2008年12月18日星期四

Ottura asiya kimge yéqinlishiwatidu?

ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟







ئوﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟


2001- يىلدىكى «11- سىنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەرب دۆلەتلىرى بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن يېقىنلىشىش مەنزىرىسى پەيدا بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق مەملىكەتلەردە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىلىرى قۇرۇلغان شۇنىڭدەك يەنە ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ھەر ساھەدىكى ئىشلىرى ئۈچۈن ياردەملەرنى كۆرسىتىش بىلەن تۈرلۈك ھۆكۈمەتكە تەۋە ئەمەس تەشكىلاتلارنى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى غەرب بىلەن يېقىنلاشتۇرۇش يولىنى تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن يېقىندىن بۇيان مەزكۇر رايوننىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلىدى. ھەتتا، بىر قىسىم غەرب كۆزەتكۈچىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ غەربتىن بارا-بارا يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

گىرمانىيە مۇتەخەسسىسى: ئوتتۇرا ئاسىيا غەربتىن يىراقلىشىۋاتىدۇ

گېرمانىيىگە جايلاشقان ياۋروپا مارشال خەۋپسىزلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفېسسورى روگېر كانگاس ئەپەندى نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سويۇشقا باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

پروفېسسور روگېر كانگاسنىڭ قارىشىچە ،ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ غەرب بىلەن جۈملىدىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇنداق سوۋۇپ قېلىشقا يۈزلىنىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەر ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ بىر-بىرىنى تولۇق ئۆگەنمىگەنلىكىدە شۇنىڭدەك ئالاقىلەرنىڭ قىسقا مۇددەتلىك بولغانلىقىدىدۇر.

پروفېسسور روگېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئورتاقلىق ئانچە راۋاجلانماي قالدى، ئىراق ئۇرۇشىدىن باشلاپ، تاكى رەڭلىك ئىنقىلابلار، ئەنجان ۋەقەلىرى ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى بىر-بىرىدىن خېلى دەرىجىدە يىراقلاشتۇردى.

ھەقىقەتەن، پروفەسسور روگېر ئېيتقاندەك، ئۆتكەن يىلى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن رەڭلىك ئىنقىلاب نەتىجىسىدە ئەسقەر ئاقايېۋ ھاكىمىيىتى يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆكتىچىلەر ئىگىلىدى. بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۇنجى دېموكراتىك ئىنقىلاب بولۇپ سانالغان شۇنىڭدەك كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭدا ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربنىڭ قولى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى. قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۇركمەنىستان رەھبەرلىرى خۇددىي ئەسقەر ئاقايېۋقا ئوخشاش دىكتاتۇرۇلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۆز مەملىكەتلىرىدە شۇنداق خىلدىكى ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن بولۇپمۇ ئۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشتى. ئۆتكەن يىلى، مايدا يۈز بەرگەن ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى تېخىمۇ بەكرەك تەھدىد ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەنجان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى ئىسلام كەرىموپنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە، ئۇ ئالدى بىلەن ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقىدى، ئارقىدىنلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ 20 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئورگانلىرىنىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى.

ۋلادىمىر پۇتىن ھاكىمىيەتكە چىققاندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قاراتقان تەسىرىنى تىكلەشكە ئالاھىدە قىزىققان بولۇپ، بۇ جەھەتتە كۆپ چىقارماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيامۇ رۇسىيىگە مايىل بولماقتا.

پروفېسسور روگېرنىڭ قارىشىچە، ئا ق ش نىڭ ئىراققا سىياسىتى، مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقلارغا بولغان تەھدىدى، رېجىم ئۆزگەرتىش خەۋپى ھەم دېموكراتىيىگە ھەددىدىن تاشقىرى دىققەت ئېتىبارىنى بېرىشى ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنى چۆچىتىپ قويدى ".

ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنى دىكتاتۇرلۇق بىلەن تەنقىد قىلىۋاتقان بىردىن –بىر دۆلەت

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى رەھبەرلىرىنى دىكتاتۇرۇلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنى دېموكراتىك ئىسلاھاتقا دەۋەت قىلىۋاتقان بىردىن-بىر دۆلەت بولۇپ، جوڭگو ۋە ياكى رۇسىيە ھېچ قاچان ئۇلارنى بۇ جەھەتتىن تەنقىد قىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى ئامېرىكىدىن چۆچۈپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ كۆپىنچە ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھەربىي-سىياسىي ھەمكارلىقنى تەكىتلەپ، بۇ رايونغا كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېز گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكىمۇ رايوننىڭ ئامېرىكىدىن يىراقلىشىپ، جوڭگو بىلەن يېقىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

جوڭگو بىلەن رۇسىيىگە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دېموكراتىيەلىشىشى كېرەك ئەمەس.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئانالىزچىلىرىنىڭ يېزىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جوڭگو ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىسىنى ئالاھىدە كۈچلەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان سودىسى بەش مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. جوڭگو قازاقىستان نېفىت شىركەتلىرىنىڭ پاي چەكلىرىنى سېتىۋەلىش بىلەن قازاقىستان ئېنېرگىيە ساھەسىنى مونوپول قىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. جوڭگو يەنە ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستانغىمۇ مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئېنېرگىيە ساھەسىنى نىشان قىلغان.

