شۇڭا بىز ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بىرلا ئىشقا بەنت بولۇپ قالمايلى،
نەغمە-ناۋادىن ئىبارەت بىرلا ئىشنى ئۇنچىۋالا چوڭ بىلىۋالمايلى،
ئونۋېرسال مىللىي كۈچىمىزنى ھازىرلاشقا تىرىشايلى.
نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل بىزنىڭ بايلىقىمىز، ئەمما بارلىقىمىز ئەمەس!
ئەگەر ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمىز بىلەنلا قانائەتلىنىپ، پەخىرلىنىپ، مىللىتىمىزنىڭ مىللىي خاراكتىرىنى «سەنئەتخۇمار» دىگەن سۈپەتكە مىخلىۋىتىپ، نەغمە-ناۋا، ناخشا -ئۇسسۇلنى مىللىتىمىزنىڭ تۈپ خۇمارى قىلىپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتسەك، ئۆمرى كوتا، بەختى قارا تەقدىرگە مۇپتىلا بولماي قالمايمىز.

مۇتەپەككۈر ئالىمىمىز ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش» ناملىق چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك ماقالىسىدە، قاراخانلار خانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئونۋېرسال ئەۋزەللىكىمىز، ئەقلىي تەپەككۈرگە ئەھمىيەت بىرىدىغان، ئەمەليەتچىل، ھاياتىي كۈچكە ئىگە جۇشقۇن مىللىي خاراكتىرىمىز ھەققىدە سۆيۈنۈش بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ كېلىپ، 1400 يىللاردىن كىيىنكى مىللىي ھاياتىمىز ھەققىدە ئۆكۈنۈش بىلەن مۇنداق قۇرلارنى يازغان:
«ئۇلۇغبەگ پاجىئەسىدىن كېيىن ئەدىب-شائىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئالەمشۇمۇل ئالىملىرىمىز چىقمىدى. مەنىۋىي مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسىي سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىن-بىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل، دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى! بىز «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» كاتىگۇرىيىسىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇپ قېلىۋەردۇق، بۇياقچىدىن ئارتۇق خىمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىكلىرىمىز بولمىدى ... سەنئەتتە داڭق چىقارغان، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت-ماكانسىز جاھان كىزىپ، تىلەپ-تېرىپ ياشاشقا چۈشكەنلىكى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىيەۋىي تەپەككۈر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىدىن «ئالىملار مىللىتى»، قۇدرەتلىك، زامانىۋىي مىللەت كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى نىمىشقا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەيمىز؟!»
(ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن: «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش».«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى 1995-يىل(5-6-قوشما سان)؛ «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىل نەشىرى)

ئىنسانىيەت يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغان مۇشۇ شاراىتتا، دۇنيادىكى بارلىق چوڭ-كىچىك مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ نىمە قىلىشى زۆرۈرلىكىنى كۈنسايىن چوڭقۇر تونۇپ يىتىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي خۇمارى، ئەڭ ئالىي خوشاللىقى قىلىشىنىڭ كويىدا ئىزدەنمەيۋاتىدۇ. بەلكى، مەدەنىيەتنىڭ ھەممە ئامىللىرىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرلەمچى ئامىللار بىلەن ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى، ماھارەت تىپلىق كىشىلەر بىلەن پاراسەت تىپلىق كىشىلەرنىڭ قىممەت تەرتىپىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ مۇامىلە قىلىۋاتىدۇ.

قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان «قازاقىستان، ئۆزبىكىستان، قىرغىزىستانلاردا 20-ئەسىردە تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇرلار» دېگەن بىر قىممەتلىك كىتاب يېقىندا قولۇمغا چۈشۈپ قالدى.
شۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىگە قارىساقلا، ئەسلى نىمىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش، قايسى خىلدىكى كىشىلەرنى كۆپ يىتىلدۈرۈشكە كۈچەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ.
بۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجە تەرتىپى مۇنداق:

1. ھاكىمىيەت ئۈستىدە بولغانلار:
2. ئىقتىسادىي ساھەدە باش كۆتۈرگەنلەر؛
3. ئارمىيىدە داڭق چىقارغانلار؛
4. تەشكىلاتچىلار؛
5. ئالىملار-ئاكادىمىكلار؛
6. دوختۇرلار؛
7. مائارىپچىلار؛
8. ئەدىبلەر؛
9. ئاخباراتچىلار؛
10. ئارخىتىكتورلار؛
11. رەسسام-ھەيكەلتاراشلار؛
12. تىياتىر، مۇزىكا، كىنۇ، ئۇسسۇل ساھەسىدىكىلەر؛
13. تەنھەركەتچىلەر.

