2008年12月16日星期二

Pelsepe digen nime?

Pelsepe penmu? Yaki bir xil pikir sen'itimu?
Dunya peylasopni chaqiridu. Sende xuda ata qilghan qelb, tengdashsiz heqiqetke bolghan teshnaliqla bolidiken, peylasop bolalaysen.



Pelsepe digen nime?

«Pelsepe»ning menisini chüshenmeymiz. Bejayiki, u ilmiy izdinishlerge oxshap ketmeydu. Pen éniq timigha ige. Pelsepe barliq shey'i we bilimlerni öz ichige alidighan sahemu qandaq? Biz uningda alahide tima yoq, peqet idiyela bar, dep éytamduq?

Pelsepe penmu? Yaki bir xil pikir sen'itimu?

Pelsepege tebir bérish shuning üchün qiyinki, biz uning muddiasi hem wezipisi heqqide türlük qarashlargha igimiz. Bir jehettin biz pelsepeni barliq shey'ilerge yéshim béridighan asasliq bilim dep qaraymiz. Yene bir jehettin biz pelsepeni turmushimizning yitekchisi dep qaraymiz. Ottura esirde kishiler pelsepeni ilahiyetning dédiki deytti. Emdiki kishiler uni tebiiy pen we ijtimaiy penlerning yardemchisi dep qaraydu .

«Pelsepe» ning söz menisi «eqilni söyüsh» digenliktur. Bu menidin éytqanda, pelsepe bilim tashlirini yetküzüp béridighan yaki yötkep béridighan tashchi ustamla emes, belki bir xil righbet we teleptur. Soqrat éytiduki: «peylasopqa kirek bolidighini eqil - parasetke érishish emes, belki söyüsh».

Melumki, sual sorash we izdinish keypiyati del pelsepening asasliq amilidur.

Aristotil pelsepeni bir qanche türge bölgen bolup, uning ichide tengdashsiz bolghini «birinchi pelsepe» yaki «mitafizika». U eng aliy qaide we pirinsiplar heqqidiki bilimlerdin ibaret.

Kant bilimni ikkige bölgen:
Uning biri, tebiiy pen'ge mas tejribiwiy bilimler.
Yene biri, pelsepe arqiliq yetkili bolidighan eqliy bilimler.

Adettiki ehwalda kishilerning qoghlishidighini pelsepe emes, pen.

Hazirqi zaman pelsepelirining daghdughisi emeliyet neziriyesi. Uningda peqet tejribiwiy bilimla heqiqiy bilim bolup, pelsepe peqet uning sherhichisi we tenqidchisidin ibaret, xalas.

Men shundaq qaraymen: pelsepe parasetke tolghan roshen bilimlerni béridu. U insaniyet, dunya, xuda, güzel turmush, jem'iyetke ait eqil - parasetlerni teqdim qilip, shey'ilerning mahiyiti we hayat nishani toghrisidiki mesililerni bir terep qilidu.

Herqandaq kishi pelsepege köngül bölüshi lazim. Pelsepe murekkep mitodologiye, aliy matimatika yaki nazuk diffirinsial we intigrallarni puxta bilishni telep qilip ketmeydu.

Heqiqiy peylasop kem tépilidighan göher. Chünki mushundaq tertipsiz dunyada jan - dili bilen eqil-paraset izdesh tolimu qimmetlik roh.

Dunya peylasopni chaqiridu. Sende xuda ata qilghan qelb, tengdashsiz heqiqetke bolghan teshnaliqla bolidiken, peylasop bolalaysen.

Pelsepe bolsa fizika, ximiye, biologiye qatarliq tejribiwiy penlerge oxshimaydu. U matimatikigha oxshash sistimiliq pikir we analizlar arqiliq royapqa chiqidighan eqliy bilim. Matimatikichi bilen peylasop ortaq tejribidin tashqiri halda emeliyetke qarita küzitishke tayansimu bolidu. Ular shire aldida olturupla öz bayqashlirini ishqa ashuridu. Ular rahetlik orunduqtiki mutepekkurlar.

Pelsepe sen'et emes, lékin uning sen'etke qarita yéteklesh roli bolidu. Bolupmu dialiktika tiximu shundaq.

Pelsepe ilahiyet emes, chünki ilahiyet diniy itiqadtin kelgen. Pelsepe sawatlarni chiqish qilip, kishilerning sawatlirigha yoshorun'ghan her xil chüshenchilerni güzelleshtüridu we özgertidu.

Tejribe penliri piship yétilip, bezi sahelerde axirqi pellisige bérip qaldi.Pelsepe bolsa téxi bir bala, u yene nechche ming yildin kiyin chong bolidu.


(Abduqadir jalalidin terjime qilghan amirikiliq mortimér adlérning «gherpning tepekkuri» digen kitabidin ketmenbay teyyarlidi.)
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&



پەلسەپە دېگەن نېمە؟

« پەلسەپە »نىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيمىز. بەجايىكى، ئۇ ئىلمىي ئىزدىنىشلەرگە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. پەن ئېنىق تىمىغا ئىگە. پەلسەپە بارلىق شەيئى ۋە بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ساھەمۇ قانداق؟ بىز ئۇنىڭدا ئالاھىدە تېما يوق، پەقەت ئىدىيەلا بار، دەپ ئېيتامدۇق؟

پەلسەپە پەنمۇ؟ ياكى بىر خىل پىكىر سەنئىتىمۇ؟

پەلسەپەگە تەبىر بېرىش شۇنىڭ ئۈچۈن قىيىنكى، بىز ئۇنىڭ مۇددىئاسى ھەم ۋەزىپىسى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلارغا ئىگىمىز. بىر جەھەتتىن بىز پەلسەپەنى بارلىق شەيئىلەرگە يېشىم بېرىدىغان ئاساسلىق بىلىم دەپ قارايمىز. يەنە بىر جەھەتتىن بىز پەلسەپەنى تۇرمۇشىمىزنىڭ يىتەكچىسى دەپ قارايمىز. ئوتتۇرا ئەسىردە كىشىلەر پەلسەپەنى ئىلاھىيەتنىڭ دېدىكى دەيتتى. ئەمدىكى كىشىلەر ئۇنى تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ياردەمچىسى دەپ قارايدۇ .

