2009年4月29日星期三

Yéqinqi we hazirqi dewr türk edebiyat tarixi(1)



يېقىنقى ۋە ھازىرقى دەۋر تۈرك ئەدەبىيات تارىخى‏(1)



ئاپتورى: كەنان ئاقيۈز‏
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: يۈسۈپجان ياسىن



مۇندەرىجە:

‏(1) تانزىمات دەۋرى ئەدەبىياتى
(2) سەرۋەتى فۈنۇن دەۋرى
‏(3)‏ سەرۋەتى فۈنۇن سىرتىدىكى ئەدەبىيات
‏(4) فەجرى ئاتى ئەدەبىياتى
‏(5)‏ مىللىي ئەدەبىيات دەۋرى
‏(6) جۇمھۇرىيەت دەۋرى تۈرك ئەدەبىياتى


‏ ‏
(1) تانزىمات دەۋرى ئەدەبىياتى


‏ 11-ئەسىردىن 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر ‏ئەرەپ ۋە تېخىمۇ بەكرەك پارس ‏ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى ‏ئاستىدا قالغان ۋە ئىسلامىي بىر خاراكتېرنى كۆرسەتكەن تۈرك ‏ئەدەبىياتى ‏‏1860-يىلىدىن كېيىن فرانسۇز ئەدەبىياتى ۋاسىتىسى ‏بىلەن غەرپ ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە كىرىشكە ‏باشلىدى. ‏
‏ 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر ئوسمانلى ‏ئىمپېرىيىسى سىياسىي ۋە بەلگىلىك بىر دائىرىدىكى ‏‏ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ سىرتىدا، دەرۋازىسىنى ‏غەرپ دۇنياسىغا چىڭ تاقىۋالغان بىر مەملىكەت ‏ئىدى. 16-‏ئەسىردە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي كۈچى بولغان ۋە ‏ئىسلام دىنىنىڭمۇ ئەڭ ئۇلۇغ ھەق ‏دىن ئىكەنلىكىگە ‏ئىشەنگەن ئوسمانلى تۈركلىرى بۇ ئىككى ئۈستۈنلۈك ئاتا ‏قىلغان غۇرۇر بىلەن ‏غەربىي ياۋروپانىڭ پىكرىي، ئىلمىي، ‏ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ساھەدىكى پائالىيەتلىرىگە قارىتا ‏‎
‎‎دىققەت قىلمىدى.‏
ئوسمانلى ئىمپېرىيسى پەقەت ئۆزىنى ئەڭ كۆپ ‏زىمىن ۋە نۇپۇزدىن ئايرىلىشقا دۇچار قىلغان ‏‏مەغلۇبىيەتلەر نەتىجىسىدىكى كارلوفچا شەرتنامىسى(1699-يىلى ‏ئىمزالانغان)دىن كېيىن، 18-‏ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربىي ‏ياۋروپادا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا دىققەت قىلىشقا ‏مەجبۇر بولدى. ‏تېخىچىلا ئوتتۇرا ئەسىر زىھنىيىتى ۋە ‏شارائىتى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ‏‏رإنېسانىس ھەرىكىتى بىلەن تۈرلۈك ساھەلەردە چوڭ ‏تەرەققىياتلارغا ئىرىشكەن ياۋروپاغا دىققىتىنى ‏بۇرىشى ‏شۈبھىسىزكى ناھايىتى كىچىككەنىدى. بولۇپمۇ كەينى كەينىدىن ‏كۆرۈلىۋاتقان ھەربىي ‏مەغلۇبىيەتلەر ئالدىدا ئارمىيىسىنى ‏زامانىۋىيلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى ھېس قىلدى ۋە بۇ سەۋەب ‏بىلەن ‏غەربنى يېقىندىن تۇنۇشقا مەجبۇر بولدى.
ئەمەلىيەتتىمۇ ‏ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بۇ تېمىدىكى ‏دەستلەپكى ‏تىرىشچانلىقىنى تەختكە چىققانلىقىنىڭ ئالتىنجى يىلىدا ‏لوئىسⅩⅤنى تەبرىكلەش ‏ئۈچۈن، ئەھمەدⅢ‏(1703-1730-‏يىللار) دەۋرىدە فرانسىيىگە ئەۋەتكەن رەسمىي بىر ئۆمەك ‏ئارقىلىق ‏ئورۇندىدى(1721-يىلى). يىگىرمە سەككىز مەھمەد ‏چەلەبى باشچىلىق قىلغان بۇ ئۆمەكنىڭ ‏فرانسىيىدە بىر يىلغا ‏يېقىن تۇرىشى، پارىژدىن باشقا يەنە بىر مۇنچە ‏شەھەرلەرنىمۇ زىيارەت قىلىپ، ‏مەكتەپ، كۇتۇپخانا، مۇزېي، ‏تىياتىر، رەسەدخانا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىم ‏مۇئەسسىسەلەرنى ‏تەتقىق قىلىشى بۇ زىيارەتنىڭ ئاددىلا بىر ‏ھۆرمەت زىيارىتى ئەمەسلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ‏‏مەھمەد چەلەبى قايتىپ پادىشاھقا ۋە سەدرى ‏ئەئىزەم(باش ۋەزىر)گە سۇنغان كەڭ ‏دوكلاتى«سەفارەتنامە»دە شۇ زامانغا قەدەر تۇنۇپ ‏يىتىشنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلمىغان بۇ مەدەنىيەتنىڭ ‏‏ئۈستۈنلىكىنى ئۇنىڭ پىكرىي ۋە ئىلمىي ئاساسلىرىغا ‏چوڭقۇرلىمىغان ھالدا ۋە ئوسمانلى دإلىتىنىڭ ‏غۇرۇرىغىمۇ ‏چېقىلماسلىققا تىرىشقان بىر ئۇسلۇبتا چۈشەندۈرىدۇ. ‏
ئەمما، دإلەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ھەربىي ساھەدە ‏ئىدى. شۇ سەۋەپلىك ئاۋۋال ئارمىيىنىڭ ‏زامانىۋىي بىر ‏تېخنىكا ۋە تەربىيە ئارقىلىق يىتىشتۈرۈلۈپ ‏قوراللاندۇرۇلىشىغا تىرىشىش يولى بىلەن ‏ئىش باشلىنىدۇ ۋە ‏غەرپتىن تۇنجى بولۇپ ھەربىي مۇتەخەسىسلەر كەلتۈرىلىدۇ. ‏لېكىن ئۇزۇن ‏مەزگىللەردىن بېرى ئىمپېرىيىنىڭ پايدىسى ‏ئۈچۈن بولغان ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى ئۆز مەنپەتى ‏‏ئۈچۈن تۇسۇشقا ئادەتلەنگەن ئارمىيە ۋە رەسمىي دىن ‏دائىرلىرى بۇ تىرىشچانلىقنىمۇ توسىدۇ. ‏‏1730-يىلىدىكى ‏پاترونا① ئىسيانى بىلەن توختىتىلغان ۋە غەربىي ياۋروپا ‏مەدەنىيىتىگە دەستلەپكى ‏يۈزلىنىشكە ۋەكىللىك قىلغان ‏ھەربىي ساھەدىكى بۇ تىرىشىش مەھمۇدⅠ‏( 1730-1754-يىللار)، ‏‏ئوسمانⅢ ‎‏ (1754-1757-يىللار)، مۇستاپاⅢ‏(1757-1774-يىللار)، ‏‏ئابدۇلھەمىدⅠ‏(1774-1789-يىللار) دەۋرلىرىدىمۇ ئاستا ۋە ‏پىلانسىز بىر شەكىلدە داۋاملىشىدۇ. ‏ئەھمەد‏‎ Ⅲ‎‏ دەۋرىدە ‏ھەربىي ساھەنىڭ سىرتىدا ئىگە بولالىغان غەرپنىڭ ‏بىردىن بىر مۇئەسسىسەسى ‏‏1726- يىلى مەھمەد چەلەبىنىڭ ‏ئوغلى سائىد ئەفەندى (پاشا)نىڭ ئېلىپ كالگەن ‏مەتبەئەسىدۇر. ‏غەربلىشىش تېمىسىدا تېخىمۇ كەڭ ‏ئىلگىرلىمەكچى بولغان ‏سەلىمⅢ‏ (1789-1807-يىللار) ‏ئېھتىياتسىزلىقنىڭ قۇربانىغا ‏ئايلىنىدۇ. ھەربىيلىكنىڭ سىرتىدىكى ساھەلەردىمۇ غەرپ ‏‏مۇئەسسىسەلىرىنىڭ كەلتۈرۈلۇپ يەرلەشتۈرۈلىشى پەقەت ‏تاغىسىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياتچان ۋە ‏سەۋىرچان بولغان ‏مەھمۇدⅡ‏ ( 1808-1839-يىللار) دەۋرىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ‏‏1826-يىلى ‏يېڭىچەرى ئارمىيىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى بىلەن ‏زامانىۋىيلىشىش يولىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلاردىن ‏بىرى ‏يوقىلىپ، غەرپلىشىشكە بۇرالغان-يۈزلەنگەن ئىشىكلەرمۇ ‏تىز ئېچىلىشقا باشلىدى. ئاساسەن، ‏ئارمىيىنىڭ بىر ‏ئەسىردىن بېرى زامانىۋىيلاشتۇرۇلۇشىغا غەيرەت ‏كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ھەربىي ‏مەغلۇبىيەتنىڭ داۋام قىلىشى ‏بۇ غەيرەتنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىغا ئوخشاش، يېڭىلىنىشنىڭ ‏باشقا ‏ساھەلەرگە كېڭىيەلمەسلىكى بىلەنمۇ يېقىندىن ‏مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ ھەقىقەتنىڭ كاۋالالىق ‏مەھمەد ئالى ‏پاشاغا ئوخشاش بىر ۋالى ئالدىدىمۇ دۆلەتنىڭ چارىسىز ‏قېلىشى بىلەن تولۇق ‏ئايدىڭلىشىشى نەتىجىسىدە مەدەنىي ‏ساھەدىكى زامانىۋىيلاشتۇرۇش سۈرىتى تىزلاشتۇرۇلدى. ‏تۈرلۈك ‏ساھەلەردە مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ‏ياۋروپا دإلەتلىرىگە ئوقۇغۇچىلار ئەۋەتىلىشكە ‏‏باشلانغىنىدەك، غەربنى ئورنەك قىلغان ئالى مەكتەپلەرمۇ ‏قۇرۇلدى. 1827-يىلى قۇرۇلغان "مەكتەبى ‏تىببىيە" ۋە 1834-يىلى ‏قۇرۇلغان "مەكتەبى ھەربىييە" بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. ‏خەلقنى دۆلەتنىڭ ‏قىلغان ئىشلىرىدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن ‏‏1831-يىلى تۇنجى رەسمىي گېزىت بولغان "تەقۋىمى ‏ۋەقايى" ‏نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى. باشلانغۇچ مائارىپ مەجبۇرىي ‏ھالغا كەلتۈرۈلدى. دۆلەت ‏تەشكىلاتىدىمۇ بەزى ئىسلاھاتلار ‏ئېلىپ بېرىلىپ، بۈگۈنكى مەنىدىكى كابىنىت شەكلىگە ‏قاراپ قەدەم ‏بېسىلدى.‏
غەرب مەدەنىيىتىگە ئإتۈشنى رەسمىي ئىلان قىلىپ، ‏ئۇنى دۆلەتنىڭ دائىملىق سىياسىتى ھالىتىگە ‏كەلتۈرۈشنىمۇ ‏ئويلىغان مەھمۇدⅡنىڭ ئۆلۈمى بىلەن، بۇنى ئوغلى ‏ئابدۇلمەجىت‏‏(1839-1861-يىللار)تەختكە چىقىپ قىسقىغىلا تۆت ‏ئايدىن كېيىن "تانزىماتى ھەيرىيييە" نامى ‏بىلەن ئىلان ‏قىلدى. غەربلىشىشنى دۆلەتنىڭ ئاساسىي سىياسىتى قىلغان بۇ ‏ھەرىكەت يېقىنقى زامان ‏تارىخىمىزنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىشقا ‏ئەرزىيدىغان دەۋرلىرىدىن بىرىگىمۇ ئۆزىنىڭ نامىنى ‏بەردى. ‏بەزىلەرنىڭ قارىشىچە 1876-يىلىغا قەدەر، بەزىلەرنىڭ ‏قارىشىچە بولسا 1908-يىلىغا قەدەر ‏داۋاملاشقان بۇ دەۋر ‏ئىچىدە 1860-1896-يىللار ئارىسىدىكى تۈرك ئەدەبىياتىغا "تانزىمات ‏ئەدەبىياتى" نامى بىرىلدى. ‏
تانزىمات دەۋرى ئەدەبىياتى: تانزىمات دەۋرى ‏بىلەن ھەر تۈرلۈك ئالاقىسى تامامەن ئۈزۈلگەن ‏ئارمىيىنىڭ ‏سىرتىدىكى پۈتۈن ساھەلەردە قەدىمكى-يېقىنقى( شەرقىي-‏غەربىي، ئوتتۇرا ‏ئەسىر-يېقىنقى زامان)دىن ئىبارەت ‏ئىككىلىكنىڭ (مەھەللە مەكتەپلىرى ۋە مەدرىسلەر، غەربنى ‏‏ئإرنەك قىلغان مەكتەپلەر، شەرىئەت مەھكىمىلىرى -‏قانۇنلارغا تايانغان مەھكىمىلەر، دىۋان ‏ئەدەبىياتى-غەرپ ‏ئەدەبىياتى، شەرق مىجەزى-غەرب مىجەزى، شەرق ئۆي ‏سايمانلىرى-غەرب ‏مۇزىكىسى، مەھەللە قەھۋەسى-كوفىخانا.... )ئاشكارا ھۆكۈم سۈرگەن بىر دەۋرىدۇر. قەدىمكىنىڭ ‏بىردىنلا ‏ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ پەيدا قىلىدىغان قارشىلىقلىرىنى ‏توسۇش ئىستىكىدىن تۇغۇلغان ۋە ‏پەقەت قەدىمكىنىڭ يېنىغا ‏يېڭىنى قويۇش بىلەنمۇ يۈرگۈزگىلى بولىدىغان بۇ غەربلىشىش ‏سىياسىتىنىڭ ‏ناھايىتى ئاستا بىر سۈرئەتتە بولۇشىدىن ۋە ‏ئارزۇ قىلىنغان نەتىجىلەرنى بەرمەسلىكىدىن ‏ھىدىرقىماسلىق ‏لازىم ئىدى. ‏
تەبىئىي ھالدا ئەدەبىياتتىمۇ كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، ‏باشقا ساھەلەرگە كۆرە بۇ ئىككىلىكنىڭ ‏ئەدەبىي ساھەدە ‏تېخىمۇ يۇقىرى تىزلىك بىلەن بىكار قىلىنغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ‏‏19-ئەسىرنىڭ ‏ئاخىرقى يىللىرىدا تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ مەيلى ‏شەكىل، مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن تامامەن ‏غەربچە بىر ‏ھالەتكە كەلگەنلىكى كۆرۈلىدۇ. ناھايىتى بىلىملىك، ناھايىتى ‏ھەرىكەتچان ۋە ‏ئىدېئالىست شائىر ۋە يازغۇچىلارنىڭ ‏ئۈزلۈكسىز غەيرەت كۆرسىتىشى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ‏غەرپ ‏مودېلىدىكى بىر تۈرك ئەدەبىياتى قۇرۇش ‏پائالىيەتلىرى ئەينى ۋاقىتتا غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ ‏ئەتراپلىق ‏بىر شەكىلدە تۈرك خەلقىگە تۇنىتىلىشىغىمۇ ‏ياردەمچى بولدى. ‏
تۈرك خەلقى تونىغان دەستلەپكى غەرب ئەدەبىي تۈرى ‏تىياتىردۇر. 1840-يىلىدىن ئېتىبارەن ‏ئىستانبۇلغا پات-- پات ‏كەلگەن ۋە مۇزىكىلىق، مۇزىكىسىز ھەر خىل تىياتىر ‏ئەسەرلىرىنى ئوينىغان ‏فرانسۇز ۋە ئىتالىيان تىياتىر ‏ئارتىستلىرى تۈرك تاماشىبىنلىرىنىڭ كۆرسەتكەن يېقىن ‏ئالاقىلىرى ۋە ‏ئىرىشكەن زور ماددىي مەنپەئەتلىرى ‏نەتىجىسىدە ئۆزلىرىگە تىياتىر بىنالىرىنىمۇ سالغىندەك ‏دەرىجىدە ‏پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتتى. ‏
تۈرك ئوقۇرمەنلىرى شىناسىنىڭ 1858-يىلى قىلغان ‏كىچىك شېئىرىي تەرجىمىلىرى ئارقىلىق ‏‏("تەرجىمەئىي ‏مانزۇمە")فرانسۇز شېئىرىيىتىدىن دەستلەپكى ئۆرنەكلەرنى ‏ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ‏‏1860-1870-يىللار ئارىسىدا قىلىنغان ‏تەرجىمىلەر ئارقىلىق غەربنىڭ رومان ئۆرنەكلىرىنى تۇنىدى. ‏‏شۇنىڭ بىلەن 1870-يىلىغا قەدەر غەرب ئەدەبىياتىنىڭ ‏ئاساسلىق تۈرلىرى ھەققىدە دەستلەپكى ‏مەلۇماتلار قولغا ‏كەلدى. بۇ جەرىياندا غەرب ئەدەبىيات تۈرلىرىدە ئەسەر ‏يارىتىشقا ھەۋەس ‏قىلىدىغان ياش بىر ئەۋلاتمۇ ئاستا-ئاستا ‏يىتىشىشكە باشلىدى. غەرب (غەرپچە) تۈرك ئەدەبىياتىنى ‏‏ياراتماقچى بولغان بۇ ئەۋلاتتا شىناسى، زىيا پاشا، نامىق ‏كەمال ۋە ئاھمەد مىدخات ئورۇن ئېلىپ، ‏تۇنجى ھالقىنى ‏شەكىللەندۈردى. ئۇنىڭغا دەرھال ئۇلانغان ئىككىنجى ھالقىدا ‏بولسا رەجائىزادە ‏ئەكرەم، ئابدۈلھەق ھامىد، سامى پاشازادە ‏سەزائىي ۋە نابىزادە نازىم بار ئىدى. ‏
شېئىر-- ئەينى يىللاردا تېخى كۈچلۈك بىر رەقىبى ‏بولمىغان دىۋان شېئىرى ئۆز ئالدىغا ‏ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ‏ۋە يېڭىشەھەرلىك ئاۋنى (1826-1883-يىللار)، لېسكوفچالىق ‏غالىب ‏‏(1828-1867-يىللار)، ھېرسېكلىق ئارىف ‏ھىكمەت(1939-1903-يىللار)، ئالى(1815-1856-‏يىللار) ۋە ئوسمان ‏نەۋرەس(1820-1876-يىللار) قاتارلىق ئاخىرقى بۈيۈك ‏ۋەكىللىرىنى ئارقىلىقلمۇ ‏جەلكارلىقىنى داۋاملاشتۇرىۋاتاتتى. ‏ھەتتا قىسقىغىلا بىر جەرىياندىن كېيىن بۇ شېئىرگە ‏شىىدەتلىك ‏قارشى چىقىپ ئۇنىڭ ئورنىغا غەرپ ‏ئۇسلۇبىدىكى تۈرك شېئىرىنى تۇرغۇزۇش كۆرىشىنى قىلغان ‏يېڭى ‏ئەۋلادمۇ دەستلەپكى شېئىرىي تەجىرىبىلىرىنى دىۋان ‏شېئىرىدە كۆرسەتتى. ‏
