2009年1月23日星期五

Milliy istiqbalda terbiyening qudriti

مىللىي ئىستىقبالدا تەربىيەنىڭ قۇدرىتى



مىللىي ئىستىقبالدا تەربىيەنىڭ قۇدرىتى


يۈسۈپچان ياسىن


تەربىيە مائارىپقا مەنسۇپ قىلىنىدۇ. لېكىن، بۇ ئىككىسى ئايرىم -‏ئايرىم ئۇقۇم. تەربىيە بىلەن ‏مائارىپ ئوتتۇرىسىدا ھەم ئورتاقلىق ھەم‏پەرقلىق تەرەپ بار. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاقلىق ھەر ‏ئىككىسى ‏ئادەم تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. پەرقلىق تەرىپى بولسا تەربىيە ‏مىللىيلىككەئىگە ‏بولىدۇ. ئۇنىڭ تارىخى مىللەتنىڭ ھاياتلىق تارىخى بىلەن ‏تەڭباشلانغان.‏‎ ‎مائارىپ ئىنسانىيەتكە ‏ئورتاق بولىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ‏مەدەنىيەتتىكى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە تارىخنىڭ مەلۇم ‏بىر‏ دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن. ماھىيەت جەھەتتىن قارىغاندا، تەربىيە‏ ئىنساننىڭ خاراكتېرىنى ‏يارىتىشنى ۋە ياشاش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشنى، ‏يەنى ئىنسانغا ئادىمىيلىك خۇسۇسىيەت ئاتا ‏قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.‏ دېمەك، ئۇ ئىنساننىڭ روھىغا چېتىلىدۇ. مائارىپ ئىنسانغا تارىختا‏‏ياراتىلغان پەننىڭ ئۇقۇملىرىنى ۋە بىلىملىرىنى بىلدۈرۈشنى ئاساسىي‏مەقسەت قىلىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ ‏مىڭىسىگە چېتىلىدۇ. يۇقىرىدا‏ دېيىلگىنىدەك، تەربىيە مائارىپ ئوقۇمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ‏‏بولسىمۇ، لېكىن مائارىپنىڭ پەنگە دائىر بىلىم بىرىش خاراكتېرى ‏يەنىلا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ‏شۇڭا مائارىپ دېيىلگەندە كۆپىنچە‏ ئىنسانغا پەن بىلىملىرىنى يەتكۈزۈش كۆزدە تۇتىلىدۇ.‏
‏ مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر مىللەت تارىخنىڭ پۈتكەن تەقدىرى ‏بويىچە يەر يۈزىدىكىبەلگىلىك بىر ‏زىمىن پارچىسىدە ھاياتلىق ماكانىغا ‏ئىرىشكەن. مىللەتنىڭئىرقىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئاشۇ ھاياتلىق ‏ماكانىدىكى ‏ماددى ۋە مەنىۋىيئىمكانىيەتلەر، مىللەتنىڭ تەقدىر - قىسمەتلىرى، ‏ئىرىشكەن ‏ھاياتتەجرىبىسى ۋە مەۋجۇتلۇق ئېھتىياجى مىللەتتە ‏باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغانھاياتلىق ‏چۈشەنچىسى، ئېتىقاد، قىممەت ‏قاراش ۋە مىللىي زوقنىشەكىللەندۈرگەن. شۇ سەۋەپلىك، ‏مىللەتلەرنىڭ ‏ياشاشتىكى غايىسىمۇ بىرىبىرىگە ئوخشىمايدۇ. دېمەك، ھەر قانداق بىر ‏مىللەت بىر خىل ‏مىللىيمەدەنىيەت (كۈلتۈر)نى ياراتقان. مىللىي مەدەنىيەت ‏دىن، ئەخلاق، ھوقۇق،ئەقىل، ‏ئېستېتىكا، ئىقتىساد، تىل ۋە پەندىن ‏ئىبارەت سەككىز تۈرلۈكھاياتنىڭ بىر بىرگە ماسلاشقان ۋە چىڭ ‏ئۇيۇشقان ‏بىر پۈتۈنلىكىدىنئىبارەت. سىرتتىن قوبۇل قىلىنغان ھەر قانداق بىر ‏مەدەنىيەت بەلگىسى‏ مىللىي مەدەنىيەتكە ئاشۇنداق ماسلاشقان ۋە ‏ئۇيۇشقاندىلا، ئاندىن ئۇمىللەت ئۈچۈن پايدىلىق ‏ئامىلغا ئايلىنىدۇ ۋە ‏مىللىي مەدەنىيەتنى ئىلگىرىسۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.‏
‏ مىللىي مەدەنىيەت ئۆز نۆۋىتىدە مىللەتبولۇپ تۇرۇشنىڭ ئاساسىي ‏ئېلمېنتىغا ۋە مىللەت ھالىتىدە ‏تەرەققىيقىلىشنىڭ ئاساسىي شەرتىگە ‏ئايلانغان. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى،مىللەتنىڭ ۋىژدانىدا ‏مەۋجۇت ‏قىممەت ھۆكۈملىرىنىڭ تامامى شۇ مىللەتنىڭمىللىي مەدەنىيىتىنى ھاسىل ‏قىلىدۇ. تەربىيىنىڭ ‏ۋەزىپىسى دەل مىللەتنىڭمىللىي مەدەنىيىتىنى شۇ ‏مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىدا ئىپادىلىنىدىغانروھىي ‏ئادەت (تالانت) ‏ ھالىتىگە كەلتۈرۈشتۇر. باشقىچە قىلغاندا، تەربىيەمىللەتنىڭ ياكى ‏جەمئىيەتنىڭ ئۆز ‏ئەزالىرىنى ئۆزىگە ئوخشاشلاشتۇرۇشىنى ياكى ‏ئۆزىنىڭ ۋەكىلىگە ئايلاندۇرىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ‏جەريان تارىختا‏ئائىلىۋىي تۇرمۇش ۋە جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ھەرىكەت، مۇراسىم ۋە ‏پائالىيەتلەردە ‏ئالدىنقى ئەۋلاتلارنى تەقلىد قىلىش ياكى ئۇلاردىن قوبۇل‏ شەكلى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. بۇ ئارقىلىق ‏تەربىيە ھېچقانداق بىر‏تەشكىلىي ئورگاننىڭ كۈچىگە مۇھتاج بولمايلا، مىللەت ئەزالىرىنى ‏ئورتاق‏تۇيغۇ، ئورتاق ۋىژدان، ئورتاق خاراكتېر، ئورتاق ئەخلاق ۋە ‏ئورتاق ئىدىئال (غايە) غا ئىرىشتۈرۈپ، ‏جەمئىيەتنى تەرتىپ بوزۇلۇش ‏ۋە مەنىۋىيبۇلغىنىشتىن خالى قىلغان. ئىنساننىڭ قىممىتىنىمۇ، بولۇپمۇ ‏‏ئۇنىڭ ياخشى(سەمىمىي-ئىنسانچىل) ياكى يامان (قەبىھ - مۇستەبىت) ‏خۇسۇسىيىتىنى ئۇنىڭغا ‏سىڭگەن تەربىيە ئارقىلىق ئۆلچەشنىڭ سەۋەبىمۇ ‏مانا شۇ. ھېلىمۇ بۇزۇلغان جەمئىيەتلەردە تەربىيىنىڭ ‏بۇ جەھەتتىكى رولى ‏تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلىنماقتا.‏

