2009年4月30日星期四

Yéqinqi we hazirqi dewr türk edebiyat tarixi(2)



يېقىنقى ۋە ھازىرقى دەۋر تۈرك ئەدەبىيات تارىخى‏(2)



ئاپتورى: كەنان ئاقيۈز‏
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: يۈسۈپجان ياسىن



(2) سەرۋەتى فۈنۇن دەۋرى(1896-1901)


غەرب ئەدەبىياتى بىلەن دىۋان ئەدەبىياتى ‏تەرەبدارلىرىنىڭ 1885- يىلىدىن باشلاپ ‏كەسكىنلەشكەن ‏كۈرۈشى مەزگىلدە غەرپ ئەدەبىياتىنى قوبۇل قىلغان ياش بىر ‏ئەۋلاد ئون يىلدىن ‏كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ساداسىنى تەشكىللىك ‏بىر ھالدا ئاڭلاتقۇدەك ھالەتكە كەلدى. رەجائىزادە ئەكرەم بۇ ‏‏ياشلارنى مەكتەبى مۈلكىيىدىكى ئوقۇغۇچىسى ئاخمەد ‏ئىھسان(توقگۆز ) چىقىرىۋاتقان "سەرۋەتى ‏فۈنۇن" ژورنىلىدا ‏بىر يەرگە توپلىدى. شۇ ۋاقىتقا قەدەر كۆپىنچە پەننىي ‏ماقالىلارغا ئورۇن بەرگەن بۇ ‏رەسىملىك ژورنال يەنە ‏ئەكرەمنىڭ گالاتساراي سۇلتانەسىدىكى ئوقۇغۇچىسى ‏تەۋفىق فىكرەتنىڭ ‏باشقۇرۇلىشىغا تاپشۇرۇلغان چاغدا(1896-7- ‏قېھرال) زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، قىسقا ۋاقىتتىلا ‏‏نۇقسانسىز بىر ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ژورنىلىغا ئايلاندى. ‏شۇنىڭ بىلەن تانزىمات دەۋرىدە قۇرۇلۇشقا ‏باشلىغان غەرپ ‏تۈرك ئەدەبىياتىنى قەتئىي ۋە تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرەليدىغان ‏ئىككىنجى بىر ياش ‏ئەۋلاد ئىش بېشىغا چىقتى. ئۆزلىرى ‏توپلانغان ژورنالنىڭ نامى بىلەن "سەرۋەتى فۈنۇنچىلار" ۋە ‏يېڭى ‏بىر ئەدەبىيات قۇرماقچى بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ "ئەدەبىياتى ‏جەدىدەچىلەر" دەپمۇ ئاتالغان بۇ ياشلار ‏‏1901-يىلى ژورنالنى ‏توختىتىپ تارقىلىپ كەتكىچە بولغان بەش يىلغا يېقىن ‏ناھايىتى قىسقىغىلا بىر ‏مەزگىل ئىچىدە تۈرك ‏ئەدەبىياتىنى (تىياتىردىن باشقا) ھەر ساھەدە ۋە ھەر ‏جەھەتتىن زامانىۋىي بىر ‏ھالەتكە كەلتۈرگەنىدى. ‏
‏"سەرۋەتى فۈنۇن" گۇرۇھىنىڭ 16 كىشىلىك قوشۇنىدىكى ‏ئون شائىر، بەش رومانچى ۋە ھېكايىچى، بىر ‏تەنقىدچى ‏ئارقىلىق بىر تەرەپتىن غەرپ ئەدەبىياتى كەڭ بىر شەكىلدە ‏تۇنىتىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ‏ئۇنىڭغا ئۇيغۇنلاشقان ئۇتۇقلۇق ‏ئۆرنەكلەر يارىتىلىشقا باشلىدى. شۇ سەۋەپ بىلەن، بۇ ‏ئەدەبىياتچىلار ‏قەدىمكى ئەدەبىيات تەرەبدارلىرىنىڭ كۈچلۈك ‏ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتتە ‏‏"يازغانلىرىنى ‏چۈشەنگىلى بولمايدۇ" دېگەن قاراشقا دۇچ كەلدى. بۇ تېمىدىكى ‏ئەڭ چوڭ ھۇجۇم ‏غەرب ئەدەبىياتىغا قارشى بولمىسىمۇ، ‏پەقەت زىيالىلارغا خىتاب قىلىدىغان بىر ئەدەبىياتقا قارشى ‏‏بولغانلىقى ئۈچۈن ئاخمەد مىدخاتتىن كەلدى. 1878-يىلى، ئۇ ‏ياشلارنى كوزموپولىت ۋە چۈشىنىكسىز ‏بىر ئەدەبىيات قۇردى ‏دەپ ئەيىپلەپ، ئۇلارغا "چۈشكۈن" دېگەن نامنى بەردى. ‏ياشلارمۇ بىرلىشىپ ‏ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ ھۇجۇمغا قارشى ‏تۇرغان بولسىمۇ، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۆز ئىچىدە پىكىر ‏‏ئىختىلابى چىقىشقا باشلىدى. بۇلار بىر بىرىنى "پۈتۈنلەي ‏خۇسۇسىي تېمىلارنىڭ خاتا دائىرىسى ئىچىدە ‏ئايلىنىۋاتىدۇ" ‏دەپ ئەيىپلىدى. ئارىغا ھەسەتخورلۇقمۇ قۇشۇلۇپ ‏نىھايەت گۇرۇھتىن ئايرىلىپ ‏كىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ ‏كۆرۈلۈشكە باشلىدى. تۇنجى بولۇپ ئالى ئەكرەم بىلەن ئاخمەد ‏رېشىد ‏ئايرىلىپ چىقتى. بىر مەزگىلدىن كېيىن 1901-يىلى ‏مارتتا ماقالە ئىشلىرىغا مەسئۇل فىكرەتمۇ ‏ژورنالنىڭ ساھىبى ‏ئاخمەد ئىھسان بىلەن باشقۇرۇشقا دائىر بىر مەسىلە ‏سەۋەبىدىن ئارىسى بوزۇلۇپ ‏ئايرىلىپ چىققاندا، بۇ ‏گۇرۇھنىڭ ئاساسى قاتتىق تەۋرەپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ‏ژورنالنى باشقۇرۇشنى ‏قولغا ئالغان ھۈسەيىن جاھىد بۇ ‏تەۋرىنىشنىڭ بىر مەزگىل ئالدىنى ئالدى. لېكىن شۇ يىلنىڭ ‏تەشرىن ‏ئېيى (10-11-ئايلار)دا ئۆزىنىڭ فرانسۇزچىدىن ‏تەرجىمە قىلغان بىر ماقالىسى سەۋەبى بىلەن ژورنال ‏ساراي ‏تەرىپىدىن توختىتىلدى. ئەمما، بىر يېرىم ئايدىن كېيىن ‏‏"سەرۋەتى فۈنۇن" قايتا نەشىر ‏قىلىنىشقا باشلىدى. لېكىن بۇ ‏قېتىم ھۈسەيىن جاھىدمۇ باشقۇرۇش ئىشلىرىدىن قول ‏ئۈزگەنلىكى ئۈچۈن ‏تۇنجى ساھىبى ژورنالنى يەنە دەستلەپكى ‏شەكلىگە ئەكەلدى. شۇنىڭ بىلەن 1901-يىلى دېكابىردا ‏‏سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھى تارقىلىپ كەتتى. ‏
لېكىن سەرۋەتى فۈنۇنچىلار 1908-يىلى قايتا ئوتتۇرىغا ‏چىققان بولسىمۇ، بۇ جەرىيان ئىچىدە يېڭى بىر ‏ئەۋلاد ‏يىتىشىپ چىقىپ، سەنئەت ۋە ئەدەبىيات چۈشەنچىسىمۇ ‏ئۆزگەرگەنلىكتىن، ئۇلار بەزى ‏ئايرىملىقنىڭ سىرتىدا ‏بۇرۇنقىدەك دىىققەتنى تارتمىدى ۋە قايتا بىر يەرگىمۇ جەم ‏بۇلالمىدى.‏
سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىنى قۇرغان ياشلار فرانسۇز ‏ئەدەبىياتىنى ئاساس قىلغان ھالدا غەرب ئەدەبىياتى ‏ھەققىدە ‏تانزىمات دەۋرى ئەۋلاتلىرىدىن يەنىمۇ بىلىملىك ‏بولغىنىدەك، سەنئەت كۈچى ۋە ‏ئەستائىدىللىق جەھەتتىنمۇ ‏ئۈستۈن ئورۇندا ئىدى. بارلىق بۇ ئىمكانىيەتلەردىن ‏پايدىلىنىپ ‏تانزىمات دەۋرىدە قۇرۇلۇشقا باشلىغان غەرب ‏تۈرك ئەدەبىياتىنى پۈتۈن نۇقسانلاردىن ۋە ‏كەمچىلىكلەردىن ‏قۇتۇلدۇرۇپ، ناھايىتى قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە ئۇنى ‏زامانىۋىي بىر غەرب ‏ئەدەبىياتى سەۋىيىسىگە چىقىرىشتا ‏مۇۋاپپىقىيەت قازاندى.

