2009年3月27日星期五

«gherayibussigher»din tallan'ghan ghezeller



«gherayibussigher»din tallan'ghan ghezeller
********************************************


Elishir newaiy
****************

(1)

ئەشرەقەت مىن ئەكسى شەمسىلكەئسى ئەنۋارۇلھۇدا،
يار ئەكسىن مەيدە كۆر، دەب، جامىدىن چىقتى سەدا.

غەيىر نەقشىدىن كۆڭۈل جامىدا بولسا زەڭگى غەم،
يوقتۇر ئەي ساقى، مەيى ۋەھدەت مەسەللىك غەمزەدا.

ئەي، خۇش ئول مەيكىم، ئاڭا زەرف ئولسا بىر سىنغان سەفال،
جام ئولۇر گېيتىنەما، جەمشىد ئانى ئىچكەن گەدا.

جامۇ مەي گەر بۇيلەدۇر، ئول جام ئۈچۈن قىلماق بولۇر
يۈز جەھان ھەردەم نىسار، ئول مەي ئۈچۈن مىڭ جان پىدا.

دەير ئارا ھوش ئەھلى رەسۋا بولغانى، ئەي مۇغبەچە
جامى مەي تۇتساڭ مېنى دىۋانەدىن قىل ئىبتىدا.

ۋەھدەتى بولغاي مۇيەسسەر مەي بىلە جام ئىچرە كىم
جامۇ مەي لەفزىن دىگەن بىر ئىسىم ئىلە قىلغاي ئەدا.

تاكى ئول مەيدىن كۆڭۈل جامىدا بولغاچ جىلۋەگەر،
چېھرەئى مەقسۇد، مەھۋ ئولغاي ھەم ئولدەم مائەدا.

سەن گۇمان قىلغاندىن ئۆزگە جامۇ مەي مەۋجۇد ئېرۇر،
بىلمەيىن نەفئ ئەتمە بۇ مەيخانە ئەھلىن زاھىدا.

تەشنەلەب ئولمە نەۋائىي، چۈن ئەزەل ساقىسىدىن،
«ئىشرەبۇ يا ئەييۇھەل ئەتشان» كېلۇر ھەردەم نىدا.

(2)

سىنسا كۆڭلۈمدە ئوقۇڭ، سۇرتۈب ئىسسىغ قاندىن ئاڭا،
پەي مەسەللىك چىرماغايمەن رىشتەئى جاندىن ئاڭا.

بادەئى لەئلىڭ مىزاجى روھپەرۋەردۇر بەسى،
گويىيا مەمزۇج ئېتىبسەن ئابىھەيۋاندىن ئاڭا.

ئوقى كۆڭلۈم شوئلەسىن گاھ ساكىن ئەتتى، گاھ تېز،
گاھ ئوتۇن بولدى، گاھى سۇ ئۇردى پەيكاندىن ئاڭا.

دەردۇ غەم بوستانىنىڭ تاۋۇسىدۇر كۆڭلۈم قۇشى،
گۈل بولۇب جىسمىمدا كەسكەن نەئل ھەر ياندىن ئاڭا.

نى كەبۇتەر يىتە ئالۇر ئول قۇياشقا، يا نەسىم،
ئەي كۆڭۈل ھالىڭنى ئېئلام ئەيلە ئەفغاندىن ئاڭا.

كۆزگە تا كىردى خەيالىڭ، ساۋۇغ ئاھىم ۋەھمىدىن
باغلامىشمەن قۇرىيا ھەر سارى مۇژگاندىن ئاڭا.

ئەي ناۋائىي، يىغلىما ئاھىمغە تەسكىن بەرمەدى،
ۋەھ، بۇنى ئوتدۇركى، يوق تەسىرى توپاندىن ئاڭا.

(3)

ۋەھكى ئىشقىڭ زاھىر ئەتسەم ۋەھم ئېرۇر ئۆلمەك ماڭا،
گەر نىھان تۇتسام داغى جان خەۋفىدۇر بىشەك ماڭا.

كەلگەن ئېرمىش ئول مەسىھ ئۆلگەنلەرىن تىرگۈزگەلى،
مەن تىرىك، ۋەھ، ياخشىراق بۇ ئۆمىردىن ئۆلمەك ماڭا.

جۇزۋ جۇزۋىمنى، فىغانكىم، مەنفەك ئەتتى تىغى ھەجىر،
بىر بىرىدىن لىك ئۈزىدۇر جۇزۋى لا يەنفەك ماڭا.

كۆڭلۈم ئوتىدىن ياغاچ كۈلدۇر، باشاق بىر قەترە سۇ،
ناگەھ ئول شوخى جەپاكىش ئاتسا بىر ناۋەك ماڭا.

ئالتۇن ئېزىلىب ئېرىب كۆيگەن سايىن خالىس بولۇر،
نى ئەجەب سارغارسا يۈز يەتكەن سايۇ ئەمگەك ماڭا.

چاك ئەيلەرمەن ياقا ئول قاشى يانى كۆرگەچ ئوق
كىم، خەدەنگىن ئاتسا ھايىل بولماغاي كۆڭلەك ماڭا.

بادە ھەجرىدىن ئاقارمىش كۆزلەرىم، ئەي پىرى دەير،
ئەيلەگىل مەي شىشەسىدىن سىندۇرۇب ئەينەك ماڭا.

سەر سەرى ھىجران ۋۇجۇدۇم خىرمەنىن ئانداق ساۋۇر
كىم، فەنا يولىدا سەرسەر بولماسۇن ھەمتەك ماڭا.

ئەي نەۋائىي، گەر ماڭا كۆبرەك ئەمەس ئۈممىدى ۋەسل،
بەس، نەغۇ ئوششاقىدىن جەۋرى ئېرۇر كۆبرەك ماڭا.

(4)

كۆرگەلى ھۆسنۈڭنى زارۇ مۇبتەلا بولدۇم ساڭا،
نى بەلالىغ كۈن ئىدىكىم، ئاشىنا بولدۇم ساڭا.

ھەر نېچە دىدىمكى: كۈن كۈندىن ئۈزەي سەندىن كۆڭۈل،
ۋەھكى، كۈن كۈندىن بەتەررەك مۇبتەلا بولدۇم ساڭا.

