2009年4月27日星期一

Edebiyatning nuri we sayisi



ئەدەبىياتنىڭ نۇرى ۋە سايىسى


(نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى غەربنىڭ يازغۇچىلىرىغا، شەرقنىڭ مىللىي ساتقۇنلىرىغا بېرىلىدىغان مۇكاپات)


****************************
ئىلاۋە: ئاكىمىز ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىسىنى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدە يېڭىچە تەپەككۇر دۇنياسىدا كېزىمەن. شۇڭا سەلكىنداشلارنىمۇ ئوقۇپ باقسىكەن دېگەن، مەقسەتتە بۇ تېمىنى يوللاشنى لايىق كۆردۈم. سىلەرنىڭمۇ چوقۇم ياقتۇرىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن!
-ئەفىيفىي
*******************





بۇنىڭدىن 120 يىل بۇرۇن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىياۋشىڭ شەھىرىدە جۇشۇرىن ئىسىملىك بىر بالا دۇنياغا كەلدى.ئۇ ئۆسۈپ يىتىلگەن يىللاردا چەتئەللەرنىڭ جوڭگۇغا بولغان تاجاۋۇزچىلىقى كۆچەيگەن ،چىرىك مانجۇ خانلىقىنىڭ دۆلەت ئىچىدە خەلىقنى باستۇرۇش ،ئەجنەبىيلەرگە قارىتا خوشامەت قىلىشتەك پاسسىپ ھاكىمىيەتچىللىكىدىن ۋەتەن مۇنقەرىزلىككە،مىللەت قۇللۇققا يۈزلەنگەن ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق دەۋىر شارائىتى ۋە 1900-يىلدىكى سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ دېڭىزدىن جوڭگۇغا بېسىپ كىرىشىدەك بىر قاتار تاجاۋۇزچىلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن ،جوڭگۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيەسى بولۇشى كىرەكلىگىنى ھىس قىلىپ ،نەنجىڭ دېڭىزچىلار مەكتىۋىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ.ئۇ ئوقۇش جەريانىدا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇش ئۈچۈن ساغلام كىشىلەرنىڭ لازىملىقى،لىكىن شۇ دەۋىردە ئەجنەبىيلەر تەرىپىدىن «شەرىقنىڭ كىسەل كۆرپىسى»دەپ ئاتالغان جوڭگۇلۇقلارنىڭ بۇ ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقىنى تونۇپ ،دوختۇرلۇقنى ئۈگۈنۈپ ،مىللەتنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەخسىدىدە ياپونىيىنىڭ شەنتەي تىببىي تېخنىكومىدا ئوقۇيدۇ.
ئوقۇشنىڭ 2-يىلى مەكتەپتە ئېقىم مەسىلىللىرىگە ئائىت بىر كىنو قويۇلىدۇ .فىلىمدە ياپونلارغا ئەسىرگە چۈشكەن بىر جوڭگولۇقنىڭ ياپون ئەسكەرلەر تەرىپىدىن كاللىسى ئېلىنغاندا ،شۇ مەيداندىكى ياپونىيىلىك ئوقۇغۇچىلارغا قوشۇلۇپ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ تاماشا كۆرۈۋاتقان جوڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ غۇرۇرسىز-بىپەرۋا كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلىدۇ.بۇ نۇمۇسسىزلىقنى كۆرگەن جۇشۇرىن ئىنتايىن خورلۇق ھىس قىلىدۇ ۋە شۇ مەيداندىلا بۇنداق شارائىتتا دوختۇرلۇقنى ئۈگۈنۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىش ئەمەسلىگىنى ،مەزلۇم مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇنى روھىي جەھەتتىن قۇتقۇزۇش-داۋالاشنىڭ بارلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇقەددىمىسى ئىكەنلىگىنى بۇنىڭ ئۈچۈن «ئەدىبىيات -سەنئەتنىڭ كىشىلەرنىڭ روھىنى داۋالايدىغان ۋە ئۆزگەرتىدىغان ئەڭ ئۆتكۈر قورال »ئىكەنلىگىنى تونۇپ ،دوختۇرلۇقتىن ۋاز كىچىپ ۋەتەنگە قايتىپ ،ئەدەبىياتنى كەسىپ قىلىپ ،يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .مانا بۇ، جوڭگۇ يېڭى مەدىنىيەت ھەركىتىنىڭ ئۇلۇغ بايراقدارى لۈشۈن ئەپەندى ئىدى.

شۇنداق ،ئەدەبىيات ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەرنى تەۋەللۇت ئەيلىدى.300 يىللىق ياۋرۇپا ئەدەبىيات-سەنئەت ئويغىنىشى ئوتتۇرا ئەسىر خارابىيلىقىدا گۈللەنگەن سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈردى .ئەدىبىيات ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى كىشەنلەرگە ئوت ئېچىپ ئىنسانلارنى قۇللۇققا ،مۇستەملىكچىلىككە قارشى كۆرەشكە چاقىرىپ كەلدى.ئىرقىي كەمسىتىش تۈزۈمى قامچىلانغان رومان «تام تاغىنىڭ كەپىسى»ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش -ئامرىكىدىكى جەنۇپ-شىمال ئۇرىشىنى قوزغىدى.ئەدەبىيات ئېغىر مەغلۇبىيەت ،ئۈمۈدسىزلىك گىرداۋىدا سەكرات ئازابىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان ئىنسانغا قايتىدىن ھاياتى كۈچ ،ئىشەنچ ۋە ئۈمد ئاتا قىلالايدۇ . ئەدىبىيات جاللات قىلىچىغا مەردانىلەرچە يۈزلەنگەن قەھرىماننىڭ ئاخىرقى ئارمانلىرىنى تولغاق ئازابىدىكى ئانىنىڭ چۈشلىرىدە قايتا نامايەن قىلالايدۇ .توغرا،ئەدەبىيات ئاتوم -يادىرو بومبىللىرىنى ياسىيالمايدۇ ،لىكىن ئۇنى ياساشقا ياكى يوقۇتۇشقا باشلىيالايدۇ .ئەدەبىيات دەرھال ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدۇ ،لىكىن ئۇ ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىپ ئېچىرقىغان ئۆلگەن قەلىبلەرنى ئىشغال قىلالايدۇ-ئويغىتالايدۇ. شۇڭلاشقا بۈيۈك مۇتىپەككۇر شائىرىمىز ھەزرىتى نىزامىدىن ئەلشىر نەۋائى «خەمسە»سىدە : «مەن چىرىك تارتماي جوڭگودىن خۇراسانغىچە بولغان تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتىنى ئۆز پەرمانىمغا كىرگۈزدۈم »دىسە ،بالزاك : «ناپالىئون قورال بىلەن باشقا ئەچچىقالمىغان ئىشلارنى مەن قەلەم بىلەن ئورۇندايمەن »دىيەلىگەن.
