2009年1月14日星期三

Esir Axiridiki Oylar(4)

ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار(4)م



ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار ‹داۋامى›


ئابدۇقادىر جالالىدىن


باش قىسمى تۆۋەندىكى مەنزىلدە بار
http://ketmenbay.blogspot.com/2009/01/esir-axiridiki-oylar3.html


(5)

يىگىرمىنجى ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى ئىلغار زىيالىيلارنىڭ بوھرانغا ئۇچراش تارىخى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى مۇرەككەپ بولۇپ، كۆپ خىل ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زىيالىيلار قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى، تەلىم - تەربىيە ۋە ئىدېئولوگىيە قوبۇل قىلىشتىكى مەنبەنىڭ ئوخشىماسلىقى، خەلقنىڭ ئۇلارنى ئۆز ۋاقتىدا چۈشەنمەسلىكى... مانا بۇلار كونكرېت مەسىلىلەر بولۇپ، ئۇلارنى بىرمۇ بىر يېشىپ چۈشەندۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر تېما. بۇ تېما يېتەرلىك ئەمەلىي ماتېرىيال، كۆپ قىرلىق مۇلاھىزە مېتودىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز پەقەت يۇقىرىقى تارىخىي سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزى ئاجىزلىقلار ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىمىز.
جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى زىيالىيلار پاجىئەسى بىر قىسىم تارىخىي رومان، قىسسە ۋە تەرجىمھاللىرىمىزدا مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتى. ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان يېغىلىقلار، قوزغىڭلار ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلەر زىيالىيلارنى يېتۈشتۈرىدىغان مۇھىتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويمىدى، شۇنداقلا بار بولغان ئازغىنا زىيالىيلارنى ئامان قويمىدى. ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، مەمتىلى ئەپەندى، قۇتلۇق شەۋقىي، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىق باھادىر ئوغلانلار ئەينى دەۋردىكى خەلقنىڭ جاھالەتتىن قۇتۇلۇش كۈرىشىنىڭ يارقىن سەمەرىلىرىدۇر. بۇ سەمەرىلەر يەنە ئۆزىگە ئوخشاش سانسىز ئەزىمەتلەر پەيدا قىلغان جەڭگىۋار مۇھىتنىڭ نامايەندىلىرى بولۇپ، بەئەينى ھەربىر جۈملىسىدىن ئىسسىق قاننىڭ تەپتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئۇسلۇبى جۇشقۇن، ھەيۋەتلىك نۇتۇقنىڭ باش ماۋزۇلىرىغا ئوخشايدۇ.
مەردلىك جۇشقۇن ۋە ئېگىلمەس بولىدۇ، نامەردلىك ئەۋرىشىم ۋە يېپىشقاق بولىدۇ. سىياسەت مەردلىكنى يېپىنچا، نامەردلىكنى ماھىيەت قىلىدۇ. بۇ ماھىيەت سان - ساناقسىز ئاچچىق ساۋاق، تەجرىبە، نەيرەڭۋازلىقنى كەسىپ قىلغان ئەقىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىياسەت ئىبلىسقا ئوخشايدۇكى، ئۇ، ئىنسان تەبىئىتىگە مۇرەسسە قىلىش ۋە ئۇنى ئاستا ئۆزىگە مايىل قىلىش يولى بىلەن كىشىلەرنى رام قىلىدۇ، ئۇلارنى ئۆزى كۆزلىگەن مەنزىلگە تۇيدۇرماي باشلايدۇ. ھەقىقەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىنقىلاب ئىبادەتكە ئوخشايدۇكى، ئىبلىسنىڭ ھۈنىرىدىن خەۋىرى بولمىغان ئادەم شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، نەتىجىدە، ئىبادىتى ئىبادەت بولمايدۇ، نۇسرەت تاپالمايدۇ. خوجىنىياز ھاجى، تۆمۈر خەلپىلەر ئالغان تەھەرەتلىرى ھالال بولسىمۇ، شەيتاننىڭ ھۈنىرىدىن تولۇق خەۋەردا بولمىغاچقا، تەرەت ئۇزۇنغا بارماي سۇنغان. بىزنىڭ تارىخىمىز بۇنداق مىساللارغا تولىمۇ باي. شۇڭلاشقا «قەھرىمانلار ئوق يېگەن، ئەۋلادلىرى پوق يېگەن».
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، باشتا ئېيتىلغاندەك گۈللىنىشنىڭ تىنچلىقتىن ئىبارەت ئاساسى تىكلەندى. بىراق «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» يەنە بىر قوشۇن زىيالىيلارنى خەلقتىن ئايرىۋەتتى. بۇ تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئۈزۈكچىلىك بىز بېسىپ ئۆتكەن شانلىق 20 يىل ئىچىدە ئۆزىنى كۆرسەتمەي قالمىدى.
1930- ۋە 1950 - يىللارنىڭ ئالدى - كەينىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان زىيالىيلارنىڭ تولىسى ئارىمىزدا يوق، بارلىرى ياشىنىپ قالدى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ تۈركۈمدىكى زىيالىيلارنىڭ پائالىيەتچانلىق رولى ئاساسەن ئاخىرلاشتى. ھازىرقى نۇقتىلىق ئىجتىمائىي قاتلاملاردا رول ئويناۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا تەربىيىلەنگەن. ئۇلار ئۆگەنگەن دەرسلىكلەر رۇسچە ئىدى ياكى رۇسلار ئەندىزىسىدىكى مىللىيچە كىتابلار ئىدى. ئەمما يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى كوممۇنىزم مەپكۇرىسىنى بىۋاسىتە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈستقۇرۇلمىسىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا قوبۇل قىلىشقان. پەن - تېخنىكىنىڭ سۈنىي ھەمراھ ۋە ئاتوم بومبىسى كەبىي مۆجىزىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىن كەلگەن قايىللىق ئارقىسىدا سىڭگەن ئاتېئىزم روھى ئۇلارنىڭ ئوبيېكتىپ خىزمەتلەرنى بېجىرىشىدىكى يېتەكچى ئىدى. ئەمما ئۇلار خىزمەت ئىشلىگەن مۇھىت مەنىۋى جەھەتتىن قانداق ئىدى؟
ئۇلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئۇلارنىڭ چوڭ بولغان مۇھىتى مۇسۇلمانلار مۇھىتى، ئۇلاردا بۇ خىل مۇھىتنىڭ مەلۇم تەسىرى بار. ئۇلار ئالىي مائارىپ ھاياتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۆز خەلقى ئارىسىدا خىزمەت قىلدى. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ كادىرلار قوبۇل قىلغان ئىدىيە يەرلىك خەلقنىڭ ئەنەنىۋى ئىدىيىسىگە نىسبەتەن يېڭى ۋە ئۆزگىچە بولغاچقا، كادىرلار بىلەن خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا بەزى پەرقلەر مەۋجۇت بولدى - دە، كادىرلار بىلەن خەلق ئاممىسى گويا ئىككى سىنىپ كىشىلىرىدەك بولۇپ قېلىشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كادىرلار ماددىي تۇرمۇش شەكلى جەھەتتىن رۇسلاردىكى ياۋروپاچە يوسۇننى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرگەن بولۇپ، مىللىي تۇرمۇشنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىگە ئالاھىدە بىلىنىدىغان بىر قىسىم رەڭلەرنى قوشتى (بۇ، چېكىش، ئىچىش، كىيىش، ئەدەبىيات - سەنەت جەھەتلەردە كۆرۈلدى). بۇنداق ئەھۋاللار يالغۇز بىزدىلا كۆرۈلگەن ئەھۋال ئەمەس،
تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇنداق ئەھۋاللار پېتىر دەۋرىدىكى رۇسىيىدىمۇ كۆرۈلگەنىكەن. پېتىر غەربىي ياۋروپالىشىشنى يولغا قويغاندىن كېيىن، رۇسىيىنى غەربىي ياۋروپا ئەندىزىسىگە ئۈندەيدىغان زىيالىيلار قوشۇنى بارلىققا كەلگەن. بۇ زىيالىيلار 19 - ئەسىردە غەربىي ياۋروپاغا ئۆزلىرى خالاپ كۆچمەن بولغان ياكى سىياسىي پاناھلىق ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن بىر تۈركۈم كىشىلەر ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. ئۇلار غەربىي ياۋروپا ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلغانلار بولۇپ، غەربىي ياۋروپا ئاڭ فورمىسى ئارقىلىق رۇسىيىنى قۇتقۇزۇشنى ئويلاشقان. بىراق بۇ، خەلق بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ بىر ئارىلىقنى شەكىللەندۈرۈپ قويغان. «خەلقنى يىلتىز دېسەك، زىيالىيلار ئاشۇ يىلتىزدىن ئېچىلغان چېچەك. زىيالىيلاردا شۇنداق بىر كېسەل باركى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئادەتتىكى خەلققە ئوخشىمايمىز، دەپ قاراپ ئەتەي پەرق كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدۇ» (ياپونىيىنىڭ خەلقارا جامائەت ئەربابى چىتيەن دازونىڭ سۆزى). بۇنداق ئەھۋال ئەلۋەتتە ساغلام بولمىغان ئەھۋالدۇر. ئۇنداق بولغاندا خەلق ئۆزىگە راستتىن نەپ كەلتۈرىدىغان تەربىيىدىن مەھرۇم قالىدۇ. زىيالىي ئۆزى بىلەن خەلققە ئورتاق ۋە ئومۇمىي بولغان مەسىلىلەرگە جاۋاب تاپالمايدۇ.
ماركسىزم مىللىي مەسىلىلەرنى ئالاھىدە دىققەت بىلەن تەتقىق قىلىدۇ. چۈنكى مىللەت دېگەن ئۇقۇم ئابستراكت بولغان بىلەن، مىللەتنىڭ ئۆزى كونكرېت بولىدۇ. ئۇنىڭدىكى كونكرېتلىق زېمىن، تىل، دىن، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، ھوقۇق قاتارلىق بىر تالاي مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئوبيېكتىۋىزملىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بىلىش ئۆز ئوبيېكتىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردىن تارتىپ ئەڭ كىچىك مەسىلىلەرگە قەدەر ھەممە نەرسىنى سەمىمىي نەزەرگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا مىللەتتىكى يۇقىرىقى ئالاھىدىلىكلەر ئېنىق ئەكس ئەتكەن ۋە ھۆرمەت قىلىنغان. قانۇن ئاساسىي خىزمەتلەردىكى ئىلمىيلىك ۋە ئۈنۈمنىڭ كاپالىتى. زىيالىيلار ۋە كادىرلار (ئەسلىدە بۇ ئىككى ئۇقۇم بىر گەۋدە) ئەمەلىي خىزمەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئىلمىيلىكتىن كەلگەن مۇشۇ پرىنسىپنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى زىيالىيلار كوممۇنىزم ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلەنگەن، بىراق بۇلارنىڭ ئىلگىرىكىسى بىلەن ئوخشاشمايدىغان يېرى، بۇلار كوممۇنىزم تەربىيىسىنى پروفېسسور ئەپەندىلەرنىڭ دەرسلىكلىرىدىن ئالغان، ماركسىزم كلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى بىۋاسىتە، تولۇقى بىلەن ئوقۇغانلار ئاز. ماركس، ئېنگېلسلارنىڭ ئەسەرلىرى 50 تومدىن ئاشىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ كېتىش مۇمكىن بولمىغاندىمۇ، ماركسىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى تولۇق ئۆگىنىش، ماركسىزمنى يېتەكچى قىلغان دۆلەتنىڭ كادىرلىرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. دېمەك، بۇلار يا ماركسىزمنى تۈزۈك بىلمەيدۇ، يا ئۆز خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادىتىنى تولۇق بىلمەيدۇ. ماركسنىڭ ئالدىغا بارسا ماركسقا يارىمايدىغان، خەلقنىڭ ئالدىغا بارسا خەلقىگە يارىمايدىغان بىر قىسىم زىيالىيلار پارتىيە سىياسىتىنىڭ ئىجرا بولۇشىدىكى توسالغۇلاردۇر. دۇنيادا بىرەر نەرسىگە پۈتۈن بولالماي، ھەممە نەرسىدە چالا بولۇپ قېلىشتىنمۇ ئارتۇق خەۋپ يوق.
مەدەنىيەت ماددىي ۋە مەنىۋى بولىدۇ. بۇلاردىن بىرى راۋاج تاپماي قالىدىكەن، مەدەنىيەت پالەچ نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىزدىكى مەدەنىيەتنىڭ مەنىۋىلىكى دۇنيا قاراش ياكى ئاڭ فورمىسى شەكلىدە باش كۆتەردىيۇ، ئەمما تەبىئەت دۇنياسىدىكى قانۇنىيەتلەرنى بىلىش ئاساسىدىكى يېڭىلاشتىن قۇرۇق قالغاچقا، جەمىيەتنى ئۆزگەرتىدىغان رولى ئىشقا ئاشمىدى. بىزدىكى زىيالىيلار قاتلىمى يالاڭ قاتلام، زىيالىيلار ئاساسەن ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىن ئورۇن ئالغان. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان، ئىچكى - تاشقى ئالەمنىڭ قانۇنىيىتىنى ئاچىدىغان، بۇ ئارقىلىق ماددىي گۈللىنىشنى يارىتىدىغان پەن - تېخنىكا خادىملىرى بىزدە يوق دېيەرلىك. بار بولغاندىمۇ يەرلىك مەنىۋى ئاتموسفېرانىڭ شاللىشىغا ئۇچراپ تەرەققىي قىلالمىدى ياكى باشقا رايونلارغا ئېقىپ كەتتى. دۇنيا قاراش ياكى ئاڭ فورمىسى ئىجتىمائىي بولىدۇ، ئۇ، بىر خىل تۈزۈمدىكى جەمىيەتكە ماس كەلگەن بىلەن يەنە بىر خىل تۈزۈمدىكى جەمىيەتكە ماس كەلمەيدۇ. دېمەك، دۇنيا قاراش مەلۇم بىر جەمىيەتكە خۇسۇسىي بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئەدەبىي ئەسەرلەر، ھەيكەللەر كەبىي مەدەنىي شەكىللەر ئەنە شۇ جەمىيەتكە رول ئويناش بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇ مەدەنىي شەكىللەرنىڭ ياراتقۇچىلىرىمۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىستىخىيىلىك رەۋىشتە قايرىپ قويۇپ دۇنيا قاراشقا بېقىنىدۇ.
ئادەم ئۆز دۇنيا قارىشىنىڭ خوجايىنى بولۇش كېرەكمۇ؟
ياكى قۇلى بولۇشى كېرەكمۇ؟
كىشىلەر قۇلى بولۇشى كېرەك، دەپ جاۋاب بەرمىسە كېرەك.
