2008年12月15日星期一

Uyghur maaripigha nezer

ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر



ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر


ئامېرىكا ئالىمى، پىسخولوگ:
جىك ھونتېر


تەرجىمە قىلغۇچى:
ئابباس مونىياز

ياقتۇرۇپ رەتلىگۇچى:
مەخمۇت ئابلىمىت


مۇقەددىمە


مەن ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان ئەلدە خېلى ئۇزۇن تەلىم ئالدىم. لېكىن مەندە قالغان تەسىرات شۇ بولدۇكى، ئۇ يەردە ھەقىقىي مەنادىكى مائارىپ تېخى شەكىللەنمەپتۇ . ۋەتەنگە ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەن بولسام ، مەنمۇ تەربىيىسىز قالاركەنمەن . زاۋۇتتىن چىققان خىشتەك ، بىر خىللا ئىدىيىلىك، بىر قىلىپتىكى ئادەملەرنى تەربىيىلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئۇ سىستېما ھەققىدە بەك كۆپ توختالغۇم يوق. ئۇلار تېخى ئۆزلىرىچە مائارىپتا ئىسلاھ ئىلىپ بېرىۋاتىمىز، دەپ قارايدىكەن . ئۇلار ئىسلاھات دەپ چۈشەنگەن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى قىسقىلا قىلىپ ئۈچ نۇقتىغا يىغىش مۇمكىن .

1-باب: ئۇيغۇر مائارىپىدىكى «ئىسلاھات»قا ئىزاھات

ئۇلار بىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىۋاتقىلى يىگىرممە نەچچە يىل بولدى دەپ ماختىنىدىكەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىدا ئەزەلدىن ئىسلاھات بولۇپ باقماپتۇ . بىر زاماندا روسلارنىڭ ئەندىزىسى بىلەن شەكىللەنگەن مائارىپىدىن پەخىرلەنگەن ئىكەن . مانا ئەمدى خەنزۇ مائارىپىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن ماختىنىپ يۈرۈپتۇ . بۇ خىل كۆچۈرۈلمە ئەندىزىسىمۇ يىل ساناپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن. بۇ يىل نىشانلىق ئوقۇتۇش دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقسا ، كېلەر يىلى ساپا مائارىپى دېگەن گەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن ، ھازىر «ئېمتىھان مائارىپى» دېگەن ئۇقۇمنى پەيدا قىلسا ، ئەتە تۇرۇپلا ئامېرىكىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 70- يىلىلىرىدىكى پېداگوكى بۆلۈمىنىڭ نەزەرىيسىنى بازاراغا سالىدىكەن . مەھمۇت قەشقىرى، نىزامىدىن ئەلشىر ناۋايى... قاتارلىق يىتۈك ئۆلىما ئۇستازلىرى ياراتقان تەربىيىلەش تەجربىلىرىنى تەتقىق قىلىپ كۆرمەي، چەتئەلنىڭ سۇخۇلمىنىسكى، كۇڭزى كەبى پېداگوكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ماس كەلمىگەن تەشەببۇسلىرىغا ئىسىلىۋالىدىكەن. ئىسلاھات دەپ كۈچىگەنسىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى كۆپىيىپ كېتىدىكەن، ئۇ دەرسلىكلەر ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇنى ئوقۇپ چىققانلار رېئاللىققا، تۇرمۇشقا زادىلا ماسلىشالمايدىكەن . ئەقەللىيسى، فىزىكا ئوقۇغانلار ھەمىشە كۆرۈپ تۇرغان شال بىلەن بۇغداي مايسىسىنى پەرىقلەندۈرەلمەيدىكەن. باشلىق كۆپەيتىش - ئۇلار دېگەن ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەن. «ئادەم كۆپ بولسا ئىش كۆپ بولىدۇ» دېگەن گەپ ئۇلارنىڭ دەستۇرى سانلىدىكەن. ئادىمى يۈزگىمۇ يەتمەيدىغان مەكتەپنىڭ 8-10 نەپەر مۇدىرى بولىدىكەن. بۆلۈم، گۇرپپا مەسئۇللىرى، سىياسى خىزمەتچىلەر ... دېگەنلىرىنى قوشقاندا مەكتەپ خادىمىنىڭ 40 - 50 پىرسەنتىنى باشلىقلار تەشكىل قىلىدىكەن .
باشلىقلار كۆپىيىپ تۇرغىنى بىلەن «ئىخچاملاش»نى ئېغىزدىن چۈشەرمەسلىك ئۇلارغا ئورتاق ئۇدۇم ئىكەن. ئىخچاملىدۇق دەپ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز بىر تالاي مەكتەپلەرنى زورمۇ-زور بىرلەشتۈرۈپ قويۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاپپارات كېلەڭسىزلىشىپ ئادەم تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىپتۇ. «شتات قىسقارىتمىز» دېگەن گەپ شۇنىڭدىن چىقىپتۇ . ئۇلار شتات قىسقارتىشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جاي-جايلاردا «شتات قىسقارتىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى» دەيدىغان مەخسۇس شتاتلىق ئورگاننى كۆپەيتىپتۇ.
ئۇلارنىڭ «ئىسلاھات» دەپ چۈشىنىدىغان يەنە بىر ئىشى ---- ئۆز تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا باشقا تىلدا دەرس ئۆتۈش ئىكەن . .
قىسقىسى ، ئۇيغۇرلارنىڭ خاس مائارىپ ئەندىزىسى يوق ئىكەن. ھازىرقى شارائىتتا ئۇلارنىڭ مائارىپىدا ئىسلاھاتنىڭ بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەگەر يېڭىلىق بار دېيىلسە ئۇ خورىتىش ۋە قورقۇتۇش ئىكەن!