ئىقتىسادىي پايدا ئىزدەۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئۆزلىرىنى دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە باشقا ئىشلاردا قىلچە ئەيىبلىمەيدىغان رۇسىيە بىلەن خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەت ئۈچۈن ئۇلار بىلەن يېقىنلاشماقتا ھەمدە ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كۈنسايىن قويۇقلاشماقتا.

جوڭگو ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەسىرىنى تىكلىمەكتە

ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئانالىزچى ئەجدەر ئاشىرقۇلوپنىڭ " ئاسىيا ئۇچۇرى" تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جوڭگو ئەمەلىيەتتە شاڭخەي تەشكىلاتىدىكى ئاساسلىق باشلامچى مەملىكەتكە ئايلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن سىڭىپ كىرمەكتە.

پروفېسسور روگېرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، جوڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئاشماقتا، ئەگەر غەرب ئوتتۇرا ئاسىياغا سەرمايە بېرىشنى توختاتسا، ئۇ چاغدا جوڭگو ياردەم قولىنى ئۇزارتىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ غەربنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا قارىتىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بۇ تەشكىلاتقا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشى زۆرۈردۇر شۇنىڭدەك يەنە ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىشكە ياردەم بەرگەن دۆلەتكە يېقىنلىشىشى تەبىئىي ئەھۋال، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىياغا ھەربىي-سىياسىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ كىرىپ، رايوننىڭ ئۆزىدىن كۈتۈۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈمىدلىرىنى ئىشقا ئاشۇرسا، ئەسلىدىنلا جوڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن.
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&





Ottura asiya kimge yéqinlishiwatidu?


11-Sétenbir weqesidin kéyin, ottura asiyaning gherb döletliri bolupmu amérika qoshma shtatliri bilen yéqinlishish menzirisi peyda bolup, ilgiri kéyin özbékistan, qirghizistan qatarliq memliketlerde amérikining herbiy baziliri qurulghan shuningdek yene amérika ottura asiya memliketlirining her sahediki ishliri üchün yardemlerni körsitish bilen türlük hökümetke tewe emes teshkilatlarni berpa qilip, ottura asiya rayonini gherb bilen yéqinlashturush yolini tutqan bolsimu, lékin yéqindin buyan mezkur rayonning gherb bilen bolghan munasiwetliride özgirishler yüz bérishke bashlidi. Hetta, bir qisim gherb közetküchiliri ottura asiya memliketlirining gherbtin bara-bara yiraqlishiwatqanliqini otturigha qoyushmaqta.

Germaniye mutexessisi: ottura asiya gherbtin yiraqlishiwatidu

Gérmaniyige jaylashqan yawropa marshal xewpsizlik tetqiqat merkizining proféssori rogér kan'gas ependi nöwette ottura asiyaning gherb bilen bolghan munasiwetlirining soyushqa bashlighanliqini otturigha qoyidu.

Proféssor rogér kan'gasning qarishiche ,ottura asiya memliketlirining gherb bilen jümlidin amérika qoshma shitatliri bilen bolghan munasiwetlirining mundaq sowup qélishqa yüzlinishidiki asasiy sewebler her ikkila terepning bir-birini toluq ögenmigenlikide shuningdek alaqilerning qisqa muddetlik bolghanliqididur.

Proféssor rogérning éytishiche, amérika qoshma shitatlirining birinchi nöwette herbiy munasiwetlerni meqset qilghanliqi bilen iqtisadiy we siyasiy jehettiki ortaqliq anche rawajlanmay qaldi, iraq urushidin bashlap, taki renglik inqilablar, enjan weqeliri amérika bilen ottura asiyani bir-biridin xéli derijide yiraqlashturdi.

Heqiqeten, professor rogér éytqandek, ötken yili qirghizistanda yüz bergen renglik inqilab netijiside esqer aqayéw hakimiyiti yimirilip, uning ornini öktichiler igilidi. Bu ottura asiya rayonidiki tunji démokratik inqilab bolup sanalghan shuningdek köpinche közetküchiler buningda amérikini öz ichige alghan gherbning qoli barliqini otturigha qoyushqan idi. Qazaqistan, özbékistan, tajikistan we turkmenistan rehberliri xuddiy esqer aqayéwqa oxshash diktaturuluq bilen eyiblen'gen bolup, ularmu öz memliketliride shundaq xildiki heriketning yüz bérip qélishidin bolupmu uninggha amérikining ariliship qélishidin endishe qilishti. Ötken yili, mayda yüz bergen enjan weqesidin kéyin, ottura asiya rehberliri téximu bekrek tehdid hés qilishqa bashlidi. Amérika we yawropa döletlirining enjan weqesini tekshürüshni telep qilishi islam kerimopning ular bilen bolghan munasiwetke soghuq muamilide bolushini keltürüp chiqardi. Netijide, u aldi bilen amérika herbiy bazisini taqidi, arqidinla gherb döletlirining 20 din artuq xelq'araliq organlirinining özbékistandiki paaliyetlirini cheklidi.