كىشىلەرنىڭ ‏ئەڭ سۆيىدىغىنى دەل ئانا تىل بولىدۇ. ئىنساننىڭ روھىنى تەشكىل قىلغان ‏‏تۇيغۇ، ئېتىقاد، ئەخلاق، زوق، ۋىژدان ۋە گۈزەللىك قاراشلىرى دەلئاشۇ تىل ‏ئارقىلىق شۇ ئىنسان ‏ياشاۋاتقان ۋە تەربىيىسنى ئالغان جەمئىيەتتىن ‏كېلىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن سوتسىيالوگلار «مىللەت» ‏ئوقۇمىنى «تىل، دىن، ‏ئەخلاق ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسى جەھەتتىن ئورتاق بولغان، يەنى ئوخشاش ‏‏تەربىيىنى ئالغان ئىنسانلاردىن شەكىللەنگەن توپ» دەپ قارايدۇ. بۇ ‏دەل مىللەت ئىرق، ئېتنىك ‏مەنبە ۋە قانداشلىقتىن بەكرەك تۇيغۇنى ئاساس ‏قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ ھەر قانداق بىر ‏ئىنسان ئۆز ھاياتىدا ‏تىل، تۇيغۇ، ئېتىقاد ۋە زوق جەھەتتىن ئورتاق بولغان ئىنسانلار بىلەن ‏بىرلىكتە ‏ياشاشنى خالايدۇ. چۈنكى، ئىنساننىڭ خاراكتېرى تەندە ئەمەس، ‏روھتا بولىدۇ. شۇڭا، ئىنساننىڭ ‏جىسمانىي ئالاھىدىلىكى ئىرققا تايانسا، ‏مەنىۋىي قىياپىتى (مەنىۋىي ماھارىتى) ئۆزى تەربىيىسىنى ‏ئالغان گۇرۇھ ‏ياكى مىللەتتىن كېلىدۇ.
ئالىكساندىر ماكىدونوۋىسكىي (ئىسكەندەر ‏زۇلقەرنەيىن)نىڭ ‏مۇنداق بىر سۆزى بار: «مىنىڭ ھەقىقىي دادام فىلىپ ‏ئەمەس، بەلكى ئارىستوتىل. چۈنكى ‏بىرىنجىسى مىنىڭ جىسمىمنىڭ، ‏ئىككىنجىسى مىنىڭ روھىمنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەپ بولغان».