مەن قاچان دىدىم: « ۋەفا قىلغىل ماڭا »، زۇلم ئەيلەدىڭ،
سەن قاچان دېدىڭ: « فىدا بولغىل ماڭا »، بولدۇم ساڭا.

قاي پەرى پەيكەرغە دەرسەن تەلبە بولدۇڭ بۇ سۈفەت،
ئەي پەرى پەيكەر، نى قىلساڭ قىل، ساڭا بولدۇم ساڭا.

ئەي كۆڭۈل، تەركى نەسىھەت ئەيلەدىڭ، ئاۋارە بول،
يۈز بەلا يەتمەسكى، مەن ھەم بىر بەلا بولدۇم ساڭا.

جامى جەم بىرلە خىزىر سۈيى نەسىبەمدۇر مۇدام،
ساقىيا، تا تەركى جاھ ئەيلەپ گەدا بولدۇم ساڭا.

غۇسسە چەڭگىدىن نەۋائى تاپمادىم ئوششاق ئارا،
تا نەۋائىدەك ئەسىرۇ بىنەۋا بولدۇم ساڭا.

(5)

بولسا ئىككىمىزنىڭ يۈزى ئەكسى سۇدا پەيدا،
ئول سۇ نى تەرەف بارسا ئاچىلغان گۈلى رەئنا.

زۇلفۇڭ غەمى كۆڭلۈمنى بېلىڭ فىكرىگە سالدى،
كۆركىم، نى خەيال ئىچرە سالىبتۇر ئانى سەۋدا.

غەۋغا قىلۇر ئەل مەھۋەشلەر كويىدا، لېكىن
مەھۋەشلەر ئىشى قىلماق ئانىڭ كويىدا غەۋغا.

ئەھۋالىمە فەرھاد ئىلە مەجنۇنغە تەئەججۈپ،
ئىشق ئەتتى خىرەد ئەھلى قاشىدا مېنى رەسۋا.

ھەر سارى تاماشاغا كىم ئول شوخ قىلۇر ئەزم،
يوق ئاڭا تاماشاكى، ئېرۇر ئەلگە تاماشا.

دەۋران ساڭا زۇلم ئەتسە، قەدەھلەر تولا مەي ئىچ،
قان يۇتسەڭ ئاياغلار تولا دەۋرانغە نى پەرۋا.

ئول شوخكى مەيدان ئارا كۆرگەنگە سالۇر تىغ،
كۆرمەسكە سالۇر يەتسە نەۋائى سارى ئەمدا.

(6)

نى نەۋا ساز ئەيلەگەي بۇلبۇل گۈلىستاندىن جۇدا،
ئەيلەمەس تۇتى تەكەللۇم شەككەرىستاندىن جۇدا.

ئول قوياش ھەجرىندە قورقارمەن فەلەكنى ئۆرتەگەي،
ھەر شەرارىكىم بولۇر ئول ئوتلۇغ ئەفغاندىن جۇدا.

دىمە ھىجرانىمدا چەكمەيسەن فىغانۇ نالە كۆب،
جىسم ئەيلەرمۇ فىغان بولغان نەفەس، جاندىن جۇدا.

ھەجر ئۆلۈمدىن تەلخ ئىمىش، مۇندىن سوڭ، ئەي گەردۇن، مېنى
ئەيلەگىل جاندىن جۇدا، قىلغۇنچە جاناندىن جۇدا.

بولسا يۈزمىڭ جانىم ئال، ئەي ھەجر، لىكىن قىلماغىل
يارنى مەندىن جۇدا، ياخۇد مېنى ئاندىن جۇدا.

ۋەسل ئارا پەرۋانە ئۆرتەندى، ھامانا بىلدىكىم،
قىلغۇدەكتۇر سۈبھ ئانى شەمئى شەبىستاندىن جۇدا.

بىر ئىيەسىز ئىت بولۇب ئېردى نەۋائىي يارىسىز،
بولماسۇن، يارەبكى، ھەرگىز بەندە سۇلتاندىن جۇدا.

(7)

يۈز سۆزۈمدىن بىرىگە بەرمەس جاۋاب ئول نۇش لەب،
ئاغزىنى يوقتۇر دىسەم، ۋاقىئكى، ھىچ ئېرمەس ئەجەب.

نۇقتەئى خالىڭ نىدىن شېرىن لەبىڭ ئۈستىدەدۇر،
نۇقتە چۈن ئاستىن بولۇر ھەر قايدا كىم يازىلسا لەب.

ۋەسل نى يەڭلىغ بولغۇسىدۇر، چۈن ئېرۇر
دىلبەرىم نازۇك مىزاجۇ مەن بەغايەت بىئەدەب.

گەر قۇياش دەرلەر يۈزۈڭنى، گەرم بولۇب چەكمە تىغ،
ئەلگە جۈرمى يوق، ئىنار ئاسماندىن ھەر لەقەب.

لەئلىڭ ئالسا چاكلىك بىمار كۆڭلۈمنى نىتاڭ،
ئەي مەلاھەت نەخلى، چۈنكىم خەستە سىز بولماس رۇتەب.

زىندەدىل مەجنۇننىڭ ئولمىش كۆڭلى چۈن لەيلىغە ھەي،
بەس، نى ئاسىغ ئانى ھەيدىن قاۋلاماغلىق، ئەي ئەرەب.

تالىب ئول كىم تاپماساڭ داغى بۇ بەسكىم، ئەيلەمەس
بىر نەفەس غافىل سېنى مەتلۇب يانىدىن تەلەب.

قەھر بەرقى بىرلە رەھمەت يامغۇرى گەر بۇيلەدۇر،
ئىمىن ئېرمەس بۇلئەلە، نەۋمىد ئەمەستۇر بۇ لەھەب.

گەر نەۋا تاپسا نەۋائىي لەبلەرىڭنىڭ زىكرىدىن،
تاڭ ئەمەستۇر، چۈن مۇدام ئەفزۇن بولۇر مەيدىن تەرەب.

(8)

كۆز ياشىم بولدى رەۋان بىر نەرگىسى جادۇ كۆرۈب،
تېفل يەڭلىغىم يۈگۈرگەي ھەر تەرەف ئاھۇ كۆرۈب.