دىمەك ،يازغۇچى شائىر ئۆز قەلبىنىڭ قات-قېتىدا قەھىرلىك ھەم مۇلايىم ھىسسىياتىنى ،ھەقىقەت ،مۇھەببەت،شان-شەرەپ ۋە ئىپتىخارىنى ، پىداكارلىقىنى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە دەھشەتلىك نەپرەت ۋە قىساسىنى ھەر ۋاقىت ساقلاش ئارقىلىق ،ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن شۇنداق مەخسەتكە يەتسۈنكى -كىشىلەر ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سېلىپ ئۇلارغا بەختسىزلىك ۋە مەغلۇبىيەتلىرىدىكى يۈكسەك سەلتەنىتىنى ھىس قىلدۇرسۇن . ئۇلاردا شەرەپ دەپ بىلسىمۇ ئىرىشەلمەيۋاتقان باتۇرلۇق ،مۇستەھكەم ئېتىقاد،ھىسىداشلىق ،ئۈمۈد ۋە پىداكارلىق روھىنى قوزغاپ ،چىدام ،بەردەم بىلەن جاسارەت ۋە ھىممەتنى ئاشۇرۇشقا چاقىرسۇن.مىللەتنىڭ مەخسەتكە يىتىش يولىدىكى قوزغاتقۇچ كۈچ بولسۇن .ئۇ شۇنداق ئەسەرلەرنى ياراتسۇنكى ،بىزنىڭ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىمىزدەك «تۆت تەرەپ تەڭ ھۇۋلىشىپ،سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە ئېلىشىپ قانغا بويال ،نومۇسنى ھەرگىز ساتمىغىن»دەيدىغان قىممەتلىك ھىسسىيات ئۇنىڭ مىسرالىرىدىن چاچراپ تۇرسۇن . شۇنداقلا مەمتىلى تەۋپىقىمىزدەك «ئويغا ن مىللەت، يۇرتۇڭنى سەن قۇتۇلدۇر،مەكتەپ بىلەن چىراق ياققىن نۇر تولدۇر،پۈتسۇن ئەمدى زۇلمەت دەۋرى ئىستىبدات، شۇم تەقدىردىن-قارا كۈندىن بول ئازات»دىيەلەيدىغان ئۆزىنىڭ شانلىق چاقىرىق كۈچىنى ئەسىرلەر بويى ئەبەدىي يوقۇتۇپ قويمايدىغان ھىكمەتلىك جۈملىلەرنى ياراتسۇن.ناپالىئون ئىتالىيە يۈرۈشىدە ئالىپ تاغلىرىدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ : «مەن ئالىپ تېغىدىنمۇ يۈكسەك تۇرىمەن»دىگەن ئىكەن.بۇ نىمە دىگەن ئەزىمەتلىك .مانا بۇ ھەقىقىي مەغرۇرانە روھ.
لىكىن ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ ئىسىدىن چىقارمىسۇنكى ،ئۇنى ياراتقان فىرانسىيە ۋە ئۇنىڭ كەينىدىكى جەڭگىۋار ئارمىيە بولمىسا ئىتىپاقداش قوشۇن ئۇنىڭ كۆتىگە تىپىپ فىرانسىيەگە قوغلىۋەتكەن بولاتتى .فىرانسىيەلىكلەر ھازىرغىچە ئۇنتىمايدۇكى،ناۋادا ناپالېئون بولمىغان بولسا ،فىرانسىيە ئىتىپاقداش قوشۇنغا ھەتتا جەڭمۇ ئېلان قىلالمىغان بولاتتى.
دىمەك :تالانت ۋە ئىقتىدار ئىگىسى بىلەن ئەشۇ تالانتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن خەلق بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ.تالانت ئىگىسىنى قەدىرلەيدىغان خەلق بولمىسا ئۇ ئۆز قابىلىيىتىنى نامايىش قىلالمايدۇ ھەم شۇنداقلا تالانت ئىگىسى دۇنياغا كەلمىسە ،بۇ خەلىقنىڭ ئۇيقۇسى بۇخاراغا كىتىدۇ .يازغۇچىنىڭ كىم ھەم نىمە ئۈچۈن يېزىقچىلىق قىلىدىغانلىقى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قات-قېتىدىن گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدۇ.قانداقلا ئەسەرنى ئوقۇماڭ،ئۇ ئاپتۇر قەلبىنىڭ سىقىپ چىقارغان جەۋھىرىدۇر.ئۇنى ئوقۇغاندا مەزكۈر يازغۇچى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈپ سۆزلەشكەندىنمۇ ئارتۇق ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.يەنى ئاپتۇرنىڭ سىزنى جەلپ قىلغۇدەك ئىددىيەسى ،ئىپادىلىگۈدەك ئېنىق بىر كۆز قارىشى بولمىسا ،ئۇنىڭ ئەسەرلىرىمۇ كىشىگە مۈجىمەل ئېنىقسىز تەسىرات بىرىدۇ.
