2009年3月2日星期一

بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟

Toluq Teksti



بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟


يالقۇن روزى


دادىلار قەيسەرلىكتە، چىدام -جاسارەتتە، ئىلىم - ھۈنەردە، ۋاپادارلىقتا، ئەل - يۇرتقا ھىممەت كۆرسىتىشتە ... پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك.
«بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھىر - شەپقەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس، بەلكى ئۇنى يۈكسەك ئېتىقاد ئىستراتېگىيىسىگە ئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك».
بۇ بىر ئابزاس سۆز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مەزكۇر ژۇرنالنىڭ 2004 - يىللىق 2 - سانىدا ئېلان قىلىنغان «بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟» دېگەن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى كەسكىن خىتابى.
مېنىڭچە، سۆيۈملۈك ئانىلىرىمىزغا قىلىنغان بۇ خىتاب يەنە ئۆز نۆۋىتىدە قەدىرلىك دادىلارغىمۇ ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ!
مەن ئاشۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن «بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟» دېگەن مەسىلە ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىپ قالدىم.

لۇشۈن ئەپەندى 1920 - يىللىرى «بىز ھازىر قانداق دادا بولۇشىمىز كېرەك» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، ئەينى يىللاردىكى جۇڭگولۇق دادىلار توغرىسىدا ئۆتكۈر تەنقىدىي مۇلاھىزە يۈرگۈزگەنىكەن.
شۇ يىللاردا جۇڭگو زىيالىيلىرى «يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى»نى قوزغاپ، مىللىي ئويغىنىش دولقۇنىنى ئەۋج ئالدۇرغان.
مىللىي خورلۇقنى يەتكۈچە تارتقان جۇڭگو زىيالىيلىرى غەزەپ - نەپرەتكە تولغان كۆزىنى ئۆزلىرىنى قاتمۇقات مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان جاھانگىرلارغا، تەسلىمچى ھۆكۈمەتكە، ھوقۇقپەرەس مۇستەبىتلەرگە تىكىش بىلەن بىرگە، مەھكۇملۇققا كۆنۈكۈپ كەتكەن جاسارەتسىز دادىلارغىمۇ تىككەن. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە دادىلارنىڭ ئوبرازى ئاساسەن دېگۈدەك سەلبىي ئوبراز سۈپىتىدە يارىتىلىپ ئۆتكۈر ئىبارىلەر بىلەن تەنقىدلەنگەن.
ئەدەبىي تەنقىدچىلەر «يوللارغا ئەسكى دادا توشۇپ كەتتى» دەپ ئېيتىشقان. شۇڭىمۇ بەزى ئەربابلار بۇ يىللارنى جۇڭگو تارىخىدىكى «دادىنى دۇمبالاش» يىللىرى دەپ ئاتاشقان.

شۈبھىسىزكى، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ كېلەچەك - ئىستىقبالى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلانغاندا، مەۋجۇت ھالىتىدىن ئۆكۈنۈپ قانائەتسىزلىك ھېس قىلغاندا ۋە ئەندىشىگە چۆمگەندە، تەبىئىي ھالدا كرىزىس ئېڭى كۈچىيىدۇ؛

شۇنىڭ بىلەن،
بۇ نېمە ئۈچۈن؟
قانداق قىلىش كېرەك؟
بىزگە نېمە كېرەك؟
چىقىش يولى - تەرەققىيات يولى زادى قەيەردە؟
دېگەندەك نۇقتىلاردىن چىقىپ تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىدۇ.

بايانىمىزدىكى «بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟»، «بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟» دېگەن تېمىلار ئۈستىدىكى ئويلىنىشلارمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