قالدى ھەيران زاھىد ئەشكىمدە كۆرۈب ھەريان ھۇباب،
رۇستايىدەككى، ھەيرەت ئەيلەگەي ئوردۇ كۆرۈب.

جان ئارا تىغىڭ كۆرۈپ كۆڭلۈم قۇشى تۈزدى نەۋا،
تۇتىئىدەككىم، تەكەللۇم ئەيلەگەي كۆزگۈ كۆرۈب.

ۋادەئى ئىشقىڭ ماكان قىلدى كۆڭۈل كۆرگەچ يۈزۈڭ،
ئەل بىيابان ئىچرە مەنزىل ئەيلىگەندەك سۇ كۆرۈب.

جاندا ئۆز داغىن كۆرۈب ئاشىقلىغىمنى ئاڭلادى،
ئول كىشىدەككىم تانىغاي ئۆز قۇلىن بەلگۈ كۆرۈب.

بادە تۇتقاچ دىمە بىخۇد بولدىكىم، ئول كۆزگۈدىن،
باردى ھۇشۇم يار ھۆسنى جىلۋەسىن ئوترۇ كۆرۈب.

ئەي نەۋائىي، دەفئى ئولۇر خالىن كۆرۈب كوھى غەمىم،
فىل يەڭلىغكىم، ھەزىمەت ئەيلىگەي ھىندۇ كۆرۈب.

(9)

جۇنۇن تاشى ئۇرۇب ھەريان ياڭى داغىمنى ئەفگار ئەت،
ئىچىمدىن لالەدەك ئىچرە تاشىمنى نەمۇدار ئەت.

چۇ مەجنۇن قىلدىڭ ئەمدى، ئەي مۇغەننى، گوشە تابىڭنى
كۆڭۈل سەۋداسى تەسكىنى ئۈچۈن بوينۇمغا تۇمار ئەت.

دىسەڭ كۆڭلۈم قۇشى ئەيلەب ھەۋا، چەككەي نەۋائىي ئىشق،
خەدەڭگىڭنىڭ پەرىن ئەيلەپ قانات، پەيكاننى مىنقار ئەت.

ساچىڭ كۇفرىدە ئۆلسەم قەبرىم ئۆزرە قويما خىرقەمنى،
چېكىب ھەر تارىنى بىر بەرھەمەن بېلىگە زۇننار ئەت.

كۆڭۈل ئەيۋانىدا ئاھىم يېلىدىن پەردەئى ئىشقىڭ
دىسەڭكىم ئۇچماسۇن، مىژگاندىن ئەتراپىغا مىسمار ئەت.

دىسەڭ ئاغزىن كۆرەي، ئەي ئەقىل، مەركەز نوقتەسىن ئىستە،
ۋەلى شەرت ئۇشبۇكىم، ئەۋۋەل قۇياش دەۋرىنى پەرگار ئەت.

ئىمارەت تەرھىدۇر نەئلو ئەلىفدىن ھەر تەرەف كۆكسۈم،
ۋەفا قەسرىن قوپارساڭ بۇ بىنالار ئۇزرە دىۋار ئەت.

ئېرۇر مەقسەد يىراق، ۋادى ئۇزۇن، تۈن تىرە، يول بۇرتاق،
بۇ يولدا سەلب ئېتىب ئۆزلۈك يۈكىن، ئۆزنى سەبۇكبار ئەت.

نەۋائىي ئۆلسە تىرگۈزگىل يۈزىگە يۈز قويۇب، يەنى
يۈزىگە سۇ ئۇرۇب ئول ئۇيقۇسىدىن ئانى بىدار ئەت.

(10)

ۋۇجۇدۇم ئۆرتەدىڭ ئەي ئىشىق، ئەمدى تەركىم تۇت،
خۇداي ئۈچۈنكى، مېنى قايدا كۆردۈڭ، ئاندا ئۇنۇت.

كۆڭۈلنى ۋەسىل چىراغى بىلە دىدىڭ يارۇتاي،
تۇتاشتى چۈن بىزنىڭ ئوي، ئەمدى ئۆزگە ئوينى يارۇت.

چۇ ۋەسىل كۆيمەك ئىلە ھاسىل ئولمادى، ئەي كۆز،
تەھەسسۇر ئەشكى بىلە شوئلەلىغ كۆڭۈلنى ساۋۇت.

جۇنۇن دەفئىغە كۆڭلۈمنى داغ ئېتەي دەبسەن،
بۇ داغ سەھلدۇرۇر، ھەجىر داغىنى قورقۇت.

بۇخارى ئاھىم ئېرۇر لايىق، ئاڭلاغىل، ئەي ئەشك،
باھارى ھۆسنىگە ناگاھ كېرەكلىك ئولسا بۇلۇت.

نى ۋاقئ ئولسە چۇ تەقدىردىن ئەمەس خارىج،
بەس ئۆكتەدۇر قىلورىدىن كىشىگە بەرمەك ئۆگۈت.

نەۋائىيا، بۇ ئۆتەر ئالەم ئىچرە بەش كۈن قىل
ئۆزۈڭنى مەي بىلەن مەشغۇلۇ ئىشىق بىرلە ئاۋۇت.

(11)

يانا سالدى ھەجىر ھەم تەن ھەم كۆڭۈل ھەم جانغا ئوت،
سالدى ئوت ھىجران ماڭا، يارەبكى، سال ھىجرانغا ئوت.

ئەيتقاي كىيمىش جۇنۇن مۈلكى شەھى زەركەش لىباس،
كۆرگەن ئېل بۇ نەۋئكىم تۇشمىش مەنى ئۇريانغا ئوت.

گويىيا بولدى قۇيۇن غەم دەشتىدە ئەسكەن سەمۇم،
يوقسە تۇشتى مەن كەبى مەجنۇنى سەرگەردانغا ئوت.

مەنزىلىڭ ئېردى كۆزۈ كۆڭلۈم، ۋەلى سەن بارغالى
مۇنى سۇ قىلدى خارابۇ تۇشتى ئول ۋەيرانغا ئوت.

