2009年3月27日星期五

«bedayi'ulweset»din tallan'ghan ghezeller



«bedayi'ulweset»din tallan'ghan ghezeller
****************************************


Elishir newaiy
***************


(1)

ئەي نەۋ باھارى ئارەزىڭ سۈبھىغە جان پەرۋەر ھەۋا،
ئاندىن گۈل بۇلبۇل تاپىب يۈز بەرگ بىرلە مىڭ نەۋا.

توبىيۇ شاخى سىدرەدۇر كويۇڭ نىگە كىم،
ئۇششاق ئەشكۇ ئاھىدىن ھەردەم تاپۇر سۇۋۇ ھەۋا.

زەھرى فىراقىڭدىن قايۇ ئاشىققا بولدى تەلخكام،
نۇشى ۋىسالىڭ يەتمىسە، ئىيسا ئاڭا تاپماس دەۋا.

چۇن قازىيۇلھاجات سەن، دەئۋايى مىھرىڭ قىلغالى،
دەردۇ فىراق ئەندۇھىدىن كەلتۈرمىشەم ئىككى گۇۋا.

قىلماڭ قەبۇل ئىجادىنىڭ ئىمكانى يوق سۆڭرە يەنە،
مەقبۇلنى رەت ئەيلەمەك لۇتفۇڭدىن ئولغايمۇ رەۋا.

زاھىد كۆڭۈلنىڭ خىلۋەتىن مەتلۇبى غەيرىدىن ئەرىت،
سەن سەير قىلساق قىل، كېرەك كۆڭلۇڭگە بولسا ئىنزىۋا.

دىسەڭ نەۋائىي جان ئارا مەھبۇب بولغاي جىلۋەگەر،
ئەۋۋەل كۆڭۈل كۆزگۈسىدىن مەھۋ ئەيلە نەقشى ماسۋا.

(2)

ئولكى ئىشق ئەھلىنى ئۆلتۈرمەك ئادەت ئاڭا،
جان كېرەك بولسا كۆڭۈل ئەيلەمىگەي رىغبەت ئاڭا.

ھەجىر مۇھلىك ئىكەنىن مۇنداق ئەگەر بىلسەم ئىدى،
تۇتمىغاي ئىردىم ئەگەر ئۆلسەم ئىدى ئولفەت ئاڭا.

ئول پەرى سۈرەتىغە تەلبە كۆڭۈل بولدى ئەسىر،
ئىشق ئارا، ۋايكى، يۈزلەندى ئەجەب سۈرەت ئاڭا.

يۈزى كۆزنى يارۇتۇر، لىك قۇياش خىرە قىلۇر،
بىلۇر ئولكىم كۆزى باركىم مۇڭا يوق نىسبەت ئاڭا.

تاش ئۇرالەر مەنى مەجنۇنغەكى، قازمىش فەرھاد،
ئىشق ئارا مەنچە قاچان ئېردى ئىكىن شىددەت ئاڭا.

ئۆلدى مەجنۇن كۆرۈبان دىلبەرىنۇ مەن كۆرمەي،
مەنچە يوق ئېردى ئىكىن ئۆلگەندە ھەسرەت ئاڭا.

دىدە پا بوسىن ئاياغىڭغە مەگەر ئىلتۇر ئەشىك،
يوق ئىسە مۇنچە يۈگۈرمەكتە نىدۇر سۈرەت ئاڭا.

مەنى سەرگەشتەدە ھىجران ئوقىدىن مىڭ پەيكان،
چەرخى گەردانغا مۇشابىھ كۆرۈنۈر ھەيئەت ئاڭا.

دەھرىنىڭ گۈلشەنىدىن بويى ۋەفا تۇتمە تەمەئ،
كىم سەبا باستەسى سەپمەدى بۇ نەكھەت ئاڭا.

ئەي خۇش ئول رىندىكى مۇغ دەيرىنى قىلدى مەسكەن،
يەتسە ھەم مۇغبەچەلەر ئىشقىدا يۈز ئافەت ئاڭا.

