2009年1月13日星期二

Esir Axiridiki Oylar(2)

ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار(2)م




ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار ‹داۋامى›


ئابدۇقادىر جالالىدىن


باش قىسمى تۆۋەندىكى مەنزىلدە بار
http://ketmenbay.blogspot.com/2009/01/esir-axiridiki-oylar1.html


(3)

بىزمۇ كرىزىستا تۇرۇۋاتىمىز. بىراق بىزنىڭ ھازىرقى كرىزىسىمىز ھېچكىمنىڭ كرىزىسىغا ئوخشىمايدۇ. بۇ كرىزىس دەل كرىزىسنىڭ كرىزىس پېتى ئۇزاق مۇددەت داۋام قىلىشىدىن ئىبارەت.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆزىگە خاس يەرلىك ئالاھىدىلىك، مىللىي ئالاھىدىلىك، تارىخىي كەچۈرمىش، ئىگىلىك سىستېمىسى ۋە جەمىيەت قۇرۇلمىسى ئارقىلىق باشقا رايونلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ رايون بىز خوشلىشىۋاتقان 20 - ئەسىردە مۇرەككەپ تارىخنى باشتىن كەچۈردى. بۇ رايون ئوخشىمىغان چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ مەنپەئەت تالىشىش كۈرىشىنىڭ بىۋاسىتە سەھنىسى ۋە ئوبيېكتى بولدى. بۆلگۈنچى مىلىتارىستلار بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىنى خالىغانچە بۇلاڭ - تالاڭ قىلدى. مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى توستى. زىيالىيلار قوشۇنىنى خەلققە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان دەرىجىدە چەكلىدى. ئۇرۇش، قىرغىنچىلىق، سۇيىقەست قاتارلىق سىياسىي ۋاسىتىلەر تۈپەيلىدىن ھالسىرىغان بۇ زېمىن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ يېڭى قىياپەتتىكى تۇرمۇشىنى باشلىدى. ئەلۋەتتە، 50 يىلدىن بۇيان پۈتكۈل مەملىكەتتە بولۇپ ئۆتكەن ئىسسىق - سوغۇقلار بۇ يەردىمۇ بولدى. گۈللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىشلار بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ئىچكى - تاشقى قىياپەتلىرىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى.
بىز بۇ ئالامەتلەرنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن كۆرۈۋالالايمىز:

‹1› قاتناش تەرەققىي قىلىپ، بۇرۇنقى تۆگە كارۋانلىرىنىڭ ئورنىنى ئايروپىلان، پويىزلار ئىگىلىدى. ئات - قېچىرلارنىڭ ئورنىنى ماشىنا، ئاپتوبۇسلار ئىگىلىدى. دىيارىمىزدىكى تاشيول ئۇزۇنلۇق جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. بۇ تاشيوللارنىڭ ئەڭ يىراق مۇساپىسىنى ئىككى كېچە - كۈندۈزدە، كېچىككەندە ئۈچ كېچە - كۈندۈزدە بېسىپ بولغىلى بولىدۇ. بۇ ئەھۋال رايونىمىزدىكى سودا - سېتىق، مەدەنىيەت - مائارىپ ئالاقىلىرىنى راۋانلاشتۇردى، شۇنداقلا ۋىلايەتلەر ئارا كۆرۈلىدىغان ئۆرپ - ئادەت، خۇلق - مىجەز، تەپەككۇر پەرقىنى ئازايتتى. يەرلىك پىسىخىكىنىڭ ئورتاقلىق تەرىپى ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتتى.

ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئېھتىياج قانۇنى بويىچە يۈرۈشلىشىشى بىرقەدەر ئەۋزەل كاپالەتكە ئىگە بولغاچقا، ئىگىلىكنىڭ گۈللىنىشىگە زۆرۈر بولىدىغان ئەمگەك كۈچلىرى ئۆز رولىنى نىسبەتەن جارى قىلدۇردى، شۇنداقلا ئۇلار يېڭى ساھە، يېڭى ئېھتىياج ئالدىدا ئېڭىنى، سەۋىيىسىنى يۈكسەلدۈرۈشكە توغرا كېلىپ قالاق، قاتمال قىممەت قارىشىنى مەلۇم مەنىدە ئۆزگەرتتى. گەرچە ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشى ئىستىخىيىلىك ھالدا توختاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بەرىبىر بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ يۈكسىلىش ھېسابلىنىدۇ. ئۆز يېزىسىغا مەھكۇم بولۇپ، نوقۇل دېھقانچىلىققا يۆلىنىپ قالغان بىر دېھقانغا قارىغاندا، لەنجۇ، گۇاڭجۇلارغا كىرىپ كاۋاپچىلىق قىلغان دېھقاننىڭ ئېڭى بىرقەدەر يۈكسەلگەن بولىدۇ. لېكىن بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بىر دېھقاننىڭ تىجارەت قىلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ يەر - مۈلۈكلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل تاشلىۋېتىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھەر قانداق زور بايلىق زېمىن بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ، زېمىندىن ئايرىلغان ھالدىكى بايلىق ئۆز كۈچىدىن مەھرۇم قالىدۇ. ۋەتەننى ئارقا كۆرۈنۈش قىلمىغان بايلىق بەرىكەت تاپمايدۇ. خەلقىمىز تىجارەت قىلدىم دەپ پاك - ھالال ئەقىدىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە ئاخىر ئۈزۈل - كېسىل بەربات بولغان پەرزەنتلەرنى ئاز كۆرمىدى. ئۇلار ئۆز خەلقى ۋە ئاتا - ئانىسىغا ئەسقېتىش تۈگۈل، ئۇلارنىڭ باغرىنى خۇن قىلدى.