بىراق ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى قۇللار ئۆزىنىڭ قۇل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىگەن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدا قۇل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش مەۋجۇت بولمايدۇ. مۇئەييەن دۇنيا قاراشنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان ئادەمدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيىسىنى ئازاد قىلىدىغان مەدەنىيەت بارلىققا كېلەمدۇ؟
ماركسىزم قائىدىلىرى بويىچە ئېيتقاندا، ئاڭ فورمىسى ئۈستقۇرۇلمىغا كىرىدۇ. گەرچە ئۇ بازىسقا قارىتا پائالىيەتچانلىق رولىنى ئوينىسىمۇ، بەرىبىر بازىسنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ. بۇ چەكلىمە دۇنيا قاراشنى بارا - بارا بازىسقا پاسسىپ ئىنكاس قايتۇرىدىغان زەئىپ نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.
ئەدەبىيات - سەنئەتچۇ؟
ماركسىزم ئەدەبىيات - سەنەتنى بازىس بىلەن ئۈستقۇرۇلما ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان ئارىچى ۋاسىتە دەپ چۈشەندۈرىدۇ. مەلۇمكى، بۇ يەردە ئەدەبىيات - سەنەت پەقەت ۋاسىتىدىنلا ئىبارەت ئىدى. ئەگەر ئەدەبىيات - سەنەت ئاڭ شەكلىگە ئوخشاش مۇتلەق بېقىنما بولۇپ قالغان بولسا، مۇقەررەر ھالدا ئۈستقۇرۇلما ھېسابلانغان بولاتتى. ئەدەبىيات - سەنەت مۇنداق زىددىيەتكە ئىگە: ئەگەر ئۇ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە زىيادە ئارىلىشىپ كەتسە، ئۆزىنىڭ ئېستېتىك ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئەگەر ئۇ ساپ ئېستېتىك دۇنيانى ھەددىدىن زىيادە قوغلىشىپ جەمىيەت ھاياتىدىن مۇتلەق قول ئۈزسە، ئىنساننىڭ رېئال تەقدىرىدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ. ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللانغۇچى كونكرېت جەمىيەتكە تەۋە ئىنساندىن ئىبارەت بولغاچقا، ئىنسانىيەتكە دائىر بىرەر مەسۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماي قالمايدۇ.
بۇ خىل روھ دوستويېۋىسكىنىڭ مۇنۇ سۆزىدە يارقىن ئەكس ئەتكەن: «ئەي ئىنسان، ساڭا تەزىم قىلىۋاتقىنىم يوق، بەلكى ئىنسانىيەت تارتىۋاتقان بارلىق ئازاب - ئوقۇبەتلەرگە تەزىم قىلىۋاتىمەن».
بىزدە زىيالىيلار كۆپرەك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىگە، بولۇپمۇ ئەدەبىيات - سەنەت ساھەسىگە توپلاشقان. دەرۋەقە، بۇلار خەلقىمىزنىڭ بايلىقلىرى. ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ، ئىمكانىيىتى يەتكەن دائىرىدە تەربىيىلەپ كەلدى، ئۇلارنى ياخشى ئىشقا، ئىجاد ۋە مېھنەت بىلەن مەغرۇر ياشاشقا ئۈندەپ كەلدى. بىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنەت ۋە مائارىپ سىستېمىمىزدىكى بەزى كىشىلەر شۇ قەدەر ساددىكى، ئۇلار ئەدەبىيات - سەنەت ئەسەرلىرى خەلقنى، جەمىيەتنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، دەپ ئىشىنىدۇ. بۇ خىل ئىشەنچ نورماللىق دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويدى، تالاپەتكە ئۇچراتتى. ئەدەبىيات - سەنەتنىڭ ئىنسانىيەت بىلەن بولغان بۇرچكارلىق ئالاقىسىنى چۈشىنىش بىلەن ئۇنىڭغا ئىشىنىش ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار. چۈشىنىش نورماللىققا ياتىدۇ، تەشەببۇسكارلىقنى يوقىتىپ قويۇش بەدىلىگە كەلگەن ئىشىنىش بولسا، ئاپتورنىڭ سۇبيېكتىپ ئەركىنلىكىدە بەرق ئۇرىدىغان ئىنسانىي چىنلىقنى يوقىتىدۇ.
ئەدەبىيات - سەنەت ئىنساننىڭ گۈزەللىككە مايىل ئىنتىلىشلىرىنىڭ سىرتلىشىشى ياكى كونكرېت بەلگىلەر بىلەن ماددىلىشىشى. گۈزەللىك ھېسسىي ۋە خۇسۇسىي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىنساننىڭ ئەڭ پىنھان ئىستەكلىرىگە تۇتىشىپ كېتىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇ، ھېسسىياتنى مەنبە قىلىپ، ھېسسىياتقا تەسىر قىلىدۇ. ھېسسىيات كۈچلۈك روھىي ئېنېرگىيە سۈپىتىدە يالت قىلىپ چاقنايدۇ - دە، ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق چاقناش دىتى نازۇك كىشىلەرگە كۆپرەك مەنسۇپ بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئەدەبىيات - سەنەت ئەسەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ئويغىنىش ھاياجاننى ئالامەت قىلغان ھېسسىي ئويغىنىش بولۇپ، ئۇ، ئەقلىي ئويغىنىشتەك تۇرغۇن، مۇقىم ۋە ئەمەلىي بولمايدۇ. گەرچە ئۇ خىل ئويغىنىش ئىنساندىكى سېزىمنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى يۈكسەك دەرىجىدە نامايان قىلسىمۇ، بەرىبىر جەمىيەت ھاياتىدىكى رېئال مەسىلىلەرگە قويۇلغان ئىلمىي دىئاگنوز بولالمايدۇ.
ئەدەبىيات - سەنەتنى ياخشى كۆرۈش ئىنساندىكى تۇغما ئىقتىدار. ئىنسانىيەتنىڭ يىراق ئۆتمۈش دەۋرلىرىدىمۇ بىزنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان ئەسەرلەر يارىتىلغان. ھەتتا شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، بۈگۈنكى ئەدەبىيات - سەنەت ئەسەرلىرى يىراق ئۆتمۈشتىكى ئەدەبىيات - سەنەت ئەسەرلىرىدەك تەسىر كۈچكە ئىگە بولغىنى يوق. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەدەبىيات - سەنەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى سۈپەت ئۆلچىمى خېلى بۇرۇنلا يېتىلىپ بولغان. ئەدەبىيات - سەنەتنىڭ راۋاجىنى ئۆلچەيدىغان ئەمدىكى ئۆلچەم ئەنە شۇ سۈپەتنىڭ كەڭ كۆلەمدە قانات يېيىپ، پۇقرالارنىڭ مەنىۋى ئىستېمال ئادىتىگە ئايلىنىشىدۇر. سۈپەت يۇقىرى سان ۋە كۆلەم ھالىتىگە كۆچتىمۇ - يوق، دېگەن مەسىلە ئەدەبىيات - سەنەت پائالىيىتىدىكى ئەركىنلىك مۇھىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئويلىغاندا، ئەدەبىيات - سەنەت ئىنسانىيەتتىكى قىشلاققا خاس تەبىئەتتىن تۇغۇلىدۇ.