شېئىر-سەرۋەتى فۈنۇنچىلار تانزىمات شېئىرىدە ‏قىسمەن بولسىمۇ داۋاملاشقان دىۋان نەزىم ‏شەكىللىرىنى ‏تىزلا بىكار قىلدى. بىكار قىلالمىغانلىرىنى تۇنىغىلى ‏بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ ‏قويدى(«ئەركىن چاچما ‏شېئىر» دېگەندەك). غەرپتىن ئالغان نەزمە ‏شەكىللىرىنى («سونېت»،«تېرزا ‏رىما») بەزىدە ‏ئەسلىدىكىدەك، بەزىدە ئۆزگەرتىپ قوللاندى. بۇنىڭ بىلەن ‏بىرگە تامامەن ئۆزىنىڭ ‏كەشپىياتى بولغان نەزىم ‏شەكىللىرىنىمۇ قوللاندى. ئارۇز بىر مۇنچە ئىسلاھاتقا ‏ئۇچرىغان بولسىمۇ، ‏ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى سەرۋەتى ‏فۈنۇن شېئىرىدىمۇ داۋاملاشتۇردى. لېكىن، تۈركچىگە تېخىمۇ ‏مايىل ‏بىر تەرەققىياتنى ئىپادە قىلدى. بۇغۇم ۋەزنىمۇ ‏تانزىمات دەۋرى شېئىرىگە سېلىشتۇرغاندا بىراز ئېتىبارغا ‏‏ئىرىشتى. تېمىلار كۆپىنچە شائىرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ‏ھېسسىي ھاياتىغا ۋە خىيال(تەسەۋۋۇر) دۇنياسىغا ‏باغلىق ‏بولدى. شۇ سەۋەپلىك مۇھەببەت ۋە ئۇنىڭ تولۇقلىغىچىسى ‏بولغان تەبىئەت ئالدىنقى ئورۇنغا ‏ئۆتتى. سەرۋەتى فۈنۇننىڭ ‏شائىرىلىرى بۇ كونا تېمىلارغا يېڭىلىق سۈپىتىدە ئائىلە ‏ھاياتىنى ۋە ‏كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ كىچىك ۋەقەلىرىنىمۇ ‏قوشتى. بەزىلىرىدە بولسا زامان بىلەن تانزىمات شېئىرىدە ‏‏خېلىلا ئورۇن ئىگىلىگەن ئىجتىمائىي ‏تېمىلار (ھۆرىيەت، ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسى، مەدەنىيەت، ‏‏جاھالەت، مۇتەئەسبلىك) مۇ سالماق ئورۇن ئالدى. ‏
ئەدەبىي ئېقىملار-سەرۋەتى فۈنۇن شېئىرىدىمۇ ‏ئۆزىنى قوبۇل قىلدۇرغان ئاساسلىق ئەدەبىي ئېقىم ‏يەنە ‏رومانتىزمدۇر. پەقەت فىكرەتنىڭ ئەسىرىدە يالغۇز شەكىل ‏جەھەتتىن پارناسىزم ①نىڭ ۋە ‏جەنابنىڭ ئەسەرلىرىدە ‏يالغۇز بەزى ئاساسلىرى جەھەتتىن سىمۋولىزمنىڭ تەسىرى ‏كۆرىلىدۇ. نامىق ‏بىلەن ئەكرەمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ‏سەرۋەتى فۈنۇن شېئىرى تىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتتە يات تىل ‏‏سۆزلۈكلىرىگە دەرۋازىسىنى ئاخىرغىچە ئېچىپ، رەڭدار ‏ئۇسلۇبنى داۋاملاشتۇردى. بۇ گۇرۇھنىڭ ئەڭ ‏ئېغىر خاتالىقى ‏تىل ۋە ئۇسلۇب چۈشەنچىسىدە كۆرۈلىدۇ. ‏
باشقۇرغۇچى سۈپىتىدە سەرۋەتى فۈنۇن ھەرىكىتىنىڭ ‏رەھبىرى ئورنىدا تۇرغان ‏فىكرەت(1867-1915)نىڭ شائىر ‏سۈپىتىدىمۇ تۈرك شېئىرىنىڭ ھەر تەرەپتىن زامانىۋىي ‏بىر سەۋىيىگە ‏ئىرىشىشىدە ئەڭ چوڭ ھەسسىسى بار ‏ئىدى. ئۇ سەنئەت ئىشتىياقى ۋە ئەستائىدىللىقى بىلەن ‏تۈرك ‏شېئىرىنىڭ دىۋان نەزمىنىڭ پۈتۈن قالدۇقلىرىدىن ‏تازلىنىشىدا ۋە يېڭى بىر ئىپادە شەكلىگە ‏ئىرىشىشىدە ‏مۇھىم بىر ئامىلغا ئايلاندى. ‏
تەۋپىق فىكرەتنىڭ شېئىرى شەكىل ۋە مەزمۇن ‏جەھەتتىن ئاساسلىق ئىككى دەۋرگە ئايرىلىدۇ. ‏‏‏1896-يىلىدىن 1899-يىلىغىچە بولغان بىرىنجى باسقۇچتا ‏تامامەن "سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت" ‏قارىشىغا باغلانغان ‏شائىر سەخسىي تۇيغۇ ۋە خىيالدىن قۇرۇلغان رومانتىك بىر ‏ئاتموسفرا ئىچىدىكى ‏شېئىرلارنى يازىدۇ. بۇلار نەزىم ‏شەكىللىرى ۋە ئۇسۇلدا ئىپادىلىگەن ئەستائىدىللىق ‏جەھەتتىن ‏كۆپىنچە پارناس شېئىرىنىڭ تەسىرىدە ‏قالغانىدى. 1899-يىلىدىن 1915-يىلىغىچە داۋاملاشقان ‏‏ئىككىنجى دەۋرگە ئائىت شېئىرلىرى بولسا شەخسىي ‏تۇيغۇ ۋە ئىستەكلەردىن يىراق بولۇپ، يالغۇز ‏ئىجتىمائىي ‏ۋە سىياسىي ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ دەۋردە ‏ئەمدى قەتئىيلىك بىلەن ‏‏"جەمئىيەت ئۈچۈن سەنئەت" ‏قارىشىغا باغلانغان شائىر 1899-يىلى ئىلان قىلغان ۋە ‏‏ئابدۇلھامىدⅡنىڭ ئىستىبداتلىقىنى تەنقىد قىلغان" شەھرى ‏ئايىن" ناملىق شېئىرى بىلەن شەخسىي ‏تۇيغۇ ۋە ‏خىياللىرىنى بىر چەتكە قايرىپ، مەملىكەتنىڭ سىياسىي ۋە ‏ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىگە دىققەت ‏قىلىشقا باشلىدى. ‏‏"شەرھى ئايىن"غا "تۇمان" (1901-يىلى)، "تاڭ ‏ئاتسا"(1905-يىلى)، "ئۆتمۈش ‏ئېتى" (1906-يىلى)،"مىللەت ‏ناخشىسى " (1908- يىلى) قاتارلىقلىق ئاشۇ تېمىدىكى ‏شېئىرلىرى ‏ئەگەشتې. ئىلان قىلىنالمىغان ۋە پەقەت ‏قولدىن قولغا ئۆتۈپ ئايلىنىپ يۈرگەن ‏‏‏1899-1908-يىللاردىكى بۇ شېئىرلىرىدىن كېيىن ئىككىنجى ‏مەشرۇتىيەت ئىلان قىلىنغىنىغا قارىماي ‏مەملىكەتنىڭ ‏سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلىرىنىڭ كىشىنى خوشال ‏قىلىدىغان ئەمەس، تېخىمۇ ‏ئۈمىتسىزلەندۈرىدىغان ‏ۋەزىيەتكە كىرىشى بىلەن سىياسىي ھالەتنى شىددەتلىك ‏تەنقىد قىلغان ‏‏«خانى ياغما»(1912-يىلى)، «توقسان بەشكە ‏كەلگەندە»(1912-يىلى)، «رۈبابنىڭ جاۋابى» ‏‏(1912-يىلى) ۋە ‏‏«لىۋايى شەرفنىڭ ھۇزۇرىدا»(1914-يىلى) ناملىق خەلق ‏ئىچىدە چوڭ تەسىر ‏قوزغىغان مەشھۇر شېئىرلىرىنى ‏ئىلان قىلدى. ‏
فىكرەت دەستلەپكى دەۋردىكى شېئىرلىرىنى " رۈبابى ‏شىكەستە" (1899-يىلى)گە، ئىككىنجى دەۋردە ‏يازغانلىرىنىڭ ‏بەزىلىرىنى ئاشۇ كىتابنىڭ 1910-يىلىدىكى باسمىسىغا ۋە ‏كۆپچىلىكىنى " ئەخلاقلىق ‏كىشىنىڭ ‏دەپتىرى" (1911-يىلى)گە، بالىلار ئۈچۈن يازغانلىرىنى ‏‏"شەرمىن"گە كىرگۈزدى. "تارىخىي ‏‏قەدىم" (1915-يىلى) ۋە "رۈبابنىڭ جاۋابى"(1911-يىلى) ناملىق ‏ئۇزۇن شېئىرىي ئەسەرلىرى ‏ئايرىم ھالدا نەشىر قىلىندى. ‏يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان باشقا مەشھۇر شېئىرلىرى ‏بولسا ھېچقانداق ‏كىتابىغا كىرەلمىدى. ‏
دەستلەپكى شېئىرى تەجىرىبىلىرىنى دىۋان نەزمىنىڭ ‏شەكىللىرى بىلەن باشلىغان ۋە ئەكرەمنى ‏تۇنىغاندىن كېيىن ‏تىزلا بۇلاردىن قۇتۇلۇپ غەرپ شەكلىدىكى شېئىرگە ‏يۈزلەنگەن فىكرەتنىڭ يېڭى ‏نەزىم شەكىللىرىدىن ئەڭ ‏كۆپ قوللانغىنى سونېت بىلەن تېرزارىمادۇر. چاچما شېئىر ‏ئۈستىدە قىلغان ‏ئىسلاھاتى بولسا ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن ‏فرانسۇز شېئىرىدىكى "ئەركىن نەزىم " شەكلىنى ئالدى. ‏بۇ ‏نەزىم شەكىللىرىگە ئۇنىڭ كەشپىياتى بولغانلىرىنىمۇ ‏قوشۇش لازىمدۇر. كۆپىنچە ئارۇز ۋەزنىنى ‏قوللانغان شائىر ‏بۇ ۋەزىننى تۈركچىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتا تۇنجى ئۇتۇقلۇق ‏ئۆرنەكلەرنى ياراتتى. بالىلار ‏ئۈچۈن يازغان پۈتۈن ‏شېئىرلىرىدە بولسا بۇغۇم ۋەزنىنى قوللاندى. نەزىم ‏ماھارىتىدىكى كۈچلۈك ‏دىققىتى بىلەن ئىرىشكەن ئۇتۇق ‏جەھەتتىن پارناسىيەنلەرگە ئوخشاپ كىتىدىغان ‏فىكرەتنىڭ بىرىنجى ‏باسقۇچتىكى شېئىرلىرى مەزمۇن ‏جەھەتتە رومانتىك تۇيغۇ ۋە خىياللار بىلەن تەبىئەتتىن ‏تەشكىل ‏تاپىدۇ. ئىككىنجى باسقۇچتىكى سىياسىي ۋە ‏ئىجتىمائىي تېمىلىق شېئىرلىرىدا بولسا "ھۆرىيەت، ‏‏ئادالەت، ھەق-ھوقۇق، مەدەنىيەت، جاھالەت، ‏مۇتەئەسسىبلىك، يۇرت-ۋەتەن ۋە مىللەت ‏سۆيگۈسى ‏قاتارلىق تېمىلار ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ سىرتىدا ‏كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ كىچىك ‏ۋەقەلىرى ۋە ئائىلە ھاياتى ‏بىلەن مۇناسىۋەتلىك شېئىرلىرىمۇ خېلىلا كۆپ. ‏
تۈرك شېئىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشتا فىكرەتنىڭ ‏قوشقان يېڭىلىقلىرىنى تۈۋەندىكىدەك خۇلاسىلاش ‏مۇمكىن: ‏دىۋان نەزمىدىكى بېيىت ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئورنىغا مىسرا ‏ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ‏تانزىمات شېئىرىدا ‏باشلانغان تىرىشچانلىقنى كەسكىن نەتىجىگە ئۇلاشتۇردى، ‏غەرب شېئىرلىرىدىن ‏يېڭى نەزىم شەكىللىرىنى ئالدى، ‏ئارۇزنىڭ تۈرلۈك قېلىپلىرىنى مۇزىكىلىق-ئاھاڭدارلىق ‏قىممىتىگە ‏قاراپ ئايرىپ قوللاندى، قاپىيە تەرتىۋىگە ‏چوڭ ئازادىلىك ئاتا قىلدى.‏
‏ سەرۋەتى فۈنۇن تىلىنىڭ يەنى خېلىلا قويۇق بىر ‏ئوسمانلىچىنىڭ پۈتۈن لۇغەت ئالاھىدىلىكلىرىگە ‏ئىگە ‏بولۇش بىلەن بىرلىكتە خەلق ئىچىدىكى ئېغىز تىلىغا ۋە ‏ئۇسلۇبىغا ئەڭ كۆپ يېقىنلاشقىنى يەنە ‏فىكرەتتۇر. ناھايىتى ‏خۇسۇسىي ۋە تەسىرى كۈچلۈك بولغان ھېسسىي تېمىلاردىكى ‏شېئىرلىرىدا نازۇكلۇق ‏ۋە يۇمۇشاقلىق خاراكتېرنى ‏ئىپادىلىگەن ئۇسلۇبى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىلىق ‏شېئىرلىرىدە جۇشقۇن ‏بىر خىتابەت ئۇسلۇبى خاراكتېرىگە ‏پۈركەنگەنىدى. ‏
سەرۋەتى فۈنۇن شېئىرىدىكى ئىككىنجى مۇھىم كىشى ‏بولغان جەناب شەخابەددىن(1870-1934)مۇ ‏فىكرەتكە ئوخشاش ‏شېئىردىكى تۇنجى تەجىرىبىلىرىنى دىۋان نەزمىنىڭ ‏شەكىللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا ‏چىقارغاندىن كېيىن غەرب ‏ئەدەبىياتىغا يۈزلەندى. ئۇ تىپ بىلىملىرىنى ئۈگىنىش ‏ئۈچۈن پارىژدا تۆت ‏يىل تۇرغاندا، بۇ ئەدەبىياتنى تېخىمۇ ‏يېقىندىن تۇنىدى. شۇ مەزگىللەردە فرانسۇز شېئىرىدە ‏سىمۋولىزم ‏ئېقىمى ھۆكۈمران سۈرىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ ‏خېلىلا مۇرەككەپ ئاساسلىرىغا ئانچە ‏دىققەت-ئېتىبارىنى ‏بەرمىدى. بۇلاردىن يالغۇز "ئوخشىتىش" بىلەن "ئىچكى ‏ئاھاڭدارلىق"نى قوبۇل ‏قىلدى. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بۇ ‏ئاساسىي ئامىللارغا تايىنىپ قىسقا ۋاقىتتىلا دىققەتنى ‏تارتتى. ‏