مەن داغى كۆيمەي قۇتۇلماق ئەي كۆڭۈل مۇمكىن ئەمەس،
بۇيلەكىم، سالدى دەمىم غەم دەشتەدە ھەريانغا ئوت.

دۇدى ئاھىم داش دۇدىدەكمۇ رەۋزەندىن چىقار،
يا سالىبتۇر فۇرقەتىڭ بۇ كۇلبەئى ئەھزانغا ئوت.

گەر ماڭا ئوت سالدى دەۋران ھەجرىدىن، بەس ئەيىب ئەمەس،
مەن داغى سالسام دەمادەم ئاھ ئىلە دەۋرانغا ئوت.

نى ئۈچۈن ئەشجارىدىن يىغمىش ئوتۇن، ئەي باغبان،
ئاتەشىن گۈلدىن ئەگەر ئورماس فەلەك بوستانغە ئوت.

ئەي ناۋائىي، تەن قالىب، جانىمنى ئالىب باردى يار،
سالدى ئۇ بارغانغا ئوت، ھىجران ۋەلى قالغانغە ئوت.

(12)

مېنىڭ جۇنۇنىمە گەر ئول پەرى ئېرۇر بائىس،
ھەلاكىمە قەد ئىلە پەيكەرى ئېرۇر بائىس.

دىمە نىدىن كۆيەسەنكىم، ئانىڭ يۈزۈ لەبىنىڭ
بۇ ئىشكە شوئلە بىلە ئەخگەرى ئېرۇر بائىس.

كۆڭۈل قۇشى تۈن كۈن مۈلكى باختەر سارى
ھەۋا قىلۇرغە مەھى خاۋەرى ئېرۇر بائىس.

ماڭا كىم غەمزەسىدىن ئولمىشەم، ھەياتى ئەبەد
خەيالىغە لەبى جان پەرۋەرى ئېرۇر بائىس.

چەمەندە بۇلبۇل ئېتەر شەۋق نۇكتەسىن تەكرار،
كى گۈل ۋەرەقلىرىنىڭ دەفتەرى ئېرۇر بائىس.

ئول ئاي فىراقىدا ئەشكىم ئاقارغە شامۇ سەھەر
تولوئى زۆھرە بىلەن مۇشتىرى ئېرۇر بائىس.

كۆڭۈلنى چاكۇ باغىرنى شىگاف ئىستەرىمە
ئانىڭ قېلىچى بىلەن خەنجەرى ئېرۇر بائىس.

ھەمىشە دەير ئىچىدە بولماغىمە مۇغبەچەلەر
كەرەشمەسىيۇ فەنا ساغەرى ئېرۇر بائىس.

نەۋائىي ئولمەسغە ئازىمى ئىراقۇ ھىجاز،
مەگەر نەزاھەتى مۈلكى ھىيەرى ئېرۇر بائىس.

(13)

ئەي گەدايىڭنىڭ گەدايى بارچە ئەھلى تەختۇتاج،
كىم گەدايىڭدۇر ئاڭا يوق تەخت ئىلە تاج ئېھتىياج.

كۆزلەرىڭ ئاز جۇرم ئۈچۈن قىلسا ئىتاب، ئېرمەس ئەجەب،
بار مۇئەييەنكىم، بولۇر بىمارلار نازۇك مىزاج.

گەر سەنۇبەر تۈزمەمىش سەرۋىڭ خىلافىن كۆڭلىدە،
يەل چىنار ئىلگى بىلە نىۋچۈن ئۇرار يۈزىگە كاج.

ئەيكى، كۆڭلۈمنى بۇزۇب، دەرسەن: خەيالىمنى چىقار،
ھېچكىم ۋەيرانەدىن گەنج ئىستەمەس ھەرگىز خىراج.

سەن جەفا قىلغاچ، كۆڭۈل جان بىرلە تەركىم تۇتتىلەر،
بولسا شاھ زالىم، ئەل ئىچرە زۇلمغە ئىرمىش رىۋاج.

ھەجرىدىن داد ئىستەدىم، دىدىڭ سەبۇر ئول، ۋايكىم،
تازە داغىمغە يانار ئوت بىرلە ئەيلەرسەن ئىلاج.

چۈن فەنا گەردى ياپار، نى سۇد تەختۇ جاھىڭە،
كۆكنىڭ ئەنجۇمدىن مۇكەللەل ئەتلەسىن قىلساڭ دۇۋاج.

تا گەدايىڭدۇر نەۋائىي تەخت ئىلە تاج ئىستەمەس،
ئەي گەدايىڭنىڭ گەدايى بارچە ئەھلى تەختۇتاج.

(14)

كۆڭۈللەر نالەسى زۇلفۇڭ كەمەندىن ناگەھان كۆرگەچ،
ئېرۇر ئانداقكى، قۇشلەر قىچقىرىشقايلار يىلان كۆرگەچ.

كۆڭۈل چاكىن كۆزۈمدە ئەشكى رەنگىن ئەلگە فاش ئېتتى،
بالىغ زەخمىنى فەھم ئەيلەرلەر ئەل دەريادا قان كۆرگەچ.

كۆزۈم قان ياش تۆكەر، نېتىب كۆڭۈل زەخمىن ياشۇرايكىم،
تاپارلەر يەردە زەخمىن سەيد قانىدىن نىشان كۆرگەچ.

بويالغان قان ئارا جان پەردەسى يەتكەچ غەمى ھەجرىڭ،
كۆڭۈل باغىدا بەرگىدۇركى، ئال ئولمىش خەزان كۆرگەچ.

خەدەڭگىڭ زەخمى ئىچىندىن بەلالارنى يۇغان ياشىم،
ئېرۇر تېفلىكى، ئالغاي قۇش بالاسىن ئاشىيان كۆرگەچ.

كۆڭۈللەر نەقدىنى تاراج ئېتەرگە ياپماغىڭ بۇرقەئ،
ئانىڭدەكدۇركى، يۇز باغلار قاراقچى كارۋان كۆرگەچ.

يۈزىن زۇلف ئىچرە تا كۆردۈم، ئۆلۈب ۋەسلىغە يەتمەسمەن،
غەلەت ئېرمىش يۈز ئۇرماق كېچە ئوتنى ھەرقايان كۆرگەچ.