ھېكمەت:

ئەقىدە بىلمىگەن شەيتانغا ئەلدۇر،
ئەگەر مىڭ يىل ئىبادەت قىلسا يەلدۇر.

بىر ئىشنى قىلىشتا مۇددىئا ئايدىڭ بولۇشى كېرەك، شۇنداقلا ھالال - توغرا بولۇشى كېرەك. ھايۋاندا ئەقىدە بولمىغاچقا، ئۇنىڭ چاكارلىقىدىن ئۆزگە ئەۋلادى ئۈچۈن ھېچبىر نىشان قالمىدى. ئېشەكنى ھەجگە ئېلىپ بارسا، ئېشەك پېتى قايتىپ كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزى بارغان ئەمەس، بەلكى ئاپىرىلغان. ئادىمىي ھايۋان ئۈچۈن ئەقىدىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەقىدە پەقەت ئۆزىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى، نەدىن كېلىپ نەگە كېتىدىغانلىقىنى تونۇغان، ئىش - ھەرىكىتىنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلگەن ئادەمگە قارىتا ئېيتىلىدۇ.

‹2› يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇسۇلىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى. ئالدى بىلەن ئەنەنىۋى خۇسۇسىي ئىگىلىك كوللېكتىۋىزمچە ئۇسۇلغا ئۆتتى، ئاخىرىدا ھۆددىگەرلىك شەكلىدىكى پىلانلىق ئىگىلىككە كۆچتى. ۋاسىتە جەھەتتە ئەسلىدىكى كالا، ئات، ئېشەكلەرنىڭ ئورنىنى قىسمەن ھالدا تراكتور ئىگىلىدى، جۇۋازنىڭ ئورنىنى ماي زاۋۇتى ياكى كېلىشىم باھالىق ئاشلىق - ماي دۇكانلىرى ئىگىلىدى. ئەسلىدىكى تۈگمەننىڭ ئورنىنى ئۇن زاۋۇتلىرى ئىگىلىدى. يېزىلارغا ئېلېكتر يېتىپ باردى. ئىشلەپچىقىرىش جەريانلىرى بۇرۇنقىغا نىسبەتەن بىرقەدەر قۇلايلاشتى. ئۈنۈمىمۇ يامان ئەمەس بولدى. خىمىيىۋى ئوغۇت، سۇلياۋ يوپۇق قاتارلىقلار مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېزىلارغا كەڭ تارقىتىلدى. بىراق بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى، دېھقانچىلىق ئەسلىھەلىرىگە كېتىدىغان چىقىمنىڭ زورىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

يەرلىك دېھقانلار ھايۋان كۈچىدىن پايدىلىنىشتىن ماشىنا ئىشلىتىشكە، ھەتتا بىر قىسىملىرى ئىلمىي باغۋەنچىلىك، ئىلمىي دېھقانچىلىققا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ سەۋىيىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى يەنىلا كېڭىيىپ كېتەلمىدى. دېھقانچىلىق ۋاسىتىلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېزا ئىگىلىكىگە كېتىدىغان مەنقۇلاتلارنىڭ چىقىمى كىرىم بىلەن پەرقلەنمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ كېلىپ چىقتى. ئەگەر دېھقاننىڭ ۋاقتى بىلەن جىسمانىي كۈچىنى سېلىشتۇرما قاتارىدا ھېسابلاشقا توغرا كەلسە، ئۇ چاغدا دېھقان ئۆز مېھنىتىدىن نەپكە ئېرىشمىگەن بولىدۇ.

ئادەتتە، ئىقتىسادشۇناسلار تاپقان كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى يېمەكلىك ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئائىلىنى نامرات ھېسابلايدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا 360 كۈن دېگۈدەك قورساق ئۈچۈنلا ئىشلەيدىغان دېھقانلار قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ؟ بۇنى بىز ئىقتىساد خادىملىرىنىڭ جاۋاب بېرىشىگە قالدۇرىمىز.

يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىدا مەلۇم دەرىجىدە ماشىنىلىشىش بولدى. بۇ، ھايۋان كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قاششاق ھالەتنىڭ تۈگىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە، ئۇ بۈگۈنكى يېزىلار قىياپىتىدىن يەنىلا ئېنىق كۆزگە چېلىقىدۇ. ئىقتىسادى بىرقەدەر ياخشى ئائىلىلەر بىر قىسىم ماشىنا - سايمانغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، يېزا ئىگىلىكى ماھىيەت جەھەتتىن ئەنەنىۋى تۈستە تۇرۇۋەردى. ھۆل - يېغىن، تەبىئىي دەريا - ئېقىنلارغا تايىنىپ سۇغۇرۇش ئېلىپ بېرىش، يەرگە باغلىنىش، ئىگىلىك شەكىللىرىنىڭ كۆپەيمەسلىكى ئەنە شۇ ئەنەنىۋى ئىگىلىكنىڭ ئاساسلىق تەسۋىرىدۇر. يەرلىك ئورۇننىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلانغان ئادەتتىكى سانائەتلەرمۇ بولمىغاچقا، ئەسلىدە بار بولغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك زاماننىڭ شاللىشىغا دۇچ كەلدى. نەتىجىدە، دېھقانلار تۈرلۈك ئۆي سايمانلىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئېرىشىش جەھەتتە نوقۇل ئىستېمالچى ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

نوقۇل يەرگە باغلىنىش، بىر تۇتاش پىلانلانغان مەھسۇلات ئۈچۈن ئىشلەش بۈگۈنكى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىسى. بۇنداق ھالەت ئۇزاق ئۆتمۈشتىن بۇيانقى ئادەت كۈچلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ تاشلىيالمىدى. ئادەتتە، ئادەت كۈچىنىڭ ئىككى خىل رولى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، ئەنەنىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەنە بىرى، جانلىق، ئىجادىي ماسلىشىشقا توسالغۇ بولۇش. بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان ئادەت كۈچى بېكىنمە رايون كىشىلىرىدە بولىدىغان خاراكتېر جاھىللىقى، كاللا ئىشلىتىش جەھەتتىكى قاتماللىق، تەۋەككۈلچىلىك روھىنىڭ يوق بولۇشى، تەشكىللىنىش، تەتبىقلاش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بولۇشى، ياقا يۇرتلارغا ئىنتىلىشنىڭ سۇس بولۇشى قاتارلىق ئالامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئىجادكار خەلق ئېچىۋېتىلگەن جەمىيەت، ئېچىۋېتىلگەن سىستېمىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەتكى، ئادەم ئۆزىدىكى قابىلىيەتنى ئىجتىمائىي مۇھىتقا يارىشا جارى قىلدۇرىدۇ.

ئامېرىكا ئىقتىسادشۇناسى سامولسېن ۋە نودخوسلار مۇنداق قارايدۇ: «نۇرغۇن نامرات كىشىلەر تەربىيە كۆرمىگەن بولىدۇ، ئۇلار ئىقتىسادى توختاپ قالغان دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ياشايدۇ ياكى شەھەرلەردىكى نامراتلار رايونىدا يېگانە ھالدا تۇرۇپ قالغان»
(«ئىقتىساد ئىلمى»، جۇڭگو تەرەققىيات نەشرىياتى، 21 - نەشرى).

نامراتلىق كىشىنىڭ مائارىپتىكى سۈپىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ، مائارىپ جەھەتتىكى سۈپەتسىزلىك نامراتلىقنى نەچچە ھەسسە قاتلايدۇ، بۇ ئاخىر بېرىپ جەمىيەتتىكى ئىشسىزلىق ۋە ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ.

