2008年12月13日星期六

dunyagha tesir korsetken yuz kitab

دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن«100 كىتاب»نىڭ تىزىملىكى




(1)
ئىنسانىيەت ئىدىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئۇتوپىيە لايىھىسى ــ
ئەپلاتوننىڭ «غايىۋى دۆلەت» ناملىق كىتابى
(2) ئىكىسپلاتاتسىيە سىنىپى سىياسەتشۇناسلىق سىستېمىسىنىڭ باشلىنىشى ــ ئارىستوتىلنىڭ «سىياسەتشۇناسلىق» ناملىق كىتابى
(3) ھىندىستاننىڭ قەدىمكى قانۇنىغا دائىر بىباھا ۋەسىقە ــ «مەنۇ قانۇنى» ناملىق كىتابى
(4) ئىلاھىيەتشۇناسلىقتىن مۇستەسنا سىياسەتشۇناسلىق ــ ماكياۋېللىنىڭ «مۇھاكىمەتۇل شاھ» ناملىق كىتابى
(5) «بىلىم ــ كۈچ» ــــ بىكۇننىڭ «يېڭى قورال» ناملىق كىتابى
(6) «بىزنىڭ بىردىن ــ بىر ئىنتىلىش نىشانىمىز ھەقىقەتكە ئىنتىلىش» ــ پوئىنكارېنىڭ «ئىلىم ــ پەننىڭ قىممىتى» ناملىق كىتابى
(7) پادىشاھلىق ھوقۇقنى تەڭرى ئاتا قىلغان دېگەن تەلىماتنى تەنقىدلەپ ، دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇش توغرىسىدىكى يېڭى تەلىمات بەرپا قىلىش ــ لوكنىڭ «ھۆكۈمەت توغرىسىدا» ناملىق كىتابى
(8) ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىۋىتىش تەلىماتى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ ــ مونتىسكيۇنىڭ «قانۇننىڭ روھى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى
(9) بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ نەزەرىيىۋى پىروگىراممىسى ــ روسسونىڭ «ئىجتىمائىي ئەھدىنامە» ناملىق كىتابى
10. «مىنىڭ ھەق ــ تەلەپ قانۇنۇم مەڭگۈ مەۋجۇد» ــ «ناپولېئون قانۇنى» ناملىق كىتابى
11. « ئۇرۇش ــ سىياسىينىڭ داۋامىدۇر» ــ كىلاۋسېۋېتىزنىڭ «ئۇرۇش نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابى
12. ئامېرىكا دىموكىراتىيىسى تەتقىق قىلىنغان كلاسسىك ئەسەر ــ توكۋىلنىڭ «ئامېرىكا دىموكىراتىيىسى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى
13. ياپونىيە كاپىتالىزمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆككە كۈتۈرىدىغان مەشھۇر ئەسەر ــ فوكوساۋا يوكسىنىڭ «مەدەنىيلىك ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات» ناملىق كىتابى
14. غەرب ئەللىرىدىكى خەلقئارا قانۇنغا ئائىت نوپۇزلۇق دەستۇر ــ «ئوپېنخېي خەلقئارا قانۇنى» ناملىق كىتابى
15. دېڭىز تەۋەسىنى قولغا كەلتۈرۈش قىبلىنامىسى ــ ماخاننىڭ «دېڭىزدىكى ئەمەلىي كۈچنىڭ تارىخقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى» ناملىق كىتابى
16. ناتسىسزمنىڭ خىتابنامىسى ــ گىتلېرنىڭ «مىنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابى
17. غەرب تارىخشۇناسلىقىدىكى تۇنجى ئابىدە ــ ھېرودوتنىڭ «تارىخ» ناملىق كىتابى
18. غەرب كلاسسىك تارىخشۇناسلىقىدىكى ئۆرنەك ــ توكيدېسنىڭ «پېلوپېننىس ئۇرۇشى تارىخى» ناملىق كىتابى
19. غەرب ئەللىرى تارىخشۇناسلىقىدىكى ئەتىۋارلىق ماتېرىيال ــ سېنوفوننىڭ «ئۇزۇن سەپەر خاتىرىسى» ناملىق كىتابى