ئاز ساندىكى شېئىرلىرى ئىچىدە غەزەل ۋە ‏قەسىدىلىرىمۇ بولغان شىناسى غەربنىڭ شېئىر ‏ئۇسلۇبىدىمۇ ‏پەقەت بىر قانچە ئۆرنەكلەرنى ياراتقان. يېڭى تۈرك شېئىرى ‏ئۈچۈن ئاساسىي"ساھە ‏ئېچىش" كۆرىشىنى بولسا نامىق ‏كەمال، زىيا پاشا ۋە رەجائىزادە ئەكرەم ئۈستىگە ‏ئالغانىدى. ‏
بۇ كۈرەشنىڭ بايرىقىنى تۇنجى بولۇپ ئاچقان كەمال "تەسۋىرى ئەفكار"دىكى ئۇزۇن بىر ‏ماقالىسىدە ("لىسانى ‏ئوسمانىنىڭ ئەدەبىياتى ھەققىدە بەزى مۇلاھىزاتى ‏شامىلدىر"، 1866-يىلى) ‏دىۋان ئەدەبىياتىغا شىددەتلىك ھۇجۇم ‏قىلىپ، ئۇنىڭ تامامەن يالغان-- ياسىما سۆز ئويۇنلىرىغا ‏‏تايانغانلىقىنى ۋە تىل جەھەتتىنمۇ چۈشىنىكسىز بىر ئەدەبىيات ‏ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككى ‏يىلدىن كېيىنمۇ زىيا ‏پاشا ئەينى بايانلار ئارقىلىق بۇ ئەدەبىياتنىڭ تۈرك ‏ئەدەبىياتى ‏بولالمايدىغانلىقىنى("شېئىر ۋە ئىنشامىز"، ‏‏1868-يىلى،11-بەت.)تەكرارلىدى. فرانسۇزچە ئۆگىنىپ ‏فرانسۇز ‏ئەدەبىيەتىنى بىراز يېقىندىن تۇنىشقا باشلىغان بۇ ياشلارنىڭ ‏چۈشەنچىسى ۋە ھەرىكەتلىرى ‏تەتقىد ئارقىلىق دىۋان ‏ئەدەبىياتىنى يېڭى ئەۋلادنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈرۈپ غەرپ ‏تۈرك شېئىرى ۋە ‏نەسرى-پىروزىسىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ‏ئىمكانىيەت ياراتتى. ئەكرەم بولسا بۇ تېمىدىكى كۈرەشنى ‏‏غەرپ ئەدەبىياتى تەرەپدارى بولغان ياش شائىر ۋە ‏يازغۇچىلار كۆپىيىپ بىرمۇنچە ئەسەرلەرنى يازغان ‏‏‏1880-1890-يىللاردا ئاخىرقى ھايات مۇساپىسىنى ئۆتكۈزىۋاتقان ‏دىۋان ئەدەبىياتىغا قەتئىي زەربە ‏بىرىش بىلەن ‏داۋاملاشتۇردى. ‏
ئەمما، ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن ‏بىر شېئىر ئەنئەنىسىنىڭ ئاسانلا يوقىلىشى ‏مۇمكىن ئەمەس ‏ئىدى. شۇ سەۋەپلىك، زىيا پاشانىڭ پۈتۈن شېئىرلىرى ۋە ‏نامىق كەمالنىڭ ‏شېئىرلىرىنىڭمۇ ناھايىتى كإپ بىر قىسمى ‏دىۋان شېئىرى ئەنئەنىسى بويىچە يېزىلدى. ئەكرەم بىلەن ‏‏ھامىدنىڭمۇ ئەينى ئۇسلۇبتا يېزىلغان بىرمۇنچە شېئىرلىرى ‏بار. بۇ ئەھۋال تانزىمات دەۋرىگە خاس ‏‏"ئىككىلىك" ‏خاراكتېرىنىڭ ئەدەبىيات ساھەسەدىكى كۆرۈنىشىدىن ‏ئىبارەتتۇر. ‏
لېكىن، بۇ ئوخشاشلىقنىڭ يېنىدا غەربنىڭ ئۇسلۇبىدا ‏يېزىلغان شېئىرلارنىڭ سانى بارغانسېرى ‏كۆپەيدى. شېئىر ۋە ‏سەنئەت چۈشەنچىسى ھەم تېما جەھەتتىن چوڭ پەرقلەر ‏ئوتتۇرىغا چىقىشقا ‏باشلىدى. شېئىردا ئەمدىلىكتە سۆز ۋە ‏ھۈنەر كۆرسىتىش سەنئىتى ئەمەس، مەنا ئاختۇرۇلاتتى. يېڭى ‏بىر ‏خىيال ۋە تۇيغۇ دۇنياسى قۇرۇلۇپ، شېئىرغا ئىجتىمائىي ‏ۋە مىتافىزىكىلىق تېمىلارمۇ كىردى، تەبىئەتمۇ ‏بىر موتىف ‏بولۇشتىن چىقىپ بىر تېمىغا ئايلاندى، ئىنسان، بولۇپمۇ ‏ئايال ئۆزىنىڭ ھاياتتىكى ھەقىقىي ‏مەۋجۇتلىقى ۋە قىممىتى ‏بىلەن تۇنىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن دىۋان شېئىرىنىڭ ‏قېلىپلاشقان مۇھەببەت ‏تىپىنىڭ ئورنىنى يېڭى ۋە مەۋجۇت ‏بىر مۇھەببەت تىپى ئىگىلىدى. شىناسى بىلەن باشلانغان بۇ ‏يېڭى ‏تىل ۋە ئۇسلۇب كەمال، ئەكرەم ۋە ھامىدنىڭ ئەسىرىدە ‏تېخىمۇ تەرەققىي قىلدى.‏
غەرپ تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى ‏ۋەكىلى بولغان ئىبراھىم شىناسى‏‏(1924-1872-يىللار) غەرپ ‏شېئىرىيىتىنىڭ دەستلەپكى ئۆرنەكلىرىنى بەزى كىچىك ‏شېئىرىي ‏تەرجىمىلەر ئارقىلىق بىرىپ بىر قانچە يىلدىن ‏كېيىن، بۇ ئۇسلۇبتىكى دەستلەپكى ‏‏تەجىرىبىلىرىنىمۇ("مۇناجات"، "ئىلاھى"، "ئەرزى ‏مۇھاببەت" ) شېئىرلىرنىڭ تاللانمىلىرىدىن ‏تۈزۈلگەن"مۈنتەخاباتى ئەشئەرىم" (1862-يىلى) ناملىق ئەسىرىدە ‏ئىلان قىلدى. بۇ شېئىرلار خىيال ‏ۋە تۇيغۇ جەھەتتىكىگە ‏ئوخشاش، تىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىنمۇ دىۋان ‏شېئىرىلىرىدىن تامامەن ‏ئايرىلىپ تۇراتتى. تىل ۋە ‏ئۇسلۇبنىڭ ئەدەبىي ئەسەردىكى قىممىتىنى ھەقىقىي ‏چۈشەنگەن ‏شىناسىنىڭ يېڭى بىر شېئىر ئۈچۈن ئاۋۋال يېڭى ‏بىر تىلغا ۋە يېڭى بىر سۆز قىلىش ئۇسۇلىغا ئېھتىياچلىق ‏‏ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى تەبىئىيدۇر. لېكىن، پىكىر تەرىپى ‏ئېغىر توختايدىغان، يەنى بىرمۇنچە ‏ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ‏پەلسەپىۋىي ئۇقۇملار (مەدەنىيەت، مىللەت، دۆلەت، خەلق، ‏قانۇن، ‏ئادالەت، دېموكراتىيە، ئەقىلچىلىك قاتارلىق) نىمۇ قولغا ‏ئالغان، سەنئەت كۈچى ۋە لىرىكىلىق ‏ئىلھامى ئاجىز بولغان ‏شىناسى يېڭى بىر تىل قۇرغاندا، مەنبە سۈپىتىدە ئېغىز تىلىنى ‏تاللىغان بولسىمۇ، ‏شېئىرلىرىدا بۇ تىلنىڭ ئېسسىقلىقىغا ۋە ‏جانلىقلىقىغا ئۇلىشالمىدى. شىناسىنىڭ تىل تېمىسدا قىلغان ‏‏ئاساسلىق چوڭ خىزمىتى توغرا مەنبەنى تېپىپ كۆرسىتىپ ‏بەرگەنلىكىدۇر. ‏
ياشلىقىدا تامامەن بىر "مەيخانە شائىرى" سۈپىتىدە ‏يىتىشكەن زىيا پاشا(1829-1880-يىللار) ‏سارايغا كاتىپ بولۇپ ‏كىرىپ فرانسۇزچە ئۆگەنگەندىن كېيىن تەپەككۇر ‏جەھەتتىن غەرپكە ‏يۈزلەندى. لېكىن شېئىرلىرىدا دىۋان ‏نەزمىنىڭ پۈتۈن شەكىل ئالاھىدىلىكلىرىنى ئاخىرغا قەدەر ‏‏داۋاملاشتۇردى. ئەمما بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى ئىپادە قىلغان ‏شېئىرلىرىدا يېڭى ئىجتىمائىي ئۇقۇملارنى ‏يۇرىتىشتىن ‏يىراق تۇرمىدى. بىز تۇنجى بولۇپ شىناسىنىڭ ئەسەرلىرىدە ‏كۆرگەن بۇ ئۇقۇملارغا زىيا ‏پاشا بىلەن نامىق كەمال ‏‏"ۋەتەن"ۋە "ھۆرىيەت" ئۇقۇملىرىنىمۇ قوشتى. زىيا ‏پاشانىڭ غەربچىلىكىمۇ ‏ئاساسەن ماقالىلىرىدىكىگە ‏ئوخشاش، شېئىرلىرىنىڭ بۇ پىكرىي مەزمۇنىدىن تۇغۇلدى. ‏بۇ مەزمۇندا ‏مىتافىزىكىلىق چۈشەنچىلەرمۇ مۇھىم بىر ئورۇن ‏تۇتتى ("تەركىب" ۋە " تەرجىبەندلىرى" بىلەن بەزى ‏‏غەزەللىرى). مىتافىزىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ‏ئەقىلنىڭمۇ كۇپايە قىلماسلىق چۈشەنچىسىدە ‏بولغان شائىر ‏دىنىي چۈشەنچىلەرنىڭ پاسىلىدىن ھالقىيالمىغانلىقى ئۈچۈن "ئەركىن تەپەككۇر"گە ‏ئۇلىشالمىدى. شېئىرلىرىدا ‏ناھايىتى كۈچلۈك لېرىكىلىق ئىلھامغا ئىگە بولغان زىيا ‏پاشانىڭ سەنئەتچى ‏تەرىپى كۈچلۈك ئىدى. ئەڭ بۇرۇنقىسى ‏‏1861-يىلىغا ئائىت بولغان شېئىرلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن ‏كېيىن ‏تاغىسى ھامدى بەي تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى("ئەشئارى ‏زىيا"،1881-يىلى،2-نەشرى ‏‏"كۇللىياتى زىيا پاشا-نەزىم ‏قىسمى"، سۈلەيمان نازىم تەرىپىدىن نەشىرگە ‏تەييارلانغان، ئىستانبۇل، ‏‏1924-يىلى، 3-نەشرى بولسا بۇلۇش ‏نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، ئەنقەرە، 1960-يىلى).‏
بالىلىقىدا ۋە ياشلىقىنىڭ دەستلىپىدە تامامەن ‏ئىسلامىي بىر مەدەنىيەت بىلەن يىتىشكەن ۋە ناھايىتى ‏كىچىك ‏چېغىدىن باشلاپ دىۋان شائىرلىرى ئۇسلۇبىدا شېئىرلار ‏يازغان نامىق كەمال(1840-‏‏1888-يىللار)شىناسى بىلەن تۇنۇشقان ‏ۋاقىتتىن كېيىن غەرپ مەدەنىيىتىگە يۈزلەندى. بۇ مەدەنىيەت ‏‏بىلەن بولغان ئالاقىسىنى سىياسىيغا قارشى كىشى سۈپىتىدە ‏ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۈچ يېرىم يىل تۇرغان ‏مەزگىلىدە ‏تېخىمۇ كېڭەيتىتى. لېكىن بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ چۈشەنچە جەھەتتە ‏ئايرىلىپ چىققان بولۇشىغا ‏قارىماي، قەدىمكى ئادەتلەرنىڭ ‏تەسىرى بىلەن دىۋان ئەدەبىياتىدىكى نەزىم شەكىللىرىنى ‏‏قوللىنىشىنىمۇ تۇسىيالمىدى، يەنى بىر مۇنچە نەزىم شەكىللىرى ‏بىلەن يازغان ئىجتىمائىي تېمىدىكى ‏بەزى شېئىرلىرى بىلەن ‏بىرلىكتە دىۋان ئەدەبىياتىنىڭ نەزىم شەكىللىرى بىلەن ‏يېزىلغان شېئىرلىرىمۇ ‏داۋاملاشتى. پەقەت بۇلاردا ("ۋەتەن ‏قەسىدىسى"، بەزى تۆتلۈكلەر، غەزەللەر ۋە قىتئەلەر) شەكىل ‏‏جەھەتتىن بىرمۇنچە ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغىنىدەك، بۇ ‏دەۋرنىڭ زىيالىلىرى تەرىپىدىن ھەۋەس ‏قىلىنغان ‏ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئۇقۇملارمۇ سۆزلەندى. خۇددى زىيا ‏پاشاغا ئوخشاش نامىق ‏كەمالمۇ شائىرلىق شۆھرىتىگە ‏بەزى يەرلەردە خىتابەت ئۇسلۇبىنى ئىپادە قىلغان ئاز ‏ساندىكى بۇ ‏شېئىرلىرى ئارقىلىق ئىرىشتى.‏
لېكىن ئۆلۈمىدىن ناھايىتى كېيىن بېسىلىشقا ‏مۇۋەپپەق بولغان نامىق كەمالنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ‏يېڭى ‏يېزىقتىكى تولۇق بولمىغان تۇنجى نەشرى سادەتتىن نۈزخەت ‏ئەرگۇن («نامىق كەمالنىڭ ‏ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى»، ‏ئىستانبۇل، 1933–يىلى) تەرىپىدىن، تېخىمۇ كەڭ ۋە كونا ‏يېزىقتىكى بىر ‏نەشرى رىزا نۇر («تۈرك رەۋۈبىلىك ژورنىلى»، ‏‏6-سان، 1936-يىلى، ئىسكەندىرىيە) تىرىپىدىن ‏تەييارلاندى. ‏
بۇلاردىن كېيىن قىلىنغان ئىككى نەشرى بولسا ‏تۈۋەندىكىلەردۇر: «نامىق كەمالنىڭ ‏شېئىرلىرى»(ئالى ‏ئەرتەم تەييارلىغان، ئىستانبۇل، 1957-يىلى) ۋە «نامىق ‏كەمالنىڭ ‏شېئىرلىرى»( بۇلۇش نەشرىياتى، ئەنقەرە، ‏‏1959-يىلى).‏
نامىق كەمالنىڭ شېئىرلىرىدا تىل شىناسىنىڭ ‏كۆرسەتكەن يۆنىلىشىدە تەرەققىي قىلغىنىدەك، ‏ئۇسلۇبمۇ ‏ناھايىتى جانلىق ۋە جەلپكار ئىدى. شۇ سەۋەپلىك ‏ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پىكىرلىرىنىمۇ بىر ‏خىل ‏ھاياجانلىق ۋە سېڭىشلىك كەيپىيات ئىچىدە بىرىشتە ئۇتۇق ‏قازاندى. ‏
يېڭى ئەۋلادنىڭ ئىككىنجى ھالقىسىنى پەقەت ‏راجائىزادە ئەكرەم ۋە ئابدۇلھەق ھامىد تەشكىل ‏قىلدى. ھەر ‏ئىككىسى دىۋان شېئىرى مەدەنىيىتى بىلەن يىتىشكەن ‏بولسىمۇ، غەرب شېئىرىنى تېخىمۇ تىز ‏سۈرەتتە ۋە ئۇتۇقلۇق ‏ھالدا ئإزلەشتۈردى. شإبھىسىزكى بۇنىڭدا غەرپ شېئىر ‏يولىنىڭ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ‏ئېچىلغانلىقىنىڭ ياراتقان ‏قولايلىقلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.‏
تامامەن دىۋان شېئىرىنىڭ شەكلى ۋە تىلى بىلەن ‏يېزىلغان دەستلەپكى شېئىرلىرىنى " نەغمەئىي ‏‏سەھەر"(1871-يىلى) ناملىق كىتابچىسىدا ئىلان قىلغان ‏ئەكرەم(1847-1914-يىللار) ئىككى ‏يىلدىن كېيىن باستۇرغان «يادىگارى شەباب» دېگەن ئۇزۇن بىر نەزمىسىدە يېڭى بىر ‏ئۇسلۇبنى ‏تەجىربە قىلدى. لېكىن ئاساسى ئاددىي بولغان بۇ ‏ئۇسلۇب ئۇزۇنغا بارماي نامىق كەمالنىڭ يۇقىرى ‏شإھرىتىنىڭ ‏تەسىرى بىلەن تىزلا ئومۇملاشقان «شائىرانە» ئۇسلۇبقا ‏يېڭىلىپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ‏ئاددىيلىق ۋە ئېغىز تىلىدىن ‏يىراقلىشىپ، ئەسىرىنى ئەرەبچە ۋە پارسچە سۆزلەر ۋە ‏تەركىپلەر ‏تولدۇردى. شۇنىڭدەك، بارغانسېرى ‏خۇسۇسىيلاشقان تېمىلار بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ‏شېئىردا ‏ھەۋەس قىلىنغان ئىجتىمائىي تېمىلارمۇ ئازايدى.
‏ئەڭ كۆپ مۇھەببەت ئورۇن ئالغان بۇ ھېسسىي ‏تېمىلارنىڭ ‏يېنىدا كۆرۈلگەن باشقا بىر تېما بولسا تەبىئەتتۇر.
تانزىمات ‏شېئىرىنىڭ تۇنجى ھالقىسىدا ‏كۆرۈلمىگەن ۋە دىۋان ‏شېئىرىدىمۇ پەقەت بىر موتىف سۈپىتىدە تۇرۇپ قالغان ‏تەبىئەت ئەمدىلىكتە ئۆز ‏ئالدىغا بىر شېئىر تېمىسىغا ‏ئايلانغانىدى. لېكىن رومانتىزمنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇيغۇ ۋە ‏خىياللار ‏بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن تەبىئەت تەسۋىرلىرى ‏تامامەن ئوبيېكتىپ بىر خاراكتېرنى كۆرسىتىپ ‏بىرەتتى. يەنە ‏رومانتىزمنىڭ مەلۇم بولغان ئالاھىدىكلىرىدىن «سەۋدايىلىق، ئازاپ، كۈچلۈك ئارزۇ، ‏ھاياجان» قاتارلىق ‏ھىسسي ئېلېمېنتلاردىن باشقا مىتافىزىكىلىق چۈشەنچىلەرمۇ ‏بۇ شېئىرلارنىڭ ‏مەزمۇنىدىن ئايرىلمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ‏ئايالنىڭ رىئال ھاياتتىكى ئورنىنى ئەدەبىياتتا، شۇنىڭدەك ‏‏شېئىردىمۇ تېپىشقا باشلىغانلىقى ۋە بۇنىڭ تەبىئىي ‏نەتىجىسى سۈپىتىدە مۇھەببەتنىڭ ئىككى ئايرىم ‏جىنىس ‏ئوتتۇرىسىدىكى ھىسسىي بىر باغ ھالىتىگە كەلگەنلىكىمۇ ‏ئوچۇق كۆرۈلدى. ‏
لېكىن ئوتتۇراھال قۇۋۋەتتىكى ۋە جىمغور ‏خاراكتېردىكى بىر شائىر بولغان ئەكرەمنىڭ شېئىرلىرىدا ‏‏رومانتىزىمنىڭ ھېس ۋە خىيال جۇشقۇنلۇقلىرىنى تېپىش ‏مۇمكىن ئەمەس. مىتافىزىكىلىق ‏چۈشەنچىلىرى بېشىغا ‏كەلگەن ئاپەتلەر سەۋەبىدىن زور دەرىجىدە ئإلۈمگە ‏ئالاقىدار بولۇشقا باغلىق ‏بولۇپ قالغانىدى.‏