‹3› سودا - سېتىق بۇرۇنقىغا نىسبەتەن كۆپ جانلاندى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت شەخسكە نېمە يېيىش، نېمە ئويلاش، نەدە تۇرۇشنى ئېيتىپ بېرىدىغان ۋەزىيەت شەخسلەر ناھىيىلەر ئارا، ۋىلايەت - ئوبلاستلار ئارا سودا قىلىدىغان، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە بېرىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسىمۇ بولىدىغان ۋەزىيەتكە ئۆزگەردى. يېڭى جۇڭگو تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ ئەۋزەل ۋەزىيەت 80 - يىللار ۋە 90 - يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خېلى ئوبدان جانلاندى. 70 - يىللاردا بىر قاپ سەرەڭگە تېپىشمۇ بەسىي مۈشكۈل ئىدى. كىشىلەر ھازىر زۆرۈر بولغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشىكى ئالدىدىكى بوتكا ياكى ماگىزىنلاردىن بىمالال سېتىۋالالايدىغان بولدى. يەرلىك خەلق باغۋارانلىرى ۋە ئېتىزلىرىدىن چىققان بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنى ساتمايتتى. تارىختىكى يىپەك يوللىرىنى ئېچىپ ھىندىستان، چاڭەن، ئىراق، ئىران، يۇنانلارغا بېرىپ سودا قىلغان، جاھاندا سودىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆزگە ئەللەرگە تونۇتقان بۇ خەلق بىر مەزگىللىك بېكىنمە تارىختىن كېيىن گاڭگىراش ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى، چۈنكى بۇ خەلق بازارغا بىر نەرسە ئېلىپ چىقىپ سېتىش جىنايەت ھېسابلىنىدىغان غەلىتە دەۋرلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، بۇ ھەقتە بىھېساب ئاچچىق ساۋاقلارنى باشتىن كەچۈردى. تەئەججۈپكى، ئاشۇ رېئاللىقنى ھازىرقى رېئاللىق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، زامان ئەلپازىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ نەقەدەر مەنتىقىسىز بولىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. مانا ھازىر بازار دېگەن ئۇقۇم كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئەسەبىيلىك دەرىجىگە يەتتى، گويا ھەممە ئادەم «سودىگەر» بولدى. كىشىلەر ئۆز ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىنساننىڭ ئىززىتى دائىرىسىگە كىرىدىغان ۋۇجۇد بايلىقلىرىنىمۇ بازارغا يۈزلەندۈردى. كېلىشكەن بەدەن، دىلرەبا كۆز، ئوتقاشتەك لەۋلەر مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىلېمېنتلىرىغا ئايلاندى.

بۇ جەرياندا شۇنداق بىر ئاقىۋەت يۈز بەردىكى، بازارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى بىلەن ئەنەنىۋى ئەخلاق ئوتتۇرىسىدا زور بىر ھاڭ پەيدا بولدى. جۈملىدىن، ھازىرقى بازار يەرلىك مىللەتلەرنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن يىراق بىر ئارىلىقنى شەكىللەندۈردىكى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى روشەن ھالدا ئىلگىرى سۈردى.

شۇنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، بۇ يەردىكى سودا بىر بولسا خام ئەشيا سودىسى، بىر بولسا تەييار مەھسۇلاتلارنى يۆتكەپ سېتىش سودىسىدىن ئىبارەت بولغاچقا، كىشىلەرگە قويۇلىدىغان مەدەنىيەت، كەسىپ جەھەتلەردىكى سەۋىيە تەلىپى چوڭ بولمايدۇ. شۇڭلاشقا كىشىلىرىمىزنىڭ ئىلكىدە پۇل كۆپەيسىمۇ، ئۇلارنىڭ سودا ھەققىدە ھاسىل قىلغان بىلىملىرى تەسىراتلار يىغىندىسىدىن ئىبارەت بولدى. ئۇلاردا سودا ۋەزىيىتىنىڭ ئىچكى - تاشقى ئامىللىرىنى بىلىشكە قىزىقىشتەك ئىستىخىيىلىك ئاڭ مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى تەھلىل قىلىپ، ئۆز پايدىسى ئۈچۈن پايدىلىق پۇرسەتنى ئاڭلىق ھالدا يارىتىش، قولىدىكى پۇللارنى كاپىتالغا ئايلاندۇرۇپ مۇلازىمەت، كەسىپ، تىجارەتنىڭ يېڭى، زامانىۋى تۈرلىرىنى بەرپا قىلىش، سالمىقى چوڭ بولغان كارخانا - زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، ئىلمىي باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگەن سۈپەتلىك ئادەملەرنى تەربىيىلەش، ئۆز يۇرتىغا مەدەنىيەت، بىلىم كىرگۈزۈش، ئىلغار تىپتىكى تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈش قاتارلىق تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا تۈپ سەۋەب بولمىغاندىمۇ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ ياخشى تەربىيە كۆرمىگەنلىكى، يەنە بىرى، ئۇلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تەربىيىلەپ، بىلىم سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىدىن ئىبارەت.

كىشىلەر يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى مۇسابايوفلار جەمەتىنى ئەسلىسە شۇنى بايقايدۇكى، ئۇلار ھەم سودا قىلغان، ھەم مۇتەخەسسىسلەرنى يۇرتقا تەكلىپ قىلغان، ھەم ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ زاۋۇت قۇرۇپ، كېرەكلىك بۇيۇملارنى بىۋاسىتە ئۆزى ئىشلەپچىقارغان، بىر بۆلۈك ئادەملەرنى ئاشۇ ساھەلەر بويىچە تەربىيىلىگەن. مانا بۇ قۇرۇق نەزەرىيىلەر، ۋەز - نەسىھەتلەردىن تۈزۈلگەن دەرسلىكلەرگە قارىغاندا ئەڭ ئەمەلىي، ھاياتىي كۈچى ئەڭ زور بولغان ھەقىقىي مائارىپ! يەنە شۇنى ئەسلەش كېرەككى، ئۇلار يۇقىرىقىلارنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، يېڭى مەكتەپلەرنى ئېچىپ سۈپەتلىك كىشىلەرنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان، ھەتتا دەرسلىك قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنىنىمۇ زامانغا لايىق ئورۇنلاشتۇرغان. مانا بۇ مەكتەپ، جەمىيەت ۋە زامان بىر گەۋدىلەشكەن تىرىك مائارىپ! بۇ ئەھۋاللار ئۆز زامانىسىدىكى كىشىلەرنىڭ روھىغا ۋە ساپاسىغا مۆلچەرلىگۈسىز ئاكتىپ تەسىرلەرنى بەرگەنكى، ئاشۇ خىل ئىلغارلىق تەسىرىدىكى ياراملىق ئادەملەر بىزنىڭ دەۋرىمىزگە قەدەر كۈچ بېرىپ كەلگەن.