ئۇيغۇرلاردىكى «كاۋا ئىچىدە ئۆسسەڭ يومىلاق بولىسەن، تەرخەمەك ‏‏ئىچىدە ئۆسسەڭ ئۇزۇنچاق»، «ئىشەككە ئەگەشكەن ئاتمۇ ھاڭرايدۇ» ‏دېگەن ماقال - ‏تەمسىللەردە بىر كىشىنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ ۋە ‏ئەتراپقا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ قانداق بولىشىنىڭ ‏دەل شۇ كىشى ‏ياشىغان جەمئىيەت ۋە ئاشۇ جەمئىيەتتىن ئالغان تەربىيە بىلەن ‏مۇناسىۋەتلىك ‏ئىكەنلىكى ناھايىتى ئوبرازلىق چۈشەندۈرۈلگەن. ‏
‏ تارىخنىڭ مەلۇم بىر باسقۇچىغا كەلگەندە، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە ‏تەرەققىيات ئېھتىياجى ئاشۇ ‏مىللەتكە ئإزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تارىختا ‏ئىرىشكەن ھايات، جەمئىيەت ۋە تەبىئەت ھەققىدىكى ‏چۈشەنچىلىرىنى ۋە‏ ئىجادىيەتلىرىنى مىللەتنىڭ ۋارىسلىرىغا تۇيغۇ سۈپىتىدىلا ئەمەس، ‏بەلكى يەنە ‏پىكىر ۋە پەن سۈپىتىدە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى يېڭى بىر ‏كۈچ ۋە يېڭى بىر مەنبەگە ‏ئايلاندۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدۇرغان. ‏شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ھەر ساھەدە ياراتقان ‏بىلىم ۋە چۈشەنچە -‏ئۇقۇملىرى سىسىتېمىلاشتۇرۇلۇپ، تەشكىللىك شەكىلدە بەلگىلىك بىر مىتود،‏ شەكىل ‏ۋە ئۇسۇل بويىچە يەتكۈزىلىشكە باشلىغان. مانا بۇ پەن بىلىملىرىنى ‏سىڭدۈرۈش (ئوقۇتۇش) نى ‏مەقسەت قىلغان مەكتەپ مائارىپى.
دېمەك، ‏تەربىيە ئىنسانغا مىللىيلىكنى سىڭدۈرۈش مەقسىتىدە ‏مەيدانغا كەلگەن. ئۇ ‏تۇيغۇغا تايانغان ۋە تەشكىلىي ئورگانسىز ھالدا يۈرگۈزىلگەن.
مائارىپ ‏‏ئىنسانغا پەن بىلىملىرىنى ۋە ئوقۇملىرىنى سىڭدۈرۈش مەقسىتىدە مەيدانغا ‏كەلگەن. ئۇ پىكىر - ‏مىتودقا تايانغان ۋە تەشكىلىي ئورگاننىڭ ۋاسىتىسى ‏ئارقىلىق يۈرگۈزىلگەن.‏
مەكتەپ بارلىققا كەلگەندىن كېيىن تەربىيە مائارىپنىڭ تەركىۋىگە ‏قوبۇل قىلىنغان ۋە تېخىمۇ ‏قاراتمىلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا سىڭدۇرۇلۇش ‏ئىمكانىيىتىگە ئىرىشكەن. نەتىجىدە مائارىپ ‏ئىنساننى روھىي ۋە بىلىم ‏جەھەتتىن كامالەتكە يەتكۈزىدىغان ئاساسىي ۋاسىتە دەپ قارالغان. ‏
دېمەك، ‏مائارىپ مىللىي مەدەنىيەت (‏
文化‏) بىلەن مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەت (‏文明‏) تىن ‏ئىبارەت ‏ئىككى ئامىلنىڭ بىرلەشمىسىدۇر.
يۇقىرىدا دېيىلگىنىدەك، تەربىيە ‏مىللىيلىككە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ‏ۋە ئىنساندا مىللىي سۈپەت يارىتىشنى ‏مەخسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مائارىپتا مىللىي تەربىيىگە ‏قانداق ‏پوزىتسىيە تۇتۇش مەسىلىسى مىللەتنىڭ كېلىچىكىنى ۋە شەخسنىڭ ‏تەقدىرىنى بەلگىلەپ ‏قويىدىغان ئامىلغا ئايلانغان. ئەلبەتتە مائارىپتا ‏تەربىيە تارىخ، ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە سەنئەت ‏قاتارلىق جەمئىيەت ‏پەنلىرى (ئىجتىمائىي پەنلەر) ئارقىلىق سىڭدۈرىلىدۇ. مىللىي مەدەنىيەت ‏بۇنداق ‏پەن شەكلىدە يەتكۈزۈلگەندە، ئۇنىڭ مەنبەسى، خاراكتېرى، ‏تەرەققىيات جەرىيانى ۋە ھاياتى كۈچى ‏تېخىمۇ ئېنىق گەۋدىلىنىپ، مىللەتنى‏چۈشۈنىش چوڭقۇرلىشىدۇ، مىللەتكە بولغان ھۆرمەت ۋە باغلىنىش ‏تېخىمۇ ‏كۈچىيىدۇ. ئەجدات بىلەن ئەۋلاد ئارىسىدا، تارىخ بىلەن كەلگۈسى ‏ئوتتۇرىسىدا ھېسيات ۋە ‏پىكىر كۆۋرۈكى ياسىغىلى بولىدۇ.
مىللەتنىڭ‏زىھنىي قۇۋىتىگە، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى روھقا ۋە كۈچ - ‏قۇۋۋەتكە قارىتا‏ ئىشەنچنىڭ شەكىللىنىشىمۇ پەقەت تەربىيە ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ‏سىڭىشى ‏نەتىجىسىدە مەيدانغا كىلىدۇ. «مىللىي مائارىپ» دېيىلگەندە ‏كۆزدە تۇتىلىدىغىنىمۇ نوقۇل تىللا ‏ئەمەس، يەنە تەربىيىنىڭ ۋە جەمئىيەت ‏پەنلىرىنىڭ مىللىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىشىدۇر. بۇ يەردە‏ مۇھىمى بۇ ‏پەنلەردە مىللىيلىكنىڭ بولۇش ياكى بولماسلىقىدۇر.
ئەگەر مائارىپتا ‏جەمئىيەت پەنلىرى ‏مىللىيلىكتىن خالى ھالدا ئوتتۇرىغا چىقسا ياكى ‏مائارىپ بىر ئىدىئولوگىيە تەرىپىدىن كونترول ‏قىلىنسا، روھ بىلەن‏ بىلىمنىڭ ماسلىشىشى، يەنى كىتاپ بىلەن ھاياتنىڭ مۇۋازىنىتى بوزۇلۇپ، ‏‏ئادەمنىڭ ئويلىغانلىرى تۇيغۇسىغا زادىلا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھادىسە يۈز ‏بىرىدۇ. يەنى پىكىر ‏بىلەن تۇيغۇ داۋاملىق تىپىشىدۇ. تەربىيە مىللىي ‏مەدەنىيەتنىڭ شەخسلەرنىڭ روھىدا ئەكىس ئېتىشى ‏بولغانلىقتىن، بىر ‏ئىنساننىڭ روھى باشقا مىللەتنىڭ باشقا دەۋردىكى مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ‏‏ تەركىپلىرى (ياكى داشقاللىرى) بىلەن تولدۇرۇلسا، شۇ كىشى گەرچە ھەر كۈنى ‏ۋە ھەر سائەت ئۆزىنىڭ ‏مىللىي مەدەنىيىتى ئىچىدە ياشاپ تۇرسىمۇ، لېكىن‏ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە يات ئادەمگە ‏ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ‏ بىلەن ئۇنىڭ روھىدا قارارسىزلىق، غەيرەتسىزلىك ۋە خاراكتېرسىزلىك‏‏ ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭا، تۇيغۇغا ماس كەلگەن پىكىر - «تىرىك ‏پىكىر» دېيىلسە، ‏تۇيغۇغا ماس كەلمىگەن پىكىر - «كۆلەڭگە پىكىر» ‏دېيىلىدۇ. مائارىپتا مىللىي تەربىيىدىن مۇستەسنا ‏بولغانلار كاللىسى ‏پۈتۈنلەي كۈلەڭگە پىكىرلەر بىلەن تولۇپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ غەيرەت ‏‏-- ‏شىجائىتى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقالمايدۇ ھەم تەرك ئىتىلگەن ‏ۋە ھەرىكەتسىز بىر ئەھۋالغا ‏چۈشۈپ قالىدۇ. كىشىلەر بىلىم جەھەتتىن ‏قانچىكى يۇقىرى سەۋىيىدە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، خاراكتېر ‏جەھەتتىن ‏ئۈمىتسىز، گۇمانخور، چۈشكۈن ۋە روھىي كىسەل ئادەمگە ئايلىنىپ ‏قالىدۇ ۋە مىللىيلىكتىن ‏شۇنچە يىراقلىشىپ كىتىدۇ. نەتىجىدە مىللەتنىڭ بۈيۈك ‏قىممەت ئۆلچەملىرى مەسخىرە تېمىسىگە ‏ئايلىنىپ ئىنكار قىلىنىدۇ. ‏جەمئىيەتنىمۇ ئەخلاق كرېزىسى قاپلاشقا باشلايدۇ.
دېمەك، بۇنداق مىللەتتە ‏‏بىلىمدە ئەڭ كامالەتكە يەتكەن كىشى روھ ۋە ئەخلاقتا ئەڭ ناچار ئادەم ‏بولۇپ چىقىدۇ. ‏
‏ تارىختا گېرمانلار بىلەن ئېنگلىزلار تەربىيە بىلەن بىلىم بىرىش - ‏مائارىپنى، يەنى تۇيغۇ بىلەن ‏پىكىرنى بىر بىرىگە ماسلاشتۇرۇشتا تۇنجى ‏بولۇپ ئۇتۇق قازانغان مىللەتلەردۇر.
بۇ مىللەتلەردىكىگە ‏ئوخشاش ‏غەرپ‎ ‎ۋە شەرقتىكى نۇغۇن دۆلەتلەردە ۋە مىللەتلەردە تەدبىقلىنىۋاتقان ‏باشلانغۇچتا ‏تەربىيىنى ئاساس، بىلىم بىرىشنى قوشۇمچە قىلىش، ئوتتۇرا ‏مەكتەپ باسقۇچىدا تەربىيە بىلەن بىلىم‏ بىرىشنى تەڭ ئورۇنغا قويۇش، ‏ئالىي مائارىپتا بىلىمنى سىستېمىلىق يەتكۈزۈشتەك مائارىپ سىياسىتى ‏‏ئۇلاردا بىلىم تەربىيىگە ئەگىشىدىغان ۋە پىكىر تۇيغۇنىڭ ئىزىدىن ‏ماڭىدىغان تەپەككۇر قورۇلمىسىنى ‏شەكىللەندۈرۈپ، مىللەت ئەزالىرىنى ‏خاراكتېرى ئېنىق، روھى ئازادە، غۇرۇر ۋە شەرەپ تۇيغۇسى ‏كۈچلۈك، ‏ئەجداتقا سادىق، مىللىي قەدىر - قىممەتنى ئەتىۋارلايدىغان، ئىلمىي ‏سالاھىيىتى ئۈستۈن ‏ۋە ھەر ئىشتا تەشەببۇسكار كىشىلەرگە ئايلاندۇرغان ‏ۋە مىللىيلىككە شۇنچە يېقىنلاشتۇرغان.
دېمەك، ‏بۇنداق مىللەتلەردە بىلىمدە ‏ئەڭ كامالەتكە يەتكەن كىشى روھى ئەڭ پاكىز ۋە ئەخلاقتا ئەڭ ‏مۇكەممەل ‏ئادەمگە ئايلانغان.
بۇنىڭدىن مەلۇمكى، تەربىيە ئىنسانغا مىللىي مەدەنىيەتنى سىڭدۈرۈش ‏ئارقىلىق ئۇنىڭ روھىنى ۋە ‏ھىسسىياتىنى تەربىيىلەپ، مىللەت ئۈچۈن ‏دورۇست ۋە خەتەرسىز ئادەمنى يارىتىدۇ.
بىلىم بىرىش - ‏مائارىپ ‏‏(ئوقۇتۇش) ئىنساننىڭ مېڭىسىنى ۋە ئەقلىنى تەربىيىلەپ، مىللەت ئۈچۈن ‏كەسپ ئەھلىنى ‏يارىتىدۇ.
ئىنسان پەقەت مانا شۇنداق پاكىز روھ ۋە ‏زۆرۈر بىلىمگە ئىرىشكەندىلا، ئاندىن مىللەت ‏ئۈچۈن بىر خىل بايلىققا، بىر ‏خىل كۈچكە ۋە مىللىي ئىستىقبال ئۈچۈن كىرەكلىك مەنبەگە ئايلىنىدۇ. ‏
‏ ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنساندىكى ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ ساپ تۇيغۇ تۇنجى ‏تەربىيە ۋاقتىدا يىتىلىشكە ‏باشلايدۇ. بالا بۆشۈكتىكى چاغدا ئانىنىڭ ئەللىيى ‏ئارقىلىق ئانا تىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇ سەۋەپلىك‏‏مۇستاپا كامال: «جىسمىمنىڭ ئاتىسى رىزا ئالى ئەپەندى، پىكرىمنىڭ ‏ئاتىسى زىيا گۆكئالپ» ‏دېگەن. ھەقىقەتەن، ئىنسان ئۈچۈن مەنىۋىي ‏مەۋجۇتلۇق ماددىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ‏شۇنىڭدەك تەربىيىنىڭ ۋە ‏ئىدىئال -غايىنىڭ مىللىي بولىشى شەرت قىلىنىدۇ. نورمال بىر ئىنسان ‏‏تۇيغۇسى يىتىلىۋاتقان مەزگىلدە قايسى مىللەتنىڭ تەربىيىسىنى ئالسا، ‏ئۇنىڭغا شۇمىللەتنىڭ ‏تۇيغۇسى سىڭىدۇ ۋە شۇ مىللەتنىڭ ئىدىئالى-- غايىسى ‏ئۈچۈن كۈچچىقىرىدۇ. ئىدىئال - غايە ‏ئىنساننىڭ ھاياجان مەنبەسىنى ‏تەشكىل قىلىدۇ. ھالبۇكى، ھەر قانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن تەربىيىسىنى ‏‏ئالمىغان مىللەتنىڭ ئىدىئالى - غايىسى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ھاياجىنىنى ‏قوزغىيالمايدۇ ھەم شۇ ئىنسان ‏ئۇنداق مىللەتنىڭ كىچىككىنە بىر ھاجىتى ‏ئۈچۈنمۇ كۈچ چىقىرىشنى خالىمايدۇ. ئەكسىچە ‏تەربىيىسىنى ئالغان ‏مىللەتنىڭ ئىدىئالى - غايىسى ئىنساننىڭ روھىنى ھاياجانغا سالىدۇ. شۇ ‏كىشىمۇ ‏ئاشۇ مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن كۈچ چىقرىدۇ، ھەتتا ھاياتىنى ‏قۇربان قىلىدۇ. بەخت قارىشىمۇ بۇ ‏ئارقىلىق قانائەت تاپىدۇ. ‏

