2008年12月13日星期六

دۇنيادىكى داڭلىق ئالىي مەكتەبلەر

دۇنيادىكى داڭلىق ئالىي مەكتەبلەر








(1)خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى
ئامېرىكا ماسساچۇسېتس شىتاتىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 1636-يىلى قۇرۇلغان.ئۇ،ئامېرىكا تارىخىدىكى بىرىنچى بىلىم يۇرتى ھېسابلىنىدۇ.







ئۇ ئۆزىنىڭ نام-ئاتىقى،ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرى،تېخنىكىسى،سەۋىيىسى،دوكتورلار قوشۇنى، ئوقۇغۇچىلار ساپاسى،ئۆزگىچە مائارىپ قۇرۇلمىسى قاتارلىق تەرەپلەردە دۇنيادىكى ھەممە ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا،يەنە بۇ مەكتەپتە ھازىرغىچە ئالتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى،جۇڭگونىڭ داڭلىق يازغۇچى،ئالىملىرىدىن خۇگاڭخۇ،ياڭشىنخو، داڭلىق ھاۋارايى مۇتەخەسىسى جۇكېجىن قاتارلىقلار مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان.
___________________

Xarward uniwérsitétining barliqqa kélishi

Xarward uniwérsitéti amérikining massa chustés shitatigha jaylashqan.U1636-yili qurulghan bolup,esli nami kambrij instituti idi.Londonda tughulghan en'gliyilik yash jon xarward en'gliye kambrij uniwérsitétini püttürüp1637-yili yéngi qurulghan bu institutqa kélip xizmet qilghan.U shu chaghda emdila29yashqa kirgen bolup,öpke késilige giriptar bolghanidi.Shundaq bolsimu u xizmetni tiriship ishligenliki üchün bashqilarning yaxshi bahasigha érishken.1638-Yili9-ayda xarwardning öple késili qozghilip,uzun ötmey wapat bolghan.Eyni waqitta mektepte peqet birla resmiy oqutquchi,yaghachtin yasalghan bir éghiz öy we birqanche oqughuchi bar bolsimu,emma xarward bu mektepning tedrijiy tereqqiy qilip zoriyishini ümid qilatti.Shunglashqa u wesiyetname qaldurup,hemmisi bolup,400parchidek kitabini we yérim mülki texminen780fondstérling pulini bu institutqa iane qilghan.
Xarwardning bu xalisane herikiti chong tesir peyda qilghan.Chünki bundaq ish u chaghlarda amérikida kemdin-kem uchraydighan ish idi.Bu yerdikilerning hemmisi dégüdek köchmenler bolup,bu quruqluqqa yéngila kelgen,hemmisi altun qézip igilik tiklewatqanliqi üchün medeniyet we maarip ishlirigha birer ish qilip bérishni téxi héchkimmu oylap baqmighanidi.
Yash xarwardning bu kichikkine xalisane herikiti amérika xelqi üchün shanliq bir ülge tiklep bergen.Shuningdin bashlap medeniyet we maarip ishlirigha iane qilish omomliship,amérika xelqining bir türlük qimmet qarishi bolup qalghan.
Xarward uniwérsitéti-amérikidiki dangliq prénston uniwérsitéti,ohio uniwérsitéti,stanford uniwérsitéti qatarliq12chong dangliq uniwérsitétning aldinqi qatarida turidu hem amérika boyiche eng burun qurulghan uniwérsitét bolup,uning tarixi amérika dölet tarixidin uzaq.
Bu uniwérsitétta18mingdin oshuq oqughuchi oquydu.Uniwérsitét qarmiqida qizlar instituti,asprantlar instituti,edebiyat instituti,soda instituti,qanun instituti,tibbiy pen instituti,siyasiy institut qatarliq 10institut tesis qilin'ghan.Yene xelq'ara tereqqiyat tetqiqat orni,rosiye mesililirini tetqiq qilish merkizi,dunya mesililirini tetqiq qilish merkizi qatarliq tetqiqat orunlirimu bar .
Bu uniwérsitétni püttürgenler arisida ixtisasliqlar köp bolup,ularning ichid alte kishi amérika zungtungi bolghan,33kishi nobil mukapatigha érishken.Dunyadiki 500chong karxana lidirlirining5\1qismi bu uniwérsitétni püttürgenler iken.
Xarward uniwérsitétining biryilliq xam choti bezi kichik döletlerning xam chotidinmu köp bolup,meblighi toluq.Lékin bu uniwérsitét heryili birqanche milyard dollarliq iane puligha ériship turidu.Bu iane jon xarward yaratqan shanliq nemunining en'enisige aylan'ghan emeliy ipadisidur.
jhornilidin
_______________________________