كىشىلەر يەھۇدىيلارنىڭ بايلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا شۇنچە قايىل. بىزدە يەھۇدىيلارنىڭ سودا سەنئىتى، سۆھبەت سەنىتىگە دائىر بەزى كىتابلارمۇ نەشر قىلىندى. ئۇلار سودىدا نېمە ئۈچۈن شۇنچە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازاندى؟ بۇ يەردە ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ مۇلاھىزىسىگە ئەگىشىپ چارچاپ كەتكەن مېڭىسىگە كىچىككىنە ئارام بېرىش ئۈچۈن يەھۇدىيلاردىكى بىر رىۋايەتنى تەنەپپۇسلۇق سوۋغا سۈپىتىدە ئېيتىپ بېرىشنى لايىق تاپتىم. لېكىن ئوقۇرمەنلىرىمىزدە ئاز - تولا تەھلىل بولۇشى كېرەك. شۇنىڭدىلا ھېكمەت تاپالايدۇ. يەھۇدىيلاردىن ئۆگىنىش يەھۇدىي بولۇپ كېتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. كىشىدە ئۆز ۋەتىنى، ئۆز خەلقىگە لايىق توغرا ئەقىدە بولغاندىلا، ئاندىن يات ئەقىدىلەرگە ئەگىشىپ كەتمەيدۇ. بەلكى يات ئەقىدىلەردىن تېگىشلىك ۋاسىتە ۋە تاكتىكا قوبۇل قىلالايدۇ.

مەزكۇر رىۋايەت مۇنداق:

«بىر ئېسىلزادە يىراق بىر ئەلنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. ئۇ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن 10 نەپەر خىزمەتكارىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ھەر بىرىگە بىردىن يامبۇ بېرىپ مۇنداق تاپىلاپتۇ:

- سىلەر بېرىپ سودا قىلىڭلار، مەن قايتقاندىن كېيىن ئاندىن كېلىڭلار.
بۇ ئېسىلزادە تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ.
ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بوپتۇ. دەرۋەقە، ئۇ ھېلىقى ئەلگە ئىگە بوپتۇ. ئۇ، غەلىبە - نۇسرەت بىلەن قايتىپتۇ. ئۇ، يامبۇ تارقىتىپ بېرىلگەن 10 خىزمەتكارىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلاردىن سودىدا قانچىلىك پۇل تاپقانلىقىنى سوراپتۇ.

بىرىنچىسى كېلىپ مۇنداق دەپتۇ:
- ئى خوجايىن، سىز ماڭا بەرگەن بىر يامبۇنى 10 قىلدىم.
- ياخشى، ئاق كۆڭۈل خىزمەتچىم،- دەپ ئۇنى ماختاپتۇ خوجايىن، - ئەڭ كىچىك ئىشتىمۇ ساداقەتمەنلىك كۆرسەتكەچكە، مەن ساڭا 10 شەھەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەردىم.

ئىككىنچىسى كېلىپ مۇنداق دەپتۇ:
- ئى خوجايىن، سىز ماڭا تاپشۇرغان بىر يامبۇنى بەش قىلدىم.
- بۇمۇ ياخشى،- دەپتۇ خوجايىن،- سەن بەش شەھەرنى باشقۇرساڭ بولىدۇ.

يەنە بىرسى كېلىپ مۇنداق دەپتۇ:
- ئى خوجايىن، مانا قاراڭ، سىز بەرگەن بىر يامبۇ مەيەردە، تېخى تەگمىدىم! قورقۇپ سىرتقا ئېلىپ چىقالماي، ياغلىقىمغا تۈگۈپ ساقلاپ كەلدىم. مەن سىزدىن قورقاتتىم، چۈنكى سىز قالتىس يامان ئادەم، قويمىغان نەرسىنىمۇ ئالىسىز، تېرىمىغاننىمۇ يىغىسىز...
خوجايىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئۆڭۈپ - تاتىرىپ ئۇنى ئەيىبلەپ كېتىپتۇ:
- ھوي ئوسال مالاي، ئاغزىڭدىن چىققان گېپىڭگە يارىشا ئەدىپىڭنى بېرىمەن! سەن مېنىڭ قالتىس يامان ئادەم ئىكەنلىكىمنى، قويمىغان نەرسىنىمۇ ئالىدىغان، تېرىمىغان نەرسىنىمۇ يىغىدىغانلىقىمنى بىلگەندىكىن، نېمىشقا يامبۇنى بانكىغا قويۇپ، مەن قايتىپ كەلگەن چاغدا ئۆزىنى ۋە ئۆسۈمىنى ئەكەلمەيسەن؟