★★★★★★★★★★★★★★★★★
menbe: http://asrim.cn/Default.asp
★★★★★★★★★★★★★★★★★


Milliy istiqbalda terbiyening qudriti


Yüsüpchan yasin


Terbiye ma'aripqa mensup qilinidu. Lékin, bu ikkisi ayrim -‏ayrim uqum. Terbiye bilen ‏ma'arip otturisida hem ortaqliq hem‏perqliq terep bar. Ular otturisidiki ortaqliq her ‏ikkisi ‏adem terbiyileshni meqset qilidu. Perqliq teripi bolsa terbiye ‏milliylikke'ige ‏bolidu. Uning tarixi milletning hayatliq tarixi bilen ‏tengbashlan'ghan.‏‎ ‎ma'arip insaniyetke ‏ortaq bolidu. U insanlarning‏medeniyettiki tereqqiyatining netijisi süpitide tarixning melum ‏bir‏dewride meydan'gha kelgen. Mahiyet jehettin qarighanda, terbiye‏insanning xaraktérini ‏yaritishni we yashash iqtidarini yitildürüshni,‏yeni insan'gha adimiylik xususiyet ata ‏qilishni meqset qilidu.‏démek, u insanning rohigha chétilidu. Ma'arip insan'gha tarixta‏‏yaratilghan penning uqumlirini we bilimlirini bildürüshni asasiy‏meqset qilidu. U insanning ‏mingisige chétilidu. Yuqirida‏déyilginidek, terbiye ma'arip oqumi da'irisige kirgüzülgen‏‏bolsimu, lékin ma'aripning pen'ge da'ir bilim birish xaraktéri‏yenila asasiy orunda turidu. ‏shunga ma'arip déyilgende kإpünche‏insan'gha pen bilimlirini yetküzüsh közde tutilidu.‏