بىلىپ تۇرۇپتىمىز: نۆۋەتتە، خەلقىمىز مەۋجۇت بولۇش، تەرەققىي قىلىش، ئەنئەنە ۋە مىللىي خاسلىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتمۇقات خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
گەرچە پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدا تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە كۆرۈلۈۋاتقان كەسكىن رىقابەت ۋە خىرىس ھەممە مىللەتكە ئوخشاش بولسىمۇ، ھەربىر مىللەتنىڭ ئەھۋالى مەلۇم جەھەتلەردە يەنىلا پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھازىر ئەڭ مۇھىمى ۋە خەۋپلىك بولۇۋاتقىنى ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتىكى يىمىرىلىشتۇر.
بۇنى «بىز دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق خىرىسلار ئىچىدىكى ئەڭ زور خىرىس» دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر بەلكىم، «ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتىكى چۈشكۈنلىشىش پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلە» دەپ ئويلىشى مۇمكىن.
توغرا، ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتە غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىپ، مۆجىزە خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەللەردىكى كىشىلەردىمۇ ئەخلاقىي چۈشكۈنلىشىش مەسىلىسى مەۋجۇت.
مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەنمۇ ئەخلاق كرىزىسى مەسىلىسى تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي تاپمىغان بارلىق ئەل خەلقلىرى ئۈچۈن ئورتاق مەسىلە بولۇپ قالدى، دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئەمما مەن بىزنىڭ ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە يىمىرىلىشىمىز باشقىلارنىڭكىدىن ئۆزگىچىرەك، دەپ قارايمەن.
سەۋەبى شۇكى، بىزنىڭ كىشىنىڭ زوقى كېلىدىغان ھەققانىيەت، گۈزەللىك، مەردانىلىك، ئوچۇق - يورۇقلۇق، باتۇرلۇق، مېھرىبانلىق بۈيۈك ھېسابلىنىدىغان نوپۇزلۇق ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىز قاياقلاردىندۇر يۇقتۇرۇۋېلىنغان چاكىنا ئەخلاق قاراشلار تەرىپىدىن يەكلەنمەكتە، بىر چەتكە چۆرۈپ تاشلانماقتا. قارايدىغان بولسىڭىز پارىخور ئەمەلدارلارنىڭمۇ، خۇشامەتچى جانباقتىلارنىڭمۇ، نومۇسسىز ئىپپەت سودىگەرلىرىنىڭمۇ، ھارام تاماق ھۇرۇنلارنىڭمۇ، ئەيتاۋۇر، خروئېن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭمۇ... ئۆزى ئۈچۈن توغرا ھېسابلىنىدىغان بىر تالاي ئەخلاق سەپسەتىلىرى بار.
ئۇلار بۇ خىل بىر تەرەپلىمە، چاكىنا، كۈلكىلىك ئەخلاق سەپسەتىلىرىنى ھېيىقماستىن سۆزلەپ يۈرۈۋېرىدۇ.
ئۇنداقلاردا نە گۇناھ تۇيغۇسى، نە ۋىجدانىي ئازاب تۇيغۇسى، نە نومۇس تۇيغۇسى يوق.
ئۇلار ئۆز قىلمىش - ئەتمىشلىرىدىن ماختانسا ماختىنىدۇكى، قىلچىمۇ ئۆكۈنمەيدۇ، ئەپسۇسلانمايدۇ.
نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلى ئۇزۇن، گەپ - سۆزى ياڭراق، يۈرۈش - تۇرۇشى شۇنچە كۆرەڭ؟
سەۋەبى، ئۇلار نوپۇزلۇق ئەخلاق - پەزىلەت ئۆلچەملىرىنىڭ چەكلىمىسىنى دېيەرلىك ھېس قىلمىغان، ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ كۈچىنى تولۇق تونۇپ يەتمىگەن. شۇڭا، ئۆزلىرى كېتىۋاتقان يولنىڭ نومۇسسىز يول ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماق تۈگۈل، ئەكسىچە ئۇنى جاھاندارچىلىقنىڭ شەرەپلىك يولى، دەپ بىلىدۇ.
ئەخلاق ئۆلچەملىرىمىزنىڭ بۇنداق ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كېتىشىدىكى تۈپ سەۋەب مېنىڭچە، بىزنىڭ ئايرىم ساندىكى دادىلىرىمىزدا.
بىزنىڭ ھازىرقى دادىلىرىمىز ئۆتكەن ئەسىردىكى 50 -، 60 -، 70 - يىللاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن.
ئۇ چاغلاردا كىشىلەرنىڭ «ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەردىكى ئىنقىلابىي قىزغىنلىقى» بەكرەك تەكىتلىنىپ، «ھەق - ناھەق تۇيغۇسىغا ئىگە، مۇھەببەت - نەپرەت تۇيغۇسى روشەن، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ھالال بىلەن ھارامغا بولغان مۇئامىلىسى سەزگۈر ئادەملەردىن بولۇشنى تەكىتلەش»كە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن.
بۇ دادىلار ئارقا - ئارقىدىن تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىگە ئەخلاق جەھەتتە زۆرۈر بولغان تەلەپلەرنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئالىيجاناب پەزىلەت گۈللىرىنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىشقا، ئۇلارنىڭ قەلبىدە نوپۇزلۇق ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرەلمىگەن.
پەقەت، قانداق قىلىپ تىرىشىپ ئوقۇپ ياكى تىرىشىپ ئىشلەپ ياخشى كۈن كەچۈرۈش توغرىسىدىلا گەپ - سۆز قىلالىغان.
نەتىجىدە ماددىي مەنپەئەتكە سەزگۈر قىلىپ ئادەتلەندۈرۈلگەن بۇ پەرزەنتلەردىن مال - دۇنيانى، ھوقۇق - ئىمتىيازنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، بۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن، ھەرقانداق بولمىغۇر ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشتىن يانمايدىغان بىر تۈركۈم مەخلۇقلارمۇ يېتىشىپ چىقتى.
ئۇلار بۇ جەھەتتە ئېرىشكەن نەرسىلىرىدىن ماختاندى، ھۇزۇرلاندى. ۋەھالەنكى، قۇربان قىلىۋەتكەن ئادىمىيلىكلىرىدىن قىلچىمۇ ئەپسۇسلانمىدى، ھەتتا مەھرۇم بولغان ئادىمىيلىكىنى بىلىشكىمۇ قادىر بولالمىدى. ئادىمىيلىكىدىن بارغانسېرى ياتلىشىپ كەتكەن بۇ ئەۋلادتىن ئىلگىرىكىگە تېخىمۇ ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئەۋلاد بارلىققا كەلدى(بۇ يەردە بىز ھەممىنى قارا - قويۇق بىر تاياقتا ھەيدىمەيمىز. ھەممىلا ئادەمنى ئەخلاقتا يارىماس دېگەننىمۇ تەرغىب قىلمايمىز، ئەلۋەتتە).