شۇپىنخاۋىر بۇ خىلدىكى يازغۇچىلارنى «ئۇلار ئۆز پىكىرلىرىنى سىرلىقلاشتۇرۇپ ،ھەر خىل شەكىللەرگە كىرگۈزۈشكە ئۇرىنىدۇ .ئۇلارنىڭ پىكىرلىرى تۇتۇق،ئۇلار گۇڭگالىقنى ياخشى كۆرىدۇ .چۈنكى شۇنداق بولغاچقىلا ئۆز بېشىدىن ئۆتمىگەن كەچۈرمىشلەرنى يەنى ئۆزىدە بولمىغان نەرسىلەرنى چاندۇرماي يېزىپ چىقىدۇ.بۇلار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئېنىقلىق دەرىجىسى كەم بولىشىدىكى سەۋەپلەر دەپ سۈپەتلەپ ،تۇتۇق،مۈجىمەل ئىپادىلەش ئۇسىلىنىڭ 99%تى ئىددىيىنىڭ مۈجىمەللىگىدىن كىلىدۇ »دەپ كۆرسىتىدۇ.ئېنىق بىر دۇنيا قاراشقا ۋە ياكى تۇرمۇش بىلىمىگە ئىگە بولغان ئادەم ئۆز چۈشەنچىللىرىنى ئېنىق بىۋاستە شەكىلدە ئىپادىلەپ چىقىدۇ.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇزۇندىن ئۇزۇن مەنىسىزلىكلەردىن خالى بولۇپ ،بۇ ئوقۇرمەننى ھەرگىز زىرىكتۇرۇپ قويمايدۇ.
بىر ياخشى ئەسەرنىڭ ئالاھىدىلىكى دادىللىقى ،مول تەسەۋۋۇر كۈچى قاتارلىقلار ئاپتۇرنىڭ ئەسلى ئۆزىدە ،ھەركىتىدە،تۇرمۇشىدا مەۋجۇت بولىدۇ بۇلارغا ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ئىرىشكىلى بولمايدۇ.يەنى بۇ ئالاھىدىلىك بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا يوشۇرۇنغان بولسا، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇنى ئويغۇ تالايمىز.ئەگەر ۋۇجۇدىمىز قۇپقۇرۇق بولسا بىز بىر ھوزۇرلانغۇچى بىر ئەگەشكۈچى ،خالاس.يازغۇچىنىڭ ئىددىيىسى ئەتراپتىكى مەۋجۇدىيەتنىڭ تەپەككۇر نەتىجىسىدە ئۇنىڭ مىڭىسىدە ئەكس ئەتكەن ئىنكاسىدىن ئىبارەت.بۇ ئىنكاس ئۇنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتىنىڭ ساپلىق دەرىجىسىگە قاراپ يا ئۇنداق يا بۇنداق بولىدۇ.
نىكولاي ئوستىرۋىسكىي بىلەن بورس پاستىرناك ئوخشاش بىر ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدا ياشىغان بولسىمۇ،ئۇلار ياراتقان پولات «قانداق تاۋلاندى »بىلەن «دوختۇر رىۋاگو» دىكى تۈپتىن زىتلىق ۋە ئىككى خىل ئىددىيە دەل مۇشۇ ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. يەنى پاستىرناك ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كىيىنكى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى «پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى ۋە بەربات قىلدى»دەپ ئاھ ئۇرسا،ئوستىرۋىسكى «ئىنسانىيەت تولۇق ئازاتلىققا ئىرىشىپ ،يىپيېڭى بەختىيار دەۋىرگە قەدەم قويدى»دەپ مەدھىيلەيدۇ.
مىسىر «ئەدەبىيات ئۇچۇرى»نىڭ 1995-يىلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا مىسىر جەمىئىيىتىدىكى ساقچىلارغا ۋە داۋالغۇۋاتقان دۆلەت ئىناۋىتىگە قارىتىلغان تىرورلۇق سۈيقەستلەر زىيالىلار ساھەسىدىكى «غەرىپنىڭ ئىددىيە ئەركىنلىگىنى تەرغىپ قىلغۇچى ۋە راۋاجلاندۇرغۇچى »دەپ سۈپەتلەنگەن زاتلارغىچە كىڭەيگەن .بۇنىڭ بىرىنجىسى بولۇپ «مىسىر پىروزىچىلىقىنىڭ ئاتىسى» 1988-يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن نەجىپ مەھپۇز سۈيقەستكە ئۇچرىغان .بىراق ئۇ ئامان قالغان .شۇ سەۋەپتىن مىسىر زىيالىلار بىرلەشمىسى 1994-يىلى 27-ئۆكتەبىردە رەسمىي قۇرۇلۇپ،كوللىكتىپ كۈچ ئارقىلىق ئەنئەنىۋى مەدىنىيەتنى ۋە دىننى قوغداش نامىدىكى رادىكال تەشكىلاتلارغا قارشى تۇرۇپ،ئىدىيە ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىگىنى قوغداشقا بەل باغلىدى، دىيىلگەن.
بۇنداق ۋەقەلەر ئالجىرىيە قاتارلىق ئىسلام مەدىنىيىتى قويۇقراق بولغان بىر قانچە مەملىكەتلەردىمۇ يۇقرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ئالجىرىيەدىكى بىر ئۆكتىچى تەشكىلات «قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نام چىقىرىش غايەت زور مىقداردىكى »ئەدىبىيات مۇكاپاتىغا ئىگە بولۇش،فىرانسىيە ئاھالىسىدىن سىرت فىرانسوس تىلى قوللىنىدىغان دۆلەتلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشىش قاتارلىك سەۋەپ بىلەن ئانا تىلىدا ئەمەس بەلكى فىرانسوس تىلىدە يېزىقچىلىق قىلىدىغان «ئالجىرىيە مەدىنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان نەچچە ئون ئالىم ،شائىر،يازغۇچچىنى ئەر ياكى ئايال دىمەستى ئۆلتۇرگەن »شۇنداقلا بەزى گىزىتلەرمۇ غەرپ دۇنياسىغا يۈزلەنگەن بۇ كىشىلەرنى «ۋەتەن مىللەتنىڭ خائىنى »دەپ ئەيىپلەپ ،ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋىتىشنى ئاشكارە قوللىغان.