دىۋان نەزىم شەكىللىرىنىمۇ ئانچە--مۇنچە قوللانغان ‏ئەكرەمنىڭ يېڭى نەزىم شەكىللىرى بىلەن ‏يېزىلغان ‏شېئىرلىرى كإپ ئىدى. «نەغمەئىي سەھەر» ۋە ‏‏«يادىگارى شەباب» تىن كېيىن نەشىر ‏قىلىنغان شېئىر ‏كىتابلىرى تۈۋەندىكىلەردۇر: «زەمزەمە»(1883-يىلى)، «زەمزەمەⅡ‏»( 1884-يىلى)، ‏‏«زەمزەمەⅢ‏»(1885-يىلى)، ‏‏«تەپەككۈر»(نەسىرلەر بىلەن بىرلىكتە، 1888-يىلى)، ‏‏‏«پەژمۇردە»(نەسىرلەر بىلەن بىرلىكتە، 1895- يىلى)،«نەژاد ‏ئەكرەم»(نەسىرلەر بىلەن بىرلىكتە، ‏‏1910-يىلى)، «لەنەت»( 1916-يىلى) .‏
ئەكرەم غەرب تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ قۇرۇلۇش دەۋرىدە ‏شېئىر، ئومۇمەن ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ‏خۇسۇسلىرىدا ‏بىلىملىك ۋە سىستېمىلىق بىر نەزىرىيىچى سۈپىتىدىمۇ ‏ئورۇن ئالىدۇ. ياكى شەرققە ئائىت ‏ياكى غەرپ ئائىت ‏مەنبەلەردىن توپلىغان مەلۇماتلارغا ئۆزىنىڭ سەخسەن ‏قاراشلىرىنىمۇ قوشۇپ ‏يازغان ئەسەرلىرى ياشلارغا ‏قۇرۇلۇشى ئارزۇ قىلىنغان يېڭى تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرى ‏ھەققىدە ‏يول كۆرسەتتتى. " تەلىمى ئەدەبىيات" (1879- ‏يىلى)،" تەقدىرى ئېلخان"(1886-يىلى) ۋە " ‏زەمزەمەⅢ‏" نىڭ ‏كىرىش سۆزىدە مەركەزلىك ھالدا ئورۇن ئالغان بۇ مەلۇماتلار ‏ۋە قاراشلار تارقاق ‏ھالەتتە "پەژمۇردە" بىلەن "تەقرىزات"تىمۇ ئۇچرايدۇ. شېئىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ‏قاراشلىرىدا ئەكرەم ‏كۆپىنچە ئېستېتىك قۇرۇلما ۋە ئۇسلۇب ‏تۈرلىرى ھەققىدە توختالدى. شېئىردا " پىكرىي، خىيالىي ۋە ‏‏ھېسسىي" بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك گۈزەللىكنىڭ ‏بۇلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇسلۇبلارنىمۇ ‏‏"ئالى، رەڭدار، ‏ساددا" دىن ئىبارەت ئۈچكە ئايرىدى. بۇ ئۇسلۇب ‏تۈرلىرىدىن شېئىردا كۆپ قىزىقىش ‏قوزغىغىنى نامىق كەمال ‏بىلەن باشلانغان ۋە ئەكرەم " رەڭدار" دەپ ئاتىغان ‏ئۇسلۇبتۇر. سۆز، بولۇپمۇ ‏مەنا سەنئىتى ۋە ئېنىقلىغۇچى ‏ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان بۇ ئۇسلۇب تۈرى بىلەن بىرلىكتە ‏ئەكرەم ‏شېئىرنىڭ تىلى ھەققىدىمۇ تانزىمات ئەۋلادلىرىنىڭ ‏تۇنجى ھالقىسىنىڭ ئاساسىي چۈشەنچىسىدىن ‏قېيىپ، " شېئىرنىڭ ئإزىگە خاس بىر تىلى بۇلۇشى ‏كىرەكلىكىنى" ئوتتۇرىغا قويدى. ئەكرەمنىڭ بۇ ‏قاراشلىرى يېڭى ‏يىتىشكەن ياشلارغا كإپ تەسىر كإرسەتتى، شۇنىڭدەك ‏سەرۋەتى فۈنۇن شېئىرلىرىدىمۇ ‏داۋاملاشقانىدى. بۇ ‏سالاھىيىتى بىلەن ئەكرەم غەرپ تۈرك ئەدەبىياتىدا ياخشى ‏بىر " تەدبىقلىغۇچى" ‏دىن بەكرەك، ياخشى بىر ‏‏" نەزەرىيىچى" سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ تەدبىق ‏قىلىشتىكى ‏ئاجىزلىقىنى ھامىد يىتەرلىك دەرىجىدىنمۇ ‏ئاشۇرۇپ ياپتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى بىر بىرىنىڭ ‏‏كەم تەرىپىنى تولۇقلىدى. ‏
ھەقىقەتەنمۇ ھامىد(1852-1937-يىللار) بۇ دەۋرگە بىر ‏ئىنقىلاپچى ھاياجانى بىلەن قوشۇلدى. ‏شىددەتلىك ۋە ‏پەرۋاسىز ئىلگىرلەشلىرى بىلەن يېڭى تۈرك شېئىرىنى ‏يەرلەشتۈرۈشكە تىرىشتى. ‏
يەنە دىۋان ئەدەبىياتى مەدەنىيىتى بىلەنمۇ يىتىشىشكە ‏باشلىغان ھامىدنىڭ غەرپ تۈرك ‏ئەدەبىياتىدىكى ئاساسلىق ‏رەھبەرلىرى شىناسى، نامىق كەمال ۋە ئەكرەمدۇر. ئۇنىڭ ‏دەستلەپكى ‏شېئىر تەجىرىبىلىرىمۇ بەزى پىيەسسەلىرىدە ‏ئورۇن ئالغان نەزمىلەردۇر. بۇلاردىن "تەنەغغۇم"(" ‏ھىندى ‏قىز") دېگەن نامدا ئاتالغان ۋە ئۇسلۇب جەھەتتە ئەكرەمنىڭ ‏‏"يادىگارى شەباب" نىڭ ‏تەسىرىگە ئۇچرىغان نەزمىسى ‏بەزى ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق "سەھرا"(1879) دېگەن ‏ئەسىرىگىمۇ ‏كىرگۈزۈلدى. لېكىن بۇ ئۇسلۇب تۈرىدىن ‏كېيىنچە ئەكرەمگە ئوخشاش، ھامىدمۇ ئايرىلىپ رەڭدار ‏‏ئۇسلۇبقا باغلاندى. ھامىدنىڭ بەزى شېئىرلىرىدە ۋە ‏شېئىرىي پىيەسسەلىرىدە ئالى ئۇسلۇبىنىڭمۇ ‏ئۆرنەكلىرى ‏كۆزگە چېلىقىدۇ.‏
ھامىدنىڭ نەشىر قىلىنغان ئون بىر كىتابى بار. ‏بۇلار"سەھرا" (1879- يىلى)، ‏‏"مەقبەر"(1885-يىلى)،"ئۆلۈم"(1885-يىلى)، " ھەج ئارقىلىق"(1886- يىلى)، " بۇلار ‏شۇ" ‏‏( 1886-يىلى)، " دىۋا مەلەكلەرنىڭ ياكى شەھەر" (1886- ‏يىلى)، " بىر يوقسۇلنىڭ سۆھبىتى" ‏‏(1886-يىلى)، "يۇقىرىدىن ‏كەلگەن بىر ئاۋاز" (1909- يىلى)، " ۋالىدەم"( 1911-يىلى)، ‏‏"ئىلھامى ‏ۋەتەن" (1916- يىلى)، " سۆيگۈ"(1923- يىلى) قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا " بىر ۋائىزە بىر ‏‏مەۋىزە"(1881-يىلى)، "تەلالىيلەر" (1881-يىلى) ، " قۇرسى ‏ئىستىغراق" (1881-يىلى)، "كۈلبەئىي ‏ئىشتىياق"(1884- يىلى)، " ھەيد باغچىسىدىن ئۆتكەندە"(1886-يىلى)،" غەزەب بىر ‏شائىر ‏‏"(1928- يىلى) ۋە " دەۋرانى ‏مۇھەببەت" (1931-يىلى) قاتارلىق نۇرغۇن مەشھۇر شېئىرلىرى ‏بولسا ‏ھېچقانداق كىتابىغا كىرگۈزۈلمىدى. ‏
ئەسلىدە ئۆز ئىچىدە بۆلۈملەرگە ۋە كىچىك ‏بۆلەكلەرگە ئايرىلغان ئۇزۇن بىر نەزمە بولغان ‏‏"سەھرا" ‏تۈرك شېئىرىدە پاستورال② تۈرىنىڭ تۇنجى ئۇتۇقلۇق ‏چىققان ئۆرنىكىدۇر. بىۋاسىتە ئىسپاتقا ‏تايانمىغان بولسىمۇ، ‏بۇ شېئىردە تەبىئەت دىۋان نەزمىدىكى ئابىستراكىتلىقىدىنمۇ ‏قۇتۇلۇپ ھەقىقىي ‏مەۋجۇتلىقىغا ئىرىشتى. شۇنىڭدەك، تۈرلۈك ‏نەزىم شەكىللىرىگىمۇ ئورۇن بىرىلگەن بۇ نەزمىدە تۈرك ‏‏شېئىرىدىكى "ئەركىن نەزىم"نىڭ دەستلەپكى ‏ئۆرنەكلىرىمۇ كۆرىلدى. چوڭ شەھەر (پارىژ)دىكى ‏كۆڭۈل ‏ئېچىش تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنىشلىرى بىلەن تولغان ‏‏"شەھەر"دېگەن ئەسىردە بولسا "سەھرا"نىڭ ‏ئەكسىچە ‏شەھەر ھاياتى دالا ھاياتىدىن ئەۋزەل قىلىپ كۆرسىتىلدى. ‏تۇنجى ئايالى فاتما خانىمنىڭ ‏ئۆلۈمىگە ئاتاپ يېزىلغان ‏ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەرسىيە بولغان "مەقبەر"دىمۇ يېڭى ‏نەزىم شەكلى ‏تەجىرىبە قىلىندى. ئۇنىڭ كەينىدىن يېزىلغان ‏ئۈچ ئەسەر ("ئۆلۈم"، "ھەج ئارقىلىق"، "بۇلار ‏شۇ") ‏يەنە فاتما خانىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. "بىر ‏يوقسۇلنىڭ سۆھبىتى"، "يۇقىرىدىن كەلگەن بىر ‏ئاۋاز"، ‏‏"ۋالىدەم" ۋە "سۆيگۈم" قاتارلىقلار تۈرلۈك تېما، تۈرلۈك ‏كۆلەم ۋە تۈرلۈك شەكىللەردە ‏يېزىلغان بىردىن نەزمىلەر ئىدى. ‏‏"ئىلھامى ۋەتەن" بولسا 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ‏يېزىلغان ‏شېئىرلاردىن مەيدانغا كەلگەنىدى. ‏
ئانچە-- مۇنچە بوغۇم ۋەزنىنى قوللانغان بولسىمۇ، ‏ئاخىرىغا قەدەر ئارۇزغا باغلىنىپ قالغان ھامىد ‏‏شېئىرلىرىدە دىۋان نەزمىنىڭ شەكىللىرىنىمۇ تامامەن ‏تاشلىغان ئەمەس. لېكىن، بۇلاردا بەزى ‏ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ ‏بارغىنىدەك، بۇلارنىڭ سىرتىدىكى نەزىم شەكىللىرىنى ‏ناھايىتى كۆپ قوللاندى. بۇ ‏نەزىم شەكىللىرىنىڭ بىر قىسمى ‏غەرپتىن ئېلىندى، بىر قىسمى بولسا ئۆزى تەرىپىدىن ‏ئىجات قىلىندى. ‏ئەستائىدىل بىر سەنئەتكار بولمىغان ‏شائىرنىڭ نەزىم ماھارىتىدە ناھايىتى ئېھتىياتسىز ‏پوزىتسىيىدە ‏بولغانلىقى ئوچۇق كۆرۈلىدۇ. ‏
ھامىدنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئاساسلىق تېمىلار ‏مۇھەببەت، تەبىئەت ۋە مىتافىزىكىلىق مەسىلىلەردۇر. ‏‏تۇيغۇسى كۈچلۈك ۋە ھاياجانلىق ئادەم بولغىنىغا ئوخشاش، ‏تەپەككۇر قىلىشتىنمۇ زوق ھېس ‏قىلىدىغان شائىرنىڭ ‏شېئىرلىرىدىكى مۇھەببەت رومانتىك مۇھەببەتنىڭ پۈتۈن ‏ئالاھىدىلىكلىرىنى ‏ئىپادە قىلاتتى. بەزىدە نەپىس- ‏پاساھەتلىك ۋە يۇمشاق، بەزىدە جۇشقۇن ۋە كۈچلۈك ‏ئىستەككە ‏تولغانىدى. لېكىن بۇ مۇھەببەتنىڭ پەقەت ماددىي ‏ئارزۇلارغا ۋە ھېسلارغا باغلانمىغانلىقىنىمۇ ‏بىلدۈرۈش زإرۈر. ‏دىۋان شېئىرىدە پەقەت ئابىستىراكىت بىر تەسۋىر ‏ماتېرىيالى بولغان تەبىئەتنىڭ ‏بولسا تانزىمات شېئىرىدە ‏ئىنسان بىلەن جىپسىلەشكەن جانلىق بىر تېمىغا ‏ئايلىنىشىنىڭ ئەڭ گۈزەل ‏ئإرنەكلىرى ھامىدنىڭ ئەسىرىدە ‏كۆرىلىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى مىتافىزىكىلىق ‏چۈشەنچىنىڭ ‏ھەرىكەت نوقتىسى بەزى كىشىلىك ئاپەتلەر ‏پەيدا قىلغان چوڭقۇر ئازاپلاردۇر. بۇنىڭ ئەڭ ئۇچۇق ۋە ‏‏ئەڭ كەڭ ئۆرنىكى "مەقبەر"، "ئۆلۈم" ۋە "ھەج ‏ئارقىلىق" دېگەن ئۈچ ئەسەردۇر. ئۆلۈم بىلەن ‏ھاياتلىقنى ‏چۆرىدەپ بىر بىرىنى تولۇقلىغان بۇ ئۈچ ئەسەردىكى ‏مىتافىزىكىلىق چۈشەنچىلەر فاتما ‏خانىمنىڭ كونكىرتنى ئۆلۈم ‏ۋەقەسىنى باشلىنىش نوقتىسى قىلىپ، ئابىستراكىتنىي ئۆلۈم ‏چۈشەنچىسىگە ‏ۋە ئۇنىڭدىن ھاياتلىقتىكى تۇغما ‏ئىقتىدارنىڭ كۈچىگە ئۇلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ‏ھالدا ‏ئەينى ئەسەرلەردە ئاللاھ، كائىنات، مەۋجۇتلۇق، ‏يوقلۇق،روھ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار ‏مىتافىزىكىلىق ‏مەسىلىلەرمۇ ئورۇن ئالىدۇ. بۇ مىتافىزىكىلىق ‏چۈشەنچىلىرىنى تارقاق ھالەتتە باشقا بىر ‏قانچە شېئىرلىرى ‏بىلەن تىياتىر ئەسەرلىرىدە، ناھايىتى مول ھالەتتە ‏‏"ۋالىدەم"دە، "تايفلار ‏يولى"(1919-يىلى)، "روھلار "(1922- ‏يىلى) ۋە "ئارزىلەر"(1925-يىلى) ناملىق شېئىرىي ‏‏دىئالوگلىرى بىلەن "سۆيگۈم"دىمۇ تېپىش مۇمكىن. بۇ ‏مىتافىزىكىلىق چۈشەنچىلەر شائىرنىڭ ‏تۇيغۇسىنى مەنبە ‏قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇلاردا تۇيغۇدىكى بىقارلىق – تۇراقسىزلىق ‏ھەتتا ئانچە – ‏مۇنچە زىتلىق ئۇچرايدۇ. پات-- پات قۇتۇپ ‏ئالماشتۇرىدىغان بۇ پوزىتسىيىسى سەۋەبىدىن شائىر ‏‏‏"زىددىيەتلەر شائىرى" دېگەن نامدا ئاتىلىپ قالدى. ‏
چۈشەنچىلىرىدىكى بۇ تۇراقسىزلىق شائىرنىڭ تىلىدا ‏ۋە ئۇسلۇبىدىمۇ كۆرىلدى. بەزى شېئىرلىرىنىڭ ‏ئەرەبچە ۋە ‏پارىسچىغا تۇنجۇقۇپ قالغىنىغا قارشى، بەزى شېئىرلىرى ‏ناھايىتى ئاددى بىر تۈركچە بىلەن ‏يېزىلدى. شۇنىڭدەك يەنە ‏ئەكرەم تەرىپلىگەن ئۈچ ئۇسلۇب تۈرىنىمۇ قوللاندى.‏
مانا مۇشۇنداق بولسىمۇ، رەڭدار تۇيغۇلىرى، مول خىيال ‏كۈچى ۋە زور مەدەنىي جاسارىتى بىلەن غەرب ‏تۈرك ‏شېئىرىنىڭ قۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىدا تەدبىقلىغۇچى ‏سۈپىتىدە ئەڭ چوڭ ئۇتۇق ئۇنىڭغا ‏مەنسۇپتۇر. ‏
تانزىمات دەۋرىدە دىۋان شېئىرىنىڭ قىزغىن بىر ‏قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە كۆرۈلسىمۇ، غەرپ ‏چۈشەنچىسى ۋە ‏ئۇسلۇبىدىكى شېئىرلارنىمۇ يازغان مۇئەللىم ‏ناجى(1850-1893) مۇئەللىم ئۈنۋانىنى ‏‏"تەرجېمانى ھەقىقەت" ‏گېزىتىنىڭ ئەدەبىي ئىلاۋىسىدە ياشلارنىڭ يازغانلىرىنى ‏تۈزەتكەندە قوللانغان ‏‏"مۇئەللىم" دېگەن ئىمزادىن ۋە ناجى ‏تەخەللۇسىنىمۇ ئازىز ئەپەندىنىڭ ‏‏" ‏مۇخەييەلەت"(خىيال)دىكى "قىسسەئى ناجى"دىن ‏ئالغانىدى. ھەم شائىر ھەم تەنقىتچى سۈپىتىدە ‏ئىسمىنى ‏‏1880-يىلىدىن كېيىن تۇنۇتۇشقا باشلاپ، تىزلا شۆھرەتكە ‏ئىرىشتى. دىۋان نەزمىنىڭ تىلى ۋە ‏ئۇسلۇبىنى ناھايىتى ‏ياخشى بىلىدىغان ناجى فرانسۇزچىنى ئەدەبىي تەرجىمىلەر ‏بىلەن شۇغۇللانغىدەك ‏دەرىجىدە ئۆگەندى. ئۇ، تۈرك ‏شېئىرىنىڭ غەرپ شېئىرىنى بىر پۈتۈن ھالەتتە ئەمەس، ‏پەقەت مەلۇم ‏تەرەپلىرىنى ئإرنەك قىلىش تەرەپدارى ‏ئىدى. ئۇنىڭ غەرپ ئۇسلۇبىدا يېزىلغان شېئىرلىرى ‏ئارىسىدا ‏ئەڭ سۆيۈلۈپ ئوقۇلغانلىرى "فىرقەت"، "باھارى ‏شەباب"، "يېزىلىق قىزلارنىڭ ناخشىسى"، "قۇزا"، ‏‏‏"دىجلە"، "كەبۇتار"(كەپتەر) ۋە "شەمئىي غەرىبان"‏دۇر. ئۇنىڭ بارلىق شېئىرلىرى "ئاتەشپارە" ‏‏(1883-يىلى)، ‏‏"شەرارە"(1884- يىلى)، "فۇرۇزان"(1886-يىلى) ۋە "يادىگارى ناجى " ‏‏(1896-يىلى) قاتارلىق كىتاپلىرىغا ‏كىرگۈزۈلدى. ‏
تىياتىر—" تانزىماتى ھەيرىيە"رەسمىي ئىلان ‏قىلىنغانغا قەدەر يالغۇز ئورتا ئويۇنى ③ بىلەن قارا كۆز ‏‏④ نى ‏بىلىدىغان تۈرك تاماشىبىنلىرى بۇ ۋاقىتتىن كېيىن غەرب ‏تىياتىرىنى تونۇشقا باشلىدى. بۇنىڭدىن ‏بۇرۇن ياۋروپادىن ‏كەلگەن بەزى تىياتىر ئارتىسلىرىنىڭ بىرمۇنچە ۋەكىللەرنى ‏ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى ‏بىلىنمەكتە. لېكىن، 1839- يىلىدىن ‏كېيىن بۇ ئارتىسلار ئىستانبۇلدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇشقا ۋە ‏‏ئۆزلىرىنىڭ تىياتىر بىنالىرىنىمۇ سالدۇرۇشقا باشلىدى. ‏ئاساسلىقى ئىتالىيان ۋە فرانسۇز ئارتىسلىرى ‏پائالىيەت ‏كإرسەتكەن بۇ دەستلەپكى يىللاردا تۈرك تاماشىبىنلىرىغا ‏تىياتىرنىڭ ئاساسەن ھەممە ‏تۈرلىرى(كومىدىيە، دراما، ‏ئوپېرا، بالېت) سۇنۇلىدۇ. بۇ جەرىياندا ۋاقىتنىڭ ئإتۈشى بىلەن ‏يەرلىك ‏تەشەببۇسكارلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ تىياتىر ‏بىنالىرىنى سالدۇرۇپ، يات ۋە يەرلىك ئاتىسلارغا سەھنە ‏‏ئاچتى. بۇلارنىڭ ئەڭ داڭلىقلىرى نائۇم، ئورتا كۆي، خاسكۆي ‏ۋە شەرق ناملىق تىياتىرلاردۇر. ‏‏1867-يىلى گەدىك پاشادا ‏قۇرۇلغان ئوسمانلى تىياتىرى بولسا باشقۇرغۇچىسى، ‏رېژىسسۇرى ۋە ‏ئەدەبىي ئۆمېكى بىلەن يەرلىك تىياتىرلارنىڭ ‏ئەڭ زامانىۋىيسى ۋە ئەڭ مۇھىمى ئىدى. دەۋرىنىڭ ‏بەزى ‏دۆلەت ئادەملىرى ۋە يازغۇچىلار تەرىپىدىنمۇ ھېمايە ‏قىلىنغان بۇ تىياتىر ئاخمەد مىدخاتنىڭ ‏‏"چەركەس ‏بەزلەر" ناملىق پىيەسسەسىنىڭ ھۆرىيەت پىكىرلىرىنى ‏تارقاتقانلىقى سەۋەبى بىلەن ‏ئابدۇلھەمىدⅡ‏ تەرىپىدىن ‏چاقتۇرۋىتىلگەن. ‏
‏ تانزىماتنىڭ دەستلەپكى يىللىرىدا بولۇپمۇ ‏ئابدۇلمەجىدنىڭ يېقىن ئالاقىسى ۋە ھېمايىسى بىلەن ‏قالتىس ‏جانلىق ۋە جەلپكار ھالەتنى ئىپادە قىلغان سەھنە ھاياتى ‏قىسقا ۋاقىتتىلا مىۋىسىنى بىرىپ، ‏غەرپ تۈرك تىياتىر ‏ئەنئەنىسىنىڭ ئاساسى قۇرۇلدى. لېكىن مۇشۇنداق جىددىي ‏سەھنە پائالىيەتلىرى ‏كۆرۈلگەن بولسىمۇ، غەرپ ‏مەنىسىدىكى تۈرك تىياتىر ئەدەبىياتىنىڭ قايسى ۋاقىتتا ‏باشلانغانلىقى، ‏تۇنجى تۈرك پىيەسسەسىنىڭ قايسى ۋاقىتتا ‏يېزىلىپ ئوينالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ كىمگە ئائىت ئىكەنلىكى ‏‏ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. ئەمما غەرب ‏ئەدەبىي تۈرلىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ‏تىياتىرنى تۇنىغان ‏ياش تۈرك زىيالىلىرىنىڭ غەرب مودېلىدىكى تۇنجى ‏تەجىرىبىلىرىنىمۇ مۇشۇ تۈردە ‏ئېلىپ بېرىشى تەبىئىيدۇر. ‏شۇ سەۋەپلىك، باشقا تۈرلەردىكى تۇنجى يەرلىك ئۆرنەكلەر ‏‏‏1860-يىلىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، تىياتىردىكى ‏تۇنجى يەرلىك تەجىرىبە 1844-يىلى ‏يېزىلغانلىقى تەخمىن ‏قىلىنغان كىچىك بىر دىرامىدۇر. بۇنى شىناسىنىڭ1859-يىلى ‏يېزىلغان تۇنجى ‏كومىدىيە تەجىرىبىسى داۋاملاشتۇردى. ‏‏1860-1870- يىللاردا تىياتىر يېزىقچىلىقى تەرەققىي قىلىشقا ‏‏باشلىدى. 1870-يىلىدىن كېيىن بولسا چوڭ بىر تەرەققىيات ‏دەۋرىگە كىردى. ‏
ئوسمانلى تىياتىرىنىڭ چاقتۇرۋىتىلىشى تۈرك تىياتىرى ‏ئۈچۈن قاتتىق بىر تەلەيسىزلىك بولدى. تۈرك ‏تىياتىرىنىڭ تىز ‏سۈرەتلىك بىر تەرەققىيات دەۋرىگە توغرا كىلىدىغان ۋە ‏ئەينى ۋاقىتتا مۇھىم ‏پىيەسسەلەرنى ئويناشنىڭ ‏چەكلىنىشىگىمۇ سەۋەپ بولغان بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ئۈركۈپ ‏كەتكەن تۈرك ‏تىياتىر يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىنىڭ ئويلىنىش ‏ئىمكانىيىتى قالمىغان ۋەزىيەت ئالدىدا، ئويناش ‏ئۈچۈن ‏ئەمەس، پەقەت "ئوقۇش ئۈچۈن" پىيەسسە يېزىشقا ‏مەجبۇر بولدى. پىيەسسە ماھارىتىنىڭ بىر ‏چەتكە تاشلاپ ‏قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بۇ مەۋقەنىڭ تۈرك تىياتىر ‏ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ‏ناھايىتى يامان تەسىرى ‏بولدى.1908-يىلىغا قەدەر داۋاملاشقان ۋە تۈرك سەھنىلىرىنى ‏پەقەت ‏تۇلۇئات⑤ ھەرىكەتلىرىنىڭ قەتئىي ئىشغال ‏قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بۇ كۆڭۈلسىز باسقۇچ تۈرك ‏‏تىياتىر ئەدەبىياتىدىمۇ بىر ئۈزۈكلۈك ۋە تۇرغۇنلۇقنى پەيدا ‏قىلدى.‏
تانزىمات دەۋرى تىياتىر ئەدەبىياتىدا ئاساسەن بارلىق ‏پىيەسسە تۈرلىرى تەجىرىبە قىلىندى. ئەمما ‏ئەڭ كۆپ ‏قىزىقىش قوزغىغان تۈرلەر كومىدىيە ۋە دىرامىدۇر. ھامىد ‏بىلەن تەڭ درامىلارنىڭ شېئىرىي ‏ھالەتتە يېزىلىشىمۇ ‏باشلاندى. ‏
تۈرك تىياتىر ئەدەبىياتىدا ھازىرچە تۇنجى تەجىرىبە ‏سۈپىتىدە بىلىنگەن "ھېكايەئى ئىبراھىم پاشا ۋە ‏‏ئىبراھىمى گۈلشەنى" تارىخچى ھايرۇللاھ ئەپەندى(1866- ‏ئۆلگەن)نىڭ تېخى بىر تىب ئوقۇغۇچىسى ‏چېغىدىلا ‏يازغان (تەخمىنەن 1844-يىلى) ۋە دەستلەپ ئىسمائىل ھامى ‏دانىشمەند تەرىپىدىن ‏نەشىر قىلىنغان ("تۈركلۈك ژورنىلى"، ‏‏1939- يىل،8 -سان،77-91-بەتلەر. كىتاب ھالىتىدە ئايتەكىن ‏ياكار ‏تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، تۈنۈگۈن--بۈگۈن نەشرىياتى ‏تەرىپىدىن بېسىلغان، ئەنقەرە، ‏‏1960-يىلى) تۆت پەردىلىك ‏كىچىك بىر درامىدۇر. 1534- يىلىدىكى باغداد يۈرۈشى مەزگىلىدە ‏‏دەپتەردار (مالىيە ئەمەلدارى) ئىسكەندەر چەلەبىنى ناھەق ‏ئۆلتۈرگەن سەدرى ئەئىزەم پارگالى ‏ئىبراھىم پاشانىڭمۇ ‏قانۇنى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىشىنى تېما قىلغان بۇ پىيەسسە ‏ئىپادىلەش ئۇسۇلى ‏جەھەتتىن ناھايىتى ئاجىز ئىدى.‏
تۈركچە ئىككىنجى پىيەسسە تەجىرىبىسى ‏ھېساپلانغان شىناسىنىڭ "شائىرنىڭ ئۆيلىنىشى" ‏‏1859-يىلى ‏يېزىلىپ، بىر يىلدىن كېيىن " تەرجىمانى ئەھۋال" (2-5- ‏سان) دا بۆلۈپ ئىلان قىلىنغان ‏بىر پەردىلىك كومىدىيىدۇر. ‏ئورتا ئويۇنى بىلەن مولىئېرى كومىدىيىلىرىنىڭ ‏ئىپادىلەش ‏ئالاھىدىلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان ۋە ‏پىيەسسە ماھارىتىدە ھايرۇللاھ ئەپەندىنىڭ ‏‏تەجىرىبىسىدىن كۆپ ئىلگىرىلىگەن بۇ كومىدىيىدە قىز ‏كۆرگۈچى (ئەلچى) بىلەن ئۆيلىنىش ئادىتى ‏تېما قىلىنىپ ‏تەنقىدلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەدەبىي ئەسەر ئىجتىمائىي ‏پايدىغا يۈزلەنگەن بولۇش ‏كىرەك، دەيدىغان قاراشقىمۇ تۇنجى ‏ئۆرنەك بىرىلىدۇ.‏
دراما ۋە كومىدىيە تۈرلىرىدىكى بۇ دەستلەپكى ‏تەجىرىبىلەردىن كېيىن، 1866-يىلى يېزىلغان تۇنجى ‏تراگىدىيە ‏تەجىرىبىسى بىلەنمۇ ئۇچرىشىمىز. "شائىرنىڭ ئإيلىنىشى" ‏نەشىر قىلىنغان 1860-يىلى ‏بىلەن 1866-يىلى ئارىسىدا يېزىلغان ‏باشقا تىياتىر ئەسەرلىرىنىڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقى ‏ھەققىدە ‏ئېنىق مەلۇماتىمىز يوق. ‏
ئالى ھايدار(1836-1933) 1866-يىلى ئىلان قىلىنغان ‏‏"سەرگۈزەشتى پەرۋىز" ۋە"ساسانىيان ‏‏ھۆكۈمدارلىرىدىن ئىككىنجى ئەرساسنىڭ ‏سەرگۈزەشتىسىى" ناملىق شېئىرىي پىيەسسەلىرى بىلەن ‏‏تۈرك ئەدەبىياتىدا تراگىدىيە تۈرىنىڭ دەستلەپكى ‏ئۆرنەكلىرىنى بەرگەن، دەپ جاكارلانماقتا. ‏ھازىرچە بۇ ‏باياننى رەد قىلدۇرىدىغان باشقا بىر ئەسەر يوق. لېكىن، ئۇنىڭ ‏ئەلچىلىك كاتىبى ‏سۈپىتىدە بىر مەزگىل پارىژدا تۇرۇپ ‏فرانسۇز تىياتىرىنى تۇنىغان بولسىمۇ، فرانسۇز كىلاسسىك ‏‏تراگىدىيىسىنىڭ روھىغا ۋە ئاساسلىرىغا ئىچكىرلەپ ‏كىرەلمىگەنلىكى بۇ ئاددى تەجىرىبىلەردىن ‏ئاسانلا مەلۇم ‏بولماقتا. بۇ جەھەتتە تۈرك ئەدەبىياتىدا پەقەت تۇنجى ‏شېئىرىي پىيەسسەلەرنىڭ ‏ئاپتورى سۈپىتىدە قوبۇل ‏قىلىنىدىغان ئالى ھايدارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا "رۇيا ‏ئويۇنى" (چۈش ‏ئويۇنى) ناملىق يەنە بىر شېئىرىي ‏كومىدىيىسىمۇ بار.‏