شۇڭلاشقا، چارۋىچى ۋە دېھقان مىللەتلەرنىڭ مىجەزى سەنەتكە مايىل كېلىدۇ. يايلاقلاردا داستان ئېيتىش ئەنەنىسى ئۈزۈلۈپ قالمىغان بولىدۇ. مىللىي ئۆرپ - ئادەت ئاشۇ مىللەتنىڭ ھاياتىدا تۈزۈم شەكلىدە رول ئوينايدۇ. يېزىلاردا بولسا توي - تۆكۈن، بەزمە - مەشرەپلەر مىللەت ھاياتىنىڭ تىپىك ئىجتىمائىي كۆرۈنۈشلىرى سۈپىتىدە كۆزگە تاشلىنىدۇ. قائىدە - يوسۇنلار پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ جەمىيەت پۈتۈنلۈكىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان چېتىقلاردىن ئىبارەت بولىدۇ. ھەيران قېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، دېھقان مىللەتنىڭ زىيالىيسىمۇ ئالدىراشلىق ۋە مۇرەككەپ زىددىيەت بىلەن تولغان شەھەر تۇرمۇشىدا تۇرۇپمۇ ئەنە شۇ ئېتنوگرافىيىلىك چەمبەرگە مەھكۇم بولىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ يەنىلا ئىجتىمائىي نەيرەڭلەردىن خالىي ھالدىكى سەنەت تىپلىق پسىخىكا، لېكىن بۇ پسىخىكا شەھەردە بولىدىغان مەككارلىق ئادەتلىرى بىلەن چاڭلىشىپ سۈزۈكلۈكىنى يوقاتقان بولىدۇ. شائىر مىللەتنىڭ ياتلاشقان شائىر پەرزەنتلىرى بەئەينى ئۇرۇقى بۇزۇلغان قوغۇندەك ئەجدادلىرىغا تۈزۈك ئوخشىمايدىغان ياكى يېڭى سورتقا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەلمەيدىغان غەلىتە قىياپەتتە بولىدۇ.
مانا ھازىر دەبدەبىلىك قەسىدىلەر، مۇڭلۇق لىرىكىلار، دىيانەت، نادامەت ئىدىيىلىرى بىلەن تولغان پروزىلار، بىر - بىرىگە تاپا قىلىشىدىغان ماقالىلەر يېزىلىپ تۇرىدۇ. ئېكرانلاردا نەپىس ئۇسسۇللار، يەتتە ئىقلىمنىڭ ئارىلاشما ناخشىلىرى دىققەتنى مالىمان قىلىپ تۇرىدۇ. خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ئىستېمالى يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە پەندىنامە سۆزلەيدىغان ناخشىلارنى، ئەۋرىشىم ئۇسسۇللارنى ئالاھىدە بازارغا ئىگە قىلغانكى، لوپا ئەينەك بىلەن قەدىمكى يېزىقلارنى مىڭ بىر جاپادا ئوقۇپ، تەقدىرنىڭ رايىغا يېشىم ئىزدەۋاتقان ئالىملار ماددىي، مەنىۋى قەرزدارلىقنىڭ كوچىسىدا يۈرمەكتە. ئالىملارنىڭ ئەقلى، نۇتۇقلىرى، يازغان كىتابلىرى ئەنە شۇ ئالىملارنى نورمال ياشىغۇدەك ماددىي شارائىتقا ئىگە قىلالمىدى. بايرام ۋە ئايەملەردىكى لاتاپەتلىك ئاشۇ قىستۇرمىلار بۈگۈنكى ئەقىل - پاراسەت دەرىجىمىزنىڭ رېئال ئورنىغا ۋەكىللىك قىلدى، بىزنىڭ ئىجادكار روھىمىز پەقەت ئەنە شۇ تەرزدىلا ئەكس ئەتتى ۋە جارى بولدى. گەرچە سەنەتچىلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى تاپاۋىتى مەدەنىيەتىڭ باشقا قاتلاملىرىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق ئۇ تەرەققىي قىلغان باشقا رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كۆپ تۆۋەن. پەن - تېخنىكىدىكى تۆۋەن ساپا تۆۋەن ئىقتىسادىي مۇھىتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
خەلقىمىز ئەنەنىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىگە ئىنتايىن باي خەلق، چەۋەندازلىق، نەيزىۋازلىق، كاماندازلىق، ئاتقا مىنىپ تۇرۇپ ئوينايدىغان چەۋگەن توپ ئويۇنى، بۇقا بىلەن چېلىشىش، چېلىشىش، ئوغلاق تارتىشىش، جانبازلىق، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، خوراز سوقۇشتۇرۇش... كەبىي خاراكتېر تاۋلايدىغان، جاسارەت، رىقابەت، تەشكىلچانلىق، تەرتىپ - ئىنتىزام، ئۇيۇشقاقلىق كەلتۈرىدىغان مەدەنىي شەكىللەر يوقاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىنى كىشىنىڭ خاراكتېرىنى يۇمشىتىدىغان، نازۇك، رايىش قىلىپ قويىدىغان، تەقدىرنىڭ سوئاللىرىغا پەرىشان - مۇڭ بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۆگىتىدىغان مەدەنىي شەكىللەر ئىگىلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شۇ قەدەر غۇرۇرسىز سەنەتكى، ئۇ، بۇتتەك ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان، ھاياجانلىنىش، چاۋاك چېلىش، ئىنكاس دېگەنلەرنى بىلمەيدىغان، خۇددى يوق تاماشىبىنلار ئالدىدىمۇ غەمزە قىلىشقا تەييار بۇ ھالەت ئوردا مەھرەملىرىنىڭ سالاپەتلىك، كىبىرلىك ھالىتىنى ئەسلىتىدۇ. بىزنىڭ سەنەتكارلىرىمىزدا غۇرۇر بولۇشى، ئۆز خەلقىنىڭ سەنەت تارىخىغا ئەقىدە بولۇشى، سەنەتنى خورلىماسلىقى كېرەك. ئۇلاردا ئابرۇي - ئىناۋەت كۆز قارىشى بولۇشى كېرەك. مېنىڭچە، غۇرۇرى يوق سەنەت ئىگىلىرىنىڭ سانى مىليونغا يېتىپ، كۈنىگە نەچچە قېتىم ئويۇن كۆرسەتسىمۇ، خەلقىمىزنىڭ ساپاسى ھازىرقىدەك تۇرۇۋېرىدۇ.
ئەدەبىياتىمىزنى ئالساق، بىزدە مەلۇم مىقداردىكى ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىنى يېتەرلىك ئىجتىمائىي سەزگۈرلۈك، مول مەدەنىي قاتلام، يۈكسەك نەزەرىيىۋى پەللە نۇقتىسىدىن تەھلىل، تەتقىق قىلىدىغان قوشۇن تېخى يېتىلمىدى، بۇ پەقەت بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئىشى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر قانچە ئادەمدىكى نەزەرىيىۋى رامكا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى زېمىنىدا يېتىلگەن رامكا بولماستىن، 19 - ئەسىر ۋە 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى رۇس ئەدەبىياتى، جۇڭگونىڭ «4 - ماي» دەۋرىدىن كېيىنكى ئەدەبىياتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن نەزەرىيە. بۇ نەزەرىيە ئەنەنە، ئېتىقاد، ئېستېتىك دىت جەھەتتە تامامەن ئۆزگىچە بولغان مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنى باھالايدىغان ئۆلچەمگە ئايلاندى. دېمەك، بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۇيغۇرنىڭ كۆزى بىلەن ئەمەس، بەلكى رۇسلارنىڭ كۆزى بىلەن كۆزەتتۇق. بۇ پەقەت بىزدىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىيات زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك سادىر بولدى. بىر مىللەتتە مۇستەقىل نەزەرىيىۋى سىستېمىنىڭ بارلىققا كېلىشى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتىكى ھاياتىي كۈچىنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ سىستېما تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەننىڭ ماس قەدەملىك گۈللىنىشىدىن كېلىپ چىققان ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشىدىن ھايات تاپىدۇ. ۋەھالەنكى، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ زىيالىيلىرى تەتقىقاتچى بولماستىن، پەقەت ئۈستقۇرۇلما قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار يېڭى تارىخىي دەۋردە يېڭى ئۈستقۇرۇلمىنى يەرلىك خەلققە يەتكۈزىدىغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى.