ھازىر بىزدە بولسا ئەھۋال باشقىچە:
ئىككى كۆزىمىز نەغمە-ناۋا، ناخشا ئۇسسۇلچىلارغىلا تىكىكلىك؛
روھىمىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالارغىلا كۆڭۈل بۆلۈكلۈك.
ئەڭ ئالىي ھەۋىسىمىز، ئەڭ يوقىرى ئىنتىلىشىمىز، ئەڭ ئومۇمىي خوشاللىقىمىز پەقەتلا نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل!
مىللىي ئىپتىخارىمىزمۇ شۇنىڭغا مەركەزلىشىكلىك. شۆھبىسىزكى، بۇ بىر غەلىتە قىسمەت
*****************************************************


Biz qandaqlarche naxsha-ussul milliti atilip qalduq?


Yalqun rozi


1980-yillarning bashlirida oyghurlarning tarixi, medeniyiti we ijtima'iy ehwali heqqide yézilghan maqale-eserlerde uyghurlar omumen «batur, emgekchan, eqil parasetlik millet» dep teriplinetti.
Yéqinqi yillardin buyan yézilghan shu xildiki maqale-eserlerde bolsa «uyghurlar naxsha-ussulgha mahir millet» dep teriplindighan boldi.
Yéqinda shinjang pidagogika unwérsititining proféisori, pelsepe dokturi yawwiy xanimning bir yéngi kitabini körüp qaldim.
2005-yili shinjang xelq neshiriyati xenzu tilida neshir qilghan bu kitabning nami «shinjangdiki az sanliq milletlerning ijtima'iy pisxikiliq haliti we milliy rayunlarning tereqqiyati üstide tetqiqat» bolup, mawzusining özila méni nahayiti qiziqturdi.
Doktur yawwiy xanim 1-babning béshidila «jungxua milletliri chong ailiside, oyghurlar «naxsha-ussul milliti» dep teriplinidu. Bu, bashqa milletlerning oyghurlargha bergen bahasi we ular heqqidiki tonushi» dep yazghan idi.
Men bu jümlini oqup bir haza oylinip turup kettim.
«pisxikiliq halet» dégen kishilerning siyaset, iqtisad, medeniyet we turmush qatarliq jehetlerdiki pozitsiyisi, qimmet qarishi we intilishini öz ichige alidighan uqum. Bir milletning pisxikiliq halitidiki bu xil amillar yeni pozitsiye, qimmet qarash we intilish öz nöwitide shu milletning ijtima'iy we iqtisadiy tereqqiyatning ichki amili we qozghatquchisi bolup hel qilghuch rol oynaydu.
Naxsha-ussul, neghme-nawani chong bilidighan pozitsiyimiz, qimmet qarishimiz we intilishimiz jemiy'etning we iqtisadning tereqqiyatida qanchiliq qozghatquchluq rol oyniyalishi mumkin?! «iqtisadiy tereqqiyatni asas» dep tonuliwatqan bügünki dunyada bizning bu xil pozitsiyimiz, qimmet qarishimiz we intilishimiz milletning riqabetke tolghan dunyada mewjüt bolup turishigha, bilim igilikini belge qilghan jem'iyette tigishlik izzet-hörmitini tépishigha aktip tesir körsitermu yaki passip tesir körsitermu?
Yawwéy xanim kitabida 467 neper oyghurni obikt qilip, ularning «öz millitini qandaq alahidilikke ige dep tonuydighanlqi»ni tekshürgen.
Tekshürülgüchilerning qatlimi kadir, oqutquchi, déhqan, ishchi we oqughuchilardin terkib tapqan: bashlan'ghuch mekteptin aliy mektepkiche bolghan her derijilik mekteplerning oqutquchi we oqughuchiliri qatnashqan.