‏ رەجائىزادە ئەكرەممۇ تۇنجى پىيەسسەسى بولغان ‏‏"ئەفىفە ئەنژەلىك" (1870- يىلى)نى ئاشۇ ۋاقىتتا ‏يازدى. ‏ھايرۇللاھ ئەپەندىنىڭ پىيەسسەسى تېخى نەشىر ‏قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ھەقلىق قىلىپ ‏كىرىش سإزىدە بۇ ‏پىيەسسەنىڭ تۈركچىدە يېزىلغان تۇنجى دراما ئىكەنلىكىنى ‏بايان قىلىدۇ. يازغۇچى ‏مەيلى تىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتتە بولسۇن، ‏ياكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتىن بولسۇن ناھايىتى ئاجىز ‏‏بولغان بۇ تەجىرىبىسىدىكى خاملىقتىن ئىككىنجى ‏پىيەسسەسى بولغان "ۋىسالغا يىتىش ياكى ‏ۋاقىتلىق ‏خوشلۇق" (1874- يىلى)دا قۇتۇلۇپ چىقتى. 1874-يىلى فرانسۇز ‏رومانچىسى ‏كاتېئابرىئاندنىڭ ئەسەرلىرىدىن تەرجىمە ‏قىلغان "ئاتالا" دېگەن روماننىمۇ ئەينى ئىسىم بىلەن ‏‏پىيەسسىگە ئايلاندۇردى. بۇ پىيەسسە تۈركچىدە روماننى ‏پىيەسسىگە ئايلاندۇرۇشنىڭمۇ تۇنجى ‏ئۆرنىكىدۇر. نامىق ‏كەمالنىڭ "بىجارە بالا" درامىسىدىكى "ئۆيلۈك-ئوچاقلىق ‏بولغاندا ئاتا-ئانىلارنى ‏ئەمەس، بالىلارنى ئويلاشنىڭ مۇھىم ‏ئىكەنلىكى" قارىشىنى قوللىغان ئەكرەم خاراكتېر، ۋەقە ۋە ‏‏ھەرىكەت جەھەتتە يەرلىك ھاياتنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكى ‏ئۈچۈن بىر "مىللىي پىيەسسە" سۈپىتىدە ‏‏خاراكتېرلەندۈرگەن "ۋىسالىغا يىتىش" تىن باشقا دراما ‏يازمىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن نەشىر ‏قىلىنغان " كۆپ ‏بىلگەن كۆپ يېڭىلىدۇ " (1914-يىلى) ناملىق بىر كومىدىيىسىمۇ ‏بار. ۋەقەلىكىنى ‏‏"مىڭ بىر كىچە" نىڭ ھېكايىسىدىن ئالغان ‏بۇ ئەسەر مەيلى پىيەسسە ماھارىتى، ياكى تىل ۋە ‏ئۇسلۇب ‏جەھەتتىن بولسۇن، تانزىمات دەۋرى تىياتىر ئەدەبىياتىنىڭ ‏ئەڭ ئۇتۇغلۇق ئەسەرلىرى ‏ئارىسىدا تۇرىدۇ. ‏پىيەسسەلىرىدە "ئىجتىمائىي پايدا"غا ناھايىتى چىڭ ‏باغلانغان كەمال تىياتىرنى ‏‏"پايدىلىق بىر ‏ئويۇن—تاماشا" سۈپىتىدە تەرىپلەيدۇ. غەربىي ياۋروپادا ‏تۇرغان مەزگىللىرىدە مۇھىم ‏تىياتىر ئەسەرلىرىنىڭ ‏پۈتۈن خەلق ئۈستىدىكى زور تەسىرىنى دىققەت بىلەن ‏كۈزەتكەنلىكى ئۈچۈن، ‏ئىستانبۇلغا قايتقاندىن كېيىن تىياتىرغا ‏يېقىندىن ئالاقە كإرسەتتى. گەدىك پاشادىكى ئوسمانلى ‏‏تىياتىرىنىڭ ئەدەبىي ئۆمىكىگە كىرگىنىدەك، 1873-يىلى ‏تۇنجى پىيەسسە تەجىرىبىسىنى ئوتتۇرىغا ‏چىقاردى. "ۋەتەن ‏ياكى سىلىسترە" دەپ ئاتالغان ۋە ۋەكىل مەزگىلىدە قىلىنغان ‏داغدۇغا سەۋەبىدىن ‏ئاپتورنىڭ قىبرىسدە ئوتتۇز سەككىز ‏ئايلىق سۈرگۈن قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان، ۋەتەن ۋە ‏‏قەھرىمانلىق تۇيغۇلىرىنى يورۇتقانلىقىنى ئۈچۈن زور بىر ‏قىزىقىش قوزغىغان بۇ دراما ئۈچ يىل ئىچىدە ‏ئىستانبۇل، ‏سەلانىك ۋە ئىزمىر قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ئالتە يۈز ‏قېتىمغا يېقىن ئوينالدى. ‏ئاپتورنىڭ يەنە پۈتۈنلەي درامىدىن ‏ئىبارەت بولغان باشقا پىيەسسەلىرىمۇ بار. ئۇلار "بىچارە ‏بالا" ‏‏(1873-يىلى)، "ئاكىف بەي" (1874-يىلى)، ‏‏"گۈلنىھال" (1875-يىلى)، "جەلالىددىن خارازىمشاھ" ‏‏(1875- ‏يىلى) ۋە ئۆلۈمىدىن كېيىن بېسىلغان "قارا ‏بالا" (1910-يىلى) قاتارلىقلاردۇر. ‏
رومانتىك درامىنىڭ تەسىرىدە بولغان كەمالنىڭ بۇ ‏جەھەتتىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق ئەسەرلىرى "ۋەتەن ‏ياكى ‏سىلىستىر"دىن كېيىنكى "ئاكىف بەي"، "گۈلنىھال"، ‏بولۇپمۇ "جەلالىددىن خارازىمشاھ"تۇر. ‏بارلىق بۇ ‏ئەسەرلەردىكى قەھرىمانلارنىڭ ناھايىتى ئۈمىتۋار، ‏ئىنقىلاپچى بولۇشى ۋە ‏سۆھبەتلىرىدىكى ئىپادىنىڭ ‏كەسكىنلىكى رومانتىك دراما بولۇشنىڭ تەسىرىدىن ‏كەلگەنىدى. ‏كەمالنىڭ درامىلىرى تۈرك تىياتىر ئەدەبىياتىدا ‏رومانتىك دىرامىنىڭ تۇنجى ئۇتۇقلۇق ئۆرنەكلىرىدۇر. ‏‏پىيەسسە ماھارىتى جەھەتتىن ئاجىز بولغان كەمال "گۈلنىھال"دا بۇ جەھەتتىنمۇ خېلىلا ئۇتۇق ‏قازانغان. ۋىكتور ‏ھۇگۇ(ھيۇگۇ)نىڭ "گرومۋېل " درامىسىغا تەقلىد قىلىپ ‏يازغان "جەلالىدىن ‏خارازىمشاھ"نىڭ ئايرىم بېسىلغان ‏كىرىش سۆزىدە("مۇقەددىمە جالالىدىن"(1888-يىلى) بولسا ‏‏ئومۇمىي ھالدا بارلىق ئەدەبىي تۈرلەردىن، شۇنىڭدەك ‏تىياتىردىن سۆز ئاچىتى. تىياتىر ھەققىدىكى ‏قاراشلىرىنى يەنە ‏‏"تىياتىر"("ئىبرەت"، 1871- يىلى31-مارت) ناملىق ‏ماقالىسىدىمۇ تېپىش مۇمكىن. ‏كەمالنىڭ خەلق تەرىپىدىن ‏ھېمايە قىلىنغان كىشىلىك ئوبرازى ۋە كەڭ تارالغان شۆھرىتى ‏تىياتىر ‏تۈرىنىڭ ياخشى كۆرۈلىشىدە ۋە ياش يازغۇچىلارنى ‏رىغبەتلەندۈرۈشتىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. ‏
تانزىمات دەۋرىنىڭ كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرغان ‏يازغۇچىسى ئاخمەد مىدخات(1844-1913)مۇ ‏تىيارتىرنىڭ پەيدا ‏قىلغان قىزغىن جەلكارلىقىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالالمىدى. ‏ئەدەبىياتتىكى ‏‏"ئىجتىمائىي پايدا" پرىنسىپىغا ‏ئاخىرىغىچە ئەستائىدىل باغلانغان بۇ يازغۇچى تۇنجى ‏پىيەسسەسى ‏بولغان "ئەيۋاھ" (1872-يىلى)دا ‏ئۆيلۈك--ئوچاقلىق بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا "بىردىن ‏‏ئارتۇق ئايال بىلەن توي قىلىش ئادىتى"نى تېما قىلىپ ‏تەتقىد قىلدى. پىيەسسەگە قاتتىق قارشىلىق ‏كۆرسەتكەن ‏مۇتەئەسسىپ گۇرۇھقا "يالىڭاچ باش" (1875-يىلى) ناملىق ‏باشقا بىر پىيەسسەسى بىلەن ‏تېخىمۇ شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. ‏بۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغان ۋە ياۋروپادىكى سىنىپىي ‏كۈرەشلەرنى ۋە ‏ئىنسان ھەقلىرىنى تېما قىلغان"ئۆچ ئېلىش ‏ياكى ياۋروپانىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى" (1875-يىلى)، ‏‏چېركەزلەرنىڭ تۇرمۇش شەكىللىرىنى ۋە ئادەتلىرىنى ‏چۈشەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئوسمانلى ‏تىياتىرىنىڭ ‏چاقتۇرۋېتىلىشىگە سەۋەب بولغان "چېركەس ‏بەزلەر" (1883-يىلى) تېمىسىنى قەدىمكى ‏ئىران ‏تارىخىدىن ئالغان " قەدىمكى ئىرانلىقلادا بىر پاجىئە ياكى ‏سىياۋۇش" (1883-يىلى) ناملىق ‏پىيەسسەلىرى بىردىن دراما ‏ئىدى. لېكىن 1884-يىلىدىن كېيىن مۇھىم تېمىلاردىكى ‏پىيەسسەلەرنىڭ ‏ئوينىلىشىغا ئىمكان تاپالماي، ‏يازغۇچىلار كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىغا يۈزلىنىشكە مەجبۇر ‏بولغاندا، ‏ئاخمەد مىدخاتمۇ مۇزىكىلىق ۋە ئۇسسۇلۇق ‏پىيەسسەلەرنى يېزىشتىن چەتتە قالمىدى. " چەنگى ياكى ‏‏دانىش چەلەبى" ۋە "زىبا" ناملىق ئويۇنلىرى بۇ خىل ‏ئەسەرلەر ئىچىدە ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ‏‏"كۆڭۈل" ناملىق ‏ھېكايىسىنى "ھۆكمى دىل"(1884-يىلى) نامى بىلەن ‏پىيەسسەگە ‏ئايلاندۇرغىنىدەك، قېرىندىشى ئاخمەد جەۋدەت ‏بىلەن بىرلىكتە يازغان "زۇھۇرى ‏ئوسمانىيان" ‏‏(1889-يىلى) ناملىق بىر تارىخىي درامىسىمۇ بار. ‏
تانزىمات دەۋرىدە تىياتىر تۈرىدە ئەڭ كۆپ ئەسەر ‏يازغان ۋە بۇ ساھەدىمۇ ئەڭ چوڭ شۆھرەتكە ‏ئىرىشكەن ‏ئابدۇلھەق ھامىدنىڭ سەككىزى نەسرىي شەكىلدە يېزىلغان ‏يىگىرمە بىر پىسسەسى بار. ‏
نەسرىي شەكىلدە يېزىلغانلىرى:" مۇھەببەت ‏سەرگۈزەشتىسى" (1873-يىلى)، "سەبىر ۋە تاقەت" ‏‏(1874-يىلى)، "ھاياجانلىق قىز" (1874-يىلى)، "ھىندى قىز " (1875-يىلى)، "تارىخ ياكى ‏ئەندۈلۈس فەتھى" (1879-يىلى)، "فىنلاندىيىدىن ‏‏" (1916- يىلى)،"ئىبنى مۇسا ياكى زەتۈلجەمال" ‏‏(1917- ‏يىلى) "ئۇرۇش يادىكارلىقى" (1917- يىلى) قاتارلىقلار.‏
شېئىرىي شەكىلدە ‏يېزىلغانلىرى:"نەسرەتەن" (1877-يىلى)، "نازىفە " (1917- يىلى)، ‏‏‏"ئەشبەر"(1880يىلى)،"تەزەر ياكى ئابدۇراھمانى سەلىس " (1880- يىلى)، "ئەركىنلىك" (بۆلۈپ ‏بېسىلغان،"تۈرك ‏يۇرتى"،1911-يىلى)، "تارخان " (1914- يىلى)، "سارداناپال" (1917-يىلى)، ‏‏"ئابدۇللاھۈسساغىر" (1917- يىلى)، ‏‏" جۇنۇنىي ئاشق" (بېسىلمىغان، 1917-يىلى يېزىلغان)، ‏‏" ‏ئىلخان" (1911-يىلى)، "خاقان" (1935- يىلى)، "قانۇنىنىڭ ‏ۋىجدان ئازابى" (1937-يىلى ‏يېزىلغان) ۋە يېرىمى شېئىرىي، ‏يېرىمى نەسرىي شەكىدە يېزىلغان ‏‏"زەينەب" (1908-يىلى) ‏قاتارلىقلار.‏ ‏
ھامىد تۇنجى پىيەسسەسى "ئاشىق ‏سەرگۈزەشتىسى"نىڭ تېمىسىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئىنگلىز ‏مۇستەملىكىسى ‏بولغان ھىندىستاندىن ئالغان، كېيىنكى ئىككى ‏پىيەسسەسىدە ( "سەبىر ۋە تاقەت" ۋە "ھاياجانلىق ‏‏قىز") يەرلىك تېمىلارغا يۈزلىنىش بىلەن بىرلىكتە، "ھىندى ‏قىز" ئارقىلىق قايتىدىن يات مىللەتلەرنىڭ ‏تۇرمۇش ‏شەكلىگە يۈزلىنىپ، ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتقا قايتا دىققىتىنى ‏بەرمىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ‏تېمىسىنى ئۆز تۇرمۇشىمىزدىن ‏ئالغان تىياتىر ئەسەرلىرىگە بىرىلگەن "مىللىي ‏پىيەسسە" ئىسمى خاتا ‏ئىدى. چۈنكى، ئەسلى مىللىي ‏پىيەسسەلەر ئۆزىمىزنىڭ سىرتىدىكى يات مىللەتلەرنىڭ ‏ياكى ‏ئىچىمىزدە ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ‏شەكلىنى تېما قىلغان ۋە ئۇلارنى بىزگە ‏تۇنۇتقان پىيەسسە ‏ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. بۇ ئىشەنچىسىگە ئۇيغۇن ‏قاراشلىرىنى "ھىندى قىز"نىڭ ‏خاتىمىسىدە چۈشەندۈرىدۇ. ‏ئاشۇ قاراش بىلەن ھەم بۇرۇن (ئەبۇززىيا ‏تەۋپىق،"ئەجەلى ‏قازا"،1872-يىلى) ھەم ئاشۇ ‏يىلى (شەمسىدىن سامى، "قەسەم ياكى ئەھدى ۋاپا"، 1875-يىلى ‏‏‏"سەيدى ياھيا"، رىفات ھاسان بەدرەددىن پاشا، "ئەبۇل ‏ئەلا"، " قۇل ئەسكەرلەر"،1875-يىلى ‏يېزىلغان باشقا ‏ئەسەرلەرنىڭ بولغانلىقىغا قارىغاندا، ھامىد بۇ تىياتىر ‏چۈشەنچىسىدە يالغۇز ئەمەس ‏ئىدى. بۇ قاراشلىرى بىلەن ‏يازغان پىيەسسەلىرىدە كإپۈنچە يا باشقا مەملىكەتلەرنىڭ ‏تارىخىدىن ‏‏(ئاسۇر، ئەرەب، ھىندىستان، ئافغانىستان) ياكى ‏تۈرك تارىخىدىن (ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخى، ‏ئوسمانلىلار ‏تارىخى) پايدىلىنىپ، يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ‏تۇرمۇشىغا ئورۇن بەرمىدى. ‏زامانداش غەرپ مەملىكەتلىرى ‏بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىردىن بىر ئەسىرى ‏‏"فىنلاندىيىدىن" ‏بولسا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ‏ئىنگىلىز تۇرمۇشىنى تېما قىلدى. ‏