ئادەتتە، دادىلار ئائىلىۋى ئەخلاقنىڭ ھامىيلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارغا ئائىلە ئەزالىرىنى ئەخلاق جەھەتتە راۋۇرۇس يېتەكلەش مەجبۇرىيىتى يۈكلەنگەن؛ ئائىلىگە ئۈلگە ۋە نەمۇنە بولۇش ۋەزىپىسى ئەجدادلاردىن مىراس قالغان.
دېمىسىمۇ بالىلارنىڭ قەلبىدە ئانىلار كۆيۈمچانلىقى بىلەن ئورۇن ئالسا، دادىلار تەلەپچانلىقى بىلەن ئوبراز تىكلەيدۇ.
دادا «ئۆز پادىلىرى»نى ھەر جەھەتتىن ياخشى ھىمايە قىلمىسا، تەبىئىي ھالدا «پادىلىرى» بۆرىگە يەم بولۇپ كېتىدۇ، بۆرىنىڭ ئۆڭكۈرىگە بىلىپ - بىلمەي ھەتتاكى ئۆزى خالاپ كىرىپ كېتىدۇ. مانا بۇ بارلىق پاجىئەنىڭ باشلىنىشى.
خوش، بىزنىڭ دادىلىرىمىز ئۆز «پادىسى»نى ھەر جەھەتتىن ھىمايىسىگە ئالالايدىغان ئەخلاق ساپاسىغا ئىگىمۇ - يوق؟
مەن ھازىرقى بىر قىسىم دادىلىرىمىزنىڭ ياراملىق ئەۋلاد تەربىيىلەش، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، خەتەر ۋە قىيىنچىلىققا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش، قەيسەر ۋە چىدامچان بولۇش، ھالال مېھنەت بىلەن ياشاش جەھەتتە ئويناۋاتقان رولىغا، پاراسىتى ۋە دىيانىتىگە ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىر چاغدا يەنە بىر قىسىم دادىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ساپاسىدىن گۇمانلىنىمەن.
مەرد - مەردانە، جاسارەتلىك، غۇرۇرلۇق، نومۇسچان، چىداملىق، ئەركەكلەرگە خاس دادىلارنىڭ سانى ئازلاپ «نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپى»گە دۇچ كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.
ئەكسىچە،
«ئۆيۈڭنىڭ دەرىزە پەردىسى چىرايلىقكەن» دەپ قويسا، ھەپتىلەپ خۇشال يۈرىدىغان خېنىم مىجەز دادىلارنى؛
باشلىقى «ئايالىڭ كۆرۈنمەيدىغۇ؟» دەپ سورىسا، باشلىقىم ماڭا ئامراق دەپ ماختىنىپ يۈرىدىغان يۇمشاقباش دادىلارنى؛
يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ ياشاشقا كۆنۈكۈپ كەتكەن لايغەزەل دادىلارنى؛
ھىممەت - غەيرىتىگە تايانماستىن تەمەخورلۇق بىلەن ياشاشنى ئادەت قىلىۋالغان لالما مىجەز دادىلارنى؛
ئەمەل - مەنسەپنىڭ سايىسىگە ئېرىشىپ قالسا چاي ئويناپ ھارمايدىغان پاخپاق دادىلارنى؛
ئۆزى ئەركەك تۇرۇپ ئەرلەر بىلەن تانسا ئويناشنى نومۇس بىلمەيدىغان زەيپانە مىجەز دادىلارنى؛
بىر بوتۇلكا بەدبۇي ھاراقنىڭ قۇلى بولۇپ، سورۇنمۇ سورۇن سوكۇلداپ، تېتىقسىز يۇمۇرلارنى ئېيتىشىپ ھارمايدىغان ھاماقەت دادىلارنى؛
لەۋزىدە تۇرمايدىغان، خىيانەتكارلىق، ساتقىنلىق، ساختىپەزلىك، سۇخەنچىلىكتەك پەسكەشلىكلەرنى جاھاندارچىلىق يولى قىلىۋالغان ئاتالمىش دادىلارنى
كۆپلەپ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا، دادىلىرىمىزنىڭ ساپاسىدىن ئۈمىدۋار بولۇش مۇمكىنمۇ؟
بۇنداق دادىلار ئەۋلادلىرىنىڭ قىسمىتىنى قېيىن كۈنلەرگە قويمايدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟
بۇنداق دادىلار ئۆز ئائىلىسىنى ئالىيجاناب ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن تۇتۇپ تۇرالامدۇ؟

كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى،
بۇنداق دادىلار بىزنىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقىمىزنى بۇلغاپ، ئەۋلادلىرىنىڭ روھىنى كاردىن چىقىرىپ ئۇلارنى پاجىئەنىڭ پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويىدۇ.

ئەمدى بۇنداق «دادا»لىق ئوبرازىمىزغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىدىغان پەيت كەلدى.
چۈنكى بىزنى مۆلچەرلىگۈسىز كېلەچەك كۈتۈپ تۇرماقتا.
شۇڭا ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلەپ قويۇش كېرەك:
دادىلار - مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى، قول، قانىتى.
دادىلارنىڭ ۋۇجۇدى ھەققانىيەت بىلەن، باتۇرلۇق بىلەن، چىۋەرلىك بىلەن، ئەقىل ۋە دىيانەت بىلەن تولۇشى كېرەككى، ئۇ يەردە دېلىغۇللۇق، مۈجمەللىك، پەمسىزلىك، بېلى بوشلۇق، ساداقەتسىزلىك، ھاماقەتلىك، ھۇرۇنلۇق ئىللەتلىرى بولماسلىقى كېرەك.
دادىلار قەيسەرلىكتە، چىدام - جاسارەتتە، ئىلىم - ھۈنەردە، ۋاپادارلىقتا، ئەل - يۇرتقا ھىممەت كۆرسىتىشتە ... پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولالىشى كېرەك.
مۇشۇلارنى قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەلۋەتتە مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دادىلار ئۆزىمىزنى بىر قېتىم دەڭسەپ كۆرۈشىمىز ۋە ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.


مەنبە: «جۇڭگو مىللەتلىرى» 2004-يىللىق 4-سان
**************************************************


Bizge qandaq dadilar kérek?