Tekshürülgüchilerdin tüwendiki 14 tür boyiche öz millitining alahidilikini körsitip biqish telep qilin'ghan.

1. Dostluqqa ehmiyet béridu:
2. Naxsha-ussulgha mahir;
3. Yumurluq;
4. Ümidwar;
5. Bikinme;
6. Ochuq-yoruq;
7. Ümidsiz;
8. Eqilliq;
9. Estayidil;
10. Ich-mijez;
11. Ishchan;
12. Tüzköngül;
13. Batur;
14. Merd.

Tekshürüshni qobul qilghan 467 neper kishining 369 nepiri «oyghurlar naxsha-ussulgha mahir» dep körsitip, bu jehette birinchi orunda turghan.
Tarixta at üstide quyundek chépip kitiwitip oqni aldigha qandaq atsa, arqisigha qaritipmu shundaq ustiliq bilen étip iskender zulqerneyindek dunyawiy ghalib istilachini heyran qaldurup «oqyachi millet» dep atalghan xelqimiz; Chinggizxan dewride türlük sahe boyiche yitilgen ixtisas igilirining köpliki bilen «meripetchi millet» dep atalghan xelqimiz qandaqlarche bügünki kün'ge kelgende «naxsha-ussul milliti» digen tajni kiyip qaldi?!
Nime üchün shu tapta özimizmu özimizni shu süpet bilen ulughlaydighan, bashqa milletlermu bizni shu süpet bilen teripleydighan boldi?
Elwette, her ishning sewebi bolidu.
Millitimizni naxsha-ussul, neghme-nawagha baghlap ulughlishimiz, bashqilarningmu bizni mushu jehette teriplishining tülük konkirit hem murekkep sewebi bar.
Aldi bilen turmushimizda radi'u-téléwizur ,ün'alghu-sin'alghu, w s d apparatlirining keng kölemde omumlishishi bir seweb.
Radi'u istansiliri bilen téliwiziye istansilirining bu jehettiki xizmetni eng yüksek orun'gha qoyuwilishi, etigendin kechkiche dunyada neghme- nawa, naxsha-ussuldin bölek ishlar yuqtek shunila anglitishi, shunila körsitishke küchishi yene bir seweb.
Bazar igilkining naxsha -ussul, neghme-nawa sen'itige keng kölemlik bazarlishish pursiti ata qilishi yene bir seweb.
Roshenki bu seweblerning hemmisi tashqi seweb.
Eng muhim seweb, yeni ichki seweb shuki, bizning «naxsha-ussul milliti bolush»tek hazirqi halitimiz bilen «neghme-nawagha ziyade hérismen bolush»tek pisxikimiz ong tanasiptor.

Mushu künlerde neghme-nawa, naxsha-ussulgha mestanilerche intilish xeliqimizning omumiy keypiyatigha aylinip ketmigen bolsimu, emma eng tüp, eng yitekchi xomar-héssiyatigha aylinip boldi, diyishke bolidu.
Uyghurlar tarixtin buyan naxsha-ussul, neghme-nawa jehette etrapidiki milletlerge nisbeten ezeldin üstün halette bolup kelgen.
Emma herbiy ishlardiki jenggiwarliqni naxsha-ussul, neghme-nawagha hamiy qilghan. Soda tijaretni muhim, ilim meripetni chong bilishni, hüner emgekni qoldin bermeslikni aldinqi qatardiki ish hésablighan. Aldi bilen moshu nersilerge intilgen. Aldi bilen moshu nersilerge intilmey we érishmey turup naxsha-ussul, neghme-nawagha düm chüshüshni mes'uliyetsizlik, normalsizliq, oyunqépiliq dep hésablighan.
Emelyette bir milletning ijtima'iy hayatida naxsha-ussul, neghme- nawaning ziyade üstünlük élip yamrap kitishi jemiy'etshunasliq nuqtisidin élip éyitqanda bir xil milliy chüshkünlük, dep qarilidu. Bu xil passip pisxikiliq halet «sen'etxumar millet» digen'ge oxshash her qandaq chirayliq sözler bilen süpetlinishidin qet'iy nezer, milletning omumiy qimmiti bilen maslashmaydiken, u külkilik ish bolup qalidu.