ئاساسەن رومانتىك بىر خاراكتېرى بار، دائىم تۇيغۇ، ‏خىيال ۋە ئارزۇ--ھەۋەسلەرنىڭ پېشىدا ‏يۈرۈيدىغان ھامىد ‏‏1875-يىلىدىن كېيىن مەۋجۇتلىقىنى تۈرك ئەدەبىياتىدىمۇ ‏ئوبدانلا ھېس ‏قىلدۇرۇشقا باشلىغان رومانتىزىمنىڭمۇ تەسىرى ‏بىلەن ئۆزىنى رومانتىك دىرامىغا ئاتىۋەتتى. ھەر ھالدا ‏‏دەستلەپكى شېئىرىي پىيەسسەلىرىدىن بولغان ‏‏"نەستەرەن"دە فرانسۇز كىلاسسىك تىياتىر ‏يازغۇچىلىرىدىن ‏كورنېلنىڭ "‏Le Cid‏" ۋە "ئەشبەر"دىمۇ يەنە ئاشۇ ‏يازغۇچىنىڭ "‏‎ Horace‎‏"ناملىق ‏پىيەسسەلىرىنىڭ تەسىرى ‏بولسىمۇ، بۇلار پەقەت خاراكتېر ئىپادىسى ۋە ۋەقەلەرنىڭ ‏قۇرۇلمىسى ‏جەھەتتىندۇر. بولمىسا خاراكتېر ۋە ۋەقەلەرنى قولغا ‏ئېلىش جەھەتتە يازغۇچى رومانتىك بىر مەۋقەدە ‏بولدى. ‏بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مۇنچە پىيەسسەلىرىنىمۇ رومانتىك ‏درامىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن ‏شېئىرىي شەكىلدە يېزىشنى ‏ئەۋزەل بىلدى. پىيەسسەلىرىدە ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ تەسىر ‏قىلغان يات ‏مىللەت يازغۇچىسى بولسا رومانتىك درامىنىڭ ‏ئاتىسى بولغان شېكىسپىردۇر. ‏‎ ‎
خاراكتېرنى تەسۋىرلەش ۋە تەھلىل قىلىش كۈچى ‏ناھايىتى ئۈستۈن بولغان ھامىد بۇ خۇسۇستىكى ئەڭ ‏چوڭ ‏غەلىبىسىنى "فىنلاندىيىدىن" دە كۆرسەتتى. لېكىن پىيەسسە ‏ماھارىتى جەھەتتە ناھايىتى چوڭ ‏بىر بىپەرۋالىق بار ئىدى. ‏بۇنىڭدا پىيەسسەلەرنى ئويناش ئىمكانىيىتىنىڭ قالماسلىقى ‏رول ئويناش ‏بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ قائىدىلەرگە ‏ماسلىشىشقا خوشى يوق تەبىئىتىنىڭمۇ تەسىرى بار ئىدى. ‏چۈنكى ‏ئاشۇ بىپەرۋالىق شېئىرىي پىيەسلىرىدىكى نەزىم ‏ئۇسۇلىدا، ۋەزىن ۋە قاپىيە خاتالىقلىرىدا، ئۇسلۇب ‏جەھەتتە ‏پات-پات ئۇچرايدىغان مەنانى يوشۇرۇن ئىپادىلەشتىمۇ ‏كۆرۈلىدۇ. دەستلەپكى ‏پىسسەلىرىدىن كېيىن تىلىمۇ ‏بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، ئەرەبچە، پارسچە سۆزلۈكلەر ۋە ‏باغلىغۇچىلار ‏بىلەن تولۇپ، ناھايىتى تەستە چۈشىنىدىغان ‏ھالغا كېپقالدى. پۈتۈن بۇ پىپەرۋالىقلار تۈرك تىياتىرىنىڭ ‏‏تەرەققىياتىغا يامان تەسىر پەيدا قىلدى.‏
تانزىمات دەۋرىدە تىياتىر تۈرىنى ئىككىنجى ئورۇنغا ‏قويۇپ مەشغۇل بولغان يازغۇچىلار ئارىسىدا ‏يۇقىرىدا ‏ئىسمى ئۇچرىغانلاردىن باشقا ماناستىرلىق رىفاتنىڭ ‏‏"ئوسمان غازى" (1873-يىلى)، ‏‏"ئۆرپ-ئادەت" (1873-يىلى)، "پاكىز ئېتەك" (1873-يىلى)،"يا غازى يا شېھىد" (1874-يىلى)، ‏‏سامى پاشازادە سەزائىنىڭ "شىر" ۋە مۇئەللىم ناجىنىڭ ‏‏"زىيان " (1900-يىلى) ناملىق ‏پىيەسسەلىرىمۇ تىلغا ‏ئېلىنىدۇ.‏
رومان ۋە ھېكايە— غەرب ئۇسلۇبىدىكى رومان ۋە ‏ھېكايىمۇ 1860-1870-يىللار ئارىسىدىكى ‏باشتىن ئۆتكۈزگەن بىر ‏تەييارلىق باسقۇچىدىن كېيىن باشلاندى. 1860-يىلىغا قەدەر تۈرك ‏خەلقىنىڭ ‏زىيالىي بولمىغان قىسمى ئۆز تىلىدا يېزىلغان ‏ئانونىم ⑥ ھېكايىلەر بىلەن ("كۆر ئوغلى"، "كەرەم ‏ۋە ‏ئەسلى"، "پەرھاد ۋە شىرىن"، "تاھىر ۋە زإۆھرە"، ‏‏"يۈسۈپ ۋە زىلەيھا"،"ۋامۇق ۋە ئۇزرا")، ‏زىيالىي ‏قىسمىمۇ تېمىسى ۋە ۋەقەلىكى ئورتاق بولغان ۋە كۆپۈنچە ‏شېئىرىي شەكىلدە يېزىلغان ‏‏("لەيلى ۋە مەجنۇن "، ‏‏"خۈسرەۋ ۋە شىرىن"، "يۈسۈپ ۋە زىلەيھا"، "ۋامۇق ‏ۋە ئۇزرا" قاتارلىق ) ‏ھېكايىلەر بىلەن كۇپايىلەنگەنىدى. ‏غەرپنىڭ رومان ۋە ھېكايە زوقى يەرلەشكەنگە قەدەر ‏‏زىيالىلارنىڭ بۇ ئادىتى داۋاملاشتى. ئوقۇمىغان خەلق ‏ئارىسىدا بولسا ئۆزلىرىنىڭ ھېكايە ئەنئەنىسى ‏ھالا داۋام ‏قىلماقتا.‏
غەرپ ئۇسلۇبىدىكى رومان ئۆرنەكلىرىنى تۈرك ‏ئوقۇرمەنلىرى 1860-يىلىدىن كېيىن تۇنۇشقا باشلىدى. ‏تۇنجى ‏ئۆرنەك يۇسۇف كامىل پاشانىڭ فرانسۇزچىدىن تەرجىمە ‏قىلغان "تېلېماك" (1862-يىلى)تۇر. ‏فېنېلوننىڭ بۇ رومانى يەتتە ‏يىلدا تۆت قېتىم بېسىلغان بولسىمۇ ۋە لوئىسⅩⅣنىڭ ھاكىم ‏مۇتلەق ‏ئىدارە قىلىش شەكلىنى تەنقىت قىلغانلىقى ئۈچۈن ‏تانزىمات دەۋرىنىڭ دېموكراتىك ئىدارە قىلىشنى ‏تاللىشىغا ‏ئۇيغۇن كەلسىمۇ، ھەقىقىي رومان چۈشەنچىسىدىن ۋە ‏ئۇسلۇبىدىن تامامەن مەھرۇمدۇر. شۇ ‏سەۋەپلىك بۇنىڭ ‏غەرپ تۈرك رومانچىلىقىغا ھېچقانداق تەسىرى بولمىدى. بۇ ‏ئەسەردىن كېيىن پۈتۈن ‏دۇنيادا كەڭ بىر مايىللىق بىلەن ‏قارشى ئېلىنغان رومانلارنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىمۇ باشلاندى. ‏ۋىكتور ‏ھۇگۇنىڭ "يوقسۇللار" (1862-يىلى)، دانىئىل ‏دېفوئېنىڭ"روبېنسۇن كرۇس" (1864-يىلى)، ‏كاتېئابرىئاندنىڭ ‏‏"ئاتالا" (1871-يىلى) ۋە بېرناردىن سائىنت پىئېرنىڭ "پول ۋە ۋىرژىنى" قاتارلىق ‏رومانلىرى بۇنىڭ ئىچىدىدۇر. ‏
بۇ تەرجىمىلەر ھەم ئوقۇرمەنلەرگە ھەمدە كېيىنكى ‏ۋاقىتتىكى تۈرك رومانچىلىرىغا غەرپنىڭ رومان ‏ئۇسلۇبى ۋە ‏ماھارىتى ھەققىدە پىكىر--چۈشەنچە بەرگىنىدەك بىر ئۆرنەك ‏ھالىتىدە ئىدى. بۇنىڭدىن ‏باشقا فرانسۇزچە ئۆگەنگەن ياش ‏تۈرك يازغۇچىلىرى باشقا ئۆرنەكلەرنىمۇ تۇنۇپ، نىھايەت ‏‏دەستلەپكى تەجىرىبىلىرىنى باشلىدى. ‏
غەربنىڭ رومان ئۇسلۇبىدىكى تۇنجى تەجىرىبە ‏شەمسىددىن سامى تەرىپىدىن قىلىنغان ‏بولسىمۇ ‏‏("تائاشۇقى تەلەت ۋە فىتنەت"،1872-يىلى)، بۇ ئەسەر ‏مەيلى ماھارەت جەھەتتە بولسۇن ياكى تىل ‏ۋە ئۇسلۇب ‏جەھەتتە بولسۇن ناھايىتى ئاددىي ئىدى. بۇ تۈردىكى تۇنجى ‏غەلىبىلىك ئۆرنەك بىر ‏يىلدىن كېيىن "ھاسان ‏مەللاھ" ناملىق چوڭ رومانى بىلەن ئاخمەد مىدخات ‏تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا ‏چىقىرىلدى.‏
غەربنىڭ رومان ۋە ھېكايە ئۇسلۇبىدىكى تۇنجى ‏تەجىربىلىرىنى "لاتائىفى رىۋايەت" ناملىق بىر ‏يۈرۈش ‏ئەسىرلىرىگە جۇغلىغان خېلىلا چوڭ ۋە ھەممىسى 1870-يىلى ‏يېزىلغان ‏ھېكايىلىرى("سۈئىزان"، "ئەسارەت"، ‏‏"ياشلىق"، "فەلسەفەئى زېنان"، "مىھنەت كىشەن"، ‏‏‏"فىرقەت" قاتارلىق) بىلەن باشلىغان ئاخمەد مىدخات تۆت ‏يىلدىن كېيىن مونتې كرىستو كونتۇغا ‏تەقلىد قىلىپ يازغان ‏‏"ھاسان مەللاھ" ناملىق ئەسىرى بىلەن رومانغا كۆچتى.‏
تانزىمات دەۋرىنىڭ بىرىنجى ھالقىسدا ئورۇن ئالغان ‏ئاخمەد مىدخات دەۋرىنىڭ تىپىك ‏ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ‏بولغان "ئىجتىمائىي پايدا" پرىنسىپىنىڭ ئەڭ ‏ئېتىقادلىق ۋە ئەڭ سادىق ‏قوغدىغۇچىسىدۇر. ئىزچىل ‏قىرىق بەش يىل داۋاملاشقان ۋە مەكتەپ كىتابلىرىدىن ‏رومانغا ۋە ‏ھېكايىگە، تىياتىرغا، تارىخقا، ساياھەتكە، ‏پەلسەپىۋىي ۋە دىنىي تېمىلارغا قەدەر كېڭەيگەن ناھايىتى ‏‏كۆپ ئەسەرلىرىدە ۋە ماقالىلىرىدا بۇ پرىنسىپتىن ھېچ ‏يانمىدى. پۈتۈن ماقالىلىرىدا "مۇھىتنى ‏يورىتىش" بىردىن ‏بىر غايىسى بولدى. بۇ مۇھىت بولسا يورىتىلىشقا مۇھتاج ‏بولغان، ئوقۇش-- يېزىشمۇ ‏بولمىغان بىر مۇھىت ئىدى. ئۇنىڭ ‏قارىشىچە، خەلقنىڭ يۈزدە توقسان توققۇزى ئوقۇش – ‏يېزىشنى ‏بىلمەيدىغان بىر مەملىكەتتە ئەدەبىي ئەسەرنى ‏پەقەت بىر سەنئەت ئەسىرى سۈپىتىدە چۈشىنىش ‏‏چوڭچىلىق ئىدى. ئەدەبىيات بۇ چوڭ توپنى يورىتىش، ئۇنىڭ ‏بىلىم سەۋىيىسىنى ئإستۈرۈش ئۈچۈن ‏پەقەتلا بىر ‏ۋاسىتىدۇر. بىرىلىدىغان دەستلەپكى مەلۇماتلار بولسا غەرب ‏مەدەنىيىتىنى تۇنىتىدىغان ‏بىلىم بولۇشى كىرەك ئىدى. تۈرك ‏خەلقى ئەمدى ئوتتۇرا ئەسىر زىھنىيىتى ۋە ھەرىكىتىدىن ‏ئايرىلىپ ‏چىقىشى كىرەك ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر ‏تەرەپتىن بۇ زىھنىيەت ۋە ھەرىكەتلەرنى تەنقىد قىلىپ، ‏يەنە ‏بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئورنىغا زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ ‏پايدىلىق زىھنىيتىنى ۋە ئۇنىڭغا تايانغان ‏ھەرىكەتلىرىنى ‏ئإگىنىش لازىمدۇر. بۇ بىلىملەرنى قۇرۇقتىن قۇرۇق بايان ‏قىلغاندىن كإرە، ‏ئوقۇرمەنلەرنى بىر رومان ۋەقەلىكى ئىچىدە ‏ئايلاندۇرۇپ، ھەم كإڭلىنى ئېچىش ھەم كىرەكلىك ‏بىلىملەرنى ‏بىرىش تېخىمۇ غەلىبىلىك بىر يولدۇر. ئاخمەد مىدخاتنىڭ بىر ‏مۇنچە رومانلىرىدىكى ‏ۋەقەلەرنى ياۋروپا مەملىكەتلىرىدە ‏يۈز بەرگەن قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ‏بىۋاسىتە ‏غەرب مەملىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ‏ئورناتقۇزىشى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇ مەملىكەتلەرنىڭ ‏‏شەھەرلىرى، كىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت، قىياپەتلىرى ‏ۋە ئادەتلىرىنى ئۆز ئارا ئۇچراشتۇرۇش ‏ئارزۇسى ‏ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چىڭ باغلىنىش بار ئىدى. ‏
بۇ مەيدانى بىلەن نامىق كەمالنىڭ تىياتىر ئۈچۈن قىلغان ‏"پايدىلىق بىر ئويۇن" دېگەن تەرىپىنى ‏رومان ئۈچۈنمۇ ‏كۈچكە ئىگە دەپ قارىغان يازغۇچى روماندىن ئېلىندىغان ‏زوقنى"ۋەقەنىڭ دىققەتنى ‏تارتىدىغان ھالەتتە ‏ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە جانلىق شەكىلدە تەسۋىرلىنىشى" ‏ئارقىلىق يارىتىلىدۇ دەپ ‏قارايتتى. ئاخمەد مىدخاتنىڭ ‏رومانلىرىنى ۋە ھېكايىلىرىنى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن زوقلۇق ‏قىلغان بىر ‏خۇسۇسمۇ دەل تەسۋىردىن باشقا ئىپادىلەش ‏ئۇسۇلىدىكى خۇسۇسىيەتلەردۇر. يازغۇچى ئۇتۇق قازىنىش ‏‏ئۈچۈن خەلقنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئادەتلىنىپ كەلگەن خەلق ‏ھېكايىلىرىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنى ‏قوللاندى. شۇنىڭ ‏بىلەن بىر سۆھبەت شەكلىدە مەدداھ ھېكايىلىرىدە ‏كۆرۈلگىنىدەك، پات--پات ‏ۋەقەلەرگە ئارىلىشىپ ‏ھادىسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك شەخسىي قاراشلىرىنى ‏بىلدۈرىدۇ. ‏چۈشەندۈرۈش ۋە ئوقۇرمەنلەرگە سۇئال قويۇپ، ‏جاۋابىنىمۇ ئۆزى بىرىش ئارقىلىق ئىپادىلەش ‏ئۇسۇلىنى ‏جانلىق ھالەتتە تۇتىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى ‏داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋەقەلەرنىڭ ‏مول ۋە ھەرىكەتچان ‏بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى. ھەجىم جەھەتتىن چوڭ ‏بولغان رومانلىرىدا ‏ئإز ئالدىغا باشقا بىر رومانغا تېما ‏بولغىدەك چوڭلۇقتىكى ۋەقەلەرنىڭ يانمۇ يان بايان قىلىنغانلىقىمۇ ‏‏كإرىلىدۇ. ۋەقەلىك تېپىشتا ھېچقانداق قىيىنچىلىق تارتمايدۇ. ‏چۈنكى مەلۇم بىر شەكىلگە باغلىنىپ ‏قالغان ئەمەس. لېكىن ‏خىيال مەھسۇلى بولسىمۇ ۋەقەلەرنىڭ ئىشەندۈرىدىغان ‏بولۇش كىرەكلىكىگە ‏ئىشىنەتتى. ‏
رومانلىرىنىڭ زور بىر قىسمى "سەرگۈزەشتە" ‏تۈرىدە بولغان ئاخمەد مىدخاتنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ‏تانزىمات ‏دەۋرى تىياتىرىسىدا كۆرۈلگەن ۋە تۈرلۈك شەكىللەردە ‏شەرھىيلەنگەن "مىللىي پىيەسسە" ‏تۈرىگە ئوخشاش بىر "مىللىي رومان" تۈرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى كۆرۈلىدۇ. ‏ئۇنىڭ قارىشىچە، ‏ۋاقەلىكى ئىسلام جامائىتى ئارىسىدا يۈز ‏بەرسىمۇ، قەھرىمانلارنىڭ شەخسىي ھاياتىنى چۈشەندۈرگەن ‏‏رومانلار "مىللىي رومان"دۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىر"يەرلىك رومان"مۇ بار. بۇ رومان تۈرى بولسا ‏‏"ۋەقەلىكى ‏يەنە مۇسۇلمانلار ئارىسدا يۈز بەرسىىمۇ، قەھرىمانلارنىڭ ‏شەخسىي ھاياتىدىن بەكرەك، ‏ئەتراپنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى ‏چۈشەندۈرگەن" روماندۇر. ھەر ئىككىسى خۇددى "مىللىي ‏پىيەسسە"گە ‏ئوخشاش ساغلام ۋە كۈچكە ئىگە بىر ‏رومان تۈرى بولۇش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇمدۇر. ‏
ئىجتىمائىي پايدىنى ئاساس قىلغان ئاخمەد ‏مىدخاتنىڭ رومانلىرىدا ۋە ھېكايىلىرىدا بۇ خىل ‏مەسىلىلەرگە ‏كىرىشىشىنى ۋە ئۇلارنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇشىنى ‏تەبىئىي ئەھۋال دەپ مۇئامىلە قىلىش ‏كىرەك. بۇلارنىڭ ‏ئالدىدا "زامانىۋىيلىشىش" مەسىلىسى تۇرىدۇ. يازغۇچى ‏زامانىۋىيلىشىشنى ئەمەلگە ‏ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بارلىق رومان ‏ۋە ھېكايىلىرىدە نۆۋىتى كەلگەندە غەرپ مەدەنىيىتىگە ‏ئائىت ‏ئاددىيلاشتۇرۇلغان مەلۇماتلارنى بىرىشتىن يىراق ‏تۇرمىدى. زامانىۋىيلىشىش تېمىسىنى ناھايىتى ‏جىددىي ھالەتتە ‏قولغا ئالغانلىقى ئۈچۈنمۇ شۇ دەۋرنىڭ ئومۇمنلاشقان ‏ئاتالغۇسى بىلەن ‏‏"ئالافرانگالىق"⑦ دەپ بىلىنگەن خاتا ‏ۋە يۈزەكى زامانىۋىيلىشىشقا شىددەتلىك قارشى ئىدى. غەرپ ‏‏مەدەنىيىتى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرى تۈرلۈك تېمىلاردا ‏بولغانلىقى سەۋەبىدىن تەبىئىي ھالدا ‏ئېنسىكلوپېدىيىلىك بىر ‏خاراكتېرنى ئىپادە قىلاتتى. يەنە زامانىۋىيلىشىشقا باغلىق ‏ھالدا كۆزگە ‏چېلىقىدىغان ئاساسلىق تېمىلار بولسا "ئىجتىمائىي ئادالەت"، "ھۆرىيەت" ياكى ئۇنىڭغا زىت ‏بولغان ‏‏"قۇللۇق " ("ئەسارەت"، "فىرقەت"، "ھاسان ‏مەللاھ"، "دۇنياغا ئىككىنجى قېتىم كىلىش")، "ئايال ‏‏ھەقلىرى"("دىپلوملۇق قىز"، "فەلسەفەئى زېنان") ۋە ‏‏"يېزىنىڭ گۈللىنىشى" ("بىر ھەقىقىي ھېكايە"، ‏‏‏"بەختىيارلىق" ) دۇر. ‏
‏"لاتائىفى رىۋايەت" (1875-1895) ناملىق بىر يۈرۈش ‏ئەسىرىدە يىگىرمە بەش ھېكايىسى بىرىلگەن ‏بولۇپ، ‏ئاساسەن ھەممىسى مەشھۇر ھېكايىلەردۇر. سەرگۈزەشتە ‏رومانلىرىدىن باشقا، بىئوگرافىيە ‏تۈرىدە ( "ۋولتېر ‏يىگىرمە يېشىدا"،1884-يىلى)، پەننىي تېمىلاردا "ئاجائىبى ‏ئالەم" (1882-يىلى) ‏ۋە "ئامېرىكا ‏دوكتۇرلارى" (1888-يىلى) قاتارلىق تۈرلۈك رومان تۈرلىرىنى ‏تەجىرىبە قىلغان ئاخمەد ‏مىدخات تۈرلۈك ئەدەبىي ‏ئېقىملارنىڭ رومان چۈشەنچىسىگە ئۇيغۇن ئۆرنەكلىرىنىمۇ ‏ياراتتى. رومان ‏ۋە ھېكايىلىرىنىڭ زور كإپ قىسمى ‏رومانتىزمنىڭ تەسىرىدە بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىمى ۋەقە ۋە ‏‏مۇھىت(ماكان) تەسۋىرلىرىدە ھەقىقەتچى مىتودنى، ھەتتا بىر ‏رومانىدا ("مۈشاھادەت" ) ناتۇرالزمنى ‏تەجىرىبە قىلدى. ‏
‏ لېكىن تانزىمات دەۋرى ئەدەبىياتىدا يۇقىرى بىر ئورۇنغا ‏ۋە كەڭ شۆھرەتكە ئىرىشكەن ئاخمەد ‏مىدخاتنىڭ بۇ ‏مەۋقەسىگە بىر "خەلق ھېكايىچىسى" سۈپىتىدە ئەمەس، ‏بەلگىلىك بىر مەقسەت بىلەن ‏‏"خەلق ئۈچۈن ھېكايە يازغان ‏بىر زىيالى" سۈپىتىدە باھا بىرىش كىرەك. ‏
تانزىمات دەۋرىنىڭ ئىككىنجى ئۇلۇغ رومانچىسى ‏نامىق كەمالدۇر. ھېكايىگە زادىلا دىققىتىنى ‏قاراتمىغان ‏كەمالنىڭ ئىككى رومانى بار. ئۇلار " ئىنتىباھ ياكى ئالى ‏بەينىڭ سەرگۈزەشتىسى" ‏‏(1876-يىلى) ۋە ‏‏"جەزمى" (1881-يىلى) دۇر.‏
نامىق كەمالمۇ ئەدەبىي ئەسەردە ئىجتىمائىي پايدا ‏ئىزدەيدۇ. ئىنساننىڭ "كۆڭۈل ئاچقاندىمۇ ‏پايدىلىنىشنى ‏ئارزۇ قىلىدىغانلىقىغا ۋە ئويۇن--تاماشا بىلەن پايدىنىڭ بىر ‏يەرگە كىلىشىنىڭ مۇمكىن ‏بولىدىغانلىقىغا" ئىشىنىدۇ. بۇ ‏قاراشتا ئاخمەد مىدخات بىلەن بىرلىشىدۇ. لېكىن كەمال ‏روماننىڭ بىر ‏سەنئەت ئەسىرى ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنۇتمىدى. ‏ئو ئوقۇرمەنگە پەقەت بەزى مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈش، ‏يەنى ‏يالغۇز پايدا يارىتىش ئۈچۈنلا رومان يېزىشقا قارشىدۇر. ‏ئۇنىڭ قارىشىچە، رومان مۇھىم بىر ‏ئەسەر بولۇپ، پايدا ‏بىلەن سەنئەت بىر يەردە يۈرگۈزۈلىشى زإرۈر. ئوقۇرمەنگە ‏مەلۇمات بىرىشنى باھا ‏قىلىپ، ئۇنى ئۆز شەرتلىرىدىن ‏يىراقلاشتۇرۇش مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر. بۇ جەھەتتە ئاخمەد ‏مىدخاتتىن ‏ئايرىلىدۇ. ‏