بۇنىڭدىن باشقا ،ئەرەپ ئەللىرىدىكى ئىسرائىلىيە يازغۇچىللىرى بىلەن مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان بىرنەچچە يازغۇچى قاتتىق ئەيىپلەنگەندىن كىيىن ئەرەپ يازغۇچىلار ئىتىپاقىدىن چىقىرىۋىتىلگەندە مەزكۈر يازغۇچلار ۋە بىر قىسىم غەرىپنىڭ تەشۋىقات ۋاستىللىرى «بۇنداق چىكىدىن ئاشقان بىكىنمىچىلىك ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلار»غا قاتتىق ئىتىراز بىلدۈرگەن.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى ،100 يىل بۇرۇن فىرانسىيە خىمىيە ئالىمى پاستىر گىرمانىيە ئارمىيەسى فىرانسىيەگە تاجاۋۇز قىلغاندا گىرمانىيەنىڭ داڭلىق بونن ئونۋىرستتىتىنىڭ پەخرىي ئۇنۋان كىنىشكىسىنى قايتۇرىۋەتكەن .ئۇنىڭ مۇرەسسەچى دوستلىرى ئۇنى ئەيىپلەپ «ئىلىم -پەننىڭ دۆلەت چىگرىسى بولمايدۇ»دەپ نەسىھەت قىلغاندا، پاستىر قەتئىيلىك بىلەن : «ئىلىم-پەننىڭ دۆلەت چىگرىسى بولمىغىنى بىلەن ئالىملارنىڭ ۋەتىنى بولىدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگەن .دانىيەنىڭ مەشھۇر بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ئاندىرسىن گىرمانىيە دانىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئۆزىنىڭ گىرمان دوستى گىراف ئاۋگوستېنبورگ بىلەن دوستلۇقنى ئۈزگەنلىكىنى ئاشكارا جاكالىغان.
ئەجەپلىنەرلىك يىرى، غەربنىڭ ئەرەپ يازغۇچىلار ئىتىپاقىنى مۇتەئەسسىپلىكتە ئەيىپلىگەن تەشۋىقات ۋاستىللىرى بۈگۈنگە قەدەر پاستىر ۋە ئاندىرسىننىڭ يۇقۇرقىدەك ھەركىتىنى يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك دەپ مەدھىيلەپ كەلمەكتە .شۈبھىسىز كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ،غەرىپلىكلەر ھەر ۋاقىت چىخوفنىڭ «خامېلىيۇن»دىگەن ھىكايىسىدىكىدەك ئۆزگۈرۈشچانلىققا ئىگە.بۇ خىل ئۆزگۈرۈشچانلىق ئۇلارنى ئۆز زىمىنىدا بىر تۈپ دەرەخنىمۇ خالىغانچە كىسىشكە بولمايدىغانلىقى،بىر پارچە ئوتلاقنىمۇ ئاسراپ قوغدايدىغانلىقى،ئادەتتىكى شەخىسلەرنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىدەك ھەركەتلىرى بىلەن باشقا ئەللەرگە ئۆزىنىڭ يۈكسەك دىمگۇراتتىيەدىكى دۆلەت ئىكەنلىگىنى كۆز-كۆز قىلىپ تۇرسىمۇ ،بىراق ئۇنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى خاتىمىسىدە -ياپونىيىنىڭ تەسلىم بولىشى مۇقۇملىشىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ سوۋت ئىتىپاقىغا ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىش مەخسىدىدە ياپونىيەدىكى ئىككى ئارالغا ئاتوم بومبىسىنى تاشلاپ 300مىڭدىن كۆپرەك بىگۇنا پۇقرانىڭ ئۆلىشى ۋە يارىدار بولىشىغا سەۋەپچى بولۇشى، يۇگۇسلاۋىيەدىكى ئىراقتىكى،ئافغانىستاندىكى تەھدىتكە ئۇچرىغان مەنپەئەتى ئۈچۈن مىڭلىغان ئونمىڭلىغان بىگۇنا خەلىقلەرنى بومباردىمان قىلغان قىلمىشلىرى ،ئۇرۇش سەۋەبىدىن يامراۋاتقان لەكمىڭ -لەكمىڭ مۇساپىرلار قوشۇنى ،ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان شەھەر،كەنت يېزا-قىشلاقلار...بىزنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى تۆۋەن كالا مىجەز ئادەملىرىمىزدىمۇ گۇمان قوزغايدۇ ئەلۋەتتە.