(2) . سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئەڭ داڭلىق خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولۇپ، تۆمۈر يول پادىشاھى سىتانفورد تەرىپىدىن 1885- يىلى قۇرۇلغان.
بۇ ئۇنىۋېرسىتېت يېقىندا «ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا ئاخباراتى» تەرىپىدىن ئامېرىكىدىكى بەشىنچى چولپان مەكتەپ بولۇپ باھالاندى.
گۈزەل-سەنئەت ساھەسىدە بىرىنچى،
قۇرۇلۇش ئىلمى ساھەسىدە ئىككىنچى،
سودا ساھەسىدە بىرىنچى(ئامېرىكا بويىچە) سانىلىپ كەلمەكتە.






(3) . ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئەنگلىيىدىكى <مەرىپەت بۆشۈكى> ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى 12 - ئەسىردە قۇرۇلغان. كاتولىك دىنى ئىنستىتۇتى، مودېرنىزىم ئىنستىتۇتى قاتارلىق 35 ئىنستىتۇتتىن تەركىب تاپقان.
كىشىنى خۇشھال قىلىدىغىنى، بۇ مەكتەپتىكى ئاشمور مۇزىيى ئەنگلىيە بويىچە ئەڭ قەدىمكى مۇزىيدۇر.
ئۇنىڭدىن باشقا، نام چىقارغان ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت نەشرىياتى بولۇپ، ئۇ نەشر قىلغان «ئوكسفورد ئىنگلىز تىلى سۆزلۈكلەر لۇغىتى» ــ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىپ كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولماقتا.




(4) . كېمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئەنگلىيىنىڭ كامبرىج بازىرىغا جايلاشقان كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى.بۇ مەكتەپتە جەمئىي31 ئىنستىتۇت بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى قىزلار ئىنستىتۇتى، ئىككى مەخسۇس ئاسپرانتلار ئىنستىتۇتى، خان جەمەتى ئىنستىتۇتى بىلەن ماگدىلىن ئىنستىتۇتى بار.






ئەنگلىيە داڭلىق پەلسەپە پەنلىرى ئالىمى، داڭلىق يازغۇچى فرانسىس باكون، داڭلىق فىزىكا ئالىمى نيۇتون،ئىرسىيەت ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات ئىلمىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى چارلىز دارۋىن، ئۆزىنىڭ «دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كېروزو» دېگەن داڭلىق ئەسىرى بىلەن جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان يازغۇچى دانىل دىنمۇ، داڭلىق بىئولوگ كىرىك بىلەن ۋاتسونمۇ مانا بۇ ئىلم-مەرىپەت بېغىدا ئوقۇغان.
بۇ مەكتەپتە ھازىرغىچە 60 كىشى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۈچ كىشى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بولغان.

(5) . يالى ئۇنىۋېرسىتېتى.
داڭلىق خۇسۇسىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولغان يالى ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا كوننېكتىكوت شىتاتىدا بولۇپ، 1701-يىلى قۇرۇلغان. ئۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ قەدىمي ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە ئۈچىنچىسى سانىلىدۇ. بۇ مەكتەپتە جەمئىي12ئىنستىتۇت بولۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي 13 كىشى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.




(6) . توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى.
بۇ ئۇنىۋېرسىتېت 1877-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ،ياپونىيە تارىخىدىكى بىرىنچى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېت ھېسابلىنىدۇ.ھازىر بۇ ئۇنىۋېرسىتېت10ئۇنىۋېرسىتېت بۆلۈمى،11ئاسپرانتلار ئىنستىتۇتى،12تەتقىقات مەركىزى بولغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ،ئاسىيانىڭ بىر پارلاق نامايەندىسى بولۇش سۈپىتىدە،دۇنيانىڭ ئىلم-پەن،مائارىپ تەتقىقاتىغا غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا.




(7) . پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى.
پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى لاتىن رايۇنىغا جايلاشقان پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى13-ئەسىردە قۇرۇلغان بولۇپ،ئۇ خەلقئارادا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېت.ئۇنىڭ ئىچىدە بىر چېركاۋ بولۇپ،نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان ئۇ پارىژ خەلقىنىڭ سىموۋلى سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كەلمەكتە.