قىبرىستىكى (سىپرۇستىكى) سۈرگۈنلۈك مەزگىلىدە ‏يازغان "ئىنتىباھ" ( "تەجىرىبە-ساۋاق" )تا تۇرمۇش ‏‏تەجىرىبىسى يوق بىر ياشنىڭ تەجرىبىلىك، شاللاق بىر ئايال ‏تەرىپىدىن ئالدىنىپ تۇرلۈك ‏پالاكەتلەرگە ئۇچرىتىلىشى ‏تېما قىلىنغان. بۇنداق بىر تېمىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ‏يازغۇچى ‏دەۋرنىڭ تەربىيە سىستېمىسىنى ۋە ياشلارنىڭ ‏يىتىشتۈرۈلۈش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلدى. ئۇلارنىڭ پەقەت ‏‏ئائىلە ۋە مەكتەپ پاسىلى ئىچىدە، يەنى يېپىق ۋە ‏تۇرمۇشقا قاراپ ئېچىلمىغان بىر تەربىيە ‏سىستېمىسىدە ‏قامالغانلىقىنى، بۇ سىسىتېمىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتراپىغىمۇ ‏ئېچىۋىتىلىشىنى ئارزۇ قىلدى. ‏ناھايىتى كۆپ ماقالىلىرىدا ‏تەربىيە مەسىلىلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلغان كەمالنىڭ ‏مۇشۇنداق ‏مۇھىم بىر تېمىنى تەتقىق قىلغاندا رومان ‏ماھارىتىدىن ئايرىلماسلىق ئۈچۈنمۇ زور غەيرەت ‏‏كۆرسەتكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. لېكىن رومانتىك رومان چۈشەنچىسىنى ‏قوبۇل قىلىشى ۋە چېكىدىن ئاشقان ‏سەزگۈرلۈكى ھەم ‏ۋەقەلەردە ھەم قەھرىمانلارنىڭ روھىي قۇرۇلمىسدا چېكىدىن ‏ئېشىپ كىتىشكە قاراپ ‏مېڭىشقا، ماھارەتنىڭمۇ زىيانغا ‏ئۇچرىشىغا سەۋەپ بولدى. ئاخمەد مىدخاتنىڭ قارىشىچە، بۇ ‏‏ئەسەرنىڭ باشقا ۋە مۇھىم پەرقىمۇ زىيالىلارغا خىتاب ‏قىلىپ، تىلى ۋە ئۇسلۇبىنىڭمۇ ئولارغا قاراپ ‏رەتكە ‏سېلىنىشىدۇر. روماننى ئەينى ۋاقىتتا بىر سەنئەت ئەسىرى ‏سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان كەمال ‏ئۇسلۇبىنىڭمۇ ‏‏"سەنئەتكارانە" بولۇشىغا ھەۋەس قىلغان ۋە بۇ جەرىياندا ‏پىيەسسەلىرىدە ھۆكۈمران ‏ئورۇندا تۇرغان ئېغىز تىلىدىن ‏يىراقلىشىپ، ئەرەبچە، پارسچە سۆزلۈكلەرگە ۋە ‏تەركىپلەرگە كۆپ ‏ئورۇن بەرگەنىدى. بۇ ھەرىكەت ‏شىناسىنىڭ خەلق چۈشىنەلەيدىغان بىر تىل بىلەن يېزىشنى ‏ئاساس ‏قىلىش دېگەن چۈشەنچىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ‏شۇنىڭ بىلەن تىلدا ۋە ئۇسلۇبتا بارغانسىرى ‏ئومۇملاشقان ۋە ‏ئېغىز تىلىدىن قايتا يىراقلاشقان بىر ئەنئەنىنىڭ ‏تۇغۇلىشىغىمۇ سەۋەپ بولدى. بۇ ‏ئۇسلۇب چۈشەنچىسىدە ‏رومانتىزمنىڭ تەسىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىق كىرەك. ‏
تېمىسىنى 16- ئەسىردىكى تۈرك— ئىران ‏ئۇرۇشلىرىدىن ئالغان "جەزمى" بولسا غەرب تۈرك ‏‏ئەدەبىياتىنىڭ تۇنجى تارىخىي رومانىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا ‏ئىسلام بىرلىكى ئىدىئولوگىيىسىمۇ تۇنجى ‏قېتىم ‏ئىپادىلەنگەن بۇ روماننىڭ قەھرىمانى جەزمى ‏ئىستانبۇللۇق بىر ئەسكەردۇر. روماننىڭ ‏ۋەقەلىكى ‏ئىستانبۇلدا باشلىنىپ، ئىران سارىيىغا قەدەر سوزىلىدۇ . ‏يازغۇچى تەرىپىدىن ئىككى ‏توملۇق قىلىپ پىلانلانغان، ‏لېكىن بىر تومى يېزىلىپ نەشىر قىلىنغان بۇ روماندىمۇ ‏‏"ئىنتىباھ" تىكىگە ‏ئوخشاش ئارتۇقچە ھەرىكەتكە ئورۇن ‏بىرىلمىگەنلىكى كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ‏‏يازغۇچىنىڭ ناھايىتى كۆپ تەسۋىر يارىتىشتىن مەمنۇن ‏بولۇشىدۇر. بۇ تەسۋىرلەر كۆپىنچە سۇبېكتىپتۇر. ‏تەبىئەت ‏ۋە شەخس تەسۋىرلىرىدە ناھايىتى كۆپ كۆرۈلگەن بۇ ‏خۇسۇس پەقەت ۋەقەلىك ۋە ماكان ‏تەسۋىرلىرىدە ئورنىنى ‏ئوبيېكتىپلىققا، يەنى رىئالىزمغا ئۆتىنىدۇ. قەھرىمانلارنىڭ ‏تەبىئىتىدە كۆرۈلگەن ‏رومانتىزم بولسا ئەسلى تەسىرىنى تىل ‏ۋە ئۇسلۇبتا كۆرسىتىدۇ. نەسرىي ئەسەردە كەمال بىلەن ‏‏باشلانغان ۋە "جەزمى"دە ئۆزىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ‏چىققان "سەنئەتكارانە ئۇسلۇب" چۈشەنچىسى ‏سامى ‏پاشازادە سەزائى-- نابىزادە نازىم -- ئەكرەم ئارقىلىق ‏سەرۋەتى فۈنۇن ئەۋلاتلىرىغۇ ئۇلاشتى. ‏
تانزىمات ئەدەبىياتىدا پەقەت رومان ۋە ھېكايە تۈرىدە ‏شۆھرەت قازانغان سامى پاشازادە سەزائى ‏‏(1858-1936) نىڭ "سەرگۈزەشتە" (1888-يىلى) ناملىق بىرلا رومانى بار. كىچىك ‏ھېكايىلىرى ‏بولسا "كىچىك نەرسىلەر" (1890-يىلى)، "رۈمۈزۈل ‏ئەدەب" (1900- يىلى ) ۋە "ئىجلال" ‏‏( 1924-يىلى) قاتارلىق ‏كىتاپلىرىغا كىرگۈزۈلدى.‏
‏"سەرەۈزەشتە" چوڭ مىھمانخانا ھاياتىنىڭ شارائىتلىرى ‏ئىچىدىكى قۇللۇق تېمىسىنى بايان قىلىدۇ. ‏روماننىڭ نامى ‏كىچىك بىر ئەسىر قىزنىڭ تەسىرلىك ھاياتىدىن ئېلىنغان. ‏روماننىڭ تېمىسى ‏مىھمانخانىنىڭ خوجايىنى بولغان بىر ‏پاشا ⑧ نىڭ ئوغلى بىلەن دىلبەر ئىسىملىك بىر چېركەس ‏‏دىدەكنىڭ بىر بىرىگە ئاشىق بولۇپ قالغانلىقى ۋە ‏ئارىدىكى ئىجتىمائىي پەرقلەر تۈپەيلىدىن توي ‏‏قىلالمىغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر. غەرپلىشىش ھەرىكىتى ئەڭ ‏كإپ قوبۇل قىلىنغان ئىستانبۇلنىڭ چوڭ ‏مىھمانخانىلىرىنىڭ ‏بىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەر قاتارىدا تانزىمات دەۋرىنىڭ ‏تىپىك ‏ئالاھىدىلىكىنى تەشكىل قىلغان شەرق ۋە غەرب ‏مەدەنىيىتى بىلەن تۇرمۇش تەركىپلىرىنىڭ يانمۇ يان ‏ئورۇن ‏ئېلىشىدىن ھاسىل بولغان ئىككىلىكنى پۈتۈن تەرەپلىرى ‏بىلەن كۆرۈش مۇمكىندۇر. قۇل ۋە ‏دىدەكلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ‏تۇرمۇش شارائىتلىرىغا ئىگە ۋە ئۆزىمۇ كۆرۈپ چوڭ ‏بولغان مىھمانخانا ‏ھاياتىنى ناھايىتى ئەمەلىيەتچى بىر شەكىلدە ‏ئىپادىلەشتە ئۇتۇق قازانغان يازغۇچى ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە ‏‏كإرگەنلىرىدىن ھالقىغان خۇسۇسلاردا يات ‏مەنبەلەر (مەسىلەن، ۋ. ھۇگۇنىڭ "يوقسۇللار" )دىن ‏‏پايدىلانغانىدى. ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە كۆرگەنلىرى زور كۆپ ‏قىسىمنى ئىگىلىگەن"سەرگۈزەشتە" تۈرك ‏رومانچىلىقىدا ‏رومانتىزمدىن رىئالىزمغا ئۆتۈش تىرىشچانلىقنىڭ تۇنجى ‏تەجىرىبىسى سۈپىتىدە ‏كۆرىلىدۇ. ‏
‏"كىچىك نەرسىلەر" تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ غەرپ ‏ئۇسلۇبىدىكى دەستلەپكى كىچىك ھېكايە ‏تەجىرىبىلىرى ‏ئارىسىدا ئورۇن ئالىدۇ. بۇلارمۇ باشقا("سۆھبەت"، ‏‏"ماقالىلار " ) تۈرلەردىكى ماقالىلار ‏ئورۇن ئالغان باشقا ‏ئەسىرىدىكى ھېكايىلىرىدە كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش قۇرۇلما ‏جەھەتتىن ناھايىتى ‏ئاجىزدۇر. ‏
ئاپتور بىر مۇنچە ماقالىلىرىدا ئوسمانلىچىنىڭ ‏تۈركچىلەشتۈرۈلىشىگە تەرەپدار بولسىمۇ، تىل ۋە ‏ئۇسلۇب ‏جەھەتتىن كەمالنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىدى. ‏
نابىزادە نازىمنىڭ (1862-1893)مۇ ‏‏"زېھرا" (1896-يىلى) ناملىق بىرلا رومانى بار. ھېكايىلىرى ‏‏بولسا "يادىكارلىقىم" (1886-يىلى)، "بىچارە قىز" ‏‏(1889-يىلى)، " بىر خاتىرە" (1890-يىلى)، ‏‏"قارابىبىك" (1890-يىلى)، ‏‏"ئاشىق" (1890-يىلى)،" يەنىلا گۈزەل"(1891-يىلى)، ‏‏"خاسبا" ‏‏(1891-يىلى)، "سەييەئى تەسەمۈھ" (1891-يىلى ) ناملىق ‏كىتاپلىرىدا ئورۇن ئالدى. ‏
‏ ھېكايىلىرىدە نامىق كەمالدىن بېرى داۋاملىشىپ ‏كەلگەن رومانتىزمنىڭ خېلىلا تەسىرى ئاستىدا ‏قالغان نازىم ‏بۇلارنىڭ بىرىدە چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ رېئالىست ‏ۋە ناتۇرالىست ئېقىملارنىڭ ‏تۇنجى ۋە مۇكەممەل ئۆرنىكىنى ‏ياراتتى. ھەقىقەتەن، ۋەقەلىكى تامامەن ئانتاليانىڭ بىر ‏يېزىسىدا يۈز ‏بەرگەنلىكى ئۈچۈن يېزا ئەدەبىياتىنىڭمۇ تۇنجى ‏ئۆرنەكلىرى ئارىسىدا ئورۇن ئالغان"قارابىبىك" ھەر ‏‏جەھەتتىن ئۇتۇقلۇق بولغان بىر تەجىرىبىدۇر. كىرىش سۆزىدە ‏بولسا، تۈرك ئەدەبىياتىدىكى رىئالىزم ‏بىلەن ناتۇرالىزمنىڭ ‏تۇنجى يىغىنچاق چۈشەندۈرۈلۈشى بىرىلگەن. يازغۇچى بۇ ‏قاراشلىرىنى بۇ چوڭ ‏ھېكايىسىدىمۇ تەدبىقلاپ، يېزىنىڭ ‏ئاساسلىق مەسىلىلىرىنى (يوقسۇللۇق، جازانىخورلارنىڭ ‏‏سۈمۈرگۈچىلىكى – ئىكىسپالاتاتسىيىسى) ۋە ئەڭ تىپىك ‏كىشىلىرىنى ئۇتۇقلۇق ھالدا ئوتتۇرىغا ‏قويالىدى. ‏
چوڭ ھېكايىدىكى تەجىرىبىلىرىدىن كېيىن رومانغا ‏كۆچكەن يازغۇچى شۇ دەۋرنىڭ بۇ تۈردىكى ئەڭ ‏ئۇتۇقلۇق ‏رىئالىزم ئۆرنىكىنى ياراتتى. ئۆلىمىدىن كېيىن قولغا ئۆتۈپ ‏بېسىلغانلىقى ئۈچۈن يېزىلغان ‏ۋاقتى قەتئىي بىلىنمىگەن "زېھرا"نىڭ تېمىسى ھەسەتخورلۇق پسىخكىسىنىڭ پۈتۈن ‏تەرەپلىرى بىلەن ‏بىرگە چوڭقۇر يورىتىلىشىدا يازغوچى زور ‏دەرىجىدە ئۆزىنىڭ ئىسپاتلىرى ۋە تەتقىقاتلىرىدىن ‏‏پايدىلاندى. رومانتىزمنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى ‏ئۇچرىسىمۇ، تەسۋىر ۋە تەھلىللەردە رېئالىزم ‏كۈچلۈك تۈردە ‏ھېس قىلىنغان بۇ رومان ئەدەبىياتىمىزدا تۇنجى ‏پسىخىلوگىيىلىك رومان تەجىرىبىسى ‏سۈپىتىدىمۇ قوبۇل ‏قىلىنىدۇ. ئۇسلۇبى جەھەتتىن ئومۇمەن كەمالنىڭ تەسىرىدە ‏بولغان نازىم تىل ‏جەھەتتىن ئوتتۇراھال بىر يول تۇتۇپ، يات ‏تىل سۆزلۈكلىرىدىن ئۆزىنى قوغداشقا تىرىشتى.‏
يەنە يېزىلغان ۋاقتىدىن خېلىلا كېيىن بېسىلغان "ماشىنا سەۋداسى " (1898-يىلى) ناملىق رومانىدا ‏‏رېئالىزمگە يۈزلەنگەنلىكى كۆرۈلگەن باشقا بىر يازغۇچى ‏رەجائىزادە ئەكرەمدۇر. رومانتىزمنىڭ ‏تەسىرىدە شائىرانە ‏بىر ئۇسلۇب بىلەن يېزىلغان ۋە خېلى بۇرۇن نەشىر قىلىنغان ‏‏"مۇھسىن بەي ياكى ‏شائىرلىقنىڭ ئېچىنىشلىق بىر ‏نەتىجىسى" (1889-يىلى) ۋە "شەمسا" (1896-يىلى) ناملىق ‏چوڭ ‏ھېكايىلىرىدىن كېيىن، بۇ رومانى بىلەن رېئالىزمغا ‏يۈزلەنگەن يازغۇچى فرانسۇز مەدەنىيىتى ۋە ‏تۇرمۇش ‏ئۇسۇلىغا نادانلارچە مەپتۇن بولۇپ كەتكەن بىر ئالافرانگا ‏تىپىنى تېما قىلىپ تاللىغانىدى. ‏ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئاخمەد ‏مىدخات تەرىپىدىنمۇ يېزىلغان ("فېلاتۇن بەي بىلەن راقىم ‏ئەپەندى") بۇ ‏تىپنى ئىزچىل شەكىلدە كۈلكىلىك ھالەتكە ‏كەلتۈرۈپ بايان قىلدى. قەھرىمانىنى جانلاندۇرغاندا، ‏قوللانغان ‏رېئالىست مېتودتا يازغۇچى زور بىر غەلىبىگە ئىرىشتى.‏
تانزىمات دەۋرىنىڭ رومان ۋە ھېكايە تۈرىدىكى ‏پائالىيەتلەرنى تاماملاش ئۈچۈن، يەنە شۇ ‏دەۋردىكى ‏ئىستانبۇلنىڭ ئالافرانگا مۇھىتلىرىنى "دىيانا" (1890-يىلى) ۋە "مەرارەتى ھايات" ‏‏(1890-يىلى) ئىسملىك رومانلىرىدا كۈچلۈك ‏بىر شەكىلدە تىلغا ئالغان مەھمەد مۈنجى بىلەن ھەم ‏ئىسلام ‏بىرلىكى ئىدىئولوگىيىسىنى تۈرك رومانچىلىقىدا ئىككىنجى ‏قېتىم بايان قىلغان، ھەم بىر قىسىم ‏ۋەقەلىكلىرى يېزىدا يۈز ‏بەرگەنلىكى ۋە يېزىنىڭ گۈللىنىشىنى نىشان قىلغانلىقى ‏ئۈچۈن، يېزا بىلەن ‏مۇناسىۋەتلىك رومان تۈرىنىڭ نەمۇنىلىرى ‏ئارىسىدا سانىلىنىدىغان "تۇرفاندىمۇ ياكى ‏تۇرفامۇ" ‏‏(1890-يىلى) ناملىق رومانى بىلەن مىزانجى مەھمەد ‏مۇراد (؟-1917-يىلى)نىمۇ تىلغا ئېلىش ‏كىرەك.‏
‏ مىزاھ ۋە ھەجۋىي – مىزاھ (چاقچاق، ھەزىل، ‏كىنايە) دىۋان ئەدبىياتىدا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان ‏بىر ‏تۈردۇر. ھەجۋىي كإپرەك ئۇچرىسىمۇ، بۇ ئومۇمەن ‏سەخسلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، كۆڭۈلنى ‏ئاغرىتىدىغان، ‏قوپال، ھەتتا ئوچۇق-- ئاشكارا يېزىلاتتى. ‏
تانزىمات ئەدەبىياتىدا مىزاھ بىلەن ھەجۋىي ‏بىرلىشىپ قوشۇلۇپ كەتتى. بۇ ئەھۋال ئەمدىلىكتە ‏‏ھەجۋىنىڭ قوپاللىق ۋە ئاددىيلىقتىن پاساھەتلىككە، ‏ھېسسىيلىكتىن ئەقلىيلىككە يۈزلەنگەنلىكىنى ‏كۆرسىتىپ ‏بىرەتتى. ھەقىقەتەن، تانزىمات دەۋرىدىن باشلاپ ‏توغرىدىن توغرا ھەجۋىي قىلىش ئورنىغا ‏مىزاھ يولىدىكى ‏پاساھەتلىك ۋە مەنىلىك بىر شەكىلدە چاقچاققا قوشۇپ ‏ھەجۋىي قىلىش يولى قوبۇل ‏قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا ھەر ‏ئىككىسى ئەينى ۋاقىتتا ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ‏ۋەقەلەرگىمۇ ‏يۈزلەندۈرۈلۈپ، يالغۇز شەخسلەر بىلەن ‏مۇناسىۋەتلىك بولۇشتىن ھالقىتىلدى. بۇ ھەجۋىي ۋە مىزاھ ‏‏ئۇسلۇبى زور قىزىقىش قوزغىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دەۋردە ‏بىرمۇنچە مىزاھ ژورناللىرىمۇ نەشىر قىلىندى. ‏
بۇ ئۇسلۇبتىكى مىزاھنىڭ تۇنجى ئۆرنىكى ئەدھەم ‏پەرتەر پاشا (1824-1872)نىڭ كوچا ئىشتلىرىنى ‏ئۆلتۈرۈشنىڭ ‏زإرۈرلىكى خۇسۇسىدا شىناسىنىڭ "تەسۋىرى ئەفكار" دىكى ‏بىر ماقالىسىدا ھۆكۈمەتكە ‏بەرگەن تەۋسىيىسى سەۋەبىدىن ‏بۇ قاراشقا قارشى چىقىپ، بىر پەيلاسوپ بىلەن بىر كوچا ‏ئىشتىنىڭ بۇ ‏تېمىدىكى سۆھبىتىنى نەپىس ۋە كىشىنى ‏چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان بىر شەكىلدە بايان قىلغان ‏‏‏"ئاۋئاۋەنامە"سىدۇر. مىزاھ يولىدىكى ھەجۋىي ‏ئۇسلۇبىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇتۇقلۇق ‏ئإرنەكلىرىنى بولسا ‏گىرىتتە بەزى قوزغىلاڭلار كإتۈرۈلمەكچى بولغاندا (1896-يىلى)، ‏شۇ ئارالغا ‏بېرىپ رۇملىقلارغا قىلغان ئۆتۈنىشلىرى ھۆكۈمەت ‏دائىرىلىرى تەرىپىدىن سىياسىي بىر زەپەر شەكلىدە ‏‏كۆرسىتىلگەن سەدىر ئەئىزەمنىڭ بۇ مەۋقەسىنى ئىنتايىن ‏ئىنچىكە بىر مىزاھ بىلەن ھەجۋىي قىلغان زىيا ‏پاشانىڭ ‏‏"زەپەرنامە" (1870-يىلى،"قەسىدە تەھمىس شەرھ" )سى ‏بىلەن نامىق كەمالنىڭ سەدرى ‏ئەئىزەم ماخمۇد نەدىم ‏پاشانىڭ مۇۋاپىق بولمىغان بەزى ھەرىكەتلىرىنى ئەينى ‏ئۇسلۇبتا ھەجۋىي ‏قىلغان "ھىررەنامە"سىدە تېپىش ‏مۇمكىن. بۇ دەۋردە توغرىدىن توغرا ھەجۋىينى تاللىۋالغان،‎ ‎لېكىن ‏يەنىلا مىزاھتىن پايدىلانغان ئەڭ مۇھىم شەخس ‏مەھمەد ئەشرەف(1874-1912)تۇر. بولۇپمۇ ‏ئەشرەفنىڭ ‏ئابدۈلھامىدⅡنىڭ ئىستىبداتلىقى بىلەن بەزى دۆلەت ‏ئادەملىرىنىڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ‏يېزىلغان ۋە بىر مۇنچە ‏يەردە دىۋان ئەدەبىياتىدىكى مىزاھنى ئەسلىتىدىغان ‏ھەجۋىيلىرى "مەدەت ‏تىلەش" (1904-يىلى)، ‏‏"دەججال" (1-توم،1904-يىلى،2-توم،1907-يىلى)، "شاھ ۋە ‏پادىشاھ" ‏‏(2-نەشرى، 1908- يىلى) ناملىق ئەسەرلىرى بىلەن ‏بىرمۇنچە شېئىرلىرىنى جۇغلىغان "شائىر ‏ئەشرەفنىڭ ‏كۇللىياتى" (1- توم،1928 –يىلى) دا بار. ‏
ئەدەبىي تەنقىد — تۈرك ئەدەبىياتى ئۈچۈن تامامەن ‏يېڭى بولغان ئەدەبىي تەنقىد تۈرىنىڭ تۇنجى ‏ئۆرنەكلىرىمۇ ‏يەنە تانزىمات دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ دەۋردىكى ‏ئەدەبىي تەنقىد تۈرىنى ‏‏"قۇرغۇچى" ۋە "يوقاتقۇچى" دەپ ‏ئاساسلىق ئىككى تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. قۇرغۇچىلارنىڭ ‏ئاساسىي ‏غايىسى زامانىۋىي بىر تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ ‏قۇرۇلۇشى ئۈچۈن غەرپ ئەدەبىياتىدىكى تۈرلۈك ‏قاراشلارنىڭ ‏شەكلى، تۈرى ۋە ماھارىتىگە دائىر مەلۇمات بىرىش ئىدى. ‏يوقاتقۇچى ماھىيەتتىكىلەر ‏بولسا غەرب تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ ‏قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاۋۋال قەدىمكى ئەدەبىي ئادەتلەرنىڭ ‏كۆزدىن ‏يوقىتىلىشىنىڭ زإرۈرلىكىگە قارىتا پات— پات ‏تەنقىدچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقاتتى. كېيىنكىسىنىڭ ‏بەزىدە ‏شىددەتلىك قەلەم مۇنازىرىسىنى قىلغانلىقىمۇ كۆرىلىدۇ. ‏ئالدىنقى كاتىگورىيىدىكى ‏ئۆرنەكلەرنى نامىق كەمالنىڭ ‏‏"ئىنتىباھ"، "جەلالىدىن خارازىمشاھ" ۋە "باھارى دانىش ‏‏تەرجىمىسى" (1885- يىلى) ناملىق ئەسەرلىرىنىڭ كىرىش ‏سۆزلىرى بىلەن "تەلىمىي ئەدەبىياتقا دائىر ‏بىر ‏رىسالە" (1950-يىلى بېسىلغان9 سىدە، زىيا پاشانىڭ نەزمىي ‏شەكىلدىكى "مۇقەددىمى ‏خارابات"ىدا، ئەكرەمنىڭ "تەلىمى ‏ئەدەبىيات"، "تەقدىرى ئېلخان"، "زەمزەمە ‏Ⅲ‏" (كىرىش ‏سۆز)، ‏‏"تەقرىزات" ۋە "پەژمۇردە" قاتارلىق ‏ئەسەرلىرىدە، ئاخمەد مىدخاتنىڭ "ئاخبارى ئاسارا تامىمى ‏‏ئەنزار" (1889-يىلى) ناملىق ئەسىرىدە، يەنە ئاخمەد مىدخات ‏بىلەن نابىزادە نازىم ۋە بەشىر ‏فۇئادنىڭ ئەدەبىي ئېقىملار ‏ۋە رومان ھەققىدە ئۆز ئارا يېزىشقان خەتلىرىدە تېپىش ‏مۇمكىن. ‏ئىككىنجى كاتىگورىيىدە بولۇپ، دىۋان ‏ئەدەبىياتىنىڭ يوقتىلىشىنى نىشان قىلغانلار بولسا نامىق ‏‏كەمالنىڭ بەزى ماقالىلىرى("لىسانى ئوسمانىنىڭ ئەدەبىياتى ‏ھەققىدە بەزى مۇلاھىززاتى شامىلدۇر"، ‏‏"ئىرفان پاشاغا ‏مەكتۇب") ۋە زىيا پاشانىڭ "خارابات" دېگەن ئەسىرىگە ‏يازغان "تاخرىبى خارابات ‏‏" (1876- يىلى)ۋە ‏‏"تەقىب" (1886-يىلى) ناملىق ئەسەرلىرى بىلەن زىيا پاشانىڭ ‏‏"شېئىر ۋە ‏ئىنشامىز" ناملىق ماقالىسىدۇر. يەنە قەدىمكى ‏ئەدەبىياتقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۆرەشتە ئەڭ ‏شىددەتلىك ‏قەلەم مۇنازىرىسى 1886-يىلى دىۋان ئەدەبىياتى ‏تەرەبدارلىرىنىڭ بېشى مۇئەللىم ناجى ‏بىلەن يېڭى ئەدەبىيات ‏تەرەبدارلىرىنىڭ رەھبىرى رەجائىزادە ئەكرەم ئارىسدا ‏كۆرۈلدى. لېكىن ‏ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن توختىتىلدى. ‏