2 - باب: خورىتىش


ئىنسانىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشىدىكى تۈپ مەقسەت _ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش. بۇ ئاز ئىشلەپ ، كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش دېگەنلىك . لېكىن ئۇيغۇر مائارىپى بۇنىڭ ئەكسىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىپتۇ . ئۇلار «ئىسلاھات» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى «كۆپ ئىشلىتىش، كۆپ باشقۇرۇش، كۆپ چارچىتىش» دەپ چۈشىنىدىكەن. ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق قىلغاندا ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ. دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىش ئەڭ چوڭ ئىسلاھات سانلىلىدىكەن. شۇڭا ھەر قانداق مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ھامان مۇشۇ توغرۇلۇق باش قاتۇرىدىكەن . كىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش تېپىپ بېرەلىسە، يېڭىدىن يېڭى ئۈنۈمسىز ۋەزىپىلەرنى ئارتالىسا، شۇ ئىقتىدارلىق مۇدىر ھېسابلىدنىدىكەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇش كويىدا پالاقلايدىكەن. بىر مۇدىر دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايسى ئۇسۇلدا ھاردۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ ، ئون ، ئونبەش خىل قوللانما تۈزسە، يەنە بىر مۇدىر ئۇنىڭدىن قالماسلىق ئۈچۈن ، كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ، سىنىپ تەربىيچىلىرىنى جازالاش ھەققىدە 20-25 تۈرلۈك مەخسۇس قوللانما تۈزۈپ چىقىدىكەن. ئۈچىنچى بىرسى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىمەنلىكلەرنى ئويلاپ تاپىدىكەن. . .
ئوقۇتقۇچىلار كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي، تۈرلۈك ئەھمىيەتسىز جەدۋەل، قوللانمىلارنى تولدۇرۇپ ھالىدىن كېتىدىكەن. ئۇلارغا ئارام خۇدا دەرس تەييارلىغۇدەكمۇ ۋاقىت بېرىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىك ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇ يىلقى تۈزگەن كونسپىكنى كېلەر يىلى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن .
ئۇلارنىڭ «گۇرپپا باشلىقى»دەپ ئاتىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك باشلىقى كانسىپىكنى قايتا قايتا كۆچۈرتۈپ ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت خەتلەر بىلەن ئىسمىنى يېزىۋالمىسا ئۇنىمايدىكەن . ئاڭلىسام ، ئۇلارنىڭ ئىشى مۇشۇ ئىشتىن ئۆسىدىكەن . شۇڭا ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى دەرسلىكتىن كونسىپىككە ، پايدىلىنىش ماتىرىيالدىن دەپتەرگە، دەپتەردىن دەپتەرگە، دەپتەردىن يېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتىدىكەن.