زىيالىيلار قاتلىمىمىزنىڭ ئىچىدە تارىخچىلارمۇ سالماق ئورۇن تۇتىدۇ. قايسىدۇر بىر يازغۇچىنىڭ "تارىخ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تەجرىبىلەر مەجمۇئەسى" دېگىنى يادىمدا تۇرۇپتۇ. بۇ تەجرىبە ئەۋلادلارغا توغرا ھايات پروگراممىسى تۈزۈش، توغرا يۆنىلىش بەلگىلەش جەھەتتە ماياك رولىنى ئوينايدۇ. بىراق تارىخ ئاختۇرۇش، تارىخ يېزىش تولىمۇ زىل مەسىلە. تارىخچىلار ھامان فېئودال خانلارنىڭ رايى بويىچە بۇرمىلانغان دۆۋە - دۆۋە ماتېرىياللار ئىچىدىن ھەقىقەتنىڭ پارچە - پارچە سۆڭەكلىرىنى ئىزدەيدۇ ۋە بۇ سۆڭەكلەرنى بىر يەرگە كەلتۈرۈپ، ھەقىقەتنىڭ ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ. بىراق بەزى سۆڭەكلەر چىرىپ يوقاپ كەتكەن بولىدۇ، تارىخچى مانا مۇشۇ تراگېدىيىنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن ۋاقىت تۈنەيدۇ. بەلكىم فرانسىيە مۇتەپەككۇرى ۋولتېرنىڭ: «تارىخ خاتا يېزىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇ تەكرار قايتا يېزىلىدۇ» دېگەن سۆزى مۇشۇ مەنىدە ئېيتىلغان بولسا كېرەك.
بۈگۈنىگە ئىگە بولالمىغان خەلق ئۆتمۈشتىن تەسەللى ئىزدەيدۇ، بۇنداق خەلقنىڭ تارىخچىلىرىمۇ كەلگۈسىنى يېزىشنىڭمۇ تارىخ بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيدۇ.
ف.نېتزى تارىخنىڭ تىرىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن:
«تارىخ تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن ياد ئېتىش، ئىززەت - ھۆرمەتتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلار ئۈچۈن قوغداش، ئازابلىنىۋاتقانلار ئۈچۈن تەنقىد» (ف. نېتزى: «تارىخنىڭ پايدا - زىيىنى»، سودا نەشرىياتى 1998 - يىل 10 - ئاي نەشرى).
جۇڭگودا زىيالىي كادىر ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىمتىھانلاردا كەسپىي سىناقلارغا دۇچ كېلىش بىلەن بىرگە سىياسىي سىناقلارغىمۇ دۇچ كېلىدۇ. بەلكى سىياسىي سىناق ھەممىدىن مۇھىم ئۆتكەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىر زىيالىي كەسپىي ساپا ئىگىسى بولۇشتىن ئاۋۋال سىياسىينى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاڭ فورمىلىرىنى بىلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان ئاڭ فورمىلىرىنى بىلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆتكەللىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك. ئىسلاھاتنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلاردا مۇتەخەسسىسلىشىش دولقۇنى پەيدا بولدى. ئەمما نىسبەتەن بېكىك، ئىقتىساد دېگەندەك تەرەققىي قىلمىغان، تېخى سولچىللىقنىڭ ئاسارىتىدىن تولۇق قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن رايونلاردا بولسا باشتىكى تەلەپ يەنىلا كۈچكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە قاتتىق تەكىتلىنىدۇ. تۇراقلىق مائاش تۈزۈمى يۇقىرىقىلار بىلەن بىرلەشكەن ھالدا زىيالىيلارنىڭ مەنپەئەتدارلىق تۇيغۇسىنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ قويدى. ئۇلارنىڭ پىكىر - خىيالى مائاشتا، مائاشىنى زىيان - زەخمەتكە ئۇچراتماسلىقتا بولدى. يۇقىرىدىن - تۆۋەنگىچە مائاشقا قاتتىق يېپىشتۇرۇلغان كونترول سىستېمىسى كىشىلەردە باشقۇرۇپ تۇرمىسا بولمايدىغان خىزمەت ئۇسۇلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇلاردىكى ئاڭ ئاشۇ خىل يېپىق، تار مۇھىتنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا تاپشۇرۇلغان ئىشخانا ۋە ئىدارىلەر ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندى. ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بارلىق جانلىقلارغا خاس پائالىيەت بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئادەمگە خاس بىردىنبىر ئىقتىدار ئەمەس. ئەمما بۇ ئىقتىدار نەزەر دائىرىسى تار ئادەمنىڭ قەلبىدە خۇسۇمەتچىلىك، ناتوغرا زىددىيەت ئۆسمىلىرىنى پەيدا قىلىپ، ئەتراپقا تېزلا يۇقىدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ياشاش تەرزىنى ھايات ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىگە كۆرە بەلگىلەيدۇ.
ئاڭ ناھايىتى كەڭ ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ھايات، بارلىق، ئىنسان ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر، دۇنيانىڭ ھاياتلىقتىن ئىلگىرىكى ھالىتى، ئۇنىڭ ھاياتلىق بىلەن بولغان ئالاقىلىرى، بۇ ئالاقىلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆزگىرىشلىرىگە ئائىت ئىزدىنىشلەر ئاڭنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما پەننىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئىنچىكىلەشتى، بۇ ھال ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدىمۇ كۆرۈلدى. نەتىجىدە، قۇرتنى تەتقىق قىلغۇچىلار قۇرتقا ئايلىنىپ كېتىدىغان، جەمىيەتنى تەتقىق قىلغۇچىلار قەغەز دۆۋىلىرى ئىچىدە ھەسەنشېرىككە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى. زىيالىيلار بىلەن ئاددىي قاتلاملاردىكى خەلقنىڭ ئارىلىقى يىراقلاپ كەتتى. كۆپلىگەن زىيالىيلار پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ يۈرەكزادە بولۇپ كېتىدىغان، ئۆزى ئۈچۈن كىتاب يېزىپ، ئۆزى ئۈچۈن ئۇنۋان ئالىدىغان، بالىسى قىزىپ قالسا يېرىم كېچىدە دوختۇرخانىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاسما ئوكۇل سالدۇرىدىغان، تېلېۋىزوردىن باشقىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ يىتۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆزىنى مىت قىلماي ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان شەخسىيەتچىلەرگە ئايلىنىپ كەتتى.

