2009年3月28日星期六

Yéngilmes giniral - gé'orgiy pattun



يېڭىلمەس گىنىرال - گېئورگىي پاتتۇن


گېنىرال پاتتۇن - 1885-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۇنى ئامىرىكا كالىفورنىيە شېتاتىدا بىر ھەربى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
1909-يىلى ھەربى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن.
1911-يىلى 12-ئايدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە شىتابىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.
1912-يىلى 5-نۆۋەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتناشقان.
1913-يىلى فىرانسىيەگە بىرىپ شەمشەرۋازلىقنى ئۆگەنگەن،
1916-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە گىنىرال لىتناتلىق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.
1917-يىلى 1-جاھان ئۇرۇشىغا قاتناشقان، ئۇرۇشتىن كىيىن ئامىرىكىنىڭ تۇنجى ئەۋلات تانكا قىسىملىرىنى قۇرۇپ چىققان.
1942-يىلى ئامىركىنىڭ تۇنجى ماشىنلاشقان ئارمىيىسىنىڭ باش قۇماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن.
1943-يىلى ئەنگىلىيە ئارمىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ نورماندىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش ئۇرۇشىنى تەشكىللەپ غەلبە قىلغان، كىيىن ئامىرىكا 1- گۇرۇپپىۋاي ئارمىيىسىنىڭ باش قۇماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن.
2-جاھان ئۇرىشىدىن كىيىن تۆت يۇلتۇزلۇق گېنراللىققا كۆتۇرۇلگەن .
1945-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۇنى گىرمانىيىدە شىكاردا ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچرىغان،
1945-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۇنى ۋاپات بولغان.
***************************


گېنېرال پاتتون كىم؟

«دۈشمەن ساڭا ھۇجۇم قىلمىسۇن، سەن دۈشمەنگە ھۇجۇم قىل. دۈشمەنگە توختىماي ھۇجۇم قىل، بۇنىڭدا دۈشمىنىڭ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشىغا پۇرسەت قالمايدۇ. ۋاقىت بىلەن دۈشمەننىڭ ۋە ئۈنۈملۈك ئوت كۈچىنىڭ رول ئوينىشى ئارقىلىق جەڭدە ئۆلۈم-يېتىم بولۇپ تۇرىدۇ. سەن ئۆزۈڭنىڭ ئوت كۈچى بىلەن دۈشمەننىڭ ئوت كۈچىنى بويسۇندۇر، تېز ھەركەت قىلىپ ۋاقىتنى قىسقارت.
ئۇرۇش ئىنسانىيەت قاتنىشالايدىغان ئەڭ سەلتەنەتلىك مۇسابىقە. ئۇرۇش قەھرىمان-باھادىرلارنى يارىتىپ، بارلىق پاسكىنىچىلىقلارنى يوقۇتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇرۇشتىن قورقىدۇ. لېكىن، قورقۇنچاقلاردىكى ۋەھىمە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن غالىپ كەلگەن. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئەركەكلەرگە خاس خىسلەتنىڭ جەۋھىرى. ياخشى ئەركەك ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك»

مانا بۇ - ئامېرىكا تارىخىدىكى مەشھۇر گېنېرال، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەڭ باتۇر گېنېرال گېئورگىي پاتتوننىڭ ئەسكەرلىرىگە دائىم دەيدىغان سۆزى.
دۇنيا تارىخى ۋە ئىككىنچى دۇنيا تارىخىغا قىزىقىدىغانلارغا نىسبەتەن پاتتون تولىمۇ تونۇش. بۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى كۆرسەكمۇ بەلكىم كۆز ئالدىمىزغا كېلىدىغىنى يەنىلا ئۇنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى باتۇر قىياپىتى بولسا كېرەك.
گېئورگې پاتتون ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى باتۇر گېنېراللارنىڭ بىرى.
ئۇ 1885-يىلى نويابىردا ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا تۇغۇلغان.
1909-يىل ئىيۇندا ۋېست پوئېنت ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئامېرىكا گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە ئاتلىق ئەسكەرلەر 15-پولكىدا كاپىتان بولغان.
1917-يىلى، ئامېرىكا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقاندا، پاتتون ئامېرىكا يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال پېرىشنگغا ھەمراھ بولۇپ فىرانسىيىگە بارغان.
ئۇ ئامېرىكا تانكا قىسمىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنى مەشق قىلدۇرۇشقا مەسئۇل بولغان ھەم بۇ جەڭگە قاتنىشىپ «كرېست مېدالى»غا ئېرىشكەن.
ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكىغا قايتىپ، تانكا ئۇرۇشى تەتقىقاتى ۋە تەلىم-تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1920-يىلىدىن 1940-يىلىغىچە ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
1939-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن ئامېرىكا باش شىتابى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلۇپ، مارشالل باش شىتاب باشلىغى بولىدۇ. پاتتون برونېۋىك برىگادىسىنىڭ برىگادا كوماندىرلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. كېيىن يەنە ئۆستۈرۈلۈپ، برونېۋك، تانكا قىسىملىرىنى تەشكىللەش ۋە تەلىم-تەربىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
1941-يىلى پيورل-خاربور پورتىغا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا، 1943-يىلى تۇنىسقا بېرىپ، 2-كورپۇس ئارمىيىسىنىڭ كورپۇس ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئىتالىيىنىڭ سىتىسلىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ پالېرمونى ئىشغال قىلىدۇ. مېسسىنانى تارتىۋېلىپ، جەڭدە غەلىبىگە ئېرىشىدۇ.
1944-يىلى نورماندىيە ئوپىراتسىيىسى باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئېزىنخاۋېرنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئامېرىكا 3-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن.
پاتتون جەڭ قىلىشقا ئامراق بولۇپ، مىجەزى قوپال، كەسكىن ئىدى. كۆپىنچە ھاللاردا ئەسكەرلىرىنى ئۇرۇپ قوياتتىكەن.
بىر قېتىم ئۇ ئىككى نەپەر ئەسكەرنى ئۇرۇپ قويۇپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىنىپ تاشلىنىشقا ئاز قالغاندا، ئېزىنخاۋېرنىڭ تەلىۋى بىلەن ئېلىپ تاشلانماپتىكەن. ئۇ ئەسكەرلىرىگە تەلەپنى قاتتىق قويۇپ، ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆزىگە سادىق بولۇشىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئەسكەرلىرىگە كۆيۈنىدىغانلىقىنى ئەمىلىيەتتە ئىسپاتلاپ تۇرغان.
ئۇ 1945-يىلى12-ئاينىڭ 9-كۈنى ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان.
مانا يۇقۇرقىلار ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدىكى داڭلىق گېنېرالى - گېئورگىي پاتتوننىڭ قىسقىغىنە تونۇشتۇرىلىشى.