Wladimir putin hakimiyetke chiqqandin buyan ottura asiya rayonigha qaratqan tesirini tikleshke alahide qiziqqan bolup, bu jehette köp chiqarmaqta. Ottura asiyamu rusiyige mayil bolmaqta.

Proféssor rogérning qarishiche, a q sh ning iraqqa siyasiti, milliy igilik hoquqlargha bolghan tehdidi, réjim özgertish xewpi hem démokratiyige heddidin tashqiri diqqet étibarini bérishi ottura asiya rehberlirini chöchitip qoydi ".

Amérika ottura asiya rehberlirini diktaturuluq bilen tenqid qiliwatqan birdin –bir dölet

Közetküchilerning qarishiche, amérika ottura asiya memliketliri rehberlirini diktaturuluq bilen eyiblep, ularni démokratik islahatqa dewet qiliwatqan birdin-bir dölet bolup, jonggo we yaki rusiye héch qachan ularni bu jehettin tenqid qilmaydu. Shu sewebtin ottura asiya rehberliri amérikidin chöchüp qalghan. Uning üstige yene amérika qoshma shitatlirining köpinche halda ottura asiya bilen bolghan munasiwette herbiy-siyasiy hemkarliqni tekitlep, bu rayon'gha keng kölemde meblegh sélip, uning iqtisadiy jehettin téz güllinishige tesir körsetmeslikimu rayonning amérikidin yiraqliship, jonggo bilen yéqinlishishini keltürüp chiqarmaqta.

Jonggo bilen rusiyige ottura asiyaning démokratiyilishishi kérek emes.


Ottura asiya analizchilirining yézishiche, yéqinqi yillardin buyan jonggo ottura asiyagha qaratqan iqtisadiy istratégiyisini alahide küchlendürgen bolup, uning qazaqistan bilen bolghan sodisi besh milyard dollardin éship ketken. Jonggo qazaqistan néfit shirketlirining pay cheklirini sétiwelish bilen qazaqistan énérgiye sahesini monopol qilishqa qarap yüzlen'gen. Jonggo yene özbékistan, qirghizistan, tajikistan we türkmenistan'ghimu meblegh salghan bolup, asasliqi énérgiye sahesini nishan qilghan.

Iqtisadiy payda izdewatqan ottura asiya memliketliri özlirini démokratik islahat we bashqa ishlarda qilche eyiblimeydighan rusiye bilen xitaydin kélidighan menpeet üchün ular bilen yéqinlashmaqta hemde ular arisidiki munasiwetler künsayin qoyuqlashmaqta.


Jonggo iqtisadiy jehettin tesir tiklimekte

Ottura asiyaliq analizchi ejder ashirqulopning " asiya uchuri" torida élan qilghan maqaliside körsitilishiche, jonggo emeliyette shangxey teshkilatidiki asasliq bashlamchi memliketke aylinip, ottura asiya rayonigha pütün küch bilen singip kirmekte.

Proféssor rogérning tehlil qilishiche, jonggoning iqtisadiy ashmaqta, eger gherb ottura asiyagha sermaye bérishni toxtatsa, u chaghda jonggo yardem qolini uzartidu. Shangxey hemkarliq teshkilatimu gherbning tesirige taqabil turushqa qaritilghan bolup, amérika we yawropa bu teshkilatqa közetküchi süpitide qatnishishi zörürdur shuningdek yene ottura asiyagha nisbeten iqtisadiy istratégiyinimu kücheytishi kérek.

Közetküchilerning qarishiche, nöwette, ottura asiya memliketlirini eng qiziqturidighini iqtisadiy tereqqiyat bolup, uning iqtisadiy jehettin güllinishke yardem bergen döletke yéqinlishishi tebiiy ehwal, amérika ottura asiyagha herbiy-siyasiy jehettinla emes, belki iqtisadiy jehettinmu kirip, rayonning özidin kütüwatqan iqtisadiy tereqqiyatni ilgiri sürüsh ümidlirini ishqa ashursa, eslidinla jonggo bilen rusiyining tesiridin qutulushni arzu qilidighan ottura asiyaliqlarning gherb döletliri bilen qoyuq munasiwette bolushini ilgiri sürüshi mumkin.


menbe:
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-7934-fpage-117.html
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

没有评论:

发表评论

发表评论