2008年12月15日星期一

Qelemning roli we mahiyiti

Qelem bolmighan bolsa ilgiriki ümmetlerning xewerliri bizlerge yetmigen bolatti. Hazirqilar ilgirikilerning yolini bilmigen bolatti, insanni heyran qalduridighan mudhish tereqqiyatlarmu yüz bermigen bolatti.



Qelemning roli we mahiyiti


2008 - Yili 10 - ayning 31 - künidiki jüme xutbisining qisqiche terjimisi:

Imam allah taalagha hemdu -sana, peyghember eleyhissalamgha durutlar oqup bolghandin kéyin, heremde jüme namizi üchün yighilghan yüzminglarche musulmanlargha:

«Hayatida mektep körmigen peyghemberge, allah nazil qilghan ‹qur'an kerim›ning tünji ayitide oqushqa teshebbus qilghan we ilim öginishte qelemning rolining neqeder muhimliqini bildürgen» dégen mezmunda töwendiki tewsiyelerni qildi:

I musulmanlar! allahdin qorqunglar!
Ashkara - mexpi hallarda teqwadarliq qilinglar!
Teqwadarliq insanni dunya - axirette bext-saadetke érishtüridu.
Allah buyrighan ishlargha aldirash, allah tosqan ishlardin yiraq bolush
-- Heqiqiy teqwadarliqtur.

Allah taala islam ümmitige muhemmed eleyhissalamdin ibaret hayatida mektep körmigen, allah we uning kitabigha iman keltürgen bir peyghemberni német qilip ewetti. Bu ummiy peyghemberning ummiyliqi héchqachan uning heqiqiy peyghemberlikige tosalghu bolmidi. Belki allah ene shu ummiy peyghemberge ‹allahning ismi bilen oqu› dégen ayetni nazil qilish arqiliq insaniyetni oqushqa teshebbus qildi.
Allahtin tünji nazil bolghan «eleq» sürisi bolup «oqu» dégen buyruq bilen bashlidi.

Allah eleq sürisining béshida mundaq dédi:
«Yaratqan perwerdigaringning ismi bilen oqughin [1].
U insanni lexte qandin yaratti [2].
Oqughin, perwerdigaring eng keremliktur [3].
U qelem bilen (xet yézishni) ögetti [4].
Insan'gha bilmigen nersilerni bildürdi [5].»
eleq sürisining (1- 5) ayitigiche.

Allah bilen qesemki, bu peyghember oqumighan ummiy peyghember bolushigha qarimay barliq insaniyetni oqush, yézishqa buyridi. Némishqa undaq buyrimisun! ene shu peyghember qelemning qudritining neqeder muhimliqini hés qilghan tursa.

Allah «qur'an kerim»de qolimizdiki ene shu addi qelem bilen qesem qilip mundaq dégen:
«Nun. Qelem bilen we ular yazghan nersiler bilen qesemki [1],
(i muhemmed!) sen perwerdigaringning némiti bilen, (mushriklar éytqandek) mejnun emessen [2].»
s
ürenunning (1-2) ayeti.

Allah héchqachan addiy nersiler bilen qesem qilmaydu.
Qelemmu allah yaratqan mexluqlardindur.
Peyghember eleyhissalamning bir hediside kélishiche:
Allah dunyada tünji yaratqan nerse qelem ikenlikini bayan qilidu.
Qelem insanning hayatidila emes dunyaning burulushida hel qilghuch amil bolmighan bolsa idi qelem bilen qesem qilmighan bolatti.

Qelem insanlarning nutuqchisi, pasahetlik sözchisi, nesihetchisi hemde tesellichisidur.
Qelem arqiliq döletler bashqurulidu. Memliketler idare qilinidu,
Qelem bolsa meqsetni chüshendürüshning wastsiz qorali, tilning terjimanidur.
Qelem bilen xet yézishning özi insan üchün shereptur. Payda yetküzidighan maldur.
Ilim igisi padishahlar maqamigha yételeydu, qelem arqiliq ilim menggü saqlinip qalidu. Insanlarning huquqi saqlinip qalidu.
Qelem bolmighan bolsa ilgiriki ümmetlerning xewerliri bizlerge yetmigen bolatti. Hazirqilar ilgirikilerning yolini bilmigen bolatti, insanni heyran qalduridighan mudhish tereqqiyatlarmu yüz bermigen bolatti.

