2009年4月21日星期二

Meshhur ademlerning wesiyetnamisi(1)



مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ۋەسىيەتنامىسى


٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
كۆچۈرۈپ باشقا توربەتلەرگە يوللاشقا بولمايدۇ
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


دۇنيادىكى مەشھۇر شەخىسلەر ئۆلۈم ئالدىدا قانداق ۋەسىيەت قالدۇرغان؟ ئۇلارنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنىڭ سىرى نېمە؟ بۇلارغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز بۇ يەردە بولسۇن. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى، ۋەسىيەتنامىسى، ۋەسىيەتنامىسىنىڭ سىرى قاتارلىقلار تەپسىلى بېرىلگەن بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى پائالىيەتلىرى، ئىچكى دۇنياسى، ئۆلۈمگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ، ئاز-ئازدىن يوللاپ قويىمەن. خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بەلكى بىرەر ئايدا ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇنراق ۋاقىتتا يوللاپ بولارمەن...تورداشلار توغرا چۈشەنگەي...




داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنىڭ سىرى


ئازات ئالماس تەرجىمىسى


ھۈمەينى (1902- 1989)


قىسقىچە تەرجىمھالى


روھۇللا مۇساۋى ھۈمەينى ئىراننىڭ سابىق ئالىي رەھبىرى. 1902-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى (بىر ئېيتىشلارغا قارىغاندا، 1901-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى) تېھراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھۈمەين بازىرىدا تۇرۇشلۇق بىر دىنىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدىن باشلاپلا ‹قۇرئان كەرىم›نى ئۆگەنگەن، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە، تېئولوگىيە (ئىلاھىيەت)نى تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن دەرس ئۆتۈپ، بارا-بارا ئىسلام قانۇنى (شەرىئەت)نىڭ نوپۇزلۇق ئەربابلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. 1960-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى ئۆتكۈر ماقالىلىرى، ئۆزگىچە ئىدىيىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، پادىشاھ پەھلىۋىنىڭ ‹ئاق ئىنقىلاب› نامىدىكى ئىجتىمائىي ئىگىلىك ئىسلاھاتى پىلانىغا قارشى تۇرۇپ، ھاكىمىيەتنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغانلىقتىن، 1963-يىلى 6-ئايدا قولغا ئېلىنغان ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قويۇپ بېرىلگەن. 1964-يىلى 10-ئايدا، ھۈمەينى ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ھەربىي خادىملىرىغا دىپلوماتىيە ئىمتىيازى بەرگەنلىكىگە قارشى تۇرغانلىقتىن يەنە قولغا ئېلىنغان. كېيىن تۈركىيىگە سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۇ يەردىن ئىراقتىكى نەجەفكە يۆتكەلگەن. 1978-يىلى 10-ئايدا، ئىراق ھۆكۈمىتى ‹قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم› دەپ ئېلان قىلغانلىقتىن، ئاخىر فىرانسىيىگە كۆچۈپ كەتكەن. 1979-يىلى پادىشاھ پەھلىۋى چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، ھۈمەينى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 15يىللىق سۈرگۈنلۈك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تېھرانغا قايتىپ كەلگەن ۋە دىنىي داھىي سالاھىيىتى بىلەن ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ھاكىمىيەت تەشكىللىگەن. شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق ئىران ئىنقىلابىنىڭ داھىيىسى ۋە ئىران جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى دەپ بېكىتىلىپ، ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي ھوقۇقى بېرىلگەن، شۇنداقلا ئىراننىڭ ‹ئىراننىڭ مەنىۋى داھىيىسى› دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ ھاكىمىيەت بىلەن دىننى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، باشقا سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەن. ‹شەرقنىڭ كېرىكى يوق، غەربنىڭمۇ كېرىكى يوق، ئىسلامىيەت بولسىلا بولدى› دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ 1989-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن، شۇ يىلى ئۇ 87 ياشتا ئىدى.


ۋەسىيەتنامە

مەن ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىقلىرىدا ئىشلەۋاتقانلار ۋە كەلگۈسىدىكى مىنىستىرلار، شۇنىڭدەك خىزمەتچى خادىملارغا شۇنداق ۋەسىيەت قىلىمەنكى، سىلەر خەلققە تايىنىپ ياشايسىلەر، شۇڭا جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىڭلار، بولۇپمۇ كەمبەغەللەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىڭلار، ئامما ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىشىڭلار كېرەك. خىزمىتىڭلارغا بىپەرۋالىق قىلىش خاتا، بۇ ئاللانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ؛ تەشۋىقات خىزمىتى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭلا مەسئۇلىيىتى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئالىملار، دىكتورلار، يازغۇچىلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ۋەزىپىسى؛ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلارغا تەشۋىقات بويۇملىرى تارقىتىپ، دۇنيا خەلقىگە ئىسلامىيەتنى تەشۋىق قىلىش خۇسۇسىدا يوليورۇق بېرىشى كېرەك؛ ئىسلام يېتەكچى مىنىستىرلىقى ھەق-ناھەق توغرىسىدا تىرىشىپ تەشۋىق – تەرغىب ئېلىپ بېرىشى، ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى تەشۋىق قىلىشى كېرەك؛ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەقىل- پاراسەتلىك، ئىقتىدارلىق، سەمىمىي، ئاممىۋى ئاساسىي بار كىشىلەرنى ئۆلكە باشلىقلىقىغا تاللاپ، دۆلەتنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىن تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەن پېداگوگىكا، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنۋېرىسىتېتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتا ئىدىيە بىلەن كۈرەش قىلىشىقا جۈرئەتلىك بولۇپ، ئۆزى، دۆلەت ھەم خەلقنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىسلام پارلامېنتى، ئاساسىي قانۇن ھامىيلىقىدىكى كومىتېت، ھۆكۈمەت، زۇڭتۇڭ ۋە ئەدلىيە كومىتېتىغا قىلىدىغان ۋەسىيىتىم شۇكى، سىلەر ھەممىدىن ئۇلۇغ ئاللانىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇڭلار؛ ئەزگۈچىلەر، بۇلاڭچىلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار.

ئىسلامىيەت يول قويغان قانۇنىي مال-مۈلۈككە ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنى مەبلەغ سېلىشقا، قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا جۈرئەت قىلدۇرۇڭلار؛ ئۇلارنىڭ كاپىتالى ۋە ئىجادىي پائالىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنى ئۆزىگە زۆرۈر بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىدىغان، يېنىك ۋە ئېغىر سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزۈڭلار.

مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە نەسىھىتىم شۇكى: ئازغان يولدىن قايتىڭلار، جەمئىيەتتىكى نامرات ئامما بىلەن بىرلىكتە جان-دىل بىلەن ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭلار، ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشىپ مۇستەقىل، ئەركىن ئىران ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار، دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنى دۈشمەنلەر پەيدا قىلغان بالا –قازادىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ، كۆپچىلىكنى داۋاملىق خۇشال تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىڭلار.

مېنىڭ پارلامېنت، ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىغا سەمىمىي تاپىلايدىغىنىم، خەلقنى ھۆرمەت قىلىڭلار، ئۇلار، بولۇپمۇ ئەمگەكچان ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭلار. ئۇلار بىز كۆپچىلىكنىڭ دانىشمەنلىرى، بەخت- سائادەت ۋە ئۈمىد-ئارزۇ شۇلاردا. ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۇلارنىڭ كۈرەشلىرى ۋە قۇربان بېرىشلىرى ئارقىلىق قۇرۇلغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ ھايات –ماماتىمۇ ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق. ئۇلارنى ئېسىڭلاردىن چىقارماي، ئۆزۇڭلارنى ئاممىنىڭ بىر ئەزاسى، شۇنداقلا ئاممىنى ئۆزۇڭلار دەپ بىلىڭلار.

مەن قەدىرلىك ئىران خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك نەرسىسىنى ئاسرىغىنىغا ئوخشاش، ئۆزلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ غازات ۋە ياشلارنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاللانىڭ ئىلتىپاتى، ئۇنى تىرىشىپ قوغداڭلار. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى قىيىنچىلىقلاردىن قورقماڭلار، ئاللاغا سادىق بولۇڭلار. ئاللاغا سادىق بولساڭلار، ئاللامۇ سىلەرنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۆزۈڭلارنىڭ ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن مۈشكۈل كۈنلەردە بىللە بولۇپ، قىيىنچىلىقلارنى تىرىشىپ تۈگىتىڭلار. ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتنى ئۆزۇڭلارنىڭ قىممەتلىك نەرسىسى قاتارىدا كۆرۈپ ئاسراڭلار.

ئىران قوراللىق كۈچلىرى ئارمىيە، ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسمى، ژاندارما، ساقچىدىن تارتىپ، ئىنقىلابىي كومىتېت ۋە كەمبەغەللەرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش تەشكىلاتى قاتارلىقلارغىچە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۈچلۈك ياردەمچىسى، دۆلەت چېگرىسى، يول، شەھەر ۋە يېزىلاردىن ئىبارەت پۈتكۈل دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ قوغدىغۇچىسى، شۇڭا ئۇلار خەلقنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ۋە پارلامېنتنىڭ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشىشى كېرەك. مەن ھازىر ۋە كەلگۈسىدىكى پارلامېنىت، زۇڭتۇڭ، ئاساسىي قانۇن ھامىيلىقىدىكى كومىتېت، ئەدلىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىمۇ ھەرقانداق چاغدا ئاخبارات ۋە نەشرىيات ئورگانلىرىنىڭ ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچىشكە يول قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاخىرىدا كۈچلۈك ئۈمىد قىلىدىغىنىم شۇكى، قوراللىق كۈچلەر بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىپ، سىياسىي پارتىيە، تەشكىلات ۋە بىرەر سەپكە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشمىسۇن. ئارمىيە، ساقچى قىسىم، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچى ئەترەت ۋە كەمبەغەللەرنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش تەشكىلاتى قاتارلىقلار سىياسىيغا ئارىلاشمىسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئارمىيىنىڭ كۈچىنى ساقلاپ قالغىلى ھەم ئىچكى قىسىمدىكى ئۇششاق گورۇھلار ئارىسىدىكى ئىختىلاب- نىزانىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

مەن ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىللىرىم بىلەن ۋىدالىشىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە كەيپىم چاغ ھالدا ئاللانىڭ دەرگاھىغا – ئۆزۈمنىڭ مەڭگۈلۈك ماكانىمغا كېتىمەن.

1983-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى


ۋەسىيەتنامىنىڭ سىرى

ئىنسانىيەت تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن، ئەپسانىۋى تۈس ئالغان شەخىسلەر ئايىغى ئۈزۈلمەي مەيدانغا چىقىپ تۇردى. ئىراننىڭ دىنىي داھىيسى ھۈمەينى ئەپسانىۋى تۈس ئالغان شەخىس. ھۈمەينىنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنىڭ سىرىنى يېشىش ئۇنىڭ ئاجايىپ- غارايىب سەرگۈزەشتىلىرى، دىنىي تەشەببۇسى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىدىن ئايرىلمايدۇ. مۇبادا بۇ جەھەتلەرگە سەل قارىلىدىكەن، ئۇنداقتا ھۈمەينى ھۈمەينى بولماي قالىدۇ. ھۈمەينىنى سىرلىق نۇر ھالقىسىغا پۈركەنگەن شەخىس دېيىشكە بولىدۇ. ئۇچىسىدىكى قارا تونى، مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرغان ئاپئاق ساقىلى، چوڭقۇر كۆزلىرى، ئۆزگىچە چىرايى ئۇنىڭغا تېخىمۇ بەكرەك ئەپسانىۋى تۈس قوشقان.

ھۈمەينى ۋەسىيەتنامىسىنىڭ ‹شىفىرى› نى يېشىش ، ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنى كۆزىتىش، چىڭ ئېتىلگەن تەپەككۈر ‹تۈگمە› لىرىنى يېشىش ئۈچۈن، گەپنى ‹ئاللاھ› قا چىن ئەقىدە باغلىغان ئىسلام دىنىدىكى ئىككى چوڭ مەزھەپ سۈننىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

دۇنيادىكى ئاساسلىق دىنلارنىڭ بىرى ئىسلام دىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن تارقىتىلغان. مىلادىيە 632-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا خەلىپە (ئىز باسار) ھوقۇقى مەسىلىسىدە كەسكىن ئىختىلاپ يۈز بەرگەن. شۇنداق قىلىپ، مەككىدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمانلار، مۇسۇلمانلار جامائەسى سالاھىيەت، نام- ئابرۇيىغا ئاساسەن سايلاپ چىققان ‹خەلىپە› (ھاكىمىيەت بىلەن دىنىي ھوقۇقنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ داھىيىلىرى، جەمئىي تۆت كىشى) قانۇنلۇق خەلىپە بولىدۇ، دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ تەشەببۇسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە قوللايدىغان مۇسۇلمانلار كېيىنكى چاغلاردىكى ‹سۈننىي مەزھىپى› دۇر. ‹سۈننىي› دېگەن ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ‹سۈننەتكە ئەمەل قىلغۇچىلار›، يەنى ‹ئەنئەنىگە بويسۇنغۇچىلار› دېگەن مەنانى بىلدۇرىدۇ. تولۇق ئاتىلىشى ‹ئەھلى سۈننەت ۋەل جامائە› بولۇپ، ئۆزلىرىنى ‹ئەھلى سۈننەت› دەپ ئاتايدۇ. ‹سۈننىي مەزھىپى› دېگەن ئاتالغۇ مانا شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان. ھازىر دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ 90%ى سۈننىي مەزھىپىگە مەنسۇپ. ئۇلار غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىنىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىگە كەڭ تارقالغان، ئۆزلىرىنى ‹ئەھلى سۈننەت› دەپ ئاتايدۇ.

يەنە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار، ھاشىم جەمەتى (پەيغەمبەر جەمەتى)دىن كېلىپ چىققان ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ بىۋاستە ئەۋلادلىرىلا قانۇنلۇق خەلىپە بولالايدۇ، دەپ قاراپ، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر، ھەزرىتى ئوسماندىن ئىبارەت ئۈچ خەلىپىنىڭ قانۇنلۇقىنى ئىنكار قىلىدۇ، مانا بۇلار ‹شىئە مەزھىپى› دەپ ئاتىلىدۇ. ‹شىئە› دېگەن ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنىسى ‹ئەگەشكۈچى›، ‹گورۇھ› ۋە ‹شېرىك› دېگەنلىك بولىدۇ. شىئە مەزھىپى ھازىر ئىسلام دىنىدا سۈننىي مەزھىپىدىن قالسىلا 2-چوڭ مەزھەپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزھەپتىكى ئادەم سانى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ 10%تىنى ئىگىلەيدۇ، بۇلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئىراندا. شىئە مەزھىپى سۈننىي مەزھىپى ھىمايە قىلغان ‹خەلىپە›نىڭ دىنىي داھىيىلىق سۈپىتىدىكى قانۇنلۇقلۇقىنى ئىنكار قىلىپ، دىنىي داھىينى ‹ئىمام› دەپ ئاتايدۇ. شىئە مەزھىپى ئىران ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى ئىگىلىگەچكە، ئىراننىڭ سىياسىي ھاياتى ۋە ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. 16-ئەسىردە پەھلىۋى سۇلالىسى شىئەلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان ۋە بۇ دىن ئىراننىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقادى ھەم دۆلەت قۇرۇشىدا مەنىۋى تۈۋرۈككە ئايلانغان. دىننىڭ ئالىي داھىيىسى بولغان ئىمام مەنىۋى داھىيىدۇر. شىئە مەزھىپىنىڭ ئىراندا مۇستەھكەم ئاساسىي ۋە تەسىر كۈچى بار. لېكىن، دېڭىز قولتۇقىدىكى باشقا كۆپىنچە ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى چوڭ ئەمەس. تارىختا ئىككى چوڭ دىنىي مەزھەپ ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە بىر-بىرى بىلەن قارشىلىشىپ ئۆتكەچكە، دائىم دېگۈدەك ئۆتكۈر زىددىيەت ۋە شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ، بۇنىڭدىن پەيدا بولغان داۋالغۇشلار بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي مۇنبىرىنىڭ مۇستەھكەملىكىگە تەسىر كۆرسەتكەن.

ھۈمەينىنىڭ پۈتۈن ئۆمرى ئىككى چوڭ دىنىي مەزھەپنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتكەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتى ئىسلام دىنى بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان، ھۈمەينى ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، بالىلىق چاغلىرىدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان. 16 ياشقا كىرگەندە ئىراقتىكى مەشھۇر ئىلاھىيەتشۇناسلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىلاھىيەتنى ئۆگەنگەن. 20ياش ۋاقتىدا دىننىڭ مۇقەددەس جايى قۇم شەھىرىگە بېرىپ، دىنىي داھىي ھەسەن بۇرۇجىردنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئىلاھىيەتنى چوڭقۇر تەھسىل قىلغان. ئىسلام ئىلمىنى تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، فىقھىشۇناس (ئىسلام قانۇنشۇناس) ۋە ئىسلام شەرىئەتشۇناس بولۇپ يېتىشكەن. 30-يىللىرى قۇم شەھىرىدىكى ئىلاھىيەت دارىلفۇنۇنىدا مۇددەرىسلىك قىلىپ، داڭلىق ئىسلام ئۆلىماسىغا ئايلانغان. 60-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى ئىسلام دىنى شىئە مەزھىپىنىڭ ئالتە ئايەتۇللاھ ئۇزمەك (بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ‹ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ سىمۋولى› دېگەنلىك بولىدۇ. ئايەتۇللاھ ئۇزمەك شىئە مەزھىپىدىكى دىنىي مەرتىۋىدە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ) نىڭ، ئىسلام قانۇنى ساھەسىدىكى نوپۇزلۇقلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ تازا دەۋر سۈرگەن. ئىران جەمئىيىتىدىمۇ تەسىر كۈچى زور بولغان. شۇڭا، بىز ھۈمەينىنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى ئوقۇساق ئۇنىڭدا دانىشمەنلەرگە خاس بىر خىل يىراقنى كۆرەرلىك، ھوشيارلىقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىقلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئەمەلدارلارغا تەنبىھ قىلدى، پارلامېنت، ئاساسىي قانۇن ھامىيىلىقىدىكى كومىتېت، زۇڭتۇڭ ھەمدە ئەدلىيە كومىتېتىنى ئاگاھلاندۇردى... ئۇ پېداگوگىكا، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنۋېرسىتېتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قوراللىق كۈچ، ژاندارما قىسىم، ساقچى، ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسىمىغا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇ- ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى... چۈنكى، ھۈمەينى ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي رەھبىرى ۋە قوراللىق كۈچلەرنىڭ باش قوماندانى. ئۇ ئىران ئىسلام شىئە مەزھىپىدىكى كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا مەنىۋى داھىي، روھىي تۈۋرۈك. ھۈمەينى بۇ ‹مۇكەممەل ئىسلام شىئە مەزھىپى دۆلىتى› نىڭ ‹ساپلىقى›نى قوغداش ئۈچۈن، ‹شەرقنىڭ كېرىكى يوق، غەربنىڭمۇ كېرىكى يوق، ئىسلامىيەت بولسىلا بولدى› دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا، ئۆز ۋەسىىيىتىدە خەلقنى ‹سىلەر ھەممىدىن ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بوي سۇنۇڭلار؛ ئەزگۈچىلەر، بۇلاڭچىلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار› دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇشنى ئېسىدىن چىقارمىغان. ئىراننىڭ دىنىي داھىيىسى ھۈمەينىنىڭ بۇ ‹ ئاگاھلاندۇرۇشى› دىن ئۇنىڭ دىنىي چۈشەنچىسى ۋە تەپەككۈر قارىشىنى چۈشىنىۋالغىلى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ۋەسىيەتنامىسىدە ئېيتىلغان ‹شىفىر› نى يەشكىلى بولىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنىڭ يادروسى ‹ئاللاھقا سادىق بولۇش كىرەك، سەن ئاللاھقا سادىق بولساڭ، ئاللاھمۇ سېنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ، ئۆز ئەقىدەڭدە چىڭ تۇرغىن › دېگەندىن ئىبارەت.

ھۈمەينى ۋەسىيەتنامىسىدە ئۆز ئىخلاسمەنلىرىگە، بولۇپمۇ قوراللىق كۈچلەرگە ‹سىياسىيغا ئارىلاشماڭلار›دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي تاپىلىغان. سىياسىي بۇ ئىران شىئە مەزھىپىنىڭ دىنىي داھىيىسىغا نېسىپ بولمىغانمۇ؟ ھۈمەينىنىڭ سىياسىي بىلەن ئالاقسى يوقمۇ؟ ياق، قارىماققا سىياسىي بىلەن كارى بولىمىغاندەك ياكى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ يۈرگەندەك كۆرۈنگەن بۇ دىنىي داھىينىڭ تارىخي ۋە بىر پۈتۈن ھاياتىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئۇ تارىخى پەيتلەردە دەل سىياسىي پائالىيەتلەرگە تايىنىپ ئىش تەۋرەتكەن، دەپ ئېيتىشقا ھەقلىقمىز.