20. قەدىمكى رىم تارىخشۇناسلىق تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك مۇۋاپپەقىيىتى ــ تاسىتۇنىڭ «يىلنامە» ناملىق كىتابى
21. غەرب تارىخشۇناسلىقىدىكى «باشتىن ـ ئاخىر سىستېمىلىق خاتىرىلەپ مېڭىش ئۇسلۇبى»نىڭ ئىجاد قىلىنىشى - ئاپپىيانۇسنىڭ «رىم تارىخى» ناملىق كىتابى
22. ئادەملەرنى تاڭ قالدۇرىدىغان كىتاب ــ «ماركو پولۇ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق كىتاب
23. يېقىنقى زامان تارىخ پەلسەپىسى ئۈچۈن ئاساس سالغان ــ ۋېيكونىڭ «يېڭى پەن» ناملىق كىتابى
24. تارىخىي چىنلىققا ئەڭ يېقىن بولغان تەسىرلىك ئەسەر ــ مىگېنتنىڭ «فرانسىيە ئىنقىلابى تارىخى» ناملىق كىتابى
25. دىن ئىسلاھاتىنىڭ ئەينىكى ــ رەنكېنىڭ «پاپا تارىخى» ناملىق كىتابى
26. لېنىن، سىتالىنلارنى زىيارەت قىلغان ئەنگىلىيىلىك بىر يازغۇچىنىڭ قۇلىدىن چىققان ئەسەر ــ
ۋېللىسنىڭ «دۇنيا تارىخى تېزىسى» ناملىق كىتابى
27. «مەدەنىيەت فورماتسىيىسىچە تارىخ قارىشى»غا ئاساس سالغان زور ھەجىملىك ئەسەر ــ تويىنبېنىڭ «تارىخ تەتقىقاتى» ناملىق كىتابى
28. غەرب پەلسەپىسىنىڭ «ئىنجېلى» ــ ئارىستوتىلنىڭ «مېتافىزىكا» ناملىق كىتابى
29. قەدىمكى ئاتوم نەزىرىيىسىنىڭ قىممەتلىك مەنبەسى ــ لوكرىتئوسنىڭ «ماددا خاراكتېرى تەلىماتى» ناملىق كىتابى
30. «ئىدراك يېتىپ كەلگەن كۈنى سىلەر غال ــ غال تىتىرەيسىلەر!» ــ ۋولتېرنىڭ «پەلسەپە لۇغىتى» ناملىق كىتابى
31. يېقىنقى زامان تەجرىبىچىلىكىنىڭ لوگىكىلىق خاتىمىسى ــ خۇمېنىڭ «ئىنسان تەبىئىتى نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابى
32. ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ بايرىقى ــ دىدېرونىڭ «قامۇس» ناملىق كىتابى
33. ئەزەلىيەت پەلسەپىسىنىڭ ئاددىي تېزىسى ــ كانتنىڭ «كەلگۈسى مىتافىزىكا مۇقەددىمىسى» ناملىق كىتابى
34. ئىنسانىيەت روھىغا سەپەر ــ گىگېلنىڭ «روھ فېنومېنولوگىيىسى» ناملىق كىتابى
35. «دۇنيا كەم ــ كۈتىسىز تەسەۋۋۇر ۋە ئىرادىدۇر» ــ شوپېنخاۋېرنىڭ «ئىرادە ۋە تەسەۋۋۇر ھېسابلانغان دۇنيا» ناملىق كىتابى
36. «ئىلاھىيەت سىرلىرىنىڭ ئۆزى دەل ئىنسانشۇناسلىقتۇر» ــ فېييېرباخنىڭ «خرىسىتىيان دىنىنىڭ ماھىيىتى» ناملىق كىتابى
37. ئاتەشپەرەس دىنىنى ياراتقۇچى زوروئاستىر نامىدا نېتچېنىڭ ھالقىغان ئادەم تەلىماتىنى تارقىتىشى ــ نېتچېنىڭ «زورو ئاستر شۇنداق دەيدۇ» ناملىق كىتابى
38. ھازىرقى زامان پىسخولوگىيىسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن ئەسەر ــ فرېئودنىڭ «روھى ئانالىز يىتەكچىسى» ناملىق كىتابى
39. بۇرژۇئازىيىنىڭ ئەخلاق قارىشى ۋە سودا دەستۇرى ــ ۋېبېرنىڭ «پروتېستانت دىن ئەخلاقى ۋە كاپىتالىزم روھى» ناملىق كىتابى
40. ئارىستوتېل ۋە گېگېلغا جەڭ ئېلان قىلىش ــ روسسېلنىڭ «غەرب پەلسەپە تارىخى» ناملىق كىتابى
41. ئىزدەپ تېپىشىمىز زۆرۈر بولغان «كەم ھالقا» ــ فرانكنىڭ «ئىلمىي پەلسەپە» ناملىق كىتابى
42. «مەۋجۇدىيەت» ئۇقۇمىغا قايتىدىن ئېنىقلىما بەرگەن پەلسەپىۋى ــ ھىيدېگېرنىڭ «مەۋجۇدىيەت ۋە زامان» ناملىق كىتابى