جەنابنىڭ سەنئەت ھاياتىدا ھەر خىل دەۋرلەر يوق. ئۇ ‏ئاخىرىغىچە "سەنئەت سەنئەت ئۈچۈن" ‏قارىشىغا ‏باغلاندى. پەقەت مۇھەببەت ۋە تەبىئەت تېمىلىرىنى ‏تەسۋىرلىگەن شېئىرلىرىدا فرانسۇز ‏سىمۋولىزم ‏شېئىرلىرىدىكىگە ئوخشايدىغان ‏ئىستىئارەلەر(ئوخشىتىشلار)نى ۋە كۈچلۈك بىر ئىچكى ‏‏ئاھاڭدارلىق بىلەن يېزىلغان شېئىرلىرىنى ناھايىتى رەڭدار ‏بىر خىيال كۈچى ۋە قۇۋۋەتلىك ئۇسلۇبى ‏بىلەن تېخىمۇ ‏جەلىپكار قىلدى. جەنابنىڭ شېئىرلىرىدا ناھايىتى كۆپ ‏ئورۇن ئالغان ۋە تۈرك شېئىرىدە ‏شۇ ۋاقىتقىچە ھېچكىم ‏ئاڭلاپ باقمىغان ئوخشىتىشلار قارشى چىققۇچىلارنىڭ ‏سەرۋەتى فۈنۇن شېئىرىنى ‏مەنىسىز دەپ ئەيىپلىشىگە ‏سەۋەپ بولغان ئامىللار ئارىسىدا بار ئىدى.‏
جەنابنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئۆزگەرمەس تېمىلىرى بولغان ‏مۇھەببەت ۋە تەبىئەت ئۆز ئالدىغا ناھايىتى ‏ئاز ‏ئۇچرايدىغان ھالدا قولغا ئېلىنغانىدى. بۇلارنىڭ ھامان بىر ‏گەۋدە قىلىپ تەسۋىرلەنگەنلىكى ‏كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ھامىدنىڭ ‏شېئىرلىرىدا باشلانغان "ئىنسان—تەبىئەت" كومپوزىسيۇنىنىڭ جەنابنىڭ ‏شېئىرلىرىدە تېخىمۇ بەكرەك ‏يۈكسەلگەن ۋە تېخىمۇ بەكرەك رەڭدار ئۆرنەكلىرىنى ‏ئۇچرىتىش مۇمكىن. ‏كۈچلۈك بىر ئىچكى ئاھاڭدارلىق بىلەنمۇ ‏تۇيۇنغان بۇ شېئىرلار غەرب تۈرك شېئىرىنىڭ ھېسسىي ‏‏مەزمۇندىكى ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكلىرىدۇر. شېئىرلىرىنىڭ بۇ ‏قۇرۇلمىسى بىلەن سەرۋەتى فۈنۇن ‏گۇرۇھىنىڭ ئەڭ لىرىك ‏شائىرى دەپ قاراشقا بولىدىغان جەنابنىڭ تىلى بولسا قويۇق ‏ئوسمانلىچە ‏بولغىندەك، ئۇ بۇ خاتالىقىنى تۈزەتمەسلىكتىمۇ ‏ئۇزۇن ۋاقىت چىڭ تۇردى. لېكىن شۇنداق بولغىنىغا ‏قارىماي، ‏مىللىي ئەدەبىيات ئېقىمىنىڭ ئوسمانلىچىنى ‏تۈركچىلەشتۇرۇش غەيرىتى ئازراق بولسىمۇ ‏جەنابنىڭ ‏تىلىغىمۇ تەسىر قىلدى. ‏
يەنە سەرۋەتى فۈنۇننىڭ سەھىپىلىرىدە كۈچلۈك بىر ‏نەسىر يازغۇچىسى سۈپىتىدىمۇ دىققەتنى ‏تارتىدىغان جەناب ‏‏1908-يىلىدىن كېيىن شېئىر يېزىشنى ئازايتىپ، كۆپرەك ‏نەسرگە يۈزلەندى. بۇ ‏ساھەدىمۇ ھەقلىق بىر شۆھرەت ‏ئىگىسىگە ئايلاندى. ساياھەت خاتېرىلىرى، سۆھبەت ‏خاتېرىسى ۋە ‏ماقالىلار ھالىتىدىكى تۈرلۈك نەسىرلىرى " ھەج ‏يولىدا" (1909-يىلى)، " ئەۋراكى ئەييام" ‏‏(1915-يىلى)، "سۈرىيە ‏مەكتۇپلىرى " (1917- يىلى)، "نەسرى ھەرب"، "نەسرى ‏سۈلھ" ۋە "بەڭگە ‏سۆزلىرى " (1918- يىلى) بىلەن "ياۋروپا ‏مەكتۇپلىرى" (1919-يىلى) قاتارلىق كىتابلىرىغا ‏‏كىرگۈزۈلگەنىدى. جەنابنىڭ "بەڭگە سۆزلىرى" ئۆزىنىڭ ‏قول يازمىسى بىلەن يېزىلغان بىر دەپتەردە ‏مەتبەئە ‏نۇسخىسىدىكى 361- تاللانما سۆزنىڭ ئورنىغا 1830 بەڭگە ‏سۆزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‏بولۇپ، بۇ دەپتە زإرۈر ‏ئىزاھاتلار بىلەن ئورخان ف. كۆپرۈلۈ رەيان ئەربەن ‏تەرىپىدىن "تەرجىمان ‏‏1001 ئاساسي ئەسەرلەر" قاتارىدا ‏نەشىر قىلىندى (1978-يىلى، ئىستانبۇل). ‏
سەرۋەتى فۈنۇن شېئىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن ھەقىقىي ‏قۇرغۇچىلىرى بولغان بۇ ئىككى بۈيۈك شائىر بىلەن ‏بىرلىكتە، ‏ئوتتۇراھال سەۋىيىسدىكى شائىر ۋە سەنئەتكارلاردىن ‏بولغان گۇرۇھنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ ‏ئومۇمەن "سەنئەت ‏ئۈچۈن سەنئەت" قارىشىغا باغلانغانىدى. ‏
بۇلاردىن ھۈسەيىن سىيرەت ‏ئۆزسەۋەر (1872-1959) رومانتىك تۇيغۇلارغا تولغان ۋە ‏ئۇسلۇب ‏جەھەتتىن بىر مۇنچە يەردە فىكرەتنىڭ تەسىرىدە ‏قالغان شېئىرلىرىنى "لايائى گىرىزان" ‏‏(1919-يىلى)،"باغ ‏بۇزۇمى" (1928-يىلى) ۋە " ئۇچقۇنداۋاتقان كۈل" (1930- ‏يىلى) ناملىق ‏كىتابلىرىغا جۇغلىدى. ئوسمانلىچىدا ۋە ئارۇزدا ‏چىڭ تۇرماي، ئاستا-- ئاستا ئاددى تۈركچىگە ۋە بۇغۇم ‏‏ۋەزنىگە يۈزلەنگەن ۋە دەۋرىنىڭ سىياسىي ۋەقەلىرىگىمۇ ‏ئارىلاشقان شائىرنىڭ سىياسىي تېمىلاردىكى ‏شېئىرلىرى ‏بولسا "قارغىلار" (1939-يىلى)، "ئىككى ‏قەسىدە" (1942-يىلى) ۋە " بىر مەكتۇبنىڭ ‏جاۋابى ۋە ھۈسەيىن ‏ئاۋنى ئۇلاشقا" (1948- يىلى) ناملىق كىتابلىرىدا بار. ‏
ئۇسلۇب جەھەتتە تېخىمۇ بەكرەك جەنابنىڭ تەسىرىدە ‏قالغان ھۈسەيىن سۇئاد ‏يالچىن(1867-1943)نىڭ شېئىرلىرىدىمۇ ‏رومانتىك مۇھەببەت ۋە ئائىلە ھاياتى ئالدىنقى ئورۇندا ‏‏تۇرىدۇ. بۇ شېئىرلىرىنى "لانەئى مېلال" (1910-يىلى) نامى ‏بىلەن توپلام قىلدى. ئومۇ سىيرەتكە ‏ئوخشاش ئوسمانلىچە ‏ۋە ئارۇزدا چىڭ تۇرمىدى. 1910-يىلىدىن كېيىن يازغان ‏شېئىرلىرى بولسا ‏ئۆلۈمىدىن كېيىنلا ئايالى تەرىپىدىن ‏نەشىر قىلىندى (ئەفزايىش سۇئاد،" ھۈسەيىن سۇئاد يالچىن ‏ۋە ‏شېئىرلىرى" ،1943-يىلى).‏