زىيالىي دېگەن نېمە؟
بۇنىڭغا فرانسىيىنىڭ بۈگۈنكى زامان مۇتەپەككۇرى ليۇتارد مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «زىيالىيلار ئۆزىنى، ئىنسان، ئىنسانىيەت، مىللەت، خەلق، پرولېتارىيات، جانلىقلار ۋە باشقا مەۋجۇدىيەتنىڭ ئۆزىنى قويۇپ تۇرۇپ پىكىر قىلىدىغان مۇتەپەككۇرلارغا ئوخشايدۇ» (ليۇتارد: «كېيىنكى زامانىۋىلىق ۋە گۇۋاھلىق ئويۇنى»، شاڭخەي خەلق نەشرىياتى 1997 - يىل 1 - ئاي نەشرى). بۇ جاۋاب ھەر خىل تۈزۈمدىكى جەمىيەتلەرنى تەڭ كۆزدە تۇتۇپ بېرىلگەن بولۇپ، زىيالىي دېگەن گەپ ئۆزىنى باشقىلار بىلەن تەقدىرداش دەپ تونۇغۇچى دېگەن مەنىدىن دېرەك بېرىدۇ. ماددىي ۋە مەنىۋى پاراۋانلىقتا ياشاۋاتقان بىر ئەرباب يەنىلا زىيالىيلارغا قويۇق ئادەمگەرچىلىك پۇراپ تۇرىدىغان تەلەپنى قويۇۋاتىدۇ.
بۇنىڭغا باققاندا، بىز قانداق تەلەپنى قويۇشىمىز كېرەك؟