Buningdin ming yillar ilgiri uyghurlar at üstide zeper quchup, ottura asiya étekliride zor herbiy küch bolup tonulup, qudretlik xanliqlarni qurghan, medeniyet jehette qérindash milletlerge bashlamchi bolghan chaghlarda uyghurlarning naxsha-ussul, neghme-nawaliri qoshna milletlerning, sayahetchi seyyahlarning neziride ajayip zor artuqchiliq hésablan'ghan.
Emma, buningdin yüz yillar ilgiri xelqimizning siyasiy,iqtisadiy, medeniy hayati we turmush sewiyesi tüwen haletke chüshüp qalghanda, bu jehettiki artuqchiliqimiz kishilerning közige sighmay qalghan.
Mesilen: 1906-yili qeshqerge kelgen fillandiyilik ékispiditsiyichi mannér xéyim (manner heim) özining kündilik xatiriside: «uyghurlarning tebi'iti bikar telep, keyp-sapa turmushqa adetlen'gen, teyyartap, kün-künlep laghaylap yüridu, ishley dimeydu. Bolupmu qoghun pishshiqida ular topliship olturushup, bir-ikki qoghun-tawuzni pichip dastixan'gha qoyiwilip, ettigendin tün yérimghiche neghme-nawa qilishidu» dep xatirilen'gen.
Buningdin köriwilishqa boliduki, naxsha-ussul, neghme-nawa milletning ijtimaiy ehwaligha, iqtisadiy quwwitige gahida yarishidu, gahida yarashmaydu.

Bügünki sharaitimizda naxsha-ussul, neghme-nawagha ziyade hérismen bolush bizge yarishamdu-yarashmamdu? Dégen mesilige kelgende, chongqurraq oylinip béqishqa toghra kélidu.
Méningche bügünki dunyada köp jehette bashqilarning keynide qalghan, iqtisadiy quwwiti ajiz, ijtima'iy tereqqiyati nisbeten qalaq, pen-téxnikisi rawajlanmighan, ma'arip süpiti töwen, insaniyetning hazirqi we bügünki zamandiki tereqqiyat netijilirige bir ülüsh hesse qoshalmighan bir milletning oyun-tamasha hésablinidighan naxsha-ussul, neghme-nawagha xudini yoqatqan halda hérismen bolushi, shek-shöhbisizki chüshkünlük, téximu keskinrek éyitqanda, dewir bilen hamaqetlerche qarshilashqanliq.

Biz közimizni yughanraq échip bügünki dewirge qarap baqayli!
Dewir bizni nimige chaqiridu?
Bügünki dewirning mahiyiti nime? Xelq nime oyda, biz nime koyda?!
Bügünki dewr - bilim igiliki dewri, riqabet dewri!
Dewrning telipige biz naxsha-ussul, neghme- nawagha telwilerche hérismen bolghan pisxikiliq halitimiz bilen qandaqmu taqabil turalaymiz?!
Köp xil iqtidar igiliri yéterlik bolghan, onwérsal sapasi hazirlan'ghan milletlerla bu xil telepke yéqinlishalaydu we teshebbuskarliq bilen bu riqabetke qatnishalaydu.
Bizge oxshash rohiyitide «sen'etxumarliq» terkibi ziyade artip ketse, tebi'iy halda eqliy terkibni cheklimige uchiritidu.
Eqliy terkibi kemtük milletler qandaqmu eqil we bilimni desmaye qilip yashashqa adetlen'gen milletler bilen riqabetlishelisun?!
Bundaq boliwerse axirqi hésabta riqabette zeper quchqan milletlerge bir chette turup alqish yaghdurushtin bashqini bilmeydighan «chawakchi millet» bolup qalmaymizmu?