(8) . پرېنستون ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتىدىكى پرېنستون ئۇنىۋېرسىتېتى 1746-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ،ئۇ ئامېرىكىدىكى تارىخى ئۇزۇن،قەدىمكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئىچىدە4-ئورۇند اتۇرىدۇ.ئۇ ئۇنىۋېرسال ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ،ھازىرغىچە ئۇنىڭدا ئوقۇغانلاردىن ئۈچ كىشى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.






(9) . كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئۇ ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى ئەڭ نوپوزلۇق شۇنداقلا ئەڭ قەدىمكى يەتتە ئۇنىۋېرسىتېت تەشكىللىگەن<پىچەكگۈل بىرلەشمىسى>نىڭ ئەزاسى،ئۇنىۋېرسال مەكتەپ بولۇپ،،1754-يىلى قۇرۇلغان.
ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى روزېۋېلت، فرانكىلىن، ئېزىنخاۋېر،قاتارلىقلار مانا مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇنىڭدا جەمئىي12 تەتقىقات مەركىزى بولۇپ، ھازىرغىچە 48 كىشى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

(10) . موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى.
موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى روسىيىدىكى تارىخ،كۆلەم،مائارىپ،تەتقىقات،مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بىلىم يۇرتىنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇنىڭدىكى گوركىي كۈتۈپخانىسى ئۆزىنىڭ قىممەتلىك بايلىقلىرى بىلەن مەشھۇردۇر.

(11) . ھېيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتى.
گېرمانىيىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ،1386-يىلى قۇرۇلغان. جەمئىي18فاكۇلتېت بار، يەتتە نەپەر دوكتور نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

(12) . ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى.
شوتلاندىيە مەركىزى ئېدىنبۇرگقا جايلاشقان،بۈيۈك بېرىتانىيىدىكى ئەڭ چوڭ،ئەڭ قەدىمكى ئالتە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان ئېدىبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى1583-يىلى قۇرۇلغان.

(13) . چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئامېرىكىنىڭ داڭلىق قاتناش شەھىرى چىكاگوغا جايلاشقان چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى1891-يىلى جون روكفېللىر دېگەن كىشى تەرىپىدىن قۇرۇلغان.ئۇنىۋېرسال خۇسۇسىي مەكتەپ،مۇكەممەل،سىستېمىلاشقان سەۋىيىگە ئىگە.چىكاگو نەشرىياتى بولسا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت نەشرىياتى،بۇ مەكتەپتىن ھازىرغا قەدەر جەمئىي61كىشى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

(14) . بىروۋن ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئەنگلىينىڭ داڭلىق بوتانىكا ئالىمى بروۋن(1773-1858)نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىروۋن ئۇنىۋېرسىتېتى18-ئەسىردە قۇرۇلغان ئۇنىۋېرسال خۇسۇسىي مەكتەپ. جەمئىي 44 فاكۇلتېت بار بولۇپ، <پىچەكگۈلى بىرلەشمىسى>نىڭ ئەزاسى.

(15) . كالىفورنىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى.
1891-قۇرۇلغان كالىفورنىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى قىسقارتىلىپCITدەپ يېزىلىدۇ.ئۇ ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى پاسادىنا شەھىرىدە بولۇپ،سانائەت پەنلىرى ۋە ئىلىم-پەن تەتقىقات ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
جۇڭگونىڭ داڭلىق قۇرۇلۇش ئېنژىنېرى،باشقۇرۇلىدىغان بومبا،ئالەم ئىشلىرىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان ئالىم چىيەن شۆسىنمۇ بۇ بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغان.
بۇ مەكتەپتىن جەمئىي 24 كىشى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى قېتىم نوبىل مۇكاپاتىغا ئېىشكەن ئامېرىكا خىمىيە ئالىمى پاۋلىنگمۇ بار.

(16) . ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتى.
ياپونىيىلىكلەرنىڭ پەخرى بولغان ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتى 1882- يىلى قۇرۇلغان. ئاسىيادا ئالدىنقى قاتاردا دېيىشكە بولىدۇ.

(17) . جونس-خوپكېنس ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئامېرىكىنىڭ بالتىمور شەھىرىدىكى جونس-خوپكېنس ئۇنىۋېرسىتېتى 1876- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇ مەكتەپتىن 22 كىشى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

(18) . لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئەنگلىيە بويىچە كۆلەم جەھەتتە ئەڭ چوڭ،تېخنىكا جەھەتتە ئەڭ ئىلغار بولغان ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، 1836 - يىلى قۇرۇلغان. ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 170 يىللىقى تەبرىكلەندى.
ئۇنى ئەنگلىيە ۋە ياۋروپادا ئالدىنقى قاتاردا دېيىشكە بولىدۇ.