شەرقتە يۇقۇرقىدەك بىر قاتار ئاتالمىش «زامانىۋىلىشىش »تەرەپدارلىرى بىلەن ئەن-ئەنە تەرەپدارلىرى ئوتتۇرسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بىرىۋاتقان چاغدا 1994-يىلى ئامرىكىنىڭ دىپلوماتتىيە پەسىللىك ژورنىلىدا مۇنداق ماقالە ئېلان قىلىندى: «يېقىنقى زاماندىكى ئۇرۇشلا پادىشالار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشلار دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشلار ھەم دىنىي ئۇرۇشلار شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى.ئەمدى 4- باسقۇچ مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشقا كىرىپ كەلدى ....نۆۋەتتە غەرىپ مەدىنىيىتى دۇچ كىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۈشمەن كوڭزىچىلار مەدىنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدىنىيىتىدىن ئىبارەت .شۇڭا بىز ،ئامرىكا ۋە غەرىپ مەدىنىيىتى ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ،كوڭزىچى دۆلەتلەر بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرىگە رەڭگا -رەڭ شەكىللەر بىلەن مەدىنىيەت ئىكىسپورتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ،ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ ،غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ سىياسى،ئىقتىسادى،ھەربىي ئۈستۈنلىكىنى ساقلاپ قېلىشىمىز كىرەك . »دىيىلگەن.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ،غەرىپلىكلەر مەدەنىيەت ئامىلىنىڭ سىياسى،ئىقتىسادى،ھەربىي جەھەتتىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ ئاساس ئىكەنلىگىنى ھىس قىلغان ۋە ئەمىلىي تەدبىر تۈزگەن.
بىراق شەرىقنىڭ ساددا، كۆڭلى ياخشى مەدىنىيەت ئەرباپلىرى مەدىنىيەتنىڭ ماھىيەتلىك تەرىپىنىمۇ تونۇپ يىتەلمىگەن .ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆز خەلقىگە ئۆزىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى ئەخمەقلەرچە ئۆز مىللىتىنى باشقا مىللەتلەرگە تونۇتۇش،دەپ چۈشەنگەن.
بىزنىڭ كەلگۈسىمىز چوقۇم بۈگۈنىمىزنىڭ راۋاجى .شەرق بىلەن غەرىپنىڭ بۈگۈنى ئۇلارنىڭ تۈنۈگۈنكى تارىخىنىڭ داۋامى ،ئەلۋەتتە.
دىمەك شەرق بىلەن غەرپ بېسىپ ئۆتكەن ئۇزۇن مۇساپىدا مىلادىدىن بۇرۇنقى ئىمپىراتور ئىسكەندەرنىڭ شەرىققە يۈرۈش قىلىشىدىن ،مىلادىدىن كىيىنكى ئەھلى سەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىغىچە،ناپالىئوننىڭ ئوسمان ئىمپىرىيەسى زىمىنىغا بېسىپ كىرىشىدىن ئەپيۈن ئۇرۇشى ۋە ئامرىكىنىڭ ۋىيتنام ،چاۋشەنگە بېسىپ كىرىشى ۋە ئىراقنى بومباردىمان قىلىشىغىچە بولغان تارىخى جەريان شەرق مىللەتلىرىدە غەرىپلىكلەرگە قارىتا ئايىغىنى چىقىرالمايدىغان ئاداۋەتنى ساقلاپ كەلدى.يەنە بىر تەرەپتىن مىلادى 5-ئەسىرلەردە ھونلارنىڭ ياۋرۇپاغا بېسىپ كىرىپ ،شىمالدا بالتىق دېڭىزى،جەنۇپتا دوناي دەرياسىنى پاسىل قىلىپ ،ياۋرۇپانى بۆسۈپ ئۆتۈپ تاكى ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىغىچە بولغان ياۋرۇپا ھون ئىمپىرىيەسىنى قۇرۇشى ،7-8-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئىسلام بايرىقى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خىرىستىيان ۋە رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ خارابىيلىقىغا ،چىركاۋ،مىسا ،ۋە قوڭغۇراق ئاۋازلىرى ئورنىغا ئۆزىنىڭ زەپەر بايرىقىنى قاداپ ،مەسچىت سېلىپ،ھاياتى كۈچىگە تولغان تەگبىر ۋە ئەزان توۋلاشلىرى ،13-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا چىنگىز موڭغۇللىرىنىڭ ھازىرقى روسسىيەدىن كىسىپ ئۆتۈپ ھونگىرىيە،چىخ-سىلوۋاكىيە ،پولشالارغىچە بېسىپ كىرىشى ،ئوسمان تۈرۈكلىرىنىڭ مىڭ يىل دەۋر سۈرگەن ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسىنى ھالاك قىلىشى ۋە ياۋرۇپانىڭ يۈرۈكى خىرىستىيانلارنىڭ سىموۋوللۇق شەھىرى كونىستانتىپولنىڭ ئۇلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ ،مەڭگۈلۈك ئىستانبولغا ئۆزگەرتىلىشىدەك بىر قاتار تارىخى ۋەقەلەر غەرىپلىكلەرنىڭ قان قېنىغا ئۆچمەنلىك ئۇرىقىنى تېرىپ ،ئۇلارنىڭ شەرق مىللەتلىرىگە قارىتا «ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىنى ۋەيران قىلغۇچىلار »ئىسلام ئەللىرى مەدىنىيىتىنى «ئازراقمۇ پەلىسەپە پۇرىقى بولمىغان خىيالى تەسەۋۋۇر ۋە دىنىي شەرىئەتتىن باشقا ھىچ نەرسىگە ئىگە ئەمەس»دەپ ھاقارەتلەپ كەمسىتىدىغان قاراشقا ئىگە قىلدى.
ئۇلارنىڭ قىسمەن ئالىملىرىدىن باشقىللىرى ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى غەرىپتە مەيدانغا كەلگەن دەيدىغان «غەرپ مەركەزچىلىك» نەزىرىيەسىنى تەرغىپ قىلدى . «دونكىخوت»نىڭ ئاپتورى سىرۋانتىس تۈرۈكلەرنى «تېگى پەس ،ياۋايى»دەپ تىللىسا،ئە.ر.ئىنادەك ئالىملارمۇ ئۇلارنى«مەدىنىيەتسىز،ۋەھشى»دەپ سۈپەتلىدى . ئامرىكىنىڭ ئىلىم-پەن تارىخى مۇتەخخەسىسى گىورگى ساتون «شەرق ۋە غەرىپنىڭ ئىلىم-پەن تارىخى» دىگەن ئەسىرىدە شەرىقنىڭ تارىخىنى ئەسلەپ : تەجرىبە ئىلمى،ماتىماتىكا،ۋە ئىلىم -پەننىڭ ئومۇمىي شەكلىنىڭ ئۇرىقى شەرقتىن كەلگەن ...شۇڭا تەجرىبە ئىلمى غەرىپنىڭ نەۋرىسى بولماي ،بەلكى شەرىقنىڭ كىيىنكى ئەۋلادى »دىگەن .كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئەسلىدە تەجرىبە ئىلمىنىڭ دادىسى شەرق ،ئانىسى بولسا غەرپ ئىدى.