ھۈمەينى 40-يىللاردىلا پەھلىۋى سۇلالىسىگە قارشى كۈرەش بىلەن شۇغۇللاندى. 1941-يىلى ‹مەخپىيەتلىكنىڭ ئاشكارىلىنىشى› ناملىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىقتى. 50-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى ئىران باش ۋەزىرىنىڭ نېفىتنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزىۋېلىش ھەرىكىتىنى قىزغىن قوللىدى. 60-يىللارنىڭ باشلىرى پادىشاھنىڭ ‹ئاق ئىنقىلاب›نامىدىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىلانىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى ھەمدە ئىران خەلقىنى پەھلىۋى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىردى. 1963-يىلى3-ئايدا قۇم مەسچىتىدە خۇتبە قىلىپ، ‹شەپقەتسىز سىياسەت›نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مەملىكەت بويىچە ھۆكۈمەتكە قارشى دولقۇن كۆتۈرۈلدى. 1964-يىلى11-ئايدا، پادىشاھنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ھەربىي مەسلىھەتچىسىگە ئالاھىدە ئىمتىياز بەرگەنلىكىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ساقچىلار مەخپىي يالاپ چەت ئەلگە چىقىرىۋەتتى. 1965-يىلى 10-ئايدا ئىراققا كەلدى ۋە يېڭىدىن تەسىسى قىلىنغان بىر ئىلاھىيەت دارىلفۇنۇنى ئارقىلىق مەملىكەت ئىچىدىكى دىنىي كۈچلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئىراننىڭ مۇستەبىت پادىشاھلىقىغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلدى. 1970-يىلى شىئە مەزھىپىنىڭ داھىيىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىراندىكى 48ئايەتۇللاھىنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ مەزھەپنىڭ داھىيىسى بولدى. 1978-يىلى 1-ئايدا، ھۈمەينى مەملىكەت ئىچىدىكى ئۆزىگە سادىق مۇسۇلمانلار ئارقىلىق پەھلىۋى ھاكىمىيىتىگە قارشى مەملىكەت خاراكتېرلىك شىددەتلىك دولقۇننى قوزغىدى. 10-ئاينىڭ 16-كۈنى فرانسىيىگە يېتىپ كەلدى ۋە ئۇ يەردە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي كومىتېتىنى قۇرۇپ، پەھلىۋىنىڭ پادىشاھلىق ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشنى داۋاملىق تەشكىللىدى ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلدى. ئەۋجىگە چىققان قارشىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن پادىشاھ پەھلىۋى چەت ئەلگە قېچىپ كەتتى. ھۈمەينى قاتمۇقات توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئاخىر 1979-يىلى 2-ئاينىڭ6-كۈنى تېھراندا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن پەھلىۋى سۇلالىسى يىمىرىلدى، پادىشاھنىڭ خانلىق تاجى يەرگە دومىلاپ چۈشتى. 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ھۈمەينى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىراننىڭ ئالىي رەھبەرلىك ۋە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باش قوماندانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئىرانغا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزدى. دەرۋەقە، ھۈمەينى ئالىي ھوقۇق تەختىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى قاتمۇقات جاپالارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، تالاي يىللار چەت ئەلدە مۇساپىر بولۇپ يۈردى. ھۈمەينى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغۇچى سۈپىتى بىلەن دىن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سىياسىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئىش باشلىدى. ئۇنىڭ ۋەتەنگە، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ئالاھىدە چوڭقۇر مۇھەببىتى بار. شۇڭا، ئۇ ‹سىلەر ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن مۈشكۈل كۈنلەردە بىللە بولۇڭلار›، ‹ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتنى ئۆزۇڭلارنىڭ قىممەتلىك نەرسىسى قاتارىدا كۆرۈپ ئاسراڭلار›، ‹مەن قەدىرلىك ئىران خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك نەرسىسىنى ئاسرىغىنىغا ئوخشاش، ئۆزلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ غازات ۋە ياشلارنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدەلىگە كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن›، ‹دۆلەتنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىن تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلىڭلار›دەپ ۋەسىيەت قالدۇردى. ھۈمەينىنىڭ بۇ ئارزۇ –ئۈمىدلىرى ئۇنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتى ۋە لوگىكىلىق تەپەككۈرىغا، يۈرەك سۆزلىرىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئۇ دىنىي داھىي، شۇنداقلا ئىستىراتېگىيىگە ماھىر سىياسىيون.

ھۈمەينى ‹شەرقىنىڭ كېرىكى يوق، غەربنىڭمۇ كېرىكى يوق، ئىسلامىيەت بولسىلا بولدى›نى ئۆز تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلدە كۆرسەتتى، شۇنىڭدەك ‹مۇكەممەل ئىسلام شىئەلەر دۆلىتى›نى چاقماق تېزلىكىدە قۇرۇپ چىقتى. ئىران پادىشاھى پەھلىۋى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كات تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن، يەنى 1979-يىلى2-ئاينىڭ 1-كۈنى ھۈمەينى فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە تېھرانغا قايتىپ كەلدى ۋە ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالدى. فرانسىيىلىكلەر ئەڭگۈشتەرنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ توغرا قىلدۇق، دەپ ئويلىغانىدى، ئەپسۇس كېيىن ھۈمەينى رەھبەرلىكىدىكى ئىران جۇمھۇرىيىتى بىلەن فرانسىيە مۇناسىۋىتىدە كۆڭۈلدىكىدەك مەنزىرە بارلىققا كەلمىدى. بۇ فرانسىيىلىكلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى.

ئىران-ئىراق ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىدا تارىخى سەۋەب بار بولسىمۇ، لېكىن ھۈمەينى ئىراقتا مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن چاغلىرى ھۆكۈمەت بىلەن زىتلىشىپ قالغانلىقتىن، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىران-ئىراق ئوتتۇرىسىدا ئىناقسىزلىقنىڭ ئۇرۇقى تېرىلدى. شاپائەت ۋە ئاداۋەت، مۇرەككەپ روھىي ھالەت، ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش، دەشت-باياۋاندا قان ئاققۇزۇش، توپ-زەمبىرەكلەرنى ئىشقا سېلىش، قوراللىنىپ تەييار تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇنداق ئىنتىقام ئېلىش پىسخىكىسى دىننىڭ كىشىلەرنىڭ ساخاۋەتلىك ئىشلارغا ئۈندىشى بىلەن تۈپتىن زىت، شۇنداقلا بىھۇدە ئاۋارىچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، نېفىت بايلىقىغا ئىگە بولۇش ئەرەب دۆلەتلىرىدە زامانىۋىلىشىشتەك بىر خىل يېڭى يۈزلىنىشنى روياپقا چىقاردى. بۇ ئەسلىدە بىر خىل تەرەققىي قىلىش (ئىلغارلىق) ھېسابلىناتتى. ئەپسۇس، ھۈمەينىنىڭ نەزىرىدە بۇ تاپتىن چىققانلىق، ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت دەپ قارالدى. ئۇ ئەسلىيەتچىلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، باشقا مۆتىدىل ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۆزگە دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى.

ھۈمەينى ئىسلام دىنىنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىسىنى كۈچىنىڭ بارىچە قوغدىدى، يەنى ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋېلىش ئەھكامىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئەھكامغا ئىران ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئىران تەۋەلىكىدىكى خادىملار ئەمەل قىلىشى كېرەك، ھەتتا فرانسىيە تەۋەلىكىدىكى ‹ئايرۇپىلان خېنىمى› لىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. فرانسىيە تەۋەلىكىدىكى بىر قانچە ‹ئايروپىلان خېنىمى› بۇ ئەھكامغا بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىشتىن بوشىتىۋېتىلدى.

ھۈمەينى سىرتقا نىسبەتەن تەرەپ-تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، رەقىبلىرىنى زىيادە كۆپەيتىۋالدى، ئۇ ئامېرىكىنى ‹چوڭ شەيتان› دەپ، ‹بېكىتتى›، فرانسىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە قۇلاق سالمىغان باشقا غەرب دۆلەتلىرىنى ‹كىچىك شەيتان› دەپ ئاتىدى. بۇ ئىش بولۇپمۇ فرانسىيىلىكلەرنىڭ بەكلا غەزىپىنى كەلتۈردى. ھۈمەينى ھايات ۋاقتىدا كەم دېگەندە 500دىن ئوشۇق ئىسرائىلىيە ئەسكىرى، لىۋاندا تۇرۇشلۇق 250 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى قانلىق پاكلاشنىڭ قۇربانى قىلىندى.

ئەنگىلىيە يازغۇچىسى سالمان راشىدى يازغان ‹شەيتان قىسسىسى › ناملىق كىتاب ھۈمەينىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چەت ئەللىك يازغۇچىغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلدى ھەمدە ئىزىغا چۈشۈپ قەتل قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى. بۇ ئىش ئەنگىلىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى چۆچۈتۈپ بەكلا جىددىيلەشتۈرىۋەتتى، بۇ يازغۇچى قورقۇپ- مۆكۈپ يۈردى، گېلىدىن تۈزۈك تاماق ئۆتمىدى، كۈنلىرى قاتتىق ئالاقزادىلىك ئىچىدە قالدى.

1986-يىلى، بېشىدىن تالاي جاپالىق يىللارنى ئۆتكۈزگەن، خەتەرلىك شارائىتلاردىن بۆسۈپ چىققان ھۈمەينى 86ياشقا كىرگەن. ‹يېشىل تاغلار قەد كۆتىرىپ تۇرار، كەچكى قۇياشنىڭ ۋاقتىمۇ ئاز قالدى›. ھۈمەينى ئۆز قەلئەسىدە ئىنتايىن سىرلىق خۇسۇسىي تۈرمۇشىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ ئۆمۈر مۇساپىسى بارغانسىرى قىسقىراپ، ۋۇجۇدىغا بىر مۇنچە كېسەل چىرماشقان. كەلگەن مېھمانلار ئالدىدا ئۆزىنى زورىغا روھلۇق تۇتۇپ، ھاسىسىغا تايىنىپ ماڭغان، بىراق مېھمانلار كېتىشى بىلەنلا باشقىلار دەرھال قولتۇقىدىن يۆلىۋالغان. كەچتە پەسرەك ئېسىلغان سەگەنچۈكتە ياتقان، ئۇۋۇلاش ئۇستىسى(19ياشلىق بىر قىز) ئۇنىڭ بەدىنىنى ئۇۋۇلاپ قويغان. لېكىن، قىز قارا تونغا ئورىنىۋالغان 86ياشلىق بۇ مەنىۋى داھىيىنىڭ بەدىنىنى ئۇۋۇلاپ ئاغرىتىپ قويۇشتىن بەكلا ئېھتىيات قىلغان. ئۇ ئادەتتە كەڭتاشا، لېكىن ئاددى سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ياتاق ئۆيدىكى گىلەم ئۈستىگە سېلىنغان كۆرپىدە ياتقىنىچە (قولىدا ياپونىيىنىڭ كىچىك ئېسىل رادىئوسى) يېرىم كېچىدە بېرىلىدىغان رادىئو خەۋەرلىرىنى ئاڭلايتتى. ھۈمەينى ھەركۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ، ئاندىن مۇلازىملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر كۈندە ئىككى قېتىم سەيلە قىلاتتى. بۇ ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمىتى داۋامىدا كۆپلىگەن قارارلارنى چىقىرىدىغان ۋاقتى ھېسابلىناتتى. ئۇ چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ كاتتا ھوقۇقىنى يۈرگۈزەتتى، مەنىۋى داھىيلىق رولىنى جارى قىلدۇراتتى.

ئەتىگەنلىك ناشتىلىقى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، قېتىق ۋە بىر پارچە بولكا، بىر پىيالە چاي بىلەنلا غىزالىناتتى. چۈشلۈك تاماقتا خوتۇنى ۋە نەۋرىلىرى بىلەن بولاتتى، تاماقتىن كېيىن دەم ئالاتتى. كەچلىك تاماقتىن ئىلگىرى ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتى، ئىسرائىلىيە رادىئو ئىستانسىسى ۋە ئامېرىكا ئاۋازى بەرگەن خەۋەرلەرنى ئاڭلايتتى. ھۈمەينى ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى دائىم ئاڭلىتىدىغان تېھران رادىئو ئىستانسىسىغا قىزىقمايتتى.

1989-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىراننىڭ بۇ دىنىي داھىيىسى جىمجىتلا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى. ‹مەن ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىللىرىم بىلەن ۋىدالىشىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە كەيپىم چاغ ھالدا ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆزۈمنىڭ مەڭگۈلۈك ماكانىمغا كېتىمەن.› ھۈمەينىنىڭ بۇ ئارزۇ-ئارمىنى ئەمەلگە ئاشتى.

مەنبە: دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ2005-يىللىق سانلىرىدى
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


ئوستروۋسكىي (1904-1936)


قىسقىچە تەرجىمھالى


نىكولاي ئالېكسېيېۋىچ ئوستروۋسكىي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر پرولېتارىيات ئىنقىلابى يازغۇچىسى. 1904-يىلى ئۇكرائىنا ۋولىنسىك ۋىلايىتى شېبېتوۋكا بازىرىدا تۇغۇلغان. ئائىلىسى نامرات بولغاچقا ئۈچىنچى سىنىپقىچىلا ئۇقۇيالىغان. لېكىن، ئوقۇشنى بەكلا ياخشى كۆرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكتىن بوشىغان ۋاقىتلىرىدا ھەر خىل ئىلغار پىكىرلىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى بېرىلىپ ئوقۇغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قوغداش كۈرىشىگە ئاكتىپ قاتناشقان. 1919-يىلى 7-ئايدا كوممۇنىسىتىك ياشلار ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. 8- ئايدا قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىپ ئالدىنقى سەپكە بارغان. 1920-يىلى ئۇرۇشتا يارىلىنىپ، كەسىپ ئالماشتۇرغان ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلغان، مۇشۇ مەزگىللىرى كېزىك ھەم رېماتىزىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. 1924-يىلى رۇسىيە كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىگە كىرىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى رايونلۇق كومىتېتى، ۋىلايەتلىك كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. ئىككى يىلدىن كېيىن سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، ئىككى كۆزى كۆرمەيدىغان، پۈتۈن بەدىنى پالەچ بولۇپ قالغان، ئەمما كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان غەيرەت –شىجائەت بىلەن ئاغرىق ئازابىنى يېڭىپ، «پولات قانداق تاۋلاندى» ۋە «بوران بالىلىرى» ناملىق ئىككى ئۆلمەس روماننى يازغان.

1936-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن ئوستروۋسكىي ئالەمدىن ئۆتكەن.


ۋەسىيەتنامە


رايۇشاغا

ھازىر سىزگە دېمەكچى بولغىنىم ئېھتىمال مېنىڭ ئاخىرقى قېتىمقى يوللۇق سۆزۈم بولۇپ قالار. مېنىڭ ئۆمرۈم ھەر ھالدا ياخشى ئۆتتى. شۇنداق، مەن ھەممە ئىشنى بېشىمدىن كەچۈردۈم ۋە ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەردىم، ئاسانلا قولغا كەلتۈرگەن بىرەر نەرسەم يوق. مەن تىرىشتىم، ئېلىشتىم، خۇددى سىزگە ئايان بولغىنىدەك، مەن باشتىن- ئاخىر تەسلىم بولمىدىم. سىزگە بىر ئىشنى چۈشەندۈرۈپ قويماقچىمەن، يەنى، سىز تۇرمۇشتا بىرەر بېسىم ھېس قىلغىنىڭىزدا مېنى ئەسلەپ قويۇڭ. شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مەيلى قەيەردە قانداق خىزمەت قىلىڭ، ئۆگىنىشنى بىر چەتكە تاشلاپ قويماڭ، ئۆگىنىشتىن قول ئۈزسىڭىز ئۆسۈپ يېتىلگىلى، ئالغا باسقىلى بولمايدۇ. بىزنىڭ ئانىلىرىمىز، چوڭلار بىزگە غەمخورلۇق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ! ئۇلارغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ. بىز ئۇلارنىڭ بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغانلىق ئەجرىنى مەڭگۈ قايتۇرالمايمىز ! راست، ئۇلارنىڭ بىزگە سىڭدۈرگەن ھالال ئەجرىنى مەڭگۈ قايتۇرالمايمىز، ئەمدى مەن ئۇلارنىڭ ئەجرىنى قايتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىدىم، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىڭ، ئۇلارنى مەڭگۈ ئەستىن چىقارماڭ.


ۋەسىيەتنامىنىڭ سىرى


بىزگە مەلۇم، ئوستروۋسكىينىڭ ھاياتى بەكمۇ جاپالىق ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىرادىسى پولاتتەك مۇستەھكەم بولغان. ئۇ ئىككى كۆزىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرقانداق بىر ئادەمگە قارىغاندا ئەتراپىدىكى ھەممە ئىشلارنى ئېنىق كۆرۈپ تۇردى، شۇنداقلا يۈرىكى ئارقىلىق ئۇ ئىشلارنى ئىنچىكە كۆزەتتى؛ گەرچە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىجادىي ئىقتىدارى ۋە ھاياتىي كۈچى ئادەتتىكى ئادەملەردىن زور دەرىجىدە ئوشۇق ئىدى. ئۇنىڭ خوتۇنىغا قالدۇرغان ۋەسىيەتنامىسىدىكى : «مەن ھەممە ئىشنى بېشىمدىن كەچۈردۈم ۋە ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەردىم، ئاسانلا قولغا كەلتۈرگەن بىرەر نەرسەم يوق... سىز تۇرمۇشتا بىرەر بېسىم ھېس قىلىغىنىڭىزدا مېنى ئەسلەپ قويۇڭ» دېگەنلىرىدىن ئەجەبلەنگىلى بولمايدۇ. بۇ پەقەت ئۇنىڭ خوتۇنىغىلا قالدۇرغان ۋەسىيەتنامىسى ئەمەس، بەلكى كېيىنكىلەرگىمۇ بىر چوڭ ئىلھام.

دەرھەقىقەت، ئۇ بىرەر نەرسىنى ئوڭايلا قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس.

ئوستروۋسكىينىڭ 14دىن 16 ياشقىچە بولغان چاغلىرىنى جەڭگىۋار ھايات دېيىشكە بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ تېخى قورامىغا يەتمىگەن بالا ئىدى، شۇنداقتىمۇ كۈرەش قەھرىمانى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. بۇنىمۇ ئاسان قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس. ئۇ 14 ياش ۋاقتىدىلا قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىپ جەنۇبىي فرونتقا ئاتلاندى. ياش ئوستروۋسكىي ئاتلىق پولكقا كېلىشى بىلەنلا ئاتلىق پولكىنىڭ رازۋېدكا ئەترىتىگە ئەۋەتىلدى. ئەقىل- پاراسەتلىك، باتۇر ئوستروۋسكىي ۋوزنېسېنىسكى ئەتراپىدىكى بىر قېتىملىق جەڭدە دۈشمەننىڭ كۈچلۈك ئوت كۈچىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ يارىلاندى. دالا دوختۇرخانىسىدا بىر ئاي داۋالانغاندىن كېيىن يارىسى ساقايماي تۇرۇپلا دوختۇرخانىدىن چىقىپ قىسىمغا يىتىشىۋالدى. شۇ چاغدا ئوستروۋسكىي زىلۋا بوي، تىرىسى قارامتۇل، كونىراپ كەتكەن ھەربىيچە پەلتو، بېشىغا قىزىل ئارمىيىنىڭ سوكنىدىن تىكىلگەن شەپكىسىنى كىيىپ يۈرەتتى، ۋۇجۇدىدىن بالىلىقى چىقىپ تۇرسىمۇ، سۆزلىرى كەسكىن ۋە مەردانە، سەپداشلىرىغا قىزغىن ئىدى، جەڭچىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىپ تۇراتتى. كۈرەشنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 15 ياشلىق ئوستروۋسكىي ئاتلىق ئەسكەرلەر بىرىنچى ئارمىيىسىگە يۆتكەلدى. شۇ يىلى كۆۋرۈك پارتلىتىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن تەقدىرلەندى. بەزىلەر ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ: «ماۋۇ بالا ئۇرۇش قىلىشنى بىلىدىكەن-ھە ؟ » دېگەندە، ئۇ يانچۇقىدىن مۇكاپاتلىنىش ئۇقتۇرۇشىنى چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇش قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. يەنە بەزىلەر: «كۆۋرۈك پارتلىتىش بەكمۇ خەتەرلىك، سەن قېچىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالغىنىڭدا بومبىنىڭ پارتلاپ پۇتۇڭنى ئۈزۈۋېتىشىنى، ھەتتا جېنىڭدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىڭنى ئويلىمىدىڭمۇ؟» دېگەندە، ئۇ خۇددى قوماندانلارغا خاس قىزغىن ھالدا: «سەل شۇنى ئويلىغىنىڭدا پارتلاشتىن ئامان قالىسەن، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، قاراپ تۇر، كۆۋرۈكنى قانداق پارتلىتىدىكەنمەن» دەيتتى. ئىككىنچى يىلى، بىر قېتىملىق جەڭدە دېۋىزىيە باشلىقى ئاۋانگارت قىسىمنى باشلاپ ئاتاكىغا ئۆتكەندە دۈشمەن ئوقى تېگىپ شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى. ئوستروۋىسكىي ۋە باتالىيوندىكى جەڭچىلەر دىۋىزىيە باشلىقىغا قايغۇردى ۋە قۇربان بولغان سەپدىشى ئۈچۈن غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، ئىنتىقام ئېلىشقا قەسەم قىلدى. شۇ ئەسنادا، دۈشمەننىڭ زەمبىرەكچى قىسىمى ئۇلارغا شىددەتلىك ئوت ئېچىشقا باشلىدى، قۇلاقنى پاڭ قىلغۇدەك پارتلاش ئاۋازى ئەتراپنى بىر ئالدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا بومبا پارچىلىرى ئەتراپقا چاچراپ، جەسەتلەر ھەممە يەرگە توشۇپ كەتتى. ئاخىر 16 ياشلىق ئوستروۋىسكىينىڭ كۆكرەك ۋە باش قىسمى ئېغىر يارىلاندى، دوختۇرخانا كارىۋىتىدا خېلى ئۇزۇنغىچە بىھوش ھالەتتە ياتتى. دوختۇرلار بۇ يارىداردىن ئۈمىت يوق، دەپ ھۆكۈم قىلدى، لېكىن ياش ئورگانىزىم ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، شۇنداقتىمۇ بومبا پارچىسى سول كۆزىنىڭ نېرۋىسىنى نابۇت قىلىۋەتكەچكە، كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى.