Beziler «xelq nimini yaxshi körse, shu nerse qedirliq bolidu, ulugh bolidu; Xelqimiz naxsha-ussul, neghme-nawani yaxshi köridu, biz xelqimizning bu xil tallishini hörmet qilishimiz kirek» deydu.
Bu tolimu addiy qarash. Xelqning tallishi, xelqning yaxshi körishi hemme waqitta toghra boliwermeydu.
Xelqimiz éli hariqinimu ademni chöchütkidek derijide istimal qilidu. Bumu xelqimizning bir xil tallishi. Uni héchkim zorlighan emes.
Xelq heqiqeten ulugh. Xelqning ulughluq meslisi menggülük mesile. Emma, xelqning tutqan yolining toghra-xata bolishi bashqa mesile.
Ulugh alim éyinishtiyin «méning qarishim» digen maqaliiside: «awam idiye jehettin omumen qashang kélidu» dep éytqan.
Xelqimiz apaq xojadek lenetgerdilerni 300 yillap ewliya bilip mazirigha tawap qilip kelgen.
Heqiqetni köp hallarda danishmen-mutepekkürlarla tonuyalaydu we ashkarliyalaydu.
Xelqning tallishi we mayilliqi hergizmu birdinbir ölchem bolalmaydu.
Eger hemme ishta, her waqit xelqning tallishi we mayilliqi ölchem qilinsa, u halda xelqni yitekleydighan, yiraqni körer yitekchi-dahiylarning, payda-ziyan, yaxshi- yamanni éniq ayrish, heqiqetni perq étish qabiliyitige ige danishmen-mutepekkürlerning zörüriyiti qalmaydu.

Xelq özila özining bilginiche yashawerse, nimini yaxshi körse qedirlewerse, nimini xalimisa chörüp tashlawerse özining tallishi. Emma, axirida halak bolidighini xelq!
Bilishimiz lazimki, insaniyet peyda bolghandin bashlap yitekchi dahiylar bilen danishmen mutepekkürlargha izchil muhtaj bolup kelgen.
Shunga, ulugh mutepekkür bowimiz yüsüp xas hajib öz dastanining 265-biyitide nahayiti éniq qilip mundaq yazghan:
«qara, ésil kishiler ikki türlük bolidu:
Biri beg, biri dana, (ular) insanlarning bashlamchisidur».
Bu yerdiki beg el bashchilirini, yeni yitekchi dahiylarni, dana digini danishmen-mutepekkürlerni körsitidu.
Ulugh bowimiz yüsüp xas hajib bizge ularni insaniyet jemiy'itidiki eng ésil kishiler, ular insanlarning bashlamchiliridur, dep körsitip bergen.

Beziler «bizge se'idiye xandanliqidin 12 muqam miras qalghan. Bügünki künde bizni 12 muqam dunyagha tonutti, biz dunyada «naxsha -ussul milliti» dep étirap qilinduq. Biz ya ilim-pende, ya téxnikida tonulmiduq, shunga xeliqimizni dunyagha tonutiwatqan naxsha-ussul, neghme-nawani undaq-mundaq diyish xata!» deydu.
Toghra, biz milltimizni bashqilargha, dunyagha tonutidighan milliy bayliqlirimizni qedirleymiz, hem uning bilen pexirlinimiz. Emma bizni naxsha-ussulgha mahir bir millet süpitide dunyagha tonutushtinmu awal, biz millitimizning dunyadiki milletler qatarida uzaq mewjüt bolup turishigha kapaletlik qilidighan hayati küchke ige milliy bayliqlargha téximu muhtaj.
Oyghan'ghan milletler onwérsal milliy küchini ashurush bilen aware boliwatsa, biz naxsha-ussul, neghme-nawalirimiz millitimizni dunyagha tonutiwatidu,depla qana'et qilsaq bolmaydu,
Chünki tonulushqa qarighanda mewjütliqni saqlashqa kapaletlik qilish téximu muhim!
Dunyagha tonutushning yolliri tola, bezi hallarda u bir demlik ish.
Emma mewjütluqqa kapaletlik qilishning yolliri intayin tar we müshkül.
Shunga biz naxsha-ussuldin ibaret birla ishqa bent bolup qalmayli,
Neghme-nawadin ibaret birla ishni unchiwala chong biliwalmayli,
Onwérsal milliy küchimizni hazirlashqa tirishayli.
Neghme-nawa, naxsha-ussul bizning bayliqimiz, emma barliqimiz emes!
Eger naxsha-ussul, neghme-nawa jehettiki ewzellikimiz bilenla qana'etlinip, pexirlinip, millitimizning milliy xaraktirini «sen'etxumar» digen süpetke mixliwitip, neghme-nawa, naxsha -ussulni millitimizning tüp xumari qilip yashashqa adetlinip ketsek, ömri kota, bexti qara teqdirge muptila bolmay qalmaymiz.