يىلان ئادەملەر ۋىجىلداپ كۆيۈۋاتقان دوزاخ ئوتىغا تەمەچ توشۇپ تەمەچ تاشلايدىكەن، قارلىغاچ شىددەتلىك دوزاخ ئوتىنى ئۆچۈرىمەن دەپ ئاغزىدا سۇ توشۇپ چاچىدىكەن.
«ئەي قارلىغاچ، تامچە - تامچە سۇ بىلەن بۇ ئوتنى قانداقمۇ ئۆچۈرەلەيسەن؟» دەپ سورالغاندا،
قارلىغاچ: «ئىنساننىڭ ئازابىنى چۈشىنىش مېنىڭ ئەقىدەم، قانداق بولمىسۇن، ئۆز ئەقىدەم يولىدىكى ھەرىكىتىمدىن زىيادە لەززەت تاپىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

جەمىيەت نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، يىلان بىلەن قارلىغاچنىڭ كۈرىشى ھېلىمۇ مەۋجۇت. تەبىئەت نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە، يىلان بىلەن قارلىغاچنىڭ ھەر ئىككىسىلا يارالمىش مەخلۇق. ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئادالەت ئەنە شۇنداق پاجىئەلىك دەقىقىلەردە تۇغۇلۇپ ئۆسىدۇ. دەسلەپتە ئۇ يېگانە بولىدۇ ۋە ئاشۇ يېگانىلىق ئىچىدە باشقىلارغا نېسىپ بولمىغان گۈزەللىك ھەم باتۇرلۇقتىن دەرس ئالىدۇ.

