2009年4月21日星期二

Amérika zungtungliri heqqide hikayiler(1)



ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى ھەققىدە ھىكايىلەر (1)


«ئادامس يېرىم كېچىدە تەيىنلىگەن سودىيلەر»

1789-يىلى ۋاشىنگتون ئامېرىكىنىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى نيۇيوركتا قەسەم بېرىپ ئامېرىكىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى بولغان. ئامېرىكىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ۋە كېيىنكى دۆلەت زىياپىتى خۇددى ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ تەختكە ئولتۇرۇشىغا ئوخشاش ھەشىمەتلىك، كاتتا بولدى.

1797-يىلى 3-ئايدا جون ئادامس قەسەم بېرىپ ئامېرىكىنىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان. ئادامس ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا كۆزلىرىگە ياش ئالغان ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھۆرمەت نەزىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان تۇنجى زۇڭتۇڭ ۋاشىنگتونغا ئاغدۇرغانلىقىنى، ۋاشىنگتوننىڭ بولسا «شاد-خوراملىقتىن ئۆزىدىنمۇ بەك بەھىرلىنىۋاتقانلىقى»نى بايقىغان. ئادامس رەپىقىسىگە ئابىگېيىل
(Abigail)غا:
«ئۇ (ۋاشىنگتون): ماڭا <ھەي، مەن ئوچۇق-ئاشكارا پېنسىيىگە چىقتىم، سىز ئوچۇق -ئاشكارا تەختكە چىقتىڭىز! قاراڭ، قايسىمىز ئەڭ بەختلىككەنمىز!> دەۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىدۇ»، دېگەن.

ئامېرىكىدا زۇڭتۇڭ ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش 1801-يىلى 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ، قوشما ئىشتات پارتىيىسىدىن بولغان جون ئادامسنىڭ ھوقۇقنى دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىدىن بولغان زۇڭتۇڭ جېفېرسونغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن باشلاپ، ئاساسەن دېمۇكراتىك سىياسىي ئىزغا چۈشكەن.

ئەينى چاغدا ئادامس جېفېرسوننىڭ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغانلىقىنى قوبۇل قىلالمىغان، ئۇ قوشما ئىشتات پارتىيىسىنىڭ سىياسىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاق سارايدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن قوشما ئىشتات سودىيىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ھەم ئۇلار ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئاق سارايدىن ئالدىراپ-تېنەپلە كەتكەن، دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ شاد-خوراملىققا تولغان مۇراسىمىغىمۇ قاتناشمىغان.
ئادامسنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا، ئادامسنىڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرىنىڭ سودىيە بولۇش شەكلى ئارقىلىق يېڭى ھۆكۈمەتكە داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن، قوشما ئىشتات پارتىيىسى مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىسىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش توغرىسىدا ئالدىراشلا بىر پەرمان ماقۇللىغان. پەرمان ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى دۆلەت كاتىپى جون مارشال پەرماننىڭ 3-مارت يېرىم كېچىدە جېفېرسون ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەيىننامە يازغان.
جېفېرسون بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يانچۇق سائىتىنى ئورۇنباسار ئەدلىيە مىنىستىرى لېۋى لىنكولنغا بېرىپ، ئۇنىڭ يېرىم كېچىدە كېلىپ گوۋۇيۈەننى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى، بىرەر پارچە ھۆججەتنىمۇ ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە يول قويماسلىقىنى بۇيرۇغان.
لىنكولن بەلگىلگەنگەن ۋاقىتتا مارشالنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ، مارشالغا: «جېفېرسون ئەپەندىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن بۇ ئىشخانىنى ۋە ئىشخانىدىكى بارلىق ھۆججەتنى ئۆتكۈزۈۋالىمەن»، دەپ بۇيرۇق قىلغان.
مارشال ئۆزىنىڭ يانچۇق سائىتىنى چىقىرىپ: «نېمە ئۈچۈن، جېفېرسون ئەپەندىنىڭ تېخى بۇنداق سالايىھىتى يوق، تېخى سائەت يېرىم كېچە 12 بولمىدى»، دەپ ۋارقىرىغان.
لىنكولن جېفېرسون ئۆز قولى بىلەن بەرگەن يانچۇق سائىتىنى ئېلىپ: «بۇ زۇڭتۇڭنىڭ يانچۇق سائىتى، ۋاقىتنى بۇ سائەت كونترول قىلىدۇ»، دېگەن.
مارشال بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۈستەل ئۈستىدىكى تەيىننامىلەرگە قاراپ قويۇپ، ئىلاجىسىز ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەتكەن.
ئىشخانىدىن چىقىپ كەتكەندە ئۇنىڭ يانچۇقىدا ئەمدىلا يېزىپ بولغان، سىياسىمۇ قۇرىمىغان يەنە بىر نەچچە پارچە تەيىننامە بار ئىدى،. مۇشۇ سەۋەپتىن مەنسەپكە ئولتۇرۇپ قالغان سودىيىلەر كېيىن «ئادامس يېرىم كېچىدە تەيىنلىگەن سودىيلەر» دەپ ئاتالغان.

ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقى سۆزلىگەن زۇڭتۇڭ بىر ئايلا ۋەزىپە ئۆتىگەن.

ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدىكى ناھايىتى مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى.
1793-يىلى 4-مارت تۇنجى زۇڭتۇڭ جورجى ۋاشىنگتون ئەينى چاغدىكى پايتەخت فىلادېلفىيىدە قەسەم بېرىپ، داۋاملىق زۇڭتۇڭلۇققا تەيىنلگەندە نۇتقىنىڭ تولۇق تېكىستى ئاران 135 سۆزدىن تەركىب تاپقان ئىدى.
بۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئەڭ قىسقا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقى.
1801-يىلى جېففېرسون زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقى تۇنجى بولۇپ «دۆلەت ئاخبارات خادىملىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان.
1865-يىلى لىنكولن ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق زۇڭتۇڭ بولغان، ئۇدا بىر قانچە يىللىق ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى تۈپەيلىدىن دۆلەت پارچىلىنىش گىردابىغا بېرىپ قالغان،
لىنكولن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقى سۆزلىگەندە قاتتىق ئېچىنىش ئىچىدە: «ھېچقانداق يامان غەرەزدە بولماي، ئەل ئىشىغا ياخشى مۇئامىلە قىلايلى»، «ۋەتىنىمىزنىڭ يارىسىنى ساقايتايلى»، دېگەن.
1969-يىلى كېننىدىنىڭ نۇتقىدىكى: «ئامېرىكىلىق قېرىنداشلار، دۆلەتنىڭ سىلەر ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى سورىماي، ئۆزەڭلاردىن دۆلەت ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىڭلارنى سوراڭلار»، دېگەن سۆزى بىر مەزگىل ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش كۈنى ھەمىشە قار-مۇزلار تېخى ئېرىمىگەن چاغقا توغرا كېلىدۇ.

1985-يىلى رېگان قەسەم بېرىپ داۋاملىق زۇڭتۇڭ بولغاندا، ھاۋا قاتتىق سوغۇق بولغاچقا مەيداندا كاناي چالىدىغان چالغۇچىنىڭ قول كالپۇكى ئۈششۈپ كانايغا چاپلىشىپ قالغان.
1841-يىلى ئوخشاشلا قەھرىتان سوغۇق بولغان زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا، ھەربىيدىن چىققان گېنېرال ۋىليام ھېنرى خاررىسون ئامېرىكىنىڭ 9-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان. ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، خاررىسوننىڭ مۇھىم مەسلىھەتچىسى دانېل ۋېبستېر
(Daniel Webster)
بۇ پېشقەدەم گېنېرال ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتۇق ماقالىسىنى ئۆزى يازالمايدۇ، دەپ قارىغان،
لېكىن، جاھىل خاررىسون نۇتۇق ماقالىسىنى ئۆزى يازىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان. ۋېبستېرنىڭ ناھايىتى چىڭ تۇرۇشى بىلەن خاررىسسون نۇتۇق ماقالىسىنى ۋېبستېرنىڭ ئۆزگەرتىشىگە قوشۇلغان. ۋېبستېر خارىسسوننىڭ نۇتۇق ماقالىسىدا ئامېرىكىنىڭ ئىشلىرى تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى، بەلكى قەدىمكى رىمنىڭ تارىخىغا ئائىت مەزمۇنلار نۇرغۇن ھەجىمنى ئىگىلىگەنلىكىنى، تېخى كۆپ جايدا «يەرلىك ۋالىي» دېگەن ئاتالغۇنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بايقىغان. ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ۋېبستېر ئەتىسى ئۆيىگە قايتىپ، خۇرسىنغان ھالدا ئايال خوجايىنغا: «رىم ۋالىيسىدىن 17 نى ئۆلتۈرۈۋەتتىم، ئۇلارنى خۇددى ئوسمېر بېلىقىدەك چۈشكۈن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدۇم»، دېگەن.
ۋېبستېر نۇتۇق ماقالىسىنى كۆپ قىسقارتقان ۋە ئۆزگەرتكە بولسىمۇ، خاررىسوننىڭ ئون مىڭ خەتلىك ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقى يەنىلا ئامېرىكا تارىخىدىكى زۇڭتۇڭنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقى بولۇپ قالغان. 4-مارت 68 ياشلىق پېشقەدەم گېنېرال خاررىسون سوغۇق شامالدا ئىككى سائەتكە يېقىن ئۆرە تۇرغان. كىشىلەر سوغۇق شامالدا توڭلىغانلىقىدىن تىترەشكە باشلىغان، ھالبۇكى، تاقىرباش، شىلەپىمۇ، پەلتۇمۇ كىيىمىگەن خاررىسون سەھنىدە تۇرۇپ ئىككى سائەت ئەزمىلىك بىلەن نۇتۇق سۆزلىگەن. بىر ئايدىن كېيىن خاررىسون زۇڭتۇڭ سوغۇق تېگىپ قېلىش سەۋەبىدىن ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالغان. 4-ئاپرېل ئەمدىلا بىر ئاي زۇڭتۇڭ بولغان خاررىسون ۋاپات بولغان.

روزۋېلتنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن قىلغان تۇنجى ئىشى كرىزىسنى ھەل قىلىش بولغان.
1932-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادىي كاساتچىلىق سەۋەبىدىن ئېغىر قىيىن ئەھۋالدا تۇرىۋاتقاندا، دېمۇكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان فرانكلىن روزۋېلت ئومۇمىي سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن بولغان خوئوۋېر زۇڭتۇڭنى يېڭىپ غەلىبە قىلغان. روزۋېلت سايلام رىقابىتىدە ئامېرىكا خەلقىگە «يېڭى سىياسەت» يولغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. «توكۇر ئۆردەك» زۇڭتۇڭغا ئايلىنىپ قالغان خوئوۋېر كىچىك روزۋېلتتىن بىللە «ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ»، كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي كرىزىسنى يېڭىشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن روزۋېلت ياردەم قولىنى سۇنۇشنى رەت قىلغان.
روزۋېلت 1932-يىلى 11-ئاينىڭ بېشىدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن باشلاپ ئىكىنچى يىلى 4-مارت زۇڭتۇڭ ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغىچە، بىر چەتتە جىم ئولتۇرۇپ، خوئوۋېرنىڭ مەسخىرە قىلىنىشىنى كۆرۈپ تۇرغان، بۇنىڭدىن خوئوۋېر ناھايىتى غەزەپلەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئامالسىز ئەھۋالدا قالغان. ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان كۈنى، روزۋېلت بىلەن خوئوۋېر پىكاپقا پارلامېنت بىناسى ئالدىدىكى مەيدانغا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا بارغان. خوئوۋېر يول بويى روزۋېلىت بىلەن سۆزلىشىشنى رەت قىلغان. ئامالسىز قالغان روزۋېلت يول بويىدىكى پۇقرالارغا شىلەپىسىنى پۇلاڭلىتىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولغان.
روزۋېلت ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئىمزالىغان پەرمانىنىڭ بىرى، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر ئاق سارايغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلسا بولىدۇ، ئاق ساراي تېلېفونىستلىرى ئۇلار بىلەن سۆزلىشىدۇ ھەم ئۇلارغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت بولغان. روزۋېلت زۇڭتۇڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، روزۋېلتنىڭ رەپىقىسى ئەزەلدىن تونۇمايدىغان كىشىلەردىن كەلگەن خەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغان، بۇ خەتلەردە، ئەشۇ ئىقتىسادىي كاساتچىلىق مەزگىللىرىدە ئۇلارنىڭ زۇڭتۇڭغا تېلېفون بەرگەنلىكى ھەم ياردەمگە ئېرىشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن
*************************

没有评论:

发表评论

发表评论