Yalqun rozi


Dadilar qeyserlikte, chidam -jasarette, ilim - hünerde, wapadarliqta, el - yurtqa himmet körsitishte ... Perzentlerge ülge bolalishi kérek.
«balilirimiz medeniyet we dunya qarashlar üstünlük talishiwatqan dewrde yashawatidu. Bundaq muhitta bizge méhir - shepqetni gheplet böshükige aylanduruwalghan anilar kérek emes, belki uni yüksek étiqad istratégiyisige aylandurghan anilar kérek».
Bu bir abzas söz abduqadir jalalidinning mezkur zhurnalning 2004 - yilliq 2 - sanida élan qilin'ghan «bizge qandaq anilar kérek?» dégen maqalisining axiridiki keskin xitabi.
Méningche, söyümlük anilirimizgha qilin'ghan bu xitab yene öz nöwitide qedirlik dadilarghimu oxshashla mas kélidu!
Men ashu maqalini oqughandin kéyin «bizge qandaq dadilar kérek?» dégen mesile üstide jiddiy oylinip qaldim.

Lushün ependi 1920 - yilliri «biz hazir qandaq dada bolushimiz kérek» dégen esirini élan qilip, eyni yillardiki junggoluq dadilar toghrisida ötkür tenqidiy mulahize yürgüzgeniken.
Shu yillarda junggo ziyaliyliri «yéngi medeniyet herikiti»ni qozghap, milliy oyghinish dolqunini ewj aldurghan.
Milliy xorluqni yetküche tartqan junggo ziyaliyliri ghezep - nepretke tolghan közini özlirini qatmuqat müshkül ehwalgha chüshürüp qoyghan jahan'girlargha, teslimchi hökümetke, hoquqperes mustebitlerge tikish bilen birge, mehkumluqqa könüküp ketken jasaretsiz dadilarghimu tikken. Shunga eyni waqittiki edebiy eserlerde dadilarning obrazi asasen dégüdek selbiy obraz süpitide yaritilip ötkür ibariler bilen tenqidlen'gen.
Edebiy tenqidchiler «yollargha eski dada toshup ketti» dep éytishqan. Shungimu bezi erbablar bu yillarni junggo tarixidiki «dadini dumbalash» yilliri dep atashqan.

Shübhisizki, bir millet özining kélechek - istiqbali heqqide estayidil oylan'ghanda, mewjut halitidin ökünüp qana'etsizlik hés qilghanda we endishige chömgende, tebi'iy halda krizis éngi küchiyidu;

Shuning bilen,
Bu néme üchün?
Qandaq qilish kérek?
Bizge néme kérek?
Chiqish yoli - tereqqiyat yoli zadi qeyerde?
Dégendek nuqtilardin chiqip turup tepekkur qilidu.

Bayanimizdiki «bizge qandaq anilar kérek?», «bizge qandaq dadilar kérek?» dégen témilar üstidiki oylinishlarmu shuning jümlisidindur.