ئېرۇر چۈن ئالەم ئىچرە جاھ فانى، ياخشى ئات باقى،
بەس، ئېل كامىن رەۋا ئەيلە ئۆزۈڭنى كامران كۆرگەچ.

نەۋائىي، خۇردەگى نەزمىڭنى ئانداق ئەيلەدىڭ تەھرىر،
كى ساچقاي خۇردە باشىڭ ئۆزرە شاھى خۇردەدان كۆرگەچ.

(15)

كۆڭۈلنى مۇغبەچە ئالدى، مۇغانە تۇت ئەقداھ،
كى يوق سەلاھ ئىلە بولماغلىق ئەمدى بىزگە سەلاھ.

بىر ئاي ، فىراقىدا بىخۇدلۇغ ئىستەرەم، تولا تۇت،
ئەگەر قىلىب ئىسەڭ ئەفلاك جىرمىدىن ئەقداھ.

ھەلال بولدى خەرابات ئىشق ئەھلىغە، مەي
تۇتار بىز، ئەھلى ۋەرەئكىمكى ئانى تۇتسا مۇباھ.

ھەياتبەخىش لەبىڭ روھ ئىمىشتوك، ئەي ساقى،
مەگەركى ۋاۋىنى ئېلال ئېتىب قىلىبسەن راھ‹1›

يوق ئېرسە جىسمدا، ئول ھاسىل ئەيلەگەي قايدىن،
ھەكىم نە ئۈچۈن ئەجزاسىنى دىدى ئەرۋاھ.

سەباھ ھەيكەدە باغلىقدۇرۇ خۇمارىم تۈند ،
تەئەججۈپ ئەتمەڭ ئەگەر زىكرىم بولسا «يا فەتتاھ».

نى ئېردى مەيكەدە غەۋغاسى، زەرقىزىن گويا
بۇ شام قىلدى نەۋائىيغە دەير پىرى نىكاھ.

*****************************
‹1› راھ مەنىسى « مەي » دېمەكلىكتۇر
*****************************

(16)

خانەقەھدە ھەلقەئى زىكىر ئىچرە غەۋغا قىلدى شەيخ،
ئەھلى دىللار نەقدى ئەۋقاتىنى يەغما قىلدى شەيخ.

ئول بىرى دام ئېردى، بۇ بىر دانە ئېل سەيدى ئۈچۈن،
ھەر قاچانكىم ئەزمى تەسبىھۇ موسەللا قىلدى شەيخ.

يا خەيالى بەڭ، يا خۇد خانەقەھ فىكرى ئىدى،
ھەر كەراماتى مەقاماتىكى ئىفشا قىلدى شەيخ.

كەف ساچىب، فەرياد ئېتىب، سېكرەب ، پەرۋىشلەرنى سەيد
قىلغالى، دىۋانەلىغلەر ئاشكارا قىلدى شەيخ.

توق چىقىب خىلۋەتتىن ئۆزنى روزە دەب جۇھھالىدىن،
ئەسرۇ كۆب ناداننى ئۆز تەۋرىغە شەيدا قىلدى شەيخ.

باۋۇجۇدى مەسخۇ نادانلىغ مۇرىد ئەيلەر ئۈچۈن،
كۆپ ئۆزىدىن مەسخۇ نادانراغنى پەيدا قىلدى شەيخ.

دەيرى پىرىنىڭ مۇرىدى مەنكى فەيزى ئام ئېرۇر،
خانەقەھدە فەيزى ئام ئەلدىن تەمەننا قىلدى شەيخ.

دەير ئارا تىندى قۇلاغىم، راھىبا ، زىكرىڭ بەخەير،
كىم سەھەر زىكر ئېيتۇرىدا كۆپ ئەلالا قىلدى شەيخ.

ئەي ناۋائىي، خىرقەسىن بەردى ، كەرامەت ئەيلەدى،
كىم ماڭا تەرتىبى ۋەجھى رەھنى سەھبا قىلدى شەيخ.

(17)

قاشىڭ مىھرابىنى ۋەسل ئەھلى ئەتمىش قىبلەئى مەقسۇد،
باشىم يۈز قەتلە ئۇرسام يەرگە ھەجرىڭدىن ماڭا نى سۇد.

ئىچىمدە ئىشقىدىن يۈز بەرقۇ دەم ئۇرماققە زەھرەم يوق،
ئۆي ئىچرە ئوت سالىب، ۋەھ، مۇشكىل ئىرمىش ئاسراماغلىق دۇد.

يادا تاشىغە قان يەتكەچ ياغىن ياققاندەك، ئەي ساقى،
ياغار يامغۇردەك ئەشكىم چۈن بولۇر لەئلىڭ شەراب ئالۇد.

چۇ قويدۇڭ داغ، تىندۇردۇڭ كۆڭۈلنى دەردىڭ ئىستەردىن،
دىرەم بىرلە گەدانى ئويلەكىم قىلغاي كىشى خۇشنۇد.

جۇنۇن بۇ بولسەكىم ياغدى پەرىۋەش تېفلىلەر تاشى،
مۇناسىبتۇر بۇ تاشلەر ئەقىل ئىشىگىن قىلغالى مەسدۇد.

تۆكۈلدى گۈل ، فىغان بەس قىلدى بۇلبۇل، شۈكرىكىم، بارىي،
سېنىڭ ھۆسنۈڭ مېنىڭ ئىشقىمدا نۇقسان بولمادى مەۋجۇد.

تۈنۈ ئەنجۇم دىمە ، دەۋرانغا راھەت قىلماسۇن دەپ مەيل،
قەزا گۈل مىخلار قاقتى قىلىپ گەردۇننى قىرەندۇد.

خەراباتۇ مۇناجات ئەھلىنىڭ مەتلۇبى سەندۇرسەن،
ماڭا كۆرسەتمەسەڭ يول نەيلەيىن قايسارىدۇر بىھبود .

نەۋائىي، كەئبە زىكرىن قويكى، بىز دەيرى فەنا ئىستەب،
زەھەبنا ۋادىيەلمەقسەد، ۋەجەدنا ماھۇۋەلمەقسۇد .