ئۇ، شۇ گەپلەرنى قىلىپ يېنىدا ئۆرە تۇرغان بىرەيلەنگە دەپتۇ:
- ئۇنىڭدىن ئاۋۇ بىر يامبۇنى ئېلىپ، بىرنى 10 قىلغان خىزمەتكارغا بەرگىن.
- خوجايىن- دەپتۇ يېنىدا تۇرغان ئادەم،- ئۇ، 10 يامبۇ پايدا تاپتىغۇ؟
- مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى،- دەپتۇ خوجايىن،- پايدا ئالالمىغانلارنىڭكىنى ئۇنىڭدا بارلىرى بىلەن قوشۇپ تارتىۋېلىش كېرەك. پايدا تاپقانلارغا بولسا قوشۇپ بېرىش ۋە ئۇنى ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللاندۇرۇش كېرەك».

بۇ بىر ھېكايە. بىراق ئۇنىڭدىن بىر دۆلەتنىڭ مالىيە لوگىكىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. دۇنيادا پۇلدىنمۇ مۇھىم نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئەستە تۇتقان ھالدا تىجارەت قىلىش كىشىنى پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرمايدۇ، بەلكى پۇلنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرىدۇ. چۈنكى ھاياتتا پۇل كېرەككە كەلمەيدىغان چاغلار كېرەككە كېلىدىغان چاغلاردىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن. پۇل تېپىشتىكى غايە ۋە مەقسەتنى توغرا ھەل قىلالمىغان ئادەم مەڭگۈلۈك نامراتلىققا مىخلانغان بولىدۇ. ھېكايىدىن مەلۇمكى، ھاكىمىيەت پۇل تېپىشنىڭ ئېپى بىلەن ساخاۋەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەنگەنلەرگە، شۇنداقلا قانداق تەشكىللەشنى بىلگەنلەرگە مەنسۇپ.

بۇ يەرگە كەلگەندە كىشىلەرنىڭ سەمىگە مۇھەممەد باھاۋىدىن نەقىشبەندى (1388 - يىلى ۋاپات بولغان)نىڭ: «دىلىڭ ئىماندا بولسۇن، قولۇڭ ئىشتا(بولسۇن)» دېگەن سۆزىنى سېلىپ ئۆتۈش ئارتۇقچە بولماس.

‹4› تېلېۋىزور بۇ يەرنىڭ كىشىلىرىگە سىرتقى دۇنيانىڭ ماددىي كۆرۈنۈشلىرى، شەكىل - فورمىلىرى، ياشاش تەرىزلىرىنى ھېسسىي رەۋىشتە تونۇشتۇردى، بولۇپمۇ سىملىق تېلېۋىزىيىنىڭ پەيدا بولۇشى چەت ئەل تۇرمۇشىنىڭ رېجىسسورلار نەزەرىدىكى ئۆزگەرتىلگەن، پىششىقلانغان ياكى بۇرمىلانغان ۋارىيانتىنى كۆپلەپ يۈز كۆرۈشتۈردى. ئارقىدىنلا سىنقويغۇ، سىنالغۇ ئاپپاراتلىرىنىڭ تارىلىشى، چد، ۋچد، لد پلاستىنكىلىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى غەربچە مۇھەببەت شەكلى، تۇرمۇش شەكلى، غەربچە مۇناسىۋەت شەكلى، غەربچە قائىدە - يوسۇنلارغا تولدۇرۋەتتى ۋە ياشلارنىڭ ئېڭى، قىممەت قارىشىنى تېز ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. نەتىجىدە، بىر ئائىلىدە ئاتا - ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاقىي نىزامدا سۈركىلىش پەيدا بولۇپ، ئاتا - ئانا ۋە بالا ھەمجەھەتلىكى ئۈستىگە قۇرۇلغان مىللىي ئەخلاق ئەنەنىسى قاتتىق خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئائىلە تەربىيىسى (شەھەرلەردىكى مىللىي ئائىلىلەردە ئائىلە تەربىيىسى دېگەن نەرسە بارغانسېرى يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالدى). مەكتەپ تەربىيىسى قاتارلىقلار جەمىيەتتىكى چېرىكلىكلەرنىڭ تەسىرى ئالدىدا ئۈنۈم بەرمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئەنەنىۋى ئائىلە قۇرۇلمىسى دەۋرنىڭ قارا دولقۇنلىرى ئىچىدە قالدى. يىگىتلەر نىكاھقا كەلگەندە قىزلىق ئىپپەتكە قاتتىق دىققەت قىلىشتىن سەل قاراشقا ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلىق ئىپپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنىڭ تىجارەت شەكلى سۈپىتىدە ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىپپەتكە قويۇلىدىغان نازۇك تەلەپنى مۈجىمەللەشتۈرۈۋەتتى. خروئىن بىلەن ئەيدىز كېسىلى ئائىلىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشى ۋە مۈلكى ئاساسىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى. ھاراق كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى، ۋاقتى ۋە سالامەتلىكىنى خورىتىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك چىرىتكۈچكە ئايلاندى.