Bilip turuptimiz: nöwette, xelqimiz mewjut bolush, tereqqiy qilish, en'ene we milliy xasliqni saqlash qatarliq jehetlerde qatmuqat xirisqa duch kéliwatidu.
Gerche pütkül yershari miqyasida türlük saheler boyiche körülüwatqan keskin riqabet we xiris hemme milletke oxshash bolsimu, herbir milletning ehwali melum jehetlerde yenila perqlinip turidu.
Bizge nisbeten éytqanda, hazir eng muhimi we xewplik boluwatqini exlaq - pezilet jehettiki yimirilishtur.
Buni «biz duch kéliwatqan barliq xirislar ichidiki eng zor xiris» dep éytishqa bolidu. Köpinche kishiler belkim, «exlaq - pezilet jehettiki chüshkünlishish pütkül insaniyet ortaq duch kéliwatqan ijtima'iy mesile» dep oylishi mumkin.
Toghra, eqliy iqtidar jehette ghayet zor ilgirileshlerge ériship, möjize xaraktérlik pen - téxnika muweppeqiyetlirini qolgha keltürgen ellerdiki kishilerdimu exlaqiy chüshkünlishish mesilisi mewjut.
Mushu menidin éytqanda, heqiqetenmu exlaq krizisi mesilisi tereqqiy tapqan we tereqqiy tapmighan barliq el xelqliri üchün ortaq mesile bolup qaldi, dep qarashqa bolidu.
Emma men bizning exlaq - pezilet jehette yimirilishimiz bashqilarningkidin özgichirek, dep qaraymen.
Sewebi shuki, bizning kishining zoqi kélidighan heqqaniyet, güzellik, merdanilik, ochuq - yoruqluq, baturluq, méhribanliq büyük hésablinidighan nopuzluq exlaq ölchemlirimiz qayaqlardindur yuqturuwélin'ghan chakina exlaq qarashlar teripidin yeklenmekte, bir chetke chörüp tashlanmaqta. Qaraydighan bolsingiz parixor emeldarlarningmu, xushametchi janbaqtilarningmu, nomussiz ippet sodigerliriningmu, haram tamaq hurunlarningmu, eytawur, xro'én sodisi bilen shughullinidighanlarningmu... Özi üchün toghra hésablinidighan bir talay exlaq sepsetiliri bar.
Ular bu xil bir tereplime, chakina, külkilik exlaq sepsetilirini héyiqmastin sözlep yürüwéridu.
Undaqlarda ne gunah tuyghusi, ne wijdaniy azab tuyghusi, ne nomus tuyghusi yoq.
Ular öz qilmish - etmishliridin maxtansa maxtiniduki, qilchimu ökünmeydu, epsuslanmaydu.
Néme üchün ularning tili uzun, gep - sözi yangraq, yürüsh - turushi shunche köreng?
Sewebi, ular nopuzluq exlaq - pezilet ölchemlirining cheklimisini déyerlik hés qilmighan, aliyjanab exlaq - peziletning küchini toluq tonup yetmigen. Shunga, özliri kétiwatqan yolning nomussiz yol ikenlikini hés qilmaq tügül, eksiche uni jahandarchiliqning shereplik yoli, dep bilidu.
Exlaq ölchemlirimizning bundaq astin - üstün bolup kétishidiki tüp seweb méningche, bizning ayrim sandiki dadilirimizda.
Bizning hazirqi dadilirimiz ötken esirdiki 50 -, 60 -, 70 - yillarda ösüp yétilgen.
U chaghlarda kishilerning «ijtima'iy heriketlerdiki inqilabiy qizghinliqi» bekrek tekitlinip, «heq - naheq tuyghusigha ige, muhebbet - nepret tuyghusi roshen, güzellik bilen rezillikni perq étish iqtidari küchlük, halal bilen haramgha bolghan mu'amilisi sezgür ademlerdin bolushni tekitlesh»ke yéterlik ehmiyet bérilmigen.
Bu dadilar arqa - arqidin tughulghan perzentlirige exlaq jehette zörür bolghan teleplerni qoyup, ularning wujudigha aliyjanab pezilet güllirining uruqini térishqa, ularning qelbide nopuzluq exlaq ölchemlirining shekillinishige yéterlik ehmiyet bérelmigen.
Peqet, qandaq qilip tiriship oqup yaki tiriship ishlep yaxshi kün kechürüsh toghrisidila gep - söz qilalighan.
Netijide maddiy menpe'etke sezgür qilip adetlendürülgen bu perzentlerdin mal - dunyani, hoquq - imtiyazni hemmidin ela bilidighan, bu nersilerge érishish üchün herqandaq bedel töleshtin, herqandaq bolmighur wasitilerni qollinishtin yanmaydighan bir türküm mexluqlarmu yétiship chiqti.
Ular bu jehette érishken nersiliridin maxtandi, huzurlandi. Wehalenki, qurban qiliwetken adimiylikliridin qilchimu epsuslanmidi, hetta mehrum bolghan adimiylikini bilishkimu qadir bolalmidi. Adimiylikidin barghanséri yatliship ketken bu ewladtin ilgirikige téximu oxshimaydighan yene bir ewlad barliqqa keldi(bu yerde biz hemmini qara - qoyuq bir tayaqta heydimeymiz. Hemmila ademni exlaqta yarimas dégennimu terghib qilmaymiz, elwette).