ئەي كۆڭۈل، قويما نەۋائىنىكى، ھۇشيار ئولغاي،
كوب يىتەردەك ئىسە دەۋران ئىلىدىن مىھنەت ئاڭا.

(3)

لەبلەرىڭدىن گەرچە قان يۇتماق دەمادەمدۇر ماڭا،
گەردەمى جامى ۋىسالىڭ يەتسە نى غەمدۇر ماڭا.

پەند ئىشتمەي، كۆرۈب ئانى يۈز بەلاغا ئۇچرادىم،
كۆزلەرىم چىقسۇنكى، يۈز مۇنچە سەزا كەمدۇر ماڭا.

قان شەۋقم شەرھىنى تەقرىر قىلدىم، ۋەھ،نى سۇد،
كىم ئاڭا ئىرسال ئۈچۈن سىمرۇغ مەھرەمدۇر ماڭا.

يار كىم مۇنداق نىھاندۇر كۆزدىنۇ مەن تەلبەمەن،
كىم دىگەي كىم فىتنە بولغان نەسلى ئادەمدۇر ماڭا.

قارە چىرماپ ياش تۆكۈپ ئەفغان قىلۇر مەن خامەدەك
ئەتكەلى نالان كۆڭۈل بۇ نەۋئ ماتەمدۇر ماڭا.

ئۆزگە يۈزگە باقما دەپ بىر – بىر كۆزۈمگە باستى مۆھر،
يارنىڭ ھەر باقىشى بىر نەقىش خاتەمدۇر ماڭا.

دەھر ئارا تۈشكەن ھەۋادىسدىن ئوتى مانىئ ئەمەس،
كۆز ياشىمدىن گەرچە كۆز تۇشكۇنچە پۇرنەمدۇر ماڭا.

ساقىيا، جامى جەھانبىن تۇتكى، ئانداق كەشىف ئىتەي
كىم، كوب ئىش بۇ كارگاھ ۋەزئىدە مۇبھەمدۇر ماڭا.

دىلبەرى ئاللىنىدە مەجنۇن نەقدى جان سەرف ئەتمەدى،
ئەي نەۋائىي، ئىشق ئەتۋارى مۇسەللەمدۇر ماڭا .

(4)

لەبىڭ سارى تاكىم نەزەردۇر ماڭا،
ياش ئورنىدا خۇنى جىگەردۇر ماڭا.

دېمە: مەندىن ئايرىل، داغى ئۆمۈر سۈر،
كى ئول ئۆمرۇ ئۆلۈمدىن بەتەردۇر ماڭا.

توگەنلەر دىرەم شەكلىدۇر زاد ئۈچۈن،
ئەدەم سارى چۈنكىم سەپەردۇر ماڭا.

قىلۇر ئەيب ئاشىغلىقىم بارچە خەلق،
ئولۇس ئەيبى ۋەھكىم ھۆنەردۇر ماڭا.

تەبىبا، يەنە سەبرىدىن دىمە سۆز،
كى بۇ شەربىتىڭدىن زەرەردۇر ماڭا.

دىمە: مەينى تەر ئەتكى، ساقى يۈزى
كى بۇ كۆزگۈ ئارا جىلۋىگەردۇر ماڭا.

نەۋائىي ئول ئاي ھەجرىدە تۈنۇ – كۈن،
قاتتىق شامۇ تىرە سەھەردۇر ماڭا.

(5)

ۋەھكى، رەسۋامەن يەنە دىۋانەۋۇ ئاقىل ئارا،
بۇلئەجەب ھالىم بولۇپ ئەفسانە ھەر مەھفىل ئارا.

مۇزتەر ئېردىم ھەجرىدىن، يار ئەتكەن ئىرمىش تەركى مىھىر،
مۇشكىلىدۇر ئىشقىدىن ھەردەم ماڭا مۇشكىل ئارا.

ئەقلۇ سەبرۇ ھوش كېتىب، كۆڭلۈمدە قالدى داغلار،
كارۋان كۆچسە قالۇر ئوتلار يىرى مەنزىل ئارا.