مەنبە: «ئورخۇن مۇنبىرى»
**********************


گېنېرال پاتتون قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنمۇ؟

گېنېرال پاتتون بىلىدىغان مەخپىيەتلىك كۆپ بولغاچقا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن
ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار تارىخچىسى روگىت.ۋېركىس يېقىندا نەشىر قىلدۇرغان«نىشان-پاتتون» ناملىق يېڭى كىتابىدا ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى داڭلىق گېنېرالى پاتتون يوشۇرۇن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. چۈنكى ئۇ ئىتتىپاقداش ئارمىيە رەھبەرلىرىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئاشكارىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سالغاچقا قەستكە ئۇچرىغان.
گېنېرال پاتتون 1945-يىلى 12-ئايدا ئۆلگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سىر ئىدى.
گەرچە ئۇ گېرمانىيەنىڭ مانخىم شەھىرىدە يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىدە ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ جاراھىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ناھايىتى ياخشى ھەم تېز بولۇپ، تۇيۇقسىز داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
ۋېركىسنىڭ كىتابىدا دېيىلىشىچە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ بۇرۇنقى ستىراتىگىيىچىسى، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دونوۋان، كۆپ قېتىم تۆھپە كۆرسىتىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مەرگەن دوگلاسقا پاتتوننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
ۋېركىسنىڭ يېڭى كىتابىدا دوگلاسنى زىيارەت قىلىش خاتىرىسى ۋە كۈندىلىك خاتىرىسىدىن ئۈزۈندىلەر بېرىلگەن، دوگلاسنىڭ ساختا ماشىنا ۋەقەسىنى قانداق پىلانلىغانلىقى تەپسىلىي تەسۋىرلەنگەن، ئۇ ئەينى چاغدا ھەربىي يۈك ماشىنسى بىلەن پاتتوننىڭ كادىلاك ماركىلىق ماشىنسىغا سوققان. ئاندىن پاتتونغا قارىتىپ ئوق چىقارغان، يېنىدىكى ھەمرالىرىنىڭ ھېچقايسىسى زەخىملەنمىگەن.
دوگلاس يەنە، پاتتوننىڭ جاراھىتى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا خادىملىرى ئۈنۈملۈك قوغداش تەدبىرى قوللانمىغان، سوۋېت ئىتىىپاقىنىڭ جاسۇسلىرى پاتتوننى زەھەرلەپ ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
ۋېركىسنىڭ دېيىشىچە، ئۇ دوگلاسنى زىيارەت قىلغاندا، دوگلاس قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھەركىتىنى قايتىدىن ئەسلەپ چىققان ھەم مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دونوۋاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ماشىنا ھادىسىسى ساختا ماشىنا ھادىسىسى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ۋېركىس: «دوگلاس ماڭا <بىز قورقۇنۇچلۇق ئەھۋالغا دۇچ كەلدۇق، بىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرىمىز ئۆزىنىڭ كونتىروللىقنى يوقاتقان بولۇپ،بىز ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيە قولغا كەلتۈرگەن غەلبە مېۋىسىنى يوق قىلىۋېتىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك> دېدى، مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن» دېگەن.
دوگلاسنىڭ ھاياتى ھەرخىل ئىشلار بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، 1944-يىلى نورماندىيەدىن قۇرۇقلۇققا چىقىشتىن ئىلگىرى، پاراشوت بىلەن فرانسىيەگە چۈشۈپ، فرانسىيەنىڭ خىللانغان قىسىم ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەشكە ياردەم بەرگەن. جەڭدە تۆھپە كۆرسىتىپ تۆت دانە يۇلتۇز ئوردىنى، ئالاھىدە خىزمەت كۆرسىتىش كېرسىت ئوردىنى ۋە ئۈچ دانە فرانسىيەنىڭ كېرسىت ئوردىنىغا ئېرىشكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن داڭلىق سەنئەتكار بولغان، رېگان ھۆكۈمىتى ۋاقتىدىكى دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى جون.لېماننىڭ ياردەمچىسى بولغان، كېيىن«911»ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولغان، يەنە ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى زوڭتۇڭ نامزاتلىرى رىقابەتچىلەر سېپىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان.