Seid ibni as reziyellahu enhu mundaq dégen:
Xet yazalmaydighan ademning ong qoli bilen chep qolining perqi yoq.

Mein ibni zayide mundaq dégenidi:
Xet yézishni bilmeydighan qolning put bilen héch perqi yoqtur.

Musulmanlar qelem bilen pexirlinidu.
Köpligen kishiler qelemning rolini qilichtinmu ewzel körgen.
Qelemni küylep alimlar, shairlar maqale shéirlarni ilan qilishqan. Alimlarning qelemliri yiraqtin - yéqindin qilich qorqitalmighan düshmenni qorqutqan.
Heqiqi alimlarning qelemliri islam ümmiti üchün yaxshiliq élip kelgen, nesihet qilghan, höküm bayan qilghan, yaxshiliqqa buyrup yamanliqtin tosqan, edebiyat, shéiriyette insaniyetni yoqatmighan.
Alimlarning qelemliri sétilmiliqni bilmigen, hayasizliqqa yol achmighan, altun tilla aldida bash egmigen.
Qelemning rastchil - semimiyliki yazghuchining eqli we neqeder sapliqini belgileydu.
Qelem insan üchün ghéribliqta hemra bolidu, eqilge eqil qoshidu.
Kimki qelimi arqiliq uruq térisa uning méwisini üzüp yeydu.
Mes'uliyetchanliq bilen yazghan qelem bilen ghaye nishansiz yazghan qelemning elwette perqi bardur.
Qelem igisi allahning aldida yazghan herbir herpi üchün hésab bérishke mejburdur.
Qelem herbir musulman üchün nesihettur,
Meydan menbesi bolushni teqezza qilidu, eger qelem öz rolini jari qilduralmaydighan bolup qalghanda yézishtin toxtishi kérek.
Qelemdek özide zitliqni saqlaydighan yene bir nerse bolmisa kérek. Hidayet tapqan aqilning qolida bolsa yaxshiliqqa sewep bolidu, nachar qolgha ötkende yette bashliq chayan'gha özgiridu.
Bügünki künde musulmanlar heqiqetni yazidighan, saghlam, semimiy qelemge ajayip muhtajdur.
Qelem insan üchün allah teripidin bérilgen amanettur.
Emma insan uni öz jayigha ishletmestin amanetke xiyanet qilsa özige-özi zulum qilghan bolidu.
Qelem tutquchi allahning buyruqini birinchi orunda qoyush bilen adalet, heqqaniyetni özige miyzan qilishi, zulum, tengsizlik, mustebitliqqa qarshi turushi kérek.
Qelem igisi öz kespidin halqimasliqi kérek, muxbir, yazghuchi mufti boluwalmasliqi, edebiyatchi doxtur boluwalmasliqi kérek.
Insanni yüzi bilen otqa tashlaydighan nersilerdin biri uning tili bolsa, qelimi néme bolmaqchidi!?

Allah bizlerni heqiqet üchün qelem tutqanlardin qilsun!
Qelem arqiliq toghra yolgha mesh'el tutqanlar qatarida qilsun! amin!.

Démekki; Qelem bilen xizmet qiliwatqan insanlarning ümmet aldida mes'uliyitining éghir ikenliki, qaysi jem'iyette bolishidin qet'i nezer heqiqetni yaqilash intayin muhim bolup, insan qelimi arqiliqmu dinige, millitige, wetinige cheksiz paydiliq xizmetlerni qilalishini bilip yételeymiz.

menbe: http://www.islamhouse.com/p/184222
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&



قەلەمنىڭ رولى ۋە ماھىيىتى


2008 - يىلى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى:

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:

«ھاياتىدا مەكتەپ كۆرمىگەن پەيغەمبەرگە، ئاللاھ نازىل قىلغان ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ تۇنجى ئايىتىدە ئوقۇشقا تەشەببۇس قىلغان ۋە ئىلىم ئۆگىنىشتە قەلەمنىڭ رولىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھدىن قورقۇڭلار!
ئاشكارا - مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار!
تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.
ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش
-- ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت ھاياتىدا مەكتەپ كۆرمىگەن، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ كىتابىغا ئىمان كەلتۈرگەن بىر پەيغەمبەرنى نېمەت قىلىپ ئەۋەتتى. بۇ ئۇممىي پەيغەمبەرنىڭ ئۇممىيلىقى ھېچقاچان ئۇنىڭ ھەقىقىي پەيغەمبەرلىكىگە توسالغۇ بولمىدى. بەلكى ئاللاھ ئەنە شۇ ئۇممىي پەيغەمبەرگە ‹ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ› دېگەن ئايەتنى نازىل قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتنى ئوقۇشقا تەشەببۇس قىلدى.
ئاللاھتىن تۇنجى نازىل بولغان «ئەلەق» سۈرىسى بولۇپ «ئوقۇ» دېگەن بۇيرۇق بىلەن باشلىدى.

ئاللاھ ئەلەق سۈرىسىنىڭ بېشىدا مۇنداق دېدى:
«ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن [1].
ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى [2].
ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر [3].
ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى [4].
ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى [5].»
نىڭ (1- 5) ئايىتىگىچە.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ پەيغەمبەر ئوقۇمىغان ئۇممىي پەيغەمبەر بولۇشىغا قارىماي بارلىق ئىنسانىيەتنى ئوقۇش، يېزىشقا بۇيرۇدى. نېمىشقا ئۇنداق بۇيرىمىسۇن! ئەنە شۇ پەيغەمبەر قەلەمنىڭ قۇدرىتىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان تۇرسا.

ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە قولىمىزدىكى ئەنە شۇ ئاددىي قەلەم بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دېگەن:
«نۇن. قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى [1]،
(ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن [2].»
سۈرە نۇن (1-2) ئايەت.

ئاللاھ ھېچقاچان ئاددىي نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلمايدۇ.
قەلەممۇ ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقلاردىندۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە كېلىشىچە:
ئاللاھ دۇنيادا تۇنجى ياراتقان نەرسە قەلەم ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
قەلەم ئىنساننىڭ ھاياتىدىلا ئەمەس دۇنيانىڭ بۇرۇلۇشىدا ھەل قىلغۇچ ئامىل بولمىغان بولسا ئىدى قەلەم بىلەن قەسەم قىلمىغان بولاتتى.

قەلەم ئىنسانلارنىڭ نۇتۇقچىسى، پاساھەتلىك سۆزچىسى، نەسىھەتچىسى ھەمدە تەسەللىچىسىدۇر.
قەلەم ئارقىلىق دۆلەتلەر باشقۇرۇلىدۇ. مەملىكەتلەر ئىدارە قىلىنىدۇ،
قەلەم بولسا مەقسەتنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ۋاستسىز قورالى، تىلنىڭ تەرجىمانىدۇر.
قەلەم بىلەن خەت يېزىشنىڭ ئۆزى ئىنسان ئۈچۈن شەرەپتۇر. پايدا يەتكۈزىدىغان مالدۇر.
ئىلىم ئىگىسى پادىشاھلار ماقامىغا يېتەلەيدۇ، قەلەم ئارقىلىق ئىلىم مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقى ساقلىنىپ قالىدۇ.
قەلەم بولمىغان بولسا ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرى بىزلەرگە يەتمىگەن بولاتتى. ھازىرقىلار ئىلگىرىكىلەرنىڭ يولىنى بىلمىگەن بولاتتى، ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇدھىش تەرەققىياتلارمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى.

سەئىد ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:
خەت يازالمايدىغان ئادەمنىڭ ئوڭ قولى بىلەن چەپ قولىنىڭ پەرقى يوق.

مەئىن ئىبنى زايىدە مۇنداق دېگەنىدى:
خەت يېزىشنى بىلمەيدىغان قولنىڭ پۇت بىلەن ھېچ پەرقى يوقتۇر.