ئوستروۋىسكىي ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئۇرۇشمۇ تېزلا ئاياغلاشتى، ياش سوۋېت دۆلىتى ۋە خەلقى ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنى تۇتۇپ ، خارابلاشقان، تۇرغۇن ھالەتتە قالغان خەلق ئىگىلىكىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا ئاتلاندى. بۇ چاغدا ئوستروۋىسكىي ئەمگەك فرونتىغا بېرىپ كۈرەش قىلدى ھەمدە «مۇنەۋۋەر قۇرغۇچى ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. بۇنىمۇ ئوڭاي قولغا كەلتۈرگىنى يوق. 1921-يىلى، كيىېۋ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۆلكىلىك كومىتېتى 800نەپەر كومسومۇلنى ئىنتايىن جاپالىق بولغان يول ياساش قۇرۇلۇشىغا ئەۋەتتى. شۇ چاغدا يېقىلغۇ ناھايىتى كەمچىل بولۇپ، نە نېفىت، نە كۆمۈر يوق ئىدى. شۇڭا، زاۋۇتلار ئىشتىن توختاپ، پار ماشىنىسىنىڭمۇ يېرىم يولدا ئوتى ئۆچۈپ قالاتتى، يەنە كېلىپ كەسلەپ قويۇلغان ئوتۇن يىراق جايدىكى ئورمانلىقتا بولۇپ، ئۇنى توشۇپ كېلىش بەكمۇ مۈشكۈل ئىدى. شۇڭا، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوتۇن بار جايدىن شەھەر ئەتراپىدىكى ۋوگزالغىچە بىر كىچىك تۆمۈر يول ياساش قەتئىي ئورۇنلاشقا تېگىشلىك ۋەزىپە ئىدى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياچېيكا سېكرىتارى ئوستروۋىسكىي ياشلارنى كىيىېۋ كوممۇنىسىتىك ياشلار ئىتتىپاقى تاپشۇرغان ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇنداشقا چاقىردى. قۇرۇلۇشقا قاتناشقۇچىلار بىر مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، دېرىزىلىرى چېقىق، سوغۇق شامال غۇرۇلداپ ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، كونا تاشلاندۇق ئۆيلەر ئىدى، كېچىلىرى تاغارغا يۆگىلىپ مۇزدەك سوغۇق سېمۇنتىنىڭ ئۈستىدىلا يېتىشقا توغرا كېلەتتى. دائىم دېگۈدەك تويغۇدەك تاماق يوق، بۇنى ئاز دەپ كېزىك ھە دېسىلا ئاۋارە قىلىپ تۇرغانلىقتىن، ئاخىر ئوستروۋسىكىينىڭ پۈتۈن ئۈگە- ئۈگىلىرى چىدىغۇسىز دەرىجىدە سىرقىراپ ئاغرىغىلى تۇردى. لېكىن ئۇ چىشىنى چىشلەپ ئەمگەك مەيدانىدىن يانمىدى. جان تىكىپ ئۆز خىزمىتىنى بەجا كەلتۈردى. جاپالىق ھەم مۈشكۈل ئەمگەك ئارقىلىق كىچىك تۆمۈر يولنى پۈتۈپ، غەلىبىگە ئاز قالغاندا، كېزىك كېسىلى ئۇنى ئاخىرى يېقىتتى، شۇنىڭ بىلەن ئوستروۋىسكىي ئىلاجسىز دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولدى، لېكىن ئۇ سالامەتلىكى سەللا ياخشىلانسا كىيىېۋقا قايتىپ كەلدى ۋە ياغاچ ماتېرىياللارنى جىددىي توشۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، تېنىنىڭ ئاجىزلىقىغا قارىماي، سوغۇق سۆڭەك- سۆڭەكتىن ئۆتىدىغان دەريا سۈيىگە تىزىغىچە كىرىپ ئىشلىدى، ئاقىۋەت ئېغىر زۇكام ھەمدە كۆپ خىل بوغۇملار نېرۋىنى بېسىۋېلىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولدى، سەپداشلىرى ئۇنى يەنە دوختۇرخانىغا ئاپاردى. بۇ چاغدا، ئوستروۋىسكىي ئاغرىق ئازابىدىن ئورۇقلاپ قورايدەك بولۇپ، ئىلگىرىكى قارامتۇل چىرايى سارغىيىپ، بەكلا زەئىپلىشىپ كەتتى. ئاخىر دوختۇرخانا دىئاگنوز قويۇش ھەيئىتى ئۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك مېيىپ ھەربىيلەر تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىش توغرۇلۇق قارار چىقاردى، لېكىن ئوستروۋىسكىي مېيىپلار كىنىشكىسىنى تەشكىلگە كۆرسەتمەي، كىشنى ئەقلىنى لال قىلىدىغان غەيرەت- شىجائەت بىلەن ئۆز خىزمىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، 20ياشقا كىرگەن يىلى ئۇكرائىنا لېىنىن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شېبېتوفكا ۋىلايەتلىك كومىتېتنىڭ سېكرىتارى بولدى. بىر قېتىم پۈتۈن رايوننى ئايلىنىپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا، ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئوستروۋىسكىينىڭ بەدىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەندى. ئەسلىدە فرونتتا ئېغىر يارىلانغان، ئارقىدىنلا كېزىك، رېماتىزىم قاتارلىق سوزۇلما ئېغىر كېسەللەرگە گېرىپتار بولغان ئوستروۋىسكىي شۇ قېتىمقى ماشىنا ۋەقەسىدىن كېيىنلا پالەچ بولۇپ يېتىپ قالدى. پارتىيىنىڭ سەھىيە داۋالاش كومىتېتى دىئاگنوز قويۇپ: «مەزكۇر يولداش خىزمەتتىن توختىسۇن» دەپ خۇلاسە چىقاردى.

ئوستروۋىسكىي بەدىنىگە كانىدەك چاپلاشقان كېسەللەرگە خۇددى دۇشمەنگە مۇئامىلە قىلغاندەك قىلچە تىز پۈكمىدى. دوختۇر ئۇنىڭ ئورگانىزمىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ يامان ئۆزگىرىشىنى توسۇشقا ھېچ ئامال قىلالماي قالغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار كۈچىگە قەتئىي ئىشەنچ باغلاپ، كېسەللىك بىلەن ئېلىشتى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشىغا تۇتۇندى.

ئىككى كۆزى ئەما بولۇپ قالغان بۇ يازغۇچى قەلبى كۈچلۈك تەلپۈنگەن جەڭگاھلارغا، ئوتتەك قىزغىن كۈرەش قايناملىرىغا خىيال كەپتىرىنى پەرۋاز قىلدۇرۇپ، ئۆتكەن ئىشلارنى، شۇ چاغدىكى شەخىسلەرنى بىر – بىرلەپ ئەسلەپ، بېشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتلىرىنىڭ بىرىنى قويماي جانلىق تەسۋىرلىدى، شۇنىڭدەك ھەممە ئىشلارنى كاللىسىغا مەھكەم ئورنىتىۋالدى. ئۇ دەسلەپ كاللىسىدا پىشۇرىۋالغان ۋەقەلىكنى ئاغزاكى ئېيتىپ بەردى، باشقىلار ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە يازدى؛ كېيىن باشقىلار ئۇنىڭغا قاتتىق تاختايدىن رامكا ياساپ، ئۇنىڭ ئىچىگە خەت يازىدىغان قەغەزنىڭ قۇرىغا ئوخشاش ئۇزۇن- ئۇزۇن كاتەكچىلەرنى جايلاشتۇرۇپ بەردى.

ئوستروۋىسكىي رامكىدىكى كاتەكچىلەرنى سىيلاشتۇرۇپ ئىچىگە كاللىسىدا پىشۇرغانلىرىنى يېزىپ ماڭدى. بۇ قورالسىزلاندۇرۇلغان بەدەن بىلەن قورالنى تاشلىمىغان مېڭىدىن ئىبارەت ئىككى خىل كۈچنىڭ ئېلىشىشى ئىدى. شۇ مەزگىللىرى، ئوستروۋىسكىي توققۇز قېتىم ئوپىراتسىيىنىڭ ئازابىنى تارتتى، لېكىن ھەر قېتىملىق ئوپېراتسىىيىنى قەيسەرلىك بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ھەر ھالدا ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىقىغا تەسىر يەتكۈزمىدى. بالا- قازا قوشلاپ كەپتۇ دېگەندەك، 1930-يىلى دوختۇر – سېستىرالار ئۇنىڭ قوشۇمچە قالقان بېزىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسىنى قىلغاندا، دورا پاختىسىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، جاراھەت ئېغىزىنى تىكىۋېتىدۇ. بەدەندىكى بۇ غەلىتە نەرسىنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن بىمار يەنە ئىككىنىچى قېتىملىق ناركوزنىڭ ئاغرىق ئازابىنى تارتماي ئامال يوق ئىدى. ئەپسۇس يەنە ناركوز قىلىش يۈرەكنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتەتتى، خەتىرى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. دوختۇرلار تولىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ، ئاخىر ئوستروۋىسكىي ئوپېراتسىيە قىلىدىغان دوختۇرغا تەسەللى بېرىپ: «ئوپېراتسىيىنى ئىشلەۋېرىڭ، ناركوز قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن بەرداشلىق بېرىمەن» دەيدۇ. يارا ئېغىزى قايتىدىن كېسىلدى، دوختۇر پاختىسىمۇ ئېلىۋېتىلدى. ناركوز قىلمىغان ئەھۋالدا بىمار ئىڭراپمۇ قويمىدى. بۇ قېتىمقى ئوپىراتسىيە ئۇنىڭ تاڭلاي نېرۋىلىرىنى كاردىن چىقاردى، ھەتتا بىمارنىڭ تاماق يېيىشىنىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، گەپ قىلىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى. ئوستروۋىسكىي تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا «پولات قانداق تاۋلاندى؟» ناملىق رومانىنى يېزىپ پۈتتۈردى.

ئوستروۋىسكىينىڭ شۇنچىلىك قەيىسىرانە ئىرادە بىلەن سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئالىيجاناب پەزىلىتىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، 1935-يىلى 1-ئايدا سوۋېت بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇنداق قارار چىقاردى:
«ئالدىنقى سەپتىكى ئاكتىپ كومسومۇل، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ باتۇر ئىشتىراكچىسى، سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش داۋامىدا سالامەتلىكىدىن ئايرىلغان ھەمدە پىداكارانە روھ ۋە بەدىئى تىلدىن ئىبارەت قورالدىن سوتسىيالىزىم ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، ‹پولات قانداق تاۋلاندى› ناملىق روماننىڭ تالانتلىق ئاپتورى نىكولاي ئالېكسېيېۋىچ ئوستروۋىسكىي لېىنىن ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلانسۇن.»

مەنبە: دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ 2005-يىللىق سانلىرى
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


يېسېنىن (1895-1925)


قىسقىچە تەرجىمھالى

سېرگېي ئالېكساندىرىيىۋېچ يېسېنىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق لىرىك شائىرى. 1895-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى رازان ئوبلاستى كاستاندىنۇپ كەنتىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇ 1915-يىلى 3-ئايدا، پېتېربۇرگقا بېرىپ مەشھۇر شائىر بلۇك بىلەن تونۇشقان، شېئىر شەكلى ۋە لىرىك شېئىر يېزىش جەھەتتە ئۇنىڭدىن بىر مۇنچە ئىلھام ئالغان.

1916-يىلى يېسېنىن ھەربىي سەپكە ئېلىنىپ، 1917-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن ھەربىي سەپتىن ئايرىلغان، ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېىيىن شېئىرنى قورال قىلىپ ئىنقىلاب ۋە ئىنقىلابىي خەلقنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئالقىشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى سوتسيالىستىك شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ياراتقان. يېسېنىن ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قازانغان دەسلەپكى مەزگىللىرى فورمالىزىم ئېقىمىنىڭ خىيالپەرەستلەر شائىرى بولۇپ قالغان، لېكىن ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىنىڭ ئاداشقانلىقىنى تونۇپ، خىيالپەرەستلەر توپىدىن ئاستا-ئاستا ئايرىلغان ھەمدە بۇ خىيالپەرەستلەر توغرۇلۇق تېخىمۇ سەگەك تونۇشقا ئىگە بولغان.

1921-يىلى يازدا، ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق ئۇسسۇلچىسى ئاسىيدۇرا دىنكىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن موسكۋاغا زىيارەتكە كەلگەندە، يېسېنىن بىلەن تونۇشۇپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئىككىيلەن توي قىلغان. تويدىن كېىيىن چەت ئەلدە ساياھەت قىلىپ يۈرگەن مەزگىللىرى ئىككىيلەن ئارازلىشىپ قېلىپ، مۇناسىۋىتى بارغانسىرى يامانلىشىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىدا كۆپ ئورتاقلىق بولسىمۇ، لېكىن مىجەز-خاراكتېر ۋە ياش جەھەتتە (ئاسىيدۇرا يېسېنىندىن 17 ياش چوڭ ) خېلىلا چوڭ پەرقلەر بولۇپ، ئىككىيلەننىڭ بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشى تولىمۇ قىيىنغا توختىغان. 1924-يىلى كۈزدە ئىككىيلەن رەسمىي ئاجرىشىپ كەتكەن. ئاسىيدۇرا 1927-يىلى ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن.

1925-يىلى يېسېنىن لېۋ تولىستوينىڭ نەۋرىسى سوفىيە ئاندرېيېۋنا بىلەن توي قىلغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى لېنىنگىرادتىكى بىر مېھمانسارايدا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان، شۇ يىلى 30 ياشتا ئىدى.

يېسىېنىن قىسقىغىنا ئۆمرىدە كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بىر مۇنچە لىرىكىلىق شېئىرلارنى يازغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن ‹لېنىن› (1924) ، ‹پارس لىرىكىلىرى› (1924-1925)، ‹سوۋېت رۇسلىرى› (1924)، ‹ئۇلۇغ سەپەر ناخشىلىرى› (1924) ۋە ‹ئاننا سىنزىنىۋا› (1925) قاتارلىقلار بار.


ۋەسىيەتنامە


خەير-خوش دوستۇم، خەير-خوش،
مەڭگۈ سەن قەلبىمدە قەدىرلىك دوستۇم.
جۇدالىق چاغلىرى يېتىپ كەلسە، بۇ
كەلگۈسى جەم بولۇشتىن بېشارەت دوستۇم.

خەير- خوش دوستۇم ...
نە ھاجەت سۆزلەش ھەم قول ئېلىشىشلار،
چەكمىگىن ھەسرەت، كۆڭلۈڭنى بۇزما!
ھاياتتا بىر ئۆلۈم يېڭىلىق ئەمەس،
ھەيرانۇ ھەس بولمىغىن، تىرىك قالغانغا.


ۋەسىيەتنامىنىڭ سىرى


يېسېنىن 1925-يىلى12-ئاينىڭ 27-كۈنى لېنىنگىرادتىكى بىر مېھمانسارايدا ئېسلىپ ئۆلۈۋالدى. ئۆلۈۋېلىشتىن ئىلگىرى قولىنىڭ بېغىشىنى كېسىپ، شۇ جايدىن چىققان قان بىلەن يۇقىرىدىكى ۋىدالىشىش شېئىرىنى يېزىپ قالدۇردى.

يېسېنىن قالدۇرغان بۇ ئىككى كۇپلېت شېئىرىي ۋەسىيەتنامىنىڭ ئۇرغۇسى تۆۋەن، ھەسرەتلىك، بىرخىل زارلىنىش چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۆلۈۋالغانلىق شۇم خەۋىرى تارقىلىشى بىلەنلا كىشىلەر شائىرنىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق خىلمۇ خىل پەرەز-قىياسلارنى قىلدى. بەزىلەر، بۇ جېنىدىن تويغانلىق دېيىشتى، بەزىلەر، ئائىلىۋى تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان ئىش دېيىشتى، يەنە بەزىلەر شائىر چۈشىنىكسىز، كىشىلەرگە ئېيتقىلى بولمايدىغان بىر خىل ئازاب دەستىدىن شۇنداق قىلغان... ۋەھاكازا دېيىشتى. شائىرنىڭ ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىشىغا زادى نېمە سەۋەب بولدى؟ كۆپ يىللاردىن بېرى يېسېنىننىڭ ئۆلۈمى يېشىلمىگەن سىر سۈپىتىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى كېزىپ يۈردى، بۇ ھەقتە كىشىلەر جىق پەرەزلەرنى قىلىشتى، ئويلاندى، ئىزدەندى، ماتېرىياللارنى تەكشۈردى، دوستلىرىنى زىيارەت قىلدى، ئەپسۇس، شۇنچە خالىس ئورۇنۇشلار نەتىجىسىز ئاياغلاشتى.

سوۋېت ئىتتىپاقى سوتسىيالىستىك شېئىرىيىتىگە ئاساس سالغۇچى ماياكوۋىسكىي شائىر يېسىنېننىڭ ‹جېنىدىن تويغان›لىقىنى تەنقىد قىلىپ يازغان ‹سېرگىي يېسېنىنغا› ناملىق شېئىرىنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسىدا مۇنداق دېيىلگەن:

ھاياتتا بىر ئۆلۈم ئوڭاي بىر ئىش،
ياراتماق ھاياتنى بەسىي مۈشكۈلدۇر.

ماياكوۋىسكىي شائىرنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى يېقىن دوستى ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ تەنقىدىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. مۇبادا، شائىرنىڭ ئۆلۈۋېلىشى يەڭگىلتەكلىك بىلەن ‹جېنىدىن تويغانلىق› دېيىلىپ ئەيىبلەنسە، ئەقەللىيىسى بۇمۇ ئادىللىق بولمايدۇ. چۈنكى، شائىرنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئېيتقان ‹جېنىدىن تويغانلىق ›خۇسۇسىدىكى گەپ –سۆزلىرى يوق، يەنە كېلىپ، ‹جېنىدىن تويغانلىق›توغرىسىدىكى ئۈمىدسىزلىك چىقىپ تۇرىدىغان بىرەر پارچىمۇ شېئىر يازغان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېسېنىن ‹ھاياتنى ياراتماق بەسىي مۈشكۈلدۇر› دېگەننى بىلمەسمۇ ! شۇنداق سوراشقا ھەقلىقمىزكى، تۆت يىل ئۈچ ئايدىن كېيىن، يەنى 1930-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ماياكوۋىسكىي موسكۋادىكى تۇرالغۇسىدا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۈۋالدى. 1956-يىلى5-ئاينىڭ 13-كۈنى فادېيېفنىڭ بۇ دۇنيادىن پاجىئەلىك ھالدا ۋىدالىشىشىمۇ ‹جېنىدىن تويغانلىق›مۇ؟

ئۇنداقتا شائىر ئۆزىنىڭ ھاياتىدىنمۇ مۇھىم دەپ قارىغان يەنە قانداق نەرسە بار؟ ئۇنىڭ كەسپى «شېئىرىي ئىجادىيەت»مۇ؟ ئۇنىڭ شائىرلارغا خاس پەزىلىتىمۇ؟ ئۆلۈۋېلىشتىن سەل ئىلگىرى، يېسېنىن قەدىناس دوستى شائىر ئاسېيېفتىن ھاياجانلانغان ھالدا: «سىزنىڭچە مەن ئۇستاز ئەمەس، شۇنداقمۇ؟ سىزنىڭچە مېنىڭ مۇشۇ نەرسىلەرنى يېزىشىم ئوڭايغا چۈشتىمۇ؟» دەپ سورىغان.

«ئىككىيلەن خوشلىشىدىغان چاغدا، يېسېنىننىڭ قولى قارشى تەرەپنىڭ قولىغا پاياتلىنىپ قالغاندەك، ئاسېيېفنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ قويۇپ بەرمىدى، ھەتتا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرغان ئاسېيېفمۇ تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى سەزدى.»
(ئاسېيېف: «كىم ۋە نېمىشقا شېئىرغا مۇھتاج»، سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچى نەشرىياتى، 1961-يىلى نەشرى، 182-183-بەتلەر.)