بىز ھازىر كىيىم - كېچەك فورمىلىرى جەھەتتە دۇنياغا يۈزلەندۇق. غەربچە تۇرمۇشقا ياتىدىغان يېڭى يىل بايرىمى، تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسى شەھەرلىك كىشىلىرىمىزگە ئۆزلەشتى. چاچلىرىنى ئالتۇن رەڭگىدە بويىغان، مادۇننانىڭ سىياقىدا كىيىنىۋالغان قىزلار، ھىلتونكەنت ماركىلىق سىگارتلارنى چېكىپ، ۋېسكى، براندىلارنى ئىچىپ يۈرىدىغان يىگىتلەرمۇ بىزدە كۇرمىڭ. ئەلۋەتتە، ياغلىق ۋە روماللارغا چۆمكىلىپ يۈرىدىغان قىز - ئاياللىرىمىزمۇ بار. رەستىلەردە غەربچە مۇلازىمەت قىلىدىغان رېستۇرانلار بىلەن كىچىك ئاشپۇزۇللار گىرەلىشىپ كەتكەن. رېستۇرانلاردا ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل بىلەن تانسا - دېسكولار بىرلىشىپ كەتكەن. ناخشا - ئۇسسۇللىرىمىزدىمۇ نۇرغۇن ئىقلىملارنى دوراپ، مىللىي مېلودىيىلىرىمىزنىمۇ ئەبجەش بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدۇق.

قارىغاندا، بىز خەۋەر تاپقانلىكى دائىرىدە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئىمپورت قىپتۇق. بىز ھازىر يەر شارىدىكى ھەر قانداق مۇراسىم قائىدىلىرى، يەپ - ئىچىش ئۇسسۇللىرىنى ئۆزىمىزگە مۇجەسسەم قىلىپ، شەنبە - يەكشەنبىلىرىمىزدە، ھەتتا ھەپتە ئارىلىقلىرىدىكى ئاخشاملاردىمۇ خالىغانچە سورۇن تۈزۈدىغان، توي ۋە چايغا ئالدىراپ مېڭىشقان كىشىلەر كوچىلاردا بىر - بىرىمىزگە تەكرار دوقۇرۇشۇپ قالىدىغان بوپقالدۇق. كەچلەردە بالىلار بىلەن بىللە بولۇپ ئاتا - ئانىنىڭ تەربىيىسىنى سىڭدۈرۈشتىن ئىبارەت ئەۋلاد قوغداش ئىشىغا سەل قارايمىزكى، بىرەر قېتىملىق ئولتۇرۇشتىن قېلىشقا كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەلبى دۇنيادىكى ئۆرپ - ئادەتلەر ۋە مۇراسىملارنىڭ مۇزېيىغا ياكى ئەخلەتخانىسىغا ئايلاندى. بىز ھاراق ئىچتۇق، بىراق ھاراق ئىشلەيدىغان تېخنىكىغا قىزىقمىدۇق؛ تېلېۋىزور، توڭلاتقۇلارنى ئىستېمال قىلدۇق، ئەمما ئۇنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆگەنمىدۇق. غەربچە كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، قائىدە - يوسۇنلارنى ئەكىردۇق، بىراق ئۇلارنىڭ ئىجادچان روھىنى ئەكىرمىدۇق. خروئىن ۋە ئەيدىز كېسىلىنى ئەكىردۇق، بىراق بەدەن ۋە روھنى تاۋلاپ غالىبلار قوشۇنىنى تۇغۇدىغان رىقابەت ۋىجدانىنى ئەكىرمىدۇق. دېمەك، بىز مەدەنىيەتنىڭ شەكلەن ھادىسىلىرىگە قىزىقىپ، ئۇنىڭ مېغىزى ۋە ماھىيىتىگە يەتمىدۇق. شۇڭلاشقا بىزدە غەربچە ئىستېمالغا ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، ئىچى قۇرۇق ئادەملەر ساماندەك (كەچۈرۈڭلار، سامانمۇ ئۇنچىۋالا ئەرزان ئەمەس). بىزدىكى نۇرغۇن ھاللىق كىشىلەر چاچلىرىنى 20 - ئەسىرنىڭ زامانىۋى پاسونىدا ياسىتىپ يۈرسىمۇ، كاللىسىدا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ ئېڭىمۇ يوق. زامانىۋى چاچ پاسون كونا زامانغا مەنسۇپ پىكىر شەكلى... مانا بۇلارنىڭ بىرلىكى بىزدىكى ئاچچىق كومېدىيىلىك قىسمەتنىڭ ماددىي تەسۋىرى.