مەكتەپ باشلىقلىرىنىڭ دەرسلەرنى باھالاش ئۇسۇلىمۇ غەلىتە ئىكەن. ئۇلار ئالدىن بېكىتىۋالغان مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان باھالاش ئۆلچىمىنى مەخسۇس دەپتەر قىلىپ باستۇرۇپ، ھەممە ئوقۇتقۇچىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدىكەن . بارلىق ئوقۇتقۇچى مۇشۇ دەپتەر بويىچە دەرس ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن، يەنە كېلىپ ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا مۇقىم ۋاقىت بېكىتىلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقىت چىكىنى بۇزۇشقا ھەرگىز بولمايدىكە، دەرس ئۆزلەشسۇن، ئۆزلەشمىسۇن مۇشۇ ۋاقىت بويىچە قىلىپقا چۈشۈرۈپ دەرس ئۆتۈپ بەرگەن ئوقۇتقۇچى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىدىكەن. سەل چوڭقۇرلاپ كەتكىنى بېكىتىلگەن ئۆلچىمىگە چۈشمەي قالىدىكەن -- دە، لاياقەتسىز باھالىنىدىكەن. شۇڭا ھەممە ئوقۇتقۇچى بىر ئادەمدەك دەرس ئۆتىدىكەن. ھېچقايسىسى قائىدىدىن چىقىپ كەتمەيدىكەن . تېخىمۇ قىزىق بولغىنى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت سوبىكتىپ جەريان قېلىپلاشقان ، مېخانىك پائالىيەتكە ئايلىنىپ قاپتۇ .
يىل بويى ئارام ئالماسلىق، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى يەنە بىر ئىسلاھات ئىكەن. مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى قىشۇ ياز تەتىلگە قويۇپ بەرمەي، تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگە سالىدىكەن. شەنبە-يەكشەنبىلەرمۇ ئىشلەۋىرىدىكەن. قانۇنىيەتكە خىلاپ بۇ ئادەت ئوقۇتقۇچى--- ئوقۇغۇچىلارنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى گومۇش، يىراقنى كۆرەلمەس . . . قاتارلىق كېسەللەر بىلەن، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆپكە، يۈرەك، بۆرەك ... دېگەندەك رەئىس ئەزالار كېسىلى بىلەن ئاغرىيدىكەن. مەن بۇ ئەلدىكى ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئەللەرنى ئارىلاپ يۈرگەنلىرىمدە تالاي ئوقۇتقۇچىلارنى شۇ خىلدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن، مەكتەپ مۇدىرلىرى دەل مۇشۇ ئىشتىن پەخىرلىنىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىكى كۆپ قاقشاتسا، قانچە كۆپ ئۈنۈمسىز ئىشلارغا مەلىكە قىلالىسا بۇ ئىسلاھات ھېسابلىنىدىكەن. دوكتور، يازغۇچى، تەتقىقاتچى ... دېگەندەك كەم تېپىلىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرى بولغان ھالەتتىمۇ تۈرۈلۈك شەكلىۋازلىقلىرىغا كۆنۈشى كېرەك ئىكەن. بۇ شەكىلۋازلىققا چىداپ ئىشلىگەنلىرى بولسا بەش-ئالتە يىلغا بارمايلا بەلگىلەنگەن قېلىپ بويىچە ئۆلچەملىك دەرس ئۆتۈشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ئادەتتىكى «مۇئەللىم» گە ئايلىنىدىكەن. بۇ نېمە دېگەن ئېغىر پاجىئە-ھە!؟
شۇڭا دەيمەن، ئۇلاردا ھەقىقىي مائارىپ يوق. ئىسلاھات يوق. قەستەن خورىتىشلا بار ئىكەن!