يېسېنىن كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى، يازغان ئەسەرلىرىنى ھەقىقىي چۈشىنىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتى، ئەپسۇس، ئىشلار ئۇنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك بولمىدى. ھەتتا، شۇ چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىيات مۇنبىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغان «ر ا پ پ» (سابىق رۇسىيە پرولېتارىيات يازغۇچىلىرى ئىتتىپاقى) نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئەينى چاغدا شائىرنىڭ «سولچىل» ئەدەبىي تەشكىلاتقا قاتنىشىشىغا ھەم «ئاكا-ئۇكا سېرابىئونلار»، «جىلغا»، «كېلەچەكچىلەر» قاتارلىق ئەدەبىي تەشكىلاتلارغا كىرىشىگىمۇ يول قويۇلمىدى. بۇ نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق غېرىبانىلىك- ھە! ئۇ ئاچچىق ئازابنى ئۇزۇنغىچە ئىچىگە يۇتۇپ يۈردى، «شەرمەندىلەرچە ئادەمنى بۇلاپ قاقسەنەم قىلىۋېتىدىغان ئالدامچى ۋە يانچۇقچى»لارنىڭ تىل- ھاقارىتىگە پىسەنت قىلمىدى. «ئۇ ۋۇجۇدىدا قېپقالغان چېركاۋنىڭ مۇناجات سىنىپىدىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ئىزنالىرىنى كۈچىنىڭ بارىچە يوقىتىپ، 18-ئەسىردىكى ئىسيانكار ۋە باشقىلارنىڭ نامىنى سېتىپ ھوقۇق ئىگىلىۋالغۇچى پوگاچېفنى يازدى، ئوتتۇرا ئەسىر ناخشا –قوشاقلىرىدا قەيت قىلىنغان ئاياللار داھىيىسى ماشا قاتارلىق كىشىلەرنى يازدى.»

ئۇ ۋەسىيەتنامىسىدە: «ھاياتتا بىر ئۆلۈم يېڭىلىق ئەمەس، ھەيرانۇ ھەس بولمىغىن تىرىك قالغانغا» دەپ يازدى. بۇ ئىككى مىسرادا كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە بەكمۇ دىققەت قىلىپ كەتمەسلىكى، نورمالسىز، باشقىچە بىر مەقسىتى بار دەپ قارىماسلىقى، ئۇنىڭغا ھەمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

يېسېنىن ئۆلۈۋېلىشتىن 40 كۈن ئىلگىرى، يەنى 1925-يىلى11-ئاينىڭ 17-كۈنى يازغان «قارا كىيىملىك ئادەم» ناملىق شېئىرىدا قاتتىق ئازاب ئىچىدە قالغانلىقى ئىپادىلەنگەن، شېئىرنىڭ بىر كۇپلېتىدا مۇنداق دېيىلگەن:

تۈن كېچە، شۇ قەدەر قەھرىتان سوغۇق،
تىمتاسلىق ئىلكىدە كوچا ئېغىزى،
دېرىزە ئالدىدا تۇرىمەن تەنھا،
نە مېھمان ۋە ياكى كۈتمەي دوستۇمنى.

بۇ نەقەدەر غېرىبسىنىش- ھە! شۇندىن ئېتىبارەن ئۇ خۇددى نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندەك بىر مەزگىل ئازابلىنىپ يۈردى، بىر نەچچە قېتىم نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا مەجبۇرى ئاپىرىپ قويۇلدى. ئۇ نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا سەل ئېسىگە كەلگەن چاغلىرى: «قەدىرلىك دوستۇم، كۆرۈش ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلگەن كۆزنى پەقەت ئەزرائىللا يۇمالايدۇ» دېگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى. 1925-يىلى مىلاد بايرىمى مەزگىلىدە ئۆزىنى ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك يېگانە ۋە ئازابلىق ھېس قىلىپ : «ئۆلۈم يېڭىلىق ئەمەس-لېكىن ياشاشنىڭمۇ ھېچقانچە يېڭىلىقى يوق» دەپ يازدى.

« ‹يېسېنىن خاراكتىرى›مۇ ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى. شائىر ھايات ۋاقتىدا لىرىك ۋە تەنھالىق روھىي ھالەت چىقىپ تۇرىدىغان بىرمۇنچە شېئىرلارنى يازدى، لېكىن ئۇ دەۋردە بۇنداق خاراكتېرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويۇلمايتتى. خۇددى تروتىسكىي ئۇنىڭ شېئىرىيەتتىكى تالانتىنى ماختاپ قايغۇرغان ھالدا دېگىنىدەك، ‹شۇ دەۋردە بالايىئاپەت ۋە قىيىنچىلىقلار بەكلا كۆپ بولۇپ كەتتى، مۇڭلۇق كەيپىيات ۋە ئاممىبابلاشتۇرۇش ئەتراپنى بىر ئالدى›، بۇ ئەھۋاللار يېسېنىننىڭ لىرىكىلىق ۋە تەنھالىق سادالىرىنىڭ بولۇشىغا يول قويمىدى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ‹يېسىېنىن خاراكتىرى›ئىجتىمائىي خەۋپكە ئىگە ئەھۋال دەپ ئېلان قىلىندى. يەنى ئۇنىڭ خاراكتىرى ئەخلاقىي جەھەتتىكى ئاجىزلىق ۋە چۈشكۈنلۈكتىنى دېرەك بېرىدىغان ئاياللارچە ئىرادىسىزلىك، شۇنداقلا غەمكىن، پاسسىپ ھەم كېسەللىك ھالىتىدىكى ئەركىن ئارىلاشما ماددا دەپ قارالدى.»*(1)(ماك سلونىم: «سوۋېت رۇس ئەدەبىياتى»، شاڭخەي تەرجىمە نەشىرىياتى، 1983-يىلى نەشرى،16-بەت).شائىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن نەشردىن چىققان «موسكۋا ئېنسىكلوپېدىيىسى» دە مۇنداق يېزىلدى: «يېسېنىن خاراكتىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش بىلەن ئىپادىلەندى». بۇ گەپ ھەم توغرا ھەم خاتا. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش پاكىت، ئەمما نېمىشقا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ، بۇنىڭدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. شۇ چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى مۇرەككەپ ھەم كەسكىن كۈرەش شائىرنى تولىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۇپ قويغان. شۇڭا، ئۇ «ۋەسىياتنامە»سىدە «خەير –خوش، دوستۇم، خەير-خوش» دەپ قايتا –قايتا نالە قىلغان. ئېنىقكى، يېسېنىن ھەقىقىي دوسىت- ئاغىنىلىرىدىن ۋە بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان، خۇددى شېئىرىدا يازغىنىدەك: «ئۆزگىرەلمەس يۈز يىلدىمۇ ھەرنە قىلسا تىرىك روھ. ياق، مۇرەسسە قىلماسمەن ئۆزۈمگە ھەرگىز، مەن ئۆزۈمگە پۈتۈنلەي ناتونۇش ئادەم.»

يېسېنىننىڭ يامان ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەردىن نەپرەتلىنىدىغان بۇنداق پوزىتسىيىسى 1924-يىلىدىن كېيىن بارغانسىرى كۈچىيىپ كەتتى. ئۇ 1924-يىلى يازدا، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئۆز شېئىرلىرىدا مەدھىيىلەنگەن بۇ بىر پارچە زېمىننى تونۇيالماي قالغىلى، رۇسىيە توغرۇلۇق بىرەر نەرسىنى ئېسىگە ئالالماي قالغىلى تاس قالغان. يۇرتداشلىرى بىر يەرگە يىغىلىشىپ ئۇرۇش توغرىسىدا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن، تۈركۈم-تۈركۈم ياش پارتىيە ئەزالىرى سەپ –سەپ بولۇشۇپ، بېدنىينىڭ سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرىدىغان شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئېيتقىنىچە ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۈزۈلمەي ئۆتۈپ تۇرغان، بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن يېسېنىن ئىختىيارسىز ھالدا: «نېمانچە تۈگەشكەن دۆلەت-ھە! مەن نېمىشقا ئۆزۈمنى خەلقنىڭ دوستى دەپ كۈچۈمنىڭ بارىچە چۇقان سالىمەن؟ ئۇلار مېنى كېرەك قىلمايدىكەن ھەم شېئىرىمنىمۇ ئوقۇمايدىكەن» دېگەن.

«يېسېنىن خاراكتىرى» دەۋرگە ماس كەلمىگەن. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى «قارا كىيىملىك ئادەم»دېگەن شېئىرىدا: «مەن ‹يېڭى ئادەم › ئەمەس، مەن بىر پۇتۇم بىلەن ئۆتمۈشكە دەسسەپ تۇرسام، يەنە بىر پۇتۇم بىلەن پولاتتەك مۇستەھكەم چوڭ قوشۇنغا يېتىشىۋېلىشقا ئۇرۇنىمەن؛ ئەپسۇس، مەن پۇتلىشىپ يەرگە يىقىلىپ چۈشتۈم» دەپ يازغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىغا نەپرەتلىنىپ ۋە ئۆكۈنۈپ قاتتىق ئازابلانغاچقا، ئاخىر ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قېلىپ، كۈنلىرىنى تېخىمۇ ئازاب ئىچىدە ئۆتكۈزگەن: ھاراق ئىچىپ ،زەھەر چەككەن، ھە دېسىلا خوتۇن بىلەن ئاشنا ئالماشتۇرۇپ تۇرغان، ھەرەڭ-سەرەڭ بەتقىلىقلارنى قىلغان.شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە يۇرتىنى سېغىنىش ھېسسىياتىنى باسقان. قاۋاقخانىلاردا ئالىتاغىل ۋارقىراپ-جارقىراپ، يوللاردا جېدەل چىقىرىپ مۇشتلىشىپ، ئىغۋاگەر خاراكتېرلىك شېئىرلارنى ئوقۇپ يۈرگەن، ئاخىر بېرىپ بۇ شاللاق ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭغا ئەسقاتمىغان، ئاقىۋەت ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىپ، كىشىلىك ھاياتىنىڭ پۈتكۈل مۇساپىسىنى بېسىپ تۈگەتكەن.

شائىر مۇھەببەتتە تالاي قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ روھىي جەھەتتىن قاتتىق زەربە يېگەن. يەنى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئۆلۈمى چوقۇم مۇھەببەت ئىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇنچىلىك قىزغىن سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان يۈرىكى ئېغىرلىشىپ ئەسلىگە كېلىش مۇمكىنچىلىكى قالمىغان.

يېسېنىن ئۆمرىدە ئۈچ قېتىم مۇھەببەتلەشكەن، ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قازانغان 1917-يىلى رايىك ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا توي قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇھەببەت تۇرمۇشىدا ئېيتقۇسىز ئازاب چېكىش ئۇنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن.ئۇ توختاۋىسىز ھالدا مۇھەببەتكە جاراڭلىق خىتاب قىلىپ، سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ شېرىن چۈشلىرىگە غەرق بولسىمۇ، لېكىن ئاقىۋەت مۇھەببەتنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچراپ ،ئىككىيلەن ئۇزۇن ئۆتمەي ئاجرىشىپ كەتكەن.

ئۇ 1921-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئاتاقلىق ئۇسسۇلچىسى ئاسىيدۇرا دىنكىن بىلەن تونۇشۇپ، ناھايىتى تېزلا توي قىلغان، شۇ چاغدا ئاسىيدۇرا 43 ياشتا، يېسېنىن 26ياشتا ئىدى. بۇ توي شائىر ئۈچۈن ئېيتقاندا چوڭ خۇشاللىق ھەم قايغۇ بولدى. ئاسىيدۇرا ئۇسسۇل سەھنىسىدە خانىش بولسىمۇ ،ئەمما سادىق ھەم ۋاپادار خوتۇن بولالمايتتى. تويدىن كېيىن ئىككىيلەن ئوتتۇرىسدا جېدەل قۇرۇمىدى،شۇنىڭ بىلەن شائىر قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ، 1924-يىلى كۈزدە ئىككىيلەن رەسمىي ئاجرىشىپ كەتتى.

ئۈچىنچى قېتىم 1925-يىلى لېف تولىستوينىڭ قىز نەۋرىسى سوفىيە بىلەن توي قىلغان. 1919-يىلى شائىر مەملىكەت بويىچە شۆھرەت قازانغان، نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرى ئۇنى ھۆرمەتلەپ ۋە ئالقىشلاپ يۈرگەن چاغلار ئىدى. شۇ كۆپلىگەن چوقۇنغۇچىلىرى ئىچىدە كالىنا ئىسىملىك بىر قىز شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى سېھرىي كۈچكە مەپتۇن بولۇپ، باشتىن ئاخىر شائىر بىلەن چوڭقۇر دوستلۇقنى ساقلاپ كەلگەن ئىدى. شائىرمۇ گېزى كەلگەندە بۇ قىزغا خەت يېزىپ ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى ۋە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى.

1925-يىلى3-ئاينىڭ بىر كۈنى، كالىنا ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش زىياپىتىگە يېسېنىننى تەكلىپ قىلدى، يەنە ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى سوفىيەنىمۇ ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇشۇپ بېرىشكە ئالايىتەن چاقىردى. سوفىيەنىڭ سورۇندا پەيدا بولۇشى خۇددى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان بىر پەرى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا شائىرنىڭ ئەس-ھوشىنى يوقاتتى. يېسېنىن قىزنىڭ زىلۋا قامىتى، كۈل رەڭ كۆزلىرىگە ئاشىقىي-بىقارار بوپقالدى. بىر كۆرۈپلا ئىككىيلەن بىر –بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ۋە كالىنا بىلەن كارى بولماي، ھەدىگەندىلا بىر-بىرگە ئوبدانلا ئىچەكىشىپ كەتتى. شائىر سوفىيە بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈش جەريانىدا قارشى تەرەپنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنىڭ ئۆزىنىڭكى بىلەن بەكلا پەرقلىنىدىغانلىقىنى، مەسىلەن، ئۆي سەرەمجانلاشتۇرۇشى خېلىلا ھەشەمەتلىك، ئەمما ئۆلۈك، كىشىلەرگە ئۆزى خالىغانچە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدى. شائىر سوفىيە بىلەن ئالتە ئاي ئارىلىشىپ ئۆتۈش داۋامىدا ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى كۈنسايىن سۇسلاپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ، شۇ يىلى9-ئاينىڭ18-كۈنى توي قىلىشقا زورمۇ زور تىزىملاتتى.

بىر قىزنى ئوڭايلا ياخشى كۆرۈپ قېلىش ، ئارقىدىنلا سوۋۇپ كېتىش، ئۈمىدسىزلىنىش يېسېنىنىڭ مۇھەببەت تۇرمۇشىدىكى تۈنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس. يەنە كېلىپ، ئۇ ساۋاقلارنى قوبۇل قىلماي كەينى-كەينىدىن كونا يولدا مېڭىۋەردى. شائىر ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرىغا يازغان خەتلىرىدە: «مەن تەلپۈنگەن ۋە ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يوقالدى. قارىغاندا، مەن موسكۋادا تىنىچ ئۆتەلمەيدىغان، ئائىلە تۇرمۇشۇممۇ ئوڭۇشلۇق بولمايدىغان ئوخشايدۇ...»دېگەنىدى.ئۇ ھەمىشە ھاراق ئىچىش ، مۇشتىلىشىش«كېسىلى» ئەسەبىيلەرچە كۆپ قېتىم قوزغىلىپ «نېرۋا خاراكتېرلىك خامۇشلۇق كېسەللىكى»گە گېرىپتار بولۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانىدى.

يېسېنىن دوختۇرخانىدىن چىققانىدىن كېيىن، مۇھىتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن لېنىنگىراقا باردى. لېكىن، بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولغان ئادىمىدىن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىگە ھەم ئېچىنسا، بىللە تۇرمۇش كەچۈرگىنىدىن ھەم ئازابلاندى.

يېسېنىننىڭ يۈرىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن تولغان، ھەتتا ئۆزىمۇ تۇرمۇشتا كۆڭۈلدىكىدەك مەشۇقىنى تاپالىشىغا ئىشەنمەيتتى، ئەمما كىشىلىك ھاياتتىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۇنى مەڭگۈ ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تۇراتتى.

شائىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغاننىڭ ئىككىنچى يىلى12-ئاينىڭ 3-كۈنى، 1927-يىلى ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالغان قىز كالىنا ئۇنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئەمدىلا 29ياشقا كىرگەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. كالىنا قالدۇرغان ۋەسىيەتنامىسىدە كىشىلەردىن ئۆزىنى شائىرنىڭ قەبرىسى يېنىغا دەپنە قىلىشنى ئۆتۈنگەن، يېسېنىننىڭ دوستلىرى يېقىن-يورۇقلىرى كالىنا قىزنىڭ تەلىپى بويىچە ئىش كۆردى...

يېسېنىن ئۆلۈپ كەتتى، لېكىن ئۇنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ھېچقانداق رەسمىيەت ئۆتىمەيلا، جىنايىتى بېكىتىلگەنلەرنىڭ تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۋېتىلدى. 1953-يىلى سىتالىن ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى، نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20-يىللىرىدىكى مەشھۇر شائىرلارنىڭ بىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، يېسېنىن ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىغا ۋە دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا سادىق ئۇلۇغ شائىر. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن شېئىرىي ئەسەرلىرى ھەرقېتىم قايتا نەشر قىلىنغاندا، ئۇقۇرمەنلەر تالىشىپ سېتىۋېلىپ بىرەر پارچىمۇ قالماسلىقتەك رېكورت يارىتىلغان. گوركىي قايغۇرغان ھالدا: «بىز رۇسىيىنىڭ كاتتا بىر شائىرىدىن ئايرىلىپ قالدۇق» دېگەن.


مەنبە: دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ 2005-يىللىق سانلىرى
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


ناگې (1896-1958)


قىسقىچە تەرجىمھالى


ناگې ئىمرې ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى، سىياسىيون، ئىسلاھاتچى. 1896-يىلى6-ئاينىڭ7-كۈنى ياللانما دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1918-يىلى رۇسىيىدە ۋېنگىرىيە كوممۇنىسىتىك پارتىيىسىگە كىرگەن ۋە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1921-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ يەر ئاستى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1930-يىلى كوممۇنىسىتىك ئىنتېرناتسئونال تەرىپىدىن خەلقئارا يېزا ئىگىلىك ئىنسىتىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىقىغا تەيىنلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرى موسكۋا رادىئو ئىستانسىسىدا تەھرىرلىك قىلغان. 1944-يىلنىڭ ئاخىرى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىگە ئەگىشىپ دۆلىتىگە قايتقان ۋە ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا –ئىگىلىك مىنىستىرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ھەمدە خەلق پارلامېنىتىنىڭ باشلىقى، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بيرۇنىڭ ئەزاسى، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سېكرىتارىياتىنىڭ سېكرىتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

1952-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىسىتىرى،1953-يىلى باش مىنىستىر بولغان، بۇ مەزگىللىرى ناگې ۋېنگىرىيىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىدە دەسلەپكى ئىسلاھات سىنىقىنى ئېلىپ بارغان. 1955-يىلى3-ئايدا، راكوسى باشچىلىقىدىكى مەركىزى كومىتېت ناگېنى «ئوڭچىل ئاغمىچىلىق»قىلدى دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئىسلاھات يولىنى ئىنكار قىلغان ۋە 4-ئايدا ئۇنى پارتىيە ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان، پارتىيىدىنمۇ قوغلاپ چىقارغان.1956-يىلى23-ئۆكتەبىر ۋېنگىرىيىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ، ناگېنىڭ پارتىيىۋىلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، 24-ئۆكتەبىر ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىقتۇرۇشى ئاستىدا 1956-يىلى11-ئاينىڭ4-كۈنى كادار باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. ناگېنىڭ 1956-يىلى يازدىن 1957-يىلى يازغىچە يېزىپ پۈتتۈرگەن «ۋېنگىرىيە خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن»ناملىق كىتابى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا سۇنۇلغان شىكايەتنامىسىدۇر.1958-يىلى6-ئاينىڭ 30-كۈنى دۆلەت سوتى تەرىپىدىن «دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش»جىنايىتى بىكىتىلىپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. شۇ يىلى 62 ياشتا ئىدى.


ۋەسىيەتنامە


مەن دۆلىتىمىزدىكى سوتسىيالىزىمدىن ئىبارەت بۇ شان-شەرەپنى قوغداپ قېلىشتا ئىككى قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، بۇ 1953-يىلى ۋە 1956-يىلى بولغان ئىش. بىرىنچى قېتىملىقىدا راكوسى ماڭا قارشى چىقتى، ئىككىنچى قېتىملىقىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پۈتكۈل قوراللىق كۈچلىرى ماڭا قارشى تاشلاندى. بۇ قىزغىن ۋە ئۆچمەنلىككە تولغان شىكايەتتە ئۆزۈمنىڭ ئىدىيىسى ئۈچۈن جېنىمنى قۇربان قىلىشىمغا توغرا كېلىدۇ. مەن ھاياتىمنى تەقدىم ئېتىشكە رازى... شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، تارىخ بىزنى ئۆلتۈرگەن جاللاتقا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. پەقەت بىر نۇقتىلا مېنىڭ ئارزۇيۇمغا خىلاپ مېنى ئۆلتۈرگەنلەر كەلگۈسىدە نامىمنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

ناگې ئېمرې
1958-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى


ۋەسىيەتنامىنىڭ سىرى


1956-يىلى پارتلىغان «ۋېنگىرىيە ۋەقەسى»دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈردى.بۇ ۋەقەنىڭ باش-ئايىغى زادى قانداق ئىش ؟ ناگې بۇ ۋەقەدىكى ئاتاقلىق ئەرباب. ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ بۇ زور ۋەقە بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ ئۇنىڭ ئۇزاق يىللار داۋامىدىكى تۆھپە ۋە گۇناھىغا زادى قانداق باھا بېرىش كېرەك ؟ شەكسىزكى، ئۇنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇش مۇرەككەپ تارىخىي سىرنى يېشىشنىڭ ياراملىق ئاچقۇچىدۇر. تارىخىي پاكىتلار بىزگە مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئۇقتۇرىدۇكى: سوتسىيالىزىم ئىزدىنىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزىمنى قۇرۇش ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەشكە، ھەتتا ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.