ئەدەبىيات تارىخى – قەدىمكى ئەدەبىيات ‏دەۋرىدىكى شائىرلار تەزكىرىسى ئەدەبىيات تارىخىنىڭ ‏‏ناھايىتى ئىپتىدائىي ۋە ئاددىي ئۆرنەكلىرىدۇر. تۈرك ‏ئەدەبىياتىنىڭ قۇرۇلۇشقا باشلىنىشى بىلەن ‏بىرلىكتە ئەدەبىيات ‏تارىخى ھەققىدىمۇ زامانىۋىي قاراشلار شەكىللىنىشكە ‏باشلىدى. بۇ قاراشلارغا ‏ئۇيغۇن تۇنجى تەجىرىبە زىيا ‏پاشانىڭ 1874-يىلى "خارابات"قا يازغان نەزمىي شەكىلدىكى ‏ئۇزۇن ‏بىر كىرىش سۆزىدۇر. بۇ ناھايىتى يۈزەكى ۋە ‏سوبيېكتىب قاراشلارغا تايانغان بولسىمۇ، ئەدەبىيات ‏‏تارىخىنىڭ يېڭى بىر قاراش بىلەن قولغا ئېلىنىشى جەھەتتە ‏دىققەتنى تارتىدۇ. بۇنىڭ ئىزىنى ئەبۇ زىيا ‏تەۋفىقنىڭ ‏‏1879-يىلى نەشىر قىلىنغان "نۈمۈنەئى ئەدەبىيياتى ‏ئوسمانىيە" داۋاملاشتۇردى. ئۇ، بۇ ‏ئەسىرىدە ئوسمانلى ‏ئەدەبىياتىنى 15- ئەسىردىن باشلاپ بايان قىلىپ، بۇنىڭ ‏مۇھىم ئادەملىرى ‏ھەققىدە يىغىنچاق مەلۇمات بەردى. ‏
لېكىن ئەدەبىيات تارىخى نامىدىكى تۇنجى تەجىرىبە ‏‏"تارىخى ئەدەبىيياتى ئوسمانىيە" ‏‏(1888-يىلى) ناملىق ‏ئەسىرى ئارقىلىق ئابدۇلھالىم مەمدۇھ (1866-1905)قا ئائىتتۇر. ‏‏15- ‏ئەسىردىن ئۆزىنىڭ دەۋرىگە قەدەر بولغان ‏ئەدەبىياتچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئەسەر ئىلمىي ‏‏بولمىغان بىر تەتقىقات تەجرىبىسى بولۇشتىن ھالقىيالمىدى. ‏بۇنىڭ ئىزىدىن مۇئەللىم ناجىنىڭ ‏‏«ئوسمانلى ‏شائىرلىرى» (1890-يىلى) ۋە «ئەسامى» (1891-يىلى)، فائىق ‏رەشاد‏‏(1851-1915)نىڭ «ئەجدادلار» ناملىق ئەسەرلىرى ‏ماڭغان بولسىمۇ، بۇلارمۇ بىر خىل شائىرلار ‏تەزكىرىسى ‏ھېساپلىنىدۇ. ‏