Mutepekkür alimimiz abdüshükür muhemmet'imin özining «yipek yolida qayta oylinish» namliq chongqur mulahizilik maqaliside, qaraxanlar xanliqi we idiqut uyghur xanliqi dewridiki onwérsal ewzellikimiz, eqliy tepekkürge ehmiyet biridighan, emelyetchil, hayatiy küchke ige jushqun milliy xaraktirimiz heqqide söyünüsh bilen qelem tewritip kélip, 1400 yillardin kiyinki milliy hayatimiz heqqide ökünüsh bilen mundaq qurlarni yazghan:
«ulughbeg paji'esidin kéyin edib-sha'irliqtin bashqa bizde közge körün'gidek alemshumul alimlirimiz chiqmidi. Meniwiy medeniyet xezinimiz héssiy sen'et we edebiyatni birdin-bir iptixar pellisi qilishqa mejbur boldi. Qolimizning yetkini ussul, démimizning yetkini naxsha boldi! biz «étnologiyilik millet» katiguriyisidiki naxsha-ussul milliti bolup qéliwerduq, buyaqchidin artuq ximik, tömürchidin artuq fiziklirimiz bolmidi ... Sen'ette dangq chiqarghan, sen'etke yölinip tirikchilik qilidighan siganlarning aqiwette yurt-makansiz jahan kizip, tilep-térip yashashqa chüshkenliki bilen yehudiylarning nezeriyewiy tepekkür we ötkür penlerge bolghan yüksek étibaridin «alimlar milliti», qudretlik, zamaniwiy millet kamalitige yetkenlikini nimishqa köz aldimizgha keltürmeymiz?!»
(abdüshkür muhemmet'imin: «yipek yolida qayta oylinish».«shinjang medeniyiti» zhornili 1995-yil(5-6-qoshma san); «yipek yolidiki toqquz hékmet» shinjang xelq neshiriyati 2000-yil neshiri)

Insaniyet yéngi esirge qedem qoyghan mushu sharaitta, dunyadiki barliq chong-kichik milletler özlirining nime qilishi zörürlikini künsayin chongqur tonup yitiwatidu. Ular hergizmu naxsha-ussul, neghme-nawani özlirining eng aliy xumari, eng aliy xoshalliqi qilishining koyida izdenmeywatidu. Belki, medeniyetning hemme amillirigha ortaq köngül bölüp, birlemchi amillar bilen ikkilemchi amillarning muhimliq derijisini, maharet tipliq kishiler bilen paraset tipliq kishilerning qimmet tertipini éniq perqlendürüp muamile qiliwatidu.

Qazaqistanda neshir qilin'ghan «qazaqistan, özbikistan, qirghizistanlarda 20-esirde tonulghan meshhur uyghurlar» dégen bir qimmetlik kitab yéqinda qolumgha chüshüp qaldi.
Shu kitabning munderijisige qarisaqla, esli nimige bekrek köngül bölüsh, qaysi xildiki kishilerni köp yitildürüshke kücheshning zörürlikini hés qilip yetkili bolidu.
Bu kitabning munderije tertipi mundaq:

1. Hakimiyet üstide bolghanlar:
2. Iqtisadiy sahede bash kötürgenler;
3. Armiyide dangq chiqarghanlar;
4. Teshkilatchilar;
5. Alimlar-akadimiklar;
6. Doxturlar;
7. Ma'aripchilar;
8. Edibler;
9. Axbaratchilar;
10. arxitiktorlar;
11. Ressam-heykeltarashlar;
12. Tiyatir, muzika, kinu, ussul sahesidikiler;
13. Tenherketchiler.

Hazir bizde bolsa ehwal bashqiche:
Ikki közimiz neghme-nawa, naxsha ussulchilarghila tikiklik;
Rohimiz naxsha-ussul, neghme-nawalarghila köngül bölüklük.
Eng aliy hewisimiz, eng yoqiri intilishimiz, eng omumiy xoshalliqimiz peqetla neghme-nawa, naxsha-ussul!
Milliy iptixarimizmu shuninggha merkezlishiklik. Shöhbisizki, bu bir ghelite qismet
*****************************************************

没有评论:

发表评论

发表评论