Kishilerning ‏eng söyidighini del ana til bolidu. Insanning rohini teshkil qilghan ‏‏tuyghu, étiqad, exlaq, zoq, wizhdan we güzellik qarashliri del'ashu til ‏arqiliq shu insan ‏yashawatqan we terbiyisni alghan jem'iyettin ‏kélidu. Shunga, nurghun sotsiyaloglar «millet» ‏oqumini «til, din, ‏exlaq we güzellik tuyghusi jehettin ortaq bolghan, yeni oxshash ‏‏terbiyini alghan insanlardin shekillen'gen top» dep qaraydu. Bu ‏del millet irq, étnik ‏menbe we qandashliqtin bekrek tuyghuni asas ‏qilidu, dégenliktur. Emeliyettimu her qandaq bir ‏insan öz hayatida ‏til, tuyghu, étiqad we zoq jehettin ortaq bolghan insanlar bilen ‏birlikte ‏yashashni xalaydu. Chünki, insanning xaraktéri tende emes, ‏rohta bolidu. Shunga, insanning ‏jismaniy alahidiliki irqqa tayansa, ‏meniwiy qiyapiti (meniwiy mahariti) özi terbiyisini ‏alghan guruh ‏yaki millettin kélidu.
Aliksandir makidonowiskiy (iskender ‏zulqerneyin)ning ‏mundaq bir sözi bar: «mining heqiqiy dadam filip ‏emes, belki aristotil. Chünki ‏birinjisi mining jismimning, ‏ikkinjisi mining rohimning barliqqa kélishige sewep bolghan».

Uyghurlardiki «kawa ichide össeng yomilaq bolisen, terxemek ‏‏ichide össeng uzunchaq», «ishekke egeshken atmu hangraydu» ‏dégen maqal - ‏temsillerde bir kishining rohiy dunyasining we ‏etrapqa tutqan pozitsiyisining qandaq bolishining ‏del shu kishi ‏yashighan jem'iyet we ashu jem'iyettin alghan terbiye bilen ‏munasiwetlik ‏ikenliki nahayiti obrazliq chüshendürülgen. ‏