ۋېركىس يەنە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش تارمىقنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى ستېفىن.سىكوبىكنى تېپىپ زىيارەت قىلغان.
سىكوبىكنىڭ دېيىشىچە، ئۇ سىتالىننىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش قارا تىزىملىكىدە پاتتون گېنېرالنىڭمۇ بارلىقىدىن خەۋەر تېپىپ دونوۋانغا نەچچە قېتىم مەلۇم قىلغان، لېكىن دۆلىتىگە قايتىشقا بۇيرۇلغان.
ۋېركىس: «مېنىڭ ئىشەنچىلىك ئىككى ئىسپاتىم بار،ئىسپاتقا ئاساسلانغاندا، ئاخىرقى ھېسابتا رۇسلار پاتتون گېنېرالنىڭ جېنىنى ئالغان»دېگەن. بۇ خىل كۆز قاراش زورمۇ زور ئېيتىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ۋېركىسنىڭ ماتېرىيالى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ ئىشنى يوشۇرغانلىقىنى، پاتتوننىڭ ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراشقا ئائىت ماتىرىياللارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى دۆلەتلىك ئارخىپتىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەربىي يۈك ماشىنسىنىڭ شوپۇرىمۇ سوراق قىلىنىشتىن بۇرۇن لوندونغا كەتكۈزىۋېتىلگەن، پاتتوننىڭ جەسىتىگىمۇ ھېچقانداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىغان. دېتتىروئىتتىكى كادىلاك ماركىلىق ماشىنا مۇتەخەسسىسى ياردىمى ئاستىدا، ۋېركىس يەنە پاتتون مۇزىيىدا كۆرگەزمە قىلىنغان ماشىنىنىڭ، پاتتون ئەينى چاغدا ماشىنا ھادىسىسىگە يولۇققاندا ئولتۇرغان ماشىنا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
پاتتون ئامېرىكا ئۈچىنچى دېۋىزىيەسىگە قوماندانلىق قىلىپ، نورماندىيەدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ فرانسىيەنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئازاد قىلغان.
پاتتوننىڭ قارىشىچە، ئېزىنخاۋېر 1944-يىلى خاتا ھالدا«فالايىس يوچۇقى»نى ئېتىۋېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان،شۇنىڭ بىلەن نەچچە يۈزمىڭ گېرمانىيە ئەسكىرى مۇھاسىرە چەمبىرىكىدىن قېچىپ چىقىپ كەتكەن. گېرمانىيە ئارمىيىسى كېيىن ئادېنس ئۇرىشىنى قوزغىغان، نەچچە مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى بۇ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان. سىتالىننىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن، ئۈچىنچى دېۋىزىيە گېرمانىيە چېگرىسىغا يېتىپ كەلگەندە ئىلگىرىلەشنى توختۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بۇرۇن بېرلىننى ياكى پراگانى ئىشغال قىلىشقا يول قويمىغان.
ۋېركىس:«پاتتون ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بېرىشكە تەييارلانغان،ئۇ رۇسلار بىلەن تۇتۇشماقچى بولغان،ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دەپ قالغان.ئۇ يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلالايدىغان مەخپىيەتلىكلەرنى بىلەتتى، ئەگەر پاتتون ھايات بولۇپ ھەممىنى ئاشكارىلىۋەتكەن بولسا، ئېزىنخاۋېرنىڭ زوڭتۇڭ سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقالىشى ناتايىن ئىدى، مېنىڭچە سوتقا تارتىلسىمۇ، مەندىكى ئىسپاتلار زاسداتېللار ئۆمىكىنى ئەرز قىلىشقا يېتەتتى،لېكىن جىنايەت ئارتقىلى بولۇشى تەس دېگەن» دېگەن.


(Mannheim)-مانخىم شەھىرى
(Falaise)-فالايىس
(Ardenns)-ئادېنس
مەنبە: قەشقەر گېزىتى

************************

没有评论:

发表评论

发表评论