ئوقلارىڭ مىزگان كەبى گىريان كۆزۈم ئەترافىدا،
راست باردۇر ئول قەمۇشلىقكىم پۇتەر ساھىل ئارا.

كىرپىگىڭ تۈشكەن كۆڭۈل ئىچرە خەيالىڭ، ئەي پەرى،
گۇيىيا يۈسۈپ نۇزۇل ئەتمىش چەھى بابىل ئارا.

قۇللۇغۇڭ داغىدىن ئۆلسەم ئىستەمان ئازادلىغ،
كىم بۇ تەماغدۇر نىشانى مۇدبىرو مۇقبىل ئارا.

مەسكەنىڭ ئىستەر نەۋائىي، نىسيە جەننەت ئەھلى زۇھىد،
مۇنچە ئوق بولۇر تەفاۋوت ئالىمۇ جاھىل ئارا.

(6)

ئوتقە سالغىل سەرۋىنى ئول قەددى مەۋزۇن بولماسا،
يەلگە بەرگىل گۈلنى ئول رۇخسارى گۈلگۈن بولماسا.

سەرسەرى ئاھىم ئېسەر غەم شامى ھىجران تاغىغە،
ياخشىدۇر تاڭ ئاتقۇچە بۇ تاغۇ ھامۇن بولماسا.

تەلبەلىكدىن، ۋەھكى، ھەردەم دەردىم ئەفزۇندۇر، ئەگەر
ئول پەرى ئىشقىدا ھەردەم دەردىم ئەفزۇن بولماسا.

گەر كۆڭۈل، قەتل ئىستەبان سەن ۋەئدە قىلدىڭ تاڭلا دەپ،
ئۇشبۇدەم ئولتۇر بۇ ئىھسان بىرلە مەمنۇن بولماسا.

خىرقە جىنىس رەھن ئۈچۈن، ئەي شەيخ، ئالماس پىرى دەير،
بادە بەرمەس تاكى ئۆزلۈك جىنسى مەرھۇن بولماسا.

ئەي نەۋائىي، تانما، گەر دەر ئول پەرى مەجنۇن سېنى،
ئاشىق ئولغايمۇ پەرىغە ئولكى مەجنۇن بولماسا.

(7)

بىھى رەڭدەك ئولمىش دەردى ھەجرىڭدىن ماڭا سىما،
دىماغىم ئىچرە ھەر بىر تۇخمى يەڭلىغ دانەئى سەۋدا.

مەزەللەت توفراغى سارىغ يۈزۈمگە باردۇر ئانداقكىم،
بىھىدا گەرد ئولتۇرغان مەسەللىك تۈك بولۇر پەيدا.

ئاقارتىپ ئىشىق باشىمنى، نىھان بولدى سارىغ چىھرەم،
مامۇغ ئىچرە بىھىنى چىرماغان بەڭلىغى كىشى ئەمدا.

يۈزۈمنى تىغى ھەجرىڭ زەخمى ھەر سارى ئېرۇر،نىۋەجىھ،
بىھىنى تىغ بىلەن چۈن قەتئ قىلماق رەسىم ئەمەس ئەسلا.

يۈزۈم تۇفراغىدۇر ھەردەم قۇرۇغان جىسمىم رەنجىدىن،
بىھىگە سەرنىگۈنلۈك شاخى زەئفىدىن بولۇر گويا.

بۇ گۈلشەن ئىچرە بېھبود ئىستەگەن دائىم بىھى يەڭلىغ،
كىيىپ پەشمىنە تائەتقە قەدىن خەم ئاسراماق ئەۋلا.

نەۋائىي گەر قۇياش نارەنجىدىن بىھرەك كۆرەر، تاڭ يوق،
بىھىكىم، لوتف قىلمىش مەھد ئوليا ئېسمەتۇد دۇنيا.

*******************************************
(مەنبە: «غەزەللەر». تىيىپجان ئىلىيوپ نەشىرگە تەييارلىغان)
*******************************************


没有评论:

发表评论

发表评论