سەرۋەتۈ فۈنۇنغا 1897- يىلى قوشۇلغان ۋە سۇلەيمان ‏نازىفنىڭ قېرىندىشى بولغان فائىق ئالى ‏‏ئوزانسوي(1876-1950) رامانتىك مۇھەببەتنى تەسۋىرلىگەن ‏شېئىرلىرىنى " فانى ‏تەسەللىلەر"(1908-يىلى) ۋە "تەماسىل" (1913-يىلى)، 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يازغان ‏‏ۋەتەنپەرۋەرلىك شېئىرلىرىنىمۇ "ئىلخانى ‏ۋەتەن" (1915-يىلى) ناملىق كىتابلىرىغا كىرگۈزدى.‏
سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىنىڭ ياش جەھەتتە ئەڭ كىچىكى ‏بولغان جەلال ساھىر ئەروزان ‏‏(1883-1935) خاراكتېر ‏ئېھتىياجىدىن داۋاملىق ھالدا ئۆزگىرىشلەرنى تىز قوبۇل ‏قىلىدىغان ‏بولغاچقا، دەستلەپتە ياخشى كۆرگەن مۇئەللىم ‏ناجى تەرەپدارلىقىدىن ئايرىلىپ، ئاۋۋال "سەرۋەتۈ ‏‏فۈنۇن"غا، 1909-يىلى "فەجرى ئاتى"گە، 1914-يىلى مىللىي ‏ئەدەبىيات ئېقىمىغا قوشۇلدى. بارلىق ‏بۇ ئەدەبىي ‏گۇرۇھلارنىڭ تىل، ئۇسلۇب ۋە نەزىم ئۇسۇلى بىلەن ‏مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ‏ئاسانلا قوبۇل قىلغان ‏شائىرنىڭ سەرۋەتى فۈنۇن ۋە فەرجى ئاتى دەۋرلىرىدە يازغان ‏ۋە رومانتتىك ‏مۇھەببەتلەرنى تەسۋىرلىگەن ‏شېئىرلىرى" ئاق سايەلەر" (1909-يىلى)، "قارا ‏كىتاب" (1912-يىلى) ‏ناملىق كىتابلىرىدا بار. 1908- يىلىدىن كېيىن ‏ئەدەبىي مەتبەئەچىلىكتىمۇ ناھايىتى جانلىق بىر ‏تۇرمۇشنى ‏باشتىن كەچۈرگەن ۋە "گۈل دەستە" (1908-يىلى)، ‏‏"رەسىملىك مۇھىت" (1909-يىلى)، ‏‏"سەرۋەتى ‏فۈنۇن" (1909-1910)، "خەلققە قاراپ" (1913-يىلى)، "تۈرك ‏سۆزى " (1914- يىلى) ‏ۋە "بىلىم ‏مەجمۇئەسى" (1914-يىلى) قاتارلىق ژورناللارنى باشقۇرغان ‏جەلال ساھىر مىللىي ئەدەبىيات ‏دەۋرىدە يازغان ‏شېئىرلىرىنى ئايرىم بىر كىتاب قىلىپ نەشىر قىلدى. ‏
ھ . نازىم تەخەللۇسىنى قوللانغان ئاخمەد رەشىد ‏بەي (1870-1955) شېئىرلىنى توپلام قىلمىدى. ‏نامىق كەمالنىڭ ‏ئوغلى بولۇپ، بىر مۇنچە شېئىرلىرىدا ئا.نادىر دېگەن ‏ئىمزانىمۇ قوللانغان ئالى ‏ئەكرەم بولايىر(1867-1937) ھېسسىي ‏تېمىلاردىكى شېئىرلىرىنى"زىلالى ئىلھام" (1909-يىلى)، ‏‏ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇلىرىنى تەسۋىرلىگەن شېئىرلىرىنى "قوشۇننىڭ دەپتىرى" (1918-يىلى)، "ئانا ‏‏ۋەتەن" (1921-يىلى) ۋە "ۋىجدان يالقۇنلىرى" (1925- يىلى)دا ‏توپلىدى. شىپكا② قەھرىمانى ‏مۈشىر سۈلەيمان پاشانىڭ ‏ئوغلى بولۇپ، شېئىرلىرىدا سۈلەيمان نەجىب دېگەن ‏ئىسىمنى قوللانغان ‏مەھمەد سامى (1866-1917)نىڭ شېئىرلىرى ‏بولسا ئۆلۈمىدىن كېيىن نەشىر قىلىندى ( بىر ھەيئەت ‏‏تەرىپىدىن ، "سۈلەيمان پاشازادە سامى بەي كۈللىياتى ‏ئەسەر ۋە ئىختىساسات"،1918-يىلى).‏
تىياتىر -- 1884- يىلى مۇھىم تىياتىر ئەسەرلىرىنى ‏ئويناش چەكلەنگەندىن كېيىن، تۈرك تىياتىر ‏ئەدەبىياتى ‏پىيەسسە ماھارىتى جەھەتتە بىر تۇرغۇنلۇق دەۋرىگە ھەتتا ‏بىر چىكىنىش دەۋرىگە كىرىپ ‏قېلىپ، يالغۇز ئوقۇش ‏ئۈچۈن پىيەسسە يېزىشنىڭ پەيدا قىلغان ئىستەكسىزلىكى ‏سەرۋەتى فۈنۇن ‏ئاۋلادلىرىغىمۇ يۇقۇپ، بۇ تۈرگە زادىلا ‏قىزغىنلىق كۆرسىتىلمىدى. شۇ سەۋەبلىك، سەرۋەتى فۈنۇنچىلار ‏بۇ ‏تۈرنى پەقەت 1908-يىلى، يەنى مۇھىم تىياتىر ‏ئەسەرلىرىنىڭ ئوينىلىش ئىمكانىيىتى قايتىدىن ‏تۇغۇلغاندا ‏تەجىرىبە قىلدى. بۇ خىل كېچىكىشنىڭ نورمال نەتىجىسى ‏بولسا، پىيەسسە ماھارىتى ‏ھەققىدە نەزەرىيۋىي بىلىمگە ‏ئىگە بولسىمۇ، يېزىشتىكى تەجىرىبىسىزلىك سەۋەبىدىن ‏نەتىجىسىز ‏ئەسەرلەرنى يارىتىشتىن ئىبارەت بولدى. بۇنداق ‏شارائىت ئىچىدە يېزىلغان پىيەسسەلەرنىڭ ‏ماھارەت ‏جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ ‏سەرۋەتى فۈنۇن ‏يازغۇچىلىرىنىڭ تىياتىر ئەسەرلىرى ‏ماھارەت جەھەتتە تانزىماتچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن يەنىلا ‏‏ئۈستۈن تۇراتتى. بۇ ئۈستۈنلۈك ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ فرانسۇز ‏تىياتىر ئەسەرلىرىنى تېخىمۇ يېقىندىن ‏تۇنىغانلىقى ئارقىلىق ‏ئىزاھلىنىدۇ. ئابدۈلھامىد‏Ⅱ‏ دەۋرىدە ئىجتىمائىي ‏مەسىلىلەرگە ئېتىبار بېرىش ‏ئىمكانىيىتىنى تاپالمىغان ۋە ‏شېئىر بىلەن روماندا ئائىلىۋىي مۇھىتنىڭ پاسىلىدىن ‏ھالقىيالمىغان ‏سەرۋەتى فۈنۇنچىلار كۈنگەن ئادىتى ‏سەۋەبىدىن شارائىت ئإزگەرگەن بولسىمۇ، يازغان تىياتىر ‏‏ئەسەرلىرىدىمۇ ئائىلىۋىي مۇھىتتىن ھالقىيالمىدى. ‏ئومۇمەن سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ‏جەھەتتە ‏ناھايىتى كإپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان بىر مەملىكەتنىڭ ‏كىشىلىرى بولغان زامانداش ‏فرانسۇز يازغۇچىلىرىنىڭ ئإرنەك ‏ئېلىنغان تىياتىر ئەسەرلىرىدىمۇ ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ‏ئائىلىۋى ‏مۇھىتقا كىرگۈدەك دەرىجىدە تارايغانىدى. شۇ ‏سەۋەبلىك سەرۋەتى فۈنۇنچىلارمۇ ئىجتىمائىي پىلاندا ‏توي ‏قىلىش ۋە ئاجرىشىش مەسىلىلىرى، ئايال ھەقلىرى قاتارلىق ‏چەكلىك تېمىلارنىڭ ئىچىدە قالدى. ‏
سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىدا "شەھبال ياكى ئىستىبداتنىڭ ‏ئاخىرقى پەردىسى" (1908-يىلى) ناملىق ‏درامىسى بىلەن ‏تۇنجى تەجىرىبىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ھۈسەيىن سۇئاد ‏شۇنىڭدىن كېيىن ‏ئىجادىيىتىنى كومىدىيە تۈرىدە ‏داۋاملاشتۇردى. مۇھىم ئەسەرلىرى "دەۋايى ‏ئاشق" (1910-يىلى)، ‏‏"ھۇللە ياكى قاپاقچى پەرھاد ‏ئاغا" (1910- يىلى)، "جۈپ مىكروپ" (1920-يىلى)، "كىچىك ‏بەگلەر ‏ياكى دەرسنى داۋاملاشتۇرايلى " (جەناب شەھابەددىن ‏بىلەن بىرلىكتە يازغان،1920–يىلى)، ‏‏"ئاخىرەتتە بىر كۈن" (شېئىرىي شەكىلدە، 1943-يىلى)،"ئانا قورسىقىدىكى ‏ئاخىرقى كىچە" (شېئىرىي ‏شەكىلدە،‏‏1943-يىلى) قاتارلىقلاردۇر. بۇنىڭدىن باشقا فرانسۇزچىدىن "كىر ‏كۆينەك ‏‏"(1910-يىلى)،"يۆگەك جابدۇقلىرى" (1910-يىلى)، ‏‏" قەيسەرى گۈللىرى"(مۈنىر نىگار بىلەن ‏بىرلىكتە، ‏‏1910-يىلى) قاتارلىقلارنى ئاداپتاسيون③ قىلىپ ئىشلىگەن ‏ھۈسەيىن سۇئاد ئەينى ۋاقىتتا ‏تىياتىر ماھارىتى جەھەتتىمۇ ‏گۇرۇھنىڭ ئەڭ ئۇتۇق قازانغان يازغۇچىسى ئىدى. ‏
شۆھرىتىنى رومانچى سۈپىتىدە چىقارغان مەھمەد ‏رائۇفنىڭ 1909-يىلىدىن باشلاپ تىياتىر ئەسەرلىرىمۇ ‏‏يازغانلىقى كۆرىلىدۇ. يەنى"تاپان" (1909-يىلى)، "جىدەل" (‏‏1911-يىلى)، "تىكەن" ‏‏(1917-يىلى)،"سانسار" (1920-يىلى)، ‏‏"جەراھەت" (1923- يىلى)، "پاختا قەسىر" (1924-يىلى) ‏قاتارلىق ‏تىياتىر ئەسەرلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ماھارەت جەھەتتە ‏ئەڭ ئۇتۇقلۇق ‏چىققىنى"سانسار"دۇر. مەھمەد رائۇفنىڭ ‏بەزى ئاداپتاسيونلىرىمۇ بار. ‏
سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھى ئىچىدە تىياتىر بىلەن ئەڭ ‏كۆپ مەشغۇل بولغان بۇ ئىككى يازغۇچىنىڭ ‏ئىزىدىن ‏‏"بارىئا" (1908-يىلى)، "چۈشۈش" (1911-يىلى) ۋە "ئىنىك ‏ئانام ئاچچىقلايدۇ" ‏‏(1919-يىلى) قاتارلىق پىيەسسەلىرى بىلەن ‏ئالى ئەكرەم، "يالغان" (1911-يىلى)، "كۆرەبە" ‏‏(كۆزنى تېڭىپ ‏قويۇپ باشقا بىرىنى تۇتىدىغان بالىلار ئويۇنى، ‏‏1917-يىلى) پىيەسلىرى بىلەن جەناب ‏شەھابەددىن، ‏‏"ھارالامبوس جانقىيادىس" (1912- يىلى) دېگەن ‏پىيەسسەسى بىلەن سافۋەتى زىيا، ‏‏" قارا بېسىش" (1918- ‏يىلى) ئىسىملىك پىيەسسەسى بىلەن خالىد زىيا، ‏‏"پايتەختنىڭ دەرۋازىسىدا " ‏‏(شېئىرىي شەكىلدە، 1918- ‏يىلى) ۋە "نەدىم ۋە لالە دەۋرى" قاتارلىق پىيەسسەلىرى ‏بىلەن فائىق ‏ئالى قاتارلىقلار ئەگەشتى. ‏
رومان ۋە ھېكايە – شېئىر بىلەن بىرلىكتە رومان ۋە ‏ھېكايە سەرۋەتى فۈنۇن ئەدەبىايتىنىڭ ئەڭ ‏كۈچلۈك تۈرىدۇر. ‏مۇھىمى بۇ دەۋردە روماننىڭ ماھارەت جەھەتتە چىققان ‏پەللىسى تېخى ھېس ‏قىلىنمىغانىدى. ‏
سەرۋەتى فۈنۇن رومانچىلىرى تىل، ئۇسلۇب ۋە ماھارەت ‏جەھەتتە نامىق كەمالغا ئەگىشىپ ‏‏1885-1895-يىللاردا ‏دەۋرنىڭ ھۆكۈمران ئەدەبىي ئېقىمى بولغان رومانتىزمنىڭ ‏تەسىرىدە قالغان ‏بولسىمۇ، ئاشۇ يىللاردا تۇنجى ئۆرنەكلىرى ‏كۆرۈلۈشكە باشلىغان رېئالىزمنىڭمۇ ئاستا--ئاستا تەسىرىنى ‏‏قوبۇل قىلدى ۋە سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھى ئىچىدە نام ‏چىقارغاندىن كېيىنكى ئەسەرلىرىدە رېئالىست ‏رومان ‏مېتوتىغا تېخىمۇ كۆپ ئورۇن بەردى. روماندا رومانتىزمدىن ‏رىئالىزىمغا بۇ كۆچۈش بارا--بارا ‏فرانسۇز رېئالىست ‏رومانچىلىقىنىڭ فلابېرت، بالزاك، ئاكا-ئۇكا گونكۇرت ۋە ‏بورگېت قاتارلىق ‏ئۇستىلىرىنى تۇنۇپ، ئۇلارنىڭ يولىنى ‏قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشتى. ‏
ئىستىبدات دەۋردىكى ئېغىر شارائىتلارنىڭ ۋە بىراز ‏جۈرئەتسىز خاراكتېرىنىڭ تەسىرى بىلەن ‏ئىجتىمائىي ‏مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلالمىغان سەرۋەتى فۈنۇن ‏رومانچىلىرى ۋە ھېكايىچىلىرى ‏خالاپ--خالىىماي ‏پسىخىلوگىيىلىك تېمىلارغا يۈزلەندى. شۇ سەۋەپلىك ‏پسىخىلوگىيىلىك مەزمۇنلار ‏ئۇلارنىڭ ئەسىرىدە مۇھىم ‏ئورۇن ئىگىلىسىمۇ، ئەسەرلىرىدە ئىجتىمائىي ‏مەسىلىلەرگە زادىلا دىققەت ‏قىلمىغانلىقى ھەققىدىكى قاراش ‏خاتادۇر. بۇ قاراش ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە ‏بىۋاسىتە ‏كىرەلمىگەنلىكىدىن، ھېچ بولمىغاندا سىياسەت ‏بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىنى زادىلا قولغا ‏‏ئالالمىغانلىقتىن پەيدا بولغان بولسا كىرەك. سىياسىي بېسىم ‏بىلەن بىرلىكتە دىنىي بېسىممۇ ئىجتىمائىي ‏ھاياتتا يەنىلا ‏ئېغىر دەرىجىدە ھۆكۈم سۈرگەن بۇ دەۋردە پەقەت بۇ ‏ئىككى بۇيرۇقنىڭ كونتروللىقىنىڭ ‏سىرتىدا قالغان ‏ئىجتىمائىي تېمىلارغا كىرەلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ‏مۇھىمى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ‏مەۋجۇت بولغان ‏‏"زامانىۋىيلىشىش" مەسىلىسىدۇر. سەرۋەتى فۈنۇن ‏رومانچىلىرى بۇ مەسىلىنىڭ ‏سىياسىي تەرىپىنى بىر چەتكە ‏تاشلاپ قويغان بولسىمۇ، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ‏تەرەپلىرىگە يېقىندىن ‏دىققەت قىلدى. بۇ تەرەپلەرنىڭ ‏تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تارماقلاردىكى كۆرۈنىشلىرىنى ‏ۋە ‏نەتىجىلىرىنى قولغا ئالدى. خالىد زىيانىڭ "كۆك ۋە قارا" ‏ۋە "ئىشقى مەمنۇ" ("چەكلەنگەن ‏مۇھەببەت" ) دېگەن ‏رومانلىرى بىلەن مەھمەد رائۇفنىڭ "سىنتەبىر" ناملىق ‏رومانى تۈپ مەزمۇن ‏جەھەتتە غەرپلىشىش مەسىلىسىگە ‏قارىتىلغان ئەسەرلەردۇر. سەرۋەتى فۈنۇن رومان ۋە ‏‏ھېكايىلىرىدىكى ۋەقەلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئىستانبۇلدا يۈز ‏بەرگەنلىكى ھەققىدىكى باشقا بىر ئەيىپلەشمۇ ‏خاتا ‏بولمىسىمۇ، ھەقلىق ئەمەستۇر. بىر شەھەردىن باشقا بىر ‏شەھەرگە بارسىمۇ " بېرىپ--كىلىش خېتى" ‏‏سۈرۈشتۈرىلىدىغان بىر دەۋردە ئەسلىدە ئىستانبۇللۇق ياكى ‏ئۇ يەردە يەرلەشكەن بولسىمۇ، ‏ئىسىملىرىغا گۇمان بىلەن ‏قارىلىدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ماكان سۈپىتىدە ‏پەقەت ئۆز ‏ئەتراپىنى تاللىشى تەبىئىيدۇر. سەرۋەتى فۈنۇن ‏رومانلىرىدىكى خاراكتېرلارنىڭ پۈتۈنلەي "ئىجتىمائىي ‏‏تەبىقىنىڭ يۇقىرى قاتلىمى" ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشمۇ ‏تامامەن ئورۇنسىزدۇر. بۇ رومانلارنىڭ ‏ئومۇمەن پۈتۈن ‏قەھرىمانلىرى ئوتتۇرا سىنىپقا مەنسۇپتۇر. سەرۋەتى فۈنۇن ‏رومان ۋە ھېكايىلىرىنىڭ ‏خەلققە يات بىر تىل قوللانغانلىقى ‏ھەققىدىكى قاراش بولسا تامامەن توغرا. تىياتىر ‏ئەسەرلىرىنىڭ ‏سىرتىدىكى پۈتۈن ئەدەبىي تۈرلەردە ‏كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش، رومان ۋە ھېكايىدىمۇ تىل خېلىلا ‏قويۇق ‏بىر ئوسمانلىچە ئىدى. بۇ قويۇقلۇق تەسۋىر ۋە ‏تەھلىللەردە تېخىمۇ ئاشقان. "سەنئەتكارانە" بولغان ‏ئۇسلۇب ‏بولسا ئەدەبىي سەنئەت بىلەنلا تولغان. شۇ سەۋەپلىك ‏ئەسەرلىرىنىڭ 1920-يىلىدىن ‏كېيىنكى باسمىلىرىدا بىۋاسىتە ‏ئۆزلىرى بۇ خاتالىقلارنى قىسمەن بولسىمۇ تۈزۈتىشكە ‏تىرىشتى. ‏
سەرۋەتى فۈنۇن رومان ۋە ھېكايىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ‏ۋەكىلى خالىدى زىيا ئۇشەقلىگىل (1867-1944) ‏ئىدى. تۇنجى ‏رومان تەجرىبىسى بۆلۈپ ئىلان قىلىنغان(1885- يىلى) بولسىمۇ،"ئىسلام ئەدەبلىرىگە ‏خىلاپ" دەپ قارىلىپ كىتاپ ‏قىلىپ بېسىلىشىغا رۇخسەت بىرىلمىگەن ۋە ئالدانغان بىر ‏ياش قىزنىڭ ‏ھاياتىنى تەسۋىرلىگەن "يوقسۇل" ناملىق ‏ئەسىرىدۇر. بۇ تەجىرىبىنىڭ ئىزىنى يەنە بىردىن ياش ‏‏قىزنىڭ رومانتىك مۇھەببىتىنى تەسۋىرلىگەن ئۈچ كىچىك ‏رومانى داۋاملاشتۇرغان. ئۇلار "بىر ‏مەرھۇمنىڭ ‏دەپتىرى" (1891-يىلى)، "نەمىدە" (1893-يىلى)، "يالغۇز ۋە ‏ھەمراھ" ‏‏(1894-يىلى)دىن ئىبارەت. پەقەت رېئالىستتىك ‏رومان مىتوتىغا بۇ ئەسەرلىرىدە ئورۇن بېرىشكە ‏باشلىغان ‏يازغۇچى رومانتىك مۇھەببەتنى تېما قىلىش بىلەن رومانتىزمغا ‏مۇپتىلا بولۇپ كەتكەن ‏ئەمەس. ئەكسىچە مۇستەھكەم بىر ‏ئۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلمىغان، ھەقىقەتلەرنى ‏دىققەت--ئىتىبارغا ‏ئالالمىغان ھەرىكەت ۋە تۇيغۇلارنىڭ ‏فرانسۇز رېئالىستتىك رومانلرىدا كۆرۈلگىنىدەك، ئىگىلىرىنى ‏‏ئاخىرى ئازاپقا دۇچار قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ‏يازغۇچىنىڭ سەرۋەتى فۈنۇنغا قېتىلغاندىن ‏كېيىن يازغان ۋە ‏ھەر جەھەتتىن بۇ تۇنجى تەجىرىبىلىرىدىن ھالقىغان "كۆك ۋە ‏قارا" (1897-يىلى)دا ‏بولسا، روماننىڭ قەھرىمانى بولغان ۋە ‏يەنىلا رومانتىك خاراكتېردىكى ياش شائىر يالغۇز ئىشق ‏‏ئالدىدىلا ئەمەس، ھەر خىل ھادىسىلەر ئالدىدىمۇ سىناق ‏قىلىش ئارقىلىق رومانتىك ھەرىكەتلەرنىڭ ‏ئازاپقلىق ‏نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ شەكىلدە نامايەن قىلدۇ. ئاشۇ ‏سەۋەبتىن كېلىپ چىققان باشقا بىر ‏ئازاپمۇ رىئال بولمىغان ‏بىر توينى تەسۋىرلىگەن "ئىشقى مەمنۇ" (1900- يىلى)دا بايان ‏قىلىنىدۇ.‏
خالىد زىيانىڭ رومانلىرىدا "كۆك ۋە قارا"دىن ‏باشلاپلا يەنە فرانسۇز رېئالىستىك رومانلرىدا ‏‏كۆرۈلگىنىدەك، مۇھىت كەڭ بىر ئورۇن ئالىدۇ. بۇ رومانىدىن ‏باشقا "ئىشقى مەمنۇ"، "سۇلغۇن ھايات" ‏‏(1924-يىلى) تىمۇ ‏تۈرك تۇرمۇشىنىڭ شۇ دەۋرىدىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە ‏مەدەنىي مۇھىتلىرىدىكى ‏ئىنسانلىرى ۋە ھادىسىلىرى بىر ‏بىرى بىلەن ھەرقانداق بىر شەكىلدە سېلىشتۇرۇپ نەتىجە ‏چىقىرىش ‏يولى بىلەن ئەمەس، پەقەت رېئالىستتىك ‏مېتودنىڭ تەبىئىي بىر مەۋقەسى سۈپىتىدە بايان قىلىندۇ. ‏‏شۇنىڭ بىلەن قەھرىمانلار ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىدىن ‏ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلىرىدىن ‏ئايرىۋىتىلمەي يىتەرلىك ‏دەرىجىدە تۇنىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بالزاكنىڭ رومانلىرىدا ‏كإرۈلگىنىدەك، ‏مۇھىت بىلەن بىرلىكتە قەھرىمانلارنىڭ روھىي ‏ھالىتىمۇ ئەستائىدىل بايان قىلىنىدۇ. روھىي تەھلىللەرگە ‏‏ئەھمىيەت بىرىش جەھەتتە يازغۇچى بورگېتنىڭ ‏رومانلىرىغىمۇ زور دەرىجىدە يېقىنلاشقان.‏
يازغۇچىنىڭ رومانلىرىدىكى بۇ "ئادەم – ئىجتىمائىي ‏مۇھىت" نىڭ ماسلىشىشىنى ۋە ئەمەلىيەتچى ‏مەۋقەسىنى ‏‏1886-يىلىدىن ئېتىبارەن نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان ‏ھېكايىلىرىدىمۇ تېپىش مۇمكىن. ‏‏"ئۆيلەنگەن بىر ئەرنىڭ ‏تارىخى مۇھەببىتى" (1888-يىلى)، "بىر مىماردۇمنىڭ ئاخىرقى ‏بەتلىرى" ‏‏(1888-يىلى)، "نەقىل" (1892-1894 –يىللار)، ‏‏"بۇمۇدۇ؟" (1896 -يىلى)، "ئىست" ‏‏(1896-يىلى)، "بىر ‏ئەدەبىيات تارىخى" (1900- يىلى)، "سۇلغان گۈل" (1901-يىلى)، ‏بىر شېئىرىي ‏خىيال" (1916-يىلى)، "سىۋەتتىن ‏تېپىلدى" (1920-يىلى)،"بىر ئاشىقنىڭ ھېكايىسى"( 1922- ‏يىلى) ، "ھەممىدىن ئېچىنىشلىق" (1934-يىلى)، "ئىشقا ‏دائىر" (1935- يىلى)،"ئۇنى كۈتۈپ" ‏‏(1935- يىلى)، "قېرى ‏دوست" (1937-يىلى)،"ئايال تاپىنى" (1939-يىلى) ۋە "ئىزمىر ھېكايىلىرى" ‏ناملىق كىتاپلىرىدا بىر يەرگە ‏توپلىغان 200 گە يېقىن ھېكايىلىرىدىمۇ خاراكتېر بىلەن ‏مۇھىت يەنىلا ‏ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مۇھىتنىڭ زور ‏كۆپچىلىكى ئوتتۇراھال ۋە نامرات تەبىقە بىلەن ‏مۇناسىۋەتلىك ‏ئىدى. خاراكتېرلار بولسا كإپىنچە جىسمانىي ۋە روھىي ‏مېيىپلىقلار ئاساسىي ئورۇننى ‏ئىگىلىگەن ئېچىنىشقا ‏تېگىشلىك كىشىلەردىن تاللانغان. ئو رومانلىرىدىكى ماھارەت ‏ئۇتۇقلىرىنى ‏ھېكايىلىرىدىمۇ داۋاملاشتۇردى. ‏
تىل ۋە ئۇسلۇبقا كەلسەك، خالىد زىيانىڭ تىلى ۋە ‏ئۇسلۇبى سەرۋەتى فۈنۇن پروزىسىنىڭ تىلى ۋە ‏ئۇسلۇبى ‏دېگەنلىكتۇر. گۇرۇھنىڭ بارلىق پورازا يازغۇچىلىرى بىلىمى ‏ۋە قابىلىيىتى دائىرىسدە ئۇنىڭ ‏تىل ۋە ئۇسلۇب ‏ئالاھىدىلىكىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشتى. مۇشۇ ئارقىلىق ‏شەكىللەنگەن ئورتاق بىر ‏ئەدەبىي تىل ۋە ئۇسلۇبنىڭ ‏ئىچىدە ھەر بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ خاراكتېرىدىن ۋە ‏مەدەنىيەت ‏سەۋىيىسىدىن كەلگەن تەركىپلەرنىمۇ قوشۇپ ‏سەخسىي ئۇسلۇبىنى يارىتىش يولىغا ماڭدى. خالىد ‏زىيانىڭ ‏تىلى ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەر ۋە گراماتىكىلىق تەركىپلەر ‏بىلەن تولغان. ئۇسلۇبى بولسا ‏خىيال سەنئىتى بىلەن تولغان ‏‏"سەنئەتكارانە" ئۇسلۇبنىڭ دەل ئۆزىدۇر. لېكىن، يازغۇچى ‏ماھارەت ‏جەھەتتە كۆرسەتكەن ئېھتىياتچانلىقنى ناھايىتى ‏ئەستائىدىللىق بىلەن ئۇسلۇبىدىمۇ كۆرسەتتى. ‏
سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىنىڭ ئىككىنجى مۇھىم رومانچى ‏ۋە ھېكايىچىسى بولغان مەھمەد رائۇف ‏‏(1875-1931) ئاۋۋال ‏ھېكايە ۋە چاچما شېئىرلىرى بىلەن تۇنىلدى. "سەرۋەتى ‏فۈنۇن" ژورنىلىدا ‏بۆلۈپ ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن، كىتاپ ‏قىلىپمۇ بېسىلغان "سىنتەبىر " (1901-يىلى) ناملىق رومانى ‏‏بىلەن شۆھرىتى بىردىنلا كۆتۈرۈلدى. گۇرۇھ تارقىلىپ ‏كەتكەندە ئۇمۇ يېزىقچىلىق ھاياتىدىن ‏چېكىندى.
1908-يىلىدىن ‏كېيىن ئىلان قىلىنغان رومانلىرى ۋە ھېكايە كىتابلىرى ‏تۈۋەندىكىلەردىن ‏ئىبارەت:‏
‏ 1- رومانلىرى: "فەردا غەرەم" (1913-يىلى)، "ياش قىز ‏قەلبى" (1914-يىلى)، "كارانفىل ۋە ‏ياسېمىن" (1924-يىلى)، ‏‏"بۆگۈرتلەن" (ئۈژمە دەرىخىگە ئوخشاپ كىتىدىغان بىر ‏خىل دەرەخ ۋە ‏ئۇنىڭ مىۋىسى،1926-يىلى)، "ئاخىرقى ‏يۇلتۇز" (1927-يىلى)، "كۆمۈلگەن نەرسە" (1927-يىلى)، ‏‏"قان ‏تامچىسى" (1928-يىلى)، "قۇتۇلۇش " (1929- يىلى) قاتارلىقلار.‏