Démek, ‏terbiye insan'gha milliylikni singdürüsh meqsitide ‏meydan'gha kelgen. U ‏tuyghugha tayan'ghan we teshkiliy organsiz halda yürgüzilgen.
Ma'arip ‏‏insan'gha pen bilimlirini we oqumlirini singdürüsh meqsitide meydan'gha ‏kelgen. U pikir - ‏mitodqa tayan'ghan we teshkiliy organning wasitisi ‏arqiliq yürgüzilgen.‏
Mektep barliqqa kelgendin kéyin terbiye ma'aripning terkiwige ‏qobul qilin'ghan we téximu ‏qaratmiliq we sistémiliq halda singdurulush ‏imkaniyitige irishken. Netijide ma'arip ‏insanni rohiy we bilim ‏jehettin kamaletke yetküzidighan asasiy wasite dep qaralghan. ‏
Démek, ‏ma'arip milliy medeniyet (‏文化‏) bilen milletler ara medeniyet (‏文明‏) tin ‏ibaret ‏ikki amilning birleshmisidur.
Yuqirida déyilginidek, terbiye ‏milliylikke ige bolghanliqi üchün ‏we insanda milliy süpet yaritishni ‏mexset qilghanliqi üchün, ma'aripta milliy terbiyige ‏qandaq ‏pozitsiye tutush mesilisi milletning kélichikini we shexsning ‏teqdirini belgilep ‏qoyidighan amilgha aylan'ghan. Elbette ma'aripta ‏terbiye tarix, edebiyat, pelsepe we sen'et ‏qatarliq jem'iyet ‏penliri (ijtima'iy penler) arqiliq singdürilidu. Milliy medeniyet ‏bundaq ‏pen sheklide yetküzülgende, uning menbesi, xaraktéri, ‏tereqqiyat jeriyani we hayati küchi ‏téximu éniq gewdilinip, milletni‏chüshünish chongqurlishidu, milletke bolghan hörmet we baghlinish ‏téximu ‏küchiyidu. Ejdat bilen ewlad arisida, tarix bilen kelgüsi ‏otturisida hésyat we ‏pikir köwrüki yasighili bolidu.
Milletning‏zihniy quwitige, uning wujudidiki rohqa we küch - ‏quwwetke qarita‏ ishenchning shekillinishimu peqet terbiye arqiliq milliy medeniyetning ‏singishi ‏netijiside meydan'gha kilidu. «milliy ma'arip» déyilgende ‏közde tutilidighinimu noqul tilla ‏emes, yene terbiyining we jem'iyet ‏penlirining milliy xususiyetke ige bolishidur. Bu yerde‏ muhimi bu ‏penlerde milliylikning bolush yaki bolmasliqidur.
Eger ma'aripta ‏jem'iyet penliri ‏milliyliktin xali halda otturigha chiqsa yaki ‏ma'arip bir idi'ologiye teripidin kontrol ‏qilinsa, roh bilen‏ bilimning maslishishi, yeni kitap bilen hayatning muwaziniti bozulup, ‏‏ademning oylighanliri tuyghusigha zadila uyghun kelmeydighan hadise yüz ‏biridu. Yeni pikir ‏bilen tuyghu dawamliq tipishidu. Terbiye milliy ‏medeniyetning shexslerning rohida ekis étishi ‏bolghanliqtin, bir ‏insanning rohi bashqa milletning bashqa dewrdiki milliy medeniyitining‏‏ terkipliri (yaki dashqalliri) bilen toldurulsa, shu kishi gerche her küni ‏we her sa'et özining ‏milliy medeniyiti ichide yashap tursimu, lékin‏özining milliy medeniyitige yat ademge ‏aylinip qalidu. Shuning‏ bilen uning rohida qararsizliq, gheyretsizlik we xaraktérsizlik‏‏ hadisisi otturigha chiqidu. Shunga, tuyghugha mas kelgen pikir - «tirik ‏pikir» déyilse, ‏tuyghugha mas kelmigen pikir - «kölengge pikir» ‏déyilidu. Ma'aripta milliy terbiyidin mustesna ‏bolghanlar kallisi ‏pütünley külengge pikirler bilen tolup ketkechke, ularning gheyret ‏‏-- ‏shija'iti éniq bir shekilde otturigha chiqalmaydu hem terk itilgen ‏we heriketsiz bir ehwalgha ‏chüshüp qalidu. Kishiler bilim jehettin ‏qanchiki yuqiri sewiyide bolishidin qet'iynezer, xaraktér ‏jehettin ‏ümitsiz, gumanxor, chüshkün we rohiy kisel ademge aylinip ‏qalidu we milliyliktin ‏shunche yiraqliship kitidu. Netijide milletning büyük ‏qimmet ölchemliri mesxire témisige ‏aylinip inkar qilinidu. ‏jem'iyetnimu exlaq krézisi qaplashqa bashlaydu.
Démek, bundaq millette ‏‏bilimde eng kamaletke yetken kishi roh we exlaqta eng nachar adem ‏bolup chiqidu. ‏