توغرا نىشانغا يۈزلەنمىگەن ئىلىم ئۆز ئىگىسىنى شەرمەندە قىلىدۇ، قارا نىيەت كۈشەندىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئالۋاستىنى بىلىملىك ئەمەس، دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ لېكىن ئالۋاستىنىڭ بىلىمى ئىبلىس ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.



(6)

قالاق يېزا ئىگىلىكىدە تۇرۇۋاتقان بىر مىللەت بىلىم ئىگىلىكىنى مەزمۇن قىلغان 3 - قېتىملىق سانائەت دولقۇنىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ساۋاتسىزلىق پاتقىقىدىن چىقىپ بولالمىغان بىر مىللەت كومپيۇتېر دەۋردىكى يەنە بىر ساۋاتسىزلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. تارىخىنى ياخشى تونۇمىغان بىر مىللەت ئۆزىگە نىسبەتەن تامامەن ناتونۇش بولغان يېڭى ئەسىرگە كىرىۋاتىدۇ. ئالدىمىزدىكى دۇنيا ئىنسانىي ھەمكارلىقنىڭ تۈرلىرى كېڭىيىدىغان، مەدەنىيەت تىپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت كەسكىنلىشىدىغان، ئەقىلنىڭ قىممىتى بىۋاسىتە ئايان بولىدىغان بىر پۈتۈن دۇنيا. ئۇ، تەرەققىيات سۈرىتىنىڭ ئالاھىدە تېزلىكى ۋە رىقابەت جەھەتتىكى رەھىمسىزلىكى بىلەن بىزنى كۈتمەكتە.

ئامېرىكىلىقلار: «21 - ئەسىر ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەسىرى بولىدۇ» دېيىشىدۇ.
ياۋروپالىقلار: «21 - ئەسىر ياۋروپالىقلارنىڭ ئەسىرى بولىدۇ» دېيىشىدۇ.
مۇسۇلمانلار: «21 - ئەسىر ئىسلام گۈللىنىش دەۋرى بولىدۇ» دېيىشىدۇ.
ئېلىمىز: «21 - ئەسىر شەرقىي ئاسىيالىقلارنىڭ دەۋرى بولىدۇ» دېيىشىدۇ.

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ھەركىم يەنىلا ئۆزىگە پايدىلىق پۇرسەتلەرنى ئىزدىمەكتە ۋە ياراتماقتا.
پۇرسەت ئىزدەش بىلەن يارىتىشنىڭ بىرلىكى.
مىلادىيەدىن ئىلگىرى ئۆتكەن يۇنان ئالىمى تاللېس ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۆزىتىپ كېتىۋېتىپ، دىققەتسىزلىكتىن ئالدىدىكى بىر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. بىر سودىگەر ئۇنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، مۇنداق دەپتۇ:
سىز ئاسماندىكى نەرسىلەرنى بىلىمەن دەۋاتاتتىڭىز، پۇتىڭىزنىڭ ئاستىدا نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەي قاپسىزغۇ؟ ئىلمىي تەتقىقاتتىن راستتىنلا چوڭ نەپ ئاپسىز. ئازگالغا چۈشۈپ كېتىشىڭىزمۇ بىلىمنىڭ سىزگە كەلتۈرگەن پايدىسى.
تاللېس ئازگالدىن چىقىپ تەمكىن ھالدا ئۇنىڭغا:
ئېگىزدە تۇرالىغان ئادەمدىلا ئېگىزدىن ئازگالغا چۈشۈش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى بولىدۇ. بىلىمسىز ئادەملەرنىڭ ئىشى ئەۋرەزدە ماكان تۇتۇش تۇرسا، ئۇنىڭ ئەركىن يىقىلىپ قوپۇشىدىن قانداقمۇ گەپ ئاچقىلى بولسۇن، دەپتۇ.
ئۆزى يىقىلغان ئادەمدە قوپۇش ئەركىنلىكى بولغاچقا، مەنزىلىگە يېتىپ بارالايدۇ.

(تۈگىدى)
&&&&&&&&

(1999 - يىل 5 - ئاي)

ــــــــــــــــــــــــــــــــ

没有评论:

发表评论

发表评论