2009年3月27日星期五

Shinjangda 46 qétim yadro siniqi ilip birilghan.



شىنجاڭدا 46 قېتىم يادرو سىنىقى ئىلىپ بىرىلغان.


يېقىندا ياپۇنىيە يادرۇ رىئاكسىيىسىدىن ساقلىنىش ئۇچۇر مەركىزىنىڭ ۋەكىلى، خوككايدۇ تىببى ئونۋىرسىسىتىنىڭ پىروففىسورى گاۋتيەنچۇن مۇنۇلارنى ئاشكارلىدى: جۇڭگو 1996-يىلىغىچە بولغان 32يىل ئىچىدە جەمى 46 قېتىم يادرۇ سېنىقىنى مەخپى ئېلىپ بېرىپ، يادرۇ سېنىقى ئېلىپ بېرىلغان رايۇندىكى ئاممىنىڭ سالامەتلىكى ۋە موھىتقا غايەت زور ئاپەت ئېلىپ كەلدى.
گاۋتيەنچۈن 18-مارت ياپۇنىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن<< جۇڭگونىڭ يىپەك يولىدا ئىلىپ بارغان يادرۇ سېنىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ياپۇنىيىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئۆتەشكە تېگىشلىك رولى>> دىگەن مۇھاكىمە يغىنىدا،جۇڭگو ئىلىپ بارغان يادرۇ سېنىقىنىڭ ئاپىتىنى ئاشكارىلىدى.
46قېتىملىق يادرۇ سېنىقىدا 1مىليۇن 290مىڭ كىشى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، 750مىڭ كىشى قازا قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ياپۇنىيە يادرۇ پارتلىغان بىردىنبىر دۆلەت ئەمەس، جۇڭگودىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ كىرورەن ئەتراپلىرىدا 1964-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە 46قېتىم يادرۇ سېنىقى ئىلىپ بېرىلىپ، ئومۇمى پارتلاش مىقدارى 200مىليۇن توننىغا يەتتى. بۇ ئەتراپدىكى ئاھالىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىنى غايەت زور زىيانغا ئۇچراتتى،موھىتىنى ئىغىر دەرىجىدە بۇزدى. بولۇپمۇ 1981-يىلى ئىلىپ بېرىلغان يادرۇ سېنىقىدا نۇرغۇن چاڭ توزاڭ پەيدا بولۇپ، راك كىسىلىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە بوۋاقلارنىڭ بىنۇرمال تۇغۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ يەرلىكتىكى خەلققە زور ئاپەت ئىلىپ كەلدى. ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمىتى يادرۇ سېنىقى ئىلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىمايلا قالماستىن يەنە شۇ يەرگە ئىلىپ كەلگەن ئاپەتنى يوشۇردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا بۇرۇن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يادرۇ سېنىقىنىڭ 10ھەسسىگە باراۋەر كىلىدىغان زور يادرۇ سېنىقى ئىلىپ بېرىلىپ، زور مىقدار توزۇندا پەيدا قىلغان،بۇنىڭ بىلەن 190مىڭ كىشى ۋاستىلىك ھالدا قازا قىلغان. يادرۇ رىئاكسىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايۇن توكيونىڭ 136ھەسسىگە تەڭ كىلىدۇ، 1مىليۇن 290مىڭ كىشى يادرۇ رىئاكسىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپى ئۇچۇرىغا قارىغاندا 750مىڭ كىشى بۇ سەۋەپتىن قازا قىلغان.
1964-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ 20مىڭ توننىلىق يەر يۈزىدە پارتلىتىش خارەكتىرلىك يادرۇ سېنىقى ئىلىپ بېرىلدى، 1967-يىلى 2مىليۇن توننىلىق يەر يۈزىدە يادرۇ پارتلىتىش سىنىقى ئىلىپ بېرىلدى.1976-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى 4مىليۇن توننىلىق يەر يۈزىدە يادرۇ پارتلىتىش سېنىقى ئىلىپ بېرىلدى. 1980-يىلى بوشلۇق ۋە يەر يۈزىدە يادرۇ پارتلىتىش سېنىقى ئىلىپ بېرىلدى. 1982-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە يەر ئاستى يادرۇ پارتلىتىش سېنىقى ئىلىپ بېرىلدى. ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمىتى يادرۇ سېنىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئېلان قىلمايلا قالماستىن بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى مەنئى قىلدى، ھازىرغىچە زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى تېخى ئېنىق ئەمەس.
يەرشارىدىكى يادرۇغا ئىگە دۆلەتلەر ئىچىدە يادرۇ سېنىقى ئىلىپ بارغان دۆلەتلەر كۆپ، ئەمما ئاھالىلەر رايۇنىدا كەڭ كۆلەملىك يەر يۈزى يادرۇ سېنىقى قىلغان دۆلەت پەقەت جۇڭگو. بۇ شۇ جاينىڭ موھىتى بىلەن قىلچە ئويلاشمىغانلىق، بۇ ئالۋاستىنىڭ قىلمىشى.
شۇكۈندىكى يىغىنغا قاتناشقان ئەنۋەر توختى مۇنداق دېدى: سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى يادرۇ سېنىقى قىلغان چاغدا تۆمۈر سىم بىلەن سىناق رايۇنىنى قاشالاپ، كىشىلەرنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن. ئەمما جۇڭگو يادرۇ سېنىقى قىلغاندا يەرلىكتىكى ئاھالىلەرگە ئۇقتۇرمىدى، ئۇيغۇرلار بۇ سىناقنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار سىناق ئوبىكتى قىلىندى.
ئەنگىلىيە تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسى 1998-يىلى 7-8-ئايدا <<يىپەك يولىدىكى ئۆلۈم>> ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويدى، ئەنۋەر توختى زىيارەت ئۆمىگىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار كەنتىنى زىيارەت قىلىپ، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەن سالامەتلىكىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە توشقان كالپۇك، چوڭ مىڭە تەرەققى قىلماسلىقتەك كىسەل بار نۇرغۇن بوۋاقنى بايقىغان. شۇنداقلا يامان سۈپەتلىك لىنفا راكى ، ئاق قان كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۇيغۇر كۆپەيگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن 90-يىللىرىغىچە راك كىسىلى شىنجاڭ رايۇنىدا ئەۋىج ئىلىشقا باشلىغان. 90-يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ راك بىلەن ئۆلۈش نىسبتى جۇڭگونىڭ باشقا رايۇنلىرىدىكى راك بىلەن ئۈلۈش نىسبتىدىن 30پىرسەنتتىن يۇقىرى بولغان. 1993-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە راك بىلەن قازا قىلغانلار باشقا رايۇنلاردىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن.
ئەنۋەر توختى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۆزى يادرۇ سېنىقى قىلغاندىن سىرت يەنە پاكىستاننى يادرۇ سىناق قىلىدىغان جاي بىلەن تەمىنلىدى،پاكىستان جۇڭگودا نەچچە قېتىم يادرۇ سېنىقى ئىلىپ باردى.

مەنبە: http://hi.baidu.com/%D1%A9%CA%CC%CF%FC/blog/item/5f4117b3d23f79afd9335a50.html


没有评论:

发表评论

发表评论