43. دۇنيا بۇيىچە ئەڭ كەڭ تارقالغان مۇقەددەس كىتاب ــ «ئىنجىل» ناملىق كىتاب
44. مۇقەددەس «ۋەھىي» ــ «قۇرئان كەرىم» ناملىق كىتاب
45. غەرب دۇنياسىنىڭ تارىخ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئۆلمەس ئەسەر ــ ئادام سمىتنىڭ «مىللىي بايلىقنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبلىرى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق كىتابى
46. كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ــ رىكاردونىڭ «سىياسىي ئىقتىساد ۋە ئۇنىڭ باج ــ سېلىق پرىنسىپى» ناملىق كىتابى
47. غەرب ئىقتىساد نەزەرىيىسىنىڭ ۋايىغا يىتىشى ــ يوھان مىلنىڭ «سىياسىي ئىقتىساد پرىنسىپى» ناملىق كىتابى
48. بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرۈلگەن ئابىدە ــ ماركسنىڭ «كاپىتال» ناملىق كىتابى
49. چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن كېينېس ئىنقىلابى ــ كېينېسنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ، ئۆسۈم ۋە پۇل ئوبوروتى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى
50. يېڭى كلاسسىك ئۇنىۋېرسال سىستېمىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ــ ساموئېلسوننىڭ «ئىقتىسادشۇناسلىق» ناملىق كىتابى
51. مەڭگۈلۈك سېھرىي كۈچنىڭ نامايان قىلىنىشى ــ ھومېرنىڭ «ئىلئادا» ناملىق داستانى
52. ئەرەب ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئۆزگىچە گۈل ــ «مىڭ بىر كىچە» ناملىق كىتاب
53. ئۈچ يۈز يىللار ئىلگىرىلا جۇڭگوغا تۇنۇشتۇرۇلغان مەشھۇر ئەسەر ــ «ئېزوپ مەسەللىرى» ناملىق كىتاب
54. ئىنسانپەرۋەرلىك نۇرى چاقناپ تۇرىدىغان ئېپوس ــ دانتىنىڭ «تەڭرى كومېدىيىسى» ناملىق كىتابى
55. يېقىنقى زامان ھىكايىچىلىقىنىڭ باشلىنىشى ــ بوككاسيۇنىڭ «ئون كۈنلۈك سۆھبەت» ناملىق كىتابى
56. ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپا فېئودال كۈچلىرىنىڭ كۆكسىگە ئۇرۇلغان خەنجەر ــ سېرۋانتېسنىڭ «دون كىخوت» ناملىق رومانى
57. كىشى قەلبىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان تراگېدىيىلىك ئوبراز ــ شېكېسپېرنىڭ «ھاملېت» ناملىق تراگېدىيىسى
58. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بۇرژۇئازىيە ئوبرازىنى نامايان قىلىش ــ دېفونىڭ «دېڭىز سەرگەردانى ــ روبىنزون كرۇزو» ناملىق رومانى
59. ناپولېئون يەتتە قېتىم ئۇقۇپ چىققان كىتاب ــ گېئوتىنىڭ «ياش ۋېرتىرنىڭ دەردى» ناملىق كىتابى
60. « تالانتلىق بىشارەتشۇناس» ــ شېللېينىڭ «ئازاد بولغان پرومېتېئوس» ناملىق كىتابى
61. ئاچكۆز بېخىلنىڭ جانلىق تەسۋىرى ــ بالزاكنىڭ «يېۋگېنې گراندې» ناملىق رومانى
62. سەمىمىي ئىنسانپەرۋەرلىك ئەدەبىياتى ــ ھيوگونىڭ «خارلانغانلار» ناملىق رومانى
63. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ بوران ــ چاپقۇنىدىكى ھاياتلىق كارتىنىسى ــ دىككېنىسنىڭ «قوش شەھەر خاتىرىسى» ناملىق رومانى