****************************************
‏1896-يىلى سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىغا قېتىلغاندىن كېيىن ‏ژورنالنىڭ ھەر سانىدا چىققان شېئىرلىرى ۋە ‏ماقالىلىرى بىلەن ‏شۆھرىتى تىزلا ئاشتى. ئىلگىرىكى ئاددىي تەجىرىبىلىرىنى ‏‏" پەلىپەتىش گەپ" ‏‏(1887-يىلى) دېگەن نام بىلەن نەشىر ‏قىلغان ۋە پۈتۈن شېئىرلىرىنى كېيىن "ئەۋراكى لەيال" نامى ‏‏ئاستىدا توپلاشنى ئويلىغان شائىرنىڭ بىپەرۋالىقى ‏سەۋەبىدىن بۇلارنىڭ زور بىر قىسمى پەقەت ‏ئۆلۈمىدىن ‏كېيىن ئىلان قىلىندى(سادەتتىن نۈزخەت: "جەناب ‏شەخابەتتىننىڭ ھاياتى ۋە تاللانما ‏شېئىرلىرى"، 1935- يىلى). ‏‏1908-يىلىدىن بۇرۇن ئابدۇلھامىدⅡنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ‏ئىتتىخات ۋە تەرەققىي ھۆكۈمىتىنىڭ ‏ئىستىبداتلىقىغا قارشى ‏چىقىشى ۋە ئىككىنجى مەشرۇتىيەت دەۋرىدىكى مۇرەككەپ ‏سىياسىي ھاياتى ‏سەۋەبى بىلەنمۇ تۈرك جامائەتچىلىكىدە ‏داۋاملىق ئىنكاس پەيدا قىلغان سۈلەيمان ‏نازىف ‏‏(1869-1927) شېئىرلىردا يالغۇز شەخسىي تۇيغۇلىرىغىلا ‏ئەمەس، ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇلىرىغىمۇ ‏ئورۇن بەرگەن ‏شائىرلار ئارىسىغا كىرىدۇ. سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىغا ‏قېتىلىشتىن بۇرۇن سىياسىي ‏ئىقتىدارغا قارشى يازغان ‏شېئىرلىرىنى (1892-1897) كېيىن "مەخپىي ‏پىغان" (1906-يىلى، قاھىرە) ‏غا كىرگۈزدى. "سەرۋەتى ‏فۈنۇن"دا چىققان شېئىرلىرى(1898-1901) بولسا گۇرۇھنىڭ ‏خائىشىغا ‏ئۇيغۇن ھالدا رومانتىك تۇيغۇلارنى تەسۋىرلىدى. ‏بۇلارنى كىتاپ قىلىپ باستۇرغان ئەمەس. 1-دۇنيا ‏‏ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىراقنىڭ قولىمىزدىن چىقىپ ‏كىتىشى بىلەن "فىراقى ئىراق" (1918-يىلى) ۋە ‏مۈتارەكە ‏دەۋرىدە سۈرگۈن قىلىپ ئەۋەتىلگەن مالتادا يېزىلىغان ۋە ‏ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن تولغان ‏شېئىرلىرىنىمۇ "مالتا ‏كېچىلىرى" (1924-يىلى) نامى بىلەن نەشىر قىلدى. سەرۋەتى ‏فۈنۇندىن بۇرۇنقى ‏شېئىرلىرىدا مەزمۇن جەھەتتىلا ئەمەس، ‏تىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىمۇ نامىق كەمالنىڭ يولىنى قوبۇل ‏‏قىلغان، سەرۋەتۈ فۈنۇن دەۋرىدە بۇ گۇرۇھنىڭ تىل ۋە ‏ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكلىرىگە تامامەن ماسلاشقان ‏نازىفمۇ ‏جەنابقا ئوخشاش ئوسمانلىچىدا ئاخىرىغىچە چىڭ تۇرغان ‏بولسىمۇ، كېيىنكى شېئىرلىردا ‏قىسمەن بولسىمۇ ‏تۈركچىلىشىشكە قاراپ ماڭدى.‏‏1908-يىلىدىن كېيىن نازىفمۇ سىياسىي ھاياتقا قەدەم ‏قويۇپ، سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ‏ناھايىتى كإپ ‏ماقالىلىرى گېزىتلەردە داۋاملىق ھالدا ئىلان قىلىندى. شۇنىڭ ‏بىلەن نەسىر ساھەسىگىمۇ ‏كىرىپ كەلدى ۋە تەسىرى ‏كۈچلۈك بىر نەسىر يازغۇچىسى سۈپىتىدىمۇ تۇنۇلدى. كۆپىنچە ‏‏ۋەتەنپەۋرەرلىك تۇيغۇلىرى بىلەن تولغان ‏نەسىرلىرىنى (ماقالە، مەكتۇپ، سۆھبەت، نەسىر) كىرگۈزگەن ‏‏ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىقلىرى "باتارىيە بىلەن ‏ئوت" (1919-يىلى)، "چال چوپان چال" ‏‏(1922-يىلى)، ‏‏"ھەزرىتى ئىساغا ئۇچۇق خەت" (1924-يىلى)، " ئوغۇرلانغان ‏مەملىكەت" ‏‏(1924-يىلى) ۋە "يۇقىتىلغان مۇئەسسىسە ‏‏" (1927-يىلى) قاتارلىقلاردۇر. كۈچلۈك ۋە ھەۋەسلىك بىر ‏‏ئۇسلۇبقا ئىگە بۇ نەسىرلەردە تىل كۆپىنچە ئوسمانلىچىغا ‏باغلىنىپ قالغان بولسىمۇ، بىرمۇنچە يەرلەردە ‏سەرۋەتۈ ‏فۈنۇننىڭ نەسرىي سۆزلىكلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ‏‏2- ھېكايە توپلاملىرى: "ئاشىقلارچە" (1909-يىلى)،"جان ‏تالىشىش" (1909- يىلى)، "ئاخىرقى ‏ئارزۇ" (1913-يىلى)، "بىر ‏ئىشقنىڭ تارىخى" (1914- يىلى)، "خانىملار ‏ئارىسىدا" (1914-يىلى)، ‏‏"بىنەپشە" (1915-يىلى)، "ئۈچ ‏ھېكايە" (1919- يىلى)، "سافو ۋە كارمېن" (1920-يىلى)، ‏‏‏"پەرۋانىلەر" (1920-يىلى)، "ئۆتمۈشتىكى بىر ‏گۇناھ" (1920-يىلى)، "تۇنجى ئالاقە- تۇنجى زوق" ‏‏(1922-يىلى)، ‏‏"ئىشق ئايالى" (1923-يىلى)، "ئايال خالىسا" (1923-يىلى) ۋە "بۇرۇنقى سۆيگۈ ‏كىچىلىرى " (1927-يىلى) قاتارلىقلار.‏
****************************************