ۋاقىت بوۋاي بىزنى بۇنىڭدىن 40 نەچچە يىل بۇرۇنقى چاغقا باشلاپ، ئېغىر بىر سەھىپىنى ئاچتى: ئەسلىدىنلا تىنىچ ئەمەس دوناي دەرياسى قايناپ تېشىشقا باشلىدى. دوناي دەرياسى بويىدىكى بۇداپېشىت خەلقى مىلتىق ئاۋازى بىلەن ئىسسىق قان گىرەلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا بىر مەيدان مىللى تراگېدىيىنى بېشىدىن كەچۈردى. 1956-يىلى ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەن«مىللىي تراگېدىيە»نىڭ سەۋەبىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ۋەقەدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرىكى ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ...

1953-يىلى سىتالىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتى سەل بوشاپ قالدى. 17-ئىيۇن شەرقىي بېرلىندا يۈز بەرگەن توپىلاڭنىڭ تەسىرىنى كۆزدە تۇتقان سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ۋېنگىرىيىدە زەنجىرسىمان رېفلېكىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىيۇننىڭ ئاخىرقى يېرىمىدا ۋېنگىرىيە پارتىيە- ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى موسكۋاغا سۆھبەتكە تەكلىپ قىلدى ۋە راكوسى باشچىلىقىدىكى ۋېنگىرىيە ئەمگەك خەلق پارتىيىسىگە شەرقىي بېرلىن ۋەقەسىنىڭ ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، تېزلىك بىلەن تەدبىر قوللىنىپ، سىياسەتنى ئۆزگەرتىپ، دۆلەتنىڭ جىددى ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشنى ئەسكەرتىپ قويدى. راكوسىغا پارتىيىنىڭ باش سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىدىن قېلىپ ،مىنىستىرلار سوۋېتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ناگېنىڭ ئۆتىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىش تەكلىپىنى قويدى. راكوسى دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن پارتىيىنىڭ كېڭەيتىلگەن يېغىنىدا پارتىيە رەھبەرلىك ئورگىنىنىڭ بىر قاتار خاتالىقلىرى، يەنى دېموكراتىيىنىڭ بۇزغۇنچلىققا ئۇچراش،ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ جانلانماسلىقى، خەلق تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى... قاتارلىق مەسىلىلەر توغرۇلۇق ئۆزىنى تەكشۈردى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان«ئىيۇل قارارى»دا راكوسى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مەزھەپچىلىك ۋە دوگمىچىلىق خاتالىقلىرى تەنقىد قىلىنىپ، ناگېنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭ 1949-يىلىدىكى مەجبۇرى كوللېكتىپ ھەمكارلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى پىكرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.ئىيۇلنىڭ باشلىرى، خەلق پارلامېنىتى ناگېنى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىدى. ناگې پارلامېنىتقا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت- پروگراممىلىرى توغرىسىدا تولۇپ –تاشقان ئىشەنچ بىلەن دوكلات بېرىپ، سوتسىيالىزىمنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىدە دەسلەپكى ئىسلاھات سىنىقى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت تەدبىرىنى يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ تەدبىرلەر ۋېنگىرىيىنىڭ شۇ چاغدىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ، كىرزىسنىڭ پارتلىشىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن ياخشى پۈرسەت ياراتتى.

ناگې «ئىيۇن قارارى»نىڭ روھىغا ئاساسەن، سوتسىيالىستىك ئىسلاھاتنىڭ يولىنى دادىللىق بىلەن ئاچتى، يەنى دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىق ئەھۋالىغا ئاساسەن خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، يېزا ئىگىلىك، يېنىك سانائەت ۋە ئېغىر سانائەتنىڭ نىسبىتىنى تەڭشەش، شۇ ئارقىلىق خەلق ئىگىلىكىنى تەڭشەش، شۇ ئارقىلىق خەلق ئىگىلىكىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كوپىراتسىيىلەشتۈرۈش سۈرئىتىنى ئاستىلاشتۇرۇپ، يەككە دېھقانلارنى يۆلەش؛ ئېغىر سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ، سانائەت كان- كارخانىلارنى تەرتىپكە سېلىش؛ دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش؛ ئوتتۇرا دېھقانلارنى كەمسىتىشكە يول قويماي، زىيالىيلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە يول قويۇش؛ قانۇن-تۈزۈملەرنى كۈچەيتىپ، جازا لاگېرلىرىنى تاقاپ، ئومۇمىي كەچۈرۈمنى يولغا قويۇش... قاتارلىقلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئىشلىدى.

ناگې بۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى، ئەمەلىيەت داۋامىدا دەسلەپكى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. خەلق ئىگىلىكى بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان تۈزۈلمە ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، مىللىي دارامەت زور دەرىجىدە ئاشتى. سىياسىي جەھەتتىمۇ كەڭ كۆلەملىك دېمۇكراتىك تەرەققىيات باشلاندى. ئۇ مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسىدا، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇردى. ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرى 1954-يىلى ئۆكتەبىردە ئېچىلغان مەركەزنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا قوللاشقا ئېرىشتى. شۇ يىغىندىن كېيىن ناگېنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئىسلاھات تەسەۋۋۇرى يەنىمۇ بىرقەدەر ئىلگىرىلەپ، ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسلىرىمۇ كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. لېكىن، شۇ چاغدىكى پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىدىيە، بولۇپمۇ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئىدىيە ھەقىقىي بىرلىككە كەلمىدى. ئۆكتەبىردىن كېىيىن دۆلەت ئىچىدە ئىسلاھات نەزەرىيىسىنى مۇھاكىمە قىلىش قىزغىن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي خىزمەتلەر زور توسالغۇغا ئۇچراپ، تەرەققىياتى ئاستا بولدى. راكوسى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ناگېنىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرى جەھەتتىكى قارىمۇ-قارشىلىق كۈنسايىن ئاشكارىلىنىپ كەسكىنلىشىپ كەتتى. ناگېنىڭ ئىسلاھاتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەندىزىسىگە كۆپ جەھەتتىن تېگىپ قويغانلىقى، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ جانلىق، دادىل بولۇشى نەتىجىسىدە ۋېنگىرىيە خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭى بارا- بارا كۈچىيىپ باردى، ئاخىر سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ناگېنىڭ يولغا قويۇۋاتقان تەدبىرلىرىدىن خاتىرجەمسىزلىنىشكە باشلىدى. ۋېنگىرىيىنىڭ «سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلە»دىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئۆزلىرى بىلەن «ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ قېلىشى»دىن ئەندىشە قىلىپ قالدى. شۇڭا، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى راكوسى بىلەن ناگېنى موسكۋاغا يەنە تەكلىپ قىلدى. سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزىنى «ئاتا پارتىيە»دەپ ھېسابلاپ ناگېنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ راكوسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، شۇ ئارقىلىق ناگېنىڭ ئىسلاھات يولىنى ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، راكوسى دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، يەنى 1955-يىلى 2-مارت مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ناگېنىڭ ئىسلاھاتىنى «ئوڭچىل ئاغمىچىلىق»دەپ ئەيىبلىدى ۋە ئاپرېلدا ئۇنى پارتىيە ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىدى، پارتىيىدىنمۇ قوغلاپ چىقاردى. بۇ دەل ناگې «ۋەسىيەتنامىسى»دە ئېيتقاندەك: «مەن دۆلىتىمىزدىكى سوتسىيالىزىمدىن ئىبارەت بۇ شان-شەرەپنى قوغداپ قېلىشتا ئىككى قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، بىرىنچى قېتىملىقىدا راكوسى ماڭا قارشى چىقتى». بۇ بىر تارىخىي پاكىت.

كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بەرسىمۇ، لېكىن ناگېنىڭ ئىسلاھات سىنىقى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى، ئۆزىمۇ ئىسلاھاتچى دېگەن شۆھرەتكە ئېرىشتى. تارىخ ئادىل، ئەكىسىچە راكوسىنىڭ ئارقىغا چېكىنىشى كىرزىسىنىڭ يەنە پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدى، ۋېنگىرىيە ئاسمىنىنى يەنە بىر قېتىم قارا بۇلۇتلار قاپلىدى. خۇددى ۋېنگىرىيىلىكلەر ئېيتقاندەك: «1956-يىلى23-ئۆكتەبىردە ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بولۇپ، مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى. لېكىن، شىددەتلىك بىر سىياسىي بوران-چاپقۇن تەبىئەتنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇۋەتتى.»

سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ «20-قۇرۇلتىيى» ۋە پولشا ۋەقەسى ۋېنگىرىيە ۋەقەسىنىڭ پارتلىشىغا بىۋاستە سەۋەب بولدى. 1956-يىلى فېۋرالدا، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى ئۆتكۈزگەن «20-قۇرۇلتاي»نىڭ زەربە دولقۇنى ۋېنگىرىيىگە ناھايىتى تېزلا تەسىر كۆرسەتتى. ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دوناي دەرياسىنىڭ دولقۇنلىرى دەريا بويىدىكى بۇداپېشىتقا ئۇرۇلدى. ۋېنگىرىيىدىكى سىياسىي كېلىماتقا ئىنكاسى سەزگۈر بىر تۈركۈم پارتىيىلىك كادىرلار ۋە زىيالىيلار ناھايىتى تېزلا ھەرىكەتكە كەلدى ۋە «پېتوفى كۇلۇبى»غا يىغىلىپ ئىلمىي ھەم سىياسىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ، ناگېنى قايتىدىن ئىشلىتىش ئۈچۈن قىقاس-چۇقان كۆتۈردى. ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان سادا بارغانسىرى ئەۋجىگە چىقتى. ئىيۇل ۋېنگىرىيە كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئېچىپ، راكوسىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ناگې بىلەن ئۇچرىشىپ تۇردى. ناگې 4- ئۆكتەبىر پارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا خەت يېزىپ پارتىيلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، ئۆزىگە قايتىدىن خىزمەت تەقىسىم قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئىچكى-تاشقى بېسىمنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، 14-ئۆكتەبىر گېزىتتە پارتىيە مەركىزى كومىتېتنىڭ ناگېنىڭ پارتىيۋىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىك توغرىسىدىكى قارارى بېسىلدى. 22-ئۆكتەبىر «پېتوفى كۇلۇبى» پارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا ئون تۈرلۈك تەلەپنى قويدى، ئاساسىي مەزمۇنى ناگېنىڭ بارلىق خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلق ئىگىلىكى بىلەن ۋېنگىرىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، دېمۇكراتىيىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە ياخشىلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شۇ كۈنى كەچتە، بۇداپېشىتنىڭ ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرىمۇ بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، پارتىيە مەركىزى كومتېتىغا 16تۈرلۈك تەلەپنى قويۇشنى ھەمدە 23-ئۆكتەبىر نامايىش ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى. ئوقۇغۇچىلار كېچىچە ئۇخلىماي 16تۈرلۈك تەلەپنى بېسىپ، ئەتىسى تاڭ سەھەردە پۈتكۈل شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا ئالا قويماي چاپلىدى.

23-ئۆكتەبىر ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بولۇپ، مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى. لېكىن، شىددەتلىك بىر سىياسىي بوران-چاپقۇن تەبىئەتنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇۋەتتى، چۈشتىن ئىلگىرى يۈز مىڭدىن ئوشۇق شەھەر ئاھالىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەيۋەتلىك نامايىشى باشلاندى. يۇگۇسلاۋىيىدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ تاڭ سەھەردە قايتىپ كەلگەن گېرو بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ئوبدان بىر تەرەپ قىلمىدى، ئەكسىچە ئىچكى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىغا نامايىشنى توسۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇ ئىش ئاممىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى، ئاخىر نامايىشچىلار قوشۇنى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشكە باشلىدى. بۇنداق ھەيۋەتلىك نامايىشچىلار قوشۇنىنى توسۇشقا كۆزى يەتمىگەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى رادىئو ئارقىلىق چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ئىش نامايىشچىلارنىڭ مەسخىرىسىنى ۋە نارازىلىقىنى تېخىمۇ قاتتىق قوزغىدى. نامايىشچىلار قوشۇنى پېتوفى مەيدانى بىلەن بىم مەيدانىدا قىسقا ھەم ئاددىيلا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئۈنلۈك شوئار توۋلاپ گېرونىڭ تەخىتتىن چۈشۈپ، ناگېنىڭ تەختكە چىقىشىنى تەلەپ قىلدى. 300مىڭ ئادەمنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى يەر –جاھاننى زىل-زىلىگە كەلتۈرۋەتتى، بۇ چاغدا گۇگۇم پەردىسى ئەتراپقا يېيىلدى. ناگېنىڭ دوستلىرى ئۇنى زورلاپ دېگۈدەك پارلامېنىت مەيدانىغا ئەكىردى. ئۇ بىر بالكوننىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، مىكروفون يوق ئەھۋالدا قىسقىلا سۆز قىلىپ: «سەۋر-تاقەت قىلىڭلار، ئاق كۆڭۈل كىشىلەر! پارتىيىگە ئىشىنىڭلار، پارتىيە ھەممە ئىشنى ئوڭشايدۇ، سىلەر ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىشىڭلار كېرەك. قايتىپ كېتىڭلار...» دېدى. كىشىلەر نارازى بولغان ھالدا قايتىپ كېتىشتى. نامايىشچىلارنىڭ بىرقىسمى رادىئو ئىستانسىسىغا كېلىپ 16 تۈرلۈك تەلەپنى ئاڭلىتىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ تەلىپى رەت قىلىندى، شۇ كۈنى كەچتە رادىئو ئىستانسىسى گېرونىڭ سىلىق، ئەمما كەسكىن تەلەپپۇزدىكى سۆزىنى ئاڭلاتتى. بۇ خۇددى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بىناسىدا مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى، تىنىچ كېتىۋاتقان نامايىشچىلار قوشۇنى پاراكەندىچىلىك ئىچىدە قالدى، بۇداپېشىت كوچىلىرى قانغا بويالدى. شۇ كۈنى كەچتە ۋېنگىرىيە پارتىيە مەركىزى كومىتېتى جىددىي يىغىن چاقىردى، كەسكىن تالاش-تارتىشلار ئارقىلىق سىياسىي بيرونى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشنى، ناگېنىڭ مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى ھەمدە ھەربىي ھالەت بۇيرۇقىنى ماقۇللاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىنىڭ كېلىپ جېدەل- ماجرانى بېسىقتۇرۇشقا ياردەملىشىشىنى تەلەپ قىلدى. ناگې يەنە بىر قېتىم سۆز قىلىپ خەلققە ئۆزىنى بېسىۋېلىشنى، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چاقىرىق قىلدى. 24-ئۆكتەبىر سوۋېت ئىتتىپاقى ۋېنگىرىيىگە رەسمىي قول سالدى. تاڭ سەھەر سائەت 2 دە شەھەر سىرتىدا تۇرۇشلۇق سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ تانكىلىرى شەھەر رايونىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. چۈشتىن كېيىن سوۋېت كومپارتىيىسى سىياسىي بيروسىنىڭ ئەزاسى مىكويان ۋە سۇسلوفلار ۋېنگىرىيىگە كېلىپ، گېرونىڭ ئەھۋالىنى كۆپتۈرۈپ ۋە بۇرمىلاپ، سوۋېت ئارمىيىسىنى بۇداپېشىتقا كىرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى. كەسكىن تالاش –تارتىشلار ئارقىلىق ۋېنگىرىيە پارتىيە مەركىزى كومىتېتى گېرونى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، كادار يانوشنى پارتىيىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا تەيىنلىدى، ناگېنىڭ مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

ناگې ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن سىياسەت-پروگراممىلارنى، ئىسلاھات يۈزلىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، قايتىدىن ھۆكۈمەت تەشكىللەشنى، ئومۇمىي سايلامغا تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە باش كاردىنالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى كەڭچىلىك قىلىپ قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ئامما بىلەن قوراللىق توقۇنۇشۇۋاتقان ئامانلىقىنى ساقلاش قىسىملىرىنى تارقىتىۋېتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خەلق نەزەرىدە ئىنتايىن بۇلغىنىپ كەتكەن نامىنى يۇماقچى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈشكە تۇتۇندى.بۇ تەدبىرلەر دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. لېكىن، شۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋېنگىرىيىگە يەنە قوشۇن كىرگۈزدى. ناگې دەرھال سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىنى، بولمىسا ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى، ۋېنگىرىيىنىڭ بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى، تۆت چوڭ دۆلەتنىڭ ۋېنگىرىيىنىڭ بىتەرەپلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئىشلارغا ئەلۋەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى يول قويمايتتى.

بۇ كەسكىن داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىدە غەربنىڭ قۇترىتىشى ۋە تەسىرىگە ئۇچرىغان سوتىسيالىزىمغا قارشى كۈچلەر ۋېنگىرىيىدە غالجىرانە ھەرىكەتكە ئۆتتى، ئەكسىيەتچىل سىياسىي تەشكىلاتلارنى قۇردى ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ كوممۇنىستلارنى رەھىمسىزلەرچە قىردى، سوتسىيالىزىمدىن تەلۋىلەرچە ئۆچ ئالدى. ۋېنگىرىيىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى پارچىلىنىش – يىمىرىلىش گىردابىغا چۈشۈپ قالدى، قوراللىق قالايمىقانچىلىقلار پايتەختتىن سىرت ھەرقايسى جايلارغىچە يامراپ كەتتى.

سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ كونترول قىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 4- نويابىر رادىئو ئىستانسىسى ئارقىلىق كادار ۋېنگىرىيە ئىشچى- دېھقانلار ئىنقىلابى يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى تاڭ سەھەردىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى بۇداپېشتقا ھۇجۇم قىلدى. ناگې رادىئو ئىستانسىسى ئارقىلىق ۋېنگىرىيە خەلقىگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى: «مەن مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئسى ئىمرې ناگې، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسى بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ پايتەخىتكە ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار ئوچۇقتىن- ئوچۇق ۋېنگىرىيىنىڭ قانۇنىي دېمۇكراتىك ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى قەستلەۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئارمىيىمىز كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، ھۆكۈمەت يەنىلا مەۋجۇت. مەن ۋېنگىرىيە خەلقى ۋە پۈتۈن دۇنياغا بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدىم.»

سوۋېت ئارمىيىسى شەھەردىكى قالايمىقانچىلىقلارنى ئاستا- ئاستا بېسىقتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى تىزگىنلىدى ھەمدە يۇگۇسلاۋىيىنىڭ ۋېنگىرىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا كىرىپ پاناھلانغان ناگېنى قولغا ئالدى... 6- نويابىر كەچتە، كادار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تانكىسىغا ئولتۇرۇپ پايتەخىتكە قايتتى. 13 كۈن داۋام قىلغان قالايمىقانچىلىق ۋېنگىرىيىگە غايەت زور زىيان كەلتۈردى: 10مىڭدىن ئوشۇق ئادەم ئۆلدى. يىللىق مىللىي كىرىمنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى بىراقلا ۋەيران بولدى. كادار: ۋېنگىرىيە ۋەقەسى بىر قېتىملىق ئەكسىلئىنقىلابى ۋەقە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ۋەقە پارتىيە ئىشچىلار سىنىپى ۋە پۈتكۈل خەلق، ھەربىر پۇقرا ئۈچۈن ئېيتقاندا ئېغىر پاجىئە، دەپ بۇ ۋەقەنىڭ خاراكتىرىنى بېكىتتى. بۇ دەل ناگې ئۆزىنىڭ «ۋەسىيەتنامىسى» دە ئېيتقاندەك: «ئىككىنچى قېتىملىقىدا بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پۈتكۈل قوراللىق كۈچلىرى ماڭا قارشى ئاتلاندى.» بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى دەل يۇقىرىدىكى پاكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەنە شۇنداق ئالاھىدە تارىخى شارائىتى ئاستىدا كومېدىيىنىڭ تراگېدىيە بىلەن ئاياغلىشىشى مۇقەررەر ئىدى. ئاخىر ناگېدىن ئىبارەت بۇ سوتسىيالىزىم ئىسلاھاتچىسىنىڭ تەقدىر-قىسمىتى قارار تاپتى. 1958-يىلى 14-ئىيۇن، ناگې مەزمۇنى چوڭقۇر ھەم ئېتىقادى قەتئىي بولغان سىياسىي ۋەسىيەتنامىسىنى قالدۇردى. ئۇ 16- ئىيۇن يەكشەنبە ئەتىگەن سائەت ئالتىدە بۇداپېشىت مەركىزى تۈرمىنىڭ قورۇسىدىكى دار ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. بىر ئۆمۈر سوتسىيالىزىمنىڭ شان-شەرىپىنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلغان، ئىزدەنگەن، ئاخىر بېرىپ «سوتسىيالىزىمنىڭ دۈشمىنى»دەپ قارالغان ناگې سىرتماق بوينىغا چۈشكۈچە ۋېنگىرىيىدە ياشاۋاتقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرگە ئەڭ ئاخىرقى ئەلەملىك، ئەمما تەسىرلىك ۋەسىيتىنى قالدۇردى ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا «ياشىسۇن مۇستەقىل، سوتسىيالىستىك ۋېنگىرىيە! » دەپ توۋلىدى.