ئېيتايلۇق ،غەرىپلىكلەر تەرىپىدىن «مەدىنىيەتسىز-ياۋايىلار »دەپ قارالغان تۈركىي خەلىقلىرىنىڭ 11-ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ ئالىمى ئەبۇ رەيھان بىرونىي ئەشۇلار ئاسترنومىيەدىكى بۈيۈك ئىنقىلاپ دەپ كۆككە كۆتۈرگەن ،ئۆزىدىن بەش يۈز يىل كىيىن ياشىغان كوپىرنىكنىڭ «قۇياش مەرگەز»تەلىماتىنىلا ئەمەس،ئۆزىدىن 600 يىل كىيىن ياشىغان ،يەنە شۇ غەرىپلىكلەر تەرىپىدىن مىخاينىكىغا دەۋر بۆلگۈچ تۆھپە قوشقان دىيىلگەن گالىلىي ۋە نىيوتوننىڭ جىسىمنىڭ ئەركىن چۈشۈش قانۇنىنىمۇ ئۆزىنىڭ «ئەل قانۇن مەسئۇدىي»ناملىق تەبىئەت پەنلىرى قامۇسلىرىدا ئوتتۇرغا قويۇپلا قالماي ،ھەتتا،19-ئەسىردىكى ئۈچ چوڭ كەشپىياتنىڭ بىرى سانالغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەبي شاللىنىش قانۇنىنىمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ بولغان ئىدى.بىراق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ كۈچى بىلەن دۇنيا سەھنىسىدە زومىگەرلىك ئورنىغا ئۆتىۋالغان غەرىپنىڭ ئەمىلىي كۈچى شەرىقتىن ئاستا-ئاستا ئۆتۈپ كەتتى.ۋە تەبىي ھالدىلا ھەرقايسى ساھەلەردە ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ مونۇپوللىقى باش كۆتۈردى.
بۇ خىل مونۇپوللۇق سىياسى-ئىقتىزادى ساھەلەر بىلەن چەكلىنىپ قالماي باشقا ساھەلەردىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى . گۇگۇل ،پوشكىننىڭ تەسىرىنى روسلارنىڭ قۇدرىتىدىن،شىكسىپىرنىڭ دۇنياۋى شۆھرىتىنى ئىنگىلىزلارنىڭ چەكسىز كەتكەن مۇستەملىكە رايونلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمىغىنىدەك ،شەرق مىللەتلىرىنىڭ مىللىي مىراسلىرى ۋە كىلاسسىكلىرىنىڭ جاھان مەدىنىيەت مۇنبىرىدە كۆزگە كۆرۈنمەسلىگىنى ئۇلارنىڭ غەرىپكە بېقىنغۇچىلىق ئورنىغا چۈشۈپ 2-نومۇرلۇق مىللەتكە ئايلىنىپ قالغىنىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئېنىقكى ،شەرىق نۇرغۇن جەھەتلەردىن ئۆز مۇستەقىللىقىنى يوقۇتۇپ بارماقتا .بۇ خىل يوقۇتىش ئىچكى ئامىللارنىڭ ماسلىشىشى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئورۇندالماقتا.بۈگۈنكى كۈندە شەرىقلىقلەرنىڭ ھاكىمىيەت ،ھەربىي-ئاپارات،تېخنىكا -سانائەت،پەن-مەدىنىيەت ساھەلىرىنىڭ قايسىسىدىلا بولمىسۇن غەرپنىڭ كونتۇروللىقىنى ھەر ۋاقىت ھىس قىلىپ تۇرىۋاتىمىز.غەرىپتىن ئىبارەت بۇ قورچاقبازنىڭ ئىدارىسىغا چۈشۈپ قالغان شەرىقنىڭ قورچاقلىرى ئۆزىنىڭ مەۋجۇت ھالىتىدىن نىمىلەرنى ھىس قىلالىدى؟
زىددىيەتلەر كۈنسىرى ئاشكارىلانماقتا ۋە كەسكىنلەشمەكتە...كۈنسىرى ئۆتكۈرلىشىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىدە ھەركەتچان ۋە ئۆزگۈرۈشچان قۇتۇپلار تېخىمۇ ھەركەتچانلىققا ۋە ئۆزگۈرۈشچانلىققا قاراپ يۈزلەنمەكتە.خىرىستىيان مەدىنىيىتى ،ئىسلام مەدىنىيىتى ،ۋە بۇددا ۋە كوڭزى مەدەنىيەتلىرى قورشاۋىدا تۇرغان ب د ت مۇ ئۆزىنىڭ نىزامنامىسىدىكى مۇقەددەس ھوقۇقنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى يوقۇتۇپ ،ئېغىرلىق مەرگەزلىرىنىڭ سۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ ،.ئېغىپ ماڭدى .مانا مۇشۇنداق ئۆزگۈرۈشچان دۇنيا ۋەزىيىتىدە بىزنىڭ شەرق ئەدەبىياتىمىز نىمە روللارنى ئوينىدى؟؟ئۇ شەرىقلىقلەرگە نىمىلەرنى بىرەلىدى؟
1988-يىلى مىسىرلىق نەجىپ مەھپۇز ئۆزىنىڭ «ئۈچ كوچا تىرولوگىيىسى»بىلەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.روماندا يەتكىچە گاڭگىرىغان ،شەرەپلىك ئەن-ئەنىللىرى ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن تولۇق گۇمران بولغان مىسىر جەمئىيىتىنىڭ غەرىپتىن كەلگەن ماتىريالىستىك ئىددىيەنىڭ تەسىرىدە ئويغا نغانلىقىدىن ئىبارەت ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن ئىدى.