(19) . ميۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئۇ كۈچلۈك مەدەنىيەت پۇرقىغا ئىگە،گېرمانىيىدىكى تارىخى ئۇزۇن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولۇپ، 1472- يلى قۇرۇلغان.ئۇنىڭدا ئوقۇغانلاردىن جەمئىي12كىشى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.بۇنىڭ ئىچىدە ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان<>نىڭ كەشپىياتچىسى رېنتېگىنمۇ بار.

(20) . ۋېينا ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئۇ ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېيا شەھىرىدە بولۇپ،1365-يىلى قۇرۇلغان.دۇنيا پىسخولوگىيە شاھى فرېئۇد مانا مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان.بۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلاردىن جەمئىي يەتتە كىشى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

(21) . ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئۇ شۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولم شەھىرىدە بولۇپ،1877-يىلى قۇرۇلغان.بۇ مەكتەپنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى،ئۇ شەرقىي ئاسىيا تىل تەتقىقاتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللانغان بولۇپ،مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

(22) . سېدنېي ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئۇ،ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى ۋە پورت شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ،1850-يىلى قۇرۇلغان.بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا يەنە جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئەڭ چوڭ كۈتۈپخانا سىدنېي كۈتۈپخانىسى بولۇپ،ئۇ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك كىتابلىرى بىلەن مەشھۇردۇر.

(23) . كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئۇ شىمالىي ياۋروپادىكى قەدىمكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولۇپ،دانىيە پايتەختى كوپىنھاگېنغا جايلاشقان.
دانىيە پارلامېنتى ۋە دانىيە ئاساسىي قاتلامدىكى %90 تىن يۇقىرى كىشىلەر مانا مۇشۇ مەكتەپتە تەربىيلىنىدۇ.

(24) . تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئۇ، كانادانىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى تورونتودا بولۇپ، 1872 - يىلى قۇرۇلغان.

(25) . سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئۇ1980- يىلى8 - ئاينىڭ8 - كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، 1962- يىلى قۇرۇلغان سىنگاپور ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە 1956-يىلى قۇرۇلغان سىنگاپور نەنياڭ ئۇنىۋېرسېتىتىنىڭ بىرىكىشىدىن قۇرۇلغان.
ئۇ ئاسىيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى بولۇپ،سىنگاپورنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا.

(26) . شۋىتسىيە خان جەمەتى ئۇنىۋېرسىتېتى.
شۋىتسىيە خان جەمەتى ئۇنىۋېرسىتېتى شۋىتسىيە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ ئۇنىۋېرسىتېت1827-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ،شۋىتسىيە تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ھېسابلىنىدۇ.

(27) . پېنسلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى.
پېنسلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىنىڭ پېنسلۋانىيە شىتاتىغا جايلاشقان.ئۇنىۋېرسال خۇسۇسىي مەكتەپ.<پىچەكگۈل بىرلەشمىسى>نىڭ ئەزاسى. 1946 -يىلى بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئېلېكترون قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىدىكىلەر ياسىغان دۇنيادىكى تۇنجى كومپيۇتېر ھازىرقى زامان كومپيۇتېر ئىشلىرىغا ئۇل سالدى.

(28) . فرانكفورت ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئۇ رېيىن دەرياسى بويىدىكى فرانكفورت شەھىرىگە جايلاشقان، گېرمانىيىدىكى10چوڭ ئالىي مەكتەپنىڭ بىرى بولۇپ،18-ئەسىردە قۇرۇلغان. جەمئىي 21 فاكۇلتېت بار.

(29) . بوستون ئونۋېرسىتېتى.
ئۇ ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىگە جايلاشقان،ئامېرىكىدا13-ئورۇند اتۇرىدىغان،خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېتلار4-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ،1839-يىلى قۇرۇلغان.ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبى ۋە تېخنىكا سەۋىيىسى ئارقىلىق كۆپلىگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرمەكتە.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە،
ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى،
رىم ئۇنىۋېرسىتېتى.
خلنسكى ئۇنىۋېرسىتېتى،
قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى.
بېيرۇت ئۇنىۋېرسىتېتى.
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى.
كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى.
ھىلبۇرۇن ئۇنىۋېرسىتېتى.
ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى،
قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارمۇ دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار ھېسابلىنىدۇ
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

没有评论:

发表评论

发表评论