Bu milletlerdikige ‏oxshash ‏gherp‎ ‎we sherqtiki nughun döletlerde we milletlerde tedbiqliniwatqan ‏bashlan'ghuchta ‏terbiyini asas, bilim birishni qoshumche qilish, ottura ‏mektep basquchida terbiye bilen bilim‏ birishni teng orun'gha qoyush, ‏aliy ma'aripta bilimni sistémiliq yetküzüshtek ma'arip siyasiti ‏‏ularda bilim terbiyige egishidighan we pikir tuyghuning izidin ‏mangidighan tepekkur qorulmisini ‏shekillendürüp, millet ezalirini ‏xaraktéri éniq, rohi azade, ghurur we sherep tuyghusi ‏küchlük, ‏ejdatqa sadiq, milliy qedir - qimmetni etiwarlaydighan, ilmiy ‏salahiyiti üstün ‏we her ishta teshebbuskar kishilerge aylandurghan ‏we milliylikke shunche yéqinlashturghan.
Démek, ‏bundaq milletlerde bilimde ‏eng kamaletke yetken kishi rohi eng pakiz we exlaqta eng ‏mukemmel ‏ademge aylan'ghan.
Buningdin melumki, terbiye insan'gha milliy medeniyetni singdürüsh ‏arqiliq uning rohini we ‏hissiyatini terbiyilep, millet üchün ‏dorust we xetersiz ademni yaritidu.
Bilim birish - ‏ma'arip ‏‏(oqutush) insanning méngisini we eqlini terbiyilep, millet üchün ‏kesp ehlini ‏yaritidu.
Insan peqet mana shundaq pakiz roh we ‏zörür bilimge irishkendila, andin millet ‏üchün bir xil bayliqqa, bir ‏xil küchke we milliy istiqbal üchün kireklik menbege aylinidu. ‏
‏ melumki, her qandaq bir millet tarixning pütken teqdiri ‏boyiche yer yüzidikibelgilik bir ‏zimin parchiside hayatliq makanigha ‏irishken. Milletning'irqiy alahidiliki we ashu hayatliq ‏makanidiki ‏maddi we meniwiy'imkaniyetler, milletning teqdir - qismetliri, ‏irishken ‏hayattejribisi we mewjutluq éhtiyaji millette ‏bashqilardin perqlinidighanhayatliq ‏chüshenchisi, étiqad, qimmet ‏qarash we milliy zoqnishekillendürgen. Shu seweplik, ‏milletlerning ‏yashashtiki ghayisimu biribirige oxshimaydu. Démek, her qandaq bir ‏millet bir xil ‏milliymedeniyet (kültür)ni yaratqan. Milliy medeniyet ‏din, exlaq, hoquq,eqil, ‏éstétika, iqtisad, til we pendin ‏ibaret sekkiz türlükhayatning bir birge maslashqan we ching ‏uyushqan ‏bir pütünlikidin'ibaret. Sirttin qobul qilin'ghan her qandaq bir ‏medeniyet belgisi‏milliy medeniyetke ashundaq maslashqan we ‏uyushqandila, andin umillet üchün paydiliq ‏amilgha aylinidu we ‏milliy medeniyetni ilgirisürüsh rolini oynaydu.‏‏ milliy medeniyet öz nöwitide milletbolup turushning asasiy ‏élméntigha we millet halitide ‏tereqqiyqilishning asasiy shertige ‏aylan'ghan. Buningdin bilishke boliduki,milletning wizhdanida ‏mewjut ‏qimmet hökümlirining tamami shu milletningmilliy medeniyitini hasil ‏qilidu. Terbiyining ‏wezipisi del milletningmilliy medeniyitini shu ‏milletning her bir ezasida ipadilinidighanrohiy ‏adet (talant) ‏ halitige keltürüshtur. Bashqiche qilghanda, terbiyemilletning yaki ‏jem'iyetning öz ‏ezalirini özige oxshashlashturushini yaki ‏özining wekilige aylandurishini körsitidu. Bu ‏jeryan tarixta‏a'iliwiy turmush we jem'iyettiki türlük heriket, murasim we ‏pa'aliyetlerde ‏aldinqi ewlatlarni teqlid qilish yaki ulardin qobul‏shekli bilen emelge ashqan. Bu arqiliq ‏terbiye héchqandaq bir‏teshkiliy organning küchige muhtaj bolmayla, millet ezalirini ‏ortaq‏tuyghu, ortaq wizhdan, ortaq xaraktér, ortaq exlaq we ‏ortaq idi'al (ghaye) gha irishtürüp, ‏jem'iyetni tertip bozulush ‏we meniwiybulghinishtin xali qilghan. Insanning qimmitinimu, bolupmu ‏‏uning yaxshi(semimiy-insanchil) yaki yaman (qebih - mustebit) ‏xususiyitini uninggha ‏singgen terbiye arqiliq ölcheshning sewebimu ‏mana shu. Hélimu buzulghan jem'iyetlerde terbiyining ‏bu jehettiki roli ‏téximu éniq hés qilinmaqta.‏ ‏ emeliyettimu insandiki eng semimiy we eng sap tuyghu tunji ‏terbiye waqtida yitilishke ‏bashlaydu. Bala böshüktiki chaghda anining elliyi ‏arqiliq ana tilning tesirige uchraydu. Shu seweplik‏‏mustapa kamal: «jismimning atisi riza ali ependi, pikrimning ‏atisi ziya gök'alp» ‏dégen. Heqiqeten, insan üchün meniwiy ‏mewjutluq maddiy mewjutluqning aldida turidu. ‏shuningdek terbiyining we ‏idi'al -ghayining milliy bolishi shert qilinidu. Normal bir insan ‏‏tuyghusi yitiliwatqan mezgilde qaysi milletning terbiyisini alsa, ‏uninggha shumilletning ‏tuyghusi singidu we shu milletning idi'ali-- ghayisi ‏üchün küchchiqiridu. Idi'al - ghaye ‏insanning hayajan menbesini ‏teshkil qilidu. Halbuki, her qandaq bir insan üchün terbiyisini ‏‏almighan milletning idi'ali - ghayisi hergizmu uning hayajinini ‏qozghiyalmaydu hem shu insan ‏undaq milletning kichikkine bir hajiti ‏üchünmu küch chiqirishni xalimaydu. Eksiche ‏terbiyisini alghan ‏milletning idi'ali - ghayisi insanning rohini hayajan'gha salidu. Shu ‏kishimu ‏ashu milletning teqdiri üchün küch chiqridu, hetta hayatini ‏qurban qilidu. Bext qarishimu bu ‏arqiliq qana'et tapidu. ‏‏ tarixning melum bir basquchigha kelgende, milletning mewjutluq we ‏tereqqiyat éhtiyaji ashu ‏milletke إzining we bashqilarning tarixta ‏irishken hayat, jem'iyet we tebi'et heqqidiki ‏chüshenchilirini we‏ ijadiyetlirini milletning warislirigha tuyghu süpitidila emes, ‏belki yene ‏pikir we pen süpitide yetküzüsh arqiliq ularni yéngi bir ‏küch we yéngi bir menbege ‏aylandurushning zörürlikini hés qildurghan. ‏shuning bilen insaniyetning her sahede yaratqan ‏bilim we chüshenche -‏uqumliri sisitémilashturulup, teshkillik shekilde belgilik bir mitod,‏ shekil ‏we usul boyiche yetküzilishke bashlighan. Mana bu pen bilimlirini ‏singdürüsh (oqutush) ni ‏meqset qilghan mektep ma'aripi.‏ tarixta gérmanlar bilen én'glizlar terbiye bilen bilim birish - ‏ma'aripni, yeni tuyghu bilen ‏pikirni bir birige maslashturushta tunji ‏bolup utuq qazan'ghan milletlerdur.

★★★★★★★★★★★★★★★★★
(menbe: http://asrim.cn/Default.asp)
★★★★★★★★★★★★★★★★★

没有评论:

发表评论

发表评论