1982-يىلى دۇنيا ئەدىبىيات ساھەسىدىكى مۇتلەق نوپۇسلۇق كىشىلەر پارىژدا پۈتكۈل دۇنياغا تۈركىيىلىك يازغۇچى ياشار كامالنىڭ «مەمەت ئاۋاق»رومانىنىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى دۇنيادىكى«ئەڭ ئۇلۇغ رومان» ئىكەنلىگىنى جاكالىدى رومان ئەينى دەۋردىكى مۇستاپا كامالنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىقى دەۋر سۈرگەن مىللىي ئاڭ ۋە مەدەنىيەت ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ،دۆلەت قانۇنىدىن تارتىپ شەخسىلەرنىڭ كىيىنىشىگىچە غەرپلىشىش دولقۇنى ئەۋج ئالغان دەۋر شارائىتىدا يېزىلغان بولۇپ ،تۈركىيە دىھقانلىرىنىڭ ئاددىي-ساددا،چىداملىق،باتۇر ،ئۆزگۈرۈشچان روھىي ھالىتى بىلەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سىياسى زومىگەر،،چىرىك مۇستەبىت،ئاچكۆز ،شەپقەتسىز خاراكتىرىنى يورۇتۇپ بىرىلگەن .ياشار كامال مەمەت ئاۋاقتىن ئىبارەت بۇ سەرگەردان خەلق قەھرىمانىنى نەجىپ مەھپۇزدەك قانداقتۇر چەتئەلدىن كەلگەن ئىددىيە بىلەن ئۇچراشتۇرماي ،ئەينى دەۋردە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلغان، ئەنئەنىۋى مۇقەددەس ئىدىيىنىڭ سىمۋولى بولغان پەرھات ئىمام بىلەن يۇغۇرۇپ، ئۇلۇغ بىر روھنى دۇنياغا كەلتۈرگەن.
دەل مۇشۇ نوقتىدا «مەمەت ئاۋاق» رومانى «ئۈچ كوچا تىرولوگىيىسى» بىلەن مۇتلەق قارىمۇ قارشىلىققا ئىگە.
نىمە ئۈچۈن مەمەت ئاۋاق نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشەلمەيدۇ؟
شەرق بىلەن غەرپنىڭ ئۈستۈنلۈك تالىشىشى ئۈچۈن بولىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادىكى بۇ شەكىلسىز ۋە ئۈن -تىۋىشسىز كۈرەشتە كەسكىن قىلىپ ئېيتىمىزكى ،"نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىستىراتىگىيىلىك قورالى .بۇ قورال غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ شەرق تۇپرىقىدا ئاستا-ئاستا ئومۇملىشىشى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئوينىسا ،مۇقەددەس ئەجداتلىرى ۋە ئەن-ئەنىللىرىنى ئۇنتۇش ھەم ئىنكار قىلىش دەرىجىسىگە يېتىپ كەلگەن ھازىرقى شەرقلىكلەرنىڭ ئۆزلۈك ئىڭىنى ئويغۇ تۇش ،ئۇلۇغ مىللىي روھىنى ئورنىدىن دەست تۇرغۇزۇش مەقسىدى ئۈچۈن پاسسىپ رول ئوينايدۇ .تۈركىي خەلىقلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى ياشار كامالنىڭ «مەمەت ئاۋاق» رومانى بىلەن نەجىپ مەھپۇزنىڭ «ئۈچ كوچا تىرولوگىيىسى» يۇقۇرقىدەك غەيرى غەرەزلەردە ئۆز -ئارا قارشىلىقنىڭ نەمۇنىسىدۇر.
ئېنىقكى ،غەرىپلىكلەر يەنى ئەينى دەۋردىكى ئەھلى سەلىپچىلەرنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ «نوبىل ئەدىبىيات مۇكاپاتى»نى قانداق ئادەمگە قانداق ئەسەرگە بىرىش توغرۇلۇق ئېنىق مەيدانغا ۋە كۆز قاراشقا ئىگە شۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ياشار كامال ئەمەس، نەجىپ مەھپۇز، «مەمەت ئاۋاق» ئەمەس، «ئۈچ كوچا تىرولوگىيىسى» جەلپ قىلغان.
قىسقىسى،1964- يىلى «نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ ،ئېلىشنى رەت قىلغان فىرانسىيەلىك پەيلاسوپ ساترىينىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا ،«نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى غەرىپنىڭ يازغۇچىللىرىغا ،شەرقنىڭ مىللىي ساتقۇنلىرىغا بىرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر».دىمەك ،شەرق ئەدەبىياتىدا ماددىي مۇكاپات ۋە مەنىۋى شان-شەرەپ تەمەسى بىلەن ،ئۆز مىللىتىنىڭ جان كۆيەر يول باشچىسى بولۇش ئوتتۇرسىدىكى يوشۇرغۇسىز زىددىيەت ئاشكارىلانماقتا.شەرق ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز خەلقىگە نىمىلەرنى بىرەلىشى دەل بۈگۈنكى شەرىقلىقلەرنىڭ ئىنتىلىشى ۋە ئۆز -ئۆزىنىڭ مەۋجۇد ھالىتىنى ،ئۆزلىرىگە نىمە كىرەكلىگىنى ھىس قىلالىشىدىكى تەپەككۇر ئىقتىدارىغا باغلىق.قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ،شەرق ئەدەبىياتىنىڭ ئەتىسى شەرقلىقلەرنىڭ ئەتىسىدۇر.شەرىقنىڭ خاسىيەتلىك بىر پارچىسى بولغان رايونىمىزغا نىسبەتەنمۇ ئەدەبىيات بىلەن ئەدىپنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تەسىرى تولىمۇ تۆۋەن مۆلچەرلەنمەكتە .ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى بولسا ،بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچى بىر دەۋرنىڭ ،بىر ئەۋلاتنىڭ ئىنژىنىرىدۇر . ئەمما ئەدەبىياتىمىز ۋە زور كۆپچىلىك ئەدىپلىرىمىز بۇ نوقتىدا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنىڭ ئورنىغا ،نوقۇل «رىيال تۇرمۇشنىڭ ئەكس ئەتتۈرگۈچىسى »لىك سالاھىيىتى بىلەن يېزىقچىلىق قىلىپ كەلدى.