(18)

ئەي ئارەزى نەسىرىن، ساچى سۇنبۇل، قەدى شەمشاد،
بۇلبۇل كەبى ھېجرىڭدە ئىشىم نالەيۇ فەرياد.

سەيد ئولدى كۆڭۈل كۆزلەرىڭە، ۋەھ قۇتۇلۇرمۇ،
بىر قۇشكى ئانىڭ قەسدىدە بولغاي ئىكى سەيياد.

ئول مەكتەب ئاراكىم ئوقۇدۇڭ ناز رەموزىن،
گويىيا ۋەفا ئىلمىن ئۇنۇتمىش ئىدى ئۇستاد.

ئەشكىمنى كۆرۈب تېز بولۇر كۆڭلى جەفاغە،
ئارى، ئىتىماس چۈنكى سۈيى بولماسا فولاد.

مىڭدىن بىر ئەمەس ئۆز يۈرەگى زەخملەرىدىن،
ھەر نىچەكى تاغ باغرىنى زەخم ئەيلەدى فەرھاد.

گۈل يافراغى تىرناغلار ئېرۇر بۇ چەمەن ئىچرە،
بۇلبۇل پەرۇ بالىنى بولۇب بەرگەلى بەرباد.

نەئەيب نەۋائىي كەبى دىۋانەلىغ ئەتسە،
ھەر ئادەمىكىم بولسا ئانىڭ يارى پەرىزاد.

(19)

جانىم ئارامى ئۈچۈن قاسىدكى جاناندىن كېلۇر،
گويى جان پەرۋەر نەسىمى ئابىھەيۋاندىن كېلۇر.

نامە قاسىد ئىلكىدىن، قاسىد ھەبىبىم ئالدىدىن،
مۇژدەئى جان يەلدىنو يەل ماھى كەنئاندىن كېلۇر.

ۋەئدەئى ۋەسلىكى جاناندىن كېلۇر ھىجران تۈنى،
تىندۇرۇر كۆڭلۈمنى سۆز يەڭلىغكىم ئول جاندىن كېلۇر.

گەۋھەرىدەكدۇركى چىقمىش خامەسنىڭ نوگىدىن
نامە ئۆزرە شادلىق ئەشكىمكى مىژگاندىن كېلۇر.

شادلىغىدىن جان نىسار ئەتسەم، نىتاڭكىم، بۇ خەبەر
ھەم كۆڭۈلدىن، فىلمەسەل، ھەم كۆڭلۈم ئالغاندىن كېلۇر.

ۋەھكى، مەزمۇنىدۇر ئەھلى دەرد سەرگەردانلىغى،
ھەر بەلا مەكتوبىكىم، بۇ چەرخى گەرداندىن كېلۇر.

دەب ئىمىش نامەمغە قىلمايدۇر نەۋائىي جان نىسار،
ئاندا جان بولسا قاچان بۇ نەۋئى ئىش ئاندىن كېلۇر.

(20)

كىردى سىيمابى لىباس ئىچرە يەنە ئول گۈلئۇزار،
ئول قۇياشدەككىم ئاڭا مانىئ بولۇر ئەبرى باھار.

ئول بۇلۇت يەڭلىغ لىباس ئۇزرە سىزىلغان خەتلەرى،
بار ئانىڭدەككىم، ياغىن تۈشكەي بۇلۇتتىن تار تار.

بۇ لىباسى سىيمگۈن ئىچرە سېنىڭ نازۇك تەنىڭ،
ئول كۆمۈشدەكدۇركىم ئول سىيماب ئارا تۇتقاي قەرار.

مىھرى رۇخسارىڭ لىباسى سىيمگۈندىن مۇتلەقا،
ئول قۇياشدۇركىم، قىلۇر كۆزگۈدە ئەكسىن ئاشكار.

بولدى سىيمابى لىباسىڭ رەڭگى بەسكىم، ئەيلەدىم
كۆز سەھابىدىن باشىڭغە ئەشك سىيمابىن نىسار.

تەننى چۈن سىيماب ئېتەر بۇ چەرخى ئەخزەر ئاقىبەت،
تون ئەگەر سىيمابى ئولسۇن، گەر ياشىل بىر ھۆكمى بار.

ئەي نەۋائىي، كىسۋەتى گەر ئابگۈندۇر نى ئەجەب،
بۇ ياقىندۇركىم، ئېرۇر سۇ ئىچرە دۇررى شاھۋار.

(21)

يانا سەنسىزىن مۇنىسىم غەم بولۇپتۇر،
كۆزۈمگە يۈرەك قانى ھەمدەم بولۇپتۇر.

قارارىپ كۆزۈم دەم بەدەم زار يىغلار،
ئاڭا شامى ھەجرىڭدە ماتەم بولۇپتۇر.

يارامدىن چىكەرگە ئوقىن سەئى قىلماڭ،
كى پەيكان سۆڭەك ئىچرە مەھكەم بولۇپتۇر.

ئىچىمدىن نىچۈك تارتقايلار ئوقىنكىم،
كۆڭۈل قويماسۇ جان مەدەد ھەم بولۇپتۇر.

كۆڭۈلگە ياقار كىرپىگىڭنىڭ خەيالى،
مېنىڭ زەخمىمە نېش مەرھەم بولۇپتۇر.

غۇبارىن تىلەب يىغلاما ھەردەم ، ئەي كۆز،
كى ئەشكىڭدىن ئوق يەر يۈزى نەم بولۇپتۇر.

بۇ گۈلشەن ئارا بەرگ تۇتىلارىغە
خەزان تىفلى بەس بائىسى رەم بولۇپتۇر.

ۋەفا شەخسنىڭ فەرقىنى چەرخ تىغى
ئىكى بۆلدى، ۋەھكىم بىرى كەم بولۇپتۇر.

ئەمەس غەم يۈكىدىنكى، قاشىڭنى كۆرگەچ،
نەۋائىي سۇجۇد ئەتكەلى خەم بولۇپتۇر.

(22)

ھەر ئوقى ئول قاشى يانىڭ جاننىكىم قۇربان قىلۇر،
راست بىر ئوقدۇركى، قۇربان كۆڭلۈم ئىچرە سانچىلۇر.