‹5› پۈتكۈل 20 - ئەسىر بۇ ئىقلىمنىڭ زىيالىيلىرى ئۈچۈن پەۋقۇلاددە سۈپەتتىكى يىللار بولدى. بۇ سۈپەتنى قانداق يورۇتۇپ بېرىش ناھايىتى تەس. «زىيالىيلارنىڭ بۇرچى - ئىنسانىيەت ئۈچۈن يول ئېچىش، نادانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، خەۋپ - خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ روھ ئارقىلىق تىنىمسىز كۈرەش قىلىشتۇر. جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدا بۇنداق زىيالىيلارنى چىقمىدى دېگىلى بولمايدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ كۈن كەچۈرۈشى تولىمۇ قىيىن بولغان».
لى مېڭ ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزى بىزنىڭ 20 - ئەسىردىكى مۇھىتىمىزغىمۇ تازا ماس كېلىدۇ.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ، پەن - مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تىنچلىقنىڭ مۇساپىسى باشلاندى. بىراق جۇڭگودا تاكى پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىغا قەدەر مۇقىم تىنچلىق بولمىدى. بۇ ئارىدا تۈرلۈك ئىنقىلابلار ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇردى، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» يۈز بەردى. نەتىجىدە، جۇڭگو خەلقى مىللىي تەرەققىياتقا كېرەكلىك نۇرغۇ مۇنەۋۋەر زىيالىيلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. رايونىمىزنى ئالساق، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يىللار يول ئېچىش تالانتىغا ئىگە پىكىرلىك ئەزىمەتلەرنى دەپنە قىلىش يىللىرىدىن ئىبارەت بولدى.

3- ئومۇمىي يىغىندىن كېيىنكى 20 يىل مابەينىدە مائارىپ جانلىنىش باسقۇچىغا كىردى. مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، ئەدەبىيات - سەنەت، نەشرىيات ئىشلىرى يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە گۈللەپ - ياشنىدى. زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ سالمىقى زامان ئېھتىياجىغا يارىشا تەدرىجىي ئاشتى. بۇ مەنزىرە ئەلۋەتتە، بۇرۇن تۈزۈك خاتىرجەملىك كۆرۈپ باقمىغان خەلقنى كۆپ خۇرسەن قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق گۈللىنىشتە ئەدىبلەر ۋە سەنەتچىلەر قوشۇنىنىڭ سالمىقى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. مۇئەييەن بىر تارىخىي دەۋرنى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان زور ھەجىملىك رومانلار بارلىققا كەلدى. ئالىي مەكتەپلەردە، ئاكادېمىيىلەردە ئەدەبىيات - سەنەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچىلار قوشۇنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تىل - ئەدەبىيات كەسىپلىرى بويىچە دوكتور تەربىيىلەش ئورنى ۋۇجۇدقا كېلىپ ئىش باشلىدى. بىز كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان ئاشۇ يۈزلىنىشلەر بىلەن ئۈمىدكە تولغان ھالدا 21 - ئەسىرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ قالدۇق.

ۋەھالەنكى، 21 - ئەسىردە قانداق ئەسىر بولىدۇ؟
ئىنسانلار 21 - ئەسىردە نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
قانداق ياشايدۇ؟
دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ تەرتىپ يۆنىلىشىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟
خەلقارا قۇرۇلمىنىڭ ئىسلاھاتى قايسى خىل قىممەت قارىشىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ؟
ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى قانداق خاراكتېر ئالىدۇ؟
ئىنسانىيەت نېمىلەرگە دۇچ كېلىدۇ؟
نۆۋەتتىكى تەرەققىياتتا بىز قايسى خىل ئورۇنغا ئېرىشىمىز؟

مانا بۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ ئاشۇ ئۈمىدۋار زىيالىيلىرىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا. غەربنىڭ تۇيغۇن زىيالىيلىرى بۇ مەسىلىلەرنى خەلقارا سەۋىيىدە قىياس قىلىپ بولدى، بىزگە بولسا پەقەت ئاشۇ مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىشنىڭ ئۆزىلا قالدى.

داۋامى تۆۋەندىكى مەنزىلدە بار
http://ketmenbay.blogspot.com/2009/01/esir-axiridiki-oylar3.html
ـــــــــــــــــــــ

没有评论:

发表评论

发表评论