مەنبە: دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ 2005-يىللىق سانلىرى
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


ھيۇگو (1802-1885)



قىسقىچە تەرجىمھالى


ۋىكتور ھيۇگۇ فىرانسىيىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى، دراماتورگى ۋە يازغۇچىسى، 1802-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى بېزانستوندا دۇنياغا كەلگەن، دادىسى ناپولېئوننىڭ قول ئاستىدىكى بىر گېنىرال، ئاپىسى بوربۇن سۇلالىسىنىڭ ھىمايىچىسى بولۇپ، ئىككىيلەن ھيۇگۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.

ئۇ 1826-يىلى رومانتىك ئەدەبىيات-سەنئەت تەرەپدارلىرىدىن بولغان مۇسسېت، ئاتا ديۇما ۋە نودئېر دېگەن ياشلار بىلەن بىرلىكتە «ئىككىنچى ئەدەبىيات ئۇيۇشمىسى»نى تەشكىل قىلىپ، ساختا كىلاسسىزىمغا ئاشكارا قارشى تۇرۇشقا باشلىغان، 1827-يىلى «‹كىلونۋېر›مۇقەددىمىسى »نى يېزىپ، بۇرژۇئا ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ كېلىۋاتقان ساختا كلاسسىزىمنى تەنقىد قىلىپ، رومانتىزىملىق ئەدەبىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ھيۇگۇ 1827-يىلىدىن 1840-يىلىغىچە ئۆزىنىڭ مول ئوپېرا، شېئىر ۋە رومان ئىجادىيىتى ئارقىلىق رومانتىزىملىق ئەدەبىياتىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن: دراما«مارىرون دې رورمو»، «ئېنانى»، شېئىرلار توپلىمى «شەرق توپلىمى»، رومانتىزىملىق رومانى «پارىژدىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋى» قاتارلىقلار بار.

ئۇ 1841-يىلى فرانسىيە باكالاۋرلار ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىقىغا سايلانغان، ئۈنۋان قوبۇل قىلىش نۇتقىدا پادىشاھلىق قانۇن-تۈزۈمنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ياقلىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پارىژ پرولتارىياتى فېۋرال ئىنقىلابىدا ئىيۇل خانىدانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇش شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ھيۇگۇ جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا قەتئىي تۇرغان.ئۇ ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنىتنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، پارىژ پرولتارىياتىنىڭ ئىيۇن قوزغىلىڭىغا ھېسداشلىق قىلغان. ئۇ 1848-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، لۇئى ناپالېئون بوناپارتقا ئاۋاز بەرگەن، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بۇ قارا نىيەتچىگە قارشى ئۆكتىچىگە ئايلانغان، كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، 19يىل مۇساپىرلىق تۇرمۇش كەچۈرگەن.

ھيۇگۇ مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن مەزگىللىرىدە، ناپولېئوتⅢ نى قاتتىق سۆككەن سىياسىي كىتابچىسى «كىچىك ناپولېئون»نى نەشىر قىلدۇرغان ھەمدە سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ جەريانىنى پاش قىلىدىغان «بىر جىنايەتنىڭ باش -ئاخىرى»دېگەن ئەسەرنى يازغان. ئىككىنچى يىلى ئۇنىڭ مەشھۇر سىياسىي ساتىرىلار توپلىمى «جازا» نەشىر قىلىنغان.

ھيۇگۇنىڭ مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن مەزگىللەردە يازغان باشقا ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن: شېئىرلار توپلىمى «خىياللار»، «تارىخىيى رىۋايەتلەر»، «كوچا ۋە ئورمان ناخشىلىرى»، رومان «خارلانغانلار»، «دېڭىزدىكى مېھنەتكەشلەر»، «كۈلگۈنچەك » قاتارلىقلار بار.

1870-يىلى ناپولېئونⅢ تەختتىن چۈشكەندە، ھيۇگۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇساپىرلىق تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پارىژغا قايتىپ كېلىپ، پارىژ خەلقىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

1871-يىلى فېۋرالدا، ئۇ خەلق پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، پارىژ كوممۇنىسى مەزگىلىدە، بىريۇسسېلغا بېرىپ كوممۇنىغا ھېسداشلىق قىلغان، ئەمما ئۇنى چۈشەنمىگەن، ئەپسۇس، كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەكسىلئىنقىلابچىلار كوممۇنا ئەزالىرىنى ئۆزى خالىغانچە قىرغىن قىلغان چاغدا، ئۇ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ بىريۇسسېلدىكى تۇرار جايىنى كوممۇنا ئەزالىرىنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە جازا ھۆكۈم قىلىنغان كوممۇنا ئەزالىرىنى پائال ئاقلىغان.

ھيۇگۇ 1885-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن پارىژدا ئالەمدىن ئۆتكەن.


ۋەسىيەتنامە


ئىنسان خۇدا، روھ ۋە مەجبۇرىيەت (بۇرچ)تىن ئىبارەت ئۈچ ئۇقۇمغا ئېتىقاد قىلسىلا كۇپايە. مەنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. بۇ ھەقىقىي ئېتىقاد. مەن مانا مۇشۇنداق ئېتىقاد ئىچىدە ياشاپ كەلدىم ھەم مۇشۇنداق ئېتىقاد ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىمەن. ھەقىقەت، يورۇقلۇق، ئادالەت، ۋىجدان دېگەن خۇدا شۇ. خۇدا يورۇقلۇق دېمەكتۇر.

مەن 40مىڭ فرانك پۇلۇمنى نامراتلارغا تەقدىم قىلىمەن. گېزى كەلگەندە، مېنى نامراتلارنىڭ جەسەت ساندۇقى ھارۋىسىدا قەبرىستانلىققا ئاپىرىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋەسىيەتنامىنىڭ ئىجرا قىلىغۇچىسى رۇلېرگلېۋى ئەپەندى، لېئون سې ئەپەندى ۋە لېئون گامبىتېي ئەپەندى قاتارلىقلار. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇۋاپىق ياردەمچى ئىكەنلىكىنى بەلگىلىيەلەيدۇ.مەن بارلىق قوليازمىلىرىم ھەمدە مېنىڭ تېپىلغانكى پوچېركىلىرىم ۋە سىزغان رەسىملىرىمنى پارىژ دۆلەتلىك كۇتۈپخانىغا تەقدىم قىلىمەن...

مەن ئاغرىقچان بىر قىزىمنى ۋە بىر جۈپ ئوغۇل-قىز نەۋرەمنى قالدۇرۇپ قويدۇم. ئۇلارغا بەخت-ئامەت تىلەيمەن.

قىزىمغا ھەر يىلى 8مىڭ فرانك بېرىشتىن تاشقىرى، يەنە بارلىق مال-مۈلكىم ئوغۇل-قىز نەۋرەمگە مەنسۇپ. بۇ يەردە شۇنى ئېنىق چۈشەندۇرۇپ قويماقچى، ئۇلارنىڭ ئاپىسى ئالېرىسقا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بېرىلىدىغان يىللىق پۇلىنى 12مىڭ فرانكقا كۆپەيتتىم. يەنە بىر گەپ، باتۇر ئايال (جۇليېتنى دېمەكچى، ھيۇگۇ بۇ ۋەسيەتنامىنى قالدۇرغاندا، ئۇ تېخى ھايات ئىدى)غا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بېرىلىدىغان يىللىق پۇل قالدۇردۇم. جۇليېت سىياسىي ئۆزگىرىش بولغان مەزگىللىرى، ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالغىنىغا پىسەنت قىلماستىن مېنى ئاپەتتىن ساقلاپ قالغان، كېىينكى چاغلارغا كەلگەندە، مېنىڭ قوليازمىلىرىم ۋە يۈك –تاقلىرىم قاچىلانغان ساندۇقنىمۇ ئاپەتتىن ساقلاپ قالدى.

پات ئارىدا بىدئەتلىككە تولغان كۆزلىرىم يۇمۇلىدۇ، لېكىن قەلب كۆزۈم مەڭگۈ ئوچۇق تۇرىدۇ، يەنە كېلىپ ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ يوغان ئېچىلىپ تۇرىدۇ. گېزى كەلگەندە، مەن ئۈچۈن بىرەر چېركاۋدا دۇئا-تىلاۋەت قىلىش بىھاجەت. كۈللى جاھاننى كېزىپ يۈرگەن روھىمغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن.

1881-يىلى8-ئاينىڭ 31-كۈنى


مەن 50مىڭ فىرانىك پۇلۇمنى نامراتلارغا تەقدىم قىلىمەن.گېزى كەلگەندە، مېنى نامراتلارنىڭ جەسەت ساندۇقى ھارۋىسىدا قەبرىستانلىققا ئاپىرىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئۈچۈن بىرەر چېركاۋدا دۇئا-تىلاۋەت قىلىش بىھاجەت، كۈللى جاھاننى كېزىپ يۈرگەن روھىمغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. مەن خۇداغا ئىشىنىمەن.

1883-يىلى8-ئاينىڭ 2-كۈنى (قوشۇمچە ۋەسىيەتنامە)


ۋەسىيەتنامىنىڭ سىرى


ھيۇگۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىككى ۋەسىيەتنامىنى 1881-يىلى 8-ئاينىڭ1-كۈنى ۋە 1883-يىلى8-ئاينىڭ 2-كۈنى يېزىپ قالدۇرغان. ئالدىنقىسى ئاساسلىق ۋەسىيەتنامە، كېيىنكىسى قوشۇمچە ۋەسىيەتنامە. لېكىن، مەيلى ئاساسلىق ياكى قوشۇمچە ۋەسىيەتنامە بولسۇن، ئوخشاشلا ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، ۋەسىيەتنامىنى ئىجرا قىلغۇچىلار ۋەسىيەتنامىدە تەسىس قىلىنغان ئادەملەر بويىچە ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلدى.

ۋەسىيەتنامىدە دېيىلگەندەك: «يەنە بىر گەپ، باتۇر ئايالغا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بېرىلىدىغان يىللىق پۇل قالدۇردۇم. ئۇ سىياسىي ئۆزگىرىش بولغان مەزگىللىرى، ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالغىنىغا پىسەنت قىلماستىن مېنى ئاپەتتىن ساقلاپ قالغان، كېىينكى چاغلارغا كەلگەندە، مېنىڭ قوليازمىلىرىم ۋە يۈك –تاقلىرىم قاچىلانغان ساندۇقنىمۇ ئاپەتتىن ساقلاپ قالدى.»

خوش، ۋەسىيەتنامىدە تىلغا ئېلىنغان باتۇر ئايال كىم؟ ئۇ ئايال قانداقىسىگە ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالغىنىغا قارىماستىن، ھيۇگۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان؟ ئۇ ئايال بىلەن ھيۇگۇنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋىتى بار؟...مانا بۇلار كىشىلەرگە يېشىلمىگەن سىر.

راستىنى ئېيتقاندا، ۋەسىيەتنامىدە تىلغا ئېلىنغان «باتۇر ئايال» ھيۇگۇ بىلەن يېقىن ئارىلىشپ ئۆتكەن جۇليېتنىڭ ئۆزى. ئۇ ھيۇگۇنىڭ خۇسۇسىي كاتىپى، شۇنداقلا ئون نەچچە يىللىق سۆيگىنى.

جۇليېت 1806-يىلى تۇغۇلغان. باتۇر ھەم ئالىيجاناب بۇ ئايال ھيۇگۇ ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان. ئۇ 1883-يىلى5-ئاينىڭ11-كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن، شۇ يىلى 77 ياشتا ئىدى.

ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى راك كېسەللىكىنىڭ ئازابىدىن ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان جۇليېتنىڭ ئويماقتەك چىرايلىق ئېغىزى، مېھىر-مۇھەببەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان مۇلايىم كۆزلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پەرىشتىلەردەك ھۆسىن-جامالىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ساقايماس كېسەلگە گېرىپتار بولغىنىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى قىزى ياتقان يەرلىككە دەپنە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 1882-يىلى6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ياشىنىپ قالغان ئاشىق-مەشۇق جۇليېت بىلەن ھيۇگۇلار ئاخىرقى قېتىم ساينىت مۇنتقا كېلىپ، جۇليېتنىڭ تۈگەپ كەتكەن قىزىنىڭ قەبرە بېشىنى يوقلىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى 11-ئاينىڭ22-كۈنى جۇليېت سەكراتقا چۈشۈپ قالدى، لېكىن ئۇ ھيۇگۇ بىلەن تىياتىرخانا باشقۇرغۇچىسىنىڭ لوژىسىدا ئولتۇرۇپ تۈنجى قېتىم قويۇلغان «پادىشاھنىڭ خۇشاللىق تېپىشى»دېگەن درامىنى كۆردى. شۇ چاغدا فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ لوژىسىدا ئولتۇرغان ئىدى. كۆڭلى تەسكىن تاپقۇدەك ئاخىرقى شان -شۆھرەتكە ئېرىشكەن چاغدا جۇليېتنىڭ گېلىدىن سۇ چاغلىق نەرسىمۇ ئۆتمەس بولۇپ قالغانىدى. جۇليېت ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھيۇگۇ ئۇنى ساينىت مۇنت قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلدى، قاتتىق ھەسرەت چەكتى. ئۇ يېقىن دوستى ئاۋگۇست ۋاكرىنى جۇليېتنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، دوستى «بىزنى چىدىغۇسىز ماتەم قايغۇسىغا چۆمدۈرگەن بۇ ئادەم- بىر باتۇر ئايال... دېدى تەزىيە نۇتقى سۆزلەپ، ئۇ بىر قىسىم سىناقلارغا بەرداشلىق بەرگەنىكەن، ئۆزىگە تېگىشلىك شان- شۆھرەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.» بۇ تەزىيە سۆزى ئاۋگۇستنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ۋىكتور ھيۇگۇنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەر ئىدى.

ھيۇگۇ بۇ ئالىيجاناب ئايالنىڭ تەۋرەنمەس چىن مۇھەببىتىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. شۇڭا، جۇليېت تۈگەپ كەتكەن كۈنى ھيۇگۇ خۇددى بېشىدا چاقماق چاققاندەك بولۇپ، چوڭقۇر قايغۇ –ھەسرەتكە چۆمگەن ۋە شېئىر يېزىپ، مۇسىبەت قايغۇسىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن:«ئاھ، پەلەك! سېنىڭسىز مەن قانداق ياشايمەن؟ ئاھ خۇدا! جېنىمنى ئالغىن مېنىڭكى، كېچىكمە بىر كۈنمۇ، ھەتتا دەقىقە! بولمىسا بۇ دۇنيا ماڭا ھېچنىمە.»

ھيۇگۇ بىلەن جۇليېت 1832-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى تاساددىپى ئۇچرىشىپ قالغان، شۇ يىلى جۇليېت كىشىنىڭ مەستلىكى كەلگۈدەك 26 ياشقا كىرگەن چىرايلىق چوكان ئىدى. شۇ چاغدا، دېكلاماتسىيە ئارتىسى بولۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرگەن ھيۇگۇ تاساددىپى ئۇچرىشىپ قالغان بۇ چوكاندىن كۆزىنى ئۈزەلمەي، ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ قويغىلى تاسلا قالدى. «بەئەينى قەدىمكى يۇنان ھەيكىلى كىشىنى ئۆزىگە شەيدائىي ئەسىر قىلىۋالىدىغان پارىژ قىزىدەك ساھىپجامالغا ئۆزگىرىپ زالغا كىرىپ كەلدى.»

ھيۇگۇنىڭ نەزىرىدە جۇليېت ئادەتتىكى ئاياللارغا ئوخشىمايتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل ئىلتىجا، ساداقەتمەنلىك ۋە خۇرسەنلىك ئىپادىلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى.

ھيۇگۇ جۇليېتنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى توغرۇلۇق خېلى كۆپ ئىشلارنى ئىگىلىدى: جۇليېتنىڭ دادىسى تىككۈچى ئىدى، ئاتا-ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تاغىسى ئۇنىڭ ھامىيسى بولغانىدى.

ئاتا-ئانىسى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەچكە، 19ياشلىق جۇليېت شۇ يىلى ياتاقلىق مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مۇستەقىل تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىغان، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىتقىچە خىزمەت تاپالماي، بەكلا غەم ئىچىدە قالغان، كېيىن بىر ھەيكەلتاراشنىڭ مودېل ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇ سەنئەتكارنىڭ ئالدىغا بارغان، تۇرمۇش تەجرىبىسى كەم جۇليېت ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھەيكەلتاراش بىلەن نىكاھسىز بىر ئۆيدە تۇرغان، دەسلەپ بۇ ھەيكەلتاراش ھەرھالدا جۇليېتنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئەمما ئۇنى ئۆز ئەمرىگە ئېلىشقا ئۇنىمىغان ۋە ئۇزۇنغا بارماي ئۇنى تاشلىۋەتكەن. ئاخىر، بىچارە جۇليېت ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداپلا قالماستىن، يەنە يېڭىلا دۇنياغا كەلگەن قىزىنى بېقىشقا مەجبۇر بولغان. تۇرمۇشنىڭ مۈشكۈلچىلىكىدىن ئىلاجسىز قالغان جۇليېت بىر نەچچە «ھىمات» تېپىپ، «يېرىم ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتى»دە نام چىقارغان. لېكىن، ئارتىس بولۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغاچقا، بۇ «پاتقاق»تىن ئۆزىنى تارتقان.

جۇليېتنىڭ بەكلا ئازاب چېكىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ئاقكۆڭۈل ھيۇگۇ ئۇنىڭ بىر مۇھىت ئالماشتۇرۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلغان، لېكىن ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بەرگۈلۈك؟ ئۇنى ھازىرقى قىيىن ئەھۋالدىن قانداق قۇتۇلدۇرۇپ چىققۇلۇق؟ بۇ ئىش ھيۇگونىڭ ئەتىدىن كەچكىچە خىيالىدىن چىقمىغان. ئۇ جۇليېت بىلەن بولغان ئالاقىدە ناھايىتى ئېھتىيات قىلسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە ئۇنتۇيالمىغان.

شۇنداق قىلىپ، ئۇلار بىر خىل يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىۋەتكەن، ئىككىيلەننىڭ بۇ خىل تۇرمۇشى توپتوغرا 50يىل داۋام قىلغان.

1850-يىلى ئەكسيەتچى كۈچلەر غالجىرلىشىپ، ھيۇگۇ ئىنتايىن خەۋپ ئىچىدە قالغان.

ھيۇگو يامغۇردەك چۈشۈۋاتقان ئوققا قارىماي چوڭ كوچىغا قاراپ ئىتتىك ماڭغان.

نەگە بارىسىز؟ دېدى كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ، سىزنى ئېتىپ تاشلايدۇ. ئۆلۈشكە رازىمۇسىز؟

چاتاق يوق، دېدى ھيۇگو، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئۆلسەم مەيلى.

زەمبىرەك ئاۋازى بارغانسىرى كۈچلۈك ئاڭلىنىشقا باشلىدى، كىشىلەر بىر-بىرىگە يول بەرمەي قاچتى، شۇ ئەسنادا بىرى ئۇنىڭ ئالدىنى توستى.

ۋاي-ۋۇي، سىزمۇ بۇ يەردىمىدىڭىز! باياتىن دېرۇي خانىمنى (جۇليېتنى دېمەكچى)ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇ سىزنى ئىزدەپ يۈرىيدۇ. ھازىر ئۇ چوڭ قىرغىنچىلىق بولغان رايوننىڭ مەركىزىدە.

ھايات-ماماتلىق جىددىي پەيتتە، جۇليېت لېشىر كوچىسىدا ھيۇگو ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان جاي ھازىرلاپ قويغان. ھيۇگو ئۈچۈن جۇليېت بېشىغا ھەرقانداق بالا-قازا كېلىشتىن قورقمىغان.

بۇ چاغدا، ئۆيدە بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى، جۇليېتمۇ يوق ئىدى.جۇليېت ئوق تېگىپ ئۆلگەنمىدۇ؟ ئۇنى نەدىن ئىزدەش كېرەك؟ جىددىيلىشىپ قالغان ھيۇگو تىتىلداپ كەتتى. تۇيۇقسىز، ئىشىك ئېچىلىپ جۇليېت كىرىپ كەلدى!

كەلدىڭىزمۇ؟ كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالغان جۇليېت ھيۇگوغا قاراپ ئۆزىنى ئاتتى.ھيۇگونىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدىن يىغلاپ كەتتى.

ھيۇگونىڭ غېمىنى يىگەن جۇليېت خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالغان؛ ئەسكەرلەر جۇليېتنىڭ پېيىگە چۈشكەن، ئۇ قېچىپ يۈرۈپ ئاخىر يېپىپ قويۇلغان دەرۋازىنىڭ كەينىگە يوشۇرنۇۋالغان، شۇنداقتىمۇ يېنىدىلا جەسەتلەر ئۈستى-ئۈستىلەپ يېتىپ كەتكەن، بىر ئوغۇل بالىنىڭ چېكىسىگە ئوق تەگكەن، بىر موماي ئېڭىشكىنىچە ئۆزىگە قاراپ قالغان، شۇنداق ئەھۋالدىمۇ ھيۇگونىڭ تىرىك ياكى ئۆلۈك ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكى... دەك ئەھۋاللار كاللىسىغا كىرىۋالغان...