64. مۇرەككەپ پىسخىكىدىكى زىددىيەتلىك ئوبرازلار ــ تۇرگېنېفنىڭ «ئاتا ۋە بالا» ناملىق رومانى
65. قۇرۇلمىسى سەلتەنەتلىك ئېپوس شەكلىدىكى بۈيۈك ئەسەر ــ لېۋ تولستوينىڭ «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» ناملىق رومانى
66. ئەۋلادتىن ــ ئەۋلادقا تارقالغان پاھىشە تېمىسىدىكى ئەسەر ــ كىچىك دىيۇمنىڭ «چوغلۇق قىز» ناملىق رومانى
67. ئاياللار ئازادلىقى ئۈچۈن چۇقان سېلىش ــ ئىبسېننىڭ «قونچاقلار ئائىلىسى» ناملىق درامىسى
68. سەمىمىي ئىنسانپەرۋەرلىك ئەدەبىياتى ــ مارك تۋېننىڭ «تام سۇپئېرنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى» ناملىق رومانى
69. «چوڭ ئۇرۇش قوزغىۋەتكەن كىتابنى يازغان خانىم» ــ ستوۋ خانىمنىڭ «تام تاغىنىڭ كەپىسى» ناملىق رومانى
70. ئۇلار نېمە ئۈچۈن سۇنۇپ سەرسان بولۇپ كېتىدۇ ــ ستېنبېكنىڭ «قەھرلىك ئۈزۈم» ناملىق رومانى
71. فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش سىگىنالى ــ ھېمىڭۋاينىڭ «ماتەم قوڭغىرىقى كىم ئۈچۈن چېلىندى» ناملىق رومانى
72. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى ۋە ئالىم ــ ئىساك ئاسىموۋنىڭ «سىز بىلەمسىز ؟ ــــ ھازىرقى زامان ئىلىم ــ پەندىكى 100 مەسىلە» ناملىق كىتابى
73. تاشقى پىلانېتلار ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان يازغۇچى ــ كارل ساگاننىڭ «برۇكانىڭ مېڭىسى ــــ ئىلىم ــ پەندىكى ئاجايىباتلار توغرىسىدىكى ئويلىنىش» ناملىق كىتابى
74. ئاسماندىكى ئاينىڭمۇ دېغى بار ــ مىچېلنىڭ «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» ناملىق رومانى
75. تەبىئىي پەنلەرنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ــ كوپېرنىكنىڭ «ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكەت نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابى
76. يېقىنقى زامان فىزىكىسى دەرۋازىسىغا تۇتاشقان يول ــ گالىلېينىڭ «ئىككى خىل يېڭى پەن» ناملىق كىتابى
77. مېدىتسىنادىكى قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشاش ــ خارېنىڭ «يۈرەك قان ھەرىكىتى نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابى
78. تەبىئىي تاللىنىشتا ماسلىشالىغانلار ھايات قالىدۇ ــ دارۋىننىڭ «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق كىتابى
79. دارۋىندىن ئىلھام ئالغان ئارخېئولوگىيە ئالىمى ــ رىچارد لېكېينىڭ «ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى» ناملىق كىتابى
80. ئىنسانشۇناسلىق تەرەققىياتىدىكى يېڭى سەھىپە ــ مورگاننىڭ «قەدىمكى جەمئىيەت» ناملىق كىتابى
81. ھازىر زامان ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىگە ئاساس سالغان ئەسەر ــ خاددونىڭ «ئىنسانشۇناسلىق تارىخى» ناملىق كىتابى
82. ئىنسانىيەت ئەقىل پاراسىتىنىڭ نەمۇنىسى ــ نيۇتوننىڭ «پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق ئاساسى» ناملىق كىتابى
83. بۇرۇنلا كۈمۈلۈپ قالغان ئۇل تاش ــ مېندېلنىڭ «ئۆسۈملۈكلەرنى شالغۇتلاشتۇرۇش تەجرىبىسى» ناملىق كىتابى