خالىد زىيانىڭ ئەكسىچە رومان ۋە ھېكايىلىرىدە مۇھىتقا ‏ناھايىتى ئاز ئورۇن بەرگەن مەھمەد رائۇف ‏پۈتۈن ‏دىققىتىنى روھىي تېمىلارغا مەركەزلەشتۈردى. ئۇ ‏رېئالىستتىك رومان مىتودىنى پەقەت ‏قەھرىمانلارنىڭ ‏روھىي ھالىتىنى تەتقىق قىلىشتا قوللاندى. ھەقىقەتەنمۇ ئۇ ‏تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك ‏بىر پسىخىلوگ ئىدى. تۈرك ‏ئەدەبىياتىدىكى پسىخىلوگىيىلىك رومان تۈرىنىڭ ئەڭ ‏ئۇتۇقلۇق ئۆرنىكى ‏بولغان "سىنتەبىر" بۇنى زور دەرىجىدە ‏سەۋرىچانلىق بىلەن كۆزىتىلگەن ئىسپاتلار ئارقىلىق ‏ئوتتۇرىغا ‏چىقاردى. لېكىن يازغۇچىنىڭ روھىي تەھلىللەرنى ‏ۋەقەلەر بىلەن بىرلىكتە بىرىشنىڭ ئورنىغا، بۇنى ‏چەتكە ‏تاشلاپ قويۇپ، ئايرىم نەقىللەر سۈپىتىدە بېرىشى ‏ئەسلىدىنلا ھەرىكىتى ناھايىتى ئاز بولغان ‏ۋەقەنى پۈتۈنلەي ‏ھەرىكەتسىزلەشتۈردى. مەھمەد رائۇف رومان ۋە ھېكايە ‏ماھارىتىدىكىگە ‏ئوخشاش، تىل ۋە ئۇسلۇبتىمۇ خالىد ‏زىيادىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ماھارىتى ئاجىز بولغىنىدەك، ‏ئۇسلۇبىمۇ ‏ناھايىتى ئىختىيارىلىق ئىچىدە بولغىنىغا ‏قارىماي، سەمىمىيدۇر. ‏
سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىنىڭ قالغان ئۈچ رومانچىسى ۋە ‏ھېكايىچىسى بولسا ھۈسەيىن جاھىد ‏يالچىن(1874-1957)، ‏مۈفتىئوغلۇ ئاخمەد ھېكمەت(1870-1927) ۋە سافۋەتى ‏زىيا‏‏(1875-1929)دۇر.‏
مەتبەئەچىلىك ھاياتىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ‏بىرلىكتە داۋاملاشتۇرغان، "تانىن " (1908-يىلى) ‏گېزىتى بىلەن "پىكىر ھەرىكەتلىرى" (1903-يىلى) ژورنىلىنىڭ ساھىبى ‏بولغان ھۈسەيىن جاھىد ‏ئىككى رومان يازدى. ‏ئۇلار "نادىدە" (1890-يىلى) ۋە "خىيال ‏ئىچىدە" (1899-يىلى)دىن ‏ئىبارەت. ئاددى بىر تەجىرىبە ‏بولغان بىرىنجىسى بىر چەتكە قايرىپ قويۇلسا، "خىيال ‏ئىچىدە" ‏رومانتىزمنى مەھكۇم قىلغان ۋەقەسى بىلەن ‏رېئالىستىك مىتودنىڭ سەرۋەتى فۈنۇن رومانچىلىقىنىڭ ‏ئەڭ ‏ئۇتۇقلۇق ئۆرنەكلىرى ئارىسىدا ئورۇن ئالىدۇ. يەنە 1899- يىلى ‏ئىلان قىلىنغان "خىيالىي ‏ھايات بىلەن ھەقىقىي ھايات ‏سەھنىلىرى" ۋە "نىمىشقا ئالدايدۇ" (1922-يىلى) ناملىق ‏ھېكايە ‏كىتابلىرىنىڭمۇ ئاپتورى بولغان جاھىدنىڭ كېيىنكى ‏ئىككى كىتابىدىكى ھېكايىلىرى تولۇق بىر ‏رېئالىزمغا ۋەكىللىك ‏قىلىدۇ. ‏
‏ تېخى بۇ گۇرۇھ قۇرۇلغىمىغان چاغدىلا " سەرۋەتى ‏فۈنۇن"دا ئەسەرلىرىنى ئىلان قىلىشقا باشلىغان ‏ئاخمەد ‏ھىكمەتنىڭمۇ "خارىستان ۋە گۈلىستان" (1901-يىلى) ۋە ‏‏"شاقىراتمىلار" (1922-يىلى) ‏ناملىق ئىككى ھېكايە كىتابى بىلەن ‏‏"كۆڭۈل خانىم" (1920يىلى بۆلۈپ ئىلان قىلىنغان) ناملىق بىر ‏‏رومانى بار. بىرىنجى كىتابىدا سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھى داۋام ‏قىلغان مەزگىللەردە يېزىلغان ئەسەرلىرى ‏ئورۇن ئالغان. ‏بۇلار رومانتىزمنىڭ تەسىرىدە يېزىلغان. گۇرۇھ تارقىلىپ ‏كەتكەندىن كېيىن ‏يېزىقچىلىق ھاياتىدىن قول ئۈزۈپ، ‏‏1908-يىلىدىن كېيىن قايتىدىن يېزىشقا باشلىغان ۋە مىللىي ‏‏ئەدەبىيات ئېقىمىغىمۇ قېتىلغان ئاخمەد ھىكمەت مىللەتچى بىر ‏ھاياجان بىلەن يازغان بۇ دەۋردىكى ‏ھېكايىلىرىنىمۇ ئىككىنجى ‏كىتابىدا توپلىدى. ئەينى مەزگىلدە يېزىلىپ بإلۈپ ئىلان ‏قىلىنغاندىن ‏كېيىن، كىتاپ سۈپىتىدىمۇ(1971-يىلى، ‏ئىستانبۇل) بېسىلغان "كۆڭۈل خانىم" 1- دۇنيا ئۇرۇشى ‏‏مەزگىلىدە كاۋكاز فىرۇنتىدا رۇسلارغا ئەسىر چۈشۈپ ‏تۈركىستاندىكى بىر لاگىرغا ئەۋەتىلگەن ياش بىر ‏تۈرك ‏قوماندانىنىڭ شۇ يەردە تۇنۇشقان بىر تاتار قىزى بىلەن ‏مۇھەببەتلەشكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ‏ۋاسىتىسى بىلەن قەدىمكى ‏تۈرك مەملىكەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، تۈرك كۈلتۈرى ۋە ‏مەدەنىيىتىنى ‏تۇنىغانلىقىنى ۋە نەتىجىدە "دۇنيا تۈركلىرىنىڭ ‏بىرلىكى" پىكرىنى ياراتقانلىقىنى تېما قىلىدۇ. ‏
‏"زال بولۇڭلىرىدا" (1922-يىلى) ناملىق ۋە ئىستانبۇلنىڭ ‏كوزموپولت مۇھىتىنى تەسۋىرلەيدىغان بىر ‏روماننىڭ ‏يازغۇچىسى بولغان سافۋەتى زىيانىڭ " قەلبنىڭ بىر ھالىتى ‏‏" (1912-يىلى)، "ئايال روھى" ‏ۋە "يۇقالغان مەنزىرىلەر-كۆرۈنگەن سىمالار" (1914-يىلى) ناملىق ئۈچ ھېكايە كىتابىمۇ ‏بار.‏