ئىزاھاتلار:

‏① پاترونا – ئوسمانلى ئىمپېرىيىسدە دېڭىز ‏ئارمىيىسىدىكى گېنېرال مايورغا يېقىن بىر قوماندانلىق ‏‏ئۈنۋانى.‏
‏② پاستورال-سەھرانىڭ ھاياتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى ‏ئىپادىلەيدىغان ئەدەبىي تۈر.‏
‏③ئورتا ئويۇنى-بۇ سەھنە، پەردە، دېكوراتسىيە، ‏سۇفلور (ئارتىسللارغا رولنىڭ سۆزلىرىنى ئېيتىپ ‏بەرگۈچى ‏ئادەم) ئىشلەتمەي خەلق ئارىسدا ئوينايدىغان تۈرك خەلق ‏تىياتىرى.‏
‏④قارا گۆز-تۆگىنىڭ تېرىسى ياكى كارتون قەغەزدىن ‏كېسىپ بويالغان ئىنسان شەكىللىرىنى ئاق بىر ‏پەردە ‏ئۈستىگە كەينى تەرىپىدىن نۇر چۈشۈرۈپ كۆرسىتىش ‏ئارقىلىق ئوينىلىدىغان ئويۇن. ‏
‏⑤ تۇلۇئات-يازما تېكىستى بولمىغان، بىكىتىلگەن ‏لاھىيە بويىچە، ئورۇن ۋە ۋاقىتقا قاراپ ‏ئويۇنچىلار ‏تەرىپىدىن سەھنىدە قۇراشتۇرۇلغان-- ئويدۇرما سۆزلەر ‏بىلەن تاماملىنىدىغان ئويۇن. ‏
‏⑥ ئانونىم-بۇ سۆز ئۈچ مەنىدە كىلىدۇ. بىرى ئاپتورى ‏نامەلۇم بولغان ئەسەر، يەنە بىرى ناھايىتى ‏ئورتاقلىققا ئىگە ‏بولغان ئەسەر. ئۈچۈنجىسى يازغۇچىسى، تۇزگۈچىسى ۋە ‏ئېيتقۇچىسى مەلۇم بولمىغان ‏ئەسەر. ‏
‏⑦ ئالافرانگا-
(1)فرانىكلارنىڭ ئاخلاق، ئادەت ۋە ‏تۇرمۇشىغا ماس، فرانىكلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ‏دېگەن ‏مەنىدە.
(2) ياۋروپا مەدەنىيىگە خاس بولغان.
(3) ياۋروپا ‏مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە ‏ياۋروپا تەربىيىسى بىلەن ‏يىتىشكەن كىشى.‏
‏⑧ پاشا-ئوسمانلىلار دەۋرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ‏مەمۇرىي خادىملارغا ۋە پولكوۋنىكتىن يۇقىرى ‏دەرىجىلىك ‏ئوفىتسىرلەرگە بىرىلگەن ئۈنۋان.‏

(«تانزىمات دەۋرى ئەدەبىياتى»(1) تۈگىدى)
(لېكىن پۈتۈن ماقالىنىڭ داۋامى بار)
******************

没有评论:

发表评论

发表评论