2008年12月29日星期一

Jan ara janan yatur ayet oqup

جان ئارا جانان ياتۇر ئايەت ئوقۇپ

شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
(2008-يىلى 5-ئاي، خوتەن)م





*****************************************
جان ئارا جانان ياتۇر ئايەت ئوقۇپ
*****************************************



غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
******************************



(1)

كەزسەم خوتەننى، قەشقەردە ئاھىم.
ياش تۆكتى ئاقسۇ، مىڭ ئەردە ئاھىم.

ئىزدەپ تىنچلىق بارسام ئىلىغا،
قانىتى بوغۇق كەپتەردە ئاھىم.

ئاتۇشقا چىقسام تاشلار يېرىلدى،
جاندا بىلەنگەن شەمشەردە ئاھىم.

تۇرپاندا قەبرە، بولدۇم ھازىدار،
شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم.

كەزدىم ۋەتەننى ئون بەش چۆرگىلەپ،
ئون بەش تامچە قان مەھشەردە ئاھىم.


(2)

ئالمىخاننىڭ ئالمىسى بار، باغى يوق.
لەيلىخاننىڭ گۈلى بار، گۈلزارى يوق.

سايرىماڭلار غۇنچىخانغا تەلمۈرۈپ،
ئېچىلىشقا بەھرى ئاپتاپ يازى يوق.

تاڭغا يىغلاپ ئولتۇرىدۇ نۇرىخان،
تۈندە كەلمەڭلار ئۇنىڭ چىراغى يوق.

چىللىماڭلار ھۆرىخاننى بەزمىگە،
ئاڭا ئاشىق يىگىتى - سەردارى يوق.

تىڭشىماڭلار كۈيلىسە ئازادىخان،
جان غېمىدىن كۆڭلىنىڭ ئارامى يوق.


(3)

يارىم كېلىپتۇ كۆرۈپ كەتكىلى.
ساچىنى چۇۋۇپ ئۆرۇپ كەتكىلى.

جېنىمنى ئويناپ بارماقلىرىدا،
بارماقلىرىمدا ئۆلۈپ كەتكىلى.

دوزاق ئوتىدىن ئالغاچ كېلىپتۇ،
ئۆچكەن قېنىمغا كۆمۈپ كەتكىلى.

لەۋلىرى سەرسان، كۆكسىدە ئىسيان،
يىغلاپ كېلىپتۇ كۈلۈپ كەتكىلى.

سۇندۇر قەدەھنى، جىسمىم شاراپتۇر،
يارىم كېلىپتۇ چۈمۈپ كەتكىلى.


(4)

گۈل ئېچىلدى، تاڭدا ئۇخلار بۇلبۇلى.
تال يىشىندى، سۇدا ئوينار سۇمبۇلى.

چۆل مۇقام چالۇر بوران پەنجى ئىلە،
شەمۇ - شە ياڭرار مۇساپىر مەرغۇلى.

ئەر بالاغەت دەشتىدە پىيادىدۇر،
ئىنتىزار باغلاقتا كىشنەر دۇلدۇلى.

جان ئارا جانان ياتۇر ئايەت ئوقۇپ،
نۇر چاچار كۆزىدە ئىشرەت يوللىرى.

ئەي خۇدا سەن كىمنى يار قىلدىڭ ماڭا،
جىسمى خار، قەلبى مۇھەببەتنىڭ قۇلى؟!


(5)

تەرسالىقىمدا ئىتائەت ئۆلمەس.
رەسۋالىقىمدا مۇھەببەت ئۆلمەس.

ئۆلۇم دەشتىگە سالمىسام ئاتنى،
ھايات باغچامدا ھالاكەت ئۆلمەس.

مىڭ بىر كېچىگە ياقمىسام چىراغ،
جىنلارنىڭ سۈرى - قاباھەت ئۆلمەس.

رەقىپ ياشلىرىدا يۇيۇنمىسام گەر
يۈرىكىمدىكى جاراھەت ئۆلمەس.

قۇتۇلمىغىچە جان ھىجرانىدىن،
روھىمدىكى جىنايەت ئۆلمەس.


(6)

ئۆزۈمگە بىر ئۆزۇم ھەقدا قەلەندەر مەن.
ساپايەم زارىدىن سەۋدا قەلەندەرمەن.

كېچىپ نىگاردىن كىم يەتتى ھىجرانغا،
ئۇنىڭ ھۆر قان ۋە ياشىدا قەلەندەرمەن.

ۋىسال ئارغامچىسىدا كىم باغلىنىپ يىغلار؟
بەخت ئىچرە جۇداسىدا قەلەندەرمەن.

بىراۋنىڭ تاجى كۈلپەتتۇر بۇ باشىمغا،
شەھانە قۇل ئاراسىدا قەلەندەرمەن.

بىھۇشلۇق چۆلىنى ئىستەيدۇ بۇ كۆڭلۈم،
يېشىلسەم گۈل بازارىدا قەلەندەرمەن.