« پەلسەپە » نىڭ سۆز مەنىسى « ئەقىلنى سۆيۈش » دىگەنلىكتۇر. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، پەلسەپە بىلىم تاشلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ياكى يۆتكەپ بېرىدىغان تاشچى ئۇستاملا ئەمەس، بەلكى بىر خىل رىغبەت ۋە تەلەپتۇر. سوقرات ئېيتىدۇكى: « پەيلاسوپقا كېرەك بولىدىغىنى ئەقىل - پاراسەتكە ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى سۆيۈش ».

مەلۇمكى، سوئال سوراش ۋە ئىزدىنىش كەيپىياتى دەل پەلسەپەنىڭ ئاساسلىق ئامىلىدۇر.

ئارىستوتىل پەلسەپەنى بىر قانچە تۈرگە بۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە تەڭداشسىز بولغىنى « بىرىنچى پەلسەپە » ياكى « مىتافىزىكا ». ئۇ ئەڭ ئالىي قائىدە ۋە پرىنسىپلار ھەققىدىكى بىلىملەردىن ئىبارەت.

كانت بىلىمنى ئىككىگە بۆلگەن:
ئۇنىڭ بىرى، تەبىئىي پەنگە ماس تەجرىبىۋىي بىلىملەر.
يەنە بىرى، پەلسەپە ئارقىلىق يەتكىلى بولىدىغان ئەقلىي بىلىملەر.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ قوغلىشىدىغىنى پەلسەپە ئەمەس، پەن.

ھازىرقى زامان پەلسەپەلىرىنىڭ داغدۇغىسى ئەمەلىيەت نەزىرىيەسى. ئۇنىڭدا پەقەت تەجرىبىۋىي بىلىملا ھەقىقىي بىلىم بولۇپ، پەلسەپە پەقەت ئۇنىڭ شەرھىچىسى ۋە تەنقىدچىسىدىن ئىبارەت، خالاس.

مەن شۇنداق قارايمەن: پەلسەپە پاراسەتكە تولغان روشەن بىلىملەرنى بېرىدۇ. ئۇ ئىنسانىيەت، دۇنيا، خۇدا، گۈزەل تۇرمۇش، جەمئىيەتكە ئائىت ئەقىل - پاراسەتلەرنى تەقدىم قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ھايات نىشانى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ھەرقانداق كىشى پەلسەپەگە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. پەلسەپە مۇرەككەپ مىتودولوگىيە، ئالىي ماتېماتىكا ياكى نازۇك دىففىرىنسىئال ۋە ئىنتىگراللارنى پۇختا بىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەتمەيدۇ.

ھەقىقىي پەيلاسوپ كەم تېپىلىدىغان گۆھەر. چۈنكى مۇشۇنداق تەرتىپسىز دۇنيادا جان - دىلى بىلەن ئەقىل-پاراسەت ئىزدەش تولىمۇ قىممەتلىك روھ.

دۇنيا پەيلاسوپنى چاقىرىدۇ. سەندە خۇدا ئاتا قىلغان قەلب، تەڭداشسىز ھەقىقەتكە بولغان تەشنالىقلا بولىدىكەن، پەيلاسوپ بولالايسەن.

پەلسەپە بولسا فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە قاتارلىق تەجرىبىۋىي پەنلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇ ماتىماتىكىغا ئوخشاش سىستېمىلىق پىكىر ۋە ئانالىزلار ئارقىلىق روياپقا چىقىدىغان ئەقلىي بىلىم. ماتىماتىكىچى بىلەن پەيلاسوپ ئورتاق تەجرىبىدىن تاشقىرى ھالدا ئەمەلىيەتكە قارىتا كۈزىتىشكە تايانسىمۇ بولىدۇ. ئۇلار شىرە ئالدىدا ئولتۇرۇپلا ئۆز بايقاشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۇلار راھەتلىك ئورۇندۇقتىكى مۇتەپەككۇرلار.

پەلسەپە سەنئەت ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭ سەنئەتكە قارىتا يېتەكلەش رولى بولىدۇ. بولۇپمۇ دىئالىكتىكا تېخىمۇ شۇنداق.

پەلسەپە ئىلاھىيەت ئەمەس، چۈنكى ئىلاھىيەت دىنىي ئىتىقادتىن كەلگەن. پەلسەپە ساۋاتلارنى چىقىش قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ساۋاتلىرىغا يوشورۇنغان ھەر خىل چۈشەنچىلەرنى گۈزەللەشتۈرىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ.

تەجرىبە پەنلىرى پىشىپ يېتىلىپ، بەزى ساھەلەردە ئاخىرقى پەللىسىگە بېرىپ قالدى.پەلسەپە بولسا تېخى بىر بالا، ئۇ يەنە نەچچە مىڭ يىلدىن كىيىن چوڭ بولىدۇ.

( ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان ئامېرىكىلىق مورتىمېر ئادلېرنىڭ «غەربنىڭ تەپەككۇرى» دېگەن كىتابىدىن كەتمەنباي تەييارلىدى.)
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&

没有评论:

发表评论

发表评论