مۇسۇلمانلار قەلەم بىلەن پەخىرلىنىدۇ.
كۆپلىگەن كىشىلەر قەلەمنىڭ رولىنى قىلىچتىنمۇ ئەۋزەل كۆرگەن.
قەلەمنى كۈيلەپ ئالىملار، شائىرلار ماقالە شېئىرلارنى ئېلان قىلىشقان. ئالىملارنىڭ قەلەملىرى يىراقتىن - يېقىندىن قىلىچ قورقىتالمىغان دۈشمەننى قورقۇتقان.
ھەقىقىي ئالىملارنىڭ قەلەملىرى ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ياخشىلىق ئېلىپ كەلگەن، نەسىھەت قىلغان، ھۆكۈم بايان قىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسقان، ئەدەبىيات، شېئىرىيەتتە ئىنسانىيەتنى يوقاتمىغان.
ئالىملارنىڭ قەلەملىرى سېتىلمىلىقنى بىلمىگەن، ھاياسىزلىققا يول ئاچمىغان، ئالتۇن تىللا ئالدىدا باش ئەگمىگەن.
قەلەمنىڭ راستچىل - سەمىمىيلىكى يازغۇچىنىڭ ئەقلى ۋە نەقەدەر ساپلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
قەلەم ئىنسان ئۈچۈن غېرىبلىقتا ھەمرا بولىدۇ، ئەقىلگە ئەقىل قوشىدۇ.
كىمكى قەلىمى ئارقىلىق ئۇرۇق تېرىسا ئۇنىڭ مېۋىسىنى ئۈزۈپ يەيدۇ.
مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يازغان قەلەم بىلەن غايە نىشانسىز يازغان قەلەمنىڭ ئەلۋەتتە پەرقى باردۇر.
قەلەم ئىگىسى ئاللاھنىڭ ئالدىدا يازغان ھەربىر ھەرپى ئۈچۈن ھېساب بېرىشكە مەجبۇردۇر.
قەلەم ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن نەسىھەتتۇر،
مەيدان مەنبەسى بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ، ئەگەر قەلەم ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىغان بولۇپ قالغاندا يېزىشتىن توختىشى كېرەك.
قەلەمدەك ئۆزىدە زىتلىقنى ساقلايدىغان يەنە بىر نەرسە بولمىسا كېرەك. ھىدايەت تاپقان ئاقىلنىڭ قولىدا بولسا ياخشىلىققا سەۋەب بولىدۇ، ناچار قولغا ئۆتكەندە يەتتە باشلىق چايانغا ئۆزگىرىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلار ھەقىقەتنى يازىدىغان، ساغلام، سەمىمىي قەلەمگە ئاجايىپ مۇھتاجدۇر.
قەلەم ئىنسان ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئامانەتتۇر.
ئەمما ئىنسان ئۇنى ئۆز جايىغا ئىشلەتمەستىن ئامانەتكە خىيانەت قىلسا ئۆزىگە-ئۆزى زۇلۇم قىلغان بولىدۇ.
قەلەم تۇتقۇچى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇش بىلەن ئادالەت، ھەققانىيەتنى ئۆزىگە مىيزان قىلىشى، زۇلۇم، تەڭسىزلىك، مۇستەبىتلىققا قارشى تۇرۇشى كېرەك.
قەلەم ئىگىسى ئۆز كەسپىدىن ھالقىماسلىقى كېرەك، مۇخبىر، يازغۇچى مۇفتى بولۇۋالماسلىقى، ئەدەبىياتچى دوختۇر بولۇۋالماسلىقى كېرەك.
ئىنساننى يۈزى بىلەن ئوتقا تاشلايدىغان نەرسىلەردىن بىرى ئۇنىڭ تىلى بولسا، قەلىمى نېمە بولماقچىدى!؟

ئاللاھ بىزلەرنى ھەقىقەت ئۈچۈن قەلەم تۇتقانلاردىن قىلسۇن!
قەلەم ئارقىلىق توغرا يولغا مەشئەل تۇتقانلار قاتارىدا قىلسۇن! ئامىن!.

دېمەككى؛ قەلەم بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئۈممەت ئالدىدا مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، قايسى جەمئىيەتتە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ھەقىقەتنى ياقىلاش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئىنسان قەلىمى ئارقىلىقمۇ دىنىگە، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە چەكسىز پايدىلىق خىزمەتلەرنى قىلالىشىنى بىلىپ يېتەلەيمىز.

Menbe: http://www.Islamhouse.Chom/p/184222
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

没有评论:

发表评论

发表评论