(7)

كۆنسە كۆزۇمگە كۈلپەت نە ئىلاج؟
كۆنسە ئۆلۈمگە قىسمەت نە ئىلاج؟

ۋەھىمە بىرلەن مەھكەم تاقالغان
قەبرەئى دىلغا رىغبەت نە ئىلاج؟

ھەقىقەت - قىلىچ، نۇرى - قىزىل قان،
بىلمىگەن ئەرگە ھېكمەت نە ئىلاج؟

ئۇنتۇپ ياشىغان ئۆلەر سېغىنىپ،
سېغىنمىغۇچە ئىبرەت نە ئىلاج؟

جان تەندە ئامان - قۇلۇڭدا جاھان،
بىلمىسەڭ مەڭگۈ پۇرسەت نە ئىلاج؟


(8)

سېغىن باش ئۇرغىلى خۇدا ياخشى.
ئاڭا يەتكىلى ھەم گۇنا ياخشى.

ۋەتەنسىز قالمايدۇ ئىتمۇ ئاخىرى ھەرگىز،
تىللىما زىكرىگە ھەمدۇ - سانا ياخشى.

گادايلىق تونىنى سال ، دېدىڭ كىمگە؟
بىراۋنىڭ تاجىدىن ئەسكى كۇلا ياخشى.

قۇياشقا تەلمۈرۈپ ياتقان كېچەلەردىن،
سەپەردە بولغىنىڭ جاندىن جۇدا ياخشى.

غوجى جان ئايۋىنىدىن چىق قىلىپ ئىسيان،
سايدىكى قارا تاشقىمۇ سادا ياخشى.


(9)

نەۋائىي ھەزرىتىم ياققان چىراغمەن.
شاھ مەشرەپ چۆلىدە يالاڭ ئاياغمەن.

جاھاننى تەلمۈرتۈپ مەيسىز، بادەسىز،
ھەييامنىڭ قولىدا سۇنغان ئاياقمەن.

كۆيىمەن دوزاخ مەندە بولغىچە ۋەيران،
زېمىننىڭ قەلبىدە يانغان چىراغمەن.

ئىسمىمدىن قان ئاقىدۇ، جىسمىمدىن جان،
تۇلپار ئىزىغا قايتقان تۇپراقمەن.

كەچۈر ئەي تەڭرىم ئازسا قەلىمىم،
قۇياشقا يېقىن تاڭدىن يىراقمەن.


(10)

بىر دېسەڭ مىڭ بولۇپ چېچىلغايمەن.
مىڭ دېسەڭ بىر بولۇپ يىغىلغايمەن.

سىر دېسەڭ كۆز يېشىمنى چۈشەنمەستىن،
قىپ - قىزىل قان بۇلۇپ ئېچىلغايمەن.

ئۆلدى دەپ سۈرەن سالساڭ ئالىمىڭگە،
قايتىدىن دارلىرىڭغا ئېسىلغايمەن .

تۈن دىسەڭ ھاياتىمنى، تۈن كۆكسىگە
نۇر دېگەن ئەشار بولۇپ يىزىلغايمەن.

مەن بار مەن سېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭدا،
تاكى سەن ئۆلمىگىچە ياشىغايمەن.


(11)

ئېگىلگەن باشقا ئۇرارمەن قېلىچ.
ئېزىلگەن تاشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

ئەڭ چوڭ دۈشمىنىم بىچارىلىكتۇر،
تۆكۇلگەن ياشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

رەقىبىم بولسا ئامان قويمىسۇن،
ئۇ بەرگەن ئاشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

ئۆتتى پۇشايماندا ھەر بىر كېچەم،
ئارسىز قۇياشقا ئۇرارمەن قېلىچ.

قەبىھ قەيسەرلىكىمدىن مەۋجۇتمەن،
تىترەپ ياشاشقا ئۇرارمەن قېلىچ.


(12)

ئۇھسىنىپ دەم - دەم دەرىزەمنى قاقار بىر كىم.
پەرىشان كۆڭلۈمنى يەنە سۇندۇرۇپ چاقار بىر كىم.

مۇھەببەت تۇندىكى بىر تال يۇلتۇزدا ئويغاق،
خىيالىمنى ئېغىر ساپانغا قاتار بىر كىم.

جېنىم سەرسانە ، ئۆلۈم دەرۋازىسىنى ئەتمەپتۇ،
يۈرىكىمدىكى پىراق داۋانىدىن ئاشار بىر كىم.

غىچىرلاپ سۆڭەكلىرىمدە ساناقسىز ھارۋا،
مېنى قۇل بازارىدا تىنماي ساتار بىر كىم.

تاكى تاڭ يورىغىچە سۆيگۈگە مەشغۇلمەن،
پىلىك ئۇشلاۋاتقان زۇلمىتىمگە ئاقار بىر كىم
&&&&&&&&&&&&&&&&&


没有评论:

发表评论

发表评论