ئىستەسە ۋەسلىن كۆڭۈل، كۆز رەشكدىن قان ياش تۆكەر،
كۆز يۈزىن كۆرگەچ كۆڭۈل يۈز نالە غەيرەتدىن قىلۇر.

تىغى كۆكسۈم چاك ئېتىب، كۆڭلۈمنى ئاچسا نى ئەجەب،
كىم رەۋان سۇدىن ھەمىشە خەلق كۆڭلى ئاچىلۇر.

گەرم ئولۇب ھەريان ئول ئاتەش پارەكىم ناۋەك ئاتار
راست ئوتدەكدۇركى گىردىدىن شارەرلەر ئايرىلۇر.

يۈزنى ئون تىرناق ئىلەكىم غۇسسەدىن قىلدىم شىيار،
دانە ئىركىن كۆز ياشىمكىم، ھەردەم ئاندا ساچىلۇر.

بادە ئىچكىم، چەرخ جايى سىررىنى جەم بىلمەدى،
گەرچە ئول يۈز جەم كەبى مەيخارەنىڭ دەۋرىن بىلۇر.

ئاھ ئوتىدىن شىكۋە گەر ئەيلەر نەۋائىي ئەيب ئەمەس،
تېلبەلەرنىڭ ھەرنىكىم ئاغزىغا كەلسە ئەيتىلۇر.

(23)

ۋاي، يۈزمىڭ ۋايكىم، تەركى مۇھەببەت قىلدى يار،
بىلمەيىن قالدىم مەنۇ قىلماي خەبەر ئايرىلدى يار.

باردى ئوقدەك تېزۇ يادەك قامەتىم ياد ئەتمەدى،
ئىشق ئارا گويا مېنىڭ ئېگرىلىگىمنى بىلدى يار.

چۈن گەدالار بىرلە شاھلار قىلماس ئەرمىش يارلىغ،
مەن گەدانى كۆزگە بەس نېۋچۇن بۇرۇندىن ئىلدى يار.

پەند ئىشتىب، دوستلار، ھىچكىم بىلە يار ئولماڭىز،
كىم مېنىڭ باغرىمنى تىغى ھەجر بىرلە تىلدى يار.

مەندىن ئايرىلغان بەلائۇ دەرد ئۈچۈنمۇ يىغلايىن،
يا ئاڭا كىم بارىبان ئەغيار ئىلە قاتىلدى يار.

يىغلاشىب غەم شامى زاھىر ئەيلەسۇنلەر دەرد ئوتىن،
كىمگە كىم بەيتۇلھەزەندە شەمئدەك تاپىلدى يار.

ئەي نەۋائىي، يار ئۈچۈن تارتار ئىدىڭ غۇربەتتە رەنج،
يولغا تۈش، ئەمدى رەۋانراق بول، ئەزىمەت قىلدى يار.

(24)

ھەرقايان باقسام كۆزۈمگە ئول قۇياشتىن نۇر ئېرۇر،
ھەر سارى قىلسام نەزەر ئول ئاي ماڭا مەنزۇر ئېرۇر.

چۈن مەسەل بولدى ساچىڭ زۇلم ئىچرە ياشۇرماق نى سود،
مۇشك ئىسىن ياشۇرسە بولماس، بۇ مەسەل مەشھۇر ئېرۇر.

تېلبەرەب مەن تا ئانى كۆرمان ئەجايىبدۇر بۈ كىم
ئول پەرى دېۋانە كۆزىدىن داغى مەستۇر ئېرۇر.

چۈن مۇدام ئېرنىڭ مەيى قاشىندادۇر كافىر كۆزۈڭ،
نىدىن ئېردىكىم، دەمى ئۇسرۇك، دەمى مەخمۇر ئېرۇر.

دىلرەبالەر داغى جانىم سەفھەسىدە گويىيا
دەرد ئىلى ئىشقىم ئۈچۈن مۆھر ئەيلەگەن مەنشۇر ئېرۇر.

پەر ئۇرۇپ باشىڭغە تۇتما ئەۋجىكىم، ھەر نېچە مۇر،
كىم قاناتلانغاي قاچان ئۇچماق ئاڭا مەقدۇر ئېرۇر.

گەر نەۋائىي سىمبەلەر ۋەسفىن ئەيلەب كۆرسە رەنج،
يوق ئەجەب، نىچۈنكى خام ئەتكەن تەمەئ رەنجۈر ئېرۇر.

(25)

ئارەزىڭ كۆزگۈسىمۇ تەر كىسرەتىدىن سۇدەدۇر؟
ياخۇد ئول ئارەز سۈيىنىڭ ئەكسىمۇ كۆزگۈدەدۇر؟

دىمە ئەينى نازدىن ئول كۆز ئاچىلمايدۇركى، بار
كافىركىم مەستلىغ ئىفراتىدىن ئۇيقۇدەدۇر.

تاپماغىم ئۆزنى مەھال ئولمىش فىراقىڭ شامكىم
تەب ئارادۇر خەستە جىسمۇ تاب ئول گىسۇدەدۇر.

سەن ئاتارسەن ناۋەكۇ كۆكسۈم شىگافىدىن كۆڭۈل
كۆرگەلى كەلمىش، خاتا قىلماكى، خۇش قاپودەدۇر.

سەجدە قىلماق نى تافاۋۇت كەئبە يا خۇد بۇتقە كىم،
قاشى مىھرابى قايان، قىلسام سۇجۇد ئوترۇدەدۇر.

ئولمەگىمدىن زۇلفىڭە گويا پەرىشانلىق يېتىب،
ماتەم ئەھلىدەك قويى سالىب باشىن قايغۇدەدۇر.

نوھ ئۆمرىيۇ سۇلايمان مۈلكىگە يوقتۇر بەقا،
ئەي ناۋائىي، بادە ئىچ، ئالەم غەمى بىھۇدەدۇر.

(26)

جەمائەتىكى، جۇنۇن مەنئىنى ماڭا قىلاسىز،
تاش ئاتىبان نى ئۈچۈن تەلبەلەرگە قاتىلاسىز؟

كېتىڭ كۆڭۈل بىلە جانكىم، ۋىدائىڭىز قىلدىم،
فىراق ئەگەر بۇدۇرۇر، ئەرتە كۈننى كەچ قىلاسىز.