ئەدىپلىرىمىز ۋە ئەدەبىياتىمىز بىزنىڭ تارىخىمىزنى ئەزگۈچى باي -پومىشچىكلار بىلەن ،ئىزىلگۈچى كەمبەغەللەر ئوتتۇرسىدىكى سىنىپىي كۆرەش ،خاراكتىرىمىزنى ناخشا -ئۇسۇلغا ماھىر ،مىھماندوست،ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغان ،چىرايلىق ئائىلە قۇرۇپ ،بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش،پارلاق كەلگۈسىمىزنى پەن -تېخنىكا بىلەن قوراللىنىپ زامانىۋىلىشىز ،دېگەندەك تەركىپلەر بىلەن سۈرەتلەپ بەردى .بۇ خىلدىكى ئاددىي ھەم مەۋھۇم تەركىپلەر بولسا ،تەپەككۇرى ۋە ئۈمد تەمەسى ئۇنىڭدىنمۇ ئاددىي ئوقۇرمەنلەرنى يىتىشتۈردى.
يۇقارقىدەك بىر قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ،بۇ خىلدىكى ئوقۇرمەنلەر مۇھىت ۋە ئاڭنىڭ قوش تەرەپلىك مۇناسىۋىتىگە ئەمەس بەلكىم نوقۇل ھالدا بىر تەرەپلىمە مۇناسىۋىتىگىلا چوقۇنۇپ كەلدى.ئەدەبىياتىمىز ۋە قىسمەن ئەدىپلىرىمىز خەلقىمىزگە بىر بولسا خۇراپاتلىق ۋە فىئودالىزىمنىڭ قالدۇق ئاسارىتىدە ياشاۋاتقان يېزىلارنى ،مەھەللىلەرنى،ئۇرۇق-تۇققانلارنى «زامانىۋىلاشقان يېڭى ئاڭغا ،يېڭى قىياپەتكە ئىگە قىلىش»مەخسىدىدە ئىزدىنىۋاتقان ئالىي مەلۇماتلىق ياشلارنىڭ ئوبرازى بىلەن ئۇلارنىڭ «كونىلىقتىن قۇتۇلغان روھىي دۇنياسى»نى «يېڭىلىق»-«تەرەققىيات»سۈپىتىدە تاڭدى.
بىر بولسا «نادان-قالاق »دىيارىمىزغا ياۋرۇپادىن قۇياشقا مىنىپ كەلگەن بىر بالىنىڭ سىماسىنى سىزىپ بەردى،قويۇق ئۆزگىچىلىككە ئىگە بوستانلىق ۋە مەھەللىۋى مەدەنىيەت ئۆزىگىلا خاس بولغان مۇھەببىتى ۋە نەپرىتىدىن ئايرىلىپ،ئومۇمىيلىققا مەجبۇرلاندى...پەقەت يېقىنقى يىللارغا كەلگەندىلا ئەدەبىياتىمىز ئۆز خەلقىنىڭ يىلتىزى ،ئىتنىك تەركىبى،قايغۇ-ھەسرىتى ،خوشاللىقى ۋە تەقدىر-ئىستىقبالى توغرىسىدا ئىزدىنىشكە باشلىدى. «بىز كىم؟»دىگەن سوئال ئالدىن ئويغا نغان يازغۇچى -ئەدىپلىرىمىزنىڭ مۇھاكىمە تىمىسىغا ئايلاندى. ئېغىر مەسئۇلىيەت بەدىلىگە ھامىلدار ساناقسىز سۇئاللار سوئاللار ئالدىمىزدە دۆۋىلىشىپ تۇرماقتا.بىز تارىخىمىزنىڭ نادانلىق ،مەھكۇملۇق بىلەن تولغان ئۆتمۈش بەتلىرىدىن ئۆزگىلەرنىڭ قويغان يول بەلگىللىرى بىلەن ئىسسىق جېنىمىزنى ۋە ھىساپسىز ئەلەم-ھەسرەتلىرىمىزنى يۈدۈپ بۈگۈنگە ئۇلاشتۇق.دەر ھەقىقەت ،ئەدىپ يازغۇچىللىرىمىز بىزنىڭ ئىستىقبالىمىزغا ،تەقدىرىمىزگە ،ماڭىدىغان مۇساپىلەرگە ئالدىن يول بەلگۈسى قادايدىغان كىشىلەردۇر.كۆز ئالدىمىزدىكى ھەر تۈرلۈك ئىددىيە-ئېقىملارنىڭ گىرەلەشمە ۋە كىسىشمە سىزىق-سىزىق نوقتىللىرى بىلەن چەكسىز ھايات مۇساپىسىدە ئەدىپلىرىمىز ۋە ئەدەبىياتىمىز ئۆزىنىڭ پاكىز تەپەككۇر ۋە مۇستەھكەم ئىمانىدىن ئايرىلمىسۇن...

2001-يىلى قۇمۇل شەھەر ئىچى جىگدە قۇدۇق كەنتىدىن ئابدۇرىيىم ئابلەتخان
********************************

没有评论:

发表评论

发表评论