Adette, dadilar a'iliwi exlaqning hamiyliri hésablinidu. Ulargha a'ile ezalirini exlaq jehette rawurus yéteklesh mejburiyiti yüklen'gen; A'ilige ülge we nemune bolush wezipisi ejdadlardin miras qalghan.
Démisimu balilarning qelbide anilar köyümchanliqi bilen orun alsa, dadilar telepchanliqi bilen obraz tikleydu.
Dada «öz padiliri»ni her jehettin yaxshi himaye qilmisa, tebi'iy halda «padiliri» börige yem bolup kétidu, börining öngkürige bilip - bilmey hettaki özi xalap kirip kétidu. Mana bu barliq paji'ening bashlinishi.
Xosh, bizning dadilirimiz öz «padisi»ni her jehettin himayisige alalaydighan exlaq sapasigha igimu - yoq?
Men hazirqi bir qisim dadilirimizning yaramliq ewlad terbiyilesh, éghir mes'uliyetni üstige élish, xeter we qiyinchiliqqa kökrek kérip otturigha chiqish, qeyser we chidamchan bolush, halal méhnet bilen yashash jehette oynawatqan roligha, parasiti we diyanitige apirin éytish bilen bir chaghda yene bir qisim dadilirimizning bu jehettiki sapasidin gumanlinimen.
Merd - merdane, jasaretlik, ghururluq, nomuschan, chidamliq, erkeklerge xas dadilarning sani azlap «nesli qurup kétish xewpi»ge duch kéliwatqandek hés qilimen.
Eksiche,
«öyüngning derize perdisi chirayliqken» dep qoysa, heptilep xushal yüridighan xénim mijez dadilarni;
Bashliqi «ayaling körünmeydighu?» dep sorisa, bashliqim manga amraq dep maxtinip yüridighan yumshaqbash dadilarni;
Yélinip - yalwurup yashashqa könüküp ketken layghezel dadilarni;
Himmet - gheyritige tayanmastin temexorluq bilen yashashni adet qiliwalghan lalma mijez dadilarni;
Emel - mensepning sayisige ériship qalsa chay oynap harmaydighan paxpaq dadilarni;
Özi erkek turup erler bilen tansa oynashni nomus bilmeydighan zeypane mijez dadilarni;
Bir botulka bedbuy haraqning quli bolup, sorunmu sorun sokuldap, tétiqsiz yumurlarni éytiship harmaydighan hamaqet dadilarni;
Lewzide turmaydighan, xiyanetkarliq, satqinliq, saxtipezlik, suxenchiliktek peskeshliklerni jahandarchiliq yoli qiliwalghan atalmish dadilarni
Köplep körüp turuwatqan ehwalda, dadilirimizning sapasidin ümidwar bolush mumkinmu?
Bundaq dadilar ewladlirining qismitini qéyin künlerge qoymaydu, dep kim éytalaydu?
Bundaq dadilar öz a'ilisini aliyjanab exlaq ölchemliri bilen tutup turalamdu?

Késip éytishqa boliduki,
Bundaq dadilar bizning ijtima'iy exlaqimizni bulghap, ewladlirining rohini kardin chiqirip ularni paji'ening patqiqigha paturup qoyidu.

Emdi bundaq «dada»liq obrazimizgha üzül - késil xatime béridighan peyt keldi.
Chünki bizni mölcherligüsiz kélechek kütüp turmaqta.
Shunga axirida mundaq tekitlep qoyush kérek:
Dadilar - milletning tüwrüki, qol, qaniti.
Dadilarning wujudi heqqaniyet bilen, baturluq bilen, chiwerlik bilen, eqil we diyanet bilen tolushi kérekki, u yerde délighulluq, müjmellik, pemsizlik, béli boshluq, sadaqetsizlik, hamaqetlik, hurunluq illetliri bolmasliqi kérek.
Dadilar qeyserlikte, chidam - jasarette, ilim - hünerde, wapadarliqta, el - yurtqa himmet körsitishte ... Perzentlerge ülge bolalishi kérek.
Mushularni qilish üchün qandaq qilish kérek?
Elwette méni öz ichige alghan barliq dadilar özimizni bir qétim dengsep körüshimiz we özimizni mukemmelleshtürüsh üchün tirishishimiz lazim.


Menbe: «junggo milletliri» 2004-yilliq 4-san
**************************************************

没有评论:

发表评论

发表评论