فىراق ۋەقتىدۇر، ئەي كۆزلەر، ئەمدى قان يىغلاڭ،
بىلۇرمۇ سىزكى، بۇ كۈن نى كىشىدىن ئايرىلاسىز؟

كۆزۈم ھەققىنى بېھىل قىلدىم، ئەي جەۋاھىرى ئەشك،
كى بارى ھەم ئانىڭ ئوق مەقدەمىغە ساچىلاسىز.

فىراق نېشلەرى، ۋەھكى، يانا رەھىم ئېتمەي،
نەفەس نەفەس نىگە مەھزۇن كۆڭۈلگە قاتىلاسىز.

كۆڭۈل فەسانەلىرى، سىزنى، ۋەھ، نېتىب ياشوراي،
بۇ نەۋئىكىم يۈز ئۈزە قان ياش ئىلە يازىلاسىز.

نەۋائىي ھەجرغە قالدى، قىلىڭ ۋىسالدا شۈكر،
جەمائەتىكى، سىۋەر يارىڭىز بىلە بىلەسىز.

(27)

نەۋ باھار ئەييامى بولمىش، مەن دىيارۇ يارسىز،
بۇلبۇل ئولغاندەك خەزان فەسلى گۈلۇ گۈلزارسىز.

گاھ سەرۋ ئۆزرە گەھى گۈل ئۆزرە بۇلبۇل نەغمە ساز،
ۋەھكى، مەن مەن گوڭگو لال، ئول سەرۋگۈل رۇخسارسىز.

تاڭ ئەمەستۇر گەر دىيارۇ يارسىز ئازۇردەمەن،
كىم ئەمەس بۇلبۇل گۈلۇ گۈلزارسىز ئازارسىز.

رەۋزە ئەشجارى ئوتۇندۇر، گۈللەرى جانىمغە ئوت،
مۈمكىن ئولسە ئاندا بولماغلىغ دەمى دىلدارسىز.

مەي چۇ بەردىڭ زۇلف ئىلە بەند ئېت مېنى، ئەي مۇغبەچە،
كىم خۇش ئېرمەس مۇغ بىلە ئىچمەك قەدەھ زۇننارسىز.

تاپمادۇق گۈلرەڭ جامى بىخومار، ئەي باغبان،
ۋەھكى، بۇ گۈلشەن ئارا پۈتمەس ئېرمىش خارسىز

ئەھلى زۇھد ئىچرە نەۋائىي تاپمادى مەقسەدقە يول،
ۋەقتىڭىزنى خۇش تۇتۇڭ، ئەي جەمئىكىم خۇممارسىز.

(28)

زەمانى گەرچە يادىم قىلماس ئول نامىھرىبان ھەرگىز،
فىغانكىم، يادى چىقماس خاتىرىمدىن بىر زەمان ھەرگىز.

ئاتى ئاغزىم ئارا مەزكۇر، ئۆلەرمەن، ئاھكىم، بولماغاي
ئاتىم ئاغزىمغا بىر مەزكۇر ئولۇرغە كامران ھەرگىز.

كۆڭۈل تا ۋادىئى ئىشقىغا تۈشتى، قىلمادى بىر ھەم
ۋەتەننى ياد ئول ئاۋارەئى بىخانومان ھەرگىز.

لەبىڭدىنكىم كۆزۈڭ ياشى جەھاننى لەئلىگۈن قىلدى،
باغىر جۇزۋىدىن ئايرۇ تاپمادى بىر قەترە قان ھەرگىز.

......................................

يارىب كۆكسۈم جۇنۇن تەئۋىزىدەك جان پەردەسىن ئاچما،
كى فاش ئولمايدۇر ئول قانلىغ نېچە داغى نىھان ھەرگىز.

غەمۇ ئەندۇھى يەئجۇجىغە ھەر دىۋار سەددىدۇر،
فەنا مەيخانەسىدەك تاپمادۇق دارولئەمان ھەرگىز.

بۇ دەمنى تۇت غەنىمەتكىم، كېلۇر دەمدىن ئەسەر يوقتۇر،
نى دەمكىم ئۆتتى خۇد ئاندىن كىشى تاپماس نىشان ھەرگىز.

قىران قىلدىڭ نەۋائى، نەزىم ئارا كىم ئىلتىفات ئەتمەس،
سۆزۈڭدىن ئۆزگە سۆزگە خىسرەۋى ساھىبقىران ھەرگىز.

(29)

ئول پەرى كويىدا مەن دىۋانەنى بەند ئەيلەڭىز،
بەند بەندىم زۇلفى زەنجىرىغە پەيۋەند ئەيلەڭىز.

خەلق تەركى ئىشق ئەيلەرگە مېنى دىلخەستەنى
ئۆلتۇرۇپ ئالەم ئېلىغە مۇجىبى پەند ئەيلەڭىز.

تەلبە كۆڭلۈم تاپساڭىز، ئەي يار كوي ئىتلارى،
تۇش تۇشىدىن تىشلەبان پەركەند پەركەند ئەيلەڭىز.

بادەئى ئىشق ئەسرۇ مەست ئەتمىش مېنى، ئەي دوستلار،
جامىمە ئەفيون ئېزىب بىردەم خىرەد مەند ئەيلەڭىز.

يىغلاسام ئاچچىغ، مەلۇل ئولماق نىدۇر، ئەي خۇبلار،
ھەزل ئۈچۈن گاھى باقىب، سىز ھەم شەكەر خەند ئەيلەڭىز.

ئىشق بەھرىدە دۇرى ۋەسىل ئىستەمەڭ، ئەي ئەھلى دەرد،
كۆڭلىڭىز ئول نەقدى يادى بىرلە خۇرسەند ئەيلەڭىز.

قىلساڭىز تەسۋىر لەيلى ھۆسنىن ئول ئايدەك سىزىڭ،
لىك مەجنۇننى نەۋائىي بىرلە مانەند ئەيلەڭىز.


*************************************************
(مەنبە: «غەزەللەر». تىيىپجان ئىلىيوپ نەشىرگە تەييارلىغان)
*************************************************

没有评论:

发表评论

发表评论