2008年12月29日星期一

bombay dunyani ganggiritip qoydi

بومباي دۇنيانى گاڭگىرىتىپ قويدى

بومبايدا دۇنيادىكى دىنلارنىڭ ھەممىسى بار، شۇنداقلا مۇھىم دىنلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ۋە دىن تارقىتىش سورۇنلىرى بار، ئەمما بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ يەردە دىنىي ياكى ئىرقىي توقۇنۇش بولۇپ باقمىغانىدى. تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن بەزى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە: ھىندىستاننىڭ «سودا پايتەختى» بومباي ئەمدى «ئىبلىس شەھىرى» گە ئايلىنىدۇ، دېيىلدى





مۇرەككەپ بومباي دۇنيانى گاڭگىرىتىپ قويدى


بومبايدا دۇنيادىكى دىنلارنىڭ ھەممىسى بار، شۇنداقلا مۇھىم دىنلارنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ۋە دىن تارقىتىش سورۇنلىرى بار، ئەمما بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ يەردە دىنىي ياكى ئىرقىي توقۇنۇش بولۇپ باقمىغانىدى.
تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن بەزى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە: «ھىندىستاننىڭ ‹سودا پايتەختى› بومباي ئەمدى ‹ئىبلىس شەھىرى›گە ئايلىنىدۇ» دېيىلدى.


«ھىندىستاندىكى قوينى ئەڭ كەڭ شەھەر»

ئەنگلىيىدىكى «يەكشەنبىلىك پېشۋالار»گېزىتىنىڭ 7 – دېكابىردىكى خەۋىرىدە: تېررورلۇق ھۇجۇمى ھىندىستاننىڭ بۇ «پۇل مۇئامىلە ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى» نى ئۈچ كۈن بېكىنمە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، «بومباي تىرىشىپ – تىرمىشىپ نورمال ھالىتىگە قايتماقتا»، دېيىلدى. تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولغان «تاجماھال» مېھمانخانىسىغا 100 مېتىرمۇ كەلمەيدىغان لېئوپورد قەھۋەخانىسى چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ناھايىتى ياقتۇرىدىغان 100 يىللىق تارىخقا ئىگە جاي. بۇ گېزىتنىڭ مۇخبىرى يېقىندا تېررورچىلار ھەدەپ ئادەم ئۆلتۈرگەن بۇ جايغا كەلگىنىدە، خېرىدارنىڭ كۆپلۈكىدىن ھەيران قالغان. ئۇ خەۋىرىدە چەت ئەللىك ساياھەتچىنىڭ: مەن ئەسلىي قەھۋەخانىنىڭ تەڭ يېرىمى بوش دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما بۇ يەرگە كىرىپ ئۆچىرەتتە تۇرىدىغانلىقىمنى ئويلىماپتىمەن، دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈردى.
شۇ جايدىكى بىر جۇڭگولۇق مۇخبىرىمىزغا: چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ياكى ساياھەتچىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، تېررورلۇق ھۇجۇمى يەرلىكلەرگە ھېچقانچە ئازاب كەلتۈرمىگەندەك قىلىدۇ، دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بومباي ھازىر ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاشلا ئەڭ ئاۋات توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈش مەزگىلىگە كىرىپتۇ، نۇرغۇن جايغا گۈل بىلەن بېزەلگەن لەمپىلەر تىكىلىپ، يەرلىكلەر رەڭگارەڭ كىيىم – كېچەكلەرنى كىيىشىپ، لەمپە ئاستىدا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋېتىپتۇ.
بومباي ھىندىستاندىكى «قوينى ئەڭ كەڭ شەھەر» دەپ قارىلىدۇ، ئۇنىڭ «ئىرق ۋە دىن مۇزېيى» دېگەن نامى بار. بومبايدا تەخمىنەن 60 نەچچە دۆلەتنىڭ مۇھاجىرلىرى ياشايدۇ، بۇ يەردە ھىندى دىنى، ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، چىنا دىنى، يەھۇدىي دىنى، مەجۇسى دىنى، كامالەت دىنى، شىك دىنى، كاتولىك دىنى قاتارلىق دۇنيادىكى بارلىق دىننىڭ مۇرىتلىرى بار. بۇ دىنلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى ۋە ئىگىسىگە چوقۇنىدۇ. بومباي سودا مەركىزى بولغاچقا، ھىندىستاننىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلغان. ھىندىستاندىكى بەزى جەمئىيەتشۇناسلار مۇنداق قارىدى: ھازىرقى بومبايلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يېقىنقى 200 – 300 يىلدىن بۇيان دۇنيا ۋە ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھېچكىمنىڭ خوجايىن سۈپىتىدە باشقىلارنى چەتكە قېقىش سالاھىيىتى يوق ھەم ئۇنداق قىلالمايدۇ. بومباينىڭ قىسقىغىنە نەچچە يۈز يىل ئىچىدە ئادەتتىكى مەھەللىدىن تەرەققىي قىلىپ، ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ شەھەرگە ئايلىنىشىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن. مەيلى يەرلىكلەر بولسۇن ياكى چەت ئەللىك بولسۇن، مەيلى نامراتلار بولسۇن ياكى بايلار بولسۇن، بۇ پەۋقۇلئاددە چوڭ شەھەردە ئۆز ئورنىنى تاپالايدۇ.