مىزاھ ۋە ھەجۋىي-تىياتىرغا ئوخشاش يەنە ‏پەقەت 1908-يىلىدىن كېيىن باشلانغان مىزاھ تۈرىگە ‏‏گۇرۇھتىن يالغۇز ئىككى كىشىلا ئېتىبار بەردى. ئۇلار ‏ھۈسەيىن سۇئاد ۋە جەناب شەھابەددىن ئىدى. ‏
مىزاھ ئەسەرلىرىدە " گاۋە زالىم" ئىسمىنى قوللانغان ‏ھۈسەيىن سۇئاد بۇ ئەسەرلىرىنى " گاۋەنىڭ ‏‏داستانى" (1922-يىلى) ناملىق كىتابىدا توپلىدى. بۇ خىل ‏ئەسەرلىرىدە "دەھھاكى مەزلۇم" ئىسمىنى ‏قوللانغان جەناب ‏بولسا يازغانلىرىنى كىتاپقا ئايلاندۇرمىدى. ‏
ھەجۋىي تۈرىدىمۇ ئاساسلىق ئىككى كىشى ئورۇن ‏ئالىدۇ. ئۇلار تەۋفىق فىكرەت ۋە سۈلەيمان ‏نازىفتۇر.‏
ھەر ئىككىسى كۆپىنچە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ‏ھەجۋىيلەرگە يۈزلەندى. شەخسلەر بىلەن ‏مۇناسىۋەتلىك ‏ھەجۋىيلىرى ناھايىتى ئاز. ئاخمەد مىدخادنىڭ ‏‏"چۈشكۈنلۈك"نى تەرغىپ قىلدى دەپ ‏ئەيىپلىشى بىلەن ‏فىكرەتنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن يازغان "تىمسالى جەھالەت" ۋە ‏سۈلەيمان نازىفنىڭ ‏شۋىتسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى شەرف ‏پاشا ئۈچۈن يازغان "لاغايلاپ يۈرگەن شۈبھىلىك كىشى" ‏ۋە ‏پادىشاھ ۋاھىدەددىن ئۈچۈن يازغان "تارىخنىڭ ساختا ‏ھېكايىسى" ناملىق شېئىرىي ھەجۋىيلىرى ‏بۇلارنىڭ ‏قاتارىدىكى ئەسەرلەردۇر.‏