12-ئاينىڭ4-كۈنى، كوچا ئىستىھكاملىرىنى باتۇرلۇق بىلەن قوغدىغان كىشىلەر قۇربان بولدى. پارلامېنىت ئەزاسى ۋە بىرنەچچە مۇھىم كىشىلەرمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، بىر قانچە يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرى كوچىلاردا قان ئىچىدە قالدى...

12-ئاينىڭ6-كۈنى، ئۇزۇن ۋاقىتقىچە پارىژدا سەرسان بولۇپ يۈرگەن ھيۇگو ئاخىر دالدىلىنىش ئۈچۈن لېشىر كوچىسىغا كەلدى. ئۇ ئىشىك ئالدىدا جۇليېتنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.

بولدى، كىرمەڭ! ئۇلار سىزنى بايقاپ قاپتۇ، بۇ يەردىن تېز كېتەيلى.

شۇ ئەسنادا، بىر پەيتۇن كېلىپ قالدى، ئىككىيلەن پەيتۇنغا چىقىپ يۈرۈپ كەتتى.

جۇليېت بىرەر كۆڭۈلدىكىدەك پاناھلىنىدىغان جاينى تېپىشنىڭ كويىدا قالدى: ئالبېرتنىڭ خۇتۇنىنىڭ تۇغقىنى مېنفولېرنىڭ ئۆيىگە يوشۇرنىۋېلىش كېرەك. ئۇ جاينى بىرەرى كېلىپ ئاختۇرمايتتى. چۈنكى مېنفولېر ئائىلىسىكىلەر ناپولىئونپەرەس بولۇپ، كىشىلەر ئۇلاردىن گۇمانلانمايتتى.

12-ئاينىڭ 11-كۈنى، جۇليېت بىر پاسپورت (پاسپورتتىكى ئىسىم ژان ۋان ئىدى) ۋە بىريۇسسېلغا بارىدىغان پويىز بېلىتىنى قولغا چۈشۈردى، ھيۇگو باشقا بىر ئادەمنىڭ قىياپىتىدە ياسىنىپ شۇ پاسپورت بىلەن خەتەرگە قارىماي پارىژدىن ئايرىلدى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، جۇليېتمۇ بريۇسىېلغا كەلدى. ئىككىيلەن ئۇ يەردە بىر-بىرىگە يار- يۆلەك بولۇپ، خېلى بىر مەزگىل جاپالىق تۇرمۇش كەچۈردى. كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە، ھيۇگو پارىژدىكى خوتۇنىغا يازغان خېتىدە:«جۇليېت مېنىڭ قۇتقۇزغۇچى نىجاتكارىم، ئۇ بولمىغان بولسا مەن بۇرۇنلا جېنىمدىن ئايرىلىپ قالغان بولاتتىم. ئۇ ماڭا تولىمۇ سەمىمىي، 20يىلدىن بۇيان ماڭا باشتىن-ئاخىر سادىق بولۇپ كەلدى» دېدى.

1868-يىلى 8-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ھيۇگۇ خانىم ئەنگىلىيىگە قاراشلىق گانباسى ئارىلىغا كەلدى، ئۇ بۇ نۆۋەت مەخسۇس جۇليېتنى يوقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئىككىيلەن بۇرۇنقىدەكلا يېقىن ئۆتەتتى. شۇ يىلى كۈزدە، ھيۇگو جۇليېتنى ئېلىپ بريۇسسېلغا كەلدى، ھيۇگو خانىم جۇليېتنى خۇددى ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىدەك قارشى ئالدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ تۇنجى قېتىملىق كونا ئارازلارنىڭ يوقىلىشى بولۇپ قالدى. جۇليېت بىر نەچچە سائەت ھيۇگونىڭ رومانىنى ھيۇگو خانىمغا ئوقۇپ بەردى، يەنە تېخى بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، ئۆي ئىچى ئىناق كەيپىياتقا چۆمدى.

1883-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇليېت ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇپ، ھېچ نەرسە گېلىدىن ئۆتمىدى،كۈندىن-كۈنگە ئورۇقلاپ، ھيۇگونىڭ ئورىگىنالىنى كۆچۈرۈپ بىرەلمىگۈدەك ھالغا يىتىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ھيۇگوغا ئاخىرقى قېتىم مۇنداق بىر پارچە خەت يازدى:

«كۆڭلۈم تۆرىدىكى قەدىرلىكىم، كېلەر يىلى مۇشۇ چاغقىچىلىك ئەھۋالىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، لېكىن شۇ تاپتا ئۆزۈمنى بەخىتلىك ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىۋاتىمەن.چۈنكى، مەن بىر ئېغىز گەپ ئارقىلىق بىر ئۆمرۈم ئىسپاتلىغان ‹سىزنى سۆيىمەن›دېگەن نۇقتىنى بىلدۈرەلەيمەن. »بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇليېت ھيۇگوغا 1000پارچە سۆيگۈ مەكتۇبى يازغانىدى.

ھيۇگو بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقنىڭ خاتىرە كۈنى جۇليېتقا بىر پارچە سۈرەت (جۇليېتنىڭ سۈرىتى) تەقدىم قىلغان، سۈرەتنىڭ كەينىگە: «50يىل بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈش مانا بۇ ئەڭ بەختىلىك جورىلاردۇر.»دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىدى.

دەرھەقىقەت، جۇليېت ئىنتايىن رازى، بىر ئۆمۈر خوپلۇق كۆرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن باشتىن-ئاخىرى پۇشايمان قىلمىدى.

چۈنكى، ھيۇگو بىلەن جۇليېت كۈنلىرىنى باشتىن-ئاخىر كۆڭۈللۇك ئۆتكۈزدى.

ئىككىيلەن بىر-بىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئولتۇرماس قۇياش.

1883-يىلى 8-ئاينىڭ2-كۈنى، ھيۇگو قوشۇمچە ۋەسىيەتنامىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:«مەن 50مىڭ فرانىك پۇلۇمنى نامراتلارغا تەقدىم قىلىمەن. گېزى كەلگەندە، مېنى نامراتلارنىڭ جەسەت ساندۇقى ھارۋىسىدا قەبرىستانلىققا ئاپىرىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئۈچۈن بىرەر چېركاۋدا دۇئا-تىلاۋەت قىلىش بىھاجەت، كۈللى جاھاننى كېزىپ يۈرگەن روھىمغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. مەن خۇداغا ئىشىنىمەن. »

ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ، يەنى 1885-يىلى5-ئاينىڭ18-كۈنى ھيۇگونىڭ ئۆپكىىسگە قان تولۇپ كەتتى، بۇ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغانلىق بىلەن باراۋەر ئىش ئىدى. ھيۇگو كۈنلىرىنىڭ ساناقلىقلا قالغانلىقىنى ھېس قىلدى، ھوشسىز ياتقان چاغدا پاساھەتلىك شېئىرىي جۈملىنى تەستە ئىڭراپ ئېيتتى: «بۇ جايدا بىر مەيدان جەڭگە چۈشتى كېچە بىلەن كۈندۈز».

تۆت كۈندىن كېيىن، ھيۇگو ھوشسىزلىق ئىچىدە ئورۇق- تۇققانلىرى بىلەن ۋىدالىشىپ، كىشىلەرگە: «مەن قارا نۇرنى كۆردۈم» دېگەن ئاخىرقى سۆزىنى قالدۇرۇپ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى.

ھيۇگو ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا دۆلەت دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.5-ئاينىڭ31-كۈنى، يەنى ھيۇگو دەپنە قىلىنغان كۈنى پارىژ ئاھالىلىرى ۋە فىرانسىيىدىكى بارلىق شەھەرلەر مۇسىبەت قايغۇسىغا چۆمدى.ئىككى مىليون پارىژ ئاھالىسى سۆيۈملۈك يازغۇچىسى ۋىكتور ھيۇگونىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزاتتى. ھەرقايسى چوڭ كوچىلاردىكى خۇددى سەلدەك لۆمشۈپ تۇرغان كىشىلەر توپى كۆتۈرۋالغان لوزۇنكىلارغا «خارلانغانلار»،«93يىل» ۋە«كۈلگۈنچەك» دېگەن خەتلەر يېزىلغان، يوللاردىكى كوچا چىراغلىرىغا قارىلىق ئارتىلغان ئىدى.

بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا بىر پادىشاھ ياكى گېنېرالغا بېرىلگەن شان-شەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم بىر يازغۇچىغا بېرىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ 2005-يىللىق سانلىرى
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


بېتخوۋېن (1770-1827)


قىسقىچە تەرجىمھالى


بېتخوۋېن گېرمانىيىنىڭ مەشھۇر كومپوزىتورى، 1770-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى بونىن شەھىرىدىكى بىر مۇزىكانت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تۆت يېشىدىن باشلاپ دادىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پىئانىنو چېلىشنى ئۈگەنگەن، سەككىز يېشىدا سەھنىدە ئويۇن قويغان، 11يېشىدا پىئانىنو سوناتاسى يېزىشقا باشلىغان، 13يېشىدا ئوركېستىرغا قاتناشقان ھەمدە ئوردا قارمىقىدىكى دىنىي جەمئىيەتنىڭ باس ئىسكىرىپكىچىسى بولغان. بېتخوۋېن 1789-يىلى بونىن ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇغان، دەل شۇ يىلى فىرانىسىيدە بۇرژۇئازىيە بۈيۈك ئىنقىلابى پارتلىغان. ئۇ ئىنقىلابنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرىدە «ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىق ۋە جۇمھۇرىيەتلىك سىياسەت»تىن ئىبارەت غايىگە بولغان قىزغىن ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىگەن. 1792-يىلى بونىن شەھىرىدىكى كىنەزنىڭ ياردىمى بىلەن، مۇزىكاپايتەختى ۋېناغا كېلىپ مۇزىكا ئۈگەنگەن. ئەپسۇس، بەختكە قارشى قۇلىقى ئاغرىپ كېچە-كۈندۈز دېگۈدەك غوڭۇلداپ، ئاخىر ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتكەن. شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بېتخوۋېن كىشى ئەقلىنى لال قىلىدىغان غەيرەت-شىجائىتى بىلەن مۇزىكا ئىجادىيىتىگە بېرىلىپ، كۆپلىگەن مەشھۇر سىمفونىيىلەرنى يېزىپ چىققان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: توققۇز قىسىملىق سىمفونىيە، 32پىئانىنو سوناتاسى، بىر قىسىملىق ئىسكىرىپكا بىلەن ئورۇندالغان مۇزىكا، قىللىق چالغۇدا ئورۇندالغان تۆت ئاھاڭلىق مۇزىكا ئەسىرى ۋە «تەنتەنىلىك مىسا كۈيى»، ئوپېرا «فېدېيرىئو»قاتارلىقلار بار. توققۇز قىسىملىق سىمفونىيىنىڭ ئۈچىنچىسى «قەھرىمان»،بەشىنچىسى «تەقدىر»، ئالتىنچىسى «يېزا»، توققۇزىنچىسى «خور»، سىمفونىيە ۋە پىئانىنو سوناتاسى «ماتەم كۈيى»، «شادلىق»، «ئاي نۇرى»، قاتارلىق ئەسەرلىرىگە سەنئەتكارنىڭ نۇرغۇن قان- تەرى ۋە ساپ ھېسسياتى سىڭگەن بولۇپ، جامائەتچىلىك تەرىپىدىن مۇزىكا سەنئىتىدىكى مەشھۇر ئەسەر دەپ ئېتراپ قىلىنغان.

1820-يىلىدىن كېيىن، ئىككى قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ قالغان بېتخۋېن كىشىلەر بىلەن خەت يېزىش ئارقىلىق پاراڭلاشقان. شۇ ھالغا چۈشۈپ قالغان چاغلىرى ياۋروپا بويىچە بىرىنچى قاتاردىكى مۇزىكانت بولۇپ قالغان، لېكىن قاتمۇ-قات قەرزگە بوغۇلۇپ، بىر نەچچە پارچە بولكا تېپىشىمۇ بەكلا تەسكە چۈشكەن. ئۇ ئىككى قېتىم مۇھەببەتلەشكەن، ئەپسۇس، ھەر ئىككى قېتىمدا مۇھەببەت ئىلاھى قۇچاق ئاچمىغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئىنتايىن يالغۇزچىلىق تارتقان، جىيەن ئوغلىدىن باشقا، بىرەر يېقىن-يورۇقلىرىمۇ يوق ئىدى. بېتخۋېن بۇ جىيەن ئوغلىدىن كۆپ ياخشى ئۈمىدلەرنى كۈتكەن، لېكىن بۇ جىيەن ئوغۇل لايغەزەل بىر نېمە ئىدى.

1826-يىلى 11-ئايدا، بېتخۋېن ۋېنادا ئاغرىپ ئۆرە بولالماي قالغان. ئاخىر جىيەن ئوغلىغا ئۆزىنى دوختۇرغا ئاپىرىشنى ئېيتقان، ئەمما بۇ يارىماس ئەخمەق سىرتتا لاغايلاپ يۈرگەن ۋە ئۆزىنىڭ نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۇنتۇپ، ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئېسىگە ئالغان، ئەمما بۇ چاغدا بېتخوۋېننىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش قىلىنغان بولسىمۇ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەن. 1827-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى، بۇ ئۇلۇغ مۇزىكانت ئالەمدىن ئۆتكەن، شۇ يىلى 56 ياشتا ئىدى.


ۋەسىيەتنامە


قېرىندىشىم كال ۋە يوھان بېتخوۋېنغا:

ھەي! سىلەر مېنى كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلايدىغان، ئەسەبىيلەشكەن ياكى يامان ئىجتىمائىي ئادەتلەردىن نەپرەتلىنىدىغان ئادەم دەپ بىلىسىلەر ۋە ياكى ئۆزگىلەرنى مېنى شۇنداق ئادەم ئىكەن، دېگەن يەرگە كەلتۈرۈپ قويىسىلەر، ئۇلار ئاشۇ سىرتقى قىياپەتنىڭ ئارقىسىدىكى يوشۇرۇن سەۋەبنى بىلمەيدۇ! بالىلىق چاغلىرىمدىن باشلاپ قەلبىم ۋە روھىم مېھىر- شەپقەتلىك خۇلققا مايىل ئىدى، ھەتتا مەن دائىم دېگۈدەك بەزى ئۇلۇغ ئىشلارنى ئادا قىلىشنى ئويلايتتىم. لېكىن، سىلەر ئويلاپ بېقىڭلار، ئالتە يىلدىن بىرى سالامەتلىكىم بەكلا يامانلىشىپ كەتتى، قاپاق باش دوختۇرلار كېسىلىمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، يىللار ئۆتىۋەردى، مەنمۇ ئوڭلىنىپ قالارمەن دېگەن ئۈمىدتە ئالدىنىپ ئۆتىۋەردىم، ئاخىر «ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان كېسەل »ئىكەنلىكىنى بىلدىم. كېسىلىمنىڭ ساقىيىپ كېتىشىدىن تولۇق ئۈمىد بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن يىللار داۋالىنىشقا توغرا كېلىدىكەن. مەن ئەزەلدىنلا قىزغىن ۋە پائالىيەتچان ئىدىم، ھەتتا جەمئىيەتكە ماس كېلىدىغان ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىشىمۇ قولۇمدىن كېلەتتى، مەن ئاللىبۇرۇنلا ئىنسانلار بىلەن ئايرىۋېتىلىپ، غېرىبانە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدىم. ھەي! ئەگەر مەن بەزىدە بۇ مۈشكۇلاتلارنى يېڭەي دېسەملا مەجروھلۇقۇمدىن ئىبارەت بۇ پاجىئە رايىمنى ياندۇرۇپ قويىدۇ! لېكىن، مەن كىشىلەرگە :«ئۈنلۈكرەك سۆزلەڭ، بولمىسا ۋارقىراڭ، چۈنكى مەن گاس! » دېيەلمەيمەن! مەن «بىر خىل سەزگۈ ئەزايىم»دىن چاتاق چىققانلىقىنى كىشىلەرگە قانداق بىلدۇرىمەن؟ بۇ سەزگۈ ئەزايىم ئەسلى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن بولۇشى كېرەك ئىدى، دېمىسىمۇ ئىلگىرى مېنىڭ بۇ سەزگۈ ئەزايىم مۇزىكا ساھەسىدىكى ھەرقاندىقىنىڭكىدىن بەك ياخشى ئىدى... ھەي! بۇ مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ! شۇڭا كۈنلىرىمنى تەنھا ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ قالساڭلار، مېنى ئەپۇ قىلىڭلار، چۈنكى كۆڭلۈمدە كىشىلەر بىلەن بىللە بولغۇم بار. بېشىمغا كەلگەن بالا –قازا مېنى قاتتىق ئازاپتا قويدى، چۈنكى مېنى كىشىلەر خاتا چۈشىنىپ قالدى. كىشىلەر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە، نازۇك سوقا –سۆھبەتتە، بىر-بىرىگە كۆڭلىدىكىنى ئىزھار قىلىش داۋامىدا تەسەللى تاپىدۇ، ئەمما بۇ مەن ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس. غېرىبلىق بولغاندىمۇ قاتتىق غېرىبلىق ئىچىدە قالدىم. جەمئىيەتتە باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش زۆرۈرىيىتى بولغانسىرى مەنمۇ بۇنىڭغا شۇنچە جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم. مەن پەقەت ئۆزۈمنى ئۆزگىلەردىن قاچۇرۇپ، پىنھان دېگۈدەك ياشاپ كېلىۋاتىمەن، ئەگەر بىرەر گورۇھقا كىرىپ قالسام يۈرىكىم ئاچچىقتىن لەختە-لەختە بولۇپ، خەقلەر كېسىلىمنى بىلىپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.

شۇڭا، يېقىندا مەن يېزىغا بېرىپ ئالتە ئاي تۇرۇپ كەلدىم. مېنىڭ ئاقىلانە دوختۇرۇم: «ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاڭلاش سەزگۈيىڭىزنى ئاسراڭ» دەپ نەسىھەت قىلىپ كۆڭلۈمنى ئۇتۇۋالدى. جەمئىيەت بىلەن زادى ئۇچراشمىسام بولمايدىكەن،دەپ ئويلىغان چاغلىرىم ئىختىيارسىز كىشىلەر بىلەن ئارىلاشقۇم كېلىدۇ. ئەپسۇس، ئەتراپىمدىكى كىشىلەر يىراقتىكى نەي ئاۋازىنى ئاڭلىغان، مەن بولسام ئاڭلىيالمىغان ياكى ئۆزگىلەر پادىچى بالىنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغان، ئەمما مەن زادىلا ئاڭلىيالمىغان چېغىمدا بەكلا خورلىنىپ كېتىمەن! بۇ بىر قاتار تەجرىبىلەر مېنى ھەرھالدا ئۈمىدسىزلىك بالاسىغا مۇپتىلا قىلدى: ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىممۇ تەس ئىش بوپقالدى... «سەنئەت»، پەقەت سەنئەتلا مېنى تۇتۇپ قالدى. ئاھ! زىممەمدىكى ۋەزىپەمنى تولۇق ئادا قىلىپ بولۇشتىن ئىلگىرى بۇ دۇنيادىن ئايرىلغۇم يوق. شۇنداق قىلىپ، مەن بۇنداق پاجىئەلىك ھەقىقەتەن پاجىئەلىك تۇرمۇشۇمنى ئارقىغا سۈرۈپ كەلدىم. شۇنچىلىك ئاجىز بۇ تېنىم ئازراق ئۆزگىرىش بولسىلا ساغلاملىقى يوقالغان، يەنى كېسەل چىرماپ كەتكەن تەنگە ئايلىنىپ قالىدۇ! «چىداملىق بول !»خەقلەر دائىم ماڭا مۇشۇنداق دەيدۇ، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ، ئاشۇ سۆزنى ئۆزۈمنىڭ يول باشلىغۇچىم قىلىۋالدىم. مەندە سەۋرچانلىق بار... بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادەم ئۇزۇنغىچە، يەنى رەھىمسىز ئەزرائىل جېنىمنى ئالغانغا قەدەر بەرداشلىق بەرسىكەن دەيمەن... شۇنداق بولسىغۇ بەك ياخشى بولاتتى ياكى ئەكسىچە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى، بۇنىڭغا مەن ئاللىقاچان تەييارلىق كۆرۈپ قويدۇم...28ياشقا كىرگەن چېغىمدا ھەممە ئىشنىڭ تېگىگە يەتتىم، بۇ ماڭا ئاسان توختىمىدى؛ بۇنداق پوزىتسىيىنى ساقلاپ قېلىش بىر سەنئەتكار ئۈچۈن باشقىلارغا قارىغاندا تولىمۇ تەسكە توختايدىكەن.

ئاھ، خۇدا ! سەن ئاسماندا تۇرۇپ مېنىڭ يۈرىكىمگە ئاستا- ئاستا سىڭىپ كەتتىڭ، سەن ئۇنى تونۇيسەن، يۈرىكىمنىڭ ئىنسانلارغا بولغان قىزغىنلىقىنى، خەير-ئىېھسان ئاتا قىلىشتەك ئىستەكلىرىنى بىلىسەن! ئاھ، ئىنسانلار، سىلەر بىركۈنى بۇنى ئوقۇپ سالساڭلار، ماڭا قىلغان يولسىزلىقىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار...