ئۆي ئىجارىسى پارىژدىكىدىنمۇ يۇقىرى

«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئاساسلىق شەھەرلەرنىڭ ئىستېمال كۆرسەتكۈچىدە بومباي ھەمىشە 1 – ئورۇندا تۇرىدىكەن. مەيلى كۆكتات، مېۋە – چېۋە، قازان – قۇمۇچ، چىنە – قاچا بولسۇن ياكى مېھمانخانا قاتارلىقلارنىڭ بولسۇن، بومبايدىكى باھاسى جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا شەھەرلەرنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرىكەن. جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر نەچچە ئاساسلىق شەھەرنى ساياھەت قىلغان شياڭگاڭلىق ساياھەتچى مۇخبىرىمىزغا: بومبايدا مال باھاسى ھەيران قالغۇدەك يۇقىرى ئىكەن، جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا شەھەرلەردىكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ئاسىيادىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن، دېدى. «ھىندىستان ئىقتىساد ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇجايدىكى ئۆي – زېمىن شىركەتلىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بومبايدىكى مەركىزىي سودا رايونىنىڭ ئىجارىسى دۇنيادىكى چوڭ شەھەرلەردىكى 176 بازار ئىچىدە 7 – ئورۇندا تۇرىدىكەن، ھەر بىر كۋادرات فۇد (تەخمىنەن 0.09 كۋادرات مېتىرغا تەڭ) يەرنىڭ يىللىق ئىجارە تەننەرخى 106.09 دوللار بولۇپ، پارىژنىڭ 54 105. دوللارلىق ئىجارە تەننەرخىدىنمۇ ئۆرە ئىكەن. ئىجارە تەننەرخى ئىجارە ھەققى، يەرلىك باج ۋە مۇلازىمەت ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بىر دوستى بومباينىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى خېلى ئاۋات جايدىن 70 كۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۇۋېتىپتۇ، بۇ ئۆينىڭ ئايلىق ئىجارىسى 200 مىڭ رۇپىيە (تەخمىنەن 4000 دوللارغا تەڭ) بولۇپ، ھېچقانداق بېزەلمىگەن ئىكەن.
ئەگەر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بومباي ئايروپورتىغا قونماقچى بولسىڭىز، سىزنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى دېرىزىدىن كۆرۈنگەن ئېگىز بىنالار بولماستىن، بەلكى، ئايروپورت ئەتراپىدىكى قارىيىپ تۇرغان، تۇتاش كەتكەن، نەچچە ئون كىلومېتىرغا سوزۇلغان نامراتلار مەھەللىسى بولىدۇ. «ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ نامراتلار مەھەللىسى» دەپ نام ئالغان بۇ جايغا 5 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 1300 كىشىگە بىردىن كوچا ئاپتوبۇسى، ھەر 1000كىشىگە بىردىن ھاجەتخانا توغرا كېلىدۇ. ب د ت بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، نامراتلار مەھەللىسىدىكىلەر سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بومبايدىكى بۇ «شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى كەنت» نىڭ نوپۇسى نورۋېگىيىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان. نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بومبايغا نىسبەتەن كۆتۈرگۈسىز يۈك بولۇپ، نامراتلار مەھەللىسى جىنايەتچىلەرنىڭ جەننىتى ئىكەن، يىلدا 3000 دىن ئارتۇق دېلو سادىر بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جاينى قارا جەمئىيەت كونترول قىلىۋالغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىنى كۆرگىلى بولمايدىغان رايونغا ئايلىنىپتۇ. ئەمما بومبايلىقلار سىرتتىكىلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا نامراتلار مەھەللىسىنى تىلغا ئالمايدىكەن. بومباي شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ نامراتلار مەھەللىسىنى چاقماقچى بولغان بولسىمۇ، نامراتلار مەھەللىسىدىكى ئاھالە كىشىنى چۆچۈتكۈدەك كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردىكىلەر چېقىشقا قاتتىق نارازى بولغاچقا، قۇرۇلۇش ناھايىتى تەسكە توختىغان. ئۇلار: «گەرچە نامراتلار مەھەللىسىدە ئولتۇرساقمۇ، بىز ھامان بۇ يەرنىڭ خوجايىنى» دەيدىكەن.

مەنبە: «شىنجاڭ گېزىتى»م
&&&&&&&&&&&&&


没有评论:

发表评论

发表评论