84. ھازىرقى زامان بىئولوگىيە تارىخىنىڭ دەستۇرى ــ ئاللېننىڭ «20–ئەسىردىكى ھاياتلىق ئىلمى» ناملىق كىتابى
85. بىئولوگىيە ساھەسىدىكى يېڭى بىر سەمەرە ــ ئېيگېننىڭ «ئادەتتىن تاشقىرى دەۋرىي قىلىش نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابى
86. ئىنسانلار مۇھىت ئېڭىنى ئويغۇتۇش ئۈچۈن يېقىلغان نۇرلۇق چىراغ ــ راچېل كارسوننىڭ «تىمتاس باھار» ناملىق كىتابى
87. فىزولوگىيە ۋە مېدىتسىنا بۇيىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىم ــ فرانسىس كرىكنىڭ «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قىياس ــ روھ توغرىسىدىكى ئىلمىي ئىزدىنىش» ناملىق كىتابى
88. دەۋر ھالقىغان ئابىدە ــ ئېينىشتېيننىڭ «كەڭ مەنىدىكى ۋە تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە قىسقىچە ئىزاھ» ناملىق كىتابى
89. پۈتۈنلەي يېڭى بولغان يەر شارى قارىشى ــ ۋېگېنېرنىڭ «ماتېرىك ۋە دېڭىز ــ ئوكيانلارنىڭ شەكىللىنىشى» ناملىق كىتابى
90. پسىخولوگىيە ماياكى ــ پاۋلىننىڭ «تەجرىبە پسىخولوگىيىسى تارىخى» ناملىق كىتابى
91. كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇرانە خەزىنە ــ جوزېف لىنىڭ «جۇڭگو پەن ــ تېخنىكا تارىخى» ناملىق كىتابى
92. زامانىمىزدىكى تىل تەتقىقاتىنى ئالغا سۈرگەن بۈيۈك ئەسەر ــ برونېلدنىڭ «تىل نەزەرىيىسى» ناملىق كىتابى
93. «سەنئەت بىلەن ئىلىم ــ پەن ئوخشاشلا تەكتىگە يەتكىلى بولمايدىغان بىر نەرسە ــ گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ» ــ س چاندراسېكھارنىڭ «شېكېسپېر، نيۇتون ۋە بېتخوۋىن» ناملىق كىتابى
94. ئېينىشتېيىندىن كېيىنكى ئەڭ نوپۇزلۇق فىزىكا ئالىمى ــ خاۋكىڭنىڭ «ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابى
95. دولقۇن مېخانىكىسىغا ئاساس سېلىپ ، پۈتكۈل فىزىكا ساھەسىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن ئالىم ــ ئېرۋىن شرودىنگېرنىڭ « ھاياتلىق دېگەن نېمە» ناملىق كىتابى
96. تامسىز داڭلىق ئۇنىۋېسىتېت ــ «بىرىتانىيە قامۇسى» ناملىق كىتابى
97. خىمىيە ۋە تىنچلىق تۈرى بۇيىچە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىم ــ پاۋلىنگنىڭ «ئۇرۇش بىلەن خوشلىشىش : بىزنىڭ كەلگۈسى تەسەۋۋۇرىمىز» ناملىق كىتابى
98. ھازىرقى زامان كىشىلىرىنى كەلگۈسىنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئۈندىگەن مەشھۇر ئەسەر ــ توفلېرنىڭ «كەلگۈسىنىڭ زەربىسى» ناملىق كىتابى
99. شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكە ئىنقىلابىنىڭ ئىدىيىۋى قورالى ــ پەيىننىڭ «ئومۇمى ساۋات» ناملىق كىتابى
100. «ھەممە كىشى ئەجىر قىلسۇن» ــ ساينت سىموننىڭ «سودا ــ سېتىق سىستېمىسى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى

(مەنبە: «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب» تىن ئېلىندى)
مەنبە: http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=27406&fpage=2
___________________________________

没有评论:

发表评论

发表评论