ئەدەبىي تەنقىد-سەرۋەتى فۈنۇن دەۋرىدىمۇ ‏ئەدەبىي تەنقىد تانزىمات دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ‏دىۋان ‏ئەدەبىياتى ئۈچۈن يۇقاتقۇچى، غەرپ ئەدەبىياتىنى تونىتىش ‏ئۈچۈن قۇرغۇچى ماھىيەتتە ‏بولۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ئىككى ‏تۈرگە ئايرىلىدۇ. "سەرۋەتى فۈنۇن" نىڭ ھارماس قەلەم ‏كۈرەشچىسى ‏ھۈسەيىن جاھىد بۇ شەكىلدىكى ئەسەرلىرىنىڭ ‏بىر قىسمىنى "مىنىڭ كۈرەشلىرىم" ناملىق كىتابىدا ‏توپلىدى. ‏
بۇ دەۋردىكى ئوبيېكتىپ-بىتەرەپ تەنقىدنىڭ ئەڭ ‏مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ۋەكىلى ئاخمەد ‏شۇئايىب ‏‏(1876-1910)تۇر. "سەرۋەتى فۈنۇن"دا ئىلان قىلىنغان ‏ۋە غەربنىڭ داڭلىق تەنقىدچى ۋە ‏تارىخچىلىرىنى تۇنۇشتۇرغان ‏ئۇزۇن ماقالىلىرى ئۆلۈمىدىن كېيىن "ھايات ۋە كىتابلار" ‏نامى بىلەن ‏بېسىلدى. بولۇپمۇ فرانسۇز تەنقىدچىسى ‏ھېپپولىت تائىننىڭ يولىنى قوبۇل قىلغان شۇئايىبنىڭ ‏‏‏"سەرۋەتى فۈنۇن" ئەدەبىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ‏تەنقىدلىرىمۇ بار. ‏
ئەدەبىيات تارىخى – سەرۋەتى فۈنۇن گۇرۇھىنىڭ ‏ئەزالىرى ئىچىدە ئەدەبىيات تارىخى بىلەن ‏مۇناسىۋەتلىك ‏كىچىك ئەسەرلەرنى يازغانلارمۇ بار. جەناب شەھابەددىننىڭ ‏تولۇق بولمىغان بىر ‏‏"كادى بۇرھانىددىن دىۋانى"نىڭ ‏نەشرىگە يازغان (1922-يىلى) ئۇزۇن بىر كىرىش سۆزى، ‏‏سۈلەيمان نازىفنىڭ "نامىق كەمال" (1922-يىلى)، "مەھمەد ‏ئاكىف" (1924-يىلى) ۋە "ئىككى ‏دوست" ( زىيا پاشا-نامىق ‏كەمال،1926-يىلى) ، ئالى ئەكرەمنىڭ "نامىق ‏كەمال" (1930-يىلى) ۋە ‏‏"تىلىمىز" (1937-يىلى) قاتارلىق ‏مونوگرافىيىلىرى مۇشۇ قاتاردىكى ئەسەرلەردۇر.

‏‎ ‎
ئىزاھلار: ‏
‏ ① پارناس-سەنئەت سەنئەت ئۈچۈندۇر دېگەن ‏چۈشەنچىنى قوبۇل قىلغان ۋە شېئىردا ئۆزىنى ‏كۆرسىتىدىغان ‏بىر ئەدەبىي ئېقىم. ‏
‏ ② شىپكا-تورپىداغا قارشى تۇرۇش ۋە يەنە باشقا ‏ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئارغامچىدىن ‏ياسالغان تور.‏
‏ ③ ئاداپتاسيون-باشقا بىر تىلدا يېزىلغان ئەدەبىي ‏ئەسەرنى يەرلىك ئۇسۇلغا ئۇيغۇن قىلىپ ‏ئۆزگەرتىش.‏

(داۋامى بار)
*******************

没有评论:

发表评论

发表评论