3 - باب: قورقۇتۇش


ئەقىللىق باشلىققا نىسبەتەن دۇنيادا ئۇنىڭ باشقىلارنى قورقىتۇپ ئىشلتىشىدىنمۇ ئېغىر پاجىئە بولمىسا كېرەك.
لېكىن، ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرى «قورقۇتۇش» نى ئىسلاھاتنىڭ يەنە بىر تۈرى ئۆز نوبۇزىنىڭ ئاشقانلىقى دەپ بىلىدىكەن. قورقۇش - ھەقىقىي مەنادىكى ھۆرمەت ئەمەس، ئوقۇتقۇچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئامالسىزلىقىدىن بويسۇنىشىدۇر. ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغىنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مۇدىرلىرى بۇنىڭ ئەكسىچە قارايدىكەن. ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىلىك قورقىتىۋالسا، ئۇلارغا قانچە زور تەھدىت سالالىسا شۇنچە سۆيۈنۈپ كېتىدىكەن. «ئىش ئورنۇڭدىن قالىسەن» بۇ ئۇيغۇر مۇدىرلىرىنىڭ دائىملىق دەيدىغان گېپى ئىكەن. «ئىسلاھات» دېگەن سۆز ئۇلارغا ناھايىتى ياخشى باھانە تېپىپ بېرىپتۇ. «ئىسلاھات» نى «ئىش ئورنى بىكارلاش» دەپ چۈشەنگەن مۇدىرلار ھە دېگەندىلا مۇشۇ سۆزنى چىڭقىلىپ دەپ، ئەسلىدىنلا تېنى ئاجىز مۇئەللىملەرنى قورقىتۇپ يۈرەك ئالدى قىلىۋېتىپتۇ.
دەرستىن توختىتىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش - تەھدىت سىلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەن. ئايرىم مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن كۆرۈشسەم ، بۇ تېخى ئەڭ ئۈنۈم بەرگەن ئىسلاھات ئىكەن.
كىم ئالدىن بېكىتىلگەن قېلىپ بويىچە دەرس ئۆتمىسە ، دەرس ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. دەرسكە كىرگۈزۈلمىگەن ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتسە «لاياقەتسىز» قىلىنىپ ناھىيە مەكتىپىدىن يېزا مەكتىپىگە ، يېزا مەكتىپىدىن كەنت مەكتىپىگە چۈشۈرۈلىدىكەن . شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئۇخلىماي، ئارام ئالماي يۈيۈرپ ساراڭ بولۇپ كەتىسمۇ، ناھىيىدىكى مەكتەپلەردە ئىشلەشكە رازىكەنكى، ساق كاللىسى بىلەن تۆۋەندىكى مەكتەپلەرگە چۈشۈشنى خالىمايدىكەن. چۈنكى مەكتەپ قانچە كىچىكلىگەنسىرى، ئۇنىڭ «ئىسلاھات» تەدبىرلىرى شۇنچە كۆپىيىپ ۋە چوڭقۇرلۇشۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى نېرۋا ئاجىزلىقىدىنمۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سەھرادا يۈرەك كېسىلى بولغاندىن ناھىيچە شەھەرلەردە ساراڭ بولغىنى ياخشىراق ئىكەن. سەۋەب: ئۇلار ساراڭ بولۇپ قالغان ھالەتتىمۇ، پەرزەنتلىرى سەھرا مەكتەپلىرىدىكى تېخىمۇ قاتتىق «ئىسلاھات» شامىلىدىن ساقلىنىپ قالالايدىكەن. قاراڭ بۇ نېمە دېگەن ئاجىز قوغدىنىش، نېمە دېگەن بىچارىلەرچە تەدبىر-ھە! بۇلارنى كۆرگەن كىشىنى ئىختىيارسىز يىغا تۇتىدۇ، موشۇنى ئىسلاھات دېگىلى بولامدۇ؟ موشىنىمۇ مائارىپ دېگىلى بولامدۇ؟
ئۇلارنىڭ كۆچۈرۈلمە ئەندىزنىمۇ ئەسلى مەنىسىدە قوللىنالمىغان ئاتالمىش مائارىپى توغرىسىدا بۇنىڭدىن كۆپ توختالغۇم يوق. «ئىسلاھات» دەپ ئاتىلىۋىلىشقان بىر قاتار شەكىلۋازلىق ھەرىكەتلىرىدە بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنى قورقۇتۇش ۋە خورىتىشتىن باشقا ھېچقانداق يېڭىلىقىمۇ يوق. شۇڭا بۇنىڭدىن ئارتۇقچە توختالمايمەن.

«دۇنياۋى مەتبۇئاتتا كىملەرنىڭ گېپى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدىن ئىلىندى
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

没有评论:

发表评论

发表评论