2009年4月13日星期一

1998-yil: Yazghuchi xosé saramago(José Saramago)



يازغۇچى خوسې ساراماگو


1998-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خوسې ساراماگو


خۇسې ساراماگو (José Saramago) داڭق چىقىرىپ پورتۇگالىيىنىڭ بۈگۈنكى ئەدەببىيات مۇنبىرىدە كىشىلەر ئەڭ چۇقۇنىدىغان يازغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوبزورچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا نائىل بولدى. مانا بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ پورتۇگالىيەدە بۇ ئالاھىدە شان-شەرەپكە ئېرىشكەن تۈنجى ۋە بىردىنبىر شەخىس بۇلۇپ قالدى ھەم پورتۇگال تىلىنى قوللىنىدىغان ئەللەر ئەزەلدىن ئېرىشىپ باقمىغان بۈيۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ساراماگو 1922-يىلى 16-نويابىر پورتۇگالىيەنىڭ رىباتور ئۆلكىسى گوللىگال رايۇنى ئاچىنىيە بازىرىدا نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇنىڭ دادىسى دېھقان بۇلۇپ، ئۇ ئىلگىرى بىر مەزگىل يېزىدا تۇرغان، كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە لىسابون شەھىرىگە كۈچۈپ كەلگەن، ئائىلە قىيىنچىلىقى تۇپەيلىدىن 17 يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتمەيلا خىزمەتكە قاتناشقان ۋە سۇۋاركا ماشىنىسى سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان.
1947-يىلى تۇنجى ھىكايىسى «گۇناھكار زىمىن» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ بىر كىچىك ئەدەبى ژورنالنىڭ تەھرىلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان.
1960-يىلى كۆل نەشرىياتىغا كىرىپ، پورتۇگالىيەدىكى مەشھۇر يازغۇچىلار بىلەن تۇنۇشقان. ۋۇجۇدىدىن تەبىئى تالانت ئۇرغۇپ تۇردىغان ساراماگو 1966-يىلى «ئېمكان نەزمىلىرى» دىگەن تۇنجى شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرغان.
1968-يىلىدىن باشلاپ «پايتەخت گېزىتى»، «لىسابون گېزىتى»قاتارلىق گېزىتلارنىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى بۇلۇپ تونۇلۇشقا باشلىغان.
1976-يىلىدىن باشلاپ، پورتوگالىيەدىكى كەسپى يازغۇچىلار قاتاردىن ئورۇن ئالغان،
1995-يىلى «خىرىستوس ئىيساننىڭ نەزىرىدىكى ئىنجىل» دىگەن روماننى نەشىر قىلىپ، بەس-مۇنازىرە قوزغىغان.
1980-يىلى يورۇقلىققا چىققان «زىمىندا قەد كۆتۈرۈش» رومانى ساماراگونىڭ تۇنجى قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ (شۇ يىلى لېسابون شەھەرىدە مۇكاپاتلانغان). ئۇچاغدا ئۇ 58 ياشتا ئىدى.
ئىككى يىلدىن كېيىن، ساراماگونىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسىرى «مۇناستىر خاتىرلىرى» نەشىر قىلىنىپ، كىتاپخانلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ۋە ئوبزورچىلارنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا مۇيەسسەر بولغان.
ساراماگو شۇنىڭدىن ئىتىبارەن داڭق چىقىرىپ، ئارقا-ئارقىدىن ئالتە رومان يازغان ۋە ھەر بىر رومانى زىل زىلە قوزغىغان.
1996-يىلى ئۇ شەرەب بىلەن بىرازىلىيە پىرىزدېنتىنىڭ قولىدىن 1995-يىللىق پورتاگال تىلى ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ ئالى مۇكاپات كاموس ئەدەبىيات مۇكاپىتىنى تاپشۇرۋالغان.
1998-يىلى سىياسى ماقال تەمسىلگە ئوخشاپ كېتىدىغان «قارغۇلۇق» ناملىق ئەسىرى بىلەن «ھىسداشلىق، تەئەججۈپ ۋە تەنىگە باي، ماقال-تەمسىللەرنى ئىز بېسىپ داۋاملاشتۇرغان تەسەۋۋۇر كۈچى بىلەن بىزنىڭ رەھىمسىز رىياللىقنى تونۇشىمىزغا ئىمكانىيەت ياراتقانلىقى ئۈچۈن» 1998-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ساراماگو بىر ئاتىست، سولچى، زولانىڭ تەۋرەنمەس قوللىغۇچىسى، شۇنداقلا قىزغىن ئىنسان باراۋەرلىكى تەشەببۇسچىسى، ئۇ دائىم گەپنى ئۇدۇللا قىلغاچقا، ئەتراپىدىكى كىشلەرنى رەنجىتىپمۇ قويىدۇ.
ئۇ دوستلىرىغا ،«مەن دائىم شەيئىلەرگە گۇمانى نەزەر بىلەن قارايمەن، تۇغۇلۇشىمدىنلا ناھايىتى مۇتەئەسسىپ، ھەممىلا يەردە ۋارقىراپ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى، كۆرگەنلا ئادەم بىلەن ئاپپاق - چاپپاق بولۇپ كىتىشنى بىلمەيمەن» دەيدۇ.
ئۇ ئىسپانىيىنىڭ كانارى ئارىلىدىكى ئۆيىدە مۇخبىرنىڭ تېلپۇن زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ:
«ئەمدى يەنە نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى توغرىسىدا سۆزلەۋەرمەيلى، مەن يېزىقچىلىقنىلا بىلىمەن».
خوسې ساراماگو بۇ يىلى87 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ، يەنە قەرەلىك ھالدا گېزېت ۋە رادىيولاردا ئەسەر ئېلان قىلىپ، ئىجتىھات بىلەن يېزىقچىلىق قىلۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىدىكى ئۆزگىچە قاراشلارنى قېرىنداشلىرىغا بولغان كۆيۈنۈش ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن دەپ شەرھىلەيدۇ.

**************************************

没有评论:

发表评论

发表评论