سىلەر، قېرىندىشىم كال ۋە يوھان، مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئەگەر پروفېسسور سىمىتو ئۇ ئالەمگە كەتمىگەن بولسا، مېنىڭ نامىمدا ئۇنىڭدىن ئۆتۈنۈڭلار، يەنى مېنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىمنىڭ تەپسىلاتى بىلەن كېسەل تارىخىمنىڭ سىرتىغا بۇ خېتىمنى قوشۇپ قويۇڭلار، جەمئىيەت مەن ئۆلگەندىن كېيىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەن بىلەن ئەپلىشىپ قالسۇن... شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەن سىلەرنى ئۆزۈمنىڭ ئازغىنە مال –مۈلكۈمنىڭ ۋارىسى دەپ ئېتىراپ قىلىمەن. مال-مۈلكۈمنى ئادىل تەقسىم قىلىڭلار، ئىناق-ئىجىل ئۆتۈڭلار، بىرەرىڭلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار. بىلىپ قېلىڭلاركى، ماڭا سالغان زىيىنىڭلارنى ئاللىقاچان كەچۈرۋەتتىم. سەن، يەنى ئۇكام كال، سېنىڭ يېقىندىن بېرى ماڭا بىلدۇرگەن ساداقىتىڭگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. سىلەرنىڭ ماڭا ئوخشاش دەرد-غەم ئىچىدە ئۆتمەي، تېخىمۇ بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈشۈڭلارغا تىلەكداشمەن. «ئەخلاق»نى بالىلىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار: ئادەمنى بەختىلىك قىلىدىغىنى پۇل ئەمەس، ئەخلاق، بۇ مېنىڭ تەجرىبەم، بېشىمغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە، ماڭا يار يۆلەك بولغىنى ئەخلاق، ئۆلۈۋېلىش نىيىتىمدىن ياندۇرغىنى سەنئەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يەنىلا ئەخلاق بولدى... خەير-خوش، كۆڭۈللۈك ئۆتۈڭلار!... مەن بارلىق دوستلىرىم، بولۇپمۇ شاھزادە رىچونسىك ۋە پروفېسسور شىمېلتۇغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن... مەن شاھزادىنىڭ چالغۇسىنى ئاراڭلاردىن بىرەرىڭلارنىڭ ساقلاپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن(بۇ يەردە شاھزادە رىچونسىكنىڭ ئۆزىگە بەرگەن پىئانىنوسىنى دېمەكچى). لېكىن، بۇ ئىش تۇپەيلى ھەرگىز ئازارلىشىپ قالماڭلار. مۇبادا، سىلەرگە ياردىمى بوپقالسا، سېتىۋەتسەڭلارمۇ مەيلى، ھەرگىز ئىككىلىنىپ قالماڭلار، ئەگەر مەن قەبرەم ئىچىدە تۇرۇپمۇ سىلەرگە يەنىلا ياردەم قىلىشقا قۇربىم يەتسىدى، ئۇ چاغدا نە قەدەر خۇشال بولغان بولار ئىدىم – ھە !

ئىش شۇنداق بولسىدى، مەن شۇنچىلىك رازىمەنلىك بىلەن ئەزرائىلنىڭ ئالدىغا ئۇچۇپ بارغان بولاتتىم... ئەزرائىل مەن تېخى ئۆزۈمنىڭ بارلىق ئەزالىرىمنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا ماڭا تىكىلگەن بولسا، ئۇنداقتا شۇنچىلىك تەتۈر پىشانە بولساممۇ، ئەزرائىل تولىمۇ بالدۇر بېشىمغا دېۋەيلەپ كەلدى، دەپ ئويلايمەن. لېكىن ،شۇنداق بولسىمۇ خۇشال بولاتتىم، ئەزرائىل مېنى قاتمۇ-قات ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقالىسا كاشكى؟ ئۆلۈم ماڭا قاچان كېلىشنى خالىسا شۇ چاغدا كېلىۋەرسۇن! مەن باتۇرلۇق بىلەن قارشى ئالىمەن... ئەلۋىدا، ئۆلۈپ كەتسەم مېنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭلار، مېنى سېغىنىپ قالىسىلەر، چۈنكى مەن ھايات چېغىمدا پات-پات سىلەرنى ئەسلەپ، بەخىتلىك بولۇشۇڭلارنى تىلەيتتىم. ئىلاھىم، بەخىتلىك بولغايسىلەر!

... شۇنداق قىلىپ، سىلەر بىلەن ۋىدالىشىدىغان بولدۇم... راستىمنى ئېيتسام كۆڭلۈم بەكلا بۇزۇلۇۋاتىدۇ... شۇنداق، مېنىڭ ئۈمىدىم... ئەقەللىي بىر مەلۇم چەك ئىچىدە سەللىمازا ساقىيىپ كېتىش ئۈمىدى... مېنى تاشلىۋەتتى، خۇددى كۈز كۈنلىرى دەرەخ يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ خازان بولۇپ كەتكەندەك... بۇ ئۈمىد مېنىمۇ دەرەخ يوپۇرمىقىدەك خازان قىلىۋەتتى. ھەر ھالدا مەن كەلگەن چاغدىكىگە ئوخشاش... مەن كەتتىم... كۆڭۈللۈك ياز كۈنلىرى ماڭا تالاي قېتىم يار-يۆلەكتە بولغانىدى، ئۇمۇ غايىب بولدى... ئاھ، قۇدرىتى ئۇلۇغ ئىگەم، ماڭا بىر كۈنلۈك ساپ شاد –خۇراملىق ئاتا قىلغىن... ئۇزاق بولدى، مەن شاد –خوراملىقنىڭ سېھىرلىك سادالىرىنى ئاڭلاپ باقمىدىم... ھە ... قاچان... ئاھ، خۇدا...مەن قاچان تەبىئەت بىلەن ئىنسان چېركاۋىدا خۇشاللىق تاپىمەن... مەڭگۈ خۇشاللىق تاپالمايمەن... ياق... ھەي، بۇ بەكمۇ رەھىمسىزلىك!

قېرىندىشىم كال ۋە يوھان، مەن ئۆلگەندىن كېيىن ۋەسىيىتىمنى ئوقۇپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرۈڭلار.

1802-يىلى 10- ئۆكتەبىر


ۋەسىيەتنامىنىڭ سىرى


بۇ يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان ۋەسىيەتنامە. بۇنىڭدا بېتخوۋېننىڭ كەڭ قورساقلىقى، جاھىللىق بىلەن ئىزدىنىشى ، چەكسىز قايغۇ- ھەسرىتى، سۈكۈت ئىچىدىكى سەۋر-تاقىتى، غەرەزسىز تەقدىم ئېتىش روھى ئىپادىلەنگەن.

بېتخوۋېننىڭ ھاياتى جاپا-مۇشەققەت ۋە غېرىبسىنىش ئىچىدە ئۆتكەن ھايات. ئۇنىڭ دادىسى، ئاپىسى داڭلىق مۇزىكانت، لېكىن دادىسى تۇرمۇشتا شاللاق، ئىرادىسى ئاجىز، شۇڭا ئائىلىدە تۇرۇپ خاپىلىق، تۇرۇپ خۇشاللىق چاغلار دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرغان، دادىسى ئۇنىڭغا قاتتىق تەلەپ قويغان. يەنى بېتخوۋېن تەمتىلەپ ماڭغان چاغلىرىدىن باشلاپ، دادىسى ئۇنى تىزىغا ئولتۇرغۇزىۋېلىپ پىئانىنو چېلىشنى ئۆگەتكەن. تالانتلىق بېتخوۋېن ئالتە ياش ۋاقتىدىلا سەھنىگە چىقىپ كارامىتىنى كۆرسەتكەن، ئالاھىدە تالانتى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئەپسۇس،بېتخوۋېن ئۈچۈن ئېيتقاندا، جاپالىق كۈنلەرمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭلا باشلانغان. مۇزىكا دەرسلىكىمۇ تولا ئۆزگىرىپ، ئۆلچەملىك سېستىمىسى بۇزۇلۇپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭ مۇزىكىنى ئوڭۇشلۇق ئۆگىنىشىگە چوڭ توسالغۇ بولغان، ئاخىر بېتخۋېن بارغانسىرى كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلىمايدىغان غەلىتە مىجەزلىك بالا بولۇپ قالغان.

بېتخوۋېن 11 يېشىدا گېرمانىيىلىك كومپوزىتور كرىستىئان گېتروب نېفونى ئۇستاز تۇتتى. نېفو مۇزىكا بىلىملىرىنى ئۆگىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئېستېتىكا، پەلسەپە توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلاتتى، نۇقۇل مۇزىكانتلارنى تەربىيلەشنىلا مەقسەت قىلماي، ئادەم تەربىيلەشنىمۇ كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. بېتخوۋېن 12 ياشقا كىرگەن يىلى مۇئەللىمنىڭ ياردىمى بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، ئۇستازىنىڭ ئورنىدا باشقىلارغا مۇزىكا ئۆگەتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى باشلاندى، كېيىن ۋېناغابېرىپ بىلىم ئاشۇردى. لېكىن، ئائىلىدە كۆڭۈلسىزلىك ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈلمىدى: ئاپىسى ئالەمدىن ئۆتتى، دادىسى ھاراققا بېرىلىپ كەتتى، ئائىلىنىڭ ئېغىرچىلىقى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ زىممىىسىگە چۈشتى، دەل شۇ مەزگىللىرى بېتخۋېن ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان تاۋى نازۇك ياش ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئىشلارغا بەرداشلىق بېرىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ، ياش بېتخوۋېن پۈتۈن ئېغىرچىلىقنى ئۈستىگە ئالدى. ئۆزىنىڭ «تەقدىرنىڭ گېلىنى مەھكەم سىقىمەن»دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىگە ئەمەل قىلىپ، ئائىلە باشلىقى، ئوقۇتقۇچى ۋە چالغۇچى ئۇستاز بولۇش مەجبۇرىيىتىنى باتۇرلۇق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن تولۇق ئادا قىلدى، ۋۇجۇدىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ئۇنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە يار-يۆلەك بولدى، غەيرەتكە كېلىپ كۈرەش قىلىشقا ئىشەنچ ۋە شىجائەت بېغىشلىدى.

كەسپى ئىشلاردىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە گۈزەل كېلەچەك بېتخوۋېننىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولۇشقا باشلىغاندا، دېزىنتېرىيە ۋە كېزىككە ئوخشاش كېسەللىكلەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاڭلاش سەزگۈسى ئاجىزلىشىشقا باشلىدى ۋە بارا-بارا بۇ رەھىمسىز رېئاللىقنى ئېتراپ قىلدى. ئەمەلىي ئەھۋالنى باشقىلارغا ئېيتماسلىققا قانداقمۇ يۈرىكى چىدىسۇن... ئاڭلاش سەزگۈسى پۈتۈنلەي ئاجىزلاپ كەتكەن كومپوزىتور قانداقمۇ مۇزىكا قەسىرىدە پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟! ئۇ ئۈندىمەستىن ئازاپ-ئوقۇبەتكە بەرداشلىق بەردى، ئاخىر يۈرىكى ئېغىر ئازابقا چىداشلىق بىرەلمىدى ۋە يىقىن دوستى ئاۋانداغا ھەقىقىي ھېسسياتىنى ئاشكارىلىدى:

«سېنىڭ بېتخوۋېنىڭ شور پىشانە ئىكەن، تەبىئەت ۋە ياراتقۇچى ئىگەم بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن تالاي قېتىم ياراتقۇچى ئىگەمنى تىللاپ قارغىدىم، ئۇ ئۆز بەندىلىرى بىلەن قىلچە كارى بولماي، چىرايلىق گۈللەرنى ھە دېسىلا نابۇت قىلىۋەتتى، ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، مېنىڭ جىسمىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسەم-ئاڭلاش سېزىمىم بەكلا يامانلىشىپ كەتتى. سەن بىلەن بىللە بولغان چاغلىرىمدا بۇ ئالامەتنى ساڭا چاندۇرمىغان ئىدىم، مانا ئەمدى بارغانسىرى يامانلىشىپ كېتىۋاتىدۇ...»

بېتخۋېن زادى نېمە سەۋەبتىن گاس بولۇپ قالىدۇ؟ 1801-يىلى 6-ئايدا ئۇنىڭ دوستىلىرىغا يازغان خېتىدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاڭلاش سېزىمىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىشىنى ئۇنىڭ قورساق قىسمىدىكى كېسەللىكتىن كۆرۈشكە بولىدۇ. بىر ئالدامچى دوختۇر ئۇنى مۇزدەك سۇدا يۇيۇنۇشقا بۇيرۇغان. يەنە بىر دوختۇر ئۇنىڭغا دوناي دەرياسى بويىغا بېرىپ ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش توغرۇلۇق مەسلىھەت كۆرسەتكەن. شۇ بويىچە ئىش كۆرگەن بېتخوۋېننىڭ قورساق ئاغرىقى ئوڭلىنىپ قالغان، ئەمما ئاڭلاش سېزىمى بارغانىسىرى ناچارلىشىپ كەتكەن، ئاخىرى بېرىپ قۇلىقى كېچە-كۈندۈز غوڭۇلداپ، پۈتۈنلەي گاس بولۇپ قالغان. بۇ ئىش ئېغىر كەلگەن بېتخوۋېن ئامال بار كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەن، چۈنكى، ئۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرگە مەن گاس دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چىقىرالمايدۇ-دە. ئەگەر، باشقا بىر كەسپ بىلەن شۇغۇللانغان بولسىدى، يەنە ئانچە چېنىپ كەتمەيتتى. لېكىن، مۇزىكا كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان كىشى ئۈچۈن گاسلىق تولىمۇ قورقۇنچلۇق كېسەل –دە. غەم-ئەندىشە ئىچىدە پۇچۇلىنىپ يۈرگەن يىللىرى بېتخوۋېن قەلىب دەرىزىسىنى تاقىدى، پۈتۈنلەي ئاڭلاشتىن قالغان قۇلىقى ئۇنى ئىجتىمائىي ئالاقىدىن قول ئۈزۈشكە مەجبۇر قىلدى. بۇ ھال بېتخوۋېننىڭ يۈرىكىنى پارە-پارە قىلىۋەتتى. «كۈنلىرىم تىنىچ، جىمجىت ئۆتۈپ كېتەمدۇ، ياق، مېنىڭچە ئۇنداق تۇرمۇشقا كۆنمەيمەن»راستىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭدا پۈتۈن كۈچى بىلەن كېسەل ئازابىغا تاقابىل تۇرۇشتىن باشقا ئىلاج قالمىغانىدى. ئۇنىڭ كۆپلىگەن مەشھۇر ئەسەرلىرى ئەنە شۇ مەزگىللىرى روياپقا چىققان.

شۇ مەزگىللىرى بېتخوۋېن كۈنلىرىنى يالغۇزچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەنسىرى توي قىلىشنى، شۇ ئارقىلىق ئىللىق بىر ئۆي –ماكانغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلدى، ئاخىر بىر كۈنى يېقىن دوستى ئېگناتىسقا مۇنداق خەت يازدى: «توي قىلاي دەيمەن، كۆڭۈلدىكىدەك بىرەر جورا تېپىشىمغا ياردەملەشكەن بولساڭ. تەقى –تۇرقى چوقۇم چىرايلىق بولسۇن، بەلكىم ئۇ تۇرمۇش رېتىمىمنى بۇزۇۋېتەمدۇ تېخى. مۇبادا بىرەر ئۈمىد بولۇپ قالسا، دەرھال مەن بىلەن ئالاقىلەشكىن. تەقى –تۇرقى چوقۇم چىرايلىق بولسۇن، مېنىڭ سەتلەرنى سۆيۈشكە ھەپسىلەم يوق، بولمىسا ئۆزۈمنى سۆيۈشتىن باشقا ئامال قالمايدۇ.»

مىجەز-خاراكتېر جەھەتتىن ئېيتقاندا، بېتخوۋېن يالغۇزچىلىققا كۆنىدىغانلاردىن ئەمەس، ئۇ چىرايلىق بىر ئايال، بەخىتلىك نىكاھنىڭ ئۆزىگە نېسىپ بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان، ئەپسۇس، مۇھەببەت ئۇنى ئەڭ بەخىتسىز ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى.

دەسلەپ بېتخوۋېن بىر گراف خانقىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن، بۇ گراف خانقىز ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە بىر گرافقا ياتلىق بولغان،توي قىلىپ تۆت يىلدىن كېيىن ئېرى ئالەمدىن ئۆتكەن، شۇ چاغدا گراف خانىم تۆتىنچى بالىسىغا ھامىلىدار بولغان. ئۇ كۈنلىرىنى جاپالىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان چاغلىرى بېتخوۋېن ھەركۈنى ئۇنى يوقلاپ تۇرغان، شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن بارا-بارا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان. ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئىككىيلەننى بەخىتلىك قىلغان، شۇنداقلا بىرمۇنچە ئازابلىق ئۈمىدسىزلىكنىمۇ ئېلىپ كەلگەن. قىز تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىر ئاقسۆڭەك بىلەن ئاددىي بىر مۇزىكانتنىڭ توي قىلىشىغا زادى قوشۇلمىغان. بېتخوۋېنغا ياتلىق بولۇش نىيىتىگە كەلگەن گراف خانىم ئۇزۇن ۋاقىت زىددىيەتلىك ئىچكى كۈرەش ئارقىلىق، ئاخىر ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاپىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەر-خوتۇنچىلىق مېھىر-مۇھەببەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دەپ ھېسابلاپ، دادىسىدىن ۋاقىتىسىز ئايرىلغان بالىلىرىنىڭ ياخشى تەربىيىگە ئېرىشىشىنى كۆزلەپ، بېتخوۋېن بىلەن بولغان ساپ مۇھەببەت رىشىتىنى ئۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. تۇنجى مۇھەببەتتە يۈرىكى شېكەستىلەنگەن بېتخوۋېنمۇ گراف خانىمدىن ئىلاجسىز ئۈمىدىنى ئۈزگەن ۋە ئەر-خوتۇنچىلىق مېھىر –مۇھەببەت مەدھىيىلەنگەن ئوپېرا«فېدېيرىئو»نى يازغان.

ئىككىنچى قېتىم بېتخوۋېن بىر مەشھۇر دوختۇرنىڭ جىيەن قىزى مارخاتېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، مارخاتېي چاچلىرى قېنىق قوڭۇر، بۈدۈر كەلگەن، مىجەزى ئوڭلۇق، ئۆزى تېتىك، ۋېنادىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئەڭ چىرايلىق قىزلاردىن ئىدى. بىچارە بېتخوۋېن ئۇ قىزدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي قالغان بولسىمۇ ، لېكىن بەڭۋاش بۇ قىز ئۇنى بىردەم ئۈمىدلەندۇرۇپ قويسا بىردەم ئۇنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ، ئۇنى كۈن بويى دەككە-دۈككە ئىچىدە قويغان ۋە ئاخىر سۆيگۈ تەلىپىنى رەت قىلىۋەتكەن. «مەيلى نېمىلا بولسۇن، سەن، بىچارە بېتخوۋېن ئۆزگىلەردىن بەخىتكە ئېرىشەلمىدىڭ.» بۇ قېتىمقى ئېغىر زەربە كۈچىدىن بېتخوۋېن «ئېلىسقا ھەدىيە» ناملىق سوناتانى ئىجاد قىلغان.

كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە، بېتخوۋېن فرانكفوردلۇق شائىرنىڭ سىڭلىسى بېتتىنانى، ئايال ناخشىچى ئامارىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئەپسۇس، ئىش كۈتكەن يەردىن چىقمىغان. مۇھەببەت ئۇنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرالمىغان، شۇنداقلا ئۇنى غېرىبچىلىقتىنمۇ خالاس قىلالمىغان، ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ چوڭ بەخىتسىزلىككەمۇپتىلا قىلغان. ئۇ كۈندىلىك خاتىرىسىگە: «تۇرمۇشنىڭ پۈتكۈل مەنىسى ئالىيجاناب ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىشتا، تەڭدىشى يوق سەنئەتتە!» دەپ يازغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بېتخوۋېن مۇھەببەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، سەنئەتتىن ئۆزىگە تەسەللى تاپماقچى بولغان.

بېتخوۋېن بىر سەنئەتكار، شۇنداقلا ئاددىي بىر ئادەم. ئۇ كۆڭلىدىكى گەپلەرنى ئۆزگىلەردىن يوشۇرۇپ يۈرگەچكە، بەزىلەر ئۇنى ئىچى يامان دېيىشكەن؛ ئۆزىنى مۇھەببەتتىن قاچۇرۇپ يۈرگەچكە ، بەزىلەر ئۇنى شەپقەتسىز دېيىشكەن. شۇنداق، قىسمەت مۇشكۈلاتلىرىدا تازا چېنىققان ئادەملا شىددەتلىك ئېقىندا باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ! پىچاق بىسى بەكلا نېپىز بولسا، ئوڭايلا يېنىپ كېتىدۇ! بېتخوۋېن ۋۇجۇدىدا ئىشىق –مۇھەببەت تازا ئۇرغۇپ تۇرغاچقا ، ئىشىق –مۇھەببەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەن، كىشىلەردىن ئۆزىنى تارتىپ يۈرگىنى دەل ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ئىشىق –مۇھەببەت ئەسر قىلىۋالغانلىقتىن بولغان. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىگىچە بارلىق كىشىلەرگە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغان. ئۇرۇق –تۇغقانلىرىغا خۇددى شەپقەتكاردەك كۆڭۈل بۆلگەن.

مەنبە: دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ 2005-يىللىق سانلىرى
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

没有评论:

发表评论

发表评论