2009年1月3日星期六

rosiye bilen NATO nime uchun alaqini eslige kelturdi?

روسىيە بىلەن ناتو نىمە ئۈچۈن ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى؟






روسىيە بىلەن ناتو نىمە ئۈچۈن ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى؟


ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى -
«شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» ــ
«North Atlantic Treaty Organization»
دەپ ئاتىلىدۇ NATO
خەلقئارادا قىسقارتىلىپ ئىنگىلىزچە







«NATO» ___
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى شاخۇياب مۇشۇ ئاينىڭ 19– كۈنى روسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى روگوزىن بىلەن بېريۇسسېلدا رەسمىي كۆرۈشتى. بۇ 4 ئاي ئۈزۈلۈپ قالغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن روسىيە يۇقىرى قاتلام سىياسىي ئالاقىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
روگوزىن كۆرۈشۈشتىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن روسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىنىڭ مۈشكۈل مۇساپە ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭ شاخۇياب بىلەن كۆرۈشىشىنىڭ ئىككى تەرەپ ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باسقان تۇنجى قەدەم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، روسىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن روسىيە–گرۇزىيە توقۇنۇشىدىن ئىبارەت كونا ھېسابنى ھېسابلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. روسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى راۋروف مۇشۇ ئاينىڭ 19– كۈنى، روسىيە تەرەپنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن باراۋەرلىك ئاساسىدا نورمال مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما بىرىنچى قەدەمنىڭ روسىيە–گرۇزىيە توقۇنۇشىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبى ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بۇ يىل 8–ئايدا گرۇزىيە بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، روسىيە قوشنا دۆلەتكە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ چەكتىن ئاشۇرۋەتتى، دەپ ئەيىپلەپ، شىمالىي ئاتلانتىك تەشكىلاتى–روسىيە مۇدىرىيىتى ھەر قايسى دەرىجىلىكلەرنىڭ ھەرىكىتىنى توڭلاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى . بۇنىڭغا جاۋابەن روسىيە شىمالىي ئاتلانتىك تەشكىلاتى بىلەن بولغان كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق پىلانىنى توختاتتى. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى بۇنىڭ بىلەن يامانلاشتى.
ھالبۇكى ئۇزاق ئۆتمەيلا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مەيدانىدا ئۆزگۈرۈش بولۇشقا باشلىدى. 11–ئايدا، ئىسپانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنىدا روسىيە بىلەن بولغان كەڭ دائىرلىك ھەمكارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى؛ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى شاخۇيابقا روسىيە يۇقىرى قاتلىمى بىلەن بولغان سىياسىي سۆزلىشىشنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىنى بېرىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى–روسىيە مۇدىرىتىيىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنداقتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى نىمە ئۈچۈن بۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە روسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىدۇ، روسىيە تەرەپمۇ بۇنىڭغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ جامائەت پىكرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارىشىچە، بۇ ئىككىلا تەرەپنىڭ ئېھتىياجى ئىكەن.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستان مەسىلىسىدە روسىيىنىڭ ياردىمىگە جىددىي ئېھتىياجلىق. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاندا « تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» ئېلىپ بېرىۋاتقىنىغا 7 يىل بولدى، ئەمما«بازا»تەشكىلاتى بىلەن تالىبان قوراللىق كۈچلىرى يوقىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى بارغانسېرى يامانلاشتى، بولۇپمۇ ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قوشۇنى ئارقا- ئارقىدىن ھوجۇمغا ئۇچىرىدى. بۇ خىل ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستانغا زور كۆلەمدە ئەسكەر كۆپەيتىپ ئېۋەتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستانغا ئەسكەر ۋە تەمىنات توشۇش جەريانىدا روسىيىنىڭ قولايلىق يارىتىپ بېرىشىگە مۇھتاج . چۈنكى پاكىستان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ترانسپورت يولى بولۇپ ، بۇ يولدىن تەمىناتنى ئاساسلىق تىك ئۇچار ئارقىلىق توشۇيدۇ، ئەمما ترانسپورت تەننەرخى يۇقىرى ھەمدە پاكىستاننىڭ تېررۇرلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىمۇ ياخشى بولمىغانلىقتىن بۇ يول بارغانسېرى خەتەرلىك بولۇپ قالدى . ھالبۇكى رۇسىيىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئافغانىستانغا بېرىش ئەڭ بىخەتەر، قولاي، پۇل تېجىگىلى بولىدىغان يول ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر روسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى مۇشۇ قولايلىق بىلەن تەمىنلىسە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ترانسپورت بېسىمى زور دەرىجىدە يېنىكلەيدۇ. پۇل مۇئامىلە كرزىسى ۋەزىيىتىدە، بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا تېخىمۇ پايدىلىق.
بۇنىڭدىن سىرت، ھەربىي كونتروللۇق ۋە يادرو ئېنېرگىيىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ، شىمالىي ئاتلانتىك تەشكىلاتى روسىيىنىڭ ھەمكارلىقىغا مۇھتاج بولۇپ، روسىيە ھەمكارلاشمىسا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇ مەسىلىلەرنى ھەرگىز ھەل قىلالمايدۇ. روسىيە ئانالىزچىلىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، روسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئېھتىياجلىق بولغاندىنمۇ بەكرەك روسىيىگە ئېھتىياجىلىق، دەپ كېسىپ ئېيتتى.
ئەلۋەتتە، روسىيە ئەتىراپىدىكى مۇھىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، بەلكىم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىشى مۈمكىن. شۇڭا، روسىيە ئىزچىل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى روسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى توڭلىتىشنى قارار قىلغاندىمۇ، روسىيە يەنىلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن سىياسىي سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇشنى رەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
روسىيە ئامېرىكا بىلەن رايون سىياسىتى تالاش– تارتىشى قىلغاندىمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ. روسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارىشى تۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانىغا بولغان گۇمانىنى ئوتتۇرا قويۇشىغا ئېھتىياجلىق، چۈنكى روسىيە تەرەپ بۇ پىلان يىراقنى كۆزلىگەندە روسىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ.
بۇنىڭدى سىرت، شىمالىي ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شەرىققە كېڭىيىشى —روسىيە بىلەن غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا ئېغىر ئىختىلاپ پەيدا قىلغان مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ئوكرائىيە بىلەن گرۇزىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «ھەرىكەت پىلانى»غا كىرىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنماي، ئىككى دۆلەتنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش مۇساپىسى يەنە بىر قېتىم توسقۇنلۇققا ئۇچىرىدى. بۇ شۈبھىسىزكى روسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىغا ياخشى ئاساس سالىدۇ.
روسىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنىڭ ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئىكەنلىكى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يىراق كەلگۈسى مەنپەئەتىگە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ئەمما خەلقئارا كۈزەتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، روسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئاسانلىقچە كۆپ تەرەپلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىمەيدىكەن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمۇ شەرىققە كېڭىيىش پىلانىدىن ۋاز كەچمەيدىكەن. روسىيە–گرۇزىيە توقۇنۇشى مەسىلىسىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مەيدانى ئۆزگەرمىگەن بولۇپ، كۆپ سانلىق ئەزا دۆلەتلەرمۇ ياۋروپاغا باشقۇرىلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىشنى خالىمايدىكەن. ئىككى تەرەپ ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما قانچىلىك داۋاملىشىدۇ، بۇنى يەنە كۈزىتىش كېرەككەن ...

مەنبە:
شىنجاڭ خەلق رادېئو ئىستانسىسى تورى خەۋىرى
&&&&&&&&&&&&

没有评论:

发表评论

发表评论